قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 502 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: غايە-ئېيتىقاد ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى توغۇرسىدا ئەقلىي تەپەككۇر پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

Da_nish
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 109
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 19
شۆھرەت: 28 نۇمۇر
پۇل: 202 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-29

 غايە-ئېيتىقاد ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى توغۇرسىدا ئەقلىي تەپەككۇر

0
غايە-ئېيتىقاد ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى توغۇرسىدا ئەقلىي تەپەككۇر
关于理想信仰及其意义的理性思考
غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار
ئېيتىقاد __ كىشىلەرنىڭ مۇئەييەن شەيئى، مەلۇم ئىدىيە-مەسلەك، ئېزىزم، تەشەببۇس، ئىدىيە ئىقىم،ئىدىلوگىيە-پىكىر سېستىمىسى ۋە ياكى مۇئەييەن شەيئى ياكى ئۇنىڭ بارلىق تەرەپلىرى ياكى مۇئەييەن تەرىپىگە (قىسمەن تەرىپىگە) قارىتا چەكسىز ئېشىنىش،تەلپىنىش-ئىنتىلىش،چوقۇنۇش، ھۆرمەتلەش ، ئىتائەت قىلىش ۋە شەرتسىز بوي سۇنۇش ئاساسىدا شەكىللەنگەن  تەۋرەنمەس چىن ۋە پاك ئەقىدىنىڭ ئادەم ۋۇجۇدىدىكى ماھىيەتلىك يىغىندىسى ۋە مۇپەسسەل ئىپادىسى ئېيتىقاد دەپ ئاتىلىدۇ.
ئېتىقاد ئىنساننى مەخلۇقتىن پەرىقلەندۈرۈشتىكى ماھىيەتلىك ھەم تۈپكى بەلگۈلىرىنىڭ بىرى .ئۇ ئىنساننىڭ بارلىق كۈچ قۇردىتىنىڭ قۇۋۋەت مەنبەسى ۋە روھى ئومرۇتقىسى. ئىيىقاد  ئىنساننىڭ ئىجتىمائى خاسلىقى،شۇنداقلا ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى  ساماۋىي ئاڭ ۋە غايە. ئادەم ئۇنىڭدىن ئايرىلسا ئىنسانىيلىقتىن ئايرىلغان بولىدۇ.  ئۇنداق ھايات ياشاشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ ھەم كۈچسىز -مەنىسىز بولىدۇ. ئېيتىقاد ئىنساننىڭ مەنىۋىي تۈرۈكى،«ئادىمى بىنا »نىڭ خا- تۈۋرىكى ۋە ئادەمدىن ئىبارەت دەرىجىدىن تاشقىرى  مەخلۇقنىڭ ئۇمرۇتقىسى ھەم يىلىكى، ئادەمنىڭ  ھايات ماياكى كۈچ-قۇدرىتى ھەم ئىنىرگىيىسىنىڭ ئەسلى كىلىش مەنبەسى ۋە ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى.
ئېيتىقاد جەھەتتىكى توغرا تاللاش ۋە ئىدراكى ئاساستا تۇرغۇزۇلغان توغرا ئېيتىقاد كىشى ۋۇجدىنى كۈچ قۇۋۋەتكە تولدۇرۇپ، ئادەمنى پارلاق كىلەچەك ۋە يۈكسەك ئىدىۋىي مەنزىلگە باشلاپ بارسا؛ ئېيتىقاد جەھەتتىكى خاتا تاللاش ،ئېيتىقادسىزلىق ياكى خاتا ئېيتىقاد كىشىنى روھى ۋاكوملۇق ۋە مەنىۋىي چۈشكىنلىك، خۈنۈكلىك ۋە ھالاكەتكە باشلاپ بارىدۇ.
غەيە ئۇ بىر بايراق.يەنى كىشىلەر نىڭ ئۆز ئېيتىقادى ئۈچۈن بەلگۈلىگەن ئىستىراتىگىيەلىك تىرىشىش نىشانى. ئىيتىقاد نىسبەتەن تۇراقلىق غايە بولسا تۇراقسىز ــ ئۆزگىرىشچانلىققا ئىگە.
ئادەم نىمىگە ئېيتىقاد قىلىشتىن قەتئى نەزەر ئۆز ئېيتىقادىنى جەزمەن قەدىرلىشى،ئېيتىقادى مۇستەھكەم بولىشى كىرەك. جۈملىدىن كۆڭلىگە بۈيۈكلىك ۋە ئۇلۇغۋار ئىشلارنى پۈككەن،ئىنسانى تاكاممۇللۇققا ئىنتىلگچى ھەرقانداق  كىشىدە ئەڭ ئاۋال  مۇستەھكەم بولغان تەۋرەنمەس بىر ئېيتىقاد بولىشى كىرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن يۇقۇرقىلارنىڭ ھەممىسى  پەقەت ئۇلۇغۋار قۇرۇق گەپتىنلا ئىبارەت، خالاس. غايە ــ ئېيتىقادنىڭ كىشى ۋۇجدىدىكى مەرەكەزلىك ئىپادىسى. غايە بىلەن ئىيتىقادنىڭ مۇناسىۋىتى جەھەتتە ئېيىتىقاد بىرلەمچى ،غايە ئىككىلەمچى، ئىيتىقاد يىتەكچى غايە بىقىنغۇچى ۋە ئەگەشكۈچىلىك مۇناسىۋەتتە بولۇپ، غايە ئىيتىقاد ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ ۋە مۇئەييەن ئېيتىقادنى ئۆزىگە مەنبە ھەم يىتەكچى قىلغان بولىدۇ.يەنى كىشىلەردە ئاۋال مۇئەييەن بىر خىل ئېيتىقاد تۇرغۇزۇلغاندىن كىيىن ،  ئاندىن شۇ ئېيتىقاد ئۈچۈن كۆرەش قىلىش ــ تىرىشىشتەك بىر خىل ئۇلۇغۋار ئىستەك ۋە نىشان شەكىللىنىدۇ. دەل مۇشۇ خىل ئىستەك –نىشان ۋە بۈيۈك مەخسەت غايە دەپ ئاتىلىدۇ.
ئېيتىقادسىز ياكى ئېيتىقادى سۇس ــ مۇجۈمەل ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ۋىجدانسىز، غۇرۇرسىز،ئىككى يۈزلىمىچى ئادەملەر تىپىدىن بولۇپ، بۇنداق ئادەملەر تولىمۇ قۇرقۇنۇشلۇقۋە خەتەرلىك بولىدۇ. ئېيتىقادسىز ئادەم كۈچسىز-جانسىز،ئەھمىيەتسىز مەنىسىز -زەبۇن ھالدا باشقا تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋاناتلار ياكى دالىدا ئۆسۈۋاتقان بىر تال گىيادەكلا قەدىر- قىممەت ھەم ئاۋۇلۇ نىشانسىز ئۆتىدۇ.  ئادەمدە قانداق ئېيتىقاد بولسا شۇنداق دۇنيا قاراش ۋە قىممەت قارىشىبولىدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش ئەقىدىسى ۋەئۆز ھاياتىدىكى كۆرەش نىشانى ھەم ئىنتىلىشىنى بەلگۈلەيدۇ.  شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق بىر ئادەم مۈكەممەل ئادەم بولۇش ئۈچۈن مەيلى نىمىگە ئىشەنسۇن ۋە ئېيتىقاد  قىلسۇن،ھەتتاكى ئۇ بىر تۈپ گىيا چاغلىق نەرسىگە ئېيتىقاد قىلغان تەقدىردىمۇ ئۆز ئېيتىقادىنى جەزمەن قەدىرلىشى ۋە ئۇنىڭدا چىق تۇرىشى، ئۇنىڭغا كۇچلۇق بىر تەلپىنىش ئىنتىلىش روھى بولىشى ،ئۆز ئېيتىقادىنى قەدىرلىشى،ئۇنىڭغا ئىدراكى مۇئامىلە قىلىشى ،ئۇنىڭغا كەم ئەقىلسىزلىك ،ۋاپاسىزلىق،شەخسى ھىسيات ۋە سوبىكتىپ قىزغىنلىق بىلەنلا مۇئامىلە قىلماسلىقى لازىم. ئېيتىقاد سىز لىق ۋە ئېيتىقادى مۇستەھكەم بولماسلىق ئادەم ئۈچۈن  ئوخشاشلا  ھەممىدىن قورقۇنچۇلىق ۋە خەتەرلىك. ئېيتىقادسىز ئادەم ياكى ئېيتىقادى تۆۋەن ئادەم خۇددى چۇشقا قوتىنىدىكى مەخلۇقتىن قىلچە پەرىقلەنمەيدۇ،بۇنداق ئادەملەر خۇددى يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەككە ،تۇيقۇن سۇغا ئوخشاش جانسىز يىلىكسىز، نىشانسىز ھالدا ئەھمىيەتسىز -مەنىسىز ياشايدۇ،بۇنداق كىشىلەرنىڭ ھاياتى ئىنتايىن مەنىسىز،تېتىقسىز ئۆتىدۇ. بۇنداقلارنىڭ كاللىسى قۇپ-قۇرۇق ،ئىددىيىسى زەئىپ،روھىيىتى كەمبەغەللىك ۋە قۇرقۇنچىلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ؛ئۇنداقلارنىڭ دىلى كور، قەلبى قۇل، مەنىۋىيىتى نامراتلىق غۇربەتلىك ئىچىدە  ئۆتىدۇ؛ ئۇنداقلار رەڭدار ۋە مۇرەككەپ،گۈزەللىك ۋە رەزىللىك بىلەن تولغان بۇ دۇنيانىڭ  تۈرلىك سېناقلىرى ئىزىتقۇلىرى ئالدىدا  ئۇتتۇرۇپ قويۇدىۇ ۋە ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويۇ-دە ،ھاياتى مەغلۇبىيەت ۋە پۇشايمان، ھەسرەت ـ نادامەت ئىچىدە ئۆتىدۇ.
غايە—ئېيتىقاد كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىنى، ئادىمى مىزانى ۋەتۈپكى خاراكتىرنى بەلگۈلەيدۇ.   ئادەمدە قانداق ئېيتىقاد بولسا شۇنداق  دۇنيا قاراش،كىشىلىك قاراش ۋە قىممەت قارىشى بولىدۇ.
  ئېيتىقاد كىشىلەرنىڭ بىلىش پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاپ بارىدۇ.ئىنساننىڭ ئىلمى قانچىكى چوڭقۇرلىغانسىرى ئەقلىمۇ شۇنچە ئىچىلىدۇ، ئەقىل ئىچىلغانسىرى دىلى شۇنچە يورۇپ، ئېيتىقادى شۇنچە مۇستەھكەملىنىپ بارىدۇ. ئېيتىقادنىڭ چىڭىشى ئىنسانغا كۈچ قۇۋۋەت ئاتا قىلىپ تەپەككۇرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىلىش پائالىيىتىنىى يەنىمۇ يۇقىرى چەكسىزلىك ۋە يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدۇ، ئادەمنى روھى ئەركىنلىك ۋە قەلىب ھۆرلىكىگە ئېرىشتۈرىدۇ. ھۆر قەلىبلىك كىشىلەرگە باشقىلارنىڭ يول كۆرسىتىشى ۋە توغرا-خاتا ،ھەق –نەھاقنى ئيرىپ ــ ھۆكۈم قىلىپ بىرىشنىڭمۇ زۆرۈيىتى يوق.چۈنكى ئۇنداق كىشىلەر ئۆزىگە ئۆزىگە ئۆزى قازى ۋە يول باشچى بولالايدۇ.
    ئېيتىقاد بىلەن ئەقىلنىڭ دىيالىكتىكىلىك مۇناسىۋىتى جەھەتتىن قارىغاندا ئەقىل بىرلەمچى ئېيتىقاد ئىككىلەمچى ئورۇندا تۇرىدۇ.  چۈنكى ئېيتىقاد ئەقىلدىن ئايرىلسا خۇراپاتلىق-بىدئەتلىككە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا كىم نىمىگە ئېيتىقاد قىلىشتىن قەتئى نەزەر ئۆز ئېيتىقادىغا ئىدراكى مۇئامىلە قىلىشى، بولۇپمۇئېيتىقاد شەكىللىنىشنىڭ دەسھلاپقى باسقۇچلىرىدا ھەرقانداق نەرسىگە قارىغۇلارچە_ ئەسىبىلەرچە چوقۇنماسلىقى،ئىدراكى تەنقىدى يوسۇنداسېلسىشتۇرما  تەتقىق قىلىش ئاساسىدا ئەقىل نۇرىنىڭ سېنىغىدىن ئۆتەلىگەندىن، كۈچلۈك ئىملىي ئاساس ۋە ئىدىۋىيلىككە ئىگە، كۈچلۇك قايىل قىلىش ۋە جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىدىۋىي مەسلەك يا تەشەببۇسنى بايقىغاندىن كىيىن ئاندىن ئۆز ئېيتىقادىنى تۇرغۇزىسى،مۇئەييەن ئېيتىقاد شەكىللىنىپ بولغان ھامان ئۇنى چوقۇم قەدىرلىشى،دىلىدا  تەستىلاپ، تىلىدا ئىتراپ قىلىپ،ئەمىلىيىتىدە كۆرسىتىشى لازىمدۇر. بۈگۈنكى  دۇنيادا يەنە بىر قىسىم كىشىلەر باركى ئۇلارنىڭ زادى نىمىگە ئىشىنىدىغانلىقى ۋە ئېيتىقادىنىڭ قانچىلىك دەرىجخدە ئىكەنلىكىنى ئەسلا بۈلىپ بولمايدۇ. ئۇلار بىر ئۆمۈر خۇددى لاي سۇنىڭ كۆپۈكىدەك غۇبارسىز تىڭىرقاپ ھەممىگە تەڭ قىززىقىپ شاختىن شاخقا قونۇپ ئۆتۈپ كىتىدۇ. ھەتتا سىز ئۇلارنى ئېيتىقادىنى بۈلىپ باقماقچى بولسىڭىز ھەتتا ئۆزىمۇ زادى نىمىگە قانداق ئېيتىقاد  قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئەسلا دەپ بىرەلمەيدۇ.بۇنداق ئادەملەرنىڭ ھاياتى تېخىمۇ قورقۇنۇشلۇق ۋە يىرگىنىشلىك ئىچىدە تولىمۇ بىچچارىلىك قىممەتسىز ئۆتىپ كىتىدۇ.
ئېيتىقاد ئاڭلىق ئېيتىقاد ۋە ئاڭسىز ئېيتىقاد دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.ئاڭلىق ئېيتىقادـــ ئېيتىقاد ئوبىكتىنى ئەقەللى قەھەتتىن چۈشۈنىش ۋە تونۇش ئاساسىدىكى ئىدراكى ئېيتىقاد بولۇپ، بۇ خىل ئېيتىقاد ئاڭلىق ئېيتىقاد دەپ ئاتىلىدۇ.ئاڭلىق ئېيتىقاد چىن ۋە ھەقىقى ئېيتىقاد دىيىلىدۇ. چۈنكى بۇ خىل ئېيتىقاد ئەقلىلىققا يىقىن، مول بىلىم ۋە كۈچلۇق نەزەريەۋىي ئاساسقا،  مۇئەييەن خاسلىق ۋە ئىدىۋىلىككە ئىگە بولغان بولىدۇ.  بۇ خىل ئېيتىقادتىكى كىشىلەردە تەۋرەنمەس مۇستەھكەم ئېيتىقاد بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن  ئۇلار ئۆز ئېيتىقادى ئۈچۈن بارلىغىنى ئاتىۋەتكەن بولىدۇ؛ھىسسى بىلىش ئاسادا تۇرغۇزۇلغان ئېيتىقاد ئاڭسىز ئېيتىقاد دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئېيتىقادتىكى كىشىلەر ئاساسەن  باشقىلار ۋە ئەجداتلارــ بۇرۇنقىلار مۇشۇنداق ئېيتىقاد قىلىپ كەپتىكەن ياكى بولمىسا كۆپ ساندىكى كىشىلەر مۇشۇ خىلشەيئى ياكى ئېزىمغا ئېيتىقاد قىلىدىكەنغۇ دەپلا قارىغۇلارچە چوقۇنۇش، دوراش، تەقلىد قىلىش ،ئەگىشىش ئارقىلىقلا تىكلەنگەن ئەقىلدىن ئايرىلغان ئېيتىقاد ئاڭسىز ئېيتىقاد دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ئېيتىقادنىڭ مول بىلىم ۋە نەزەريەۋىي ئاساسىكەمچىل ئىددىۋىيلىكى يوق، ئىلمى دەلىلى بولمىغانلىقتىن كۇچلۇق قايىل قىلارلىقى بولمايدۇ. بۇ خىل ئېيتىقاد خۇددى ئۇلى ئاجىز تامدەك تەۋرەپلا تۇرىدۇ، بۇ خىل ئېيتىقادتىكى كىشىلەرنىڭ ئېيتىقادى تولىمۇ سۇس، ئاجىز ۋە تۇراقسىز بولۇپ، ئاسانلا ئۆز ئېيتىقادىدىن ئاسانلا تەۋرىنىدۇ ياكى يىنىۋالىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئېيتىقادتىكى كىشىلەر گە دائىم غايە ئېيتىقاد تەربىيەسى ئىلىپ بىرىش ،ئۈگۈنىشنى كۇچايتىش تولىمۇ زۆرۈل.
ئادەتتە غايە بىلەن ئېيتىقاد تومۇرداش قوش كىزەكلەردىن بولۇپ،بىر ئادەمنىڭ غايىسى دەل ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى مۇئەييەن ئېيتىقاد ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ياش ئۆسمۈرلەرگە قارىتا ئىلىپ بىرىلىدىغان غايە ئېيتىقاد تەربىيەسىنبى داۋاملىق كۇچايتىپ، ياش –ئۆسمۈرلەرنىڭ كىچىگىدىن باشلاپ توغرا بولغان دۇنيا قاراش،كىشىلىك قاراش ،مۇكەممەل ۋە قەتئى بولغان غايە –ئېيتىقاد  تۇرغۇزۇش، ئۆز ئېيتىقادىنى قەدىرلەيدىغان روھ، ئالى جاناپ غايە ،مۇستەھكەم ئېيتىقادقا ئىگە تۇرغۇزۇش تۈپ نىشان قىلىنغان توغرا بولغان غايە –ئېيتىقاد تەربىيىسىنى پۇختا ۋە ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇشلازىم. بۇ جەھەتتەىكى خىزمەتنى يالغۇز مەكتەپكىلا يۈكلەپ قويماستىن ئاتا-ئانىلارمۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى نەمۇنىلىك بىلەن ئادا قىلىشى كىرەك. بولۇپمۇ ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەقلى يىتىلىشكە باشلىغان دەسلاپقى مەزگىللەردە بۇ خىل تەربىيەنى كۇچايتىش لازىم.
ئېيتىقاد تۇغما بولمايدۇ. شۇڭا ئۇ ئجتىمائىلىققا ئىگە. ئېيتىقاد ھىس قىلىش،قىززىقىش،چۈشۈنىش، تەربىلەش ۋە يىتەكلەش ئارقىلىق تەدرىجى شەكىللىنىدۇ. ئەڭ ئاخرىدا كىشىنىڭ  دىلى ـ قەلبىدىن تەستىقلاش، تىلى بىلەن ئتراپ قىلىش ۋە ئەمىلىيىيتىدە  سادىقلىق بىلەن كۆرسىتىشدىن ئىبارەت ئۈچ قەدەم باسقۇچدىن كىيىن ئاندىن مۇستەھكەم بىر ئېيتىقاد سېستىمىسى بولۇپ شەكەللىنىدۇ. شۇڭا ھەر قانداق ئېيتىقاد تەربىلەش، يىتىشتۈرۈشكە ۋە ئەمىلىيەت ئارقىلىق چېنىقتۇرۇشقا ھەم تاۋلاشقا مۇختاج.
سادىق بولۇش ئېيتىقادنىڭ يادروسى ، ئېيتىقاد قا ئىدراكى مۇئامىلە قىلىش ئېيتىقادنىڭ جىنى ،شۇنداقلا  ئېيتىقادنىڭ جۇشقۇن ھاياتى كۈچكە ئىگە بولۇشنىڭ ئاساسى.
     دۇنيادا تۈرلىك تۈمەن دىن،ئىدىيە-مەسلەك، ئېزىزم، شۇنداقلا ھەرخىل شەيئىلەر ۋە تەشەببۇسلارغا  ئىشىنىدۇ ۋە ئېيتىقاد قىلىشىدۇ. بىراق بۇنىڭ ئىچىدە پۈتىن دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئىنسانلار نى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ ئېيتىقاد قىلدۇرۇپ كىلىۋاتقانلىرى: خىرىيىستىيان دىنى،بۇددا دىنى ،ئىسلام دىنى، كوڭزى تەلىماتى،كتالوگ دىنى ،ماركىسىزىم قاتارلىقلاردىن ئىبارەت تۈرلىك تەلىمات ۋە ئىزىملار بولۇپ كەلمەكتە. بىراق پۈتىن دۇنيادىكى كىشىلەرنى تەنقىدى نەزىرىمىز بىلەن كۈزەتكىنىمىزدە ھازىرقى جاھان ئەھلى ئېيتىقاد كىرزىسىدىن ئىبارەت بىر خىل كىسەلگە گىرىپدار بولىۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئىنسانلاردىكى بۇخىل:__ ئۆز ئېيتىقادىنى قەدىرلىمەسلىك ،ئېيتىقادقا ئدراكى سەمىمى مۇئامىلىدە بولماسلىق،ئۆ ئېيتىقادىغا سادىق بولماسلىقتەك خائىشلار مەۋجۇتتەكلا قىلىدۇ.بۇخىل ھالەت تۈزىتىلمىسە،ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ مەڭگۈلىك سىجىل، تەڭكەش ۋە ئومۇمى يۈزلىك ماس تەرەققى قىلىشىغا بىۋاستە  تەسىر كۆرسىتىدۇ.
      ئۇيغۇر تىلىدا ئېيتىقاد دىگەننى بەزىدە ئىمان دەپ ئاتايدىغان ئەھۋالمۇ مەۋجۇت ، سەۋەبى«ئىمان ›› دىگەن سۆزئەرەبچىدىن كىرىپ ئۆزلىشىپ قالغان بولۇپ، ئېيتىقاد بىلەن ئىمان ماھىيەتتە بىر پۈتىن ئورگانىك گەۋدە. دىيارىمىزدا 10 نەچچە مىللەت ئاھالىسى ۋە پۇخلالىرى  ئىسلام(伊斯兰教,Islam) دىنىغا ئېيتىقاد قىلىدۇ. خەنزۇ خەلقى ۋە باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ بىر قىسمى بۇددا دىنى(佛教,Buddhism) ۋە كوڭزى-مىڭزى تەلىماتى (儒家,Confucianism) غا ئېيتىقاد قىلىدۇ، يەنە بىرقىسمى خىرىستىيان(基督教Christian) ۋە كاتىلوگ (天主教,Catholic)،تەرىقەت(道教,Taoism ) دىنلىرىغا ئېيتىقاد قىلىدىغانلارمۇ بار؛   پۈتۈن جوڭگۇدا خەنزۇ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولۇپ 70مىليونغا يېقىن كىشى ماركىسىزىم(马列主义,Marxism-Leninism)غا ئېيتىقاد قىلىدۇ.   ئىسلام پەلسەپىسىدە يۇقارقىدەك پاك ۋە چىن ئەقىدە ئىمان دەپ ئاتىلىدۇ.ئىسلامدا 6ئىمان، 5پەرىزنى ئادا قىلغان ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرغان ئادەملەرنى ئېيتىقاد (ئىمان)لىق ئادەم دەپ قارايدۇ. ئەمما ئىسلام ئەقىدىسى ئالاھىدە بىر خىل تۇرمۇش شەكلى ۋە ھايات  تەشەببۇسى سۈپىتىدە ئىخچام ۋە پاساھەتلىك ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇشبۇ 6 ئىمان، 5 پەرىز  ئىنسانلار تۇرمىشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە  ھەتتا پۈتكىل كائىنات،ئىنسان، تەبىئەت ،جەمئىيەت، ھاياتلىق،ماددى ۋە مەنىۋىي دۇنيانىڭ بارلىق تەرپلىرىگە بىرىپ تاقىلىدۇ.  
نۆۋەتتە جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەردە ئېيتىقاد كىرزىسىنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى بۇنداق ئىككى تەرەپتە گەۋدىلىك ئىپادىلەنمەكتە.  بىر قىسىم كىشىلەرئۆزى ئىشىنىۋاتقان ياكى مەن ئىشىنىمەن دەپ  ئىيتقاد قىلىپ كىلىۋاتقان تەشەببۇس ، ئىزىم ياكى دىنغا سادىق بولماسلىق، ئىدراكى مۇئامىلكە قىلماسلىق(ئىلمىي ئېيتىقاد تۇرغۇزماسلىق)، سۆزى بىلەن ھەركىتى بىردەك بولماسلىققا ئوخشىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. ئالايلۇق بىر قىسىم كىشىلەر باركى ئۇلار ئۆزلىرىنى مەن ئىسلام دىنىغا ئىشىنىمەن مەن بىر مۇنەۋەر مۇسۇلمان دەيدۇ-يۇ، ئۆزى ئىشنىۋاتقان شۇ دىنغا بولغان ئېيتىقادىنى قەدىرلىمەدۇ، شۇ ئېيتىقادنىڭ ئاساسى تەشەببۇسى  بولغان ھالال ياشاش ،دۇرۇس ئادەم بولۇش،پاك دىيانەتلىك،ئىنا ق-ئىجىل  ياشاش، ھەسەت غەيۋەت،قۇتراتقۇلۇق قىلماسلىق، باشقىلارنىڭ رېسقىغا چاڭ سالماسلىق، ۋەتەننى -يۇرت ماكاننى  قىزغىن سۆيۈش، ئىلىم-پەننى ئەمگەكنى ئىجادىيەتنى قەدىرلەش ، بىلىمگە بىلىملەكلەرگە ھۆرمەت قىلىش،يامان ئىشلارغا ،رەزىللىككە،ئەسكى ئادەم ۋە يامان ئىشلارغا ياردەم قىلماسلىق قاتارلىق بىر تالاي ئاساسى ئەقىدىلەرنى بىلىپ تۇرسىمۇ ،ھەتتا بەزىلىرى بۇ  تەشەببۇسلارنى ئىغىزىدىن چۈشۈرمەي جار سالىدۇ يۇ ،بىراق ئۆز ئەمىلىيىتىدە بۇلارنىن ئەسەر يوق؛ يالغان ساختا ئىبادەت قىلىپ ئاللاھنى ئالداپ،يالغانچىلىق ۋە ساختاپەزلىك،كاززاپلىق بىلەن ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى ئالداپ ،ئۆز ئېيتىقادىغا ھاقارات كەلتۈشىۋاتىدۇ؛ يەنە ئىتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەر بارىكى ئۇلار  ماركىسىزىمغا ئىشىمەن_ئېيتىقاد قىلىمەن،مەن بىر مۇنەۋۋەر كومۇنىسىت دەپ جار سالىدۇ. بىراق جان دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش،«ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» موھىم ئىدىيىسى،ھەممىدە ئادەمنى ئاساس قىلىدىغان ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ  تۈپ تەلىپىنى،پاك دىيانەتلىك ،ئىنتىزامچان بولۇپ پارتىينىڭ تۈرلىك فاڭجېن سىياسەتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاڭلىق ھالدا، توغرا  ۋە ئومۇمىي يۈزلىك كەمكۈتۈسىز ئجرا قىلىش جەھەتلەردە سادەقەتسىزلىك،  سەمىيەتسىزلىك قىلىش،مەسئۇلىيەتسىزلىك ،ھەتتاكى  ئەلگە ھەقىقى نەپ بىرەلەيدىغان ياخشى سىياسەتلەرنى ئۈزىل-كىسىل تولۇق، توغرا ئجرا قىلماي سىياسەتكە خىيانەت قىلىش ئەھۋاللىرىمۇ يوق ئەمەس. مانا مۇشۇنداق ئەھۋاللار دەل  بىر قىرىم كىشىلەردىكى ئېيتىقاد كىرزىسىنىڭ كونىكىرىتنى ئىپادىلىرى بولسا كىرەك!
مۇستەھكەم بولغان ئېيتىقاد ۋە ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە كىشىلەرنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ رۇشەن ھالدائىسىل ۋە ئالىجاناب بولىدۇ. مەسىلەن: ئەڭ ۆكپساندىكى كىشىلەرنىڭ ئىڭىدا ئاممىۋىي سورۇنلارغا ئەخلەت تاشلىسا،تۈكۈرسە باشقىلار  كۆرۈپ قالسا سەت بولىدۇـ ئەدەپسىزكەن دەپ قالىدۇ ،دەيدىغان قارىش بولغانلىقتىن ئادەتتە ئاممىۋىي سورۇنلارغا تۈكۈرمەيدۇ، مىۋە شوپۈەگى ،تاماكو قالدۇقى دىگەنلەرنى تاشلىمايدۇ. بىراق باشقىلار كۆرمىگەندە چۇ ؟! ئۇنىڭغا ھىچكىم كاپالەتلەىك بىرەلمەيدۇ؛ مۇستەھكەم بولغان ئېيتىقاد ۋە ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە كىشىلەر بولسا ئادەتتە جامائەت سورۇنلىرىنىڭ پاكىزلىكى  ئىجتىمائى ئەخلاق شۇنداقلا ئۆز ئېيتىقادىنىڭئابرۇيى ئۈچۈن بولسىمۇ باشقىلار كۆرمىگەن ئەھۋالدىمۇ ھەرگۈز يۇقۇردا تىلغا ئىلىنغان ئەخلاق ۋە پەزىلەتكە زىت -مۇخالىپ ئىشلارنى ئەسلا قىلمايدۇ.  ئالايلۇق كاتتا ئالىم ،داھى،ئالى رەھبەر-پىرىېنت ۋە ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدىكى ئېيتىقادلىقكىشىلەرنىڭ كوچىداسېمىشكا چاققىنىنى،  قالايمىقان تۈكۈرگىنىنى ھىچكىم كۆرەلمەيدۇ. لىكىن ئۇلاردىمۇ باشقا ئادەملەردىكى خۇسۇسىيەتلەر بار بىراق ئۇلار ھەر ئىشنىڭ ۋاختى –سائىتى ۋە سورۇنىنى تىپىپ مەشخۇل بولىدۇ-خالاس. ئۇندىن باشقا، غايە –ئېيتىقادى كۇچلۇق ۋە مۇستەكەم كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى سۆز ھەركىتىمۇ  ئادەتتىكى كىشىلەردىن كۆپ ئەۋزەل بولىدۇ. ئالايلۇق، ئۇلار كۆز ئالدىدىكى ھەر بىىر ئىشقا جىددى ۋە ئەستايىدىلمۇئامىلە قىلىپ، پۇختا ۋە ئىنچىكە ئىشلەيدۇ،تىرىشىپ ئۆز مەسئۇلىيىتى ۋە نىشانىدىكى ھەر بىر ئىشنى تىرىشىپ سەرخىل قىلىشقا ئۇرىنىدۇ،جامائەت  سورۇنىنىڭ تەرتىپى ۋە ئاممىۋىي تازىلىققا، ئىجتىمائى ئەخلاققا ئاڭلىق رىئايە قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە بىر خىل ئىجتىمائى مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇريىتى ــ بۇرچى دەپ قارايدۇ.ئەسىچە، خىلى كۆپ ساندىكى ئادەتتىكى كىشىلەر بولساچۇ باھانە،پۇرسەت ئىزدەپ مەسئۇلىيەتتى قېچىش، ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۋىتىشنىڭلا كويىدا يۈرۈشىدۇ.
توغرا ۋە مۇستەھكەم بولغان ئېيتىقاد ، ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە كىشىلەرنىڭ كۆڭلى ئالەمچە كەڭرى، دىلى پاك ئەقلى ھۆر، قەلبى مېھرى-مۇھەببەتكە تولۇپ تاشقان ئالىجاناب بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدابىر خىل شەخسىيەتسىز ئالىجانابلىق يۇشۇرۇنغان، ئىددىيىسى، نىيىتى ۋە ئىستىلى دورۇس بولۇپ، خاتالىق ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈش دىگەنلەر ئۇلاردىن نېرى. شۇڭا غايە ئىيتىقادلىق كىشىلەرنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزىشى ۋە جىنايەت سادىر قىلىش نىسبىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولىشى، تۈرلىك ‹‹شەيتان››لارنىڭ ئازدۇرۇشلىرىدىن ئۈنىملىك ساقلىنالىشى قىلچە ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى بۇ خىل كىشىلەرنىڭ قەلىب تۆرىدە«ئەخلەت»كە ئورۇن يوق،دىلى پاك ۋە ئالىجاناپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەلىب  تۇپرىقىدا پەقەت ئۆزى تاللىغان ئەنە شۇ مۇستەھكەم ئېيتىقاد ۋە ئۇلۇغۋار غايە ئاساسىدىكى توغرا ۋە ئىلمىي  بولغان كىشىلىك قارىشى ۋە قىممەت قارىشى چوڭقۇر يېلتىز تارتقان بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنى ئىنساننىڭ سەرخىلى، «خۇۋاينىسى » ،تەقۋا، بۈيۈك- مۇنەۋۋەر ئادەم دەپ ئاتايمىز. ئەمىلىيەتتە، دۇنيادىكى بارلىق بۈيۈك ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن توغرا ۋە مۇستەھكەم بولغان ئېيتىقاد ، ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە كىشىلەر تەرىپىدىن روياپقا چىقىدۇ،تارىخ چاقى دەل شۇلار تەرىپىدىن ئالغا سىلجىتىلىدۇ ۋە يېڭى تارىخى سەھىپە يارىتىلىدۇ.
[ 此贴被Da_nish在2008-09-24 16:08重新编辑 ]
تېما تەستىقلىغۇچى : yarken
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-09-06, 06:55
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-06 13:57 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
igqb449
دەرىجىسى : يېزىش چەكلەنگەن


UID نۇمۇرى : 29818
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 8 نۇمۇر
پۇل: 124 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-20

 

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى !
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-20 17:42 |
yur.tum
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 1626
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2084
شۆھرەت: 144 نۇمۇر
پۇل: 53 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-01-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

ئەجرىڭىزگە بارىكاللە دانىشكا
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-22 19:11 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﭘﻪﻟﯩﺴﻪﭘﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﻰ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :10-06 04:14
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号