ئەسلى تولۇق يوللىماقچى ئىدىم مەزمۇن ئۇزنلىقى ئىشىپ كەتتى دەپ ماڭمىدى شۇڭا ھازىرچە مۇشۇ ئىشپكەتمىگەن يىرىگىچە يوللاپ تۇردۇم ئىشىپ كەتكەن قىسىمنى مەنبەدن كۆرۋالغايسىلەر
باش كىيىم: باش كىيىم تىكىلگەن ماتېرىيال ۋە ئۇنىڭ رولىغا قاراپ بۆك (دوپپا)، قالپاق، تۇماق دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. بۆك ئاساسەن ياز، كۈز پەسىللىرىدە باش مېڭىدىن ئاپتاپ ئۆتۈپ كېتىشىتىن ساقىلىنىش ئۈچۈن، تۇماق قىش ۋە باش ئەتىياز كۈنلىرى سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن كىيىلىدۇ. بۆك، قالپاق، تۇماق كىيگۈچىنىڭ جىنىس پەرقىگە قاراپ يەنە «ئەرەنچە»، «ئايالچە» دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىد.
1( بۆك )دوپپا( ۋە ئۇنىڭ شەكلى: بۆكنىڭ تۈرى كۆپ، شەكلى ھەر خىل، ئەمما ئۇنىڭ قەدىمكى شەكلىنىڭ قانداقلىقى نامەلۇم. «دىۋان» دىمۇ سۆزلەم ئورنىدا «بروك» دەپ بېرىلىپ شەكلى توغرىسىدا بىر نەرسە دېيىلمىگەن. لېكىن 90 دىن ھالقىغان پېشقەدەملەرنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە قەدىمكى بۆك سىيدام، كېزەكسىز، تالالىق ئىكەن. «بۆك» كېيىنچە «دوپپا» دەپ ئاتىلىدىغان بولغان. «باشىمىدىكى دوپپام سەككىز تالا، تۆتى ئالا، تۆتى قارا، ئالتە ئاي ئوتۇڭدا كۆيسەم، بىلمىدىڭ كۆڭلى قارا» دېگەن قوشاق شۇ ئاساستا توقۇلغان بولۇشى مۇمكىن. كېيىنچە دوپپىنىڭ ھەر خىل تۈرى مەيدانغا كەلدى.
دوپپا ئادەتتىكى سىيدام يىپ رەخت ۋە رەڭدار سىيدام يىپەك رەختتىن تىكلىدۇ، ئۇنىڭ تۈرىمۇ كۆپ. مەسىلەن، شاپاق دوپپا، سىيدام ۋە گۈللۈك دۇخاۋا دوپپا، بادام دوپپا، گېلەم دوپپا، چىمەن دوپپا، ئۈنچە دوپپا، ئالتۇن قاداق دوپپا، تاجىلىق دوپپا قاتارلىقلار. بۇ دوپپىلار ئىچىدە ئۈنچە دوپپا، ئالتۇن قاداق دوپپا، تاجىلىق دوپپىنى پەقەت ئاياللار كىيىدۇ. شاپاق دوپپا ئادەتتىكى رەختتىن ، سىيدام ۋە گۈللۈك دۇخاۋا دوپپا رەڭدار سىيدام دۇخاۋا ۋە تاۋاردىن تىكىلىدۇ. ئالتۇن قاداق دوپپىمۇ سىيدام رەڭدار دۇخاۋىدىن تىكىلىدۇ. ئەمما مەشۈت يىپتا تىكلىدىغان گۈل ئورنىغا تۆپىلىكىنىڭ ۋە كېزىكىنىڭ تۆت يېرىگە ئالتۈندىن ۋايىغا يېتىپ ئېچىلغان گۈل نۇسخىلىق بېزەك )كېزەككە(، پەرۋاز قىلىپ ئۇچۇۋاتقان كېپىنەك نۇسخىلىق بېزەك قادىلىدۇ. تاجىلىق دوپپىغا ئالتۇن - كۈمۈشتىن ھەر خىل گۈل جۇلالە قادىلىدۇ. گېلەم دوپپا گېلەمدەك رەڭدار مەشۈت يىپتا بۆجۈپ تىكىلىدۇ. ئۈنچە دوپپىنىڭ گۈلى پۈتۈنلەي ئۈنچىدە تىزىپ چىقىرىلىدۇ. بادام دوپپىنىڭ گۈلى بادام شەكىلدە ئاق مەشۈت نام ئالغان.
ئادەتتىكى رەختتىن )ئاق خەسە( تىكىلگەنلىرى ئاساسەن سىيدام، تۆپىلىكى ئۈچ بۆلەك ياكى پۈتۈن، كېرەكسىز بولۇپ ئۇششاق شىرىقلىق كېلىدۇ. بۇنىڭ يەنە تۆپىلىكىنىڭ تۆت يېنىغا قارا ياكى سۇس سۆسۈن يىپتا ئاددىي كەشتە قىلىنغان تۈرىمۇ بولۇپ، ئىككى خىلىلا ئەستەرسىز، يۇمشاق كېلىدۇ. ھازىر ياشانغانلار ئىچىدە مۇشۇ خىلدىكى دوپپا كىيىش يەنىلا داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
يىپەك رەختتىن تىكىلىدىغانلىرىمۇ سىيدام، گۈللۈك ئىككى خىل كېلىدۇ. سىيداملىرى ئالما ئۇرۇقى، گۆش رەڭ ياكى قارا يېشىل دۇخاۋا ياكى تاۋاردىن تىكىلىدۇ. شەكلى تۆپىلىكىنىڭ تۆت يېنىغا رەڭدار مەشۈت يىپتا ھەر خىل گۈل - چېچەك نۇسخىلىرى چۈشۈرۈلىدۇ. بۇ خىلدىكى دوپپا ئەستەرلىك، قاتتىقراق كېلىدۇ. تاشلىق )گۈل تىكىلىپ بولغاندىن كېيىن( بىلەن ئەستەرلىك شىلىم بىلەن قاتۇرۇلۇپ ئاندىن تارراق ئارىلىق قالدۇرۇلۇپ تىكىگە ئۇششاق شىرىش بىلەن ھەر بىر ئارىلىققا پاختا ياكى قەغەز بىلەن پىلتە بېرىلىدۇ. شۇڭا ئۇ قاتتىقراق، ئىسكەتلىك، كۆركەم، كېلىدۇ. يىپ رەختتىن تىكىلگەن بۆك ئەستەرسىز، يۇمشاق كەلگەچ «شاپاق بۆك» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شاپاق بۆكنىڭ يەنە بىر خىلى بولۇپ، ئۇ ئادەتتىكى شاپاق بۆكتىن ئالاھىدە پەرقىلىنىدۇ. بۇ خىلدىكى شاپاق بۆك، ئۈچ تالا، ئەستەرلىك، جىيەكلىك بولۇپ رەڭدا مەشۈت يىپتا ھەر بىر تالانىڭ مەركىزىگە ۋايىغا يىتىپ ئېچىلغان گۈل نۇسخىسى چۈشۈرۈلۈپ، ئەتراپى «قوش ئاستى ئۈستى S » شەكىلدە زەنجىرىسىمان )قىزغۇچ سېرىق مەشۇت يىپتا( قىلىپ كەشتىلىنىدۇ. بۇ ئەستەر بىلەن قوشۇپ كەشتىلەنگەچكە كىرلىشىپ كەتكەندە يۇسىمۇ يەنىلا ئىسكەتىدىن كەتمەيدۇ. يۇقىرىلاردىن باشقا بۆكنىڭ يەنە بىر خىلى بولۇپ «تاقىيە» دەپ ئاتىلىدۇ. تاقىيىنىڭ تۆپلىكى تۈز، جېيىكى كەڭ، ئۆرە كېلىدۇ. ئەستەر ئېلىنىپ ئاساسەن قارا مەخمەل ياكى قارا جىپەرقۇت ياكى قارامتۇل رەختتە شىرىپ تىكىلىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا ئەرلەر كىيىدۇ.
ئەرەنچە بۆك: يازلىق شاپاق بۆك خاس ئەرەنچە بۆك قاتارىغا كىرىدۇ. مۇندىن باشقا ئۈچ خىل رەڭدىكى سىيدام، گۈللۈك دۇخاۋا بۆكلەرنى ئەرلەر ۋە ئاياللارمۇ كىيىدۇ. ئەمما ئاياللارنىڭ شەكلى ئوخشىمايدۇ.
ئايالچە بۆك )دوپپا(: ئاياللار شاپاق بۆك كىيمەيدۇ. ئاياللارنىڭ سىيدام ۋە گۈللۈك تىكىلگەن بۆكلىرى بىر قەدەر تېيىز، بىر قەدەر نەپىس، گۈلى شوخ كېلىدۇ. ئايالچە يەنە بىر خىل بۆك بولۇپ، شەكلى تاقىيىسىمان جىيەكنىڭ ئۈستىگە قېنىق مەشۇت يىپتا قىلىنغان پۆپۈك قوندۇرۇلىدۇ. بۇنى ئاساسەن ياش جۇۋان - چوكانلار كىيىدۇ.
بۆك )دوپپا( : جىنىس پەرقىگە قاراپ پەرقلەندۈرۈلگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ياش قۇرامىغا قاراپ پەرقلەندۈرۈلمەيدۇ. ئەمما ياشانغان ئەرلەر ئاساسلىقى ئاق شاپاق بۆك؛ ياشانغان ئاياللار رەڭگى سۇسراق، گۈلى ئاددي - ساددا بۆك كىيىدۇ.
2) ياغلىق ۋە ئۇنىڭ شەكلى : ئاياللار بۆك كىيگەندىن تاشقىرى بېشىغا يەنە ياغلىق، لېچەك، چۈمبەل، پەرەنجىمۇ سالىدۇ (ئارتىدۇ). «ياغلىق» ئومۇم ئاتالغۇ بولۇپ، «رومال»، «شال» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
(1) ياغلىق: ياغلىق ئىشلەنگەن خام ئەشياسىغا قاراپ «داكا ياغلىق». «يىپ ياغلىق»، «شايى ياغلىق»، «پەرەڭ ياغلىق» ، «تىۋىپ شال (رومال)»، «غىجىم رومال» دەپ ئاتىلىدۇ. داكا ياغلىق، يىپ ياغلىق، ئادەتتە بىر يېرىم مېتىر ھېسابىدا تۆت چاسا (كۋادرات شەكلىدە) كېلىدۇ. داكا ياغلىق ئاق داكىدىن قىلىنىدۇ. يىپ ياغلىق خوما رەڭ، جىگەر رەڭ پاختا يىپتا ئۇششاق كۆز چىقىرىپ توقۇلىدۇ. شايى ياغلىق، پەرەڭ ياغلىق، غىجىم رومال ھەممىسى مەشۇتتە توقۇلغان بولۇپ، غىجىم رومال ھەممىسى مەشۇتتە توقۇلغان بولۇپ، شايى ياغلىقتىن قالغانلىرى كېيىنكى دەۋرلەردە غەرب ئەللىرىدىن كىرگەن. شايى ياغلىق، خوتەن، قەشقەرنىڭ قول سانائەت مەھسۇلاتى بولۇپ، سىيدام، رەڭگى ئاق، سېرىق، ھاۋا رەڭ، ناۋات رەڭ، قىزىل كېلىدۇ، پەرەڭ ياغلىق ئاساسەن ئاق، ناۋات رەڭ، ھال رەڭ كېلىدۇ. تۆت بۇرجىكى ۋ ئوتتۇرىسىدا چىلان ياكى يوپۇرماقسىمان كۆپتۈرمە ياكى باسماق گۈل نۇسخىلىر بولىدۇ. غىجىم رومال ئوتتۇرىسىغا ھەر خىل ئۇششاق تۈشۈكلۈك كۆپتۈرمە گۈل نۇسخا چىقىرىلغان بولۇپ تۆت گىرۋىكى چۇچۇلۇق كېلىدۇ. تىۋىت شالنىڭ رەڭگى ھەر خىل بولۇپ، ئاساسەن سىيدام كېلىدۇ. شايى ياغلىق، رەڭدار پەرەڭ ياغلىقنى ياش ئاياللار، ئاق شايى ياغلىق، ئاق داكا ياغلىقنى ئاساسەن ياشانغانلار سالىدۇ. غىجىم رومال قىزلارنىڭ مۇھىم تويلۇق باش كىيىمى. قىزلار توي كۈنى بېشىغا غىجىم رومال سالىدۇ، ياش قىزلار ئادەتتە بېشىغا رومال سالماي دوپپا كىيىپ يۈرىدۇ. ياتلىق بولغان ياش ۋە ئوتتۇرا، ھەتتا يېشى توختىغان ئاياللارمۇ غىجىم رومال سالىدۇ.
(2) لېچەك : ئاساسەن ئاق بۆز ياكى خەسىدىن تىكىلىدۇ. ياشانغان ئاياللار ئاساسلىقى بېشىغا لېچەك سالىدۇ.
(3) چۈمبەل: ئاساسەن شالاڭ توقۇلغان بۆز ياكى داكىدىن تىكىلىدۇ. رەڭگى قارامتۇل، ئۇزۇنلۇقى تەخىمىنەن 60 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 40 سانتىمېتىر بولۇپ، يۈزگە ئارتىلىدۇ. چۈمبەل قارا يىپتا ئۇششاق تۆشۈكلۈك قىلىپمۇ قويۇلىدۇ.
(4) پەرەنجە (ئاخپىبجەمۇ دېيىلىدۇ) : ئەمەلىيەتتە يەڭسىز يالاڭ ئۇزۇن چاپان بولۇپ، ياتلىق بولغان ئاياللار تالا - تۈزگە چىققاندا بېشىغا ئارتىپ يۈزىگە چۈمبەل ئارتىپ چىقىدۇ. پەرەنجە ئارتىش ئەسلى ئۆزبىك ئاياللىرى ئىچىدە ئومۇملاشقان ئادەت بولۇپ، كېيىن ئۇيغۇرلار ئىچىگىمۇ تارقالغان.
ئاياللار بېشىغا ياغلىق سالغاندا، ياغلىق ئۈستىگە دوپپا كىيىدۇ ياكى بىۋاسىتە باشقا ئارتىدۇ. ئاياللارنىڭ بېشىغا ياغلىق سېلىش ھېيىزى سەمەت ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئادەت بولۇپ، ئاياللار يۈزىنى ئەتمەيتتى. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىننى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئاياللارنىڭ يۈز ئېتىشى تەدرىجىي ئادەت تۈسىنى ئالغان. چۈنكى ئىسلام دىنىدا ئاياللار يات ئەر كىشىگە كۆرۈنسە «نامەھرەم» دەپ قارىلىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياغلىق سېلىشى ئىسلام دىنىنىڭ بۇ قائىدىسىگە ماس كەلگەچكە، ئۇيغۇر فېئودال دىنى ئىمتىياز ئىگىلىرى ئۇنى ئۆز ئېھتىياجىغا بويسۇندۇرۇش يۈزىسىدىن ئاياللارنى ياغلىقتا يۈزىنى ئېتشنى كۈچلۈك تەرغىپ قىلغان، ھەتتا يۈزىنى ئەتمەي تالا - تۈزگە چىققان ئاياللارنى دەرلەشتەك زورلۇق ۋاستىلىرىنىمۇ ئىشقا سالغان. بۇنىڭ بىلەن ئاياللاردا يۈزىنى ئېتىش تەدرىجىي مىللىي ئادەت تۈسىنى ئالغان، چۈمبەل تارتىش، پەرىجە ئارتىشمۇ شۇ ئاساستا مەيدانغا كەلگەن. ئەمما بۇ ئادەت قەشقەردەك ئىسلام تەقۋادارلىرى كۆپ شەھەر - رايونلاردا بىر قەدەر ئومۇملاشقان. باشقا شەھەرلەردە بولۇپمۇ كەڭ يېزا - قىشلاقلاردا ئانچە ئومۇملاشمىغان.
(5) قالپاق: ئەرلەر دوپپىدىن باشقا يەنە قالپاق، كۇلامۇ كىيەتتى. قالپاق ئادەتتە ئۈچ خىل بولىدۇ. بىر خىلى ئاق ياكى قارا پاقلان يۇڭىدىن بېسىپ چىقىرىلىدۇ. بۇنىڭ شەكلى ھازىرقى شىلەپىسىمان ۋە چوڭ چىنسىمان (تۈۋى يوق) كېلىدۇ. بۇ كۆپىنچە ئەستەرسىز بولىدۇ. يەنە بىر خىلى پاقلان يۇڭىدىن مەخسۇس بېسىلغان كىگىزدىن تىكىلىدۇ. بۇ تاشلىق، تاشسىز، ئەمما ئەستەرلىك كېلىدۇ. شەكلى ئىككى خىل بولۇپ، بىر خىلى سوزۇقراق، ئالدى - كەينىدە چېكى بولۇپ، ئىككى يېنى قانات شەكلىدە ئۈستىگە قايرىقلىق كېلىدۇ. بۇ ئاچا قالپاق دېيىلىدۇ. يەنە بىر خىلى تۇماقسىمان بولۇپ، ئايلانما «كۈنلۈك» چىقىرىلىپ «كۈنلۈكى» ئۈستىگە قايرىقلىق كېلىدۇ. بۇ ئىككى خىل قالپاق ئىچىگە پاختا ئېلىپ شىرىپمۇ تىكىلىدۇ.
(6) كۇلا: كۇلانىڭ شەكلى «A» غا ئوخشاش ئۇچلۇق بولۇپ، ئاساسەن رەختتىن تىكىلىدۇ. ئادەتتە تاشلىق بىلەن ئەستەر ئارلىقىغا نېپىز كىگىز ياكى پاختا ئېلىنىدۇ.
كۇلا ئەمەلىيەتتە قالپاقنىڭ قەدىمكى شەكلى. ئەجدادلىرىمىز قەدىمكى دەۋردە شۇنداق كىگىز قالپاق كىيگەن. لوپنۇر رايونىدىن بۇنىڭدىن 3 - 4 يىل بۇرۇنقى قەبرىلەردىن چىققان جەسەتلەرنىڭ بېشىدىكى كىگىز قالپاق، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن تېپىلغان ھەيكەللەرنىڭ باش كېيىم شەكلىنىڭ كۇلاغا ئوخشاشلىقى شۇنى ئىسپاتلايدۇ. ئەمما، بىزنىڭ دەۋرىمىزگە كەلگەندە، مازار شەيىخلىرى، ئايرىم «خىسلەتلىك» ئادەملەر، قەلەندەرلەرنىڭ بېشىدا كۆزگە چېلىقىدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باش كىيىم قاتارىدىن چۈشۈپ قالدى. ھازى يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان ئەرەنچە، ئايالچە باش كىيىملەر ئىچىدە لېچەك، پەرەنجە، چۈمبەل، كىگىز قالپاق، كۇلا، ئاق داكا، ياغلىق، ئالتۇن قاداقىلىق دوپپا، پۆپۈكلۈك دوپپا، تاجىلىق دوپپا قاتارلىقلار ئىستېمالدىن قالدى. ئەمما دوپپا كېيىش يەنىلا داۋاملىشىپ كەلمەكتە، دوپپا تېخىمۇ نەپىسلىشىپ بارماقتا. شۇنىڭدەك ئىچكى - تاشقى سورۇنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت سىۋۇلى بولۇپ قالدى. ئالىي ھۆرمەت ۋە ئىززەت تۇيغۇسىنى ئىپادىلەيدىغان تون كىيىدۈرۈش ئەنئەنىمىز ئورنىنى دوپپا كىيىدۈرۈش ئالدى. ياشانغان ئاياللاردا ئاق داكا ياغلىق سېلىش ئادىتى يەنىلا مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ئاق داكا ياغلىق ھازىر ئاياللار ئىچىدە مۇسبەتدارلىقنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى. ھازىر ئاياللاردا بېشىغا ھېلىلە ياغلىق، گەرىس ياغلىق، شارپا چىگىش ئومۇملاشتى.
2( تۇماق: ئۇيغۇرلار قىش پەسلى تۇماق، قۇلاقچا كېيىدۇ. تۇماق شەكلىگە قاراپ قاسقان تۇماق، سالۋا تۇماق، سەرپۇش، پاپاق دەپ تۆت خىل ئاتىلىدۇ. ئەرەنچە، ئايالچە دەپ مولۇن، ئىت، قوندۇز، بولغۇن قاتارلىقلارنىڭ تېرىلىرىدىن تىكىلىدۇ.
)1( قاسقان تۇماق، سالۋا تۇماق: قاسقان تۇماق شەكلى قاسقانغا ئوخشاپ كەتكەچكە «قاسقان تۇماق» دەپ ئاتالغان. سالۋا تۇماق مويى ئۇزۇن پاقلان ياكى چوڭ قوي تېرىسىدىن تىكلىگەن بولۇپ، مويى سالۋاراپ تۇرغاچقا «سالۋا تۇماق» دەپ ئاتالغان. سالۋا تۇماق باشقا تۇماقلاردىن شۇ ئالاھىدىلىكى ۋە تاشسىز تىكىلگەنلىكى بىلەن پەرقلىنىدۇ. قوي تېرىسىدىن تىكىلگەن قاسقان تۇماققا پۈتۈنلەي قارا كۆرپىدىن تاشلىق، ئەستەرلىك قىلىنىدۇ. تاشلىق ئادەتتە سىدام قارا رەخت ياكى مەخمەل، دۇخاۋىدىن، شۇنىڭدەك سىدام بېغىر رەڭ، نىل رەڭ رەختلەردىن قىلىنىدۇ. ئەستەرلىك ئاساسەن ئاق كۆرپىدىن ياكى كىر كۆتۈرۈشلۈك يىپ رەختلەردىن قىلىنىدۇ. ئەگەر رەختتىن ئەستەرلىك قىلىنسا، تاش بىلەن ئەستەر ئارىلىقىغا پاختا ئېلىپ شىرلىدۇ. كۆرپىدىن باشقا تېرىلەردىن تىكلىگەن تۇماقلارنىڭ ھەممىسى تاشلىق، ئەستەرلىك كېلىدۇ.
بىز (ئۇيغۇر)توغۇرىسىدا تىخىمۇ كۆپ بىلىمگە ئىگە بولماقچى بولسىڭىز
http://bilqut.com/bbs بىز سەھىپىسىگە قاراڭ