قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 237 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: (يولباشچى) بالىلار تەربىيىسىدە چوڭلارنىڭ تەربىيىسى پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

yolbaxqi-ksg
سەركە
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 12972
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 5145
شۆھرەت: 2014 نۇمۇر
پۇل: 1015 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 206(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-03

 (يولباشچى) بالىلار تەربىيىسىدە چوڭلارنىڭ تەربىيىسى

0
بالىلار تەربىيىسىدە چوڭلارنىڭ تەربىيىسى


مۇھەممەتتۇرسۇن ھەسەن



ھاياتلىقتا ھەربىر ئوغۇل - قىز ئاتا - ئانا بولالايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەسئۇلىيەتچان ، ئۆزئارا سادىق ، ئائىلىدىكى مۇقەددەس بۇرچىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان بولۇشى ناتايىن . ھەممىلا پەرزەنتنىڭ باتۇر، قەيسەر ، ئىپپەتلىك ، كۆيۈمچان بولۇپ يېتىلىشى ناتايىن . پەرزەنتلەرنىڭ روھى ساغلام ، باتۇر، قەيسەر، جۇشقۇن ، ئەل–ۋەتەننىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە كۆكرەك كېرىپ چىقالايدىغان ، ھايالىق ، ئەخلاقلىق ، مېھرىبان ، مەسئۇلىيىتىنى ۋىجدانەن ئادا قىلالايدىغان بولۇپ يېتىلىشىدە ئاتا–ئانىلارنىڭ تەسىرى ناھايىتى مۇھىم . ئەخلاقسىز ، چاكىنا ، مەسئۇلىيەتسىز ئانىلار ئەخلاقلىق ، نومۇسچان، ھايالىق قىزلارنى ھەرگىز تەربىيلەپ چىقالمايدۇ ؛ قورقۇنچاق ، ھورۇن ، مەسئۇلىيەتسىز، جىدەلخور ئاتىلار ئاق كۆڭۈل  ،سەمىمىي ، ئىرادىلىك ، باتۇر ، ئىشچان ، جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئوغۇللارنى ھەرگىز تەربىيلەپ چىقالمايدۇ.
ماھىيەتتىن ئالغاندا ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ساپاسى بالىلارنىڭ ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئاتا-ئانىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ، تەربىيلىنىش قاتلىمى ، ئىجتىمائى ئورنى ، ئائىلە ئىقتىسادىي ئەھۋالى ، مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئوخشاش بولمايدۇ . ئەمما بالا تەربىيىسىدە ئەخلاقنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى ، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ، جەمئىيەتنىڭ بالىلارغا قويىدىغان تەلىپى ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ . ھازىر بەزى ئاتا-ئانىلار ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمىگەننى ئاز دەپ ، پەرزەنت تەربىيىسىدىكى ھەقىقىي مەسئۇلىيەتنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ.
ھازىر بىرقىسىم بالىلار ھەقىقەتەن ئەخلاقسىزلىشىپ كەتتى . نۇرغۇن ئاتا–ئانا بۇنداق بالىلارنى باشقۇرۇشقا ئامالسىز قېلىۋاتىدۇ . ئۇلار بۇرۇن بالىلارنى مەيلىگە قويۇۋەتكەچكە ، بالىلار ھاياسىزلىشىپ ، تاپتىن چىققاندا، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالمايۋاتىدۇ . نوتا چېغىدىن ياخشى پەرۋىش قىلىنمىغان كۆچەتنىڭ تۈز ئۆسۈشى مۇمكىنمۇ!؟
پەرزەنتنى ھېچكىم ئۆز ئاتا-ئانىسىدەك مەسئۇليەت تۇيغۇسىدا تەربىيىلىيەلمەيدۇ . ئائىلە بالىلارنىڭ تۇنجى مەكتىپى ، ئاتا-ئانا بالىنىڭ تۇنجى ئۇستازى . بۇ بالىلار تەربىيىسىدىكى ئەقەللىي ساۋات . چۈنكى بالىلارنىڭ ئائىلىدە بولىدىغان ۋاقتى ئەڭ كۆپ بولىدۇ . ئاتا –ئانىلارنىڭ مىجەز–خاراكتېرىمۇ بالىلارغا سەبىيلىكىدىن باشلاپ سىڭىدۇ . شۇڭا بالا تەربىيىسىدە ئاتا–ئانا ئالدى بىلەن ئۆزىنى ياخشى تەربىيلەپ ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى تۇرغۇزۇپ ، ئائىلىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، ئەخلاقىي پەزىلىتى ، خىسلىتى ، پاك روھى ، دىيانىتى ، گۈزەل قەلبى ئارقىلىق بالىلارغا ئۈلگە بولالىسىلا ،بالىلارنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ.



مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+8(islam~1400) ئەجىر
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-03-22 00:10 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
orkixi
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 10424
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 595
شۆھرەت: 263 نۇمۇر
پۇل: 1368 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 58(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز ، مىللىتىمىزنىڭ مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن  ئەۋلات تەربىيسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ .  بىراق ھازىر قى ئاتا-ئانىلەرنىڭ پەرزەنت تەربىيسىگە تۇتقان پۇشۇتسىيسى ھەرخىل بۇلىۋاتىدۇ . مەن ئوقۇتقۇچى ، شۇڭا بۇ مەسىلىنى  ياخشى چۈشۈنىمەن . مەن مۇنبەرگە مۇشۇنداق تەربىۋى قىممىتى بولغان تېمىلارنى كۆپرەك يوللىساق دىگەن ئۈمۈتتە. رەھمەت سىزگە .
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-22 12:09 |
gohar
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 18349
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1792
شۆھرەت: 1735 نۇمۇر
پۇل: 5200 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-16

 

بۇ قىممەتلىك تىمىڭىزدىن سۆيۈندۈم .بالىسىغا تەربىيە بەرمەيدىغان بىرمۇ ئاتا-ئانا يوق .ئۇلار باللارنى يامان يولغا ماڭ دەپ تەربىلىمەيدۇ .بىراق ئۇلارنىڭ تەربىيە ئۇسۇلى ئوخشىمىغاچقا ئوخشىمىغان ئۈنۈم بەرمەكتە .
باللارنىڭ تەربىيىسىدە چوڭلار ئەڭ چوڭ رول ئوينۇغۇچى .ئۇلارنىڭ باللارغا بولغان تەسىرى ھەممىدىن يامان بولۇدۇ .باللار ئاستا -ئاستا ئۆزلىرىمۇ سەزمىگەن ئاساستا چوڭلاردىكى ئادەتنى ئۆزىگە يۇقتىرىۋالغان بولۇدۇ .شۇڭا چوڭلار ئۆزىمىزنىڭ ئەمىلى ھەركىتىمىز بىلەن باللارغا ئۈلگە بولۇپ ،ئۇلارنى ياخشى تەربىلەشكە ئەھمىيەت بىرەيلى .
ئاتا-ئانا  باللارنىڭ تۇنجى مۇئەللىمى .بىز ئۇلارنىڭ پەن ئۈگۈنىشىگە قانداق كۆڭۇل بولگەن بولساق .ئۇلارنىڭ ئەخلاق ساپاسىغىمۇ ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆڭۇل بۆلەيلى ! باللاردا ئەخلاق قاراش بەك سۇسلاپ كەتتى .ھەممىنى مەكتەپكە ئارتىپ قويۇپ ئۆزىمىزنىڭ مەھئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ ...ھەممىمىز بىرلىكتە تەڭ كۈچ چىقىرايلى !ئەۋلاتلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن  قانچىلىك بەدەل تۆلىسەك ئەرزىيدۇ !
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-24 23:14 |
janankiz813
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29020
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 320
شۆھرەت: 320 نۇمۇر
پۇل: 1060 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 200(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-08 06:27 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺧﻼﻕ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :10-06 03:50
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号