{ ئايچىچەك } قىزلار بۇ دۇنيانىڭ جۇلاسى
Ihlas Ilani
دىيارىم مۇنبىرى » ﺧﺎﻧﯩﻢ - ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺳﺎﻟﻮﻧﻰ » { ئايچىچەك } قىزلار بۇ دۇنيانىڭ جۇلاسى

بۇ بەتتىكى تېما: { ئايچىچەك } قىزلار بۇ دۇنيانىڭ جۇلاسى پرىنتلاش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تىما 781 قېتىم كۈرۈلدى .
بۇ ئەزا توردا يوق ay-qiqak

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 99
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 0
UID نۇمۇرى : 26709
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 99
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە99دانە
شۆھرەت: 139 نۇمۇر
پۇل: 540 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-13
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

{ ئايچىچەك } قىزلار بۇ دۇنيانىڭ جۇلاسى

بۇ يازما nawa717 تەرپىدىن نادىردىن قالدۇرۇلدى(2008-03-24)

خۇددى ئاسماننىڭ جۇلاسى قارا پەردىگە ئالماس قاداپ قويغاندەك چاراقلاپ يىنىپ تۇرغان سانسىز يۇلتۇزلاردەك بولغىنىدەك،چىن مەنىسىدىن ئىيىتقاندا بۇ دۇنيانىڭ،ھاياتلىقنىڭ ھەقىقى جۇلاسى گۈل يۈزلۈك ئاشۇ قىزلاردۇر.
دىنىي رىۋايەتلەردگە قارىغاندا،ئادەم ئاتا يارىتىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنڭ تەبئىيتى ۋە سسغىنىشىنىڭ تەقەززاسى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ يىتىم قوۋۇرغىسىدىن ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ھەۋۋا ئانا يارىتىلغان.ئۇلار مەيلى جەننەتتىكى بەخىتلىك كۈنلىرىدە بولسۇن ۋە مەيلى گۇناھ ئۆتكۈزۈپ زىمىنغا ھەيدەلگەندىن كىيىنكى جاپالىق كۈنلىرىدە بولسۇن،ھايات-ماماتتا بىرگە بولۇپ،پەرزەنىت قالدۇرۇپ،ئىنسان ئەۋلادىنڭ بۈگۈنگۇچە داۋاملىشىپ كېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان.خۇددى ئادەم ئاتا تەشنا ۋە تەقەززار بولغىنىدەك،قىزلار بۇ دۇنيانىڭ تەقەززاسى ۋە تەشنالىقى،تەشنالىقنى قاندۇرغۇچى،شۇ تەشنالىق ۋە قىزغىن مىھرى-مۇھەببەتقاينىمىدا ئەۋلاد قالدۇرغۇچى ھەرنىمە دەپ تەرىپلىسىمۇ ئەرزىيدىغان پەزىلەت ئىگىسىدۇر.شۇنداقلا گۈزەللىكى،نازۇكلۇقى،جەلىپكارلىقى،نازاكەتلىكلىكى ،پەزىلىتى بىلەن بىردەستە ئەجايىپ خۇشپۇراق گۈلگە،جىرىڭلاپ تۇرىدىغان جانان چىنىگە،سۈزۈك ۋە تىنىق قاشتىشىغا ئوخشايدۇكى ئۇنى ئاۋايلاپ پەرۋىش قىلىش،ئاسراشقا خەلقىمىز ئەزەلدىن كۆڭغل قويغان،مول تەجىربە ھاسىل قىلغان،بۇ جەھەتتە ئۆزىگە خاس مەدىنىيەت ئەندىزىسى ياراتقاندۇر. ھەربىر ئاتا-ئانا قىزلىرىنى ئەدەپلىك،ئەخلاقلىق،مىھرىبان،ئۇز خۇيلۇق قىلىپ تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بىرىپ كەلگەندۇر.
خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈشىدىكى ئەپسانە-رىۋايەتلىرىدە ئۇيغۇر قىزلىرى نۇردىن،خىسلەتلىك دەرەخلەردىن تۆرىلىدۇ ۋە پەزىلەت غۇنچىسىنى قەلىپ تۆرىدە ئىچىلدۇرۇپ،ناھايىتى پاك،مەسۇم ۋە ئادەمنىڭ ئىچى كۆيگۈدەك بولۇپ ئۆسۈپ يىتىلىدۇ. ئوغۇزخاننىڭ نۇر ئىچىدە تۆرەلگەن خوتۇنى پاكلىق ۋە گۈزەللىكتە ناھايىتى يۇقىرى سۈپەتلەرگە ئىگەبولۇپ،«ئۇ كۈلسە كۆكمۇ كۈلىدۇ ،ئۇ يىغلىسا كۆكمۇ قوشۇپ يىغلايدۇ». ئۇنىڭدىن كىيىن ئۆتكەن تۇمارىسقا ئوخشاشمىڭلىغان باتۇر،نازاكەنلىك،گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرى تارىخ بىتىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئىلىپ،ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ شەنىنى كۆتۈرگەن،ئابرويىنى كۆككىچە كۆتۈرگەن. ئورخۇن بويلىرىدا ئات چاپتۇرۇپ سەلتەنەت سۈرۈپ ئۆتكەن ئەجداتلىرىمىز دەۋرىدە قاغانلار پەرمان ئىلان قىلغاندا «قاغان پەرمان قىلىدۇكى....»دەپ ئىلان قىلسا كۈچكە ئىگە بولمايىتتى،پەقەت «قاغان بىلەن خانىش پەرمان قىلىدۇكى،،،»دەپ ئىلان قىلغاندىلا كۈچكە ئىگە بولاتتى.شۇ دەۋىرلەردە تاكى ئىسلام دىنىغا كىرگۈچىلىك ئۇيغۇر ئەجداتلىرىنىڭ مەيلى باي مەيلى كەمبەغەل ۋە مەيلى ئەمەلدار بولىشىدىن قەتئىنەزەر،بىر ئەر ،بىر خوتۇنلۇق بولۇشتا ئىزچىل  چىڭ تۇرىشىمۇ خەلقىمىزنىڭ قىزلارنى ئالاھىدە ھۆرمەتلەيدىغانلىقى ۋە .ئىززەتلەيدىغانلىقىدىن دىرەك بىرىپ تۇرۇپتۇ.  ھالبۇكى،جاھالەت پىرلىرى بولمىش خوجا -ئىشانلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت جاھالەتتە قالدۇرىشى تۈپەيلى،قىزلىرىمىزنىڭ قەدىر-قىممىتى ئاجايىپ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى،ئاشكارا ھالەتتىن بىكىندۈرۈلدى،ھەتتا ساۋاتلىق بولۇش ھوقوقىدىنمۇ مەھرۇم قىلىندى،ئەمما خەلقىمىزنىڭ قېنىغا تىندۇرما بولغان قىزلارنى ئەتىۋارلاش ۋە ئۇلارنى كۆيۈنۈپ تەربىيەلەشتىن ئېبارەت ئېسىل خىسلەت زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سۇسلىشىپ قالمىدى،باشقا مەدىنىيەت تىپىدىكى خەلىقلەرگە ئوخشاش قىز پەرزەنىت كۆرسە ئۇنى پەس كۆرىدىغان،خورلايدىغان،ھاقارەتلەيدىغان،يۈك دەپ قارايدىغان ئىجدىمائىي كەيپىيات ئۇيغۇر جەمىئىيتىدە چۇڭقۇر يىلتىز تارتالمىدى.
ھالبۇكى،فېئوداللىق ئىددىينىڭ تەسىرىدە بەزى قىزلىرىمىز ئۆزلىرىنى تۆۋەن كۆرىدىغان،ئۆزىنى ئۆزى كەمسىتىدىغان،چوڭ ئىشلارنى قىلالمايمەن،قىزلارنىڭ قولىدىن ئىش كەلمەيدۇ ،دۇنيانىڭ مەزلۇمىبىز،نېمىشقا ئوغۇل بولۇپ يارىلىپ قالمىغاندىمىز ،دەيدىغان تولىمۇ خاتا ۋە بىر تەرەپلىمە قاراش تۈپەيلىدىن ھاياتلىق يولىدا ئۆزىنى ئۆزى چۈشەپ قويىدىغان ،ئۆقەدىر-قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يول تاپمايدىغان ،ئىزدەنمەيدىغان،ئىنتىلمەيدىغان خاھىش ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ كەلگەنىدى.  20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىرىمىدا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يېقىلغان مەرىپەت چىراغلىرى مەھكۇملۇقتا ئىچى سىقىلغان قىزلىرىمىزنىڭ قاراڭغۇ دىللىرىنىمۇ يورۇتۇپ،ئۇلارنىڭ زامانىۋى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىشنى ،بىلىم ئېلىشنى،مۇشۇ ئارقىلىق ئەۋلادلارنى ياراملىق قىلىپ تەربىيلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ،خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى ساپاسىنىڭ ئوموميۇزلۈك يۇقىرى كۆتۈرلىشىگە تۈتكە بولغانىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە قىزلىرىمىزنىڭ يۈزىنى يىپىپ تۇرغان قارا چۈمپەردە ئىلىۋىتىلدى،قىزلار ئىنتىلگىنىچە،ئارزۇ قىلغىنىغا قەدەر يۇقىرى ساپاغا ئىرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشتى. مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىتتا،قىزلارنى ئەزىزى كۆرگەن خەلقىمىز قىزلىرى ئۆزلىرىنىڭ قىز بولۇپ يارىلىپ قالغىنىدىن ھەرگىز ئۆكۈنمەسلىكى،ئەكسىچە پەخىرلىنىشى،مەغرۇرلىنىشى كىرەك. چۈنكى،قىزلار بۇ دۇنيانىڭ جۇلاسى ھەم بىزىكى،ھاياتلىق قۇۋانچىسى،ئىنسان ئەۋلادىنىڭ داۋاملاشتۇرغۇچىسى،شۇنداقلا ئوغۇللاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان سېھرىي قۇۋەتكە ئىگە ئىنساندۇر.
بىر نەچچە يىل ئىلگىرى مەن بىر ژورنالدىن مەملىكىتىمىزدىكى ئون مەشھۇر كارخانچى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بىر ئايال كارخانچىنىڭ مۇۋەپپەقيەت قازىنىش يولى ئۈستىدە توختىلىپ:«مەن بىر ئانا، مەن بالا تۇغالىغان ئىكەنمەن، ئەرلەر قىلالىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن»دېگەن ئالتۇندەك سۆزنى ئوقىغانىدىم. قىزلار تەڭرى تەرىپىدىن مۇشۇنداق تەڭداشسىز خىسلەتكە ئىگە قىلىپ يارىتىلغانىكەن، ھەرگىز ئۆز-ئۆزىنى كەمسىتىش پوزىتسىيسىدە بولماي، ئۇنىڭ ئەكسىچە رېئاللىققا يۈزلىنىپ،ئەمدى نىمە قىلىمەن،كەلگۈسىدە قانداق قىلىمەن؟دېگەننى كۆپرەك ئويلىشى ،ئۆزىنى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ،بىلىمنىڭ يۈكسەك چوققىسىغا  ئىنتىلىپ، قىزلار ھازىرلاشقا تىگىشلىك شەرتلەرنى پۈتۈنلەي ئۆز ۋۇجۇدىدا ھازىرلاپ،ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ،كامىل ئىنسان بولۇپ يىتىلىشكە بەل باغلىشى كىرەك.
ھەي،گۈزەل قىز ! سىز شۇ تاپتا مەلۇم بىر ئۇنۋېرسىتنىڭ ئازادە كوچىسىدا زامانغا لايىق كىيىنىپ مەغرۇر قەدەم ئىلىپ كىتىۋىتىپ،بۇنىڭدىن كىيىنكى ھاياتلىق يولىڭىزدا قانداق قىلىشنى،قانداق ئىستىقبالغا ئىرىشىشنى كۆزلىگەن،كۆڭلىڭىزگە نۇرغۇن يۈكسەك غايىلەرنى پۈككەن،شۇ يولدا تىنىمسىز تىرىشىۋاتقان،ئىزدىنىۋاتقان،ئويلىنىۋاتقان غايىلىك ئوقۇغۇچى بولىشىڭىز مۇمكىن ،ياكى ئوتتۇرا مەكتەپتەئوقۇۋاتقان،ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىنتىلىشى كۈچلۈك،ئۇلۇغ غايىگە ئىگە ئوقوغۇچى بولىشىڭىز مۇمكىن ۋە ياكى ئۆرلەپ ئوقۇش ئارزۇيىڭىز ئەمەلگە ئاشماي قالغان ، ئاساسىي قاتلاملاردا ئىشلەۋاتقان ياكى خىزمەت كۈتۈپ تۇرغان ۋە ياكى ھاياتلىق يولىدا تەمتىرەپ قالغان قىز بولىشىڭىز ھەم مۇمكىن. ھەتتا نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىز مۇرەككەپ ئىجدىمائىي سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كۆپۈككە ئايلانغان، ئارمىنىڭىز ئارمان پىتى قالغان،تەكلىماكاننىڭ بىر چىتىدىكى خىلۋەت ماكانغا باغلىنىپ قالغان، ئۈنۈمسىز يەرلىرىڭىزگە تەر تۆكۈۋاتقان دېھقان قىزى بولىشىڭىز مۇمكىن.  قانداقلا بولىشىدىن قەتئىنەزەر ،سىز گۈزەل،نازاكەتلىك،ياخشى خۇلۇقلۇق بىر ئۇيغۇر قىزى بولغانىكەنسىز،ئۆز مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىسىى بويىچە ئۆز-ئۆزىڭىزنى تاكامۇللاشتۇرىشىڭىز كىرەك،ھەرگىز بۇ قۇتلۇق يولدىن قايماسلىقىڭىز كىرەك.  ئۆزلۈكسىز ئىلىم ئۈگىنىشكە ئادەتلىنىپ،كەلگۈسىدە ئۆزىڭىزگە ئاجايىپ يۇقىرى ساپا،جەمىئەتكە مىننەتسىز تۆھپە قوشالايدىغان روھ، كەلگۈسىدە ئەۋلادلىرىڭىزنى ياراملىق قىلىپ تەربىيلەشكە باب كىلىدىغان مەنىۋى قۇرۇلما ھازىرلىشىڭىز كىرەك.
قىزلار دۇنياسىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كىلىۋاتىدۇ،سىز بۇ ئۆزگىرىشلەرگە قانداق قارايسىز،قانچىلىك ماسلىشىپ كىتەلىدىڭىز؟ بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىجانىي تەرەپلىرى قانچىلىك،ئەگەر بۇ ئۆزگىرىش مۇشۇ پېتى كىتىۋەرسە قانداق يامان ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كىلىشى مۇمكىن؟ قانداق مەنىۋى كەيپىياتبۇنداق يامان ئاقىۋەتلەرنى ئۈنۈملۈك توسۇپ قالالايدۇ؟  ئەي قىز، مانا بۇ سۇئاللار ئالدىڭىزغا قويۇلۇپ باقتىمۇ، بۇ مەسىلىلەرنىڭ بىرەرى توغرىسىدا باش قاتۇردىڭىزمۇ،قانداق خۇلاسىلەرگە كالدىڭىز؟
دەرۋەقە ئالدىڭىزغا قويۇلغان سۇئاللار ئىنتايىن نۇرغۇن ،ئۇنىڭ جاۋاپلىرىمۇ ناغايىتى نۇرغۇن بولىشى مۇمكىن. ھايات مۇمكىنچىلىكلەر ئىچىدىن يول تىپىپ ئۆزىنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ئىلگىرلەپ كېتىۋىرىدۇ. ۋاقىتقا يۈگەن سىلىشنى، ئۆز قىممىتىڭىزنى تېپىشنى بىلەمسىز ۋە شۇنداقلا قىزلارغا خاس گۈزەل ئەخلاقنى ئۆزىڭىزگە يار قىلىپ ئالماستەك ئىېرادە تىكلىيەلىسىڭىز،سىزنىڭ قىزلىق لاتاپىتىڭىز ۋە نازاكىتىڭىزدىن جاھان تەسىزلىنىپ پۈتكۈل
موھىتىڭىز باھار ئەييامىغا جور بولىدۇ، بەخىتنىڭ نەغمە ناۋاسىنى ياڭرىتىپ،ھايات سازىنى سازلىيالايسىز!

قىز بولۇپ يارىلىش پىشانىڭىزگە پۈتۈلگەنىكەن، سىز بۇ مۇقەددەس ئىرادىدىن ئۆزىڭىزنى چەكسىز بەخىتلىك سانىشىڭىز، قىز بولغانلىقىڭىزدىن پەخىرلىنىشىڭىز،ۋۇجۇدىڭىزغا قىزلىق پەزىلەتنى جەملەپ،سېھرىي كۈچىڭىزنى قېزىشىڭىز،ھاياتتا ئىنسانلارغا پايدىلىقلا بولىدىكەن،ھەرقانداق ئىشقا ئىجتىھات قىلىپ،ئۆزىڭىزنىڭ ئەرلەرمۇ قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويىشىڭىز كىرەك، ئۆزىڭىزنىڭ ھەيران قالارلىق نەتىجىلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنى قايىل ۋە مايىل قىلالىسىڭىز، ئەي بەخىتلىك قىز، سىز بۇ دۇنيادا مەنىلىك ياشىغاننىڭ ھەقىقى پەيزىنى سۈرگەن ھىساپلىنىسىز. F
ئۇچۇر دەۋرىنىڭ خىيالدىنمۇ تىز قەدەملىرى ئىشىك ئالدىغىلا كىلىپ قالدى، ئۇ سىز ئۆز قەدىمىگە ماسلىشىپ يولغا چىقىشقا تەقەززا قىلماقتا، ھالبۇكى سىز يەنىلا ئۈگىنىپ قالغان خۇي بىلەن سۆرەلمىلىك قىلامسىز ياكى ئۇنىڭغا ماسلىشىپ ، ئۇچۇر دەۋرىنىڭ ھەرقانداق يۇقىرى شەرتلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ ئالغا ئىلگىرلەپ كىتەلەمسىز؟  مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق-پەزىلەتلىرىنى تىخىمۇ ياخشى جارى قىلپ، ئۆزىڭىزنىڭ چولپاندەك پارلاپ تۇرغان قىزلىق نازاكىتى ۋە بۇ نازاكەت بەخىش ئەتكەن لاتاپەت بىلەن قىزلار دۇنياسىدا يۈز بىرىۋاتقان غەيرى ئۆزگىرىشلەرگە، ئەخلاق جەھەتتىن بۇزۇلۇشلارغا ئەمىلىيىتىڭىز ئارقىلىلىق جەڭ قىلالامسىز؟        سىز مانا شۇنداق قىلالايسىز، چۈنكى سىزنىڭ ۋۇجۇدىڭىزدا چەكسىز سىھرىي كۈچ كۆمۈلۈپ يىتىپتۇ، قىزلىق ئەدەپ ئەخلاق گۈللىرى خۇشپۇراق چىچىۋىتىپتۇ، ئازىراق تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىزلا نازاكەت ۋە لاتاپەت بابىدا يىگانە چولپان بولۇپ قالىسىز، چۈنكى سىز دىگەن بۇ دۇنيا جۇلاسى!
مەرزىيە تۇرسۇننىڭ «قىزلار ئەڭگۈشتىرى» ناملىق كىتاپتىن ئىلىندى

[ بۇ يازما ay-qiqak تەرپىدىن 2008-03-21 23:18 دە قاي ]

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
• شۆھرەت:+10(uyhur-jan) ياخشى ماقالە
• 6xahar
تېما تەستىقلىغۇچى : islam~1400
تەستىقلىغان ۋاقىت: 2008-03-21, 13:14
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-21 21:07 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [باش يازما]
بۇ ئەزا توردا يوق uyhur-jan
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1169
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3830
UID نۇمۇرى : 8046
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1156
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1156دانە
شۆھرەت: 733 نۇمۇر
پۇل: 746 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-11
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

قىزلار مىللەتنىڭ ئانىكىسى

ئاتىللا كۇلۇبىغا  مەرھەممەت

چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-21 21:28 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [1 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق muzatdaryasi

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 139
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 160
UID نۇمۇرى : 24931
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 128
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە128دانە
شۆھرەت: 153 نۇمۇر
پۇل: 526 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-10
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

دۇنيادا ئاياللار بولمىغان بولسا،
قۇشلارمۇ ئېھتىمال قىلمايتتى ناۋا.
ئەرلەرمۇ ساراڭغا ئوخشايتتى جەزمەن،
ئۇلارغا ھىچنىمە بولمايتتى داۋا.
(مەنبەسى ئېسىمدە قالماپتۇ)

ئاياللار ئۇلۇغ!!!                تېمىڭىزغا رەھمەت.

يالقۇن روزى بىلەن سۆھبەت تەپسىلاتى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-21 21:37 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [2 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق orki

تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 478
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 121
UID نۇمۇرى : 25506
دەرىجە: سەپ بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 428
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە428دانە
شۆھرەت: 428 نۇمۇر
پۇل: 425 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-20
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

قىزلارنى ئاجايىپ ئىسىل سۈپەتلەر بىلەن تەسۋىرلەپتۇ،مىنىڭچىمۇ ئەرزىيدۇ.......

Atlan
ياشاش،ھەربىر نەپەس بەسىلىگە ھىساب بىرىشتۇر
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-21 21:38 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [3 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق hap-hap

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 13
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 87
UID نۇمۇرى : 26871
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 13
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە13دانە
شۆھرەت: 13 نۇمۇر
پۇل: 139 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-16
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-26

ئەرلەر يېرىم دۇنيا دېسە ئاياللار يېرىم دۇنيا دەيدۇ  ئەمەسمۇ ....
ئانىلار بىر قۇلىدا بۇشۇكنى تەۋرەتسە بىر قۇلىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ....
ئىشقىلىپ قىز-ئاياللىرىمىزنى قانچە تەرىپلىسەكمۇ ئازلىق قىلدۇ...

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-22 01:08 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [4 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق karguli1971

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 4
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 95
UID نۇمۇرى : 26080
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 3
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
شۆھرەت: 3 نۇمۇر
پۇل: 9 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-02
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-22

پەزىلەتلىك ئانىنىڭ ...يولدىشى بولۇش بەخىتنىڭ بىشارىتى .......ئەرلەر ساپالىق ئانا تاللاشقا ئەھمىيەت بەرگەن بولسا بۇمۇ بىزنىڭ ماارىپىمىزنىڭ ساۋاتسىزلىققى يۈزلىنىشىنى كونتورۇل قىلىشىشقا پايدىسى زور بولاتتى ........

ئاتىللا كۇلۇبىغا  مەرھەممەت
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-22 03:03 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [5 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق katil731
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1972
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3027
UID نۇمۇرى : 18503
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1866
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1866دانە
شۆھرەت: 1668 نۇمۇر
پۇل: 4366 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-28
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

شۇ دەۋىرلەردە تاكى ئىسلام دىنىغا كىرگۈچىلىك ئۇيغۇر ئەجداتلىرىنىڭ مەيلى باي مەيلى كەمبەغەل ۋە مەيلى ئەمەلدار بولىشىدىن قەتئىنەزەر،بىر ئەر ،بىر خوتۇنلۇق بولۇشتا ئىزچىل  چىڭ تۇرىشىمۇ خەلقىمىزنىڭ قىزلارنى ئالاھىدە ھۆرمەتلەيدىغانلىقى ۋە .ئىززەتلەيدىغانلىقىدىن دىرەك بىرىپ تۇرۇپتۇ.  ھالبۇكى،جاھالەت پىرلىرى بولمىش خوجا -ئىشانلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت جاھالەتتە قالدۇرىشى تۈپەيلى،قىزلىرىمىزنىڭ قەدىر-قىممىتى ئاجايىپ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى،ئاشكارا ھالەتتىن بىكىندۈرۈلدى،ھەتتا ساۋاتلىق بولۇش ھوقوقىدىنمۇ مەھرۇم قىلىندى،ئەمما خەلقىمىزنىڭ قېنىغا تىندۇرما بولغان قىزلارنى ئەتىۋارلاش ۋە ئۇلارنى كۆيۈنۈپ تەربىيەلەشتىن ئېبارەت ئېسىل خىسلەت زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سۇسلىشىپ قالمىدى،باشقا مەدىنىيەت تىپىدىكى خەلىقلەرگە ئوخشاش قىز پەرزەنىت كۆرسە ئۇنى پەس كۆرىدىغان،خورلايدىغان،ھاقارەتلەيدىغان،يۈك دەپ قارايدىغان ئىجدىمائىي كەيپىيات ئۇيغۇر جەمىئىيتىدە چۇڭقۇر يىلتىز تارتالمىدى.
ھالبۇكى،فېئوداللىق ئىددىينىڭ تەسىرىدە بەزى قىزلىرىمىز ئۆزلىرىنى تۆۋەن كۆرىدىغان،ئۆزىنى ئۆزى كەمسىتىدىغان،چوڭ ئىشلارنى قىلالمايمەن،قىزلارنىڭ قولىدىن ئىش كەلمەيدۇ ،دۇنيانىڭ مەزلۇمىبىز،نېمىشقا ئوغۇل بولۇپ يارىلىپ قالمىغاندىمىز ،دەيدىغان تولىمۇ خاتا ۋە بىر تەرەپلىمە قاراش تۈپەيلىدىن ھاياتلىق يولىدا ئۆزىنى ئۆزى چۈشەپ قويىدىغان ،ئۆقەدىر-قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يول تاپمايدىغان ،ئىزدەنمەيدىغان،ئىنتىلمەيدىغان خاھىش ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ كەلگەنىدى.  20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىرىمىدا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يېقىلغان مەرىپەت چىراغلىرى مەھكۇملۇقتا ئىچى سىقىلغان قىزلىرىمىزنىڭ قاراڭغۇ دىللىرىنىمۇ يورۇتۇپ،ئۇلارنىڭ زامانىۋى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىشنى ،بىلىم ئېلىشنى،مۇشۇ ئارقىلىق ئەۋلادلارنى ياراملىق قىلىپ تەربىيلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ،خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى ساپاسىنىڭ ئوموميۇزلۈك يۇقىرى كۆتۈرلىشىگە تۈتكە بولغانىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە قىزلىرىمىزنىڭ يۈزىنى يىپىپ تۇرغان قارا چۈمپەردە ئىلىۋىتىلدى،قىزلار ئىنتىلگىنىچە،ئارزۇ قىلغىنىغا قەدەر يۇقىرى ساپاغا ئىرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشتى. مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىتتا،قىزلارنى ئەزىزى كۆرگەن خەلقىمىز قىزلىرى ئۆزلىرىنىڭ قىز بولۇپ يارىلىپ قالغىنىدىن ھەرگىز ئۆكۈنمەسلىكى،ئەكسىچە پەخىرلىنىشى،مەغرۇرلىنىشى كىرەك. چۈنكى،قىزلار بۇ دۇنيانىڭ جۇلاسى ھەم بىزىكى،ھاياتلىق قۇۋانچىسى،ئىنسان ئەۋلادىنىڭ داۋاملاشتۇرغۇچىسى،شۇنداقلا ئوغۇللاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان سېھرىي قۇۋەتكە ئىگە ئىنساندۇر.

بۇ تىمىنى نادىرلىغان باشقۇرغۇچى ئەپەندىم، تىمىنى بىرەر قۇر تەھرىرلەپ ئاندىن نادىرلىسا بەك ياخشى بۇلاتتى،ئىملا خاتالىقى بىلەن تىيىز پىكىر خاتالىقى تەڭلا مەۋجۇت،
1-پەقەت بىر خۇتۇنلۇق تۇزۇملا قىز ئاياللارنى ئەزىزلەمدۇ؟
2-ئۇيغۇر قىز -ئاياللىرى 20-ئەسىردىلا ئاندىن مەھكۇملۇق قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلدىمۇ؟
3-قىزلارنى تىرىك كۇمۇش-قىزلارنى پەس كۆرۇش ئەسلى كىملەرگە مەنسۇپ؟
4-زىيادە چەكتىن ئاشۇرۇپ ماختاش،ھەتتائۇغۇللاردىن ئۇستۇن تۇرۇدۇ دەيدىغانغا نىمە ئاساسىڭىز بار؟باشتا ئادەم ئاتىنىڭ قۇۋرىغىسىدىن يارتىلغان ئايال،ئەجىبا ئاخىرىدا نىمىشقائۇغۇللاردىن ئۇستۇن بوپقالدى؟

ماختايلى ،كۇككە كۇتۇرەيلى!!! لېكىن يولىدا، لايىقىدا، بولسۇن.

[ بۇ يازما katil731 تەرپىدىن 2008-03-22 09:02 دە قاي ]

Atlan
مەنزىل يىراق.ئاتلار ئۇرۇق،گىپىمىز چوڭ ئىچىمىز قۇرۇق.
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-22 08:43 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [6 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق jasur110

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 61
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 39
UID نۇمۇرى : 26794
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 61
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە61دانە
شۆھرەت: 76 نۇمۇر
پۇل: 346 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-15
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

ئانىكىسى دىگەن گەپ ئاجايىپ بىر گەپ ئىكەن
قىزلار مىللەتنىڭ ئانىسى دىيىش كىرەك .

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-22 08:49 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [7 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار shiwirghan

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 62
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 37
UID نۇمۇرى : 25089
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 58
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە58دانە
شۆھرەت: 78 نۇمۇر
پۇل: 309 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-28

ئىسىل دۇردانىلەر ئىكەن، قىزلار ئەشۇ ماختاش ۋە كۆككە كۆتۈرۈشلەردە ئۆزىنى يوقىتىپ قويمىغىدى. ئۆز قەدىر-قىممىتىنى بىلسە ۋە ساقلىسا ئىدى. مىللەتنىڭ تەغدىرى كەلۈسىدە ئانا بولمىش قىزلىرىمىزنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن . ئاتىلىرى يولدىن چىققان قەۋىمنى توغرا يولغا باشلىغىلى بولىدۇ ، بىراق ئانىلىرى يولدىن چىققان قەۋىمنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولمايدۇ .

يالقۇن روزى بىلەن سۆھبەت تەپسىلاتى
بەگ بولىدىغان ئوغۇللىرىمىز قۇل بولدى،خانىش بولىدىغان قىزلىرىمىز دېدەك بولدى.
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-22 10:04 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [8 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق nazema

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 74
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 25
UID نۇمۇرى : 21890
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 70
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە70دانە
شۆھرەت: 70 نۇمۇر
پۇل: 317 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-03
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

مەرزىيە تۇرسۇننىڭ «قىزلار ئەڭگۈشتىرى» ناملىق كىتاپتىن ئىلىندى

نادىر تىمىنىڭ ئاسلىق ئولچىمى  زادىنى نىمە؟ مۇشۇنداق  كىتاپتىن كوچرۇپلا تىملارنى  يوللىساق نادىر تىما بولامدۇ ؟  قاتىل ئەپەندى بەكمۇ ئورۇنلۇق پىكىرلەرنى بىرىپتۇ .

6xahar
ئىنسان تەپەككۇردىن ئايرىلغان كۇنى تىرىك مۇردىغا ، ئەقىلدىن ئايرىلغان كۇنى ھايۋانغا ئوخشايدۇ .
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-22 11:12 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [9 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق mavjude

تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 418
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 181
UID نۇمۇرى : 24241
دەرىجە: سەپ بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 357
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە357دانە
شۆھرەت: 372 نۇمۇر
پۇل: 1192 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

نادىر بولسا نىمە بولدى ئەمدى؟ مەن ياخشى كۆردۈم. كۈن كۈندە كىلىپ بۇ ماقالىنى ئوقۇپ بىشىمنى  ياخشىلاپ  تۇراي ..

يالقۇن روزى بىلەن سۆھبەت تەپسىلاتى
توزنىڭ جۇلالىق قانىتى بولسىمۇ ، بۇلبۇلدەك ناۋاسى يوق .
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-22 11:41 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [10 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق 雨中漫步

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 51
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 48
UID نۇمۇرى : 26210
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 44
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە44دانە
شۆھرەت: 49 نۇمۇر
پۇل: 246 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-05
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-23

قىزلىرمىز ياشىسۇن !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!ئوغۇللارمۇ با جۇما

ئاتىللا كۇلۇبىغا  مەرھەممەت
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-22 13:00 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [11 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق karegay

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 176
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 123
UID نۇمۇرى : 24869
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 146
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە146دانە
شۆھرەت: 183 نۇمۇر
پۇل: 593 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-09
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-26

مەنمۇ قاتىل ئەپەندىمنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن ! ياخشى پىكىر بېرىپتۇ .

ئاتىللا كۇلۇبىغا  مەرھەممەت
ھېلى كەلمىگەنلەر بۇندىن بىخەۋەر ،
خەۋەر تېپىپ قالسا گەر كەلمەس ئىدى ھەم .
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-22 19:09 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [12 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق kvntughdi

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 11
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 89
UID نۇمۇرى : 24523
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 11
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە11دانە
شۆھرەت: 11 نۇمۇر
پۇل: 133 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-02
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-22

''ئاياللار ئاي ئەمەس''دېگەن تېلىۋىزىيە تىياتىرى بولىدىغان.

يالقۇن روزى بىلەن سۆھبەت تەپسىلاتى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-22 20:22 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [13 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق aydidar

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 18
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 81
UID نۇمۇرى : 11728
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 18
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە18دانە
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
پۇل: 153 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-06
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-22

توردېشىم ئاي چىچەك سىز بۇ تېمىنى نىمىشقا قىزلار ئۈچۈن ئەڭگۈشتەر ياكى قىزلار ئەڭگۈشتىرى دەپ يوللىماي ،يەنە داۋامىنى يوللىمايلا يوختىتىپ قويدىڭىز ،سىز بۇ تېمىنى قاشتېشى مۇنبىرىدىن يوللىدىڭىزغۇ دەيمەن .چۈنكى بۇ تېمىنى قاشتېشى مۇنبىرىگە مەن يوللىغان .مىنىڭ يوللىغىنىمدىكىدىن قىلچىمۇ ئۆزگەرتمەيلا يوللاپسىز .چۈنكى مەن تىما بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارىغان يەرلىرىنى يوللىمىغانتىم .مەنبەنى ئەسكەرتىشىڭىز كېرەكتى ئەلۋەتتە .
تورداشلارنى كەچۈرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

6xahar

چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-22 20:40 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [14 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق karima-0997
ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 3235
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 1764
UID نۇمۇرى : 16853
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 3092
ئۇنۋان:16 دەرىجە ھازىرغىچە3092دانە
شۆھرەت: 3339 نۇمۇر
پۇل: 170 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 43 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-28

بۇ مېنىڭ ئىنكاسىم غايىپ بوپتۇ دېسە!

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
قىزبالىنىڭ  بايلىقى-ئۇنىڭ نۇمۇسىدۇر!
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-22 22:52 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [15 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق pa^re

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 100
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 199
UID نۇمۇرى : 26364
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 96
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە96دانە
شۆھرەت: 96 نۇمۇر
پۇل: 385 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-08
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

مۇشۇنداق  باشقا مۇنبەرلەردىن كوچۇرمىكەشلىك بىلەن يوللانغان تىملار بۇ مۇنبەردە شۇنداق ئاسان نادىرلىدىكەن دىسە ، ھەيرانمەن . دىيارىمدىكى باشقۇرغۇچلارنىڭ  نەزىردىكى  نادىر تىما دىگەن زادى نىمە ؟

6xahar
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﯧﭽﯩﻠﻪﺭ ﻣﻪﻥ ﺳﯧﻨﻰ ﻛﯜﺗﻜﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ،ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﺎﯓ ﺋﺎﺗﻤﺎﺱ ﺑﻮﻟﻐﯩﺘﻰ!
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-23 13:14 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [16 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق miningkitap

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 12
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 87
UID نۇمۇرى : 27242
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 11
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە11دانە
شۆھرەت: 11 نۇمۇر
پۇل: 133 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-21
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-24

كوچۇرمە كەچلىك  باشقىلارغا ئادەت بولۇپ قىلغان ئوخشايدۇ.

يالقۇن روزى بىلەن سۆھبەت تەپسىلاتى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-23 17:30 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [17 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق NAZIKIRA

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 27
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 73
UID نۇمۇرى : 20056
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 27
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە27دانە
شۆھرەت: 21 نۇمۇر
پۇل: 90 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-22
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-23

رەخمەت سىزگە، قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن. كۆپرەك يوللاپ تۇرارسىز.....

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-23 17:56 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [18 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق marjan-ay

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 47
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 52
UID نۇمۇرى : 26280
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 41
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە41دانە
شۆھرەت: 41 نۇمۇر
پۇل: 223 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-06
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

مۇنۇ تورداشنىڭ مۇنبەرگە تىزىملىتىپ كىرگىنگە 10 كۇن تولۇق توشماي 2 نادىر تىمسى بوپتۇ دىسە  كوچۇرۇپ ئەكەپتۇ بولمىسا بۇ تىملارنى .

يالقۇن روزى بىلەن سۆھبەت تەپسىلاتى
ھاياتقا ئاتىلارنىڭ كۆزى ، ئانلارنىڭ يۇرگى بىلەن قارا .
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-23 22:18 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [19 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق karatuprak

تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 335
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 264
UID نۇمۇرى : 25976
دەرىجە: سەپ بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 311
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە311دانە
شۆھرەت: 311 نۇمۇر
پۇل: 853 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-29
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

قىز بولۇپ يارىلىش پىشانىڭىزگە پۈتۈلگەنىكەن، سىز بۇ مۇقەددەس ئىرادىدىن ئۆزىڭىزنى چەكسىز بەخىتلىك سانىشىڭىز، قىز بولغانلىقىڭىزدىن پەخىرلىنىشىڭىز،ۋۇجۇدىڭىزغا قىزلىق پەزىلەتنى جەملەپ،سېھرىي كۈچىڭىزنى قېزىشىڭىز،ھاياتتا ئىنسانلارغا پايدىلىقلا بولىدىكەن،ھەرقانداق ئىشقا ئىجتىھات قىلىپ،ئۆزىڭىزنىڭ ئەرلەرمۇ قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويىشىڭىز كىرەك، ئۆزىڭىزنىڭ ھەيران قالارلىق نەتىجىلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنى قايىل ۋە مايىل قىلالىسىڭىز، ئەي بەخىتلىك قىز، سىز بۇ دۇنيادا مەنىلىك ياشىغاننىڭ ھەقىقى پەيزىنى سۈرگەن ھىساپلىنىسىز.
رەخمەت

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 13:10 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [20 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق karatuprak

تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 335
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 264
UID نۇمۇرى : 25976
دەرىجە: سەپ بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 311
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە311دانە
شۆھرەت: 311 نۇمۇر
پۇل: 853 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-29
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-27

Quote:
بۇ مەزمون 19 - قەۋەتتىكى marjan-ay نىڭ 2008-03-23 22:18 دە يوللىغان يازمىسى“”:
مۇنۇ تورداشنىڭ مۇنبەرگە تىزىملىتىپ كىرگىنگە 10 كۇن تولۇق توشماي 2 نادىر تىمسى بوپتۇ دىسە  كوچۇرۇپ ئەكەپتۇ بولمىسا بۇ تىملارنى .

مۇشۇنىمۇ چۈشەنمىدىڭىزما؟؟ئىسمىنى ئۆزگەرىتكەن كونا ئەزا دە ئۇ!

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-24 13:11 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [21 -قەۋەت]
دىيارىم مۇنبىرى » ﺧﺎﻧﯩﻢ - ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺳﺎﻟﻮﻧﻰ

يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ھازىرقى ۋاقىت : 03-28 09:11
Powered by PHPWind v5.3 Certificate Code © 2007-2010 Diyarim Corporation