نۇرۇز ھەققىدە غەزەل
بۈگۈن نورۇز،جىمى ئەتراپ خوشاللىقتىن سادا بايرام،
يەتتىدىن يەتمىشكىچە ئۇسسۇل-نەغمە ناۋا ،بايرام.
جۆر بولۇپ پەسىل قۇشى قانات قاقتى دىيارىمدا،
نەۋ باھاردىن بىشارەت بەردى بىزگە سابا بايرام.
بۈيۈك ئارزۇ ،ئۇلۇغ ئىستەك چىھرىدە بىغۇبار كۈلكە،
نورۇز ئەھلى جامائەتنىڭ كۆڭلىگە داۋا بايرام.
چەۋەندازلار سەيناسىدا مەرتلەر مەردۇ -مەردانە،
ئايان بولدى پۈتۈن ئەلگە مۇھاببەت، مەرلىك ۋاپا،بايرام.
خۇشاللىق ئەلچىسى ئۇچتى قەلىپ كۆكىدى پەرۋاز قىپ،
بارىكاللا ئېيتتى پۈتكۈل تەبىئەت ساڭا بايرام.
نورۇز ئاشنىڭ خۇشبۇي ھىدى ئۇرۇلغاندا دىماقلارغا،
ئېغىز تەگدى نورۇز ئەھلى ئىززەت -ئەدەپ ،ھايا بايرام.
كومپارتىيە مەدەت بولغاچ ئۆتتى نورۇز بىلەن ھايات،
ئەلنى گۈلگە پۈركەشكە ئەزىز جانىم پىدا بايرام.
ئانا يۇرتۇم ئەزىز خەلقىم ۋەدە ساڭا ئوغلانىڭدىن،
ئارمانىم يوق مىھنەت تەردىن ۋەدەم بولسا ئادا بايرام.
تەھرىردىن : تېمىنىڭ كىلىش مەنبەسى ياكى ئاپتۇرىنى ئەسكەرتىڭ .[ بۇ يازما saba7911 تەرپىدىن 2008-03-20 12:23 دە قاي ]