ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ جاھىزگە يۈكلىگەن سۆزىگە رەدىيە
يۈسۈپجان ياسىن
<<بۇلاق>> ژورنىلىنىڭ 2008 يىللىق 3- سانىدا ئابدۇقادىر جالالىدىن ئىسىملىك بىر ئاپتورنىڭ << << تۈركىي تىللار دىۋانى>> دا ئەكىس ئەتكەن ئەدەبىيات چۈشەنچىلىرى>> دېگەن بىر ماقالىسى ئىلان قىلىنغان. ئاپتۇر ماقالىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا يۈكسەك ئورۇن تۇتىدىغان <<تۈركىي تىللار دىۋانى>> دىكى ئەدەبىي چۈشەنچىلەر ھەققىدە ئىزدىنىپ، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئەدەبىي ھاياتنى ۋە شۇ دەۋر ئۇيغۇرلىرىنىڭ بەدىئىي زوقىنى بىزگە تۇنۇتۇپ بىرىشكە تىرىشقان. ماقالىدا ئاپتورنىڭ توختالغان تېمىسى دەل مىللەتنىڭ ئاساسىي مۈلكى بولغان مىللىي خاتىرىگە ئائىت بەلگىلەر ئىدى. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، ماقالىنىڭ تېمىسى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەمەلىيەتتىمۇ مىللەتنىڭ مىللىي خاتىرىسى ھىساپلانغان ئەپسانە -- رىۋايەت، ماقال - تەمسىل، داستان، مەسەل، ھىكايە -- چۆچەك، شېئىر -- قوشاقلارنى ۋە بۇلارنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئىجتىمائىي شارائىتلارنى، ئاشۇ ئىجتىمائىي شارائىتلارنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ماھىيەتنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مىللەتنىڭ پسىخىلوگىيىسىنى، تۇيغۇ ۋە ئىپادىلەش شەكلىنى، ماددىي ۋە مەنىۋىي بايلىقلىرىنى قىزىپ چىقىپ، ئۇنى مىللەتنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلادلىرىغا ئۇلاشتۇرغاندىلا ئاندىن كۈچلۈك بىر مىللىي مەنىۋىي ئۇل قۇرۇلىدۇ. مىللەتنىڭ ھوقۇق چۈشەنچىسىمۇ ئاشۇ مەنىۋىي ئۇلغا تايىنىپ قايتىدىن تىكلىنىدۇ. دېمەك، مىللەتنى تەتقىق قىلىش ئۇنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشتۇر.
ئاپتۇرنىڭ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ساھەدە قولغا ئالغان بۇ تېمىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىيات تارىخىدىكى بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقى تەبىئىدۇر. لېكىن، ئاپتورنىڭ بۇ تېما ئاستىدا <<دىۋان>>دىكى ئەدەبىي تەركىپلەرنىڭ قىممىتىنى تەپەككۇر، سەنئەت، ئىجتىمائىيەت ۋە تارىخىي رولى جەھەتتىن قايسى دەرىجىدە يورىتىپ بىرەلىگەنلىكى ھەققىدىكى ئىلمىي ۋە ھەقلىق باھالار ئەلبەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت تارىخى ئۈستىدە مېتودلۇق بىر تەتقىقات ئىقتىدارىغا ئىگە تەتقىقاتچىلارنىڭ ۋە قەلەم سوقىشىدىن خالى مەيداندىكى ھەقىقىي ئەدەبىي تەنقىدچىلەرنىڭ پىكرىگە قالدۇرىلىدۇ. شۇڭا، بىز بۇ يەردە بۇ ماقالىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى ئۈستىدە پىكىر قىلماي، پەقەت ئۇنىڭدا كۆرۈلگەن ئىنتايىن چوڭ بىر خاتالىق ئۈستىدە توختىلىمىز.
ئابدۇقادىر بۇ ماقالىسىدا ئىلىمدىكى چولتىلىق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك تەپەيلىدىن مەشھۇر ئەرەپ ئالىمى، تارىخچى، ئەدىپ، ئىلاھىيەتشۇناش ۋە ئۆز دەۋرىنىڭ تۈركولوگى جاھىزنىڭ ئىلمىي ئوبرازىنى قاتتىق بۇلغىغان.
ئاپتور تىلغا ئېلىنىۋاتقان بۇ ماقالىسىدا ئەسلى تېمىگە كىرىشتىن بۇرۇن <<دىۋان>>نىڭ مەيدانغا كىلىشىدىكى تۈرك ۋە ئەرەب دۇنياسىدىكى ئىجتىمائىي شارائىت توغرىسىدا ۋە <<دىۋان>>نىڭ مەدەنىيەت قىممىتى ھەققىدە ئومۇمىي بىر مەلۇمات بەرگەن. خۇددى ئاپتورنىڭ ئۆزىمۇ ماقالىسىدا ئەسكەرتىپ ئۆتكىنىدەك، مىلادى 8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن، بولۇپمۇ ئەرەب ئابباسىيلار خەلىپىلىكى قۇرۇلغاندىن كېيىن تۈركلەرنىڭ خەلىپىلىكتىكى ئورنى ۋە نۇپۇزى ناھايىتى كۈچەيگەن. بۇ چاغدا خەلىپىنىڭ تەقدىرى تۈركلەردىن چىققان دۆلەت ئادەملىرى ۋە قوماندانلارنىڭ قارارىغا باغلىق بولۇپ قالغان. تۈركلەردىن قۇرۇلغان خاس قۇشۇنمۇ خەلىپىلىكنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى بەلگىلىگۈچى كۈچكە ئايلانغان. مۇشۇنداق شارائىتتا تۈركلەر ۋە ئۇلارنىڭ خەلىپىلىكتىكى رولى ۋە ئېتىبارىغا قارىتا ئەرەپلەرنىڭ دۆلەت ئادەملىرى، قوماندانلىرى، مۇتەپەككۇر ۋە ئەدىپلىرى ئارىسىدا مۇنازىرە پەيدا بولغان. نەتىجىدە ئەرەبلەر ئارىسىدا تۈركلەر ھەققىدە ئىككى خىل قاراش ئوتتۇرىغا چىققان. بىرىنجى خىل قاراشتىكىلەر تۈركلەرنى مەدھىيىلىگەن ۋە ئەرەبلەر بىلەن تۈركلەرنىڭ ھەر ساھەدىكى مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشقا تىرىشقان، ئىككىنجى خىل قاراشتىكلەر تۈركلەردىن خەۋىپسىرەپ، ئۇلارنى كەمسىتكەن ۋە چەتكە تېپىشكە ئۇرۇنغان. بىر-- بىرىگە قارىمۇ قارشى بولغان بۇ ئىككى ئېقىمدىن پەيدا بولغان ئەدەبىيات خېلىلا دىققەتنى تارتقان. تۈركلەرنى مەدھىيىلەش تۈرىدىكى ئەدەبىياتنىڭ باش سەھىپىسىدە جاھىز بىلەن ئىبن ھاسسۈل ئورۇن ئالغان ئىدى.(1)ئەرەبلەرنىڭ تۈركلەر ھەققىدىكى ئىختىلاپلىق پىكىرلىرى ئۇزۇن مەزگىل داۋام قىلغان، بەزىدە بۇ ئىختىلاپ ئەرەپلەر بىلەن تۈركلەرنىڭ تۇقۇنىشىنى پەيدا قىلغان. ئۇنىڭ تەسىرى ھەتتا كۈنىمىزگىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
ئەمما، ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىسىدا جاھىزنى تۈركلەرگە قارشى ئېقىمدىكىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە تۇنۇتقان ۋە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئەرەب ۋە پارىسلاردىكى تۈركلەرنى كەمسىتىش خائىشىغا ۋە ئۇلارنىڭ تۈرك مەدەنىيىتىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىگە كەسكىن قارشى مەيداندا تۇرغانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغان. ھەقىقەتەن، مەھمۇد قەشقەرى مۇشۇنداق بىر پىكىرنىڭ تۈرىتكىسىدە <<دىۋان>>نى يازغان. لېكىن، ئابدۇقادىر تۈركلەر ھەققىدىكى قاراشتا جاھىز بىلەن مەھمۇد قەشقەرىنى بىربىرىگە ئىختىلاپلىق قىلىپ كۆرسەتكەن. ئابدۇقادىر ئەرەبلەردىكى تۈركلەرنى كەمسىتىس ياكى ئەيىپلەش كەيپىياتىغا جاھىزنىڭ سۆزى ئارقىلىق مىسال كۆرسەتمەكچى بولۇپ مۇنداق يازغان :<<ئەرەب يازغۇچىسى ئەمىر ئىبنى بەھرىل جاھىز(776-868) ئۆز يازمىلىرىدا تۈركىي خەلقلەرنى يالغانچى، ھاكاۋۇر، خوشامەتچى دەپ سۈپەتلىگەن بولسا، مەھمۇد كاشغەرىي نىشاپورلۇق بىر ئالىمدىن ئاڭلىغان <<تۈرك تىلىنى ئۈگىنىڭلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇزاق داۋام قىلىدۇ>> دېگەن ھەدىسنى نەقىل كەلتۈرۈپ، تۈركىيلەرنىڭ ھەربىي ئۈستۈنلىكىنىڭ كەينىدىكى كۈلتۈرەل سالاھىيەتنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ. >> (2) ئىككى مىللەتكە ۋە ئىككى دەۋرگە مەنسۇپ بۇ ئىككى ئالىمنىڭ تۈركلەرگە بولغان تۇنۇشىدا مۇشۇنداق رۇشەن پەرقنىڭ، يەنى زىددىيەتلىك پىكىرنىڭ بولغانلىقىنى ئالغا سۈرگەن ئابدۇقادىر ئۆز پىكرىگە دەلىل ياكى ئىشەنچىلىك مەنبە سۈپىتىدە پەقەت << <<دىۋان>>،1-توم، 2- بەت>> دېگەن بىرلا پاكىتنى كۆرسىتىش بىلەن چەكلىنىپ، ئاتالمىش جاھىزنىڭ تۈركلەرنى ھاقارەتلىگەن ئاشۇ سۆزىگە بولسا ھېچقانداق بىر ئاساس كۆرسەتمىگەن. مەن خېلىدىن بېرى تۈرك تارىخىنى ئۈگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش جەرىيانىدا جاھىزنىڭ تۈركلەرگە ئائىت مۇنداق سۆزنى قىلغانلىقىغا دائىر بىرەر مەنبەنى ئۇچرىتىپ باقمىغاچقا، ئابدۇقادىرنىڭ بۇ سۆزى مىنىڭ بەكلا دىققىتىمنى تارتتى. قولۇمدا جاھىزنىڭ 1988- يىلى ئەنقەرەدە نەشىر قىلىنغان تۈركلەرنىڭ خاراكتېرىگە ئائىت مەخسۇس ئەسىرى بار بولغاچقا، مەن بۇ ئەسەرنى قايتا-- قايتا كۆرۈپ چىقتىم. لېكىن، جاھىزنىڭ بۇ ئەسىرىنىڭ ھېچبىر يېرىدىن يۇقىرىدا دېيىلگەن ئۈچ سۆزنى تاپالمىدىم. دېمەك، ئابدۇقادىر بۇ مەسىلىدە ناھايىتى يەڭگىلتەكلىك بىلەن مەنبەسى ئېنىق بولمىغان پىكىرلەرگە باغلىنىپ، تارىخنىڭ ئەسلى قىياپىتىگە زىت بولغان بىر چۈشەنچىنى پەيدا قىلغان. ئەگەر ئابدۇقادىرنىڭ ئىلمى، پىكرىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرى بەلگىلىك تۈركۈمدىكى ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن ئاسانلا ۋە سۆيۈنۈپ تۇرۇپ قوبۇل قىلىنىدۇ دەپ قارىساق، ئۇ چاغدا بۇ ئۈچ سۆزدىن پەيدا بولغان ئىلىم مالىمانچىلىقىنىڭ يەنە شۇنچىلىك تۈركۈمدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ مېڭىسىدە ئاسانلا يەرلىشىپ بەلگىلىك كۈلەمدە ۋىروسلۇق پىكىرلەرنى ھاسىل قىلىشىمۇ تەبىئىدۇر.
ئالدى بىلەن شۇنى ئابدۇقادىرنىڭ سەمىگە سالىمىزكى، جاھىز بىر ئەرەپ بولغىنىغا قارىماي، تۈركلەرنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋە بۇ ھەقتە مەخسۇس <<فەزائىل ئەل-- ئەتراك>>، يەنى <<تۈركلەرنىڭ پەزىلەتلىرى>> دېگەن بىر كىتاپ يازغان ئالىم. بۇ جەھەتتە پىكىر يۈرگۈزگەن يات مىللەت ئالىملىرى ئىچىدە ھىچكىمنى جاھىز بىلەن تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ يەنە <<كىتاب ئەل -- ھاياۋان>> قاتارلىق باشقا ئەسەرلىرىدىمۇ تۈرك تارىخى ھەققىدە سۆز ئېچىلىدۇ. بولۇپمۇ مانى دىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقالغاندىن كېيىن، بۇ دىننىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربى ئىقتىدار ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. جاھىز تۈرك تارىخىنى، تۈركلەرنىڭ كۈلتۈر ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ھەر قانداق بىر ئالىم ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئالىدىغان بۈيۈك شەخس. ھەر قانداق بىر تۈرك تارىخچىسى ئۇنىڭغا پەقەت ھۆرمەت بىلدۈرۈشكىلا ھەقلىق. بۇ يەردە مۇھىم بىر مەسىلە باركى، ئۇ بولسىمۇ جاھىزنى ھەقىقىي چۈشىنىشتۇر. ئابدۇقادىرنىڭ ئاشۇ بايانلىرىدىن ئۇنىڭ جاھىزنىڭ تۈركلەرنىڭ خاراكتېرىگە دائىر ئەسىرىنى زادىلا كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ھەم جاھىز توغرىسىدىمۇ ئانچە كۆپ نەرسىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ۋە بىلگەنلىرىنىڭمۇ مۇجمەل ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا ئابدۇقادىرنىڭ نەزىرىدىكى جاھىزنىڭ سۆزى نەدىن پەيدا بولغان؟ تارىختا جاھىزنىڭ قەلىمىدىن مۇشۇنداق بىر سۆز راستلا يېزىلغانمۇ؟ يېزىلغان بولسا بۇ قانداق مەنبەلەردە ساقلانغان ۋە بۇنى كىم دەلىللىيەلەيدۇ...؟
گەرچە ئابدۇقادىر جالالىدىن جاھىزنىڭ سۆزى ئۈچۈن بىر مەنبە كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ تايىنىدىغان بىر ئاساسى بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ قانداق ماھىيەتتىكى بىر ئاساس ئىكەنلىكى ماڭا نامەلۇم. ئەگەر ئۇنى مەلۇم بىر مەنبەدىن ۋاسىتىلىق ئېلىنغان دەپ قارالسا، بۇ مەنبە نىمە سەۋەپتىن كۆرسىتىلمەيدۇ؟ ئابدۇقادىرنىڭ نەزىرىدە بۇ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدۇ دەپ قارالغان ئېتىبارى تۈۋەن بىر مەنبەمۇ -- قانداق؟ ئېتىبارسىز مەنبەلەردىنمۇ ئېتىبارلىق بايانلارنى ئۇچرىتىش مۇمكىنغۇ. مەنبەسىنى تىلغا ئېلىشنى خالىمىغان شارائىتتا ئۇنىڭدىكى بايانلارنى پاكىت قىلىپ قويۇش ئىلمىي مېتودنىڭ بىر تۈرىمۇ -- قانداق؟ ئەمەلىيەتتىمۇ تەتقىقاتچىنىڭ ئىلمىي ئەسىرىدىكى ھەر بىر سۆزىگە مەنبە ياكى كىتابىي پاكىت كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر تەتقىقات مېتودىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققىنىمۇ يوق. تەبىئەت پەنلىرىدىكى نەتىجىلەر تەسەۋۋۇر، كۈزىتىش، ئەمەلىي مەشغۇلات ۋە تەجىرىبىگە تايىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك، جەمىئىيەت پەنلىرىگە ئائىت ئىلمىي ئەسەرلەردىمۇ ئاپتور بەزى بايانلىرىنى ئۆزىنىڭ ئىلمىي چۇغلانمسىغا تايىنىپ ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ. لېكىن، ئىسپاتلىماقچى بولغان مەلۇم بىر كۆز قارىشىنى ئىلگىرىكىلەرنىڭ پىكىرلىرى، سۆزلىرى ياكى ئالىملارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ قۇۋۋەتلەندۈرمەكچى بولسا، ئۇ چاغدا تىلغا ئېلىنىۋاتقان پاكىتنىڭ مەنبەسىنى كۆرسىتىشى مۇتلەق زۆرۈر. بۇ تەتقىقاتتا ھەركىم بويسۇنۇشقا تىگىشلىك بىر قانۇن. تارىخ تەتقىقاتى بەدىئىي تەسەۋۋۇرغا تايىنىپ توقۇلما قىلىش يولى بىلەن، ياكى دەبدەبىلىك ئىبارىلەرنىڭ ھەيۋىسى بىلەن ئەمەس، بەلكى تارىخىي يازمىلاردا خاتىرىلەنگەن ئىلمىي بايانلار ۋە تارىخ ئىلمىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان خرونولوگىيە، فولكلور، پۇلشۇناسلىق، ئارخىئولوگىيە، جوغرافىيە، ئېتنوگرافىيە، ئانتروپولوگىيە، تىلشۇناسلىق، ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتسۇناسلىق پەنلىرىنىڭ ئىرىشكەن نەتىجىلىرى ئاساسىدا يۈرگۈزىلىدىغان بىر ئىلىمدۇر. شۇڭا، تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى ئىنساندىن كۆپ خىل پەن بىلىملىرىنى ئىگىلەش بىلەن بىرگە مۇشۇ ساھەنىڭ تەتقىقات مېتودىنى ياخشى بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئابدۇقادىرنىڭ بۇ جەھەتتە قانچىلىك سالاھىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى مەزكۇر ماقالىسىنىڭ ئورامىدىن ئېنىق بىلىنىپ تۇرىدۇ.
ھەقىقەتەن، ئابدۇقادىرنىڭ قولىدا مۇشۇنداق مەزمۇندا يېزىلغان بىر مەنبە بار دېيىلسە، ئۇ ھالدا بۇ مەنبەنىڭ قانداق بىر ئىجتىمائىي، سىياسىي مۇھىتتا ۋە قانداق ماھىيەتتىكى بىر ئەسەردە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئويلىنىپ بېقىشقا بولىدۇ. بۇ يەردە شۇنى مىسال قىلىشقا بولىدۇكى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى تۈركلەرنىڭ روھىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن تۈركلەر ۋە ئىسلامىيەتكە قارشى تەتقىقاتنى ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا قويغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئىسلامىيەت تەتقىقاتىنىڭ بىر تېمىسى ئىسلام مەدەنىيەت تارىخىدىكى بۈيۈك مۇتەپەككۇر، ئالىم ۋە شائىرلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئىسلامىيەتكە قارشى قوللىنىشتىن ئىبارەت ئىدى. سوۋېت ئىسلامىيەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ پىكرىگە كۆرە، فارابى، ئىبن سىنا، بىرۇنى، ئۆمەر ھەييام، مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، دۇربەك، سەككاكى، ئاتايى، لۇتفى، نەۋايى، مەشرەپ، مىرزا ئابدۇلقادىر بېدىل قاتارلىق زاتلار ئىسلامىيەتكە قارشى پىكىر قىلغان كىشىلەر ھىساپلىناتتى. دېمەك ، ئەسەرلىرىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈش، ئۆزگەرتىش ۋە ئەسلىنى يۇشۇرۇشتەك ئۇسۇللار بىلەن تارىخىدىكى بۈيۈك كىشىلەرنى ئۆز مىللتىگە ياكى مەلۇم بىر مەدەنىيەت چەمبىرىكىدىكى ئىنسانلارغا دۈشمەن قىلىپ كۆرسىتىش مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتنىڭ ئەڭ ئەڭ كۆپ مەشغۇل بولىدىغان بىر سىياسىتىدۇر. خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئابدۇقادىرنىڭ قولىدىكى جاھىزغا ئائىت مەنبەمۇ مەلۇم بىر ئىدىئولوگىيىنىڭ غايىسى ئۈچۈن تەييارلانغان ۋە ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئوينالغان بىر سىياسىي ئويۇننىڭ باياناتى بۇلۇشى مۇمكىن. يەنە بىر ئېھتىماللىقمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ ئابدۇقادىر جالالىدىن داۋاملىق ئۈگىنىش ۋە ئىزدىنىش جەرىيانىدا تەرەپ - تەرەپتىن قوبۇل قىلغان تۈرلۈك ماھىيەتتىكى ئىلمىي ئۇچۇرلارنى ۋە ئۇقۇملارنى كاللىسىدا بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا ئۇلارنىڭ ئۆز پاسىلىدىن ھالقىپ كىتىپ ئارىلاشتۇرىۋىتىش ئارقىلىق ئەسلىدە باشقا بىر كىشىگە مەنسۇپ بولغان پىكىرنى جاھىزغا ھارام مال قىلىۋەتكەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ مەزكۇر ماقالىسدا دېيىلگەن ئاشۇ ئۈچ سۆز ھەرگىزمۇ بىر ئىلمىي خاتالىق مەسىلىسى ئەمەس. بۇ بىر ئىلمىي خاتالىق بولۇشتىن ھالقىپ چىقىپ بۆھتان تۈسىنى ئالغان ۋە جاھىزنىڭ ئىنسانلىق سۈپىتىنى، مىللەت چۈشەنچىسىنى، ئىلمىي مېتودىنى ۋە ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتىنى چۈرۈشكە ئورۇنغان. بۇ ئارقىلىق ئەرەب شوۋېنىزمىدىن خالى تۇرغان بۇ بۈيۈك ئالىمنى تۈركلۈك دۈشمىنى قىلىپ قويغان. بۇ تەتقىقاتچىمىز ماقالىسىدا جاھىز ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۇنى بىۋاسىتە تەنقىد قىلمىسىمۇ، لېكىن جاھىزنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ بولمىغان سۆزلەرنى ۋە جاھىزنىڭ مەۋقەسىگە زىت قۇتۇپنى ئۇنىڭغا يۈكلەش ئارقىلىق تۈركولوگلار تەرىپىدىن ئاجايىپ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ باھالىنىۋاتقان بۇ ئالىمنى ھەقلىق ئورنىدىن ئىتتىرىپ چىقىرىۋىتىشكە ئۇرۇنغان. ئەگەر ئاپتورنىڭ تەتقىقات شەكلى ئارقىلىق تارقاتقان بۇنداق ئىغۋالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ساھەسىدىن دەرھال تازلىۋىتىلمىسە، ئۇنىڭ بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا پەيدا قىلىدىغان مەنىۋىي زەھىرىنى يوقىتىش تېخىمۇ قىيىن بولىدۇ. بۇنداق مەنىۋىي زەھەر ھامان ئۇيغۇرلارنىڭ روھىنى شورلاشتۇرىدۇ. بىلىمى بىلەن ۋىجدانى قوشۇلمىغان ھەر قانداق بىر تارىخچى ياكى ئالىم مىللىتىگىلا ئەمەس، يەنە ئىنسانىيەتكىمۇ ۋاپاسىزلىق قىلىدۇ. تۈركىيە تارىخ قۇرۇمىنىڭ 1- قەۋىتىدىكى زالنىڭ تېمىغا مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ مۇنداق بىر سۆزى يېزىلغان:<<تارىخ يېزىش تارىخنى يارىتىشقا ئوخشاش مۇھىمدۇر. تارىخنى يازغۇچى تارىخنى ياراتقۇچىغا سادىق بولمىسا ئۆزگەرمەس ھەقىقەتلەر ئىنساننى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ماھىيەتنى پەيدا قىلىدۇ.>> مىللىي غەرەزدىن خالى مەيداندا تۇرۇپ، تۈركلەرنىڭ تارىخىنى ۋە ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنى تۇنۇتۇشقا شۇنچە سادىق بولغان جاھىزنى بىز ھەقىقىي بىر ئالىم سۈپىتىدە ھەر قانچە ماختاشقا ھەقلىقمىز. ئۇ بىلىمى ۋىجدانىنى تۇغ قىلغان كىشى ئىدى. شۇڭا، بىز تېخىچە ھىس قىلىپ يىتەلمەيۋاتقان روھىي قۇدرىتىمىزنىڭ بەزى مۇھىم بەلگىلىرىنى پەقەت ئۇنىڭ ئەسىرى ئارقىلىقلا تاپالايمىز. دېمەك، جاھىزنى ئەيىپلەش ئىلىمگە بولغان ساتقىنلىق ۋە ئىنسانلارغا بولغان ھۆرمەتسىزلىكنىڭ بىر بەلگىسىدۇر. ئۇنداقتا جاھىز زادى كىم؟ ئۇنىڭ تۈركلەرگە دائىر ئەسىرى قايسى؟ بۇ ئەسەر قانداق بىر ئىجتىمائىي مۇھىتتا يېزىلغان؟ ئەسەردە تۈركلەرنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكلىرى قانداق تۇنۇتۇلغان؟ تۈۋەندە بىز بۇ ھەقتە توختىلىمىز.
جاھىز كىم؟
ئىسلامىيەت تارىخىدا دەستلەپكى مەزگىللەردىن بېرى ھىچقانداق بىر سىياسىي ھەرىكەتلەرگە ئارىلاشمىغان كىشىلەر <<مۇئىتەزىلىيلەر>> دەپ ئاتالغان. جاھىز خەلىپىنىڭ سارىيىدا ناھايىتى ئېتىبارلىق مۇئامىلىگە ئىرىشكەن مۇئىتەزىلىيلەر ئېقىمىدىكى ئالىملاردىن بىرى ئىدى.
جاھىز ئەرەبلەرنىڭ زەيس قەبىلىسىدىن بولۇپ، تولۇق ئىسمى ئەبۇ ئوسمان ئەمىر ئىبن بەھر ئىبن مەھبۇب ئەل -- كىنانى ئەل -- فەقىمى دەپ ئاتىلاتتى. ئۇ باسرادا تۇغۇلغان، لېكىن قاچان تۇغۇلغانلىقى ئېنىق ئەمەس، بەزى مەنبەلەردە مىلادى 766- يىلى تۇغۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنسا، يەنە بەزى مەنبەلەردە 776- يىلى تۇغۇلغان، دېيىلدۇ. بەزى مەلۇماتلاردا ئۇنىڭ ئەرەب بىلەن نىگىرنىڭ قوشۇلىشىدىن شەكىللەنگەن بىر شالغۇت ئائىلىنىڭ پۇشتى ئىكەنلىكىمۇ سۆزلىنىدۇ. جاھىز ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئەمەس. ئۇ بەكلا سەت ۋە كۆرۈمسىز ئادەم بولۇپ، كۆزلىرى پولتىيىپ تۇرغاچقا ئەل -- جاھىز دېگەن لەقەم سىڭىپ قالغان. جاھىزنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق مەزگىللىرىدە باسرانىڭ ئىلمىى مۇھىتى گۈللەنگەن بولۇپ، ئۇ بۇ شەھەردە ئەرەب ۋە تۈركلەردىن چىققان مەشھۇر ئالىملادىن تىل، ئەدەبىيات، تارىخ، پەلسەپە ۋە دىن بىلىملىرىنى ناھايىتى ياخشى ئۈگەنگەن. بىلىمگە بولغان قىزغىنلىقى كۈچلۈك بولغاچقا كىچىك تۇرۇپلا ئىلمىي تەتقىقاتلارغا قەدەم قويغان. جاھىز تىزلا يىتىشىپ ھەر تۈرلۈك تېمىلاردا ئىلمىي ئەسەرلەرنى يازغان. جاھىزنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە قابىلىيىتىنىڭ ئۈستۈنلىكىنى كۆرگەن مۇئىتەزىلىيلەر ئېقىمىنىڭ باشچىلىرى ئۇنى يېنىغا تارتىپ، ماددىي ياردەملەرنى بەرگەن. شۇ دەۋرنىڭ مەشھۇر ئالىملىرىدىن بىرى بولغان ئىبن خىلفان ئۇنىڭ ئۈگىنىش ئىشتىياقى ھەققىدە مۇنداق يازغان:<<دۇنيادا ئۈچ كىشىدىن باشقا كىتاپ ئۇقۇشقا تەلۋىلەرچە ئاشىق بولغان بىرمۇ ئادەمنى ئاڭلىمىدىم ۋە كۆرمىدىم. بۇلارنىڭ بىرى ئەل -- جاھىزدۇر. ئۇ قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھامان قولىدىن كىتاپ چۈشمەيدۇ، دائىم كىتاپ كۆرىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ بەزىدە كىتاپ كۆرۈش ئۈچۈن كىتاپچىلار بازىرىدا تۈنىگەن چاغلىرىمۇ بولغان.....>>)3( بەزى نەقىلگە قارىغاندا، بىر كۈنى جاھىز ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە ئانىسى ئۇنىڭ ئالدىغا تاماقنىڭ ئورنىغا ئىچىگە كىتاپ سېلىنغان بىر قاچىنى قويغان. جاھىز بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىسا، ئانىسى ئۇنىڭغا <<سىنىڭ ئۆيگە ئېلىپ كەلگىنىڭ مانا مۇشۇ>>(4)دەپ جاۋاپ بەرگەن. بۇ ئىشتىن كۆڭلى يېرىم بولغان جاھىز ئۆيىدىن چىقىپ باسرا جامەسىگە مۇۋايىس ئىبن ئىمراننى ئىزدەپ بارغان. ئىمران ئۇنىڭغا 50 دىنار ياردەم قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن جاھىز تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن تىجارەت بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. خەلىفە مەمۇن جاھىزنىڭ ئەسەرلىرىدىن بىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۇنى مىلادى 816- يىلى باغداتقا تەكلىپ قىلغان. جاھىز باغدادقا كېلىپ بىلىمىنى يەنىمۇ تولۇقلىغان، ئوردىغا كىرىپ خەلىپىنىڭ ۋە ۋەزىر ئىبن زەييادنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا تۈرلۈك تېمىلاردا ئەسەر يازغان. ئەسەرلىرىنى كۆپىنچە دۆلەت ئادەملىرىنىڭ نامىغا ئاتىغان. مەمۇن دەۋرىدە جاھىز بىر قېتىم دىۋان ئەل - راسسائىلغا ۋەزىر قىلىپ تەيىنلەنگەن بولسىمۇ، ئۈچ كۈندىن كېيىن بۇ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن. ئۇ خەلىپىنىڭ ۋە باشقا دۆلەت ئادەملىرىنىڭ نەزىرىدە ئېتىبارلىق بىر ئادەمگە ئايلانغان، بولۇپمۇ ئىبن زەيياد ۋەزىر بولغان مەزگىللەر(835-847)جاھىزنىڭ ئەڭ شۆھرەت قازانغان دەۋرى ھىساپلىنىدۇ. ئۇ ئەدەبىيات ۋە سىياسەتتە باش قازى ئەھمەد ئىبن ئەبى دۇئادقا قارشى ئىبن زەييادنى ھىمايە قىلغاچقا، ئۇمۇ دوستى جاھىزنى ھىمايە قىلىپ ئۇنىڭغا دىۋاندىن مەخسۇس مۇئاش بىكىتكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر پارچە ئىكتا يەر بۆلۈپ بەرگەن. جاھىزنىڭ ئىجادىيەتتىكى ئەڭ ھوسۇللۇق دەۋرى مۇشۇ دەۋرگە توغرا كىلىدۇ. بۇ مەزگىللەردە يازغان بىر مۇنچە كىتاپلىرى ئىبن زەييادقا بېغىشلانغان. ئۇنىڭ بۇ دەۋردە قانچىلىك باياشات تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىنى ۋە ئېتىبارلىق بىر شەخسكە ئايلانغانلىقىنى خاتىب ئەل -- باغدادى تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنغان بىر ۋەقە كۆرسىتىپ بىرىدۇ. بۇ جەرىياندا ئۇ تۈركلەردىن چىققان ۋەزىر فەتىھ ئىبن خاقانغا ھەمراھ بولۇپ شام، ھىمس ۋە ئانتاكياغا ساياھەت قىلىپ بارغان. مىلادى 847-يىلى ئىبن زەيياد ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ ئۆلتۈرۈلگەندە جاھىزمۇ قولغا ئېلىنىپ زىندانغا تاشلانغان. كېيىن ئىبن ئەھمەد ئىبن ئەبى دۇئاد ئۇنى كەچۈرۈم قىلىپ زىنداندىن ئازاد قىلغان. ئەھمەد ئىبن ئەبى دۇئاد ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئۆلىمىدىن كېيىن جاھىز خەلىپە مۇتەۋەككىل بىلەن فەتىھ ئىبن خاقان تەرىپىدىن ھىمايە قىلىنغان. فەتىھ ئىبن خاقاننىڭ تەۋسىيىسى بىلەن خەلىپە مۇتەۋەككىل جاھىزنى بالىلىرىغا ئۇستاز قىلىپ تەيىنلىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ سەتلىكى تۈپەيلىدىن خەلىپە بۇ قارارىدىن ۋاز كەچكەن. جاھىزنىڭ سارايدىكى ھاياتى مىلادى 861- يىلىغىچە داۋاملاشقان. مۇشۇ يىلى خەلىپە مۇتەۋەككىل ۋە فەتىھ ئىبن خاقان قاتارلىقلار تۈرك قوماندانلىرى تەرىپدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇ ئوردىدىن چىقىپ باسراغا قايتىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتى ناھايىتى قىيىنچىلىق ۋە ئېغىر كۈنلەر ئىچىدە ئۆتكەن. يەنە كېلىپ قېرىلىق، پالەچلىك ۋە نىكرىس كىسەللىكى تۈپەيلىدىن ھاياتىنىڭ ئاخىرقى چاغلىرىنى ناھايىتى ئازاپ ئىچىدە ئۆتكۈزگەن. ئۇ مىلادى 869- يىلى باسرادا ئالەمدىن ئۆتكەن.
جاھىز ھەققىدىكى ھەر تۈرلۈك بايانلار ۋە مۇئەللىپلەرنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۇ بويى پاكار ھەم ئاۋاق، يۈزى تومبوك، كۆزلىرى پولتىيىپ تۇرغان، بوينى ئىنچىكە، كالپۇكى قېلىن، تېرىسى قوڭۇر رەڭلىك بىر ئادەم بولسىمۇ، لېكىن ئۇيۇنخومار، خۇشچاقچاق، ئەقىللىق، قىزىقچى، دانىشمەن، بىراز پىخسىق ۋە مۇنازىرىدىن شاتلىنىدىغان ئادەم ئىدى. ئو جىسمانىي جەھەتتە كۆۈمسىز بولسىمۇ، روھى ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باشقىلارنىڭ ياخشى كۆۈشىگە ئىرىشكەن، دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئادەملىرى بىلەنمۇ يېقىن ئالاقە ئورنىتالىغان. ھەتتا جاھىزنىڭ سەتلىكى توغرىسىدا تۇقۇلغان ھىكايىلار ئۇنى ھەممىگە تۇنۇشلۇق بىر ئادەمگە ئايلاندۇرغان.
مەنبەلەردە ئۇنىڭ توي قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى، ئەۋلادىنىڭ بار ياكى يوقلىقى توغرىسىدا ئېنىق بىر نەرسە دېيىلمەيدۇ. پەقەت مايمۇن ئىبن ھارۇننىڭ مەلۇماتىدىن ئۇنىڭ بىر دىدىكىنىڭ بولغانلىقى، يەنە بۇ دىدەكنىڭ ئىشلىرىنى قىلىدىغان بىر خىزمەتچىسىنىڭ بارلىقى مەلۇم بولماقتا. يەنە بىر خاتىرىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ تۈركلەردىن بىر دىدەككە ئۆيلەنگەنلىكى ۋە ئۇنىڭدىن بىر ئوغلىنىڭ بولغانلىقى مەلۇم. لېكىن، بۇ بالىنىڭ ھاياتى ھەققىدە ھىچقانداق بىر مەلۇمات يوق.
جاھىز ئىسلام تەپەككۇر تارىخىدا مۇھىم بىر ئۇرۇن تۇتىدىغان مۇتەپەككۇر بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەسلى شۆھرىتى ئەدەبىيات ساھەسىدە ئوتتۇرىغا چىققان. جاھىز ئەرەب ئەدەبىيات تارىخىدا ئەڭ كۆپ ئەسەر يازغان مۇئەللىپلەرنىڭ بىرى. جاھىز ئەرەب نەسرىي ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ مۇكەممەل شەكلىنى ياراتقان كىشى، دېيىلىدۇ.
جاھىز ئەدەبىيات، كەلام، تارىخ، سىياسەت، ئەخلاق، سەنئەت، تىجارەت، مەدەنچىلىك، زوئولوگىيە ۋە بوتانىكا قاتارلىق تېمىلاردا بىر كۇتۇپخانا ھاسىل قىلغۇدەك دەرىجىدە كۆپ ئەسەر يازغان. ئەسەرلىرىنىڭ ئېنىق سانى مەلۇم بولمىسىمۇ، بۇ ھەقتە بەزى خاتىرىلەر بار. سىبت ئىبنۈل جەۋزى ئۇنىڭ 370 پارچە ئەسىرىنىڭ بارلىقىنى، بۇ ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى باغدادتا ئەبۈ ھەنىفە كۇتۇپخانىسىدا كۆرگەنلىكىنى ئىپادە قىلىدۇ. بۇلاردىن 25 پارچە ئەسەر تولۇق، 65 پارچە ئەسەر بىراز كەمتۈك ھالدا دەۋرىمىزگىچە يىتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى دەلىل، تەجىرىبە ۋە تارىخقا تايىنىپ يېزىلغان. ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىپ كۆرسە ئۇنىڭ يەنە ياخشى پسىخىلوگ ئىكەنلىكىمۇ بىلىنىدۇ. ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئېنسىكلوپېدىيىلىك ماھىيەتتە يېزىلغان. بروككىلمانن جاھىزنىڭ ئەسەرلىرىنى تېمىلارغا قاراپ تۈرگە ئايرىغان. ئومۇمەن ئەسەرلىرى مۇنداق ئۈچ چوڭ تۈر بويىچە تۇنىتىلىدۇ.
بىرىنجى تۈردىكىلەر كىشىنىڭ كۆڭلىنى شاتلاندۇرىدىغان بىر شەكىلدە زىيالىلار قاتلىمىغا ئەرەب مەدەنىيىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن يازغان ئەسەرلەر ئىدى. بۇ تۈردىكى ئەسەرلىرىدە فونېتىكا ۋە سۆز سەنئىتىنىڭ ئاساسلىرىنى ياراتقان. بۇلار ئەرەبلەرنىڭ شېئىرى ۋە خىتابەت ساھەسىدىكى ماھارىتىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن يازغان ئانتولوگىيە ماھىيىتىدىكى ئەسەرلەر ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ۋەكىللىك ئۇرۇندا تۇرىدىغىنى <<كىتاب ئەل-- بايان ۋەل تابيىن>> دېگەن ئەسەردۇر. ئەمەلىيتتىمۇ جاھىز سۆز سەنئىتى جەھەتتە دەۋرداشلىرىدىن ھالقىپ كەتكەن ئىدى.
ئىككىنجى تۈردىكى ئەسەرلىرى بولسا ئىلمىي مەقسەت بىلەن قەلەمگە ئېلىنغان ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە يىتىپ كەلگەن ئەڭ مۇھىم ئەسەر ھايۋانلار ھەققىدە يېزىلغان ۋە بەزى يەرلىرىدە كەلام، پەلسەپە، سوتسىيالوگىيە ۋە قەدىمكى ئەرەب شېئىرلىرىگە دائىر بەزى مەلۇماتلار ھەمدە تىلغا دائىر ئىزاھاتلار بىرىلگەن <<كىتاب ئەل -- ھاياۋان>> دېگەن ئەسىرىدۇر. بۇ ئەسىرىدە تۈرلەرنىڭ تەدىرىجى تەرەققىياتى، ئىقلىم ۋە مۇھىتنىڭ تەسىرى ۋە ھايۋان پسىخىلوگىيىسىگە دائىر مۇھىم بايانلار بار. جاھىز ئۆز دەۋرىدىكى ئەڭ بۈيۈك زوئولوگ ۋە ئانتروپولوگ ئىدى. ئۇ ھايۋانلارنىڭ ھەر بىر تۈرىنى تەتقىق قىلغان ۋە ھايۋانلارنى تەجىرىبە ئۈچۈن قوللانغان تۇنجى ئالىم ئىدى. ئۇ تەتقىقات ۋە تەجىرىبىلىرىنى شۇ تېما ھەققىدە توغرا نەتىجىگە ئىرىشكەنگە قەدەر داۋاملاشتۇرغان. ئۇ ھايۋانلارنىڭ ئەزا ئۆزگىرىشىنىمۇ تەتقىق قىلغان. جاھىز ئەسەرلىرىدە ئۆز چۈشەنچىلىرىنى ھايۋانلارنى سۆزلىتىش ئۇسۇلى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقارغان. بۇنداق ئىپادىلەش شەكلى ئۇنىڭدىن بۇرۇن ھىندىستاندا <<كەلىلە ۋە دىمىنە>>دە، 13- ئەسىردە مەۋلانانىڭ <<مەسنىۋى شەرىف>> دېگەن ئەسىرىدە كۆرۈلگەن. جاھىزدىن تولۇق سەككىز ئەسىر كېيىن ياشىغان فرانسۇز ئەدەبىياتچىسى لافونتايىن ئۇنىڭ ھايۋانلارنى سۆزلىتىش ئۇسلۇبىنى تەقلىد قىلىپ شۆھرەت قازانغان. جاھىز ياۋروپالىق ئالىملاردىن كۆپ ئەسىر بۇرۇنلار ئىنساننىڭ تېرىدىكى تۈشۈكچىلەر ئارقىلىقمۇ نەپەسلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ھەقتە <<كىتاب ئەل-- ھاياۋان>> دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق يازغان:<<بەدەندىكى ھەر بىر تال تۈكنىڭ ئاستىدا ئىنساننى نەپەسلەندۈرىدىغان تۆشۈكچىلەر بار. ئەگەر بۇ تۆشۈكچىلەر بولمىسا ئىنسان ھاياتىنىڭ تۇنجى باسقۇچىدىلا ئۆلەتتى>>(4)دەيدۇ. جاھىز تارىختا تۇنجى قېتىم قۇرۇق دېستىلاسىيۇن قىلىش تەجىرىبىسى بىلەن ھايۋان قىغىدىن ئاممىياك گازى چىقارغان ئىدى. جاھىز پەنلەر ئېنسىكلوپىدىيىسى ماھىيىتىدىكى بۇ ئەسىرىدىن باشقا ئۆسۈملۈكلەر ۋە دەرەخلەر ھەققىدىمۇ <<كىتابۈز زەر ۋەن نەھل>>(<<بۇغداي ۋە خورما>>)دېگەن بىر كىتاب يازغان. ئۇ تۈرلەر ئارىسدا ئۆتۈشۈش بولماستىن، بەلكى تۈرلەرنىڭ ئۆز ئىچىدە بەلگىلىك بىر تەرەققىيات باسقۇچىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن خورما دەرىخىدىن مىسال كۆرسەتكەن. ئۇ ئىرق ۋە ئىنسان تەبىئىتىگە دائىر يازغان <<كىتابۈس سۈرەھا ۋە ھۇجەنا>>(<<نەسەبى ئىسىل بولغانلار ۋە بولمىغانلار ھەققىدە>>)، <كىتابۈس سۈدان ۋەل بىزان>>(<<قارا ۋە ئاق تەنلىكلەرگە دائىر>>)،<<كىتابۈن نىسا>>(<<ئاياللارغا دائىر كىتاب>>)، <<كىتابۈل مەسائىل>>(<<كىبىر ۋە قىزغانچۇقلۇق>>) قاتارلىق كىتاپلىرىدا تەبىئىي مۇھىتنىڭ ئىنسانلار ۋە ھايۋانلار ئۈستىدىكى تەسىرىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ تەسىرىنىڭمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، ئايال بىلەن ئەر كىشى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى، ھەر ئىككى جىنسنىڭ ئۆزىگە خاس قابىلىيىتىنى ۋە ئوخشايدىغان تەرەپلىرىنى پسىخىلوگىيىلىك نوقتىدىن تەتقىق قىلغان.
ئەسەرلىرىنىڭ ئۈچىنجى تۈردىكىسىنى ئورگىنال ئەدەبىي ئەسەرلەر، دىنىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتقا دائىر ئەسەرلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئەدەبىي تۈردىكى ئەسەرلىرى ئىچىدە ھەر خىل خاراكتېردىكى ئىنسانلار تەھلىل قىلىنغان <<كىتاب ئەل-- بۇھالە>> دېگەن ئەسىرى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ھەجۋىي قىلىش ئۇسلۇبى بىلەن يېزىلغان بۇ ئەسەردە مەۋجۇت مۇھىتتىكى ئىجتىمائىي ھايات تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇنى ئەرەب ئەدەبىياتىدا تەڭدىشى يوق بىر ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە سۈننىي ئۇسلۇبتىن قېچىپ تەبىئىيلىكنى ئەۋزەل بىلگەن، جانلىق تىلغا مۇھىم ئورۇن بەرگەن. جاھىز ئىلاھىيەتكە دائىر ئەسەرلىرىدە ئەقىلچىل بىر يولنى تەدبىقلىغان. سىياسىي ئەسەرلەرنى بىر دوكلات ياكى خۇلاسە شەكلىدە يازغان. ئۇنىڭ بۇ تۈردىكى ئەسەرلىرى قاتارىغا ئانتروپولوگىيە، ئەرەب فولكلورى، تارىخ، قەدىمكى ئەرەب ۋە ئىران دىنلىرى، ھىندى دىنى، قۇرئان بىلىملىرى ۋە پەلسەپىۋىي مەسىلىلەرگە دائىر ئەسەرلىرىنى قوشۇشقا بولىدۇ.
جاھىز ئىسلام پەلسەپە تارىخىدا ئالاھىدە بىر ئورۇن تۇرىدۇ. ئۇ مۇئىتەزىلىيلەر ئېقىمى ئىچىدە يەنە مۇستەقىل بىر كەلام مەكتىبىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ مەزھەپ <<ئەل - جاھىزىيە>> دەپ ئاتىلىدۇ. ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە ياشىغان جاھىز بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ بۈيۈك ۋەكىللىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. ئۇ بۇ مەدەنىيەتنىڭ ھەم دىنىي ھەم دىندىن خالى تەرەپلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ھايات چېغىدا ئۆز شۆھرىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققان. بىر كىشى ئەبۇ خىففانغا << جاھىز سېنى بىسەرەمجان قىلدى، ئۇنى نىمىشقا مەسخىرە قىلمايسەن>> دېگەندە، ئەبۇ خىففان <<تۆۋە خۇدايىم مەن ئالجىپ قالدۇممۇ، ئۇ ئەتتىگەندە ماڭا قارشى بىر ئەسەر يازسا كەچكىچە شۆھرىتى چىنغا يىتىپ بارىدىغان تۇرسا>>(5)دەپ جاۋاپ بەرگەن. جاھىز بىر شېئىرىدە <<مەندىن بۇرۇن خېلى كۆپ كىشىلەر نۇرغۇن يول باسسىمۇ ئەھمىتى يوقتۇر، مەن ئاستا -- ئاستا يۈرۈپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتىم>>(6) دەپ يازغان. سابىت ئىبن قۇررات ئەل -- ھەررانى مۇنداق دەيدۇ: <<ئۈچ بۈيۈك ئادەمگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئەرەب مىللىتىگە ھەۋىسىم كىلىدۇ. بۇلارنىڭ بىرى سىياسىتى، دىندارلىقى ۋە ئادالىتى بىلەن تۇنۇلغان ئۆمەر ئىبن ئەل -- خەتتاب، ئىككىنجىسى دىندارلىقى، ئەخلاقى ۋە ئىلمى بىلەن تۇنۇلغان ھەسەن ئەل -- بەشرى، ئۈچىنجىسى بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ خاتىبى، ئەدىپى ۋە ناتىقلارنىڭ ئۇستازى جاھىزدۇر>>(7) شۇنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كىرەككى، بىلىمنىڭ شۇنچە كۆپ تۈرلىرىدە مۇھىم ۋە قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يازغان جاھىزنى ئەدەبىي ئۇسلۇپ جەھەتتىن ئىنكار قىلغانلار، ئەخلاقسىز ۋە ئىتىقادسىز ئادەم دەپ قارىلىغانلارمۇ كۆرۈلگەن. كېيىنچە بۇ ئالىمنىڭ نامى بىراز ئۇنتۇلۇپ، 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر پەقەت سەتلىكى بىلەن مەشھۇر بىر سۆز ئۇستىسى، تەرەپدار توپلىيالمىغان بىر مۇئىتەزىلىيلەر ئېقىمىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئەدەب تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن پايدىنىلىدىغان ماتېرىياللارنى توپلىغان بىر ئانتولوگىيە مۇئەللىپى سۈپىتىدە تۇنۇلۇپ كەلگەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا تۈركولوگىيە مەنبەلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قېزىلىشى ۋە باشقا پەن ساھەلىرىدىكى ئىزدىنىشنىڭ كۈچىيىشى بىلەن جاھىزنىڭ ھەقىقىي ئىلمىي ئوبرازى تولۇق ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.
جاھىزنىڭ تۈركلەرگە دائىر ئەسىرى قايسى؟
جاھىز ئۆز دەۋرىدىكى مىللەتلەرنىڭ بەزىلىرى ھەققىدىمۇ ئەسەر يازغان. ئەرەبلەر ۋە ئەرەبلەردىن بولمىغان مۇسۇلمانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا <<كىتاب ئەل -- ئەرەب ۋەل -- مەۋالى>> نى يازغان. يەنە <<كىتاب ئەل -- ئەرەب ۋەل-- ئەجەم >> دېگەن ئەسىرى بار ئىدى. بىز ئۈچۈن ئەڭ ئەھمىيەتلىك بولغىنى تۈركلەر ھەققىدە بولۇپمۇ تۈركلەرنىڭ خاراكتېرى ۋە ئۈستۈنلىكلىرى ھەققىدە يازغان <<كىتاب مەناقىب جۇند ئەل-- خىلافە ۋە فەزائىل ئەل --ئەتراك>> دېگەن ئەسىرىدۇر.
جاھىز تەرىپىدىن قەدىمكى ئەرەبلەرنىڭ تۈركلەر ھەققىدىكى توغرا چۈشەنچىلىرىنى يىغىنچاق قىلىپ كۆرسىتىش مەقسىتىدە يېزىلغان بۇ ئەسەر ئىككى قىسىمغا ئايرىلىدۇ. جاھىز بۇ كىتابىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان <<فەزائىل ئەل--ئەتراك>>(<<تۈركلەرنىڭ پەزىلەتلىرى>>)دېگەن قىسمىنى خەلىپە مۇتەسىم دەۋرىدە يازغان. لېكىن، بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەسىرىنى خەلىپىگە تەقدىم قىلالمىغان. مۇئەللىپ كېيىن ئەسىرىنىڭ بېشىغا خەلىپىلىك ئارمىيىسىنىڭ تۈرلۈك قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنى تۈگىتىش مەخسىتىدە يازغان <<ماناقىب جۇند ئەل--خىلافە>>(<<خىلافەت ئارمىيىسىنىڭ مەنقىبەلىرى >>) دېگەن بىر قىسىمنى ئىلاۋە قىلىپ، ئۇنى ۋەزىر فەتىھ ئىبن خاقانغا تەقدىم قىلغان. ئەسەرنىڭ نامى قەدىمكى مەنبەلەردە ۋە يازما نۇسخىلىرىدا پەرقلىق شەكىلدە ئۇچرايدۇ. ئاياسوفىيا، داماد ئىبراھىم ۋە پارىژ نۇسخىلىرىدا <<فەزائىل ئەل-- ئەتراك>>، <<رىسالە فى فادائىل ئىل -- ئەتراك>> دېگەن شەكىللەردە ئۇچرىسىمۇ، ئامانەت غەزىنىسى نۇسخىسىدا <<مەناقىب ئەل -- تۈرك ۋە ئەممە جۇند ئەل -- خىلافە>> دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتالغان. يەنە باشقا نۇسخىلىرىدا <<كىتاب مەناقىب جۇند ئەل-- خىلافە ۋە فەزائىل ئەل--ئەتراك>> دېگەن نام بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ شەكىلدە ئاتاش ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا تېخىمۇ ئۇيغۇن كەلگەنلىكى ئۈچۈن، رامازان شەشەن تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، 1988-يىلى تۈرك كۈلتۈرىنى تەتقىق قىلىش ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان تۈركچە نۇسخىسىمۇ مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. بۇ كىتاپنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى <<خىلافەت ئارمىيىسىنىڭ مەنقىبەلىرى ۋە تۈركلەرنىڭ پەزىلەتلىرى>> دېيىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئىككى قىسىمدىن تەشكىل تاپقان بۇ ئەسەرنى ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدە كۆپىنچە <<تۈركلەرنىڭ پەزىلەتلىرى>> دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتاش ئومۇملاشقان.
جاھىزنىڭ ئۆزىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىدەك، بۇ ئەسىرىدە مۇمكىن قەدەر باشقا ئەسكىرىي قىسىملارنىڭ ئاچچىغىنى كەلتۈرمەسلىككە ۋە ئۇلارغا قارشى سۆز قىلماسلىققا تىرىشىش بىلەن بىرلىكتە تۈركلەرنىڭ باشقا مىللەتلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان تەرەپلىرىنى بىلدۈرۈش ئارزۇسىدا بولغان. مۇئەللىپ بۇ ئەسىرىدە يەنە مۇمكىن قەدەر تەرەپسىز بىر مەۋقەنى قوللىنىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلماسلىققا تىرىشقان ۋە باشقىلارنىڭ ئۆزىگە سۆزلەپ بەرگەنلىرىنى ۋە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بەزى ۋەقەلەرنى بايان قىلىش بىلەنلا چەكلەنگەن. تۈركلەر ھەققىدىكى ھۆكۈمنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزىگە قالدۇرغان. كىتاپنىڭ بىرىنجى قىسمىدا خىلافەت ئارمىيىسىدىكى تۈركلەرگە قارشى كإتۈرىلگەن دولقۇننى توسۇشقا تىرىشقان ۋە ئارمىيىنىڭ تۈرلۈك قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىق كۆرسىتىلگەن. ئىككىنجى قىسمىنىڭ مۇقەددىمىسىدە بولسا تۈركلەرنىڭمۇ باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش بەزى كەمچىلىكلىرىنىڭ بولۇشىنىڭ تەبىئىي ئىكەنلىكىنى، مىللەتلەر ۋە ئىنسانلار ھەققىدىكى ھۆكۈمنى ئۇنىڭ ياخشى ياكى يامان خاراكتېرىدىن بىرىنىڭ يەنە تەرەپتكە قارىتا كۈچلۈك ئورۇندا تۇرغانلىقىغا قاراپ چىقىرىش كېرەكلىكىنى، شۇ سەۋەپلىك تۈركلەر ھەققىدىكى ھۆكۈمنىڭمۇ ئەينى شەكىلدە بولۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.
بەزى تەتقىقاتچىلار جاھىزنىڭ بۇ ئەسىرىنىڭ تەرتىپسىز بىر شەكىلدە يېزىلغانلىقىنى، يېزىش جەرىيانىدا بەلگىلىك بىر ئۇسلۇبنى تەدبىقلىمىغانلىقىنى تىلغا ئالسىمۇ، لېكىن جاھىز بۇ خىل كىچىك ھەجىمدىكى ئەسەرلىرىدە تېمىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كىتىدىغان ئەھۋالنى كۆپ سادىر قىلمىغان. بەلكىم كىتاپتىكى بۇ تەرتىپسىزلىك ھازىرقى مەۋجۇت نۇسخىسىنىڭ تاللانما بولۇپ، ئەسەرنىڭ تولۇق نۇسخىسىنىڭ يوق بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كىرەك.
جاھىز كىتابىنى خېلىلا قېيىن بىر ئۇسلۇب بىلەن يازغان. ئوقۇرمەنلەرنىڭ كاللىسىغا يەرلەشتۈرمەكچى بولغان بەزى پىكىرلەرنى مەنىداش سۆز - ئىبارىلەر بىلەن تەكرارلىغان. مۇئەللىپ مەزمۇن ئارىلىقىدىكى مۇۋاپىق كۆرۈلگەن يەرلەرگە يەنە ئەرەب شېئىرلىرىدىن ۋە ماقال - تەمسىللىرىدىن كىتابتىكى پىكىرلەرنى قۇۋۋەتلەندۈرىدىغان بەزى مىساللارنى بەرگەن. بەزىدە ئۆز سۆزلىرىنى ھىكمەتلىك سۆز شەكلىدىمۇ قوللانغان. كىتابىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان ئىككىنجى قىسمىدا ئەرەبلەردىن چىققان ئەل -- ھامىد، ئەبۇل باتت، ئەل-- ھۇنەئى، يەزىد، سۇماما، ھەيسەم، ئەل -- سىند، جاھم، ئەل-- فازىل قاتارلىق مەشھۇر كىشىلەردىن ئېلىنغان نەقىللەر ئاساسىدا تۈركلەرنىڭ پەزىلىتىدىن سۆز ئېچىلغان. بۇ نەقىللەر ئومۇمەن تۈركلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ، خاراكتېرى، مەنىۋىي قىممەتلىرى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئۆرپ-- ئادەتلىرى، ئەسكىرىي قابىلىيىتى، قەھرىمانلىقلىرى، ۋەتەن چۈشەنچىسى ۋە بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان سېلىشتۇرمىسى، ئۈستۈنلىكلىرى ھەققىدە ئىدى، شۇنىڭدەك جاھىزنىڭ ئۆزىنىڭ قاراشلىرىمۇ يېزىلغان. تۈركلەرنىڭ مەنىۋىي سالاھىيىىنى ئاساسىي بەلگىلىرى بىلەن ئىپادىلىگەن ۋە ئەرەبلەرگە تۈركلەرنىڭ ئۈستۈنلۈكلىرىنى قوبۇل قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بۇ ئەسەر شۈبھىسىزكى جاھىزنىڭ ۋۇجۇدىدىكى تۈركلۈك سۆيگۈسىنىڭ بىر ئابىدىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان.
بۇ ئەسەر قانداق بىر ئىجتىمائىي مۇھىتتا يېزىلغان؟
ئەسەبىي(شوۋېنىستىك)(ئەرەب مىللەتچىلىكىگە تايانغان ئەمەۋىلەر(ئۈمەۋىيلەر) دۆلىتى مىلادى 750-يىلى ئەبۇ مۇسلىمنىڭ رەھبەرلىكىدە كۆپىنچىسى شەرق خەلقلىرى، بولۇپمۇ تۈرك ئەسكەرلىرى ۋە قوماندانلىرىدىن تەركىپ تاپقان بىرقوشۇننىڭ ئىسيانى بىلەن ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئابباسىيلار خەلىپىلىكى تىكلەنگەن. بۇ دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىدا تۈركلەرنىڭ كۆپ ھەسسىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەبۇ جافەر ئەل -- مەنسۇر(754-775 ) دەۋرىدىن باشلاپلا سىياسىي ۋە ھەربىي ساھەلەردە تۈركلەرگە يۇقىرى ئورۇن بىرىلىشكە باشلىغان. بۇدەۋردە تۈركلەردىن چىققان ئەڭ مەشھۇر دۆلەت ئادىمى ھەممەد ئەت -- تۈركى ئىدى. مەنسۇر تۈركلەرنى دۆلەت ئىشلىرىغا قويۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بۇنى كېيىنكى خەلىپىلەر ئۈچۈن بىر دۆلەت سىياسىتى قىلىپ بەلگىلىگەن ئىدى. مەھدى(775-785)بولسا تۈركلەرنى دۆلەتنىڭ ھەربىي ساھەسىدە يۇقىرى ۋەزىپىلەرگە تەيىنلىگەن. مۇبارەك ئەت - تۈركى، تۇليا ئەت -- تۈركى، ۋە شاكىر ئەت -- تۈركى قاتارلىقلار بۇ دەۋرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرى ھىساپلىناتتى. ئابباسىيلارنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى تەشكىل قىلغان ھارۇن ئەل-- رەشىد دەۋرىدە(786-809)باغدادتىكى تۈركلەر ھەربىي، سىياسىي ۋە كۈلتۈرەل ساھەدە تېخىمۇ پائال بىر كۈچكە ئايلانغان. ھارۇننىڭ ئانىسى ھايزۇران ھازار تۈركلىرىنىڭ مەلىكىسى بولغاچقا، ئۇنىڭ تومىرىدا تۇرك قېنى بار ئىدى. يەنە كېلىپ ھارۇن مېراجىل ۋە مارىدە ئىسىملىك ئىككى تۈرك قىزىغا ئۆيلەنگەن، ئۇلاردىن مەمۇن ۋە مۇتەسىم دېگەن ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئۇنىڭ دەۋرىدە تۈركلەردىن قۇرۇلغان ئوردا مۇھاپىزەتچى قىسىملىرى ئەرەپ ئىسلام ئىمپېرىيىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ كىشىنى ھاڭ -- تاڭ قالدۇرىدىغان بىر كۈچكە ئايلاندۇرۇلغان. تۈركلەر ھارۇن ئەل-- رەشىد دەۋرىنىڭ ھەشەمەت ۋە ئۇلۇغلىقىغىمۇ ۋەكىللىك قىلاتتى. مەمۇن(813-833) ۋە مۇتەسىم(833- 842) دەۋرلىرىدە خەلىپىلىكنىڭ دەرۋازىسى تۈركلەرگە كەڭ ئېچىلغان. بۇ چاغدا ھەممەد ئەت- تۈركىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە قۇرۇلغان باغداد ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىلمىي ساھەدە بىر تۈرك شەھرىگە ئايلانغان. بولۇپمۇ مۇتەسىم دەۋرىدە ھەر خىل يوللاردىن باغداتقا كەلگەن تۈركلەرنىڭ سانى 70 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇلاردىن سىياسىيون ۋە قوماندانلاردىن باشقا ئەرەپ تىلى ۋە ئەدەبىيات مۇتەخەسىسلىرى، تەفسىر، ھەدىس، فىقىھ ئالىملىرى، قىزىكا، ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيە پەنلىرىنىڭ مەشھۇر كىشلىرى يىتىشىپ چىققان. بولۇپمۇ تۈركلەر ئىچىدىكى يۇقىرى نەسەپلىك سۇلى ئائىلىسى خەلىپىلىكنىڭ كۈچىيىشىدە بەكلا مۇھىم بىر رول ئوينىغان. تۈركىيە ئالىمى ھاككى دۇرسۇن يىلدىز مۇتەسىم دەۋرىدە خەلىپىلىك ئارمىيىسىدىكى تۈركلەرنىڭ سانىنىڭ 25 مىڭ ئەتراپىدا تەخمىن قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. (8)
لېكىن، ئۇزۇنغا بارماي باغداد تۈرك كۈچ دولقۇنلىرىغا تار كېلىشكە باشلىغان. بۇنىڭ قىيىنچىلىق ۋە ئەندىشە پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ھىس قىلغان مۇتەسىم مىسوپاتامىيىدە يېڭى بىر تۈرك شەھىرى ساماررانى قۇرغان. ساراي ۋە باشقا مۇھىم چوڭ قۇرۇلۇشلارنىڭ ياسىلىسى ۋە بىزىلىشىدە مۇتەسىمنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك موتىفى ۋە بىزەك سەنئىتى قوللىنىلغان. مۇتەسىم شەھەرنىڭ ئەڭ گۈزەل يېرىنى تۈركلەرگە ئايرىغان، تۈركلەر ئولتۇرىدىغان مەھەللىلەر ۋە بىنالارنى باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلەندۈرگەن. مەخسۇس قانۇن چىقىرىپ تۈرك مەھەلىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قاتتىق قوغدىغان. مۇتەسىم ئۆزى باش بولۇپ، ئافشىن، ئەشناس، خاقان، ۋاسىف، ئۇرتۇج، ئىناق ۋە بوغا قاتارلىق تۈرك قوماندانلىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە 20 مىڭ كىشىلىك تۈرك ئاھالىسىنى سامارراغا يەرلەشتۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ساماررا شەھىرى خەلىپىلىكنىڭ پايتەختىگە ئايلانغان، خەلىپىلىكنى ئىدارە قىلىش تىزگىنىمۇ تۈركلەرنىڭ قولىغا ئۆتكەن. ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتىدىغان بىر نوقتا باركى، خەلىپە مۇتەسىم تۈرك نەسلىدىن بولغان ئىنسانلاردىن يېڭى بىر جەمئىيەت تەشكىل قىلماقچى بولغان. ئۇ تۈركلەرنى مۇمكىن قەدەر باشقا خەلقلەر بىلەن ئارىلاشماسلىققا تەۋسىيە قىلغان، ئۇلارنىڭ ئەرەبلەر بىلەن توي قىلىشىنىمۇ مەنئىي قىلىنغان. تۈرك يىگىتلىرىنىڭ يات مىللەتلەردىن ئۆيلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن باشقا مەملىكەتلەردىن تۈرك قىزلىرىنى ئېلىپ كىلىپ، ئۇلارغا مائاش بىكىتكەن. تۈركلەرنىڭ ئائىلىدە، بازاردا، ئارمىيىدە تۈركچە سۆزلەشنى، مەدەنىي پائالىيەتلىرىنى، ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ئەينەن ۋە ساپ ھالەتتە داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلغان. بۇ ئارقىلىق خەلىپىلىكتىكى تۈركلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئېتنىك كىملىكىنى تېخىمۇ مۇستەقىل بىر سالاھىيەتكە ئىرىشتۈرۈشكە تىرىشقان. مۇتەسىم ساماررانى قۇرۇش، خەلىپە ئارمىيىسىنى تۈركلەشتۈرۈش ۋە خەلىپىلىكتە كۈچلۈك بىر تۈرك جەمئىيىتى پەيدا قىلىش ئارقىلىق تۈركلەرگە ئوتتۇرا شەرق ھاكىمىيىتىگە ئۆتىدىغان يولنىڭ تۇنجى دەرۋازىسىنى ئاچقان ئىدى. شۇڭا، ساماررا دەۋرى خەلىپىلىكتە تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ.
يۇقىرىدا سۆزلەنگىنىدەك، ئابباسىيلار خەلىپىلىرى ئەبۇ جافەر ئەل -- مەنسۇردىن ئىتىبارەن تۈركلەرنى دۆلەتنىڭ تايانچى ۋە ئاساسىي ئامىلى سۈپىتىدە كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەسەبىيلىككە تولغان ئەرەپ مىللىي ئېڭى بۇنى زادىلا قوبۇل قىلالمىغان. بۇنداق چۈشەنچىدىكى بىر تۈركۈم ئەرەپلەر ناھايىتى رەھىمسىزلىك بىلەن تۈرك مىللىي مەۋجۇتلىقىغا قارشى بىر پىكىر سېپى ئاچقان. ئۇلار ئۆچمەنلىك ۋە غەزەپ بىلەن تىلدا ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەردە تۈركلەرنى ھاقارەتلىگەن ۋە ھەجۋىيلەشتۈرگەن. تۈركلەرگە قارشى بۇ كەيپىيات مۇتەسىم دەۋرىدە تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن، مۇتەۋەككىل دەۋرىدە )847-861( دەۋرىدە دۈشمەنلىشىش دەرىجىسىگە يەتكەن. مىلادى 861- يىلى تۈرك قوماندانلىرىدىن بوغا ئەل-- ساغىر، مۇسا ئىبن بوغا ئەل--كەبىر، ھارۇن ئىبن سۇۋارتېكىن، باغىر ئەل - تۈركى ۋە باغلۇم ئەل -- تۈركى قاتارلىقلارنىڭ يۇشۇرۇن ھالدا ئوردىغا بېسىپ كىرىپ ئەل مۇتەۋەككىلنى ئۆلتۈرۈشى مۇشۇ ئىختىلاپنىڭ بىر بەلگىسى ئىدى. دېمەك، بۇ كۈرەشتە تۈركلەر ھەرگىزمۇ تەسلىمىيەتچى بىر پوزىتىسيىدە بولمىغان. تۈركلەرنىڭ يۈكسەكلىكى ۋە شەرىپىنى قوغداش ئۈچۈن فەتىھ ئىبن خاقان)مۇتەۋەككىلنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى بولغان فەتىھ ئىبن خاقان تۈرك قوماندانلىرىنىڭ ئالدىنى توسۇپ مۇتەۋەككىلنى قوغداپ قالماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن، تۈرك قوماندانلىرى ئۇنىمۇ ئۆلتۈرىۋىتىشكە مەجبۇر بولغان( قاتارلىق تۈرك بۈيۈكلىرىمۇ پىكىر كۈرىشىنىڭ ئالدىدا ماڭغان ئىدى. فەتىھ ئىبن خاقان ئىلىمگە خۇسۇسىي غەرەز ۋە مىللىي خائىشنى ئارىلاشتۇرمايدىغان جاھىزغا ئۇزۇن بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۇنىڭ تۈركلەرگە دائىر بىر كىتاپ يېزىپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلغان. جاھىزنىڭ <<خىلافەت ئارمىيىسىنىڭ مەنقىبەلىرى ۋە تۈركلەرنىڭ پەزىلەتلىرى>> دېگەن كىتابى دەل مۇشۇنداق شارائىتتا ئوتتۇرىغا چىققان.
يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك، جاھىزنىڭ بۇ قىممەتلىك ئەسىرى ئىككى باسقۇچتا يېزىلغان. بىرىنجىسى، مۇئەللىپ ئەسىرىگە مەمۇن دەۋرىدە ماتېرىيال توپلاپ، ئۇنى مۇتەسىم دەۋرىدە قەلەمگە ئالغان، يەنە بىرى مۇتەۋەككىل دەۋرىدە قايتىدىن تولۇقلىغان. شۇنداق قىلىپ ئەسەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا يېرىم ئەسىر ۋاقىت كەتكەن. خەلىپىلىكنىڭ ئارمىيىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى تۈركلەردىن قۇرۇش ھەققىدىكى تەشەببۇسلار مەمۇن دەۋرىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان ۋە بۇنىڭ ئاساسىنى يارىتىش ئۈچۈن تۈركلەردىن نۇرغۇن كىشىلەر باغدادقا ئېلىپ كىلىنگەن. مەمۇن بۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالماي، يەنە ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ دەستلەپكى مەزگىلىدە ھەربىي ۋە سىياسى ساھەدىكى ھوقۇقلۇق ۋە نوپۇزلۇق كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان بىر مەسلىھەتچىلەر ھەيئىتى قۇرغان ۋە بۇ ھەيئەتكە تۈركلەرنى سەرخىل ئەسكەر سۈپىتىدە تۇنۇتقان مىللىي ئالاھىدىلىكلەر ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ ئۇنىڭ نەتىجىسىنى ئۆزىگە دوكلات قىلىشنى بۇيرىغان. نە ۋەجىدىنكى ھەيئەتنىڭ بۇ دوكلاتى جاھىزنىڭ قولىغا چۈشكەن. جاھىز يەنە مەمۇن بىلەن خوراسانغا قەدەر بارغان ۋە تۈركلەر ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ يېڭى ۋە مول ماتېرىياللارغا ئىرىشكەن.
تۈركلەرنىڭ باغدادقا ۋە سامارراغا كېلىپ خەلىپىلىك ئارمىيىسىنىڭ ئومۇرۇتقىسىنى تەشكىل قىلىشى ۋە خەلىپىلىكنىڭ شان -- شەرىپىنى قولىدا تۇتىشى جاھىزنى ناھايىتى ئىپتىخارلاندۇرغان. تۈركلەردىن ئۇستازلىرى بولغان، ئوردىدا تۈرك قوماندانلىرى ۋە دۆلەت ئادەملىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە ئۆتكەن، قەھرىمان تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ ساداقىتىنى ۋە ئۇرۇش ماھارىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ قايىل بولغان، تۈركلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ خاراكتېرىدىن سۆيۈنگەن جاھىز ئەرەب مىللىي ئېڭىنىڭ تۈركلەرگە دۈشمەنلىك بىلەن تىكىلگەنلىكىگە غەزەپلەنگەن. ئۇ ئەرەبلەردىكى پىتنە ئوتلىرىنى ئۆچۈرۈش، ئۇلاردىكى ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەتنىڭ يىلتىزىنى ئەقىل ۋە ئىلىمنىڭ كۈچى ئارقىلىق كىسىپ تاشلاپ، ئەرەبلەرنىڭ تۈركلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈشىنى ۋە خەلىپىلىكنىڭ تۈركلەرنىڭ قولى ئارقىلىق تېخىمۇ يۈكسىلىشىنى مەقسەت قىلىپ مۇتەسىم دەۋرىدە <<تۈركلەرنىڭ پەزىلەتلىرى>> دېگەن كىتابىنى يېزىپ چىققان ئىدى. لېكىن، بۇ كىتاپ شۇ ۋاقىتتا مۇتەسىمگە تەقدىم قىلىنماي، جاھىزنىڭ ئۆز قولىدا ساقلانغان. جاھىز ئۇنى بۇ قېتىم فەتىھ ئىبن خاقاننىڭ تەۋسىيەسى بىلەن قايتا ئىشلەپ تولۇقلاپ ئۇنىڭغا تەقدىم قىلغان. جاھىز بۇ ئابىدەۋىي ئەسىرىدە ھەددىدىن ئاشقان ۋە پىتىراپ ھالسىرىغان ئەرەپ ۋە پارىس مىللىي ئېڭىغا قارشى چىقىپ، ئۇنى يۇقىتىش ئۈچۈن مۇنداق يازغان:<<ھازىر ئۇلار)تۈركلەر- ئا( ئىسلامنىڭ ياردەمچىسى، ھەيۋەت قوشۇنى بولسا خەلىپىنىڭ ھامىسى، پاناھگاھى، مۇستەھكەم قالقىنى ۋە ئىچىگە كىيگەن كۆڭلىكىدۇر. ئۇلار خەلىپىنىڭ ئەڭ يېقىن قوغدىغۇچىلىرىدۇر. ھەدىستە <<تۈركلەر سىلەرگە چېقىلمىغىچە سىلەرمۇ تۈركلەرگە چېقىلماڭلار، ئۇلار بىلەن تىنچ ئۆتىڭلار>> دېيىلگەن. بۇ ھەدىس بارلىق ئەرەبلەرگە پەيغەمبەرنىڭ ۋەسىيىتىدۇر. توغرا بولغان ھەرىكەت تۈركلەر بىلەن بولغان جىدەلنى توختىتىپ ئۇلار بىلەن تىنچ ئۆتىشىمىزدۇر. ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ تاجاۋۇز قىلىشقا جۈرئەت قىلالماي، ئۇلارنى <<تەرك ئېتىڭلار - اتر كو ھم>> دېيىشى نەتىجىسىدە تۈرك نامىنى ئالغان مىللەتنى قانداق ئويلايسەن. ھالبۇكى ئىسكەندەر بۇ سۆزنى ئۇرۇش ۋە قىلىچ كۈچى بىلەن ھەر تەرەپنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ئېيتقان. >>)9(
بۇ ئەسەردە تۈركلەرنىڭ خاراكتېرى قانداق تونۇتۇلغان؟
جاھىزنىڭ <<تۈركلەرنىڭ پەزىلەتلىرى>> دېگەن بۇ ئەسىرىنىڭ تولۇق تېكىستىنى ئايرىم بىر ئەسەر سۈپىتىدە ئىلان قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ يەردە مىسال سۈپىتىدە بەزى بايانلارنى تىلغا ئېلىش بىلەن كۇپايىلەندۇق. بۇ بايانلار ئەسەرنىڭ تۈركچە نۇسخىسىغا تايانغان ھالدا كۆرسىتىلدى. جاھىز بۇ ئەسىرىدە تۈركلەرنىڭ مەنىۋىي سالاھىيىتىنىڭ ئاساسىي بەلگىلىرىنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ:
<<تۈركلەر دوستلىرىغا ۋە باشقىلارغا خۇشامەتچىلىك، ئالدامچىلىق، مۇناپىقلىق، پىتنە -- پاساتچىلىق، ياسالمىلىق، زەھەرخەندىلىك، ئىككى يۈزلىمىچىلىك، چوڭچىلىق ۋە يامانلىق قىلمايدۇ. ھەر خىل پىكىرلەر ئۇلارنى ئازدۇرالمايدۇ. ھىيلە ئىشلىتىپ باشقىلارنىڭ مال-- مۈلكىنى ئىلىۋېلىشنى ھارام دەپ بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرلا ئەيىپى ۋە باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى سوگىتىدىغان تەرىپى ۋەتەنىگە ناھايىتى ئىشتىياق باغلىشى، كەينى كەينىدىن ئىرىشكەن زەپەرنىڭ خوشاللىقىنى، غەنىمەتنىڭ لەززىتىنى، سەھرادىكى ئويۇنلىرىنى، يايلاقتىكى ساياھىتىنى ئويلايدىغانلىقى ۋە ئۇزۇن ۋاقىت بىكار يۈرۈپ باتۇرلىقىنىڭ تۈگىشىپ كىتىشىدىن، ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن مەنىۋىي كۈچىنىڭ يوقىلىپ كىتىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى ئۈچۈن، تۈرلۈك مەملىكەتلەرنى كىزىپ يۈرۈشكە بەكلا ئامراقلىقى ۋە بۇلاڭ - تالاڭقا مەپتۇنلىقىدۇر>>)10( ئۇ جۇنەيدنىڭ تۈرك ھۆكۈمدارى خاقاننى تەسۋىرلىگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق مۇنداق يازغان:<< بۇ تۈركتىنمۇ ۋاپادار، ئىنساپلىق، ئاڭلىق ۋە ئەقىللىق ئىنساننى كۆرمىدىم>>)11( سۇماما مۇنداق دېگەن:<<ئۇلارنىڭ ئىلىدە بىر مەزگىل ئەسىرلىكتە ياشىدىم. ئۇلاردەك ئىنسانلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىدىغان مىللەتنى كۆرمىدىم.>>)12( جاھىز تۈركلەرنىڭ ئۇرۇشتىن باشقا ھەر قانداق ئىشتا ھىيلە ئىشلەتمەيدىغانلىقى ھەققىدە تۈرك ھۆكۈمدارى خاقاننىڭ خوراسان ۋالىسى جۇنەيدكە ئېيتقان سۆزىدىن بىر نەقىل ئېلىپ مۇنداق يازغان:<<بىز ئىشتا ھىىيلە ئىشلەتمەيدىغان بىر مىللەتمىز. ھىيلىنى پەقەت ئۇرۇشقىلا خاس دەپ قارايمىز. ئەگەر ئۇرۇش ھىيلىسىز بولىدىغان بولسا ئۇرۇشتا ھىيلە ئىشلىتىشنى گۇناھ دەپ بىلەتتۇق.>>)13(
جاھىز تۈركلەرنىڭ ھەرىكەتچان ۋە ئالغا ئىنتىلىدىغان مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق يازغان:<< تۈركلەر باشقا جايدا يەرلىشىپ قېلىشنى، بىر يەردە كۆڭۈل ئېچىپ يۇرۇشنى ياكى ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ قېلىشنى، بىكار يۈرۈش، كۆپ ھەرىكەت قىلماسلىق ۋە ئازغىنا ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشنى بەكلا ھار ئالىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ خاراكتېرى ھەرىكەتنى ئاساس قىلغان. بىكار تۇرۇشنى ئەيىپ بىلىدۇ. روھىي قۇۋۋىتى جىسمانىي قۇۋۋىتىدىن كۈچلۈك. ئۇلار قىزغىن، جۇشقۇن ۋە ئاڭلىق بولۇپ، خاتېرىسى كۆپ، نەزىرى ئۆتكۈر ئىنسانلاردۇر. ئۇلار قىسچىلىقتا ئۆتۈشنى ئاجىزلىق، ئۇزۇن ۋاقىت بىر يەردە تۇرۇپ قېلىشنى ئەخمەقلىق، راھەتلىكنى تۇسالغۇ، قانائەتچانلىقنى جۇرئەتسىزلىك ۋە ئۇرۇشتىن قول ئۈزگەنلەرنى خورلۇقتا قالىدۇ دەپ قارايدۇ.>>)14(
جاھىز تۈركلەرنىڭ ئاتلىق مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئاتچىلىقتىكى ماھارەت ۋە بىلىملىرىنىڭ ناھايىتى يۈكسەكلىكى ھەم تۈركلەرنىڭ پاراسەتلىك مىللەت ئىكەنلىكىدىن سۆز ئاچقان. بۇ ھەقتە ئۇ ھۇمەيىدنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىپ مۇنداق يازىدۇ: <<خاۋارىجلارنىڭ ئېتى تۈركلەرنىڭ ئېتىدەك چىداملىق ئەمەس. تۈركلەر ئات داۋالاشتا ئات دوختۇردىنمۇ ئۇستا، ئېتىنى خالىغانچە تەربىيىلەتشتە ئات باقاردىنمۇ تەجىرىبىلىك. ئېتىنى تاي ۋاقىتدىلا تەربىيىلەشكە باشلاپ، ئۆزى يىتىشتۈرىدۇ. ئېتىنىڭ ئىسمىنى چاقىرسا، ئېتى كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭىدۇ.... تۈركنىڭ ئۆمرۈدىكى كۈنلىرىنى يىغسا ئات ئۈستىدە ئۆتكەن كۈنلىرى يەرنىڭ ئۈستىدە ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىدىن كۆپ. تۈركلەر ئايغىرغا مىنىپ غازاتقا، سەپەرگە، ئوۋغا چىققاندا ۋە باشقا ھەر قانداق بىر مەقسەتتە يۇرتىدىن ئايرىلغاندا بايتال ۋە ئايغىرلىرى كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭىدۇ. ئۇلار ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلايدۇ. بۇنىڭغا ئىمكان تاپالماي، ئۇزۇققا مۇھتاج بولسا ئاتنىڭ قېنىنى ئىچىدۇ، ئۇسساپ كەتسە بايتالنى سېغىپ ئىچىدۇ. ئاستىدىكى ئاتنى دەم ئالدۇرماقچى بولسا يەرگە چۈشمەيلا يەنە بىر ئاتقا ئالمىشىدۇ. دۇنيادا پەقەت تۈركلەردىن باشقا گۆش يەيدىغان ھەر قانداق مىللەتنىڭ ۋۇجۇدىدا ئەيىپ- نۇقسانلار بار. تۈركلەرنىڭ ئېتى قومۇش يىلتىزى، ئوت- چۆپ، شاخ-- شۇمبىلارنى يەيدۇ. تۈركلەر ئېتىنى سايىداتمايدۇ ۋە سوغۇقتىن قوغدىمايدۇ.... تىز يۈرۈشكە بەرداشلىق بىرىش مەسىلىسىگە كەلسەك، چېگرادىكى ئەسكەرلەرنىڭ، پوچتا ئاتلىرىنىڭ، خىزمەتچىلەرنىڭ ۋە خاۋارىجلارنىڭ كۈچلىرىنى پەقەت بىرلا ئادەمگە توپلىغاندىمۇ بۇ كۈچ ئاددىغىنا بىر تۈركنىڭ كۈچىگە تەڭ كەلمەيدۇ. تۈركنىڭ ماجالى قالمىغاندا بوغۇزلىغان، غازات مەزگىلىدە مىنىشكە بولمايدۇ دەپ قارىغان ئاتلىرىغىمۇ توخارىستاننىڭ ھىچقانداق بىر ئېتى تەڭ كىلەلمەيدۇ. خاۋارىجلار بىلەن بىرلىكتە يولغا چىققاندا، خاۋارىجلار قەدەمنى تىزلەتكىچە تۈركلەر ئەڭ تىز سۈرئەت بىلەن يۈرۈشكە باشلايدۇ. تۈركلەر ھەم چوپان، ھەم ئات باقار، ھەم جانباز، ھەم ئات دوختۇرى ھەم ئاتلىق ئەسكەردۇر. قىسقىسى، بىر تۈرك ئۆز ئالدىغا بىر مىللەتتۇر. >>)15( يەزىد ئىبن مازيادنىڭ سۆزىدىن ئېلىنغان نەقىلدە مۇنداق دېيىلگەن: << تۈركنىڭ ئاتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرسا ئېغىرلىقى، يەردە ماڭسا ئاياق تېۋىشى يوقتۇر. بىزدىن بىر ئاتلىق ئەسكەر ئالدىدا تۇرغان نەرسىنى كۆرمىسە، تۈرك كەينىدە تۇرغان نەرسىنى كۆرەلەيدۇ. تۈرك بىزدىن چىققان بىر ئەسكەرنى ئوۋغا، ئۆزىنى قاپلانغا، ئاتلىق ئەسكەرنى بۇغىغا ، ئۆزىنى ئوۋ ئىتىغا ئوخشىتىدۇ. ئاللاھ نامىدىن قەسەم قىلىمەنكى، تۈركنىڭ پۇت - قۇلىنى باغلاپ قۇدۇققا تاشلىۋىتىلسىمۇ، چۇقۇم بىر چارىسىنى تېپىپ قۇتۇلۇپ چىقىدۇ.>>)16(
جاھىز تۈركلەرنىڭ ۋەتەن ھىسسياتىنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭكىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، تۈركلەرنىڭ ۋەتىنىڭ سۇ ۋە تۇپرىقىنىڭ ئۇلارغا تۈركلۈك خۇسۇسىيىتىنى بېغىشلىغانلىقىنى ھەتتا ھايۋانلىرىدىمۇ تۈركلۈك ئالاھىدىلىكىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق يازغان:<<ۋەتەن ھىسسياتى بارلىق ئىنسانلارغا ۋە پۈتكۈل ئەللەرگە ئورتاق بىر خۇسۇسىيەت بولسىمۇ، ئۆز ئارا ئوخشاشلىق، ئۇيغۇنلۇق، شۇنىڭدەك تەن تۈزۈلۈش ۋە ۋۇجۇدىدىكى تەركىپنىڭ بىر خىل بولۇشى سەۋەبىدىن بۇ ھىسسيات تۈركلەردە باشقا مىللەتلەردىن تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە چوڭقۇردۇر>>)17( <<ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ۋە تەبىئىتىدە باشقا مىللەتلەردە كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئۆز مەملىكىتىگە، ئۆز تۇپرىقىغا دائىر خۇسۇسىيەتلەر، ۋەتىنىگە تارتىشىدىغان سەزگۈرلۈكلەر ۋە باشقا يۇرتداشلىرى بىلەن بولغان ئوخشاشلىقلار بار. بىر باسرالىقنى كۆرسەڭ، ئۇ باسرالىقمۇ ياكى كۈفەلىكمۇ؟ بۇنى بىلمەيسەن، مەككىلىك بىرىنى كۆرگەندە، ئۇ مەككىلىكمۇ ياكى مەدىنەلىكمۇ؟ بۇنى تۇنۇيالمايسەن.... لېكىن تۈركلەرنى پەرق ئېتىشتە خاتالاشمايسەن. ئۇلارنىڭ قەيەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولساڭ قىياپەت ئىلمىگە ۋە پاراسەتكە تايىنىشقا، باشقىلاردىن سوراشقا مەجبۇر بولمايسەن. تۈركلەرنىڭ ئاياللىرىمۇ ئەرلىرىدەك، ھايۋانلىرىنىڭمۇ ئۇلارغا ئوخشاش تۈرك خۇسۇسىيىتي بار. ئاللاھ بۇ مەملىكەتنى مۇشۇنداق ياراتقان، ئۇلارغا بۇ خۇسۇسىيەتنى بەرگەن. دۇنياغا ئائىت ئالاھىدىلىكلەرنى ۋە يىتۈشتۈرۈش قابىلىيىتىنى ئۇلارغا ئىنتايىن كۆپ بەرگەن.>>)18( جاھىز باشقا ئەسەرلىرىنىڭ بەزى يەرلىرىدىمۇ بۇ ھەقتە سۆز ئاچقان.<<كىتاب ئەل-- ھاياۋان>>دا :<<تۈرك مەملىكەتلىرىدە تۆگە، ئات قاتارلىق چارۋىلارنىڭ ۋە يىرىتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ئايرىم شەكىل ئالغانلىقىنى كۆرىسەن>> دېيىلسە، <<كىتاب ئەل-- بىغال>>دە: <<بىز تۈرك مەملىكەتلىرىدىكى ھەر نەرسىنىڭ تۈركىي ئىكەنلىكىنى كۆردۇق>> دېيىلىدۇ. )19(
جاھىز تۈركلەرنىڭ ئۆز قەدرىنى بەك قوغدايدىغانلىقىنى، قەدىرسىز ياشىغاندىن كۆرە ئىختىيارى، ھۆر ياشاشنى ئەۋزەل بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:<<تۈركلەرنىڭ ۋەتىنىگە قايتىپ كىتىشنى ئارزۇ قىلىشىنىڭ ۋە ۋەتىنىگە بولغان ئىشتىياقىنىڭ سەۋەپلىرى دەل مۇشۇدۇر. ئۇلارنى قېچىشقا زورلىغان، مەملىكىتىگە كىتىشكە ئۈندىگەن، بىر يەردە داۋاملىق تۇرۇپ قېلىشتىن توسقان باشقا بىر ئامىل بېشىدىكى قومانداننىڭ ئۇلارنىڭ قەدرىنى بىلمەسلىكى، ئەھمىيىتىنى چۈشىنەلمەسلىكى، ئۇلارغا پايدىلىق بولۇشنى ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىشنى بىلمەسلىكىدۇر. قوماندانلىرى ئۇلارنى ئەسكەرلەرنىڭ نەمۇنىسى قىلمىغانلىقى ئۈچۈن چەتتە تۇرۇشقا، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدا ۋە باشقا ئەسكەرلەر بىلەن بىر قاتاردا قېلىشقا رازى بولمايدۇ. بۇنى ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ بولالمىدى، ئۆزىگە تىگىشلىك ھەقنى ئويلىدى. ئۆزلىرىنىڭ ھەقسىزلىككە لايىق ئەمەسلىكىنى، چۈشكۈنلۈكنىڭ ئۆزلىرىگە ياراشمايدىغانلىقىنى ۋە قەدرىنى بىلمىگەن ئادەمنىڭ يېنىدا تۇرۇشنىڭ ھەققىنى بەرمىگەن ئادەمنىڭ يېنىدا تۇرۇشتىنمۇ يامان ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ. لېكىن، ھەكىم ۋە ئىنسانلارنىڭ قەدرىنى بىلىدىغان، يامان ئاداتلەرگە ھەۋەس قىلمايدىغان، ئارزۇسىغا ماس كەلمىگەن بىر دۆلەتنى باشقا بىر دۆلەتتىن قوغدىمايدىغان، ھاكىمىيەت نىمىنى شەرت قىلسا شۇ بويىچە ھەرىكەت قىلىدىغان، زاپاس كۈچ نىمىنى زۆرۈر قىلسا شۇنى قىلىدىغان بىر ھۆكۈمدارغا ئۇچرىغاندا، ئۆزىنىڭ ھەددىنى بىلىدىغان، ئادەتنى بىر چەتكە قايرىپ ھەقىقەتنى ھىمايە قىلىدىغان، ۋەتىنىدىن ئايرىلغىنىغا قارىماي روھىنى ئارمىنىغا يەتكۈزىدىغان، ئىختىيارى، ھۆر ياشاشنى بىر يەرگە يەرلىشىپ ياشاشتىن ئەۋزەل بىلىدىغان، ھەقىقەتنى دوستتىن ئۈستۈن تۇتىدىغان ئىنسانلارغا ئوخشاش شۇ يەرلەردە تۇرۇپ قالىدۇ.>>)20(
جاھىز ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەتنىڭ مەلۇم بىر ساھەسىدە باشقىلارنىڭ ئالدىدا ماڭغانلىقىنى، تۈركلەرنىڭ بولسا ھەربىيلىكتە ھەممە مىللەتنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تەبىئىتىڭمۇ ھەربىيلىككە ئۇيغۇن يارىتىلغانلىقىنى، بارلىق زوقىنى ئۇرۇشتىن ئالىدىغانلىقىنى ھەتتا ئۆز ئارا قىلىشىدىغان پاراڭلىرىنىڭمۇ ئۇرۇش ھەققىدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق يازغان:<<ھەر قانداق بىر مىللەت كىشىلىرىنىڭ ياكى سەنئەت ماھارىتدە، ياكى نۇتۇق، ئەدەبىيات ۋە ھىكمەتتە ۋە ياكى سىياسەت ۋە ھەربىيلىكتە باشقا مىللەتلەردىن ئۈستۈن ئۇرۇندا تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن.... ئارزۇلىرى چېچىلاڭغۇ، پىكىرلىرى مالىماتاڭ، كاللىسى ھەر خىل نەرسىلەر بىلەن مەشغۇل بولىدىغان، مەسلىكى ھەققىدە تەييارلىقى يوق مىللەتلەر بۇ تېمىلارنىڭ ھىچبىرىدە چىنلىقلار)خەنزۇلار-ئا(نىڭ سەنئەتتە، يۇنانلىقلارنىڭ پەلسەپە بىلەن ھىكمەتتە، ئەرەبلەرنىڭ تۈۋەندە بىز تىلغا ئالىدىغان خۇسۇسلاردا، ساسانىيلارنىڭ سىياسەتتە، تۈركلەرنىڭ ھەربىيلىكتە كۆرسەتكەن ماھارىتىدەك تولۇق ۋە مۇكەممەل ماھارەت كۆرسىتەلمىگەن..... تۈركلەر سەنئەت، تىجارەت، تىبابەت، دېھقانچىلىق، گېئومېتىرىيە، باغۋەنچىلىك، دەرەخ تېكىش، بىنا سېلىش، قانال قېزىش ۋە مال توپلاش بىلەن مەشغۇل بولمىدى. پەقەت غازات، ئوۋچىلىق، ئات مىنىش، قەھرىمانلىق بىلەن ئۇرۇش قىلىش، غەنىمەتكە ئېرىشىش ۋە تۈرلۈك مەملىكەتلەرنى تۇنۇش بىلەن مەشغۇل بولغانلىقىدىن ۋە تەبىئىتىمۇ بۇنىڭغا ماس كەلگەنلىكىدىن بۇنى ناھايىتى مۇستەھكەملىدى. بۇ خۇسۇستا ئەڭ يۈكسەك دەرىجىگە ئىرىشتى. ئۇلارنىڭ سەنئىتى، تىجارىتى، زوقى، ئىپتىخارى ۋە كىچە-- كۈندۈز قىلىشىدىغان سۆزلىرى ھەربىيلىكتىن ئىبارەتتۇر.>>)21( جاھىز تۈركلەرنىڭ ئاتلىق ئۇرۇش سەنئىتى ھەققىدە ھۇمەيىدنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:<<خاۋارىجلار ھۇجۇم مەزگىلىدە نەيزىنىڭ كۈچىگە ئىشىنىدۇ. تۈركلەرمۇ خاۋارىجلارغا ئوخشاش، ھەتتا ئۇلارنىڭكىدىنمۇ ياخشى نەيزە قوللىنىدۇ. ھۇجۇم مەزگىلىدە ئۇلاردىن مىڭ ئاتلىق ئەسكەر مىڭ ئاتلىق دۈشمەنگە ئوق ئاتسا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يەر چېشلىتىدۇ. بۇ خىل ھۇجۇمغا ھىچقانداق قوشۇن قارشى تۇرالمايدۇ. يەنە كېلىپ خاۋارىجلارنىڭ ۋە چۆل ئەرەبلىرىنىڭ ئاتنىڭ ئۈستىدە تىلغا ئالغىدەك ئېتىش ماھارىتى يوق.... تۈرك چارۋىسىنى تىز سۈرۈپ كىتىۋېتىپمۇ ئالدى -- ئارقىغا، ئوك-- سولىغا، يۇقىرى -- تۈۋەنگە ئوق ئاتىدۇ. خاۋارىج ياسىغا بىر تال ئوق قويغىچە تۈرك ئون تال ئوق ئېتىپ بولىدۇ. تۈرك تاغدىن چۈشىۋاتقان ياكى چوڭقۇر بىر جىرانىڭ ئىچىگە كىرىۋاتقاندىمۇ ئېتىنى خاۋارىجنىڭ تۈز يەردە ئات سۈرگىنىدىنمۇ تىزراق چاپتۇرىدۇ..... ئارقىسىدىكى ئادەمگە ئالدىدا تۇرغان ئەدەمدەك ئوقنى دەل تەككۈزىدۇ. شۇنچە تىز چېپىپ كىتىۋاتسىمۇ، سالما تاشلاپ دۈشمەن ئېتىنى يەرگە يېقىتىشتىن ۋە ئاتلىق ئەسكەرنىڭ گەجكىسىدىن ئېلىشتىن غەم قىلمايدۇ. تۈركلەر ئەسكەرلىرىنى ئىككى--ئۈچتىن يا ۋە كىرىچ ئېلىپ مېڭىشقا ئادەتلەندۈرگەن. تۈركلەر ھۇجۇمغا ئۆتكەندە قورال، ئات، ئات جابدۇقلىرى ۋە ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئەسكەرلەر ئۆزى ھازىرلايدۇ. ئۇلار تىز يۈرۈشتە، دائىملىق سەپەردە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان كىچىلىك ھۇجۇملاردا ۋە مەمەلىكەتلەرنى ئىشغال قىلىشتا كىشىنى ھاڭ--تاڭ قالدۇرىدۇ.... دۇنيادا تۈركلەردىن باشقىلارنىڭ نۆۋەتلىشىپ ھۇجۇم قىلىشى ۋە ئورتاق قوماندانلىق قىلىشى زىيانلىقتۇر. يەنە كېلىپ تۈركلەر نۆۋەتلىشىپ ھۇجۇم قىلمايدۇ، قوماندانلىقتىمۇ ئورتاقلىشىپ ھەرىكەت قىلمايدۇ. ئۇرۇشتا نۆۋەتلىشىشنىڭ، قوماندانلىقتىكى ئورتاق ھەرىكەت قىلىشنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغان تەرىپى بولسا پىكىر ئىختىلاپى، زىددىيەت، ھەسەت، ئورتاقلاشقان شىرىكلەرنىڭ ئىشنى بىر بىرىگە ھاۋالە قىلىشىدەك خەۋپنى پەيدا قىلىشىدۇر. تۈركلەر بىر قوشۇنغا قارشى سەپ تۈزگەندە، دۈشمەن قوشۇنىدا بىر كەمچىلىك كۈرۈلسە ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇنى دەرھال بايقىيالايدۇ. ئەگەر كەمچىلىك بولمىسا، دۈشمەن ئۈستىدىن غەلبىگە ئىرىشىش مۇمكىن بولمىسا ۋە ھۇجۇمدىن ۋاز كېچىش مۇناسىپ بولسا ھەممىسى ئوخشاش بىر قاراشقا كېلىدۇ. ئەڭ ئۇيغۇن ھەرىكەتنىڭ چېكىشىش ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ. ھۇجۇم قىلغاندا قاراشلىرى ۋە ئارزۇلىرى بىر يەردىن چىقىدۇ. تۈركلەر ھەرخىل پىكىر، ماختىنىش ۋە شېئىر ئوقۇپ يۈرۈش بىلەن مەشغول بولغان كىشىلەر ئەمەس. ئۇلارنىڭ مەقسەتلىرى ھاياتىنى ساغلام چۈشەنچىگە ئىرىشتۈرگەچكە، ئۆز ئارا ئىختىلاپ يوق. >>)22( <<ئۇرۇشتا تاللاش ھوقۇقى تۈركلەرنىڭ قولىدا. ئۇلار قاچسا جازالىنىشتىن قورقمايدۇ، تۆھپە ياراتسا مۇكات كۈتمەيدۇ، تۈركلەر ئۆز مەملىكىتىدە، بۇلاڭ - تالاڭدا ۋە ئۇرۇشلاردا ھەمىشە مۇشۇنداق. باشقىلار ئۇلارنى قوغلاپ يىتەلمەيدۇ، ئۇلار باشقىلارنى قوغلاپ تۇتىۋالىدۇ. بۇ ئەھۋالدىكى كىشىلەر ئۇرۇشتا نورمال غەيرەت كۆرسىتىدۇ، پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلمايدۇ. تۈركلەرگە ھىچقانداق كۈچ قارشى تۇرالمايدۇ. ھىچكىم ئۇنى بىر چىشلەم لوق گۆشنىڭ ئورنىدا يۈتىۋىتەلمەيدۇ>>)23( ، <<ئەرەب ئارمىيىسىنىڭ يۈرىكىنى تۈركلەردەك تىترەتكىنى يوق>>)24( ، <<تۈركلەر باشقا ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە سەپەرگە چىقسا، باشقىلار 10 مىل ماڭغىچە تۈركلەر ئەتراپىدىكىلەرنى ئارقىدا قالدۇرۇپ 20 مىل يول بېسىپ بولىدۇ. >>)25( تۈركلەرنىڭ ھەربىي يۈرۈشتە تىز سۈرئەتتە كىتىۋېتىپ ئالدىدىكى ۋە ئارقىدىكى نىشانلارنى شۇنچە توغرا قارىغا ئالىدىغان ماھارىتىگە ھەيران قالغان جاھىز بۇنى<<تۈركنىڭ تۆت كۆزى بار. بۇنىڭ ئىككىسى يۈزىدە، ئىككىسى كەينىدە>>)26( دەپ سۈپەتلىگەن ئىدى.
جاھىزنىڭ <<تۈركلەرنىڭ پەزىلەتلىرى>> دېگەن كىتابىدا تۈركلەرنىڭ ھەربىي ئۈستۈنلىكلىرىنى تۇنۇتۇشقا ئائىت مەزمۇنلارغا كۆپ ئورۇن بىرىلگەن، تۈركلەردە ھەربىيلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى سەۋەپلەرمۇ تەھلىل قىلىنغان ۋە بۇ ھەقتە مۇنداق يازغان:<<دۇنيادا ھەر بىر يۇنانلىق پەيلاسوف ۋە ئالىم، ھەر بىر چىنلىق سەنئەتكار، ھەر بىر بەدىۋىي شائىر ۋە قىياپەتشۇناس بولمىغىنىدەك، ھەر بىر تۈركمۇ خاراكتېرلەندۈرگىنىمىزدەك ئەمەس، لېكىن تىلغا ئېلىنىۋاتقان بۇ خۇسۇسلار بۇ مىللەتلەردە تېخىمۇ ئومۇمىي، تېخىمۇ مۇكەممەل، تېخىمۇ ئۈستۈن ۋە تېخىمۇ ئېنىقتۇر. باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىق ھالدا تۈركلەردە قەھرىمانلىقنىڭ، مىنىكچىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى سەۋەپلەردىن ۋە نىمە ئۈچۈن ھەربىيلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك خۇسۇسلارنىڭ ئۇلارغا مەركەزلەشكەنلىكىدىن سۆز ئاچتۇق. بۇلار شۇنداق خۇسۇسلاركى، بۇ ناھايىتى نادىر پىكىرلەرنى، ناھايىتى قىممەتلىك خۇسۇسىيەتلەرنى شەرت قىلىدۇ. بۇنىڭ بىر قىسمى يىتەكچىنىڭ مەرت، كۈچلۈك، غەيرەتلىك ۋە مۇكەممەل ئىنسانغا ئايلىنىش ئۈچۈن تىرىشىدىغان كىشى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىر قىسمى بولسا توغرا ھەرىكەتنى، يۈكسەك پىكىرنى، ئېنىق چۈشەنچىنى، چوڭقۇر قاراشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەربىيلىك بىلەن مەشغۇل بولىدىغان كىشىنىڭ ئاڭلىق، بىلىملىك، ئىھتىياتچان، غەيرەتلىك، تاقەتلىك، سىر ساقلايدىغان، مەدەنىيەتلىك، ھۇشيار ۋە تەجىرىبىسى كۆپ بىر ئادەم بولۇشىنى، ئات مىنىش ۋە قۇرال ئىشلىتىشنى بىلىشىنى، ئىنسانلارنى ۋە مەملىكەتلەرنى تەتقىق قىلغان، ماكان ۋە زاماننى، ھىيلىنى ۋە بارلىق ئىشلارنىڭ نىمىگە باغلىق بولىدىغانلىقىنى بىلىش كىرەكلىكىنى شەرت قىلىدۇ.>>)27( جاھىزنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، تۈركلەر ئۆز ۋەتىنىدىمۇ دائىم ئۇرۇشقا تەييار ھالەتتە تۇراتتى. قىلغان ئۇرۇشلىرى دىن ياكى مەزھەپ ئۈچۈن ئەمەس، ھۈرىيەت ۋە ئىستىقلالىنى قوغداش ۋە غەنىمەتكە ئىرىشىش ئۈچۈن ئىدى. تۈركلەر ئىرادە ۋە ھۈرىيىتىنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويۇشنى خالىمايتتى. جاھىز <<كىتاب ئەل - بىغال >>دېگەن ئەسىرىدە مانى دىنىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرىدىن سۆز ئاچقان ۋە مۇنداق يازغان:<<تۈركلەر زىندىلىك دىنى- مانى دىنىگە كىرگەندىن كېيىن ئۇرۇشلاردا مەغلۇپ بولۇشقا باشلىدى. تۈركلەرنىڭ ئەڭ قەھرىمان قەبىلىلىرىدىن بولغان توققۇز ئوغۇزلار)ئۇيغۇرلار- ئا( بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر. ھالبۇكى، توققۇز ئوغۇزلار قارلۇق تۈركلىرىدىن سان جەھەتتە نەچچە ھەسسە ئار بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنى ئۇرۇشتا دائىم مەغلۇپ قىلاتتى. نە زامان زىندىلىك دىنىگە كىرىشكە باشلىدى، بۇ دىن ئىنسانلارنى دۇنيادىن قول ئۈزۈش ۋە مۇلايىملىققا دەۋەت قىلىشتا خرىستىئان دىنىدىن نەچچە ھەسسە يامان تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن تۈركلەرنىڭ قەھرىمانلىق ۋە جاسارەت تۇيغۇلىرىنى يوقىتىپ، ئۇلارنى تارتىنچاق قىلىپ قويدى.>>)28( دېمەك، ئەسەرلىرىدە تۈركلەرنى بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە نەزەرگە ئالغان جاھىز ئۇلارنىڭ مۇھىم بىر تارمىقى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مانى دىنىنىڭ تەسىرىدە ھەربىي ئىقتىدار جەھەتتىن چىكىنگەنلىكىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىغان.
جاھىز تۈركلەرنىڭ غەيرەتلىك، شىجارەتلىك، چىداملىق ۋە قورقماس مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۇزۇنغا سوزۇلغان يۈرۈشلەر، كىچىلىك ھەرىكەتلەر، ئاچلىق، قاتتىق سوغۇق، پىژ -- پىژ ئىسىق دەستىدىن باشقا ئەسكەرلەر ھېرىپ ماجالى قالمىغاندا، تۈركلەرنىڭ قىلچىمۇ بوشاشماي، خۇددى ھارغىنلىك ۋە ئازاپنىڭ دەردىنى تارتمىغان ئادەمدەك باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولالايدىغانلىقىنى ۋە سەپەرلەردە خەتەرلىك يەرلەرگە دۇچ كەلسىمۇ، يولىنى ئۆزگەرتمەي ئۇ يەردىن ئەپلىك بىر چارە بىلەن ئۆتۈپ كىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق يازغان: <<ئۇلار قونالغۇسىغا ئۇلاشقاندا خەتنىسى قىلغان بالىلاردەك پاچاقلىرىنى كېرىپ ئاران دەستلەپ مېڭىپ، كىسەل كىشىدەك ئىڭراپ، ئەسنەپ، كېرىلىپ، يانپاشلاپ يېتىپ ھاردۇق چىقىرىۋاتقاندا، بۇ ئەسكەرلەردىن نەچچە ھەسسە كۆپ يول يۈرگەن ۋە نۇرغۇن ئوق ئېتىپ بىلىكى تالغان بولسىمۇ، قونالغۇنىڭ يېنىدا بىر ياۋا ئىشەك ياكى بىر بۇغىنى ئۇچراتقان، ئالدىغا بىر تۈلكە ياكى توشقان چىققان تۈرك ھىچقانداق ئىش بولمىدەك ئۇ نىشانغا قاراپ تىز چېپىشقا باشلايدۇ. كىشىلەر بىر ئېقىندىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ كېچىكىنى ياكى كۆۋرۈكىنى ئىزدىسە تۈرك ئېتىنى دىۋىتىپ ئالدىغا قاراپ ئىلگىرلەيدۇ، كېيىن باشقا بىر تەرەپتىن پارلاپ تۇرغان يۇلتۇزدەكلا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. كىشىلەر خەتەرلىك بىر چوقىغا دۇچ كەلگەندە باشقىلار يولنى بويلاپ ماڭسىمۇ، تۈرك يولنى تاشلاپ چوقىغا قاراپ يامىشىدۇ. كېيىن تاغ ئۆچكىسىمۇ چۈشەلمەيدىغان يەرلەردىن پەسكە قاراپ سېرىلىپ چۈشىدۇ. >>)29(
يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئاپتور بۇ ئەسەرنى شۇ دەۋرىدىكى مۇشاھىتلارنىڭ سۆزلىرى ۋە ئۆزىنىڭ كۈزىتىشى ئاساسىدا يازغان. جاھىز ئۆزىنىڭ ئەقىدىسى ۋە ئىلىم چۈشەنچىسى بويىچە يامانلىقتىن سۆز ئېچىشتىن يىراق تۇرۇشنى پرىنسىپ قىلغاچقا، بۇ ئەسىرىدە پەقەت تۈركلەرگە ئومۇمىي بولغان ۋە باشقا مىللەتلەرگە نىسبەتەن بىر خىل ئۈستۈنلۈك ھىساپلانغان خاراكتېرلەرنى يورۇتىشقا تىرىشقان. ئۇ بۇ كىتابىدىكى مەلۇماتلارنىڭ توغرا ياكى خاتا يېزىلغان بولۇشىنىڭ مۇئەللىپنىڭ ئىردىسىگە ئەمەس، بەلكى ئىرىشكەن بىلىمىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ مۇنداق يازغان:<<بۇ ئەسەردە بارلىق سىنىپلارنىڭ مەنقىبەلىرى ھەققىدە بىزگىچە يىتىپ كەلگەن مەلۇماتلاردىن ئىرىشكەن بىلىمىمىز دائىرىسىدە سۆز ئاچتۇق. ئەگەر يازغانلىرىمىز ھەقىقەتكە ئۇيغۇن بولسا بۇ ئاللاھنىڭ مۇۋاپپىقىيەت ۋە ياخشىلىق ئاتا قىلغانلىقىدىندۇر. ئەگەر كەمچىلىكلىرىمىز بولسا بۇ بىلىمىمىزنىڭ ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنىڭ يىتەرسىزلىكىدىندۇر، نىيىتىمىزنىڭ ياخشىلىقىنى، كۆڭلىمىزدىكى سەمىمىيەتنى ۋە خەلىپىنىڭ ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلدۇق. بىر نەرسىنى سەل چاغلاپ قولغا كەلگەن پۇرسەتنى قاچۇرۇپ خاتالىق سادىر قىلىش بىلەن ئاجىزلىق ۋە جاسارەتنىڭ تۈۋەنلىكى تۈپەيلىدىن خاتالىق سادىر قىلىش ئوتتۇرىسىدا پەرق بار.>>)30( بۇنىڭدىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئىلىمدىكى تەرەپسىزلىك ۋە ئۆزى تەتقىق قىلماقچى بولغان ئوبيېكىتكە مۇھەببەت باغلاش ۋە ھەر مەسىلىنى بىلىمنىڭ كۆزى بىلەن كۆرۈش جاھىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئىلىم پرىنسىپى ئىدى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئىلغار بىر ئىلىم مېتودى ۋە پەزىلەت ھېساپلىنىدۇ. مۇشۇنداق بىر ئىلغار ئىلىم مېتودى ۋە پەزىلەت جاھىزنى تارىختا تۈركلەرگە دائىر ئەسەر يازغان ئالىملار ئىچىدە شەرەپلىك بىر ئورۇنغا ئىگە قىلدى ۋە شۇ دەۋردىكى بۈيۈك بىر تۈركولوگقا ئايلاندۇردى.
جاھىزنىڭ تەرەپسىز ئىلىم چۈشەنچىسى ۋە تۈركلۈك سۆيگۈسىدىن بارلىققا كەلگەن بۇ ئەسىرى تۈركلەرنىڭ مەنىۋىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئورخۇن ئابىدىلىرى ۋە <<تۈركىي تىللار دىۋانى>> بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان قىممەتلىك بىر ئەسەردۇر. تۈركولوگىيە تەتقىقاتىغا نۇر بىرىۋاتقان بۇ ئەسەر بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەر ۋاقىت تۈركلەرنىڭ روھىنى سۇغۇرۇپ تۇرىدۇ ۋە ۋۇجۇدىغا كۈچ بىرىدۇ.
مەنبەلەر:
)1( ئاھمەد جافەرئوغلۇ:<<تۈرك تىلى تارىخى>>، تۈركچە، 2- توم، 9-بەت، 1984- يىلى، ئىستانبۇل، ئەندۇرۇن نەشرىياتى.
)2( ئابدۇقادىر جالالىدىن :<< <<تۈركىي تىللار دىۋانى>>دا ئەكىس ئەتكەن ئەدەبىيات چۈشەنچىلىرى>>، <<بۇلاق>> ژورنىلى، 2008-يىل، 3-سان، 53-بەت.
)3( زەكەرىيا كىتاپچى:<<خىلافەت مەملىكىتىدە تۈركلەرنىڭ ئەرەپ تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا قىلغان خىزمىتى>>، تۈركچە،167- بەت، 2004-يىلى، كونيا، سەبات ئوفسېت مەتبەئەچىلىكى.
)4( google.com http//www. تور بىتىدىكى <<جاھىز>> ماددىسىدىن ئېلىندى.
)5( ئەبۇ ئوسمان ئەمر ئىبن بەھر ئەل--جاھىز:<< خىلافەت ئارمىيىسىنىڭ مەنقىبەلىرى ۋە تۈركلەرنىڭ پەزىلەتلىرى>>، تۈركچە،20- بەت،1988- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك كۈلتۈرىنى تەتقىق قىلىش ئىنىتىتوتى نەشرىياتى.
)6( جاھىز، يۇقىرىقى ئەسەر، 20- بەت .
)7( جاھىز، يۇقىرىقى ئەسەر ، 21 - بەت.
)8( ھاككى دۇرسۇن يىلدىز: <<ئىسلامىيەت ۋە تۈركلەر>>، تۈركچە، 108-بەت، 2000- يىلى، ئىستانبۇل، كامەر نەشرىياتى.
)9( جاھىز، يۇقىرىقى ئەسەر، 87-بەت.
)10( جاھىز، يۇقىرىقى ئەسەر،77-بەت.
)11( جاھىز، يۇقىرىقى ئەسەر،89-بەت.
)12( جاھىز، يۇقىرىقى ئەسەر،89-بەت.
)13( جاھىز، يۇقىرىقى ئەسەر،87بەت.
)14( جاھىز، يۇقىرىقى ئەسەر،79-بەت.
)15(جاھىز، يۇقىرىقى ئەسەر، 68-بەت.
)16(جاھىز، يۇقىرىقى ئەسەر، 74-بەت.
)17(جاھىز، يۇقىرىقى ئەسەر، 78-بەت.
)18(جاھىز، يۇقىرىقى ئەسەر، 77-بەت.
)19(جاھىز، يۇقىرىقى ئەسەر، 77-بەت، نەشىرگە تەييارلىغۇچىنىڭ ئىزاھاتى.
)20(جاھىز، يۇقىرىقى ئەسەر، 80 -بەت.
)21(جاھىز، يۇقىرىقى ئەسەر، 80-،82 -بەتلەر.
)22(جاھىز، يۇقىرىقى ئەسەر، 67-،21 -بەتلەر.
)23(جاھىز، يۇقىرىقى ئەسەر، 70 -بەت.
)24(جاھىز، يۇقىرىقى ئەسەر، 86-بەت.
)25(جاھىز، يۇقىرىقى ئەسەر، 68 -بەت.
)26(جاھىز، يۇقىرىقى ئەسەر، 67 -بەت.
)27(جاھىز، يۇقىرىقى ئەسەر، 83 -بەت.
)28( زەكەرىيا كىتاپچى: << ئۇيغۇر تۈركلىرى ئارىسىدا ئىسلامىيەت>>،تۈركچە، 61-بەت،2005- يىلى، كونيا، يەتتە قۇببە نەشىرياتى .
)29(جاھىز، يۇقىرىقى ئەسەر، 69 -بەت.
)30( جاھىز، يۇقىرىقى ئەسەر، 93 -بەت. زەكەرىيا كىتاپچى: <<خىلافەت مەملىكىتىدە تۈركلەرنىڭ ئەرەپ تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا قىلغان خىزمىتى>>، 205 -بەت.
[ 此贴被ajrim在2008-09-06 18:18重新编辑 ]