(ئۆزھال ) قەلىب تارازىسى
Ihlas Ilani
دىيارىم مۇنبىرى » ﻧﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ » (ئۆزھال ) قەلىب تارازىسى

بۇ بەتتىكى تېما: (ئۆزھال ) قەلىب تارازىسى پرىنتلاش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تىما 97 قېتىم كۈرۈلدى .
بۇ ئەزا توردا يوق uzhal
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 190
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 109
UID نۇمۇرى : 2540
دەرىجە: تەكلىپلىك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 182
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە182دانە
شۆھرەت: 256 نۇمۇر
پۇل: 585 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

(ئۆزھال ) قەلىب تارازىسى

قەلىب تارازىسى

جەميەت ئۆز ئارا قوللاشتىن، ئىتىراپ قىلشتىن تەرەققى قىلىدۇ . بىر ناچار ئىش قىلغان ئادەمنى سەن ئىغىر بىسىغىلىق بىلەن ئولتۇرۇپ ماختىساڭ . مۇشۇ ماختاشنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ يۇزىگە سىلىنغان بىر كاچاتتەك تىگىدۇ . ئەگەر ئۇنىڭ بىر ناچار قلىغىنى كۇرسەڭ سەن يەنە تاقەت قىلىپ ئۇنى ماختىساڭ ئۇنىڭغا بىر يۇكنى ئارتۇق ئارتقان بۇلسەن. ماختاش ئەمەليەتتە بىسىم چۇشۇرۇش . بىر تۇرلۇك ئالداش. تەسەللى ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرۇپ ئىنسانيەت روھىتىنى ئەڭ ئىلمى ئۇسۇلدا قىزىش دىمەكتۇر. ئەمدى كەمسۇندۇرۇش . مەسخىرە قىلىش . كۆزگە ئىلماسلىق ئارقىلىق ئادەم ئۆزىگە دۇشمەن تاپقاندىن باشقا يەنە دەككسىنى يەيدۇ . سەن خەققە پىچاق تىقساڭ باشقىلارنىڭ ساڭا گۇل تۇتىشى مۇمكىن ئەمەس . شۇڭلاشقا بىزدە ئىت چىشلىسە مۇشۇك تاتلايدۇ دەپ گەپ بار.
بىزدە ھەممە ئىشلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ ھەممىگە ئاپىرىن ئىيتىپ باشقىلارنىڭ غۇرۇرۇنى ئۆز غۇرۇرىدەك ئاسرايدىغان ئادەملەر بار . ئۇلار ھىچنىمنى كەمسىتىشكە باھانە تاپالمايدۇ . يەنە بەزىلەر بار ھەمىمە نىمىنى . ئادەمنى كەمسۇندۇرۇپ ئۆزىنىڭ قولدىن كەلمەيدىغان نۇرغۇن ئىشنى باشقىلار قىلمىدى دەپ رەنجيدۇ . ئۆزى ئىش قىلالمايدۇ لىكىن باشقىلارنى قىلالمىدى دەپ ياراتمايدۇ . ئىش قىلغانلارنى، سىناق مەزگىللىرىنى باشتىن كەچۇرۋاتقان گۇدەكلەرنى كەمستىدۇ. چۇكۇردۇ . مازاق قىلىدۇ . ئۇلار روھى غالبىيەتچىلەر بۇلۇپ بىرەر ئادەمنى ياكى بىرەر ئىشنى مەسخىرە قىلماسلىققا باھانە تاپالماي قىينلىپ يۇرىدۇ.سىز باشقىلارنى ھاقارەت قىلسڭىز باشقىلارنىڭ ئەرۋاھى ئۇچۇپ ئاغزىنى بۇزىدۇ .ھۆرمەتنى پەقەت ئىززەتلەش ئارقىلىق تىپىش كىرەك . كىچىك بالىنى تىللسڭىز سىزنىمۇ تىللايدۇ ماختسڭىز خوش بوپ كىتىدۇ، نىمە ئىشنى بۇيرۇسڭىز يۇۋاشلىق بىلەن قىلىدۇ . ھىچكىمگە چۇشكۇنلۇك كىرەك ئەمەس. سىز قىلىشنى ئويلىغان ئىشلارنى ئاۋال ئۆزىڭىز قىلىپ سىناپ كۇرۇڭ . ئەمگەك قلىماق تەس. باشقىلارنىڭ قىلغانلىرىنى مازاق قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىز قول تىقىپ بىر ئىشلارنى قىلىپ سىناپ بىقىڭ سىزگە شارائىت بار. ھازىرقى دۇنيا غەيۋەت بىلەن ئەمەس بىلىم بىلەن قۇدىرەت تىپىۋاتقان دۇنيا . باشقىلارنى ياراتماسلىق كەمسىتىش ئارقىلىق مائاش ئالدىغان ئىشلار بولسا غەيۋەتچىلەر ئەڭ ئالى ئىنژىنىر بۇلۇپ ھۆكۇمەتنىڭ يۇقۇرى تۇرمۇش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغان بۇلاتتى.
بەزىلەر ئەجداتلرىمىزدىن قاخشايدۇ
مەن نىمە ئىش قىلۋاتىمەن دەپ ئويلىمايدۇ
بەزىلەر شائىرلارنى تىللايدۇ
مەن نىمە يىزۋاتىمەن دەپ ئويلىمايدۇ
بەزىلەر باشقىلارنىڭ ئىماندىن گۇمان قىلىدۇ
مەن ئىسلام شەرىئەتلرىنىڭ بۇيرۇغان ئىشلىرىدىن قايسى ئىشلارنى قىلۋاتىمەن . قايسى پەرھىز سۇننتىنى ئادا قىلىۋاتىمەن دەپ ئويلىمايدۇ
بەزىلەر سەنئەتكارلارنى تىللايدۇ
بۇ ساھەنى قانچىلىك چۇشنىىمەن دەپ ئويلىمايدۇ
بەزىلەر باشقىلارنى دۆت. كالۋا، يىرىم چىلەك سۇ، دەپ ھاقارەت قىلىدۇ
لىكىن ئۆزىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى توغۇرلۇق ئويلىمايدۇ . ئۆزىنى كۇچەيتىش توغۇرسىدا ھەركەت قىلمايدۇ
بەزىلەر ئۆزىنى دەھشەت قالتىس دەپ ئويلايدۇ لىكىن ئەتىراپىدا ئۆزدىن قالتىس ئادەملەرنىڭ كۇپلىگىنى ئويلىمايدۇ
بەزىلەر ئۆزىنى ئەڭ بۇيۇك دەپ ئىتىراپ قىلىدۇ . لىكىن باشقىلار ئۇنى قانچىلىك ئىتىراپ قىلىدۇ بۇنى ئويلىمايدۇ.
ئىش قىلىپ جاھاننىڭ ئىشلىرى قىززىق . بىز ھەممە ئىشنى ئۆزىىمىزدىن باشلىساق . ھەممە ئىشتا ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويساق . باشقىلارغا ئارتىپ قويغان مەسئۇلىيەتنىڭ ئۆزىمىزنىڭ زىممىزدىمۇ كۇتىرۇشكە تىگىشلىك قىسمىنىڭ بارلىغىنى ئىتىراپ قىلساق بۇ جەميەتتىن ، دۇنيادىن ئۆمىد كۇتۇشكە بۇلىدۇ . بولمىسا كۇتۇمنى مەن ياراتمايمەن . كۇتۇم مىنى ياراتمايدۇ دىگەندەك مەن سىنى ياراتماي تىللاپ . سەن مىنى كۇزگە ئىلماي ھاقارەت قىلىپ مۇشۇنداق ياشايمىز. كىيىنكىلەرمۇ بىزدىن ئبىرەت ئالدىغىنى ئىبرەت ئىلىپ بىزنى تىلايىدىغنى تىللاپ بىزگە ئەگەشكەنلىرى كاللا ئوخشاش . كىيم ئوخشمايدىغان سىپى ئۆزدىن غەيۋەتخور بۇلۇپ ياشاۋىرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىزدىن قۇرۇ يىيىشكە سىمىرتكەن بىر تەننىڭ ئاچكۇزلۇك بىلەن يەپ ئىچىپ ياشىغان يىرگىنىشلىك بىر تارىخى قالىدۇ . ئەۋلاتلار پەخىرلىندىغان ئادەم بۇلاي دىسەڭ خەققە ۋە ئىشلارغا باھانى قويۇپ ئۆزەڭنى كۇچەيىت . باللرىڭنى ياىشى تەربىلە . مانا بۇ ئەڭ ئەمەلى ئىھتىياج ۋە نۇۋەتتىكى جىددى مۇئامىلە قىلىشقا تىگىشلىك ئىش .

مەنبە  : قەلەم

[ بۇ يازما ajrim تەرپىدىن 2008-03-24 10:48 دە قايتا ]

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
• شۆھرەت:+5(manggutax) ياخشى ماقالە
• ئاتىللا كۇلۇبىغا  مەرھەممەت
تېما تەستىقلىغۇچى : ajrim
تەستىقلىغان ۋاقىت: 2008-03-24, 02:47
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 10:32 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [باش يازما]
بۇ ئەزا توردا يوق gulbinebxe

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 39
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 60
UID نۇمۇرى : 26331
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 30
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە30دانە
شۆھرەت: 30 نۇمۇر
پۇل: 190 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-07
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-24

ھەر قانداق ئىشتا ئۆزىنى باشقلار ئورنىغا قويغاندىلا ئالدىن قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىدۇ،شۇڭا كونىلار:ئۆزەڭنى ئەر چاغلىساڭ،ئۆزگىنى شىر چاغلا دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان.يازمىڭىزغا كۆپ رەھمەت!!!!!!!!!!!!!!!!!

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 11:48 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [1 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق manggutax
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى ئالاھىدە تۆھپە
تەجىرىبە: دەرىجە:     قوماندان
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 5650
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 4349
مەزھەپ:ئىنكاس شاھى ئىنكاس شاھى
UID نۇمۇرى : 9
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 4
يازما سانى: 5390
ئۇنۋان:ۋەزىر ھازىرغىچە5390دانە
شۆھرەت: 2633 نۇمۇر
پۇل: 10913 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 3 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-14
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-28

كەمسۇندۇرۇش، مەسخىرە قىلىش ، كۆزگە ئىلماسلىق ئارقىلىق ئادەم ئۆزىگە دۇشمەن تاپقاندىن باشقا يەنە دەككسىنى يەيدۇ . سەن خەققە پىچاق تىقساڭ باشقىلارنىڭ ساڭا گۇل تۇتىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭلاشقا بىزدە ئىت چىشلىسە مۇشۇك تاتلايدۇ دەپ گەپ بار.
ئىنتايىن توغرا ئېيتىلغان سۆزلەر ئىكەن، تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت~!
يۇقارىقى تېمىللىرىڭىز ئارقىلىق مەن شۇنداق بىر ھەقىقىەتلەرنى چۈشەندىمكى، مېنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىمدا ماڭا بەخىت ئاتا قىلغۇسى...

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 12:31 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [2 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق uzhal
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 190
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 109
UID نۇمۇرى : 2540
دەرىجە: تەكلىپلىك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 182
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە182دانە
شۆھرەت: 256 نۇمۇر
پۇل: 585 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

رەھمەت دوسلارنىڭ سەمىمى تىلەكلىرىگە !

ئاتىللا كۇلۇبىغا  مەرھەممەت
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 13:07 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [3 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق judun-0908

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 49
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 51
UID نۇمۇرى : 27393
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 49
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە49دانە
شۆھرەت: 49 نۇمۇر
پۇل: 268 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-24
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-26

سەن باشقىلارغا قانچىلىك يامان قىلساڭ،ئۇ ساڭا بىركۈنلەردە ياخشلىق قىلپ قېلىشى مۇمكىن!......بۇنى چۈشەن!.......

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 14:15 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [4 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق uzhal
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 190
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 109
UID نۇمۇرى : 2540
دەرىجە: تەكلىپلىك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 182
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە182دانە
شۆھرەت: 256 نۇمۇر
پۇل: 585 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

ئۆزھال )خىيالدىن ھەركەتكە سەپەر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق ئوقۇرمەن دوستلار . ئەزىز سەبداش ، قەدىردان تەقدىرداشلار . قەلەمكەش دوسلار . ئالدى بىلەن ھەممىڭلارغا كەمىنە ئۆزھالدىن سالام . كۆڭلۇمدە ھەر بىرىڭلارغا تۇگىتىپ بولماس قەرىزىم باردەك ئاجىزانە ھسيات ئىچىدە تەمتىرەپ يۇرۇپ يەنە قولۇمغا قەلەم ئىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن . چۇنكى مەن قەلەمنىڭ سىھرى كۇچى ۋە قۇدرىتى ئارقىلىق ماڭا ئوخشاش نىيەتتىكى نۇرغۇن پىقىر كۆڭۇللەر . ئىستىدات ئىگىلىرى بولمىش ئۇستازلار ۋە مىنىڭ ئەبەدىيلىك قەدىردانلىرىمغا ئايلانغان تەڭتۈش دوسلارنىڭ ئىزگۇ تۇيغۇلىرى ۋە يۇكسەك تەپەككۇرى ، چۇڭقۇر پىكىرلىرى ئۇچىراشقان ئىدىم . ھاياتنىڭ مۇرەككەپ جەريانلىرى ، ئادەمنى دەرمانسز ۋەيران قىلىدىغان كەسپى ھايات . ۋۇجۇدىمىزدىكى ساناقسىز كەمچىلىكلەر ۋە بىھىساپ ئەيىپلەرگە تولغان مەۋجۇتلۇق ئالىمى ھەر قەدەمدە ھەر بىرىمىزدىن ھىساپ ئالىدىغان ۋاقىت ۋە پۇرسەتكە ئۇدۇل تۇرغانلىغىمىز ئۇچۇن يەنە نەچچە يىلدىن بۇرۇنقى كونا گەپنى قىلىپ ھەر قايسى ئەزىزلەرنىڭ ۋاقتىنى ئىلىشنى خالىمغانلىغىم ئۇچۇن يىڭى پىكىر . يىڭى ئوي ئالىمىنى ئىزدەپ بىر مەھەل سۇكۇتلۇك قەلبىمنىڭ تەكتىدىكى ئاۋازلارنى تىڭشاش بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلىپ يۇرگەنلىگىمگە خىلى بۇلۇپ قالدى . لىكىن ئادەم بىر دەمنىڭ ئىچىدە ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى قاننى يەڭگۇشلەپ تىخىمۇ پاكىزە قانغا ئىگە بۇلۇشى مۇمكىن بولمىغىندەك كونا ئىدىيەدىن قۇتۇلۇپ يىڭى ئىدىيە بىلەن قۇراللىنىشمۇ ئاسان ئەمەس ئىكەن . ھەر ھالدا ئىدىيەدە كونا پىتى تۇرغاندىن يىڭى نەرسلەرنى بىلىپ ھىس قىلىپ . بىلگەننى دەپ تۇرۇش كىرەك ئىكەن دەپ قارىدىم . ھەممىزگە نىسبەتەن ھەر بىر دەقىقىدە روھىمىزدا يىڭى بىر تەۋرەش . يىڭى بىرەر ئۇقۇم غەليان كۆتۇرۇپ تۇرسمۇ لىكىن يىقىنقى زاماندىكى دەۋىرنىڭ ساداسىغا قوشۇلۇپ كەتكەن بىر سلىكىنش بولمىغان ئىكەن يەنە ئاتام ئىيتقان بايقى گەپنى داۋاملىق قىلىشنى لايىق كۇرمىدىم . چۇنكى قەلەم دۇنياسى ۋە ھەر بىر گىزىت ژۇرنال پاكىز قەلىب ئىگىلىرىنىڭ تىنىمسز ئىزدىنىدىغان . ئۆزلۇكسىز تەپەككۇر قىلىدىغان سۇزۇك قەلىب ئەھىلىنىڭ دىيارى . قاچان قارىسا ئانسى چايناپ بەرگەن ناننى يەيدىغان ئىنسانلارنىڭ ماكانى ئەمەس . لىكىن پىقىر بىر مەزگىللىك روھى بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىش نىيىتى بىلەن نۇرغۇن كىتاپلارنى ئوقۇپ . ئوقۇمسام مەڭگۇ ناتۇنۇش پىتى قالدىغان بىر كەسپنىڭ تىخنىكا ئىلىمىنى ئۇگۇنۇش نىيتىدە بولغان بولساممۇ مىللەتنىڭ ئىقتىزادى تەرەققىيات تەقدىرى بىلەن مەھكەم باغلىنىپ كەتكەن بۇ كەسىپنىڭ ئىنچىكە رىئاللىغى يەنە مىنى باشقا ئويلارغا يەنى ئۆمىتسزىلىك گىردابىغا ئاپىرىپ تاشلىدى . بىزنىڭ مەۋجۇتلىغىمىزدىن ھالقىغان بىر روھنىڭ ۋە بىزنىڭ رىئاللىغىمىزدىن ھالقىپ كەتكەن بىر كۇچنىڭ مەۋجۇت بۇلالماسلىغى تۇپەيلىدىن يەنە ئاجىزانە بىر ھىسيات ئىچىدە پەقەت تۇغۇت دەۋرىدە تولغىنىۋاتقان ئانىدەك ئىلاجىسز ھايات كەچمىشلىرىنى مەقبۇل كۇرۇپ مىللەتنىڭ ئازاپ ئىچىدىكى شادىيانە كۇيلىرى ئىچىدە بۇ يازمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن . بۇ يازمىدا يازغۇچى دوستلار ۋە باشقا قەدىردانلار بىلەن سىرداشقۇم كەلدى . چۇنكى ھەممىز خەلىق ئۇچۇن دەپ يىزىۋاتىمىز دەپ ئويلايمىز . شۇنىڭ ئۇچۇن بىھۇدە قاخشاش ، ئۆزىمىز ئەمەل قىلالمايدىغان . ئۆزىمىز قىلالساقمۇ ، قولدىن كەلسمۇ قىلىشقا تىرىشمايدىغان نۇرغۇن مەسىللەر ئۆستىدە ئاز تولا سۆھبەتتە بۇلۇش زىيانلىق بولمسا كىرەك . ئۆز ئارا پىكىر سۆھبەتتە بۇلۇشمۇ مىنىڭ ئۇچۇن قىممەتلىك بىر ئىش دەپ قارىغانلىغىم ئۇچۇن بۇيازمىنى سىلەرگە ئاتىدىم
سىلكىنىش ـ ئىنسان ھاياتىدا زور بىر بۇرۇلۇشنى ھاسىل قىلىدىغان بىر تۇگۇن بۇلىشى مۇمكىن . لىكىن ئۇزۇم دەۋاتقان بۇ سىلكىنشنىڭ نەدە ؟ قاچان ؟ قانداق تەرىز ۋە قانداق سالاھىيەت ؟ قايسى سۇپەت ، قانداق شەكىل بىلەن زاھىر بۇلىدىغانلىغى ماڭا ئايان ئەمەس . بىراق ھەممىز سىلكىنشكە مۇھتاج . بەزىدە بىزنى باھار قۇشلىرىنىڭ سايراشلىرى . ھەيۋەت ئىگىزلىكلەردىن چۇشىۋاتقان زىلال سۇلارنىڭ شاقىراشلىرى . ئەمدىلا تۇپراقنى يىرىپ يەنە سارغىيشقا باشلىغان بىخنىڭ كۆزىمىزگە كۆرۇنگەن ھالەتلىرى ياكى تۇيۇقسىز بىر كىچىك بالىنىڭ قەغىشلىك يىغىلىرى قەلبىمىزنى زىلىزىلىگە سىلىشى مۇمكىن . چۇنكى ھايات ۋە تۇيغۇ مانا مۇشۇنداق ئاددى نەرسە . قەلىب ئەنە شۇنداق ھىسياتقا ، تۇيغۇغا سىلكىنشكە مۇھتاج بولغان ئىكەن دەرھال ھاۋاسى بۇزۇلغان ئۆيلەردىن . دۇت باسقان ئايرىم خانىلەردىن ئايرىلىپ كەڭ تەبىئەتكە ھىچ بولمسا باشنى ئىگىز كۆتۇرۇپ ئاسمانغا بولسمۇ قاراش كىرەك دەپ ئويلايمەن . بىز ھەر بىر كۇننىڭ ئۆزىدە خىياللار باياۋانىدىن ھالىقىپ ئۇتۇپ ئەمەلى ئىش قىلىشىمىز كىرەك دىگەن تۇيغۇ مىنى داۋاملىق ئالدىغا سىلىپ تۇرىدۇ . ھىچ بولمسا كېسەل بۇلۇپ يىتىپ قالغان بىر دوستىمىزنى يوقلاش ئۇچۇن يىنى ياتقان يىرىمىزدىن دەس تۇرىشمىز كىرەك . مانا بۇنىڭ ئۆزى ھەركەت . مىڭ قەترە سىغىنغان دوست دىيارنى يوقلاشنى ئويلاپ رۇمان يىزىپ ھەسرەت چەكسەكمۇ لىكىن بارالمىغىنىمىزنىڭ ئۆزى ھەقىقەت بۇلۇپ ئەگەر تەقدىر ئۇنى بىزدىن بىمەھەل ئايرىۋەتسە بىزدە پەقەت بىر قاچا پۇشايمانلىق ھەسرەتكە تولغان نۇمۇسلۇق كۇڭۇلدىن باشقا يەنە نىمە قالىدۇ ؟ بىز ئۆزىمىز ئىرىشمەكچى بولغان نەرسىلەر ئۇچۇن بەدەل تۆلەش يولنى ئىزدەش ئۇچۇن ھەركەت قىلىپ باقايلى . ياخشى كۆرگەن سۇيگۇلىرىمىز ۋە قەلبمىزدىكى ئەڭ قەدىرلىك تۇيغۇلارنى قوغداش ئۇچۇن ، ئاسراش ئۇچۇن ئاۋايلاش ئۇچۇن ئىتقا تاشلاپ بەرسەك يىمەيدىغان سېسىق جىنىمىزنى قۇربان قىلىش ئۇچۇن ھەركەت قىلىپ باقايلى ، ئەگەر ئىنسان ھاياتى مانا مۇشۇنداق تەۋەككۇلچىلىك ئۇچۇن باش قاتۇرۇپ يەنە ئويلىنىش ئىچىدە يەر ئاستى ئۆيلەردە يىتىۋىلىپ مۇھەببەت ناخشلىرى ئارقىلىق بىزنى تاشلاپ كەتكەن ۋاپاسىز قىزلارنى ئەيىپلەپ ناخشا ئىيتىپ چولپان بۇلۇش كويىدا ياشاۋەرسەك چوقۇمكى يەنە ئون يىلدىن كىين بىزگە تىگىدىغان قىز قالمايدۇ . بىغىشلاش . پىدا قىلىش . ھەركەت قىلىش ئويى بولماي خىياللار ئالىمىدە ئۆزىنىڭ بىر جۇملە سۇزىدىن ياكى يۇكسەك خىياللىرىدىن مەستخۇش ھالەتتە بۇلىدىغان ئەرلەرنى تاشلاپ كەتمىگەن قىزلار چوقۇمكى ئۇنىڭ دامىغا چۇشكەن ھالەتتىمۇ يەنە بەخىتسز بۇلۇپ قىلىۋىرىدۇ . چۇنكى ئۆمرىدە بۇيۇك خىياللارنى قىلىپ ھىچ ئىش قىلمايدىغان ئالىمدىن كوچىدىكى ھەركەتچان تىلەمچى ياخشى . مىنىڭ گىپىم مۇتلەق ھۇكۇم ئەمەس لىكىن ياشاش ئۇچۇن ئىش قىلىش ھەركەت قىلىش كىرەك دەپ قارايمەن . نۇرغۇن ئىلمى مەسىللەردە گەپنى قىلىش ئاسان بولغان بىلەن ئىشنى قىلىش تەس شۇڭا بىز سىېسىق گەپنى قىلىش ئۇچۇن ئالدىرىماي بىر ئىشلارنى رۇياپقا چىقىرىش ئۇچۇن تەقەززا بولساق بىزنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىمىز ئويلىغاندىن نەچچە ھەسسە ئارتىپ كەتكەن بۇلاتتى
مەن ئەدەبىياتنى بۇرۇن پەقەت ئۇزۇمنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ پىنھان سىرلارنى تۆكىدىغان ، زاغرا تىلى بىلەن قىلىپ ئىيتقاندا قورساق كۇپۇگىنى چىقىرىشنىڭ ئۇنۇملۇك ۋاستسى دەپ چۇشىنەتتىم . شۇنداق قىلىپ بۇ دەريادا سەككىز يىلدىن ئارتۇق ئاقتىم . ھازىر ھىس قىلسام ئەدەبىيات ھەرگىزمۇ مىنىڭ قارشىمدىكى ئۇنداق ئاددى كەسىپ ئەمەس ئىكەن . بۇ ساھەدە ئۇزۇپ چىقىش ئۇچۇن تالانىت .ئىزچىللىق . كۆپ تەرەپلىمىلىك ئۆنۋىرسال بىلىم قۇرۇلمسى ، ئىزىچىللىققا ئىگە بولغان مەدەنيەت سەۋىيە ۋە يىتەرلىك پىسخكا ساپا بۇلىشى كىرەك ئىكەن . ھازىرقى زامانغا لايىق بولغان كاللا بىلەن يەنە قوشۇمچە نۇرغۇن تىلنى بىلگەندە ئاندىن دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى ، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلىپ سلشتۇرۇش ئاساسدا ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۇرمسەك سان جەھەتتە خىلى كۆپ ئۇنۇمگە ئىگە بولساقمۇ لىكىن بىز ئۆلمەي تۇرۇپ ئەسەرنىڭ قىممىتى ئۇلۇپ بولغان بۇلىدىكەن . ئەگەر ئەھۋال راستىنلا شۇنداق بولسا بەكلا ئىچىنىشلىق بولغان بۇلىدۇ . چۇنكى بىر ئەر ئۆمرىدە بىر ئىشنىمۇ قاملاشتۇرۇپ قىلالمسا ، بىر ئىشنى بولسمۇ ۋايىغا يەتكۇزەلمسە بۇنداق غايىنىڭ نىمە كىرىگى ؟ ئۇنداق ئەمگەكنىڭ نىمە قىممىتى نىمە ئىتىبارى ؟ بىلشىمچە تەرجىمە ساھەسى 80 – يىللاردا ناھايىتى قەدىرلەشكە تىگىشلىك قىممەتلىك ئەمگەكلەرنى قىلىپ دۇنيادا زىلزىلە قوزغىغان تالاي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ بىزنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىگە قەدەم قويۇشىمىزغا تۆرىتكە بۇلۇش بىلەن بىرگە بىزنى كۆپلىگەن بىلىم ۋە دۇنيادىكى تۇرلۇك ئەدەبىيات ئىقملىرى بىلەن تونۇشتۇرغان ئىدى . باشقا تىل بىلمىگەنلەرمۇ شۇ ئارقىلىق كىينكى دەۋىردە تالانىتلىق يازغۇچىلارغا ئايلانغان ئىدى . لىكىن ئارلىقتا ئوتتۇز يىل ئۇتۇپ يەنە شۇ ئەسەرلەرنى سىغىنىپ ياشاۋاتمىز . ھازىرقى زاماندا بۇلىۋاتقان ئەدەبىياتنىڭ غەلبىسى ۋە ئىقىملىرىدىن ئاساسەن خەۋرىمىز يوق ھالەتتە يەنىلا چىڭ تۇرۇپ بىر ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىغىمىز گەرچە قەلەم بىلەن جاننى باققىلى بولمسمۇ ھەۋەسنىڭ كۇچىدە داۋاملىق بوشاشماي يىزۋاتقانلىغىمىز بىزنىڭ يۇكسەك مەسئۇليەتچانلىققا ئىگە ئىنسانلار توپى ئىكەنلگمىزنىڭ گۇمانسز ئىسپاتى بۇلالايدۇ . بىر ئىغىز راس گەپنى قىلغاندا بىزدە ھازىر باشقىلارنىڭ سەۋىيسى بىلەن ئۆزىمىزنىڭكىنى سىلشتۇرۇپ باھالايدىغان شارائىت بولمىغانلىغى ، بىزدە ھەقىقى تەپەككۇر ئەھلىگە لايىق دىت ۋە ھۆكۇم قىلىش ئىقتىدارى تولۇق يىتىلمىگەنلىگىگە سەۋەپ بولدىمۇ ياكى باشقا سەۋەپمۇ بىرقارىسا ئۆزىمىزنى ماختاپ ئۇچۇرۇپ يەنە بىر قارىسا ئۆزىمىزنى تىللاپ پوسكايتىۋەتتۇق . لىللا مەيداننىڭ قانداق بۇلىدىغانلىغى كاللىمىزدا ئىنىق ئەمەسمۇ ياكى تىللاش . قاخشاش . نارازى بۇلۇش يازغۇچىلاردىكى بىر ئالاھىدىلىكمۇ ئىش قىلىپ پىرۇزا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دوسلارنىڭ ئاز ساندىكى بەزىلىرى پەقەت قاملاشتۇرۇپ قاخشاش ۋە سۆز ئىبارسىنى تولۇق جايىغا چۇشۇرۇپ قاخشاپ مەڭگۇلۇك قىممەتكە ئىگە مەسىللەر ئۆستىدە ئەمەس ئۆتكۇنچى مەسىللەر ئۆستىدە باش قاتۇرۇپ يۇرگەنلىگنى ھىس قىلىپ تۇرۇپتىمىز . شۇ ئەسنادا بىزنىڭ قەدىرلىك ئۇستازلىرىمىزدىن جالالدىن بەھرام . مەمتىمىن ھوشۇر . ئابدۇللا ساۋۇت . ياسىنجان سادىقلارنى تىلغا ئالساق ئۇلار تىنىمسز ئەمگەك قىلىۋاتىدۇ . لىكىن ماكان زاماندىن . ئىدارىدىن . مائاشتىن قاخشاپ بىر پارچە ماقالە يىزىپ باققىنى يوق . مەن ئۇزۇمنىڭ نۇرغۇن پىكىرداش قەلەمداش دوسلىرىمنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا قاراپ بۇ كەسىپتىن رايىم يىنىپ قالدى . چۇنكى بۇ كەسىپ بىلەن مەڭگۇ شۇغۇللانسام ھىچ ئىش قىلالمايدىغانلىغمنى تونۇپ يەتتىم . ئۇنىڭ تۇرلۇك سەۋەبى بار بىرسى تۇرلۇك چەكلىمە . يەنە بىرى ئۆزۇمنىڭ بۇ جەھەتتىكى تالانتىنىڭ يىتەرسىزلگى . ئادەم ماڭا ئوخشاش ئوتتۇزغا كىرگەندە ئۆزىنى دەڭسەپ بىقىش كىرەك. ۋاز كىچىدىغاندىن ۋاز كىچىپ يەنە تاللاش ئىمكانىيتى يىتىدىغان ئىشلارنى قىلىش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش كىرەك . بولمسا بۇغدىيى يوق ساماننى سورۇپ بىر ئۇمۇر جاپا چەككىنى بىكارغا كىتىدىغان ئىش چىقىدۇ . يەنە بىرى بۇ ساھە تىل بىلەن . سۆز بىلەن جان باقىدىغان ساھە بولغاچقا مەن دەۋاتقان ھاياتنىڭ ئۇنۇمىنى كۇرۇش نىسبتى تۆۋەن لىكىن سۆز چۆچەك غەيۋەت جىق . بەزى ئىشلارغا ۋە گەپ سۆزلەرگە بولغان بەرداشلىق بىرىش ئىقتىدارىمىنىڭ ئاجىزلىغىنى كۇزدە تۇتۇپ شۇڭا بۇ يولدىن يىنىپ قالدىم . ئەسلىدە بۇ ئىشلارنى ھىس قىلماي ياشساققۇ يامان راھەت ئىچىدە ياشايتتۇق . لىكىن بۇ خىل ھىسياتنى بايقاپ قالدۇقمۇ بولدى ئەمدى قەلبىمىزنىڭ تىنىچ بۇلىشى مۇمكىن ئەمەس دەپ ئويلۇدۇم . مىنىڭ نەزىرىمدە غەرىپلىكلەر ئىنسانى ساپاغا كۆپرەك دەسمى سىلىپ ئۇلارنىڭ پىسخىكا ساپاسىنى كۇتۇرۇشتە كۇچىگەن بولغاچقا ئۇلارنىڭ جەميىتى بىر قەدەر مەدەنىيەتلىك ۋە ياشاشقا بولغان توغرا چۇشەنچىنى تۇرغۇزغان بىر جەميەتنى بەرپا قىلغان . بىراق ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز جۇڭگۇنىڭ تەرەققىياتى كۆرۇنۇشتە تىز. بىنالىرى كۇندىن كۇنگە ئىگىزلەۋاتقان بولسمۇ لىكىن ئاشۇ بىنالاردىكى كاللا بىلەن غەرىپنىڭ ئۇچ تۆت قەۋەتلىك بىنالاردا ئولتۇرۇپ ئالەمشۇمۇل ئىجادىيەتلەرنى بارلىققا كەلتۇرىۋاتقان ئىجادى روھى بىلەن ئورتاق بىر زاماندا ياشاۋاتقان ئادەملەرنىڭ تەپەككۇرى ۋە ياشاش ئۇسۇلغا سىلشتۇرۇش ئادەمنى نۇمۇس قىلىشتىن باشقا يەرگە ئىلىپ بارمايدۇ . مىنىڭچە بىزنىڭ ھاياتىمىز ھىس قىلىش بىلەن ئويلاش بىلەن ئۆتىۋەردى . نۇرغۇن ياشلار ئۆز كەسپىدە تىرىشىپ ياشقا لايىق ئىناۋەت تاپقان بولسمۇ لىكىن پۇل تاپالمىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۆمىتسزلىك پاتققىغا پاتقانچە تۇرلۇك كەيىپ يوللىرى بىلەن ئۆزىنىڭ دەرىتلىك قەلبىگە تەسەللى ئىزدەپ ياشلىق باھارى بىلەن خوشلاشتى . مۇشۇنداق ئەھۋالنىڭ ئۆزى بىزنى داۋاملىق بىچارە قىلىپ قويدى . بەزى تور بەتلەردە ۋە مەتبۇئاتلاردا پۇل توغۇرلۇق نۇرغۇن تالاش تارتىشلار بولغان بولسمۇ ئۇنىڭ ھەقىقى زۇرۇر ئىكەنلگىنى ھىس قىلغان ئادەملەرنىڭ نەچچىلىك ئىكەنلگىنى بىلمەيمەن . بىز شۇ تۇپەيلى ھەممە ھەممىدىن ئايرىلىپ قالدۇق . لىكىن بىز قۇرۇق گەپ سىتىپ ئۇگۇنۇپ قالغان روھى غالبىيەتچى بولغاچقا پۇلدارلارنى تىللاش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ كەمبەغەل ۋە يارامسزلىغىمىزنى يىپىشقا تىرىشىپ كەلدۇق . مىنىڭچە ھازىرقى جەميەتتە ئەڭ ياراملىق ئادەم بىلىمى ئارقىلىق ئىقتىزادى قىممەت ياراتمسا ئۇنىڭ داڭقىنىڭ نەچچىلىك بولىشى ئۆزىنىڭ خۇسۇسى تەقدىرى ۋە خوتۇن بالا چاقىلىرى ئۇچۇن بەرىبىر . ھازىرقى زاماندا ئەڭ چوڭ داڭق دىگەن ئىقتىزاد . ئۇ بولسا بالاغەت يىشغا توشماي تۇرۇپلا تۇرلۇك كېسەل بىلەن ئاغىرىپ دوختۇرخانىغا بىرىپ داۋالىنشقا پۇلى يوق ئۆيىدە ئۇلۇمنى كۇتۇپ ياتقان ئەقىل ئىگىلىرى ھايات قالىدۇ . نۇرغۇن ئېسل يىگىتلەر پۇل ئۇچۇن ئۆزىنىڭ ئىپپتىنى بىلىپ تۇرۇپ دەپسەندە قىلىۋاتقان سۇيگىننى بايلارنىڭ قۇچىغىدىن تارتىپ چىقىرىپ ئۆز ۋىجداننى ئاسىرىيالايدۇ . نۇرغۇنلىغان قارا كۇزلەر مەكتەپلەردە ئوقۇيالايدۇ . نۇرغۇن ئەقىل ئىگىلىرى چەتئەللەرگە چىقىپ ئالىم بۇلالايدۇ . بىلىمىنى پۇل تۆلەپ ئۇگۇنۇپ ئۇنىڭ بىلەن جان باقالماسلىق بىزنىڭ ئاقماس پاراڭدىن باشقا ئىش قولىمىزىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئادەملگىمىزنى ئىسپاتلايدۇ . ئىقتىزادى كاللسى يوق لىكىن زىيالى قالپىغىنى كىيىۋالغان بىزدەك ئادەملەر بىرەر باي بىلەن تونۇشۇپ قالساق پەخىرلىنىش ئىچىدە ئۇنى تونۇيدىغانلىغىمىزدىن ئىپتخارلىنىمىز . لىكىن ئىشلەيدىغان كاللىدىن سۆزلەيدىغان ئىغىز كۆپ دۇنيادا ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىدارنى دەڭسەپ توختا مەنمۇ بىر ئىشقا تەۋەككۇل قىلىپ باقاي دىگەن تىرىشچانلىق بىزدە كەمچىل . ئىزدىنىش روھى كەمچىل بۇلىدىكەن ئۇنداق بەندىگە خۇدايىمنىڭ بىرىدىغانلىغغا ئىشەنمەيمەن . مەن ھەيران قالىمەنكى باشقا ئەللەردە ساپلا ئوقۇغانلار باي . لىكىن بىزدە بىلىمى بارلار كەمبەغەل . ساۋاتسزلار باي . ساۋات دىگەن نىمە ؟ جان بىقىش يولى . سىزدە بىلىم بارمۇ ؟ خوپ ئۇنداقتا سىز ئۇنىڭ بىلەن قانداق قىلىپ ئىقتىزادى قىممەت يارىتالايدىغان جان بىقىش يولىنى ئاچتىڭىز ؟ ئۆزىنىڭ جىننىمۇ تۇزۇك باقالمىغان . ئاتا ئانىسى ئۇلۇپ كىتىۋاتسا بانكىدىن 10 مىڭ سوم پۇلنى ئىلىپ چىقالمىغان . ئايالى ئوپىراتسيە بولسا قاراپ تۇرۇپ ئۇلۇمىنى كۇتۇشتىن باشقا چارە تاپالمىغان . بالىسى كېسەل تارتسا بىشىدا يىغلاپ ئولتۇرۇپ ئۆلمەستىن بۇرۇن بىلىگە ئاق باغلاشتىن باشقا ئامال تاپالماي قىلىۋاتقان ئاتىلار بىزدە ئازمۇ؟
ئىقتىزاد دىگەن نىمە ؟ ئۇ ھاياتلىقنىڭ جان تومۇرى . غايىنىڭ كۆۋرۇگى . خىيالنى ئەمەليەتكە باشلايدىغان ئەمەلى يول . ئۇ بولمسا سىز بىلەن مەن نىمە ؟ جان بىلەن تەن نىمە ؟ سىز بىلەن مىنىڭ ۋۇجۇدۇم بىر دۆۋە گۇشتىن تۇزۇلگەن بىر پارچە ئېسسىق گۆش خالاس . ئىقىتزادى جەھەتتىكى مەسلسنى ھەل قىلالمىغان ئادەم باشقىلارغا ئەمەس ئۆزىنىڭ ئاتا ئانىسغىمۇ يارايدىغان بالا بۇلشى ناتايىن . لىكىن بىز ئەنە شۇ ھاياتلىقنىڭ جان تومۇرى بۇلىۋاتقان نەرسە ئۇچۇن قانچىلىك باش قاتۇرۇپ ئۇنىڭ ئىپىنى قىلىش ئۇچۇن قانچىلىك تىرىشتۇق . ئەدەبى تور بەتلىرىدە ئىقتىزاد تۇيغۇسى ئويغانمىغان باللار بۇ توغۇرلۇق گەپ بولسا ھالال بولسا ئاندىن تاپىمەن . بولمسا خۇدايىم بار دەپ ۋەدىسدە چىڭ تۇردىغاندەك قىلغان بىلەن بىرەرسى ئىئانە توپلاش ياكى بىرەرسى كىسەللىك سەۋەبىدىن ئىلان بەرسە شۇ ھامان مانا يۇز سوم دىيەلمەي خۇدايىم بىرەر . سىزگە دۇئا قىلاي دەپ ئۆزىنىڭ ئامالسزلىغىنى شۇ ھامان ئىتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بۇلىدۇ . ھەممىزگە ئايانكى بىرەر ئىنسان ئوپىراتسيە قىلىشقا تىگشلىك بولسا بىز ئۇنىڭغا سەممى نىيەت بىلەن دۇئا قىلساقمۇ لىكىن ئۇنىڭ شۇ زامات ساقىيىشىغا ھۇكۇم قىلغىلى بولمايدۇ ۋە دۇئا قلىغۇچىنىڭمۇ راستىنلا بىر ئىنساننىڭ ھايات ماماتلىق تەقدىرىگە چىن مىھىرى بىلەن كۆڭۇل بۆلۇپ دۇئا قىلشى ناتايىن . چۇنكى بۇ سەۋەپ ئالىمى . سەۋەپ قىلىشقا باھانە بولغىدەك تىرىگلىكنى قىلالمغان ئىكەنسەن ئۇنداقتا سەن نىمە ؟
مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ئادەم ئۆلتۇرسەڭمۇ پۇل تاپ ئەمەس ھەممىز ئۆزىمىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشمىزنىڭ ئاقىۋىتى ۋە ئىقتىزادى قىممەت يارتىش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرى توغۇرسىدا ئويلىنىش ۋە ھەركەت قىلىش كىرەك . سىز بۇ يولغا تەۋەككۇل قىلماي تۇرۇپ نىمىنىڭ ھالال نىمىنىڭ ھارام ئىكەنلگىنى قانداق بىلسىز ؟ شىنجاڭنىڭ پۇل تىپىشقا تىگىشلىك بولغان نۇرغۇن بوشلۇقلىرى بار ئىدى . ئۇنى ساپلا باشقىلار ئىگەللەپ بولدى . ئاددى قىلىپ ئىيتقاندا بىزدە تىخى ماركا ئىڭى يىتىلگىنى يوق . مۇقام . دولان . تارىم . تەڭرىتاغ . ئەتلەس دىگەندەك ماركىلار خەقنىڭ قولىغا ئۆتۇپ كەتتى . لىكىن بىز يەنىلا ناھايىتى شۇكىرى قانائەتچان . ھەممە نىمسى تەل بايلاردەك كىرىلىپ يەنە شۇ ياغاچ ھارۋىسنىڭ چاقىغا ماي ئىزدەپ ئۆمرىمىزنى ئۆتكۇزۋاتىمىز .  بىزدە دەۋىر سۇرۇپ ئۆزىنىڭ . جەمەتىنىڭ ئىھتىياجىدىن چىقىۋاتقانلار ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئىشىنىپ يەنە شۇ پۇل تاپقانلار ئەمەسمۇ ؟ سىز مەندىن سورايسز پۇل تاپىدىغان يول بولمسا ئادەم ئۆلتۇرەمدىم ؟ راستىنلا پۇل تاپقىدەك يول تاپالمسڭىز ئۇنىمۇ سىناپ باققۇلۇق . چۇنكى جىمجىت ئولتۇرۇپ ئۇلۇمنى كۇتكەندىن تەۋەككۇل قىلىش روھىنى ۋە يۇرەكنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلگىنى سىناپ بىقىشقا ئۇرۇنۇشنىڭ ئۆزى مىڭ ھەسسە ئەۋزەل
باي دادام نامرات دادام دىگەن كىتاپتا باي دادا ئانچە بىلىملىك ئەمەس . لىكىن نامرات دادا چوڭ ئالىم . ئالىم بالىنى ئەدەپلىك بول . ياخشى ئادەم بول . بەشتە ياخشى ئوقۇغۇچى بول دەپ تەلىم بىرىدۇ . لىكىن باي دادا ئۇزۇڭ شىركەت قۇر . مۇستەقىل ئىرادە تىكلە . تەۋەككۇلچىلىك روھى بولمىغان ئادەم جىننى باقالمايدۇ دەپ تەلىم بىرىدۇ . بىزگە نامرات دادىنىڭ گىپى ياقىدۇ . لىكىن ئۇ ئۆلگەندە بىر تالاي قەرىزنى مىراس قالدۇرىدۇ . باي دادا ئانچە بىلىملىك ئەمەس لىكىن ھاياتلىقنىڭ جان تومۇرىنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلىپ ، ھىس قىلىپ قانداق ياشىسا توغرا بۇلىدىغانلىغىنى بىلىدىغان بىلىمسىز ئەمما ئەقىللىق دادا بالىغا نەچچە مىليۇن پۇل مىراس قالدۇرىدۇ. سىز مەندىن جاھاندا ھەممە ئىشنى قىلىپ پۇل تاپقىلى بولمايدۇ . ھاياتنىڭ ئەھميىتى پۇلدا ئەمەس . دۇنيادا قايسى باينىڭ ھەيكىلى بار . قايسى باي بىر پارچە كىتاپ يىزىپ بىقىپتىكەن؟ پالانى كىتاپ يازغاندا كىملەر ئالەم جاھانغا سۇلتان ئىدى بۇنى كىم بىلىپتىكەن . بىز پۇل تاپمساقمۇ روھىمىز باي . بىز بايلىقتىن ، ئەمەلدىن ، رىئاللىقتىن ، سەسكىنىپ تۇرۇپ كۇچلۇك غۇرۇرىمىز ، سۇزۇك ھىسياتىمىز ئۇچۇن كۆرەش قىلساقلا بولدى دەپ جاۋاپ بىرسىز . ئۇنداقتا سىز ھاياتنى قانداق ياشايسز ؟ پاتاڭدىن مۇھتاجلىقنىڭ غىمى نىرى كەتمەيدىغان . ئايدا تاپقىنى بىر قىتىملىق زۇكام دۇرىسغا يەتمەيدىغان . قوسىغى ئاچ بولمسمۇ لىكىن كۆزى تىخى تولۇق تويۇپ باقمىغان . ئەل قاتارى ياشيالمايدىغان بىر ئادەمنىڭ يەنە نىمىلەر بىلەن كۆرەش قىلغىدەك ماغدۇرى بولسۇن ؟ مەن بىر كىتاپتا كەمبەغەلدىن باي اللاغا يىقىن دىگەن بىر گەپنى كۆرگەن . نىمىشقا دىسە باي ئىتىكاپتا خاتىرجەم ئولتۇرۇپ چىن كۇڭلى بىلەن اللاغا سىغىنىدۇ . لىكىن كەمبەغەل تۇرمۇشنىڭ تۇرلۇك تۇمەن غىمى بىلەن ھەتتا نامىزىنىمۇ جايىدا ئوقىيالماسلىغى مۇمكىن . بۇ مۇتلەق ھەقىقەت ئەمەس پەقەت بىر زاكۇن . مىنىڭ ئىككى دوستۇم بار ئىدى . بىرى سودىگەر . ئون يىلدا نەچچە مىليۇن پۇل تاپتى . يەنە بىرى چەتئەلگە چىقىپ دوكتۇر ئاشتى بۇلۇپ قايتىپ كەلدى . بۇرۇن ئىككىسى ساۋاغداش ئوقۇپ ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرگەندىن كىين بىرسى تىجارەتنىڭ يەنە بىرسى ئوقۇشنىڭ يولىنى تاللىۋالغان. ھازىر سودىگەرنىڭ بەش يەردە ئۆيى بار . دوكتۇر ئايالى بىلەن ئوتتۇز كۋادىرات مىتىرلىق ئۆيدە سىقىلىپ ئولتۇرىدۇ . باي بۇرادەرنىڭ ھايات توغۇرسىدىكى تالاي چۇشەنچىلىرىنى دوكتۇر دوستىمىز بىلەن بىللە ئاڭلايمىز . چۇنكى ئۇمۇ ساياھەت ئىشلىرى بىلەن چەتئەللەرگە تولا چىقىدۇ. لىكىن دوكتۇر بۇرادەرنىڭ كومپيۇتىرى بۇزۇلۇپ قىلىپ ياخشىراق كومپىيۇتىردىن بىرنى ئىلىشقا ماغدۇرۇى يوق توختاپ قالدى . مەن شۇنىڭدىن بىلدىمكى دوكتۇر بولغاندىمۇ جان باقالايدىغان دوكتۇر بولمىغاندا ئۇنداق دوكتۇردىن مىنىڭ دىھقان دادام ياخشكەن . يەنە بىر دوستۇم ئۆزى ئۇيغۇر تىلىنى ئوقۇپ ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرگەندىن كىين دوكتۇرلۇقنى ئىقتىزاد كەسىپىدە ئوقۇش ئۇچۇن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ ئۇنىڭ قارىشچە ئىقتىزاد كەسپىدە ئوقۇپ جاننى ياخشىراق بىقىش كىرەك . ئەدەبىيات كەسپى نەزىرىمىزدە ياخشى بولسمۇ لىكىن ئۇنىڭ بىلەن ھەپلىشىپ جاننى بىقىش ۋە قەلەم ھەققى بىلەن بىر ئائىلىنى قامداپ كەتكىلى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ . ھازىر باشقا ساھەدە پۇل تاپىدىغان ئىش بەك كۆپ . بىز ھىچ بولمسا ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بىرىپ ئۇتۇشتىن بۇرۇن ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن كىلىدىغان ئىشمىزنى دەڭسەپ قىزىزىقىشمىز بىلەن ئىقتىزادى ئاڭنى بىرلەشتۇرۇپ . كەسىپ تاللاشتىن بۇرۇن بىز تاللىغان كەسىپ بىلەن جان بىقىشنىڭ مۇناسىۋىتى قانچىلىك؟ ئۇمۇرنىڭ ئالتۇندەك چاغلىرىنى خەجلەپ ئۇگەنگەن نەرسە بىلەن زادى قانچىلىك تىرىكچىلىك قىلغىلى بۇلىدۇ دىگەننى ئويلاش ۋە شۇ غايىگە ئاساسەن ئىلىم دەرۋازسىغا قەدەم قويۇش بىز ئۇچۇن زىيانلىق بولمسا كىرەك
بۇنىڭ ئۇچۇن ھەر بىرىمىز ئاۋال ئۆزىمىزىنى ئۆزىمىز قۇتقۇزىشمىز كىرەك . باش زىندانلىرىدىن ئەركىن ئىدىيەنى تارتىپ چىقىرىپ تەۋەككۇلچىلىك روھىمىزنى ئۇرغۇتىشمىز كىرەك . ئىجادى روھنى تىخمۇ جانلىق ھەركەت قاينىمىغا باشلاش كىرەك . مەن ئۇيغۇر قىز يىگىتلىرىمىزنىڭ ئەقىللىغىدىن گۇمان قىلىشقا پىتىنالمايمەن . لىكىن ئاشۇ ئەقىل ساپلا ياشقا مۇناسىپ بولمىغان يەرلەردە ئىسراپ بۇلۇپ كىتىۋاتقىنىغا ئىچىنىمەن خالاس . مەن كىچىگىمدىن يامان ئەمەس ئائىلىدە چوڭ بولغان . بىيجىڭدا ئىككىنچى قىتىم ئوقۇش جەرياندا ئىقتىزادنىڭ دەردىنى تارتىپ بۇنداق تۇيغۇلارغا كىلىپ قالغىنىممۇ يوق . پەقەت جەميەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلالمغان كاللام ۋە ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ بۇ ئىشلارنى ئويلاۋاتىمەن . بىزدە ئىشلەنگەن فىلىملارنىڭ سەۋىيسى نىمىشقا شۇنچىلىك تۆۋەن ؟ بىرىنچى سەۋەپ ئىقتىزاد يوق . كىنو دىگەن بەش سوم خەجلسڭىز بەش سوملۇق 50 مىڭ سوم خەجلسڭىز شۇنچىلىك ئىكراندا كۇرۇنۇپ تۇرىدۇ . ئامرىكىلىق خۇمپەرلەر ئەنە شۇ پۇل دىگەن گۇينىڭ كۇچى بىلەن ھازىرغىچە ئەقىلىمىزنى لال قىلىپ پۇتۇن دۇنياغانى قاپلىغان مەدەنىيەت بازىرىنى ئىچىۋاتىدۇ . ئىقتىزادى شارائىت يار بەرسە ھوللۇۋۇدتەك يەرلەردە تۇرۇپ ئۇلارنىڭ سەۋىيسنى ئۇگىنىدىغانغا باللار بارسا ئامرىكىلىق قىلغان نەرسىنى بىزمۇ قىلالايمىز . بىزدە بىرلا ئادەم ئەمەس بىر پۇتكۇل جەميەتتىكى مەجرۇھ روھى ھالەتلەرنىڭ يۇقۇندىلىرى يىڭى ئۇسۇپ يىتىلىۋاتقانلارنى كېسەل قىلىپ تەربىيلەپ چىقىۋاتىدۇ . بۇ خىل روھى ھالەتنى سورۇنلارغا ياكى كەيىپكە . ياكى مىللەتنىڭ ئەھۋالى ياكى يەنە بىر نىمىلەرگە باغلاپ باھانە ئىزدەش ياكى يەنە قانداقتۇ بىر ئەيىپ نوقسانلارغا باغلاپ چۇشەندرۇش مىنىڭچە ئاقىلانلىق ئەمەس . مىللەتنىڭ ۋە مەدەنىيتىنىڭ . سورۇننىڭ تىللايدىغان يامان يىرى يوق . ئەگەر ئىشلار يۇرۇشۇپلا بەرسە ھەممە ئىش ئۆز قىنىدا ئۆز يولىغا چۇشىۋالسا مىللەت ھەم ئاياللارنى تىللايدىغانغا چولىمىز تەگمەي ئالدىراش بۇلۇپ كىتىدىغانلىغىمىز چوقۇم
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا نەشىرىيات ئورۇنلىرى نەشر نۇمۇرىنى بەش ئالتە مىڭدىن ستىۋىدى ئۆزىنىڭ كىتاپلىرىنى چىقىرىش ئۇچۇن ئالدىرىغان تالاي يازغۇچىلىرىمىز چىقتى . لىكىن كىتاپنىڭ سالاھيىتى چىقرىشقا توشسمۇ ئىقتىزادىنى ھەل قىلالماي يەنە نۇرغۇن يازغۇچىلار ھەسرەتتە قالدى .
تەپەككۇرنىڭ يۇكسەكلگى ۋە تىخمۇ ئۇزاقنى كۇرۇش ئۇچۇن يازغۇچىلار ئالدى بىلەن ئىقتىزادى مۇھتاجلىقنىڭ غىمىدىن قۇتۇلمايدىكەن ئۇنداقتا ئۇلار يەنە شۇ قاۋاق مەدەنيىتى ئۇچۇن تۆھپە قوشۇپ سورۇنغا بارغىدەك پۇرسەت تاپالمىغاندا ئاز تولا ماقالە يىزىپ جان بىقىشىتىن باشقا ئۇلۇغۋار ئىدىيە ۋە يىڭى كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرغا چىقارغىدەك ئەسەر يازالىشى ناتايىن . ئەلۋەتتە پۇل مال دۇنيا ھاياتتىكى ھەممە نەرسىنى ھەل قىلدىغان بىردىن بىر كۈچ ئەمەس . ئالدى بىلەن ئادىمىلىكنى پۇختىلاش ئۇنىڭ ئۇچۇن دەسمى سىلىش كىرەك . چۇنكى پۇل دىگەن بۇ نەرسە ئىمانسى سۇزۇك . ئۆزىنى ئاتىسنىڭ بالىسى ئەمەس ئەلنىڭ بالىسى ھىساپلايدىغان ئوت يۇرەكلەرنىڭ قولىغا چۇشسە ھىممەتلىك ئالقانغا ئايلانغان بىلەن بەغەرەز . ئۆزىنىڭ غىمىدىن باشقا ھىچكىمنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۇل بۆلۇشنى خالىمايدىغان ئادەملەرنىڭ قولىغا چۇشكەندە ئۇ جەميەتنى چىرىتىكۇچى بىر كۇچكە ئايلىنىدۇ
قەلبى ئۆزگىلەرنىڭ ئازاپلىرى ئۇچۇن قىلدەك تولغىنىپ تۇنلىرى ئۇيقۇسىدىن بىدار بۇلىدىغان ئوت يۇرەكلەرنىڭ ھەممىسى نامرات ھالەتتە بولسا ئۇلارنىڭ دەۋىر سۇرىشى ئىنىق .
مۇشۇنداق بولغان ئىكەن بىز چوقۇم ئىقتىزاد ئىمپرىيسىنى قۇرۇپ چىقىش ۋە شۇ ئارقىلىق نۇرغۇن ياخشى مەخسەتلەرگە يىتىش ئۇچۇن ئاساس سالغان بۇلىمىز
ئەگەردە يەنىلا ئەدىبلەر كەمبەغەل بولمسا يازالمايدۇ دىگەن ۋاختى ئۆتكەن پەلسەپىگە ئەگىشىپ ياشايدىكەنمىز بىزمۇ غايۋى خياللارنىڭ بىر قۇلىغا ئايلىنىپ قىلىشمىز مۇقەررەر . بۇ ئىش بىز بىلەنلا كەتسىمۇ مەيلى ئىدى لىكىن باللىرىمىز قانداق قىلىدۇ ؟ ئۇلارمۇ بۇرنىمىزنىڭ ئاستىدا پۇل تىپىپ دەۋىر سۇرۇپ باللىرىنى چەتئەللەردىكى ئەڭ داڭلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتىۋاتقان چىغىدا بىز ئۆزىمىزنىڭ راستىنلا يارىماس بىر ئادەملگىمىزنى ھىس قىلماسمىزمۇ ؟ دۇنيادا ئۆزىنىڭ پەرزەنتى ئۇچۇن ئۇلار خالىغاندەك ھايات شەكلىنى يارىتىپ بىرەلمىگەن ۋە ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ياشلىق باھارىنى . ھىسياتىنى بىر ئەرگە ئاتىغان . تاپشۇرغان بىر ئايالنى رازى قىلالماي ياشىغان ئەركەكنى قانداقمۇ ئەركەك دىگىلى بولسۇن ؟

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 14:20 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [5 -قەۋەت]
دىيارىم مۇنبىرى » ﻧﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ

يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ھازىرقى ۋاقىت : 03-28 09:15
Powered by PHPWind v5.3 Certificate Code © 2007-2010 Diyarim Corporation