بولساڭ غېرىپ
ناتۇنۇش يۇرت، ناتۇنۇش يۈز ، ناتۇنۇش كۆزلەر. قەدىردان ئاتا-ئانا، جان-جىگەر تۇغقانلار، ئەزىز يۇرتتىن ئايرىلغان ئىچكىردىكى بۇ ھاياتنى ئۆتكۈزۈش ھەقىقەتەن مۈشكۈل، ھەقىقەتەن قىيىن. ھايات يولى ئەگرى توقاي، گاھ چوڭ شەھەرلەردە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىرىشكىنىمىزدىن خۇش بولۇپ روھلىنىمىز، گاھ تۇرمۇش ، ئوقۇشتىكى مۈشكۈلاتلار ئالدىدا تىڭىرقاپ غېرىپ بولىمىز، ئۈمىدسىزلىنىمىز. ئۆيدىن ئايرىلىپ ئىچكىردە ئوقىۋاتقىنىمغا ساپ-ساق ئاتتە يىل بوپتۇ. ئىچكىر تولۇقتىكى تۆت يىلدا غېرىپلىق مىنىڭ بالىلىقتىن ياشلىققا قويغان قەدەملىرىمگە ھەمرامۇ بولاتتى.غېرىپلىقتىن "نىمىشقا چوڭ بولىدىغاندىمىز،نىمىشقا چوقۇم ئۆيدىن ئايرىلىپ يات شەھەردە ئوقۇيدىغاندىمىز "دەپ تىگى يوق خىياللارنىمۇ قىلاتتىم. مانا ئالى مەكتەپكە كىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ، ئادەملەرنىڭ مۇرەككەپلىكىنى كۆرۈپ گاڭگىرىدىم. ھاياتلىق نىشانىمنى تېپىش يولىدا تەمتىرىدىم. سېغىنىش مىنى يەنە شۇ غېرىپلىقنىڭ بوسۇغىسىغا ئاپىرىپ تاشلىدى. زادى قانداق قىلاي؟ ئۇنىڭ ئىسكەنجىسىدە ئۆزەمنى يوقىتىپ يۈرىۋىرەيمۇ؟ ياق،ئۇنداق قىلىش ماڭا مەڭگۈ يات بولسۇن. غېرىپلىقنى يوقال دىيەلمەيمەن. لېكىن غېرىپلىقنى ماھىرلىق بىلەن ھايانى كۈچۈمنىڭ بىر بۆلىكىگە ئايلاندۇرۇپ تىرىشىمەن. كەلگۈسىدىكى گۈزەل ھاياتىم ئۈچۈن...
بۇ شېئىرىمنى ئىچكىردە بىلىم ئېلىش يولىدا تىرمىشىۋاتقان بارلىق دوستلىرىمغا بېغىشلايمەن. نەچچە يىللىق ئىچكىردىكى ئوقۇش،ئانا تىل تەربىيىسىدىن ئۇزاق ۋاقىت ئايرىلىشلار قەلىمىمنى داتلاشتۇرۇپ، كاللامنى گال قىلىپ قويۇپتۇ. كۆڭلۈمدىكىنى ئىنتايىن ئۇستۇلۇق بىلەن ئىپادىلەي دەيمەن لېكىن قەلىمىم بۇنىڭغا زادى بوي بەرمەيۋاتىدۇ. ئۇنىڭغا ئامال چارە قىلالمىدىم. يەنىلا ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشىنىش نەزىرى بىلەن ئوقۇپ قويىشىنى، يىتەرسىز جايلىرىنى دادىللىق بىلەن كۆرسۈتۈپ بېرىشىنى سەمىمىلىك بىلەن سورايمەن. (ئانا تىلىم مەن يەنىلا سىنى سۆيىمەن!)
بولساڭ غېرىپ
جاپاكەش ئاتا-ئاناڭنى ئەسلىگىن بولساڭ غېرىپ،
ساڭا ئىشەنگەن جۈپ كۆزلەرنى يادىڭغا ئال بولساڭ غېرىپ،
دوست-يارەن،تۇغقانلىرىڭ ئىشەنچىسى چوڭقۇر ساڭا،
تۇر ئورنۇڭدىن ئىشەنچ بىلەن كۈچكە تولغىن بولساڭ غېرىپ.
گۈلگە تولغان كىلەچەكنى تەسۋىر قىلغىن بولساڭ غېرىپ،
نۇرغا تولغان ھاياتىڭنى تەسەللى ئەت بولساڭ غېرىپ،
ئىشەنچ بولسا كىلەچىكىڭ ھەم ھاياتىڭ مەڭگۈ گۈزەل،
بەل بوشاتما غەلبەڭ ئۈچۈن تىرىش ھارما بولساڭ غېرىپ.
مەن غېرىپمەن ھەم يالغۇزمەن دىمە ھەرگىز بولساڭ غېرىپ،
چۈنكى ئويلا بۇ جاھاندا نى كىشى بار سەندىن غېرىپ،
ئۇلۇغ خۇداغا تەشەككۈر ئېيىت،ئاغرىنمىغىن بولساڭ غېرىپ،
جان ئاناڭنىڭ دۇئاسىدىن ئارتۇق نىم بار بولما غېرىپ.
قەلەم تەۋرەتكۈچى: تۇمارىس1001
[ بۇ يازما manggutax تەرپىدىن 2008-04-09 19:09 دە قا ]