قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 2027 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: دۇنيا سىياسىي مۇنبىرىدىكى مەشھۇر ئاياللارنىڭ ئۆزگىچە ناملىرى پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

Elaxhi
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10987
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 50
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
پۇل: 226 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-16

 دۇنيا سىياسىي مۇنبىرىدىكى مەشھۇر ئاياللارنىڭ ئۆزگىچە ناملىرى

1
دۇنيا سىياسىي مۇنبىرىدىكى مەشھۇر ئاياللارنىڭ ئۆزگىچە ناملىرى


توختى مەھمۇت ئەلائى تەرجىمىسى

ئۇلار تۈمەنلىگەن ياپراقلار ئارىسىدىكى بىر جىلۋىدار قىزىل گۈل، ئەقىل- پاراسەت ۋە گۈزەللىك ئۇلارنىڭ جىسمىغا مۇجەسسەملەنگەن، ئۇلار مەرتىۋە ۋە ھوقۇقنىڭ سىمۋولى. كىشىلەر ئاللىبۇرۇنلا ئۇلارنىڭ ئاشكارىلىنىش دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئاشۇ قىزىقارلىق ئىشلىرىغا ھەيران قېلىشمايدىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىشلار ئاللىقاچان ئۇلارنىڭ مىجەز- خاراكتېرىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئۆزگىچە نامىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ، خۇسۇسەن ئۇلارنىڭ ئۆز جەلپكارلىقىنى تېخىمۇ بەكرەك نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

«سىياسىي مودا كىيىم ماھىرى» كوندولېززا رايس

كوندولېززا رايس (Condoleezza Rice) گەرچە ئامېرىكا پرېزدېنتى بۇش تەرىپىدىن «دۇنيادىكى ئەڭ ھوقۇقلۇق ئايال» دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ جاھان ئەھلىنىڭ ئۆزىنى بىر «ساھىبجامال» قاتارىدا كۆرۈشىنى بەكرەك خالايدۇ. ئالدىراش ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن باشقا ۋاقىتلاردا، ئۇ يەنىلا دۇكان ئارىلاشقا ئامراق مال سېتىۋېلىش مەستانىسى بولۇپ، ئىلگىرى بىر قېتىمدىلا «فېرراگامو» (Ferragamo) ماركىلىق ئاياقتىن سەككىز جۈپ سېتىۋېلىش رېكورتىنى ياراتقانىدى. ھالبۇكى، رايسنىڭ ئۆزىگە خاس نازۇك سالاپىتىمۇ ئۇنى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشتىن باش تارتمايدىغان سىياسىي مودا كىيىم ماھىرىغا ئايلاندۇردى. ئۇنىڭ كىيىنىشلىرىدىن ھەمىشە ھوقۇق تۇتۇۋاتقان بىر ئايالنىڭ سۈر- ھەيۋىتى گەۋدىلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ، خۇددى «ھوقۇق بېزىكى ئانىسى» دەپ ئاتالغان ساتچېر خانىمغا (Margaret Thatcher) ئوخشاش، پۈتكۈل جىسمىدىن جەسۇر ۋە قابىلىيەتلىكلىكىنى ئىپادىلەيدىغان ئۆزگىچە جەلپكارلىق بالقىپ تۇرىدۇ.
رايسنىڭ 2005- يىلى فېۋرالدا گېرمانىيىگە زىيارەتكە چىققان ۋاقتىدىكى ياسىنىشى، ئۇنىڭ ياردەمچىسى جىم ۋىلكىنسون (Jim Wilkinson) نىڭ ھازىرمۇ ئېنىق ئېسىدە. گېرمانىيىگە يېتىپ بارغان ئاشۇ كۈنى، رايس ئۇچىسىغا قارا رەڭلىك بىر يۈرۈش كىيىم كىيگەن بولۇپ، پاچىقىنىڭ يېرىمىغىچە چۈشۈپ تۇرغان ئۈست كىيىمى، تىزىنى ئارانلا يېپىپ تۇرغان كالتە يوپكىسى، پۇتىدىكى ئۇزۇن قونچىلىق، ئىنچىكە ئېگىز پاشنىلىق ئۆتۈكى ئۇنىڭغا باشقىچىلا سالاپەت قوشقاچقا، فوتو ئاپپارات چىراقلىرى ئۇنىڭ ئالدىدا بەس- بەس بىلەن چاقنىشىپ كېتىدۇ. جىم ۋىلكىنسون ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «رايس بىر قولىنى ئالدىغا سۇنغان شۇ دەقىقىدە، ئۇنىڭ ئاشۇ تۇرقى خۇددى بىر ساھىبجامال سىياقىدىكى مۇسسولىنى (Mussolini) غا ئوخشاپ قالغانىدى».

«جىنسداشلار مۇھەببىتىنىڭ يېڭى ئەركىسى» ھىلارى

نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ 2008- يىللىق پرېزدېنت سايلىمىغا قاتنىشىۋاتقان ھىلارى (Hillary Clinton)، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مەبلەغ توپلاش ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ، سايلىغۇچىلارنىڭ قوللاش نىسبىتى جەھەتتىمۇ ئۈزلۈكسىز زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ كەلمەكتە.
بىراق، ھازىر بۇ ئىقتىدارلىق ئايالنىڭ پرېزدېنت بولۇش چۈشى جىنسىي سەتچىلىك خەۋىرى تۈپەيلىدىن ئۈزۈلۈپ قېلىش ئېھتىماللىقىغا يېقىن تۇرماقتا. ھىلارى جىنسداشلار مۇھەببىتىگە دائىر بۇنداق ئەيىبلەشكە تۇنجى قېتىم ئۇچراۋاتمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئەيىبلەش تۇنجى قېتىم ئىشەنچىلىك دەرىجىسى يۇقىرى مۇشۇنداق كۆپ ئۇچۇرلارنى مەنبە قىلغاچقا، ئۇلار ھىلارىنىڭ ئۇچىغا چىققان ئوخشاش جىنسلىقلار مۇھەببەتلەشكۈچىسى ئىكەنلىكىنى يېتەرلىك ئىسپاتلىماقتا ھەمدە بۇ جەھەتتىكى ئوبيېكت ھىلارىنىڭ ياش ۋە چىرايلىق ياردەمچىسى خۇما ئابېدىن (Huma Abedin) دەپ كۆرسىتىلمەكتە. يېقىندا، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكىدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار داۋراڭ سېلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن ھىلارى ۋە خۇما خانىم بىلەن خېلى كۆپ بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ تۇرىمەن، سىزگە ئېيتسام، بۇ ئىغۋالاردا دېيىلگەنلەر ئەمەلىيەتتە راستتىنلا بار ئىش بولۇپ، ھېچبولمىغاندا ئۇ بىر قىزىقارلىق مەۋجۇتلۇقتۇر!»
گەرچە جىنسداشلار مۇھەببەتلىشىش سەتچىلىكى ۋەقەسىنىڭ سايلام ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىش- كۆرسەتمەسلىكى ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەر ئېنىق بىر نېمە دېمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھېچ بولمىغاندا ئامېرىكا پۇقرالىرى بۇ ئىشقا ئىنتايىن قىزىقىدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە.

«سىياسىي ساھەدىكى ئەتىرگۈل» تارىيە خالونېن

2000- يىلى فىنلاندىيە پرېزدېنتى ئاختىسارى (Martti Ahtisaari) ئۆزىنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك پرېزدېنت سايلىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلىغاندىن كېيىن، فىنلاندىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىكى مۆتىۋەرلەرنىڭ نەزىرى تۇشمۇ- تۇشتىن 56 ياشلىق تارىيە خالونېنغا (Tarja Halonen) مەركەزلىشىدۇ. چۈنكى ئۇ خىزمەت نەتىجىسى كۆزگە كۆرۈنگەن پەزىلەتلىك ئايال بولۇپ، «سىياسىي ساھەدىكى ئەتىرگۈل» دەپ ئاتالغانىدى. خالونېندىن ئىبارەت بۇ ئەتىرگۈل ئاخىرى بۇ شىمالىي ياۋروپا دۆلىتىنىڭ پرېزدېنتلىق تەختىدە ئولتۇرۇشقا مۇيەسسەر بولدى. لېكىن، فىنلاندىيىلىكلەرنى ئوڭايسىزلاندۇرغىنى، ئۇلار خالونېن بىلەن 15 يىل بىللە ياشىغان ئاشۇ ئەرنى نېمە دەپ ئاتاشنى بىلەلمىدى. بۇ ئەرنىڭ ئىسمى پېنتتى ئارايارۋى (Pentti Arajärvi) بولۇپ، خالونېن بىلەن توي قىلماي تۇرۇپ 15 يىل بىللە تۇرغانىدى. ئۇلار ئىككىيلەن ئۆزئارا ئىززەتلىشىپ، ئەركىن- ئازادە ياشاپ كەلگەچكە، ئەسلىدە ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىشنى خالىمايتتى. بىراق، خالونېن پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئېسەنكىرەشلىرىگە يۈزلىنىپ، ئاخىرى ئەسلىدىكى تۇرمۇشىدىن ۋاز كەچتى. 2000- يىلى 26- ئاۋغۇست، خالونېن خېلسىنكىنىڭ شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان مېلانس (Melans) تىكى پرېزدېنت سارىيىدا پېنتتى ئارايارۋى بىلەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئارقىسىدىكى بۇ ئەر كىشى ۋە خەلققە ئاخىرقى جاۋابنى بەردى.

«كۈندە بىر ئاياق يەڭگۈشلەيدىغان ئايال خوجايىن» كرىستىنا فېرناندېز

كرىستىنا فېرناندېز (Cristina Fernandez) ئارگېنتىنانىڭ گۈزەللىكتە كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان يېڭى پرېزدېنتى. بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇنىڭغا كۈندە بىر ئاياق يەڭگۈشلەيدۇ، دەپ ئاھانەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن، كرىستىنانىڭ قوڭۇر رەڭ ئۇزۇن چېچى، كىشىنى جەلپ قىلىدىغان يۈرۈش- تۇرۇشى، باشقىلارنى بېسىپ چۈشىدىغان سالاپىتى ھەمدە دەل جايىدا ئاسرالغان قامىتى ئارگېنتىنالىقلارنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىدىكى بىردىن- بىر سەۋەب بولمىسا كېرەك. كرىستىنا ئېرى، سابىق پرېزدېنت كىچنېرغا (Nestor Kirchner) ئوخشاش مۆتىدىل سولچىلاردىن بولۇپ، بۇرۇندىن تارتىپ نامرات ئاممىغا يېقىن تۇرۇپ، مىللىي ئىگىلىكنىڭ گۈللىنىشىگە كۈچ چىقارغانىدى. شۇڭا، ئۇ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش نۇتقىدا ئېرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ: «يېنىمدىكى مانا بۇ كىشى مېنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمرىيىم بولىدۇ» دەيدۇ ھەمدە سۆزىنى تۈگىتىپلا يېنىدا تۇرغان كىچنېرنى سۆيۈپ قويىدۇ.

«گېرمانىيىدىن ئېرىشكەن بىباھا گۆھەر» سىلۋىيە

ئاددىي پۇقرالىقتىن كېلىپ چىققان شۋېتسىيە خانىشى سىلۋىيە (Silvia) دۇنيا بويىچە ھەممە ئېتىراپ قىلغان پەرىزات بولۇپ، مەيلى قانداق سورۇن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ھەمىشە شۇنداق نازاكەتلىك ۋە چوڭ سۈپەت يۈرىدۇ. گەرچە ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ پادىشاھ كارل گۇستاف (Carl Gustaf) بىلەن بولغان مۇھەببىتى نۇرغۇنلىغان ئەيىبلەش ۋە كايىشلارغا ئۇچرىغان، ھەتتا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن «سەتچىلىك» دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، لېكىن تويدىن كېيىن بۇ پۇقرا خانىش ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شۋېتسىيىلىكلەرنىڭ يۈكسەك ئىززەت- ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ. ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «سىلۋىيە بىز گېرمانىيىدىن ئېرىشكەن بىباھا گۆھەر».
20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدا، نۇرغۇن شۋېتسىيىلىكلەر پەرزەنت كۆرۈشنى خالىمىغاچقا، شۋېتسىيىدە نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى نۆلگە يېقىنلىشىپ قالىدۇ. خانىش سىلۋىيە شۋېتسىيە ئاياللىرىغا ئاشكارا كاپالەت بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئۈچتىن تۆتكىچە پەرزەنتلىك بولۇپ، ئۇلارغا ئۈلگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. كېيىنكى كۈنلەردە، ئۇ دەرۋەقە ۋەدىسىدە تۇرۇپ، ئىككى قىز، بىر ئوغۇللۇق بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خانىش سىلۋىيە يەنە دۇنيا بالىلار فوند جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى. بۇ جەمئىيەت ئۈزلۈكسىز ھالدا دۇنيادىكى ئاجىز بالىلارنىڭ تەربىيىلىنىشى ۋە پاراۋانلىق ئىشلىرىغا كۈچ چىقىرىدۇ. خانىش سىلۋىيە يەنە ئەقلى ئاجىز مېيىپ بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىشتىمۇ دۇنياغا مەشھۇر. ئۇ شۋېتسىيە مەملىكەتلىك ئەقلى ئاجىز، گاس، گاچا بالىلار جەمئىيىتىنىڭ ياردەم بەرگۈچىسى بولۇپ، ھەتتا شەخسەن ئۆزى قول ئىشارەت تىلىنى ئۆگىنىدۇ. خانىش سىلۋىيە جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، بېيجىڭ شەھىرى شۈنيى رايونى بەنچاۋ كەنتىدىكى يېتىلىشى غەيرىي بالىلارنى قۇتقۇزۇش مەركىزىنى ئالاھىدە زىيارەت قىلىپ، بالىلارغا تۇغۇلغان كۈن تورتى كېسىپ بېرىدۇ ھەمدە ئۇلارغا «گوتېبورگ ناملىق كېمىنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتلىرى» (Goteborg Adventure) ناملىق كىتاب قاتارلىق سوۋغاتلارنى ئالغاچ بارىدۇ.

«شەرقىي ياۋروپا سىياسىي مۇنبىرىدىكى قار مەلىكە» يۇلىيە تىموشېنكو

2004- يىلى 11- ئايدا، ئۇكرائىنا پايتەختى كيېف (Ки́ев) كوچىلىرىدا بولۇپ ئۆتكەن ئاپېلسىن رەڭلىك ئىنقىلاب جەريانىدا، يۇلىيە تىموشېنكو (Юлія Тимошенко) يۇششېنكو (Віктор Ющенко) تەرەپتە تۇرىدۇ. ئۇلار قولنى قولغا تۇتىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ھەمكارلاشقۇچىلاردىن ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغانىدى. «يۇلىيە تۆمۈردەك چىداملىق كەسكىن ئايال» دەيدۇ ئۇكرائىنادىكى سىياسىي تەھلىلچىلەر، «ئۇ دەل يۇششېنكونىڭ ئارقىسىدىكى ھەقىقىي تۈرتكىلىك كۈچتۇر». بىراق، ئۇ ئالدى بىلەن بىر گۈزەل ئايال بولۇپ، «شەرقىي ياۋروپا سىياسىي مۇنبىرىدىكى قار مەلىكە» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ: «‹ياسانچۇق بەگزادە›ناملىق ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىغا چىققان ئايال ئوبراز بولۇش بارلىق ئاياللارنىڭ ئارزۇسى، لېكىن مەن ‹دەۋر› ژۇرنىلىدا تىلغا ئېلىنىشنى بەكرەك خالايمەن، مانا بۇ مېنىڭ ئۇسلۇبۇم.» دېگەن مەشھۇر سۆزى بار. يۇلىيە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىرتقى قىياپەتكە ئىگە بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تەقدىرىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتكىنى خاتا ئۇرۇلغان بىر قېتىملىق تېلېفون ئىكەن. ئەينى ۋاقىتتا، ئەمەلدار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئالېكساندر تىموشېنكو (Александр Тимошенко) بىر دوستى بىلەن ئۇچراشماقچى بولۇپ ئالاقىلاشقىنىدا، تېلېفون خاتا ھالدا يۇلىيەنىڭ ئائىلىسىگە ئۇلىنىپ قالىدۇ. ئىككىيلەن ئوچۇق- يورۇق پاراڭلىشىپ گەپلىرى بىر يەردىن چىقىپ قالىدۇ-دە، ئاخىرىدا يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشكە پۈتۈشىدۇ ھەمدە ناھايىتى تېزلا مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكىدۇ. يۇلىيە تا ھازىرغىچە ئېرى تىلغا ئېلىنىپلا قالسا، پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دەيدۇ: «ئېرىم ئاجايىپ قابىل كىشى، بىز ئەزەلدىن ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار تۈپەيلىدىن جېدەللىشىپ باقمىدۇق، ئەمما ئۆينى كىم ئاۋال يىغىشتۇرىدۇ دېگەندەك ئۇششاق- چۈششەك ئىشلار سەۋەبىدىن كېلىشەلمەي قالغان چاغلىرىمىز بولغاندۇ بەلكىم».

«دوستلۇق ئەلچىسى» مېھرىبان

نۇرغۇن ئەزەربەيجان پۇقرالىرى مېھرىباندىن (Mehriban Əliyeva) پەخىرلىنىپ، ئۇنى «دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل بىرىنچى خانىم» دېيىشىدۇ. ئۇنىڭ ھەر قېتىم يارىشىملىق كىيىنىپ جامائەت ئالدىدا پەيدا بولغان چاغدىكى سالاپىتى كىشىلەرنى مەپتۇن قىلىدۇ، ھەتتا بەزى غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇ توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ: «سىرتقى قىياپىتىدىن قارىغاندا، مېھرىبان پرېزدېنت خانىمىغا ئەمەس، كىنو چولپىنىغا بەكرەك ئوخشايدۇ». مېھرىبان رۇس، ئىنگلىز، تۈرك ۋە ئەرەب تىلىدا راۋان سۆزلىشەلەيدىغان بولۇپ قالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ تور پونكىتىمۇ بار. ئۇ ئەزەربەيجان مىللىي ئەدەبىياتى ۋە مۇزىكا مىراسلىرىنى قوغداش، ئەۋج ئالدۇرۇشتا گەۋدىلىك نەتىجە ياراتقانلىقتىن، ب د ت مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن «دوستلۇق ئەلچىسى» لىكىگە تەيىنلىنىدۇ.

«چولپان سالاپەتلىك» ئاررويو

2002- يىلى 9- ئايدا، فىلىپپىندا «Tatler» ناملىق بىر ژۇرنال بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا پايتەخت مانىلادا زىلزىلە قوزغايدۇ، چۈنكى شۇ سان ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىغا فىلىپپىننىڭ ئايال پرېزدېنتى ئاررويو (Gloria Arroyo) ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۆت مىنىستىرىنىڭ سۈرىتى بېسىلغانىدى. سۈرەتتە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تۆت مىنىستىرى قارا كاستۇم- بۇرۇلكا كىيىپ، قارا كۆزەينەك تاقاپ، ئادەتتىكى قىياپىتىگە قارىغاندا تونۇغۇسىزلا بىر ھالەتتە بولۇپ، بۇ بەستلىك تۆت مىنىستىر ئارىغا ئېلىپ تۇرغان پاكار بويلۇق ئاررويو خۇددى چولپانلاردەك ئىنتايىن سالاپەتلىك كۆرۈنەتتى. ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئوبرازدا ياسىنىشى پۈتۈنلەي ھوللىۋود (Hollywood) كىنوسى «قارا كىيىملىك ئادەم» دىكى ئىككى ئەر باش رولچى ۋىل سمىس (Will Smith) ۋە توممى لېي جونېس (Tommy Lee Jones) نىڭ ياسىنىشىدىن كەلگەن بولۇپ، كىشىنىڭ كۈلكىسىنى قوزغايتتى. ئاررويو چولپانغا خاس خىسلەتكە ئىگە ئايال پرېزدېنت بولۇش سۈپىتى بىلەن، دادىسىنىڭ دېموكراتىك ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئۇ فىلىپپىن پرېزدېنتى بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، پرېزدېنت مەھكىمىسىنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئېكىسكۇرسىيە قىلىشىغا ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى جاكارلاپ، خەلق بىلەن بولغان ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرىدۇ.

«غەزەلخان پىكىر ئالماشتۇرغۇچى» چېنفېڭ فۇجېن

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى چېنفېڭ فۇجېن يېقىنقى نەچچە قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىك خەلقئارا يىغىنلاردا، ئۆزىنىڭ غەزەلخانلىقىنى نامايان قىلىپ، ب د ت رەھبەرلىرى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ئەربابلىرىغا ئۆزى ئەڭ ياقتۇرىدىغان «تونۇيمەن سىزنى» (Getting to Know you) دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: «پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرى ناھايىتى كۆپ، ھالبۇكى غەزەلخانلىق قىلىش مېنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇللىرىمنىڭ بىرى».
چېنفېڭ فۇجېنغا ئايانكى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ھازىرقى قىلىدىغان ئىشى دەل باشقا ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت. شۇڭا ئۇ خىزمەتلىرىنى كېڭىشىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرمەكتە، ھالبۇكى ئۇنىڭ ئاشۇ ئاجايىپ غەزەلخانلىقى بۇ جەھەتتە مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان دەرىجىدە كاتتا رول ئوينايدۇ. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Harvard) ئاممىۋى سەھىيە ئىنستىتۇتىدىكى دوكتور جىن جيۇيۇڭ مۇنداق دەيدۇ: «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئوبرازى ناھايىتى زور دەرىجىدە باش ئىش بېجىرگۈچىگە باغلىق. چېنفېڭ فۇجىننىڭ غەزەلخانلىقىدا كىشى قارشىلىق قىلالمايدىغان سېھرىي كۈچ بار». ئۇ يەنە تولۇقلاپ، چېنفېڭ فۇجېننىڭ غەزەلخانلىقى كىشىنى ئېھتىياتچانلىقنى تاشلاشقا ئۈندەپ، ئارىدىكى چۈشىنىشمەسلىكنى تۈگىتىدۇ، دەيدۇ.

(خەنزۇچە «چەت ئەل تەرمىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2008- يىللىق 3- سانى ‹ئالدىنقى يېرىم ئايلىق› دىن ئېلىندى)

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2008- يىللىق 4- سانىغا بېسىلغان
تېما تەستىقلىغۇچى : hitab
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-04-16, 10:54
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(Ay~chiwar) ئۆزىگە خاس م
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-04-16 18:14 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
kara-kax
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 14677
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 36
شۆھرەت: 46 نۇمۇر
پۇل: 146 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

كوندولېززا رايس  يامان ئايال جۇمۇ بۇ؟؟
qarluq
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-16 19:18 |
ezitku726
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 15071
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 224
شۆھرەت: 194 نۇمۇر
پۇل: 685 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

ئاز بولسىمۇ  بەش ئادەمنىڭ رەسىمىنى يوللاپ قويدۇم.

1.رايىس

2.ھېلارى

3.تارىيە خالونېن

4.سىلۋىيە

5.«چولپان سالاپەتلىك» ئاررويو
[ بۇ يازما ezitku726 تەرپىدىن 2008-04-16 19:49 دە قا ]
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-16 19:41 |
دىلكار
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 24439
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 100
شۆھرەت: 100 نۇمۇر
پۇل: 452 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 69(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

ھىلارىنىڭ مۇنداق ئىشىمۇ بارمىكەن تىخى...يولدىشنىڭ ئاران بىسققاندا خوتۇنى بولسىمۇ جىم ئولتۇرسچۇ.....
retim BLOG
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-16 21:01 |
Elaxhi
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10987
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 50
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
پۇل: 226 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-16

 

«كۈندە بىر ئاياق يەڭگۈشلەيدىغان ئايال خوجايىن» كرىستىنا فېرناندېز



«شەرقىي ياۋروپا سىياسىي مۇنبىرىدىكى قار مەلىكە» يۇلىيە تىموشېنكو



«دوستلۇق ئەلچىسى» مېھرىبان



«غەزەلخان پىكىر ئالماشتۇرغۇچى» چېنفېڭ فۇجېن
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-16 21:07 |
muslima118
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 28995
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 48
شۆھرەت: 48 نۇمۇر
پۇل: 244 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 12:29 |
janankiz813
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29020
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 214
شۆھرەت: 214 نۇمۇر
پۇل: 742 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 113(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

  
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 13:21 |
篮球美女
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29012
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 268
شۆھرەت: 283 نۇمۇر
پۇل: 918 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 113(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 


ماۋۇ كۈندە بىردىن ئاياق يەڭگۈشلەيدىغان ئايالغا مىنىڭ تازا بىر ھەۋىسىم كىلىۋاتىدۇ دىسە
ئۇ ئايال ھامان شۇنداق قىلغاندىكىيىن يەنىلا 3 ۋاق ئاياق يەڭگۈشلىگەن بولسا رىكورت ياراتقان بولاتتى ئەمەمسۇ ؟
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 13:30 |
yakan22
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29166
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 106 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-06

 

كەچۈرۈڭ ، تورىمىزنىڭ مەزمۇنىنى خالىغانچە كۆچۈرمەڭ . بارلىق مەزمۇن دىيارىم مۇنبىرىىغا مەنسۇپ .تور ئادىرسىمىز : http://bbs.diyarim.com .
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 23:42 |
pascal
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26017
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 49
شۆھرەت: 49 نۇمۇر
پۇل: 287 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-10

 

مەن ئەڭ قايىل بولىدىغان  ئايال ساچىر خانىم .  
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 21:52 |
adem118
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29328
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 31
شۆھرەت: 31 نۇمۇر
پۇل: 200 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

ئائىشە،ئەسما، فاتىمە.......تۇمارىس، ئىپارخان، نوزۇگۇملارنى بىلىدىغانلار ئاز يۇ، ھىلارى، رېس دېگەندەك لەنەتكەردى جاللاتلارغا ھەۋەس قىلىدىغانلار ساماندەك تولا!
توۋا......
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-08 11:44 |
kutluk0997
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 20242
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 13
شۆھرەت: 13 نۇمۇر
پۇل: 121 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 54(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-12

 

مۇشۇ كۇندە ئاياللار يامان چىقىپ كىتىۋاتىدغۇ    
retim BLOG
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-08 11:56 |
90uygur
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29350
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 31
شۆھرەت: 31 نۇمۇر
پۇل: 193 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 33(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

  
retim BLOG
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-08 16:07 |
janankiz813
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29020
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 214
شۆھرەت: 214 نۇمۇر
پۇل: 742 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 113(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 15:12 |
uy-yiltezi
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29639
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
شۆھرەت: 11 نۇمۇر
پۇل: 133 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-11

 

kamlaxkan ayallarkan hammisi digudak...........................
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-10 22:07 |
alhox
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 19724
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 42
شۆھرەت: 30 نۇمۇر
پۇل: 126 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

hay bolarning kay neda yan a  bor mon qa sat qelek lar  mu bar kan ams mu
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [15 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-11 17:58 |
kaknus
تىرىشچان ئەزا
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29478
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 105 نۇمۇر
پۇل: 515 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 10 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-12

 

بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بەكلا سالاپىتى باركەن جۇمۇ،نېمىدېگەن جۇشقۇن.
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [16 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-12 13:24 |
nuriyar
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29677
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
پۇل: 127 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

ئۇزىمىزنىڭ مەشھۇرلىرىنى بىلىدىغانلار قانچىلىك ؟؟؟؟؟؟؟
    مەھمۇت كاشغەرى كىم ؟دىسە قاراپلا قالغانلارنى كۆرگەنمەن .
بىزنىڭ مې ھرىبان .ساخاۋەتچى ئەلسۇيەر ئانىلىرىمىز ،قىزلىرمىزمۇ بارمىقىمىزدىن



چىقىپ كىتەلەيدۇ .بۇنى كىم تەپسىلى تۇنۇشتۇرالەيدۇ ؟
ئۈزىمىزنى داتلاپ .باشقىلارنى ماختاپ ھەۋەس قىلىپ ئۈتەمدۇق؟<<ياخشى دىسەڭ ئەسكىمۇ ياخشى ،ناچار دىسەڭ ياخشىمۇ ناچار كۆرىنىدۇ ،كۆزلەرگە ......................    
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [17 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-13 09:21 |
hakikatkizi
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29001
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 34
شۆھرەت: 44 نۇمۇر
پۇل: 296 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 55(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

Quote:
引用第10楼adem118于2008-09-08 11:44发表的  :
ئائىشە،ئەسما، فاتىمە.......تۇمارىس، ئىپارخان، نوزۇگۇملارنى بىلىدىغانلار ئاز يۇ، ھىلارى، رېس دېگەندەك لەنەتكەردى جاللاتلارغا ھەۋەس قىلىدىغانلار ساماندەك تولا!
توۋا......



راس دەيسىز ،
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [18 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-14 11:44 |
enitizar
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 28410
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 19
شۆھرەت: 19 نۇمۇر
پۇل: 199 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 13(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

مەن بۇلارغا بەكمۇ ھەۋەس قىلمەن .
qarluq
چوققا [19 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-14 17:56 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :09-17 17:40
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号