« داخان » نىڭ قولىدا چەيلەنگەن غۇنچە
مەرپۇغە ئېگىز بوي، نېرۋىسى ئاجىز قىز ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەرپۇغە تۇغۇلۇپلا دادىسنىڭ نېرۋىسى ئېلىشىپ قالغانىدى، ئانا بۇ بەخىتسىز قىزىنى مىڭ تەستە بېقىۋاتاتتى، لېكىن ئۇمۇ ياش تۇرۇپلا ئالەمدىن ئۆتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مەرپۇغە ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ئۆيىدە تۇردى.
مەرپۇغەنىڭ ئۇرۇق - تۇققانلىرى دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ داۋالاتقان بولسىمۇ، ئۈنۈمى بولمىدى. ئۇلارنىڭ قىزىنى چوڭىراق دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىشقا قۇربى يەتمەيتتى، شۇ چاغلاردا مەرپۇغە قاراقاش ناھىيسىنىڭ قاراقاش بازىرىدىكى تۇققانلىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتاتتى.
__ سىڭلىڭلارنىڭ بۇ بىچارە قىزى مۇشۇنداق ئۆتۈپ كېتەرمۇ،_ دېدى مەرپۇغەنىڭ تاغىسنىڭ ئايالى.
__ شۇنى دېمەمسىلەر، سېڭلىم ئۆلۈپ كەتكىلى خېلى يىللار بولدى، مېنىڭ مەرپۇغەنى داۋالىتىمەن دەپ قىلمىغانلىرىم قالمىدى،قانداق قىلسام بولار، ساقايتالىساق سىڭلىمنىڭ روھىمۇ خۇش بولار ئىدى،_ دېدى ئېرى.
__ قاراساي يېزىسىدا مەمەت ئىسىملىك بىر موللام داخان بارمىش، مەرپۇغەنى شۇ يەرگە ئاپىرىپ باقساق ساقىيىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس،_ دېدى ئايال.
مەرپۇغەنىڭ تۇققانلىرى تەييارلىق قىلغاندىن كىيىن ، 2007-يىلى 5- ئاينىڭ 8-كۈنى قاراساي يېزىسىنىڭ چېتىگە جايلاشقان بىر كەنىتتىن سەمەت « داخان »نىڭ ئۆيىنى تاپتى ۋە ئايالى بىلەن بىللە كۈتۈۋالدى.
__ قىزىمىزنى داۋالاپ قويامدىكىن دەپ ئەكەلگەنىدۇق،_ دېدى مەرپۇغەنىڭ تۇققىنى.
__ بىزنىڭ موللام داخاننىڭ كارامىتى جىق ، ساقىيىپ كېتىدۇ،ساقايغاندا ئېلىپ كېتىشسىلە، خاتىرجەم بولسىلا، پۇلنى كېيىن بىر نىمە دىيىشەرمىز، بۇ يەرگە كېلىدىغانلار كۆپ ،_ دېدى ئايال ياندىكى گەمىنى كۆرسىتىپ.
بۇ گەمىلەر « داخان »نىڭ مەخپىي «كېسەلخانىسى» ئىدى، ئەر- خوتۇن ئىككىسى خاتىرجەم بولۇپ، ئېلىپ كەلگەن 100 يۈەننى ، بىر خالتا ئۇن ، ياغ قاتارلىق نەرسىلەرنى « داخان »غا بەردى-دە، مەرپۇغەنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ قايتتى.
17 ياشقا كىرىپ قالغان مەرپۇغەنىڭ كۈنلىرى بۇ خىلۋەت جايدا بۇ ئائىلىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىش بىلەن ئۆتۈشكە باشلىدى. مەرپۇغە كېچىدە« داخان »، ئۇنىڭ خوتۇنى بىلەن بىر ئۆيدە ياتاتتى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن« داخان »نىڭ چېقىر كۆزلىرى مەرپۇغەگە چۈشۈشكە باشلىدى. بىركۈنى كېچىدە مەرپۇغە ئۈستىگە ئېغىر بىر نەرسىنىڭ چىققانلىقىنى سەزدى_دە:
__ ئانا، مېنى قۇتقۇزۇڭلار ، مېنى ئىت چىشلىۋالدى،_ دەپ چېرقىراشقا باشلىدى.
« داخان »نىڭ بۇنىڭ بىلەن پەرۋايى پەلەك ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى يوتقاننى بېشىغا مەھكەم پۈركەپ، مىدىرلىماي يېتىۋالدى. بۇ بىچارە قىز خىلۋەت ماكاندىكى خارابە كەپىدە مانا مۇشۇنداق چەيلەندى........
كۈندۈزى « داخان » ئاز - تولا ئايەت ئوقۇپ، مەرپۇغەنى سۈھلەپ قوياتتى.
__ نىمە ئۈچۈن كېچىدە توۋلىسام ئويغانمايسىز، « داخان » مېنى بوزەك ئەتتى،- دېدى مەرپۇغە يىغلاپ تۇرۇپ.
__ ھېچنىمە بولمايدۇ، بۇنى بىر كىمگە دىمەڭ،_ دېدى ئايال مەرپۇغەنى يېتىلەپ قۇملۇقنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى ئازگالغا ئاپىرىپ ، لاي سۇدا يۇيۇندۇرغاچ.
ئىشلار مانا مۇشۇنداق ئۈچ قېتىم تەكرارلاندى، مەرپۇغەنىڭ چىرايى كۈندىن- كۈنگە تاترىپ كەتتى، ئۇ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدى.مەرپۇغە بۇنداق داۋالاشنىڭ تېزراق ئاخىرلىشىشىنى ، تۇققانلىرى بىلەن بالدۇرراق جەم بولۇشنى ئارزۇ قىلىشقا باشلىدى، ئۇنىڭ نېرۋىسى ئاجىز بولسىمۇ ، بۇنداق نومۇسسىزلىقنى چۈشۈنەلەيتتى، ئۇ بۇنىڭغا چىدىيالمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى قاچماقچى بولدى، ئەمما « داخان » ئۇنى تۇتۇۋالدى.
__ بۇنى بىر كىمگە دېگۈچە بولساڭ ، سېنى بوش قويمايمەن، مۇشۇنداق ئۆتۈۋېرىمىز، ماڭ ئۆيگە،_ دېدى مەرپۇغەنى ياندۇرۇپ كىرگەچ.
سەمەت« داخان » ئايالى بىلەن 2007-يىل 2-ئايدا توققۇز پۇڭ يەرگە كۆكنار تېرىدى، كۆكنار تازا ئوخشىدى. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەرپۇغەنىڭ تۇققانلىرى كېلىپ قالدى.
__ ۋەزىيەت چېڭىپ قالدى، كېيىنچە ئەكىرسىلە، ھازىر بۇ قىزنى ئېلىپ چىقىپ كەتسىلە ، كېيىنچە داۋالاپ قويارمەن،_ دېدى« داخان ».
سەمەت« داخان »كۆكناردىن ھوسۇل ئېلىشنى ئويلاپ ، مەرپۇغەنى مەرپۇغەنى يوقلاپ كىرگەنلەرنىڭ بۇنى بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىردى بولغاي، كۆزى قىينىغان ھالدا تۇققىنىغا تۇتقۇزۇپ قويدى. مەرپۇغە دوزاختىن قۇتۇلغىنىغا شۇنداق خوشال بولدى، تاغىسىغا ئەھۋالنى دىيىشنى لايىق كۆرمىدى بولغاي، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى.
__ خوتۇن، مەرپۇغە يول بويى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى، جىمىپ قاپتۇ، قاراڭلار، چىرايى تاتىرىپ كېتىپتۇ ،_ دېدى تاغىسى.
__ قىزىم، مەن سېنىڭ ئۆز ئاناڭ ئورنىدا ، سېنى ساقىيارمىكىن دەپ موللىغا داخانغا ئەكىرگەن، نىمە بولدى؟__ دەپ سورىدى ئايال مەرپۇغەنى يېنىغا تارتىپ.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان مەرپۇغە ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى ۋە بولغان ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى.
__ قىزىمىز موللام داخانغا ئەمەس، ئالۋاستىغا داۋالاتقىلى ئاپىرىپتىمىز ...،_ دېدى ئايال ئېرىگە.
ئۇلار شۇ كۈنى قاراقاش ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىگە دېلو مەلۇم قىلدى. 2007-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ساقچىلار مەمەت موللام داخاننى 5315 تۈپ كۆكنار، 38 گرام ئەپيۇن بىلەن قولغا چۈشۈردى.
ئۇف ئاران تۈگىدى.بىر يېرىم سائەت يازدىم.
( ماقالىدىكى كىشى ئىسىملىرى ياسالما )
مەنبە: ئامانلىق ژورنىلى 2008.3
[ بۇ يازما nawa717 تەرپىدىن 2008-03-19 15:53 دە قايت ]