«توتېم»سۆزى ھازىرقى ئاۋستىرالىيدە ياشايدىغان ، ئامېرىكىدىن كەلگەن يەرلىك خەلق ئىندىئانلارنىڭ تىلى بولۇپ ، ئۇيغۇرچە مەنىسى «پاپوئاس ئۇرۇغ» دېگەنلىك بولىدۇ . توتېم ئىنسانلارنىڭ باشلانغۇچ جەمىئەتتە بىرەر ھايۋان ياكى دەرەخنى نەسىل ، ئۇرۇغ ياكى قان سېستىمىسىنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ بەلگىسى قىلغان . مۇنداق نەرسىلەرنى ئاتا - بوۋىسى دەپ بىلىپ ، ئۇنىڭغا چوقۇنغان ، مانا شۇنداق چوقۇنىدىغان نىشان ياكى بەلگە «توتېم » دەپ ئاتالغان .
قەدىمقى زامانلاردا ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ناھايىتى ئاجىز ، تەبىئەت ھادىسلىرى بىلەن بولغان كۈرەشلەردىن توپلىغان تەجرىبىللىرى ئاساسىدا ئىگە بولغان بىلىم سەۋىيىسىمۇ ناھايىتى تۆۋەن بولغىنى ئۈچۈن ئەتراپنى قورشاپ تۇرغان تەبىئەت ھادىسلىرى : كۈننىڭ چىقىشى ، پېتىشى ، ئاي ۋە كۈننىڭ تۇتۇلىشى ، يۇلتۇزلارنىڭ ئېقىشى ، كېچە ۋە كۈندۈز ، بوران ۋە يامغۇر ، مۆلدۈر ۋە قار ، دەريا تاشقىنلىرى ، قىش ۋە باھار ،ياز ۋە كۈزگە ئوخشاش تەبىئەت ھادىسلىرىنى چۈشىنىپ يېتىشكە ئامالسىز قېلىشقان . شۇڭا ئۇ چاغدىكى ئىنسانلاردا تەبىئەت ھادىسلىرىدىن قورقۇش ، ئۇنىڭغا چوقۇنۇش تۇيغۇلىرى پەيدا بولۇپ ، بىرەر نەرسىگە ئىشىنىش كېلىپ چىققان.
توتېم ئەڭ بۇرۇنقى باشلانغۇچ دىننىي ئېتىقادلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ، تەبىئىي شارائىتى خىلمۇ- خىل بولغان جايلاردا ياشىغان ئادەملەردە خىلمۇ خىل نەرسىگە چوقۇنىدىغان توتېمىزىم كېلىپ چىققان . مەسلەن ، بىزنىڭ ئاتا -بوۋىللىرىمىز بۆرىنى ، خەنزۇلار ئەجدىرھانى ، ھىندىلار كالىنى توتېم قىلغان . ھىندىلارنىڭ قەدىمقى رىۋايەتلىرىگە قارىغاندا ، ھىندىلارنىڭ ئاتا - بوۋىللىرى قەبىلىۋى ھاياتىنى بېشىدىن كەچۈرىۋاتقان چاغلاردا (باشلانغۇچ قەمىئەت ۋاقتىدا بولسا كېرەك ) قەبىلىلەر ئارا ئۇرۇش بولۇپ تۇرىدىكەن . ئىككى ھىندى قەبىلىسى ئارىسىدا بولغان ئۇرۇشتا ، بىر قەبىلە يېڭىلىپ ، ھالاك بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن پاناھلىنىدىغان جاي ئىزلەپ ، بىر يۆنىلىشكە قاراپ يۈرۈپتۇ. بۇ قەبىلە بېسىپ ئۆتكەن جايدا نە دەريا ، نە بۇلاق ، نە بىرەر كۆل ئۇچرىماپتۇ . قەبىلىدىكىلەر ئۇسسۇزلۇق ئازاۋىدا ناھايىتى قىينىلىپ ، ئۆلۈم گىرداۋىغا يېقىنلاپتۇ . دەل شۇ چاغدا قەبىلە ئىگىدارچىلىغىدىكى كالىلار پادىسىدىن بىر كالا مۆرەپ مەلۇم جاينى پۇراپ ، ئالدى پۇتى بىلەن تارپىشقا باشلاپتۇ . قەبىلىدىكى پەملىكرەك بىر كالا تارپىغان يەرنى كولاپ بېقىپتۇ. بىر مېتىرچە كولىغاندىن كېيىن سۇ چىقىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن قەبىلىدىكى ئادەملەر سۇ ئىچىپ تەشنالىغىنى قاندۇرۇپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ھىندىلار كالىنى ھۆرمەتلەيدىغان ۋە ئۇنىڭغا چوقۇنىدىغان بولۇشقان ئىكەن .
بۇ ۋەقە ھىندىلار بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇن بولغان (ھىندىلارنىڭ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىشى بۇنىڭدىن 2500يىل ئىلگىرى باشلانغان ) بولسىمۇ ، ئۇلار ھازىرمۇ كالىغا چوقۇنىدۇ. ئۇيغۇرلار بۆرە،شۇڭقارغا ئوخشاش باتۇرلۇققا سىموۋۇل قىلىنغان ھايرانلارغا چوقۇنغان بولسا،ھېندىلار (ھېندىستانلىق)كالا،قىرغىزلار بۇغا غا توتېم قىلىنغان.دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەر ئىپتىدائى دەۋىرلەردىن باشلاپلا تەبىئەتتىن ئىبارەت سىرلىقلىقتىن چۆچىگەن ۋە كاللىسىدا ۋەھىمە پەيدا بولغان،كۇننىڭ تۇتۇلىشى،ئاينىڭ بىردەم تۇلۇن،بىردەم يېرىم بۇلىشى،كۇندۇز كەلسە ئاسماندىكى يۇلتۇز ۋە ئاينىڭ يۇقاپ كېتىشى،يانار تاغلار...............دىگەندەك تەبىئەت ھادىسىلېرىنى چۇشەنمىگەنلىكتىن توتېم قىلىنغان نەرسە(ھايۋان)لېرى ئۆزگىرىپ تۇرغان.بۆرىنى توتېم قىلغان مىللەتلەردىنمۇ نەچچىسى بار.مەسلەن شىمالى ئامىركىلىقلار،ئىندىيانلار......دىگەندەك، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنيەت ئوق يىلتىزىنى تەتقىق قىلىشتا توتېم مەدەنيىتى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.مىللىتىمىزنىڭ توتېم مەدەنيىتىگە قىزىقىدىغان دوستلارنىڭ ئەسەت سۇلايمان ئۇيغارنىڭ«بۆرە توتېم مەدەنيىتى»دىگەن ئىلمى ماقالسىنى كۆرۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن،ئۇ كىتاپتا كۆپ قىرلىق،ھەر خىل مەدەنيەتلەرنىڭ كىسىشمە نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئەتراپلىق تەھلىل يۇرگۈزگەن ۋە توتېم مەدەنيىتى تۇغرىسىدا بىزنى مول ماتىريال ۋە بىلىملەر بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.