سەھرادىكى ساددا پىكىرلەر
1، ئېرىشكەن نەرسىلىرىمىزنى يېتەرلىك قەدىرلەشنى بىلمىدۇق، ئېرىشەلمىگەن نەرسىلىرىمىز ھەققىدىكى ئايىغى چىقماس قۇرۇق خىياللاركۆز ئالدىمىزنى خىرەلەشتۈرۈپ، ئىككى پۇتىمىزنى پاتقاققا پاتۇرۇپ قويدى.
2، شەخسىي ھەسرەتنى ئىپادىلەشكە بېرىلىپ كەتكەن شائىرلار ھەسرەتتىن باشقا نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
3، قىلىچ بىلەن شئېر مەنىۋى ھايات ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى ئىككى خىل شەكىل. ئەركەك بولىدىغان بولساڭ ئەڭ ياخشىسى قولۇڭغا قىلىچ ئال.قىلىچ تۇتالمىساڭ شېئىر يازكى ، قىلىچلار غىلاپتىن چىقىپ ، ھەققانىيەت ئۈچۈن يالتىرىسۇن.
4، ئادەم ئۆزىنى تونۇپ يەتكەنسىرى تەنھالىققا يېقىنلىشىدۇ،تەنھالىق قىسمىتىگە گىرىپتار ئادەمدىن قايتا خەۋەر كەلمەيدۇ.
5، ئاڭلىسام دۇنيا ئۇچۇر دەۋرىگە كىرىپتۇ،بىزمۇ تەن بەرمىگەندەك تۇرىمىز.قارىسام ، 70تىن ئاشقان بوۋايلاردىن تارتىپ نارىسىدەلەرگىچە، ئەرلەردىن تارتىپ ئايللارغىچە بوتۇلكا دەۋرىگە كىرىپ بوپتۇق.
6، بىلەپ تۇرمىغان پىچاق داتلاشقاندەك، ئىشلىتىپ تۇرمىغان كاللىمۇ قاتماللىشىدۇ.بۇنداق كاللىلارنىڭ پاجىئەلىك يېرى شۇكى ئۆزىگە تەن بەرمەيلا قالماستىن ،ھەمىشە ئىشلەيدىغان كاللىلارغا ئۈسسۈپ ،زېدە قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرىۋالىدۇ.
7،ئەقىدىۋى گۇمراھلىق بارچە مەسىلىلىرىمىزنىڭ تۈپ يىلتىزى،كۆز ياشلىرىمىزنىڭ مەنبەسى. ئادىمى قىممەتنى يېڭىۋاشتىن تۇرغۇزىمىز دەيدىكەنمىز،روھنى داۋالىشىمىز كىرەك.روھ بولسا پەقەت دۇرۇس ئەقىدە دورىسى بىلەنلا شىپا تاپىدۇ.
8،ئەقىل داۋراڭلىرى ئاستىدا ھەقىقى ئەقىل ئىگىسى ئەمەس،ئەقىلنىڭ خۇراپىي چوقۇنغۇچىلىرىغا ئايلىنىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، تەنقىدنىڭ كۆز نۇرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىشىمىز ۋە دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە مۇستەقىل مەۋقەنى ساقلىشىمىز زۆرۈر.
9،مۇستەقىل پىكىر قىلمايدىغانلار گۇمراھتۇر. باشقىلارنىڭ پىكرىگە قارىسىغا ئەگشدىغانلار مەھكۇمدۇر.پىكرىنى ئاسانلا ئۆزگەرتىدىغانلارمەزلۇمدۇر. خاتا پىكرىدە جاھىللىق بىلەن تۇرىدىغانلار مەشئۇمدۇر. پىكرىنى باشقىلارغا مەجبۇرى تاڭىدىغانلار مەلئۇندۇر.
10، كاللا ئايرىم بولغانىكەن،پىكىرمۇ ئايرىم بولىدۇ. كۆز ئوخشىمىغانىكەن ،قاراشمۇ ئوخشىمايدۇ.
11، ئۈگىنىش ئىنساننىڭ تەبىتى ،شۇنداقلا ياشاشتىكى ئېھتىياجلارنى ياخشىراق قاندۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى. بىراق نوقۇل تىرىشىپ ئۈگىنىشنىلا تەكىتلەپ،نېمىنى ئۈگىنىش ،قانداق ئۈگىنىش مەسىلىسىنى ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا ئىلمىي،كونكىرت ھەل قىلىپ ماڭالمىغان مائارىپ ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاش بىلەن باراۋەر.كۈنىمىزدىكى ئەقىدە ۋە ئەنئەنە جەھەتتە ماڭقۇرتلاشقان بىر تۈركۈم ئەۋلاتلارنى بۇنداق ھاماقەتلىكنىڭ تىپىك مەھسۇلاتى دېيىش مۇمكىن.
12، مەن ئۆي ھېسابىدا ئولتۇرىۋاتقان ياتاقنىڭ ئالدىدا سىم تورلار بىلەن چىتلانغان تەخمىنەن ئىككى مو كەلگۈدەك بىر ئالۇچا ،ياپىلاق شاپتۇللۇق باغ بارئىدى.ئاپرىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى ھۈپپىدە ئېچىلغان شاپتۇل چېچەكلىرى ھۆسنىگە تولۇپ،ياتلىق يېشىغا يەتكەن بىر توپ شوخ ،زىبا قىزلارنى ئەسلىتەتتى.شاپتۇللۇق باغ يېنىدىن ھەرقېتىم ئۆتكېنىمدە يۈرىكىم ئىختىيارسىز ھالدا تەسۋىرلىگۈسىزتاتلىق ھېس-تۇيغۇلارغا چۆمۈلۈپ،بۆلەكچە راھەتلىنىپ كېتەتتىم.نەچچە رەت شاپتۇل چېچەكلىرى ۋە ئۇنى كۆرگەندىكى روھىي ھالىتىمنى يۇغۇرۇپ شىېر يازماقچى بولدۇم،لىكىن ھېلىغىچە نمىشقۇدۇر مۇۋەپپەق بولالمىدىم.چاقماق مەسەللىك ئىلھام پەيتلىرى تولىمۇ قىسقا.تىرىكچىلىكنىڭ ئىپدائى باسقۇچىدا ئالدىراش تېپىرلاپ يۈرگەن مەندەك بىر ناتىۋانغا نە بىردەم -يىرىمدەم دۇنيا غەۋغالىرىنى ئۇنتۇپ چوڭقۇر خىيال سۈرۈش پۇرسىتى ،نە قەلەمنى ئۇچلاپ يۈرەكتىكى چوڭقۇر سىياھلارغا چىلاپ ئولتۇرۇپ كۆڭۈلدىن كەچكەننى ئىنچىكە خاتىرىلەيدىغان ئارام نېسىپ بولسۇن؟شاپتۇل چېچەكلىرىنىڭ ئېچىلىپ تۇرىدىغان چاغلىرى ئۇزۇن ئەمەس.بىر مەزگىل تازا ۋايىغا يەتكەندىن كېيىن،بىر-بىرلەپ توزۇپ تۈگەيدۇ.ئورنىدا بۇغدايدەك،قوناقتەك شاپتۇل غورىلىرى پەيدا بولىدۇ-دە،چېچەكلەرنى يەنە كۆرۈش -كۆرەلمەسلىك ئېنىق بىرنېمە دېيىش قىيىن بولغان كېلەچەك بولۇپ قالىدۇ.
شۇنداق مەنمۇ ،سەنمۇ،ئۇمۇ -ئىشقىلىپ مىدىرلىغان كۈللىي جان ئەنە شۇ چېچەكلەردەك تېزلا توزۇپ كېتىمىز.قىسقا ھاياتىمىزدىن شاپتۇل چېچەكلىرىدەك غورا چاغلىق بىرنەرسە قالدۇرۇپ كېتەلەمدۇق ياكى ئىزسىز يوقىلىپ كېتەمدۇق ،بۇنىسى بىزنىڭ تاللىشىمىزغا ۋە تەلىيىمىزگە باغلىق.
13،ئىنساننىڭ ئىلكىدە بار بولغان ئاشۇ دەقىقىدىن باشقا ئالدى ۋە كەينىدىكى زامانلارمەۋھۇمىيەتكە مەنسۇپ بولغانلىقتىن ،ھەر دەقىقە ئىنسانغا بېرىلگەن بىر قىممەتلىك سوغا ،قايتىلانماس پۇرسەت.ئىنسان ھاياتى مانا شۇنداق بىر تالاي چەكلىك دەقىقىلەرنىڭ جۇغلانمىسدىن باشقا نەرسە ئەمەس.ئۇنىڭ قەدىر - قىممىتى نېمىگە ،قانداق ئىشقا سەرپ قىلىنغانلىقى بىلەن ئوڭ تاناسىپتۇر. ئىنسان بۇنى ئەقلى بىلەن ،ياق ،قەلبى بىلەن تۇيۇىشى ھەم ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ مەزمۇنىنى بۇزۇقچىلىق ،خىرامانلىق،لايغەزەللىك بىلەن ئىسراپ قېلىۋەتمەستىن بەلكى، پۈتۈن زېھنى بىلەن ھەقنى يادئېتىش،ئۇنى تونۇش ۋە ئىجرا قىلشتەك مۇقەددەس ھەركەت دەرىجىسىگە كۆتۈرىشى لازىم.
مەنبە: تور خاتىرەم