مۇھىتتىن ئادىمىيلىكىمىزگە نەزەر
Ihlas Ilani
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ » مۇھىتتىن ئادىمىيلىكىمىزگە نەزەر

بۇ بەتتىكى تېما: مۇھىتتىن ئادىمىيلىكىمىزگە نەزەر پرىنتلاش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تىما 119 قېتىم كۈرۈلدى .
بۇ ئەزا توردا يوق ahirkibora

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 43
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 56
UID نۇمۇرى : 22949
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 35
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە35دانە
شۆھرەت: 60 نۇمۇر
پۇل: 254 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-30
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-28

مۇھىتتىن ئادىمىيلىكىمىزگە نەزەر

مۇھىتتىن ئادىمىيلىكىمىزگە نەزەر

< 1 >

جاھان غوۋغالىرىنىڭ يالغان ئالدىراشچىلىقلىرى ئىچىدە تىپىرلاپ يۈرۈپ چوڭلارنىڭ ۋە ئۇكامنىڭ توپا بېشىغا چىقىش يادىمدىن چىقىپ قاپتۇ . بۈگۈن « بىسمىللا  » دەپ ئوڭ پۇتۇمنى بۇسۇغۇدىن ئالدىمدە گۈلساي قەۋرىستانلىقىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم .  توپا بېشىغا كىلىپلا قەۋرىستانلىقنىڭ ۋەيرانە ھالىتى كۆڭلۈمنى غەش قىلدى . ئادەتتە بۇ چوڭ قەۋرىستانلىق ماڭا يۈكسەك ، سىرلىق ، سۈرلۈك ۋە يەنە خاتىرجەملىك تۇيغۇسىنى بېغىشلايتى . ئەمما قەۋرىستانلىق مەسچىتى سەيناسى ئەتىراپى ۋە زومچەك - زومچەك قەۋرىلەر ئەتىراپىدىكى ئەخلەت - چاۋارلار ، بۇلۇپمۇ دەل - دەرەخلەرنى ئالا - يىشىل بېزىۋەتكەن سۇلياۋ خالتىلار كۆزۈمگە ئىنتايىن سەت كۆرۈنۈپ كەتتى . ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ قالدى ! بۇ ئەخلەتلەر نەدىن كەلگەن ؟
كاللامغا كەلگەن بۇ ئەخمىقانە سۇئالدىن نۇمۇس قىلىپ كەتتىم !
« ئەلۋەتتە بىز تاشلىغان !  نىمە ؟! تېنىۋالاي دىگەنمىدىڭ ؟! ياكى < تائىپىلەر مەينەت ، شۇلار تاشلىغان > دەپ ئارتىپلا قۇتۇلاي دىگەنمىدىڭ ؟! بۇيەرلەرگە ئۇلار چىقمايدىغۇ دەيمەن ! » دىگەن ئاۋاز ئوقيا كەبى يۈرۈكۈمگە سانجىلدى ! توغرا قېرىنداشلىرىم ، بۇ ئەخلەتلەرنىڭ ھەممىسىنى بىز تاشلىغان ! نىمە ئىسىمىزدە يوقما ؟ ھېيتتا ، ھەر پەيشەنبىدە چىققاندا ئۇسسۇلۇق ئۈچۈن ئېلىۋالغان سۇلىرىمىزنىڭ بۇتۇلكىسىنى ، توپا بېشىغا چاچىمىز دەپ ئېلىۋالغان گۈرۈچ - قوناقلىرىمىزنى سالغان سۇلياۋ خالتىلىرىمىزنى قايسى بىرسىمىز يانچۇقىمىزغا سىلىپ ئەپچۈشۈپ كەتتۇق ؟! دەرەخ تىكسە ساۋابى بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چىرايلىق تۇرىدۇ دەپ قەۋرىلەر ئەتىراپىغا ئاتايىتەن ئورەكلەرنى كولاپ ، كۆچەتلەرنى سېلىشتىن ئېرىنمەيمىز - يۇ ، كىچىككىنە سۇلياۋ خالتىنى يانچۇقىمىزغا قاتلاپ سىلىپ ئەپچۈشۈپ كېتىشتىن ئېرىنىمىز ! ھەممىمىز شۇ قارا يەر ئاستىدا ياتقان قەدىردانلىرىمىزنىڭ خاتىرجەم ، تىنىچ ، گۈزەل بىر مۇھىتتا يېتىشىنى شۇنچىلىك ياقىلايمىزكى ، ئاخىرىدا يەنە ئۆزىمىز مەينەت قىلىمىز !مانا بۇ ئۇيغۇر !
< 2 >

ئالدىنقى كۈنى توردىشىمىز راشىدىن ئامرىكا « فۇبۇس » ژۇرنىلى ئېلان قىلغان دۇنيادىكى مەينەت شەھەرلەر تىزىملىكىنى مۇنبەرگە يوللىغان ئىدى . مەن تېمىنى كۆرىپلا < ھەي ،  بىزنىڭ ئۈرۈمچى چۇقۇم بار ! > دەپ ئويلىغان ئىدىم . لېكىن مەزمۇنىنى ئوقىسام < خۇداغا شۈكرى ! > يوق ئىكەن ! ئەلۋەتتە ئەنسىرىشىم ئورۇنسىز ئەمەس !  ئادىمىي ئەخلاق - ساپايىمىزنىڭ قانچىلىك ئكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان ! ئۆزلۈكىدىن قولىدىكى ئەخلەتنى ئەخلەت ساندۇقىغا سالىدىغان قانچىلىك ئىنسان بار ؟ بۇ شۇنچىلىك تەس ئىشمۇ ؟ ھازىرقى مۇشۇ ھالىتىمىزنى گىرمانىيىلىكلەر ، ياپونلىقلار ، ئاۋىستىرىيەلىكلەر بىلەن سىلىشتۇرۇش مۇمكىنمۇ ؟ ئەڭ ئاددى مىسالى : 1964 - يىلىدىكى ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن  توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى يېپىلىش مۇراسىمىدا ، پۈتكۈل مۇراسىم ئاخىرلاشقاندا يەردىن بىرپارچىمۇ قەغەز پارچىسى ، بىر تالمۇ گازىر شۆپىگى قاتارلىق نەرسىلەرنى تاپقىلى بولمىغان ! مۇراسىمدىن كېيىن بىر ئامرىكىلىق مۇخبىر بۇ ئەھۋالنى  <  قورقۇنۇچلۇق ياپونلىقلار > دىگەن سەرلەۋھىدە خەۋەر قىلغان ! بىزنىڭ جۇڭگودا بۇ بىز ئۈمۈرۋايەت كۆرەلمەيدىغان ھەتتا تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايدىغان ئىش !
<3 >

بىز ئەسلىدىنلا گۈزەللكنى سۆيىدىغان ، گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان ، گۈزەللىك بەرپا قىلىدىغان بىر مىللەت ! ئەجابا بىز راستىنلا ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن شۇ گۈزەل ئەدەپ - ئەخلاقلىرىنى پايخان قىلىپ ياشاۋىرەمدۇق ؟ بىز مۇشۇ پېتى ئۆزىمىزنىڭ ئادىيمىلىكىمىزدىن يۈز ئۆرۈپ ئاسىي بۇلۇپ كېتەمدۇق ؟ < ئەجداتلىرىمىز قارا يەر ئاستىدا ، ھىسابىنى بەرمىسەكمۇ بۇلىدۇ > دىگىنىمىز بىلەن ئەۋلاتلىرىمىز ياقىمىزدىن ئالغاندا نىمە دەپ جاۋاپ بېرىمىز ؟!
بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا پاكىزلىقى بىلەن نام چىقارغان گۈزەل كورلا شەھرىگە بېرىپ شەھەرنىڭ پاكىزلىقىغا قول قويغانىدىم ، ۋە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن سىرداش دوستلىرىمدىن بىر نەچچىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ « ئۈرۈمچى ئۈچۈن » دىگەن شوئارنى قوللىنىپ تازىلىقنى سۆيۈش ، تازىلىقنى ئاسراش ، بۇلۇپمۇ ئۆزىمىزنىڭ كۈندىلىك ئەخلىتىمىزنى چۇقۇم ئەخلەت ساندۇقىغا سېلىش ، باشقىلار تاشلىغاننى تېرىپ ئېلىۋىتىش ۋە شوئارىمىز ئارقىلىق تەربىيە بېرىش ، باشقىلارنى سېپىمىزگە قۇشۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغانتۇق ! شۇ ۋاقتتا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولغان ئىدى . كېيىن تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ، خىزمەت ئىشلىرى بىلەن چېچېلىپ بۇ پائالىيىتىمىزمۇ توختاپ قالغان ئىدى . شۇندىن كېيىنمۇ مەن ھازىرغىچە شۇ نىزاملىرىمىزغا ئەمەل قىلىپ كىلىۋاتىمەن .  بۇ بىر تەسمۇ ئىش ئەمەسكەنغۇ ؟ بىزگە نىمە ئۈچۈن شۇنچىلىك ئېغىر تۇيۇلىدۇ ؟ بىزگە ئېغىر كىلىۋاتقىنى بىرپارچە قەغەز پارچىسىمۇ ياكى زامانىۋىيلىق ئارىسىدا يىتىمسىرەپ قالغان ئادىمىيلىكىمىزمۇ ؟

بۇ مەزمۇنلارنى يېزىشىم ھەرگىزمۇ قۇرۇق گەپنى يېزىپ قۇيۇپ مۇنبەر بېتىنى ئىنكاس بىلەن توشقۇزۇش ئەمەس ! ئۈمۈد قىلىدىغىنىم بۇ تېمىنى ئوقىغان تورداشلار چۇقۇم گۈزەللىكنى سۈيەيلى ، ئادىمىيلىكىمىزنى سۈيەيلى ! ئىشچانلىقنى ئادىتىمىز قىلايلى ! ھەم تىرىشىپ بۇنى باشقىلارغىمۇ تەۋسىيە قىلايلى ! بىزنىڭ پەقەت ۋەپەقەت بىرلا ئۈرۈمچىمىز ، بىرلا غۇلجىمىز ، بىرلا قەشقىرىمىز ، بىرلا خوتىنىمىز ، بىرلا تۇرپىنىمىز ، . . . . . . . لار بار !
مەن قىلالايمەن دەپ مەيدە قاقالايدىغانلارنىڭ ئىنكاس تېزىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ! كۆرۈپلا ئۇنتۇپ كەتمەكچى بولسىڭىز ئۇنداقتا بەتنى ئاۋارە قىلماڭ !!!
مەنبە : ئاخىرقى بۆرە

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
• شۆھرەت:+5(manggutax) ياخشى ماقالە
• 6xahar
تېما تەستىقلىغۇچى : manggutax
تەستىقلىغان ۋاقىت: 2008-03-24, 00:55
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 00:43 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [باش يازما]
بۇ ئەزا توردا يوق zulpiya5.31

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 39
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 60
UID نۇمۇرى : 25575
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 12
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە12دانە
شۆھرەت: 12 نۇمۇر
پۇل: 150 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ahirkibora ياخشىمۇ سىز؟
سىزنىڭ يوللىغان بۇ تېمىڭىز ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا ئەۋج ئېلىپ قالغان بىزنىڭ ئۇدۇمىمىزغا ماس كەلمەيدىغان بىر ناچار ئىللەت. راسىت دەيسىز ئۆزىمىزنىڭ زېمىنىنى ئۆزىمىز دەپسەندە قىلساق ئۇنىڭ جازاسىنى كىم تارتىدۇ؟ مىللىتىمىز ئەزەلدىن ئۆزىمىز ياشاۋاتقان تۇپراقنى ئۆزىمىز گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش، قىسقىسى ئۆزىمىز ياشاۋاتقان مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈشتەك ئىسىل ئەنئەنىلىرىمىز بىلەن دۇنياغا تۇنۇلغان مىللەت. بۇنىڭ بىر ئاددىي مىسالى ھويلا- ئارام ئىگىلىكى. تارىخىمىزنى ۋاراقلايدىغان بولساق مىللىتىمىز ئەزەلدىن ئۆزى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئانا تۇپراقنى قەدىرلەپ، ئالقانچىلىك تۇپراقتىن پايدىلىنىپ تال- بارانلارنى، گۈل- گىياھ، دەل-دەرەخلەرنى قويۇپ ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتنى يېشىللاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن  مىللەت. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە «تەرەققىيات»  دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۆزىمىز ياشاۋاتقان مۇھىتنى ئۆزىمىز بۇلغاپ دەپسەندە قىلساق بۇنىڭ سورىقى بولماسمۇ؟ مەنمۇ قايسى بىر كىتاپتىن ئوقۇغان: رايۇنىمىزدىن بىر قېرىندىشىمىز چەتئەلگە چىققان بولۇپ، بىر نەچچەيلەن يولدا ئايلىنىپ كېتىۋاتسا تويۇقسىز يامغۇر يېغىپ كەتكەن، ئۇلار يامغۇرغىمۇ قارىماي ئايلىنىپ كېتىۋاتسا ياندىكى بىر تارچۇق كوچىدىن 50-60 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال بىر نەۋرىسىنى يېتىلەپ چىقىۋاتقان بولۇپ  (ئۇلار ماڭغان يول چەترەك يول بولسا كېرەك، پاتقاق ئىكەن) ئۇ موماي ھەم نەۋرىسى ئايىقىغا سۇلياۋ خالتا كىيىۋالغان ئىكەن، ئۇلار چوڭ يولغا چىققان ھامان موماي ئۆزىنىڭ ھەم نەۋرىسىنىڭ ئايقىغا كىيدۈرۈلگەن پاتقاق بولۇپ كەتكەن سۇلياۋ خالتىنى  ئېلىپ يەنە بىر پاكىز خالتىغا سېلىپ قولىدا كۆتۈرۈۋېلىپ تاكى ئەخلەت ساندۇقى بار ئورۇنغا كەلگىچە كۆتۈرۈپ كېلىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتكەن. ھېلىقى قېرىندىشىمىز بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ھاڭ تاڭ قالغان ھەم يېنىدىكىلەردىن سورىغان، ئۇلار بۇنداق قىلىشنىڭ ھەر بىر پۇقرانىڭ مەجبۇرىيىتى ھەم ئاڭلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن. شۇيەردە ھېلىقى قېرىندىشىمىز رايۇنىمىزدىكى بەزى ئەھۋاللارنى ئېسىگە ئېلىپ خىجىللىق ھېس قىلغان.ئۇنىڭدىن باشقا رېئال تۇرمۇشىمىزدا بۇنداق مىساللار ناھايىتى نۇرغۇن.  بۇ گەرچە بىر كىچىك ئىش بولسىمۇ لېكىن ئويلىنىشقا تېىگىشلىك مەسىلە. ئەجدادلار بىزگە تاپشۇرغان بۇ سېھىرلىك زىمىننى بىز قەدىرلىمەي مۇشۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويساق ئەۋلاتلارغا نېمە دەپ جاۋاپ بېرىمىز؟ بولدى قالدىسىنى دېمەي، قېنى قېرىنداشلار ھەممىمىز ئىشنى ھازىردىن،  ئۆزىمىزدىن باشلاپ ئۆزىمىز ياشاۋاتقان مۇھىتقا مەسئۇل بولايلى! ! ! ! !

Atlan
ئەخلاق _ روھنىڭ غۇنچىسى
ئېتىقاد _  مىللەتنىڭ يىلتىزى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 13:16 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [1 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق yawagul0997

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 105
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 194
UID نۇمۇرى : 26456
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 88
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە88دانە
شۆھرەت: 98 نۇمۇر
پۇل: 420 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

ياخشى  تېما  يوللاپسىز،  ئىنسانلار  ھەقىقەتەن  ئېغىر  كىرزىسقا،  خىرىسقا  دۇچ  كەلدۇق،  مۇھىت  مەسىلىسى  پۈتۈن  دۇنيا  كۆڭۈل  بۆلىۋاتقان  مەسىلە،  تەرەققىي  تاپقان    دۆلەتلەردە  مۇھىت  ئاسىراش  ئۇمۇمىي  ھادىسىگە  ئايلانغىلى  ئۇزۇن  يىللار  بولدى،  بىزدە    بولسا  قۇرۇق  شوئارلا  بولۇپ  قالدى  خالاس،  بولمىسا  ئىچكىرى  ئۆلكىلەرمۇ    شۇنداق  پاكىزكەن،  مېنىڭچە  بۇ  رايون  مەسلىسى  ئەمەس  ئاڭ  مەسىلىسى،  ئەمەلىيەتتە  مۇھىتنى  ئاسراش  ئۇنچە  تەس  ئىشمۇ  ئەمەس،  ھەممىمىز  ئۆزىمىزدىن  باشلىساق  بۇ  مەسىلىمۇ  تەبىئىيلا  ھەل  بولىدۇ،  كوچىلاردا  توختىماي  تازىلىق  قىلىۋاتقان  تازىلىق  ئىشچىلىرىنى  كۆرسەم  شۇنداق  ئىچىم  ئاغرىيدۇ،  ئۇلارنىڭ  كۆپىنچىسى  ئوتتۇرا  ياش،  ياشانغان  كىشىلەر،  مۇئاشى  تۆۋەن،  خىزمەت  ۋاقتى  ئۇزۇن،  تېخى  شۇلار  تازىلىق  قىلىۋاتقاندا  بەزىلەرنىڭ  ئۇلارنى  تىللاپ  ھاقارەتلەپ  كېتىشىچۇ  تېخى،  بىز  تازىلىققا  رىئايە  قىلغان  بولساق  شۇلارمۇ  ئۇنچىۋالا  جاپا  تارتىپ  كەتمەيتى،  قىسقىسى،  ئۆزىمىزدىن  باشلايلى،  بالىلىرىمىزغا  ئۈلگە  بولايلى،  كېيىنكى  ئەۋلادلىرىمىزغا  ئەركىن  نەپەس  ئالغۇدەك  ساپ  ھاۋا،  پاكىزە  مۇھىت  قالسۇن!

Atlan
مۇھەببەت  بىر  سۆز،  مەزمۇنى--دۇنيا
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 13:17 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [2 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق totem
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 2567
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 2432
UID نۇمۇرى : 13600
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 5
يازما سانى: 2209
ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2209دانە
شۆھرەت: 1484 نۇمۇر
پۇل: 1565 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

ئىز قالدۇرۇپ قۇياي مەن،كەچتە ئۆيۇمدە بەھۇزور ئولتۇرۇپ كۆرۇپ ئىنكاس يازاي،

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۇللەندۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى!
(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 13:35 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [3 -قەۋەت]
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ

يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ھازىرقى ۋاقىت : 03-28 09:14
Powered by PHPWind v5.3 Certificate Code © 2007-2010 Diyarim Corporation