نۇرغا چۆمۈلگەن ئايال (ھېكايە)
باھاردىن باشلاپ كۈزگىچە ئېچىلغان گۈللەرنىڭ ھىدى بۇ يولدا ماڭغان ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرسە ، ئۇنىڭ ئايىغى بېسلمىغاندەك پاكىز تۇرىشى ھەممىنى سۈيۈندۈرىدۇ ۋە ئۇنى تازلىغۇچىغا ئاپىرىن ئېيتقۇزىدۇ . بۇ يولنىڭ تازلىقىنى پاكارراق ، ئاپتاپتا كۆيۈپ ، سۇغۇقتا قىزىرىپ چىرايى مىس رەڭگە كىرىپ قالغان 50 ياشلاردىكى بىر ئايال قىلىدۇ . ئۇ بۇ يولنى مەيلى باھار ، ياز ، كۈز ، قىش پەسىللىرى بولسۇن ، شېرىن ئۇقۇسىنى قويۇپ ، باش خوراز چىللىغاندىن باشلاپ سۈپۈرۈپ تازلىغىلى تۇرسا ، كەچ پېشىنگىچە مۇ شۇ يولدىن بىر قەدەممۇ نېرى كەتمەيدۇ . چۈشلۈك تامىقىغا ئۆيدىن نىمە ئېلىۋالغان بولسا شۇنى يەيدۇ - دە ، ئورنىدىن تۇرۇپ سۈپۇرگە بىلەن ئەخلەت چىلىكىنى كۆتۇرگەن ھالدا يول كۈزتىدۇ . نەدە تاشلاندۇق بولسا ۋاختىدا بىر تەرەپ قىلىدۇ ...
چاشكا بولغان چاغ ، ئۇ چوڭ يولنى سۈپۈرۈپ بولۇپ پىيادىلەر يولىنى تازلاشقا باشلىدى . بۇ چاغدا يولدا كېتىۋاتقانلارنىڭ بەزىللرى ئەل جىمىققاندا سۈپۈرسە بولمامدۇ ؟ يوللارنى توپا - چاڭ قىلغۇچە ، دەپ غۇدىرىسا ؛ يەنە بەزىلەر يىراقتىنلا نىشانىنى ئۆزگەرتىپ ئايلىنىپ ماڭدى . ئەمما ئۇنىڭ ئۇزۇن سۈپۈرگىسى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر مۇدا خېنىمغا تېگىپ كەتتى . بۇنىڭغا ئاچچىغا كەلگەن مودا خېنىم : - قانداق قېرى بۇ ، ئەتىگەندە ، قاراپ سۈپۈرمەي ، ئىشتان - چاپانلىرىمىنى مەينەت قىلىپ ! - دېدى زەردە بىلەن قولىنى شىلتىپ . - خاپا بولمىسىلا ئۇكام ، قەستەن قىلمىدىم ، ئۆزلىرى ئارقامدىن كېلىپ ...
- نىمە بۇ قەستلىگەن بولماي ؟ ئەتىگەندە ئەرۋايىمنى ئۇچۇرۇپ ، - دېدى مودا خېنىم سومكىسىدىن بىر قول ياغلىقنى ئېلىپ ئىشتان ، ئۆتەكلىرىنى ئېيتتى ۋە ياغلىقىنى پاققىدە يەرگە تاشلىغىنىچە كېتىپ قالدى .
- ۋاي ئۆزۈك ، ئۇنىڭ يۈرىكى تېز - تېز سوقۇپ كەتتى ، ئۇ سۈپۈرگىسىنى يەرگە قويۇپ ئەخلەت ئارسىدا ياغلىققا ئىلىنىپ تۇرغان بىر ئۈزۈكنى قولىغا ئالدى ھەم «بۇنى كىم يۈتتۈرۈپ قويغاندۇ ؟» دەپ ئويلىدى . ئۇ بىردە ئۈزۈككە ، بىردە ئەتراپقا قارايتتى . ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلرى ئۇياقتىن - بوياققا ئۆتۈشۇپ تۇراتتى . پىيادىلەر بولسا ، نىمىگىدۇر بىرەر ئىشقا ئالدىرغاندەك كېتىپ باراتتى . ئۇ ئۆزۈكنى يانچۇقىغا سېلىپ ، سۈپۈرگىنى قولىغا ئېلىپ تازلىقىنى باشلىدى . بىرەر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندە چىرايىدىن قان قالمىغان ھېلىقى مودا خېنىم بىردە يانچۇقىنى ئاختۇرسا ، بىردە دومكىسىنى ئاختۇرۇپ ، يول بويىغا قاراپ يېتىپ كەلدى . ئۇنى كۆرگەن تازلىقچى ئايال :
- ئۇكام نېمە بولدىلا ؟ يىغلاپ كېتىپلا ، - دېدى .
- نىمە بولاتتى ، ئالتۇنى يۈتسە ، ھەممە ئادەم يىغلايدۇ .
- قانداق ئالتۇنتى .
- قانداق بولاتتى ، پاتنۇس نۇسخىلىق ئۈزۈك ، %99 لىك ، ئالتە گىرامدىن ئارتۇق كېلىدىغان ئۇنى تېخى بىر چايغا تاقاپ بېرىۋېلىش ئۈچۈن دوستۇمدىنى ئېلىپ تۇرغان .
- مۇشۇ شۇمۇ ؟
- ھە ، شۇ - شۇ ، - دېدى مودا خېنىم ئۈزۈكنى قولىغا ئېلىپ . يۈز كۆزىگە قان يۈگۈرگەن مودا خېنىم ئۆزۈكنى سمكىسىغا سېلىۋېتىپ ، ئۈزۈكنىڭ كېيمىنى سۈرتۈپ تاشلىۋەتكەن ياغلىق بىلەن بىللە تاشلىنىپ كەتكەنلىكىنى بىلدى ھەم خىجىللىق ئىچىدە تازلىقچى ئايالغا رەھمەت ئېيتماقچى بولدى .
بۇ ئايال بۇ چاغدا يولدىكى ئەخلەتلەرنى تېرىپ ئۆز ئىشى بىلەن مەشخۇل ئىدى ...مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى