قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 829 قېتىم كۆرۈلدى
kuysoyar
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 2407
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 385
شۆھرەت: 484 نۇمۇر
پۇل: 642 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 9 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 65(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-04-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 مىڭ بىر كېچە (36-كېچە)

1
ئەي بەختلىك شاھ، - دەپ داۋام قىپتۇ شەھرىزاد ھېكايىسىنى، - خەلىپە: قىزنىڭ سازىنى، ئاۋازىنى ۋە ناخشىسىنى، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئاڭلايمەن دەپتۇ. ئەي خەلىپە، - دەپتۇ جەپەر، - ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ يېنىغا كىرسىڭىز ئۇلارنىڭ كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇشىنىڭ بۇزۇلۇشىغا زامىن بولۇسىز. شەيخ ئىبراھىم سىزنى كۆرۈشى بىلەن قورقۇپ كېتىپ ئۇنىڭ يۈرىكى يېرىلىدۇ، ئولتۇرۇش بۇزۇلىدۇ، سازمۇ، ناخشىمۇ توختايدۇ. ئانداق بولسا، ئۇ يەرگە كىرىپ، بۈگۈنكى ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىش ئۈچۈن بىرەر چارە تاپ! يۈرۈڭ بولمىسا - دەپتۇ جەپەر ۋەزىر. ھەر ئىككىسى دەجلە دەرياسى بويىغا بېرىپتۇ. يىراقتىن قارىسا دەريا بويىدا بىر بېلىقچى بېلىق تۇتۇۋاتقانىكەن. ئىلگىرى خەلىپە شەيخ ئىبراھىمغا دەجلە دەرياسى باغچە ساراي ئەتراپىدىكى جايلىرىدا بېلىقچىلار بېلىق تۇتمىسۇن دەپ بۇيرۇق قىلغانىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بۇ تەرەپكە كېلىپ بېلىق تۇتماس بولغانىكەن. شۇ كېچىسى كېرەم دېگەن بىر بېلىقچى ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ قارىسا، باغنىڭ ئىشىكى ئوچۇق تۇرغۇدەك. ئۇ ئۆزىچە: ھازىر تازا بېلىق تۇتىدىغان ۋاقىت ئىكەن. شەيخ ئىبراھىم ئىشىكلەرنى ئېتىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا كېرەك. پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بېلىق تۇتۇپ كېتەي دەپ تورنى ئەمدى دەرياغا سېلىپ تۇرۇشىغا ئاياغ تىۋىشى ئاڭلىنىپتۇ. بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا، ئۈستىدە خەلىپە تۇرغان. ئۇ خەلىپىنى تونۇيدىكەن، خەلىپە ئۇنى تونۇيدىكەن: ھە، كېرەم! دەپتۇ خەلىپە. كېرەم ھوشىنى يوقىتىپ گاڭگىراپ قاپتۇ. ئەزبىرايى خۇدا، - دەپتۇ ئۇ خەلىپىگە قاراپ تەزىم قىلىپ تۇرۇپ، - مەن بۇ يەردە بېلىق تۇتقىنىم ئۈچۈن ئەيىبلىك. مەن بۇ ئىشنى سىزنىڭ بۇيرۇقىڭىزغا خىلاپلىق قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن ئاچلىق ۋە موھتاجلىقتىن قىلدىم. ئانداق بولسا، - دەپتۇ خەلىپە، - مېنىڭ بەختىمگە ئاتاپ تور تاشلا! كېرەم خۇش بولۇپ يىغىۋالغان تورىنى تاشلاپتۇ، بىر ئاز تۇرۇپ تورنى تارتىپتۇ. قارىسا، ھەر خىل بېلىقلار توردا تولۇپ تۇرغۇدەك. خەلىپە خۇرسەن بوپتۇ. ئەي كېرەم، - دەپتۇ خەلىپە، - بېلىقلارنى دەرھال توردىن ئېلىپ، دەستار - كىيىملىرىڭ بىلەن قوشۇپ ماڭا بەر. ئۇنىڭ ئورنىغا مېنىڭ بۇ كىيىملىرىمنى سەن كىيگىن. خەلىپىنىڭ كېرەمگە يېشىپ بەرگەن ئىككى تونىنىڭ بىرى ئىسكەندەرى، يەنە بىرى بەلە بەككى ئىكەن. كېرەم بېلىقنى توردىن يەرگە تۆكۈپتۇ. ئۆزىنىڭ سەللە - كىيمىنى سېلىپ بېرىپ، خەلىپىنىڭ سەللە - تونلىرىنى كىيىپتۇ. كېرەمنىڭ چاپىنىنىڭ يۈز يېرىگە ياماق سېلىنغان، ئۈچ يىلدىن بېرى يۇيۇلمىغان، قاسماق، قوپال، يىرىك، ئېغىر ئىكەن. ئۇنىڭ سەللىسىنىڭمۇ ئورالغىنىغا ئۈچ يىل بوپتىكەن. نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇچرىغانلا لاتىلارنى سەللىسىگە قوشۇپ ئوراپ تولىمۇ كېلەڭسىز قىلىپ قويغانىكەن. خەلىپە بېلىقچىنىڭ كىيىمى ۋە سەللىسىنى كىيىپتۇ. يۈزىنىڭ بىر قىسمىنى بەلۋاغ بىلەن ئوراپتۇ. ئەمدى يولۇڭغا ماڭ! دەپتۇ خەلىپە بېلىقچىغا. بېلىقچى خەلىپىنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ رەھمەت ئېيتىپ مۇنۇ شېئىرنى ئوقۇپتۇ:
مېنىڭ ھاياتىمنى قىلدىڭ باياشات،
نەسلىمگە ئۆمۈر بەردىڭ ئەي ئاتا.
بىزدەكلەر بەختىگە مەڭگۈ بول ھايات،
دەۋر سۈر، غەم كۆرمە، خۇش - خۇرام ياشا.
شېئىر تېخى تۈگىمەيلا خەلىپىنىڭ بەدىنىدە پىتلار ئوغلاق تارتىشىشقا باشلاپتۇ. ئۇ، بويۇنلىرىدىن گاھ ئوڭ قولى بىلەن، گاھ سول قولى بىلەن پىتلارنى تېرىپ ئېلىپ تاشلاشقا باشلاپتۇ. خەلىپە كۈلۈپ: شۇ نەرسىلەر بىلەن ئۆلمەي تىرىك ياشاپ كەپسەن. بۇنىڭ قورسىقىنى تويدۇرۇشقىمۇ ساڭا ئاسان توختىمىغاندۇر؟ دەپتۇ. ئەي ھۆرمەتلىك خەلىپە، - دەپتۇ كېرەم، - سىزنىڭ بەدىنىڭىز ئۇلارنى ھازىرلا كۆرۈۋاتىدۇ. ئەگەر بىرەر ھەپتە بىللە تۇرسىڭىز، سىزنىڭ بەدىنىڭىزمۇ ئۇرلانى سەزمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنى خىيالىڭىزغىمۇ كەلتۈرمەيسىز. ئۇنداقتا بۇ نەرسىلەرنى مەن دائىم بەدىنىدەم كۆتۈرۈپ يۈرىدىكەنمەن ۋە باقىدىكەنمەن، شۇنداقمۇ؟ دەپتۇ خەلىپە كۈلۈشنى داۋام قىلىپ. بىر نەرسە دېمەكچى ئىدىم دەپتۇ بېلىقچى ھىجىيىپ. نېمە دېمەكچى ئىدىڭ، ئېيت! دپتۇ خەلىپە. پايدىلىق بىرەر ھۈنەر ئۆگىنىپ قويۇش ئۈچۈن، بېلىق تۇتۇشنى خالىغان بولسىڭزى، سىز ئۈچۈن بۇ كېچە تېپىلمايدىغان كېچە بولۇپ قالىدۇ دەپتۇ بېلىقچى. خەلىپە بېلىقچىنىڭ سۆزىگە قوشۇلۇپ كۈلۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بېلىقچى خەلىپە بىلەن خوشلىشىپ، تورنى كۆتۈرۈپ ئۆيىگە كېتىپتۇ. خەلىپە بېلىقتىن بىر نەچچىنى ئېلىپ جەپەرنى ئايرىلىپ قالغان يېرىدىن ئىزدەپ مېڭىپتۇ ۋە ئۇنى ئويلاپ قورقۇنچ بېسىپتۇ. ئەي كېرەم، - دەپتۇ ۋارقىراپ جەپەر، - بۇ يەردە نېمە قىلىپ يۈرۈيسەن؟ تېزراق يوقال! خەلىپە ھازىر مۇشۇ يەردە، باغدا، ئەگەر ئۇ سېنى كۆرۈپ قالغۇدەك بولسا، بېشىڭنى ئالىدۇ! خەلىپە جەپەر ۋەزىرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كۈلۈپتۇ. جەپەر كۈلگەن كىشىنىڭ ئۆزى خەلىپە ئىكەنلىكىنى سېزىپ خىجىل بولۇپتۇ. ھە... سىز... مۆھتەرەم خەلپىمىز ئىكەنسىزغۇ؟ دەپتۇ جەپەر. ھە سەن ۋەزىرىم تۇرۇپ مېنى تونۇيالمىغاندىن كېيىن، - دەپتۇ خەلىپە، - شەيخ ئىبراھىممۇ قانداق تونۇسۇن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ ئۆزى ھازىر ساق ئەمەس. مەستلىكىدىن كۆزلىرى قىزارغان. سەن مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇر. مەن ھايال بولماي قايتىپ چىقىمەن. ئاندىن خەلىپە قەسىر تەرەپكە كېتىپتۇ. قەسىرنىڭ ئىشىكىگە بېرىپ، ئاستا ئىشىكنى قېقىپتۇ. ئېلى نۇرىدىن شەيخ ئىبراھىمغا قاراپ: ئىشىكنى بىرى قېقىۋاتىدۇ! دەپتۇ. كىم سەن؟ دەپتۇ شەيخ ئىبراھىم ئورنىدىن قوزغالماي. ئەي شەيخ ئىبراھىم، مەن، - دەپتۇ خەلىپە، - مەن كېرەم بېلىقچى، سېنى مېھمىنى بار دەپ ئاڭلاپ، بىر ئاز بېلىق ئېلىپ كەلدىم. ياخشى بېلىق. بېلىقنىڭ ئېتىنى ئاڭلاپ ئېلى نۇرىدىنمۇ، ئۇنىڭ كېنىزىكىمۇ خۇشال بولۇپ ئۆزىنى تۇتالماي قاپتۇ. ئۇلار بېلىقنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن. ئەي شەيخ ئىبراھىم، ئىشىكنى ئاچ، بېلىقنى ئېلىپ كىرسۇن دېيىشىپتۇ ئۇلار. شەيخ ئىبراھىم ئىشىكنى ئېچىپتۇ. خەلىپە بېلىقچى كىيىمىدە ئىچكىرى كىرىپتۇ. شەيخ ئىبراھىمغا سالام قىپتۇ. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئەي ئوغرى، قىمارۋاز، - دەپتۇ شەيخ ئىبراھىم، - قېنى بىزگە ئېلىپ كەلگەن بېلىقىنى مەن بىر كۆرەي. خەلىپە ئۇلارغا ئۆزى تاللاپ ئېلىپ كەلگەن بېلىقلارنى كۆرسىتىپتۇ. قارىسا بېلىقلار تېخى تىرىك، تىپىرلاۋاتقان، كېنىزەك خىتاب قىلىپ: ئەي ھۆرمەتلىك بېلىقچى، - دەپتۇ، - بۇ بېلىق شەكسىز ياخشىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە كۆپتىن - كۆپ رەھمەت. لېكىن قورقۇپ، پىشۇرۇلسا تېخىمۇ ئوبدان بولاتتى! ناھايىتى توغرا، - دەپتۇ شەيخ ئىبراھىم. كېيىن ئۇ، خەلىپىگە قاراپ، - نېمىشقا بۇنى قورۇماي تىرىك ئېلىپ كەلدىڭ؟ بار، قورۇپ كەل! دەپ بۇيرۇپتۇ.
مانا ھازىر، مەن سىزلەرگە قورۇپ ئەكىلىمەن دەپتۇ خەلىپە. بول تېز! دەپتۇ ئۇلار. خەلىپە يۈگۈرگىنىچە چىقىپ كېتىپتۇ. سىرتقا چىقىپ جەپەرنى چاقىرىپتۇ. جەپەر ۋەزىر: نېمە خىزمەت بار دەپ يۈگۈرۈپ يېتىپ كەپتۇ. ئۇلار ماڭا بۇ بېلىقنى قورۇپ ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇدى دەپتۇ خەلىپە. ماڭا بېرىڭ ئەي خەلىپە، مەن قورۇپ بېرەي دەپتۇ جەپەر ۋەزىر. بۇنى ماڭا قورۇشنى بۇيرۇدى. ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن، مەن بۇنى مەن ئۆز قولۇم بىلەن قورۇيمەن دەپتۇ خەلىپە. باغۋەننىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپتۇ. ئۇ يەردە زىخ، ساپلىق، تاۋا، كاۋاپدانلار تەييار ئىكەن، بېلىقنى تازىلاپ، ياخشىلاپ قورۇپ، بىر قۇر تۇز سېپىپتۇ. تەييار بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ئاتقۇلاق يوپۇرماقلىرى ئۈستىگە قويۇپ، باغچىسىدىكى لىمون ۋە دورا - دەرمەكلەردىن سېپىپتۇ، بېلىقنى ئېلىپ كىرىپ مېھمانلارنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ، ئېلى نۇرىدىن، كېنىزەك ۋە شەيخ ئىبراھىم يېقىن ئولتۇرۇپ يېيىشكە كىرىشىپتۇ. يەپ بولۇپ قوللىرىنى يۇيۇپتۇ. ئېلى نۇرىدىن بېلىقچىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ: بۇ كىشى بىزگە ناھايىتى چوڭ خىزمەت قىلدى، - دەپ، قولىنى يانچۇقىغا سېلىپ ئۈچ تىللا ئېلىپ بېرىپتۇ ۋە سۆزىنى داۋام قىپتۇ، - ئەي بېلىقچى، ئەپۇ قىلىڭ، ئەگەر ئاۋۋالقى ئەھۋالىم بولغاندا سىزنىڭ قىلغان بۇ خىزمىتىڭىز ئۈچۈن پېقىرلىق ئازابىدىن خالاس بولاتتىم. ھازىرقى ئەۋالىمغا يارىشا بەرگەن بۇ ئەرزىمەس پۇلۇمنى ئېلىڭ! خەلىپە پۇلنى ئېلىپ رەھمەت ئېيتىپتۇ. خەلىپىنىڭ مەقسىتى كېنىزەكنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاش ئىكەن. ئۇ ئېلى نۇرىدىنغا: مەرھىمىتىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت. لېكىن مەن چەكسىز ئىلتىپاتىڭىزنى كۈتۈپ، بۇ قىزنىڭ يەنە بىر قېتىم ناخشا ئېيتىپ بېرىشىنى سورايتتىم دەپ ئىلتىماس قىپتۇ. ئەي، ئەنسۇلجەلىس، - دەپتۇ ئېلى نۇرىدىن، - بېلىقچى ناخشاڭنى ئاڭلاشنى خالايدىكەن، بۇ كىشىنىڭ خۇشلۇقى ۋە مېنىڭ يۈز خاتىرەم ئۈچۈن بىزگە يەنە بىر ناخشا ئېيتىپ، ساز چېلىپ بەر. كېنىزەك شۇ ھامانلا سازنى قولىغا ئېلىپ تارلىرىنى تەڭشەپتۇ. كېيىن سازنى چېلىپ مۇنۇ غەزەلنى ئوقۇپتۇ:
تۇر، ئەي سەنەم شوخ پەدىگە چالغىنا،
ناخشاڭ بىلەن دېدى: - كۆڭلۈم ئالغىنا،
سەنئەتلەرنىڭ ياخشىسىدۇر ناخشا - ساز،
مەي بەرگەندەك دىلنى خۇشال قىلغىنا.
ساز ئۈستىدە يورغىلىسا ئاپئاق، نازۇك بارمىقىڭ،
قىلدەك تارلار سايرار خۇددى قەلبىمدىكى تۇيغۇدەك.
نازلار بىلەن كۆزلەر قىسىپ ئوينىسا قاش - قاپىقىڭ،
جاننى ئالار ئىلكىگە، ساڭا قارار تويغۇدەك.
ھەر پەدىنى باسقىنىڭدا ئاھاڭى باشقا چىقار،
نىم پەدە مەرغۇللىرى ئېلىپ قاچار خىيالنى...
تەلپۈنىمەن كۆز ئۈزمەستىن ئىلاجىسىز ئەي نىگار،
كۆزلىرىڭگە كۈزۈم چۈشسە، تىترەك باسار بۇ جاننى...
غەزىلىڭنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئەمدى قالدىم بالاغا،
شۇندىن بېرى نەسىھەتمۇ ھېچ كىرمىدى قۇلاققا.
كۆڭلۈمنى قايتۇرما كۆپ، بارى ئۇچتى ھاۋاغا،
ئېيت ناخشاڭنى، ئېيت يەنە مۇشۇ ئىككى مۇشتاققا.
ئۇنىڭدىن كېيىن دىلنى ۆزىگە تارتىدىغان ياقام پارە دېگەن پەدىگە يۆتكەپ چاپتۇ. ئەقىلنى ئوغرىلاپ، كىشىلەرنىڭ شېرىن جانلىرىنى تۇيدۇرماي ئالغۇچى بۇ سازغا قوشۇپ مۇنداق غەزەل ئوقۇپتۇ:
شەھىرىڭىزگە كەلگەن كۈنى قىزىق خەۋەر ئاڭلىدىم:
شەھىرىمىزنىڭ كېچىسى ئايسىز يورۇق، سەھەردەك.
بۇ خەۋەرنىڭ مەنىسىنى سىزنى كۆرۈپ چۈشەندىم،
سىز سىز بولماس ئىدى بۇ يەر، ئايسىز يورۇق شەھەردەك.
كۈندۈز ئۇخلاپ، تۈندە قىلغاچ سەيلى ئەتراپ - باغلارنى،
يۈزىڭىزدىن ئۇخلاپ، تۈندە قىلغاچ سەيلى ئەتراپ - باغلارنى،
يۈزىڭىزدىن باغ يورۇدى، نۇرغا تولدى شەھەرمۇ...!
تۈننىڭ يۈزى قارا ئىدى، يۇدىڭىز سىز داغلارنى،
بۇ شەھەردىن تۈن يوقالدى، سۈزۈلدى تاڭ - سەھەرمۇ!...
خەلىپە ھەيرانلىق ئىچىدە ھاياجانلىنىپ، خuشلۇقىدىن: ياخشى، ياخشى... خۇدا ھەققى ياخشى... دەپ، توختىماي ئالقىشلاپتۇ. ئېلى نۇرىدىن: ئەي بېلىقچى، بۇ كېنىزەك ۋە ئۇنىڭ ناخشا - سازى سىزگە ياقتىمۇ؟ دەپ سوراپتۇ. ئەزبىرايى خۇدا، ياقتى دەپ جاۋاب بېرىپتۇ خەلىپە. ئېلى نۇرىدىن: ياققان بولسا بۇ كېنىزەك مەندىن سىزگە سوۋغا بولسۇن، بۇرۇندىن تارتىپ ھەدىيە قىلىنغان نەرسە قايتمايدىغان ئادەت بار. مەنمۇ قايتۇرۇپ ئالمايمەن دەپتۇ. شۇ زامان ئورنىدىن تۇرۇپ بېلىقچىغا قىزنى ئېلىپ كېلىپ تۇتقۇزۇپتۇ ۋە بىللە ئېلىپ كېتىشنى بۇيرۇپتۇ. ئەنسۇلجەلىس ئېلى نۇرىدىنغا قاراپ مەيۈسانە بىر قىياپەتتە: ئەي ھۆرمەتلىك خوجام، خوشلاشماستىن كېتەمسەن؟ ئەگەر بۇ مەجبۇرىي بولسا، توختاپ تۇرغىن، مەن سەن بىلەن خوشلىشىپ يۈرەك سۆزۈمنى ئېيتىۋالاي دەپ مۇنۇ شېئىرنى ئوقۇپتۇ:
ئەجەپ قاتتىق تۇيۇلدى بۇ جۇدالىق،
ئىدۇق ھەر ئىككىمىز بىر جۈپ خۇمالىق.
قانىتىم سۇندى  شۇ دەم قايرىلىشتىن،
ئۈلۈم ئارتۇق ماڭا بۇ ئايرىىشتىن.
ئۆتمۈش ئىشق ئەپسانىسى مېنى ئېزەر ھەر دائىم،
بىچارىلەر مەندەك ئادەم، مەندەك ئاشىق دەر بەدەر.
سەن ئېيتقىنا، ئەپسانىنى توقۇغانلار ئۆزى كىم؟
ئاشىقلارنى مۇبالىغە قىلغان تۆھمەت شۇ قەدەر!...
كۆز يېشىدىن دەريا ياساپ ئاققان ئاشىق كىم ئىكەن؟...
ئېقىپ پۈتسە كۆز ياش بىلەن ئاقمىغانىدىم مەن ئۆزۈم.
كۆز يېشىنى مارجان قىلىپ ئاسقان مەشۇق كىم ئىكەن؟...
كۆز ياش قېنى؟ بىر كۈلۈپمۇ باقالمىدى گۈل يۈزۈم.
ئەي شاھزادەم، ئۇلۇغلۇققا، زور ھۆرمەتكە مالىك زات،
سەن مېنى دەپ قولدىن بەردىڭ تاج - تەخت مىراسىڭنى...
مەن يېنىڭدا يوق ئەمدى، ساڭا تىلەپ بەخت - ھايات،
كۆزلىرىمدە سۈرتەي سېنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ئىزىڭنى...
تارتۇق قىلدىڭ بىر كىشىگە مېنى مەيلى مەن رازى،
ئۈمىدىم بار: ئۇ بۈيۈك زاد، غېرىپ باشنى سىلار دەپ.
مۇھەببەتلىك قەلبىن بىلەن ساڭا قىلاي تەۋەززۇ،
ئۇزاق يەردىن ئەزىز قىلىمەن مېنى ئۆزى بىلەر، دەپ.
بۇ شېئىرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئېلى نۇرىدىن كېنىزەككە شئىر بىلەن مۇنداق جاۋاب قايتۇرۇپتۇ:
ئەي سىردىشىم، سەندىن جۇدا بولدۇم شۇ دەم،
يىغلار كۆزۈم ئەتە - ئاخشام ھىجرىڭ بىلەن.
سەنسىز باسار ئەمدى مېنى كۈلپەت - ئەلەم،
ياخشى كۈنلەر يوقتۇر ماڭ دەردىڭ بىلەن.
جۇدا بولۇش كۈنى يار مەن بىلەن ۋىدالاشتى،
دېدى: ئەمدى قانداق بولار سېنىڭ ھالىڭ؟...
دېدىم: جانۇ كۆڭۈل ئەھدى باغلاشتى، بېرىپ ساقلاش ئۈچۈن لەۋ، يۈزدىكى خالىڭ.
خەلىپە قىزنىڭ مىسرالىرى ئارىسىدىكى: تارتۇق قىلدىڭ مېنى بىر كىشىگە دېگەن قۇرنى ئەسلەپ، بۇلارنى بىر - بىرىدىن ئايرىش ناھايىتى ئېغىر ئىش ئىكەنلىكىنى سېزىپتۇ. كېيىن ئۇ يىگىتكە قاراپ: بۇ قىز ھازىر ئۆز مىسرالىرىنىڭ بىرىدە، قىزنى دەپ شاھلىقتىن، مىراسىڭدىن ۋە كەچكىنىڭنى ئېيتتى. ماڭا راستتىنى ئېيقىن: كىم بىلەن دۈشمەنلەشتىڭ؟ كىم سېنىڭ ئارقاڭدىن نېمە ئۈچۈن ئىزدەيدۇ؟ ياكى بىر جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ يۇرتۇڭدىن ئايرىلغانمۇ؟ ئەي بېلىقچى، ئاجايىپ بىر مۈشكۈل ئىشنى سورىدىڭ، - دەپتۇ ئېلى نۇرىدىن، - بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن ئىش باشقىلارنىڭ بېشىغا چۈشمىسۇن. شۇ سەرگۈزەشتىنى ئېيتىپ، بىزنى ئەھۋالدىن خەۋەردار قىل! چۈنكى، بىرەر ئاسانلىق ياكى بىزدىن بىرەر ياخشى مەسلىھەت چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، مەسلىھەت بىلەن يامانلىقتىن ياخشىلىققا ئايلانغان ئىش كۆپقۇ! دەپتۇ خەلىپە. ئېلى نۇرىدىن بېلىقچىغا قاراپ: شېئىر بىلەن ئېيتىپ بېرەيمۇ ياكى نەسرى سۆز بىلەن ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ دەپ سوراپتۇ. چېچىلغان نۇتۇق سۆزدۇر، تىزىلغان نۇتۇق دۇردۇر دەپ جاۋاب بېرىپتۇ خەلىپە. ئېلى نۇرىدىن بېلىقچىدىن بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، كېيىن شېئىر بىلەن ۋەقەنى تۆۋەندىكىچە ھېكايە قىپتۇ:
سوراپ قالدىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشنى،
بىزنى ۋەيران قىلغان سىرنى ئېچىشنى.
ئېزىز دوستۇم، يېقىن كەل، ئاڭلا زارىن،
خازان بىلەن ئالماشتى ياش باھارىم.
ئاتام ئىدى بەسردە ئالىي مۇقام،
ئۇنىڭ كۈنى بولمايتتى مەنسىز تامام.
ئاتامنىڭ سۆيۈملۈك دىلبەندى ئىدىم،
يالغۇز ئوغلى، كۆز نۇرى پەرزەنتى ئىدىم.
ئېلىپ بەرگەن ئىدى ماڭا كېنىزەك قىز،
ئىلمۇ پەندە يەككە ئىدى يەنە تەڭسىز.
ئۆيۈم تولدى گۈلگە ئۇنىڭ يۈزىدىن،
لەززەت ئالدىم ئۇنىڭ شېكەر سۆزىدىن.
ئۇ ماڭا ۋاپادار يار بولدى،
قېشىمدا كېچە - كۈندۈز بار بولدى.
ۋاپات بولدى ئاتام، چۈشتى جۇدالىق،
مال - مۈلكى ماڭا بولغاندا تالىق.
دۇچار قىلدى شۇم پەلەك ھادىسىغا،
ئېشىم تولدى پەلەكنىڭ ئوغىسىغا.
ھەممە مىراس ماڭا بولدى باقاسىز،
گۆھەرلەر بار ئىدى ئەجەپ باھاسىز.
كېتىپ ئۇ ماڭا، كەلدى يامان كۈن،
كېيىن قىزغا تىكىلدى شۇم بەختى كەلكۈن.
قېلىپ ئاقىۋەت موھتاجى نان بىز.
كېنىزەك دېدى:
سېتىڭ مېنى سىز!
يېتەكلەپ سۆيگۈنۈمنى بازارغا كەلدىم،
گۇناھسىز يارنى مەن دارغا ئەكەلدىم.
مېنىڭ ھالىمنى تەسۋىرلەشكە تىلىم يوق،
ئۆزۈم يولدا ۋە لېكىن ئەقلى - ھوشۇم يوق!
يېتىلەپ يارنى مەن بازارغا كىردىم،
كۆزۈم ئالدى قاراڭغۇ، غارغا كىردىم.
كۆزۈم ئاچسام ئۇ يەردە قاتار خېرىدار،
سۆز ئاچقۇچە پۇل تۆلەپ ئالماققا تەييار.
كېلىپ دەللال يېقىن، تۇتتى قولۇمدىن،
مېنىڭچۈن بولدى ئۇ، ئارتۇق ئۆلۈمدىن.
بازار ئەھلى ھەممىسى بولدى جەمئىي،
ئۇنىڭ باھاسىنى قىلماقچى بەيئىي.
شۇ چاغدا يېتىپ كەلدى بىر قېرى مەككار،
بۇ قىزنى ئۇ كۆرۈپ بولدى خېرىدار.
بۇنى كۆرۈپ بازارنىڭ كەيپى سۇندى،
بۇ قىزىڭ تىزدا يېرىم باھاسى تىندى.
كېلىپ دەللال يېقىن، دېدى ئاستا:
ئۇنىڭغا ساتما، بۇنى بۇلغىماستا.
ئۇرۇپ مەن نىگارنىڭ يۈزىگە تەستەك،
ئېلىپ ماڭدىم بازاردىن خۇددى مەستەك.
يېتىپ ماڭا تىل سالدى قېرى ئەبلەخ-
سۇلتاننىڭ ۋەزىرى ئىدى ئۇ بەدبەخ.
ئېلىپ ئۇنى مەن ئاتتىن يىقىتتىم،
مىلاپ لايغا، قان قىلىپ، مۇشتنى تېتىتتىم.
بېرىپ ئۇ، سۇلتانغا مېنى چېقىپتۇ،
ئارىدا بولغان ئىشنى ئېيتىپتۇ.
ئېلىپ كەلدىم بۇ قىزنى ئۆيگە شۇئان،
يېتىپ كەلدى سارايدىن بىر قەدىردان.
ئاتامنىڭ دوستى ئىدى ماڭا ھەمدەم،
ۋاپادارلىق قىلىپ ھالىمغا يەپ غەم،
ئېلى نۇرىدىن دېدى:
تېز قاچمىساڭ بۇندىن ئەگەردە، ھاياتىڭ قالغۇسى خەۋپۇ خەتەردە.
ئەمرى قىلدى سۇلتان تۇتماققا سېنى،
مېلىڭنى ئېلىپ، دارغا ئاسماققا سېنى.
كۈن چىقماي تۇرۇپ ئۆزۈڭ چىقىپ كەت!
ئۆزۈڭنى بۇ بالادىن تېز خالاس ئەت!...
ئىككىمىز تۈندە قېچىپ بولدۇق راۋان،
تار بولدى بىز ئۈچۈن بۇ كەڭرى جاھان.
يۈرۈپ باغدادقا كەلدۇق ئاچ ۋە ھارغىن،
تۈنەشكە جاي تاپالماي بىز ئىككى مىسكىن.
كەچۈردۇق ياقا يۇرتتا بىز  ئېغىر كۈن،
چىقىرىپ ئاھ دىن ئوت، غەمدىن تۈتۈن.
ئېزىز دوستۇم ساڭا دىلدىن ئەزىزىم:
دېگىن راستتىنى ماڭا، بولسا قەرزىم.
شۇ قەرزىمگە بۇنى ئال ياكى ئالما،
ماڭا قىلغان خىزمىتىڭگە ئارماندا قالما!
كېنىزەك ئەمەس بۇ ماڭا تەندىكى جان،
ساڭا قىلدىم ھەدىيە بۇ جاننى شۇئان.
قولۇمدا قالغىنى شۇ سۆيۈملۈك يار،
ساقايدى ئاچلىقتىن بولغاندى بىمار.
بۇ تەقدىر ئەزدى شۇنداق مېنى قىلىپ خار،
جاھاننىڭ كارى شۇنداق، بەزىدە تار.
ئېلى نۇرىدىن شېئىرنى تۈگىتىپتۇ. خەلىپە ئۇنىڭغا: ھەي ھۆرمەتلىك ئېلى نۇرىدىن، ماڭا ئەسلىي تەرجىمھالىڭنى يەنىمۇ ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتىپ بەر! دەپتۇ. ئېلى نۇرىدىن ئەسلىي - نەسلى ۋە تارىخىنى ئۇجۇر - بۇجۇرىغىچە سۆزلەپ بېرىپتۇ. خەلىپە ۋەقەنىڭ تېگىگە يېتىپتۇ. ھازىر قاياققا ماڭدىڭ؟ دەپ سوراپتۇ خەلىپە. خۇدانىڭ يېرى كەڭ، شەھەرلىرى نۇرغۇن. بېشىم قاياققا قايسا، شۇ تەرەپكە ماڭىمەن دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئېلى نۇرىدىن. بولمىسا، - دەپتۇ خەلىپە، - مەن ساڭا بىر خەت يېزىپ بېرەي، سەن ئۇنى بەسرە سۇلتانى مۇھەممەد ئىبنى سۇلايمانۇزەينىگە بەر، ئۇ خەتنى ئوقۇپ كۆرگەندىن كېيىن، ساڭا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزمەيدۇ، سېنى رەنجىتمەيدۇ...
قىسسە شۇ يەرگە يەتكەندە تاڭ ئاتتى، شەھرىزاد ھېكايىسىنى توختاتتى.

باش ۋە ئاخىرى بۇ يەردە
http://www.bilqut.com/bbs
بىلقۇت باغچىسى
[ بۇ يازما kuysoyar تەرپىدىن 2008-04-08 15:16 دە قاي ]
تېما تەستىقلىغۇچى : manggutax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-04-08, 06:20
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-04-08 14:10 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
maptun
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 15797
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1087
شۆھرەت: 421 نۇمۇر
پۇل: 2136 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 126(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

مەن 15مىنۇتتا ئوقۇپ بولدۇم،يازغىچە قانچىلىك ۋاقىت سەرىپ قىلغانسېز؟رەھمەت..........
qarluq
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-08 14:35 |
gul~sanam
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 28036
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 112
شۆھرەت: 112 نۇمۇر
پۇل: 478 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-09

 

رەخمەت سىزگە ،مەن خۇددى كىچىك ۋاختىمغا قايتقاندەكلا بوپ قالدىم بۇ ئەسەرنى كۆرۈپ،يەنى رەھمەتلىك دادامنى ئەسلەپ قالدىم چۈنكى دادام ئوقۇپ بىرەتتى ماڭا  .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-08 14:39 |
Chuxay
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 17954
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 385
شۆھرەت: 385 نۇمۇر
پۇل: 1181 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 6 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

رەھمەت..........
retim BLOG
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-08 21:38 |
uqkurparixta
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29016
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
پۇل: 7 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-13

 

قانداقمۇ يىزىپ بولغانسىز!!!
كۆپ ئاۋارە بوپسىز.     
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 12:59 |
篮球美女
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29012
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 268
شۆھرەت: 283 نۇمۇر
پۇل: 918 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 113(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

ۋاي - ۋۇي نىمانداق كۆپ خەت بۇ ، قانچىلىك ۋاقىت كەتكەندۇ بۇلارنى يىزىپ بولغۇچە .
لىكىن بۇ قىلغان تىرشچانلقىڭىزغا مەن قول قويدۇم جۇما .

توۋا ما مۇنبەردىكلەرنىڭ كۆپىنچىسنىڭ دەرىجىسى ئەجەپ بەك سەت چۈشۈپ كىتىپتۇ يا ....... خۇددى مەن ئالي ئەزالىقتىن يېڭى ئەزاغا ئايلىنىپ قالغاندەك    
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 13:13 |
kalkvn117117
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 303
شۆھرەت: 313 نۇمۇر
پۇل: 93 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 51(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

ئاجايىپ رىۋايەتكەن .
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 20:30 |
keran
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 8263
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 808
شۆھرەت: 230 نۇمۇر
پۇل: 1383 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 112(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

رەخمەت سىزگە
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 16:41 |
osman8
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29268
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 106 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-07

 

    
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 18:37 |
nuralim
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29288
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 106 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-07

 

رەخمەت  سىز گە  
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 21:04 |
QOGHLANI
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 633
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 992
شۆھرەت: 213 نۇمۇر
پۇل: 1636 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-11-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

1001- كىچىگە بىرىپ بولغۇچە ھىرىپ كەتكۈدەكسىز.............
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 21:20 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﭼﯚﭼﻪﻙ - ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :09-17 17:40
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号