قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 396 قېتىم كۆرۈلدى
arwah2008
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 27416
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
پۇل: 217 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-15

 مىڭ بىر كېچە(34-كېچە)

1

- ئەي بەختلىك شاھ، - دەپ داۋام قىپتۇ شەھرىزاد ھېكايىسىنى، - ئېلى نۇرىدىن بىلەن كېنىزەك ئەنسۇلجەلىس كېمىگە چىقىپ جايلىشىپتۇ. يەلكەن قويۇپ بېرىلىپتۇ. كېمە قوزغىلىپ خۇددى قاناتلىق قۇشتەك تەۋرىنىپ، ئالغا - باغداد تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ. بۇ كۆرۈنۈشنى شائىر ناھايىتى ياخشى تەسۋىرلەپ مۇنۇ شېئىرنى يازغانىكەن:
قارىغىن كېمىگە، كۆرۈنۈشى قانداق ساز،
ئىختىيارنى تارتىدۇ ھامان ئۆزىگە.
ئۈزۈپ بارار سۇ ئۈستىدە خۇددى غاز،
كەڭ بوشلۇقتىن چۈشكەندەك سۇ يۈزىگە.
بۇ ئۈزۈشتە شامالدىن مەن تېز! دەيدۇ،
بىلمەيدۇكى دەريا چاپسان ئاقماقتا.
كۆڭلۈم مېنىڭ: شۇ كېمىدە كەز! دەيدۇ،
ھىجران ئوتى يۈرىكىمدە يانماقتا.
سۇلتان ئەۋەتكەن قىرىق كىشى ئېلى نۇرىدىننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭ ئىشىك - دەرۋازىلىرىنى بۇزۇپتۇ. ئىچكىرى كىرىپ تىنتمىگەن يېرىپ قالماپتۇ. لېكىن ئۇلارنى تاپالماپتۇ. ئۆيلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ھەممە ۋەقەنى سۇلتانغا كېلىپ يەتكۈزۈپتۇ. سۇلتان: ئۇلارنى قەيەردە بولسا شۇ يەردىن تېپىڭلار! دەپ خىتاب قىپتۇ. خوپ! دەپتۇ قۇللار. شۇنىڭدىن كېيىن سۇلتان مۇئىن ئىبنى ساۋىغا ئالاھىدە تون كىيگۈزۈپتۇ. ۋەزىرنىڭ كۆڭلى تىنجىپتۇ. سۇلتان ئۇنىڭغا: ئۆچۈڭنى ئۆزۈم ئېلىپ بېرىمەن. سەن كۆپ ھەسرەتلەنمە! دەپتۇ. ۋەزىر ئۇنىڭغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەپ دۇئا قىلغىنىچە ئۆيىگە قايتىپتۇ. سۇلتان شەھەرگە جاكارچى چىقىرىشقا بۇيرۇپتۇ. جاكارچى چىقىپ مۇنداق دەپ قىچقىرىتپۇ: ئەي خالايىق، ئاڭلىمىدىم، ئۇقمۇدۇم دېمەڭلار! كىمدە - كىم فەزلى ئىبنى خاقانىنىڭ ئوغلى ئېلى نۇرىدىن توغرىسىدا خەۋەر ئېلىپ كەلسە، سۇلتان ئۇ كىشىگە مىڭ تىللا پۇل، بىر قۇر كىيىم بېرىدۇ. ئەگەر ئۇنى ئۆز قانىتى ئاستىغا ئېلىپ ساقلىسا باكى كۆرسىمۇ كۆرمەسلىككە سېلىپ يوشۇرغۇچى بولسا، تەكشۈرۈپ تېپىلسا ئۇنداق كىشىنى سۇلتانىمىز قاتتىق جازالايدۇ ئېلى نۇرىدىننى خېلى ئىزدىشىپتۇ. لېكىن ئۇلار ھەققىدە ھېچكىم ھېچقانداق خەۋەر بەرمەپتۇ. ئېلى نۇرىدىن ساق - سالامەت كېنىزىكى بىلەن باغداد شەھىرىگە يېتىپ كەپتۇ. دورغا ئۇلارغا: ئاۋات، تىنچ باغداد شەھىرىگە خەتەرسىز يېتىپ كەلدۇق دەپ جاكارلاپتۇ. بۇ يەردە قىش كېتىپ باھار كەلگەن، گۈللەر ئېچىلىپ دەرەخلەر كۆكەرگەن، ئېرىق - ئۆستەڭلەردە سۇلار ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان، قۇشلار باھار قوينىدا چورۇلدىشىپ - سايرىشىپ ئۇچۇۋاتقان چاغ ئىكەن. ئېلى نۇرىدىن دورغىغا كېمە كىراسى ئۈچۈن بەش تىللا پۇل بېرىپ كېمىدىن چۈشۈپتۇ. ئازراقلا ماڭغانىكەن، ئۇ بىر ئاجايىپ باغنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەپتۇ. باغ ھويلىسىنىڭ ئالدىغا سۇ سېپىلگەن، ئىككى ياندا مەرمەردىن سۇپا ياسالغان؛ يوللىرىغا ئورۇندۇقلار قويۇلغان، ئەمما باغنىڭ ئىشىكى ئېتىكلىك ئىكەن. بەكمۇ كېلىشكەن، ناھايىتى چىرايلىق جاي ئىكەن! دەپتۇ ئېلى نۇرىدىن كېنىزىكىگە قاراپ. بىر ئاز ئولتۇرۇپ دەم ئالساق قانداق؟ دەپتۇ كېنىزەك. ئۇ، كۇرسىدا ئولتۇرۇپتۇ. سۇ بويىغا بېرىپ يۈز - قوللىرىنى يۇيۇپتۇ. دەم ئېلىپ مۇڭدىشىپتۇ. غۇرۇلداپ ئۇچۇپ ئۆتۈۋاتقان شامال ئۇلارغا يېقىملىق ئۇيقۇ ئېلىپ كەپتۇ. ئۇلار بىر ئاز ئۇخلاپتۇ. بۇ باغ شادلىق باغ دەپ ئاتىلىدىكەن. باغ ئىچىگە خەلىپە ھارۇن رەشىد تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان شەۋكەتلىك چوڭ ساراي جايلاشقانىكەن. خەلىپە ئىچى پۇشقان چاغلاردا كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن شۇ باغدىكى سارايغا كېلىپ دەم ئالىدىكەن. ساراي ئەتراپىدا سەكسەن دېرىزە بولۇپ، دېرىزىلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۈستىگە بىردىن شامدان ئېسىلغانىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ساراينىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغان ئالتۇن شامدان كىشىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقۇدەك دەرىجىدە گۈزەل ئىكەن. خەلىپە سارايغا دەم ئېلىشقا كەلگەندە، قۇللارغا دېرىزىنى ئېچىشنى بۇيرۇيدىكەن. خەلىپە بۇ باغقا قىزلار بىلەن كەلگەندە ئىسھاق ئىبنى ئىبراھىم مەۋسىلىگە ناخشا ئېيتقۇزۇپ، ساز چالدۇرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ غەم - قايغۇلىرىنى بېسىپ ۋاقىتنى خۇش ئۆتكۈزىدىكەن. بۇ باغقا شەيخ ئىبراھىم دېگەن بىر قېرى باغۋەن قارايدىكەن. ئېلى نۇرىدىن بىلەن كېنىزىكى ئەنسۇلجەلىس كەلگەن ۋاقىتتا، بۇ باغۋەن بىر ئىش بىلەن باغدىن چىقىپ كەتكەنىكەن، كۆپ ئۆتمەي قايتىپ كەپتۇ. ئۇ باغنىڭ ئىشىكىدىكى شاھ سۇپىدا ئىككى كىشى كىيىملىرىنى ئاستىغا سېلىپ ئۇخلاۋاتقىنىنى كۆرۈپ غەزەپلىنىپتۇ. خەلىپە باغۋەنگە: باغ ئەتراپىدا يۈرگەن غەيرىي كىشىلەرنى كۆزۈم كۆرمىسۇن، ئۆزۈڭ بىر تەرەپ قىل! ئەگەر كۆرۈپ قالغۇدەك بولسام سېنىمۇ شۇلارغا قوشۇپ خالىغىنىمنى قىلىمەن! دېگەنىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن شەيخ ئىبراھىم ھەمىشە كۆزىتىپ يۈرىدىكەن. بۇ يەرگە كەلگەنلەرنى ئۆلتۈرۈشكە ماڭا بۇيرۇق بەرگەنلىكىنى بۇ بىچارىلەر بىلمىسە كېرەك، بۇلار مۇساپىر، غېرىبلەردىن بولسا كېرەك دەپ ئويلاپتۇ. بۇنىڭدىن كېيىن بۇلارنىڭ باغ دەرۋازىسى ئالدىغا ياكى ئەتراپىغا ۋە ئۇنىڭغا يېقىن جايلارغا كېلىپ قالماسلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى ئازابلاپ ئاندىن قويۇپ بېرىشنى نىيەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ يېنىغا كەپتۇ. ئۇلارنىڭ يېپىنىپ ياتقان كىيىملىرىنى ئېلىپ، يۈزلىرىگە قاراپتۇ. ئىككى دوستىنىڭ ئالىيجاناپ كىشىلەردەك قۇچاقلىشىپ ياتقىنىنى كۆرۈپتۇ. ھەيران قېلىپ نەزەر سالسا بىرى - بىرىدىن ياخشى، بىرى - بىرىدىن قېلىشمىغۇدەك چىرايلىق كىشىلەر ئىكەن. جازالاش، ئۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، بۇ ئىككى ياشنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى كۆرۈپ كۆزىگەلىققىدە ياش كەپتۇ. ئۆزىچە: بۇلارنىڭ ھال - ئەھۋالىنى سورىماي تۇرۇپ، ئازار بېرىش مۇسۇلمانچلىققا توغرا كەلمەس، بەلكى بۇلار بۇ يەرگە تامامەن مۇساپىردۇر ياكى ساياھەتچىدۇر. ھېچ بولمىسا بىرەر يەرگە بېرىش ئۈچۈن كېلىپ، بۇ يەردە دەم ئېلىپ ياتقاندۇر. شەيخ جازالاش - ئازار بېرىش پىكرىدىن يېنىپ ئۇلارنىڭ يۈزلىىرنى يېپىپتۇ. ئېلى نۇرىدىننىڭ ئاياغ تەرىپىگە ئۆتۈپ، قولىدىكى تاياغ بىلەن ئۇنىڭ پۇتىدىن ئاستا تۈرتۈپتۇ. ئېلى نۇرىدىن كۆزىنى ئېچىپ قارىسا، ئاياغ تەرىپىدە بىر ئاقساقال كىشى تۇرغان. ئېلى نۇرىدىن ئاياغ تەرىپىدە تۇرغان كىشىنى كۆرۈپ پۇتىنى يىغىپتۇ. ئورنىدىن تۇرۇپ خىجالەت ئارىلاش سالام بېرىپ كۆرۈشۈپتۇ. ئېلى نۇرىدىن ئاقساقال كىشىنىڭ قولىنى سۆيۈپتۇ. قەيەردىن سىلەر؟ دەپ سوراپتۇ ئاقساقال كىشى. بىز مۇساپىرمىز! دەپتۇ ئېلى نۇرىدىن كۆزىگە ياش ئېلىپ: تۇرۇڭلار، بۇ يەردە ياتماڭلار. باغ ناھايىتى چىرايلىق، ئايلىنىپ كۆرۈڭلار، تاماشا قىلىپ كۆڭلۈڭلارنى ئېچىڭلار، كىرىپ دەم ئېلىڭلار دەپتۇ باغۋەن شەيخ ئىبراھىم. ئاتا، بۇ كىمنىڭ بېغى؟ دەپ سوراپتۇ ئېلى نۇرىدىن. بۇ خەلىپىنىڭ بېغى دەپ راستىنى ئېيتسام بۇلاردا قورقۇنچ پەيدا بولمىسۇن دېگەن خىيال بىلەن بۇ باغ ئاتامدىن ماڭا مىراس قالغان دەپتۇ باغۋەن شەيخ ئىبراھىم. شەيخنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان ئېلى نۇرىدىن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپتۇ. شۇ چاغدا ئەنسۇلجەلىسمۇ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. شەيخ بۇلارنى ئۆزى باغقا باشلاپ كىرىپتۇ. دەرۋازا ئۈستىگە ئورنىتىلغان چىرايلىق گۈمبەزدەك قۇببە تەڭدىشى يوق دەرىجىدە زىننەتلەنگەنىكەن. دەرۋازا ئالدىغا چىرايلىق قىلىپ ئالاھىدە كۆرۈنۈشلىك شىپاڭغا ئوخشاش ئايۋانچە ياساتقانىكەن. بۇ باغقا كىرگەن كىشىنىڭ كۆزىگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدىكەن. باغدىكى قاپقارا چاراس، سېرىق ياغدەك پىشىدىغان سايۋى، مۇناقى ئۈزۈملىرى كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك خىل ئىكەن. ئۇلار يەنىمۇ ئىچكىرىرەك كىرىپتۇ. ئۇ يەردە بىر ياندا بىر تۈپتىن نەچچە خىل مېۋە بېرىدىغان دەرەخلەر، يەنە بىر ياندا بىر خىل مېۋە بېرىدىغان دەرەخلەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدىكەن. دەرەخ شاخلىرىدا ۋە گۈللەر ئارىسىدا سايرىشىۋاتقان تۈرلۈك - تۈمەن قۇشلارنىڭ يېقىملىق ئاۋازلىرى، گۈلدىن - گۈلگە ئۇچۇپ يۈرگەن رەڭمۇ رەڭ كېپىنەكلەر كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ئارام بېغىشلايدىكەن. خۇددى شائىر ئېيتقاندەك:
ئېچىلغان لالە - سۇمبۇل ھەر تەرەپتە،
سايرىشۇر قۇشلىرى قىزغىن ھەۋەستە.
قىزىل گۈل شېخىدا بۇلبۇل چالار ساز،
غۇنچىلار كۈلۈشۈپ ئاڭا قىلار ناز.
مېۋىسى بەكمۇ خىل مىسالى جەننەت،
كىم كۆرسە بۇ باغنى باغلار مۇھەببەت.
بۇ باغدا شاپتۇل دەمسىز، تۈرلۈك رەڭمۇرەڭ ئالمىلارنى دەمسىز، ئامۇت، نەشپۈت دەمسىز، جىنەستە، گىلاس دەمسىز، ئۆرۈك، ئالۇچە دەمسىز، ياڭا، ئاپېلسىن دەمسىز ياكى پىستە - بادام دەمسىز، ئىش قىلىپ دۇنيادىكى بار مېۋىلەرنىڭ ھەممە تۈرىدىن بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۆز قاتارى بىلەن تىكىلگەن ۋە پەرۋىش قىلىنغانىكەن. مەخسۇس گۈلزارىدا بارلىق گۈللەرنىڭ ھەممىسى خىل - خىلى بىلەن، تۈر - تۈرى بىلەن بار ئىكەنم، ئۇلار ئۆزىنىڭ چېچەكلىرىگە مەست بولۇپ، يۇمشاق شامالدا گىرەلىشىپ سۆيۈشۈپ تۇرىدىكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز لايىقىدا ئۆستۈرۈلگەنلىكتىن، گوياكى قول بىلەن تىزىلغان گۈلدەستىلەردەك باغقا گۈزەللىك بېغىشلاپ تۇرىدىكەن. كىشى بۇ گۈللەردىن ئۇزاق ۋاقىتقىچە كۆزىنى ئالالماي قېتىپ تۇرۇپ قالىدىكەن.
شەيخ ئىبراھىم ئۇلارنى ئەڭ ئېگىز قەسىرگە ئېلىپ چىقىپتۇ. ئېلى نۇرىدىن ساراينى كۆرۈپ ھەيرانلىق دېڭىزىغا چۆكۈپتۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان دېرىزىلەر ئۈستىدىكى شامدانلارنى يېقىندىن كۆرۈپتۇ. مانا بۇ ساراي دېسە بولىدۇ! دەپتۇ ئېلى نۇرىدىن. ئۇلار ئولتۇرۇشۇپتۇ. شەيخ ئىبراھىم تاماق ئېلىپ كەپتۇ، ئۇلار غىزالىنىپتۇ. تاماقتىن كېيىن قوللىرىنى يۇيۇپتۇ. ئېلى نۇرىدىن دېرىزىلەردىن بىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ كېنىزىكىنى قىچقىرىپتۇ. ئۇلار شۇ يەردە ئولتۇرۇپ تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن دەرەختىكى مېۋىلەرنى تاماشا قىپتۇ. ئېلى نۇرىدىن شەيخ ئىبراھىمغا ئېگىلىپ تۇرۇپ: بىرەر ئىچىملىكىڭىز يوقمۇ ئاتا؟ - دەپ سوراپتۇ، ئۆزىڭىز بىلسىڭىز كېرەك، تاماقتىن كېيىن ئادەملەر ئىچىملىك ئىچىدىغۇ؟ شەيخ ئىبراھىم مۇزدەك سوغۇق سۇنى ئەكىرىپ ئېلى نۇرىدىنغا بېرىپتۇ. ئەي ئاتا، - دەپتۇ ئېلى نۇرىدىن، - مەن سىزدىن بۇنداق ئىچىملىكنى سورىغىنىم يوققۇ؟ سەن مەندىن مۇسەللەس سوراۋاتامسەن دەپتۇ شەيخ ئىبراھىم. ھەئە دەپ، ئېلى نۇرىدىن مۇنداق شېئىر ئوقۇپتۇ:
شاراب بىلەن ئاياغ بولسا قەيەردە،
ئاشىقلار ئاھىنىڭ كانى شۇ يەردە.
شارابتىن ئىشقىمىز بولۇر ئاشكارا،
يۈرەككە باشقىسى قىلمايدۇ ھېچ كار.
ئەستەغپىرۇللا، - دەپتۇ شەيخ ئىبراھىم، - مەن ئون ئۈچ يىلدىن بېرى شارابتىن قول ئۈزۈپ، توۋا قىلىپ كېلىۋاتىمەن. چۈنكى پەيغەمبىرىمىز ئۇنى ياسىغۇچى، ئىچكۈچى ۋە ساتقۇچىغا نەپرەت بىلەن قارىغان. ئاتا، - دەپتۇ ئېلى نۇرىدىن، ئىككى ئېغىز سۆزۈم بار ئىدى. سۆزلە! دەپتۇ شەيخ ئىبراھىم. سىز ئۇنى تەييارلىمىسىڭىز، ئىچمىسىڭىز، ساتمىسڭىز، سىز ئۈچۈن زىيىنى بارمۇ؟ يوق! دەپتۇ شەيخ. بولمىسا مانا بۇ ئىككى تىللانى ۋە ئىككى تەڭگە پۇلنى ئېلىپ ئېشەككە مىنىپ، ئىچىملىك دۇكىنىدىن يىراقراق تۇرۇپ، شاراب ساتقۇچىنى ئالدىڭىزغا چاقىرىڭ، ئۇنىڭغا: مانا بۇ ئىككى تىللاغا شاراب ئېلىپ كېلىپ، ئېشەككە تېڭىپ بەر، شۇ ھەققىڭ ئۈچۈن مانا بۇ ئىككى تەڭگىنى ئال دەڭ! سىز ئالغۇچىمۇ بولمايسىز، ئېلىپ كەلگۈچىمۇ بولمايسىز، بۇنىڭ سىزگە ھېچ بىر زىيىنى بولمايدۇ. شەيخ ئىبراھىم ئېلى نۇرىدىننىڭ بۇ گېپىگە كۈلۈپ: سېنىڭدەك ئوچۇق سۆز ئادەمنى مەن تۇغۇلغاندىن بېرى كۆرگىنىم يوق دەپ ئۇنىڭ تەكلىپىنى ئورۇنداپتۇ. ئېلى نۇرىدىن شەيخقە رەھمەت ئېيتىپتۇ. ۋە: بىز سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزدىكى مېھمان، قائىدىگە ئەمەل قىلىپ بىز بىلەن ئۈلپەتچىلىك قىلغىنىڭىز تۈزۈك، بىزگە شاراب ئىچىش ئۈچۈن ئاياق كېرەك دەپتۇ. ئۆيۈمگە كىرىپ، خالىغىنىڭنى ئېلىپ چىق، ئۇ يەردە ئىزدىگەن نەرسەڭنىڭ ھەممىسى بار دەپتۇ شەيخ ئىبراھىم. ئېلى نۇرىدىن شەيخ ئىبراھىمنىڭ ياتىقىغا كىرىپتۇ. ئۇ يەردە ئالتۇندىن، كۈمۈشتىن ياسالغان ھەر خىل، ھەر شەكىلدىكى مەي ئاياقلىرى بار ئىكەن. ئۇ، ئالتۇن ئاياقنى ئېلىپ چىقىپ مەي قۇيۇشقا باشلاپتۇ. ئېلى نۇرىدىن ناھايىتىمۇ خۇشال ۋە خۇشخۇي يىگىت ئىكەن. شەيخ ئىبراھىم ئۇلارغا مېۋىلەردىن ۋە گۈللەردىن ئېلىپ كېلىپ بېرىپتۇ. ئۆزى چەترەك بىر يەرگە بېرىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇلار ئىچىشكە كىرىشىپتۇ. ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي، ئىچىملىك ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىپتۇ. كەيپلىك قاراشلار باشلىنىپتۇ. چاچلىرى چۇۋۇلۇپ، رەڭلىرى ئۆزگىرىپتۇ. شەيخ ئىبراھىم ئۆزىچە: نېمە ئۈچۈن مەن شۇنداق ھۆر سۈپەتلىك مېھمانلار يېنىدىن چەتلەپ بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە بۇنداق خاس ئولتۇرۇش بىر يەردە بولامدۇ؟ دېگەن ئوي بىلەن ئۇلارغا تىكىلىپتۇ. ئېلى نۇرىدىنمۇ ئۇنىڭغا قاراپ كۆڭلىدىكىنى تاپقاندەك: ئەي ھۆرمەتلىك ئاتا، يېنىمىزغا كېلىڭ دەپ تەكلىپ قىپتۇ. شەيخ ئىبراھىم كەپتۇ. ئېلى نۇرىدىن ئاياقنى تولدۇرۇپ ئۇنىڭغا تۇتۇپتۇ. ئەي ئاتا، تەمىنى بىر تېتىپ بېقىڭ! دەپتۇ. شەيخ ئىبراھىم: خۇدانىڭ ئۆزى ساقلىسۇن، يەنە بىر قېتىم ئېيتايكى مەن ئون ئۈچ يىلدىن بېرى بۇ ئىشنى قىلغىنىم يوق! دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئېلى نۇرىدىن ئۆزىنى مەستلىككە سېلىپ يېتىۋاپتۇ. شۇ ۋاقىتتا ئەنسۇلجەلىس شەيخ ئىبراھىمغا تىكىلىپ: ئۇنىڭ قىلغان ئىشىنى كۆرۈڭ ئاتا! دەپتۇ. نېمە بولدى؟ دەپ سوراپتۇ شەيخ ئىبراھىم. ئۇ دائىم شۇنداق مۇناسىۋەت قىلىدۇ، ئازغىنا ئىچىۋالدىمۇ بولدى، مېنى يالغۇز قويۇپ ئۆزى ئۇخلايدۇ. بىر ئۆزۈم قالىمەن. مەن بىلەن بىللە سۆزلىشىپ ئولتۇرىدىغان، ئىچىشىدىغان، ئاياققا تەكلىپ قىلىدىغان، ناخشا ئېيتىدىغان كىشى بولمايدۇ. يالغۇزلۇقتىن يۈرىكىم ئېزىلىدۇ، سىقىلىدۇ دەپتۇ ئەنسۇلجەلىس. بۇ سۆزنى ئاڭلاپ شەيخنىڭ كۆڭلى يۇمشاپتۇ. قىزغا ئىچى ئاغرىپ: بۇ بولمىغان ئىشقۇ؟ دەپتۇ شەيخ. ئەنسۇلجەلىس ئاياقنى تولدۇرۇپ، شەيخ ئىبراھىمغا قاراپتۇ: قېنى، ئىچىڭ ئاتا، قولۇمنى قايتۇرماڭ، كۆڭلۈمنى سىندۇرماڭ دەپتۇ سورىنىپ. شەيخ ئىبراھىم ئاياقنى ئېلىپ چىقىپتۇ. قىز ئىككىنچى قېتىم قۇيۇپ تولدۇرۇپ، ئاياغنى شامداننىڭ قېشىغا قويۇپتۇ. ئەي ھۆرمەتلىك ئاتا، - دەپتۇ قىز شەيخ ئىبراھىمغا ئاياللىق خۇلقى بىلەن قاراپ، - بۇمۇ سىزنىڭكى. مەن ئۇنى ئىچەلمەيمەن، شۇ ئىچكىنىممۇ يېتەر، - دەپتۇ شەيخ، - ئەمدى بەس قىلغىنىم تۈزۈك. بۇنى ئىچمىسىڭىز قانداق بولىدۇ، بۇنى مەن غېرىبنىڭ يۈز خاتىرىسى ئۈچۈن ئىچىڭ! دەپتۇ ئايال. شەيخ ئىبراھىم ئاياقنى ئاپتۇ، بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئاستاراق ئىچىپتۇ ۋە بۇ شېئىرنى ئوقۇپتۇ:
شۇ قول بىلەن تۇتسا ئاياقنى ساقى،
سوپىلىق قالمىغاي دىلىڭدا باقى.
قىز شەيخ ئىبراھىمغا ئۈچىنچى ئاياقنى تولدۇرۇپ تۇتۇپتۇ. شەيخ ئىبراھىم ئاياقنى ئاپتۇ، ئەمدى ئىچمەكچى بولغانىكەن، ئېلى نۇرىدىن ئورنىدىن قوزغىلىپ تۇرۇپ ئولتۇرۇپتۇ.
قىسسە شۇ يەرگە يەتكەندە تاڭ ئاتتى، شەھرىزاد ھېكايىسىنى توختاتتى.
تېما تەستىقلىغۇچى : saba7911
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-04-05, 09:46
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-04-05 16:31 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
manxu@1
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 22015
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 962
شۆھرەت: 962 نۇمۇر
پۇل: 3137 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 115(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

ھىلقى  ئاۋازلىق  مىڭبىر  كىچەمىكىن  دەپتىمەن  .ھەجەپ  تەستە  بىر  ئوقۇپ  تۇگەتتىم  ،كۆزلىرىم  ئاغرىپ  كەتتى .
ئەجىرىڭىزگە  رەخمەت.جاپا  چىكىپسىز.
qarluq
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-06 00:00 |
zainuram
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 16440
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 19
شۆھرەت: 23 نۇمۇر
پۇل: 69 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-08

 

  ئىنتايىن ياخشى يىزىلىپتۇ .
    رەخمەت سزگە.     سۈزۈم.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-08 13:06 |
asyam
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 21328
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 30
شۆھرەت: 30 نۇمۇر
پۇل: 200 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-07

 

ياغشى يېزېپسىز
retim BLOG
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-08 13:16 |
菲l义
دەرىجىسى : يېزىش چەكلەنگەن


UID نۇمۇرى : 29520
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 283
شۆھرەت: 283 نۇمۇر
پۇل: 586 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-10

 

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى !
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 19:37 |
keran
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 8263
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 802
شۆھرەت: 224 نۇمۇر
پۇل: 1365 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 97(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

80-يىللاغا قايتقاندەك بولدۇم، رەخمەت ئەجىرىڭىزگە.
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-11 09:18 |
魔鬼
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26316
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 27
شۆھرەت: 27 نۇمۇر
پۇل: 226 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

قاچانمۇ يىزىپ بولارسىز بۇ مىڭىبىر كىچىنىڭ ھەممىسنى ؟
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-15 21:17 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﭼﯚﭼﻪﻙ - ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :09-16 08:15
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号