ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﮬﺎﯞﺍﻱ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺵ-ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭ ﺑﺎﺭﺍﺕ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﺵ
ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭ ﺑﺎﺭﺍﺕ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﺵ 1975-ﻳﯩﻠﻰ 8-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 3-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺗﻪﻟﻪﭘﭽﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﻳﺎﺵ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ،ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ "ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻯ" ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﻮﻗﯘﭖ،ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻨﻰ ﻏﻪﻟﺒﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ 1992-ﻳﯩﻠﻰ 17ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻧﻮﻣﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺟﻮﯕﮕﯘ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﻐﺎ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ،ﺋﯘ ﺗﯚﺕ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﺗﺎﻻﻧﺘﻰ،ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﯞﻩ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ .ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭ ﺑﺎﺭﺍﺕ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﺵ 1996-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﺎﺝ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﭼﯜﺷﺘﻰ ،ﺋﯩﺠﺘﯩﮭﺎﺗﭽﺎﻥ ﺑﯘ ﻳﺎﺵ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻣﺎﺋﺎﺷﻰ ،ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻨﻰ "ﺑﻪﺧﯩﺘﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ"ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻤﯩﺪﻯ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺋﯩﺰﺩﯨﯩﻨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ،ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯﻣﺎﺋﺎﺵ "ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺑﻪﺧﺖ"ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻤﺎﻳﺘﻰ،ﺋﯘ ﺗﯧﺨﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ،ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺪﻩﻙ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ..........
ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯘﻟﯘﻏﯟﺍﺭ ﻏﺎﻳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﯜﻛﻜﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﺎﺵ 1998-ﻳﯩﻠﻰ 3-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﺗﯩﻠﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ،ﺋﯘ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﺗﯩﻠﻰ ﻛﯘﺭﺳﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﻱ ﺋﻮﻗﯘﭘﻼ ﺋﯚﺯﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺗﯧﺰﮬﻪﻡ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﻛﯘﺭﺳﺘﯩﻦ ﭼﯧﻜﯩﻨﺪﻯ-ﺩﻩ، ﺋﯚﺯﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ.ﺋﯘ ﮬﺎﺭﺩﯨﻢ-ﺗﺎﻟﺪﯨﻢ ﺩﯦﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﻰ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺴﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﭽﻪ-ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺩﯦﻤﻪﻱ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺋﯚﮔﻪﻧﺪﻯ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ 6ﺋﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻼ ﻣﯧﯟﻩ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺳﻪﯞﯨﻴﺴﻰ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﭼﯜﺷﺘﻰ .ﺋﯘ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﺩﺑﯩﻘﻼﭖ،ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﺗﯩﻠﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯧﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ 1999-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 2000-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺑﻪﺵ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﻛﯘﺭﯗﺱ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﺗﯩﻠﻰ ﮬﻪﯞﻩﺳﻜﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ،ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘﻧﯩﯖﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ،ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭ ﺑﺎﺭﺍﺕ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﺵ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﺗﯩﻠﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﻐﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﻜﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ 2001-ﻳﯩﻠﻰ 6-ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ 2003-ﻳﯩﻠﻰ7-ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﭗ ﺋﺎﺧﯩﺮ 4ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻖ "ﺳﻪﺭﺧﯘﺵ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﺗﯩﻠﻰ"ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ "ﺟﺎﻧﻐﺎ ﺋﻪﺳﻘﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻪﺭﺧﯘﺵ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﺗﯩﻠﻰ ﮔﯩﺮﺍﻣﻤﺎﺗﯩﻜﯩﺴﻰ"ﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻞ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻨﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ،ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﺳﺎﮬﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ ﮬﻪﻡ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ "ﺳﻪﺭﺧﯘﺵ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﺗﯩﻠﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺵ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ"ﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ،ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﭖ ﻳﯧﺘﺸﺘﯜﺭﺩﻯ،ﺋﯘ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﺗﯩﻠﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﭘﯘﻝ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ "ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﻰ "،" ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﺯﯦﮭﯩﻦ ﺳﯩﻨﺎﺵ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﻰ "ﯞﻩ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﺑﯧﻴﯩﺘﺘﻰ ،ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ،ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ "ﻗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﺩﻩﺭﯨﺨﻰ ﻗﺎﭼﺎﻧﻤﯘ ﻛﯚﻛﻠﻪﺭﺳﻪﻥ؟!"،"ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺰ "،"ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﯞﻩ ﻻﻳﯩﻖ ﺗﺎﻟﻼﺵ"،"ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺗﺎﺭﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﭼﻪﻛﻜﻪﻧﺪﻩ"،"ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﺎ ﯞﻩ ﺗﯩﻞ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ".......ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯧﻤﯩﻼﺭﺩﺍ 100 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﻟﯧﻜﺴﯩﻴﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ . ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭ ﺑﺎﺭﺍﺕ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﺷﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﯩﺪﻩﻙ ﺋﯩﺶ-ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﺍ-ﺑﺎﺭﺍ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ ﮬﻪﻡ ﺧﯩﻠﻤﯘ-ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﯞﺍﺳﺘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ.
ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭ ﺑﺎﺭﺍﺕ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﺵ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯧﮭﯩﺮ-ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻠﯩﻘﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺳﯘﺳﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﻪﻳﯩﺘﺘﻪ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺷﺎﯕﺨﻪﻳﮕﻪ 15ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﻛﺎﻣﺎﻧﺪﻭﺭﯗﭘﻜﯩﻐﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﯩﺪﯗﮬﻪﻡ ﻳﺎﺗﺎﻕ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ"ﺩﻩﭖ "ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺶ"ﻛﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﺯﺍﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ...... ﺋﯘ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﯩﺪﻩﻙ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﺶ ،ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻡ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﻠﯩﻨﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ "ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ "ﻛﻪﺳﭙﯩﮕﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﯘ ﻛﻪﺳﯩﭙﺘﻪ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺘﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﭘﯜﻛﯩﺪﯗ.
ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭ ﺑﺎﺭﺍﺕ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﺵ 2005-ﻳﯩﻠﻰ 10-ﺋﺎﻳﺪﺍ 雅思 ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ 7ﻧﻮﻣﯘﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯗ .ﺋﯘ ﺗﯩﻞ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 2006-ﻳﯩﻠﻰ7-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﭼﯧﯖﺪﯗﺩﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ،ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻚ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯗ ﮬﻪﻡ 2006-ﻳﯩﻞ 10-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﮬﺎﯞﺍﻱ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 3ﻳﯩﻞ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺘﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ، ﻓﻮﺭﺩ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﺪﯨﻦ ﺟﯘﯕﮕﯘﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ،ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ 10ﺳﺎﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻧﻪﯞﻩﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﺎﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، 3ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺪﯗ.
ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭ ﺑﺎﺭﺍﺕ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﺵ 2007-ﻳﯩﻞ 6-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 20-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺘﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺗﻼﻧﺪﻯ ﯞﻩ 8-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 4-ﻛﯜﻧﻰ ﮬﺎﯞﺍﻱ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ "ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺸﺸﺶ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ"ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻟﯧﻜﺴﻴﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ ﮬﻪﻡ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ "ﺋﻪﯓ ﺋﯜﻣﯩﺪﻟﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻼﻧﻰ"ﻏﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ .ﺋﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﮬﺎﯞﺍﻱ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﭺ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ.
ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭ ﺑﺎﺭﺍﺕ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﺵ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﻟﮕﯩﻤﯩﺰ .ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭ ﺑﺎﺭﺍﺕ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺗﯘﻗﻠﯘﻕ ،ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﭼﯩﻦ ﺩﯨﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ!!!
ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭ ﺑﺎﺭﺍﺕ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﺷﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ:
1.ﺧﻪﺗﺘﺎﺗﻠﯩﻖ:(ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﻪﺋﻠﯩﻖ،ﺭﯗﻗﺌﻰ ﺧﻪﺕ ﻧﯘﺳﺨﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ 30ﭘﺎﺭﭼﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﮬﯚﺳﯩﻨﺨﻪﺕ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ)
2.ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ:(13ﻳﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. "ﻳﯜﺯ ﻣﯧﺘﯩﺮ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻖ ﻳﯩﻐﻼﻳﺪﯗ"،"ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻤﯩﺰ ﺗﻮﻧﯘﺩﻯ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭ"،"ﻛﯩﻢ ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯩﭙﻪﺭﯞﺍ ﺩﻩﻳﺪﯗ؟"،"ﻳﺎﺭﺳﯩﺰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺳﯚﻳﮕﯜ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ"،"ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰﻏﺎ"......ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ.)
3.ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ:"ﺭﯨﺸﺘﻪ(ﻡ.ﻳﻮﭘﯘﻑ-ﺳﻮﯞﯨﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ)، "ﺧﯘﭘﯩﻴﺎﻧﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﺶ"(ﺟﻮﻳﯩﺲ ﻛﺎﺭﻭﻝ) ، "ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﭗ ﺋﯧﭽﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺗﯩﺮﮔﯜﻝ"(ﺗﯩﺌﻮﺩﻭﺭ ﺳﯩﺘﺮﻭﻡ-ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ).......ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ، "ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﺍﻝ "(ﻣﺎﺭﮔﺎﺭﯦﺖ ﻣﯧﭽﯩﻞ-ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ) ، "ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ"(ﺗﯘﺭﮔﯧﻨﯩﻒ-ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ) ، "ﭘﻮﻟﻜﻮﯞﻧﯧﻜﻘﺎ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺧﻪﺕ ﻳﺎﺯﻣﺎﻳﺪﯗ"(ﮔﺎﺭﯨﺴﻴﻪ ﻣﺎﺭﻛﯩﺲ-ﻛﻮﻟﯘﻣﺒﯩﻴﻪ) ، "ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺕ"(ﺳﯩﺘﯧﻔﺎﻥ ﺯﯨﯟﯦﮓ-ﺋﺎﯞﺳﺘﯩﺮﺍﻟﯩﻴﻪ).........ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﻮﯞﯦﺴﺘﻼﺭﻧﻰ ،
"ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﻠﯩﻜﻰ"(ﺧﻮﺩﺍ-ﺟﻮﯕﮕﯘ) ، "ﺋﯚﻟﯜﻡ ﻛﯚﻟﻪﯕﮕﯩﺴﻰ"(ﻣﯧﭽﯩﻞ ﺯﻭﮬﺎ-ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ) ........ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﻭﻣﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
4.ﻧﺎﺗﯩﻘﻠﯩﻖ.
5.ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ :ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﺗﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ 7000 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﯩﮕﻪﻥ .
6. ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﺗﯩﻠﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ : (4ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻖ "ﺳﻪﺭﺧﯘﺵ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﺗﯩﻠﻰ"ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ "ﺟﺎﻧﻐﺎ ﺋﻪﺳﻘﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻪﺭﺧﯘﺵ
ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﺗﯩﻠﻰ ﮔﯩﺮﺍﻣﻤﺎﺗﯩﻜﯩﺴﻰ"ﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ.)
2008 - يىلى 11 - ئاپرېل يوللاندى .
تەھرىردىن:
دىيارىمىزدىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ،ھەم ئىلىم يۇلىدا تىرمىشۋاتقان ياشلىرمىزنىڭ يۇقۇردىكى ئوت يۈرەك، ھارماس ياشلىرمىزنىڭ ۋەكىلى بولغان زۇلپىقار باراتتىن ئۈگۈنۈپ،ھايات يۇلىدا شانلىق نەتىنجىلەرنى قازىنىشىنى،ئىلىم-پەن كەملىك قىلىپ ئۇسساپ چاڭقاپ كەتكەن خەلقىمىزنىڭ قەلبىنى سۇغۇرۇشىنى، شۇنداقلا خەلقىمىز ئۈچۈن،يۇرتىمىز ئۈچۈن بىر كىشىلىك ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
شۇڭا بۇ جەھەتتە تۈرتكۈلۈك رول ئوينايدىغان يۇقۇرقى بۇ يازمىنى ياشلىرمىزنىڭ ئۆزىگە ھەر ۋاقىت ئۈلگە قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىپ نادىرلىدۇق...[ بۇ يازما islam~1400 تەرپىدىن 2008-04-11 21:58 دە ق ]