قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
بۇ تېما 1725 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم: تورداشلارغا تەشەككۇرنامە پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

dil223
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 27158
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 12
شۆھرەت: 14 نۇمۇر
پۇل: 194 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-15

 ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم: تورداشلارغا تەشەككۇرنامە

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما Diyarim تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-04-09)
تورداشلارغا تەشەككۇرنامە
ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم
2- ئاينىڭ 28- كۈنى باشلانغان مەملىكەت بويىچە 10 مېھرىبان مۇخبىرنى باھالاش پائالىيىتىگە 4- ئاينىڭ 2- كۈنى ئاخىرقى چېكىت قويۇلدى. دەل مۇشۇ ھاياجانلىق مىنۇتلاردا يېڭىلا ئوپراتسىيىدىن چىققان ئوغلۇم بېلىگىيارنىڭ ئاسما ئوكۇل ئېسىلغان بۇدرۇق قوللىرىنى سىيلاپ، ئۇنىڭ ئۇسسۇزلۇق دەستىدىن گەز باغلىغان لەۋلىرىگە قارىغىنىمچە ھەم ئەندىشە، ھەم خۇشاللىق ئارىلاشقان بىر خىل مۇرەككەپ ھېسىيات ئىچىدە زادى قانچە ئۇزۇن ئولتۇرغانلىقمنى ئۆزۈممۇ بىلمەي قالدىم.....
مۇشۇ تاپتا نېمە قىلىشىم كېرەك؟ ئەلۋەتتە، بۇ قېتىمقى باھالاش پائالىيىتى داۋامىدا، بولۇپمۇ 18 كۈنگە سوزۇلغان توردا بىلەت تاشلاش جەريانىدا مېنى قوللىغان ، ماڭا مەدەت ۋە ئىلھام ئاتا قىلغان، ماڭا ئەڭ ساپ، ئەڭ سەمىمىي مۇھەببەت ۋە ئوتلۇق قەلبىنى تەقدىم ئەتكەن ئەشۇ مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان پاك ھەم ھېچقانداق تەمەسىز سەبىي قەلىبلەرگە، مەن ئۈچۈن توختاۋسىز بىلەت تاشلاپ تالغان قوللارغا، چارچىغان باشلارغا، مەن ئۈچۈن سەرپ بولغان ئەڭ قىممەتلىك ۋاقىتلارغا رەھسمەت بىلدۈرۈشۈم كېرەك ئىدى. تولىمۇ ئەپسۇس! بالا ئىشقىدا پەرۋانە بولغان قەلبىم قولۇمنى قەلەم ئېلىشقا ھەر قانچە دەۋەت قىلىپمۇ، مۇراد- مەقسىدىگە يېتەلمەي، ئىلاجسىز قالدى.
ئاللاغا مىڭ مەرتىۋە رەھمەت! مانا بۈگۈن ئوغلۇمنى يېتىلەپ دوختۇرخانىدىن چىقتىم. مۇشۇ دەقىقىلەردە ئىزىغا چۈشكەن يۈرىكىم، ئەمىن تاپقان كۆڭلۈم سىلەر(تورداشلار)نى سېغىنماقتا، سىلەرگە تەلپۈنمەكتە. مۇبادا مەن ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى ئاجرىتىشنى لايىق كۆرسەڭلار، كەمىنە سىلەرگە بىر- ئىككى كەلىمە يۈرەك سۆزۈمنى، قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قايناملىرىدىن ئۇخچۇپ چىققان يۈرەك سۆزلىرىمنى ئېيتىۋالسام!
ئانا مەكتىپىم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن خوشلىشىپ، شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ بوسۇغۇسىدىن ئاتلاپ، مۇخبىرلىقنىڭ «قاتتىق نېنى»نى يەۋەتقىنىمىغا ھەش- پەش دېگۈچە 16 يىلدىن ئېشىپتۇ. ئارقامغا قايرىلىپ قاراپ باقسام، «مۇخبىرلىق»تىن ئىبارەت بۇ كەسىپكە بولغان «ئاشىق»لىق ۋەجىدىن 16 يىلدىن بويان ئاپتونوم رايونىمىزدا مەن كىرمىگەن باغ، مەن چىقمىغان تاغ، مەن كەزمىگەن دەشت - چۆل ئاز قاپتۇ. دېھقاننىمۇ، ئالىمنىمۇ، رەئىسنىمۇ زىيارەت قىلىپ ماقالە يېزىپ بېقىپتىمەن. ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە، ئەلنىڭ، ئاۋامنىڭ دەرت- ھالىغا ئاز- تولا بولسىمۇ يېتىشنى ئۆزۈمگە قىبلىنامە قىلىپ، مۇشۇ يولدا مۆدۈرۈپ - چوقۇرۇپ يۈرۈپ كەپتىمەن. مەن ئىزچىل تۈردە بۇ ئىشلارنى بىر مۇخبىرنىڭ بۇرچى دەپ كەلدىم. شۇنداق بولغاچقىمۇ، قىسمەن چاغلاردا يېزا- قىشلاقلارغا، دېھقان- چارۋىچىلار ئارىسىغا بارالماي ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ قالسام، خۇددى ئۆزۈمنى بىر گۇناھكاردەك ھېس قىلسام، سومكامنى كۆتۈرۈپ، يېزا - قىشلاقلارغا، چەت، يىراق جايلارغا مۇخبىرلىققا ئاتلانغاندا ئۆزۈمنى خۇددى تويغا ماڭغاندەك خۇشال ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. دەرۋەقە، «ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ» دېگەندەك، مەن مۇخبىرلىقتىن ئېرىشكەن خۇشاللىقلارمۇ، ھەسرەت ۋە كۆز ياشلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇلارنى بۇ يەردە بىرمۇبىر تىلغا ئېلىشنى لايىق كۆرمىدىم. بۇ تەسىراتلار توغرىسىدا تورداشلار بىلەن كەڭ- كۇشادە سۆزلىشىدىغان پۇرسەتنىڭ ھامان بىر كۈنى كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
مەن 2003- يىلى مەملىكەت بويىچە «سارسقا تاقابىل تۇرۇش تەشۋىقاتىدىكى مۇنەۋۋەر مۇخبىر»،  2007- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە «مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىكا خادىمى» دېگەن ناملارغا ئېرىشكەندە، بۇلارنى پەقەت ئۆزۈم ئۈچۈن بىر بېسىم دەپلا بىلگەن ئىدىم. چۈنكى «قالپاق»نىڭ چوڭىنى كىيىۋېلىپ، «قالپاققا تۇشلۇق قىرغىز بولمىسا» ئەپلەشمەيدۇ- دە!
سەمىمىي گەپنى ئېيتسام، بۇ قېتىم «مەملىكەت بويىچە 10 مېھرىبان مۇخبىر»نى تاللاش «بەيگە»سىگە چۈشۈپ قېلىشىم راستتىنلا مېنى تەمتىرىتىپ قويدى. مەن بۇ شەرەپنى تالىشىشقا لايىقمۇ- يوق؟! مەن بۇ سۇئال ئۈستىدە خېلى كۆپ ئويلاندىم. پاكىت شۇكى، 16 يىلدا يازغان 3000 پارچىدىن ئارتۇق خەۋەر- ماقالەم ئىچىدىكى 300 پارچىدىن ئارتۇقراقىنىڭ مېيىپلار، ئاجىزلار توغرىسىدا يېزىلغانلىقى، ماڭا ئۇچرىغان، مېنى ئىزدەپ كەلگەن ياردەمگە مۇھتاج، داۋالىنىشقا قۇربى يەتمىگەن كىشىلەر ئۈچۈن قولۇمدىكى مۇخبىرلىق قەلىمىدىن پايدىلىنىپ قىلغان ئاز- تولا، تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيدىغان ياردەملىرىم مېنى بۇ «بەيگە» گە سۆرەپ كىرگەن ئىدى.
مېنى ئەڭ كۈچلۈك ھاياجانغا سالغىنى ۋە چوڭقۇر خىياللار دېڭىزىغا غەرق قىلغىنى، مەملىكەت مىقىياسىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ بەيگە جەريانىدا تورداشلارنىڭ ئاجايىپ قىزغىنلىقى، ئويۇشقاقلىقى ۋە ھېچقانداق مەقسەت- مۇددىئا ۋە تەما ئارىلاشمىغان سەمىمىي قوللىشى بولدى. راستىنى ئېيتقاندا، مېنىڭ مەملىكەت بويىچە دەسلەپتە كۆرسىتىلگەن 595 نامزات ئىچىدىن تاللىنىپ، 30 نامزات ئىچىگە كىرگەنلىكىمنىڭ ئۆزىمۇ كەسىپداشلىرىمنىڭ ۋە تورداشلارنىڭ كاتتا نەتىجىسى ئىدى. بىراق، ئويلىمىغان يەردىن توردا بىلەت تاشلاش باشلانغاندىن كېيىن، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئامما، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپ ۋە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ئىنى - سىڭىللىرىم يۈكسەك بىر مەسئۇلىيەت ۋە سەمىمىي مېھىر- مۇھەببىتى بىلەن ماڭا قىزغىن بىلەت تاشلاپ، مېنىڭ، ياق، بارلىق كەسپداشلارنىڭ غەلبىسى ئۈچۈن نۇرغۇن زېھنى- قۇۋۋىتى ۋە قىممەتلىك ۋاقتىنى تەقدىم ئەتتى. 18 كۈن جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك دەم ئېلىش، خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ۋاقىتلىرىنى ئاجرىتىپ، ھەر كۈنى تورغا چىقىپ ماڭا بىلەت تاشلىدى، تونۇش- بىلىشلىرىنى سەپەرۋەر قىلدى، ئىنكاس قالدۇرۇپ ماڭا مەدەت بەردى. يەنە نۇرغۇن تورداشلار «دىيارىم»، «شەبنەم»، «سەلكىن»، «شىنجاڭ لىنيىسى»، «ئىزدىنىش» قاتارلىق تور بىكەتلىرى ئارقىلىق مېنى قۇتلۇقلىدى، ماڭا مەدەت بەردى. بەزى تورداشلار يەنە ئۆز نۆۋىتىدە مېنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئىشلىرىم توغرىسىدا ياخشى تەكلىپ- پىكىر ۋە تەنقىدلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى. مەن ھەر كۈنى بۇ پىكىرلەرنى كۆرۈپ تۇردۇم. مېنىڭچە، بىر ئادەمنى ھەممە كىشىنىڭ ئوخشاشلا ياخشى دېيىشى ئانچە نورمال ئەھۋال ئەمەس، ئەكسىچە، قارشى پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەقىقىي نورمال ئەھۋال. بۇ پىكىرلەر مېنىڭ كېيىنكى ھاياتلىق قەدەملىرىم ئۈچۈن پايدىلىق.
«ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن» دېگەندەك، بارلىق تورداشلارنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بىلەن مەن «مەملىكەت بويىچە 10 مېھرىبان مۇخبىر» قاتارىدىن ئورۇن ئالدىم. خۇددى دوستۇم ئابلىكىم ھەسەن ئېيتقاندەك، بۇ مېنىڭ شەرىپىملا ئەمەس، بارلىق كەسىپداشلارنىڭ، تورداشلارنىڭ شەرىپى. شۇنداق، بۇ شەرەپ ھەممەيلەنگە مەنسۇپ!
مەن بۇ يەردە يۈرىكىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن چىقىرىپ شۇنداق خىتاب قىلىمەنكى: «بارلىق تورداشلار سىلەرگە كۆپتىن- كۆپ رەھمەت، سىلەر ماڭا نېمىنىڭ مېھىر- مۇھەببەت، سەمىمي تىلەك ۋە قوللاش ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئۆگەتتىڭلار، سىلەرنىڭ ئۈمىدىڭلارنى ئاقلاش  مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم!»
مەن بۈگۈنمۇ، ئەتىمۇ يەنىلا خەلقىمنىڭ، يۇتۇمنىڭ ئاددىي بىر ئوغلى. خەلقىمنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىش ماڭا ئوخشاش بىر مۇخبىرنىڭ مەڭگۈلۈك بۇرچى!! مەن مانا مۇشۇ بورچ يولىدا داۋاملىق تىرىشىمەن!
ئاخىرىدا بارلىق تورداشلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىغا بەخت، ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىللە، مەن بىلەن دوست بولۇشنى، پىكىرلىشىشنى خالايدىغان دوستلار سەمىگە تېلفون نومۇرۇم ۋە ئېلخەت ئادرىسىمنى قالدۇردۇم.
ئېلخەت: xukur330@yahoo.com.cn
[ بۇ يازما Diyarim تەرپىدىن 2008-04-09 13:56 دە قايت ]
تېما تەستىقلىغۇچى : Diyarim
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-04-09, 05:29
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-04-09 13:27 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
maptun
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 15797
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1087
شۆھرەت: 421 نۇمۇر
پۇل: 2136 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 126(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

سېز بىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانىمىز....بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىڭېزغا تېخىمۇ چوڭ ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز....ئائىلىڭېزگە بەخت،تېنىڭېزگە سالامەتلىك تىلەپ مۇنبەردىكى مەپتۇن...  
qarluq
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-09 13:34 |
xadia
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 28095
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 34
شۆھرەت: 34 نۇمۇر
پۇل: 265 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 Re:ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىمدىن تورداشلارغا تەشەككۇرنامە

سىزنىڭ  غەلبىڭىز  بىزنىڭ  غەلبىمىز . كۆپچىلىكنىڭ  تىرىشچانلىغى  ھەرھالدا  بىكار  كەتمىدى .
  سىزگىمۇ  كۆپتىن-كۆپ  تەشەككۇر .   
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-09 13:37 |
Saadet
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 14584
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 14 نۇمۇر
پۇل: 22 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2007-12-17

 Re:ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىمدىن تورداشلارغا تەشەككۇرنامە

سىزنى تەبرىكلەيمىز ئابدىشۈكۈر ! سىز مۇخبىرلار ئىچىدە ئاز ئۇچرايدىغان مۇخبىر . مەن سىزنىڭ باشلىق - ئەمەلدارلارنىڭ ، پارىخورلۇققا قارشى تۇرىدىغان ماقالىلارنى قورقماي يازغان ، ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەنلىرىڭىزنى بۇرۇنلا ئاڭلىغان ئىدىم . سىزدىكى بۇ روھ ئاز ئۇچرايدىغان ئاخباراتچىلاردا بولۇشقا تېگىشلىق كەسپىي روھ  ، كەسپكە بولغان مۇھەببەت ، ئىشتىياق بولسا كېرەك .
ئوغلىڭىز بىلگىيارغا سالامەتلىك تىلەيمىز .
retim BLOG
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-09 13:39 |
kusan2
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 7941
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 822
شۆھرەت: 515 نۇمۇر
پۇل: 1973 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

مۇبارەك بولسۇن.سىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق،شۇنداقلا ئوماق ئوغلىڭىزنىڭ تنىگە سالامەتلىك،ئائىلىڭىزگە چەكىسز بەخىت تىلەيمىز.
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-09 13:43 |
UYGURIYA23
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 19347
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 845
شۆھرەت: 874 نۇمۇر
پۇل: 2680 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 4 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 78(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-16

 

  سىزنى تەبرىكلەيمىز ، مۇبارەك بولسۇن !!!!!!!!!!!!!!!
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-09 13:51 |
musapir87
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26342
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 71
شۆھرەت: 71 نۇمۇر
پۇل: 316 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 6 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-11

 

تورداشلارنىڭ قىلغان ياردىمىنى دەپ بولسىمۇ ياخشى ئىشلەڭ ،
سىزگە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن   
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-09 13:52 |
nodar
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 10208
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1724
شۆھرەت: 359 نۇمۇر
پۇل: 2640 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

ئاۋال ئاللا، ئاندىن قالسا ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىغى،  بۇ قېتىمقى غەلبىڭىزگە تۈرتكە بولدى، بىز پەقەت ۋاقىراپلا قويدۇم. سىزگە سالامەتلىك تىلەپ.
ئىنىڭىز نودەر باي، پالۋان، گاڭ، تۆمۈر
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-09 13:53 |
sehirlikalma
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 17636
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 2130
شۆھرەت: 2077 نۇمۇر
پۇل: 6905 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 209(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-12

 

بىز بەك خۇش بولدۇق.
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-09 13:53 |
bigubar
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 12622
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 87
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
پۇل: 115 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

سىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسۇن! تېنىڭىزگە سالامەتلىك، ئائىلىڭىزگە بەخت تىلەيمەن!
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-09 13:55 |
mirbahadir
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 25241
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 38
شۆھرەت: 38 نۇمۇر
پۇل: 245 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 83(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

مۇۋاپىقىيىتىڭىز ئۇچۇن سىزنى تابىرىكلەيمەن ! .قەلىمىڭىز  ھەققانىيەت ، ئادىللىق . ،ئۇچۇن توختىماي ھەركەتتە بولسۇن . ! ئاخىرىدا    ئوغلۇڭىزنىڭ سالامەتلىگىنى    ، ئائىلىڭزنىڭ بەختىنى تىلەيمەن.
retim BLOG
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-09 13:58 |
lohman120
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26539
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 79
شۆھرەت: 84 نۇمۇر
پۇل: 361 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-14

 

سىزنى  چىن كۆڭلىمدىن تەبرىكلەيمەن .

بۇنىڭدىن كينىكى ئىشلىرىڭىزغا نەتىجە ئۇتۇق  تىلەيمەن .
retim BLOG
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-09 14:05 |
murat09991
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 25150
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 8 نۇمۇر
پۇل: 141 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 22(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-10

 

سىزنىڭ يەنە كۆپلىگەن مۇخبىرلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.....
بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىزغا  ئۇتۇق  تىلەيمەن !!!!!!!!!
     
retim BLOG
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-09 14:08 |
miregul
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 26281
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 471
شۆھرەت: 471 نۇمۇر
پۇل: 1539 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 74(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

مۇبارەك بولسۇن. سىزنى قۇتلۇقلايمەن. بۇنىڭىدىن كيىنكى ئشلىرىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن.
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-09 14:13 |
qqopp
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26434
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 79
شۆھرەت: 89 نۇمۇر
پۇل: 358 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-15

 

mubarak bolsun
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-09 14:24 |
dolanim
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 23269
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 126
شۆھرەت: 147 نۇمۇر
پۇل: 502 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-11

 

سىزنىڭ غەلىبىڭىزدىن تەڭ بەھىرلەنگەنكىمىزدىن ناھايىتى خۇشالمەن . بېلەت تاشلىغىنىمىزنىڭ نەتىجىسى قانداق بولغاندۇ دەپ ئويلاپ ئولتۇرغان ئىدىم . مانا بۈگۈن نەتىجىسىنى كۆرۈپ ناھايىتى پەخىرلىك ھېس قىلدىم . ئۆز مىللىتىمىزدىن بۇ شەرەپكە ئېرىشكەنلىكىڭىز  بىزگىمۇ مەدەت بولدى . تىرىشقان ئاشار دېگەن شۇ - دە . بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن ، تۇرمۇشىڭىزغا بەخت يار بولسۇن ، ئوماق ئوغلىڭىزنىڭ تېنى سالامەت بولسۇن !
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [15 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-09 14:28 |
tektek
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 20203
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 261
شۆھرەت: 261 نۇمۇر
پۇل: 1035 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 77(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

غەلىبىڭىزدىن ھەممە قېرىندىشىڭىز خۇش بولدۇق . ئاندۇكېرىم ، سىزنى قۇتلۇقلايمەن . بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولسۇن . سىزگە ئامان-ئېسەنلىك تېلەپ دوستىڭىز . . . تەكتەك . 
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [16 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-09 14:36 |
nazi_1
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 23548
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 14 نۇمۇر
پۇل: 159 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

سىزنىڭ ئشلىرىڭىزغا  بەرىكەت  تىلەيمەن ......    
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [17 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-09 14:37 |
Asimjan
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8705
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 24
شۆھرەت: 21 نۇمۇر
پۇل: 160 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 92(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

ئابدۇشۇكۇر ئاكا بىز سىزنىڭ يېقىندا شىنجاڭ ياشلار-ئۆسۇرلەر نەشىرىياتىدىن چىقىدىغان ئىككى كىتابىڭىزنى ئوقۇشقا تەقەززا !!!!تورداشلارنىڭ ئۇيغۇر ئاخبارات ئەدەبىياتىدىكى بۇ نامايەندىلىك ،چوڭ ئەمگەك مېۋىسىگە يېقىندىن دېققەت قىلىشىنى ،بولسا سۆھبەت ،مۇنازىرە پائالىيەتلىرىنى پائال ئۇيۇشتۇرۇپ تور ئەدەبىياتىمىزدا ئىلمىي مۇنازىرە موھىيىتى بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!!!!!!!
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [18 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-09 15:13 |
maripat1
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 15009
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 158
شۆھرەت: 166 نۇمۇر
پۇل: 506 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 63(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

بىزنىڭمۇ ھاردۇغمىز چىقتى  
qarluq
چوققا [19 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-09 15:33 |
talapkar
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 28263
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 10 نۇمۇر
پۇل: 151 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-10

 

سىزنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن!مۇبارەك بولسۇن!ئاللا ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن.
qarluq
چوققا [20 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-09 15:35 |
gulbinebxe
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26331
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 69
شۆھرەت: 69 نۇمۇر
پۇل: 317 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-16

 

ئالدى بىلەن سىزنىڭ بۇ بەيگىدە ئۇتۇپ چىققانلىقىڭىزنى چىن كۆڭلۈمدىن قۇتلۇقلايمەن كەسىپدېشىم. ئۆزىڭىز ھەم تورداشلارنىڭ ياردىمىدە بۈگۈنكىدەك نەتىجىگە ئىرىشىشكە مۇيەسسەر بولدىڭىز،مېنىڭچە سىزگە ئالقىش ياڭراتمايدىغان بىرمۇ  قېرىندېشىمىز بولمىسا كېرەك. ئەمدى يەلكىڭىزدىكى يۈك يەنىمۇ ئېغىرلىدى،تېنىڭىزگە سالامەتلىك،خىزمىتىڭىزگە ئۇتۇقلۇق،ئائىلىڭىزگە بەخت تىلەيمەن. ھارمىغايسىز!!!  
qarluq
چوققا [21 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-09 15:43 |
Hararat
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 15668
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 529
شۆھرەت: 593 نۇمۇر
پۇل: 1681 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-08

 

سىزنى چىن كۆڭلۈمدىن قۇتلۇقلايمەن. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
qarluq
چوققا [22 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-09 15:48 |
ipar0998
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 18393
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 828
شۆھرەت: 816 نۇمۇر
پۇل: 2595 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 40(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-09

 

مۇبارەك بولسۇن ، مۇۋاپىقيەت سىزگە يار بولسۇن.
qarluq
چوققا [23 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-09 16:03 |
gohar
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 18349
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1792
شۆھرەت: 1735 نۇمۇر
پۇل: 5200 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-16

 

مۇۋاپىقىيىتىڭىزنى تەبرۇكلەيمىز .ئۇتۇقلار سىزگە يار بولسۇن .
qarluq
چوققا [24 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-09 16:09 |
mardan521
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 26128
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 57
شۆھرەت: 87 نۇمۇر
پۇل: 276 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 98(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

سىزنى تەبىرىكلەيمەن ،مۇبارەك بولسۇن. داۋاملىق تىرىشقايسىز.
qarluq
چوققا [25 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-09 16:26 |
palaket
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6206
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 20
شۆھرەت: 35 نۇمۇر
پۇل: 160 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

ئاللاھ  خىزمىتىڭىز ۋە ئائىلىڭىزگە  بەركەت ئاتا قىلسۇن.
qarluq
چوققا [26 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-09 16:41 |
zulpiya5.31
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 25575
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 28
شۆھرەت: 33 نۇمۇر
پۇل: 229 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

             ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابدۇشۇكۇر ياخشىمۇ سىز؟ سىزنىڭ مەملىكەت بويىچە 10 مېھرىبان مۇخبىرنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغانلىقىڭىزنى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇنبەرگە ئاتا تەرىپىدىن يوللانغان خەۋەردىن كۆرۈپ ناھايىتى خوشال بولغان. بۈگۈن ئۆزىڭىز يازغان تەشەككۇرنامىنى ئوقۇپ تېخىمۇ خوشال بولدۇق. سىزگە مۇبارەك بولسۇن ! سىز بىزنىڭ پەخرىمىز. سىزنىڭ بۇ نەتىجىگە ئېرىشىشڭىز ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقىدىن بولدى. بىز پەقەت قۇلىمىزدىن كېلىدىغان كىچىككىنە ئىشنى قىلدۇق. بۇنىڭدىن كېيىنكى ياخشى نەتىجىلىرىڭىز بىزگە بەرگەن ئەڭ ياخشى جاۋابىڭىز بولىدۇ، سىزدىكى مەسئۇلىيەت يەنىمۇ ئېغىرلاشتى، سالامەتلىكنى كۆپرەك ئاسراش بىلەن بىرگە يېڭى يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىزگە، ياش نوتىلارنى تەربىيلەشكە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىشىڭىزگە تىلەكداشمىز. مۇنبەردىكى بارلىق تورداشلارمۇ بەلكىم ماڭا ئوخشاش ھېسسىياتتا دەپ ئويلايمەن. ئاخىرىدا ئائىلىڭىزگە بەخت- ئامەت، تېنچ-ئامانلىق تىلەش بىلەن بىرگە ئوغلىڭىزنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشمەن.
        قەلىمىڭىز مەڭگۈ توختاپ قالمىسۇن، ياخشى ئەسەرلىرىڭىز بىلەن قېرىنداشلىرىڭىزغا روھىي ئۇزۇق ئاتا قىلىغايسىز ! ! !
[ بۇ يازما zulpiya5.31 تەرپىدىن 2008-04-10 19:51 دە ]
qarluq
چوققا [27 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-09 17:54 |
kedirdan0996
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 24868
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 444
شۆھرەت: 515 نۇمۇر
پۇل: 27 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 54 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 42(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

بىز  سىزدىن تىخىمۇ چوڭ ئۇمۇتلەرنى كۈتىمىز،
qarluq
چوققا [28 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-09 18:09 |
zulpiya5.31
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 25575
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 28
شۆھرەت: 33 نۇمۇر
پۇل: 229 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

      ھە راسىت، بىزنىڭ ناھىيىدىكى مۇخبىرىمىز نىياز ساتتارغا سىزنىڭ نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىڭىزنى يەتكۈزگەن ئىدىم، ئۇ كىشىمۇ سىزنىڭ نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىڭىزدىن خوشال بولدى ھەم سىزنى مۇبارەكلەيدىغانلىقىنى يەتكۈزۈپ قويۇشۇمنى ھاۋالە قىلغان ئىدى. 
qarluq
چوققا [29 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-09 18:26 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
دىيارىم مۇنبىرى » ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :09-17 17:40
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号