ھەر كىمنىڭ ئۆز جۈپتى بار
دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
دىيارىم مۇنبىرى » ﻧﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ » ھەر كىمنىڭ ئۆز جۈپتى بار

بۇ بەتتىكى تېما: ھەر كىمنىڭ ئۆز جۈپتى بار پرىنتلاش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تىما 584 قېتىم كۈرۈلدى .
بۇ ئەزا توردا بار kuysoyar
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 438
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 161
UID نۇمۇرى : 2407
دەرىجە: ئالىي ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 377
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە377دانە
شۆھرەت: 426 نۇمۇر
پۇل: 2318 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 9 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-04-02
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-04-16

ھەر كىمنىڭ ئۆز جۈپتى بار

بۇ يازمىنى baturjangqi ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﺍﺷﻼﺭ ﺳﻮﺭﻭﻧﻰدىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى(2008-04-12)

ھەر كىمنىڭ ئۆز جۈپتى بار، قەدىرلىك راتسۇن ئۇستام، گەپ كىشىلەرنىڭ ئۆز جۈپتىنى تاپالىشىدا. سەن ئۆزۈڭگە يېقىنلاشقان ھەربىر جاناننى ئۆز جۈپتۇم دەپ قاراپ سۆيۈنگەن ۋە ھاياجانلانغان بولغىيدىڭ؟ بىراق، ھەر قېتىم چۈشۈڭدىكىدەك يوققا چىققان بولغىيدى؟
سېنىڭ ئۆز جۈپتىڭنى تېپىش ئۈمىدىڭ زادى تۈگىمەيدۇ، بەلكى ئۈمىدىڭدىن بۇرۇن ئۆزۈڭ تۈگىشىسەن، يەنى قارا باستى چۈشنى كۆرۈۋېرىپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھېچ ئۈمىدىڭ قالمىغاندا، سەنمۇ تۈگىشىسەن. بۇ تۈگىشىش ئۆلۈمدۈ، راتسۇن ئۈستام، سەن ئۆز جۈپتىڭنى تاپىدىغانلىقىڭغا شۇ قەدەر ئىشىنىسەنكى، ئۈمىدىڭ پەقەت ئۆز ئۆلۈمىڭ بىلەن ئاياغلىشىدۇ.
قېرىلىقنى ياقتۇرمىسا ۋە ئۇنىڭدىن يىرگەنسەڭمۇ ھەتتا ياش قىياپەتكە كىرىۋالساڭمۇ بەرىبىر قېرىدىڭ، راتسۇن ئۇستام. جۈپتىڭنى زادى تاپالمىغان بولساڭمۇ، بۇ ھەرەىز مەڭگۈ تاپالمايسەن دېگەن مەنىنى بەرمەيدۇ ھەتتا ئۇنى ئۆمۈر بويى تاپالمىساڭمۇ ئۇ يەنىلا مەۋجۇت. سەن شۇنداق ئويلايسەن، مەنمۇ سېنى ئىسپاتلايمەن. ئادەم دېڭىزى بولغان بۇ دۇنيادا بىرەر كىشى ئۆز جۈپتىنى تاپالىسا ۋە شۇنداق بىرى بولسا، ئۇ چاغدا ئۈمىد ئۈزۈلمەيدۇ. كىشىلەر ئۆز جۈپتىنى تالايدۇ دېگەن گەپ. بىراق، قەيەردە، قاچان؟ مانا بۇ مەلۇم ئەمەس. بەلكى ھازىر، بەلكىم ئون ياكى يىگىرمە يىلدىن كېيىن، بەلكى يۈز يىللار ئالدىدىكى بىر چاغلاردىدۇ .. ۋە بەلكى ھاياتىڭ ئۇنىڭ بىلەن تېپىشىشقا يەتمەس. ئۇنى تاپالماي ئالەمدىن ئۆتۈشۈڭمۇ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس. لېكىن ئۇنىڭ بىلەن تېپىشماستىن ئالەمدىن ئۆتۈشۈڭ ئۇنىڭ تېپىلماسلىقى ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىمايدۇ...ئۆلمەي ياشاۋەرسەڭ ئىدىڭ، بەلكىم ئۆلەر ۋاقتىڭدىن سەل ئىلگىرى ياكى خېلى كېيىن ئۇنىڭغا ئېرىشەتتىڭ، بۇنىسى ئېنىق، چۈنكى ئۇ يەر يۈزىدە مەۋجۇت...
خۇددى پىلە قۇرتىنىڭ غوزىسى ئىچىگە تەنھا كىرىۋېلىپ، شۇ تەنھالىقتا يېتىلە - يېتىلە قانات چىقىرىپ كېپىنەككە ئايلانغىنى ۋە ئۇچا - ئۇچا ئۆزىنىڭ بولىدىغان ۋە ئۆزىمۇ ئۇنىڭ بولىدىغان جىنسىي جۈپتىنى ئىزدەپ چىققىنىدەك، بۇ جاھاندا ھەممە كىشى ئۆزىگە تەئەللۇق بولىدىغان ۋە ئۆزىمۇ ئۇنىڭغا تەئەللۇق بولىدىغان نەرسىنى ئىزدەيدۇ. ئۆز جۈپتىڭ جەزمەن مەۋجۇت. بىراق، بۇ ئۈمىد داۋاملاشسۇن، ئىنسان نەسلىنىڭ بۇ ئۈمىدلىك نۇرى يەر يۈزىدىن يوقالمىسۇن، بۇ ئۈمىد كەمىرى بوشاشمىسۇن. بىرەر كىشى ئۆز جۈپتىنى تاپىدىكەن، ئۇنداقتا بۇ ئۈمىد مىليونلىغان كىشىلىرىمىزگە كۇپايە ... جۈپتى بىلەن تېپىشالايدىغان بىر كىشىمۇ بولمىسا، ئۇلار چۆچەكلەرە ياكى چۈشلىرىدە تېپىشاتتىمۇ؟ ... رېئاللىقتا بولمىغان نەرسىنى چۈشىدە كۆرۈشى مۇمكىنمۇ؟ پەقەت رېئاللىقتا بولغان نەرسىلا چۈشتە كۆرۈنىدۇ - دە...
قەدىرلىك راتسۇن ئۇستام، سېنىڭ ھېلىقى لىچىنكا ئالدىدىكى ھاڭ - تاڭلىقىڭنى ھازىر بولغان ئىشتەك ئەسلىمەكتىمەن. ھەممە ئىش كۆز ئالدىمدا، ۋەقەنى پۈتۈن تەپسىلاتلىرى بىلەن تاماشا قىلغانىدى. سەن ئۇ چاغدا 18 ياشتا بولغاچقا، ھازىر ئۇ ئىشقا ئەللىك يىلدىن ئېشىپتۇ...
سىلەر دېڭىز بويىدىكى بىر داچىدا ئىدىڭلار. دېڭىزدىن قۇملۇققا، قۇملۇقتىن گۈللۈككە، گۈللۈكتىن ئورمانغا ئۆتۈپ، ئاندىن مېۋىلىك دەرخلەر ئارىسىدىن داچىغا كەلگىلى بولاتتى. سىلەر ئۇ داچىدا ئون بەش كۈن تۇردىڭلار.
ئۇ كۈنى ھەر ۋاقتتىكىدەك سېنى كۆرۈپ تۇراتتىم. دېڭىزدىن چىقتىڭ، دۇشتا ئۇچاڭدىكى تۇزلۇق سۇنى يۇيۇۋەتتىڭ. ئۇچاڭدا زەڭگەررەڭ سۇ ئۈزۈش كىيىمىدىن باشقا نەرسە يوق ئىدى. بەدىنىڭنى قۇرتمايلا، ئۇچاڭدىن سۇلار ئېقىپ تۇرغان ھالدا گۈللۈكتىن ئۆتۈپ، سولدىكى دەرەخنىڭ ئالدىدا بىردىنلا توختىدىڭ. مەلۇمكى، كۆرۈڭ بىر نەرسىگە چۈشكەنىدى. ئارىدىن ئەللىك يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتەكنلىكى ئۈچۈن ئۇ دەرەخنىڭ نېمە دەرەخلىكىنى ئەسلىيەلمەيمەن. يا قارىياغاچ، يا قارىغاي ئىدى. دەرەخنىڭ يوغان پاكار شاخلىرىدىن بىرىگە يۆلەندىڭ. ئۇ يەردە كۆرۈنگەن بىر نەرسىگە سىنچىلاپ قاراۋاتاتتىڭ. بۇغداي ئۆڭلۈك يۈزۈڭدە ئىشتىياق، ھەۋەس، ھەيرانلىق ە ھاڭ - تاڭلىق بەلگىلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
سەن تۇرغان يەردىن كۆپ بولغاندا ئون قەدەم نېرىدا، چىنار بىلەن ئارچىنىڭ ئارىسىدىكى كۆلەڭگىدە بەش ئەر بىلەن ئىككى ئايال باغچە ئورۇندۇقلىرى ۋە قاتلىنىدىغان داچا ئورۇندۇقلىرىدا ئولتۇرۇشاتتى. بەزىلىرى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا سوزۇلۇپ ئولتۇرۇپ قەھۋە ۋە سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچكەچ دەم ئېلىشىۋاتاتتى. ھاۋا ئىنتايىن ئىسسىق ئىدى. دەرەخ يوپۇرمالىرى قىمىرلىمايتتى. شۇڭا ئۇلار باراقسان دەرەخ كۆلەڭگىلىرىگە كىرىۋېلىشقانىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سۇ ئۈزۈش كىيىمى بىلەن، بەزىلىرى سپور تەنھەرىكەتچىلەر كىيىمى بىلەن، بەزىلىرى ئادەتتىكى يازلىق كىيىم بىلەن ئىدى.
سېنىڭ دەرەخ شاخلىرىنىڭ بىرىگە يۆلىنىپ تۇرۇپ تاماشا قىلىۋاتقىنىڭ بىر سۆز بىلەن ئېيتقاندا، ئىنتايىن گۈزەل بىر نەرسە يەنى بىر لىچىنكا ئىدى. ئۇ ھەر دائىم ھەر يەردە ئۇچرايدىغان لىچىنكىلاردىن ئەمەس. سەن بۇنداق گۈزەل لىچىنكىنى ھاياتىڭدا تۇنجى كۆرگەن بولۇشۇڭ كېرەك...
لىچىنكا يوغان بىر شاختىن سەل كىچىكرەك يەنە بىر شاخقا ئۆتۈشكە تىرىشىۋاتاتتى. ئۇ باشمالتاقچىلىك توملۇقتا، ئوتتۇرا قولدەك ئۇزۇنلۇقتا يوغان بىر لىچىنكا بولۇپ، كېپىنەككە ئايلانغاندا قاناتلىرىنىڭ ئارىسى تېخىمۇ ئۇزىراپ قوش بالىسىدەك بىر نەرسە بولاتتى.
ئۇ چاغدا سەن لىچىنكا توغرۇلۇق نېمە بىلەتتىڭ؟ بەلكىم ھەربىر لىچىنكىنىڭ بىر خىل ئۆسۈملۈكنى يەيەىدىغانلىقىن، باشقا ھېچنەرسە يېمەيدىغانلىقىنى بىلەتتىڭ. مەسىلەن، پىلە قۇرتى لىچىنكىسى پەقەت ئۈجمە يوپۇرمىقى يەيتتى. ئۇنداقتا، بۇ لىچىنكىمۇ پەقەت بۇ دەرگخنىڭ يوپۇرماقلىرىنى يەپ ياشايتتى ياكى ئۆلەتتى.
سەن لىچىنكىنىڭ كۆز ماقاشتۇرغۇچى رەڭلىرىدىن كۆزۈڭنى ئۈزەلمەيتتىڭ. ئۇنىڭ باش - ئايىغى ئوخشاش يۇمىلاق بولغاچقا، بېشىنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى ماڭغان تەرىپىگە قاراپ بىلگىلى بولاتتى. تېنى شۇنداق يۇمران ئىدىكى، قول بىلەن تۇتۇپ بېقىش ھاجەتسىز ئىدى. بەدىنى بوغۇم - بوغۇم بولۇپ، تېگىدە نۇرغۇن ئاياغلىرى بار ئىدى. ئۇ مانا مۇشۇ ئاياغلىرىنىڭ ئۈستىدە قىسقىراپ - ئۇزىراپ، توملىشىپ - ئىنچىكىلەپ، ئېگىزلەپ - پاكارلاپ مەددە قۇرتتەك لۆمۈلدەپ ماڭاتتى.
لىچىنكىنىڭ قۇياشتا يالتىرىغان كۆز ماقاشتۇرغۇچى رەڭلىرىنىڭ جەلپكالرىقىدىن ئېسىڭنى يىغىۋالالمايتتىڭ. دۇنيادا قانچە خىل رەڭ بولسا، لىچىنكىنىڭ تۈكلىرىدە ھەممىسى بار ئىدى. تۈكلەر، قىللار كىچىك - كىچىك قاپارتمىلاrدىن تەكىل تاپقان رەڭدار مارجانلاr ۋە پارقىراق قاسراقلار، يەنە كىچىك - كىچىك تىكەنسىمان دۆڭچىلەر، دەرۋەقە رەڭگارەڭ، بىراق ئەسلى رەڭگى قايسى ئىكەنلىكى نامەلۇم ئىدى. چۈنكى ئۇ قورساق ھالقىلىرىدىن چىققان ئاياغلىرى ئۈستىدە لۆمۈلدەپ ماڭغىنىدا قۇياش نۇرىدا رەڭلىرى ئۆزگىرىپ تۇراتتى.
ئەلۋەتتە، سەن نۇرغۇن لىچىنكىلارنى كۆرگەنىدىڭ، راتسۇن ئۇستام. لېكىن بۇندىغىنى كۆرگەنمىدىڭ؟ ياق ... بۇ بىر كىچىك مۆجىزە ئىدى. دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ گۈزەل ھېچنەرسە بولمايتتى.
ئۇ ھەر لۆمۈلدىشىدە، ھازىر سەدەپ رەڭ بولغان تۈكلىرى بىردەمدىلا تۆمۈر رەڭگە، يەنە بىردەمدىلا قارىغاي قۇرتى رەڭگىگە، كېيىن دېڭىز سۈيى رەڭگىگە ئايلىناتتى. ھېلىلا كۆك رەڭگە كىرسە، بىردەمدىن كېيىن قارا كۆككە، ئۇنىڭدىن كېيىن زەڭگەر رەڭگە ۋە پارقىراق قارا رەڭگە كىرەتتى. ھەر تەرىپىدىن باشقا رەڭ، ھەر لۆمۈلدىشىدىن يەنە باشقا رەڭ پەيدا بولاتتى. ئەۋرىشىم يۇمران تېرىسىدىكى كۆزسىمان، مەڭسىمان ۋە قاسراقسىمان داغلار يېشىل رەڭدە يالتىرايتتى.
لىچىنكىنىڭ داغلىرى، قاسراقىرى، مارجانلىرىدىكى رەڭلەر تىنماي جۇلالىناتتى. ئېھ، بۇ نېمىدېگەن گۈزەل رەڭلەر ھە...
سەن ئۇ چاغلاردا مۇنداق ئويلاتتىڭ، راتسۇن ئۇستام: گۈزەل نەرسە پەقەت ئۇنىڭ بىلەن ئورتاقلاشقاندىلا گۈزەللىكىنى نامايان قىلالايدۇ، تەنھا كىشىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن سەتلىكىنىڭ پەرقى بولمايدۇ.
كېيىنرەك بۇ چۈشەنچىلىرىڭ ئايدىڭلاشتى. دەرۋەقە ئورتاقلاشمىغان گۈزەللىك گۈزەللىك بولمايدۇ. مۇھەببەتمۇ شۇنداق، نەپرەتمۇ شۇنداق ھەتتا گۇناھمۇ شۇنداق. چۈنكى جىنايەت، خاتالىق، گۇناھلارمۇ پەقەت ئالاقىدارلارنىڭ ئورتاقلىشىشى بىلەنلا شەكىللىنىدۇ. قىسقىسى، چۈشەندىڭكى، ھايات پەقەت ئورتاقلاشقان چاغدىلا ھاياتتۇر.
سەن ھېلىقى دەرەخنىڭ شېخىدا كۆرۈپ ھەيران قالغان جانلىق رەڭلەرنىڭ گۈەللىكىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولدۇڭ. چۈنكى ئورتاقلاشمىساڭ، ئۇ گۈزەللىكنىڭ لەززىتىنى ئالالمايتتىڭ.
يېنىڭدا ھېلىقى بەش ئەر بىلەن ئىككى ئايال بار ئىدى. ئەرلەردىن ئىككىسى بىر - بىرىنى زادى ياخشى كۆرمەيدىغان يازغۇچىلار ئىدى. ئۇلار دامكا ئويناۋاتاتتى. بىرى ئارىلاپ يېنىدىكى ئۈستەلدە تۇرغان ھاراق رومكىسىنى كۆتۈرەتتى. سېمىز بىر ئەر قاتلىنىدىغان ئورۇندۇققا قىيسىيىپ، مۈگدىگەن ھالدا گېزىت ئوقۇۋاتاتتى. ئىككى ئايال بولسا تاماكىلىرىنى بىرىنىڭ كەينىگە بىرىنى ئۇلاپ چەككەن پاراڭلىشىپ، كۇلۇبتا قارت ئوينىغىلى بېرىشقا ئۆچرەت كۈتۈۋاتاتتى. ئۇلارمۇ بۇ داچىدا دەم ئېلىشتا بولۇپ، سەن ئۇلارنى تونۇيتتىڭ.
ئەسلىدە سەن داۋراڭچى ئەمەس، ھېلىقى پەۋقۇلئاددە گۈزەل لىچىنكىنىڭ خۇشاللىقى ئىچىڭگە سىغمىغاندا، قەلبىڭدىكى گۈزەللىك ھېسسىياتىڭنى بىر ۋاقىراش بىلەن سرىتقا چىقاردىڭ:
- كېلىڭلار، كېلىڭلار! بولۇڭلار، بۇ يەردە ناھايىتى گۈزەل بىر نەرسە بار ... چاپسان كېلىڭلار، بەك گۈزەل...
سەن لىچىنكا بار دېمەي، بىر نەرسە بار دېگەنىدىڭ. ئۇنىڭ لىچىنكا ئىكەنلىكىنى ئېيتساڭ، بەلكىم ئۇلار ئېتىبار قىلمىغان بولاتتى. سەن ئۇلارنى قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق دېگەنىدىڭ.
شۇ قەدەر ۋاقىراپ - جارقىرىدىڭكى، ئۇ بەش كىشى ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورۇنلىرىدىن ئاران تۇردى. كۇلۇبتىن ۋە دېڭىز قىرغىقىدىكى سۇغا چۆمۈلۈش ئورنىدىكىلەردىنمۇ ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ كەلگەنلەر بولدى.
سەن ئۇ لىچىنكىلارنى چۈشەندۈرۈشكە سۆزلەرنى تەييارلىۋالمىغانلىقىڭ ئۈچۈن، گەپ - سۆز قىلمايلا ئوڭ قول كۆرسەتكۈچ بارمىقىڭ بىلەن لىچىنكىنى كۆرسەتتىڭ ۋە بىر ھازا بارمىقىڭنى لىچىنكىدىن ئالمىدىڭ. ئەتراپىڭغا ئولاشقانلاردىن ھاڭ - تاڭلىق، ھەيرانلىق ئىبارىلىرىنى ھەتتا چوقان سېلىشلارنى كۈتتۈڭ. سېنىڭچە ئۇلار بۇ كۆرۈلمىگەن گۈزەللىك ئالدىدا ھەيران قېلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن ھېچكىمدىن زۇۋان چىقمىدى. قانداقتۇ، كېيىن ھېلىقى ئىككى ئايالدىن بىرى:
- بۇنىڭ نېمە ھەيران قالغۇچىلىكى بار؟ - دەپ سورىدى.
سەن خىجالەتچىلىكتە تۈگەشكەنىدىڭ. چۈشەندىڭكى، بۇنىڭ نېمە ھەيران قالغۇچىلىكى بار؟ دېگەن ئايالغا، ھەيران قالارلىق گۈزەللىك بار، گۈزەللىك ...دەپ ۋاقىرىساڭمۇ چۈشەنمەيتتى.
يازغۇچىلاردىن بىرى:
- بىر لىچىنكا ئىكەنغۇ... - دېدى.
يەنە بىر يازغۇچى:
- ھە ... نېمە بوپتۇ ... - دېدى.
سەن شۇنچە ئادەمنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەننىڭ خىجالەتچىلىكى ئىچىدە يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇڭ ۋە بىردىن:
- سىلەر بۇنداق لىچىنكىنى كۆرگەنمىدىڭلار؟ - دەپ سورىدىڭ.
بۇ سوئال ئۆزۈڭنى قوغدىغىنىڭ ئىدى.
ئۇ يەردە بولغانلاردىن بىر - ئىككىسى بۇنداق لىچىنكىنى كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتتى.
- گۈزە ئەمەسمىكەن! - دەپ يەنە بىر قېتىم سورىدىڭ، لېكىن يەنە ئوخششلا كۆڭۈلشىمىگەن تەلەپپۇزدا ئېيتىلغان:
- گۈزەل ئىكەن ... - دېگەن قاۋابنى ئالدىڭ.
ئۇلار تارقىلىشىپ، بەزىلىرى قارت بىلەن قىمار ئويناشقا، بەزىلىرى دېڭىز بويىغا قايتىشتى. ئىككى يازغۇچى دامكا ئوينىشىنى داۋاملاشتۇردى. يەنە بەزىلىرى بولسا ئورۇنلىرىدا ئولترۇۇپ پاراڭلىشىشقا باشلىدى.
سەن ھەيران قالغان ئۇ لىچىنكىنى كۆرگەندىن كېيىن، شۇ كۈنى ئۇ يەردىلا ئەمەس، پۈتۈن ھاياتىڭدا مۇنداق ئويلىدىڭ: يا سەن، يا باشقىلار بۇرۇن كۆرمىەەن پەۋقۇلئاددە گۈزەل لىچىنكا مەۋجۇت ئىكەن. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ئۆزىدىن بىر جۈپتىمۇ بار ۋە بولۇشقا تېگىشلىك.
بۇ گۈزەل لىچىنكا ئاغزىدىن يىپەك قۇسۇپ، ئۆزىگە توقۇغان غوزىنىڭ ئىچىگە ئۆزىنى قامايدۇ. غوزىنىڭ ئىچىگە ئۆزىنى قاماش يەنى ئۆز قاماقخانىسىغا مەھبۇس بولۇش، تەنھالىقنمىڭ چەكسىز ئەركىنلىكىگە ئېرىشىش دېگەنلىك ئىدى. پۈتۈن جانلىقلار ئاشۇ تەنھالىقنى بىر جانلىق گۈلگە ئايلاندۇراتتى يەنى لىچىنكىنىڭ گۈلى بولغان بىر كېپىنەك غوزىسىنى تېىپ ھااغا ئۇچاتتى. لىچىنكا ئۆز - ئۆزىنى قامىماستىن باشقا بىر نەرسىگە ئايلىنىپ، كېپىنەك ئىسىملىك جانلىق گۈلنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئېرىشەلمەيتتى.
قەدىرلىك راتسۇن، ئۇ لىچىنكا جىنسىيىلىككە ئىگە بولۇش بىلەن قارشى جىنسنى قانداق تاپىدۇ؟ شۇنچە زىچ ئۇچۇشقان كېپىنەكلەرمۇ ئۆز جۈپلىرىنى ئاسانلا تاپالايدۇ. كاپۇسكا كېپىنىكى، پۇرچاق كېپىنىكى ياكى كۈيە كېپىنىكىمۇ شۇنداق. لېكىن ھېلىقى گۈزەل لىچىنكا يەنى دۇنيا گۈزىلى بولغان ئۇ لىچىنكىچۇ! ... ئۇنداقتا لىچىنكىنى يا سەن كۆرمىگەن، يا سەن چاقىرغان ھېلىقى كىشىلەر بۇرۇن كۆرمىگەنىدى. بۇنداق كەم ئۇچرايدىغان لىچىنكىنىڭ كېىنىكى غەيرىي جىنىستىكى جۈپتىنى بىپايان جاھاندا قانداق، قەيەردە، قاچان تېپىپ ئۆز نەسلىنى كۆپەيتەلەيدىغاندۇ؟
راتسۇن ئۇستام، سەن بۇ كۆزىتىشتىن كېيىن يەر يۈزىدىكى شۇنچە نۇرغۇن كىشىلەرمۇ خۇددى بۇ گۈزەل لىچىنكىدەك، ئۆمۈر بويى ئەركەك ياكى چىشىلىرىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى ۋە كۆپ قېتىم ئۇنى تاپتىم دەپ ئالدانغانلىقىنى ئويلىدىڭ.
سەن يەنە بۇ بىپايان جاھاندا ئۆز جۈپتىڭنى ئىزدىدىڭ ۋە ئۆز جۈپتىڭنىڭمۇ سېنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئويلىدىڭ ۋە كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر يەردە تېپىشىدىغانلىقىڭلارنى پەرەز قىلدىڭ.
خوپ، ئەمدى بۇ ئۈمىدسىزلىكنىڭ ۋە چەككەن بۇ ھەسرىتىڭنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئۆ جۈپتىڭ قولۇڭغا كەلگەن چاغدا ئۇنى تونۇيالمىغان ۋە ئۆز جۈپتىڭ ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەنلىكىڭدىنمۇ؟
ئۇ چاغلاردا يەنى ئوتتۇز نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، سەن قىرىق ياش ۋاقتىڭدا، ھەرگىزمۇ جۈپتىڭ بولمىغان ئادەتتىكى بىرىنى ئۆز جۈپتۈم دەپ قارىغانىدىڭ. مانا شۇ كۈنلەردە ھەقىقەتەن ئۆز جۈپتىڭ بولغان جانان يېنىڭغا كەلگەنىدى. بىراق سەن ھەقىقىي جۈپتىڭنىڭ يېقىنلىشىشىنى، سېنىڭ بولۇش تىرىشچانلىقلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆز جۈپتىڭ ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىڭ.
ئۆز جۈپتىڭ دەپ ئويلىغان جانان غوزىسىدىن بىر كۈيە كېپىنىكى بولۇپ چىققىنىدا، بىر قارا باستى چۈش بىلەن نېمىدىن مەھرۇم بولغانلىقىڭنى چۈشەندىڭ، لېكىن ئاللىقاچان ئىش تام بولدى، ئۇ كۈيە كېپىنىكىمۇ ئىچىڭنى غاجاپ سېنى ئۆتمىتۆشۈك قىلىۋەتتى.
قەدىرلىك راتسۇن ئۇستام، قانچىلىك قېرىساڭ قېرىغىنكى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاشۇ ئۆز جۈپتىڭنى تېپىش ئۈمىدىڭنى ئۈزمە.
سېنىڭ ئۆز جۈپتىڭنى تېپىش ئۈمىدىڭ زادى تۈەىمەيدۇ، بەلكى ئۈمىدىڭدىن بۇرۇن ئۆزۈڭ تۈگىشىسەن. قارا باستى چۈشنى كۆرۈۋېرىپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھېچ ئۈمىدىڭ قالمىغاندا سەنمۇ تۈگىشىسەن. بۇ تۈگىشىش ئۆلۈمدۇر، راتسون ئۇستام. بىراق، سەن ئۆز جۈپتىڭنى تاپىدىغانلىقىڭغا شۇ قەدەر ئىشىنىسەنكى، ئۈمىدىڭ پەقەت ئۆز ئۆلۈمىڭ بىلەن ئاياغلىشىدۇ.
مەنبە : بىلقۇت باغچىسى
http://bilqut.com/bbs

ئۈرمچى ئاق ئالتۇن تاماقخانىسى خىزمەتچى (مۇلازىم) قوبۇل قىلىدۇ
تېما تەستىقلىغۇچى : manggutax
تەستىقلىغان ۋاقىت: 2008-04-12, 07:30
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-04-12 15:12 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [باش يازما]
بۇ ئەزا توردا بار nodar

تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1736
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3263
UID نۇمۇرى : 10208
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1725
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1725دانە
شۆھرەت: 360 نۇمۇر
پۇل: 2643 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-19
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-04-16

ھەممە ھەممە مەۋجۇداتنىڭ جۈپتى بىلەن يارىتىلغىنى شۇ.  ھەتتا تاش-تۇپراقنىڭمۇ جۈپتى باركەن، ئۇ سۇ ئىكەن.

دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئادرىسى : mtv.diyarim.com
ۋاقىت-ئالتۇندىن قىممەت~!
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-04-12 16:01 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [1 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق puhrajan

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 23
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 76
UID نۇمۇرى : 24981
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 19
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە19دانە
شۆھرەت: 19 نۇمۇر
پۇل: 167 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-11
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-04-13

بەك ياخشىكەن

« ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-04-12 18:11 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [2 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق Shakira

تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 2117
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 2882
UID نۇمۇرى : 7307
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 2116
ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2116دانە
شۆھرەت: 21 نۇمۇر
پۇل: 2331 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-08-19
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-04-12

مېنىڭ  جۇپتىم  كىمدۇ  زادى  شۇنىلا  چىڭ  تۇتسام ،،،،،،،،،،،،،،،  قانداق بىلگىلىى  بولىدۇ

دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئادرىسى : mtv.diyarim.com
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-04-12 19:36 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [3 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار ipar0998

تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 866
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 133
UID نۇمۇرى : 18393
دەرىجە: يۈز بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 826
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە826دانە
شۆھرەت: 814 نۇمۇر
پۇل: 2589 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-24
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-04-16

ھى.......ھى...........  شەكىرە  سىزنىڭمۇ جۇپتىڭىز بار  ، ئەمما  كىملىكىنى بىلسىڭىز  بۇچاققا  ..............  ئۇنىڭدىنمۇ تۇيۇپ كىتەتتىڭىز  ، چاخ  -چاخ  ھەئئئ.................!
خۇدا بۇيرىغاندىن بىرى بار .

Ulanmilar

تۇرمۇش قەبرە ئۈستىدە ئوينالغان  ئۇسۇل
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-04-12 19:44 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [4 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار manggutax
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى ئالاھىدە تۆھپە
تەجىرىبە: دەرىجە:     قوماندان
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 5941
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 4058
مەزھەپ:ئىنكاس شاھى ئىنكاس شاھى
UID نۇمۇرى : 9
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 4
يازما سانى: 5648
ئۇنۋان:21 دەرىجە ھازىرغىچە5648دانە
شۆھرەت: 3369 نۇمۇر
پۇل: 97 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 3 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-14
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-04-16

ھى ھى ، يالغۇزلۇق ھەممىدىن يامان.

«ئەنگلىيە بالىلارنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش جەمئىيىتى»خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-04-12 20:49 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [5 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق sanatsuyar

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 124
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 175
UID نۇمۇرى : 24139
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 124
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە124دانە
شۆھرەت: 124 نۇمۇر
پۇل: 475 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-04-13

مەن پەقەتلا ئۆز جۈپتۈمنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى بىلەلمەي يۈرۈيمەن.

« زاھىر بۇرھان بىلەن سۆھبەت » تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
ۋاقىت غەنىمەت~!
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-04-12 21:34 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [6 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق naxtar0995

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 14
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 85
UID نۇمۇرى : 27974
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 12
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە12دانە
شۆھرەت: 12 نۇمۇر
پۇل: 136 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-02
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-04-14

Quote:
بۇ مەزمون 3 - قەۋەتتىكى Shakira نىڭ 2008-04-12 19:36 دە يوللىغان يازمىسى“”:
مېنىڭ  جۇپتىم  كىمدۇ  زادى   شۇنىلا  چىڭ  تۇتسام ،،،،،،،،،،،،،،،   قانداق بىلگىلىى  بولىدۇ

سىزنىڭ جۈپتىڭىز مەنمۇ يا؟!

بىر بوۋاقنىڭ نىداسى !!!
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-04-12 22:44 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [7 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق makansez

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 107
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 192
UID نۇمۇرى : 24379
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 106
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە106دانە
شۆھرەت: 106 نۇمۇر
پۇل: 428 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-30
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-04-13

مەنمۇ  شۇ  ھازىېر غىچە ................

« ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-04-13 13:21 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [8 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق Pakzat

تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 431
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 168
UID نۇمۇرى : 1950
دەرىجە: سەپ بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 414
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە414دانە
شۆھرەت: 156 نۇمۇر
پۇل: 846 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-02-04
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-04-15

جاندىن كەچمەي جاننانغا يەتكىلى بولماس ، جانان ئۇچۇن تەۋەكۇل قىلىش ئەرزىيدۇ  !
ھەۋا ئۇچۇن ئادەم ئاتا جەننەتىن كەچكەن يەردە مەن نىمە ئۇچۇن پەرىشتەم ئۇچۇن جاندىن كېچەلمەيدىكىن مەن ، مەن نىشاندىن تايماي مەن باشقىللارنىڭ سۆزىدە يول يورىقىدا ئەمەس ، بىرىنچى اللانىڭ ئاندىن قالسا ئۆزۇمنىڭ يولدا ماڭىمەن ،مەن شۇنداق ياشاش ئۇچۇن يارالغان .

بىر بوۋاقنىڭ نىداسى !!!
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-04-13 18:03 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [9 -قەۋەت]
دىيارىم مۇنبىرى » ﻧﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ

يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ھازىرقى ۋاقىت : 04-16 22:03
Powered by PHPWind v5.3 Certificate Code © 2007-2010 Diyarim Corporation