قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 691 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ  قىسقىچە تەرجىمھالى . پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

kunkiz
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 14159
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 5501
شۆھرەت: 2365 نۇمۇر
پۇل: 608 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 150(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ  قىسقىچە تەرجىمھالى .

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
本帖被 totem 设置为精华(2008-09-06)




ئا.ئۆتكۈرنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى .







شائىر، يازغۇچى، تەتقىقاتچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر (ئۆتكۈر - ئۇنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى) 1923 - يىل 7 - ئايدا قۇمۇل شەھىرىدە سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئاتا - ئانىسىدىن كىچىك چېغىدىلا يېتىم قېلىپ، دادىسىنىڭ دوستى، مەرىپەتپەرۋەر سودىگەر ئوسمان ھاجى ئائىلىسىدە چوڭ بولغان، دەسلەپ قۇمۇلدا دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ ساۋاتىنى چىقارغان ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشقان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجى تەپەيلىدىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە قۇمۇلدىن ئايرىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ گەنسۇنىڭ جيۇچۈەن ۋىلايىتىگە ۋە ئاقسۇنىڭ ئۇپتۇرپان ناھىيسىگە كۆچۈپ بارغان، ئۇچتۇرپاندا پەننىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1936 - يىلى ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئۆلكىلىك 1 - گىمنازىيىگە ئوقۇشقا كىرگەن، 1939 - يىلى بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا ئۆتكەن، 1942 - يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ، ئۆلكىلىك قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1945 - يىلدىن 1949 - يىلغىچە مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا ئىشلىگەن
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئازادلىقتىن كېيىن، خېلى يىللارغىچە تەرجىمانلىق، تەتقىقات، ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇ، 70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلگەن. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1995 - يىل 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈرۈمچىدە 72 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەدەبىيات ساھەسىگە 1940 - يىللىرى شېئىرىيەت ئارقىلىق كىرىپ كەلگەن. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇ ساھەدە ناھايتى چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ھەم ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەكىللىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ <تاڭ شاماللىرى>، < ياخشى>، <مەن ئاق بايراق ئەمەس> قاتارلىق شېئىرلىرى؛ <ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك>، <قەشقەر كېچىسى> قاتارلىق داستانلىرى ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىمىزدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدىيە ناھايىتى چوڭقۇر، قوللىنىلغان بەدىئىي تىل ۋە ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر پاساھەتلىك، ھېسايات بىلەن ئوبراز ناھايتى ياخشى ماسلاشتۇرۇلغان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرىيەتتە كلاسسىك شېئىرىيىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئارۇز ۋەزنىدە يازغان غەزەللىرى ھازىرقى زامان غەزەلچىلىكىمىزنىڭ نەمۇنىلىرىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يەنە نەسر ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <دېڭىزدىن سادا>، <باش ئەگىم>، <شېئىر ۋە شائىر>، <قاشتېشىغا مەدھىيە> قاتارلىق ئېسىل نەسرلەرنى يازغان.

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ كېيىنكى يىللاردىكى ئىجادىيىتىدە رومانچىلىق ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ، 80 - يىللاردىن تارتىپ بەدىئىي ئىجادىيەتتىكى يۈكسەڭ تالانتىنى تارىخىي رومان ئىجادىيىتىگە قارىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ 20 -، 30 -، 40 - يىللاردىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى، ئىنقىلابىي كۈرەشلىرىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان <ئىز> ۋە <ئويغانغان زېمىن> رومانلىرىنى يازدى. بۇ رومانلار ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تارىخىدا ئەڭ ياخشى تارىخىي رومانلار ھېسابلىنىدۇ.

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يەنە داڭلىق، نوپۇزلۇق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى. ئۇ، <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە چوڭقۇر، سىستېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ <ئۇيغۇر خەلقىنىڭ Ⅺ ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىرى - يۈسۈپ خاس ھاجىپ>، <يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى>، <ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر، شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىدىيۋى سىستېمىسى توغرىسىدا> قاتارلىق ماقالىلەرنى يازغان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1986 - يىلى ئامېرىكىنىڭ لوس - ئانژېلېس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا <>قۇتادغۇبىلىك< تەتقىقاتى جۇڭگودا> ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ قىزغىن قارشى ئېلىنغان ۋە يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ <ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئارۇز ۋەزنى توغرىسىدا>، <ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە رۇبائىيچىلىق>، <ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىلەن تاتار ئەدەبىياتىنىڭ ئۆز ئارا تەسىرى توغرىسىدا>، <ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىنىڭ بەدىئىي ۋە ئىجتىمائىي قىممىتى توغرىسىدا> قاتارلىق ماقالىلىرىنىڭمۇ ئىلمىي قىممىتى يۇقىرى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يەنە <تۈركىي تىللار دىۋانى>، <قۇتادغۇبىلىك> قاتارلىق مۇھىم كلاسسىك ئەسەرلەرنى تۆھپە قوشقان.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <يۈرەك مۇڭلىرى> (1946 - يىل، لەنجۇ)، <تارىم بويلىرى> (1948 - يىل، تىيانشان نەشرىياتى) ناملىق شېئىر توپلاملىرى، <قەشقەر كېچىسى> (1980 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق داستانى، <ئۆمۈر مەنزىللىرى> (1985 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار - نەسرلەر توپلىمى، <ئىز> (1985 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <ئويغانغان زېمىن> (ئىككى قىسىم، 1988 -، 1994 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق رومانلىرى بار.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ھايات ۋاقتىدا تەتقىقاتچى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ۋە <قۇتادغۇبىلىك> ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ئىدى.






ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر غەزەللىرى

ئارمان نىمە





بولمىسا جانىم ئارا ئىشقىڭ ماڭا بۇ جان نېمە؟
سادىغاڭ بولسۇن بۇ جان، سەندىن بۆلەك جانان نېمە؟

كۈلمىسە جۇشقۇن خىيالىم ئاسمىنىدا ئاپتىپىڭ،
مەن ئۈچۈن ئالەم نېمەيۇ؟ گۆر نېمە؟ بوستان نېمە؟

ھىچ تېگىشمەس بىر كۈنۈڭنى دەۋرى - دەۋرانغا كۆڭۈل،
بولمىسا ۋەسلىڭ نەسىۋى ماڭا مىڭ دەۋران نېمە؟

ئۆتتى باشتىن شۇنچە يىللار قالدۇرۇپ ماڭلايدا ئىز،
بولسا سەندىن بىر خەۋەر، ئۆمرۈم ئۈچۈن پۇشمان نېمە؟

تەلمۈرۈپ شۇنچە يولۇڭغا ئاقتى كۆزنىڭ نۇرلىرى،
چاڭلىرىڭنى تۇتىيا قىلسام ئىدىم، ئىمكان نېمە؟

گۈلنى ھەر تاڭدا كۆرۈپ بۇلبۇل يەنە قىلماي شۈكۈر،
شۇنچە نالە ئەيلىسە، ئۇ نېمدېگەن نادان نېمە؟

كاشكى مەن ئۆمرۈمدە بىر كۆرسەم سېنى ئاي يۈزلۇكۇم ،
جان بېرىپ ئۆلسەم شۇ دەم ، دۇنيا ئارا ئارمان نېمە؟

ئاھ ئۇرۇپ ئۆتكۈر ئادا بولدى قەلەندەردەك كىزىپ،
يوقمىدۇر شۇنچە جاھاندا دەردكە بىر دەرمان نېمە؟


1948 - يىلى 12 - ئاپرېل، ئۈرۈمچى



مۇھەببەت ھەققىدە غەزەل



مۇھەببەت شامدىنى شامسىز قالالماس ھېچقاچان جانان.
چىراغسىز قالسىمۇ مېھراب ۋە ھەتتا مەككىدە بىر ئان.

تاپار مەجنۇن كېزىپ ئۆتكەن باياۋان چۆلنى چىن ئاشىق،
كۆمەلمەس چۈنكى بۇ سۆيگۈ ئىزىنى ھېچ شامال - بوران.

ئۇدۇم بوپ قالدى كۆڭلۈمدە مۇھەببەت جامىغا ھېرىسلىك،
بوۋام ئىچكەن ئىدى چۈنكى بۇ جامنى تولدۇرۇپ چەندان.

غولام بولماقنى ئىستەيدۇ مۇھەببەت ئەھلىگە كۆڭلۈم،
تېگىشمەسمەن بۇ دۆلەتنى قېشىمغا كەلسىمۇ سۇلتان.

رىيازەت ئوتىدا تاۋلا يۈرەكنى دەر ئىدى پەرھات،
شۇ تەلىم دىلدا جا بولغاچ، ئوقۇرمەن يۈز تۈمەن شۈكران.

ئاقار تارىم سۈيى بىر كۈن كۈمۈشتەك يالتىراپ ئەركىن،
ۋىسال مەۋجىدە ئۆتكۈرمۇ بېلىقتەك قىلغۇسى جەۋلان.


1949 - يىل 5 - ئىيۇن. ئۈچتۇرپان



تاڭ زىياسى يوقمىدۇر



بۇ قارا ھىجران تۈنىنىڭ ئىنتىھاسى يوقمىدۇر؟
ۋەسلى دىدار كۈنلىرىنىڭ ئىپتىداسى يوقمىدۇر؟

ئۆلگۈدەك جانىمغا تەگدى ھىجىر ئاخشامى يامان،
بىر خەۋەر كەلسە نە بۇلغاي، تاڭ ساباسى يوقمىدۇر؟

بىر نەپەس يۈز يىل بىلىندى ئىنتىزارلىق دەستىدىن،
تەشنەئى قەلبىم ئۈچۈن نەشئۇ نەماسى يوقمىدۇر؟

ئۆرتىدى جىسمىمنى ھەردەم دىلدا يالقۇنلاپ كۆيۈك،
خەستە دىلگە بىر شىپا دورا - داۋاسى يوقمىدۇر؟

يار خىيالى بىرلە سولدۇم، يەتتى ئۆمرۈمگە خازان،
تەنگە جان بەخش ئەتكىلى كۆكلەم ھاۋاسى يوقمىدۇر؟

بۇ جۇنۇنلۇق دەشتلىرى كەڭ، مېنى ئازدۇردى تالاي،
ئەمدى يول كۆرسەتكۈچى بىر رەھنەماسى يوقمىدۇر؟

كەتمىگەي ئارماندا ئۆتكۈر كۆزدە قانلىق ياش بىلەن،
يىرتقىلى تۈن پەردىسىنى تاڭ زىياسى يوقمىدۇر؟


1949 - يىل 8 - ئىيۇن. ئۈچتۇرپان



قەلبىم باھار




ئوت بىلەن كۆيمەكنى ئۆز جانىمغا قىلدىم ئىختىيار،
ئىختىيار قىلماس ئىدىم، ھوشۇمنى ئالدى بىر نىگار.

بىر نىگار كىم، لۇتپى ئەيلەپ تەنگە جان بەرگەن ئۆزى،
ھەم يەنە خەنجەر بىلەن باغرىمنى قىلدى لالىزار.

مىڭ شۈكۈر دەيمەن بۇڭا، يوقتۇر پۇشايمانىم مېنىڭ،
كى قىزىلگۈلنىڭمۇ ھۆسنى ھەم بۇيى، ھەم خارى بار.

گەر تىكەنلىك دەپ گۈلىدىن كەچسە بۇلبۇل بىر نەپەس،
تاپماس ئەردى بۇ جاھاندا قاغىدەكمۇ ئېتىبار.

چىقمىغاي ھەرگىز دىلىمدىن يار سېلىپ قويغان كۆيۈك،
چۈنكى شۇ دەرد بىرلە كۆڭلۈم ھەم يارا ھەم بەختىيار.

ھىچ سىغىشماس تەنۇ جانىم ئەمدى بىدەردلىك بىلەن،
يۈرگىچە بىدەرد ياشاپ ، پەرۋانە بولماق ئىپتىخار.

مەيلى مۆلدۈر، تاش - بورانلار ياغدۇرۇپ تۇرسۇن پەلەك،
ئەل بىلەن بىللە يۈرۈپ دەرمەن ھەمىشە يارى - يار.

مەيلى جىسمىمنى زىمىستان ئەيلىسۇن دەۋران ئىشى،
يار خىيالى بىرلە قەلبىمدە ياشار مەڭگۈ باھار.


1949 - يىل 2 - ئاۋغۇست. ئۈچتۇرپان

(مەنبە: « ئۆمۈر مەنزىللىرى » شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى. 1985 - يىل 6 - ئاي نەشرى)



سەجدىگاھىمغا



( گۇمنام غەزىلىگە مۇشائىرە )



بىلەمسەن، دىلرەبا ھۆسنۈڭنى ئاختۇرغان نىگاھىمدۇر،
بۇ گۈلدۈرماما - چاقماقلار مېنىڭ پەريادى ئاھىمدۇر.

ئۆزۈڭنى ئوت بىلەن تاۋلا دىگەچ سەن سۆيگۈ سۇلتانى،
قەيەردە يانسا بىر يالقۇن، شۇ يالقۇن بارىگاھىمدۇر.

ئاداشسام زۇلمىتى دەشتتە، تىڭىرقاپ نالە چەكمەسمەن،
جامالىڭ شولىسى پارلاق ئۈمىد بەخش سۈبھىگاھىمدۇر.

مەلامەت، تەنە - تۆھمەتتىن، رەقىبتىن قىلمىدىم پەرۋا،
دىلىمغا ئورنىغان ئىشقىڭ نىجاتكار باشپاناھىمدۇر.

سېنى ئويلاش بىلەن كۆڭلۈم تاپۇر ھەر جايدا مىڭ لەززەت،
خىيالىڭ كۈندۈزى ئاپتاپ، كېچەلەر كۆكتە ماھىمدۇر.

ئەگەر رەشىك ئەيلىسە مەيلى ئەرەب يۇرتىدىكى كەئبە،
مۇشۇ تۇپراق - ئانا تۇپراق مۇقەددەس سەجدىگاھىمدۇر.

كۆڭۈل مۈلكىدە جاي يوقتۇر سېنىڭدىن ئۆزگىگە مۇتلەق،
قەسەميادىم ئۈچۈن مىسكىن مېنىڭ ئۆلمەس گۇۋاھىمدۇر.


1968 - يىل - 15 - فېۋرال. ئۈرۈمچى



ئاخىرى ئىنكاس سۈپتىدە داۋاملىق يوللىندۇ .




مەنبە ئەسرىم مۇنبىرى : داۋامى ئىنكاس سۈپتىدە داۋاملىق يوللىندۇ .
[ 此贴被kunkiz在2008-09-06 19:07重新编辑 ]
تېما تەستىقلىغۇچى : kunkiz
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-09-06, 11:05
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-06 19:00 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
kunkiz
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 14159
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 5501
شۆھرەت: 2365 نۇمۇر
پۇل: 608 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 150(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 Re:ئۆتكۈرنىڭ  قىسقىچە تەرجىمھالى .




« ئىت ئۈرەر، كارۋان يۈرەر »




« ئىت ئۈرەر، كارۋان يۈرەر، قايتماس ئىزىدىن ئارسلان »
بىلسە ئادەم، بۇ ئۆمۈرنىڭ ھەر كۈنى بىر ئىمتىھان.

مەيلى ئىتلار ھاۋشىسۇن، چاقسۇن يەنە ھەرە، پاشا،
بول ۋاپا، ۋىجدان بېغىدا مەڭگۈ بىدار باغىبان.

تەنە - تۆھمەتتىن خالىي بولماي ئۆتتى تا لوقمان ھېكىم،
ھەممىسى بىتتى، لېكىن قالدى ھېكىمدىن نام - نىشان.

بىر ماقال باردۇر « كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس » ئىمىش،
يولچىغا مەنزىل توشامدۇ بولسا يۈزلەپ مۇز داۋان.

مەيلى چىقسۇن بورىنى، ياغسۇن ۋە ھەتتا مۆلدۈرى،
كەل نىگار، ۋەتەن بېغىغا تەڭ بولايلى پاسىبان!



1969 - يىل 20 - ئىيۇن. ئۈرۈمچى



باھار ۋەسلىگە مۇشتاقلىق





چىراق ئوتىدا پەرۋانە كۆيەر مەردانە - مەردانە.
گۈزەل ۋەسلىڭگە ئەي دىلبەر بولاي قۇربانە - قۇربانە.

كۈلۈپ كەلگەن ئىدىڭ بىر چاغ، يېتىپ ۋەسلىڭگە گۈلشەن باغ.
قايان كەتتى ئەشۇ كۈنلەر، كۈنۈم سەرسانە - سەرسانە.

پىراقىڭدا بولۇپ مەجنۇن يانارمەن شەمئىدەك ھەر تۈن،
ئېرىپ جىسمىم، ئاقار كۆزدىن يېشىم دۇردانە - دۇردانە.

ساچىم بەلدە، ھاسام قولدا، بۇ نۇرسىز كۆزلىرىم يولدا،
كىشى كۆرسە بۇ ھالىمنى بولۇر ھەيرانە - ھەيرانە.

گۈزەل ھۆسنۈڭنى بىر كۆرمەي، ئاياغىڭدا بېشىم قويماي،
ئۆتەرمۇ ئۇشبۇ ھەسرەتتە ئۆمۈر غەمخانە - غەمخانە؟

يېنىپ كەلسەڭ يەنە باغقا، قونۇپ بۇلبۇل كەبى شاخقا،
تاماشا ئەيلىسەم بىردەم يۈرۈپ سەيلانە - سەيلانە.

جامالىڭ نۇرىلە بىردەم مۇنەۋۋەر ئەيلىسەڭ كۈلبەم،
سائادەت شۇ ئىدى مەڭگۈ ماڭا يىگانە - يىگانە.

قۇياش يۈزىگە كىر قونماس، ئۈمىدنىڭ قانىتى سۇنماس.
يولۇڭدىن نائۈمىد بولماق ماڭا بىگانە - بىگانە.

نەۋائىي ئىزىدىن مىسكىن كۆرەي دەپ مەيدە يار ئەكسىن،
ئېلىپ قولغا ساپالىنى كېزەر مەيخانە - مەيخانە.


1970 - يىل 30 - مارت. ئۈرۈمچى




(مەنبە: « ئۆمۈر مەنزىللىرى » شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى. 1985 - يىل 6 - ئاي نەشرى)


qarluq
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 19:06 |
kunkiz
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 14159
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 5501
شۆھرەت: 2365 نۇمۇر
پۇل: 608 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 150(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 



ئەسسە گۈل باغدىن سابا



تاڭ سەھەر ئەسسە بېغىڭدىن خۇش پۇراقلىق بىر سابا،
تەلمۈرۈرمەن مۇنتەزىر، ئىستەپ سېنى ئەي دىلرەبا.

دىلرەبا ھۆسنۈڭنى كاشكى كۆرمىسەم ئېردى شۇ كۈن ،
قىلماس ئېردىم بۇ جېنىمنى مۇنچە دەردكە مۇپتىلا.

مۇپتىلا بولغان كىشى قالماس مېنىڭدەك بىنەسىپ،
ساڭا بولغان مۇپتىلالىق ماڭا بولدى بىر بالا.

نى بالالار كەلدى باشقا، يەتتى سەۋرىم ھەممىگە،
ئەمدى سەۋرىم بىتتى، بولدۇم مەن غېمىڭدىن بىنەۋا.

بىنەۋا بولغان كىشىگە قىلمىساڭ لۇتپۇكەرەم ،
ئىشقى ئەھلى مەزھىبىگە بۇ نىچۈك بولغاي راۋا؟

ئۈزمىدى ئۈمىدنى لىكىن بۇ سۇنۇق مىسكىن كۆڭۈل،
كەلگۈسى ياردىن خەۋەر دەپ، ئەسسە گۈل باغدىن سابا.


1972 - يىل. ئىيۇن. ئۈرۈمچى



ئاق ئەمەس ساچىمدىكى




ئاق ئەمەس ساچىمدىكى، يىللار توزانى دەپ بىلىڭ.  
سارغىيىپ كەتكەن يۈزۈمنى كۈز خازانى دەپ بىلىڭ.

قانچە نۇرغۇن، قانچە چوڭقۇر بولسا ماڭلاي قورۇقۇم،  
دەردۇ كۈلپەت دەۋرىنىڭ روشەن بايانى دەپ بىلىڭ.

خۇددى يۇلتۇزدەك پىلىلداپ، ياشلىنىپ يانسا كۆزۈم،  
دىلدا ئارمان تاشقىنىنىڭ نام - نىشانى دەپ بىلىڭ.

ئاھ دىسەم بوران مىسالى گۈركىرەپ چىقسا ئۈنۈم،  
مۇپتىلالىق دەردىدىن تاشقان پۇغانى دەپ بىلىڭ.

تاكى جىسمىمگە يىپىشتى سۆيگۈ يالقۇنى پۈتۈن،  
ئەمدى بۇ جىسمىمنى بىر ئاتەش ماكانى دەپ بىلىڭ.

ھىجرى بولدى باشلىنىش، كىممۇ يازاركىن خاتىمە،  
بۇ مىنىڭ ئۆمرۈمنى غەم - قايغۇ داستانى دەپ بىلىڭ.

قانچە پەرھاد كۈنلىرىنى كۆرسە مىسكىن ئەل ئۈچۈن،
بۇ ئاڭا دەۋران ئىشىنىڭ ئىمتىھانى دەپ
بىلىڭ .


1972 - يىلى 3 - مارت. ئۈرۈمچى



تېپىلماس




قەسەم بىللا، سېنىڭدەك يارۇ جانان تېپىلماس،
ۋەسلىڭ ئۈچۈن مېنىڭدەك شەيدايى جان تېپىلماس.

ئۇجماق نىمە؟ ھۆر نىمە؟ قۇياش نىمە؟ ئاي نىمە؟
ئالەم ئارا سېنىڭدەك ھۆسنى سۇلتان تېپىلماس.

مۈلكى جاھان تەختىدە بولسام شاھى سۇلايمان،
باسقان ئىزىڭ خاكىچە مۈلكى جاھان تېپىلماس.

غەم يۈكىدىن پۈكۈلگەن، دەھر ئوقىدىن تېشىلگەن،
مېنىڭ نىمجان تېنىمگە سەنچە لوقمان تېپىلماس.

ئۆلگەننى تىرىلدۈرگەن بولسا مەسىھ ئۇ زامان،
ئەمدى جانغا سېنىڭدەك ئارامى جان تېپىلماس.

ماڭا ئۈمىد، كۈچ - قۇۋۋەت، ئىشەنچ بېرۇر خىيالىڭ،
سەنسىز مەھزۇن دىلىمگە ھەرگىز دەرمان تېپىلماس.

قەسەم بىللا، مىسكىن جان جاھان تاپماس سېنىڭسىز،
جاھان نېمە؟ جان نىمە؟ سەنچە جانان تېپىلماس.



1972 - يىل 1 - ئىيۇن. ئۈرۈمچى



ئىز ... ئىز ... ئىز ...





ياش ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،
ئەمدى ئاتقا مىنگۈدەك بوپ قالدى ئاينا نەۋرىمىز.

ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،
ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.

قالدى ئىز چۆللەر ئارا، گاھى داۋانلاردا يەنە،
قالدى نى - نى ئارسلانلار دەشتى - چۆلدە قەبرىسىز.

قەبرىسىز قالدى دېمەڭ، يۇلغۇن قىزارغان دالىدا،
گۈل - چېچەككە پۇركىنۇر تاڭنا باھاردا قەبرىمىز.

قالدى ئىز، قالدى مەنزىل، قالدى ئۇزاقتا ھەممىسى،
چىقسا بوران، كۆچسە قۇملار ھەم كۆمۈلمەس ئىزىمىز.

توختىماس كارۋان يولىدىن گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق،
تاپقۇسى ھىچ بولمىسا بۇ ئىزنى بىر كۇن نەۋرىمىز يا ئەۋرىمىز.



1972 - يىل 10 - ئىيۇن. ئۈرۈمچى



مەنبە: « ئۆمۈر مەنزىللىرى » شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى. 1985 - يىل 6 - ئاي نەشرى)

چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 19:09 |
kunkiz
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 14159
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 5501
شۆھرەت: 2365 نۇمۇر
پۇل: 608 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 150(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 



كېرەك بولسا





كۆيۇكنى دىلغا جا ئەيلە، ساڭا دىلدار كېرەك بولسا،
ۋاپا لەۋزىنى ۋىجدان بىل، ۋاپادار يار كېرەك بولسا.

ناۋاكەش بۇلبۇلى شەيدا كەبى باغرىڭنى قان ئەيلە،
مۇرات - مەقسەت گۈلى كۈلگەن گۈلى گۈلزار كېرەك بولسا.

تىكەننىڭ رەنجىدىن قورققان كىرەلمەس بۇ چىمەن ئىچرە،
جاپانى جانغا راھەت بىل، ساڭا دىيدار كېرەك بولسا.

جاپا مەڭگۈ ئەمەس ھەرگىز ئەقىدە ساقلىسا ئاشىق،
ئۈمىدنى رەھناما قىلغىن، ئەگەر سەردار كېرەك بولسا.

كورۇڭ، بۇلبۇل كېچە يىغلاپ، سەھەر گۈل ھۆسنىنى كۆردى،
بۇنىڭدىن ياخشى ئۆرنەك، يوق يەنە بىسيار كېرەك بولسا.

لېكىن دوراش بىلەن تۇتى بولالماس ھېچقاچان بۇلبۇل،
ئېلىڭ بۇ تۇتىدىن ئىبرەت، نامۇسۇ - ئار كېرەك بولسا.

جۇنۇن سەھراسى گەر چەكسىز، ھەقىقەت مەنزىلى روشەن،
ئېلىڭنىڭ ئىشقىنى كۈيلە، ساڭا ئەشئار كېرەك بولسا.



1977 - يىل 8 - ئاۋغۇست. ئۈرۈمچى.




ياخشى





تىرىكتاپ قاغا – قۇزغۇنغا جاھانسازلىق ھاۋا ياخشى،
سەھەر گۈلشەندە بۇلبۇلغا ياقا يىرتىپ ناۋا ياخشى.

كېرەكمەس يالتىراق شۆھرەت بىلەن مەستانە غاپىللار،
ۋەتەننىڭ دەردىگە دەرمان جاپاكەش ئاشىنا ياخشى.

تېگىشمەس جەندىنى ئاشىق ياقاسى زەر تاۋار تونغا،
كى دىلبەر ۋەسلىدە سەرسان قەلەندەرگە كۇلا ياخشى.

قەسەم بىللا، تامايىم يوق بەھەيۋەت قەسرى زىننەتتىن،
پىشانەم تەردىن پۈتكەن بى مىننەت بورىيا ياخشى.

مېنىڭ تاجسىز ساياق بېشىم ئۆزۈمگە تاجۇ – دولەتتۇر،
ئەرىكسىز پادىشاھلىقتىن جاھانكەزدى گادا ياخشى.

نە ھاجەت جەننەتۇلمەئۋا؟ ۋەتەننىڭ قوينى بىر جەننەت،
بېلىق دەريادا ئەركىندۇر، لېچىنغا كەڭ ساما ياخشى.

مالامەت يەتسىمۇ بەزەن دىلىمغا ئۆز دىيارىمدا،
بوسۇقتىن دالجىماس ئىتتەك ماڭا ئەھدۇ ۋاپا ياخشى.


1979 - يىل 3 - سېنتەبىر. ئۈرۈمچى




ياڭرات ۋەتەن مۇقامىنى





ئەي سازىم سازلان بۈگۈن، سازلان يەنە سەن ياخشىراق،
تۇغسا چولپان، كۈلسە گۈلشەن مەن نىچۇن ئېيتماي قوشاق.

باق ئەنە كۈلمەكتە بۇغدا، مەڭزىدە گۈل جىلۋىسى
ھەر سەھەر ئالتۇن شەپەقتىن چېچىلىپ سانسىز باشاق.

تاڭ بىلەن چىللاپ گۇدۇك كەلگۇسىدىن ئېيتسا خەۋەر،
خوشلۇقۇڭ سىغماس تىنىڭگە، گېپىگە سالساڭ قۇلاق.

قوش ئۈنۈڭنى ئەل كۇيىگە، بول دېڭىزنىڭ تامچىسى،
شارقىراپ ئاققايمۇ دەريا بولمىسا سانسىز بۇلاق؟

خۇش بولار ئانا ۋەتەن داۋان ئېشىپ ماڭغاندا ئەل،
سوڭغى نارنىڭ بوينىدا بولسام ئەگەر بىر قوڭغۇراق.

نەقەدەر زور بەخت ماڭا ئۇزۇن سەپەر مەنزىلىدە،
بىر قاتار مەشئەل ئارا بولالىسام بىر شام چىراق.

كاشكى جان بىر باغ ئوتۇنغا ئەرزىسە ئارمان نېمە،
ۋەتىنىم گۇلخانىدا يانسام چاراسلاپ تا ئاداق.


1979 - يىلى 10 - نويابىر، ئۈرۈمچى





باھار كەلدى





باھار كەلدى، جاھان كۈلدى، كۈلەر مەستانە - مەستانە.
ئېرىپ قار - مۇز، ئاقار ئەگىز، ئاقار دۇردانە - دۇردانە.

باھار كەلدى، ياشاردى چۆل، ياشاردى ھەم ساماۋى كۆل.
بۇقۇلداپ قىردا كەكلىكلەر كېزەر ھەريانە - ھەريانە.

بۇلۇتسىز كۆك گويا ئەينەك، ئۇچار كۆكتە قاتار لەگلەك.
نە لەگلەك، بەلكى ئاققۇلار ئۇچار جەۋلانە - جەۋلانە.

باھار كەلدى، چىمەن كۈلدى، چىمەندە گۈل تۈمەن كۈلدى.
نە گۈلكى ھەممە جەن كۈلدى، كۈلەر جانانە - جانانە.

چېچەكلەر بەرگىدە شەبنەم قۇياشتا يالتىرار ھەردەم.
ئېچىلغاچ گۈل، قىزىل مەيگە تولۇر پەيمانە - پەيمانە.

باھار كەلگەچ يېتىپ باغقا، قونۇپ بۇلبۇل كەبى شاخقا.
سەنەممۇ سەيلىگە چىقتى يۈرۈپ سەيلانە - سەيلانە.

باھار كۈلدى، قۇياش كۈلدى، قۇياشلىق ئەلمۇ خۇش كۈلدى.
رەقىبلەر قان يۇتار ئەمدى، كۈنى ۋەيرانە - ۋەيرانە.

باھار كەلدى، ياشاردى جان، جىرىڭلار قولدا ئالتۇن جام.
بولۇپ ئەل بەختىگە ساقى كېزەي مەيخانە-مەيخانە.


1980 - يىل 23 - مارت. ئۈرۈمچى.




(مەنبە: « ئۆمۈر مەنزىللىرى » شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى. 1985 - يىل 6 - ئاي نەشرى)


retim BLOG
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 19:10 |
kalkvn117117
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 303
شۆھرەت: 313 نۇمۇر
پۇل: 93 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 51(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

گەر ئالتۇن ھەل يالاتساڭ كېسەكتۇر كېسەك ،
گەرھالۋا بەرسەڭمۇ تېزەكلەر ئېشەك .
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 19:11 |
kunkiz
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 14159
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 5501
شۆھرەت: 2365 نۇمۇر
پۇل: 608 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 150(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 19:11 |
kaxkar.ogli
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 26513
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 96
شۆھرەت: 96 نۇمۇر
پۇل: 398 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-10

 

ھەجەپ  بىر  ياخشى  تىما  يوللاپسىز  ،ئا  ئوتكۇرنى  سىغىندۇق  ئامال  قانچە  رەخمەت  سىزگە  يەنە  يوللاپ  تۇرارسىز شىئر -ھىكايىلىرى  بولسا .
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 19:45 |
kaxkar.ogli
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 26513
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 96
شۆھرەت: 96 نۇمۇر
پۇل: 398 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-10

 

كۇنقىز باشقۇرغۇچى سىزنىڭ  ھىچ  نىمىڭىز  كەملىمەپتۇ ياكى  يۇتمەپتۇ     .................مىنىڭ 2000  مىڭدىن  ئارتۇق تەڭگەم  500  يۇزدىن  ئارتۇق  تىما    ئىنكاسلىرىم دەرىجەم 200  سائەتتىن  ئارتۇق  ۋاقتىم  يەنە  دوپپا   تونلىرىم قىنىدۇ   بۇنى  كىم  تۆلەيدۇ .باشقۇرغۇچىلار  گەپ   قىلىڭلار ..........
[ 此贴被kunkiz在2008-09-06 23:14重新编辑 ]
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 19:51 |
mardan521
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 26128
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 57
شۆھرەت: 87 نۇمۇر
پۇل: 276 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 98(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شىئېرلىرىدىن ....

  
ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﯩﻨﻤﺎﻱ ﺋﯩﺰﻟﯩﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ،
ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺑﯩﺮ ھﺎﺩﻯ ﺗﯧﭙﯩﺸﺘﺎ ﭼﯩﻦ ھﯩﺪﺍﻳﻪﺗﻨﻰ.
ﺗﯩﻠﻪﭖ ھﻪﺭ ﺳﯚﺯﮔﻪ ﺑﺎﻱ ﻣﻪﻧﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﺎﺳﺎھﻪﺗﻨﻰ،
ﺩﯨﻠﯩﻢ ﺋﯩﺴﺘﻪﻳﯩﺘﺘﻰ ﺋﯩﺰھﺎﺭﻏﻪ ھﻪﻣﯩﺸﻪ ﻣﻪﻗﺒﯘﻝ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ
ﻛﯩﻠﯩﯔ ﺋﻪﻱ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﺎﺷﻼﻳﻠﻰ ﺳﯚھﺒﻪﺗﻨﻰ.

ﺳﯚﺯﯗﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻰ ﺑﺴﻢ ﷲ ﺑﯘ ﻣﯚﺋﻤﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞﻩﺯﯨﭙﻪﻣﺪﯗﺭ،
ﺳﺎﻧﺎ ﻳﯘ ھﻪﻣﺪﯨﻠﻪﺭ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻡ ﺗﯘﻣﻪﻥ ﻣﯩﯖﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﻪﻣﺪﯗﺭ،
ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺗﯘﺯﺳﯩﺰ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩﻣﺪﯗﺭ،
ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺍﻳﯩﻤﻐﺎ ﺑﻮﺭھﺎﻧﯩﻢ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﺎﺯﻣﯩﺶ ﻗﻪﺳﯩﺪﻩﻣﺪﯗﺭ...
ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ ﺭﻩﺑﺒﯩﻢ ئاللاھ تىن قوﻟﯘﻣﻐﺎ ﻛﯘﭺ ﯞﻩ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻨﻰ ،

ﺗﻪﺋﻪﺟﯘﭖ ﺋﻪﻳﻠﯩﺸﻪﺭ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯩﺮﺍﯞﻟﻪﺭ ﺑﯘ ﻗﻪﺳﯩﺪﻩﻣﺪﯨﻦ.
ﺋﻪﺟﻪﭘﻠﻪﻧﻤﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺗﺮﻩ ﭼﻪﺷﻤﻪﻣﺪﯨﻦ.
ﺋﯧﺰﯨﻘﺘﯩﻢ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﻼﺭ ﻧﺎﮔﺎھ ﺗﻪﯞﺭﻩﭖ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩﻣﺪﯨﻦ،
ﺷﯜﻛﺮﯨﻜﯩﻢ ﺭﻩھﻨﺎﻣﻪ ﺗﺎﭘﺘﻰ ﻛﯘﯕﯜﻝ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻰ ﺗﻪﯞﺑﻪﻣﺪﯨﻦ.
ﺋﯩﻼھﺎ ﺋﻪﻳﻠﯩﮕﯩﻞ ﻣﻪﯕﮕﯜ، ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯘ ﺑﻪﺧﺘﯘ-ﺋﺎﻣﻪﺗﻨﻰ.

ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﭺ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯚﺋﻤﯩﻨﺪﯨﻦ ئۆتۈﭖ ﺋﻪﻟﻠﯩﻜﺘﻪ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻳﯩﻞ،
ﻳﻪﻛﯜﻧﻠﻪﺵ ﺳﺎﺋﯩﺘﻰ ﻳﻪﺗﺘﻰ ﺋﯚﻣﯘﺭﻧﻰ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ.
ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﺴﺎﻡ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﯘﻟﯘﻣﻐﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﯩﻦ ﻏﺎﭘﯩﻞ،
ﺋﺎﻗﯘﺭ ﻛﯚﺯ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ﮔﻮﻳﺎ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺋﯩﺮﯨﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﯩﻞ .
ﺟﺎھﺎﻧﺪﺍ ﭼﻪﻛﻤﯩﮕﻪﻱ ھﯧﭽﻜﯩﻢ ﻣﯩﻨﯩﯖﺪﻩﻙ ﻛﯚﭖ ﻧﺎﺩﺍﻧﻪﺗﻨﻰ .

ﺳﻪھﻪﺭﺩﻩ ھﻪﻣﺪﯨﻠﻪﺭ ﺋﯧﻴﺘﺎﺭ ﺋﯘﭼﺎﺭ ﻗﯘﺷﻼﺭﻣﯘ ھﻪﺭ ﺩﻩﻣﺪﻩ،
ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺑﯩﺮ ھﯩﺲ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩ.
ﯞﺍھﺎﻟﻪﻧﻜﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ھﯩﺴﺎﭘﺴﯩﺰ ﻗﻪﺭﯨﺰ ﺑﯘ ﺯﯨﻤﻤﻪﻣﺪﻩ،
ھامان قىينايدۇ ھەسرەتلىك پۇشايمانلار بۇ قەلبىمدە ,
ﺋﯚﻣﯘﺭﻧﻰ ﺯﺍﻳﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﯕﻼﺭ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﺋﯩﺒﺮﻩﺗﻨﻰ.

ﺑﺎھﺎﺭ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ھﻪﺭﺗﺎﯓ ﻳﯘﻳﺎﺭ ھﻪﻡ ﻳﺎﺷﻨﯩﺘﺎﺭ ﺗﺎﻏﻨﻰ،
ﺋﯧﺮﯨﻘﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺳﯘﻣﯘ ھﻪﺗﺘﺎ ﮔﯜﻟﻠﯩﺘﻪﺭ ﺑﺎﻏﻨﻰ .
ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﯨﻢ ﻣﯘﺭﺍﺗﻘﺎ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺋﺎﭼﻤﺎﻗﻨﻰ ،
ﺋﯧﺮﯨﺘﺴﻪ ھﯧﭻ ﺋﻪﺟﻪﭘﻤﻪﺳﻜﯩﻢ ﻛﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﺩﺍﻏﻨﻰ .
ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺋﯩﻼھﯩﻢ ﺧﻪﺯﯨﻨﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺮﻩ ﺭﻩھمەتنى .

ﺳﯩﺮﺍﺗﻪﻝ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻢ ﺗﺎﭘﻤﺎﻕ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﻪﺳﯩﺒﻪﻣﺪﻩ .
ﻧﺎﺩﺍﻣﻪﺕ ﺩﺍﻏﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻟﻤﺎﺱ ﺋﯩﺪﻯ ﻣﻪھﺰﯗﻥ ﺑﯘ ﺳﯩﻨﻪﻣﺪﻩ ،
ﺋﯚﻣﯜﺩﯛﻡ ﺑﯩﺮ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﺋﯩﻘﺒﺎﻝ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﻪﻟﻪﻱ ﭘﯩﺸﺎﻧﻪﻣﺪﻩ.
ﺟﺎﺭﺍﯕﻼﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﻨﯩﯔ ﺳﺎﺩﺍﺳﻰ ﺑﯘ ﻗﻪﺳﯩﺪﻩﻣﺪﻩ .
ﻧﯩﺴﯩﭗ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺯﺍﺕ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻪﺧﺘﯘ- ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺗﻨﻰ .

ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻢ ﺩﯦﯖﯩﺰﻯ ﺗﯩﻨﻤﺎﻱ ﭼﺎﻳﻘﯩﻠﯩﭗ ھﻪﻣﯩﺸﻪ ﻗﺎﻳﻨﺎﻕ،
ﻛﯩﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺯ ﻳﯘﻣﯘﭖ ﻛﯚﺯﻧﻰ ﯞﻩ ﮔﺎھﻰ ﺗﺎﯕﻐﯩﭽﻪ ﺋﻮﻳﻐﺎﻕ.
ﻗﯘﻟﯘﻡ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﺎﺧﻘﺎ ﺋﯧﺴﯩﻠﺪﯨﻢ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﺷﺘﺎﻕ ،
ﺋﯩﻼھﯩﻢ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ ﺋﯚﻣﯜﺩﯛﻣﮕﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺟﯩﻘﺮﺍﻕ .
ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﺑﯘ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﺪﻩ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﺭ ﻣﯘﺷﺎﻗﻪﺗﻨﻰ.

ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻐﻪ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﯩﺮﻩﻥ ﭼﯚﻣﮕﻪﻧﺴﯩﺮﻯ ھﻪﺭ ﺗﯜﻥ ،
ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻳﯘﻳﯘﻟﺪﻯ، ﺗﺎﺭﻗﯩﺪﻯ ﺋﻪﭘﺴﯘﻥ .
ھاياتىم گەر پۇشايمانلىق، دىلىمدۇر ناتىۋان مەھزۇن.
ﯞﻩ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺟﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻐﻪ ﻗﯘﺷﯘﻟﺪﻯ ﺗﯘﻣﻪﻥ ﻣﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ .
ﻳﯩﻘﯩﻦ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﻣﻪ ﺋﻰ ﺭﻩﺑﺒﯩﻢ! ﻛﯚﯕﯜﻟﮕﻪ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻏﻪﭘﻠﻪﺗﻨﻰ .

ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻛﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻗﺴﺎ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺭﺭﻩ .
ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ ﺧﺎﻟﻰ ھﯩﻜﻤﻪﺗﺘﯩﻦ ﯞﻩ ھﻪﺗﺘﺎﻛﻰ ھﻪﺳﻪﻝ ھﻪﺭﻩ.
ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﺰﺍﺕ ﻳﯘﻛﺴﯩﻠﯩﭗ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﺎﺗﻮﻣﺪﯨﻦ ﺗﺎﭘﺘﻰ ﻣﻮﻝ ﺯﻩﺭﺭﻩ،
ﯞﻩ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ ﺳﯩﺮ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﻪ ﻗﻪﺗﺮﻩ .
ﺋﯩﻼھﺎ ﻗﯩﻞ ﻛﻪﺭﻩﻡ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺑﯩﻠﻪﻳﻠﻰ ﺳﯩﺮﯗ-ھىكمەتنى.

ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺴﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺧﻪﺯﯨﻨﻪﯓ ﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ،
ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺭﯗﺷﻪﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﻮﻧﯘﺭ ﺋﯚﺯ ﺯﺍﺗﯩﻨﻰ ﺧﻮﭘﺮﺍﻕ .
ﻣﯩﺴﺎﻝ:ﻗﺎﺭﯨﻐﯘ ﻧﯩﭽﯘﻙ ﺑﯩﻠﺴﯘﻥ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻏﯘ ﺋﺎﻱ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ,،
ﺑﯩﻠﯘﺭ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮔﯜﺩﻩﻙ ھﻪﺗﺘﺎ ﻧﯩﭽﯜﻛﺪﯗﺭ ﮔﯜﻝ ﻧﯩﭽﯜﻙ ﻳﺎﭘﺮﺍﻕ .
ﺩﯨﻤﻪﻛﻜﻰ ﻣﻪﺋﺮﯨﭙﻪﺗﺘﯩﻦ ﺟﺎﻥ ﺗﺎﭘﯘﺭ ﺋﻪﻗﻠﻰ -ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺗﻨﻰ.

ﺗﯜﻣﻪﻥ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺳﺎﻧﺴﯩﺰ ﺋﺎﻗﯩﻞ -ﺩﺍﻧﯩﺶ،
ھايات سىرىنى بىلمەكنى قىلىشتى ئارزۇ ھەم خائىش.
ﺑﯩﺮﺍﯞﻟﻪﺭ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﻪﭖ ﺧﯘﺩﺍﺳﯩﺰﻟﯩﻘﻨﻰ ﭘﻪﺭﻣﺎﻳﯩﺶ،
ﯞﻩ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﻛﺴﯩﺮﻯ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﺍ ﺋﻪﺯﻣﺎﻳﯩﺶ.
ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﯩﺮ ﺭﻭھﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻨﻰ .

ﻣﯩﺴﺎﻝ: ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺗﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﻨﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭘﺒﺎﻕ ،
ﺋﺎﻧﺎ ﻗﺎﺭﻧﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻐﺎ ھﺎﯞﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯚﭖ ﺑﺎﻕ .
ﺗﯘﻏﯘﻟﻤﺎﻕ ﺳﺎﺋﯩﺘﻰ ﻳﻪﺗﺴﻪ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯚﭖ ﺑﺎﻕ ،
ﺑﯘ ﻣﯜﺷﻜﯜﻟﮕﻪ ﻧﻪ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﭘﺎﻧﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯚﭖ ﺑﺎﻕ .
ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺗﺎﭘﻘﯘﺳﻰ ﻗﻪﻟﺒﯩﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﻰ-ﭘﯩﻜﺮﻩﺗﻨﻰ.

ﺑﯜﮔﯜﻥ ﭘﻪﻥ ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﭗ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﯘﺭ ﭘﻪﺭﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ،
ﯞﻩ ھﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﻱ ﯞﻩ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﺩﺍ ﻳﻪﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻳﺎﺗﻘﯘﺳﻰ ﻳﺎﻟﻘﯩﻦ .
ﺑﯘﯕﺎ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﺰﺍﺕ ﺋﯘﻗﯘﺭ ﻣﯩﯔ ﻣﻪﺩھﯩﻴﻪ ﺗﻪﻟﻘﯩﻦ ،
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﻧﯩﭽﯜﻙ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .
ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻪﯕﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺸﻰ ﺗﺎﭘﻤﺎﺱ ﺑﯘ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻨﻰ .

ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻳﺎﻍ ﺋﯩﻜﻜﻰ، ﻛﯚﺯ ﺋﯩﻜﻜﻰ، ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺑﯩﺮﺩﯗﺭ،
ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺵ ﻛﯩﺮﭘﯩﻚ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻪھﺮﯨﺮﺩﯗﺭ .
ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﻰ چىھرى ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯩﯔ ﺧﯩﻠﺪﺍ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﺩﯗﺭ،
ﻗﯧﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﯖﭽﯘ؟ ﺑﯘ ﺳﯩﺮﻏﺎ ﻧﯩﭽﯜﻙ ﺳﯚﺯ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﻪﺋﺒﯩﺮ ﺩﯗﺭ .
ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﺋﺎﭼﻘﯘﺳﻰ ﻛﻪﯓ ﻳﻮﻝ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻛﻜﻪ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ.

ئۆلۈﻣﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎ ھﻪﺭ ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﯘﺭ ﺋﯚﺯ ﺯﺍﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ،
ﺗﯘﻏﯘﻟﻤﺎﻕ ﺳﯚﯕﺮﻩ ﺋﯚﻟﻤﻪﮔﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻧﺪﯗﺭ ھﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ .
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻧﻪﺩﻩ، ﻗﺎﭼﺎﻥ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ئۆﻟﯜﺷﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﯘﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ،
ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﺎﺱ ﺳﯩﺮ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺑﯘ ﻣﺎﯞﺯﯗ ﺩﻩﯞﺭﻯ -ﺩﻩﯞﺭﺍﻧﺪﯨﻦ .
ھەمىشە يىغسىمۇ دۇنيا بۇ سىرغا ھەممە دىققەتنى.

ئۆﻟﯜﻣﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﯞﺍ ﺋﯩﺰﻟﻪﭖ ﺟﺎھﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﺩﻩﻧﺎ،
ﯞﻩ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﺎﭘﻤﯩﺪﻯ ھﯧﭽﻜﯩﻢ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺯﻩﺭﺭﯨﭽﻪ ﻣﻪﻧﺎ .
ﺋﺎﺭﯨﺴﺘﻮ ﻳﺎﻛﻰ ﻟﻮﻗﻤﺎﻧﺪﻩﻙ ھﻪﻛﯩﻤﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﯩﻤﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ،
ﺩﯨﻴﯩﺸﺘﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﺎﻣﻪﻧﻨﺎ.
ﺩﯨﻤﻪﻙ ﻣﯚﺋﻤﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﯘﺯﻣﺎﻕ ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﺯﯙﺭﯛﺭﻩﺗﻨﻰ.

ﻗﯘﻳﺎﺵ,ﺋﺎﻱ ﯞﻩ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺳﺎﻣﺎ ﺳﻪﻳﯩﺮ ﺋﯩﺘﯩﭗ ھﻪﺭ ﻛﯜﻥ،
ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﻳﻮﻝ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﺘﻪ ﺧﺎﺗﺎﺳﯩﺰ ﺩﻩﯞﯨﺮ ﺋﯩﺘﻪﺭ ھﻪﺭ ﻛﯜﻥ .
ﺑﯘﯕﺎ ھﺎﻛﯩﻢ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﺘﻪﺯﯨﻢ ﻗﺎﻧﯘﻥ ،
ﺑﯘ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺕ ﺗﺎﭘﻤﯩﺶ ﺋﻪﺷﯘ ﺧﯩﻠﺪﺍ ﺗﻮﻻ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ .
ﻳﯘﺭﯗﭖ ﻧﯘﺭﻻﻧﻐﯘﺳﻰ ﻗﻪﻟﺒﯩﯔ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﭽﻪ ﺑﯘھﺎﻟﻪﺗﻨﻰ .

ﯞﻩ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﯧﻴﺘﺎﺭ ﺗﯜﺯﻩﻟﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﺘﯘﺭ ،
ۋاھالەنكى تەبىئەت ئەجەپ بىرخىلدا ھەيئەتتۇر.
ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺳﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﺰﮔﻪ ھﯘﻧﯘﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺒﯩﺮﻩﺗﺘﯘﺭ،
ﺷﯧﻐﯩﻞ ﺗﺎﺵ ھﻪﺭ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﺎﺷﺘﯘﺭ،ﺯﯗﻣﺮﻩﺗﻠﻪﺭ -ﺯﯗﻣﺮﻩﺗﺘﯘﺭ.
ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﺗﺎﺷﻘﯩﻨﻰ ﻳﯜﺗﺴﯘﻥ ﻛﯚﺭﻩﯓ ﺑﺎﺗﯩﻞ -ﺟﺎھﺎﻟﺘﻨﻰ .

مىسال پەن ھۈنەرقۇرۇپ ھىكمەت دۇكاننى،
ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯘﻣﯘ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻠﻪﺭ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻨﻰ .
ﻳﻪﻧﻪ ھﻪﻡ ﺋﺎﺷﻘﯘﺳﯩﻰ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﺑﯜﻳﯜﻙ ھﯩﻤﻤﻪﺕ ﺩﺍﯞﺍﻧﯩﻨﻰ،
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﯜﮔﯜﻝ ھﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺗﺮﻩ ﻗﺎﻧﯩﻨﻰ .
ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﺎﺱ ھﻪﺭ ﻧﯩﭽﯜﻙ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻗﻠﯩﺪ ﺑﯘ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻨﻰ .

ھاياتلىق سىرىغا تەكرار تۇخۇمنى كەلتۈرەي بورھان ،
ﺗﯘﺧﯘﺳﯩﺰ ﺋﺎﻟﯘﺭ ھﻪﺭ ﻛﯩﻢ تۇخۇمدىن ﭼﯜﺟﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﻥ .
ﺋﻪﮔﻪﺭﭼﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯩﯔ ھﻪﺳﺴﻪ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﺩﻩﯞﺭﺍﻥ ،
ﺗﯘﺧﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﺎﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ .
ﺩﯨﻤﻪﻙ ﻣﻪﺧﻠﯘﻕ ھﺎﻣﺎﻥ ﻣﻪﺧﻠﯘﻕ ﺑﯩﻠﯘﺭ ﺧﺎﻟﯩﻘﻼ ﺧﻪﻟﻘﻪﺗﻨﻰ .

ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﺴﺎﻕ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﻐﺎ ،
ﺗﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﻣﯩﺴﻪ دىھقان ھۇسۇل تولمايدۇ خامانغا .
ﺋﻪﮔﻪﺭﭼﻪ ﺩﺍﻥ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﯩﺪﻯ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ،
ﺯﺍﯞﯗﺗﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺳﺎﭖ ھﻪﺭ ﻛﯜﻥ ﭘﯘﻟﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﺘﺘﻰ ﺋﻪﺭﺯﺍﻧﻐﺎ .
ﺩﯨﻤﻪﻙ ﻣﻪﺧﻠﯘﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﻳﺎﺭﺍﺗﻤﺎﻗﻘﺎ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﻰ .

ھاياتلىق سىرىلىرى شۇنداق ئاجايىپ كەڭرى دۇنيادۇر ،
ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﯩﻤﯩﺰ ﺗﺎﻣﭽﻪ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘ ﺑﻪھﺮﻯ ﺩﻩﺭﻳﺎﺩﯗﺭ .
ﻛﯩﻤﻜﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﺍﺕ ﺯﺍﺗﻪﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ھﯩﻜﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻪھﻴﺎﺩﯗﺭ،
ﻛﻰ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ ﻛﯩﻤﻴﺎ ﻣﻪﮔﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘ ﺧﯘﻟﻴﺎﺩﯗﺭ .
ھايات قانۇنى ھەردەمدە قىلۇر تەكرار بۇ ئىبرەتنى.

ﺗﯘﻟﯘﻕ ﺋﻮﻥ ﺗﯚﺕ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﯚﺗﺘﻰ ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ ﺳﺎﺩﯨﺮ،
ﻧﯩﻤﯩﻜﻰ ﺩﯨﺴﻪ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺷﯘ ﺯﺍھﯩﺮ .
ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻣﯚﺟﯩﺰﻩ ﺋﯩﺸﯩﮕﻪ ﻧﯩﭽﯜﻙ ﻣﻪﺧﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﺭ ﻗﺎﺩﯨﺮ،
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺋﺮﯨﭙﯩﮕﻪ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺗﺎﭘﯘﺭ ﻗﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﻪﺩﯨﭗ، ﺷﺎﺋﯩﺮ .
ﻧﯩﺴﯩﭗ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻨﻰ .

ﺋﯜﺗﯜﭖ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﯖﺪﺍ ﺗﯚﺕ ﻳﯜﺯ ﻳﯩﻞ ھﺎﯞﺍﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮ،
ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﺶ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ ﺷﻪﻛﻠﻪﻥ ﯞﻩ ﻣﻪﺋﻨﻪﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻱ ﺗﻪﻏﻴﯩﺮ .
ﺑﯩﺮﺍﯞﻻﺭ ﻗﻪﺳﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺑﯧﺘﻰ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﺗﻪھﺮﯨﺮ،
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﯩﺪﻯ ﺑﯩﺮ ھﻪﺭﯨﭗ، ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺳﺎﻛﯩﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﺯﯨﺮ.
ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻙ ﻧﻪ ﻣﯜﺷﻜﯜﻟﺪﯗﺭ ﺑﯘ ﻣﯚﺟﯩﺰﻩ - ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺗﻨﻰ .

ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯚﻣﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻳﺎ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺯﺍﺕ ،
ﺋﯘﻗﯘﭖ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ < ....... >ﻧﻰ ھەيھات .
ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻗﯘﺩﺩﯗﺳﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﻪﻧﯟﺍﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺮﺷﺎﺕ،
ﻧﻪﺑﯘﯞﻩﺕ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﻠﯩﺴﻪ ﺑﯘ ﻧﯩﻴﺎﺕ .
ﻧﯩﭽﯜﻛﻤﯘ ﺋﯩﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺱ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ .

ﺋﯘﻗﯘﭖ ﻛﯚﺭﺳﻪﻙ ﺑﯘﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﺮﻯ ھﯩﻜﻤﻪﺗﺘﯘﺭ،
ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪھﺎﻟﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻰ ﭘﻪﺯﻟﻰ -ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﺘﯘﺭ.
ﺭﻩﻗﯩﭙﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﯩﺮﺍﭘﯩﻤﯘ ﺑﯘﯕﺎ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ھﯚﺟﺠﻪﺗﺘﯘﺭ ،
ﺑﯘ ﺯﺍﺗﻨﯩﯔ ﺋﺴﻤﻰ ﺷﻪﺭﯨﭙﻰ ﺭﻩﺳﯘﻝ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩﺩﯗﺭ .
ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯚﻟﻤﻪﺱ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﻪﺳﺮﻯ ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺗﻨﻰ.

ﻧﻪﺑﯘﯞﻩﺕ ﺗﺎﯕﻰ ﺋﺎﺗﻤﺎﺳﺘﺎ ﺋﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯩﯔ ھﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﯓ،
ﺟﺎھﺎﻟﻪﺕ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻧﯩﭻ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﯓ .
ﺯﺍﻻﻟﻪﺕ ھﻪﻡ ﺭﻩﺯﯨﻠﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻳﺎﯞﯗﺯ ﺋﯩﻤﺴﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﯓ ،
ﻣﯩﺴﺎﻝ : ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺗﯘﻏﯘﻟﺴﺎ ﮔﻪﺭ ﺯﻩﺑﯘﻥ ﺋﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﯓ .
ﻳﯩﻤﯩﺮﺩﻯ ﻧﻪﺑﯘﯞﯞﻩﺗﻼ ﺋﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺭﭼﻪ ﺯﯗﻟﻤﻪﺗﻨﻰ .

ﯞﻩھﯩﻨﻰ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ئىلھام ﺩﯨﻴﯩﺸﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻥ ھۆكمەن،
ﯞﻩھﺎﻟﻪﻧﻜﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ ﻗﯩﺴﺴﻪ ﻳﺎ ﺭﻭﻣﺎﻥ .
ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﻠھﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮔﻪﺭ ﺋﯩﻤﻜﺎﻥ،
ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﺯﻣﯩﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻢ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ .
ﻧﯩﭽﯜﻛﻤﯘ ﺋﯩﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺱ ﻛﯩﺸﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ .

ﺑﯩﺮﺍﯞﻻﺭ ﻗﯩﻠﺪﯨﻠﻪﺭ ﺩﻩﺋﯟﺍ، ﻧﻪﺑﯩﻠﯩﻚ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ھﻪﺗﺘﺎ،
ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻣﯩﯔ ھﯧﻠﻪ -ﻧﻪﻳﺮﻩﯕﻠﻪﺭ, ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺗﻪﻗﯟﺍ.
ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺋﺎﻳﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﻗﻠﯩﺪﻟﻪﺭ،ﯞﻩ ھﻪﺗﺘﺎ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﻏﻪﯞﻏﺎ.
ﺟﺎھﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﺘﻠﻪﺭ ﻟﯩﻜﯩﻦ، ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﻟﻪﻣﮕﻪ ﻣﯩﯔ ﺭﻩﺳﯟﺍ.
تاپالماس چۇنكى باتىللىق،ھەقىقى شانۇ-شۆھرەتىنى.

ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯘﻟﯘﻕ ﻣﯚﺟﯩﺰﻩ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ،
ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻟﯩﻞ ﻻﺯﯨﻢ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﻘﺎ ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ.
ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺳﺎھﯩﭙﻠﯩﺮﻯ ﺟﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻪﺭ ﺗﻪﺳﺘﯩﻖ, ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﺘﻪ،
ﺋﻪﮔﻪﺭﭼﻪ ﻳﺎﻕ ﺩﯨﺴﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯘﺧﺎﻟﯩﭙﻼﺭ ﺟﺎھﺎﻟﻪﺗﺘﻪ.
ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺭﻩھﻨﺎﻣﻪ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ﺋﻪﺩﯨﻞ ، ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻪ ﭘﯩﻜﺮﻩﺗﻨﻰ.

ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ

ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺩﯦﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﺎﻣﭽﯩﺪﯗﺭ ﺋﻪﻣﻤﺎ،
ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻧﺪﯗﺭ ﻗﻮﻳﺎﺵ ﺋﻪﻛﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻣﭽﻪ ﺳﯘﺩﯨﻤﯘ ھﻪﺗﺘﺎ.
ﻗﻪﺳﯩﺪﻩﻡ ﺋﻪﻟﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﺳﻪ ھﯧﺪﺍﻳﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﻪﺋﻨﺎ،
ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﺷﯘ ﺋﯩﺪﻯ ﻣﻪﻧﭽﯜﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﻪﻥ ﺋﯚﺯﮔﯩﮕﻪ ﺗﻪﺷﻨﺎ.
ﻛﯚﭼﻪﺗﻨﻰ ﺗﯩﻜﻜﯜﭼﻰ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﻱ ﺋﯚﺗﺴﻪ ﺭﺍھﻪﺗﻨﻰ.

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩﻡ ھﻪﻗﻘﻪ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺋﻪﺗﯩﻤﺎﺩﯨﻢ ﺑﺎﺭ،
شۈكرىكىم،ھەق ئاتا قىلغان ئىرادە ئىتىقادىم بار.
ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺳﺎھﯩﺒﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ ﺩﯨﻠﯩﻤﺪﺍ ﭘﻪﺧﺮﯗ -ﻳﺎﺩﯨﻢ ﺑﺎﺭ،
ﺩﯨﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﮔﯘﺳﺘﺎھﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻧﯩﻤﻪ ھﻪﺩﺩﯨﻢ ﺑﺎﺭ.
ﭘﯩﺴﻪﻧﯩﺖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺱ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺗﻪﺋﻨﻪ -ﻣﺎﻻﻣﻪﺗﻨﻰ.

ﺟﺎھﺎﻥ ﺑﺎﻗﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻟﻮﻗﻤﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ ﺗﺎﭘﻤﯩﺪﻯ ﺩﻩﺭﻣﺎﻥ،
ﻣﯩﺴﺎﻟﺪﯗﺭ ﺭﻭﻣﻰ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﯞﻩ ھﻪﺗﺘﺎ ﯞﻩھﺸﻰ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ.
ﻛﯧﻠﯩﭗ -ﻛﻪﺗﻤﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻝ ﺟﺎھﺎﻧﻐﺎ بىھىساپ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ،
ﺋﯚﺗﻪﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎ، ﻛﯧﭽﻪﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ھﻪﻗﻼ ﺳﯜﺭﻩﺭ ﺩﻩﯞﺭﺍﻥ.
ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﯩﺪﻩ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢنىھايەتﺷﯘ ھەقىقەتنى.

ﺑﺎھﺎﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻳﯜﺯﯨﺪﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﻟﮕﻪ،
ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ ھﻪﻡ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ.
ﻗﯘﻻﻕ ﺳﺎﻟﻤﺎﻱ ﺋﯘﻟﯘغ ﺗﻪﯕﺮﯨﻢ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ،
ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺩﻩﯞﺍﺩﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﺗﻮﻳﯘﻧﻤﺎﺱ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻧﺎﻕ ﻧﺎﻧﮕﻪ.
ﺑﯚﻳﯜﻙ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﯜﮔﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﻠﻤﻪﻙ ھەم ﺗﯩﺮﯨﺸﻤﺎﻗﻨﻰ.
ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻥ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﻘﺎ ﺋﯩﮕﯩﻠﻤﻪﻱ ﺋﻪﺟﻨﻪﺑﻰ ﺧﺎﻧﮕﻪ
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(kunkiz)
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 22:52 |
kunkiz
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 14159
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 5501
شۆھرەت: 2365 نۇمۇر
پۇل: 608 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 150(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

kaxkar_ogli
سىز نىمانداق ئادەم كۈلدۈرسىز دەيمە ، مىنىڭ يۈتكەن نەرسىلىرىم سىزنىڭكىدىن  جىق . مىنىڭ دەرىجەم 22 ئىدى  ، سىزنىڭلا ئەمەس ھەممىمىزنىڭ شۇنداق بولدى . مەن مۇنبەر پۇلى ياكى دەرىجە ، ياكى تۇن-چاپانلا بىلەن ھىساپلىشىپ ئولتۇتمايمەن پەقەت يۈتۈپ كەتكەن تىملىرىمغا نەچچە ئايلىق ئەجرىمگە ئەپسۇسلىمەن . لىكىن قاخشىساقمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ  ، تىملىرىمىزنى قايتىدىن يوللايلى كىرەلمىگەن تورداشلا قايتا تىزىملىتىپ كىرسۇن مۇنبەرنىڭ يىڭى كەيپىياتىنى ھەمىمىز بىرلىكتە جانلاندۇرايلى . بۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق .
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 23:15 |
taket
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29163
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 106 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-13

 

مىنىڭ يازغان ئىنكاسلىرىم قىنى ؟  بۇ زادى قانداق ئىش ؟
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 23:28 |
kunkiz
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 14159
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 5501
شۆھرەت: 2365 نۇمۇر
پۇل: 608 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 150(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

***************
رۇبائىيلار(1)
***************

(ئون يىللىق ئاپەت مەزگىلىدە يېزىلغان)

(1)
قەلەم سۇندى، ئەلەم ئەزدى دىلىمنى.
شامال دارىپ كىكەچ قىلدى تىلىمنى.
قولۇم تۇتماس، پۇتۇم باسماس پالەچ مەن،
نىمەم بىلەن قىلاي رازى ئېلىمنى؟
(2)
قارا يىللار بۆشۈكىگە تۇغۇلدۇم.
تۇغۇلدۇميۇ، قەپەز ئىچرە بوغۇلدۇم.
ئۆمرۈم مېنىڭ ھەسرەت بىلەن ئۆتەرمۇ؟
ئەلگە خىزمەت قىلاي دىگەن ئوغۇلتۇم.
(3)
يوق ئىدىم، بىر كىچىدە بار قىلدى مېنى.
بار قىلدىيۇ، جاپاغا دۇچار قىلدى مېنى.
يەتمەسمىدى شۇ، پەرزەند تاپقىنىم نىمە؟
ساراڭلىقىم تولا گۇناھكار قىلدى مېنى.
(4)
مېنىڭ مەن بولمىقىم ئۆز مەيلىم ئەمەس.
يا ئورۇق - سېمىزلىك تۈپەيلىم ئەمەس.
ئۆز يۇرتتا مۇساپىر، ئۆز يۇرتتا غېرىب
بولمىقىم ھەرگىز ئۆز خۇي - پەيلىم ئەمەس.
(5)
تىرىك دىسەم تىرىكلىكتىن مەنا يوق.
ئۆلەي دىسەم ئۆلمىكىمگە بانا يوق.
كۈندە خىيال، كۈندە تەشۋىش، كۈندە غەم،
دەردىم ئېيتسام دەردكە دەرمان دانا يوق.
(6)
بۇ نىچۈك تۇرمۇشكى ئەمدى، پاك كىشى ئاندىن بىزار.
تەن بىزار جاندىن يەنە جانمۇ ھەم تەندىن بىزار.
كۆڭلۈم ئىستەر مەڭگۈلۈك خىلۋەت ماكان.
ۋاھ ئەجىبكىم! دىلمۇ بۇ جاندىن بىزار.
(7)
ئىلمىڭ بولدى نىمەيۇ، ئەقلىڭ نىمە؟
ئادىمىيلىك خىسلىتىڭ، پەزلىڭ نىمە؟
باقمىسا دەۋران ساڭا كۈلمەس گۈلۈڭ.
قانچىلىك سىڭگەن بىلەن ئەجرىڭ نېمە؟
(8)
قارۇنغا خەزىنەيۇ، ئەيساغا ئېشەك.
چىۋىنگە قەنت - شىكەر، ھۇماغا سۆڭەك.
نىمە بۇ بۇنچىلىك بىدادلىق، سىتەم؟
قاچانمۇ تۈزىلەر رەپتارى پەلەك؟
(9)
تۆرەلمەكلىك مېنىڭ ئۆز ئىشىممىدۇر؟
تۇغۇلماقلىق مېنىڭ خاھىشىممىدۇر؟
ئانامنىڭ قارنىغا سىغقان ئىدىمكى،
جاھانغا سىغمىغان شۇ بېشىممىدۇر؟
(10)
ئۈمىد پەرقلەندۈرەر بىزنى شەيتاندىن،
ئۈمىدسىز - شەيتان ئىمىش بىنەسىپ جاندىن.
مەڭگۈلۈك زۇلمەتتە قالماس بۇ ۋەتەن.
ئۈمىدنى ئۈزمىگىن سەن سۇبھى تاڭدىن.


***************
رۇبائىيلار(2)
***************

(1)
قاياشتۇر ئاي بىلەن قۇياش ئۆمۈربات.
قۇياشسىز قالسا ئاي بولۇر زۇلۇمات.
ھاياتىم بۆشۈكى شۇ ئانا ۋەتەن،
ۋەتەنسىز نە قىلسۇن بۇ تەندە ھايات؟
(2)
ئۆستۈردى قوينىدا مېنى شۇ تۇپراق،
ئۆلسەممۇ ماڭا ئۇ بولغۇسى يۇمشاق.
شۇ ۋەتەن ئىشقىدىن ئۇلۇغ نىمە بار،
سىغمايدۇ كۆڭلۈمگە بۆلەك ئىشتىياق.
(3)
مەجنۇن تال قەددىنى ئېگىپ مۇلايىم،
سۇ بەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم.
سۈت بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا
بۇرچىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم!
(4)
ھەر قانچە ئىگىزدە قوش پەرۋاز قىلار،
ئوزۇغى، ئۇۋىسى يەر ئۈزرە بولار.
يەتتىنچى ئاسمانغا يەتسىمۇ بېشىڭ،
پۇتلىرىڭ ھامان شۇ تۇپراقتا تۇرار.
(5)
ئانا سۈتى ئاقارتقاي دىلىڭنى سېنىڭ،
مەرىپەت يورۇتقاي يولۇڭنى سېنىڭ.
ۋەتەنگە مۇھەببەت كۈچ - ئۈمىد بېرىپ،
پەلەككە يەتكۈزگەي قولۇڭنى سېنىڭ.
(6)
تاھىرغا ئۆزىنىڭ زوھراسى ياخشى،
مەجنۇنغا ھۆردىنمۇ لەيلاسى ياخشى.
مېنىڭ بۇ سۆيگۈگە چاڭقاق دىلىمغا،
ۋەتەن گۈلزارىنىڭ رەناسى ياخشى.
(7)
جاھاندا ئىككى نەرسە مەڭگۈ ئۆلمەس.
بىرى خەلق، بىرى «ھەق ئىگىلەر سۇنماس»
بۇلۇت گەرچە توسار بەزىدە قۇياشنى،
قۇياش ئۆچمەس، يۈزىگە توزان قونماس.
(8)
چىۋىننىڭ قانىتى ئاينى ياپالماس.
چۈمۈلە ھارۋىنى يولدىن توسالماس.
ئالقانچە يەردىكى قۇياش نۇرىنى
مىڭ ھارۋا توپىمۇ ھەرگىز كۆمەلمەس.
(9)
باھار كەتسە توزار گۈلشەندە غۇنچە،
تىرىكنىڭ قەدرىمۇ كۆز يۇمۇلغۇنچە.
لېكىن ئۆلمەس كىشىلەر ھەم بار جاھاندا،
قوياشنىڭ ئۆمرى قانچە، ياشار شۇنچە.
(10)
ئاقار دەريا يۈزىمۇ قىشتا مۇزلار،
قىزىلگۈلنىڭمۇ بىر كۈن خازانى بار.
ئۇلۇغ غايە بىلەن سوغۇرۇلسا دىل،
ئۇنىڭدا ھەمىشە تۆت پەسىل باھار.
(11)
بىراۋلار ئەلگە قىلدى جاننى قۇربان،
بىراۋلار تەر بىلەن گۈللەتتى بوستان.
ئالار قۇش تۈلكىنى ئۈنسىز- تاۋۇشسىز،
قاقاقلار بىر تۇخۇم تۇققانغا مىكىيان.
(12)
كىشىكىم مەيلى شاھ، مەيلى گادادۇر
ۋە مەيلى دانىشمەن، مەيلى سىپاھدۇر.
دېڭىزدىن تامچە بىز ھەرقاندىقىمىز.
ئادەمزات تارىخى بۇڭا گۇۋاھدۇر.
(13)
مېنى باغدىن ئەمەس چۆلدىن ئىزلەڭلار،
ۋە يا باغراش دىگەن كۆلدىن ئىزلەڭلار؛
ئۇنىڭدىن ياخشىسى ئۇزۇن سەپەردە-
يېقىلغان گۈلخاندىكى كۈلدىن ئىزلەڭلار.
(14)
چېچىپ نۇر قوغلايدۇ زۇلمەتنى گۈلخان.
ئۆزى كۈل بولۇپ دەشتتە قالار بىنىشان.
نە يەڭلىغ ئۇلۇغۋار ئۇنىڭ غايىسى.
بولالىسام كاشكى شۇ گۈلخانسىمان.
(15)
بۇلبۇل ئېيتۇر: گۈلزارىمدىن ئايرىما،
لاچىن ئېيتۇر: قاناتىمنى قايرىما.
مەن ئېيتۇرمەن: بېلىق سۇسىز نە قىلغاي،
مېنى خەلقىم قۇچاغىدىن ئايرىما.
(16)
ئۆمۈرنىڭ تولىسى ئۆتتى مەنىسىز.
قاراڭغۇ شولىدەك ئۈنسىز، شولىسىز.
قىراۋ باستى باش ۋە ساقالنى تەڭلا،
ئەمدى قالارمۇ مەندىن بىرەر ئۆچمەس ئىز؟
(17)
ئالدىمدا بىپايان ۋادىلار، باغلار.
ئارقامدا ئاسمانغا تۇتاشقان تاغلار.
تىزلەتسەم قەدەمنى نە بەخت ئىدى؟
دەرىخا، كەلمەس ئۇ نەۋقىران چاغلار.
(18)
شاتلىق بىلەن قايغۇ قوشگېزەك ئىمىش،
مۆلدەرگە ئاھارۇ-كۇز بىردەك ئىمىش.
ئۇتۇقتا يوق دىمە ئوڭۇشسىزلىقنى،
كىشىلىك ھاياتى شۇ دىمەك ئىمىش.
(19)
ئۆمۈر مەنزىلى ئاق قەغەزگە ئوخشار،
ھەر باسقان قەدەمدىن بىر ئىزىڭ قالار.
يا ماختان، يا ئۆكۈن ئۆزۈڭنىڭ ئىشى،
ئەڭ ئادىل ھۆكۈمنى ئەل ئاڭا يازار.
(20)
ئالتۇن جام ئىچرە مەي قوزغاتسا ھەۋەس،
گۈزەلنىڭ كۆزلىرى سېنى قىلسا مەس.
كۇنۇڭ ئۆتسە ئالقىش- ماختاشلار ئارا،
ئاگاھ بول، ھاياتنىڭ بۇ ئۆزى ئەمەس!
(21)
قارىغاينىڭ كۆكلىگى ئۇنىڭ زىننىتى،
تۈزلىگى ئۇنىڭكى قەدىر - قىممىتى.
ھەر كىشى قارىغايدەك بولالىسا تۈز،
ئەل ئىچىرە ساقلىنار ئىززەت ھۆرمىتى.
(22)
ئەل غېمى، شاتلىغى ئىلھامغا بۇلاق،
ئۇنىڭسىز شېئىردا بولماس خوشپۇراق.
كۆر، ئالتۇن قاچىغا چىلانسىمۇ گۈل.
سولىشىپ كېتەر تېز بولمىغاچ تۇپراق.
(23)
ئەل ئۈچۈن يۈگۈرتسەڭ قەغەزدە قەلەم،
تاغلارنىڭ بېشىغا تىكەرسەن ئەلەم.
ۋە لېكىن سۇ قوشۇپ قويساڭ سىياغا،
ئىزلىرىڭ تېز ئۆچۈپ چېكەرسەن ئەلەم.
(24)
ﺷﯚﮬﺮﻩﺕ ﻛﻪﻣﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﺯﺍﺗﻘﯩﭽﻪ ﻗﻮﻝ،
ﺋﻮﺗﯘﻧﭽﻰ بوۋاينىڭ ﺋﺎﺭﻏﺎﻣﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻝ.
ﺗﺎﺟﯩﺪﺍﺭﻻﺭ تاجىنىڭ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ،
ﻛﯚﻛﻠﻪﻡ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭىنىڭ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻣﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻝ.
(25)
شېئىر يازماق ئاسان، ھەق سۆزلىمەك تەس.
شائىرغا ھېرىس -تاما بولمىغاي ھەۋەس.
يازغاننى قەدىرلە ئاۋال سەن ئۆزەڭ،
سېتىپ خەجلىگىلى ئۇ تاۋار ئەمەس.
(26)
بىلىمدۇر يۈگەنسىز بىر ئۇچقۇر تۇلپار.
مىنەلىگەن كىشى مۇرادقا يېتەر.
ئۇ شۇنداق ئاجايىپ مۆجىزىدۇركى،
قارا تاش ئۈستىگە تىرىساڭ ئۈنەر.
(27)
كىشى ھەر نەرسىنى بىلمەككە ماھىر.
بىلىپ بولماققا لىكىن ئۇ ئەمەس قادىر.
ئارىستودەك ھەكىممۇ ئېيتقان ئىدىكى:
«بىلگەنسىرى بىلدىم بىلمەسلىكنى ئاخىر»
(28)
قەددىڭنى پۈكۈپ سەن قىلمىغۇنچە يا،
ئاقمىسا تەرىڭدىن ۋە ياكى دەريا،
ئىندەككە كەلمەيدۇ بىلىمنىڭ قۇشى،
قەلبىڭدە گەر بولسا تېرىقچە رىيا.
(29)
بىلىم ئۇ، خۇددى چىن سۆيگۈ مىسالى،
پەرھاتقىلا مەنسۇپ شىرىن ۋىسالى؛
كىمىكى ساختىلىق قىلسا خسراۋدەك،
ۋىسالغا ئېرىشمەك ئۇنىڭ خىيالى.
(30)
سايلام بىلەن كىشى تۆرگە چىققان بار.
دۆلەت قۇشى قونسا ئەمەل تۇتقان بار.
ۋەلىكىن ئالىملىق مەرتىۋىسىنى
رىيازەت چەكمەستىن قاچان تاپقان بار؟
(31)
ئۆتنە - يېرىم قىلماق تۇرمۇشتا بار ئىش.
بىلىمنى ئۆتنىگە ئالماقلىق خار ئىش.
بىراۋنىڭ تونىدا تەرلەيمەن دىيىش
ۋىجدانلىق كىشىگە بىر ئۆمۈر ئار ئىش.
(32)
بىلمەكتىن مۇرات - نام - شۆھرەت ئەمەستۇر،
شۆھرەتكە ئىنتىلىش رەزىل ھەۋەستۇر.
بىلگەننى دان قىلىپ ئېتىزغا چاچساڭ،
ھوسۇلى ئەلگە بولسا، ئۇشبۇ بەستۇر.
(33)
ئالدىڭدا يېقىملىق شام - چىراققا باق،
كېچىنى قىلىدۇ كۈندۈزدەك ئاپپاق.
تەپەككۈر كۆزىدە ئۇنى بىر كۈزەت،
ئۆزى ئۈچۇن يانامدۇ ئۇشبۇ شام - چىراق.
(34)
ماڭلايدىن ئاقمىسا تارام - تارام تەر.
كۆكەرمەس ھىچقاچان باھاردىمۇ يەر.
بىلىم مەنزىلىمۇ تاشلىق، داۋانلىق،
نىچۈن ئالغاي مىدال جەڭدىن قاچقان ئەر؟
(35)
گەر نادان ئۈگەتسە ساڭا ئەقىل - ئىش.
كۈلۈپ قويغىن ئاڭا سەن قىلما كايىش.
ئېشەكنىڭ بىمەھەل ھاڭراپ تاشلىشى
ئاتوم دەۋرىدىمۇ ئەزەلدىن بار ئىش.
(36)
دۇئا قىلسا ھەر ۋاخ مۆئمىن - مۇسۇلمان
تىلەيدۇ دوزاقتىن بولماقنى ئامان.
ۋەلىكىن دوزاقنىڭ ئۆزى ئېيتارمىش:
«مەن ئۆزۈم قورقىمەن ناداندىن يامان.»
(37)
يولۇڭ بولسا توغرا مەردانە بولغىن.
ھەقىقەت شامىغا پەرۋانە بولغىن.
«ئېشىڭ بولسا ھالال تۆت كوچىدا ئىچ»
دەيدۇ ئەل. ھەق ئۈچۈن قۇربانە بولغىن.
(38)
كۆڭۈل بوستانىغا جاھان سىغىدۇ،
جاھان تۇرماق ھەتتا ئاسمان سىغىدۇ.
مۇبادا رەشىك - ھەسەت قاپلىسا ئۇنى،
تېرىقنىڭ قاسرىغىمۇ ئاران سىغىدۇ.
(39)
ئاسمانغا نەزەر سال، يۇلتۇز بىساناق،
ئۇسۇشمەي ئۆتىدۇ ئەزەلدىن ئىناق.
جاھان كەڭرى، دوستۇم، يېتەر ھەممىگە،
ئادەمگە ياراشماس سۆڭەك تالاشماق.
(40)
كۆپەيسە دۈشمىنىڭ سەن بولما غەمناك.
بېرىدۇ ئۇ ساڭا ئەقىل ھەم ئىدراك.
ئەگەردە چاقمىسا ئادەمنى يىلان،
نەدىن تېپىلاتتى دورايى تەرياك؟
(41)
ئۇنىكىم، دوست دىمە راھەتتە ئىناق.
ئايرىلسا غۇربەتتە سېنىڭدىن بىراق.
سايەڭگە نەزەر سال تەپەككۇر بىلەن،
يورۇقتا بىللەدۇر، زۇلمەتتە يىراق.
(42)
ئۇنىكىم، دوست دىمە غەيۋەتكە ماھىر.
سېنى ھەم قويمىغاي بىر چەتتە ئاخىر.
مىسال شۇكى: چايانغا بەرى ئوخشاش،
قېرى - ياش ھەم بوۋاق، دانىش، ئاكابىر.
(43)
ئۇنىكىم، دوست دىمە ھەر كۈندە ۋەدە.
بۈگۈننىڭ ئەتىسىمۇ يەنە ئەتە.
مىسالى چۆلدىكى ۋىلۋىلگە ئوخشار.
ئۇنى قوغلاپ يېتىشمەك ساڭا نەدە؟
(44)
ئۇنىكىم، دوست دىمە، ھەم ساڭا يولداش.
رەقىبىڭ بىرلە ھەم ئۇ بولسا مۇڭداش.
مىسال شۇكى: نىمە دەر خەلقى ئالەم،
ئەگەردە ئىككى يار تۇتسا قەلەمقاش؟
(45)
نىچۈن ئوتقا ئۇرار ئۆزىنى پەرۋانە؟
نىچۈن شام ئاققۇزار كۆزدىن دۇردانە؟
نە بىلسۇن ھاياتنىڭ بۇ سىرلىرىنى
تۇرمۇشنى تەرك ئەتكەن زاھىد مەستانە؟
(46)
يالغانچىنىڭ تىلى چېچەكسىز پىلەك.
چېچەكسىز پىلەكتە بولامدۇ خەمەك؟
ئۇزارغانسىرى ئۇ ئۆز ئىگىسىنى
بوغىدۇ يىلاندەك بولۇپ چەمبىرەك.
(47)
ئالتۇن ھەل يالاتساڭ كېسەكتۇر كىسەك.
گەر ھالۋا بەرسەڭمۇ تىزەكلەر ئېشەك.
كۆرۈمسىز شۇ پىلە قۇرۇتىغا باق،
يەپ ئاددىي يوپۇرماق بېرىدۇ يىپەك.
(48)
بۈيۈك تاغنى تالقان قىلسىمۇ گەر
ئۆزىگە تەمەننا قويماس يىگىت - ئەر.
كۆر پىلە قۇرۇتى چېغىدا ھەر يىل
بەرسىمۇ غوزىنى بىمىننەت ئۆلەر.
(49)
قېرىماس نەرسە يوق جاھاندا پەقەت.
قۇياشمۇ قېرىيدۇ ھەتتا ھەر سائەت.
ۋەلىكىن بۇنىڭمۇ مۇستەسناسى بار،
ئۇنىڭكى نامىدۇر سۆيگۈ - مۇھەببەت.
(50)
ئەزىم دەريا ئاقار شاۋقۇن - سۈرەنسىز.
نى ئەرلەر قالدى چۆل - دەشتتە كىپەنسىز.
نە ھاجەت كۆرەڭلەش بىزگە ئەي دوستۇم!
ئايلىنار يەر شارى سەنسىزمۇ - مەنسىز.
(51)
نى ئەرلەر كەچتى قان، يەنە قان كېچەر.
ئەل بەختى يەنە كۆپ قان - تەرنى تىلەر.
قان ۋە تەر ئاققۇزۇپ بولۇپ بىر ئۆستەڭ
قاندۇرساڭ چۆلنى ئەل ئەجرىڭنى بېرەر.
(52)
جاراڭلىق ھەر سادا بولمايدۇ ناخشا.
مۇھەببەت - نەپرەتسىز چىقمايدۇ ناخشا.
ئېشەكمۇ بەزىدە ھاڭرايدۇ قاتتىق.
ئۇنى ئەل ھىچقاچان دىمەيدۇ ناخشا.
(53)
ئەجەپ بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دىگەن،
ھەر تەندە ئۇ ھەر خىل ھىس قىلار ئىكەن.
ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابىن،
ئىلغىدا ئېسىقلىق سېسىق گۆش ئىكەن.
(54)
بىر زاھىد ئۆتەركەن نامازنى سەھەر.
ئوي - پىكرى جەننەتتىن ھۆرلەرنى ئىزلەر.
شۇ چاغدا بىر دىھقان قوغۇننى كۈچلەپ،
«ئىلاھىم ئوخشىغاي بۇ قوغۇنۇم» دەر.
(55)
سۇۋادان تىرەككە تاش ئاتماس كىشى.
سەۋەپ شۇكى يوقتۇر ئۇنىڭ يىمىشى.
يىمىشلىق دەرەخكە تىگىپ كۆپ تاياق
ھەمىشە يېرىقلىق تۇرىدۇ بېشى.
(56)
ياشلىق - ھەر كىشىنىڭ گۈلىستان بېغى.
ھەر تاڭدا بۇلبۇلنىڭ ناۋاكەش چېغى.
بىر قاچا سۈت بولسا بۇ ئۆمۈر دىگەن،
ياشلىقىڭ شۇ سۈتنىڭ قايمىقى، يېغى.
(57)
ياشلىقتۇر ئۆمۈرنىڭ تۇنجى باھارى
باھارغا باغلىقتۇر بىر يىلنىڭ كارى.
نىمە چاچسا يەرگە باھاردا دىھقان
شۇنىڭ بىرلە توشقاي كۈزدە تاغارى.
(58)
كۆكلەم - باھار كەتسە يېنىپ كەلگەن بار.
جاندىن كەچسە ئەگەر يارنى سۆيگەن بار.
ۋەلىكىن نەدىمۇ بىر قىتىم كەتكەن
ياشلىقنىڭ كەينىدىن قوغلاپ يەتكەن بار؟
(59)
ۋەتەن يادى مېنىڭ سۈبھىگاھىمدۇر،
ئۇ كۈندۈز ئاپتىپىم، تۈندە ماھىمدۇر.
ئەگەرچە ئەيلىسە رەشىك مەيلى كەئىبە،
ئانا تۇپراق مۇقەددەس سەجدىگاھىمدۇر.
(60)
نەزەر سال يېقىلغان گۈلخانغا بىر دەم.
ئۇنىڭ خۇلقى - مىجەزى قانداق مۇكەررەم.
يورۇتقاچ بىپايان چۆللەرنى شۇڭا
ياتار ئۇ كۈل بولۇپ كەتسىمۇ دىلجەم.
*****************************************************************(مەنبە: « ئۆمۈر مەنزىللىرى » شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى. 1985 - يىل 6 - ئاي نەشرى)
ئەسرىم مۇنبىردى ئىلىندى .
retim BLOG
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 17:23 |
isil
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 28998
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 1 نۇمۇر
پۇل: 103 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-13

 

ھەي ئىسىل ئادەمتى جۇمۇ؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛
retim BLOG
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-10 21:57 |
ilyaruk
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 24106
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 27
شۆھرەت: 37 نۇمۇر
پۇل: 205 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 70(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!!!!
مەرھۇمنى ،ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىۋالغىنىمىز قاپتۇ....ئەجەپ ياخشى قىپتىمىز ،دەپ سۆيۈنۈپ كېتىمەن، بەزى چاغلاردا.........
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-10 23:02 |
samsah
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29864
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 112 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

............
Qaldi iz Qaldi Qalam Qolimiz Sunup
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-15 17:01 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :09-17 17:41
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号