قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
بۇ تېما 3417 قېتىم كۆرۈلدى
hurshidam
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 25531
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
پۇل: 156 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-06

 خوتۇنلاغا 19 ماددىلىق تۈزۈم

1
خوتۇنلارغا 19ماددىلىق تۈزۈم



مۇشۇ كۈنلەرە خوتۇنخەقنى باشقۇرماق بەكلا تەسلىشىپ كېتىپ بارىدۇ. ئەجدادلىرىمىز خوتۇن دېگەننى ئارا كۈندە بىر قامچىلاپ يىكتەك قىلىپ باشقۇرۇپتىكەن، بىزگە كەلگەندە بۇ ئەنئەنە بۇزۇلدى. ئۇرساڭ خوتۇن زومىگىرى دەيدۇ، ئۇرمىساڭ قول قىچىشىپ ئادەمنى شۈك ئولتۇرغىلى قويمىغان.

زامان تەرەققىي قىلغانسېرى،ھەممە ئادەمنىڭ كاللىسى ئېچىلىپ سەگەكلىشىپ كەتكەنسېرى، خوتۇننى ئۆزۈڭنىڭ دېگەن يېرىگە ئاپارمىقىڭ، كىرپىك كۆتۈرۈپ قارىيالماس قىلىۋەتمىكىڭ ئوڭاي ئەمەسكەن. شۇڭا ، خوتۇننى تۈزۈم ئارقىلىق باشقۇرۇش بىردىنبىر ياخشى چارە بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشلەۋاتقان ئىدارە-ئورۇنلارمۇ بىزنى تۈزۈم ئارقىلىق راۋرۇس ئادەم قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ بۇ تۈزۈممۇ شۇنىڭغا تەقلىد قىلىندى.

خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ يېڭىلاش ، ئاۋام پۇقرانىڭ ئائىلە ئىنتىزامىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئائىلىلەرنىڭ نورمال تەرتىپىنى ساقلاش ۋە ئاياللارنىڭ ئائىلىۋى تۇرمۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەزكۇر «تۈزۈم» تۈزۈپ چىقىلدى.مەزكۇر تۈزۈم چوڭ- كىچىك شەھەر، ناھىيە بازارلىرىدىكى باشباشتاق، تۇرمۇشى تەرتىپسىز ياش چوركانلارغا تەتبىقلىنىدۇ؛ ۋۇجۇدى پاك، سەمىمىي، مۇلايىم، كۆيۈمچان، ۋاپادار ئاياللارغا ماس كەلمەيدۇ. ئەھلى مەزلۇملىرىمىز ۋاقىپلانغاي:

1. خوتۇن كىشىنىڭ ئېرىنى سۆيۈش ۋە ئۇنى قەتئىي ھىمايە قىلىش، ئېرىنىڭ يېتەكلىشىگە مۇتلەق بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ئائىلىۋى مەشغۇلات ۋاقتىغا قاتتىق ئەمەل قىلىش، ئەتىگىنى سائەت 6 دە ئورنىدىن تۇرۇپ ناشتىلىق تەييارلاش (ئۆلچىمى ھەر بىر ئائىلە ئەزاسى ئۈچۈن بىر كوي)، ۋاقىتنى كېچىكتۈرمەسلىك- ھورۇنلۇق قىلماسلىق، كەچتە سائەت 11:30دىن كېيىن ئۇخلاش ۋە ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى يۈز يۇيۇش ۋاقتى 3 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك؛ بىر كۈن جاپالىق ئىشلىگەن ئېرىنىڭ بەدىنىنى تۇتۇپ قويۇش، بالىنىڭ قىيا-چىيا قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇ جەھەتتە لىڭتاسمىلىق قىلماسلىق، غۇدرىماسلىقى لازىم. مۇلازىمەت سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىش مەنئىي قىلىنىدۇ، ھېيت-بايرام ۋە ئارام كۈنلىرى دەم ئېلىش چەكلىنىدۇ.

2. خوتۇن بولغۇچى تەربىيلىنىپ تۇرۇشى، ئاشپەزلىك تېخنىكىسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن سىرت، يەنە ئۆينى ئالىي مېھمانسارايلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە رەتلىك تۇتۇشى ، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تېبابەت ساۋاتلىرىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.

3. خوتۇن بولغۇچى ھەر ۋاقىت ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى، ئائىلىدە رەتسىز ، قالايمىقان كىيىنىپ يۈرمەسلىكى(ئۇخلاش كىيىمى بۇنىڭ سىرتىدا)؛ سىرتقا چىققاندا، ساڭگۇل-سۇڭگۇل، ئالا-بۇلىماچ كىيىملەرنى كىيىپ يۈرمەسلىكى، «ئاشخانىغا كىرگەندە ئۇستا ئاشپەز، ئاشخانىدىن چىقىپلا لېۋەن يارلار» بولۇشى كېرەك.

4. خىزمەتتە بولسا، ھەر ئايلىق ئىش ھەققى، مۇكاپاتى ۋە بارلىق كىرىملىرىنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم تولۇقى بىلەن ئېرىگە تاپشۇرۇشى ھەم بۇنىڭغا قارشى ئىدىيىدە بولماسلىقى، يوشۇرۇن پۇل ساقلىماسلىقى؛ ھەر كۈنلۈك چىقىمى 10 كويدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى (ھېيت-بايرامدىن سىرت)كېرەك.ئەركىشىدە ئايالىنىڭ چىقىم ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرۇش، سۈرۈشتە قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.

5. ئەرنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئورنىدا كۆرۈپ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ئاسرىشى ، ھۆرمەتلىشى لازىم. ھەدىسىلا بىرتەرەپلىمە ھالدا ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن كەتمەن چېپىپ ئائىلىنىڭ ئىناق كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزىشىگە رۇخسەت يوق.

6. ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى نەزەردە تۇتۇپ ئايالنىڭ تۈرلۈك ناملاردىكى قاتار چايلارغا قاتنشىشى قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ.

7. ئائىلىدە ئەرنىڭ مۇتلەق نوپۇزى گەۋدىلىنىشى، ئىچىش- چېكىشىگە زىيادە چەك قويۇلماسلىقى، يېرىم كېچىدە ياكى تاڭ ئاتقاندا كەلسە كۆپ سۈرۈشتە قىلىنماسلىقى لازىم. ئايال بولغۇچى «كۇرىيە فىلىم»لىرىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، ئەشۇ فىلىملاردىكى ئايال پېرسۇناژلارغا ئوخشاش ئېرىگە ساداقەتمەنلىك كۆرسىتىشى لازىم.

8. ئېرىگە خالىغان ۋاقىتتا تېلېفون قىلىپ، ئەر بولغۇچىنىڭ خۇش كەيپىنى بۇزۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. تېلېفون بەرمىسە بولمايدىغان ئىش چىققاندا تېلېفون قىلىشى، تېلېفوندا پەقەت ئاساسىي مەقسەتنىلا سۆزلىشى لازىم. تېلېفوندا سۆزلەشكەن ئومۇمىي ۋاقتى بىر مېنۇتتىن ئاساسەن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

9. ھە دېسىلا ئاغرىپ قېلىپ، ئائىلىنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىغا، ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزىشىگە رۇخسەت يوق. داۋاسى يوق (مەسىلەن، راك دېگەندەك) كېسەلگە مۇپتىلا بولغاندىن باشقا كېسەللىكەرنى كۆپ ھەرىكەت قىلىش، ئاز تاماقلىنىش بىلەن داۋالىشى، ئىڭراپ يېتىۋالماسلىقى لازىم.

10. خوتۇن بولغۇچى ئۆز پەرزەنتىنى كۈندە مەكتەپكە ئېلىپ بېرىش ۋە قايتۇرۇپ كېلىش ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى، ھەرقانداق سەۋەبلەر بىلەن كېچىكتۈرمەسلىكى؛ ئارام كۈنلىرىمۇ «نۆۋەتچىلىك » مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئائىلىۋى تاماقنىڭ مول بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، پەرزەنتىنى سىرتتا ئوينۇتۇش(تاكسىغا ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ)، ياكى قېينانىسىغا ھەمراھ بولۇشى كېرەك.

11. خوتۇن بولغۇچىنىڭ ئائىلىنىڭ تازىلىقىغا مەسئۇل بولۇش مەسئۇلىيىتى بار. ئۆينىڭ تازىلىقى بىر كۈندە ئىككى قېتىم تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىدۇ.

12. ھيت-بايرامدىن باشقا كۈنلىرى خالىغانچە تېلېۋىزور كۆرۈشكە رۇخسەت يوق، ئېرى ياكى بالىلار بىلەن تىزگىنەكنى تالىشىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ؛ ئۆيدە قالايمىقان ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشقا ۋە تېلېۋىزور كۆرۈش زۆرۈر بولغاندا، ئېرى ياقتۇرمايدىغان كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن باشقىلىرىنى تاللاپ كۆرۈشكە بولىدۇ.

13. يات ئەرلەرگە(9ياشتىن-70ياشقىچە) قاراش ۋاقتى ھەر قېتىمدا 3سېكونتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، بىر ئەرگە قارىغان ئومومىي ۋاقتى بىر كۈندە ئۈچ قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئوغۇل ساۋاقداشلىرى بىلەن خەت يېزىشماسلىقى، كۆرۈشمەسلىكى ۋە توردا ئۇچراشماسلىقى؛ باشقا ھەرقانداق ئەرلەرنىڭ ئالدىدا تېلىقىپ كۈلمەسلىكى، غىلجىڭلىماسلىقى ۋە قېرىنداشلىرىدىن باشقا ئەرلەر بىلەن يالغۇز ئۇچراشماسلىقى كېرەك.

14. سېرىق كىنو-تېلېۋىزىيە لېنتىسى، قىمار ۋە زەھەر بىلەن ئۇچرىشىشقا بولمايدۇ؛ تاماكا چېكىشكە، ھاراق ئىچىشكە ۋە قالايمىقان ئاياللار بىلەن دوست بولۇشقا ، ياكى ئېرى ياقتۇرمايدىغان ھەرقانداق ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ. مۇبادا مۇشۇنداق قىلمىشى بايقىلىپ قالسا، دەرھال نىكاھدىن ئاجرىشىشى شەرت، شۇنىڭدەك ئاجراشقاندىن كېيىنكى بارلىق مال-مۈلۈك ئەرگە تەۋە بولىدۇ، خوتۇن بولغۇچى قاقسەنەم قىلىنىپ ئۆيدىن قوغلىنىدۇ.

15. خوتۇننىڭ بىرەر ئىش توغرىسىدا ئېرىگە دادلىنىشى ئىككى مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. دەرد تۆككەندە ئاۋازىنى پەس، مۇلايىم چىقىرىشى كېرەك.

16. ئەر تەرەپ خوتۇننىڭ پارچە خىراجىتى، گىرىم بويۇملىرىنى سېتىۋېلىشى ئۈچۈن، ئائىلىنىڭ كىرىمىگە ۋە ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، ھەر ئايدا مۇۋاپىق خىراجەت بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئائىلىدە تاماق، تازىلىق ئىشلىرى ، ئېرىگە بوي سۇنۇش، كۆرۈنۈش- قىياپىتى ۋە مۇلازىمەت پوزىتسىيىسى قاتارلىق بەش تەرەپتىكى ئەھۋالىنى باھالاپ، ھەر بىر تۈرگە 20 نومۇردىن، جەمئىي 100نومۇر بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش؛ خوتۇن بولغۇچى ئالدى بىلەن ئۆز-ئۆزىنى باھالاش ۋە ئاخىرىدا ئېرى خۇلاسە قىلىپ نومۇر قويۇش كېرەك.

17. خوتۇننىڭ باھالاشتا ئېرىشكەن نومۇرى 90 غا يەتسە، ئېرىنىڭ ئەمەلىي ئىش ھەققىنىڭ %5 نى، ئەگەر 85 كە يەتسە، %4نى ، 80نومۇرغا يەتسە، %3نى مۇكاپات تەرىقىسىدە خوتۇنىغا بېرىش، 80 نومۇرغا يەتمىسە لاياقەتسىز ھېسابلاپ بىر پۇڭمۇ بەرمەسلىك؛ ئەگەر ئۇدا يېرىم يىلغىچە لاياقەتسىز بولۇپ، ئۆلچەمگە يېتەلمىسە، ئۆزلۈكىدىن نىكاھدىن ئاجرىشىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئەگەر ئۇدا ئىككى يىل لاياقەتلىك بولۇپ باھالىنىپ، ئۆلچەمگە يەتسە ۋە نەتىجىسى 90 نومۇرغا يەتسە، «ياخشى» ئايال دېگەن شەرەپلىك نامنى بېرىپ، مۇكاپاتنى %1 تىن %10كىچە ئۆستۈرۈپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئىككى كۈنلۈك ئارام بېرىش-تىنىۋېلىش پۇرسىتى بېرىش كېرەك. بۇ ئارام كۈنى شۇ ۋاقىتتىلا ھەم شۇ يىلىلا ئىناۋەتلىك بولىدۇ. ھەممىنى يىغىپ بىراقلا ئارام ئېلىشقا بولمايدۇ.

18. خوتۇن بولغۇچى ئائىلىنىڭ ئەدەپ-ئەھكاملىرىغا رىئايە قىلىشى، ئەدەپتىن چىققان بارلىق ئىشلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئېرىگە دوكلاد قىلىپ، تۇيۇق يولغا مېڭىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى لازىم . ئېرىنىڭ ئالدىدا ئۆز-ئۆزىنى تەنقىت قىلىش، ئۆز-ئۆزىنى كاچاتلاش روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

19. مەزكۇر «تۈزۈم» ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ ،ئۇنىھەر بىر ئائىلىدىكى ئەر نازارەت قىلىپ يۈرگۈزىدۇ ھەمدە ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى ئەردە بولىدۇ. ئەگەر يۇقۇرقى «تۈزۈم» گە قارىتا باشقىچە پىكىر ۋە گۇمانىي قاراشلار بولسا،مۇئەللىپ بىلەن ئالاقىلاشسە بولىدۇ.

ئادرېسى: زالىملار كوچىسى، سوغكۈلكە مەھەللىسى، قاتتىق قول ئەر قورۇسى.

ۋاقتى: يولۋاس يىلىنىڭ كۆكلەم پەسلى.
تېما تەستىقلىغۇچى : yarken
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-09-06, 06:47
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-06 14:46 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
0999yurut
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 24984
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 154
شۆھرەت: 169 نۇمۇر
پۇل: 684 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

كۆپ ئەجىر قىلىپسىز . تەشەككۇر ئىتىمەن . ئايرىم ساندىكى ئاياللىرىمىز ھىساپقا ئالمىغاندا كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىمىز ئەدەپ -ئەخلاقلىق .

ماۋۇ << بىر -بىر >> ئىلان ھەسەن شېرىكتەك نەگىلا بارسام ئەگىشىپ يۇرىدىكەنغۇ ؟ ئوچۇرۋەتكىلى بولماسمۇ ؟
qarluq
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 14:57 |
kalkvn117117
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 303
شۆھرەت: 313 نۇمۇر
پۇل: 93 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 51(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

بۇ تۈزۈمنىڭ يوللاپ بزنى خوش قىلۋەتتىڭز.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 15:00 |
attergul
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 3271
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 116
شۆھرەت: 72 نۇمۇر
پۇل: 330 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 49(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-04-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

يائاللا بەزىلەرگە بەك يىقىپ كەتتىمۇ بۇ گەپلە خوش بوپ كىتىپتىغۇ.......
ئەرلەرگە  شۇنداق تۈزۈم يوقمىدۇ؟..........
retim BLOG
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 15:09 |
0999yurut
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 24984
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 154
شۆھرەت: 169 نۇمۇر
پۇل: 684 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

Quote:
引用第3楼attergul于2008-09-06 15:09发表的  :
يائاللا بەزىلەرگە بەك يىقىپ كەتتىمۇ بۇ گەپلە خوش بوپ كىتىپتىغۇ.......
ئەرلەرگە  شۇنداق تۈزۈم يوقمىدۇ؟..........


بىر نەچچە ماددىغا چۇشۇپ قاپسىزدە .
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 15:35 |
كۈيلەر
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 20236
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 50
شۆھرەت: 50 نۇمۇر
پۇل: 288 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 40(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

ياخشى تۈزۈمكەنغۇ ....   قاچاندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە ؟؟؟؟؟
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 16:32 |
چولپان
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 25033
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 27
شۆھرەت: 27 نۇمۇر
پۇل: 212 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

يائاللا ، ئەرلەر خوشلىقىدىن بېششى ئاسمانغا يەتتىمۇ نىمە ؟ سىلەرگىمۇ ئۇنداق ماددىلار چىقىپ قالار ، كۆڭلۈڭلارنى يېرىم قىلماڭلار
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 16:48 |
mardan521
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 26128
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 55
شۆھرەت: 85 نۇمۇر
پۇل: 270 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 98(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

ياخىشى تۈزۈمكەن، بۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇ تۈزۈم بۇيىچە ئىش كۆرسەك بولغۇدەك   
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 17:19 |
ablattohsun
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 21696
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 34
شۆھرەت: 34 نۇمۇر
پۇل: 79 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 34(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-10

 

بەزىبىر ئىرىنىڭ گىپىگە كىرمەيدىغان خوتۇنلارغا بۇرۇنراق تۇزىدىغانتى مۇشۇ تۇزۇمنى .   تۇزۇم تۇزىمەن دەپ بەك ئاۋارە بوپسىز ،رەھمەت
  
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 18:45 |
arzu220
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 15545
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1916
شۆھرەت: 802 نۇمۇر
پۇل: 4037 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 70(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

بۇ قائىدىلەرنىڭ كۆپنچىسى ياخشى بوپتۇ .بۇنىڭغا قۇشۇلىمەن .ئايال كىشى شۇنداق بۇلۇشى كىرەك.ئەمما ئۇكام ،بەزى تەرەپلەر ئادەمنىڭ يۇرۇگىنى ئېچىشتۇرغىدەك قۇپال بۇلۇپ كىتىپتۇ .ئەجىبا بارىلىق ئەرلەر ئەشۇنداق زۇمىگەرلىك قىلش ئارقىلق ئاياللارنى بالدۇرلا جېنىدىن جۇدا قىلماقچىمۇ؟ ئويلىنىپ باقايلى ،ھەممىمىزنىڭ ئۆيىدە ئايال كىشى بار .ھىچىكىم ئۆز ئانىسىنىڭ ،ھەدىسىنىڭ ،سىڭلىسىنىڭ ئۇ قەدەر چىڭ باشقۇرۇلىشىنى ياخشى كۆرمەيدۇ .شۇڭا ھەممە ئىش ئۆز يۇلى بىلەن تەبئى بولغىنى ياخشى .ئاياللار بۇ دۇنيانىڭ بىزىكى،ئائىلىنىڭ يارىشىقى ،خۇشاللىقى .ئۇلارنىڭ چىھرىدە ئازاپ ئۇچقۇنلىرى ئەمەس ،بەخىت نۇرلىرى پارلىشى كىرەك .
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 18:50 |
attergul
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 3271
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 116
شۆھرەت: 72 نۇمۇر
پۇل: 330 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 49(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-04-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

Quote:
引用第5楼0999yurut于2008-09-06 15:35发表的  :


بىر نەچچە ماددىغا چۇشۇپ قاپسىزدە .

توي قىلغاندا بىلەمەن چۈشكەن-چۈشمىگەنلىكىمنى..................
retim BLOG
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 18:55 |
kurbanam
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29117
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 106 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

بۇ  تىمىنى بايام رۇسلان مۇنبىرىدە كۆرگەن ئىدىم.  
retim BLOG
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 19:17 |
bilkan
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 19835
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 22 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

   خىلى جاپا چىكىپسىز جۇمۇ.
retim BLOG
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 19:20 |
muzatdolkuni
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29120
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 122 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

ھەجەپ ياخشى يوللاپسىز، بۇ تېمىدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم. دەرھال چۈشۈرۋېلىپ كەچتىلا ئۆيگە كىرىپ خوتۇننى بىر قورقىتىپ قۇيايچۇ؟
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 19:30 |
0999yurut
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 24984
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 154
شۆھرەت: 169 نۇمۇر
پۇل: 684 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

Quote:
引用第14楼muzatdolkuni于2008-09-06 19:30发表的  :
ھەجەپ ياخشى يوللاپسىز، بۇ تېمىدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم. دەرھال چۈشۈرۋېلىپ كەچتىلا ئۆيگە كىرىپ خوتۇننى بىر قورقىتىپ قۇيايچۇ؟


ھاجىم  تېخىچە  خوتۇندىن  قورقۇپ يۇرگەنمىدىڭىز .........؟
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 19:55 |
0999yurut
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 24984
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 154
شۆھرەت: 169 نۇمۇر
پۇل: 684 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

Quote:
引用第11楼attergul于2008-09-06 18:55发表的  :

توي قىلغاندا بىلەمەن چۈشكەن-چۈشمىگەنلىكىمنى..................


سۇ كەلگۇچە توغان سال دەيدىغان بىر گەپ بولىدىغان ئۇيغۇردا ..
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [15 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 19:57 |
attergul
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 3271
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 116
شۆھرەت: 72 نۇمۇر
پۇل: 330 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 49(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-04-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

Quote:
引用第16楼0999yurut于2008-09-06 19:57发表的  :


سۇ كەلگۇچە توغان سال دەيدىغان بىر گەپ بولىدىغان ئۇيغۇردا ..

راس شۇنداق گەپ بولىدىغان ، بوپتۇ ئەمسە بۇ تۈزۈملەنى ئوبدانراق يادلىۋالاي ئەسقىتىپ قالا...........
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [16 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 20:01 |
janankiz813
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 29020
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 198
شۆھرەت: 198 نۇمۇر
پۇل: 694 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 91(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

ئاياللار ناھايىتى مىھرىبان، سىزگەشۇنداق گەپ ئاڭلىمايدىغان ئايال ئۇچراپقالغان ئوخشايدۇ . لىكىن يىزىپ ياخشى قىپسىز ،
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [17 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 21:48 |
janankiz813
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 29020
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 198
شۆھرەت: 198 نۇمۇر
پۇل: 694 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 91(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

سىلەر ئەرلەرمۇ ئوزەڭلارنى بىلىپ يۇرۇڭلارر ،ھەممىڭلار بەك خوش بوپكەتتىڭلارمۇ قانداق
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [18 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 21:54 |
sabawhat
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29153
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
پۇل: 118 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-11

 

    موزوينىڭ بىشىغا كەلگەن ،كالىنىڭمۇ بېشىغا كەپتۇ دىگەن گەپ بارغۇ ؟ ئالدىرماڭ سىلەر ئەرلەرگىمۇ  تازا  قاملاشقان  تۇزۇم يوللىنىپ قالار.   
qarluq
چوققا [19 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 00:06 |
keran
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 8263
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 801
شۆھرەت: 223 نۇمۇر
پۇل: 1362 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 93(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

بۇ تۇزىم دەرخال ىلان قىلىنسۇن بۇگۇندىن باشلاپ كۇشكە ىگە.
qarluq
چوققا [20 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 08:06 |
sazende01
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29214
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 12
شۆھرەت: 12 نۇمۇر
پۇل: 136 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

مەن ،  ئارزۇ220   نىڭ  پىكرىگە  قوشۇلىمەن.    
qarluq
چوققا [21 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 12:27 |
amarjanapiz
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29227
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 115 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-07

 

مۇشۇ تۈزۈمنى خۇتۇنىغا قوللىنىپ بېقىشنى ئويلغان ئەرلەر ئالدىراپ خۇش   بۇلۇپ  كەتمەڭلار ،ئەگەر شۇنداق قىلىپ بېقىڭلار   چوقۇم دەككەڭلارنىى يەپ قالسلەر،سىلەرنىڭ دائىم دەيدىغان بىر گېپىڭلار بارغۇ،ھېلىقى چىشى يولۋاسىنىڭ چىشىغا تەككىلى بولمايدۇ.
qarluq
چوققا [22 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 13:38 |
QOGHLANI
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 633
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 988
شۆھرەت: 209 نۇمۇر
پۇل: 1624 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-11-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

Quote:
引用第25楼amarjanapiz于2008-09-07 13:38发表的  :
مۇشۇ تۈزۈمنى خۇتۇنىغا قوللىنىپ بېقىشنى ئويلغان ئەرلەر ئالدىراپ خۇش   بۇلۇپ  كەتمەڭلار ،ئەگەر شۇنداق قىلىپ بېقىڭلار   چوقۇم دەككەڭلارنىى يەپ قالسلەر،سىلەرنىڭ دائىم دەيدىغان بىر گېپىڭلار بارغۇ،ھېلىقى چىشى يولۋاسىنىڭ چىشىغا تەككىلى بولمايدۇ.



چىشى يولۋاسنىڭ چىشىغا تەگكىلى بولمىسا ، تەگكىلى بولمىغان ئۇنداق چىشنى سۇغۇرىۋىتىش كىرەك...
qarluq
چوققا [23 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 16:38 |
galita
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 15121
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 128
شۆھرەت: 123 نۇمۇر
پۇل: 485 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 46(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-10

 

نارازىلانى سولايمىز ، قارشى چىققۇچىلانى ئاتىمىز.
qarluq
چوققا [24 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 17:37 |
aynuri888
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29269
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 29
شۆھرەت: 29 نۇمۇر
پۇل: 229 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 2 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 59(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

بۇ تۇزۇم ئەمەس،ئاياللارنىى  ئېزىش پىلانى.ئېزىلىش بار يەردە قارشىلىق بار.
qarluq
چوققا [25 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 18:42 |
aynuri888
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29269
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 29
شۆھرەت: 29 نۇمۇر
پۇل: 229 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 2 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 59(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

تورداشلاردىن ياردەم سورايمەن.مەن تېما يوللىغان ئىدىم،نەتىجىسىنى قانداق بىلىمەن؟تەلىم بەرگەيسىلەر.
qarluq
چوققا [26 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 19:31 |
zulhuma
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 29143
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 58
شۆھرەت: 63 نۇمۇر
پۇل: 330 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

ئاڭلىق ، ئەخلاق - پەزىلەتلىك ئاياللار ئۈچۈن بۇ تۈزۈم ئارتۇقچە ، ئۆزىنى بىلگەن ئۆزگىنى بىلەر دىگەن گەپ بارغۇ . قارىغاندا دىيارىمدىكى ئەرلەر بۇ تۈزۈمدىن بەكلا خوشال بولۇپ كەتكەندەك قىلىدۇ ، كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزەينىڭ بېشىغىمۇ كىلىدۇ ، ئەتىلا مەنمۇ ئەرلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈمىدىن بىرنى تۈزۈپ چىقمىسام قېنى . بۇ تۈزۈمنى يولدىشىم كۆرۈپ قالمىسۇن جۇمۇ ، ئەتىلا مەنمۇ 19 ماددىلىق تۈمۈر قەپەزگە چۈشۈپ قالماي يەنە .
qarluq
چوققا [27 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-08 00:17 |
janankiz813
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 29020
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 198
شۆھرەت: 198 نۇمۇر
پۇل: 694 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 91(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

خارلانغان ئايال چۈشكۈن بولىدۇ،  چۈشكۈن ئايال قىساسكار بولىدۇ.
qarluq
چوققا [28 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-08 06:12 |
wafa
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3398
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 22 نۇمۇر
پۇل: 119 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-10

 

بۇ خەلقئارالىق چاقچاق بوپتۇ،،ھاھاھاھاھا
qarluq
چوققا [29 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-08 11:32 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
دىيارىم مۇنبىرى » ﻧﯩﻜﺎﮬ ﯞﻩ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :09-15 15:58
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号