[سھېرلىك ئالما] ئۇيغۇر تىلى
Ihlas Ilani
دىيارىم مۇنبىرى » ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﺳﺎﻟﻮﻧﻰ » [سھېرلىك ئالما] ئۇيغۇر تىلى

بۇ بەتتىكى تېما: [سھېرلىك ئالما] ئۇيغۇر تىلى پرىنتلاش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تىما 242 قېتىم كۈرۈلدى .
بۇ ئەزا توردا بار sehirlikalma
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 2217
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 2782
UID نۇمۇرى : 17636
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 2050
ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2050دانە
شۆھرەت: 1987 نۇمۇر
پۇل: 6595 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-04-10

[سھېرلىك ئالما] ئۇيغۇر تىلى

ئۇيغۇر تىلى

(مۇخەممەس)

بىل شۇنى ، ئۇيغۇر ئۈچۈن پۈتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى ،
مەڭگۈ پاتماس زەر قۇياش ، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى ،
بىپايان تىل كۆكىدە چولپان ، ئۈكەر ئۇيغۇر تىلى ،
مەنىلەرگە باي ، تېرەندۇر شۇ قەدەر ئۇيغۇر تىلى ،
بولدى تارىختىن بېرى بىزگە پەدەر ئۇيغۇر تىلى .

ئانا تىل ھەردەم قوۋۇم - مىللەت ئۈچۈن روھ تۈۋرۈكى ،
ئانا تىل پەن - مەرىپەت ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆۋرۈكى ،
ئانا تىل چوڭكىچىكنىڭ يۈرىكى ، تاغ يۆلىكى ،
ئانا تىل ۋاستە - قۇرال ئالاقىدە قەلىب ئەينىكى ،
بىزنى قۇچتۇرغان جىمى ئىشتا زەپەر ئۇيغۇر تىلى .

پەنگە ئاشىق - بىقارار قىلدى مېنى دىلبەر تىلىم ،
تارتتى رايىمنى ئۆزىگە ھەرقاچان ئەنبەر تىلىم ،
ئەلگە دىل رىشتىمنى چاتتى بال - شېكەر ، كەۋسەر تىلىم ،
بولدى ئەل دۈشمەنلىرگە تىغ - تەبەر ، نەشتەر تىلىم ،
ھەممىمىزنى قىلدى دائىم بەھرىۋەر ئۇيغۇر تىلى .

«ئا» بىلەن كىردى ئېغىزغا ، تىل - زۇۋانغا مەڭگۈ تەم ،
قىلدى تىل ئاقىل ، نادانلارغا بېرىپ ئىدراكۇم پەم ،
تىل چېچىلغاننى يىغىپ قىلدى ھامان بىر يەرگە جەم ،
تىل بىمار ، ئاجىز - ئورۇققا ئەم - داۋا ، ئاچلارغا يەم ،
خاسىيەتلىك تىلتۇمار ، قالقان - سىپەر ئۇيغۇر تىلى .

يۈرۈكۈمگە كەلدى سۆزلەپ مۇشۇ تىلدا جان بوۋام ،
مەن ئىجاد ئەتتىم مۇشۇ تىلدا ، قىلىپ پەرۋاز داۋام ،
مۇشۇ تىلدا سايرىدى بۇلبۇل كەبى ھەقدار بالام ،
مۇشۇ تىل بەردى چىدام ، مەردلىك ، ۋاپادارلىق مۇدام ،
قان قېرىنداشلارغا رىشتە ، جانجىگەر ئۇيغۇر تىلى .

سۇ بېرىپ ياشناتتى بىزنى ئانا تىل - ئالتۇن بۇلاق ،
ئۇ - چىراغ ، پەرۋانە بىز ، ھەرگىزمۇ كەتمەيمىز يىراق ،
ئانا تىل يىلتىز ، ئوزۇق ئالغۇچى بىز - نوتا - ئۇلاق ،
ئانا تىلدا دەرىس ئېلىپ ، تاپتۇق ئەقىل ، سەمرىپ قۇلاق ،
بىزگە پۈتمەس كان ، خەزىنە شام - سەھەر ئۇيغۇر تىلى .

قويدى تاڭ دۇنيانى شۇ تىلدا قىلىپ بۇلبۇل ناۋا ،
تاپتى شۇ تىلدا پۈتۈلگەن كۈي - غەزەل يۈكسەك باھا ،
ھەر تەرپتىن ياغدى ئالقىش ، « مىڭ ياشا ! » دېگەن سادا ،
مۇشۇ تىل شۆھرەتكە نائىل ئەيلىدى ، سالدۇق ساما ،
ئىپتىخارغا پۈركىدى ئۇيغۇرنى زەر ئۇيغۇر تىلى .

شاھ مۇقامنى مۇشۇ تىلدا ئاڭلىدى ئەھلى جاھان ،
مۇشۇ تىل دىللارنى دىلغا ئۇلىغان رىشتە ھامان ،
مۇشۇ تىل بىرلە يۈسۈپ ، ھەزرەت نەۋائىي تاپتى شان ،
مۇشۇ تىلغا جان بېرىپ مەھمۇد بوۋام تۈزدى دىۋان ،
مەڭگۈ ئەڭگۈشتەر ، يېزىشتا شاھ ئەسەر ئۇيغۇر تىلى .

مۇشۇ تىل بىزگە جاھاندا تەڭدىشى يوق ، بىباھا ،
مۇشۇ تىل بىرلە بىلىپ يەتتۇق نېمە توغرا ، خاتا ،
مۇشۇ تىل مەڭگۈ قەدىردان ، مېھرى ئاتەش جان ئانا ،
مۇشۇ تىلنىڭ شۆھرىتىنى قىل ھىمات ، جاننى ئاتا ،
پىر بولۇپ بىرگە ئۆگەتتى كەسىپ - ھۈنەر ئۇيغۇر تىلى .

ئانا تىل قالغان ئانامنىڭ ئانىسىدىن يادىكار ،
ئانا تىلغا يۇغۇرۇلغان چىن غورۇر ۋە ئىپتىخار ،
ئانا تىلىنى ئاڭلىسام جۇتنى سېزەرمەن گۈلباھار ،
ئانا تىل بار - ئەلمۇ بار ، ھېكمەت ، مۇھەببەت ... ھەممە بار ،
بىزگە ئاش - ناندەك زۆرۈردۇر ، ھەمسەپەر ئۇيغۇر تىلى .

بولغۇسى قەدرىم پاخال - خەس ، بولمىسا گەر ئۆز تىلىم ،
ئۆز تىلىم بار ، ئاي ، قۇياشتەك تۇرىدۇ پارلاپ دىلىم ،
بارمۇ مەندەك باي جاھاندا ، ئۆتتى شاد ھەر ھاي ، يىلىم ،
ئۆز تىلىمدا بۇ ھايات دەرياسىدىن سۈزدۈم بىلىم ،
ماڭا ئۇستاز ، رەھنەما چىن ئىچ كۆيەر ، ئۇيغۇر تىلى .

خىسلىتى يازغانغا پۈتمەس ، تىل ھايات ، بىزمۇ ھايات ،
مۇشۇ تىل بەركاتىدىن تاپتۇق روناق ، ئەل يۇرت ئاۋات ،
كۈنسېرى ئۆرلەشكە بولدى مۇشۇ تىل تالماس قانات ،
مەن بۇڭا دىل بەرگىنىمچۈن ، ئارمىنىم بىخ ياردى شاد ،
ئۆتتى مەيلىمنى ، بېرىپ دىل ھۆددىگەر ئۇيغۇر تىلى .

تىزگىنىن چىڭ تۇت ۋاقىت تۇلپارنىڭ ، باش قاشلىما ،
بولسا بىل كۆپ تىل ، ئەقىل ، كۈچ تاپ ھامان ، يانپاشلىما ،
بۇ قۇرالدىن پايدىلان ياخشى ، كېيىن كۆز ياشلىما ،
شاھ بولۇپ كەتسەڭمۇ ، ئەمما ئۆز تىلىڭنى تاشلىما ،
قىلغىنى بىزنى مۇزەپپەر ، مۆتىۋەر ئۇيغۇر تىلى .

ھەر كىشى كۆپ زوق ئالار سۆز سۆزلىسە ئۆز تىلىدا ،
شۇڭا مەن ئانا تىلىمغا قىلىمەن چىن ئىقتىدا ،
ئانا تىلسىز گال ، كېكەچ مەن ، بولىمەن جاندىن جۇدا ،
چىن يۈرەكتىن ئەيلىدى ئابدۇرېھىم مۇنداق نىدا :
سۈيىدە ئاق ، ئوتىدا كۆي ! دۇر - گۆھەر ئۇيغۇر تىلى !....

ئاپتورى:ئابدۇرېھىم زۇنۇن.
2008-04-09-12:05

[ بۇ يازما manggutax تەرپىدىن 2008-04-09 12:46 دە قا ]

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
• شۆھرەت:+8(manggutax) ئەجىر
• Ulanmilar
تېما تەستىقلىغۇچى : manggutax
تەستىقلىغان ۋاقىت: 2008-04-09, 04:39
سەمىمىلىك ھەممىدىن ئۇلۇغ!
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-04-09 12:09 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [باش يازما]
بۇ ئەزا توردا يوق tohri

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 100
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 199
UID نۇمۇرى : 4053
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 92
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە92دانە
شۆھرەت: 82 نۇمۇر
پۇل: 351 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-04-09

ئۆز تىلىمىزنى قوغدايلى ۋە قەدىرلەيلى!!
ئۆز تىلىنى بۇزۇپ سۆزلەش ئادەتلىرنى تۈپتىن يوقىتايلى!!

ئۈرمچى ئاق ئالتۇن تاماقخانىسى خىزمەتچى (مۇلازىم) قوبۇل قىلىدۇ
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-04-09 13:07 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [1 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار azmathan

تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 366
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 233
UID نۇمۇرى : 17494
دەرىجە: سەپ بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 362
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە362دانە
شۆھرەت: 236 نۇمۇر
پۇل: 841 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-27
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-04-10

ھەر كىشى كۆپ زوق ئالار سۆز سۆزلىسە ئۆز تىلىدا ،
شۇڭا مەن ئانا تىلىمغا قىلىمەن چىن ئىقتىدا ،
ئانا تىلسىز گال ، كېكەچ مەن ، بولىمەن جاندىن جۇدا .

مۇنۇ مىسرالىرىدىن شۇنداق بىر ھەقىقەتلەرنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ.

بىر بوۋاقنىڭ نىداسى !!!
ھەققانىيەتچى!
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-04-09 16:25 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [2 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق buyukxah

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 48
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 51
UID نۇمۇرى : 22551
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 39
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە39دانە
شۆھرەت: 39 نۇمۇر
پۇل: 227 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-20
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-04-09

ھەممىمىز سۆزلەيمىز، بىراق...    سىياسي كاپالەتكە ئىگە بولمىغان تىلىمىز ئېغىر خەۋىپ ئىچىدە قالماقتا

« زاھىر بۇرھان بىلەن سۆھبەت » تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-04-09 19:20 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [3 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق un~tux

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 33
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 67
UID نۇمۇرى : 28071
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 33
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە33دانە
شۆھرەت: 38 نۇمۇر
پۇل: 248 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-04
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-04-10

ھەر كىشى كۆپ زوق ئالار سۆز سۆزلىسە ئۆز تىلىدا ،
شۇڭا مەن ئانا تىلىمغا قىلىمەن چىن ئىقتىدا ،
ئانا تىلسىز گال ، كېكەچ مەن ، بولىمەن جاندىن جۇدا ،
چىن يۈرەكتىن ئەيلىدى ئابدۇرېھىم مۇنداق نىدا :
سۈيىدە ئاق ، ئوتىدا كۆي ! دۇر - گۆھەر ئۇيغۇر تىلى !....

ئۇيغۇر تىلى ................ئۈزىمىزنىڭ ئانا تىلىنى ئۇنتوپ قالمايلىك ..

بىر بوۋاقنىڭ نىداسى !!!
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-04-09 19:25 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [4 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق Chuxay

تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 302
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 297
UID نۇمۇرى : 17954
دەرىجە: سەپ بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 299
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە299دانە
شۆھرەت: 299 نۇمۇر
پۇل: 902 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 6 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-11
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-04-09

ئۆز تىلىمىزنى قوغدايلى ۋە قەدىرلەيلى!!

Ulanmilar
ئادەم ئادەمگە لايىق ياشىشى كېرەك......
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-04-09 23:06 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [5 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق ahirkibora

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 65
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 34
UID نۇمۇرى : 22949
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 52
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە52دانە
شۆھرەت: 77 نۇمۇر
پۇل: 321 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-30
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-04-09

ئانا تىلىمىز كىرزىسقا دۇچ كىلىۋاتىدۇ ! مەن مۇشۇ ئىش توغرۇلۇق بىر ماقالە يىزىۋاتقان ئىدىم ، پۈتسىلا مۇنبەرگە يوللايمەن ! ئەجرىڭىزگە رەھمەت !

6xahar
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-04-09 23:48 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [6 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق gohar

تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1708
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3291
UID نۇمۇرى : 18349
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1666
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1666دانە
شۆھرەت: 1609 نۇمۇر
پۇل: 4815 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-22
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-04-10

يوللانمىڭىزغا كۆپ رەخمەت .بەك ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن ...

«ئەنگلىيە بالىلارنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش جەمئىيىتى»خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى

چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-04-10 00:36 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [7 -قەۋەت]
دىيارىم مۇنبىرى » ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﺳﺎﻟﻮﻧﻰ

يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ھازىرقى ۋاقىت : 04-10 19:02
Powered by PHPWind v5.3 Certificate Code © 2007-2010 Diyarim Corporation