بىر جۈپ ئەر - خوتۇننىڭ دېئالوگى
ئايال: _ مەن سىزنى قىلچە چۇشەنمەيمەن، سىزنىڭ قەلبىڭىز خۇددى 7 - 8 تال قۇلۇپ سېلىپ قۇيۇلغان ، ئەزەلدىن ئېچىلىپ باقمىغان ئىشىككە ئوخشايدۇ.
ئەر: - قەلبىمگە ھېچقاچان قۇلۇپ سېلىنىپ باققىنى يوق، قەلبىمنىڭ ئىشىكىمۇ مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت قەلبىمدىن ئۆزىڭىز ئىزدىمەكچى بولغان نەرسىنى تاپالمايۋاتقانلا يېرىڭىز بار.
ئايال:_ سىز ئەزەلدىن مېنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمنى بىلمەيسىز.؟
ئەر :_ مەن تېخى سىزنى ماڭىلا ئېھتىياجلىق ئوخشايدۇ ، دەپ خاتا ئويلاپتىمەن.
ئايال : _ مېنى ئۆزگىچە ئايال دەپ قالماڭ، بارلىق ئادەتتىكى ئاياللاردا بار بولغان ئاجىزلىق ۋە ئېھتىياج مەندىمۇ بار.
ئەر : _ مەنمۇ سىزنىڭ ھېچقانداق ئۆزگىچە تەرېپىڭىزنى ھېس قىلمىدىم، مەن پەقەت سىزگە ( ئادەتتىكى ئايالغا) ئادەتتىكى ئەرلەرنىڭ ئۇسۇلى بۇيىچە مۇئامىلە قىلىۋاتىمەن.
ئايال : _ مەن بولمىسام سىزگە ھېچقانداق تەسىرى بولمايدىغان ئوخشايدۇ.
ئەر : _ تۇرمۇشۇمدا سىزنىڭ بولماسلىقىڭىزنى ئەزەلدىن ئويلاپ باققىنىم يوق.
ئايال : _ مەن سىزنى تاللىغىنىم سەۋەبىدىن ، كۆز ئالدىمدىكى بىر مۇنچە بەختتىن قۇرۇق قالدىم.
ئەر : _ بۇ سىزنىڭ قولدىن كەتكەن نەرسىلەرنى بەخت دەپ قارىغانلىقىڭىزدا.
ئايال : _ سىزدە مېنى ئۆزىڭىزگە رام قىلىۋالغىدەك قانداق سېھرى كۈچنىڭ بارلىقىنى زادىلا بىلەلمىدىم.
ئەر : _ مەن تېخى سىزگە رام بولۇپ قالدىم ، دەپ يۈرۈيمەن.
ئايال : _ بەلكىم ئايرىلىپ كەتسەك ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتەرمىكىن.؟
ئەر : _ بىز تۇنۇشۇشتىن ئىلگىرى ، ئايرىلىپ يۈرمىگەنمىدۇق.
ئايال : _ سىز باشقىلارنىڭ ئۆلۇپ - تىرىلىشى بىلەن كارى يوق، ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچى ئەر ئىكەنسىز.
ئەر : _ سىز بىلەن تۇنۇشقان كۈندىن باشلاپ شۇنداق بولۇپ قالدىم، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۆزگىرىپ باققىنىم يوق.
ئايال : _ سىز مەن بىلەن بىللە بولغىنىڭىزدا ئازراقمۇ رومانتىك ئەمەس.
ئەر : _ مەن يەنىلا سىزنى ئۆزۇمگە خۇشتار قىلىپ كېلىۋاتىمەن.
ئايال : _ بالدۇراق بىلگەن بولسام......
ئەر : _ يەنىلا ئوخشاش بولاتتى.
ئايال : _ مەن بولمىغان بولسام ، ئوخشاشلا كۆڭلىڭىزدىكى قىزدىن بىرنى تاپقان بولاتتىڭىز.
ئەر : _ لېكىن ، مەن پەقەت سىزنىلا تاپتىم.
ئايال : _ سىزدىن بەك قاخشاپ كەتتىممۇ قانداق؟
ئەر : _ ھېچقىسى يوق ، ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش.
مەنبە: «ھاياتلىق» ژورلىنىدىن قەدىردان0996 تەييارلىدى.
[ بۇ يازما manggutax تەرپىدىن 2008-04-09 19:04 دە قا ]