ئۆلۈپ تىرلىش
ھاياتنوپۇس مۇھەممەت
كۈتتۇم ...سەنمۇ تۇرغانسەن كۈتۇپ ،
ساھىللاردا ،تەنھا يولۇچى .
تونۇشمايمىز ئەمما بىر يولدا ،
ماڭغاندىمىز بەلكىم ھەر كۇنى .
تالاي قىتىم سىغنىش بىلەن ،
روھلار رىشتى قالدى ئىسەدەپ .
قالغاندىمىز ئۇچرىشىپ يەنە ،
خىياللاردا ئۆز ئارا ئىزدەپ .
سۇكۇتلەرگە دەز كەتكەن شۇ تاپ ،
ئېيتىدۇ ئويغاق بىر ناخشا .
ھەسرەت بىلەن چەكسىز سۆيۇشنى،
ئۆگنىۋالدۇق ئاستا ۋە ئاستا .
ۋىسال پەيتى چوڭقۇر خىياللار ،
تىلەكلەرگە كەتتى سىڭىشىپ .
تاللىدۇق ،ئېھ...مەڭگۇ ھىجاراننى !
سەرسانلىقتا قايتا تىرلىپ .
1997-يىل .يانۋار