زۇغۇي
Ihlas Ilani
دىيارىم مۇنبىرى » ﺗﻪﺭﻣﯩﻠﻪﺭ » زۇغۇي



بۇ بەتتىكى تېما: زۇغۇي پرىنتلاش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تىما 114 قېتىم كۈرۈلدى .
بۇ ئەزا توردا يوق Ar-ohoz
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 3233<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 1766
مەزھەپ:دىيارىم خەنجىرى دىيارىم خەنجىرى
UID نۇمۇرى : 17206
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 3203
ئۇنۋان:16 دەرىجە ھازىرغىچە3203دانە
شۆھرەت: 1302 نۇمۇر
پۇل: 6831 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-16
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-04-09

زۇغۇي



ماخمۇت مۇھەممەت
<ھىكايە>


    ئىسلىماق تاز شالاقشىپ كەتكەن كونا ۋېلىسىپىتىنى مىنىپ قۇمچاق مەھەللىسىدىكى ئىجارىگە بەرگەن ھويلىسىدىن ناھىيە بازىرىدىكى بىنا ئۆيىگە قاراپ يولغا چىقتى. ھەر دۈشەنبە كۈنى ئۇ بۇ ئادىتىنى تەكرارلايتتى. ئىجارىگە ئولتۇرۇۋاتقان ياۋاش موزدوزنى ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم چۈشەنمەيدىغان پەلىپەتىش گەپلىرى بىلەن يۈرەكئالدى قىلىپ، نەلەردىندۇر تېپىۋالغان ياكى ئۆزى توقۇۋالغان ‹‹ئىجارىكەشنىڭ ئالتە بايانى›› دېگەندەك نىزاملىرىنى ھەجىلەپ، شۇ باھانىدە ھويلىسىنىڭ سۇۋاقلىرى چۈشۈپ كەتكەن ھاجەتخانا تېمىنى ياكى بولمىسا زەي تارتىپ قالغان ئاشخانا تەكچىسىنى كۆرسىتىپ، ئىجارىكەش موزدوزغا تەنبىھ بېرەتتى ۋە ئۇنىڭدىن ئەتىلا تامنى باشقىدىن سۇۋاش ھەققىدە ۋەدە ئېلىپ، ئاندىن موزدوزنىڭ ياۋاش مەزلۇمى تەييارلىغان قايماقلىق ئەتكەن چايغا پېتىر توقاچنى نىقتاپ سېلىپ قورسىقىنى تويغۇزاتتى  – دە، بۇ ھويلىغا ھازىرقى باھادىن 500  تەڭگە ئارتۇق پۇل تۆلەشكە تەييار  ئىجارىكەشتىن بىر ئەمەس، ئىككىسى  بارلىقىنى ئېيتىپ، ئاتام زامانىدىن قېپقالغان ھېلىقى ۋېلىسىپىتىنى ئەپلەپ مىنىپ، ناھىيە بازىرىغا راۋان بولاتتى.
    ئۇ يول ئۈستىدە ئىككى يەردە توختاپ ئۆتۈشنى ئۇنتۇمايتتى. بۇنىڭ بىرى، ئاچالدىكى مۇخەمەرنىڭ دۇكىنى. ئىسلىماق تاز دۇكاننىڭ چاقچۇق چاپلانغان تالا تېمىغا ۋېلىسىپىتىنى يۆلەپ قويۇپ، مۇخەمەرنى كۆرسىلا تەكرارلايدىغان چاقچىقىنى يەنە بىر قايتىلاپ،  سودىسىدىن كەيپى چاغ تۇرغان مۇخەمەرنى كۈلدۈرۈۋېتەتتى  – دە، ئاخشامقى مەستلەر ئاشۇرۇپ قويغان ئەرزان ھاراقتىن 100 گرامنى دۇكاندارنىڭ رازىلىقى بىلەن قۇيغۇزۇپ، شۇ ئارىدا ‹‹باھاسى چۈشكەن دادۇرلىرىڭدىن يوقمۇ، ئادىشۇي، يا بولمىسا پېنسىيىگە چىققان خاسىڭ بولسىمۇ بولىدۇ›› دەپ، زاكۇسكىنىمۇ ھەل قىلىۋالاتتى. دۇكاندار سەل خاپا كۈنلىرىگە توغرا كەلگەن بولسا، ئامالسىز تىترەپ تۇرۇپ يانپېشىنى ئۇزاق تاتىلاپ، كەينى يانچۇقىدىن پارچە پۇللارنى قېقىشتۇرۇپ ئالاتتى. بۇنداق كۈنلىرى زاكۇسكىمۇ يېمەيتتى. 100 گرام ھايال ئۆتمەي ئۇنىڭ بەدىنىنى قىزدۇرۇپ، چېكىلىرىنى قىزىللىققا چۆمدۈرەتتى. ئۇ نىم كەيىپ ھالدا  ھاياسىز قوشىقىنى دۇكاندىن باشلاپ ئوقۇپ، تالاغا چىقىپ ۋېلىسىپىتكە ئېشەكچىلەپ مېنەتتى،  بىر پۇتى يەردە، يەنە بىر پۇتىنى ئوڭ تەرەپ پىدالغا تىرىۋېلىپ، ئەپلەپ تۇرۇپ يولغا چىقىۋالاتتى، ئەمدىكى مەنزىل  ناھىيە بازىرى ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر كومىتېتى ئىشخانىسى بولاتتى.
    يېشى 70كە تاقاپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ،  تۆت يىلدىن بېرى ئۆزىنى 59  ياش، دەپ كېلىۋاتقان ئىسلىماق تاز بالا چېغىدا بېشىغا چىققان جاراھەتتىن تاقىرباش بولۇپ قالغانىدى. ئۇ بالىلىقىدا ‹‹تاز ھەييار كېلىدۇ›› دېگەندەك، ‹‹تىر لاغ – لاغ›› دەپ ئېشەكنى ئۇسسۇلغا سالىدىغان، ‹‹ئالەك، ئالەك›› دەپ، قوشنىسىنىڭ ئالا بويناق ئىتىنىڭ ئاغزىدىكى ھەر يوغان ئۇستىخانلارنى تارتىۋېلىپ، يىغىپ ساتىدىغان شەيتان بالا ئىدى. قولۇم – قوشنىلار ئۇنى ‹‹بالا شۇم›› دەپ ئاتىشاتتى. كېيىنچە ئۇ ناھىيىلىك تەمىنات – سودا كوپىراتىپىدا ئىشلەپ، ئاشۇ شەيتانلىقى ۋە گەپدانلىقى بىلەن جان بېقىپ كەلدى. جان بېقىپلا ئەمەس، بۇ كىچىككىنە ناھىيە تەۋەسىدە گەپتە ئالغۇر ئاغزى ۋە تۈرلۈك – تۈمەن قىزىق پاراڭ، غەيرىي ئىشلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنۈپمۇ يۈردى.
    ئىسلىماق بۈگۈنمۇ مۇخەمەرنىڭ دۇكىنىدىن شىركەيىپ چىقتى. ئاچچىق ھاراق تېنىنى قۇتراتقان ئىسلىماق ئىككىنچى مەنزىلى ناھىيە بازىرىنىڭ يېنىدىكى ئاھالىلەر كومىتېتى ئىشخانىسىغا كىردى.  بۇ يەردە مۇدىر، كاتىپ ۋە يەنە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان بىر نەچچە قىز – چوكان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى خېلى كېلىشكەن بىرسى ئىسلىماقنىڭ قۇمچاق مەھەللىسىدىكى قوشنىسى ئىدى. ئىسلىماقنىڭ يېشىغا ۋە جېنىغا پايلىماي ئارىلاپ  بۇ يەرگە دوقۇرۇشى دەل ئېرىدىن ئاجراشقان ئاشۇ ئىللىق چىراي چوكان ئۈچۈن ئىدى.  بەزىدە قىز – چوكانلار ئىشتىن قوللىرى بوشاپ، زېرىكىپ ئولتۇرغاندا ئىسلىماق پەلىپەتىش چاقچاقلار بىلەن كىرىپ كەلسە، ئۇلارمۇ ‹‹ۋاي كېلىڭ ئىسلىماق ئاكا!›› دېيىشىپ كېتەتتى. ئارىدا شەيتانراق بىر قىز دائىم ‹‹كەلدىڭىزما ئىسلىماقجان، بىزنى دەپمۇ يا ئاتىكەم ھەدەمنىمۇ؟›› دەپ قوياتتى. بۇنداق چاغلاردا ئۆزىنى قىران يىگىت چېغىدىكىدەك سېزىپ قالغان ئىسلىماق ئۆيىدىكى نەۋرىسىنىمۇ يادىدىن چىقىرىپ، قىز – چوكانلارغا چاقچاق قىلاتتى. ئىسلىماق پەلىپەتىشلىكنى باشلاپ بەرگەندىن كېيىن، ھېلىقى قىز – چوكانلار مانا ئەمسە دەپ، ئىسلىماقنى تازدىن – تازغا سېلىپ تىللاپ، بىر قىلاتتى. كېيىن ئىسلىماق ھېلىقى ئاتىكەم دەيدىغان چوكاننىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن، بىكارچىلىقتا ئىش تاپالماي ئولتۇرغان قىز – چوكانلارنى يېقىن ئەتراپتىكى توخۇ گۆشى قورۇمىخانىسىغا باشلايتتى. بۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭ مەردلىكى تۇتۇپ، ئايالىدىن يوشۇرۇپ يۈرگەن يېشىل ئاقچىنى، ھەتتا بەزى كۈنلىرى قىزىل ئاقچىنىمۇ زەھەردەك ئاچچىق توخۇ گۆشى قورۇمىسىغا سەرپ قىلىۋېتەتتى. ئەتىسى كوچىدا بىرەر يېقىن – يورۇقى بىلەن ئۇچراشسا ‹‹ئاخشام رەڭلىك ئولتۇرۇۋېدۇق ، ۋاللاھۇ ئەلەم، بوپكەتتى ئويۇن – كۈلكە...ھە، سىلىمۇ قاتنىشاملايە بىزنىڭ كامپانىيەگە؟›› دەپ كېرىلىۋالاتتى...
    ناھىيە بازىرىدا ‹‹ئىسلىماق تاز››دېگەن ئىسىم ‹‹زۇغۇي›› دېگەن سۆزنىڭ ئالمىشىغا ئايلانغانىدى. بىرەر يەردە بىركىم باشقا بىراۋنىڭ غەيۋىتىنى قىلسا ياكى ئەيىبىنى ئاچسا، كىشىلەر سۆزلىگۈچىگە ‹‹بولدى ئىسلىماق – ھوي!›› ياكى بولمىسا ‹‹ئىسلىماقلىق قىلمىسىڭىز!››دەپ تەنبىھ – رەددىيە بېرەتتى. دېمىسىمۇ ئىسلىماقنىڭ ئادىتى خەقلەرنى باز – بازغا سېلىش، يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىپ، كاللا سوقۇشتۇرۇپ، خەقنىڭ تاماشىسىنى كۆرۈش ئىدى. دەرۋەقە، بۇنداق ئىشلارنى ئۇ سەۋەبسىز ۋە مەقسەتسىز قىلمايتتى. بۇنداق قىلتاقلىرىنىڭ ئارقىسىغا بىرەر مەنپەئەت مۇددىئاسى ياكى شەخسىي ئاداۋەت تۈپەيلى ئۆچ ئېلىش ئىستىكى يوشۇرۇنغان بولاتتى. بۇ ھەقتىكى مىساللارنى سانايدىغان بولساق ئاسماندىكى يۇلتۇزدىنمۇ تولا! ياش چاغلىرىدىكى بىر ئىش ئىسلىماقنى تۇنۇيدىغانلار ئارىسىدا تاكى ھازىرغىچە لەتىپە بولۇپ ئېيتىلىپ يۈرىدۇ. ئەينى چاغدا ئىسلىماقنىڭ بۇرادەرلىرى ئىچىدە ھەر جەھەتتىن ئۇنىڭدىن ئارتۇق بىر مۇئەللىم يىگىت بولۇپ، ئاغزىدا دائىم ئۇنى ‹‹تەنلىرى ساقمۇ بۇرادەر ئەزىز؟›› دەپ يۈرگىنى بىلەن، شۇ مۇئەللىمنى بىر چىشلەپ پۇخادىن چىقىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ يۈرگەن ئىسلىماق، ئاخىر دېگەن مەقسىتىگە يەتكەن. يەنى، بىر كۈنى ئۇ ھېلىقى مۇئەللىم يىگىتنى توي قىلىدىغان قىزى بىلەن بىللە كېتىۋاتقان يېرىدە ئاتايىن پايلاپ ‹‹توساتتىن ئۇچرىتىپ›› قاپتۇ. ئىسلىماق ئۇ ئىككىسىنى كۆرمىگەندەك ئۇدۇلدىن ئىتتىك چىقىپ كەپتۇ، – دە، ھېلىقى قىز – يىگىتنىڭ ئالدىدا توختاپلا، قىزغا مۇنداق بىر قاراپ قويۇپ، ئاندىن يىگىتكە، يەنى ئۆزىنىڭ ئاغىنىسىگە ‹‹نىجاتجان ئاداش، بۇ نىمە قىلغانلىرى، توي ئىشى دېگەن ئۇلۇغ ئىش، پۇلدىن قىسىلغان بولسىلا مانا بىزگە دېسىلە بولمامدۇ؟ قان سېتىپ نېمە قىلىدىلا، قارىسىلا چىرايلىرىنى!›› دەپلا، كۆزدىن يۈتۈپتۇ. ھاللىق ئائىلىنىڭ ھالدار قىزى بۇ گەپنى ئاڭلاپ يىگىتنى تاشلاپ كېتىپ قاپتۇ، شۇ كەتكىنىچە نىجات دېگەن يىگىتكە قايتا قارىماپتۇ، پۈتەي دەپ قالغان توي ئىشىمۇ بۇزۇلۇپتۇ. ئىسلىماق گاھىدا خەقنىڭ بىر رومكا ھارىقى ئۈچۈن ساھىبخانغا ئىغۋا گەپلەرنى تالقان تۆكتى قىلىپ يەتكۈزۈپ، بىر مۇنچە دۈشمەن تېپىپ بېرەلەيتتى. يەنە شۇ تەرىقىدە، ئەتىسى بىر لوقما تائام ئۈچۈن تۈنۈگۈن  ئۆزىگە قەدەھ تۇتقان ئادەمنى ئۇ كىشى ئۆزىمۇ خەۋەرسىز ئەيىبلىرى بىلەن يېرىم لەغمەن ئېلىپ بەرگەن يەنە بىر كىمگە دادلاپ، ساتاتتى. بىر كاپام تائامنىڭ بەدىلىگە ئۇ گاھىدا ئاتىسىنىڭ 40  سىرىنى كۆزىنى مىت قىلماستىن ئاتا دۈشمىنىگە ئاشكارىلىۋېتەتتى...
  ئەمدى بىز ئىسلىماقنى ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى قىز – چوكانلارنىڭ يېنىدىن تېپىۋالايلى. نېمىشقا دېسىڭىز، ئىسلىماق تاز قىز – چوكانلار سوزۇلۇشۇپ، كۈلكە – پاراڭ بىلەن ئاچچىقتىن – ئاچچىق توخۇ گۆشى قورۇمىسىنى يېيىشىۋاتقانلىرىدا ھېلىدىن – ھېلىغا ئاشخانا يېنىدىكى خەقلەر چاقچاق قىلىشىپ ‹‹جىددىي قۇتقۇزۇش›› دەپ قويىدىغان قاۋاقخانىغا چىقىپ 50 گىرامدىن ئۈچ – تۆت قېتىم ئېتىپ ئۈلگۈرگەچكە، خېلى ئوبدانلا تەڭشىلىپ قالدى. مانا ئەمدى ئۇنىڭ توخۇ گۆشى قورۇمىخانىسىدىكى شاتىراقلىقلىرى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ، ھېلىقى قىز – چوكانلارغا ھەممە ئەسكىلىكىنى تۆكۈپ بېرىدىغانلىقى ئېنىق. دېگەن بىلەن ئۇ خانىملارمۇ ئىسلىماقنىڭ تامىقىنى يېيىش جەريانىدا ئۇنىڭ قىلىقلىرىنى بەش قولدەك بىلىپ كەتكەچكە، ئىسلىماق تاز تۆتىنچىمۇ ياكى بەشىنچى قېتىممۇ ‹‹جىددىي قۇتقۇزۇش››قا چىقىپ كەتكەندە پەيتنى غەنىيمەت بىلىپ، تارقا – تارقاڭ بولۇشۇپ كەتكەنىدى. ئاخىرقى قېتىملىق ئاچچىق ھاراقتىن قىيامىغا يەتكەن ئىسلىماق كۆڭلىگە غەيرىي بىر نىيەتنى پۈكۈپ شىددەت بىلەن قورۇمىخانىغا كىرىپ شۇنداقلا قارىدى ، – يۇ، لاسسىدە بوپقالدى، ھايال ئۆتمەي دائىمقىدەك ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىدىمىغاندا چىقىدىغان ئەپسانىي سۆزلەر يامغۇردەك تۆكۈلۈشكە باشلىدى... ئاشپۇزۇل ئىگىسى باشقا خېرىدارلارنىڭ شىكايىتى بىلەن يۈگۈرۈپ كىردى  – دە، بىر ئاماللار بىلەن ئىسلىماقنى سىلاپ – سىپاپ يۈرۈپ قورۇمىنىڭ پۇلىنى ئامان – ئىسەن ئېلىپ، سەنتۈرۈلۈپ ۋە تىنماي ۋاتىلداپ تۇرغان ئىسلىماققا ۋېلىسىپىتىنى يېتىلىتىپ، ئاران يولغا سېلىپ قويدى. تېخى قاش قارايمىغان بولغاچقا، كوچىدا ئادەم كۆپ ئىدى. ئىسلىماق ۋېلىسىپىتىنى سېرك ئارتىسىدەك بىردە قىيپاش، بىردە ئوڭدا قىلىپ مېڭىپ، كانىيىنى كېرىپ ناخشا ئېيتقىنىچە ئۆيىگە قايتتى.
    ئەتىسى ئىسلىماق ھەر دائىمقىدەك سەھەر تۇرۇپ كەتتى ۋە يانلىرىنى ئاختۇرۇپ يانچۇقىدا كەملەپ كەتكەن پۇلنىڭ ھېساباتىنى ئالدى  – دە، ئىچى ئىگىر يېگەندەك ئېچىشىپ، ئۆزىنى يەتمىش مىڭنى تىللىدى...
    ئىسلىماقنىڭ كۈنلىرى نەچچە يىلدىن بېرى ئەنە شۇنداق ئۆتتى.
    ئىسلىماق تاز ھەققىدىكى ھېكايىمىزنىڭ مۇشۇنداقلا تۈگەپ كېتىشىگە  قاراپ تۇرالمايمىز. ئەلۋەتتە بىز بۇ يەردە ئىسلىماقنىڭ كۆرگىنىنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ باققۇسى كېلىدىغان ۋە شۇ تۈپەيلى ھەممىلا ئىشنى قىلىپ قاملاشتۇرالماي، شۇ ئىشلارنى قىلىپ قاملاشتۇرۇپ يۈرگەن ئادەملەرنىڭ ئۈستىدىن قىلىپ يۈرگەن زۇغۇيلۇقلىرىنى تېخى ھېچقانچە يازمىدۇق.  ئىسلىماقنىڭ غەلىتىلىكلىرىنى داۋاملىق يېزىپ قەغەزنى ئىسراپ قىلماي، ئۇنىڭ  ئوقۇرمەنلىرىمىز قىزىقىپ تۇرغان ‹‹ئاھالىلەر كومىتېتى كەچۈرمىشلىرى››دىن  ئەڭ يېڭى بىرىنى يېزىش بىلەن كۇپايىلىنەيلى!
    ئەلقىسسە، يەنە شۇنداق بىر توخۇ قورۇمىسى زىياپىتىدە ئىسلىماق ئىچپەش تارتىپ يۈرگەن يېقىملىق چوكان يوق ئىدى، ‹‹جىددىي قۇتقۇزۇش››قا ئىككى قېتىم كىرگەن ئىسلىماق باشقا بىر چوكانغا ئىلمەكلىك گەپلەرنى قىلغىلى تۇردى. ھېلىقى چوكان ئېرى، بالا – چاقىسى بار، مىجەزىمۇ چۇس ئايال ئىدى. توخۇ قورۇمىخانىسىغىمۇ باشقىلارنىڭ زورلىشى بىلەن كىرگەنىدى. شۇ تاپتا ئۇ ئىسلىماقنىڭ قىلىۋاتقان قىلىقلىرى ۋە ئاغزىدىن چىقىۋاتقان گەپ – سۆزلىرىگە قاراپ ئاچچىقىنى زورىغا بېسىپ ئولتۇراتتى. يەنە بىر قېتىم ‹‹جىددىي قۇتقۇزۇش››قا چىقىپ ئۈلگۈرگەن ئىسلىماق دۇنيادىن بىخەۋەر ھالدا بايىقى چۇس چوكانغا كانىدەك چاپلىشىۋالدى. چوكاننىڭ ‹‹قېرىغاندا قېرى تارتۇق...دەپ، نېمانداق قېرىغىنىڭىزنى بىلمەيدىغان سۇيۇق ئادەمسىز!›› دېگەن گەپلىرىمۇ ئىسلىماققا پاشا چاققانچىلىك كار قىلماي، ئەدەۋەردى. ئىسلىماق ئارىلىقتا تۆتىنچى قېتىم ‹‹جىددىي قۇتقۇزۇش›› قا چىقىپمۇ كەلدى. باشقا قىز – چوكانلار بىكارلىق توخۇ قورۇمىسى يەپ، تاماشا كۆرۈشۈپ ئولتۇرۇشاتتى. چۇس چوكان ئارىلىقتا كىمدىندۇر كەلگەن تېلېفوننى ئېلىۋالاي دەپ، يان تېلېفونىنى ئېلىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى.
    چۇس چوكان چىقىپ كېتىشىگە، ئىسلىماق تاز ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشقا باشلىدى ۋە شۇئانلا چۇس چوكاننى ئۇنتۇپ، تېخى توي قىلمىغان كاتىپ قىزغا ساقال تاشلىدى. بۇ چاغدا، ئىسلىماقتىن قاتتىق سەسكەنگەن چۇس چوكان تالادا غەزەپ بىلەن ئۆز ئىشىنى داۋام قىلىۋاتاتتى (ئالدىنقى قېتىم ئىسلىماق مەستلىكتە ئۆيىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى دەپ بەرگىنىدە ئۇ مەقسەتسىزلا يېزىۋالغانىدى. مانا ئەمدىلىكتە ئۇ يان تېلېفوننىڭ ئېكرانىغا شۇ نومۇرلارنى بىرمۇ بىر بېسىپ تىزدى)، ئۇ سەلدىن كېيىن چاندۇرماستىن  كىرىپ جايىدا ئولتۇردى. كەيىپتىن كۆزى ئېلىشىپ كەتكەن ئىسلىماق چۇس چوكاننى كۆرۈپ، كاتىپ قىزدىن يالتىيىپلا ئۇنىڭغا يېپىشتى. چۇس چوكان ئادىتىنى بۇزۇپ، ئىككى يېنىدىكى خىزمەتداشلىرىغا كۆزىنى قىسىپ قويۇپ، ئىسلىماقنى گەپكە سالغىلى تۇردى.
  ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى، ھېچكىم تۇيماي قالدى. بىر چاغدا توساتتىن بىر قول ئىسلىماقنىڭ ئوڭ قولىقىنى كاپپىدە تۇتتى. تۇتقاندىمۇ شۇنچىلىك غەزەپ بىلەن تۇتتىكى، چۇس چوكانغا قاراپ ھىجىيىپ نېمىلەرنىدۇر بىلجىرلاۋاتقان ئىسلىماق ئاغرىق ئازابىدىن ۋايەييلەپ، ئىرغىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە تېخى ‹‹يائاللا، تۇل چوكان تويۇقسىز كېلىپ قېلىپ، مېنى ئاۋۇنىڭدىن كۈنلەۋاتامدۇ – نېمە؟›› دېگەن خىيالمۇ كۆڭلىدىن لىپ قىلىپ ئۆتتى. ئۇ ئاغرىقنىڭ كۈچىدە ئارقىسىغا شۇنداقلا بىر قارىدى – يۇ، ئۆزىگە غەزەپ بىلەن تىكىلىپ تۇرغان ئايالىنى كۆرۈپ قورققىنىدىن يۈرىكى قارتتىدە قىلدى – دە، ئوڭدىسىغا چۈشۈپ، ھوشىدىن كەتتى...
    ئاڭلىشىمىزچە، ئىسلىماق تاز شۇنىڭدىن كېيىن ئاھالىلەر كومىتېتى تەرەپكە ئىككىنچى بارماپتىمىش ۋە ئاغزىنى ئۇچۇق بېسىپ كەتكەچكە، قۇلايسىز بولۇپ گەپ – سۆزنىمۇ جىق قىلماي يۈرەرمىش. ئۇچۇق ساقايغاندىن كېيىن قانداق بولىدۇ، بۇنى كېيىن كۆرەرمىز
.


مەنبە: شىنجاڭ گىزىتى

Ulanmilar
كىمنىڭ ئوغلىسەن ،ئويلىساڭچۇ...! /
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-04-09 23:03 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [باش يازما]
بۇ ئەزا توردا يوق qol-guli

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 44<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 55
UID نۇمۇرى : 27687
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 38
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە38دانە
شۆھرەت: 68 نۇمۇر
پۇل: 371 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-29
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-04-09


مەن بۇ ھىكايىنى تېخى بايىلا گىزىتتىن كۆرگەنتىم . راستىنلا ياخشى ھىكايە بۇ  . ئۇرۇپ بولغىچە قوللىرىڭىز تالغاندۇ - ھە ؟!

« ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-04-09 23:12 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [1 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار rafila



تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 84<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 15
UID نۇمۇرى : 26215
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 51
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە51دانە
شۆھرەت: 61 نۇمۇر
پۇل: 319 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-05
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-04-10


«جىددى قۇتقۇزۇش» ناملىق قاۋاقخانا ھەممە يەردە باركەندە؟  ئاۋۇ ئىسلىماق تازغا نىمە كۈن ئەمدى قېرىغاندا......

6xahar
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-04-10 01:36 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [2 -قەۋەت]
دىيارىم مۇنبىرى » ﺗﻪﺭﻣﯩﻠﻪﺭ


 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت : 04-10 19:16
Powered by PHPWind v5.3 Certificate Code © 2007-2010 Diyarim Corporation