« 1 2345» Pages: ( 1/5 total )
بۇ بەتتىكى تېما: [سىرداشىم] پەرىشتىنىڭ يۇرىكىدىكى داغ  تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 120930 قېتىم كۆرۈلدى
sirdaxim
دەرىجىسى : ئالى ئەزا


UID نۇمۇرى : 15864
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 725
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە725دانە
شۆھرەت: 758 نۇمۇر
پۇل: 2252 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :298(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-15
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 [سىرداشىم] پەرىشتىنىڭ يۇرىكىدىكى داغ 

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما totem تەرپىدىن ئىلگىرلىتىلدى(2008-06-12)
پەرىشتىنىڭ يۈرىكىدىكى داغ


ۋارىس  قولىدىكى  تەكرارلاش كىتاۋىنى  ظاستا يىپىپ، ياتاق تەرەپكە كىتىۋاتقان دىلنازنىڭ ظارقىسىدىن قاراپلا قالدى . هەقىقى  ظۇيغۇر گۇزەللىرىگە خاس  بۇلاقتەك چوث-چوث كأزلەر، ظاينى  خىجىل قىلىدىغان ظەگىم قاشلار، نىپىز ظوتقاشتەك لەۋلەر، شامالدا لەرزان يەلپۇنىۋاتقان ظوزۇن چاچلار، ئىگىز ئەۋرىشىم  قامەت....ظاھ ظىنسان بالىسى دىگەنمۇ مۇشۇنداق گۇزەل بۇلامدۇ هە؟...مۇشۇنداق بىر پەرىنى ماثا نىسىپ قىلسا هە خۇدايىم؟...ۋارىس ظاستا-ظاستا يىراقلاۋاتقان دىلنازنىث سىماسىغا قاراپ، ظأزىنىث خىياللىرىدىن ظأزى  خىجىل بولغاندەك، ظوتتەك قىزىپ كەتكەن يۇزىنى  ظاستا سىلاپ قويدى . ئۇ بۇ قىزنى  پات-پات ياتاق بىناسى ظالدىدا ظۇچرىتىپ قالاتتى، هەر قانداق ظادەمگە ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن  جاۋاپ بىرىدىغان بۇ قىزدىن ئۇ   هىچقانداق بىر ئەيپ نوقساننى تاپالمايتتى .  ئەتراپتىكى تىكىلگەن  نۇرغۇن كأزلەر ظىچىدە  ئۇنىڭ كۆزلىرىمۇ بۇ قىزغا  هەۋەس بىلەن يۇشۇرۇن قارايتتى. ئارىدىن 2  كۇن ظأتمەي مەكتەپ ظأتكۇزگەن كۇثۇل ظىچىش پاظالىيىتىدە ۋارس  بۇ قىزنى يەنە بىر قېتىم  ظۇچراتتى . سەهنىدە ظەدىبىيات كەسپىدە ظۇقۇيدىغان دىلناز   كۇثۇل ئېچىش پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ تىتىك، يېقىملىق ئاۋازى، پىشقان رىياسەتچىلەردەك تالانتى تۇۋەندە ئولتۇرغان بارلىق ئۇقۇغۇچىلارنى ھەيران قالدۇراتتى، زال ئىچىدە ھەممە سۈيۈنۈش ئىچىدە ئۇنىڭ گۇزەللىكىگە، تىرىشچانلىقىغا، تالانتىغا قول قوياتتى. ۋارس  شۇ تاپ دىلنازغا قاراپ ئاجايىپ ھىس تۇيغۇلارغا چۈكۈشكە باشلىدى. ئۆزىدە بۇرۇن ھېچقاچان بولمىغان بىر خىل سىزىمنىڭ پۇتۇن بەدەنلىرىگە تارىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدى. ئۇ نىمىشقىدۇر ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا دىلنازنىڭ ئاۋازىغىلا مەپتۇن بولۇپ، ئارىلىقتا ئېيتىلىۋاتقان مۇڭلۇق ناخشىلارغا، لەرزان ئۇسۇللارغا قىلچىمۇ دىققەت قىلمىدى. زال ئىچىدىكى قىزغىن پاراڭلار، جاراڭلىق كۈلكىلەر، چاۋاكلار ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيتتى.
    -ھەي ئاشىق...
    ۋارىس قۇلاق تۈۋىدىكى بۇ ئاۋازدىن چۇچۇپ كەتتى. يېنىدا ئۇنىڭ  يۇرتداش دوستى ، ساۋاقدىشى مۇرادىل كۇلۇپ تۇراتتى.
    - ئاغىنە، دىلناز قىزغا قاراپ قېتىپلا  قاپسەنغۇ؟ سەنمۇ ظۇنىثغا ظاشىقمۇ نىمە؟...بىلەمسەن. ظۇ دىگەنچۇ كأكتىكى بىر نۇرلۇق  چولپان، ظۇنىثغا مەكتەپتىكى نى –نى يىگىتلەر قولىنى هەر قانچە سۇزۇپمۇ ظۇنى ظۇزىۋالالمىغان، سەن ظاخماق بولما جۇمۇ...
    ۋارس  بىر پاكولتىتتا ئۇقۇيدىغان  خوشچاقچاق ، يۇمۇرلۇق بۇ دوستىغا ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن تىكىلدى.
    -نىمە؟ سەن ئۇنىڭ ئىشلىرىنى قانداق بىلىسەن؟ يا ئۇ بىزنىڭ فاكولتىتتا بولمىسا؟...
    -بىزنى كىم چاغلاپ قالغان ئاغىنە، مەكتەپتىكى گۈزەل قىزلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارخىپى بار جۇمۇ بىزدە.
    ۋارىس مۇرادىلنىڭ سۆزلىرىدىن بىر نەرسىنى قىزغانغاندەك تۇرۇپلا قالدى. تىرىشچان، ھەممە ئىشتا ئېپى بار، شەھەر تۇرمۇشىغا سىڭىپلا كەتكەن بۇ دوستىنىڭ كۆزىگە مىختەك تىكىلدى.
    -قارىغاندا سەنمۇ ئۇ قىزنى خۇپىيانە ياخشى كۆرىۋاتقانلارنىڭ بىرسىمۇ نىمە؟ مىنىڭ ھالىمغا يىتەر بولساڭ ، سەن ئۇنداق خىياللاردا بولما جۇمۇ...
    -تۆۋە دىگىنە، مەنچۇ ئۇ قىزنى ياخشى كۆرەي دىسەممۇ ياخشى كۆرۇشكە پېتىنالمايمەن. سەنمۇ ھەم شۇنداق. بىز دىگەن كىم؟ ئۇ دىگەن كىم؟ بىزدەك جەنۇبى شىنجاڭنىڭ بىر يېزىسىدىن كەلگەن يالاڭتۆشلەرگە ئۇ پەرشتە قانداقمۇ نىسىپ بولسۇن؟ بىلەمسەن ئاغىنە، ئۇ دىگەن گۈزەللىكتە تەڭداشسىز بۇلۇش بىلەن بىرگە ئىزچىل ئەدىبىيات فا كولتىتى بويىچە بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەي ئۇقۇۋاتقان قىز، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇ بىر نازىرنىڭ يالغۇز ئەتىۋارلىق قىزىمىش. مەكتىۋىمىزدە مۇشۇ شەھەرنىڭ نى-نى قاملاشقان يىگىتلىرى بۇ قىزنىڭ پىراقىدا شامدەك كۆيۇپ ۋىسالىغا ئىرىشەلمىگەن يەردە بىزدەك سەھرالىقلارغا كۆيۇشنى نەدە قويۇپتۇ، سىنىڭمۇ دوستۇم، ئاۋۇ كۆيگەن يۈرۈگۈڭ مۇشۇ يەردىلا سۇۋۇپ قالسۇن.
    ۋارس مۇرادىلنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ يىنىكككىنە بىرنى تىندى. لېكىن <نازىرنىڭ قىزى، شەھەرلىك نى-نى يىگىتلەر، سەھرالىق...> دىگەندەك سۆزلەر ئۇنى جىمىتىپلا قويدى. ئۇ مۇرادىل بىلەن خوشلۇشۇپ ، سەھنىدە ئۇماق تەبەسسۇم بىلەن رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان دىلنازغا مۇھەببەت ھەم ھېيقىش ئارلىشىپ كەتكەن بىر خىل ھىسياتتا ئاستا قاراپ قويۇپ، زال سىرتىغا چىقتى.
    ئۇ ياتاق بىناسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. لېكىن نىمىشقىدۇر قەدەملىرىنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى، قانداقتۇر بىر خىل ئوتنىڭ يۇرىكىنى كۆيدۇرۇش بىلەن بىرگە، تاشتەك ئېغىر بېسىمنىڭ يەلكىسىنى بېسىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدى. -توۋا ،- دەپ پىچىرىلىدى ئۇ ئۆزىگە،-ئەجەپ سىنىپتا نۇرغۇن قىزلار تۇرسا، مەكتەپتە بىر يۇرتلۇق، بىر مەھەللىلىك قىزلار تۇرسا ، نىمانداق ماۋۇ ساراڭ كۆڭلۇم شۇ قىزنىلا ئويلايدۇ؟ نىمە دەپ شۇ قىزغىلا ئىنتىلىدۇ؟ بۇگۇن تەلىيىم كىلىپ بۇ قىزنىڭ ئەھۋالىنى بىلدىم. ئەگەر ئايغا تاش ئېتىپ ، بۇ قىزغا كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلغان بولسام نىمە سەتچىلىكلەر كۆرۇلەر ئىدى ھە ؟ <ماۋۇ سەھرالىق تومپاينىڭ ھالىغا باقماي گىپىنى قارا، كۆڭلىنى قارا>  دەپ مازاق قىلىپ كۇلۇپ كىتەر بولغىيتتى . ئۇھ ، مۇرادىل ئاغىنەمگە مىڭ مەرتىۋە رەخمەت...،-ۋارىس خۇددى ئېغىر بىر يۇكتىن قۇتۇلغاندەك بېشىنى چايقاپ قويدى. لېكىن قەدىمى ياتاق تەرەپكە كىتىۋاتسىمۇ نىمىشقىدۇر كۆڭلۇنىڭ بىر يەرلىرى  يەنىلا زال ئىچىدىكى رىياسەتچى قىزغا تەلپۇنەتتى.
     ئالى مەكتەپنىڭ ئالدىنقى 3 يىلىدا ئىزچىل سىنىپ بويىچە <3تەياخشى> بۇلۇپ ئۇقۇۋاتقان ۋارىسنىڭ دەرس ۋاقتىدىكى ئاكتىپ ھالىتىدە ئۆزگۇرۇش بولۇشقا باشلىدى. بەزى-بەزىدە دەرسكە كىچىكىپ قالىدىغان، ئۇقۇتقۇچىلىرىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرەلمەيدىغان، ماتىرىيال كۆرىۋېتىپ، ئۇگۇنۇش قىلىۋېتىپ ئۇزۇن-ئۇزۇن خىيال دەرياسىغا غەرق بولۇپ كىتىدىغان بولۇپ قالدى. جۇشقۇن، تىتىك كەيپىياتىنىڭ ئورنىنى سۇلغۇن چىراي، ئويچانلىق ئىگەللىدى. ئۇ دىلنازنى غايىۋانە ياخشى كۆرۇپ قالغاندىن بۇيان بۇ كۇيۇكتىن ئەسلا قۇتۇلالمىدى. بۇنىڭ تۇلىمۇ بىمەنىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ كۆڭلى يەنىلا شۇ قىزنى  سېغىناتتى، كۆز ئالدىدا ھەر ۋاقىت شۇ قىزنىڭ سىماسى جىلۋە قىلاتتى.
ۋارىسنىڭ بۇ ھالىتىگە مۇرادىلدىن باشقا ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى ھەيران ئىدى. بۇنداق تىرىشچان يىگىتنىڭ تۇرۇپلا ئۆزگۇرۇپ كىتىشى ئۇلار ئارىسىدا قىزىق نوقتا بۇلۇپ، دائىملىق پاراڭ تىمىسىغا ئايلىنىپ قالدى.
    بۇگۇنكى مۇئەللىمنىڭ يۇمۇرىستىك دەرس نۇتۇقلىرىمۇ، قىزىق ئەمىلى تەجرىبىلىرىمۇ ۋارىسقا  خوشياقمىدى. ئۇ كەچلىك تەكراردىن شۇنچە ھارغىن چۇشتى. ساۋاقداشلىرىن ئايرىلىپ كونا جايغا، دىلناز قىز ياتاققا ماڭىدىغان يول بويىدىكى گۇللۇككە كىلىپ ئولتۇردى. ئۇ بۇگۇنمۇ دىلنازنى يەنە بىر ئۇچراتسامكەن، ئۇنىڭ ئىللىق تەبەسسۇم چىرايىنى يەنە بىر كۆرسەمكەن، ۋۇجۇدۇمدىكى سېغىنىش ئوتىنى بىردەم بولسىمۇ ئۇچۇرسەمكەن دىگەن ئۇمۇتتە ئىدى. ئۇ دىلنازنى مۇشۇ يەردە تۇنجى ئۇچراتقان شۇ كۇندىن باشلاپ، بۇ گۇللۇككە قانچە قېتىم كەلگىنىنى ، قانچە سائەت ئولتۇرغۇنىنى، دىلناز قىزنى يۇشۇرۇن نەچچە يۇز قېتىم كۆزەتكىنىنى  ساناپ بىرەلمەيتتى. ئارىدىن يېرىم يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇ مەڭگۇ ئەمەلگە ئاشمايدىغان بۇ رىئاللىقنىڭ شىرىن چۇشلىرىدىن تېخى قۇتۇلۇپ بۇلالمىغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ پەقەت بىر يۇشۇرۇن كۆيىۋاتقان ئوت ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.  بۇ ئوتنى دىلنازغا كۆرسۇتۇشكە، تۇتاشتۇرۇشقا ئۇنىڭدا قىلچىلىك جۇرئەت يوق ئىدى. ئۆزىدەك نامرات دىھقان بالىسىنىڭ بۇنداق يۇقىرى مەرتىۋىلىك قىزغا كۇڭۇل ئىزھار قىلىش بىر كۇلكۇلۇك ئىش ئەمەسمۇ؟ بۇ قىز ئۇنىڭ  تەلىۋىمنى قۇبۇل قىلدىمۇ دەيلى، لېكىن كىيىنكى تۇرمۇش قانداق بولىدۇ؟ بۇنىڭغا بۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى قانداق قارايدۇ؟  ئوغلىنى يىمەي-ئىچمەي مىڭبىر جاپادا ئۇقۇتىۋاتقان  ئاتا-ئانىسى بۇ ئەھۋالنى ئۇقسا نىمە بۇلۇپ كىتىدۇ؟...بۇ ئەمىلىيەتتىمۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىشقۇ؟...ۋارىس ئېغىر بىر تىنىپ، ھەممە غەملەردىن بىراقلا قۇتۇلماقچى بولغاندەك كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ، ئىككى ئالقىنىنى يۇزىگە ياقتى. ئۆزىنى شۇ قەدەر بىچارە، شۇ قەدەر ئاجىز ھىس قىلدى...ئۇ بىر ھازا سۇكۇت ئىچىدە تۇرغاندىن كىيىن، كۆزىنى ئېچىپ يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قارىدى. ئۇ شۇتاپ كۆكتىن ئۆزىنىڭ يۇلتۇزىنى ئىزدەۋاتاتتى، ئالاھىدە نۇر چاقنىتىپ تۇرغان چولپان يۇلتۇزنىڭ ئۆزىنىڭ يۇلتۇزى بۇلۇپ قېلىشىنى تىلەۋاتاتتى. ئۇ بىر ھازا يۇلتۇزىنى ئىزدەپ ھارغاندىن كىيىن، ئاستا كۆزىنى يەنە دىلناز قىزنىڭ ياتاق بىناسى تەرەپكە ئاغدۇردى.   ئۇنىڭ چىرايى تېخىمۇ سۇلغۇن بۇلۇپ، كۆز جىيەكلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ تۇيۇقسىز گۇللۇك تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتقان تۇنۇش چىرايغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى. دىلناز قولىدا ماتىرىيال تۇتقان ھالدا شۇنچە سالماق قەدەم بىلەن ۋارس تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتاتتى. ۋارىسنىڭ  يۇرىكى ئەنسىز سۇقۇپ كەتتى. دىلناز قىز خۇددى ئاستا كىلىپ، ئۇماق لەۋلىرى بىلەن ئۇنىڭغا مۇھەببەت ئىزھارقىلىدىغاندەك، چىرايلىق يۇمران قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ سۇلغۇن چىرايىنى مىھىر بىلەن سىلايدىغاندەك ، ئاپئاق قولياغلىقى بىلەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۇرتىدىغاندەك بىلىنىپ كەتتى. ئۇ جىددىلىكىنى پەسەيتمەكچى بولغاندەك دەرھاللا كىتاۋىنى ئېچىپ ئۇقۇغان قىياپەتكە كىرىۋالدى. لېكىن كۆزى ھېچنەرسىنى كۆرمەيتتى. پۇتۇن دىققىتى  دىلناز قىزنىڭ ئاياق تىۋىشىدا ئىدى.  دىلناز قىزنىڭ ئاياق  تىۋىشى شۇنچىلىك يىنىك، شۇنچىلىك رىتىملىق بۇلۇپ، ئۇنىڭغا بارغانسىرى يېقىنلىشىۋاتاتتى...
   -كەلدىڭىزما؟- يان تەرەپتىكى گۇللۇكتە ئولتۇرغان بىر يىگىت تىزلا گۇلنازنىڭ ئالدىغا كەلدى،- مەن تېخى سىزنى چىقمامدىكىن دەپتىمەن، بۇگۇن كۆڭلۇمنى يەردە قويمىدىڭىز ، سىزگە رەخمەت جۇمۇ. قېنى بۇياققا كىلىپ ئولتۇرۇڭ.....
     ۋارىس تا ھازىرغىچە گۇلنازنى بىرەر يىگىت بىلەن كۆرۇپ باقمىغان ئىدى. ئۇنى دائىم چىرايلىق قىزلار ئارىسدا ئۇگۇنۇش بىلەنلا مەشغۇل ھالەتتە كۆرەتتى. بۇگۇنكى بۇ مەنزىرىدىن ۋارىسنىڭ يۇرىكى ئېغىزىغا كەپلىشىپلا قالدى. ۋۇجۇدىدا رەشىك ئوتى يالقۇنجاپ كۆيۇپ، يۇرۇكىنى بىئارام قىلىۋەتتى. بۇ قىزنىڭ گۇزەل ئوبرازى، جىسمى ھەم پۇتۇن كەلگۇسى پەقەت ۋارىسقا تەئەللۇقتەكلا غەزەپتىن تىترەپ كەتتى. ئۇ گەرچە ئورنىدىن تۇرۇپلا كىتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، قانداقتۇر بىر خىل قىزىقىش ھەم غەزەپ ھىسياتى يان تەرەپتىكى ئۇرۇندۇقتا  ئولتۇرغان گۇلناز بىلەن ھېلىقى يىگىتنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلاشقا مەجبۇرلىۋاتاتتى. ئۇ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا خۇددى كىنولاردىكى شىپىيۇنلاردەك ئاستا بۇ ئىككى گەۋدىگە يېقىنلاپ، سۇس چىراق نۇرىدا كىتاپ كۆرىۋاتقان قىياپەتتە ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سالدى.


داۋامى ئىنكاس سۇپىتىدە داۋاملىق يوللىنىدۇ.......

مەنبە : قەلەم
[ sirdaxim تەرپىدىن 2008-05-15 17:32 قايتا تەھرىرلەن ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(totem) ياخشى پوۋىست
  • شۆھرەت:+10(saba7911) ئۆزىگە خاس م
  • شۆھرەت:+10(manggutax) ياخشى ماقالە
  • شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    قۇملۇقنى كولىما بايقۇش، توغراقنى قۇچاقلاپ يىغلاپ-يىغلىۋال ...
    | ۋاقتى : 2008-03-17 18:20 [باش يازما]
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ 2
    sirdaxim
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15864
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 725
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە725دانە
    شۆھرەت: 758 نۇمۇر
    پۇل: 2252 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :298(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

        -چاقىرتىپتىكەنسىز ئەكرەم.
        -شۇنداق، مەقسىتىمنى دىمىسەممۇ بىلىسىزغۇ، مەن سىزنىڭ ئوتىڭىزدا ساراڭ بۇلاي دىدىم، مىنى بۇنداق قىينىماڭ، مەن بۇ دۇنيادا بىرەر قىزنى سىزنى ياخشى كۆرگەندەك كۆرۇپ باقمىغان، ھەم بۇنداق يىلىنىپ باقمىغان. بۇ قېتىملىق تەلىپىمنىڭ سىز ئۇچۇن نەچچىنچى قېتىملىق تەلەپ ئىكەنلىكىنى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن، سىز ئۇدا مىنىڭ كۆڭلۇمنى رەت قىلىپ كەلدىڭىز، مىنى قانچە رەت قىلغانسىرىڭىز ، مەندىن قانچە قاچقانسىرىڭىز مەن سىزگە شۇنچە ئاشىق بۇلۇپ قالدىم،  تۇرغان ، ماڭغان تۇرقۇم  خۇددى ئۆزەمنىڭ ئەمەستەكلا...مىنىڭ بۇ كۆڭلۇمنى قاچانمۇ چۇشۇنەرسىز؟؟؟
        - بولدى ئەكرەم، سۆزلىمەڭ. مەن بۇگۇن ئەدەپ يۇزىسىدىن، سىزنىڭ ھىسياتىڭىزغا ھۆرمەت قىلغانلىقىم ئۇچۇن بۇ يەرگە چىقتىم. لېكىن مەن سىزگە يەنىلا <ياق> دىگەن جاۋاپنىلا بىرەلەيمەن. مەن سىزگە  نۇرغۇن قېتىم دىدىم: ھەر قانداق ئادەمنىڭ مۇئەييەن نىشان، ئارزۇسى بولىدۇ. مۇنىڭ بىردىنبىر نىشانىم ياخشى ئۇقۇش ، مەكتەپنى ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن پۇتتۇرۇش. مەن ھازىرغىچە مۇھەببەت توغرسىدا ئويلانمىدىم ھەم ئويلانمايمەن. ھەم سىزگە نىسپتەن قىلچىلىك مۇھەببەت تۇيغۇلىرىدا، سۇيۇلۇش تۇيغۇلىرىدا بولۇپ باقمىدىم. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى مىنى ئۇنتۇپ كىتىڭ.
        - ياق، ياق...مەن ئۇنتۇپ كىتەلمەيمەن، سىزنى كىم بۇنداق گۇزەل، لاتاپەتلىك بولسۇن، بۇنداق ئەقىللىق، خۇشخۇي بولسۇن دەپتىكەن؟ سىز ماڭا يۇلۇقمىغان بولسىڭىز، مىنىڭ قەلب قەسىرىمگە بۇسۇپ كىرمىگەن بولسىڭىز مەن بۇنداق كۇنگە قالمايتتىم. سىز مىنى ساراڭ قىلىپ قويدىڭىز.
        - ئەكرەم، ئويلۇنۇپ باقتىڭىزمۇ؟ سىز ئۆزىڭىزياخشى كۆرمەيدىغان ، قىزىقمايدىغان بىرسىگە كۆڭلىڭىزنى بىرەلەمسىز؟ ئۇنى باغرىڭىزغا باسالامسىز؟...كۇڭۇل دىگەننى مەجبۇرلاپ تاڭغىلى بولمايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇنىڭ ئاقىۋىتى تىراگىدىيە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. شۇڭا بۇندىن كىيىن مىنى ئىزدىمەڭ، مىنىڭ ياتىقىمغا تېلىفۇن قىلماڭ، سىنىپنىڭ دەرىزىسىدىن قالايمىقان قارىماڭ، مەكتەپ ئىچىدە مىنىڭ ئالدىمنى قالايمىقان توسماڭ...ئەگەر سىز بۇنداق قىلىۋەرسىڭىز مىنىڭ مەكتەپتىكى ئوبرازىمغا يامان تەسىر بىرىپ قويىسىز، سىز مىنىڭ شاللاق قىز نامىنى ئېلىپ قېلىشىمنى خالىمايدىغانسىز؟؟؟
        - قاراڭ دىلناز، مەن سىزگە ھەر ۋاقىت ناھايىتى  سەمىمىلىك بىلەن، يىلىنىپ تۇرۇپ كۆڭلۇمنى ئىزھار قىلىپ كەلدىم. مەن ھېچقاچان بىر قىزنىڭ ئالدىدا بۇنداق كۇنگە قالمىغان، مىنىڭ قانداق ئەكرەم ئىكەنلىكىمنى ئوبدان بىلىسىزغۇ؟..شۇڭا ئوبدان ئويلۇنۇپ بېقىڭ، مەن  سىزنىڭ <ياق> دىگەن  جاۋابىڭىز كېرەك ئەمەس. لۇكچەك قىياپىتىم ئاشكارىلىنشتىن بۇرۇن تەلىۋىمگە ئۆز ئىززىتىڭىز بىلەن ماقۇل دەۋېلىڭ...
        - نىمە؟...ماڭا پوپوزا قىلىۋاتماسىز، مەن بۇ يەرگە سىزنى ئادەم قاتارىدا كۆرۇپ چىقتىم. مىنى ئۇنداق باشقا قىزلارغا ئوخشاتماڭ،مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوغلى بولسىڭىز نىمە بوپتۇ؟ ...بىلىپ قۇيۇڭ، مەن بۇ مەكتەپكە ئۆزەمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇقۇشقا كىرگەن، ھەم مەكتەپ تەلىۋى بويىچە ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن ئۇقۇپ كىلىۋاتىمەن. مەن پەقەت سىزنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىم، سىزگە قىلچىلىك قىزىقمىغانلىقىم ئۇچۇن <ياق> دىدىم. ئەگەر ماڭا باشقىچە نىيەتتە بولىدىغان بولسىڭىز مەكتەپ رەھبەرلىكىگە ، دادىڭىزغا دوكلات قىلىمەن.
        ۋارىس كىتاپتىكى ئىمىر-چىمىر خەتلەرگە تىكىلگىنىچە ئويلۇنۇپ قالدى. بۇ ھېلىقى تەنتەربىيە  فاكولتىتىدا ئۇقۇيدىغان، ھەر ۋاقىت مەكتەپنى بېشىغا كىيىپ يۇرىدىغان ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوغلى ، جىدەلخور ئەكرەم قوپالغۇ، بۇ ئەبلەخمۇ دىلنازنىڭ پېيىدە يۇرۇپتىكەندە، شۇنچە مەمەدان، ھېچقانداق ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىنى كۆزگە ئىلمايدىغان گۇينىڭمۇ قىزلارغا يىلىنىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدىكەن ھە، مۇھەببەتنىڭ شاھنىمۇ گاداي قىلىۋېتىدىغانلىقى راس ئوخشىمامدۇ؟ لېكىن دىلناز ئەجەپ قورقمىدا بۇ قۇپالدىن؟ شۇنداق زەردىلىك گەپلەرنى قىلىۋاتىدۇ؟ بۇ ئەبلەغ دىلنازغايامانلىق قىلمىسىلا بولاتتىغۇ؟...ئۇ ئۆز-ئۆزىگە سۇئال قويغاچ يەنىلا  پاراڭغا قۇلاق سېلىشقا باشلىدى.
        - دوكلات قىلىمەن. قېنى دوكلات قىلىڭ، بولسا ھازىرلا دوكلات قىلىڭ، ئەكرەم مىنى ياخشى كۆرۇپ قاپتۇ، ماڭا كۇيۇپ قاپتۇ، مىنىڭ دەردىمدە ئېلىشىپ قاپتۇ دەپ دوكلات قىلامسىز؟ مەن سىزگە شۇنى دەپ قوياي دىلناز، مەن بۇ مەكتەپتە ئۆزەم ئىرىشەلمىگەن نەرسىنى ھېچقانداق ئادەمگە ئىرىشتۇرمەيمەن. مەن سىزنى ئۇقۇش پۇتتۇرگۇچە بۇ مەكتەپ دەرۋازىسى ئىچىدە بىرەر يىگىت بىلەن ئۇچرىتىپ قالماي ھە؟!
        - خاتىرجەم بولۇڭ، مەن سىزگە دىدىمغۇ: مىنىڭ خىيالىمدا پەقەت ئۇقۇشلا بار، بەلكىم ئۇقۇش پۇتتۇرگەندىن كىيىنمۇ ئاسپىرانت، دوكتۇرلۇقنى پۇتتۇرگۇچە بىرەر يىگىت بىلەن ئارلىشىپ قالماسلىقىم مۇمكىن...
        - كۆرىمىزغۇ...
        - بولدى ئەكرەم، تەگەشمەيلى، ياتاقنى تاقايدىغان ۋاقىتمۇ بولۇپ قاپتۇ. مەن سىز بىلەن يەنىلا ياخشى دوست بۇلۇپ، ئۆز-ئارا ھۆرمەتلىشىپ ئۇتۇشنى ئۇمۇت قىلىمەن. مىنى تەڭلىكتە قويماڭ، تەڭرىم سىزدەك قاملاشقان يىگىتكە مەندىنمۇ ياخشى قىزنى ئاتا قىلىدۇ . مەن قايتاي.
        - بوپتۇ، قايتىپ كىتىڭ. لېكىن مىنىڭ كۆڭلۇمنى يەرگە ئۇرغۇنىڭىزنى، غۇرۇرۇمنى دەپسەندە قىلغىنىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ. بىلىپ قويۇڭ، مەن بېشىمغا ئېلىپ كۆتۇرگەن قىزلارنى يەنە يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىشنى بىلىمەن جۇمۇ...
        دىلناز ئەكرەمنىڭ سۆزىگە جاۋاپمۇ بەرمەي سۇكۇت ئىچىدە ئورنىدىن قوزغالدى. ئۇ ۋارىسنىڭ ئالدىدىن ئېغىر <ئۇھ> تارتىپ ئۇتۇپ، ياتاق بىناسى تەرەپكە قاراپ ئاستا قەدەملەر بىلەن يۇرۇپ كەتتى. ۋارىس بىردەم دىلنازغا، بىردەم كۇچەپ تاماك چىكىۋاتقان ئەكرەمگە يۇشۇرۇن قاراپ ئېغىر سۇكۇتكە چۆمدى. دىلنازنىڭ ھەقىقى ئىسىمى-جىسمىغا لايىق گۇزەل ئوبرازى ئۇنىڭ قەلبىدە تېخىمۇ  يۇكسەكلىككە كۆتىرىلىۋاتاتتى. مۇشۇ ياشتىمۇ ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ ، پۇتۇن دىققىتىنى ئۇقۇشقا ئاتىۋەتكەن قىزنى ئۇچرىتىش تەس بۇلىۋاتقان بۇگۇنكى كۇندە، ۋارىس ھەقىقەتەن بىر ئۇلۇغ پەرىشتىنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن سۇيۇنۇپ كەتتى. ئۇنىڭ بايامقى رەشىك ئوتلىرىمۇ ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتكەن بۇلۇپ، دىلنازنىڭ بارلىق سۆزلىرى ئۇنىڭغا < ئەكرەم، مەن سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن، مىنىڭ لايىقىم بار، مەن پەقەت ۋارىسنىلا ياخشى كۆرىمەن، ۋارىستىنلا بارلىق بەختىمنى تاپىمەن....> دىگەندەك بىلىنىپ كەتتى. لېكىن بۇنىڭ ھەممىسى شىرىن چۇش ئىدى. ئەكرەمدەك مەكتەپ مۇدىرىنىڭ سۆلەتۋاز، بايۋەچچە  ئوغلىنى رەت قىلغان دىلناز قانداقمۇ ۋارىسنىڭ ساددا مۇھەببىتىنى قۇبۇل قىلالىسۇن....
        ۋارس ياتاققا ئېغىر خىياللار ئىچىدە كىرىپ ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلىدى. ئۇزىنىڭ كەچلىك تاماق يىمىگەنلىكىنىىمۇ ئۇنتۇپ قالغان ئىدى. ئۇ ياتاقداشلىرىنىڭ شىرىن ئۇيقۇسىنى بۇزماسلىق ئۇچۇن ئۆزىنى شۇنچە ئۇيقىغا زورلىسىمۇ ، ھېچ ئۇيقۇسى كىلىدىغاندەك ئەمەس. ئۇ ئۇيان-بۇيان نەچچە رەت ئۆرۇلگەندىن كىيىن ئورنىدىن تۇرۇپ كارۋات بېشىدىكى كىچىك چىراقنى ئاستا ياندۇردى. ياستۇق ئاستىدىن تۇركىيە يازغۇچىسىنىڭ <لەۋدىن قەلبكە> دىگەن كىتاۋىنى ئېلىپ، قاتلاپ قويغان يىرىدىن باشلاپ ئۇقۇشقا باشلىدى....
        مۇرادىل تېخى ئۇخلىمىغان ئىدى. ئۇ دوستىنىڭ ئىشلىرىغا چىن يۇرۇكىدىن كۇڭۇل بۇلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ پات-پات ئۇھسىنىشلىرىدىن، ئۆزىنى تاشلىۋېتىشىدىن، دەرستە چىكىنىپ كىتىشىدىن يۇرىكى پۇچۇلىناتتى. ئۇ دوستىنىڭ كىتاپ ئۇقۇپ تۇرۇپ، پات-پات تۇرۇسقا قاراپ ئۇنسىز خىيال سۇرۇشلىرىگە قاراپ ياتتى. ئۇ :مەن بۇ دوستۇمغا زادى ياردەم بەرمىسەم بولمايدىغان يەرگە كەپتۇ، مەيلى رەت قىلسۇن، رەت قىلمىسۇن بۇ دوستۇم كۆڭلىنى چۇقۇم دىلنازغا بىلدۇرۇشى كېرەك. بەلكىم ئېغىر رەددىيەگە ئۇچرىسا بۇ ئىشلارنىڭ پەقەت بىر چۇش ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ، دىلنازدىن ئۇمۇت ئۇزۇپ ئۆزىنى ئوڭشىۋالسا ئەجەپ ئەمەس ...دىگەنلەرنى ئويلىدى...
        يەكشەنبىلىك دەم ئېلىش كۇنىمۇ كەلدى. ياتاقتىكى ھەممە ساۋاقداشلار رەتلىك كىيىنىپ سىرتقا چىقىپ كىتىشىتى. ۋارىس بۇگۇن چۇشكىچە قېنىپ ئۇخلىدى. نەچچە كۇندىن بۇيانقى ئۇيقۇسىز تۇنلەردىن بۇگۇن دەردىنى تازا ئالدى. ئۇ خېلىلا جۇدەپ قالغان بولۇپ، قاپقارا ئۇلىما قاشلار ئاستىدىكى چوڭ قوي كۆزلىرىمۇ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن، يىگىتلىكنى نامايەندە قىلىۋاتقان ساقال -بۇرۇتلىرىمۇ خېلىلا ئۆسۇپ، ھارغىن چىرايىغا تېخىمۇ ھارغىنلىق بىرىپ قويغان ئىدى. ئۇ تەستە ئورنىدىن تۇردى. يۇز-كۆزىنى يۇيۇپ، كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۇچۇن چامادانىنى نەچچە رەت ئۆرۇپ-چۆرۇپ باققان بولسىمۇ، يۇيۇپ قاتلاقلىق پاكىزە كىيىمدىن بىرەرىنىمۇ تاپالمىدى. شۇ تاپ ئۇ ئۆزىنىڭ پات يېقىندا كىىيىم-كىچىكىنى يۇيۇپ باقمىغانلىقىنى ئەسلەپ، كۆزلىرىنى چىڭ يۇمغۇنىچە ، ئېغىر جىسمىنى يەنە كارۋاتقا تاشلىدى....


    داۋامى ئىنكاس سۇپىتىدە داۋاملىق يوللىنىدۇ...

    مەنبە : قەلەم
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(saba7911) ئۆزىگە خاس م
  • مۇنبەرگە تىما يوللىسىڭىز سىزگە كېرەك بولىدىغان بىزەك رەسىملەر بۇ يەردە
    قۇملۇقنى كولىما بايقۇش، توغراقنى قۇچاقلاپ يىغلاپ-يىغلىۋال ...
    | ۋاقتى : 2008-03-18 10:46 1 -قەۋەت
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    sirdaxim
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15864
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 725
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە725دانە
    شۆھرەت: 758 نۇمۇر
    پۇل: 2252 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :298(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

        ۋارىس يەنە بىر ئۇزاق خىياللار ئىچىدە ياتتى. خىيالىدا بىر پەرىشتە ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇپ ئۇنىڭغا ئاراملىق بەرمەيتتى. خىياللىرى خىياللارغا قۇشۇلۇپ، نۇرغۇن شىرىن دەملەرنىڭ ھۇزۇرىنى سۇرۇپ چىقتى. نۇرغۇن ئاچچىق كەچمىشلەرگە ھەمرا بولدى . شۇ تاپ ئۇنىڭ خىيالىغا تۇيۇقسىز يېزىدىكى جاپاكەش  ئاتا-ئانىسى كەلدى.  ماڭلايلىرىدىن چىپ-چىپ ئېقىۋاتقان تەرلىرىنى سۇرتكۇنىچە ، ئېتىز بېشىدا قاتتىق زاغرا غاجاپ، كەڭ ئېتىزغا شۇنچىلىك ھارغىن نەزەردە قاراۋاتقان بىر جۇپ چىراي ئۇنىڭ ئېڭىدا ئەكس ئەتتى. دادا پىژغىرىم ئىسسىقتا ئېتىزلارنى ئوغۇتلىۋاتاتتى، ئانا شۇ جېنىدا ئېغىر كەتمەننى كۇچەپ چېپىۋاتاتتى، ئۇلاردىكى  ۋاقىتسىز ئاقارغان چاچلار ، پىشانىسىدىكى يول-يول قورۇقلار، قاپارغان قوللار، رەڭگى ئۇچۇپ كەتكەن كونا كىيىم-كىچەك، ھارغىن چىراي...ۋارىس خىياللىرىدىن بىراقلا قۇتۇلماقچى بولغاندەك چاچراپ ئورنىدىن تۇردى. كۆز جىيەكلىرىگە كىلىپ قالغان ئاچچىق ياشلىرىنى يۇشۇرماقچى، ئازاپلىق خىياللىرىدىن بىراقلا قۇتۇلماقچى بولغاندەك كۆزلىرىنى چىڭڭىدە يۇمۇۋالدى.
        يار دەردىم دىگەن ناخشىنى بۇلۇشىغىچە  توۋلاپ ياتاققا كىرىپ كەلگەن مۇرادىل  تېخىچە كارۋاتتىن چۇشمەي كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ ئولتۇرغان ۋارىسنى كۆرۇپ ئىشىك تۇۋىدە جىممىدە توختاپ قالدى. ھەم كەيپىياتنى كۆتۇرۇش ئۇچۇن دەرھاللا چاقچاققا ئۆتتى:
        -ھەي ، ئاغىنە، سەن ئىشەكمۇ يا ئادەم، قارا سائەت نەچچە بولدى؟ قۇتۇر ئىشەكمۇ جېنىدا بۇ كەمگىچە جاڭگالدىن نەچچە ھارۋا ئۇتۇن تۇشۇپ بولدى. سەن نىمانداق تېخىچە ياتىسەن؟- ۋارىس كۆزلىرىنى ئاستا ئېچىپ دوستىغا تىكىلدى. كۆزلىرىدىن بىر تالاي ھەسرەت تۇكۇلۇپلا تۇراتتى. ئۇ ئاستا پۇتىنى كارۋاتتىن چۇشۇرۇپ، ھارغىنلىق بىلەن سورىدى:
        - سائەت قانچە بولغاندۇ؟
        - ئۇچ بولدى، ئۇچ...يەنە بىر ئاش پىشىمدىن كىيىن كەچ بولىدۇ...
        - نىمە؟...ۋارىس ئەندىككەندەك دەرھاللا سائەتكە قارىدى. سائەت مۇرادىل ئېيتقاندەك راسلا 3 بولغان ئىدى...- توۋا، ئەجەپ مۇشۇ چاققىچە يېتىپتىمىنا؟ قورسۇقۇممۇ ھېچ ئاچماپتۇ...
        - ئاۋۇ خىيالىڭدىكى پەرىشتىنى ئويلاپ ياتساڭ قانداقمۇ قورسۇقۇڭ ئاچىدۇ ئاغىنە؟ ساڭا ئاشۇ قىز بولسىلا بولىدىغۇ...
        - بولدى . ئادەمنى مازاق قىلمىغىنا ، مەنمۇ ئويلىنىۋاتىمەن ھەم كۆپ ئويلاندىم. مەن كىم زادى؟  كىمنىڭ ئەۋلادى؟ مەن نىمانداق ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىشلەپ ، خىيالپەرەسلىك ئىچىدە ياشايمەن؟  مىنىڭ بۇ مەكتەپكە كىلىشىم نىمە ئۇچۇن؟ ئاتا-ئانامنىڭ ئۇنسىز جاپا چىكىشى كىم ئۇچۇن؟ ئاشۇ قىزنى دەپ ، ئاشۇ شىرىن چۇشنى دەپ مەن مۇشۇنداق بۇلۇپ كەتسەم بولامدۇ؟ قېنى مىنىڭ نەتىجەم؟ قېنى مىنىڭ گۇزەل ئارزۇلىرىم؟ قېنى مىنىڭ كەلگۇسۇم؟...مەن راستىنلا ئۆزەمگە ئوخشىمايلا قېلىۋاتىمەن. نىمە ئۇچۇن خۇدا ماڭا نىسىپ قىلمىغان نەرسىگە شۇنچە تەلپۇنىمەن؟ نىمە ئۇچۇن ئۆز يۇلۇمدىن سىرت يول تۇتىمەن؟...ۋارس مۇرادىلنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بىرىش ئورنىغا،  ئۆزىگە ئۆزى بىر تالاي سۇئاللارنى قويۇپ  كارۋاتتىن ئاستا چۇشتى.
        -ئۇھ، خۇداغا شۇكرى ...سىنىڭمۇ ئۆزۇڭنى تۇنۇپ يىتىدىغان ۋاقىتىڭ كىلىدىكەن ھە، ئۇ قىزغا ئاشىق بولغۇنىڭنى گۇناھ دەپ قاراپ كەتكىلى بولمايدۇ. لېكىن شۇ  ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئىشقا بەك ئېسىلىۋالدىڭ ، كۇيۇك ئازابىنى بەك تارتىپ كەتتىڭ.  بولدى، سەنمۇ ئۇغۇل بالىغۇ، مەيلى نامرات ، گاداي بول سىنىمۇ ئاپاڭ ئۇغۇل بالا دەپ تۇققان.  شۇڭا  كۆڭلۇڭنى ئۇ قىزغا ئۇچۇق ئاشكارا ئىپادىلەپ باق. ئۇ قۇشۇلمىغان تەقدىردىمۇ سەندەك بىر يىگىتنىڭ ئۆزىنى سۇيىدىغانلىقىنى، قەدىرلەيدىغانلىقىنى بىلىپ قالسۇن...قوپە ئاداش، بۇنداق يېتىۋەرسەڭ ھۇرۇن ئىشەكتىن قىلچە پەرقىڭ قالمايدۇ. قورسۇقۇڭمۇ ئېچىپ تارتىشىپ كەتكەندۇ، بازار ئايلانغاچ ، قورساقنى توقلاپ مۇڭدۇشۇپ كىلىمىز...
        - مىنىڭ كەيگۇدەك پاكىزە كىيىمىم قالماپتۇ.
        مۇرادىل ۋارىسنىڭ چامىدىنى ئەتراپىدا چېچىلىپ ياتقان كىيىملەرگە قاراپ قويدى. بۇ ئاددى ساددا دوستىنىڭ كىيىم-كىچەكلىرى ئىچىدە بىرەر ئالاھىدە ماركىلىق كىيىم-كىچەكمۇ كۇرۇنمەيتتى.
        - كىيىملىرىڭنى دىلناز قىزنى يۇيۇپ بىرەمدىكىن دەپ ساقلاپ قويغانما؟ ئۇكۇنلەرمۇ كىلىپ قالار، ۋاقتى كەلگەندە مىنىڭ كىيىملىرىمنىمۇ يۇدۇرۇپ بىرەرسەن ھە، مانا كىيىم، ئۆزەڭ ياقتۇرغاننى كىيىپ تۇرغىن،- مۇرادىل چامادانىدىن 4-5 قۇر كىيىمنى ئېلىپ ۋارسىنىڭ ئالدىغا قويدى.
        ۋارىس بىلەن مۇرادىل سىرتقا چىقتى. ۋارىس ئاغىنىسىنىڭ سۆزلىرىدىن خېلىلا يىنىكلەپ قالغان بولۇپ،  قىممەتلىك بىر نەرسىنى تېپىۋالغاندەك خېلى جۇشقۇن كۆرۇنەتتى. يول ئارىلىقىدا، تاماق ۋاقتىدا، پاراڭ ئارىلىقىدا مۇرادىل ۋارىسقا بىر مۇنچە مەسلىھەتلەرنى كۆرسەتتى. ئۇنى دىلنازغا تەلەپ قويۇشقا ، ھېچ بولمىسا خەت ئارقىلىق بولسىمۇ كۆڭلىنى ئىپادىلەپ بېقىشقا ئۇندىدى. مۇھەببەتنىڭ مۇرەككەپ ھىسيات ئىكەنلىكىنى، گۇزەل قىزلاردىمۇ نازۇك ھىسيات بۇلىدىغانلىقىنى، ئەخلاقلىق قىزلارنىڭ ساددا، تىرىشچان ، كىلىشكەن يىگىتلەرنى يەنىلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى... ۋارىسقا سۆزلىدى.  يىتىم غېرىپنىڭمۇ شاھ قىزى سەنەم پىراقىدا بىر تالاي كەچمىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۇزۇپ ئاخىرى ۋىسالىغا يەتكەنلىكىنى، ئاددى بىر خىزمەتچىنىڭمۇ ساچىر خانىمدەك دۆلەت ۋەزىرى بىلەن شۇنداق بەخىتلىك ياشىۋاتقانلىقىنى...ئىشقىلىپ بىر تالاي مىساللارنى توختىماي سۆزلەپ چىقتى... ئۇنىڭغا مەدەت ، ئىلھام بەردى. ھەم ئاخىرى ۋارىسنى دىلنازغا كۆڭلىنى ئۇچۇق بىلدۇرۇشكە كۆندۇردى...
        ۋارىس دىلنازغا قانداق ئېغىز ئېچىش، ھىسياتىنى قانداق ئىپادىلەش توغرسىدا كۆپ باش قاتۇردى. ياتاقتا يالغۇز قالغاندا، دەرس ئارىلىقىدا، ھېلىقى گۇللۇكتە...دىلنازغا دەيدىغان سۆزلىرىنى نەچچە-نەچچە رەت يادلاپ چىقتى. يادلاش جەريانىدىمۇ خۇددى دىلناز ئالدىدا تۇرىۋاتقاندەك دۇدۇقلاپ، كىكەچلەپ، ئوتتەك قىزىرىپ ، ھەر قېتىمدا ئېلىشپ كەتتى.  ھەر قانچە پىششىق يادلىسىمۇ ، ھەرقانچە سەمىمى ، مۇھەببەتلىك سۆزلەرنى قاتسىمۇ لېكىن يەنىلا مۇكەممەل ئەمەستەك ھىس قىلدى. ئۇ شۇنچە ئىمتاھانلارنىڭ ئۆتكەللىرىدىن ئۇتۇپ كەلگەن.  ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىغا،  خەنزۇ تىلى، ئىنگىلىز تىلى دەرىجە ئىمتاھانلىرىغا، نۇرغۇن ئالى مەكتەپلەر ئارا ئۆتكۇزۇلگەن زىھىن سىناش مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقان، نۇرغۇن توم-توم كىتاپلارنى قارىلاردەك يادلاپ چىققان، نۇرغۇن چىگىش ، مۇرەككەپ سۇئاللارغا شۇنچىلىك تەدبىرلىك بىلەن جاۋاپ بەرگەن. نۇرغۇن دوكتۇر، پىراپىسورلارنىڭ ئالدىدا شۇنچىلىك سالماقلىق بىلەن ئولتۇرغان.  لېكىن ئەمدىلىكتە مۇشۇنچىلىك كىچىك سىناق ئالدىدا شۇنچە تەمتىرەپ ، جىددىلىشىپ كىتىشى نىمە گەپ؟... مۇھەببەت دىگەن شۇنچىلىك قۇدرەتلىك نەرسىمىدۇ ھە؟ ھېچقانداق ئادەم ئالدىدا تەمتىرەپ باقمىغان ۋارىس ئەجەپ بۇ قىزنى كۆرمەي ، كۆڭلىنى ئىزھار قىلماي تۇرۇپ كالۋالىشىپ كىتىپ بارىدۇ دىسە؟...
        ۋارس نەچچە رەت مەشىق، نەچچە رەت ئويلۇنۇش، نەچچە رەت ئىككىلىنىشتىن كىيىن ، يۇز تۇرانە مۇھەببەت ئىزھار قىلىش نىيتىدىن ياندى. -مەن ياخشى كۆرگەن قىز بەلكىم دىلناز بولماي باشقا بىر قىز بولغان بولسا بەلكىم  بىۋاستە كۆرۇشكەن بولغىيتتىم، لېكىن ئەكرەمدەك پوچى يىگىتلەرگە سۆز بەرمىگەن قىزغا  بىۋاستە شىلتىڭ ئاتسام  سۆزلىرىمگە قانداق جاۋاپ بىرەر ؟ بىر مۇنچە قىز -يىگىتلەر ئارىسىدا قاقاقلاپ كۇلۇپ، مىنى مازاق قىلىپ كەتسە قانداق قىلارمەن؟ <ئەپتىڭىزگە قاراڭ >، ياكى بولمىسا <ياتىقىڭىزدا ئەينەك يوقمۇ؟> دىگەندەك جاۋاپلارنى بەرسە، < يۇقال ماز، ئەبلەخ> دەپ تىللاپ كەتسە ئۆلگۇنۇم شۇ ئەمەسمۇ؟...بولدىلا ئەڭ ياخشىسى خەت ئارقىلىقلا يازاي، مەن يېنىدا بولمىغاندىكىن خەتنى يىرتىپ-يىرتىپ تاشلىۋىتەمدۇ؟ كۆيدۇرىۋىتەمدۇ؟ مىنى بولۇشىغىچە تىللامدۇ؟...ئۆزىنىڭ ئىشى...لېكىن مەندەك بىر سەمىمى يىگىتنىڭ ئۆزىنى غايىۋانە ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىپ قالسىلا بولدى...- ۋارىس بىر ھازا خىياللاردىن كىيىن شۇنداق قىلىشنى لايىق تاپتى.
        دىلناز بىر دوستى بىلەن ياتاق  بىناسىدىن شوخ كۇلكىلەر ئىچىدە چىقىپ كەلدى. ئۇ يەنىلا ئاۋالقىدەكلا شۇنچىلىك ئۇماق، شۇنچىلىك خۇشخۇي ئىدى.  ئىككى تال قىلىپ ئۆرىۋالغان چېچى ئۇنى ئوتۇرا مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىدەكلا شۇنداق سەبى كۆرسۇتۇپ تۇراتتى . ئۇ بىر قولىدا كىچىككىنە چاماداننى كۆتۇرۇپ، يەنە بىر قولىدا دوستىنى قولتۇقلاپ  مەكتەپ دەرۋازىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى . گۇللۇكتىكى ئورۇندۇقتا مۇرادىل بىلەن بىرگە ئولتۇرغان ۋارس جىددىلىشىپ كەتتى. ئۇ قولىدىكى خەت قىستۇرۇلغان كىتاپنى كۇچ بىلەن مۇجۇقلىدى. شۇ تاپ ئۇ بارغانسىرى يېقىنلاپ كىلىۋاتقان دىلنازغا قاراپ شىددەت بىلەن سۇقۇۋاتقان  يۇرۇگۇنى ئاستا سىلاپ قويدى.  شۇ دەمدە ئۇنىڭ كاللسىدا قىز ئالدىغا بېرىش-بارماسلىق، نىمە دەپ ئېغىز ئېچىش، قولىدىكى كىتاپنى قانداق بىرىش توغرىسىدا كۇرەش بۇلىۋاتاتتى. ئۇ ھاياتىدا بىرەر قىزغا سۆيگۇ مەكتۇبى سۇنۇپ باقمىغاچقىمۇ شۇنچىلىك جىددىلەشتى، شۇنچىلىك تىترىدى. ھەتتا نىيتىدىن دەرھال يېنىپ ياتاققا كىتىشنى، ياكى بولمىسا دىلنازنى كۆرمىگەن بولۇپ ئولتۇرىۋېلىشنىمۇ ئويلىدى...
      -قۇپە ئاداش، مەن بىرگە كەلمىگەن بولسام ئاللىبۇرۇن قۇيرۇقىڭنى تىكىۋىتەرسەنكەن. نەرىڭ ئۇغۇل بالا سىنىڭ . ئۇ ئادەم يەيدىغان ئالۋاستى ئەمەس بىر گۇزەل پەرىشتە...مۇشۇنچىلىك ئۆتكەلدىن ئۇتەلمىسەڭ ئالدىڭدا يەنە نى-نى ئىشلار بار جۇمۇ ...بۇلە...- مۇرادىل مېڭىشنى ياكى تۇرۇشنى بىلەلمەي قالغان ۋارسىنى دىلناز كىلىۋاتقان تەرەپكە كۇچ بىلەن ئىتتىردى...


    داۋامى ئىنكاس سۇپىتىدە داۋاملىق يوللىنىدۇ.

    مەنبە : قەلەم
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(saba7911) ئۆزىگە خاس م
  • http://mtv.diyarim.com
    قۇملۇقنى كولىما بايقۇش، توغراقنى قۇچاقلاپ يىغلاپ-يىغلىۋال ...
    | ۋاقتى : 2008-03-18 17:42 2 -قەۋەت
    ئەسقەر سەنئەت تورىنىڭ ئادرىسى ئۆزگەردى .
    sirdaxim
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15864
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 725
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە725دانە
    شۆھرەت: 758 نۇمۇر
    پۇل: 2252 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :298(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

        ئىككى قىز ئالدىغا تۇيۇقسىزلا سەنتۇرۇلۇپ كەلگەن ناتۇنۇش يىگىتتىن ئەندىكىپ ئورنىدا تۇرۇپلا قالدى. ئۇلار كۆز ئالدىدا نىمە قىلىشنى بىلمەي تاتىرىپ كەتكەن ۋارسىنى كۆرۇپ ، بىر-بىرىگە ھەيرانلىق بىلەن قاراشتى.
        - دىلناز، مە...ن ....مەن....
        ۋارس ئۆزىنىڭ دىلناز ئالدىغا قانداق كىلىپ قالغىنىنى بىلمەيلا قالدى. گەرچە بۇگۇن شۇنداق ياسىنىپ-تارىنىپ، ساقال-بۇرۇتلىرىنى پاكىزە قىردۇرۇپ، يېڭى سېتىۋالغان كاستومىنى قاتۇرۇپ كىيىپ ، خېلىلا سالاپەتلىك بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنى يەنىلا شۇنچىلىك تۇۋەن، شۇنچىلىك بىچارە ھىس قىلدى. تىلى كىكەچلەپ ھېچ گەپكە  كەلمەيتتى.
        - نىمە ؟ بىزدە بىرەر ئىشىڭىز بارمىتتى؟- دىلناز ئىرەنسىزلا سورىدى.
        مەن،مەن ....مىنىڭ، مىنىڭ...ياق، بۇ كىتاپ...
        دىلناز ئالدىدا كۆزىنى قۇلىدىكى كىتاپتىن ئۇزمەي، كىكەچ ئادەمدەك دۇدۇقلاپ، شەلپەردەك قىزىرىپ كەتكەن يىگىتكە سىنچى كۆزلىرى بىلەن قارىدى. <ئەجەپ تۇنۇش چىرايغۇ بۇ؟ بۇ يىگىتنى بىر يەرلەردە كۆرگەندەك قىلىمەنغۇ؟...> دىگەنلەرنى ئويلىدىيۇ لېكىن دەماللىقتا قايەردە، نىمە پائالىيەتتە كۆرگەنلىكىنى ئىنىق ئەسلىيەلمىدى. شۇ ئارىدا دىلنازنىڭ دوستى بىر نەرسىنى سەزگەندەك:
        -دىلناز، مەن ماڭغاچ تۇراي، ئەتە كۆرۇشەيلى،- دىگىنىچە ئۇلاردىن ئايرىلىپ ماڭدى. ئارىنى بىردەملىك سۇكۇت باستى...
        - قېنى، مەن سىزگە قاراپ قالدىم.
        ۋارس شۇ تاپ ئۆزىنى گۇرۇلدەپ كۆيىۋتقان گۇلخان ئۇستىدىكىدەكلا ھىس قىلدى. بىر ئوت ئۇنى ھازىرلا كۇل قىلىپ تاشلايدىغاندەك پۇتۇن جىسمى قىزىپ كىتىۋاتاتتى. ئۇ ھايات-مامات ئالدىدىكى ئېغىر تاللاشقا دۇچ كەلگەن ئادەمدەك دىلىغوللۇق ئىچىدە قېلىۋاتاتتى. ئۇ ئاخىرى بارلىق كۇچ-قۇدرىتىنى يىغىپ، ناھايىتى زور غەيرەتتە ئاستا بېشىنى كۆتۇرۇپ دىلنازنىڭ ئوتلۇق كۆزلىرىگە تىكىلدى. ئاھ! ئاتەش كۆزلەر، سىھرلىك جادۇ كۆزلەر، ئۇنى مەپتۇن قىلغان، ئۇزۇن-ئۇزۇن كىچىلەرنى ئۇيقۇسىز تاڭغا ئۇلىغان كۆزلەر، ئۇ تىلىكدىيۇ دەرھاللا بۇ كۆزلەرنىڭ سىھرىگە بەرداشلىق بىرەلمەي يەنىلا  كىتاپقا قارىۋالدى.
        -مىنىڭ ئىسىمىم ۋارىس، خىمىيە فاكولتىتىدىن، سىز بىلەن بىر قارارلىق...
        - شۇنداقمۇ؟
        - ۋارىس قولىدىكى كىتاپنى قانداق بىرىش توغرىسىدا جىددى كىرزىسكە دۇچ كەلدى. نىمە دەپ بىرىشى كېرەك؟ ھازىرغىچە بىرە ئېغىز پاراڭلىشىپ باقمىغان قىزغا كىتاپنى نىمە دەپ سۇنىدۇ؟ بۇ قىز < ساراڭ، مىنى نىمە كۆرۇپ قالدىڭ، ئەرزىمەس كىتاۋىڭنى چىكەڭگە تېڭىۋال...> دەپ سالسا ئۇنىڭغا بۇ نىمە كۇن؟...ئۇ بىر ھازا دىلىغوللىقتىن كىيىن ئۆزىنى دەرھاللا ئوڭشىۋالدى.
        - سىز مىنى تۇنۇمايسىزغۇ دەيمەن، لېكىن سىز ماڭا بەك تۇنۇشلۇق...- ئۇ شۇ گەپنى دىدىيۇ ئۇڭايسىزلىنىپ يەنە ۋىللىدە قىزاردى،- سىزنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىڭىزنى مەكتەپ ئەدىبى ژورنىلىدا كۆپ ئۇچرىتىمەن. ئەدىبىيات فاكولتىتىنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرى  كىتاپ ئۇقۇشقا بەك ھىرىسمەن كىلىدۇ. بۇ كىتاپنى مەن بىر نەچچە رەت ئۇقۇپ چىقتىم. بەك ياخشىكەن. شۇڭا سىزنى ئۇقۇپ باقامدىكىن دەپ...- ئۇ قولىدىكى <لەۋدىن قەلبىكە> دىگەن كىتاپنى تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن دىلنازغا ئۇزاتتى.
        دىلناز يىگىتنىڭ يېنىپ تۇرغان كۆزلىرىدىن ، تىترەڭگۇ ئاۋازىدىن، شەپەقتەك قىزىرىشىدىن بىر نەرسىنى سەزگەندەك بولدى. <ئەجەپ يۇزى تۇۋەن بالىكىنا...> دىگەنلەرنى ئويلىدى. ئۇ ھەرگىزمۇ ۋارسىنىڭ تەسەۋۋۇرىدەك قىلمىدى، كايىپمۇ كەتمىدى، زەردىلىك گەپلەرنىمۇ قىلمىدى، ئىرەنسىز ھالدا گەپ سۆزسىز ئۆز يولىغىمۇ كەتمىدى. ئۇ شۇنچىلىك رايىش، شۇنچىلىك سىپايىلىق بىلەن ۋارىسنىڭ قولىدىن كىتاپنى خۇددى كىتاپ مۇقاۋىسىدىكى بىر تال قىزىل ئەتىرگۇلنى ئالغاندەك ئاۋايلاپ ئالدى، بارماقلار بىلىنەر-بىلىنمەس تىگىپ كەتتى. شۇ تاپ بىر ئوت ۋارىسنىڭ بارماقلىرىدىن پۇتۇن بەدىنىگە گۇپپىدە قىلىپ تۇتۇشۇپ، ئۇنى ئاجايىپ يىگىتلىك تۇيغۇلىرىغا چۆمدۇرىۋەتتى...
        -رەخمەت، ئاۋارە بوپسىز، مەن كۆرۇپ باقاي. لېكىن كىتاۋىڭىزنى چۇقۇم سىزگە قايتۇرۇپ بىرىمەن...
        - بولدى، بولدى، قايتۇرۇپ بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. لېكىن تەپسىلى ئۇقۇپ چىقىڭ، ھەر بىر بەتلىرىگىچە...
        - چۇقۇم ئۇقۇپ چىقىمەن، بولدى مەن ماڭاي، دادام مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا مىنى ساقلاپ تۇرىۋاتىدۇ. مەن ئۆيگە قايتماقچىدىم...
        دىلناز ۋارس بىلەن خۇددى كونا تۇنۇشلاردەك شۇنچىلىك سەمىمى، خۇشچىراي تەبەسسۇم بىلەن خوشلاشتى. ئۇ كىتاپنى ئەمەس ۋارسىنىڭ يۇرىكىنى، ئوت بۇلۇپ يانغان قەلپ قەسىرىنى ئېلىپ ماڭدى. بىر ياشنىڭ دەرتلىك ئاھ-زارىنى، مۇڭ ھەسرىتىنى، يۇشۇرۇن كۇيۇك ئازابىنى ئېلىپ ماڭدى. مۇھەببەتلىك مۇڭلۇق، مىسكىن ناخشىسىنى ئېلىپ ماڭدى...ئۇ دادىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۇشۇپ ماشىنىغا چىقتى. لېكىن ئۆيىگە كەلگۇچىلىك جىمجىتلا ئولتۇردى. دادىسىنىڭ سۇئاللىرىغا <ھە، ياق> دەپلا جاۋاپ بىرىپ كەلدى. ئۇ قولىدىكى كىتاپنى پات-پات سىلاپ قوياتتى. ۋارسىنىڭ كىلىشكەن، قامەتلىك، ساددا چىرايىنى كۆز ئالدىغا  كەلتۇرەتتى. بۇ يىگىتنىڭ تۇنۇش چىرايىنى قەلبىنىڭ بىر يەرلىرىدىن ئىزدەيتتى. لېكىن تاپالمايتتى. ئۇ شۇ خىياللار ئىچىدە كىتاپنى مەقسەتسىز ۋاراقلىۋېتىپ، يۇرەك شەكىلدە قاتلانغان بىر پارچە خەتنى كۆرۇپ قالدى. كۆزلىرى چوڭ-چوڭ ئېچىلىپ، يۇرىكىنىڭ قانداقتۇر بىر يەرلىرى جىغغىدە قىلدى...
        - نازىر، ئۇدۇل ئۆيگىلا ھەيدەمدىم؟- شۇپۇر يېنىدا كۇلۇمسىرەپ ئولتۇرغان دىلنازنىڭ دادىسىدىن ئىلتىماس قىلدى.
        - شۇنداق، ئاپىسى ئۆيدە ساقلاپ تۇرىۋاتىدۇ شۇدەم، قىزىممۇ ئاپىسى ئەتكەن تاتلىق بىر قاچا تاماقنى سېغىنغاندۇ؟- ئۇ ئاستا ئۆرۇلۇپ خىيال دەرياسىغا غەرق بولغان قىزىغا قاراپ قويدى.
        ماشىنا مەخسۇس نازىر دەرىجىلىك كادىرلار ئۇچۇن سېلىنغان قوش قەۋەتلىك بىر گۇللۇك داچىغاكىلىپ توختىدى. دىلناز كىچىك چامادان بىلەن كىتاپنى كۆتۇرۇپ ئىككىنچى قەۋەتتىكى ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەلدى. ئۇ بىر خىل ھەيرانلىق، جىددىلىك ئىچىدە، تىز-تىز سۇقۇۋاتقان يۇرەك تىۋىشىنى تىڭشىغاچ دەرىزىلەرنى كەڭ ئېچىۋەتتى. شۇ تاپ ئۇنى ئۇستەل ئۇستىدىكى كىتاپ، ياق كىتاپ ئەمەس ھېلىقى خەت قىزىقتۇرىۋاتاتتى. ئۇ يۇز-كۆزىنىمۇ يۇماستىن خەتنى ئاۋايلاپ ئېچىپ ئۇقۇشقا باشلىدى.
      <قەدىرلىك دىلناز....>
        خەت شۇنچىلىك چىرايلىق، شۇنچىلىك سەمىمى يېزىلغان ئىدى. خەتنىڭ پۇچۇركىلىرىدىنلا بۇ يىگىتنىڭ ئەستاھىدىللىقى، تىرىشچانلىقى چىقىپ تۇراتتى. دىلناز ھازىرغا قەدەر بۇنداق مۇھەببەت خېتىدىن نەچچە ئوننى تاپشۇرۇپ ئالغان، نەچچە ئوننى يىرتىپ-يىرتىپ تاشلىغان، مەمەدان يىگىتلەرنىڭ ئاھ، ۋاھ دەپ يازغان بىمەنە مەكتۇپلىرىغا سۇغۇقلا كۇلۇپ قويغان ئىدى. لېكىن بۇ خەت ئۇ ھازىرغىچە تاپشۇرۇپ ئالغان ھېچقانداق خەتكە ئوخشىمايتتى. خەتتە يىگىتنىڭ نامرات تۇرمۇشى، ئۇقۇشتىكى قىيىنچىلىقلىرى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىغا قوشۇلۇپ دىلنازنى ياخشى كۆرۇپ قالغان، يۇشۇرۇن كۆيگەن، ئازاپلانغان مۇڭلىرى پۇتۇلگەن ئىدى. ئۇ خەتتە دىلنازدىن مۇھەببەتمۇ تەلەپ قىلمىغان، ھەم بۇنداق تەلەپ قويۇشنىڭ بىمەنىلىك ئىكەنلىكىنى، ئۆزنىڭ دىلنازغا قەتئى ماس كەلمەيدىغانلىقىنى سەمىمىلىك بىلەن ئىنىقلا ئېيتقان ئىدى. پەقەت ئۆزىدىكى روھى بېسىمنى، چۇشكۇنلۇكنى، دەرتنى بېسىقتۇرۇش ئۇچۇن بۇ خەتنى يازغانلىقىنى شۇنچىلىك چىن  ئىپادىلىگەن ئىدى.
        دىلناز ئويلۇنۇپ قالدى. كۇلگۇن چىرايىنى مۇڭ باستى. سەمىمى يىگىتنىڭ ساددا قامىتى، خېتى ئۇنى خېلىلا تەسىرلەندۇرگەندەك قىلاتتى. ئۇ ئاستا ئۆزىگە: بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار، مەندە پەقەت  ياخشى ئۇقۇش ئارزۇسىلا بولۇشى كېرەك،- دەپ پىچىرلاپ قويدى. لېكىن ۋارىسقا بەرگەن ۋەدىسى ئۇچۇنمۇ كىتاپنى بىر كىچە كىرپىك قاقماي ئۇقۇپ چىقتى...

        ۋارىس ئېغىر بىر يۇكتىن قۇتۇلغان ئىدى.  ئۇ كىتاپ ۋە خەتنى بىرىپ بولغاندىن كىيىن شۇنچىلىك يىنىكلەپ قالدى. خۇددى بىر ئېغىر ۋەزىپىنى ئۇڭۇشلۇق ئورۇندىغاندەك، چىگىش بىر تۇگۇننى يىشىپلا ھەل قىلغاندەك، دىلنازنىڭ مەڭگۇلۇك ۋىسالىغا ئىرىشكەندەك...خوشال ئىدى. لېكىن يەنە دىلنازنىڭ جاۋابىدىن ئەنسىرەيتتى. گەرچە دىلنازنىڭ <كەچۇرۇڭ، كۆڭلىڭىزنى يەردە قويىدىغان بولدۇم...> دىيىشىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ، ئۇنىڭ كىلىپ شالاققىدە بىرنى تۇكۇرىشىدىن، يۇرەكنى تىلغۇدەك زەھەرلىك گەپلەر بىلەن ئۇنى ئازاپلىشىدىن ئەنسىرەيتتى...

      دۇشەنبە كۇنى ئەتىگەنلىك دەرستىن چۇشۇش قوڭغۇرىقى چېلىنىپ، ساۋاقداش ھەممىسى مەكتەپ ئاشخانىسىغا قاراپ ماڭدى. ۋارىسمۇ مۇرادىل بىلەن قۇچاقلىشىپ خېمىيە فاكولتىت بىناسىدىن چىقتىيۇ ، ئىشىك تۇۋىدە ھېلىقى كىتاپنى تۇتۇپ تۇرغان دىلنازنى كۆرۇپ چۇچۇپ كەتتى. لېكىن دىلناز شۇنچلىك سالماق، شۇنچىلىك جەزبىدار ئىدى. ئارىدا ھېچ ئىش يۇز بەرمىگەندەك ۋارىسقا قاراپ كۇلۇپ قويدى. ۋارس جىددىلىشىپ سورىدى:
        - بىرسىگە ساقلاۋاتامسىز؟- ۋارىس ئۆزىنىڭ سۇئالدىن ئۆزى ئەندىكىپ كەتتى.
        - ھە، سىزگە ساقلاۋاتىمەن، بولماپتۇما؟...
      بىر مەزگىللىك رىتىمغا چۇشكەن يۇرەك يەنە ئېغىر-ئېغىر سۇقۇشقا ئۆتتى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ۋارسىنىڭ يۇزى چىلىق تەرگە چۆمۇپ كەتتى. ئۇ دىلنازنىڭ ئۆزىنى ئىزدەپ كىلىشىنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان ئىدى. پۇتۇن مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى ھەۋەس بىلەن قارايدىغان بۇ قىز شۇ تاپ ۋارىسقا تەبەسسۇم بىلەن گەپ قىلىۋاتاتتى... ئۇنىڭ كاللسىدا چاقماق تىزلىكىدە نۇرغۇن سۇئاللار ئەگىدى. ئەمدى نىمە ئىشلار بولۇپ كىتەر؟ دىلناز نىمە دەپ كەلگەندۇ؟ كىتاپنى يۇزۇمگە ئاتارمۇ؟ خەتنى كۆز ئالدىمدا، بارلىق ساۋاقداشلىرىم ئارىسىدا يىرتىپ-يىرتىپ تاشلاپ ماڭارمۇ؟... ئۇ ئاخىرىنى ئويلاشقا جۇرئەت قىلالمىدى.
        - ياخشى بوپتۇ،- ئۇ ئۆزىنىڭ گىپىدىن ئۆزى خىجىل بولدى،- مەنغۇ سىزنىڭ ساقلىشىڭىزغا ئەسلا ئەرزىمەيمەن.
        - كىم شۇنداق دەيدۇ؟ سىز ئەجەپ ئۆزىڭىزگە ئىشەنمەيدىكەنسىز ، سىزمۇ نى-نى قىزلارنىڭ ساقلىشىغا ئەرزىيسىز...
        -ئۇھ،- ۋارس ئېغىر تىندى. ئۇنىڭ بايامقى قورقۇنۇچلۇق خىياللىرى ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كىتىۋاتاتتى.
        -ۋارس، سىزگە دەيدىغان ئازراق گىپىم بار ئىدى، ئايرىم پاراڭلاشساق بوپتىكەن.
        -ئەلبەتتە بولىدۇ، جان دەپ...- ۋارىس مۇرادىلغا كۆزىنى قىسىپ قويۇپ،دىلناز بىلەن گۇللۇك تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇ شۇ تاپ ئۆزىنى تۇلىمۇ بەخىتلىك ھىس قىلىۋاتاتتى. مۇشۇنداق بىر گۇزەل قىز بىلەن بىرگە مېڭىۋاتقانلىقىدىن،  ئۇماق لەۋلىرىدىن  تاتلىق گەپلەرنى ئاڭلاۋاتقانلىقىدىن  پەخىرلىنىۋاتاتتى. ئۇلار شۇنچىلىك ئەركىن، بەھۇزۇر پاراڭلىشىپ ماڭدى. ئەتراپتىكى نۇرغۇن كۆزلەر ئۇلارغا ھەيرانلىق، تەئەججۇپ ئىچىدە قاراپ قالدى. شۇ دەقىقىدە ئۇلار ئاشۇ نۇرغۇن كۆزلەر ئىچىدە مەيداندا ۋاسكىتبول ئويناۋاتقان بىر جۇپ كۆزنىڭ  ئۇلارغا مىختەك تىكىلگىنىنى، قانخور ئالۋاستىنى ئەسلىتىدىغان بۇ چىراينىڭ تېخىمۇ قارىداپ، چىشلىرىنىڭ كىرىشىپ كەتكىنىنى سەزمەيلا قالدى...       


    داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ.


    مەنبە : قەلەم


       
       
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    قۇملۇقنى كولىما بايقۇش، توغراقنى قۇچاقلاپ يىغلاپ-يىغلىۋال ...
    | ۋاقتى : 2008-03-19 11:21 3 -قەۋەت
    sirdaxim
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15864
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 725
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە725دانە
    شۆھرەت: 758 نۇمۇر
    پۇل: 2252 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :298(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

        -ۋارىس، مانا كىتاۋىڭىز، ئۇقۇپ بولدۇم، ئەمدى ئۆزىڭىزگە قايتۇرۇپ بىرەي،- دىلناز قولىدىكى كىتاپنى ۋارىسقا سۇندى.
        - ياق، ياق، مەن بۇنى سىزگە سوۋغا قىلغان، بۇ ئاددىلا بىر كىتاپقۇ،- ۋارس شۇنداق دىدىيۇ، دىلنازنىڭ سۇنغان قولىنى قايتۇرۇشنى لايق كۆرمەي كىتاپنى ئاستا قولىغا ئالدى. بىر نەرسىنى ئىزدىگەندەك كىتاپنى <شاررىدە> بىر ۋاراقلاپ چىقتى.
        - مۇھىم نەرسە مەندە قالدى، ئۇنى قايتۇرمۇدۇم،- دىلناز نەزىرىنى دەرھال ئالدىدىكى ھۆپپىدە ئېچىلغان گۇللەرگە ئاغدۇردى.- ئۇ ماڭا مەنسۇپ نەرسىدۇ؟
        - ھە، ھە...-ۋارس دۇدۇقلاپ كەتتى،- سىز خالىسىڭىزلا...
        ئارىنى بىر پەس جىمجىتلىق باستى. ۋارىس بۇكونا جايدا شىرىن خىيالدا ئەمەس، بەلكى رىئاللىق ئىچىدە دىلناز بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى. دۇنيانىڭ ئىشىلىرى قىزىق بولىدۇ دىسە؟ ئۇ بۇنداق بىر ئۇچرىشىشىنىڭ ئۆز تۇرمۇشىدا يۇز بىرىدىغانلىقىنى ھەقىقەتەن ئويلاپ باقمىغان ئىدى. ئۇنىڭ تۇرمۇش يولى تەسەۋۋرىدىكىگە قەتئى ئوخشىمايۋاتاتتى. دىلنازنىڭ بايىقى سۆزلىرىدىن ۋارس بىر قىممەتلىك نەرسىگە ئىرىشىش تۇيغۇسىغا چۇمۇپ ئۇلگۇردى. <سىزنى بۇنداق ئازاپلاشنى خالىمىدىم، تەلىۋىڭىزگە قۇشۇلدىم....> دىگەن يېقىملىق ئاۋاز ئۇنىڭ ئېڭىدا ئاستا پىچىرلايتتى.
        -ۋارس، قايسى كۇنى سىزنىڭ چىرايىڭىز ماڭا شۇنداق تۇنۇشتەك بىلىندى. لېكىن ئەسلىيەلمىدىم، بىز بۇرۇن كۆرۇشكەنمۇ؟- دىلناز سۇئال نەزىرى بىلەن ۋارسىنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدى.
        - ھە،- ۋااس كۇلۇپ قويدى،- مۇشۇ يەردە كۆرۇشكەن، لېكىن سىز مىنى ئەمەس، مەن سىزنى كۆرگەن، مۇشۇ يەردە سىزنى يېرىم يىلدىن ئارتۇق ساقلىغان، گۇزەللىكىڭىزگە، تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغان چىرايىڭىزغا تويماي قارىغان، دەرتلىرىمنى سىزگە پىچىرلىغان، قەدەم ئىزلىرىڭىزدىن بەختىمنى ھىدلىغان....
        دىلناز تۇرۇپلا قالدى. بۇ تۇنۇش چىراينىڭ گۇللۇكتىكى كىتاپ كۆرىۋاتقان، يىراقتىن قارىۋاتقان سىماسى كۆز ئالدىدىن غىل-پال ئۆتكەندەك بولدى. ئۇ شۇ تاپ قەلبىدىكى سۆزلەنى ئېيتىشىنىڭ ناھايىتى زۇرۇرلىكىنى ھىس قىلدى.
        - ۋارس، ئاۋۇ گۇللەرگە قاراڭ،- دىلناز گۇللۇكتىكى رەڭگارەڭ ئەتىرگۇللەرنى كۆرسەتتى،- باغۋەن مۇشۇ گۇللەنى ئېچىلدۇرۇش ئۇچۇن قانچىلىك جەۋىر چىكىدۇ ھە؟
        - نىمە؟- ۋارس دىلنازنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىنى چۇشەنمىگەندەك، ئويچان كۆزلىرىنى گۇللەرگە ئاغدۇردى.
        - بىريىگىتنىڭ بىر قىزنى ياقتۇرۇپ قېلىشى تەبىئى، مەن بۇنى چۇشۇنىمەن،- دىلناز شۇنچىلىك سىپايىلىق بىلەن سۆزىنى داۋام قىلدى. - خېتىڭىزدىن بەك تەسىرلەندىم، شۇنداق سەمىمى...دىھقان پەرزەنتىلىرى شۇنداق سەمىمى بولامدىكىن يە؟ يېزىدىكى جاپالىق تۇرمۇشىڭىزدىن تارتىپ، ئۇقۇش داۋامىدىكى ئىقتىساد قىيىنچىلىقلىرىڭىزنى، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىنى ئىشقىلىپ ھەممىسىنى ھېچ يۇشۇرماي ئۇچۇقلا دەپسىز. مەن بىر ئالاھىدە قىزمۇ ئەمەس، مەن پەقەت سىزگە ئوخشاشلا ئۇقۇغۇچى. سىزنى نەزەرگە ئالمايدىغان، كۆڭلىڭىزنى يەرگە ئۇرۇدىغان خاراكتىر مەندە يوق، ئاتا-ئانامنىڭ تەربىيەسىدىنمۇ بىلمەيمەن مەن ئەزەلدىن مۇشۇنداق. لېكىن سىز ئۆزىڭىزمۇ ھىس قىلىپسىز، ئاتا-ئانىڭىز سىزنى بۇ مەكتەپكە ئۇقۇتۇش ئۇچۇن نۇرغۇن جاپالارنى تارتىپتۇ، سىزدىن شۇنچىلىك زور ئۇمۇتلەرنى كۇتۇپتۇ....مەن باشقىلاردىن ئاڭلىدىم، سىز ئىزچىل شۇندق ياخشى ئۇقۇپ كەپتىكەنسىز،  تىرىشچانلىقىڭىزغا ، قابىلىيىتىڭىزگە ھەممە قول قويىدىكەن. لېكىن يېقىنقى بىرمەزگىلدىن بۇيان سىزدە چىكىنىش بوپتۇ. بەلكىم ھىسيات، مۇھەببەت  سىناقلىرى ئالدىدا ھەممە ئادەم مۇشۇنداق بولۇشى مۇمكىن. ئويلاپ باقتىڭىزمۇ، مەن ئۇچۇن مۇشۇنداق بۇلۇپ كىتىشىڭىز كېرەكمۇ؟ سىز بۇ مەكتەپكە نىمە ئۇچۇن كەلگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالمىغانسىز؟- دىلناز سۆزىنى توختۇتۇپ ۋارىسقا قارىدى. ۋارس كۆزلىرىنى ئالدىدىكى ئەتىرگۇللەرگە تىككىنىچە جىمجىت ئولتۇراتتى. ئۇ شۇ دەم باغۋەن بىلەن گۇل ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى مۇلاھىزە قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.- شۇڭا دەيمەن، سىز چۇقۇم ياخشى ئۇقۇشىڭىز كېرەك. 4 يىل ئۇتۇپ كەتتى، پەقەت بىريىللىق ۋاقتىمىزلا قالدى. مىنىڭ سەمىمى تەكلىۋىم : مۇشۇ مىنۇتلارنى چىڭ تۇتۇڭ، گۇزەل ئارزۇ-ئارمانلارنىڭ ھەممىسى تىرىشچانلىقتىن ، ئۆزىنى تۇنۇشتىن كىلىدۇ. ئاتا-ئانىڭىزغا ياخشى نەتىجىلىرىڭىز بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇڭ، ئۇلارنىڭ ھارغىن چىرايىغا خوشاللىق كۇلكىسى بەخش ئىتىڭ...
        -گىپىڭىز ئۇرۇنلۇق،- ۋارس بوش ئاۋازدا جاۋاپ بەردى،-لېكىن مىنىڭ قەلبىم...
        - قەلبىڭىز جاراھەتلىنىدۇ... چۇنكى مەن سىزنىڭ تەلىپىڭىزنى قۇبۇل قىلالمايمەن. سىز مىنى چۇشەنمەيسىز، بۇ مىنىڭ سىزنى تۇۋەن كۆرگەنلىكىم، يېزىلىق كۆرگەنلىكىم، نامرات كۆرگەنلىكىم ئەمەس، مەن بۇ مەكتەپكە پەقەت ئۇقۇش ئۇچۇن، ئەڭ مۇكەممەل بىلىمگە ئىرىشىش ئۇچۇن كىرگەن. كۇڭۇلنىڭ سىناقلىرى ئالدىدا بەرداشلىق بىرىشىم كېرەك. مەن بارلىق ساۋاقداشلارنى مەكتەپ ھاياتىدا مۇشۇنداق ئويلىسىكەن دىگەن ئۇمۇتتە. سىزدەك تىرىشچان، سەمىمى  يىگىت بىلەن  دوس بۇلۇپ ئۆتسەم بولىدۇ. كەسىپ، ئۇگۇنۇش جەھەتتە ھەمكارلاشسام بولىدۇ. لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ مۇھەببەت ئەمەس، بۇ دىگەن سىزگە بولغان ھىسداشلىق، بۇ دىگەن دوسلۇق...
        ۋارىسنىڭ تاتلىق خىياللىرى كۇپۇككە ئايلاندى. ئۇ مۇشۇنداق جاۋاپقا ئىرىشىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، لېكىن دىلنازنىڭ سۆزلىرىدىن يەنىلا قاتتىق ئازاپلاندى. كۆيگەن يامانمۇ ئۆلگەنمۇ دەپ، ئۇ ھاياتىدىكى تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ئوتىدا مەڭگۇ قىينىلىپ كۆيىدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتى. ئۇ يەنىلا كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدىن خوشال ئىدى. دىلناز ئەكرەم قۇپالغا قىلغان  مۇئامىلىنى ئۇنىڭغا قىلمىدى، ئەكرەم قۇپالنىڭ سۆزلىرىنى بۆلگەندەك ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلمىدى. ئەكرەم قۇپالنىڭ گىپىنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ ماڭغاندەك ئۇنىڭ قېشىدىن كەتمىدى. بەلكى ئۇنىڭغا مىھرىبان قېرىندىشىدەك، ئۇستازىدەك، جانىجان دوستىدەك شۇنچىلىك سەمىمى مەسلىھەت بەردى،ئۇنىڭ نىشانىنى يۇرۇتۇپ بەردى، ئۇنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى ئويلىدى... دىلنازنىڭ بۇ خىل مۇئامىلىسى ۋارسنىڭ ئوتىنى ئۆچۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت، تاشنالىقنى يەنە نەچچە ھەسسە ئاۋۇتۇپ بارماقتا ئىدى.
        -قانداق، مەن دىگەندەك قىلالامسىز؟- دىلناز ۋارىسقا ناھايىتى ئېغىر سۇئالدىن بىرنى قويدى.
        - مە...ن...مەن...تىرىشچانلىق كۆرسۇتۇپ باقاي...-ۋارىس كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ، لەۋلىرىنى بوشقىنا چىشلەپ قويدى.
        دىلناز ۋارس بىلەن خوشلۇشۇپ ياتاق تەرەپكە ماڭدى. ۋارس قولىدىكى كىتاپقا قاراپ ئېغىر خىياللارغا غەرق بولدى. ئۇنىڭ ئۇچۇن ھەممە نەرسە تۇگىگەن ئىدى. ئۇ شۇ تاپ ئۇتۇپ كەتكەن يېرىم يىلدىن كۆپرەك ھاياتىدا ھېچ بىر مەنا قالمىغاندەك ھىس قىلدى. ئۇ ئۆز-ئۆزىنى تۇنىۋاتاتتى. دىلنازنىڭ بەزى سۆزلىرى قۇلاق تۇۋىدە جاراڭلايتتى...

        ۋارس كەچلىك تاماقنى ئىشتىھاسىزلا يەپ، كەچلىك تەكرارغا قاتنىشىش ئۇچۇن سىنىپقا ماڭدى. ئۇنىڭ كاللىسىدا چىگىش خىياللار ھۇكۇم سۇرەتتى، مۇھەببەت بىلەن ئۇگۇنۇش ئوتتۇرىسىدا كەسكىن جەڭ بولىۋاتاتتى. ئۇ سىنىپ ئىشىكىنى ئېچىش ئۇچۇن قولىنى سوزماقچى بولغاندا، كەينىدىن بىرسى ئۇنى ئاستا نۇقىدى. ۋارس <كىمدۇ؟> دىگەندەك كەينىگە ئۆرۇلۇپ، تۇرغان ئورنىدا قېتىپلا قالدى. ئالدىدا ئەكرەم قوپال 3-4 قول چۇماقچىلىرى بىلەن قاپاقلىرىنى تۇرۇپ، ئىنتىقام ئالغىلى كەلگەن قىساسكارلاردەك گىدىيىپ تۇراتتى.
        - ئىش بارمىدى؟- ۋارىسنىڭ گىپى ئېغىزىدىن چىقماي تۇرۇپلا، <گالاچ> قىلغان بىر مۇش ئۇنى سىنىپ ئىچىگە قاڭقىتىۋەتتى، سىنىپ ئىچىدە قىييا چىييا ئاۋاز كۆتىرىلدى. ۋارس ئورنىدىن تۇرماقچى بولىۋىدى ئەكرەمنىڭ زەربە بىلەن ئورۇلغان يەنە بىر مۇشى ئۇنى يەرگە چاپلاپ قويدى. بۇرنىدىن  ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ قەپ-قىزىل قان بىردەمدىلا يۇزلىرىنى بويىدى.
        -مانا ئىش دىگەن،- ئەكرەم تېخى ئوڭ سېپىنى تېپىپ بولالمىغان ۋارىسنىڭ بېقىنىغا يەنە 3-4 نى قاتتىق تىپىۋەتتى. ۋارىسنىڭ كۆزىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى. ئۇ بېقىنىچە تۇتقىنىچە ، ئاجىز ئىڭراپ تۇگۇلۇپلا قالدى.
        سىنىپ ئىچى پاتپاراق بولۇپ كەتتى. ساۋاقداشلار نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي بىردەم ۋارىسقا، بىردەم ئەكرەمگە قاراپ تۇرۇپلا قالدى. مەكتەپنىڭ بۇ جىدەلخور نوچىسى ئالدىدا، ھېچبىرسى يۇگۇرۇپ كىلىپ ۋارسىنى يۇلەشكە جۇرئەت قىلالمىدى. ئەكرەم شايكىلىرى بىلەن خۇددى سىنىپتىكى بارلىق بالىلارنى يەنچىپ چەيلىۋېتىدىغاندەك، بىر-بىرلەپ ۋارىسقا ئوخشاش يەرگە چاپلىتىپ چىقىدىغاندەك شۇنچىلىك قورقۇنۇچلۇق ئەلپازدا دىۋەيلەپ تۇراتتى.
        - نىمە بولدى؟- مۇرادىل تۇيۇقسىز ناھايىتى يۇرەكلىك بىلەن ئالدىغا چىقتى،- ئەكرەم ئاداش، بۇ ئاغىنەم ساڭا نىمە گۇناھ قىلغان؟ نىمە ئۇچۇن ئۇنى بۇنچە قاتتىق ئورىسەن؟...
        - ئىشىڭنى قىلە سويما، سەن كىم ئىدىڭ مىنى سوراق قىلغۇدەك، بىلىپ قوي، ماۋۇ لاتا گۇي مىنىڭ مۇھەببىتىمنىڭ ئارقىسىغا كىرىۋاپتۇ، بۇ مەكتەپتە مەن گەپ قىلغان قىزلارغا تېخى بىرەرسى كۆزىنى چوڭ ئېچىپ قاراپ باقمىغان. قارىسا تېخى گۇللۇكتە مۇھەببىتىمگە كالىدەك ھىجىيىپ تۇرۇپتۇ...بۇنىڭدىكى قانداق يۇرەك ھە؟ مەندەك بىر نوچىنىڭ ئېشىغا تۇپا چاچقۇدەك بوپتا...شۇڭا ھۇشىغا كەلگەندە دەپ قوي، بۇ مەكتەپتىن چىرايلىق ئۇقۇش پۇتتۇرىمەن دىسە بۇندىن كىيىن كۆتىنى غىت قىسىپ يۇرسۇن. ئەگەر يەنە مۇھەببىتىمنىڭ كەينىدە  ئۇچرىتىپ قالىدىغان بولسام ، جەسىدىنى ئۆزەڭ دەپنە قىلىپ قويىسەن جۇمۇ...
        ئەكرەم بىردەم پوپوزا قىلىپ، ھەيۋىسىنى كۆرسەتكەندىن كىيىن ، ئىشىكنى <جاڭڭىدە> يېپىپ چىقىپ كەتتى. ئەكرەمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ چىرايىدا قان دىدارى قالمىغان بالىلار ئۇلۇمدىن ئامان قالغان ئەسىرلەردەك يىنىككىنە بىرنى تىندى. بىر بۇلۇڭدا تۇگۇلۇپ قالغان بىر قانچە قىز كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئۆز-ئارا چىڭ قۇچاقلاشتى...ئەكرەمنىڭ ئاياق تىۋىشى يۇقالغاندىن كىيىن ، ھەممە ساۋاقداشلار ۋارىسنىڭ قېشىغا گۇررىدە ئۇلاشتى. بىرقانچىسى قول ياغلىقى بىلەن ئۇنىڭ قانلىرىنى سۇرتسە، بىر قانچىسى ئىڭراپ ياتقان ۋارسىنى ئاستا يۇلىدى.
        - تىز بۇلۇڭلار ، تىز، مەكتەپ دوختۇرخانىسىغا ئاپىرايلى،- مۇرادىل دەرھاللا ۋارىسنى ھاپاش قىلدى. ساۋاقداشلار ئۇنىڭغا تىزلا ياردەملەشتى. ئۇ يۇزلىرىگە يۇقۇۋاتقان، كىيىملىرىگە ئېقىۋاتقان قانغا قارىماستىن، بىر قانچە ساۋاقدىشىنىڭ ھەمرالىقىدا بىچارە دوستىنى كۆتۇرۇپ، تىز-تىز قەدەملەر بىلەن دوختۇرخانا تەرەپكە يۇرۇپ كەتتى...


    داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ


    مەنبە : قەلەم
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    قۇملۇقنى كولىما بايقۇش، توغراقنى قۇچاقلاپ يىغلاپ-يىغلىۋال ...
    | ۋاقتى : 2008-03-20 11:37 4 -قەۋەت
    sirdaxim
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15864
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 725
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە725دانە
    شۆھرەت: 758 نۇمۇر
    پۇل: 2252 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :298(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

        ۋارىسنىڭ يارىسى ئانچە ئېغىر بولمىسىمۇ ، لېكىن 1 سائەتكىچە ھۇشسىز ياتتى. يېرىم يۇمۇقلۇق كۆزلىرىدىن توختىماي ياش سىرغىپ تۇراتتى. مۇرادىل دوستىنى دوختۇرغا تەكشۇرتكەندىن كىيىن، 4-5 كۇن ياتاقتا ياتقۇزۇشنىڭ زۇرۇرلىكىنى بىلىپ ئۇنى ياتاققا ئالدۇردى. بىھۇدە تاياق يىگەن ۋىسالسىز ئاشىق دوستىنىڭ يېنىدا بىر كىچە كىرپىك قاقماي ھەمرا بولدى، يۇزىدىكى قان داغلىرىنى تازىلىدى، ئىششىپ كەتكەن يۇزلىرىگە دورا سۇردى.  ۋارس ھۇشىغا كەلگەندىن كىيىن نىمىشقىدۇر دوستىنى چىڭ قۇچاقلاپ خۇددى كىچىك بالىلاردەك ئۆكسۇپ-ئۆكسۇپ يىغلاپ كەتتى.
        مۇرادىل ئەتىسى كۆپ ئويلانغاندىن كىيىن، ئەكرەمنىڭ يەنە دىلنازغا تەھدىت سېلىشىدىن ئەنسىرەپ، جىدەل ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىپ قويۇش ئۇچۇن ، دىلناز بىلەن كۆرۇشتى.
        -لۇكچەك، كىم ئۇنىڭ تەلىۋىگە ماقۇل بوپتۇ؟ كىم ئۇنىڭ بىلەن يۇرۇپتۇ؟ نىمانداق قالايمىقان سۆزلەپ يۇرىدىغان ئەبلەخ ئۇ؟- چىرايى تاتىرىپ، قۇشۇمىلىرى تۇرۇلۇپ كەتكەپ دىلناز تىترەپ كەتتى،- نىمانداق ئادەمنى باشقىلار ئالدىدا رەسۋا قىلىدۇ؟ نىمە دەپ بىگۇناھ ئادەمنى ئۇرۇدۇ؟...
        - شۇنى دەيمەن، بۇ گۇينىڭ مەكتەپ ئىچىدە قىلىۋاتقان ئىشلىرى بۇلا ئەمەس، بىھۇدە تىل ھاقارەت ئىشتىپ يۇرگەن ئۇغۇللار، ۋىجدان ئازابى تارتىپ زار-زار يىغلىۋاتقان قىزلار ئاز ئەمەسمىش، ئۇنىمۇ سورايدىغان ئادەم چىقار.-مۇرادىل دىلنازغا تەسەللى بەرمەكچى بولغاندەك قۇشۇپ قويدى.
        - ۋارىسنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداقراق؟
        - خۇداغا شۇكرى، ئىچكى ئەزالىرى زەخمىلەنمەپتىكەن، ھازىر خېلى ياخشى بۇلۇپ قالدى، دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ.
        - ياخشىلارغا كۇن يوق جاھانمۇ بۇ؟ خۇدا جاجىسىنى بەرگەي ئۇ لۇكچەكنىڭ!
        - دىگىنىڭىز كەلسۇن...
        مۇرادىل دىلناز بىلەن ئەھۋاللىشىپ بولغاندىن كىيىن قايتىپ كەتتى. لېكىن دىلناز بىر خىل ئۇكۇنۇش ئىچىدە قالدى، يۇرىكى ئۇنسىز تىترىدى، دەرسمۇ دەرس بولمىدى. ئۇ گەرچە كىتاپ كۆرىۋاتقاندەك قىلسىمۇ ، خىيالى ۋارىستا ئىدى. قىزىل گۇلدەك ئېچىلىپلا تۇرىدىغان چىرايىنى غەمكىنلىك، مۇڭ باسقان بولۇپ، كۇلۇپلا تۇرىدىغان بۇلاقتەك كۆزلەرنىڭ جىيەكلىرىدە ياش لىغىرلايتتى. قەلبىنى  ئەكرەمگە بولغان ئۆچمەنلىك ، ۋارسقا بولغان ھىسداشلىق بىئارام قىلاتتى. ئۇ بىردەم سۇكۇت ئىچىدە ئويغا پاتقاندىن كىيىن، مۇئەللىمدىن رۇخسەت سوراپ سىنىپتىن چىقتى.
        ئىشىك يىنىك چىكىلىپ، دىلناز قولىدا بىر دەستە گۇلنى كۆتىرىپ ۋارسىنىڭ ياتىقىدا پەيدا بولدى. ئىككى كۆزىنى تۇرۇسقا تىكىپ، چوڭقۇر خىيالغا غەرق بولغان ، چىرايىدىن مەيۇسلۇك، ئۇكۇنۇش، پۇشايمان، بىچارىلىك...ئىشقىلىپ قانداقتۇر مۇرەككەپ ھىسيات تۇكۇلۇپ تۇرغان ۋارس دىلنازنىڭ كىرگىنىنىمۇ تۇيمىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئەتراپى كۆپ-كۆك كۆكىرىپ ، ئېغىز بۇرنى خېلىلا ئىششىپ كەتكەن  ئىدى.
        -ۋارس، ۋارس...
        دىلنازنىڭ يىنىك، يېقىملىق ئاۋازى ۋارىسنىڭ خىيالىنى بۇلىۋەتتى. ۋارس قولىدا بىر دەستە گۇلنى كۆتىرىپ، ئۆزىگە قاراپ كۇلۇمسىرەپ تۇرغان دىلنازنىڭ سىماسىنى كۆرۇپ، ھاياجاندىن تىترەپ كەتتى، كۆكىرىپ كەتكەن كۆزلىرىدە خوشاللىق جىلۋىلەندى.
      -قېنى كىلىڭ.- ۋارس دىلنازنى كارۋاتقا تەكلىپ قىلدى. - نىمە دەپ ئاۋارە بۇلۇپ يۇرگەنسىز؟ يا مەن بىر ئېغىر زەخمىلەنمىسەم؟
      - نىمە دىگىنىڭىز بۇ؟ قاراڭ يۇز-كۆزىڭىزگە، تۇنۇمىغۇدەك بولۇپ كىتىپسىز.  مىنىڭ كۆڭلۇممۇ بەك يېرىم، مىنى دەپ مۇشۇ ئەھۋالغا چۇشۇپ قالدىڭىزدە، بۇ نىمە كۇن ئەمدى سىزگە؟
      - ھېچقىسى يوق، سىز ئۇچۇن تاياق يىيىشكە مەن رازى. لېكىنزە ناھاق يەۋالدىم دە، مەنغۇ ئۇغۇل بالا، لېكىن سىزنىڭ نامىڭىزنى قالايمىقان سېسىتىپ يۇرمىسە بولاتتى.- ۋارس دىلنازنى سىناپ باقماقچى بولغاندەك قەستەن سوراپ قويدى.- ئەكرەم بىلەن راس يۇرىۋاتامسىز يە؟...
        -توۋا دەڭا، سىز مىنىڭ گەپلىرىمگە ھازىرغىچە ئىشەنمەيۋاتقان ئوخشىمامسىز؟ مەن ھازىرغىچە بىرەر يىگىتنىڭ تەلىۋىگە ماقۇل دەپ باقمىغان. ئۇنىڭ مىنىڭ ئارقامدىن يۇرگىنى راس. لېكىن مەن قەتئى رەت قىلىپ كەلدىم. ئۇ لۇكچەك بىلەن يۇرگۇچە بىر ئۆمۇر تەنھا ئۇتۇپ كىتىشكە رازىمەن...- دىلناز سۆزىنىڭ راسلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولغاندەك ۋارىسنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدى. ۋارس <مەن ئىشىنىمەن، مەن ھەممىنى بىلىمەن...> دىمەكچى بولدىيۇ، لېكىن تىلىنىڭ ئۇچچىغا كىلىپ قالغان سۆزلىرىنى يۇتۇۋەتتى...
        - دىلناز، مىنى يوقلاپ كەلگىنىڭىزگە مىڭ مەرتىۋە رەخمەت. سىز ھەقىقەتەن ياخشى قىزكەنسىز. مەن سىزنىڭ قۇبۇل قىلىىشڭىزغا ئىرىشەلمىگەن بولساممۇ، لېكىن سىزنىڭ مۇئامىلىلىرىڭىزدىن ئۆزەمنى بەك بەخىتلىك ھىس قىلىۋاتىمەن. مەن كۆپ ئويلاندىم، سىز توغرا دەپسىز، مەن زادى ئۆزەمنى تۇنۇشۇم كېرەككەن. ئۆزەمگە تەئەللۇق نەرسىلەرنى قەدىرلىشىم، ئۆزەمگە مەنسۇپ بولمىغان نەرسىلەردىن ۋاز كىچىىشنى ئۇگۇنۇشۇم كېرەككەن. بۇنى  ئەكرەمنىڭ مۇشلىرىدىنمۇ ھىس قىلىۋاتىمەن، ئۇ مىنى خېلى سەگىتىپ قويدى. مەن چۇقۇم سىزنىڭ دىگىنىڭىزدەك قىلىمەن. مىنىڭ كىينكى بىر يىللىق نىشانىم ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن ئۇقۇش، بۇرۇنقى يۇتتۇرۇپ قويغان ئۇزەمنى تېپىۋېلىش...
        ھاياجانلىنىپ سۆزلەۋاتقان ۋارس دىلنازغا قەسەم بېرىۋاتقاندەك مۇشتىنى چىڭ تۇگدى. دىلناز ئۇنىڭ سۆزلىرىنى جىممىدە ئاڭلىدى، بەزىدە تەستىقلىغاندەك بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. لېكىن شۇ قىسقىغىنا دەمدە يىگىتنىڭ تەلىۋىنى چىرايلىق رەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنى تۇنۇش ھەققىدە سەمىمى، دوستانە تەكلىپ بەرگەن دىلنازنىڭ  قەلبىدە نىمىشقىدۇر يىنىككىنە تەۋرىنىش بولغاندەك بولدى. ئۇ قانداقتۇر بىر مۇھىم نەرسىسىدىن ئايرىلىۋاتقاندەك ھەسرەت بىلەن ئېغىر تىندى.
       
        بىر ھەپتە داۋالانغاندىن كىيىن، ۋارس دوختۇرخانىدىن چىقتى. ئۇ بۇرۇنقى كۇيۇك ئازابىنى يەتكۇچە تارتىپ بىھۇش بولغان ۋارسىتىن ناھايىتى جۇشقۇن، ناھايىتى غەيرەتلىك، ناھايىتى تىرىشچان بىر ۋارسقا ئۆزگىرىپ قالدى. ئۇ ئەكرەمدىن ئۆچ ئېلىشنىمۇ ئويلىمىدى، مەكتەپ رەھبەرلىكىگە مەلۇممۇ قىلمىدى، ساۋاقداشلىرىغا ھېچقانداق چۇشەنچىمۇ بەرمىدى. ئۇ پەقەت <ھەممە ئۇتۇپ كەتتى، مۇھەببەت، سۇيۇش، دەرت -ھەسرەت ھەممىسى بىر چۇش بۇلۇپ قالدى. مەن بۇگۇن قايتىدىن تۇغۇلدۇم...> دەپلا ئويلىدى. ئازاپ سىڭىپ كەتكەن جىسمىنى پاكلىماقچى، پۇتۇن ھەسرىتىنى ئۇنتۇپ كەتمەكچى بولغاندەك مۇنچىدا ئۇزاقتىن ئۇزاق يۇيۇندى، بارلىق كىيىم-كىچەكلىرىنى ، ماتىرىيالللىرىنى قايتىدىن رەتلەپ چىقتى. ئاشىقلىق ھىسلىرى قىينىغان دەملىرىدە قالدۇرغان كۇڭۇل خاتىرلىرىنى بىربىرلەپ يىرتىپ چىقتى. نەچچە ۋاقىت ۋاراقلانمىغان دەرسىلىك كىتاپلىرىنى  ۋاراقلاپ،  نۇرغۇن كونسىپىكلىرىنى تۇلۇقلىدى. ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ بۇ ئۆزگۇرىشىدىن <ئەكرەمنىڭ تايىقى خېلى ئۇتۇپتۇ، قۇپالنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپتۇ، پەرىشتىنىڭ ۋىسالىغا يىتىشتىن ئۇمۇدىنى ئۇزۇپتۇ...> دەپ ئويلاپ قالدى.
      دەرس، كىتاپ، تەجرىبە ئىچىگە كىرىشىپلا كەتكەن ۋارىسنىڭ يۇرىكىدىكى مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرى ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلۇپ باردى. ئۇ شۇندىن كىيىن ھېلىقى گۇللۇكتىن مىھرىنى ئۇزدى، دىلنازنىڭ يوللىرىغىمۇ تەلمۇرمىدى، سائەت-سائەتلەپ ئۇنىڭ سىماسىنى ساقلايدىغان، ئاياق تىۋىشىنى تىڭشايدىغان ئۇرۇنمۇ ئەمدى بوش قالدى. پات-پات خىيالىدا كۇلۇمسىرەپ تۇرغان ئىللىق بىر چىراي پەيدا بولغاندا ، كاللىسىنى قاتتىق سىلكىپ ئۇنى يىراق-يىراقلارغا قوغلاپ قوياتتى. بىر قىسىم ئاممىۋى پائالىيەتلەردە ، تاماقخانىلاردا دىلناز بىلەن ئۇچىرىشىپ قالغاندا چىرايلىق سالاملىشىپلا قويىدىغان بولدى. يۇرىكىنىڭ بىر يەرلىرى ئۇنى تارتىشىپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭ سىھىرلىك كۆزلىرىدىن كۆزلىرىنى مەجبۇرى ئېلىپ قاچتى. ئۇ پۇتۇن زىھنىنى پەقەت بىر نىشان ئۇچۇن ئاتىدى. ئاتا-ئانا ئەجرىنى قايتۇرۇش،  ئۇلارنىڭ تىلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۆز يېزىسىدا ئۇقۇتقۇچى بۇلۇش...ئۇ ئاخىرى شۇ نىشاننى توغرا تاپتى. شۇنداق قىلىش كېرەك. ئادەمنى ئاللاھ ئۆز رىسقى، ئۆز جۇپتى بىلەن يارىتىدۇ ئەمەسمۇ، شۇ يېزىدا ئاتا-ئانا رازىلىقى ئاستىدا چۇقۇم بىر قىز بىلەن توي قىلىدۇ، پەرزەنتلىك بولىدۇ، سەھرا تۇرمۇشىغا قايتىدىن سىڭىپ كىتىدۇ. مانا بۇ رىئاللىق ، مانا بۇ قانۇنىيەت. بەخت شۇ يۇرتىدىمۇ، شۇ مەھەللىسىدىمۇ، شۇ يېزا قىزلىرىنىڭ مىھرىدىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت...
       
        يېرىم يىلدەك ۋاقىت ئۇگۇنۇش، ئىزدىنىش ئىچىدە تىزلا ئۇتۇپ كەتتى. ئەمما كىم بىلسۇن  ؟ ھەممە نەرسىگە ئاقىلانىلىق بىلەن جاۋاپ بىرىشكە ھىرىسمەن، سۆيگۇ ئۇقۇمىدىن مۇستەسنا، مۇھەببەت تۇيغۇلىرىدىن خالى گۇزەل پەرىشتىنىڭ خىيالىدا بىر ساددا يىگىتنىڭ سىماسى ئورناپ قالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى بىلىپ بىلمەي ساۋاقداشلار ئارىسىدىن ۋارىسنى، ئۇنىڭ كىلىشكەن قامىتىنى، ئۇلىما قاشلار ئاستىدىكى قاپقارا كۆزلىرىنى ئىزدەيتتى. ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بۇ تۇيغۇلىرىدىن ھەيران ئىدى. ئۇ پات-پات ئىنگىلىز تىلى ئۇقۇشلۇقىنى كۆتىرىپ، پۇتۇن زىھنى بىلەن بىرىلىپ ئۇگۇنۇش قىلىۋاتقان ۋارسىنى ئۇچرىتىپ قالغاندا يۇرىكىنىڭ تىز-تىز سۇقۇپ كىتىۋاتقانلىقىنى، قانداقتۇر بىر كۇچنىڭ ئۇنى شۇ تەرەپكە ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى ئاستا-ئاستا ھىس قىلدى. ئۆيگە قايتقاندا ۋارسىنىڭ ھېلىقى خېتىنى يېنىش-يېنىشلاپ ئۇقۇيدىغان، شۇ خەتلەر ئىچىدىن بەخىتىنىڭ، گۇزەل ئىستىقبالنىڭ ئىزنالىرىنى ئىزدەيدىغان بۇلۇپ قالدى. بۇ نىمە ؟ بۇ مۇھەببەتمۇ؟ بۇ ياخشى كۆرۇشمۇ؟ ...ياق، ياق...بۇ دىگەن بىر خىل قىزىقىش، بىر خىل ھۆرمەت، بىر خىل ھىسداشلىق، دوسلۇق...ھەممىسى ساراڭ خىيال، ھەممىسى شەيتان...ئۇ ئۆز ھىسياتىغا مانا مۇشۇنداق جاۋاپ بىرىشكە مەجبۇر بولاتتى. ئۆزىنى ئۆزى بۇ ھىسياتتىن قۇتۇلدۇرماقچى بولاتتى...
        دىلناز يۇقارقىدەك ئىزگۇ ۋىسال ئىچىدە، ئۆزىدىكى چۇشۇنۇكسىز، مۇرەككەپ خىياللارنى تەھلىل قىلغاچ، جەنۇپلۇق ساۋاقدىشى، ياتاقدىشى سەلىمەنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالدى. بۇرۇندىن شوخ، تىتىك، تىرىشچان، ھەر قانداق پائالىيەتتە لەرزان ئۇسۇللىرى بىلەن باشقىلارنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدىغان بۇ قىز يېقىندىن بىرى تۇلىمۇ كەمسۆز، ھۇرۇن بۇلۇپ قېلىۋاتاتتى. مەيلى سىنىپتا بولسۇن،  مەيلى ياتاقتا بولسۇن، باشقىلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە  ئارلاشماي، سورالغان سۇئاللارغا سۇغۇقلا جاۋاپ بىرىپ، ئۇزۇن-ئۇزۇن خىياللارغا غەرق بولاتتى. بەزىدە ئېغىر ئۇھسىنىپ قوياتتى. ئىقتىسادى جەھەتتە قىيىنچىلىقى بار بۇ قىزغا ئىزچىل ياردەم بىرىپ كىلىۋاتقاچقىمىكىن، سەلىمە باشقا قىزلارغا قارىغاندا دىلنازنى ئالاھىدە ھۆرمەت قىلاتتى، ئۇنى يۇلەنچۇكى ، سىردىشى بىلەتتى. دىلناز ئارىلىقتا بىر قانچە قېتىم سەلىمەنىڭ ياتاقتا، گۇللۇكلەردە كۆزلىرىدە لىق ياش ئولتۇرغىنىنى، بېشىنى كىتاپقا قويۇپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن خىيال سۇرگۇنىنى  كۆرۇپ تۇردى. كۇڭۇل بۇلۇپ كۆپ قېتىم ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىدى . لېكىن سەلىمە <ئاتا-ئانامنىڭ مىجەزى يوقكەن، كىسەلچان بولۇپ قاپتۇ، شۇڭا كۆڭلۇم يېرىم >دەپلا جاۋاپ بەردى. دىلناز يەنىلا بۇ دوستىنىڭ كۆڭلىدە قانداقتۇر بىر يۇشۇرۇن  سىرنىڭ ، ئېغىر دەرتنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلىۋاتاتتى، ئۇ بۇ قىزنىمۇ كۇيۇك ئوتىدا سەرسان بولۇپ كەتكەندەك ھىس قىلىپ، مۇۋاپىق پۇرسەت تېپىپ ئۇنىڭ  ئەھۋالىنى بىلىپ باقماقچى بولدى.
        شەنبە كۇنى دىلناز ئاۋالقىدەكلا ئۆيىگە قايتىشقا تەييارلىق قىلدى. ئۇ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا  كۇتۇپ تۇرغان دادىسىنى ساقلاتماسلىق ئۇچۇن ، نەرسە-كېرەكلىرىنى تىز-تىز يىغىشتۇرۇپ مېڭىشقا تەمشەلدى. شۇ ۋاقىتتا يوتقانغا پۇركۇلۇپ جىمجىت ياتقان  سەلىمە تۇيۇقسىز ئېغىز ئاچتى.
      - دىلناز، بۇگۇن مىنىمۇ ئۇيۇڭگە بىرگە ئېلىپ كەتسەڭ بوپتىكەن. كۆڭلۇم بەك يېرىم...
        دىلناز سەلىمەنىڭ چىرايىغا سەپ سالدى. يۇزلىرىنى قارا داغ قاپلاپ، بىر ئاز سەمىرىپ قالغان سەلىمەنىڭ چىرايى شۇ قەدەر غەمكىن بۇلۇپ،  كۆزىدە  لىق ياش تۇراتتى.
        - ئەلبەتتە بولىدۇ دوستۇم، مەنمۇ ئۆيدە زىرىكىپ قالىمەن، بىرگە بارايلى، ئاتا-ئاناممۇ خوش بۇلىدۇ سەندىن....
        -رەخمەت،- سەلىمە ئاستا كارۋاتتىن چۇشۇپ دىلنازنى قۇچاقلىدى،- رەخمەت، سەن نىمە دىگەن ياخشى...
        سەلىمەنىڭ تىترەڭگۇ ئاۋازى دىلنازنىڭ تىنىنى جىغغىدە قىلدى. يۇرىكى مۇجۇلدى. بىر ئاچچىق تەم بۇغۇزىدا قەپقالدى. سەلىمە شۇ تۇرقىدا دىلنازنى قۇچاقلاپ <ۋاررىدە > يىغلىۋېتىدىغاندەك قىلاتتى.
        - ماڭايلى، كۆڭلۇڭنى يېرىم قىلما، مەندەك دوستۇڭ تۇرسا نىمە دەپ كۆڭلۇڭنى يېرىم قىلىسەن؟ ھەر قانداق ئىش بولسا مانا مەن <جان دەپ > ياردەم بىرىمەن دوستۇم...
        دىلناز سەلىمەنى قولتۇقلاپ ياتاقتىن چىقتى. ئۇنىڭ كاللىسىدا نۇرغۇن چىگىش سۇئاللار ھۇكۇم سۇرەتتى. بۇ مۇرەككەپ ھايات مۇساپىسىدە ئادەم نىمە ئۇچۇن ھەر خىل قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدۇ؟ ئازاپ نىمە ئۇچۇن دائىم ياخشىلارغا ھەمرا بولىدۇ؟ ئۇڭۇشسىزلىق نىمە ئۇچۇن ئاجىزلارنىڭلا قېشىدا بار؟ پەسكەش، ھىلىگەر ئادەملەر نىمە ئۇچۇن خوشاللىق ئىچىدە ياشايدۇ؟ بۇ دوستۇم نىمە ئۇچۇن يىغلايدۇ؟ يوقسۇزلۇق، قىيىنچىلىق ئۇنى مۇشۇنداق بىئارام قىلامدۇ؟ ياكى ئاشىقلىق ئۇنى مۇشۇنداق چۇشكۇنلەشتۇرىۋەتكەنمىدۇ؟ ۋىسالغا يىتەلمىگەن مۇھەببەت مۇشۇنداق بولامدۇ؟ ...ئۇ دوستىغا مىھرىنى يەتكۇزمەكچى، ئۇنى ئىللىتماقچى، ئۇنىڭ ئازابىغا ھەمدەم بولماقچى بولغاندەك سەلىمەنى قوللىرىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتتى. ئەپسۇس، دىلناز بۇنداق قۇچاقلاشنىڭ، بۇنداق مىھرىبانلىقنىڭ ، بۇنداق دوسلۇقنىڭ پەقەت ۋاقىتلىقلا بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئەسلا بىلمەيتتى.
        ئۇلار دەرۋازا تەرەپكە كىتىۋېتىپ گۇللۇك بويىدا ئۇلارغا تىكىلىپ قاراپ تۇرغان ئەكرەم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ھەر ئىىككى قىزنىڭ يۇرىكى <قارت>لا  قىلدى. ھەر ئىككى قىز تۇيۇقسىز قاتتىق ئەندىكتى. كۆزلىرىنى دەرھاللا ئەكرەمنىڭ قورقۇنۇچلۇق كۆزلىرىدىن ئەپقاچتى. شۇ دەم دىلناز ئەكرەمنى نەزىرىگە ئالماسلىققا تىرىشىپ مەغرۇرانە مېڭىۋاتقان بولسىمۇ، سەلىمەنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى . ئۇ خۇددى يولۋاس ئالدىدىكى مۇشۇكتەك لاغ-لاغ تىترىدى، ئەكرەم ئېتىلىپ كىلىپ ئۇنى دىلنازنىڭ قولىدىن يۇلۇپلا كىتىدىغاندەك ، ئۇنى يالماپ-يالماپ يۇتىۋېتىدىغاندەك دىلنازنىڭ قولىغا تېخىمۇ چىڭ چاپلاشتى...


    داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    قۇملۇقنى كولىما بايقۇش، توغراقنى قۇچاقلاپ يىغلاپ-يىغلىۋال ...
    | ۋاقتى : 2008-03-23 15:59 5 -قەۋەت
    sirdaxim
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15864
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 725
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە725دانە
    شۆھرەت: 758 نۇمۇر
    پۇل: 2252 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :298(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

        سەلىمە دىلنازنىڭ ھەشەمەتلىك ، ئارامبەخش  ئۆيىگە كىلىپ، ئىسىل نازۇ-نىمەتلەرنى تېتىپ، نازىر ۋە خانىمىنىڭ ئىللىق قارشى ئېلىشىغا ئىرىشىپ كۆڭلى خېلى كۆتىرىلىپ قالدى. چىرايىدىكى خاپىلىق ۋە مۇڭلىرى بىردەملىك نەلەرگىدۇر يۇقالدى. ئۇ دىلنازنىڭ بەختىگە ھەۋەس قىلدى. ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق ئالى، بەخىتلىك تۇرمۇشنىڭ شىرىن خىياللىرىنى سۇرۇپ باقتى. لېكىن خىياللىرى بىر يەرگە كەلگەندە كۆڭلى يەنە لەسسىدە بولدى. ئۆزىنى ئېغىر بىر قىسمەت  ، تەنھالىق، ئازاپ، كۇلپەت ساقلاپ تۇرغاندەك يۇرىكى يەنە ئىزىلدى. قانلىق ياشلىرى چاناقلىرىغا لىققىدە تولدى. ئىككى قىز كەچلىك تاماقتىن كىيىن، دىلنازنىڭ ياسىداق ھوجرىسىغا چىقتى. دىلناز سەلىمەنىڭ كەيپىياتىنى ئوڭشىماقچى بولغاندەك لىرىك مۇزىكا لىنتىسىدىن بىرنى قويدى.
        -ئەجەپ بەخىتلىكتە سەن،- سەلىمە دىلنازنىڭ نەقىشلىك يۇمشاق كارۋىىتىغا چىقىپ، ياستۇقنى چىڭ قۇچاقلىدى.-تۇرمۇش ئاجايىپ ھە، ئىككى خىل دۇنيا، ئىككى خىل تۇرمۇش ، ئىككى خىل ئادەم، مىنىڭمۇ مۇشۇنداق ئىسىل ئۆيلۇرۇم، بەخىتلىك تۇرمۇشۇم، مەنىلىك كۇنلۇرۇم بۇلارمۇ ھە ؟
        - كىم بولمايدۇ دەيدۇ؟ چۇقۇم بولىدۇ، سەن چۇقۇم بەختىڭنى تاپىسەن، گۇزەل چىرايىڭ بار، سەنئەت تالانتىڭ بار، ئۇقۇشتىمۇ يامان ئەمەس، چۇقۇم كەلگۇسىدە ياخشى بىر يىگىتكە ئۇچرۇشۇپ بەخىتلىك بولىسەن، باي-گاداي بۇلۇشىڭ بەرىبىر، بەخىتنى ھەقىقى ھىس قىلساڭ، ئۇ ھەممە يەردە ئوخشاشلا مەۋجۇت.
        - ئۇ كۇنلەر كەلمەسكە كەتتى. مەن ئۇنى ئۇزەم يۇقاتتىم، ئۆزەم قۇربان قىلدىم،- سەلىمە كۆزىگە لۆممىدە ياش ئالدى. ياشلىرىنى، ئېغىزىدىن تىزلا چىقىپ كەتكەن سۆزلىرىنى دىلنازدىن يۇشۇرماقچى بولغاندەك ياستۇققا يۇزىنى چىڭ ياقتى. ياقتىيۇ تۇيۇقسىز بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.
        -نىمە بولدى سەلىمە، نىمىشقا ئۇنداق دەيسەن؟ نىمىشقا كۆڭلۇڭنى يېرىم قىلىسەن؟ سەن يىغلىساڭ قەتئى ياراشمايدىكەن، سىنىڭ شوخلۇقۇڭ، سۆزمەنلىكىڭ نەگە كەتتى سەلىمە؟...
        دىلنازنىڭ سۇئالى جاۋاپسىز قالدى . سەلىمە يەنە بۇقۇلداپ يىغلاۋاتاتتى.
        - توغرا، سەندە بىر ھەسرەت بار، بىر ئازاپ بار. مەن بۇنى بۇرۇنلا ھىس قىلغان، سىنىڭ كەيپىياتىڭغا ، سىنىپ ۋە ياتاقتىكى تۇرمۇشىڭغا، سەندىكى ئۆزگۇرۇشلەرگە قاراپ ھىس قىلغان، لېكىن سەن ماڭا <ئاتا-ئانام كىسەل> دەپ يالغان ئېيتتىڭ. بولدى بۇنداق ئازاپلىنىۋەرمە، ھەممە دەردىڭنى ئىچىڭگە ئېلىۋەرسەڭ تۇگۇشۇپ كىتىسەن. مىنى ھەقىقى دوستۇڭ دەپ قارىساڭ دەردىڭنى ماڭا ئېيت. ئىقتىسادى جەھەتتە قىيىنچلىق بولسا دادام ھەل قىلىپ بەرسۇن، بىرەرسىنى ياخشى كۇرۇپ قالغان بولساڭ ، مانا مەن يول ماڭاي، كۆرۇشەي، قەلبىڭنى يەتكۇزەي. قېنى دوستۇم، ماڭا سىرىڭنى بەر...-دىلناز ئاستا كىلىپ  ياستۇققا دۇم يېتىپ يىغلىۋاتقان سەلىمەنىڭ ئىڭىكىنى بوشقىنا يۇلىدى. سەلىمەنىڭ قىزرىپ كەتكەن كۆزىدىن ئالەمچە مۇڭ تۇكۇلۇپ تۇراتتى.
        - دىلناز، جان دوستۇم، مەن دەردىمنى كىمگە تۇكەي، بۇ ئازاپلىق قىسمەتلەرنى كىملەرگە جار سالاي؟...مەن تەتۇر پىشانە، مەن بەختسىز. ئاتا-ئانامنىڭ ئەجر-جاپاسى، ئۇمۇت-ئارزۇلىرى ئالدىدا مەن مەڭگۇ تۇزكور، مەڭگۇ لەنەت ئىگىسى...
        دىلناز كۆزلىرىنى يۇغان ئېچى تۇرۇپلا قالدى. كۆڭلىنىڭ قانداقتۇر بىر يەرلىرىگە ئاچچىق قىسمەتنىڭ ئازاپلىق نىدالىرى كەلدى، كۆڭلى بىر مۇدھىش خىيالدىن تۇيۇقسىز ئەندىكتى.
        -نىمە دەيسەن؟ بۇ نىمە دىگىنىڭ؟ خالىساڭ تەپسىلى دىگىنە، مەن گاڭگىراپلا قالدىم.
        سەلىمە ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ كارۋاتتىن چۇشتى.  ئۇ شۇ قەدەر ھالسىز، شۇ قەدەر چۇشكۇن، شۇ قەدەر بىچارە ئىدى.ئۇ بۇگۇن پىنھان سىرلىرىنى، ئۇنى بىر قانچە ئايدىن بۇيان ئازاپلاپ كەلگەن بارلىق دەردىنى بۇ دىلكەش دوستىغا تۇكۇش ئالدىدا تۇراتتى.
        - قارا، ماڭا قارا، مىنىڭ تۇرقۇمغا قارا، مەندىكى ئۆزگۇرۇشلەرنى ھىس قىلمىدىڭما؟ بىلەمسەن، مىنىڭ بۇيۇمدا بار، بۇيۇمدا بار...
        دىلناز چۇچۇپ كارۋاتتىن لەسسىدە قۇپۇپ كەتتى. ئۇ ھاياتىدا كۆرۇپ باقمىغان يېڭى بىر شەيئىگە يۇلۇققاندەك ھەيرانلىق، ئېچىنىش، ھىسداشلىق ئىچىدە سەلىمەگە سەپ سالدى. راست، يۇزىدىكى داغلار، سەمرىۋاتقان بەدەن، چۇشكىچە ئۇخلاش، ھۇرۇنلۇق، چۇشكۇنلۇك، ئاندا-ساندا كۆڭلى ئاينىش...ئۇھ، دىلناز بىردەم سەلىمەنىڭ چىرايىغا، بىردەم ئۇنىڭ قورسىقىغا قاراپ تۇرۇپ كەتتى. دىلنازنىڭ كۆزىگە سەلىمەنىڭ قورسىقى خۇددى مىدىرلىۋاتقاندەك كۆرۇنۇپ كىتىۋاتاتتى.
      -راسما؟ يەنە بىر دىگىنە راسما؟
      -راس، 2 ئايدىن ئاشتى، شۇ كۇندىن بۇيان  يۇرۇگۇم سۇ مىنىڭ. كۇڭۇلنىڭ كەينىگە كىردىم، پۇلنىڭ كەينىگە كىردىم. ھەشەمەتلىك تۇرمۇشنىڭ، باي-باياشاتلىقنىڭ كەينىگە كىردىم، ئىپلاس شەيتاننىڭ كەينىگە كىردىم...مەن دىگەن شور پىشانە، بىتەلەي...مانا بۇ مىنىڭ كۇنۇم. مەن ھازىر ئۇقۇغۇچىمۇ ياكى پاھىشىمۇ؟ بالىمۇ ياكى ئانىمۇ؟ ...بۇنىڭغا ئۆزەممۇ جاۋاپ بىرەلمەيمەن...
        سەلىمە پۇتلىرىدا قىلچە ماغدۇر قالمىغاندەك تۇرغان ئورنىغا لەسسىدە چۇشتى. ئۇ توختىماي ئېقىۋاتقان ياشلىرىنىمۇ سۇرتمىدى، چۇۋۇلغان چاچلىرىنىمۇ رەتلىمىدى. بىر نوقتىغا تىكىلگىنىچە ئۇزاقتىن-ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتتى. دىلنازنىڭ كۆڭلى تۇلىمۇ يېرىم بولدى. ئۇ نىمە دىيىشى كېرەك؟ نىمە دەپ تەسەللى بىرىش كېرەك؟ بۇ ئىش ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك چىقمىدى. ئەمدى بۇنداق ئەھۋالدا دادىسىمۇ ياردەم بىرەلمەيدۇ، ئۆزىمۇ ياردەم بىرەلمەيدۇ. سەلىمە ئاللىبۇرۇن ئۆزىنىڭ بەختىنى يۇقاتقان، ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى ، پاكلىق ئىچىدىكى شاھلىق تەختىنى يۇقاتقان. ئۇنىڭ قەلبىدە مەڭگۇ ساقايماس يارا قالدى. بۇ يارا ھەر قانچە داۋا قىلسىمۇ ساقايمايدۇ. مەڭگۇ يۇيۇلماس قارا داغ قالدى، بۇ داغ تىنچ ئۆكياننىڭ سۇيىدە نەچچە يىل يۇيۇلسىمۇ پاكلانمايدۇ، ئۇ بىر ئۆمۇر سەلىمەگە ھەمرا بولىدۇ، ھەر كىچە ئۇنىڭغا قورقۇنۇچلۇق چۇش بولىدۇ. ئۇنىڭغا ھەر ۋاقىت بېسىم بولىدۇ. يەنە كىلىپ بۇ داغ- كەلگۇسىدە بىر ھالال يىگىتنىڭ غۇرۇرىنى ئۆلتۇرىدۇ. ئىززىتىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ. ئۇنىمۇ مۇشۇنداق ئۆمۇرلۇك پۇشايمەن، ئازاپقا مۇپتىلا قىلىدۇ...دىلناز شۇ تاپ پاكلىقنىڭ قەدرىنى ھەقىقى ھىس قىلغاندەك بولدى. ئۇ ھازىرغا قەدەر بۇنچىلىك تەپسىلى ئويلۇنۇپ باقمىغان، قىز ھىكمىتىنى بۇنچىلىك روشەن تەھلىل قىلىپ باقمىغان ئىدى.
        -قېنى دىگىنە، سىنى كىم مۇشۇنداق يولغا مەجبۇرلىدى؟ كىم سىنى ئازدۇرغان؟ قورسۇقىڭدىكى بالىنىڭ ئاتىسى كىم؟
        سەلىمە يىغىدىن قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىنى دىلنازغا ئاستا ئاغدۇردى. ئۇنىڭ شۇ تۇرقى بەكمۇ بىچارە، بەكمۇ مىسكىن كۆرۇنەتتى.
        - بۇنى دىسەم ھەيران قالسەن؟ مەن ئۇنىڭ ئالا كۆڭۇل، ئۇيۇنچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ بۇقىمسەتكە ئىرىشتىم. ساڭا ۋە باشقا قىزلارغا نەچچە رەت <يالغان ئاشىق> بولغىنىنى، تالاي سۆيگۇ خەتلىرىنى يازغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ بۇقىسمەتكە ئىرىشتىم. مەن يالغان ۋەدىلەرنىڭ ، ساختا سۇيۇشلەرنىڭ قۇربانى بولدۇم.
        -دىگىنە ئادەمنى جىددىلەشتۇرمەي، ئۇ زادى كىم؟
        - ئەكرەم، تەنتەربىيە فاكولىتىتىدىكى مۇدىرنىڭ ئوغلى ئەكرەم.
        -نىمە؟ ....دىلناز ئۆزىنىڭ باماقلىرىنى قانداق چىشلەپ سالغىنىنى بىلمەي قالدى،- توۋا، بۇ نىمە گەپ ئەمدى؟ ئاشۇ لۇكچەك، ساختىپەزما؟؟؟
        -ئۇ ماڭىمۇ خەت يازغان. مەن باشقىلارنى بىلىپ قالمىسۇن دەپ شۇنچە مەخپى تۇتۇپ كەلدىم .ئۇنىڭ دىيىشىچە بىر قېتىملىق پائالىيەتتە مەن ئۇسۇل ئوينىغاندا، مىنىڭ ئۇسۇلۇمغا، گۇزەل ھۆسنۇمگە ئاشىق بۇلۇپ قاپتىكەن.- سەلىمە ئۇھسىنىپ قويۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى. - ئارىلىقتا مىنى نەچچە رەت سىرتقا تاماققا تەكلىپ قىلدى. ئۆزەڭ بىلىسەن، مەن يېزىدىن كەلگەن، ئىقتىسادى قىيىنچىلىقىم بار، ئۆزەممۇ باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ۋاي دەپكۇدەك قىز ئەمەس، شۇنداق تۇرۇقلۇق مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوغلى، مەكتەپنىڭ ئەڭ نوچى يىگىتى تەكلىپ قىلىۋاتسا مەن چىقمامدىم؟ شۇ ۋاقىتتا مەن خاتا ئويلاپتىكەنمەن، ئۆزەمگە بولغان ئىشەنچىم ئاشقاندەك، باشقىلار ھەۋەس بىلەن قارايدىغاندەك، مەندىن زوقلىنىدىغاندەك ھىس قىلغان ئىدىم. بىز 4-5 قېتىم بىرگە تاماق يىدۇق. نىمىشقىدۇر بىلمەيمەن. ئۇ دائىم مىنى سىرتقىلا تەكلىپ قىلاتتى. مەكتەپ ئىچىدە پەقەت ئىزىدىمەيتتى. لېكىن مەن ئېغىر ئالمىدىم، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوغلى بولغاندىكىن تەسىرىنى ئويلىغاندۇ دىدىم. قىزلار بىلەن كۆرسەم پاراڭلىشىۋاتقاندۇ دىدىم، دىمەك مەن بىلىپ تۇرۇپ ئۆز-ئۆزەمنى ئالدىدىم. سەن بىلمەيسەن، نۇرغۇن شەنبە-يەكشەنبە كۇنلىرىم ئۇنىڭ بىلەن سىرتلاردا ، باغچىلاردا ، دىسكو-تانسىخانلاردا ئۆتتى. شۇ ۋاقىتلاردا ئۆزەمنى شۇنداق بەخىتلىك ھىس قىلدىم. ئۇ ئۆزىنىڭ مىنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرۇپ قالغانلىقىنى دىگەن ۋاقتىدا مىنىڭ قانچىلىك سۇيۇنۇپ كەتكەنلىكىمنى سەن تەسەۋۋۇر قىلالمايسەن، ئۇ مىنى ئۇرۇمچىدە ئېلىپ قالىدىغانلىقىنى، خىزمەتنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى، مەن بىلەن توي قىلىپ بىر ئۆمۇر بىرگە ئۆتىدىغانلىقىنى، مەن ئۇچۇن مەڭگۇ سادىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ماڭا نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەرگەن ئىدى. مەن مەس بولدۇم، ئويلاپ باق، بۇ ماڭا كەلگەن ئامەت ئەمەسمۇ؟ نامرات ، سەھرا ئۇقۇغۇچىسىنىڭ بېشىغا قونغان ئامەت قۇشى ئەمەسمۇ؟...ئۇ تېخى ئۇقۇش پۇتتۇرگىچە مىنى ئاتا-ئانىسى ئالدىغا ئاپىرىدىغانلىقىنى دىدى. راست، مەن ئىشەندىم، مەن پۇتۇنلەي ئىشەندىم...ئارىدا ماڭا ھەر ئۇچرىشىشتا پۇل بىرىپ تۇردى، كەم نەرسىلىرىمنى ئۇنۇمىغىنىمغا ئۇنىماي ئېلىپ بەردى. ئۇ بەك پۇلدار، بەك مەرت ئىدى...-سەلىمە بىر پەس سۇكۇتكە چۆمدى. ئۇ شۇتاپ شۇ گۇزەل مىنۇتلارنى، بەختىيار چاغلىرىنى ئەسلەۋاتقاندەك قىلاتتى.- ئەپسۇس، مەن بەك ساددا ئىكەنمەن دىلناز، بەك ساددا ئىكەنمەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىلتاق ئىكەن ئەمەسمۇ؟ نادان قىزلارنى ئىلمەككە ئىلىشتىكى قىلتاقكەن. ...مەن بۇنى تۇلىمۇ كىچىكىپ ھىس قىلدىم. ئىسىڭدىمۇ دىلناز، مەن بىر كۇنلۇكتە ياتاققا قايتىمىغان كۇن، سىلەرنى بىر كىچە ئۇيقۇسىز قالدۇرغان، بىئارام قىلغان كۇن...سىلەرگە مەن يالغان ئېيتىپ باشقا مەكتەپتىكى بىر يۇرتلۇق ساۋاقدىشىم قېشىدا قونۇپ قالدىم دىگەن  ئىدىم. دەل شۇ كۇن -مەن ئەڭ ئەزىز نەرسەمدىن ئايرىلغان، بەختىمدىن ئايرىلغان....- سەلىمەنىڭ كۆز چاناقلىرىدىن يەنە مونچاق-مونچاق ياشلار سىرغىشقا باشلىدى، ئاۋازى بۇغۇلۇپ-بۇغۇلۇپ چىقاتتى.- ئۇ كۇنى ئەكرەم مىنى يەنە چاقىرتىپتۇ، مەن كەچلىك تەكرارنىمۇ تاشلاپ خوشال ھالدا ئۇنىڭ بىلەن دىسكۇخانىغا باردىم، مەن شۇ دەم ھەممىدىن مۇستەسنا ئىدىم. ئېڭىمدا خوشاللىق، بەخىت، سۆيگۇ... شۇلارلا بار ئىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولسام ئۆزەمنى شۇ قەدەر بەخىتلىك سانايتتىم. سىنىپتىكى ، ياتاقتىكى مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي ئۇقۇشقىلا بەنت بولۇپ كەتكەن قىزلارنى بىچارە ، بەخىتىسز، تۇلىمۇ تەنھا ھىس قىلاتتىم. شۇ كۇنى نىمە ئۇچۇن ئۇ تەڭلىگەن قىزىل ھاراقنى ئىچكەن بولغۇيتتىم؟ نىمە ئۇچۇن <كۆڭلۇم> دەپ تۇرىۋالسا رەت قىلمىغان بولغۇيتتىم؟ نىمە ئۇچۇن يېزىدىكى مەندىن زور ئۇمۇتلەرنى كۇتكەن ئاتا-ئانامنى، ئاكا-ھەدىلىرىمنى ئويلىمىغان بولغۇيتتىم. بەك ئەپسۇسلىنىمەن دىلناز، بەك ئەپسۇسلىنىمەن. مەن بەخىت دەپ ھىس قىلغان نەرسە ئەسلى مىنىڭ دوۋزاخ يۇلۇمكەن ئەمەسمۇ؟ مەھشەرگاھتىكى قىلىچتىن ئىتتىك، قىلدىن ئىنچىكە پىلسىرات كۆۋرۇكى قىزنىڭ ئىپپىتىگە نىمە دىگەن ئوخشىغان ھە، سەللا بىخەستىلىك قىلساڭ، سەللا ئېزىقساڭ،  دەقىقە ئىچىدە ئوت دېڭىزىغا غەرق بولىدىكەنسەن...- سەلىمە سۆزىنىڭ داۋامىنى دىيەلمىدى. ھاسىرايتتى. يەنە بىر قېتىم ئۆكسۇپ -ئۆكسۇپ يىغلاپ كەتتى...


    داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ...
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    قۇملۇقنى كولىما بايقۇش، توغراقنى قۇچاقلاپ يىغلاپ-يىغلىۋال ...
    | ۋاقتى : 2008-03-23 16:35 6 -قەۋەت
    sirdaxim
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15864
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 725
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە725دانە
    شۆھرەت: 758 نۇمۇر
    پۇل: 2252 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :298(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

        سەلىمەنىڭ دەرت-ھەسرەتلىرىنى ئاڭلاپ دىلنازنىڭ كۆڭلى تۇلىمۇ يېرىم بولدى. ئۇ پەقەت <بولدى يىغلىما، كۆڭلۇڭنى يېرىم قىلما...> دىگەن تەسەللىنىلا بىرەلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ نىمە دەيدۇ؟ <  سەن خاتا قىپسەن، ئېزىپسەن، نىمىشقا شۇنداق قىلغان بولغىيتتىڭ> دىسىنمۇ؟ ..ياكى <سەن بۇ مەكتەپكە نىمە ئۇچۇن كەلگەن؟ نىمە ئۇچۇن ئىستىقبالىڭنى ئويلۇمۇدۇڭ؟ نىمە ئۇچۇن ئادەم چىقمىغاندەك ئاشۇ ئەبلەخ بىلەن ئارلىشىپ يۇردۇڭ؟>دىسىنمۇ؟ ...ئۇ پەقەت دوستىنىڭ قايغۇسىغا ھەمدەم بولۇپ، يىغىسىغا يىغا بولۇپ ، ئۇنىڭ ئاچچىق ياشتىن نەمدەلگەن يۇزلىرىنى يۇزلىرىگە چىڭ يېقىپ يىغلىدى. كۆڭلىدە ئەكرەمگە قاتتىق نەپرەتلەندى. ئۇنىڭ ساختىپەزلىكىگە، ئالدامچىلىقىغا، رەزىللىكىگە نەپرەتلەندى. قايىرى ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسىغا ئوخشايدۇ ئۇ گۇينىڭ؟ بىر ئالى مەكتەپنىڭ مۇدىرى دىگەنمۇ پەرزەنتىنى مۇشۇنداق لۇكچەك تەربىيەلەمدۇ؟ مۇدىر ئەپەندى ئوغلىنىڭ مەكتەپتە قىلىپ يۇرىۋاتقان ئىشلىرىنى بىلمەي يۇرەمدىكىنە؟ نىمە ئۇچۇن بىر دادا بولغاندىكىن بالىسىنىڭ سىنىپتىكى ئۇقۇش ۋە باشقا ئىشلىرىدىن ئەھۋال ئىگەللەپ تۇرمايدۇ؟ ياكى خوشامەتچى، ۋىجدانسىز ئۇقۇتقۇچىلىرى ئەيىپلىرىنى يۇشۇرۇپ ، ماختاپ كۆككە ئۇچۇرۇپ يۇرەمدىغاندۇ ھە؟ ...ئۇ شۇ خىياللاردىن كىيىن سەلىمەدىن سورىدى:
        - قېنى دىگىنە ، ئەكرەم بۇ ئەھۋالنى ئۇقامدۇ؟
        - ئۇقۇدۇ. شۇ ئىشتىن كىيىن ئۇ ماڭا نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەرگەن . مىنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدىغانلىقىنى، مىنى يەنە ئاۋالقىدەكلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئيېتقان. ماڭا بەك كۇيۇنگەن. لېكىن قورسۇقۇمدا قالغانلىقىنى ئۇققاندىن كىيىن ئۆزگۇرۇپ قالدى.
        -قانداق ئۆزگەردى؟
        -قانداق ئۆزگۇرەتتى، بېشىدا مىنى يالغان ئېيتىۋاتىدۇ دەپ قارىدى. كىيىن مەن راستىنلا بويۇمدا قالغانلىقىنى قايتا-قايتا دىگەندىن كىيىن ئۇ تۇيۇقسىزلا ئۆزگىرىۋالدى. ماڭا < بۇ ئىشنى ھېچقانداق ئادەمگە دىگۇچى بولما. قانداق قىلساڭ قىلىپ دەرھال بۇ ئىشنى يۇغۇشتۇر، بالىنى چۇشۇرىۋەت...مەن بىلەن داۋاملىق بىرگە ئۇتۇشنى ئويلىساڭ، كىيىنكى ئىستىقبالىڭنى  ئويلىساڭ گىپىمنى ئاڭلا...ئەگەر بىرەر ئادەمنىڭ ئاغزىدىن بۇ ئىشلارنىڭ شەپىسىنى ئاڭلاپ قالىدىغان بولسام سىنى ئۆلتۇرۇپ ئۆزەمنى ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن...> دەپ تەھدىت سالدى. يەنە بالىنى ئالدۇرىۋېتىش ئۇچۇن ماڭا 500 يۇەن پۇل بەردى.
        -كىيىنچۇ؟- دىلناز جىددىلىشىپ سورىدى.
        -كىيىن، كىيىن...ئۇ بالىنىڭ ئىشىنى سورىۋىدى. مەن ئۇنىڭدىن قورقۇپ < چۇشۇرىۋەتتىم> دىدىم. شۇ گىپىمدىن كىيىن، ئۇ  ماڭا يەنە نەچچە قېتىم زورلۇق قىلىشقا ئورۇندى. لېكىن مەن قەتئى قۇشۇلمۇدۇم. كىيىن ئۇ مىنى تاتلىق گەپلەر بىلەن  ئالداشقا باشلىدىغاندا ئۇنى چۇشەنگەندەك بولدۇم، ئۇ پەقەت مىنى قونچاق ئورنىدا ئۇيۇنچۇقى قىلىشنى ئويلاپتىكەن  .  ئويلاپ باق، مەن بىرىنچى خاتالىقنى ئۆتكۇزدۇم، ئەمدى قايتىلاپ خاتالىق ئۆتكۇزسەم مىنى قانداقمۇ ئادەم دىگىلى بولسۇن. ئۇ مىنى قايەردە يالغۇز كۆرسە شۇ يەردە تەھدىت سالىدىغان بولىۋالدى. مەن بىلىمەن، ئۇ ئۇقۇش پۇتتۇرگەندىن كىيىن مىنى كونا پايپاقنى تاشلىغاندەك چۆرۇپ تاشلايدۇ. مىنى تۇنۇمايدۇ. شۇڭا مەن ئۇنىڭدىن قېچىپلا يۇردۇم. بايام مەكتەپتە ئۇچرىتىپ قالغاندا سەن ھىس قىلمىدىڭ، مەن بەك قورقۇپ كەتتىم... ماڭا قارا دىلناز.  مەن ئەمدى كىمدىن نەپرەتلىنەي؟ كىمدىن ئاغرىناي؟... مەن پەقەت ئۆزەمدىن نەپرەتلەندىم، ئۆزەمنىڭ ئازغۇنلىقىدىن نەپرەتلەندىم. ئۇنىڭ ئەسلى ئەپتى-بەشىرى مۇشۇنداقكەن ئەمەسمۇ؟
        -ھۇ ساختىپەز ئەبلەخ. ئادەم ئەمەس بىر نىمىكەنغۇ ئۇ.- دىلناز ئورنىدىن قۇپۇپ كەتتى.
        -كونىلارنىڭ <كۇڭۇلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ كۇڭۇل ھەر جايغا باشلايدۇ، سەمەرقەنت ئالمىسدەك ئاپىرىپ چۆللەرگە تاشلايدۇ> دىگەن گىپى راستىنلا توغرا ئىكەن دىلناز. ئەمدى بۇلىدىغان ئىش بولدى. بېشىمنى تاشقا ئۇرساممۇ ئەسلىگە كەلمەيدۇ. مەن ھازىر مەكتەپتە ئۇقۇۋاتامدىمەن ياكى تۇرمىدە يېتىۋاتامدىمەن بۇنىڭغا ئۆزەممۇ جاۋاپ بىرەلمەيدىغان ئەھۋالدا قالدىم.
        -خوش ، ئەمدى قانداق قىلاي دەيسەن؟ ئەكرەمنىڭ ئۇستىدىن ئەرىز قىلامسەن؟
        دىلنازنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، سەلىمە چۇچۇپ كەتتى.
        -يا...ق...ياق... توۋا دىگىنە. ئەرىز قىلمايمەن...بۇ سەتچىلىكنى پۇتۇن مەكتەپكە يايامدىم. ئۇقۇش پۇتتۇرۇشكە ئازلا  ۋاقىت قالغان تۇرسا، مەكتەپ بۇ ئەھۋالنى ئۇقسا مىنى ئۇقۇشتىن چىكىندۇرمەمدۇ؟ ئۇنىڭدىن ئۆلۇۋالغىنىم ياخشى.
        -ئەمىسە قانداق قىلىسەن؟ قورسۇقۇڭ مۇشۇ پېتى تۇرىۋەرمەس، بۇنداق بىر قارارغا كىلەلمەي يۇرىۋەرسەڭ، ھەممە ئەھۋالنى كىيىنچە قورسۇقۇڭ ئۆزى ئاشكارا قىلىپ قويمىسۇن...
        سەلىمە دىلنازنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قورسىقىنى ئاستا سىلاپ قويدى. خۇدا بۇ ئازغۇن بەندىسىگە، بىتەلەي بەندىسىگە ئانا مىھرىنى سېلىۋاتقاندەك قىلاتتى.
        - مىنىڭ بېشىمنىڭ ئىچىمۇ-تېشىمۇ قېتىپ كەتتى ئاداش، بۇنداق ئىشنى باشقىلارغا خالىغانچە دىيىشكە بولمىغاندىكىن  ھېچكىمدىن مەسلىھەتمۇ ئالالمىدىم، ساڭىمۇ نۇرغۇن قېتىم دىيىشنى ئويلۇدۇم، لېكىن يالتايدىم. بۇگۇن كۆڭلۇم شۇنداق يېرىم بولدى. ياتاقتا يەنە يالغۇز قېلىشتىن بەك قورقتۇم. بۇ ئىشنى پەقەت ۋە پەقەت بىر ساڭىلا دىدىم. بۇنى بىر خۇدا، ئەكرەم ۋە سەندىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىنسان بىلمەيدۇ. ساڭا بۇلارنى دەپ خېلى يىنىكلەپ قېلىۋاتىمەن . ماڭا مەسلىھەت بەرسەڭ بوپتىكەن. سەنلا ماڭا ياخشى يول كۆرسۇتۇپ بىرەلەيسەن.
        -مەن بۇنداق ئەھۋالغا تۇنجى قېتىم ئۇچرۇشۇم، مىنىڭ كاللامدا ھازىر ھېچقانداق ئىنكاس يوق . شۇڭا ھەر ئىككىمىز ئوبدان ئويلىنايلى. بولدى سەلىمە، سەنمۇ بەك چارچاپ كەتتىڭ ، ئەسلىدە ياخشى ئارام ئالىدىغان ۋاقىتلىرىڭ ئىدى بۇ...شۇڭا ئارام ئالايلى...قالدى گەپنى ئەتە دىيىشەيلى...
        - مەيلى...بۇگۇن كۆڭلۇڭنى بىئارام قىلىپ قويدۇم. لېكىن مىنىڭ كۆڭلۇمنى چۇشەن دوستۇم. ساڭا كۆپ رەخمەت...
        ئۇلار ياشلىرىنى سۇرتۇشۇپ، يۇيۇنۇپ يېتىپ قېلىشتى. لېكىن  ھېچقايسىسى ئۇخلىيالمىدى. سەلىمەنىڭ كاللىسىدا ئازاپ، ئۇكۇنۇش، تۇگۇمەس زىددىيەتلىك سۇئاللار قاينايتتى. دىلنازمۇ سەلىمەنىڭ كەلگۇسى توغرىسىدا ئويلاندى، ئۇنىڭغا ئېچىندى. ئەكرەم نىڭ ئىشلىرىدىن نەپرەتلەندى. خىياللىرى خىياللارغا قۇشۇلۇپ ۋارىسنى ئويلاپ قالدى. ئەكرەم بىلەن ۋارىسنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىنى سېلىشتۇرۇپ چىقتى.-نىمە دىگەن زور پەرق ھە،  ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل دۇنيا،- ئۇ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپ قويدى. شۇ دەم دىلنازنىڭ خىيالىدا سەلىمەنىڭ ئىشلىرى ئاستا-ئاستا يىراقلاپ، كىلىشكەن، بىلىملىك، ساددا بىر چىراي پەيدا بولۇشقا باشلىدى. دىلناز تۇنجى رەت ئۇچراتقان ۋاقىتتىكى سەمىمى چىراي، دىلنازغا كىتاپ ئۇزاتقان ۋاقىتتىكى شەلپەردەك قىزىرىش، كىكەچتەك دۇدۇقلاش، خىجىلچان كۆزلەر...دىلناز خىياللار ئىچىدە ئۇيان-بۇيان ئۆرۇلۇپ قانداق ئۇخلاپ قالغىنىنمۇ تۇيماي قالدى...
        ئەتىسى كەچ ئىككى قىز مەكتەپكە قايتتى. ئۇزاق مۇنازىرە، ئۇزاق پىكىرلىشىش، ئۇزاق ئويلۇنۇشتىن كىيىن بالىنى ئالدۇرىۋېتىشنىڭ زۇرۇرلىكىنى ھىس قىلىشتى. چۇنكى كۇن ئۆتىۋەرسە بالىمۇ تەڭ يۇغۇناپ ماڭاتتى.  ئەكرەمگە يالغان ئېيتقانلىقىنى، بالىنىڭ تېخى قورسىقىدا بارلىقىنى دىيىش كېرەكمۇ؟...ياق، ئۇنداق دىسە سەلىمەنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالىدۇ، ئەكرەم بۇ  ئىشنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن قورقۇپ سەلىمەگە قەست قىلىشتىن يانمايدۇ...ئۇنداقتا بالىنى قانداق ئالدۇرۇش، نەدە ئالدۇرۇش كېرەك؟....دىلناز بىر ئېغىر باش قېتىقچىلىقىغا يۇلۇققان ئىدى. ئۇ <نىمە دەپ بۇ ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ قالغاندىمەن  ، نىمە بۇلۇپ بۇ قىز بىلەن سىرداش بولۇپ قالغاندىمەن..> دەپمۇ ئويلىدى. لېكىن يەنىلا سەلىمەنىڭ بىچارە تۇرقىغا قاراپ ئىچ ئاغرىتتى. دۇنيادا ئازمايدىغان ئادەم بولمايدۇ ، دوسلارنىڭ  بېشىغا كۇن چۇشكەندۇ تاشلاپ قويۇش ياخشى ئىش ئەمەسدە...دىلناز ئۇزاق ئويلۇنۇشتىن كىيىن سەلىمەگە سىنىپ مۇدىرىدىن  10 كۇنلۇك رۇخسەت سوراش، يۇرتىغا قايتىپ بىر ئاماللارنى قىلىپ بالىنى ئالدۇرىۋېتىپ كىلىش تەكلىۋىنى بەردى. سەلىمە ئۇزاق ئويلاندى. بۇ پىلان بۇلىدىغاندەك قىلاتتى. لېكىن ئۆيىگە نىمە دەپ بارىدۇ؟ قورسۇقۇمدا قالدى دەپما؟ ئالدۇرىۋەتكىلى كەلدىم دەپما؟ ياق . بىچارە ئاتا-ئانىسى بۇ ئەھۋالنى ئۇقسا ساراڭ بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن. قاتتىق قول ، ئىمانى كۇچلۇك ئاكسىچۇ تېخى...سەلىمە ئاكسىنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئويلاپ بۇ پىلاننىىمۇ مۇۋاپىق ئەمەستەك ھىس قىلدى. لېكىن يەنە نىمە ئامال بار؟ ئۇ كۆپ ئويلانغاندىن كىيىن بۇنىڭدىن باشقا چارە يوقلىقىنى ھىس قىلدى. <ئۆيگە بارغاندىن كىيىن بىر ئاماللارنى قىلارمەن > دەپ ئويلىدى.
        - نىمە دەپ رۇخسەت سورىسام بۇلا؟- سەلىمە دىلنازدىن سورىدى.
        - سەن دائىم ماڭا  <ئاتا-ئانام كىسەلچان بولۇپ قاپتۇ، شۇڭا كۆڭلۇم يېرىم...> دەيتتىڭغۇ، بەلكىم باشقا ساۋاقداشلارغىمۇ شۇنداق دىگەن بولىشىڭ مۇمكىن. شۇڭا <ئېغىر كىسەلكەن، كىلىشىمنى ھاۋالە قىپتۇ> دىگىن. مەنمۇ گۇۋاھچى بولۇشۇپ بىرەي... مۇشۇنداق قىلمساق بۇ دىگەن مەكتەپ، كىچىككىنە ئىشلار بىر دەمدىلا يېيىلىپ كىتىدۇ. ئەڭ ياخشىسى تىزراق بولايلى...
        - دىگىنىڭدەك بولسۇن ، ئۆزەممۇ غەمدىن قۇتۇلغاندەكلا بولىۋاتىمەن شۇ تاپ...
        ئەتىسى ئىككى قىز رۇخسەت سوراش توغرۇلۇق نۇرغۇن كىلىشمەسلىكلەرنى تۇقۇپ چىقتى. دادىسىنى ئېغىر كىسەل قاتارىغا چىقاردى. ئۇلار بىر يالغان خەت يېزىپ، سەلىمەنىڭ ئادرىسى نامىدىكى بىر كونۋىرتنى ياساپ چىقتى. مۇئەللىمنى تېخىمۇ ئىشەندۇرمەكچى بولدى. دىلناز مۇشۇ ئىشلارنى قىلىۋېتىپ چىۋىن يەۋالغاندەك بولىۋاتاتتى. ئۇ ئۆز-ئۆزىدىن نەپرەتلەندى. ھاياتىدا بىرەر قېتىم يالغان ئېيتىپ باقمىغان، ھەممە ئىشقا ئەستاھىدىللىق، سەمىمىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بۇ قىز ئۆزىنى بىر گۇناھكاردەك ھىس قىلدى. لېكىن دوستى ئۇچۇن شۇنداق قىلىشنىڭ زۇرۇرلىكىنى مۇھىم دەپ قارىدى.  ئۇلار سىنىپ مۇدىرى قېشىغا رۇخسەت سوراش ئىلتىماسىنى كۆتۇرۇپ كىردى. سەلىمەنىڭ كۆزلىرىدە لىق ياش ئىسەدەپ تۇرۇپ ئۆيىنىڭ ئەھۋالىنى مۇئەللىمگە دىدى، دىلنازمۇ شۇنداق بىچارە، ھىسداشلىق قىلىۋاتقان كەيپىياتتا سەلىمەنىڭ گىپىنى قۇۋۋەتلەپ بەردى. دولقۇن مۇئەللىم بۇ قىزنىڭ كەيپىياتىغا بۇرۇندىن دىققەت قىلىپ كىلىۋاتقاچقىمۇ  ۋە ياكى دىلنازدەك ئۆلگۇلۇك ، تىرىشچان، سەمىمى قىزنىڭ گىپىدىنمۇ ...بىردەم ئولتۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن 10 كۇنلۇك رۇخسەت بەردى. ئۇلار ئۇقۇتقۇچىسىغا بىر ھازا رەخمەت ئۇقۇغاندىن كىيىن يېنىپ چىقتى.
        سەلىمە مېڭىشقا بىر كۇن تەييارلىق قىلدى. تەييارلىقلىرى كۆپ بولمىسمۇ ، ياتاق ئىچىدە كىيىم-كىچەكلىرىنى ھىلى ئېلىپ، ھىلى سېلىپ ، تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۇزۇن-ئۇزۇن خىياللارغا چۇمۇپ ئولتۇردى. تارتمىسىدىن ئاتا-ئانىسى ، ئاكا-ھەدىلىرى ئىبەرتكەن نۇرغۇن خەتلەرنى ئېچىپ، قايتىدىن بىر-بىرلەپ ئۇقۇپ چىقتى. ئۆزىدىن كۇتكەن ئۇمۇتلەرنى، ياخشى تىلەكلەرنى قايتىدىن ئاڭلىدى. كۆزىدە ياش لىغىرلايتتى.  كۆڭلىدە نۇرغۇن چىگىش سۇئاللار، مۇرەككەپ مۇساپە باردەك قىلاتتى. ئارىلىقتا نىمىشقىدۇر مەكتەپ قوروسىنى بىر ئايلىنىپ چىقتى. سىنىپىغا ئۇزۇندىن-ئۇزۇن قاراپ كەتتى. ئەلبۇملىرىنى ئېلىپ ساۋاقداشلىرىغا بىرمۇ-بىر سەپ سالدى. ساياھەتكە چىققان، ھەر خىل پائالىيەتلەرگە قاتناشقان سۇرەتلەرگە قاراپ ئېغىر ئۇھسىنىپ قويدى. ئۇ خۇددى يىراق بىر سەپەرگە ئاتلىنىدىغاندەك ھەممە نەرسىگە تويماي-تويماي قاراپ كەتتى...قىزلار كەچلىك تەكراردىن كىرگەندىن كىيىن ئۇلار بىلەن ئۇزۇندىن-ئۇزۇن مۇڭداشتى. كۇلۇشتى، بۇرۇنقى خوشال كۇنلەرنى ئەسلەشتى...
        ئەتىسى ئۇ ياتاقداشلىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلىشىپ ، دىلنازنىڭ ھەمرالىقىدا ئاپتۇۋۇس بىكىتىگە كەلدى. ماشىنىغا چىقىش ئالدىدا ئۇ دىلنازدىن ئايرىلغۇچسى  يوقتەك ئۇنى چىڭڭىدە قۇچاقلاپ ئۇزاق تۇرۇپ كەتتى. ئۇ ياشلىرىنى سۇرتۇپ تۇرۇپ دىلنازنىڭ قولىقىغا پىچىرلىدى:
        رەخمەت، رەخمەت دوستۇم... سىنى كۆپ ئاۋارە قىلىۋەتتىم. مەن مېڭىشتىن ئاۋال سەندىن بىر ئىشنى ئۇتۇنەي : مىنىڭ سىرلىرىمنى پەقەت ئۆزۇڭلا بىلىپ قال، بۇ مەڭگۇ ئىككىمىز ئارىسىدىكى سىر بولۇپ قالسۇن. بولامدۇ؟
        بولىدۇ،خاتىرجەم بول. مەن چۇقۇم دىگىنىڭدەك قىلىمەن. ئۆزەڭنى ئاسرا،  ئوبدان كۇتۇنگىن، ۋاقتىدا قايتىپ كەل.ھەممىنى يېڭىدىن باشلا، ساڭا  چۇقۇم خوشال كۇنلەر قۇچاق ئاچىدۇ...-دىلنازنىڭ كۆزىدىنمۇ مارجاندەك ياشلار سىرغىدى.
        ماشىنا قوزغالدى. ئىككى قىز ئۇزاقتىن ئۇزاق قول پۇلاڭلىتىشىپ خوشلاشتى .  ماشىنا سەلىمەنىڭ  ئازاپلىق كەچمىشىنى، ئاچچىق يىغىسىنى، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى بۇ ئاۋات، رەڭگارەڭ شەھەردە قالدۇرۇپ، ئۇنى قورسىقىدىكى بىتەلەي تۆرەلمە بىلەن يىراق يېزىغا ئېلىپ يۇرۇپ كەتتى...


    داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ...
       
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    قۇملۇقنى كولىما بايقۇش، توغراقنى قۇچاقلاپ يىغلاپ-يىغلىۋال ...
    | ۋاقتى : 2008-03-24 19:45 7 -قەۋەت
    sirdaxim
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15864
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 725
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە725دانە
    شۆھرەت: 758 نۇمۇر
    پۇل: 2252 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :298(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

       سەلىمەنى يۇرتىغا يولغا سېلىپ ، دىلناز خۇددى بىر ئېغىر غەمدىن خالاس بولغاندەك يىنىكلەپ قالدى. ئۇ 2-3 كۇندىن بۇيان سەلىمەنىڭ ئىشلىرى بىلەن بولۇپ دەرسلەرگىمۇ ئانچە كۇڭۇل بۇلۇپ كىتەلمىگەن ئىدى. ئۇ پات يېقىندا ئېلىنىدىغان ئىنگىلىز تىلى دەرىجە ئىمتاھانىنى ئىسىگە ئېلىپ تەييارلىقنى باشلىۋەتتى. ئۇ كەسپى دەرسلەردىن سىرت ئىنگىلىز تىلى دەرسىگىمۇ ئالاھىدە كۇڭۇل بۇلەتتى، كەلگۇسىدىكى دوكتۇر، ئاسپىرانتلىقنى ئۇقۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن ئىنگىلىز تىلىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بۇرۇنلا ھىس قىلغان، ھەم پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن ئۇگۇنۇشكە كىرىشكەن ئىدى. ئۇ ئىنگىلىز تىلىنى ئىگەللەشتە سىنىپىدىكى ھەممە ساۋاقداشلارنىڭ ئالدىدا ئىكەنلىكىگە ،بۇداقى دەرىجە ئىمتاھانىدا  6-دەرىجىدىن ئۇتۇپ كىتىدىغانلىقىغا تۇلۇق ئىشىنەتتى.
       ئۇ ھەر كۇنى دەرستىن چۇشۇپلا ئىنگىلىز تىلى كىتاۋى ۋە كىچىك ئۇنئالغۇسىنى ئېلىپ مەكتەپ گۇللىكىگە كىلىپ ، سائەت-سائەتلەپ ئۇگۇنۇش قىلدى. ئۇ نىمىشقىدۇر ھەر قېتىم ئۆزىمۇ سەزمەي ۋارس بىلەن پاراڭلاشقان ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ  قالاتتى. بىردەم كىتاپ كۆرسە، بىردەم ئۇنئالغۇسىدىن ئىنگىلىز تىلى سۆزلۇك، جۇملىلىرىنى ئاڭلاپ مەشىق قىلاتتى. دىلناز ئۆزىنىڭلا ئەمەس يەنە نۇرغۇن ساۋاقداشلارنىڭ ئىنگىلىز تىلى ئۇگۇنىۋاتقانلىقىنى ھەر ۋاقىت كۆرۇپ تۇردى.ئۇلارمۇ ئوخشاشلا دەرىجە ئىمتاھانى ھەلەكچىلىكىدە ئىدى.  شۇلارنىڭ ئارىسىدا ۋارسىنىڭ دوستى مۇرادىلمۇ پات-پات گۇللۇككە پەيدا بولۇپ تۇردى. دىلناز ئۇنىڭدىن ۋارىسنىڭ بىرەر خېتىنى كۇتىۋاتقاندەك پات-پات ئۇنىڭغا قاراپ قوياتتى. لېكىن مۇرادىل ئۇنىڭ بىلەن چىرايلىق سالاملىشىپ ئۆزىنىڭ ئۇگۇنىشى بىلەنلا بولدى. بىر كۇنلىكى ئۇ پۇتۇن دىققىتى بىلەن كىتاپ كۆرىۋاتقاندا يېنىدا بىر گەۋدە پەيدا بولدى.
        -سالام، گۇزەل قىز. ئوبدان تۇردىڭىزمۇ؟
        دىلنازغا ۋارسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلانغاندەك بولدى. ئۇ دەرھاللا بېشىنى كۆتىرىپ، ئالدىدا ئۆزىگە قاراپ ھىجىيىپ تۇرغان ئەكرەمنى كۆرۇپ چۇچۇپ كەتتى.
        - ئوبدان تۇرمۇدۇم. قانداق بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى،- ئۇ دەرھاللا قاپاقلىرىنى تۇرۇپ، كۆزلىرىنى باشقا ياققا بورىۋالدى.
        - مىنىڭ ئوتۇمدا ئوبدان تۇرمىغان، كۆڭلىڭىز يېرىم بولغان ئوخشىمامدۇ؟
        - ئۇتەپ بېرىڭا، كۆزۇمگە سەت كۆرۇنمەي.
        - نىمىشقا ئەمدى؟ مەندىن خاپا بولۇپ قالغان ئوخشىمامسىز؟
        - ھە ، خاپا بولۇپ قالدىم، سىزنى كۆرسەملا سەپرايىم ئۆرلەيدىغان بولۇپ قالدى، مىنى كىم كۆرۇپ قالدىڭىز سىز، مىنى باشقا قىزلارغا ئوخشاتماڭ.
        - نىمە دەپ ؟ مىنىڭ ماۋۇ يۇرۇكۇمنى كۆيدۇرۇپ كۇل قىلاي دىدىڭىزما؟ مەن ئەلبەتتە سىزنى باشقا قىزلارغا ئوخشاتمايمەن. باشقا قىزلار يۇلتۇز بولسا، سىز دىگەن 15 كۇنلۇك تۇلۇن ئاي...
        - ئاي، پايلىرىڭىزنى نېرى ئاپىرىڭ. مەن سىز ئۇچۇن ھېچنىمە ئەمەس.
        - ياق ، ئۇنداق دىمەڭ ، سىز مەن ئۇچۇن ئاي، قۇياش، سىز مەن ئۇچۇن سۇزۇك سۇ، ساپ ھاۋا. سىز بولمىسىڭىز مەن بۇ دۇنيادا ياشىيالمايمەن.
        - نىمە؟- دىلناز مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن ئەكرەمگە قارىدى. ئۇ شۇ تۇرقىدا قاقاقلاپ كۇلۇپ كىتىدىغاندەك قىلاتتى.- سىز مۇشۇ گەپنى نەچچە قىز بالىغا دەپ بولدىڭىز؟ ماڭا ساناپ بىرەمسىز، بەش، ئون ، يۇز...
         - توۋا دەڭ دىلناز، توۋا . مەن پەقەت سىزنىلا ياخشى كۆرىمەن، سىزنى كۆرمىگەن كۇن ماڭا كۇن ئەمەس، ئۇڭۇمدىمۇ چۇشۇمدىمۇ سىز. سىزنى ئاچچىقى يېنىپ قالغاندۇ، كۆڭلى ئىرىپ قالغاندۇ دىسەم يەنە ماڭا ئىشەنمەيۋاتقان ئوخشىمامسىز؟
        - توغرا. مەن سىزگە ئىشەنمەيمەن. ھەم سىزگە قىلچىمۇ قىزىقمايمەن. سىزنىڭ سۆزلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى شىرىن-شىكەر ساختا گەپلەر. سىز مۇشۇنداق قىلىپ قانچە قىزلارنىڭ يۇرىكىنى زىدە قىلىپ بولغانسىز ھە؟
        - مىنى شۇنچە يامان كۆرەمسىز، قارىماققا لۇكچەك ، ئۇيۇنچى كۆرۇنگىنىمىز بىلەن دىلىمىز يۇمشاق، كۆڭلىمىز ئاق، قەلبىمىز سۇزۇك بالىلار جۇمۇ بىز.
        - نېرى ئاپىرىڭا ئۇنداق پەرىشتىدەك قەلبىڭىزنى ، ئۇنى ئاپىرىپ ئۆزىڭىزگە ماس كىلىدىغان بىرەرسىگە ئىزھار قىلىڭ. مەن ھازىر ئۇگۇنۇش قىلىۋاتىمەن . مىنىڭ سىز بىلەن قۇرۇق پاراڭ سالىدىغانغا ۋاقتىم يوق.
        دىلناز شۇ تاپ ئەكرەمنىڭ  سەلىمەگە قىلغان ساختا ۋەدىلىرىنى ، قىلغان ئەسكىلىكلىرىنى بىر-بىرلەپ دىمەكچىمۇ بولدى. ئۇنىڭ لۇكچەك، ساختىپەز ئەپتى بەشىرىسىنى ئاشكارىلىماقچىمۇ بولدى. لېكىن سەلىمەگە قىلغان ۋەدىسىنى ئويلاپ توختاپ قالدى. ئۇ بۇ ئەبلەخ بىلەن يەنە بىرگە تۇرۇشنى خالىماي ، دەرھاللا ئورنىدىن  تۇرۇپ ماڭماقچى بۇلىۋىدى،  لېكىن ئەكرەم دەرھاللا ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋالدى.
        -نەگە؟ ئەكرەم گەپ قىلىۋاتىدۇ جۇمۇ سىزگە.
        -زۇڭتۇڭ گەپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ كارىم نىمە. مەن سىزنىڭ بېقىۋالغان ئىتىڭىز ئەمەس. بىلىپ قۇيۇڭ، سىزگىمۇ دىلناز جاۋاپ بىرىۋاتىدۇ.
        -ھا،ھا،ھا...- ئەكرەم كۇلۇپ كەتتى. - ئۇنداق نوچىلىق قىلىپ كەتمە دىلناز. بۇ مەكتەپتە مەن ، سەن يەنە بار. چىرايلىق گەپ قىلسام ئۆزەڭنى بىلەلمەي قالدىڭا.
        - باشقىلار قاراۋاتىدۇ ، قۇلۇمنى قويۇپ بىرىڭ.
        - ئەمىسە مىنىڭ تەلىۋىمگە ماقۇل بول، <سىزنى ياخشى كۆرىمەن> دە.
        دىلنازنىڭ جۇدۇنى ئۆرلىدى. گۇللۇكتە ئۇگۇنۇش قىلىۋاتقان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا قاراپ تۇرىۋاتقاندەكلا ھىس قىلدى.
        -قويۇپ بەر لۇكچەك. قۇيۇپ بەر.
        دىلناز ئەكرەمنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ تىركەشتى. لېكىن ئەكرەم ئۇنى قويىۋەتمەي يېنىغا تېخىمۇ چىڭ تاتتى.
       <چاڭ > قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ، ئەكرەم دىلنازنى قويىۋېتىپ يۇزىنى تۇتۇپلا قالدى. دىلنازمۇ قانداق بولۇپ ئۇنىڭ يۇزىگە تەستەك سالغىنىغا ھەيران بۇلۇپ بىردەم تۇرۇپ قالدى-دە، دارھاللا يەردىكى ماتىرىيالىنى ئېلىپ ياتاق تەرەپكە يۇگۇردى.
        -توختا قانجۇق، توختا.  خەپ... تېخى ماڭا تاياق كۆتىرگۇدەك بولدۇڭما. سىنىڭ مۇشۇ تەستىكىڭ ئۇچۇن سىنى چۇقۇم تىرىك كۆيدۇرىۋېتىمەن...
        ئەكرەمنىڭ ھۆكىرەپ تۇرۇپ  قىلغان گەپلىرىنى يۇگۇرۇپ كىتىۋاتقان دىلناز يېرىم ياتا ئاڭلىدى. ئۇ ئەمدى ئەكرەمنىڭ چىشىغا تەگدى. بىر مۇنچە ئۇقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئۇنى رەسۋا قىلدى، بىر تەستەك سالدى. ئۇنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇردى. ئۇنىڭ نوچىلىقىنى بىر پۇڭ قىلدى. ئەمدى قانداق كۇنلەرنى كۆرەر؟ يۇرىكى كۇندە سۇ بۇلۇپ ئۇتەرمۇ؟ ئەكرەم ئەمدى مەكتەپتە ئۇنىڭغا ياخشى كۇن بەرمەيدۇ؟ چۇقۇم ئۇنىڭ يۇزىنى تۇكىدىغان بىر ئىشنى قىلىدۇ؟ ... دىلناز ياتىقىغا كىرىپلا ئىشىكنى مەھكەم ياپتى. ئۇ ھاسىراپ ، چىپ-چىپ تەرلەپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ خىياللىرىدىن ئۆزى قورقۇپ ، تىترەپ تۇرغان نازۇك جىسمىنى كارۋاتقا تاشلاپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى...
       
        سەلىمەنىڭ ئىشلىرىغا قۇشۇلۇپ ئەكرەم بىلەن بولغان بۇ جىدەل دىلنازغا ناھايىتى بېسىم بولدى. ئۇ ئەمدى مەكتەپ ئىچىدە يۇرەكلىك يۇرۇشتىن قورقۇپ قالدى. سىنىپ بىلەن ياتاق ئارىلىقىدا ھەر ۋاقىت ساۋاقداشلىرىغا ھەمرا بولۇپ يۇردى. ئۇ شۇ دەملەردە ئۆزىنى تۇلىمۇ غېرىپ ھىس قىلىپ قالدى. ئۆزىگە ھەمرا بولىدىغان، دەردىگە يىتىدىغان ، ئۇنىڭغا يۇرەك بولىدىغان بىر ئادەمنىڭ ناھايىتى زۇرۇرلىكىنى ، تۇرمۇشىدا ئۇقۇشتىن باشقا يەنە بىر مۇھىم نەرسىنىڭ كەملىكىنى ئاستا-ئاستا ھىس قىلىشقا باشلىدى. بۇ نىمە كۇن ئەمدى؟ بىر ئوبدان خاتىرجەم ئۇقۇۋاتقان ، كۆڭلىگە گۇزەل ئارزۇ-ئارمانلارنى پۇككەن قىزنىڭ تۇرمۇشىغا نىمىشقا بۇنداق كۇڭۇلسىزلىكلەر بۇسۇپ كىرىدۇ؟ ئادەم نىمە ئۇچۇن بەزى ئازاپلارنى ئۆزىنىڭ خاتالىقى بىلەن ئەمەس ، بەلكى باشقىلارنىڭ خاتالىقى بىلەن يۇقتۇرىۋالىدۇ؟ گۇزەل بۇلۇش، سەمىمى بۇلۇش، مىھرىبان بولۇش ، دوستانە بولۇش...بۇلارنىڭ ھەممىسى گۇناھمۇ؟...دىلناز ھالسىرىدى. ئالدىدىكى ئىمتاھاننىڭ يېقىنلاپ كىلىۋاتقىنى ، ئەكرەمدىن قورقۇش پىسخىكىسى... ئۇ بەزى ئەھۋاللارنى مەكتەپ رەھبەرلىكىگە دىيىشنىمۇ ئويلىدى. لېكىن ئاقىۋەت قانداق بولىدۇ؟ مەكتەپمۇ ئۇنىڭغا تەربىيە قىلار. لېكىن بۇنداق تىگى پەس، مەمەدان، زومىگەر كىيىن تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ ئۆچ ئالسىچۇ؟ بۇنداق ئادەملەرنىڭ قۇلىدىن نىمە ئىشلار كەلمەيدۇ؟...ئۇ بۇ ئىشلارنىمۇ ئويلىماسلىققا تىرىشسىمۇ لېكىن قانداقتۇر بىر غەم ئۇنى قىينايتتى.
        ئەكرەم ئارىلىقتا دىلنازنىڭ نازىر دادىسىدىن ئەنسىرىدىمۇ ، ياكى ئۇنىڭ راسلا مەكتەپ مۇدىرىغا  مەلۇم قىلىشىدىن قورقتىمۇ، دىلنازغا قىساسكار كۆزلىرى بىلەن  مىختەك قادىلىشتىن باشقا ئۇچۇقتىن ئۇچۇق پوپوزا قىلمىدى. ئۇنى قورقۇتمىدى. بۇنداق ئەھۋال بىر قانچە كۇن داۋاملاشقاندىن كىيىن دىلنازنىڭ كۆڭلىمۇ بىر ئاز جايىغا چۇشكەندەك بولدى. ئۇ يەنىلا ۋاقىت چىقىرىپ ، زىھنىنى يىغىپ ئىنگىلىز تىلى ئىمتاھانىغا پۇختا تەييارلىق قىلىشقا چۇشتى.
       
        10كۇنمۇ ئۇتۇپ كەتتى. سەلىمەنڭ رۇخسەت ۋاقتىمۇ توشتى. لېكىن سەلىمە مەكتەپكە كەلمەيۋاتاتتى. ئۇنىڭدىن ھېچ خەۋەرمۇ كەلمىدى. دىلناز بۇ ئىشتىن تېخىمۇ ساراسىمىگە چۇشتى. بەلكىم ئىشى چىقىپ قالغاندۇ؟ تۇلۇق ساقىيىپ بۇلالمىغاندۇ؟ دەپمۇ ئويلىدى. لېكىن 1 كۇنمۇ ئۆتتى، 2 كۇنمۇ ئۆتتى ، 3 كۇنمۇ ئۆتتى. سەلىمەدىن يەنىلا ھېچ خەۋەر يوق. سىنىپ مۇدىرى دىلنازدىن سەلىمەنىڭ كەلمەسلىك سەۋەبىنى تولا سوراپ بېشىنى ئاغرىتىۋەتتى. دىلناز بۇگۇن كىلىپ قالار، ئەتە كىلىپ قالار دەپ ئۆزىگە تەسەللى بىرىۋاتقان بولسىمۇ ، لېكىن كۆڭلى پەقەت جايىغا چۇشمىدى. ئۇنىڭ كۆڭلىگە نۇرغۇن قورقۇنۇچلۇق خىياللار كىلىشكە باشلىدى.


    ئۇيقۇم كىلىۋاتىدۇ...داۋامىنى كىيىن يازاي...
    [ بۇ يازما sirdaxim تەرپىدىن 2008-04-13 20:22 دە قاي ]
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    قۇملۇقنى كولىما بايقۇش، توغراقنى قۇچاقلاپ يىغلاپ-يىغلىۋال ...
    | ۋاقتى : 2008-03-24 23:56 8 -قەۋەت
    sirdaxim
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15864
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 725
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە725دانە
    شۆھرەت: 758 نۇمۇر
    پۇل: 2252 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :298(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

        دىلناز بىئارامسىزلىنىپ تەڭلىكتە قالغانسىرى ياتاقداشلىرى، ساۋاقداشلىرى سەلىمەدىن ئوخشاشلا ئەنسىرەشكە باشلىدى. ئۇلار ھەر كۇنى دەرستىن چۇشۇپ <سەلىمە بۇگۇن چۇقۇم قايتىپ كەلدى> دەپ ياتاققا كىرەتتى. لېكىن بوش كارۋاتقا قاراپ لەسسىدە بولۇشاتتى. ئۇلار ۋاقىتنىڭ ئۇتىشىگە ئەگىىشىپ <چۇقۇم دادىسىنىڭ كىسىلى بەك ئېغىرلىشىپ كەتتى ياكى بولمىسا ئۆيىدە مۇسىبەت ئىشى چىقتى> دىگەن قاراشقا كەلدى. رۇخسەت ۋاقتى تۇشۇپ 5-كۇنىگە كەلگەندە، دىلناز ھەقىقەتەن جىددىلەشتى. يۇرىگى ئەنسىز سۇقۇشقا باشلىدى. بالىسى قانداق بولغاندۇ؟ ئالدۇرىۋەتكەنمىدۇ؟ يولدا بىرەر كىلىشمەسلىككە ئۇچرىغانمىدۇ؟ ئاتا-ئانىسى ئەھۋالنى ئۇقۇپ مەكتەپكە ئىبەرتمىگەنمىدۇ؟ ئاكىلىرى سىڭلىسىنى بۇزۇق كۆرۇپ ئېغىر ئۇرۇۋەتكەنمىدۇ؟ يۇزىمىز چۇشۇپ كەتمىسۇن دەپ يېزىدىكى بىرەرسىگە ياتلىق قىلىۋەتكەنمىدۇ؟ ...ئۇ ئېغىر سوراقلارغا دۇچ كەلدى. نىمە دەپ بىرەر ئۇچۇر ئىۋەتمەيدۇ ھە؟ ...دىلناز نىڭ كاللسىغا شۇ تاپ تۇيۇقسىز < ئۆزىنى ئۆلتۇرىۋالغانمىدۇ يە؟ > دىگەن ۋەھىمىلىك خىيال پەيدا بولدى-دە، ئۆزىنىڭ خىيالىدىن ئۆزى قورقۇپ چۇچۇپ كەتتى. چىرايى تامدەك تاتاردى. يۇرىكى دۇپۇلدەپ سوقتى. <ياق، ياق...توۋا، نىمە بىمەنە خىياللارنى قىلىمەن، ھاياتنى سۇيىدىغان، گۇزەل ئارزۇ-ئارمانلارغا باي ، تىرىشچان بۇ قىز ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ. بەلكىم بىرەر جىددى ئىش چىقىپ قالغاندۇ>...دىلناز ئەنە شۇنداق ئۆزىگە ئۆزى تەسەللى بىرىشكە مەجبۇر بولدى. شۇ كۇنى دولقۇن مۇئەللىم ئەنسىزلىك ئىچىدە تۇرغان دىلنازنى ئىشخانىسىغا چاقىرتتى. دىلناز ناھايىتى ئېغىر قەدەملەر بىلەن گۇناھكارلاردەك بېشىنى سېلىپ كىرىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇ مۇئەللىمگە نىمە دەپ جاۋاپ بىرىش توغرىسىدا كۆپ ئويلاندى.
        - دىلناز، ھازىرغىچە بىرەر ئۇچۇر يوقما؟- دولقۇن مۇئەللىممۇ ئەنسىرىۋاتقاندەك قىلاتتى.
        - يوق. مەنمۇ بەك جىددىلىشىپ كىتىۋاتىمەن.
        - دادىسى بىرەر كىلىشمەسلىككە ئۇچرىغان بولسا، ماڭا ياكى سىزگە بىرەر ئۇچۇر ئىۋەتەر ئىدى. ئىشخانامغىمۇ ھېچ تىلىفۇن قىلمىدى.
        - مىنىڭمۇ پۇتۇن خىيالىم شۇنىڭدا قالدى. يا يەنە بىر-ئىككى كۇن كۇتۇپ باقامدىمىز يە؟- دىلناز مۇئەللىمگە يىلىنغاندەك قارىدى.
        - ھېلىمۇ 5 كۇن ئۇتۇپ كەتتى. مەنمۇ سىز بىرگە كىرگەندىكىن مەكتەپ رەھبەرلىكىگە مەلۇم قىلمايلا رۇخسەت بېرىپتىكەنمەن. ئۆزەممۇ ئەنسىرەپلا تۇرىمەن. شۇڭا ساقلىماي دەرھال ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشايلى.
        - قانداق ئالاقىلىشارمىز؟
        - ئۆيىدە تىلىفۇن يوقما؟
        - يوق، يېزىدا بولغاندىكىن....
        - ئۇنداقتا باشقا پاكولتىتتىكى بىر يۇرتلۇق ساۋاقداشلىرىدىن سۇرۇشتۇرۇپ بېقىڭ، ئائىلىسى بىلەن قانداق ئالاقىلىشىدىكەنمىز. بۇنداق ۋاقىتتا ئۆيىگە خەت يېزىپ ئولتۇرساق يەنە نەچچە كۇن ۋاقىت كىتىدۇ.
        - ماقۇل مۇئەللىم، مەن ھازىرلا ئالاقىلىشىپ سىزگە ئۇچۇرىنى بىرەي.
        دىلناز دولقۇن مۇئەللىم بىلەن خوشلۇشۇپ، ئىشخاندىن بۇرۇنراق چىقىپ كەتمەكچى بولغاندەك تىز-تىز ماڭدى. لېكىن ئىشىك تۇۋىگە بارمايلا مۇئەللىم يەنە ئېغىز ئاچتى.
        - توختاڭ، دادىسىنىڭ كىسەل بولۇپ قالغىنى راس ھە، باشقا بىرەر ئىش يۇز بەرمىگەندۇ؟
        - را...س. را...س ....باشقا ئىش يوق،- دىلنازنىڭ بېشىغا تاغ ئۆرۇلگەندەك بولدى. يۇزلىرى ئوت ئالدى.  دولقۇن مۇئەللىمنىڭ ئويچان كۆزلىرىگە قاراپ شۇنداق  ئەندىكتى. خۇددى ئۆزىنىڭ يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىنى بىلىۋالغاندەك بىردەمدە شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتى. <توۋا، جاھاندا يالغان ئېيتىش نىمە دىگەن تەس، ئادەم ئەجەپ گاچىلىشىپ كىتىدىكىنا، ئاسمان يىراق يەر قاتتىق بىلىنىپ كەتتى. يالغان ئېيتقىنىمغا تويماسمەن ھە ...> ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشلىرىدىن ئۆزى خىجىل بولۇپ ئىشخانىدىن چىقتى.
        دىلناز سەلىمەنىڭ ھەممە يۇرتلۇقلىرى بىلەن كۆرۇشۇپ چىقتى. ئۇلارمۇ سەلىمەنىڭ ھېچقانداق خەۋىرىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى ئېيتىشتى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ دىلنازنىڭ بېشى قاتتى. ئۇ يەنە ئامالسىز دولقۇن مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇلار بىر ھازا باش قاتۇرغاندىن كىيىن ئاخىرى ئادرىس بويىچە تۇرۇشلۇق يېزىلىق ھۇكۇمەت بىلەن ئالاقىلىشىشنى مۇۋاپىق كۆردى. ئۇلار تىلگىراف ئىدارىسى بىلەن بىر ھازا ئالاقىلاشقاندىن كىيىن، يېزىلىق ھۇكۇمەت ئىشخانىسىنىڭ تىلىفۇن نۇمۇرىنى ئىنىقلاپ چىقتى. ئۇلار خۇددى سەلىمەنىڭ خوش خەۋىرىنى ئاڭلىغاندەك، سەلىمە مەكتەپكە قايتىپ كەلگەندەك خوشاللىققا چۆمدى. ئۇلار يېزىلىق ھۇكۇمەتكە تىلىفۇن بىرىپ سەلىمە قاسىمنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى ئۇرۇق تۇققانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشنىڭ زۇرۇرلىكىنى دەپ، ئۇلارغا قاسىم ئاخۇن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مەكتەپكە تېلىفۇن قىلىشىنى ھاۋالە قىلدى. ھەم دولقۇن مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسنىڭ تىلىفۇن نۇمۇرىنى ئېيتىپ بەردى.
        ئۇلار تېلىفۇننىڭ جىرىڭلىشىنى كۇتۇپ ئۇزاق ئولتۇردى. مۇئەللىم بىر ھازا ساقلىغاندىن كىيىن دەرس تەكرارلاش بىلەن بەنت بولدى. لېكىن دىلناز بىردەم مۇئەللىمگە، بىردەم تېلىفۇنغا قارا جىددىلىك ئىچىدە قىينالدى. بىردەم ئولتۇرسا، بىردەم ئۆرە ماڭدى. بىردەم كىتاپ كۆرسە، بىردەم ئېغىر خىىياللارغا غەرق بولدى. ئىچ-ئىچىدىن بىر خىل ئەنسىزلىك كىلەتتى. <تېلىفۇن جىرىڭلىسا ئۇنىڭ پۇتۇن يالغانچىلىقى ئاشكارا بولىدۇ. مۇئەللىم ئالدىدىكى 4 يىللىق سەمىمى ئوبرازىغا داغ چۇشىدۇ. مۇئەللىم ئەمدى ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسىنى يۇقىتىدۇ...> ئۇھ، ئۇ ئاخىرىنى ئويلاشقا جۇرئەت قىلالمىدى. شۇ تۇرقىدا ئىشخانىدىن قېچىپ چىقىپ كىتىدىغاندەك تۇراتتى. ئالاھىزەل 1سائەتلەردىن كىيىن تىلىفۇن ئەنسىز جىرىڭلىدى. دىلنازنىڭ يۇرىكى <قارت> لا قىلىپ ، ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. بىر شۇم خەۋەر كىلىدىغاندەك تىلىفۇنغا قورقۇنۇچ ئىچىدە قارىدى.
        - قېنى سىز ئېلىڭ،- مۇئەللىم دىلنازغا ئىشارە قىلدى.
        دىلناز جىرىڭلاپ تۇرغان تېلىفۇنغا قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتتى، <گۇم> قىلىپلا پارتلايدىغان بومبىنى تۇتقاندەك تىلىفۇن تۇرۇپكىسىنى شۇنچىلىك تەستە كۆتۇردى.
        - ۋەي.
        -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن سەلىمە قاسىمنىڭ ئاكىسى.
        - ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مەن سەلىمەنىڭ ساۋاقدىشى.
        - ھە، سالامەت تۇرۇپسىز. يېزىلىق ھۇكۇمەتتىن ئۆيگە ئادەم بېرىپتىكەن. دادام مىنى كۆرۇشۇپ كەل دەپ ئىبەرتكەن. بىرەر جىددى ئىش بارمىدى.؟
        دىلناز تۇرۇپلا قالدى. لەۋلىرى تىترەپ كەتتى. قارشى تەرەپتىكى ناتۇنۇش ئاۋاز ئۇنى قاتتىق سوراق قىلىۋاتقاندەك بىلىندى. بىردەم دىلىغۇللىقتىن كىيىن <بولدى، يالغاننى باشلىدىم. ئەمدى ئاخىرىغىچە چىڭ تۇرماي ئامال يوق > دىگەنلەرنى ئويلىدى.
        - شۇنداق . سەلىمە <دادام كىسەل> دەپ مەكتەپتىن 10 كۇنلۇك رۇخسەت سوراپ كەتكەن. بۇگۇن 15 كۇن بولدى. قايتىپ كەلمىدى. شۇڭا مۇئەللىم ئەنسىرەپ تىلىفۇن قىلىپ ئالاقىلىشىپ باقايلى دىگەن.
        - نىمە؟
        قارشى تەرەپنىڭ ئەنسىز ئاۋازىدىن دىلناز قورقۇپ كەتتى.
        - نىمە دەۋاتىسىز ؟ دادام نەدە كىسەل بولۇپ قاپتۇ؟ ساپ-ساقلا تۇرمامدۇ.
        -شۇنداقمۇ؟
        -شۇنداق، سەلىمەنى يۇرتقا كەتكەن دىدىڭىزما؟ بۇقانداق گەپ ئەمدى؟ ئۇ بۇ يەرگە كەلمىدى.
        دىلناز سەلىمەنىڭ ئاكىسىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ تۇرۇپكىنى تۇتقىنىچە داڭ قېتىپلا قالدى. < ئۇ بۇ يەرگە كەلمىدى> دىگەن ئاۋاز قۇلاق تۇۋىدە نەچچە رەت جاراڭلىدى. ئۇ كۆڭلىگە كەلگەن ئەنسىزلىك، بىئاراملىقنىڭ رىئاللىقىنى كۆرگەندەك بولدى. سەلىمەنىڭ مەكتەپتىن مېڭىش ئالدىدىكى كەيپىياتى، رھى ھالىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۇردى. يۇرىكى بىر شۇملۇقنى سىزىپ ئۇلگۇردى. دولقۇن مۇئەللىم دىلنازنىڭ ھالىتىگە ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن قاراپ قويۇپ، ئۇنىڭ قولىدىن تۇرۇپكىنى ئالدى.
        - ھە، سۆزلەڭ. مەن سەلىمەنىڭ مۇئەللىمى.
        بىردەملىك جىددى پاراڭلىشىش باشلاندى. مۇئەللىم بىردەم قارشى تەرەپ بىلەن سۆزلەشسە،بىردەم دىلنازغا ھەيرانلىق بىلەن قارايتتى. ئۇنىڭ تۇرقىدىن جىددىلەشكەنلىكى، بىئارام بولغانلىقى، ئۇمۇتسىزلەنگەنلىكى چىقىپلا تۇراتتى. ئۇ ئۇزاق پاراڭدىن كىيىن قارشى  تەرەپ بىلەن خوشلۇشۇپ تېلىفۇننى قويدى. دىلناز شۇ تاپ سەلىمەدىن قاتتىق ئەنسىرەپ كەتكەن بولۇپ، نەچچە قېىم كاللىسىغا كىلىۋالغان < ئۇلۇۋالغانمىدۇ؟> دىگەن سۇئالنى قايتىدىن ئويلىنىۋاتاتتى. ئۇ مۇئەللىمنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ، بىر ۋەھىمىلىك سوراقنىڭ ئۆزىنى سوتلايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ ئۇلگۇردى.
        - سەلىمەنىڭ دادىسى كىسەل بولماپتۇ، سەلىمەمۇ ئۆيىگە قايتماپتۇ. قېنى دەڭە، ئۇ راس شۇنداق دىگەنما؟
        -را..س، راس...شۇنداق دىگەن، تېخى ئۆيىدىن ئىبەرتكەن خەتنىمۇ كۆرسەتكەن.
        - ئەمىسە، بۇ قانداق گەپ؟ ئۇ زادى نەگە كەتتى؟
        - مە..ن، مەن ..مەنمۇ بىلمىدىم مۇئەللىم. ئۇنى مەن بىكەتكىچە چىقىپ يۇرتىنىڭ ماشىنىسىغا سېلىپ ئۇزۇتۇپ قويغان.
        - بىر چوڭ ئىش چىقتى مانا. سىز بىرگە كىرمىگەن بولسىڭىز بۇ رۇخسەتنىمۇ بەرمەيتتىم. ئەمدى مەكتەپ رەھبەرلىكىگە نىمە دەپ جاۋاپ بىرىمەن؟ ئۇنىڭ ئۇستىگە ئاكىسى بۇ ئىشلارنى ئۇقتى. ئەمدى ئائىلىسىدىكىلەر نىمە بولۇپ كىتەر؟ ھەي...
        دولقۇن مۇئەللىم تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇپ ئارقا-ئارقىدىن نەچچىنى شورىدى. بۇ مەسئۇلىيەتنى قانداق ئۇستىگە ئالىدۇ؟ مەكتەپكە نىمە دەپ جاۋاپ بىرىدۇ؟ ئاتا-ئانىسىچۇ؟...ئۇ ھېچقاچان تۇرۇپ باقمىغان قاپاقلىرىنى تۇرۇپ، دىلنازغا شۇنچىلىك سۇغۇق نەزەر بىلەن قارىدى. دىلنازنىڭ تىنى تىكەنلىشىپ كەتتى. ئۇ دوستىغا بەرگەن ياردەمنىڭ ئارقىسىدا بۇنداق كىلىشمەسلىكلەرنىڭ بارلىقىنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان ئىدى.

        ئارىدىن 3 كۇن ئۆتمەي دىلنازنىڭ سىنىپى ئالدىدا 30 ياشلار چامىسىدىكى ئاددىلا كىينگەن، بىر  قارى سۇپەت يىگىت پەيدا بولدى. ئۇنىڭ چىرايى شۇ قەدەر سۇلغۇن، بىئارام بولۇپ، بۇ دەل سەلىمەنىڭ ئاكىسى ئىدى. ئۇ سىنىپ مەسئۇلى دولقۇن مۇئەللىمنى تېپىپ ئۇنىڭ بىلەن ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن، دىلنازنى ئىزدەپ كەلدى.
        - سىڭلىم، سىز دىلناز بۇلامسىز؟
        - ھەئە.
        - مەن سىز بىلەن تېلىفۇندا كۆرۇشكەن سەلىمەنىڭ ئاكىسى. سىزنىڭ تەرىپىڭىزنى بىز بەك كۆپ ئاڭلىغان. سىڭلىم ھەر بارسا سىزنىڭ گىپىڭىزنى قىلىپ بىرەتتى. سىز ۋە ئاتا-ئانىڭىز ئۇنىڭغا كۆپ ئاتىدارچىلىق قىلىپ كەپتىكەنسىلەر.
        - ئۇنچىلىك ئەمەس، بىز ياخشى دوسلاردىن.
      -ھە، سىلەر تېلىفۇن قىلغاندىن كىيىن مەن ساراڭدەكلا بولۇپ قالدىم. بۇ ئەھۋالنى ئاتا-ئانامغا دىمىدىم. ئۇلار ياشىنىپ قالغان، ئەگەر ئاڭلىسا راسلا كىسەل بولۇپ قېلىشىدىن ، يامان ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرىدىم. شۇ كۇنىلا نىمە قىلىشىمنى بىلمەي يولغا چىقتىم. مەكتەپتىن ۋە سىلەردىن ھەقىقى ئەھۋالنى ئۇقاي دىدىم. ئۇ زادى نەگە كىتىدۇ سىڭلىم؟ نەگە كىتىدۇ؟...
        - ئاكا، مىنىڭ كۆڭلۇممۇ بەك يېرىم. مەنمۇ پەقەت بىلەلمىدىم.
        - قىزىق. سىزدىن سوراي سىڭلىم. ئۇ نىمە ئۇچۇن دادام كىسەل دەيدۇ؟ مۇئەللىمدىن ئاڭلسىام سىز  بىرگە رۇخسەت سورىغىلى كىرىپتىكەنسىز. ئۇ مەكتەپتە بىرەر ئىش چىىقىرىپ قويمىغان بولغىيتتى ھە؟
        - يا..ق. ياق.- دىلناز بۇ تۇيۇقسىز سۇئالدىن دۇدۇقلاپ كەتتى. - بىر ئوبدان ئۇقۇۋاتقان.
        - ئەمىسە بۇ نىمە ئىش؟ سىز بەك يېقىنكەنسىز. سىز چۇقۇم بىلىشىڭىز مۇمكىن.
        - مەن راسلا بىلمەيمەن.
        - بۇ نىمە ئىش بوپكەتتى ئەمدى. مەن بىرەر خەۋەر ئاڭلارمەنمىكىن دەپ مەكتەپكە كەلگەن. ئۇ ئىت-مۇشۇك ئەمەس، بىر ئادەمدە سىڭلىم. بىر تۇققاننىڭ مىھرى ئەجەپ بولىدىكەن. شۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن بىرى ماڭا ئۇيقۇ يوق. تۇرغان-تۇتقىنىمنى بىلەلمەيلا قالدىم. مەن چۇقۇم ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئالمىسام بولمايدۇ. بەك بولمىسا مەكتەپ ئۇستىدىن ئەرز قىلىمەن. بىز ئۇنى نۇرغۇن جەۋر جاپا بىلەن بۇ مەكتەپكە ئۇقۇشقا ئەۋەتكەن. بۇ ئىشقا مەكتەپ مەسئۇل بولمىسا بولماس....
        دىلناز سەلىمەنىڭ ئاكىسىغا سەپ سالدى. ئۆزى قارى سۇپەت بولغىنى بىلەن خېلى بىلىمى بار ئادەمدەك قىلاتتى. سۆزلىرىمۇ ناھايىتى  ئۇرغۇلۇق، ئۇرۇنلۇق ئىدى. ئۇنىڭ بىچارە، چۇشكۇنلۇك ئىچىدىكى جەسۇر قىياپىتى دىلنازغا خېلىلا تەسىر قىلدى. ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئىچى ئاغرىدى. دىلناز سەلىمەنىڭ ئاكىسى بىلەن بىر ئۇزۇن پاراڭلىشىپ، <بىلمەيمەن> دىگەن گىپىدە چىڭ تۇرۇپ خوشلاشتى. ئۇ سەلىمەگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىسا بولمايتتى. لېكىن بۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى، ئاكسىى ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرى شۇنداقلا مەكتەپ ئۇچۇنمۇ سەلىمەنىڭ خەۋىرىنى ئېلىشنىڭ ناھايىتى زۇرۇرلىكىنى ھىس قىلىۋاتاتتى.
        ئۇ بىركىچە ئۇخلىيالمىدى. <سەلىمە زادى نەدە؟> دىگەن سۇئال ئۇنى قىينايتتى. ئۇ بەك قورقۇنۇچلۇق ، بەك قورقۇنۇچلۇق خىياللارنى قىلدى.سەھەرگە يېقىن يېرىم ئويغاق ھالەتتە بىر چۇش كۆردى: سەلىمە قولىدا بۇدرۇققىنە بىر ئۇغۇل بوۋاقنى كۆتىرىپ جازا مەيدانىدا تۇراتتى. يېنىدا ئاجايىپ قورقۇنۇچلۇق بىر جاللات ئۇزۇن، پارقىراق قىلىچىنى ئىگىز كۆتۇرۇپ ھەيۋە بىلەن قاراپ تۇراتتى. سەلىمە بوۋاقنى باغرىغا پۇتۇن مىھرى بىلەن بېسىپ ، ھاياتتىن كۆزى قىيمىغان ھالدا ھەممە نەرسىگە تويماي قارىدى. شۇ دەم بىر بۇيرۇق بىلەن جاللات سەلىمەنىڭ بېشىنى چاپتى. كاللا ئۇزۇلۇپ چۇشۇپ، ئېتىلىپ چىققان  قەپ-قىزىل قان يەرنى بويىدى. جاللات قىلىچىنى ئېغىزىغا ئەكىلىپ قان داغلىرىنى ھۇزۇرلۇنۇپ يالاپ چىقتى....توۋا، تۇنۇش چىراي، تۇنۇش كۆز...ۋەھشى جاللاتنىڭ كۆزى، ئەكرەمنىڭ كۆزى...> دىلناز چىلىق-چىلىق تەر ئىچىدە ۋارقىراپ ئويغۇنۇپ كەتتى-دە ، قورقۇنۇچ ئىچىدە يۇرىكىنى تۇتۇپ ئۇن سېلىپ يىغلاپ تاشلىدى.


    داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ...
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    قۇملۇقنى كولىما بايقۇش، توغراقنى قۇچاقلاپ يىغلاپ-يىغلىۋال ...
    | ۋاقتى : 2008-03-27 17:00 9 -قەۋەت
    sirdaxim
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15864
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 725
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە725دانە
    شۆھرەت: 758 نۇمۇر
    پۇل: 2252 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :298(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

        ظەتىسى سەلىمەنىث ظاكىسى دىلنازنى يەنە ظىزدەپ كەلدى. ظۇنىث هالى تۇنۇگۇنكىدىنمۇ بەتتەر ظىدى. ظۇيقۇسىز كأزلىرىدە ياش لىغىرلايتتى . بىر كىچىدە خېلىلا ئۇرۇقلاپ قالغاندەك بىلىندى. ھەي، بىر تۇققانلىق مىھىر، قېرىنداشلىق مىھىر. بۇنداق مۇھەببەتكە نىمە يىتىدۇ بۇ جاھاندا...دىلناز گۇللۇكتە ئولتۇرۇپ سەلىمەنىڭ ئاكىسىغا قاراپ كۆپ ئويلاندى. ھاياتىدا بۇنداق ئېغىر سىناققا ، بۇنداق ئېغىر تاللاشقا دۇچ كەلمىگەن دىلناز ھەممە تەرەپتىن مۇلاھىزە قىلىپ چىقتى. ھازىرقى شارائىتتا ۋەدىنى دەپلا يالغان ئېيتىۋەرسە ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى، سەلىمەنىڭ ئاكسىنىڭمۇ بۇ ئىشلارنىڭ ھېچقانداق سەۋەبىنى ئۇقالماي تېخىمۇ ئازاپ، تېخىمۇ تەڭلىكتە قالىدىغانلىقىنى ھىس قىلدى. سەلىمەنىڭ ئاكىسىنىڭ ئۇمۇتسىزلەنگەن كۆزلىرىگە، ھەسرەت باسقان چىرايىغا قاراپ ئۇ ئاخىرى بەرداشلىق بىرەلمىدى. ئۇ سەلىمەنىڭ ئاكىسىنىڭ ئۆزىنى ئەيىپلىمەسلىكىنى، سەلىمەگە ياردەم بىرىش ئۇچۇن شۇنداق قىلغانلىقىنى كۆپ ئەسكەرتكەندىن كىيىن، ئەكرەم بىلەن سەلىمەنىڭ مۇناسىۋىتىدىن تارتىپ، قورسىقىدا قالغان، ئازاپلانغان، ئۆزىنىڭ ئۆيىدە دەرت تۆككەن، ئۇنىڭ بىلەن مەسلىھەتلەشكەن، ئۇنى ئۇزۇتۇپ قويغان ئشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ تەپسىلى سۆزلەپ چىقتى. مۇشتىلىرىنى چىڭ تۇگۇپ، لەۋلىرىنى چىڭ چىشلەپ ئاڭلاۋاتقان سەلىمەنىڭ ئاكىسىنىڭ چىرايىدا قان قالمىدى. ئۇ دىلنازنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاۋېتىپ ئالدىدىكى گۇللەردىن نەچچىنى ئۇزۇپ بەرگىلىرىنى تىتىپ-تىتىپ تاشلاپ بولدى. يىگىتلەرنىڭمۇ كۆزىدىن ياش چىقىدىغانلىقىنى دىلناز تۇنجى رەت كۆرىۋاتاتتى.
        -ئەبلەخ، ئىشەك...بىچارە، ساددا سىڭلىمىنى شۇنداق خار قىلامسەن. ئىست، مىنىڭ قىزىل گۇلدەك تاتلىق سىڭلىم. سىنىڭ بەختىڭ ئاشۇ نىجىسىنىڭ قولىدا نابۇت بوپتۇ دە.
        سەلىمەنىڭ ئاكىسى شۇ تۇرقىدا ئەكرەمنى بۇغۇزلىۋېتىدىغاندەكلا قىلاتتى. چىشلىرىنى كىرىشتۇرۇپ، بۇيۇن تۇمۇرلىرى كۆپۇپ كەتكەن بولۇپ، ئورنىدىن قۇپۇپ ئورۇندۇقنىمۇ نەچچە رەت تىپىۋەتتى.
        - بولدى ئاكا، بۇنداق ئازاپلانماڭ...مەن ئامالسىز ۋەدەمنى قايرىپ قويۇپ سىزگە  دىدىم. سەلىمە قانداقلا بولمىسۇن سىزنىڭ سىڭلىڭىز. بۇ ئىشلارنى تېخى مەكتەپتە باشقا بىرەر ئادەم بىلمەيدۇ. شۇڭا بۇ يەردە ۋاقىراپ يۇرسەك باشقىلار خەۋەردار بولۇپ قالمىسۇن. ئۇنىڭ تەسىرىنى ئويلاڭ. ئۇنىڭ ئىستىقبالىنى ئويلاڭ...
        - ئىستىقبال. نىمە ئىستىقبال ئۇ؟ بىلەمسىز، بىر قىزنىڭ ھەقىقى ئىستىقبالى ئۇنىڭ ئىپپتىدە. ئەمدى سىڭلىمىنىڭ نىمە ئىستىقبالى قالدى. ئۇ ھازىر نەدە؟ ئۇ ھازىر قانداق قىسمەتلەردە؟...
        - ئۇ ئىرادىلىك قىز. چۇقۇم قايتىپ كىلىدۇ. مەن ئۇنىڭغا بىرگە ئۇقۇش پۇتتۇرىدىغانلىقىمىزنى كۆپ تاپىلىغان.
        - لېكىن ئۇ ھازىر نەدە؟ نەدە؟...مىنى ئەكرەم دىگەن لۇكچەكنىڭ قېشىغا باشلاپ بېرىڭ سىڭلىم. مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر كۆرىشەي.
        - ياق... بۇ تۇرقىڭىزدا بىرەر ئىش چىقىرىپ قويىسىز. بولدى غەزىپىڭىز سەل پەسەيگەندە كۆرۇشۇڭ. ياكى بولمىسا دادىسى مەكتەپ مۇدىرى بولغاندىكىن ئاۋال شۇنىڭ بىلەن كۆرۇشۇپ باقامسىز يە؟
        -دادىسى بىلەنغۇ ئەلبەتتە كۆرىشىمەن. ئاۋال شۇ گۇي بىلەن بىر كۆرۇشەي. قانداقراق ئەبلەخ ئۇ...
        - ئەمىسە ئەتە كۆرۇشۇڭ. مەن ئەتە باشقا يەردە ئايرىم كۆرۇشتۇرەي.
        - ياق، مەن بىر كىچىنى قانداقمۇ ئۆتكۇزىمەن. مۇشۇ تۇرقۇمدا ئېلىشىپ قېلىۋاتىمەن. ياردەم قىلغاندىكىن ئاخىرىغىچە ياردەم قىلىڭ. بۇگۇن چۇقۇم بىر كۆرۇشەي.
        - مىنى بەك تەڭلىكتە قويىۋاتىسىز. مەن نىمە بالاغا مۇپتىلا بولدۇم ھازىر؟...سىز ئاۋال ماڭا ۋەدە بىرىڭ. ئۇنىڭ بىلەن جىدەللىشىپ قالماڭ. دەيدىغان گەپ بولسا دادىسىغا دەڭ...بولامدۇ؟
        - بولىدۇ. مەن ئىمكان بار ئۆزەمنى تۇتىۋالىمەن. مەكتەپ ئەمەسمۇ بۇ، سىڭلىمغا سەت تۇرىدۇ.
        دىلناز سەلىمەنىڭ ئاكىسىغا بىر ھازا سۆزلىگەندىن كىيىن ئۇنى كەچلىك دەم ئېلىشتا ئەكرەم بىلەن كۆرۇشتىرىدىغان بولۇشتى. ئۇلار ساۋاقداشلار دەرستىن چۇشكىچە مەكتەپ سىرتىغا چىقىپ تاماقلىنىپ، پاراڭلىشىپ، سەلىمەنىڭ نەدىلىكىنى، نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىشتى. دىلناز سائىتىگە قاراپ قويۇپ، سەلىمەنىڭ ئاكىسىنى ئەگەشتۇرۇپ مەكتەپ ۋاسكىتبول مەيدانىغا قاراپ ماڭدى.
        دىلناز ئويلىغاندەكلا، ئۇلار كەلگەندە ئەكرەم ۋاسكىتبول مەيدانىدا بىر قانچە چاپارمەنلەر بىلەن دەرستىن چۇشكەن قىزلارغا چاقچاق قىلىپ كۇلۇشۇپ تۇراتتى. دىلناز ھېلىقى شاپىلاقتىن كىيىن، بۇ ئەبگادىن قورقۇپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۇرەتتى. لېكىن بۇگۇن ئامالسىز گەپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
        - ئەكرەم
        ئەكرەم دىلنازنى كۆرۇپ دەرھال يۇگۇرۇپ كەلدى.
        - ھە، كەپ قاپسىزغۇ. كەچۇرۇم سوراي دەپ كەپسىزدە ئاخىر.
        - ياق. ماۋۇ ئاكىمىز سىز بىلەن كۆرىشىدىكەن. جەنۇپتىن كەپتۇ.
        - بۇ كىم؟
        - بىزنىڭ پاكولتىتتىكى سەلىمەنىڭ ئاكىسى.
        بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئەكرەمنىڭ چىراي تاتىرىپ كەتتى. دىلنازغا قىسىق كۆزلىرىنى تىكىپ يەۋېتىدىغاندەك ئالايدى. ئۇ بىرەر ئىشنىڭ يۇز بىرىشىدىن ئەنسىرىگەندەك < ئۇياققا بارىلى> دەپ گۇللۇك تەرەپتىكى ئادەمسىز يەرنى كۆرسەتتى. ماڭغاچ يانچۇقىدىن قانداقتۇر بىر نەرسىنى ئىزدىگەندەك قىلدى. ئۇلار گۇللۇكنىڭ كەينىگە ئۆتكەندىن كىيىن ئەكرەم ئاۋال ئېغىز ئاچتى.
        -خوش، نىمە گەپكىن؟
        - سەلىمەنى تۇنۇيدىغانسىز...مەن شۇ ساددا قىزنىڭ ئاكىسى. لېكىن مەن ئۇنىڭدەك ساددا، يۇۋاش ئەمەس.- ئۇ ھەر ئىككى مۇشتىنى ئەكرەمگە كۆرسۇتۇپ تۇرۇپ چىڭ يۇمدى. - مەن دىلنازدىن ھەممىنى ئاڭلىدىم. كۆزۇم ياش، يۇرۇگۇم قان ھالدا ئاڭلىدىم.- ئۇنىڭ تۇيۇقسىز تەلەپپۇزى ئۆزگەردى.- سەن قىلغان جىمى پەسكەشلىكلەرنى، ئالدامچىلىقلارنى ئاڭلىدىم. سىڭلىم ھازىر يۇقاپ كەتتى. قېنى دىگىنە، ئۇ ھازىر نەدە؟ مۇشۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى پۇتۇنلەي سىنىڭ سەۋەبىڭ...
        - نىمە؟ مەن چۇشەنمىدىم. مەن بۇ ئىشلارنى بىلمەيمەن...
        -بىلمەيمەن؟- غەزەپتىن تىترەپ تۇرغان سەلىمەنىڭ ئاكىسى ئۆزىنى تۇتىۋالالماي، كەتمەن تۇتۇپ پىشىپ كەتكەن مۇشتۇمى بىلەن ئەكرەمنىڭ بۇرنىغا قارىتىپ بىرنى سالدى.- ئەمدى بىلدىڭمۇ؟ ئەمدى بىلدىڭمۇ؟...يەنە بىلمىسەڭ مەن بىلدۇرۇپ قويىمەن...
        تۇيۇقسىز تەككەن مۇشتتىن ھۇشىنى يۇقاتقاندەك بولغان ئەكرەم كەينىگە نەچچە قەدەم داجىپ كەتتى. ئېغىز-بۇرنىدىن چىقىۋاتقان قانغا قاراپ پۇتۇن چىشلىرى چۇشۇپ كەتكەندەك ھىس قىلدى. كۆزىدىن ئوت چىكەتتى. ئەزەلدىن مەكتەپ تەۋەسىدە ئۆزىنى بىرىنچى دەپ قاراپ كەلگەن ئەكرەمگە بۇ مۇش شۇنچىلىك خار كەلدىكى، ئۇمۇ يۇگۇرۇپ كىلىپ سەلىمەنىڭ ئاكىسى بىلەن تۇتۇشۇپ كەتتى. دىلناز بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۇپ قورقۇپ كەتكەنلىكتىن، ئۆزىمۇ سەزمەي ۋارقىراپ كەتتى. ئۇ <بولدى، سۇقۇشماڭلار، ئۇنداق قىلماڭلار...> دەپ قانچە يىلىنسىمۇ بۇ ئىككى گەۋدە تېخىمۇ ئەسەبىلىشىپ قاتتىق مۇشتلىشىپ كەتتى. سەلىمەنىڭ ئاكىسى ئۆزىنى باسالماي ئەكرەمنى ئېغىزىنى بۇزۇپ تىللايتتى. بىردەمدىلا ئادەم يوق گۇللۇكتە بىر مۇنچە ئۇقۇغۇچىلار پەيدا بولدى.
        -مانا ئەمىسە،- چىشلىرى كىرىشىپ كەتكەن ئەكرەم تۇيۇقسىز يانچۇقىدىن پىچىقىنى چىقىرىپ سەلىمەنىڭ ئاكسىنىڭ بېقىنغا <غاسسىدە> تىقىۋەتتى. ئۇ جان ئاچچىقىدا پىچىقىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ يەنە بىرنى تىقتى.
        -ۋايجان، ۋايجان...- سەلىمەنىڭ ئاكسىى بېقىنىنى تۇتۇپلا قالدى. كۆزىنى يۇمۇپ ئاچقۇچە قەپ-قىزىل قان ئۇنىڭ ئاپئاق كۆڭلىكىنى بۇياپ يەرگە ئاستا-ئاستا تېمىشقا باشلىدى. ئۇ بىردەم بېقىنىغا، بىردەم ئەكرەمگە قاراپ تۇرغاندىن كىيىن ، يەرگە پالاققىدە يېقىلدى.
        ئۆزىنىڭ نىمە ئىش قىلىپ سالغىنىنى ئاڭقىرالماي تۇرۇپ قالغان ئەكرەم ، ئالدىدا بېقىنىنى تۇتۇپ سۇنايلىنىپ ياتقان سەلىمەنىڭ ئاكىسىغا قاراپ ھۇدۇقۇپ كەتتى. بىر پەس ئىسىنى يۇقاتقان ئادەمدەك ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى.  ھەر ۋاقىت مۇغەمبەرلىك، مەمەدانلىق چىقىپ تۇرىدىغان چىرايى شۇ تۇرقىدا جازا مەيدانىدىكى جىنايەتچىدەك تىترەپ كەتتى. ئۇ بىردەم سۇكۇتتە تۇرغاندىن كىيىن، قولىدىكى قان يۇقى پىچىقىنى تاشلاپلا، يىراقتا نىمە قىلىشىنى بىلمەي تۇگۇلۇپ قالغان دىلنازغا <لاپ> قاراپ قويۇپ ، يۇگۇرگىنىچە مەكتەپ سىرتىغا قاراپ قاچتى.
        بۇ جىدەل مەكتەپ ئىچىگە بىردەمدىلا پۇر كەتتى. ئەتراپقا نۇرغۇن ئادەم توپلاشتى. ۋەقەنىڭ شاھىدى بولغان بىر قىسىم ئۇقۇغۇچىلار سەلىمەنىڭ ئاكىسىنى دەرھال كۆتۇرۇپ مەكتەپ دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كەتتى. دىلناز ھۇشۇنى يۇقاتقان ئادەمدەك نەگە بېرىشى، نىمە ئىش قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلەلمەيلا قالدى. نىمە ئىشلار بولۇپ كەتتى ھە ؟ سەلىمەنىڭ بۇ بىچارە ئاكسىغا ئەمدى نىمە كەلگۇلۇك؟ ئۇنىڭدىن كۆپ قان ئېقىپ كەتتى. ئىچكى ئەزالىرى چۇقۇم زەخمىلەندى. ئەكرەمدەك قارا نىيەت جاللات قولىدا بىچارە ئاكا-سىڭىل تەڭلا ۋەيران بولارمۇ؟ بۇ يىگىتمۇ ئۇلۇپ كەتسە سەلىمەنىڭ ئۆيىدىكىلەر نىمە بولۇپ كىتەر؟ ...دىلنازنىڭ قەلبى مۇدھىش خىياللاردىن ئاچچىق بۇلۇپ كەتتى. تۇرغان يىرىدىلا زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ قالدى. ئۆزىگە كىلىۋاتقان قىسمەتلەرنى،  خوشال ئۆتىۋاتقان كۇنلىرىنى ئارقا -ئارقىدىن بۇزۇۋاتقان كۇڭۇلسىزلىكلەرنى ئويلاپ بۇغۇلۇپ يىغلاپ تاشلىدى. بىر ھازادىن كىيىن ئۇ ئەسلىگە كەلگەندەك بولۇپ، شۇنچىلىك ھارغىن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھەمرالىقىدا مەكتەپ مەمۇرىيىتى بىناسىغا كىردى. ئۇ ھەممە جىدەل ئەھۋالىنى مەكتەپ ئامانلىق قوغداش بۇلۇمىگە ، ئۇقۇتقۇچىلىرىغا، مەكتەپ رەھبەرلىكىگە يىغلاپ تۇرۇپ دىدى. ئەھۋالنى كۆرگەن نۇرغۇن ئۇقۇغۇچىلار بۇ جىدەلگە، ئەكرەمنىڭ قاتىللىق ھەركىتىگە ئىسپات بولدى.
        دىلنازنىڭ ئاكىسى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى. كۆپ قان ئېقىپ كەتكەچكە نۇرغۇن ئۇقۇغۇچىلار خالىسانە قان تەقدىم قىلدى. جىددى قۇتقۇزۇپ ھاياتى ساقلاپ قېلىنغاندىن كىيىن، مەكتەپ مەمۇرىيىتىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى ئاستىدا، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلدى. پىچاق كىچىك بولغاچقىمۇ ئىچكى ئەزالىرى ئېغىر زەخمىلەنمىگەن بولۇپ، بىرەرئاي داۋالانسا ياخشى بۇلۇپ كىتىش ئىھتىمالى باردەك قىلاتتى. ئۇ مەكتەپنىڭ مەخسۇس ئادەم تەشكىللىشى، كۇتۇنىشى ئاستىدا ئاستا-ئاستا داۋالىنىشقا باشلىدى.
        ئەپسۇس، ھاياتنىڭ ئادىل يەرلىرى يەنە بار. جاھاننىڭ يەنىلا سورىقى بار. جاھانغا پاتماي، ھەممە نىمىنى بېشىغا كىيىپ، كىرىلىپ يۇرگەن نوچىلارنىڭمۇ خار بولىدىغان كۇنلىرى كىلىدىكەن. ھەي، بىردەملىك ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرگەن ئەكرەممۇ قېچىپ قۇتۇلالمىدى. مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالىنى چىقىش قىلدىمۇ، ئۇقۇغۇچىلار ئارىسىدا بۇلىۋاتقان غۇلغۇلىغا دىققەت قىلدىمۇ ياكى ئۆزىنىڭ مۇھىم تەسىرىنى ئويلىدىمۇ، بۇ ئىشقا ناھايىتى جىددى مۇئامىلە قىلىپ، ئەكرەمنى ئادەم تەشكىللەپ تۇتۇپ ئەكەلدى. ئاتىلىق مۇھەببىتىنى قايرىپ قويۇپ، كۆزىدە لىق ياش ھالدا ئوغلىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ياشلىقنىڭ ئەڭ ئالتۇندەك ۋاقىتلىرىنى ئۆتكۇزىۋاتقان، ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرۇش ئالدىدا تۇرىۋاتقان سىتودىنت ئۆزىنىڭ ناچار مىجەزى، ئۇساللىقى، ئەخلاقسىزلىقى تۇپەيلى ئاخىرى ئۆزىنى سوت مەيدانىدا كۆردى. ئەكرەم سوت مەيدانىدا قولىدىكى تۇمۇر كىشەنگە قاراپ قويۇپ، نۇرغۇن پاكىت ئالدىدا ئامالسىز مەكتەپ رەھبەرلىكى ، ئۇقۇتقۇچىلىرى ۋە دىلناز ئالدىدا گۇناھىنى، جىنايىتىنى تۇنۇدى. مەكتەپ ئىچىدە بۇرۇن قىلغان جىدەل -ماجرالىرىنى ئىقرار قىلدى. ئۇ سەلىمەگە قىلغان پەسكەشلىكىنى يۇشۇرغان بولسىمۇ، لېكىن سەلىمەنىڭ ئاكىسىغا پىچاق سالغان ئىشتىن، ئۇنى ئېغىر زەخمىلەندۇرگەن ئىشتىن تانالمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئىقرار قىلىش جەريانىدا ئالدىدا ئولتۇرغان دىلنازغا نەچچە ئون قېتىم قارىدى. ھەر قېتىملىق قاراشتا نۇرغۇن ئۆچمەنلىك باردەك قىلاتتى. كۆزلىرىدىن قىساس ئوتى چاقنايتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق ئەھۋالغا چۇشۇپ قېلىشىنى، ئىستىقبالىنىڭ بۇزۇلىشىنى، ياشلىقىنىڭ خاراپ بولۇشىنى پەقەت دىلنازدىنلا كۆرىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئەركىنلىكىگە سېلىنغان تۇمۇر كويزىنى <ساقچىلار ئەمەس دىلناز سالدى...> دەپلا قارىدى.
        ھايات ئۆزىنىڭ ئاجايىپ تاساددىپىلىقلىرى بىلەن قىزىق. ئەزىز بولغاننىڭمۇ خار بولىدىغان كۇنلىرى كىلىدۇ. بۇ تۇرمۇشتا ئادەم ئۆزىنىڭ كىىينكى تەقدىرى ئۇستىدە مۇقىم قارار چىقىرالمايدۇ. تۇرمۇش يولى ئادەمنى بىلىپ-بىلمەي نۇرغۇن خوشاللىق، بەخىتكە ئىرىشتۇرسە، يەنە بىلىپ-بىلمەي مەڭگۇلۇك ئازاپ، ھەسرەت، ئەلەمگە ئېلىپ بارىدۇ. مانا، مەكتەپنى بېشىغا كىيىپ يۇرگەن ئەكرەم قوپالنىڭ ھالى. سوت يارىلانغۇچىنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالىنى تەكشۇرگەندىن كىيىن، ھەقىقى ئسىپات ئاستىدا ، ئەكرەمگە 3 يىللىق ھۇكۇم كەستى. مۇدىر مۇھەببەت ، ئۇكۇنۇش، پۇشايمان ئارلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ ھىسياتتا ئوغلىنى قارا دەرۋازىغا ئۇزۇتۇشقا مەجبۇر بولدى. ئەكرەم قولىدىكى تۇمۇر كىشەننى كۆتۇرۇپ، قەپەستىكى ئەركىنلىككە تەشنا قۇشتەك تەبىئەتكە تويماي قارىدى. لېكىن ئۇ ئۇ شۇ تۇرقىدا ئۆزىنىڭ جىنايىتىگە، ئۆتكۇزگەن خاتالىقىغا، بىھۇدە مەنىسىز ئۇتۇپ كەتكەن ياشلىقىغا ھېچ ئۇكۇنىدىغاندەك ، پۇشايمان قىلىدىغاندەك قىلمايتتى. ئۇنىڭ يۇرىكىنى بىر خىل مۇرەككەپ قىساس ئوتى كۆيدۇرەتتى...



    ئاخىرى  داۋاملىق يېزىلىدۇ
    مۇنبەرگە تىما يوللىسىڭىز سىزگە كېرەك بولىدىغان بىزەك رەسىملەر بۇ يەردە
    قۇملۇقنى كولىما بايقۇش، توغراقنى قۇچاقلاپ يىغلاپ-يىغلىۋال ...
    | ۋاقتى : 2008-03-28 13:39 10 -قەۋەت
    sirdaxim
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15864
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 725
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە725دانە
    شۆھرەت: 758 نۇمۇر
    پۇل: 2252 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :298(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

       ئۇقۇش پۇتتۇرۇشكە ئاز قالغاندا كىلىۋاتقان كۇڭۇلسىزلىكلەر دىلنازنى ھالسىرىتىپ قويدى. سەلىمەنىڭ سىنىپتىكى پارتىسى، ياتاقتىكى كارۋىتى بوش قېلىۋەردى. ئۇنىڭ مەكتەپكە كىلىشىدىن ئۇمۇت ئۇزۇلدى. ئۇنىڭ نەگە كەتكەنلىكى، نىمە ئىش بولغانلىقى ھەممىگە سىر بۇلۇپ قالدى. دىلناز ۋە سەلىمەنىڭ ئاكىسىدىن بەزى ئەھۋاللارنى ئۇققان ساۋاقداشلار < سەلىمە چۇقۇم بېسىمغا بەرداشلىق بىرەلمەي ئۇلىۋاپتۇ...بىز شۇنداق ياخشى، تىرىشچان ساۋاقدىشىمىزدىن مەڭگۇلۇك ئايرىلىپتۇق...> دىگەن يەكۇنگە كەلدى. مەكتەپ رەھبەرلىكى سەلىمەنىڭ ئاكىسىنى بىر ئايدىن ئارتۇق ياخشى داۋالىتىپ ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئۆزرىخالىق ئېيتىپ، نۇرغۇن مەبلەغ بىلەن ئۇنى يۇرتىغىچە ئاپىرىپ قويدى. سىنىپ مۇدىرى دىلنازنى بىرگە ئېلىپ بېرىشقا ئۇندىگەن بولسىمۇ، ئۆزلۇكسىز كىلىۋاتقان بېسىمغا بەرداشلىق بىرەلمىگەن دىلناز بېرىشنى رەت قىلدى. ئۇ سەلىمەنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئاھۇ-پەريادىغا، دەرتلىك ئازاپلىرىغا، ھەسرەتلىرىگە  قاراپ ئۆزىنىڭ بەرداشلىق بىرەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتكەن ئىدى. سەلىمەنىڭ ئاكىسىنىڭ يارىسى ياخشىلانغان بولسىمۇ لېكىن دىلنازنىڭ قەلبىدە قالغان يارا ساقايمىغان ئىدى . ئۇ يۇز بەرگەن بارلىق ئىشلارغا ئەكرەم ئەمەس خۇددى ئۆزى سەۋەپچىدەك ئازاپلىنىپ يۇردى. قەدىرلىك دوستى، ساۋاقدىشىدىن ئايرىلدى. ئاكسىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەپچى بولدى، مۇئەللىمنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالدى، ئەكرەمنى قارا دەرۋازىغا سولىدى...بەلكىم ئۇ سەلىمەگە ھىسداشلىق قىلمىغان، ئۇنىڭ قان-ياشلىق قىسمىتىنى ئاڭلىمىغان، ئۇنى دوسلۇق مىھرى بىلەن  باغرىغا باسمىغان بولسا بەلكىم بۇ ئىشلارمۇ كۆرۇلمەس بولغىيتتى. ئۇنىڭ قەلبى پۇچۇلاندى،يۇرىكى ئىزىلدى...ئۇ بارغانسىرى ئۆزىنى بەكمۇ بىچارە، بەكمۇ تەنھا ھىس قىلىدىغان بۇلۇپ قالدى. قېىنىپ-قېنىپ يىغلىغۇسى، قەلبىدىكى بىئاراملىقنى  يۇلۇپ تاشلىۋەتكۇسى، ھەممە ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتكۇسى كېلەتتى. دەرت-ھەسرىتىنى، ئازاپلىرىنى بىرەر دىلكەشكە تۆككۇسى، ئۇنىڭ سەمىمى تەسەللىسىگە، مىھرىبانلىقىغا، كۇيۇنىشىگە ئىرىشكۇسى كىلەتتى. ئۇ شۇنچىلىك غېرىپلىق، مەيۇسلۇك ، تەنھالىق ئىچىدە، ئاستا-ئاستا قەلبىدىكى نۇرغۇن سىمالار ئىچىدىن شۇ دىلكەشنى ئىزدەشكە ئۇرۇنىدىغان بولدى. پات-پات ھايا، ۋاپا مىھرى تۇكۇلۇپ تۇرىدىغان بىر جۇپ ئوتلۇق كۆزنى خىيال قىلىدىغان، شۇ كۆزلەرگە تەلمۇرۇپ دەرتلىرىنى پىچىرلايدىغان بولدى. بەزىدە تاتلىق خىياللار دېڭىزىغا غەرق بولۇپ، بىر ۋاپادار يىگىتنىڭ باغرىغا چۇكۇپ ئۇنىڭ چاچلىرىنى سىلىشىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان، قەلبىنى لەززىگە سېلىۋاتقان تاتلىق بىر سىزىمدىن خىجىل بولۇپ، ئاناردەك يۇزلىرىنى بوشقىنا سىلاپ قويىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ پەقەت تىرىشىپ ئۇگۇنۇشلا بار ئىدىيەسىدە، ناھايىتى مۇھىم بىر نەرسىنىڭ ئاستا-ئاستا بىخلىنىپ كۆكىرىۋاتقانلىقىنى ، بۇ بىخلارنىڭ دولقۇنلاپ ئېقىپ تۇرغان سۇزۇك سۇغا مۇھتاج بولىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتمەكتە ئىدى.
        كاللىسىنى تۇگۇمەس سۇئاللار قىينىغاچ ، دىلناز يېقىنلىشىپ قالغان ئىنگىلىز تىلى دەرىجە ئىمتاھانىغىمۇ تۇزۇك تەييارلىق قىلالمىدى. دىققىتىنى شۇنچە يىغسىمۇ ، ئۆزىنى كىتاپقا بەنت قىلسىمۇ، خىيالى ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كىتەتتى. بەزى-بەزىدە ۋارىسنىڭ پۇتۇن دىققىتى بىلەن تەييارلىق قىلىۋاتقان سىماسىمى ئۇچرىتىپ قالغاندا، باشقىدىن بىر غەيرەتكە كەلگەندەك، ئۇنىڭدىن ئىلھام ئالغاندەك بولاتتى. ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتمەكچى بولغاندەك ئىشتىياق بىلەن ئۇگۇنۇشكە كىرىشەتتى. ئارىلىقتا بىر نەچچە كۇن ئۆتكەندىن كىيىن، ئىنگىلىز تىلى ئىمتاھان ۋاقتىمۇ يىتىپ كەلدى. ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرۇش ئالدىدا تۇرغان ھەر قايسى پاكولتىتتىكى  500 غا يېقىن سىتودىنت ئىمتاھان مەيدانىدىن ئورۇن ئالدى. دىلناز گەرچە ياخشى تەييارلىق قىلالمىغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئاساسى بولغاچقا ئىمتاھاندا ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلاتتى. ئۇ يەنىلا ئۆزىنى مەغرۇر تۇتۇپ، مەيداندىكى ساۋاقداشلارغا قاراپ چىقتى، كۆزلىرى ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان ۋارىسقا كىلىپ تىكىلگەندە توك تەپكەندەك تىترەپ كەتتى. ئۇ ۋارىسىنى بۇ مەيداندا دەپ ئەسلا ئويلاپ باقمىغان ئىدى.
         -ياخشى تۇرۇپسىز؟- دىلنازغا قاراپ مىھىر بىلەن كۇلۇپ تۇرغان ۋارس يۇرىكى تىپىچەكلەپ تۇرسىمۇ، تاتلىق بىر ئېقىم پۇتۇن بەدىنىگە تارىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا شۇنچىلىك سالماقلىق بىلەن ئاۋال ئېغىز ئاچتى.
        -ياخشى، ئۆزىڭىزمۇ ياخشى تۇرغاندەك قىلىسىز.
        - خۇداغا شۇكرى. يامان ئەمەس. قىزىق ھە، بىر مەيدانغا كىرىپ قاپتىمىز.
        -شۇنى دەيمەن،- دىلناز خىجىل بولۇپ تۇرسىمۇ، كۆزلىرىنى ۋارىسىنىڭ كۇلۇپ تۇرغان كۆزلىرىدىن ئۇزەلمىدى.- ياخشى تەييارلىق قىلغانسىز؟ قاچان قارىسام پۇتۇن دىققىتىڭىز بىلەن ئۇگۇنۇش قىلىۋاتقان ھالەتتە كۆرىمەن. ئالىم بولۇپ كەتمەڭ يەنە...
         - نەدە؟ پەقەت سىزنىڭ گىپىڭىزنى ئاڭلاپ شۇ..
         -نىمە گىپىمنى؟
         - ئۇنتۇپ قالدىڭىزما؟ سىز ماڭا بەرگەن مەدەت، سىز ماڭا كۆرسۇتۇپ بەرگەن يولچۇ؟... سىزنىڭ سۆزلىرىڭىزنى يۇرۇگۇمگە نەقىش قىلىپ ئويۇپ، ئۇمۇدىڭىزنى ئورۇنداي دەپ تىرىشىپ باقتىم. سىزنىڭ ھەر بىر سۆزىڭىز، ھەر بىر تىلەكلىرىڭىز مەن ئۇچۇن ئالەمچە ئىلھام بولدى...
        -راسما؟ ئادەمنى خىجىل قىلماڭ ھە.
        -راس. سىزدەك ياخشى قىز ئاز ئۇچرايدۇ. مەن سىز ئۇچۇن ھېلىغۇ تىرىشىپ ئۇگۇنۇشكەن، ھەر قانداق ئېغىر ئىشلارنى قىلىشقىمۇ رازى.
        - رەخمەت. لېكىن مەن سىزنىڭ تەلىپىڭىزنى رەت قىلغان تۇرسام، سىزنىڭ ھىسياتىڭىزنى قەدىرلىمىگەن تۇرسام، مىنى يەنىلا شۇنداق ياخشى دەپ قارامسىز؟
       - ئەلبەتتە. سىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ نىشانى، قەدرى ئۇچۇنلا تەلىپىمنى رەت قىلغان. مەن بىلىمەن سىز دىگەن بىر پەرشىتە. سىزنىڭ پۇتۇن جىسمىڭىزدىن ۋاپا، ئەخلاق تۇكۇلۇپ تۇرىدۇ...
         دىلناز ۋارىسنىڭ كۆزلىرىگە قاراشقا بەرداشلىق بىرەلمىدى. ئۇنىڭ يۇرەكلىرى تىترەپ كىتىۋاتاتتى. جىددىلىكنى پەسەيتمەكچى بولۇپ چاچلىرىنى تۇزۇگەن بولدى، كىيىملىرىنى تۇزەشتۇرگەن بولدى، قولىدىكى قەلەمگە قارىغان بولدى...لېكىن يۇرىكىدىكى گۇرۇلدەپ كۆيىۋاتقان ئوتنى پەسەيتەلمىدى. ۋارسىنىڭ مۇھەببەتلىك تىكىلىشلىرى، چىن يۇرىكىدىن چىققان سۆزلىرى ئۇنىڭ نازۇك ھىس تۇيغۇلىرىنى ئويغۇتۇپ بېرىۋاتاتتى. ھەر قانداق بىر قىز ئەنە شۇنداق تاتلىق سۆزلەرگە، ماختاشقا ھىرىسمەن. يىگىتلەرنىڭ مۇھەببەتلىك كۆزلىرىگە ھىرىسمەن. سۇيۇلۇشكە ھىرىسمەن. دىلنازمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئەلبەتتە. ئۇ شۇ پەيتلەردە ۋارسقا بولغان ئىنتىلىش، ھۆرمەتنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتىپ مېڭىۋاتقانلىقىدىنمۇ ، ۋارىسنىڭ  سۆزلىرىدىن ئىچ-ئىچىدىن خوشال بولىۋاتاتتى...
        ئىمتھان باشلاندى. ۋارس پۇتۇن ئىشتىياق بىلەن سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىپ چىقتى. ئۆزلۇكسىز تىرىشىش، ئىزدىنىشتىنمۇ ئۇنىڭ چىرايىدىن ھېچقانداق بىر جىددىلىك، بىسەرەمجانلىق كۆرۇنمەيتتى. ئۇ شۇنچىلىك سالماقلىق بىلەن خۇددى بىرەرسىگە سالام خەت يېزىۋاتقاندەك كەيپىياتتا ئولتۇراتتى. دىلناز ئالدىدىكى تۇگىمەس سوراقلارغا جاۋاپ بىرىۋېتىپ، پات-پات ۋارىسىنىڭ بىرىلىپ ئىمتاھان بىرىۋاتقان مەردانە قىياپىتىگە قاراپ قويدى. ۋارس يېنىدىكى گۇزەل بىر قىزنى ئۇنتۇپ قالغاندەكلا ، قەغەز ئىچىگە سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، پۇتۇن دىققىتى بىلەن جاۋاپ يېزىۋاتاتتى. دىلناز  ئىمتاھاننىڭ شۇنچىلىك جىددى ۋاقىتلىرىنى ئۇنتۇپ، يېنىدىكى قامەتلىك ، كىلىشكەن يىگىتكە ھەۋەس بىلەن قاراپ قويدى. كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدىن ئۇنىڭغا بولغان قايىللىق كىلەتتى. ۋارس ۋاقىت تېخى توشماي تۇرۇپ، سىنىپ بويىچە بىرىنچى بولۇپ ئورنىدىن تۇردى، ئۇ ئويلۇنۇش ئىچىدە جاۋاپ يېزىۋاتقان دىلنازغا كۆزلىرىنى تىكتى. كۆزلەر كۆزلەر بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇچراشتى. يۇرەكلەر يەنە بىر قېتىم كۇيۇشكەندەك بولۇشتى. ۋارس دىلنازغا مىيىغىدا كۇلۇپ قويۇپ ، شۇنچىلىك سالماق، شۇنچىلىك مەردانە قىياپەتتە ئىمتاھان قەغىزىنى تاپشۇرۇپ چىقىپ كەتتى. دىلناز شۇ تاپ ۋارىسنىڭ كۇلىشىدىن ئۆزىنى مەنسىتمىگەندەك، ئۆزىنى دۆت چاغلىغاندەك بىئارام بولۇپ كەتتى. ۋارسىنىڭ پوچىلىقىغا ئاچچىقى كەلدى. «ئەجەپ مىنىڭ ئالدىمدا بىر پوچىلىق قىلىۋالدى ھە؟ ئۆزىنى ناھايىتى بىلەرمەن، ئەقىللىق چاغلاپ قېلىۋاتامدۇ نىمە؟ مەن بولمىغان بولسام ئىمتاھان تۇگىگىچىلىك قەغەزنى جىلاپ ئولتۇرار بولغىيتتى؟ قالغىنىنى نەتىجە چىققاندا كۆرىمىزغۇ...»دىگەنلەرنى ئويلىدى. ئۇ قانداقتۇر بىر خىل ھەسەت ئوتىدا پۇتۇن دىققىتى بىلەن جاۋاپ يېزىشقا كىرىشىپ كەتتى.
         ئارىدىن ھەپتە ئۆتكەندە دىلنازنىڭ سىنىپىغا بىرسى خەۋەر ئېلىپ كىردى.
         - ساۋاقداشلار، ئىنگىلىز تىلى ئىمتاھاننىڭ نەتىجىسى چىقىپتۇ.
         ھەممە بالىلار چۇقۇرۇشۇپ كەتتى. نەچچىنچى دەرىجىدىن ئۆتكەنلىكىنى مۇلاھىزە قىلىشتى. بىر قانچە قىز ئۆز-ئارا تالاشقاچ دىلنازنىڭ قېشىغا كەلدى:
        -دىلناز، سىزنىڭ ئاساسىڭىز ياخشى. ئىنگىلىز تىلىدا سىنىپنىڭ ئۆلگۇسى. چۇقۇم ئەڭ ياخشى نەتىجە ئالدىڭىزمىكىن ...
         - ھە...ياق...بەلكىم...- دىلناز نىمىشقىدۇر دۇدۇقلاپ كەتتى.
         - قوپىڭە، بېرىپ كۇرۇپ كىلەيلى. شۇنداق جىددىلىشىپ تۇرىۋاتىمىز شۇ تاپ...سىزنىڭ 6-دەرىجىدىن ئۇتۇشىڭىزدە گەپ يوق.  شۇڭا بىزنى ئوبدان مىھمان قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ھە.
         -ئۇتۇپلا قالسام چاتاق يوق...
         دىلناز ساۋاقداشلىرى بىلەن كۇلۇشۇپ دىگەندەك مەكتەپ مەمۇرىيەت بىناسى ئالدىغا كەلدى. نەچچە يۇزدەك ئۇقۇغۇچى مەكتەپ ئومومى ئىشلىرىنى ئاشكارىلايدىغان چوڭ جازا ئەتراپىغا ئۇلىشىۋالغان بولۇپ، بەس-بەس بىلەن مۇنازىرە قىلىۋاتاتتى. دىلناز ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجە ئالالمايدىغانلىقىنى بىلسىمۇ لېكىن باشقا ئۇقۇغۇچىلارغا قارىغاندا چۇقۇم ئالدىدا تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئۇ بەس مۇنازىرە قىلىشىۋاتقان بىر قانچە ئۇقۇغۇچىنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سالغاچ ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن قىستىلىپ دىگەندەك ئۇتۇپ جازا ئالدىغا ئۆتتى.
       - قاراڭلار، بىزنىڭ مەكتەپ تارىخىدىكى رىكورتنى بۇزۇدىغان ئادەم چىقىپتۇ.
       - شۇنى دەيمەن. ۋارس بۇرۇندىن بىزنىڭ سىنىپنىڭ ئۇگۇنۇش ئۆلگىسى ئىدى.ئۇنىڭ ھەقىقەتەن تالانتى بارلىقى مانا بۇگۇن يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاندى.
        - ئەجەپ تىرىشچان بالا ھە بۇ، ئۆزىمۇ شۇنداق قاملاشقان. ئەگەر جەنۇبى شىنجاڭنىڭ يېزىسىدىن بولماي ئۇرۇمچىلىك بولىدىغان بولسا 6-دەرىجىدىنمۇ ئاتلاپ ئۇتۇپ كىتەركەن.
         - شۇ ئەمەسمۇ . بىر يۇرتلۇق بولغان بولسام ئۆزەم تەلەپ قويۇپ يۇرىۋالاركەنمەن ئۇ بالا بىلەن. مۇشۇنداق تىرىشچان، ئىستىقباللىق يىگىتلەرنى تاپماق تەس جۇمۇ... 
         -سەن ئۇنداق خام خىياللاردا يۇرگىنىڭ بىلەن يۇرىۋاتقان قىزى باردۇر ئۇنىڭ؟ بۇنداق ياخشى يىگىتلەرنىڭ يېنىدىن ئەگىپ كىتەلمەيدىغان قىزلار كۆپ.
        ....
        دىلناز بۇ قىزلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ نىمىنىدۇر سەزگەندەك بولدى. نىمىنىدۇر قىزغاندەك بولدى. يۇرىكى تۇرۇپلا سۇقۇپ كەتتى. ئۇ 500گە يېقىن ئىسىم ۋە دەرىجە ئىچىدىن ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئىزدىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنگىلىز تىلى سەۋىيەسىگە ئىشەنگەچكىمۇ ئالدىدىكى قاتاردىن ئىزدىمەكچى بولغاندەك بېشىنى ئەڭ يۇقىردىكى رەتكە بورىدى. <ۋارس رۇزى>... ئۇ بىرىنچى رەتتىكى ئىسىمگە كۆزى چۇشكەندە چۇچۇپ كەتتى. كۆڭلىدە <ئەمەس> دىگەندەك خىياللارنى ئۆتكۇزۇپ ، ئىشەنمىگەندەك ئارخىپ تەپسىلاتىغا سەپ سالدى. <ۋارس رۇزى. خېمىيە پاكولتىتى. لاياقەتلىك دەرىجە: 6-دەرىجە....> توۋا، دىلناز كۆزلىرىگە ئىشەنمىگەندەك يەنە بىر قېتىم قايتىدىن تەپسىلى ئۇقۇپ چىقتى. 6-دەرىجىدىن ئۆتكەنلەر تىزىملىكىدە پەقەت شۇ ۋارىسنىڭ ئسىمىلا تۇراتتى. دىلناز ھەيرانلىق ئىچىدە تۇرۇپلا قالدى. ۋارىسنىڭ ئىمتاھان مەيدانىدىكى قىياپىتىنى بىر قۇر كۆز ئالدىدىن ئۆتكۇزۇپ ئۇلگۇردى.< ئۆزىگە نىمانداق ئىشەنگەن ھە؟ ھەقىقى تالانتى بار يىگىتكەن ئەمەسمۇ؟ مۇشۇنداق چوڭ ئالى مەكتەپتە ، ئىنگىلىز تىلى ئاساسى ياخشى نۇرغۇن ئۇقۇغۇچىلار ئارىسىدا بۇسۇپ چىقىپ كىتىپتۇ ئەمەسمۇ؟...> دىگەنلەرنى ئويلىدى. قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن  چىقىۋاتقان پەخىرلىنىش، سۇيۇنۇش ھىسياتىنى ناھايىتى تەستە يۇشۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ، دەرىجىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى.
         - دىلناز، سىز 5-دەرىجىدىن ئۇتۇپسىز، مانا ئىسىمىڭىز،- يېنىدىكى بىر قىز دەرھاللا دىلنازنىڭ دەرىجە رېتىنى كۆرسۇتۇپ قويدى.
        دىلناز ئۆزىنىڭ ئىسمىنى 5-دەرىجىدىن ئۆتكەنلەر تىزىملىكىدىن ئاران تاپتى. گەرچە ئۆزىنى خېلى ياخشى نەتىجە ئىرىشىپتىمەن دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن ۋارسىنىڭ نەتىجىسى ئۇنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. ئۇنىڭ قەلبىدە ۋارسقا بولغان ھۆرمەت بارغانسىرى يۇكسەكلىككە چىقىۋاتاتتى. <ھەقىقى بىلىملىك يىگىت، نامرات بولسىمۇ ئەقىلگە باي، پىكىرگە باي ، ئۆزىنىڭ مۇئەييەن كۇرەش نىشانى، ئارزۇسى بار، كەلگۇسى باريىگىت ....> دىلناز ئىچ-ئىچىدىن سۇيۇنۇپ كەتتى . يۇرەكلىرى بۇلاق سۇيىدەك ئويناقشىدى . كۆزلىرىدە ئۇماق بىر جىلۋە ئەكىس ئەتتى. ئۇ ۋارىس توغرىسىدا بۇلىۋاتقان بەس-مۇنازىرە، ئاپىرىن، ئالقىش ئىچىدىن ئۇنى ئىزدىمەكچى بولغاندەك ھەممە ياققا قاراپ چىقتى. ۋارسقا بۇ خوشخەۋەرنى ئۇزى يەتكۇزمەكچى ، خوشاللىقىغا  ھەمدەم بولماقچى بولغاندەك ، توپ-توپ ئۇقۇغۇچىلار ئارىسىدىن ئۇنى ئىزدىدى. ئۇ بىر ھازا ئىزدىگەندىن كىيىن ، بىر توپ قىزلارنىڭ ئالقىش سادالىرى، قىزغىن پاراڭلىرى ئارىسىدا خوشاللىقتىنمۇ ياكى  ئالقىشتىنمۇ شەلپەردەك قىزىرىپ كەتكەن ۋارىسنى تۇنىۋالدى. ئۇ دەرھاللا ۋارىس قېشىغا يۇگۇرۇپ بېرىشنى ، ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۇرۇشۇشنى، ئۇنى ئەڭ تاتلىق تىللىرى بىلەن تەبرىكلەشنى ئويلىدىيۇ، لېكىن ئۇقۇغۇچىلاردىن ئۇيالغاندەك تۇرۇپ قالدى.   ئۇ بىرگە كەلگەن قىز ساۋاقداشلىرى بىلەن خوشلۇشۇپ ، بىر دەرەخنىڭ تۇۋىگە بېرىپ  ۋارىسىنىڭ ئۇقۇغۇچىلاردىن ئايرىلىپ مېڭىشىنى كۇتمەكچى بولۇپ ساقلاپ  ئولتۇردى. ئۇ يىراقتىن ۋارىسقا قايتىدىن تەپسىلى نەزەر سېلىپ چىقتى. كىلىشكەن قامەت، قاپقارا چاچ، ئۇلىما قاشلار ئارىسىدىكى قاپقارا كۆز، چىرايىدىن چىقىپ تۇرغان سەمىمىلىك، ئەتراپىدىكى قىزلارنىڭ ئۇنىڭغا ھەۋەس بىلەن قارىشى، ئۇنى ھەۋەس بىلەن ماختىشى...<مانا مەن ئىزدىگەن دىلكەش، مەن سېغىنغان قامەت، مىنى بەخىتكە ئىرىشتۇرىدىغان ، ھاياتتىن ھەقىقى سۇيۇندۇرىدىغان مۇھەببەت... ئۇ سەمىمىلىك، ۋاپادارلىقتىكى ئۆلگە بولۇپلا قالماستىن، بىلىم ،ئىقتىدار، تىرىشچانلىقنىڭ ئۆلگۇسى...مەن تىرىشىپ ئۇقۇش نىشانى داۋامىدا تەبىئىلا يۇلۇققان ئۇلۇغ سۆيگۇ... خىزىر ماڭا ئىبەرتكەن ئۇلۇغ ھىسياتىمنىڭ خوجايىنى...>...دىلناز ۋارىسقا قاراپ بەختىنى تاپقاندەك بولدى. تەختىنى تاپقاندەك بولدى. ئۇ ئەمدىلىكتە قەلبىدە ھۇكۇم سۇرىۋاتقان مۇرەككەپ ھىسياتنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگەندەك بولدى. ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بۇيان ۋارىسقا بولغان ھۆرمەت ۋە ئىنتىلىشنىڭ ئەسلىدە ھەقىقى مۇھەببەت ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەندەك بولدى...


    داۋامى داۋاملىق يېزىلىدۇ.
    [ بۇ يازما sirdaxim تەرپىدىن 2008-03-31 18:02 دە قاي ]
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    قۇملۇقنى كولىما بايقۇش، توغراقنى قۇچاقلاپ يىغلاپ-يىغلىۋال ...
    | ۋاقتى : 2008-03-31 17:55 11 -قەۋەت
    sirdaxim
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15864
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 725
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە725دانە
    شۆھرەت: 758 نۇمۇر
    پۇل: 2252 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :298(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

        دىلناز ۋارىسقا بولغان كۆڭلىنى تەھلىل قىلغاچ، ئۇنىڭ قايتىپ كىلىشىنى كۇتۇپ دەرەخ تۇۋىدە ئۇزاق ئولتۇردى. ئۇ شۇ تاپ بۇ نەتىجىگە ئۆزى ئىرىشكەندەكلا خوشال بولىۋاتاتتى. ۋارسىنىڭ ساۋاقداشلار ئارىسىدىكى كۇلۇمسىرىشىگە، خىجىلچان چىرايىغا پات-پات قاراپ قويۇپ، ئۇنى <تىزراق قايتىسىكەن، ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم كۆرۇشسەمكەن، ئۇنى يالغۇز تەبرىكلەپ قويسامكەن> دىگەن ئۇمۇتتە ساقلىدى  . شۇ ئەسنادا ۋارىس ئەتراپىدىكى قىزلار بىلەن خوشلۇشۇپ ، دەرۋازا تەرەپكە قاراپ ماڭدى. دىلناز دەرھاللا ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزى تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتقان ۋارسىنىڭ ئالدىغا يۇگۇرۇپ بېرىشقا تەمشەلدىيۇ، تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ ۋارسىنى يىنىككىنە قولتۇقلىۋالغان چىرايلىق بىر قىزنى كۆرۇپ تۇرۇپلا قالدى. قىز شۇنچىلىك ئۇماق، نازۇك بولۇپ، ۋارسىنىڭ قولىغا تېخىمۇ چىڭ چاپلاشتى، ۋارسىمۇ كۇلۇمسىرەپ تۇرۇپ، كەڭ ئالقانلىرى بىلەن قىزنىڭ مەڭزىنى مىھرى بىلەن بوشقىنا سىلاپ قويدى. بۇ ئەھۋاللارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۇرۇپ تۇرىۋاتقان دىلناز نىمە قىلىشىنى بىلمەي دەرھاللا ئۆزىنى ياندىكى دەرەخنىڭ كەينىگە يۇشۇردى. لېكىن بىر جۇپ گەۋدە كۆز ئالدىدا قايتا-قايتا زاھىر بولۇپ، ئۇنىڭ تاتلىق خىياللىرنى ۋەيران قىلىۋاتاتتى. شۇ تەرىزدە ئۇنىڭ نازۇك يۇرىكىگە زەھەرلىك بىر تىغ ئۇرۇلدى، يۇرىكى يېرىلدى، پارچە-پارچە بولدى، كۆز چاناقلىرىغا لىققىدە ياش كەلدى. بىر رەشىك ئوتى پۇتۇن جىسمىنى كۆيدۇرۇپ چىقتى. ئۇ ئازاپ ۋە ئۇكۇنۇش ئىچىدە دەرەخنىڭ كەينىدىن يىراقلاپ كىتىۋاتقان ئىككى گەۋدىگە نەزەر سالدى. غېرىپ_سەنەم دەك قاملاشقان بىر جۇپ ياش، قىزدىكى نازۇك ئەركىلەش، يىگىتنىڭ قىزنى مۇھەببەتلىك قۇچاقلىشى...<ئىسىت، ئەڭ قاملاشقان، ئەڭ تىرىشچان، ئەڭ قابىلىيەتلىك، ئەڭ سەمىمى بىر يىگىت مەندىن ئاستا-ئاستا يىراقلىشىپ كەتتى. ئۇ بىر قىزنىڭ مۇھەببىتىنى قۇبۇل قىلدى. بىر قىزغا كۆڭلىنى بەردى. ئۇ مىنىڭ قەلبىمدىكى بىردىنبىر يىگىت ئىدى. ئۇ مىنىڭ باھارىم ئىدى. ئۇ مىنىڭ خوشاللىقىم، كەلگۇسۇم، بەختىم ئىدى. مانا ئەمدى مەن يەنە يالغۇز قالدىم، نىمە ئۇچۇن ئۇنىڭ قەلبىمدىكى ئورنىغا بۇرۇنراق كۇڭۇل بۆلمىگەن بولغىيتتىم، نىمە ئۇچۇن ھىسياتىمنى يۇشۇرۇپ كەلگەن بولغىيتتىم....> دىلناز ئازاپلىق خىياللارغا پاتتى. ئۇ شۇ تاپ ۋارىسنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم ئورنىنى ، قەلبىدىكى ئەڭ ئەزىز يىگىتلىكىنى ، ئۇنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرۇپ قالغانلىقىنى ھىس قىلىۋاتاتتى. ئۆزىنىڭ ئۇقۇش، ئۇگۇنۇش دەپلا ھىسياتىنى ئالدىغانلىقىغا، تۇرمۇشىغا بىپەرۋا قارىغانلىقىغا، ۋارىسنىڭ تەلىپىگە بۇرۇنراق قۇشۇلمىغانلىقىغا قاتتىق ئېچىندى.
         دىلناز ھارغىن قەدەملەر بىلەن ياتاققا كىرىپ ، ئاستا كارۋاتقا سۇزۇلدى. كۆزلىرىدە ياش لىغىرلايتتى. ئۇ شۇ تاپ ۋارسىنىڭ سەھرالىق ئىكەنلىكىگە، نامرات ئىكەنلىكىگە ئىتىبار قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.  ئۇنى ئەڭ بۇيۇك ، ئەڭ ئۇلۇغ ئادەمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەش، ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە ئىرىشىش، ئۆز بەختىنى تېپىشنىڭ زۇرۇرلىكىنى ھىس قىلىپ يىتىۋاتاتتى. ئۇ ھازىرغىچە ۋارىسنى بۇنچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئۇنى بۇنچىلىك سېغىنىدىغانلىقىنى، قەلبىدە ۋارىسنىڭ بۇنچىلىك قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقمىغان ، ھىس قىلمىغان ئىدى. ئۇ كۆپ ئويلۇنۇشتىن كىيىن <  ئۇنىڭ ئىقتىدارى مىنىڭ ۋەدىلىرىمنى بۇزۇپ تاشلىدى.   مەن مۇشۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتمىسام بەلكىم مەڭگۇ دەرتتە قېلىشىم مۇمكىن، ئۇنىڭ نامرات بولۇشى مەن ئۇچۇن بەرىبىر. مەن چۇقۇم كۆڭلۇمنى ۋارىسقا بىلدۇرۇشۇم كېرەك > دىگەن قارارغا كەلدى.
          ئاپئاق كۆينەك كىيىپ، قىزىل شارپا ئارتىۋالغان، ئۇزۇن چاچلىرىنى قويىۋېتىپ  پەرىگىلا ئوخشاپ قالغان  دىلناز  مەكتەپنىڭ گۇللۇكىدە ۋارسىنى كۇتۇپ ئولتۇردى. ئۇ شۇ تاپ دەل ۋارس ئۇنى كۆرگەن، ئۇنى سېغىنغان، ئۇنى كۇتكەن، ئۇنى خىيال قىلغان كونا ئۇرۇندۇققا كىلىپ ئولتۇرغان بولۇپ ، ۋارس قالدۇرۇپ كەتكەن بىر ئوت ئۇنىڭ قەلبىنىمۇ لەرزىگە سالماقتا ئىدى. ئۇ ھازىرغىچە بىرەر يىگىتنى كۇتۇپ باقمىغان، ئۇنىڭ يوللىرىغا قارىمىغان، ئۇنىڭغا مۇھەببەتلىك كۇيلىرىنى تۇكۇپ باقمىغان ئىدى. ئۇ يىراقتىن ئۆزى تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتقان ۋارىسنى كۆرۇپ ، بورۇنقى تەمكىنلىكىنى يۇقاتتى، تۇرۇپلا ئورنىدىن قۇپۇپ، ۋىللىدە قىزارغان ئاناردەك  يۇزىنى سىلاپ قويدى.
         -سالام دىلناز،- ۋارىس دىلنازنىڭ خىجالەت ئىچىدە قالغان كۆزلىرىگە باقتى.
         -سالام.
         -پاھ، بۇگۇن ئەجەپ چىرايلىق بۇلۇپ كىتىپسىزغۇ، يەنە بىرەر كىچىلىككە رىياسەتچىلىك قىلامسىز؟
         - ياق، شۇ سىز بىلەن كۆرۇشەي دەپ.
         - ھە، ياخشىغۇ، مەندەك بىتەلەينىڭ سىز بىلەن ئازادە مۇڭدىشىدىغان كۇنلىرىمۇ كىلىدىكەن ھە؟
         - بۇ نىمە دىگىنىڭىز، كىم سىزنى بىتەلەي دەيدۇ. قاراڭ مەكتەپ رىكورتىنى بۇزىۋەتتىڭىز، ھەممە ساۋاقداشلارنىڭ مەبۇدىسىغا ئايلاندىڭىز...سىز ئۆزىڭىزنى بەخىتلىك دەپ قارىسىڭىز بولىدۇ. ھە راست، ئىنگىلىز تىلى دەرىجە ئىمتاھانىدا 6-دەرىجىدىن ئۆتكەنلىكىڭىزنى ، مەكتەپ بويىچە بىرىنچى بولغانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمەن...
         - رەخمەت. رەخمەت...ئۇنچىلىك ماختاشقا ئەرزىمەيدۇ.  ئۇچۇ ، سىزنىڭ ئىلھامىڭىزنىڭ نەتىجىسى. لېكىن قەلبىمدىكى ئازاپ ئالدىدا ئۇ نەتىجە ماڭا ھېچقانچە خوشاللىق بىرەلمەيدۇ.
         - ھە، بۇ نىمە دىگىنىڭىز، سىزدە يەنە نىمە ئازاپ؟
         - بىلمەسكە سېلىۋالماڭ دىلناز. مىنىڭ ۋىسالسىز ئاشىقلىقىمنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
         -نىمە؟ ۋىسالسىز ئاشىق. مەن قارىسام ۋىسالىڭىزغا يەتكەندەك قىلىسز.
         -توۋا دەڭ. مەن سىزسىز قانداقمۇ ۋىسالىمغا يىتەلەيمەن. مەن پەقەت ئۆزەمگە ئۆزەم تەسەللى بىرىپ ياشاپ كەلدىم.
         دىلناز توختاپ ۋارىسنىڭ چىرايىغا قايتىدىن سەپسالدى. ھېلىقى كۇندىكى جۇپ گەۋدىنى كۆز ئالدىغا كەلتۇردى.
         - يالغان ئېيتماڭ، مەن سىزنىڭ بىر قىز بىلەن يۇرگەنلىكىڭىزنى ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆرۇپ قالدىم.
         - نىمە؟ بىر قىز بىلەن؟ خاتا كۆرۇپ قاپسىز، مەن ھازىرغىچە سىزدىن باشقا بىرەر قىزنى ياخشى كۆرۇپ باقمىغان، ھەم مەڭگۇ ياخشى كۆرەلمەيمەن. شۇنداق تۇرۇپ مەن قانداقمۇ باشقا قىز بىلەن...
         - بولدى. بولدى...يۇشۇرماڭ. قايسى كۇنى دەرىجە ئىمتاھانى ئېلان قىلىنغاندا مەن سىزنى كۇتۇپ تۇرغان. كىيىن قارىسام بىر قىز بىلەن قولتۇقلىشىپ كىتىپ قالدىڭىز. خۇددى ئۇزۇن يىللىق ئاشىق-مەشۇقلاردەك. قانداق، كۆرۇپتىمەنمۇ؟...
         -ھا، ھا، ھا....كۆرۇپسز...
         دىلناز ۋارىسنىڭ كۇلىشىدىن ھېچنەرسىنى چۇشۇنەلمىدى. ئۇنىڭ تەمكىن، جاراڭلىق سۆزلىرىدىن ھەيران قالدى.
         - كۇلۇپ كەتتىڭىزغۇ؟ بۇ جاھان بەك تار ھە...
         - قىزىق، سىز ئۇ قىزنى لايىقىكەن دەپ ئويلاپ قالدىڭىزما ؟ ھەرگىز ئۇنداق بىمەنە خىياللاردا بولماڭ، ئۇچۇ مىنىڭ نەۋرە سىڭلىم، ئىسىمى پاتىمە. بۇ يىل كەلگەن. ماتىماتىكا پاكولتىتىدا ئۇقۇيدۇ.
         -ھە؟- دىلناز ئەندىكىپ ئېغىزىنى تۇتۇپلا قالدى.-نەۋرە سىڭلىم؟..
         -شۇنداق ، نەۋرە سىڭلىم.
         -ئۇھ،- دىلناز ئېغىر ئازاپتىن قۇتۇلغاندەك يىنىك بىر تىندى. تۇتۇلۇشقا باشلىغان چىرايىدا قۇياش كۇلگەندەك بولدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بىمەنە خىياللىرىدىن، بىھۇدە ئەندىشلىرىدىن تۇلىمۇ ئۇڭايسىزلاندى.
        -نىمىگە ئۇھ تارتىسىز، بىرەر كۇڭۇلسىزلىك بولغانما؟
        -ياق، ياق...
         دىلناز تۇرۇپلا يىنىكلەپ قالدى. يۇقۇتۇپ قويغان قىممەتلىك نەرسىسىنى قايتۇرۇپ كەلگەندەك يۇرىكى ئويناپ كەتتى. ئۇ مۇدھىش بىر كىسەلدىن قۇتۇلغاندەك، ۋارسىنىڭ ئوتلۇق تىنىقلىرىغا قۇشۇلۇپ كەتكەندەك ،خۇنۇكلىىشىپ قالغان كەلگۇسىنى كۆرگەندەك بولدى. ئۆزىنى نەچچە كۇندىن بىرى ئازاپلاپ كەلگەن رەشىك ئوتى ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتتى. دىلناز ئۆزىگە ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇرغان ئۇلىما قاشلار ئارىسىدىكى قاپقارا ئوتلۇق كۆزلەرگە قاراپ ۋىللىدە قىزاردى.
         - ۋارىس. مەن ئۆز كەلگۇسۇمگە ئۆزەم ئىگە بۇلۇش، ئۆزەم ئارزۇ قىلغان نەرسىگە ئىرىشىش ھۇقۇقۇم بارمۇ؟
         -ئەلبەتتە. سىزدەك ئەخلاق ۋە ھۆسۇن جامالدا تەڭداشسىز قىز ھەممە نەرسىگە ئىرىششىكە ھۇقۇقلۇق.
         - ۋارس، بىر گەپنى دىسەم مىنى بىمەنە قىزكەن، ئۆزىنىڭ گىپىدە ئۆزى تۇرمايدىكەن دەپ قالماسىسىز ھە؟
         - ياق، ياق..ھەرگىز.
         - ۋارس ،مەن كۆپ ئويلاندىم، تۇرمۇشتا ئادەم ھەر خىل قىسمەتلەرگە ئۇچرايدىكەن، ئادەمنىڭ تۇرمۇش يۇلى ئىرادىسى بويىچە بولماي قالىدىكەن.
         -بەلكىم...
         -شۇنداق، ئۇقۇش پۇتتۇرۇشكە ئاز قاپتۇ. شۇڭا مەن سىزگە كۆڭلۇمدىكىنى دىيىش قارارىغا كەلدىم.
         - قېنى دەڭ، قېنى؟...- ۋارىس تۇرۇپلا جىددىلىشىپ كەتتى. ئۇ شۇ تاپ بىر خوشخەۋەرنى ئالدىن ھىس قىلىپ يىتىۋاتاتتى. تەمكىن ھالىتىدە تۇرۇپلا ئۆزگۇرۇش بۇلۇپ، يۇرىكى رىتىمسىز تىز-تىز سۇقۇپ كەتتى.
         - ماڭا يازغان خېتىڭىز ئىسىڭىزدىدۇ؟ كىتاپنى قايتۇرۇپ بەرگىنىم بىلەن خېتڭىز ماڭا ھەمراھ بۇلۇپ كەلدى. مەن سىزنى ئىزچىل كۆزۇتۇپ كەلدىم، سىزنى ئىزچىل ھۆرمەتلەپ كەلدىم. سىزگە ھىسداشلىق قىلدىم...لېكىن بۇنىڭ ھەممىسىدە بىر خىل ھىسيات باركەن. مۇرەككەپ بىر خىل ھىسيات...
         -قانداق ھىسيات، قېنى دەڭە؟
         دىلناز ۋارىسنىڭ جىددىلىشىگە ئەگىشىپ ئۆزىنىڭمۇ ناھايىتى جىددىلىشىپ كىتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدى. ئالدىدىكى قامەتلىك ، سۇباتلىق يىگىتنىڭ تەلمۇرۇشلىرىگە قاراپ خىجىل بولدى. بەرداشلىق بىرەلمىدى. ئۇ ئويماقتەك ئۇماق ئېغىزىنى ئۆزىگە تىكىلىپ تۇرغان ۋارسىنىڭ قۇلىقىغا يېقىن ئەكەلدى.
         - مەن سىزنىڭ تەلىپىڭىزگە قۇشۇلدۇم. مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن. چىن يۇرۇكۇمدىن....
          دىلناز شۇ گەپنى  بوشقىنا پىچىرلىدى -دە ، ھەيرانلىق ھەم خوشاللىق ئىچىدە نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ تۇرۇپ قالغان ۋارسىقا خوشمۇ دىمەي  ياتاق تەرەپكە قاراپ يۇگۇردى.

         كۇنلەر-كۇنلەرنى قوغلاپ ئۇتۇشۇپ تۇردى. ۋارىس بىلەن دىلنازنىڭ مۇھەببەتلىك  تۇرمۇشى باشلاندى. ئىككى ياش گۇزەللىك ۋە قابىلىيەتنىڭ تۇرتكىسدە بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۇشۇپ ، ئايرىلماس بىر جۇپلەرگە ئايلاندى. نازىرنىڭ ئەتىۋارلىق گۇزەل قىزى بىلەن نامرات سەھرا يىگىتىنىڭ سۆيگۇ سەپىرى مەكتەپتە قىزىق نوقتا  بۇلۇپ، ساۋاقداشلار ئارىسىدىكى دائىملىق پاراڭ تىمىسى بولۇپ قالدى .  دىلنازنىڭ ئىشقىدا مەستانە بۇلۇپ يۇرگەن نى-نى يىگىتلەر ھەيرانلىق ئىچىدە قاراپ قېلىشتى. ئىقتىدارلىق يىگىتلەرنىڭ بىلىمگە تايىنىپ گۇزەل قىزلارنى قولغا كەلتۇرەلەيدىغانلىقى ، ئۇمۇتۋار، تىرىشچان قىزلارنىڭ نامرات بولسىمۇ تالانتلىق يىگىتلەرنى يەنىلا ياقتۇرىدىغانلىقىنى ھىس قىلىشتى. ئىككى ياش ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان، ئورتاق ھىسياتتا بىر-بىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ، مىنۇت ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي، تاماق ۋاقتى، دەم ئېلىش ۋاقتى، تەكرار ۋاقىتلىرىنى بىرگە ئۆتكۇزۇپ ، ئەڭ ئاخىرقى ئۇقۇش پۇتتۇرۇش ئىمتاھانىغا بىرگە تەييارلىق قىلماقتا ئىدى. ۋارس ئۆزى ئارزۇ قىلغان، لېكىن ئىرىشىشكە مەڭگۇ كۆزى يەتمىگەن بۇ رىئاللىق ئالدىدا خېلى تەمتىرىدى. ھەيرانلىق، ھاياجان ئىچىدە يۇرىكى دائىم ئېغىزىغا كەپلىشىپ قالاتتى. ئۆزىنى ھەر ۋاقىت مىھرى بىلەن قولتۇقلاپ  كىلىۋاتقان قىزنى خۇددى تاتلىق خىيالىدەكلا ھىس قىلاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بىلىمىنى دەپ ئالدىدىكى نۇرغۇن ئۇڭۇشسىزلىقلارغا پىسەنت قىلماي  چىن ھىسياتىنى تەقدىم قىلغان ، ئۆزىنى چىن يۇرىكىدىن  سۆيگەن دىلنازدىن پەخىرلىنەتتى. ھاياتىنىڭ چىن مەنىسىنى تاپقاندەك ئىچ-ئىچىدىن خوشال بولاتتى.
          كۇنلەر ئەڭ شىرىن مۇھەببەت ھىسلىرىدا ئاستا-ئاستا ئۇتۇپ ، ئۇقۇش پۇتتۇرۇدىغان ۋاقىتمۇ كەپ قالدى. ۋارسنىڭ گۇزەل كۇنلىرىمۇ ئاستا-ئاستا تۇگىۋاتاتتى. ئۇ مەكتەپتىن ئايرىلىش، ئۇرۇمچىدىن ئايرىلىش پەيتىنىڭ يىتىپ كىلىشىگە ئەگىشىپ، بۇ خوشال كۇنلەرنىڭ ئۇزاققا بارمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى. ئۇ ھازىرغىچە بۇ توغرىدا ئويلۇنۇپ باقمىغان ئىدى. «ئۇقۇش پۇتتۇرسە ئۇ يۇرتىغا قايتىشى كېرەك، دىلناز ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن جەنۇبى شىنجاڭغا،  يىراق سەھراغا كەتمەيدۇ. لېكىن دىلنازدىن ئايرىلىش ئۇنىڭغا ئۇلۇم بىلەن باراۋەر، يىگىتلىك ھاياتىدا ئۇ پەقەت ۋە پەقەت بىر دىلنازنىلا ياخشى كۆردى، بىر دىلنازغىلا كۆڭلىنى بەردى. بىر دىلنازدىنلا مۇھەببەتنىڭ ھۇزۇرىنى سۇردى. ئۇ مەڭگۇ باشقا بىرىگە كۇڭۇل بىرەلمەيدۇ، باشقا بىرىنى ياخشى كۆرەلمەيدۇ. لېكىن ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ نىمىشقا بۇرۇنراق بۇ ئاقىۋەتلەرنى ئويلىمىغان بولغىيتتى. نازىرنىڭ ئىستىقباللىق قىزىنى ياخشى كۆرۇپ قالغان ۋاقىتتا ، ئۇنىڭغا كۆڭلىنى ئىزھار قىلغان ۋاقىتتا، دىلنازنىڭ ماقۇللىقىنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا نىمە دەپ  كىيىنكى مۇساپىلەرنى ئويلىمىغان بولغىيتتى. » ...مانا، ۋارس ئەڭ ئازاپلىق مىنۇتلارغا دۇچ كەلدى. ئۇ ئەمدى دىلناز بىلەن چىرايلىق ئايرىلىپ كىتىشى كېرەك. بۇ رىئاللىق ئالدىدا باش ئىگىشى كېرەك...
        ۋارس كۆپ ئويلۇنۇشتىن كىيىن دىلنازغا بۇنى دىيىشنىڭ زۇرۇرلىكىنى ھىس قىلدى. ئۇ بىر كۇنى كەچلىكتە دىلنازغا ئامالسىز ئېغىز ئاچتى.
        -دىلناز، ئۇقۇش پۇتتۇرۇشكە 10 نەچچە كۇنلا قاپتۇ. ئويلاپ باقتىڭىزمۇ 10 نەچچە كۇنلا...شۇ كۇنلەر كەلسە بىز قانداق قىلارمىز؟
        - قانداق قىلارمىز؟ سىز قانداق قىلماقچى؟
        - مەنمۇ ئۇقمايمەن. بۇ ئىشلارنى ئويلاپ كاللام قاپاق بولۇپ كەتتى. بىز ئاقىۋەتنى ئويلىماي ئىش قىلىپ قالدۇقمۇ نىمە؟ مۇھەببەتلىك مۇساپىنى مۇشۇنداقلا ئاخىرلاشتۇرارمىزمۇ؟ سىز بۇ چوڭ شەھەردە، مەن يىراق سەھرادا كىيىنكى تۇرمۇش يولىمىزغا قاراپ ماڭارمىزمۇ؟...
        - نىمە؟ سىز شۇنداق قارامسىز.
        - لېكىن...لېكىن...بىزنىڭ كىيىنكى تۇرمۇش يولىمىز بىر بولمىسا...بۇ پاجىئەلىك مۇھەببەت بۇلۇپ قالارمۇ ؟
        -توۋا، سىز نىمانداق خىيالدا. مىنى ھەقىقى ياخشى كۆرمەمسىز يە؟
        -ياق، ياق...بۇنىڭغا تەڭرىم گۇۋاھ. لېكىن...سىز مەن بىلەن يېزىغا كىتەلمەيسىزدە ؟
        -كىم شۇنداق دەيدۇ؟ مەن بەختىم ئۇچۇن، سۆيگۇم ئۇچۇن يېزىغا بارسام نىمە بوپتۇ؟
        -نىمە؟...راس دەۋاتامسىز؟...بۇ چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس جۇمۇ. سىز دىگەن يالغۇز قىز، ئۇنىڭ ئۇستىگە دادىڭىز چوڭ ئەمەلدار. بۇنىڭغا ئويىڭىزدىكىلەر ھەرگىز يول قويمايدۇ.
        - بۇنى سىز نىم بىلىسىز. مەن ئۆز بەختىم  ئۇچۇن ھەر قانداق قۇربانلارنى بىرىشكە رازى. لېكىن سىز ئۇرۇمچىدە قېپ قېلىشنى ئويلاپ باقمىدىڭىزما؟
         -ھە؟-ۋارس دىلنازغا قاراپ ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى. راس گەپنى قىلسا ئۇ ھازىرغىچە بۇنداق خىيالنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى. ئۇرۇمچىدە قېلىش ، مۇۋاپىق خىزمەت تېپىش  ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش بولمىسا يە. ئۇ ئۆزىنى پەقەت شۇ يېزىغىلا خاستەك ھىس قىلاتتى. - ياق، ياق..مەن ئويلاپ باقماپتىمەن. بۇ مۇمكىن بولمىسا يە.
        -نىمىشقا مۇمكىن بولمايدۇ. سىزنىڭ ئىرادىڭىزلا چىڭ بولسا خىزمەت ئىشىڭىزنى مەن دادامغا دەپ ھەل قىلىمەن.
       -نىمە؟ دادامغا دەپ...بۇنىڭغا دادىڭىز قەتئى قۇشۇلمايدۇ...مەن كىم؟ سىز كىم؟...بۇنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ مەندەك نامرات دىھقان پەرزەنتىنى ئاتا-ئانىڭىز قانداقمۇ كىيوغول قىلىدۇ؟ بۇ ئىشنى دىسىڭىز ئۇلار ئايلىنىپ كەتمىسۇن.
        - توۋا، ئۇغۇل بالىدەك گەپ قىلىڭە، ئۇغۇل بالا دىگەنچۇ ، ئاسماندىكى ئاينىمۇ ئۇزۇپ ئالالايدىغان بولۇشى كېرەك. بىز ئۆز بەختىمىز ئۇچۇن نۇرغۇن ئۇڭۇشسىزلىقلارغا بەرداشلىق بىرىشىمىز، بەدەل تۇلەلىشىمىز كېرەك.
         -سىز راسلا ئىشەنچ قىلالامسىز؟
         -مەن ئىشىنىمەن. سىز يا بىر لۇكچەك، ئۇسال، ئەخلاقسىز ئادەم بولمىسىڭىز. مىنىڭ ئاتا-ئاناممۇ تەربىيە كۆرگەن، مەسىلىلەرگە توغرا قارايدىغان ئادەملەر. ئۇلار ھەرگىزمۇ سىز ئويلىغاندەك ئەمەس. مەن دادامنى قايىل قىلالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.
         ۋارس دىلنازنىڭ ئىشەنچ چاقناپ تۇرغان ئويناق كۆزلىرىگە قاراپ ئېغىر تىنىپ قويدى. ئۇرۇمچىدە قېلىش توغرىسىدا ، دىلناز بىلەن مەڭگۇلۇك ئەر-خوتۇن بۇلۇش توغرىسىدا ھېچقانداق خىيالدا بولۇپ باقمىغان ۋارس ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى. خىيالىدىكى نازىرنىڭ قۇپال چىرايى، توڭ قاپاقلىرى، ئۇنى مەنسىتمەي قىلغان زەھەردەك ئۆتكۇر سۆزلىرى... ۋارىسنىڭ تىنى شۇركۇنۇپ كەتتى. <ياق، ياق...مۇمكىن بولمايدىغان ئىش...بۇ پەقەت دىلنازنىڭ ئارزۇسى...مىنىڭ ئارزۇيۇم...لېكىن رىئاللىق بىز تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئاددى ئەمەس...> ۋارىس ئاچماق يول ئېغىزىدا قالغان يۇلۇچىدەك گاڭگىراپلا قالدى.
         دىلناز بۇ ئەھۋاللارنى 2-3 كۇن ئىچىدە ئاتا-ئانىسىغا دەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ۋارىسنى ئۇمۇتلەندۇرۇپ خوشلاشتى. قارىماققا دىلناز بۇ ئىشقا ۋارىسقا ماقۇل بۇلۇشتىن بۇرۇنلا تەييارلىق قىلىپ قويغاندەك قىلاتتى. ۋارس ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلدى. مۇھەببەت بىلەن ئايرىلىش، سەھرا بىلەن شەھەر، نامرات بىلەن باي....مۇرەككەپ تۇرمۇش سىناقلىرى، مۇرەككەپ ھايات يولى...


    ئاخىرى داۋاملىق يېزىلىدۇ.
        
    [ بۇ يازما sirdaxim تەرپىدىن 2008-04-02 12:22 دە قاي ]
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    قۇملۇقنى كولىما بايقۇش، توغراقنى قۇچاقلاپ يىغلاپ-يىغلىۋال ...
    | ۋاقتى : 2008-04-02 00:41 12 -قەۋەت
    sirdaxim
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15864
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 725
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە725دانە
    شۆھرەت: 758 نۇمۇر
    پۇل: 2252 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :298(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

      ئۇقۇش پۇتتۇرۇش ئىمتاھانىمۇ ئاياقلىشىپ قالدى . دىلناز ئەمدى مۇھىم بىر قارارنى چىقىرىشى، ئاتا-ئانىسىنى قايىل قىلىشى ، كىيىنكى تۇرمۇش مۇساپىسىدىكى ئەڭ مۇھىم بەختىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك ئىدى. ئۇ  ئاتا-ئانىسىغا كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى قانداق دىيىش توغرىسىدا كۆپ ئويلاندى  . ئاتا-ئانىسى ئالدىدا ئىزچىل شەرمى -ھايا ئىچىدە ياشاپ كەلگەن بۇ قىزنىڭ بېشى بەك قاتتى. بۇ ئىشلارنى ۋاقتىدا دىمىسە ، يۇرىكىدىكى پىنھان سىرلىرىنى يۇشۇرسا ۋارسنى  ئامالسىز جەنۇبى شىنجاڭغا ئۇزۇتۇ پ قويۇشقا مەجبۇر بولاتتى.  تۇنجى ئاشىقىدىن ، سۆيگەن يارىدىن ، مەڭگۇلۇك بەختىدىن ئايرىلىپ قالاتتى ...ئۇ شەنبە كۇننىڭ تىزراق كىلىشىنى كۇتتى. بۇ ئۇنىڭ مەكتەپ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى شەنبىسى ئىدى. بۇ شەنبە ئۆتسە ئۇ ئۇقۇش پۇتتۇرەتتى. ۋارىس بىلەن خوشلۇشۇشقا ، ئۇنى ئازاپ ئىچىدە ئۇزۇتۇشقا مەجبۇر بولاتتى. ئۇ ئەڭ زور غەيرەت، ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن قىزلىق نازاكىتىنى قايرىپ قويۇپ ئاتا-ئانىسىغا ھەممىنى دىيىشنى مۇۋاپىق تاپتى.
        شەنبە كۇنىمۇ يىتىپ كەلدى. دىلناز ۋارس بىلەن سۇيۇنۇش ۋە ئەندىكىش ئىچىدە خوشلۇشۇپ،  دەرۋازا ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان دادىسى بىلەن بۇرۇنقىدىن بەكرەك قۇچاقلىشىپ كۆرۇشتى، ئۆزىنىڭ كەلگۇسىنى تۇتۇپ تۇرغان دادىسىنىڭ مۇلايىم كۆزلىرىگە زور ئۇمۇت بىلەن نەچچە رەت قاراپ چىقتى. نازىر كۆز ئالدىدىكى چىرايلىق قىزىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدا ئۇنىڭ زاڭىقىنى بوشقىنا مۇجۇپ قويدى.
        -قىزىم، تىزراق بولايلى. ئۆيگە مىھمانلار كەپتىكەن. كىيىن قالساق سەت تۇرمىسۇن.
        -نىمە مىھمانلار ئىكەن ئۇ دادا؟
        - ئۆمەر تاغاڭ بولمامدۇ. ئۆيىدىكىلەر بىلەن بىزنىڭ ئۆيگە پەتىلەپ بارغان چېغى. ئاپاڭ <دىلنازنى ئېلىپ تىز كىلىڭ...> دەپ تىلىفۇن قىپتۇ. چەتئەلگە ئۇقۇشقا چىكەتكەن ئوغلىمۇ قايتىپ كەلگەن ئوخشايدۇ...
        -ھە،- دىلناز  دادىسىنىڭ يېقىن دوستى، قايسى بىر ۋىلايەتكە ۋالى بولۇپ كەتكەن ئۆمەر تاغىنى كۆز ئالدىدىن ئۆتكۇزگەچ ماشىنىغا چىقتى.- چەتئەلگە ئۇقۇشقا چىكەتكەن قايسى ئوغلى ئۇ؟
        - ئۇنتۇپ قالدىڭما، ھېلىقى بېيجىڭ مىللەتلەر ئىنىستىتوتىدا ئۇقۇپ كىلىپ ، ياپۇنىيەگە ئاسپىرانتىلىقتا ئۇقۇشقا كەتكەن نۇردۇن ئاكاڭغۇ...ئۇ ياپۇنىيەگە مېڭىش ئالدىدا ئاپاڭ بىلەن بىرگە ئۆيىگە ئۇزۇتۇپ قويۇشقا باردۇققۇ، ئەمدى ئىسىڭگە كەلگەندۇ؟
        -ھە، ئىسىمگە كەلدى، ھېلىقى كۆز ئەينەك  تاقىۋالىدىغان چىرايلىق ئاكاش.
        دىلناز ماشىنىدا ماڭغاچ نۇردۇننىڭ چىراينى بىر قۇر ئەسلەپ چىقتى. خوشخۇي، چاقچاقچى، مىجەزى ئوڭلۇق بۇ يىگىتنى  ئۇ نەچچە قېتىم كۆرگەن . تېخى ئۇنىڭدىن ئىنگىلىز تىلى ۋە باشقا بىلىملەر توغرىسىدا نۇرغۇن سوئاللارنى سورىغان، ئۇنىڭ بىلەن خېلى قىزغىن پاراڭلاشقان ئىدى . ئەمەلدارنىڭ ئوغلى بولسىمۇ كىبىرىسى يوق بۇ يىگىتنىڭ ئىسىل پەزىلەتلىرىنى ئويلاۋاتقان دىلناز تۇيۇقسىز ئەندىككەندەك ئۆزىگە ئۆزى پىچىرلىدى. <توۋا، بېشىمدا ئۇچاق قايناۋاتسا، نىمە دەپ خەقنى ئويلاپ يۇرۇيمەن. ئۇ ئادەملەر ئەمدى قاچان كىتەر ئۆيدىن؟  مۇھىم ئىشلىرىم قايرىلىپ قالىدىغان بولدى دە، بوپتىلا كىچىچە بولسىمۇ ئاپامغا دەرتلىرىمنى تۇكەي...> ، ئۇ كۆزلىرىنى چىڭ يۇمغىنىچە ئۇرۇندۇقنىڭ يۇلەنچىكىگە ئاستا بېشىنى قويدى.
        دىلناز ئىشىك ئالدىدا توختۇتۇپ قويۇلغان ئالى دەرىجىلىك 2 ماشىنىغا قاراپ قويۇپ، دادىسى بىلەن ئالدىراپ ئۆيگە كىردى. دىلنازنىڭ ئاپىسى پەرىدە خانىم ئىشىكنى ناھايىتى جىددىلىك ئىچىدە ئاچتى. پەشتاما ئارتىۋالغان بودەككىنە بۇ خانىمنىڭ پىشانىسى چىپ-چىپ تەرلەپ كەتكەن بولۇپ، چىرايىدا بىر خىل خوشاللىق باردەك قىلاتتى. ئۇ ئىشىكنى ئاچا-ئاچماي ئېغىز ئاچتى:
        - بەك تەستە كەلدىلە، مىھمانلار ئۇزۇن ساقلاپ كەتتى.
        -ھە، بىزمۇ ئالدىرىدۇق...ئەمدى كەڭ كۇشادە ئولتۇرىمىز.
        - قېنى قىزىم، ئۆزەڭمۇ ھارمىغانسەن. تىز چىقىپ چاچلىرىڭنى چىرايلىق تاراپ، كىيىملىرىڭنى ئالماشتۇرۇپ كىر، چاپسان بول...
        -نىمىشقا ئەمدى؟ بولدىلا كۆرىشىۋىرەي. كۆرۇشۇپ بولۇپلا چىقىپ كىتىمەن. مىنىڭمۇ نۇرغۇن ئىشلىرىم بار. -دىلناز شۇنداق دىدى-دە، دادىسىنى قولتۇقلاپ مىھمانخانا تەرەپكە ماڭدى.
        -توختا، توختا...نىمانداق گىپىمنى ئىلىك ئالمايسەن. ئالماشتۇر دىگەندىكىن ئالماشتۇر. چىرايلىق قىزىمنىڭ باشقىلار ئالدىدا تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كىتىشىنى خالايمەن. ماڭ، ماڭ...تىز بول...
        پەرىدە خانىم دىلنازنى قۇلىدىن بوشقىنا تارتىپ ئۇستىنكە قەۋەتكە چىقىدىغان پەشتاق قېشىغا ئاپىرىپ قويدى- دە ، نازىرغا ئەگىشىپ مىھمانخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى. دىلناز <قىزىق ئىش...> دەپ ئۆزىگە ئۆزى پىچىرلاپ قويۇپ ياتاق ئۆيىگە چىقىپ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇشقا تۇتۇندى.
        پەرىزاتتەك چىرايلىق ياسىنىپ ، سۇسقىنە گىرىم قىلغان دىلناز مىھمانخانا ئىشىكى ئالدىدا پەيدا بولدى. قىزغىن پاراڭلارغا چۇشۇپ كەتكەن ئىككى ئائىلە جىممدە توختىدى. ئۆمەر ۋالى، خانىمى، نۇردۇن ئالدىدا دىلناز ئەمەس باشقا بىر پەرى تۇرغاندەك ، ئۇنىڭ ئۇستى بېشىغا تەپسىلى قاراپ چىقتى. دىلناز نىمىگىدۇر ئەندىكىپ، ئۆزىنىڭ نازۇكلىق تەبىئىتى بويىچە مىھمانلارغا بوشقىنە ئىگىلىپ سالام بىرىپ  ئۆرە تۇردى .
        - كىلىڭ قىزىم، كىلىڭ.- ئۆمەر ۋالىنىڭ ئايالى ناھايىتى چاققانلىق بىلەن كىلىپ، تەمتىرەپ تۇرغان دىلناز بىلەن  مەڭزىنى يېقىپ كۆرۇشتى. خۇددى ئۇزۇن يىل كۆرمىگەن قىزىنى كۆرىۋاتقاندەك دىلنازنىڭ ئۇماق چىرايىغا تويماق قاراپ كەتتى.
        -بۇياقنى تۇنۇيدىغانسىز ؟ نۇردۇن ئاكىڭىز . تېخى يېقىندىلا ياپۇنىيەدىن قايتىپ كەلدى.
        -تۇنۇيمەن،- دىلناز ئىككى قولىنى جۇپلەشتۇرۇپ يەرگە قاراپ ئولتۇرغان نۇردۇنغا قاراپ كۇلۇمسىرىدى.- سالامەت قايتىپ كەپسىز.
        ياخشى.- تەمكىنلىك بىلەن ئولتۇرغان نۇردۇن تۇرۇپلا كۆز ئەينىكىنى تۇتۇپ قويدى.قارىماققا ئۇمۇ جىددىلەشكەندەك قىلاتتى.
        تاماق تارتىلىپ ، ئىككى ئائىلە غىزاغا تۇتۇش قىلدى. ئارىلىقتا ئائىلە، تۇرمۇش، خىزمەت توغرىسىدا نۇرغۇن پاراڭلار بۇلۇپ تۇردى. ئۆمەر ۋالىنىڭ ئاپىسى پات-پات ئوغلىنىڭ ئالىجاناپلىقى، پەزىلىتى، ئىقتىدارى، بىلىمى توغرىسىدا سۆزلىدى .دىلنازنىڭمۇ پەرىشتىدەك چىرايلىق قىز بولغانلىقىنى، مەكتەپنى ياخشى نەتىجە بىلەن پۇتتۇرگەنلىكىنى ماختاپ ئولتۇردى. بەزىدە  ئاندا-مۇندا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان نۇردۇن بىلەن دىلنازغا قاراپ ، پەرىدە خانىمغا كۆزىنى قىسىپ قوياتتى. دىلناز مىھمانلارنىڭ تىزراق قايتىپ كىتىشىنى ئۇمۇت قىلغاندەك سائىتىگە نەچچە قېتىم قاراپ قويدى. لېكىن ئىككى ئائىلە نەچچە يىل كۆرۇشمىگەن قەدىناسلاردەك شۇنداق خوشال پاراڭلىشىۋاتاتتى. نۇردۇننىڭ يەرگە قاراپ مۇلايىملىق بىلەن قىلغان نۇرغۇن سۆزلىرىنى دىلناز جاۋاپسىزلا قالدۇرۇپ قويدى. ئېغىزىدا<ھە،ھە...> دەۋاتقان بولسىمۇ، كەچتە ئاتا-ئانىسىنىڭ خوشال كەيپىياتىنى بۇزۇدىغانلىقىدىن ئەنسىرەپلا تۇراتتى. ئۇ شۇ تاپ ئاپىسىغا دەيدىغان سۆزلىرىنى كاللىسىدىن قايتا-قايتا ئۆتكۇزىۋاتاتتى. بىر ھازادىن كىيىن دىلناز ئۇقۇش پۇتتۇرۇش ماقالىسىنى باھانە قىلىپ ، ناھايىتى تەستە مىھمانلار بىلەن خوشلۇشۇپ ياتىقىغا چىقىۋالدى. كاللىسىدا پەقەت ۋارىس ، مۇھەببەت، كەلگۇسىلا ھۇكۇم سۇرەتتى. ئۇ تارتمىسىدىن ۋارىسنىڭ خېتىنى ئېلىپ قايتا-قايتا ئۇقۇغاچ، مىھمانلارنىڭ كىتىشىنى كۇتۇپ ئولتۇردى.
        مىھمانلار ناھايىتى تەستە ئوزىدى. دىلناز ئىچ-ئىچىدىن خوشاللىق چىقىپ تۇرغان ئاپىسىغا ھەيرانلىق ئىچىدە قاراپ قويۇپ، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئۆيلەرنى يىغىشتۇردى. دادىسىنىڭ خىيال باسقان كۆزلىرىگە قاراپمۇ ھېنەرسىنى چۇشۇنەلمىدى. مىھمانلارنىڭ نىمە خوشخەۋەر ئېلىپ كەلگەنلىكىنىمۇ بىلەلمىدى. ئاپىسىدىن نەچچە رەت سورىغۇسى كەلگەن بولسىمۇ لېكىن نىمىشقىدۇر سورىمايلا قويدى. ئۇ ياتىقىغا چىقىپ خېلى ئۇزۇن ۋاقىتنى ئۆتكۇزگەندىن كىيىن يەنە ئاپىسىنىڭ قېشىغا چۇشتى. كۆڭلىدىكى سۆزلەرنى دىيىش-دىمەسلىك توغرىسدا بىر پىكىرگە كىلەلمەي ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتتى. ئۇ بۇگۇننى ئۆتكۇزىۋەتسە بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ  ، ئاپىسىنىڭ خاپا بولۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپلا تۇراتتى. ئۇ ئاخىرى  ئامالسىز ئېغىزئاچتى :
        -ئاپا، سىزگە بىر گىپىم بار ئىدى.
        -نىمە گەپ،- پەرىدە خانىم بىر خوشاللىقنى سەزگەندەك دەرھاللا دىلنازنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئولتۇردى .
        -مەن ئۇقۇشنىمۇ پۇتتۇردۇم. ئەمدى مەن ئويلىنىدىغان يەنە بىر مۇھىم ئىش باردەك قىلىدۇ.
        -توغرا، ئەلبەتتە بار،- پەرىدە خانىمنىڭ چىرايىغا كۇلكە يۇگۇردى،- ئۆزەڭ ھىس قىلىپ يىتىپسەندە جېنىم قىزىم...
        دىلناز ئاپىسىنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىنى چۇشۇنەلمىدى. <ئەجەپ مىنىڭ كۆڭلۇمدىكىنى بىلىۋالغاندەكلا گەپ قىلىۋاتىدا...سۆزلىرىمنى ئاڭلىسا بەك ئېغىر ئېلىپ كەتمەيدىغان ئوخشىمامدۇ نىمە؟> دىگەنلەرنى ئويلىدى.
        - ئاپا، مەن بىرسىنى ياخشى كۆرۇمەن، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكۇم يوق...- دىلناز شۇ گەپنى ئاران ئېغىزىدىن چىقاردى-دە ، ئاپىسىنىڭ قۇچىقىغا يۇزىنى يېقىپ يىغلاپ تاشلىدى. ئۇ ئاپىسى ئالدىدا ئىزچىل تۇردە ساقلاپ كەلگەن قىزلىق ھايانى قايرىپ قويۇپ، كۆڭلىدىكى بارلىق سۆيگۇ قىسسەلىرىنى، ۋارىسنىڭ سەھرالىق يىگىتلىكىنى، ئىقتسىادى قىيىنچىلىقلىرىنى، ئالىجاناپ، قابىلىيەتلىك ، ساددا خاراكتىرىنى، ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ھىسياتنى، ئورتاق نىشان، ئورتاق غايە، ئورتاق پىكىرنى، ھەر ئىككىسى ئارزۇ قىلغان ئورتاق كەلگۇسىنى...قىسقىسى ۋارس بىلەن تۇنۇشۇپ ئۆز بەختىنى تاپقانلىقىدىن تارتىپ، ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۇلۇك بىرگە ئۇتۇشنى نىيەت قىلغانلىقىنى، ئىرادىسىنى، قەسىمىنى...سۆزلەپ چىقتى. ئاپىسىدىن بۇ ئەھۋاللارنى دادىسىغا دەپ ئۆزىگە ياردەم بىرىشىنى، ۋارسىنىڭ ئۇرۇمچىدىكى خىزمىتىنى ھەل قىلىپ بىرىشنى ئۇتۇندى... قۇچىقىدا كۆز ياشلىرىنى تۇكۇپ دەرتلىك ئىڭراۋاتقان قىزىغا قاراپ بايىقى خوشاللىقلىرى قاياقلارغىدۇ ئۇچۇپ كەتكەن پەرىدەنىڭ چىشلىرى كىرىشىپ كەتتى. ئۇ ھېچقاچان كۆرۇلۇپ باقمىغان ئەلپازدا دىلنازنى مۇرىسىدىن <شاققىدە> تۇتۇپ كۆتۇردى-دە ، كۆزىگە مىختەك تىكىلدى.
        - نى..مە...نىمە ؟ نىمە دىدىڭ؟...مىنى ساراڭ قىلاي دەمسەن...
        دىلناز ئاپىسىنىڭ قارىداپ كەتكەن چىرايىغا، غەزەپتىن تۇرۇلۇپ كەتكەن قاپاقلىرىغا قاراپ قورقۇپ كەتتى. ئۇ مۇشۇنداق بۇلۇشىنى ئاللىبۇرۇن ھىس قىلغان ئىدى.
        - سەنمۇ مەندەك ۋاقىتلىرىڭنى بېشىڭدىن ئۆتكۇزۇپ باققان ئاپا. مىنى چۇشەن...
        -نېرى ئاپار بۇنداق بىمەنە سەپسەتىلىرىڭنى.- پەرىدە خانىم ھېچقاچان قىلىپ باقمىغان قۇپاللىقنى بۇگۇن قىلدى.- مىنىڭ بۇگۇنكى خوشاللىقىمغا مۇزدەك سۇ قۇيىۋەتتىڭغۇ سەن..
        - نىمە خوشاللىقتى ئۇ ئاپا...؟
        - نىمە خوشاللىق بولاتتى. بىلەمسەن نادان قىزىم. ئۆمەر تاغاڭ بۇ ئۆيگە نىمە دەپ كەپتۇ؟ نىمە دەپ؟...ئۇچۇ ئاۋۇ ياپۇنىيەدە ئۇقۇغان ئاسپىرانت ئوغلى ئۇچۇن سىنى سوراپ كەپتۇ...
        نىمە؟- دىلناز ھەيرانلىقتا كۆزلىرىنى يۇغان ئېچىپلا قالدى. ئاپىسىنىڭ ئۇنى ياساندۇرۇشى، ۋالىنىڭ ئايالىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قىزغىنلىقى، نۇردۇننىڭ يەردىن كۆزىنى ئۇزمەي خىجىللىقتا ئولتۇرۇشى...دىلناز بۇلارنى ئەسلەپ ھەممىنى چۇشەندى.
        - ياق، ياق...بۇ مۇمكىن ئەمەس. مۇمكىن ئەمەس...سىلەر نىمە دەپ جاۋاپ بەردىڭلار ؟
        - نىمە دەيتتۇق. بۇنداق ئەلچى بىزنىڭ ئىشىك ئالدىمىزغا دائىم كىلىۋەرمەيدۇ. ئۆمەر تاغاڭ داداڭنىڭ يېقىن دوستى، ئەمىلىمۇ يەتكۇچە بار. ئۇنىڭ ئۇستىگە بىلىشىدىغان ئادەملەر، ئۆزەڭمۇ كۆردۇڭ ، ئوغلى نۇردۇنمۇ شۇنداق ئىسىل بالا بوپتۇ،  ئۆزىمۇ قاملاشقان، ئاسپىرانتلىقتا ئۇقۇپ كەپتۇ...ھېچقانداق ئىۋەن تاپقىلى  بولمايدىكەن...شۇڭا  «بىزدە گەپ يوق، ئىككى بالا كۆرۇشۇپ، بىر مەزگىل ئارلىشىپ باقسۇن » دىدۇق...
        -ياق، ياق...بۇ دىگەن سىلەرنىڭ خىيالىڭلار، مەن ھەرگىز كۆرۇشمەيمەن. - دىلناز ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. يىغىدىن قىزارغان كۆزلىرىگە يەنە لۆممىدە لىق ياش ئالدى. - مىنىڭ خىيالىمدا پەقەت ۋارسلا بار. ئۇنىڭ ئورنىنى ھەرقانداق ئادەم ئىگەللىيەلمەيدۇ. جېنىم ئاپا، مىنى توغرا چۇشەن، «مىنىڭ قىزىم ئۆزگۇرۇپ قاپتۇ، بۇرۇنقى رايىش، نازۇك، ئىسىللىكىنى يۇقۇتۇپتۇ ...»دەپ ئويلاپ قالما...مەن ئامالسىز شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم... مەن بۇ ئىشلارنى خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن ئويلارمەن دىگەن، لېكىن تەقدىر  ئىنساننىڭ رايىغا باقمايدىكەن. مەن ۋارسىتەك بىر ياخشى يىگىت بىلەن ئۇچرۇشۇپ، تۇنۇشۇپ قالارمەن، ئۇنىڭ بىلەن ئورتاق بىر نىشاندا مۇھەببەتلىشىپ قالارمەن دەپ ئويلىمىغان.  شۇڭا سۆيگۇمگە خائىنلىق قىلسام بولمايدۇ...
        -خېلى  ئەقلىڭ باردەك كۆرەتتىمغۇ سىنى، نىمە دەپ ئاشۇنداق بىر بالا بىلەن تۇنۇشۇپ قالغانسەن، مەكتىۋىڭدە ئۇرۇمچىلىك بىرەر يىگىت چىقمىغانما؟
        -ئۇنداق دىمە ئاپا. كۆڭۇل دىگەن شۇنداق نەرسىكەن. مەن بەختىمنى ۋارسىتىن تاپتىم. مىنىڭ كەلگۇسۇم ئۇنىڭغا چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن. ئۇ نامرات بولسىمۇ لېكىن ئەقىلگە باي، ئەخلاققا باي، ئۇمۇتكە باي...
        - قوي ئۇنداق چۇمۇچكە چىقمايدىغان بايلىقلارنى... سەن بەك نادانكەنسەن، بەك نادان...تۇرمۇش سەن دىگەندەك ئاددى ئەمەس قىزىم. ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ خىلى بىلەن توي قىلىشى كېرەك. بىز مۇشۇنداق ئىسىل ئائىلىنى، ئىسىل بالىنى قويۇپ، ئاشۇ سەھرادىن كىيوغول ئەكەلسەك خەلقى ئالەم نىمە دەيدۇ؟ بۇ يۇزىمىزنى نەگە قويىمىز، نەگە؟...



    داۋامىنى كىين يازاي. خىزمەت ئالدىراش، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر...




     
       
       
       
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    قۇملۇقنى كولىما بايقۇش، توغراقنى قۇچاقلاپ يىغلاپ-يىغلىۋال ...
    | ۋاقتى : 2008-04-02 18:47 13 -قەۋەت
    sirdaxim
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15864
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 725
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە725دانە
    شۆھرەت: 758 نۇمۇر
    پۇل: 2252 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :298(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

       غەزەپلىنىپ سۆزلەۋاتقان دىلنازنىڭ ئاپىسى ئۆپكىدەك قىزىرىپ كەتتى. ئالدىدىكى كۆز ياشلىرىنى تۇكۇپ يىلىنىپ يىغلاۋاتقان قىزىنى  ئۆزىنىڭ قىزى ئەمەستەك ، ئۇ باشقا بىر ئادەمگە ئۆزگۇرۇپ قالغاندەك ھىس قىلدى. يالغۇز ئەتىۋارلىق قىزىنىڭ كەلگۇسى توغرىسىدا نۇرغۇن گۇزەل ئارزۇ -ئارمانلارنى سۇرگەن پەرىدە خانىمنىڭ يۇرىكى شۇ تاپ مۇشۇك تاتىلىغاندەك بىئارام بۇلۇپ كىتىۋاتاتتى.  ئۆمەر ۋالىنىڭ ئايالى بىلەن بۇرۇندىن دىيىشىپ  ، مەسلىھەتلىشىپ كەلگەن ئىشىنى شۇ تاپ قىزى بۇزىۋەتكەندەكلا ھىس قىلدى . قايسى ئاتا-ئانا ئۆز قىزىنىڭ بەختىنى ئويلىمايدۇ، ئۇنىڭ خوشاللىقىنى ئويلىمايدۇ، ئۇنىڭ باي-باياشات، كۇڭۇللۇك، مەنىلىك ياشىشىنى خالىمايدۇ. نازىر ۋە پەرىدە خانىمنىڭ كۇتكىنىمۇ ، ئارزۇسىمۇ دەل دىلنازنىڭ كىيىنكى بەختى ئەمەسمۇ؟ بۇ قىزنىڭ ھازىر نىمىسى كەم؟ ئۆزى چىرايلىق، ئىقتىدارلىق، ھەر جەھەتلەردە تالانتى بار، ئاتا-ئانىسىنىڭ جەمىيەتتە يەتكۇچە يۇزى، ئورنى بار...شۇنداق بولغان ئىكەن ئۇمۇ ئۆزىگە ھەممە جەھەتتىن ماس كىلىدىغان بىرسى بىلەن توي قىلىشى، ئۆزىنىڭ ئورنىنى تېپىشى كېرەكتە....دىلنازنىڭ يىغىسىغا قاراپ ئىچى سىرىلگەن خانىم تۇساتتىنلا شۇ خىياللار بىلەن يەنە ئاچچىقلاپ كەتتى.
        - ھەممىسى قۇرۇق گەپ. ئۇ سەندىكى بىردەملىك ھىسيات، سەن بۇرۇندىن ئۇقۇش بىلەنلا بەنت بولغاچقا تۇنجى ھىسياتىڭ ئالدىدا قۇل بولۇپ قاپسەن. ئۇقۇش پۇتتۇرگەندىن كىيىن بىر مەزگىل ئايرىلساڭ ، ئۇ ئۆلمەس قەسەملىرىڭمۇ ئۇنتۇلىدۇ. كىيىن نۇردۇن بىلەن ئارلىشىپ باقساڭ ئۇنىڭ ئۇ يىگىتىڭدىن نەچچە ھەسسە ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قەلبىڭدىكى مۇھىم ئوبراز ئىكەنلىكىنى  بىلىپ قالسىەن. ئادەم دىگەننىچۇ  شارائىت ، مۇھىت ئۆزگەرتىدۇ...ۋاقتى كەلسە ھەرقانداق ئۆزگەرمەس كۇڭۇلمۇ ئۆزگىرىدۇ...
        -ياق ئاپا، ياق...مىنى نادان چاغلىما، مىنى بىردەملىك ھىسيات ئالدىدا ئېزىققان دەپ قارىما...مەنمۇ نۇرغۇن مەسىلىلەرگە خېلى ئەتراپلىق مۇئامىلە قىلىشنى ئۇقۇمەن. مەنمۇ كۆپ ئويلاندىم: بۇ دىگەن ئۆمۇرلۇك ئىش.  سىلەر مىنىڭ بەختىمنى كۆرۇشنى، مىنى خوشال قىلىشنى ئارزۇ قىلىسىلەرغۇ...؟ بىلسەڭلار، مەن پەقەت تۇنجى سۆيگۇمدىنلا خوشاللىق تاپالايمەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسام مەڭگۇ بەخىتلىك بۇلۇپ ئۇتىدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.
         -ھەي دىلناز، ھەي دىلناز...سەن ئەدىبىيات كەسپىدە پەقەت رومانتىكلىقنىلا ئۇگەنگەن ئوخشىمامسەن؟...سەن كاللاڭنى سىلكىۋەت. داداڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئۇمۇدىنى ئاقلاي، ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇراي، پەرزەنتلىك بۇرچنى ئادا قىلاي دىسەڭ ئۇ يىگىتنى ئۇنتۇپ كەت. ئويلاپ باقە...نۇردۇننىڭ قەيىرى يارىمىدى ساڭا... قېلىپتا قۇيغاندەكلا ھەممە جەھەتتىن ساڭا ماس كىلىدىغان تۇرسا...
         -نۇردۇن ئاكامنىڭ ھەممە جەھەتتىن ۋارسىتىن ياخشىلىغىنى ئوبدان بىلىمەن. لېكىن بۇ دىگەن ياخشى كۆرۇش، بۇ دىگەن مۇھەببەت. ھەرگىزمۇ ھىسداشلىق، قىزىقىش ئەمەس. بىلەمسەن ئاپا، مەكتەپتە ماڭا نۇرغۇن يىگىتلەر تەلەپ قويغان، نۇرغۇن يىگىتلەر ئارقامدىن يۇرگەن. لېكىن مەن نىمە ئۇچۇن ۋارسنى تاللىدىم؟ چۇنكى مەن ئۇنىڭ ئەخلاقىنى ، بىلىمىنى ، چىن سەمىمى قەلبىنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم. راس. ۋارس نۇردۇن ئاكامغا ئەسلا يەتمەيدۇ. لېكىن كۇڭۇل دىگەننى مەجبۇرلاپ تاڭغىلى بولمايدۇ دە؟
         -بولدى، بولدى.... ساڭا گەپ تېپىپ بىرەلمىگۇدەكمەن. لېكىن بىزنىڭمۇ كۆڭلىمىزنى چۇشۇنۇشىڭ كېرەك؟ بىز پەقەت بىر سەن ئۇچۇنلا ياشايمىز. ئۇچۇقلا ئېيتاي، بۇ ئىشلىرىڭ ئەمدى مۇشۇ يەردە توختاپ قالسۇن، بىز يىراق سەھرادىن قۇدىلاشمايمىز. بۇ دىگەنلىك ھەرگىز ئۇلارنى سەھرالىق دىگەنلىك ئەمەس، ھەممە ئادەم ئۆزىگە ماس كىلىدىغان ئىش قىلغىنى ياخشى. نۇردۇن بىلەنكى ئىشىڭغا داداڭمۇ ئاساسەن ماقۇللۇق بىلدۇردى. خىزمەت ئىشىڭ ھەل بولغان  ھامان تويىڭلارنى قىلىۋېتىشىمىز مۇمكىن. شۇڭا نۇردۇن بىلەن كۆرۇشۇپ بىردەكلىككە كەلگەچ تۇر... بولدى. شۇنداق بولسۇن.
        پەرىدە خانىم دىلنازنىڭ جاۋابىنى كۇتمەيلا ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ئۇ بۇ ئىشلارنى دەرھال يولدىشىغا دىيىشىكە ئالدىرىۋاتاتتى. قىزىنىڭ بۇنداق جاۋابىنى ، بۇنداق تەلىپىنى ئويلاپ باقمىغان خانىمنىڭ چىرايىدا غەشلىك ، پەرىشانلىق مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى . ئۇ ئاجايىپ رايش قىزىدىكى زور ئۆزگۇرۇشلەرگە قاراپ ھەقىقەتەن ھەيران قېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭدىكى قەتئىلىك ئالدىدا سەل بوشىغاندەك قىلغان بولسىمۇ، لېكىن نۇردۇندەك ياخشى بالىنى قولدىن چىقىرىپ قويۇشنى ئەسلا خالىمايتتى. دىلنازنى چۇقۇم ئۆز پىكىرىگە كۆندىرىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.
         دىلناز بۇگۇنكى ئۇدۇل كىلىپ قېلىشتىن ئاجايىپ ھەيرانلىق ھىس قىلدى. بۇ ئىشلارنى بۇرۇنراق ئاتا-ئانىسىغا دىمىگەنلىكىگە ، ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا سېلىپ قويمىغانلىقىغا ئېچىندى. ئاپىسىنىڭ مۇئامىلىسىدىن  مىھرىبان دادىسىنىڭمۇ ياخشى جاۋاپ بەرمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلدى. ئىش بەك ھالقىلىق پەيتكە كىلىپ قالغان ئىدى. ئاتا-ئانا قىزىنىڭ دەردىگەيىتىشنى ئويلىسىمۇ ئەلبەتتە يەنە رىئاللىققا قاراپ ئىش تۇتىدۇ. ئۇقۇش پۇتتۇرۇپ مەكتەپتىن ئايرىلىشقا ئازلا قالغان ۋاقىتتا ئەمدى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا نۇردۇن سىڭىپ كىردى. بۇنداق ئەھۋالدا ئاتا-ئانا ئەلبەتتە ياخشىنى تاللايدۇ... دىلنازنىڭ خىياللىرى قالايمىقان بولۇپ كەتتى. ۋارسىنىڭ بىچارە، غەمكىن چىرايىنى ئەسلەپ يۇرىكى ئىزىلدى. «نامراتلىق، سەھرالىق بولۇپ قېلىشى ئۇنىڭ گۇناھىمۇ؟ ئۇ نىمە ئۇچۇن ئۆز بەختىنى تېپىشقا ، ئۆز سۆيگۇسىگە ئىرىششكە ھۇقۇقلۇق ئەمەس؟...» دىلنازنىڭ سۇئاللىرى سىھىرلىك تېپىشماقتەك يەنىلا جاۋاپسىز قالدى....
         شۇنچىلىك ھارغىن ئورنىدىن تۇرغان دىلناز يىغىدىن ئىششىپ كەتكەن كۆزلىرىنى تەستە ئېچىپ ئەينەككە قارىدى. ئاجايىپ ئۆزگۇرۇش...ئۇ بىر كىچىدىلا جۇدەپ باشقىچە بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇ پەسكە چۇشۇشكە نەچچە رەت ئۇرۇندىيۇ لېكىن ئاپىسىنىڭ ئاخشامقى ئەلپازىنى ئويلاپ تۇرۇپ قالدى. ئەمدىلىكتە چۇقۇم بۇ ئىشلارنى دادىسى بىلدى. بەلكىم دادىسى تېخىمۇ غەزەپتە دىلنازنىڭ پەسكە چۇشۇشىنى كۇتۇپ تۇرغاندۇ؟  <ئىسىت ، ساڭا قىلغان ئەقىدەم، سىنى تەربىيەلەشكە سەرپ قىلغان ئەجرىم...> دەپ كايىشقا تەييارلىق قىلىپ تۇرغاندۇ؟...دىلناز ئەنە شۇنداق قورقۇنچ ئىچىدە تۇرسىمۇ يەنىلا پەسكە چۇشۇشكە مەجبۇر بولدى.
         مىھمانخانىدا گېزىت كۇرۇپ ئولتۇرغان نازىر پەشتاقتىن ھارغىن قەدەملەر بىلەن چۇشۇۋاتقان دىلنازغا قاراپ ئىچىدە ئېغىر خۇرسۇندى. دىلنازنىڭ كۆزى دادىسىنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا ھۇدۇقۇپ كەتتى. لېكىن دادىسى بىر خىل كەيپىياتتا <لاپ> لا قاراپ قويۇپ، يەنە گېزىتىنى ئۇقۇۋەردى. دىلناز تاماق كۆتىرىپ كىرگەن ئاپىسىنىڭمۇ بۇگۇن باشقىچىلا ئادەم بولۇپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدى. پەرىدە خانىممۇ دىلنازغا قاراپ قويۇپ ئۆزىنىڭ ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولدى. بۇخىل جىمجىتلىقتىن دىلنازنىڭ قەلبى بىر ئاز ئارامىغا چۇشكەندەك قىلسىمۇ ، لېكىن قانداقتۇر بىر كۇڭۇلسىزلىكنىڭ سايىلىرى بېشىدا ئەگىپ يۇرگەندەك ھىس قىلدى .
        ئۇزاق جىمجىتلىقتىن كىيىن ئاخىرى نازىر ئېغىز ئاچتى:
        -ئاپاڭدىن ھەممىنى ئاڭلىدىم . بىز تېخى سىنى ھازىرغىچە ئۇقۇشتىن باشقا ئىشلارنى ئويلاپ باقمىدى  دەپتىكەنمىز...
        دىلناز ئاز ھەم ساز گەپ قىلىدىغان دادىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۇدەك بولدى. ھەر ۋاقىت ئەركىلەپ تۇرۇپ گەپ قىلىشقا ئۇگۇنۇپ قالغان دىلناز شۇ تاپ دادىسىنىڭ ئالدىدا ئېغىر جىنايەت ئۆتكۇزۇپ سالغان مەھبۇستەك ئازاپلاندى.
        -سەندەك بىر قىزنى ئۆزىگە مايىل قىلىۋالغان قانداقراق بالىدۇ ئۇ ھە؟ شۇ تاپ ئاپاڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ بەكلا كۆرگۇسى كىلىۋاتىدۇ. ھە راست. قاچان ئۇقۇش پۇتتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۇزىلىدۇ؟
        -ئۆگۇنلۇككە،- دىلناز شۇنچىلىك پەس ئاۋازدا تىترەپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى.
        -ئۇنداقتا مۇراسىمدىن كىيىن ئۇ يىگىتنى ئۆيگە باشلاپ كەل. بىز كۆرۇشۇپ باقايلى.
        -ئاپام ھەممىنى دىدىما؟
        -ھە، ھەممىنى دىدى. ئۆزىغۇ ناھايىتى سەمىمى، تىرىشچان بالا ئوخشايدۇ. لېكىن ئاپاڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۇپ، ئەھۋال ئىگەللەپ بېقىشنى مۇۋاپىق تاپتى...شۇڭا يۇرتىغا قايتىشتىن بۇرۇن چۇقۇم ئۆيگە باشلاپ كەل. بولامدۇ؟
        -بولىدۇ دادا،- دىلناز تەئەججۇپ ئىچىدە بوشقىنا جاۋاپ بەردى. بۇگۇنكى ئىشلارنىڭ ئۆز تەسەۋۋۇرىدىن باشقىچە بۇلىۋاتقانلىقىغا، ئاتا-ئانىسىنىڭ كايىپ كەتمىگەنلىكىگە ھەيران قالدى. لېكىن تۇرۇپ خوشال بولدى. مەيلى نىمىلا بولمىسۇن ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۇشۇپ بېقىشنى دىدى، ئۇنى چۇشۇنۇپ باققۇسى كەلدى. بۇ بەلكىم بۇ ئىشقا قۇشۇلىۋاتقانلىقىنىڭ نىشانى بولسا كېرەك...دىلناز بىر كىچىلىك ھاردۇقى چىقىپ كەتكەندەك يىنىكلەپ قالدى. ئۇ بۇ ئىشلارنى ۋارسقا تىزرەك يەتكۇزۇشكە ئالدىرايتتى. شۇنچىلىك تەستە ئايلىنىۋاتقان سائەت ئىستىرىلكىسىغا نەچچە قېتىم قارىدى....


    ئاخىرى داۋاملىق يېزىلىدۇ.
         
       
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    قۇملۇقنى كولىما بايقۇش، توغراقنى قۇچاقلاپ يىغلاپ-يىغلىۋال ...
    | ۋاقتى : 2008-04-03 15:35 14 -قەۋەت
    sirdaxim
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15864
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 725
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە725دانە
    شۆھرەت: 758 نۇمۇر
    پۇل: 2252 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :298(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

        ئۇقۇش پۇتتۇرۇش مۇراسىمى ئېچىلىپ ، ساۋاقداشلار ئاخىرى 5 يىللىق ئۇقۇش ھاياتىنىڭ مەھسۇلى بولغان قىزىل دىپلومنى قۇلىغا ئالدى. لېكىن تاتلىق-ئاچچىق ئەسلىمىلەرگە تۇلغان ئۇنتۇلغۇسىز ئۇقۇش ھاياتىدىن ئايرىلغۇسى يوق ئىدى. كۆزلەر -كۆزلەرگە،  يۇرەكلەر-يۇرەكلەرگە قېنىشماي ، تەن-تەنلەر بىلەن ئۇزاقتىن -ئۇزاق قۇچاقلاشتى. توغرا، ئىنسان ھاياتىدا ئۇقۇش ھاياتىدەك مەنلىك، خوشال ۋاقىتلار ئەسلا بولمايدۇ...ئۇ مەيلى قانداق قىسمەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۇزىشىدىن قەتئىنەزەر ، ئاچچىق كۆز ياشلارغا ، دەرتلىك ھەسرەتلەرگە تولغان بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر يەنىلا شۇ قەدەر سۇيۇملۇك...ئىنسان شۇ ئالى مەكتەپ ھاياتىنى بىر ئۆمۇر گۇزەل چۇشىدەكلا سېغىنىدۇ. ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىدۇ. قىزغىن ئۇقۇش ۋاقتىلىرى، ياتاق تۇرمۇشى، كۇڭۇللۇك  پائالىيەت، ساياھەت، كۇلكە-چاقچاق...ھەممىسى مەڭگۇ ئەستىن چىقمايدىغان كۇنلەر...ئۇكۇنلەر مەڭگۇلۇك شىرىن ئەسلىمە بولۇپ قالىدۇ.... ۋارسمۇ شۇنداق. ئۇمۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى، ئۆزى ساۋاقداشلىرى بىلەن ئايرىلىش پەيتىدە تۇرىۋاتسىمۇ ، لېكىن كۆڭلى بۇ يەردە ئەمەس ئىدى. ئۇ بۇگۇن كەچتە دىلنازنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ. نازىر بىلەن خانىمنىڭ باھاسىدىن ئۇتىدۇ. ئۇنىڭ كىيىنكى ئىستىقبالى، بەخىت يولى، ئۆز سۆيگۇنىگە ئىرىشش ئارزۇسى بۇگۇن بىكىتىلىدۇ... ئۇنىڭ پۇتۇن خىيالى شۇ ئىشلاردىلا قالغان ئىدى. ئۇ نەرسە-كېرەكلىرىنى جايلاۋاتقان ساۋاقداشلىرىغا قاراپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ تەييارلىقىغا چۇشتى. مۇرادىلدىن چىرايلىق بىر يۇرۇش كىيىم ئارىيەت ئالدى. مۇنچىغا كىرىپ پاكىزە يۇيۇندى. ساقال بۇرۇتلىرىنى قايتىدىن ياساتتى. ئۇ دىلنازنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە ياخشى تەسىر بىرىش ئۇچۇن شۇنچە تەييارلىق قىلىۋاتسىمۇ ،لېكىن يۇرىكى قاتتىق سۇقۇپ تۇراتتى. ئۆيگە بارغاندىن كىيىن بۇلىدىغان ئىشلارنى، گەپ-سۆزلەرنى تەسەۋۋۇر قىلاتتى. ئۇ ھازىرغىچە بۇنداق چوڭ ئەمەلدار بىلەن كۇرۇشۇپ باقمىغان، ئۇنداق كاتتا ئەمەلدارلارنىڭ ئالى ئۆيلىرىگىمۇ بېرىپ باقمىغان. مانا بۇگۇن ئادەتتىكى مىھمان سۇپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئەلچىلىك سۇپىتىدە بارىدۇ....ئۇنىڭ بېشى قاتتى. نەچچە رەت بېرىش خىيالىدىن يالتايماقچىمۇ بولدى. لېكىن بۇگۇنكى ئۇچرىشىشنىڭ كەلگۇسىنى بەلگۇلەيدىغان مۇھىم ئۆتكەللىكىنى ئويلاپ يەنىلا قەتئى نىيەتكە كەلدى.
        ۋارس بۇگۇن باشقىچە سۇپەت بىلەن گۇللۇكتە دىنازنى ساقلاپ ئولتۇردى. دىلنازمۇ ۋارىسقا ئوخشاشلا 5 يىللىق ئەزىز ساۋاقداشلىردىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي ئاچچىق كۆز يېشى بىلەن خوشلاشتى. ئايرىلىۋاتقان ياتاقداشلىرىغا ، مىھرى چۇشۇپ قالغان ئەزىز دوسلۇرىغا قاراپ كۆڭلى بەك يېرىم بولدى. بۇلۇپمۇ سەلىمەنىڭ بوش كارۋىتىغا قاراپ ، بىچارە دوستىنى بەكمۇ سېغىندى. ئۇنىڭغا كۆڭلىدە خاتىرجەملىك، خوشاللىق، بەخىت تىلىدى.  سەلىمەنى خىيال قىلغاچ  تۇرمىدىكى ئەكرەمنى ئويلاپ قالدى. باشقىلارنىمۇ ، ئۆزىنىمۇ ۋەيران قىلغان نادان ساۋاقدىشىنىڭ ئازاپلىق ئىشلىرىغا ئۇكۇنگەندەك  بېشىنى قايتا-قايتا چايقىدى. ئۇ چىگىش، مۇرەككەپ، ئازاپلىق مەكتەپ ھاياتىنى ئەسلىگەچ ، ئېغىر قەدەملەر بىلەن ۋارس قېشىدا  پەيدا بولدى . دىلناز ۋارىسنىڭ بۇگۇنكى  تۇرقىغا قاراپ مېيغىدا كۇلۇپ قويۇپ، خۇددى ئۇنىڭ ياسىنىشىدىن رازى بولغاندەك كاستۇمىنىڭ ياقىسىنى ئاستا تۇزەشتۇردى . دىلناز يەنىلا بىر خىل جىددىلىك ئىچىدە تۇرغان ۋارسقا مەدەت بەرمەكچى بولغاندەك چىرايىغا تاتلىققىنە كۇلكە يۇگۇرتتى .
        -بەك ئىسل بوپ كىتىپسىز. ئەمدى ماڭامدۇق؟
        -ماڭايلى...لېكىن شۇ يۇرۇگۇم بەك سېلىپ كىتىۋاتىدۇ...
        -بولدى. ئۇنداق جىددىلىشىپ كەتمەڭ. بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ئادەم يىمەيدۇ...
        -ئۇغۇ شۇ...لېكىن...مەن خۇددى بىر خاتا ئىش قىلىپ قويغاندەكلا ھىس قىلىۋاتىمەن.
        - بولدى. بولدى...ئارتۇق خىياللارنى قىلماڭ...ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ...خۇدايىم بۇيرىسا ئىشلىرىمىز چۇقۇم ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ...بىز چۇقۇم بەخىتلىك بولىمىز...
        -ئاللا خالىسا... ھە راس،  بۇ مىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاتا-ئانىڭىز ئالدىغا بېرىشىم. شۇڭا ئوبدانراق بىرەر نەرسە ئېلىۋالاي...
        - بولدى. كايىماڭ...سىزنىڭ قىيىنچىلىقىڭىزنى مەن ئوبدان بىلىمەن. ئۆيدىكىلەرمۇ بىلدى. شۇڭا بېرىۋىرىڭ...بولۇڭ...كەچ بولۇپ قالمىسۇن. دەرھال ماڭايلى...
        دىلناز شۇنداق دىدى-دە، ۋارىسنىڭ قۇلىدىن يىتىلەپ دەرۋازا تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ۋارىس كۆڭلىدە نازىر ۋە خانىمغا قانداق سالام بىرىش، قانداق كۆرۇشۇش، قانداق گەپلەرنى دىيىش توغرىسىدا ئويلۇنۇپ  مېڭىۋاتاتتى . ئۆزىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق تەسىرنى ياخشى بىرىش كېرەكلىكى ئۇستىدە باش قاتۇردى... ئۇلار مەكتەپ دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىقىشقا تەمشەلگەندە تۇيۇقسىز بىر ئالى دەرىجىلىك ماشىنا ئۇلارنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى.
         ماشىنىدىن چۇشۇپ ئالدىغا كىلىۋاتقان  ئىگىز بوي،كۆز ئەينەك تاقىۋالغان يىگىتنى كۆرۇپ ۋارس ئورنىدا تۇرۇپلا قالدى . ئۇ بۇ ناتۇنۇش يىگىتنى ھېچ تۇنۇيدىغاندەك ئەمەس ئىدى. دىلنازغا  <كىمۇ > دىگەندەك سۇئال نەزىرىدە قارىدى.
        -سالام دىلناز. مەن سىزگە ساقلىغىلى خېلى بولدى.
        -شۇنداقمۇ؟- دىلناز  بىردەم ھېلىقى يىگىتكە بىردەم ۋارىسنىڭ ھەيرانلىق چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ نىمىگىدۇر دۇدۇقلىدى.- بىرەر ئىش بىلەن كەلگەنما؟
        - ھە. پەرىدە ئاچام سىزنى بۇگۇن مەكتەپتىن قايتىپ چىقىدۇ. يۇك تاقلىرىنى ئەكىلىشىپ بىرىڭ دەپ تېلىفۇن قىپتىكەن. شۇڭا كەلگەن. قېنى يۇك-تاقلىرىڭىز...؟
        دىلنازنىڭ چىرايى تۇرۇپلا تۇتۇلۇپ كەتتى. ئاپىسىنىڭ قىلىقىدىن كۆڭلى بەك يېرىم بولدى. قايسى كۇنى ئاپىسىغا دىگەن گەپلىرى نەگە كەتتى؟ كۆز-ياشلىرى،يىلىنىشى نەگە كەتتى؟ ۋارسنى ئېلىپ كىلىڭ دىگىنى نىمىسى ؟...ئەمدىلىكتە نۇردۇنغا تىلىفۇن قىلىپ ئالدىمغا ئىبەرتىپتۇ، بۇ ئاپام زادى نىمە ئۇيۇن ئويناۋاتقاندۇ؟... ئۇنىڭ  تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغان چىرايى بىردەمدىلا باشقىچە تۇسكە كىردى. ئۇ ۋارىسقا بۇ يىگىتنى تۇنۇشتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆرمەي دەرھاللا گەپنى بۇرىدى.
        - يۇك تاقلىرىم تېخى ياتاقتا. ئۇنى ئەتىلدە ئەكىتىمەن. شۇڭا سىز ئاۋارە بولمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
        - ھە، شۇنداقمۇ ، ئۇنداقتا ماشىنىغا چىقىڭ، سىزنى ئۆيگە ئاپىرىپ قوياي،- نۇردۇن سەمىملىك چىىقىپ تۇرغان كۆزلىرىنى دىلنازغا ئۇتۇنگەندەك تىكتى. دىلناز بۇ يىگىتكە ئازار بىرىشنى خالىمىسىمۇ ، لېكىن ۋارس ئالدىدا بەكمۇ تەڭلىكتە قالدى.
        - رەخمەت، مەن يىگىتىم بىلەن ماڭاي،- دىلناز شۇنداق دىدى -دە، شەپەقتەك قىزىرىپ كەتكىنىگە قارىماي  ، دەرھاللا گاڭگىراپ تۇرۇپ قالغان ۋارىسنى قولتۇقلىۋالدى. ئۆزىنىڭ بۇ گەپنى قانداقلارچە دەپ سالغىنىنىمۇ بىلمەي قالدى. بۇ تۇلۇمدىن توخماق چىققاندەكلا دىيىلگەن گەپتىن نىمە قىلىشىنى بىلمەي تۇرۇپ  قالغان نۇردۇن ، كۆز ئەينىكىنى ئاستا ئېلىپ ھەيرانلىق چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىنى قولتۇقلۇشۇپ تۇرغان دىلناز بىلەن ۋارسقا تىكتى. ئىككى ئائىلىنىڭ مەسلىھەتىنى ئاڭلاپ، بۇ ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئىشەنگەن ، دىلنازغا بولغان قىزىقىشى بارغانسىرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان نۇردۇننىڭ  كاللسى قايمۇقۇپ كەتتى.
         -نى...مە؟...يىگىتىم...چاقچاق قىلىۋاتمىغانسىز...
         - راس، نىمىشقا چاقچاق قىلغۇدەكمەن. تۇنۇشۇپ قۇيۇڭ، بۇ مىنىڭ يىگىتىم ، ئىسمى ۋارس.- دىلناز ناھايىتى مەمنۇنلۇق بىلەن ۋارسقا قارىدى.-بۇ ئۆمەر تاغامنىڭ ئوغلى. ئىسىمى نۇردۇن . ئۆمەر تاغام بىلەن ئۆيدىكىلەر بەك يېقىن ئۇتىدۇ...
        دىلناز شۇ گەپنى ئاران دىيەلىدى. ئۇ مۇشۇ پۇرسەتتە نۇردۇننىڭ خىيالىنى بۇزۇپ تاشلىماقچى، ئۆزىگە بولغان قىزىقىشىنى يۇقاتماقچى بولغاندەك قىلاتتى . ئۇ نۇردۇننىڭ ئاۋارە بولغانلىقىغا نۇرغۇن رەخمەتلەرنى ئېيتىپ، ۋارىسنى قولتۇقلاپ كوچا ئاپتۇۋۇزىغا چىقىپ ئۇزاپ كەتتى. نۇردۇن يىلى چىقىپ كەتكەن توپتەكلا <بىك>ماركىلىق ماشىنىسىغا يۇلۇنۇپ تۇرۇپ قالدى.
         ياپيېشىل چىملىق بىلەن قورشالغان 2 قەۋەتلىك ئىسىل بىنانى كۆرۇپ ۋارىس تەمتىرەپ توختاپ قالدى. بۇ ئىسىل بىنانىڭ ئىچىدە ئۆزىنى نىمىلەرنىڭ كۇتۇپ تۇرغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى. تېخى ئىشىكتىن ئاتلىماي تۇرۇپ چىپ-چىپ تەرگە چۇمۇپ كەتتى. تىز-تىز سۇقۇۋاتقان يۇرىكىنى قايتا-قايتا تۇتۇپ قويدى. نەچچە قېتىم ئېغىر-ئېغىر تىندى... ئۇ ئۆزىنى شۇنچە تەمكىن، مەغرۇر تۇتۇشقا ئورۇنسىمۇ ، لېكىن ئۆزىنىڭ تەبىئىتى ئۇنى يەنىلا قاتتىق بىئارام قىلىۋاتاتتى.
        -جىددىلەشمەڭ. تەمكىن بۇلۇڭ ، تەمكىن...-دىلناز ۋارىسقا قاراپ ئۇماققىنا بىرنى كۇلۇپ، ئىشىك قوڭغۇرىقىنى باستى.  ئىشىك قوڭغۇرىقىنىڭ ئاۋازى بىلەن پەرىدە خانىم ئىشىك تۇۋىدە پەيدا بولدى. ئۇ ۋارىسنىڭ  ئۇستى-بېشىغا باشتىن-ئاخىر تەپسىلى قاراپ چىقىپ ، سۇغۇقلا سالاملاشتى.  تەمتىرەپ تۇرغان ۋارىس خانىمنىڭ قارىشىدىن تېخىمۇ ئەيمىنىپ تىترەپ كەتتى. خانىم دەرھاللا سەلىمەدىن سورىدى:
        -نىمىدە كەلدىڭلار؟
        -ئاپتۇۋۇزدا.
        -ھە، نۇردۇن ئاكاڭ بىلەن كۆرۇشمىدىڭما؟
        -كۆرۇشتۇم، لېكىن بۇگۇن يۇك تاق ئەكەلمىگەندىكىن  ئۇنى ئاۋارە قىلمايلا كەلدۇق..
        ھە،- ئېغىر تىنغان پەرىدە خانىم خوشياقمىغاندەكلا ئۇلارنى مىھمانخانىغا باشلىدى.
       پارقىراپ تۇرغان قىپ-قىزىل پولغا شۇنچە ئاۋايلاپ دەسسەپ كىرىپ كەلگەن ۋارس ئۆي ئىچىنىڭ ئىسىللىكىگە قاراپ ھەيرانۇ ھەس قالدى. ئۇ تا ھازىرغىچە بۇنداق ئىسىل ئۆينى پەقەت تىلىۋۇزۇردىنلا كۆرگەن، شۇنداق بىر ئۆيلەردە ئولتۇرۇشنى تاتلىق خىيال قىلغان...مانا ئەمدى بۇ خىيالىنى رىئاللىقتا كۆرىۋاتىدۇ. ئۇ مھىمانخانىغا خۇددى بىر شاھنىڭ قەسىرىگە كىرگەندەك ھۇدۇقۇپ كىرىپ ،  نەقىشلىك كىرىسلۇنىڭ بىر بۇرجىگىكە كىلىپ قىسىلىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ كاللسىدا شۇ تاپ يېزىدىكى 3 ئېغىزلىق تۇپا تام ئۆيى بىلەن بۇ ئىسل قورۇنىڭ روشەن سېلىشتۇرمىسى بۇلىۋاتاتتى. «ئاسمان -زىمىن پەرق. ھەقىقەتەن زور پەرق. مەن راسلا خاتا قىپتىمەن، راسلاپ خاتا قىپتىمەن. بۇئىشلارنى بەك ئاددى ئويلاپ قاپتىمەن....» دىگەن خىيال ئۇنى قىينايتتى.
        -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
         مىھمانخانىغا كىرىپ كەلگەن ئىسل سۇپەت ، ئىگىز بوي ، چىرايىدىن كۇلكە يېغىپ تۇرغان نازىرنى كۆرۇپ ، ۋارس دەرھاللا ئورنىدىن تۇرۇپ ، مۇلايىملىق بىلەن قوش قوللاپ كۆرۇشتى، ھەم ئورنىغا ئولتۇرۇپلا دۇئاغا قول كۆتۇردى.
        -ئامىن.
        دۇئاغا تەڭ قول كۆتۇرگەن نازىر ، كۆزىنى يېرىم يۇمۇپ پۇتۇن نىيىتى بىلەن دۇئا قىلىۋاتقان ۋارسىقا قاراپ تۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ كاللسىدا شۇ تاپ دۇئا ئەمەس، ۋارسنىڭ قائىدىلىكلىكىگە بولغان بىر خىل ھۆرمەت تۇيغۇسى ھۇكۇم سۇرەتتى. قاملاشقان بۇ يىگىتكە قاراپ كۆڭلىدە قانداقتۇر مۇرەككەپ خىياللار پەيدا بولغاندەك بولدى. ئۇ دۇئادىن كىيىن ۋارس بىلەن بىرەر قۇر ئەھۋاللىشىپ چىقتى. ۋارسىنىڭ يەرگە قاراپ تۇرۇپ بىرىۋاتقان ئۇرۇنلۇق جاۋابىدىن سۇيۇنگەندەك بولدى...ئارىلىقتا ئۇ سائىتىگە قاراپ دەرھاللا ئورنىدىن تۇردى.
        -بالام، بۇگۇن كەچتە تۇيۇقسىزلا جىددى ئىشىم چىقىپ قالدى. ئەسلىدە سىزگە ھەمرا بولۇپ ئولتۇرسام بولاتتى، لېكىن  مەركەزدىن بىر قىسىم مۇھىم مىھمانلار كەپتىكەن ، شۇلارغا چاي بەرمىسەم بولمايدىغان بۇلۇپ قالدى. شۇڭا سىز ئازادە ئولتۇرۇپ مېڭىڭ.- نازىر شۇنداق دىدى -دە، ۋارس بىلەن خوشلۇشۇپ سىرتقا ماڭدى، ئۇ ئىشك تۇۋىگە چىققاندا ئايالىغا بوشقىغا پىچىرلىدى:
       -خۇتۇن، ئەمىسە شۇنداق بولسۇن، قالغان ئىشنى ئۆزەڭنىڭ پىكىرى بويىچە قىل. لېكىن بىر ئىش ئىسىڭدە بولسۇن، بەك يۇۋاش، ئىسىل بالىكەن ، قاتتىق تىگىپ سالما ھە...
        -خاتىرجەم بولسلا ، ئۇنچىلىك ئىشنى قاملاشتۇرالمىسام نازىرنىڭ ئايالى بولۇپ نىمە ئىش قىلىمەن. بولدى سىلە مېڭىۋەرسىلە...
         نازىر مۇغەمبەرلەرچە كۇلۇپ كىرىپ كەتكەن ئايالىغا قاراپ ، بېشىنى ئاستا چايقاپ قويدى. ئۇ ماشىنا تەرەپكە ماڭغاچ <ئىسىت، ئۆزى خېلى كىلىشكەن، دىيانەتلىك، ئەدەپلىك، بىلىملىك بالىكەن. نىمىشقىمۇ سەھرادىن بۇلۇپ قالغان بولغىيتتى...> دىگەن خىياللارنى ئويلىدى...
         دىلنازنىڭ ئالدىدا پەرىدە خانىم ۋارىسنى تاماققا زورلىغان بولۇپ خېلى كايىدى. خېلى ئەزىز مىھماننى كۇتكەندەك كۇتتى . دىلناز ئاپىسىنى نىمە دەپ ئېغىز ئاچاركىن دەپ پات-پات ئاپىسىنىڭ چىرايىغا قاراپ قويدى. ھەر ئىككى ياشىنىڭ يۇرىكى شۇ  تاپ ئېغىپ تۇراتتى. لېكىن ئاپىسى ھېچ بىر ئىش بولمىغاندەك  ئىرەنسىزلا تاماقنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئىدى. ئالدىدىكى تۇكۇلۇپ تۇرغان نازۇ-نىمەتلەرگە، تاتلىق-تۇرۇملەرگە قاراپ  ۋارىس تېخىمۇ ھۇدۇقتى. گەرچە شۇنچە مىزىلىك تاماقلارنى يەۋاتسىمۇ ، لېكىن كۆڭلى ھېچ جايىغا چۇشمەيۋاتاتتى. خانىمنىڭ نىمە دەپ ئېغىز ئېچىشىنى بىلمىسىمۇ لېكىن ئەنسىرەپلا تۇراتتى. بىر ھازادىن كىيىن خانىم تۇيۇقسىز بىر ئىشنى ئىسىگە ئالغاندەك ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
        -ئاپلا، قىزىم ...مىھمان بىلەن بۇلۇپ شۇنداق مۇھىم بىر ئىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. ئەتە تويغا كىيىپ بارىدىغان كىيىمىمنى  <يۇلتۇز سارىيى> دىكى ئۇستا تىكىپ تەييار قىلىپ قويۇپتىكەن. ھازىر ئىسىمگە كىلىۋاتىدۇ... شۇڭا قاراڭغۇ چۇشكىچە دەرھال ئەكىلىپ بەرسەڭ بوپتىكەن.
         -بۇ كەچتىما. بولدىلا ئاپا، باشقا كىيىمىڭنى كىيىپ تۇرارسەن. مھىماننى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كەتسەم ياخشى بولماس..
        - بىر قانچىمىز مەخسۇس مۇشۇ توينى دەپ تىككۇزگەن. ئەتە كەيمىسەم قەتئى بولمايدۇ. مىھمانغا مەن بار قىزىم . مەنمۇ ئوبدان كۇتۇشنى بىلىمەن. قۇپە تاتلىق قىزىم، دەرھال ئەكىلىپ بەر.
        پەرىدە خانىم دىلنازنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي، ئۇنى قولىدىن يىتىلەپ ماڭدى. ئامالسىز قالغان دىلناز ۋارسقا <مەن تىزلا قايتىپ كىلىمەن، ئەيىپكە بۇيرىماي ئولتۇرغاچ تۇرۇڭ> دەپ قويۇپ سىرتقا چىقىپ كەتتى .
         تەمتىرەپ ھۇدۇقۇپ ئولتۇرغان ۋارس  دىلنازنىڭ چىقىپ كىتىشى بىلەن تېخىمۇ ساراسىمىگە چۇشتى. خۇددى ئۆزىنى كاتتا مىھمانخانىدا ئەمەس  تۇرمىدە تۇرغاندەك قىينىلىپ كەتتى. ئۇ دىلنازنى تىزراق قايتىپ كەلسىكەن، بۇ ئۆيدىن تىزراق چىكەتسەمكەن دەپ ئالدىراپلا تۇراتتى.
        -خوش. يىگىت، ئەمدى پارىڭىمىزنى قىلامدۇق،- پەرىدە خانىمنىڭ قۇپاللا قىلغان سۆزىدىن ۋارس يەنە چۇچۇدى.
        -خوش.
        -بولدى مەقسەتنى ئۇچۇقلا ئېيتاي. سىز قىزىم بىلەن راسلا توي قىلىش نىيىتىدىمۇ؟
         -ھە...ھە...ياق...ھە...-ۋارس دۇدۇقلاپ كەتتى.
         -بىز سىزنىڭ ھەممە ئەھۋالىڭىزنى ئۇقتۇق، سىز سەھرادىنكەنسىز، ئاتا-ئانىڭىزمۇ دىھقانكەن. شۇنداقمۇ؟
        - شۇنداق.
        -ياخشى. قېنى دەڭە، ھازىر بىزنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۇپ قانداق ھىسياتقا كەلدىڭىز؟
        ۋارس دىلنازنىڭ ئاپىسىنىڭ تىكىلىپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراشقا بەرداشلىق بىرەلمىدى. ئۇنىڭ تىكىلىپ تۇرۇپ سورىغان سۇئاللىرىدىن ئۆزىنى خۇددى بىر سوت مەيدانىدىكى جىنايەتچىدەكلا ھىس قىلدى. ئۇ ئاستا كۆزىنى يەرگە تىكتى.
         - مە..ن...مەن...ئىككى ئائىلىدە ھەقىقەتەن زور پەرق بار ئىكەن.
         -ئەجەپ ئەقىللىق بالىكەنسىز...بولدىغۇ بۇنى ئۆزىڭىزلا ھىس قىلىۋاپسىز مانا. ئۆزىڭىزنىڭ دىلنازغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بۇرۇن ھىس قىلىپ باقمىغانما؟...
         شۇ تاپ  نازىرنىڭ ئۇنى ئۆيىگە مىھمانغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئاڭلىغاندىكى  خوشاللىق ھىسياتى ، ئۇمۇدى خۇددى ئەينەك پارچىسدەك چۇل-چۇل بۇلۇپ كەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئۆيگە راسلا خاتا كىلىپ قالغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ھىس قىلدى.
         -ھىس قىلغان، بۇرۇنلا...لېكىن... لېكىن...
         -نىمە لېكىن ئۇ ئۇكام. نىمە لېكىن...سىز بۇ ئىشلارنى شۇنداق ئاددى چاغلىغانما؟ ئادەم دىگەن قەدەم دىگەننى ئويلىنىپ باسىدىغان گەپ. ئۆزىڭىزغۇ خېلى بىلىملىك بالىكەن. نەتىجىڭىزمۇ مەكتەپ بويىچە ئالدىدىكەن. لېكىن ئەقلىڭىزنىڭ يەنە بىر يەرلىرى سەل كەمتۇك ئوخشايدۇ.
         - لېكىن..لېكىن...كۇڭۇل دىگەن...
         -نىمە ئۇ كۇڭۇل دىگەن. بۇ كەمدە كۇڭۇلگە مۇشۇك ئاپتاپقا چىقمايدۇ. قېنى دەڭە سىزنىڭ ئاشۇ كۆڭلىڭىزدىن باشقا يەنە نىمىڭىز بار؟ ماڭا بىر دەپ بېقىڭا...
         ۋارس تېخىمۇ تەڭلىكتە قالدى. شۇ تاپ كىرىپ كىتەي دىسە يەر قاتتىق، چىقىپ كىتەي دىسە ئاسمان يىراق بۇلۇپ كىتىۋاتاتتى. ئۇ شۇ ئەلپازدا ئۆيدىن يۇگۇرۇپ چىقىپ كىتدىغاندەك قىلاتتى.
        -مانا. گەپ مانا مۇشۇ يەردە . بەلكىم مۇشۇ ئۇقۇشنىمۇ شۇنچىلىك تەس ئۇقۇغانسىز. بۇ كەملەردە دىھقان خەقنىڭ بالا ئۇقۇتمىقىمۇ ئاسان ئەمەس. توي قىلىشنى ئويلىغان چېغىڭىزدا ئا كىيىنكى خىزمەت مەسىلىسى، ئۆي مەسىلىسى، تويلۇق مەسىلىسى...ۋە يەنە نۇرغۇن ئىشلارغا كىتىدىغان تۇمەن-تۇمەن كويچەننى ئويلاپ باقمىغانسىز ھەقاچان...
        -ياق...ساددا ئىكەنمەن..
        -شۇ. ئۆزىنى بىلمەي قەدەمنى يۇغان ئالغان بىلەن چات كىرىلىپ كىتىدىغان ئىشلار بار ئۇكام. شۇڭا مەن ئەمدى سۆزلىمىسەممۇ بۇ ئىشلارنى چۇشۇنۇپ يەتكەنسىز...
         پەرىدە خانىمنىڭ پىلىمۇتتىن  ئوق چىققاندەكلا قىلىۋاتقان زەھەرلىك گەپ-سۆزلىرى بىچارە ۋارسىنىڭ يۇرىكىنى ئاغرىتىۋەتتى. ئۇ ئەمدى پەقەت چىدىيالمىدى. قۇلاقلىرى غۇڭۇلداپ ، كۆز جىيەكلىرى قىزىرىپ كەتتى. ئۆزىنىڭ نامرات بۇلۇپ قالغانلىقىغا بىرەر قېتىم ئېچىنىپ باقمىغان، ئاتا-ئانىىسىدىن بىرەر قېتىم نارازى بۇلۇپ باقمىغان ۋارسىقا دىلنازنىڭ ئاپىسىنىڭ گىپى ئېغىر زەربە بولدى. ئۇ بۇ تەڭسىز دۇنيادىن ئاغرىندى. پۇل، ھۇقۇق ئۇستىگە قۇرۇلىدىغان مۇھەببەت، تۇرمۇشتىن يىرگەندى. گەرچە دىلنازدەك ساپ ۋىجدانلىق قىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن سۇيۇنسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ساددىلىقىدىن قاتتىق ئۇكۇندى.   
        -بولدى. سوزلىمىسلە. مەن نامرات بولساممۇ  ۋىجدانىم باي، غۇرۇرۇم باي، سۆيگۇم باي...سىلە ئىشەنسىلە ئىدى مەن دىلنازنى چۇقۇم بەخىتلىك قىلالايىتتىم.
        -ھە؟...خۇددى دىلنازدەكلا گەپ قىلدىڭىزغۇ. نىمە بىلەن بەخىتلىك قىلىسىز، نىمە بىلەن ؟ ئۇكام مەن سىزگە راس گەپنى دىسەم: دىلنازنى بەخىتلىك قىلىدىغان ئادىمى بار.
        -ھە؟- غەزەپتىن تىترەپ تۇرغان ۋارس ھەيران بولۇپ سورىدى.- راسما؟
        -راس. ئۇچۇ ياپۇنيەدە ئاسپىرانتلىقنى ئۇقۇپ كەلگەن يىگىت. ئىسمى نۇردۇن. بىز ئىككى ئائىلە ئاللىبۇرۇن ئۇلارنىڭ ئىشىنى بىكىتىپ بولغان.
         -نۇردۇن؟- ۋارسىنىڭ كاللىسىغا چاقماق تىزلىكىدە مەكتەپ ئالدىدا <بىك> ماشىنىغا يۇلۇنۇپ قاراپ قالغان كىلىشكەن يىگىت كەلدى.- دىلنازنىڭ خەۋىرى بارمىدى؟
        - ئەلبەتتە.- پەرىدە خانىم قاشلىرىنى يىمىرىپ قۇيۇپ مۇغەمبەرلەرچە كۇلدى. شۇڭا سىز ئەڭ ياخشىسى بۇ قۇرۇق خىياللارنى قىلماڭ. دىلنازنى ئۇنتۇپ كىتىڭ. ئۇنى بەختلىك بولسۇن دىسىڭىز ئەمدى ئىككىنچى ئۇنى ئىزدىمەڭ. يۇرتىڭىزغا قايتىپ ئاۋۇ بىچارە ئاتا-ئانىڭىزنى  بېقىڭ. ھەممە ئادەم يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنغىنى ياخشى...بىلدىڭىزمۇ؟
        -لېكىن...
         -ۋاي ئاللا. نىمانداق مىكى-مىكىڭىز تۇگىمەيدىغان بالا سىز. مەن سىزگە ئۇچۇق دەپ قۇياي. بىز گۆھەردەك قىزىمىزنى ھەرگىز سەھراغا ياتلىق قىلمايمىز...بەختىگە ئولتۇرمايمىز...ئۇنىڭ ئالتۇندەك ياخشى لايىقى بار. سىزمىچۇ ، ئەڭ ياخشىسى ئەقلىڭىزنى ئىشلىتىپ سەھرايىڭىزدىن قىز تېپىۋېلىڭ...
         -ھەدە. قارىسام خېلى مەلۇماتلىق ئايالدەك كۆرۇنگەن ئىدىڭىز. مىنى ئۆزەڭلار ئۆيۇڭلەرگە تەكلىپ قىلىپ قويۇپ،يەنە مۇشۇنداق قۇپال گەپلەرنى قىلساڭلار قانداق بولىدۇ ؟
        -نىمە؟ قانداق قۇپال گەپ قىپتىمەن قارى غۇجام. راس گەپنى دىدىم، ئەمىلىيەتنى دىدىم. سىزگە يەنە بىر قېتىم دەي: بىزنىڭ سىزگە بىرىدىغان قىزىمىز يوق...
        ئاچچىقتىن يېرىلىپ كىتەي دەپ قالغان ۋارس ئەمدى ئۆزىنى باسالمىدى. كۆز چاناقلىرىغا لىققىدە تولغان ياشلىرى ئاستا -ئاستا مەڭزىنى بويلاپ سىرغىدى . لەۋلىرىنى قاتتىق-قاتتىق چىشلىدى. مۇھەببەت دىگەن مانا ... ھىجران كۇيلىرىگە تەڭكەش بۇلۇپ، مەڭگۇ ئازاپلىق ناخشا ئېيتىش. پەرھات-شىرىن، لەيلى -مەجنۇندەك مۇرادىغا يىتەلمەي ئاچچىق سۆيگۇ قىسسەسىنى قالدۇرۇش. سۇيۇش-سۇيۇلۇشنىڭ كەينىدىكى نۇرغۇن چىگىش ئائىلىۋى مۇناسىۋەت، ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىش. كونىلار راس ئېيتىدۇ <مەكتەپتىكى مۇھەببەت يۇرەكتىكى جاراھەت > دەپ...ھەممىسى  ئاچچىق ئازاپ، بىر ئۆمۇرلۇك ئۇنتۇلماس دەرتلىك  ئەسلىمە .  ۋارس ئاخىرى بۇ كۇڭۇللۇك مۇھەببەت سەپىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگەندەك بولدى. يۇشۇرۇن كۇيۇشنىڭ، ئاشىقلىق پىراقنىڭ ئازابىنى يەتكۇچە تارتىپ ئاخىرى ھەقىقى مۇھەببەتكە ئىرىشكەن ۋارسنىڭ شىرىن چۇشلىرى كۇپۇككە ئايلاندى. ئۇ تەسەۋۋۇر قىلغان تاتلىق كەلگۇسى تۇگىدى. ئۇ ئۆز -ئۆزىگە غەزەپلىنىپ،دىنازنىڭ ئاپىسى ئالدىدا   <ئۆزەم دۆت، ئەمدى ئۆزەمدىن كۆرەي، ئۆزەمدىن كۆرەي> دەپ توۋلاپ سالدى.
         ۋارس ھەممە نەرسىدىن ئايرىلغاندەك ئېغىر قەدەملىرىنى ئاستا يۆتكەپ ئورنىدىن تۇردى. ئۇ ئەمدى بۇ ئۆيدە، بۇ ئايالنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇشنىڭ ناھايىتى بىمەنە ئىشلىقىنى ھىس قىلدى. دىلنازنىڭ قايتىپ كىلىشىنىمۇ ئۇمۇت قىلمىدى. دىلنازنىڭ سەمىمى كۆڭلىنى، ئۆزىنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ، ئالدىدىكى رىئاللىق ئالدىدا ئۇنى ئۇمۇتسىز قويۇشقا مەجبۇر بولدى. دىلنازنىڭ ئاپىسىنىڭ <بىزنىڭ سىزگە بىرىدىغان قىزىمىز يوق> دىگەن گىپى قۇلاق تۇۋىدە قايتا-قايتا جاراڭلايتتى. ئۇ جەڭدە غەلبە قىلغان ئەسكەردەك غەلبە تۇيغۇسىدا قورقۇنۇچلۇق كۇلۇپ تۇرغان پەرىدە خانىمغا ياشلىق كۆزلىرى بىلەن ئاستا قاراپ قويۇپ ، ھاياتىدا ئۇچراپ باقمىغان ئېغىر خورلۇقنى كۆتۇرۇپ  ، بۇ ھەشەمەتلىك زىنداندىن يۇرىكى قان ھالدا چىقىپ كەتتى...


    ئاخىرى داۋاملىق يېزىلىدۇ...   
    [ بۇ يازما sirdaxim تەرپىدىن 2008-04-05 02:01 دە قاي ]
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    قۇملۇقنى كولىما بايقۇش، توغراقنى قۇچاقلاپ يىغلاپ-يىغلىۋال ...
    | ۋاقتى : 2008-04-05 01:48 15 -قەۋەت
    sirdaxim
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15864
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 725
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە725دانە
    شۆھرەت: 758 نۇمۇر
    پۇل: 2252 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :298(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

       ئالدىراپ تىزلا قايتىپ كەلگەن دىلناز  ئاپىسىنىڭ <ئىشى باركەن ، قايتىپ كەتتى...>دىگەن گىپىدىن ھەيران قالدى. ئاپىسىنىڭ چىرايىدىكى سۇغۇق كۇلكىگە قاراپ كۆڭلى قانداقتۇر بىر كۆڭۇلسىزلىكنى سىزىپ يەتتى. ئۇ ئاپسىدىن گەپ ئېلىش ئۇچۇن شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن ئاپىسىنىڭ  < جىددى ئىشى باركەن> دىگەن ئىرەنسىز جاۋابىدىن  كۆڭلى ئەمىن تاپماي بەكمۇ يېرىم بولدى.  ئۆزىنىڭ نەزىرىدىكى ئاجايىپ مىھرىبان،  دائىم <قىزىم، قىزىم> دەپلا ئۆتىدىغان ئاپىسىنىڭ نىمە سەۋەپتىن بۇنداق ئۆزگىرىپ كىتىۋاتقانلىقىنى چۇشەنمەيلا قالدى.  ئۇ ئامالسىز بىر كىچىنى ئازاپ ئىچىدە، ئۇيقۇسىز ئۆتكۇزدى. كۆز يېشى بىلەن ئاپئاق ياستۇقنى ھۆللەپ ئۆتكۇزدى. ئۆزىنىڭ نازىرنىڭ قىزى بولۇپ قالغانلىقىدىن ئازاپلىنىپ، ئاغرىنىپ ، قاخشاپ ئۆتكۇزدى. ئۇنىڭ ئۇچۇن بۇ كىچە شۇنچىلىك ئۇزۇن، شۇنچىلىك قورقۇنۇشلۇق بىلىنىپ كەتتى. تاڭ ئېتىشقا ، ۋارس بىلەن كۆرۇشۇشكە، ھەقىقى ئەھۋالنى ۋارس ئېغىزىدىن ئاڭلاشقا شۇنچىلىك ئالدىرىۋاتاتتى.
        دىلناز ئەتىسى كۆڭلى شۇنچىلىك يېرىم ھالدا ،يۇك تاقلىرىنى ئەكىلىشنى باھانە قىلىپ  مەكتەپكە ماڭدى.  ئۇ مۇشۇ پۇرسەتتە دەرھال ۋارسىنى تېپىپ ئۇنىڭغا ئىلھام بەرمىسە بولمايتتى.  دادىسىنى قايىل قىلمىسا ، ئۇلارنىڭ ھەقىقى رازىلىقىغا ئىرىشمىسە بولمايتتى. ئۇ پۇرسەتنى ئۆتكۇزىۋەتسە ئۆزىنىڭ گۇزەل كەلگۇسىنىڭ پۇتۇنلەي ۋەيران بولىدىغانلىقىنى، ۋارستىن مەڭگۇلۇك ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇ مۇشۇ كۇنلەردە بىشەملىشىپ قېلىۋاتقان ئاپىسىنى قايىل قىلالمىسمۇ، ئۆزىنى جېنىدىن ئەزىز كۆرىدىغان ، قىزىنىڭ كۆز يېشىغا ئەسلا چىدىيالمايدىغان مىھرىبان دادىسىنى   چۇقۇم قايىل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. شۇڭا قانداقلا بولمىسۇن دەرھال ۋارسقا مەدەت بىرىشى، ئىلھام بىرىشى، ئىشەنچ بىرىشى كېرەك ئىدى.
        جىمجىتلا بولۇپ قالغان مەكتەپ قورۇسىغا كىرگەن دىلناز ۋارسىنىڭ ياتىقى تەرەپكە ئىلداملا ماڭدى. لېكىن قۇلۇپلانغان ئىشىكنى كۆرۇپ ، دەرھاللا پۇتۇن مەكتەپنى ئايلىنىپ چىقتى. لېكىن ۋارىسنى تاپالمىدى . ئۇ ۋارس خۇددى كونا گۇللۇكتە ساقلاپ تۇرغاندەكلا ھىس قىلىپ ئۇ يەرگە بېرىپمۇ ئىزدىدى. لېكىن ۋارىسنىڭ ھېچقانداق ئىز-دىرىكى بولمىدى.   يۇرىكى ئېغىپ، ھىجران ياشلىرى چاناقلىرىدا يالتىرىۋاتقان   دىلنازنىڭ پۇت-قولىدا جان قالمىدى. ئۆزىنى بىرسى كۆكتىن يەرگە تاشلىۋەتكەندەكلا شۇنچىلىك غېرىپسىندى . ئۇ ۋارىستىن خەۋەر ئالالمىغاندىن كىيىن، كاللىسىغا <قايتىپ كەتتىمۇيە ؟> دىگەن قورقۇنۇچلۇق خىيال  كىرىۋالدى. <ياق،ياق...ئۇ ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ. چۇقۇم مىنى بىر يەردە كۇتىۋاتقان گەپ. ..> دىلناز ئۆز-ئۆزىگە تەسەللى بەرگەچ ياتىقىغا قاراپ ماڭدى.
        -دىلناز قىز، سىزنىڭ خېتىڭىز.
        ياتاق دىجۇرنى ئۆيىدىكى سىمىزغىنا كەلگەن ، خۇشچىراي  ئايال خىزمەتچى  تەڭلىگەن خەتنى تەئەججۇپ ئىچىدە ئالغان دىلناز كونۋىرتتىكى تۇنۇش پوچوركىنى كۆرۇپ ھەيران قالدى. ئۇ ۋارسىنىڭ خەۋىرىگە ئىرىشكەندەك خوشال بولۇپ دەرھاللا ئايالدىن سورىدى.
        - بۇ خەتنى كىم بەردى؟
        - بىر يىگىت، سەھەردىلا <ئەدىبىيات كەسپىدىكى دىلنازغا بىرىپ قويۇڭ> دەپ ئەكىرىپتىكەن.
        ھە، رەخمەت.- دىلناز شۇنداق دىدى- دە دەرھاللا يۇرەك ھەركىتىگە ئوخشاشلا تىز-تىز قەدەملەر بىلەن ياتىقىغا ئالدىراپ ماڭدى.  قەلبى بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولۇپ، تىترەپ تۇرغان نازۇك بارماقلىرى بىلەن كونۋىرت ئىچىدىن  خەتنى ئالدى .
        « ئەسسالام دىلناز:
        كۆڭلۇم شۇنچىلىك يېرىم ھالدا ، سىز ئۇچۇن ئىككىنچى بىر خەتنى يېزىۋاتىمەن. بىرىنچى خېتىم سىزگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىمنىڭ تاتلىق پىچىرىلىشى بولسا، بۇ خېتىم ئۇنىڭغا ئەسلا ئوخشىماس. بۇ سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزنى قەدىرلەش، ئۆز سۆيگۇمنى بەخىتكە ئىرىشتۇرۇشكە ئاجىزلىق قىلغان نىمجان يۇرۇكۇمنىڭ ھەسرەتلىك پىچىرلىشى. ئاچچىق نىداسى.
        مەن كەتتىم دىلناز، سىزگە خوش دىمەيلا، بۇلاقتەك سىھىرلىك كۆزلىرىڭىزگە تىكىلمەيلا، شىرىن مۇھەببەتلىك سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلىمايلا كەتتىم. بىر پۇتۇن قەلبىمنى سىزگە قالدۇرۇپ ، شۇ ئاجىز، كىرەكسىز، نامرات جىسمىمنى ئېلىپ كەتتىم. ماڭا ئۇنتۇلغۇسىز خوشاللىق بەرگەن، ئۇمۇت بەرگەن كۇنلىرىمنى ئەسلىمىگە ئايلاندۇرۇپ ، كىيىنكى ئۆمۇرلۇك ھەسرەتنى، پىراقنى ، ئازاپنى ئېلىپ كەتتىم.
        ئاپىڭىز توغرا ئېيتىدۇ دىلناز، بەكمۇ توغرا ئېيتىدۇ. مىنىڭ سىزگە تەقدىم قىلغۇدەك مۇشۇ ئاددى ، سەمىمى  يۇرۇكۇمدىن باشقا يەنە نىمەم بار؟ زادى نىمەم بار؟... مىنىڭ ھېچنەرسەم يوق، كاتتا ئائىلە كىلىپ چىقىشىم يوق، كادىر ئاتا-ئانام يوق، تۇمەن-تۇمەن پۇلۇم  يوق، ھەشەمەتلىك قورو-جايىم  يوق... شۇ مىسكىن ئاتا-ئانام، دىھقانغا  يۇرەك بولغان كىچىككىنە تۇپراقتىن   باشقا  ھېچنەرسەم يوق.  بۇلارنى بۇرۇنلا ھىس قىلىشىم كېرەك ئىدى دىلناز. لېكىن كۇڭۇل ، مۇھەببەت كۆزلەرنى كور قىلىۋەتكەن ئىكەن . ئەپسۇس، مەن راستىنلا سىزگە ماس كەلمەيدىغانلىقىمنى بۇرۇنلا بىلسەممۇ ، بۇگۇن باشقىدىن ھەقىقى تۇنۇپ يەتتىم. تۇرمۇشنىڭ بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدەك ئۇنچىلىك ئاددى ئەمەسلىكىنى تۇنۇپ يەتتىم.
        ئۆيىڭىزگە بارغىنىمغا ، ئاپىڭىزدىن يۇرۇگۇمگە پىچاق بولغان گەپلەرنى ئاڭلىغىنىمغا ئەسلا ئەپسۇسلانمايمەن دىلناز . مەن پەقەت سىزدەك بىر قىزنى ياخشى كۆرۇپ قالغانلىقىمدىن، سىزدەك بىر قىزنىڭمۇ مەن ئۇچۇن  گۆھەردەك قەلبىڭىزنى تەقدىم ئەيلىگەنلىكىڭىزدىن ئۆزەمنى بەكمۇ بەخىتلىك ھىس قىلىمەن. بۇ بەلكىم مىنىىڭ  ھاياتىمدىكى بىردىنبىر ھەقىقى بەخىت بۇلۇپ قالار. مەن سىزنىڭ گۇزەل رۇخسارىڭىزنى ئۇنتۇيالمايمەن، ماڭا بەرگەن ئىلھاملىرىڭىزنى  ئۇنتۇيالمايمەن. پەرىشتىدەك پاك قەلبىڭىزنى ، ساداقەتمەن يۇرىكىڭىزنى ئۇنتۇيالمايمەن. بىلىمەن ، سىز مەن ئۇچۇن زور بەدەللەرنى بەردىڭىز، بىزنىڭ كەلگۇسى بەختىمىز ئۇچۇن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتىڭىز، قىزلىق تەبىئىتىڭىزنى قايرىپ قويۇپ ، ئاتا-ئانىڭىز ئالدىدا مەن ئۇچۇن يالۋۇردىڭىز، كۆز يېشى قىلدىڭىز...مانا مۇشۇلار مىنىڭ بەختىم.
        تەقدىر مۇشۇنداق ئوخشايدۇ دىلناز. «مىنى ۋىجدانسىزلىق قىلدى، خوش دىمەيلا كەتتى، بىر يىللىق مۇھەببەتنىڭ زەررىچە قەدرىنى قىلمىدى » دەپ ئويلاپ قالماڭ. سىزمۇ يالغۇز قىز، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ يۇرىكى سىز. ئۇلارمۇ سىزنىڭ بەختىڭىزنى ئويلىدى. سىزدەك قەلبى قاشتېشىدەك سۇزۇك قىزىنىڭ كىيىنكى خوشاللىقىنى ئويلىدى. ساپ مۇھەببىتىڭىز ، ساپ كۆڭلىڭىز ئۇچۇن جانىمنى قۇربان قىلغۇم بار. لېكىن رىئاللىق يول قويمايدۇ. ئاتا-ئانا ئارزۇسى يول قويمايدۇ. جەمىيەت يول قويمايدۇ. سىزنىڭ ئازاپلىنىدىغانلىقىڭىز كۆڭلۇمگە ئايان، لېكىن تەقدىرگە باش ئىگىش كېرەك. نۇردۇندەك ھەر جەھەتتىن لاياقەتلىك يىگىت بىلەن توي قىلغاندىن كىيىن ، بۇ ئازاپلارمۇ ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلۇپ بارار...
         تۇنۇگۇن بىر كىچىنى قانداق ئۆتكۇزگۇنۇمنى سىز تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز، ساراڭ بۇلايلا دەپ قالدىم. قىستا-قىستاڭ سوراقلار ئىچىدە جىنايەتچى ئورنىدا جاۋاپ بىرىپ چىقتىم. بىچارە ئاتا-ئانام ئالدىدىكى قەرزىمنى ئويلاپ چىقتىم. سىزنىڭ ئالدىڭىزدىكى يىگىتلىك مەسئۇلىيىتىمنى ئويلاپ چىقتىم. بۇ رەھىمسىز رىئاللىقنى ئويلاپ چىقتىم...ئويلىغىنىم بەك كۆپ، بەك كۆپ دىلناز. يۇرەكلىرىم سۇ ، ياشلىرىم قان ھالدا ئويلۇدۇم: مەن زادى سەھرانى تېپىشىم كېرەككەن، ساددىلىقىمنى تېپىشىم كېرەككەن، نامراتلىقىمنى تېپىشىم كېرەككەن...
        مەن كەتتىم دىلناز. سىزگە <خوش> دىمەيلا، ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن كەتتىم. لېكىن گۇللۇكتىكى تاتلىق پىچىرلاش، مىھىرلىك قۇچاقلاش، شىرىن لەۋلەر...ماڭا ھەمرا. ئۇ ھاياتىمنىڭ يالدامىسى، ياشلىقىمنىڭ يالدامىسى، مۇھەببىىتمنىڭ يالدامىسى... تۇنجى ھىسلىرىمنىڭ يۇرەك باغرىمنىڭ قات-قېتىغا ئورناپ كەتكەن لەززىتى....
        مىنى ئۇنتۇپ كىتىڭ دىلناز، ئەزىزىم، كۆز نۇرۇم... مىنى چۇقۇم ئۇنتۇپ كىتىڭ. سىزدەك قەلبى ئەينەكتەك سۇزۇك قىزنىڭ ئۇلۇغ ئاللا چۇقۇم بەختىنى بىرىدۇ. سىزگە  ھەمراھ بولىدۇ. مەن ئامالسىزلىق ئىچىدە شۇنداق دىيىشكە مەجبۇر ... ئاللا كۆڭلۇمگە سالغان مۇھەببەت ئالدىدا تۇلەيدىغان بەدەل، قەرزىم بار ئوخشايدۇ...
        مەن كۆرۇشمەيلا ماڭدىم. كۆرۇشكەندىكى ئازاپلىق مىنۇتلارنى ئەسلا كۆرگۇم يوق. ئايرىلىش دىگەن سۆزنى ئويلىغۇممۇ يوق. يەنە دىسەم: سىزدىن ئايرىلىش ماڭا ئۇلۇمدۇر. مەن پەقەت روھسىز مۇزدەك جىسمىمنىلا ئېلىپ ماڭدىم.
         خەير دىلناز. ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ، غەيرەتلىك بولۇڭ. ئاتا-ئانا ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىڭ. ئۇلار قانداق پۇزۇتسىيەدە بولسۇن،  يەنىلا پەرزەنت بەختىنى ئويلايدۇ. سىزگە مەڭگۇ بەخىت تىلەيمەن.
                         - ۋارس ...»

        خەت دىلنازنىڭ تىترەپ تۇرغان قوللىرىدىن ئاجراپ ، ئاستا-ئاستا لەيلەپ يەرگە چۇشتى. بىر نوقتىغا تىكىلىپ قالغان كۆزلەرنىڭ جىيەكلىرىدىن مارجاندەك ياشلار ئاستا-ئاستا سىرغىشقا باشلىدى. ئۆمۇرلۇك ئازاپنىڭ ئاچچىق نىدالىرىنى ئاڭلاۋاتقان يۇرەك لەختە-لەختە بولدى. پۇتۇن دۇنيانىڭ ھەسرىتى پەقەت دىلنازغىلا مۇجەسسەملەنگەندەك ، ئۇنىڭ چىرايى شۇنچىلىك سۇلغۇن، شۇنچىلىك تاتىراڭغۇ كۆرۇنەتتى. ئۇ شۇ تاپ يۇقۇتۇپ قويغان نەرسىلىرى ئۇستىدە ئويلىنىۋاتاتتى. يۇرىكىگە نەقىش بولۇپ ئورناپ كەتكەن بىر سەمىمى سىمانى ، ئۇنىڭدىكى ئالىجاناپلىقنى، تىرىشچانلىقنى ، سەمىملىكنى ئويلىنىۋاتاتتى. پۇل-ھۇقۇق، ئابروي...غا ھەۋەس قىلغان ئاپىسىنىڭ رەزىل مەقسەتلىرىنى ئويلىنىۋاتاتتى. ئۇ ئەسلى بۇ خىل رىئاللىقنى كۇتمىگەن ئىدى. ئۆزىنى قەدىرلەيدىغان ئاتا-ئانىسىنى چۇقۇم قايىل قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدى. ۋارىستىن بەختىنى تاپىدىغانلىقىغا، سەھرادىن بەختىنى تاپىدىغانلىقىغا، مەنىۋىلىككە تولغان ساپ قەلىبتىن  كەلگۇسىدىن بەختىنى تاپىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدى. لېكىن شۇ تاپ تۇيۇقسىز ھەممە نەرسىدىن بىراقلا ئايرىلىپ ،ئېغىر تەنھالىققا يۇلۇققان دىلنازنىڭ ھالى بەك خاراپ. بەك خاراپ. ئۇ  بۇ ئەجەللىك ئايرىلىش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلدى. خۇدىنى يۇقاتقان دىلناز كارۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ  بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى .    «ۋارس نىمانداق ئىرادىسىز، نىمانداق يەڭگىلتەك...  نىمە ئۇچۇن ئۆز بەختى ئۇچۇن قۇربان بىرىشكە، باش ئىگىشكە، خورلۇقلارغا چىداشقا بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ ؟» دەپ ئۆز-ئۆزىگە مەجنۇنلاردەك  سۇئال قۇياتتى .  ئۇ ئۆزىگە ئومۇرلۇك دەرت-ھەسرەت، ئوت-پىراقنى سېلىپ  قويۇپ يۇرتىغا راۋان بولغان، ئۆز كەلگۇسىگە  يىنىكلىك بىلەن قارار چىقارغان ۋارسىتىن ئاغرىنىپ نەپرەتلىنىشنى  ياكى ئۇنىڭ ئاجىزلىقىغا ھىسداشلىق قىلىشنى ئەسلا بىلمەيتتى....

    ئاخىرى داۋاملىق يېزىلىدۇ.
    [ بۇ يازما sirdaxim تەرپىدىن 2008-04-06 20:52 دە قاي ]
    مۇنبەرگە تىما يوللىسىڭىز سىزگە كېرەك بولىدىغان بىزەك رەسىملەر بۇ يەردە
    قۇملۇقنى كولىما بايقۇش، توغراقنى قۇچاقلاپ يىغلاپ-يىغلىۋال ...
    | ۋاقتى : 2008-04-06 19:08 16 -قەۋەت
    sirdaxim
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15864
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 725
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە725دانە
    شۆھرەت: 758 نۇمۇر
    پۇل: 2252 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :298(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

       تۇرمە مەيلى قانداق بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇ يەنىلا ئەركىنلىك بۇغۇلغان جاي. ھايات قەدرىگە يەتمىگەن ، ئاللانىڭ بەرگەن مەئىشەتلىرىگە، شادلىقىغا ، بەختىگە شۇكرى قىلمىغان ئىنسان  پەقەت شۇ جايغا قەدەم بېسىپ ، ئاچچىق كۆز ياشلارنى تۆككەن ۋاقتىدا ئەركىنلىكنىڭ قەدرىگە يىتىشى مۇمكىن. ئۆزىنى مەڭگۇ نوچى چاغلايدىغان، مەڭگۇ باشقىلاردىن ئۇستۇن تۇتىدىغان ئەكرەم بۇنداق كۇنلەرنىڭ بېشىغا كىلىپ قېلىشىنى راسلا ئويلىمىغان ئىدى. مۇدىر ئائىلىسدە ھەشەمەتلىك تۇرمۇش ئىچىدە ئەركە چوڭ بولۇپ، تا ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ياشاپ كەلگەن ئەكرەم تۇرمىنىڭ قاتتىق تۇزۇمى ، كونا تۇرمىداشلارنىڭ خالىغانچە بوزەك قىلىشى ئاستىدا ، خورلۇق ئىچىدە كۇن ئۆتكۇزۇشكە مەجبۇر بولدى. بەلگۇلەنگەن ۋاقىتتا ئورنىدىن تۇرۇش، يۇگۇرۇش، تاماق يىيىش، ئۇگۇنۇش، ئېغىر ئەمگەكلەرنى قىلىش، ھەتتا يېتىپ-قۇپۇشتىن تارتىپ تەرەت قىلغۇچىلىك ھەممىسىدە قاتتىق تۇزۇم-بەلگۇلىمە بار. خىلاپلىق قىلىش قەتئى مۇمكىن ئەمەس. باشباشتاقلىق، ھۇقۇق، پۇل ھېچقايسىسى بۇ يەردە ئەسقاتمايدۇ. مۇشۇ خىل ھەربىچە تۇزۇم ۋە  كامىردىكى جاننى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ ئىش تۇتۇپ كەلگەن، كۆزلىرىدىن ۋەھشىلىك چىقىپ  تۇرىدىغان قاتىل، بولاڭچى، باسقۇنچى ، ئاقچى، بالا بىدىكى ...قاتارلىق جىنايەتچىلەرنىڭ  ئالدىدا ئۆنىڭ بۇرۇنقى نوچىلىقلىرى جىمجىتلا يۇقالغان ئىدى. كامىردىكى  جىنايەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى زومىگەرلىك خاراكتىرىنى تۇرمە ئىچىدىمۇ يۇقاتمىغان، يېڭى كەلداخۇنلارنى مالىيىدەك ئىشقا سېلىپ ، بوزەك قىلىپ كۆنگەن ئىدى. ئۇلار گەرچە ساقچىلار ئالدىدا ناھايىتى ئىتائەتمەندەك قىلسىمۇ، لېكىن كامىر ئىچىدە بىلگىنىنى قىلاتتى. نوچىلار بۇ يەردە ئۆزىنىڭ خوررىكى بىلەن  تەبىئىلا <غوجام، ئاكا، باشلىق...> بولۇپ ھۇقۇق تۇتىشاتتى.
        تۇرمىگە قامالغان يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە  ئەكرەمنىڭ تارتمىغان كۇنلىرى قالمىدى. ئۇ كىرىپ 2 كۇن ئۆتمەيلا  كامىرنىڭ <غوجىسى> -  سادىر ئاقچى نىڭ «سۇيدۇكۇمنى تۇكىۋەت» دىگەن گىپىنى  ھار ئېلىپ ، پوچىلىق قىلىپ تاكاللىشىپ  بولغۇچە تاياق يىدى. ئۇ بۇلارنى كۆتىرەلمەي غۇلغۇلا كۆتىرىپ ساقچىلارغا مەلۇم قىلغاچقا، سادىر ئاقچىنىڭ  چۇماقچىلىرى ئۇنى يەنە بوش قويماي ئادەم بولغىنىغا تويغۇزدى. ئۇ ئاخىرى بۇنداق قىلىشنىڭ ئەخمىقانلىقلىقىنى ھىس قىلىپ ، تاياق يىسىمۇ، بوزەك قىلىنسىمۇ سۇكۇتتە يۇرۇشكە مەجبۇر بولدى. ئۇ تۇرمىنىڭ بۇ ئۆزگىچە قائىدىسىگە ئاستا-ئاستا كۆندى. ھەر قېتىم چوڭلارنىڭ بۆزەك قىلىشىغا ئۇچرىغاندا ئۆزىنىڭ مەكتەپتىكى زومىگەرلىكىنى ئەسلەيتتى. يېڭى ئۇقۇغۇچىلارنى ئۇيۇن ئوينىدا بوزەك قىلغان، قالايمىقان ئۇرغان، ئۇلارنىڭ نەرسە-كېرەكلىرىنى خالىغانچە بۇزغان، ناتىۋان قىزلارغا بولمىغۇر چاقچاق قىلىپ كۆڭلىنى ئاچقان ...ۋاقىتلىرىنى ئەسلەيتتى. ئوزىنىڭ شۇ نوچى ۋاقىتلىرىنى سېغىناتتى. ئۇ سادىر ئاقچىنىڭ  خاس مالىيىدەكلا كۇن ئۆتكۇزدى، <خوش،خوش...> دىيىش، سادىرنىڭ يېنىدا ئىتتەك يۇرۇش ئۇنىڭ ئادىتىگە ئايلاندى. ئۇ بۇ يەردە كۇن ئۆتكۇزۇشنىڭ ھەقىقەتەن تەسلىكىنى بىلىپ يەتكەچكە ، مۇشۇ خىل يولنى تۇتۇشنى ، ئۆزىگە يۇلەك تېپىشنى ئويلىدى. ئۇ ئۆيىدىكلەر ئەكەلگەن ياخشى يىمىلىك، تۇرمۇش بويۇملىرىنى، خىراجىتىنى ئاۋال <خوجايىنى> غا بىرىپ، ئۇنىڭدىن ئاشقىنى يەپ، ئىشلىتىپ، <خوجايىن> ئالدىدىكى ئورنىنى خېلى ئۆستۇرىۋالدى. ئۇ شۇ تەرىزدە بۇ ئازاپلىق تۇرمە ھاياتىنى يۇۋاشلارچە ئۆتكۇزۇشكە مەجبور بولدى.
         ئەكرەمنى يوقلاپ كىلىۋاتقان ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ئايىقى ئۇزۇلمىگەنلىكىنى كۆرۇپ تۇرغان، ئۇنىڭ نىئمەتلىرىنى تېتىپ كۇنۇپ قالغان،  ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ خېلىلا باياشات ئىكەنلىكىنى، دادىسىنىڭ ئەمەلدار ئىكەنلىكىنى بىلگەن  سادىر ئاقچى ئۆزىگە يۇشۇرۇن سېلىۋاتقان شىفىرىسنىڭ ئەكرەم ئۇچۇنمۇ ناھايىتى زۇرۇرلىكىنى ھىس قىلدى. ئۇنى بۇ <لەززەت>كە خۇمار قىلسا ، ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ئىقتىسادى مەسىلىلىرىنىڭ ھەل بۇلۇپ قالىدىغانلىقىنى، <ئاق ئالتۇن>نى تېپىشقا ئەكرەمنىڭ ئوزىلا باش قاتۇرۇپ، يول ماڭىدىغانلىقىنى ، ئۆز خۇمارىنى پۇل خەجلىمەيلا قاندۇرۇپ، تەبىئىلا ئەكرەمدىن يەنە  نۇرغۇن ئىقتىسادلىق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتتى. ئۇ پۇرسەت كۇتىۋاتقان پەيتلەردە، بىر كۇنى ئازاپلىنىپ بىر بۇلۇڭدا شۇمشۇيۇپلا ئولتۇرغان ئەكرەمنى كۆرۇپ ، ئۇنىڭ قېشىغا ئاستا كەلدى.
        -ئەكرەم ئۇكا.
        -خوش، خوش ئاكا. بىرەر ئىش بارمىدى.
       - قارىسام بەكلا چۇشكۇن كۆرىنىسەنغۇ؟ ئىچىڭ پۇشۇپ تۇرامدا؟
        - ھە، بۇ يەرگە كىرگىلى 3-4ئاي  بوپ قاپتۇ  ئاكا. بۇرۇن بەك ئەركىن يۇرۇپ كۇنۇپ قالغاچقا پەقەت كۆنەلمەيۋاتىمەن. ئىچىم بەك ئاچچىق بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ. بەك ئازاپلىنىپ تۇرىمەن. تىزراق چىكىتىشنى، ئەركىن دۇنيانىڭ ھۇزۇرىنى سۇرۇشنى بەك ئارزۇ قىلىمەن.
        - بولدى. بولدى. قۇرۇق خىيال قىلما. سەن قانچە ئارزۇ قىلساڭمۇ ئۇ دىگەن خىيال . ۋاقتىڭ توشمىسا بىكار. بۇنداق چۇشكۇنلۇك، ئازاپ ئىچىدە ئۆتسەڭ يەنە 2 يىلدىن ئۇزاق ۋاقىتنى  قانداق ئۆتكۇزۇپ بولىسەن، بىزدەك بول ، بىزدەك...
        - قانداق دەيسىز ئاكا؟
        - قانداق دەيتتىم. تۇرمۇدىمىچۇ، قىلاي دىسەڭ نى-نى خوشال ئىشلارنى قىلالايسەن، ماڭا قارا ئۇكا. ئازاپلانغان ۋاقتىڭدا، ئىچىڭ دەرتكە تولغاندا تۇيۇقسىز كۆڭلۇڭنىڭ خۇش كەيىپ بۇلۇشىنى، كۆكتە پەرۋاز قىلغاندەك ھۇزۇرلىنىشىنى، تاتلىق ئۇيقىغا كىتىپ شىرىن چۇش كۆرۇشنى ئارزۇ قىلامسەن؟
        -ئەلبەتتە. ئاكا. ئەلبەتتە. شۇنداق بولغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى. بۇ ئازاپلىق كۇنلەرنى شۇنداق غەمسىز ئۆتكۇزىۋالسام دەيمەن.
        -بولىدۇ. ئاسان بۇ ئۇكا. ماڭا قارا، بۇرۇن <ئاق ئالتۇن> دىن تېتىپ باققانمۇ؟
        - ئاق ئالتۇن؟ ياق، ياق... لېكىن ئاغىنىلەرنىڭ چەككىنى، ئۇرغۇزغىنىنى كۆرگەن. لېكىن مەن قىلىپ باقمىغان.
       -ساددا بالا، ساددا بالا... بىزنىڭ ئەكرەمدەك بولغىن. سەندەك نوچى يىگىتلەر قىلىدىغان نەرسە بۇ...
       -قانداق بۇلار ھە ئاكا.
       -قانداق بولاتتى. ئوبدان بۇلىدۇ ئۇكام، ئوبدان بۇلىدۇ. ئازاپلىرىڭ  لەززەتكە ئايلىنىدۇ. كۆكتە پەرىلەر بىلەن بىرگە پەرۋاز قىلىسەن ...قالغان پەيزى يەرلىرىنى چىكىپ باققاندا بىلىپ قالىسەن. چىكىپ باققاندا...
        سادىر ئاقچىنىڭ مۇغەمبەرلەرچە كۇلگەن كۇلكىسىگە دىققەت قىلماي، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى مۇلاھىزە قىلىۋاتقان ئەكرەمنىڭ  راستىنلا بىر چىكىپ باققۇسى كىلىپ قالدى. جەمىيەتتىكى بىر قىسىم ئاغىنىلىرىنىڭ چىكىپ ھۇزۇرلانغان ۋاقىتتىكى مەسخۇش سىمالىرى كۆز ئالدىدا پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى. ئۇ بىردەم ئويلانغاندىن كىيىن <ئۇغۇل بالىغۇ مەن، نىمە ئىشلارنى قىلمىغان بىز، كۇنلەرنى بۇنداق ئۆتكۇزگەندىن چىكىپ باقسام باقاي...> دىگەن نىيەتكە كەلدى.
        -بولىدۇ ئاكا. لېكىن بۇ دىگەن تۇرما تۇرسا، ئۇ گۆھەرنى نەدىن تاپىمىز؟
        -ئاخماق بالا... قىلاي دىگەن نىيەت بولسىچۇ ھەر قانداق ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ. مەن كىم؟ مىنى بەك بوش چاغلايدىغان ئوخشىمامسەن؟
       -يا..ق ، ياق...سىزگە قول قويىمەن ئاكا. ئەمدى دەيمىنا...
       -سىنى يوقلاپ كەلگەندەك بىزنىمۇ دوس-بۇرادەرلەر تاشلاپ قويمىدى. ئۇلارنىڭ ھىممىتى ھازىرمۇ بار...كۆردىڭمۇ؟- سادىر ئاقچى كۆرپە بۇرجۇكىگە چاندۇرماي تىقىپ قويغان بىر كىچىك بولاق بىلەن شىفىرىسنى ئاستا ئېلىپ ئەكرەمگە كۆرسەتتى. - مانا ، ساڭا ھەقسىز... بۇگۇن كىچە جىممىدە يېنىمغا كەل .
        - ماقۇل ئاكا، ماقۇل، ئىچىمگە بىر ئوت سېلىپ قويدىڭىز...
        سادىر ئاقچى ئىشنى ئاجايىپ ئۇستۇلۇق بىلەن پۇتتۇرگىنىگە ، ئەكرەمنى تىزلا قايىل قىلغىنىغا خوشال بولدى. بۇرۇندىن يامان يول ئىچىدە ياشاپ، يامان يول ئىچىدە ھۇزۇر سۇرۇپ كەلگەن بۇ ئاقچى نوچى  بۇ ئۆزگەرتىش مەيدانىدىمۇ ئۆزىنىڭ تەبىئىتىنى يۇقاتمىغان ئىدى. شۇ كۇنى كىچە ئەكرەم  دادىسىنىڭ تۇرمىگە كىرىشتىن بۇرۇن مىھرىبانلىق بىلەن قىلغان  ئۇمۇتلىرىنى يەنە بىر قېتىم يەردە قويۇپ، قىلغان گۇناھلىرى ، خاتالىقلىرى ئۇستىگە يەنە بىر ئېغىر خاتالىقنى ئۆتكۇزۇپ، ئۆزگەرتىش مەيدانىنىڭ سىڭدۇرگەن ئەجىرلىرىنى بىر پۇل قىلىپ ، زەھەرنىڭ ئالتۇن يالىتىلىغان تىغىنى ئانا سۇتى كەتمىگەن قان تۇمۇرىغا خوشاللىق بىلەن سانجىدى. ئۇنىڭ تىنىگە شىرىن لەززەت بىلەن بىرگە ، مەڭگۇلۇك ئازاپلىق ھەسرەتنىڭ يىلتىزى ئۇستىلىق بىلەن كۆچۇرۇلۇپ، قان-ياشلىق قىسمەتكە  ئەڭ ئەزىز <ئاق ئۇغۇت> چېچىلدى. بۇ زەھەرلىك تىغنىڭ  تۇمۇرلىرىغا سانجىلغان شۇ پەيتنىڭ -كىيىنكى نۇرغۇن بىگۇناھ ئەزىز جانلارنى ئۇلۇم  سەپىرىگە باشلايدىغانلىقىنى  بۇ نادان يىگىت ئەسلا تەسەۋۋۇر قىلپ باقمىغان ئىدى...
        كۇنلەر ئۆتكەنسىرى ئەكرەم  بۇ سىھىرلىك نەرسىنىڭ ئۆزى ئۇچۇن ناھايىتى قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىشقا باشلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تۇرمىدىكى ئازاپلىرىنى ئاستا-ئاستا ئۇنتۇپ ماڭغانلىقىدىن خوشال ئىدى. ئۇ شىفىرىسىنى خۇددى ئېغىر كىسەل بولغان بىمار ھاياتلىق ئۇچۇن قىممەتلىك ئۇكۇل سالدۇرىۋاتقاندەك بەخىت، ئۇمۇت، خوشاللىق ئىچىدە تۇمۇرىغا سانجىپ مېڭىۋەردى. ئۇ بۇ بىر قېتىملىق باشلىنىشنىڭ ئاخىرىدا يەنە نۇرغۇن باشلىنىش بارلىغىنى بىلىدىغاندەكلا ، سادىر ئاقچىنىڭ كۆزلىرىگە ئۇمۇت بىلەن يىلىنىپ قارايدىغان بولدى. ئۇنى خۇددى ئەزىز نىجاتكارىدەك، ھاياتىنى قۇتقۇزغۇچى، بەخت ئاتا قىلغۇچى تەڭرىدەكلا كۆرىدىغان بولدى. لېكىن جاھاندا نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش بار؟ نەدە ئۇنداق بىكار لەززەت بار؟... سادىر ئاقچى ئاخىرى مەقسىدىنى ئۇچۇق ئىپادىلەشكە باشلىدى. ئۆزىدىكى بۇ نەرسىلەرنىڭ بىكارغا كەلمەيدىغانلىقىنى، پۇل بولمىسا سىرتتىن ئەكىرىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى، ھۇزۇر ئۇچۇن بەدەل تۇلەش كېرەكلىكىنى ...خۇمار تۇتۇپ ، سۇغا تەشنا بولغان بېلىقتەك بۇلۇپ كىتىۋاتقان ئەكرەمگە بىلدۇردى. ئەكرەم ئامالسىز يۇرىكى پەرزەنت غېىمىدە پارە بولغان  مۇدىرنى ئالداشقا، ئۇنىڭ ئىقتىسادىنى قاقتى-سوقتى قىلىشقا باشلىدى، تۇرلۇك باھانىلەرنى دەپ پۇل ئەكەلدۇرىدىغان بولىۋالدى.
         ئەكرەمنىڭ ئىقتىسادى ئۇنىڭ كۇنسىرى ئېغىرلىشىۋاتقان خۇمارىغا يىتشىپ  بۇلالمايۋاتاتتى. ئۇ بەزىدە ئامالسىزسادىر  ئاقچى غا بىچارىلەرچە يىلىنشىقا، تىزلىنىشقا، ئۇنىڭ ئايىغىغا باش قۇيۇشقا مەجبۇر بولۇشقا باشلىدى. ئۇ سادىر  ئاقچىنىڭ مەقسىدىنى مۇشۇ پەيتلەردە ئاندا-مۇندا چۇشەنگەندەك بولدى. لېكىن تۇلىمۇ كىچىككەن ئىدى. ئۇ پەقەت مۇشۇنداق يىلىنمىسا ئازاپلىرى ئۇستىگە ئازاپ قوشۇلاتتى، ئۇستىخانلىرى سىقىراپ ئاغىرىپ كىتەتتى. دىر-دىر تىترەپ يۇرىكى مۇجۇلاتتى... ئۇ ئەمدى نىجاتكارىدىنلا ياردەم سورىمىسا ، ھېچكىم ئۇنىڭغا ياردەم بىرەلمەيتتى. ئۇنىڭ ئاغرىقلىرىنى تارتىشىپ بىرەلمەيتتى. سادىر ئاقچى مەيلى قانداق رەزىل بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر ، شۇ تاپ ئەكرەمنىڭ مەبۇدىسى ئىدى... 
        بۇ تۇرمۇشتا ئېچىلمايدىغان سىر بولمىغىنىدەك، ئەكرەمنىڭ يۇشۇرۇن چىكىش، ئۇكۇل سېلىشىلىرى ئاخىرى ئاشكارىلىنىپ قالدى. ھەپتە پۇلسىز قالغان ئەكرەم <ئاق ئالتۇن> غا زار بولدى. پۇتۇن ئەزايى سىقىراپ ئاغرىپ، يۇرىكى ھالسىزلاندى، تاماق يىيىشكە ئەسلا رايى بارمىدى، قورساقلىرى تۇرۇپ-تۇرۇپ قاتتىق مۇجۇلدى. ئۆرە تۇرغىدەكمۇ  ھالى قالمىدى، ئۇ سادىر  ئاقچىغا كۇچۇكتەك يىغلاپ تۇرۇپ يىلىنغان بولسىمۇ، سادىر ئۇنى قۇپاللا سىلكىۋەتتى، پۇتىغا ئېسىلغاندا كۇچەپ ئىتتىرىۋەتتى. <مەندە ئېلىشىڭ بارمىدى؟ ماڭا ئەمدى ئېسىلىۋالما. مەن ساخاۋەت ئورنىنىڭ  باشلىقى ئەمەس، بىلىدىڭمۇ؟ بىلدىڭمۇ؟...> دەپ ھۆكىرەپ قورقۇتتى. كامىردىكى باشقا جىنايەتچىلەر ئەكرەمنىڭ ئېچىنشلىق ھالىغا، ئازاپلىق يىغىىسغا قاراپ تۇرسىمۇ، لېكىن <سادىر غوجام> نىڭ ئالدىدا ھېچقايسى مىت قىلالمىدى. قىينلىپ ھالى قالمىغان ئەكرەم ئاخىرى بۇلالماي قاتتىق ۋاقىراشقا ، ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىدى. كامىرنى ساراڭلاردەكلا بېشىغا كىيدى.
        نۆۋەتچى ساقچى بۇ كامىردىكى ۋارقىراپ-جاقىراشتىن ئەجەپلىنىپ، ئۇنى بېسىقتۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ ، لېكىن مۇمكىن بولمىدى. ئەكرەمنىڭ ھالى ياخشىلىنىش تۇگۇل تېخىمۇ غالجىرلىشىپ بېرىۋاتاتتى. كامىردىكى جىنايەتچىلەردىن ئەھۋال ئۇقۇشقا ئامالسىز قالغان ساقچى دەرھال تۇرمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەر ۋە دوختۇرلىرىنى چاقىرىپ ، ھالسىزلىنىپ يېقىلغان ئەكرەمنى كۆتۇرۇپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدى...


    ئاخىرى داۋاملىق يېزىلىدۇ
    ...
        
       
    [ بۇ يازما sirdaxim تەرپىدىن 2008-04-07 18:22 دە قاي ]
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    قۇملۇقنى كولىما بايقۇش، توغراقنى قۇچاقلاپ يىغلاپ-يىغلىۋال ...
    | ۋاقتى : 2008-04-07 00:20 17 -قەۋەت
    sirdaxim
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15864
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 725
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە725دانە
    شۆھرەت: 758 نۇمۇر
    پۇل: 2252 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :298(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

        ۋارس بۇ 5 يىللىق ئۇقۇشىدىن ئاجايىپ مول تەجرىبە-بىلىم بىلەن بىرگە مەڭگۇ ئۇنتۇلماس ئازاپلىق مۇھەببەت ئەسلىمىسىنى، دەرتلىك ھەسرەتلەرنى  ئېلىپ يۇرتىغا قايتتى.  يۇرىكى دىلناز بىلەن بىرگە قالغان بولسىمۇ، ئۆزى ئۇچۇن بارلىغىنى تەقدىم قىلغان، كەتمەن  بىلەن بىر ئۆمۇر دوس بۇلۇپ ئۆتكەن ئاتا-ئانىسىغا ھەمرا بۇلۇشنىڭ  ھەقىقەتەن زۇرۇرلىكىنى ھىس قىلدى. كۆز ئالدىدىكى دىلنازنىڭ تۇرمۇشى بىلەن ئاسمان-زىمىن پەرقلىنىدىغان ئائىلە مۇھىتىغا قايتا سەپسالغاندىن كىيىن، ئۇنىڭدىكى ئىدىيە تېخىمۇ روشەنلەشتى. ئۆزىنى مىھرى بىلەن باغرىغا باسقان قاداق-قاداق قوللارنى، يۇزلىرىگە يېقىلغان  تۇپا ھىدى سىڭگەن چىرايلارنى ،  ئوغلىنى كۆرۇپ بارلىق جەۋر-جاپالىرىنى ئۇنتۇغان، پەرزەنت بەختىدىن شات كۇلگەن مىھرىبانلارنى كۆرۇپ، ئۇ ئاتا-ئانا قەدرىگە يىتىۋاتاتتى.  مۇھەببەتمۇ مۇھىم، ئاتا-ئانا ئۇنىڭدىن مۇھىم دىگەن يەكۇنگە كىلەتتى. ئۇ ئەمدى چۇقۇم يېزىلىق ئوتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنىدۇ. تىرىشىپ ئىشلەيدۇ، ئازاپلىق كەچىمىشنى ، ئۇنى بىئارام قىلىپ تۇرغان سېغىنىشنى ئۇنتۇش ئۇچۇن بولسىمۇ تىرىشىپ ئىشلەيدۇ. ئۇ ئەمدى ئۇزۇن مەزگىل مۇھەببەت توغرىسىدا ئويلانمايدۇ، بىرەر قىز بىلەن توي ئىشى توغرىسىدىمۇ مەسلىھەتلەشمەيدۇ، چۇنكى ئۇنىڭ قەلبىدىكى دىلنازنىڭ ئوبرازىنى كىم ئىگەللىيەلەيدۇ؟ ئۇنىڭ ۋارىسقا سالغان ئىشىق ئوتىنى كىم قايتىدىن يالقۇنجىتالايدۇ؟ ...ئۇ ئەمدى دىلنازنىڭ تۇنجى ئارزۇسى، ئىلھامى بويىچە ئاتا-ئانا ئەجرىنى قايتۇرۇشى كېرەك، ئۇلارنىڭ نامراتلىق تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىشى  كېرەك، سىڭلىسىنى ئۇقۇتۇشى، ئۆزىدەك ئالى مەكتەپكە ئىبەرتىشى كېرەك. دىلنازنىڭ ئۆمۇرلۇك مۇھەببىتىگە ئىرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئارزۇسىنى بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن كۇچ چىقىرىشى كېرەك.
        ۋارس سەھراغا تىزلا ئۆزلىشىۋالدى. ئېتىزنىڭ مۇھىم بىر ئەزاسى بۇلۇپ، ھەر سەھەردە دىھقان ئەۋلادىغا خاس جەسۇرلۇق، ئىتائەتمەنلىك، شۇكرىلىك بىلەن ئېتىزغا ماڭاتتى. دەرتلىرىنى كەتمەندىن ئالماقچى بولغاندەك ، پۇتۇن كۇچى بىلەن چاپاتتى، ئېتىزلاردىكى مايسىلارغا پىچىرلايتتى، يۇمران نوتىلارنى كۆرگەندە دىلنازغا بولغان مۇھەببەت مايسىسى بىخ سۇرگەن دەملەرنى ئەسلەيتتى. شۇ يۇمران نوتىلارنىڭمۇ بىر كۇنلەردە مىۋە بەرمەي قۇرۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيتتى. ئىشتىن ھارغان ۋاقىتلىرىدا ئېتىز قىرىدا ئولتۇرۇپ يىراق-يىراقلارغا تىكىلىپ ئۇزۇن-ئۇزۇن خىياللارنى سۇرەتتى، ئۇرۇمچىدە يىگانە قالغان دىلنازنى سېغىناتتى. <قانداق قىسمەتلەرگە يۇلۇققاندۇ؟ پىراق ئوتىدا يۇرىكى ئىزىلگەنمىدۇ؟ كىچە-كىچە كىرپىك قاقماي ياش تۆككەنمىدۇ؟ ياكى  مەندىن نەپرەتلەنگەنمىدۇ؟ مىنى تىللىغانمىدۇ؟ ئۆزىنىڭ ئاخماق بۇلۇپ بىر سەھرالىققا كۇڭۇل بۆلگەنلىكىگە ئۇكۇنگەنمىدۇ؟ رىئاللىققا باش ئىگىپ، زەردار نۇردۇن بىلەن توي قىلىش قارارىغا كەلگەنمىدۇ؟...> دىگەندەك بىر تالاي ئازاپلىق سۇئاللار ئىچىدە قىينىلاتتى. ئۇ بۇ رەھىمسىز رىئاللىقتىن قۇتۇلماقچى  بولۇپ بۇ ئىشلارنى ئويلىماسلىققا، ھەممە ئەسلىمىلەرنى ئۇنتۇپ كىتىشكە تىرىشسىمۇ، لېكىن قەلبىنىڭ قانداقتۇر بىر يەرلىرىدىن  دىلنازنىڭ خېتىنى كۇتەتتى . ئۇنىڭ بۇ سەھراغا كەلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تۇيۇقسىز كىلىپ، مۇشۇ سەھرادا ئۇنىڭغا ئۆمۇرلۇك مەھبۇبە بولۇپ قېلىشىنى شىرىن خىياللار ئىچىدە ئۇمۇت قىلاتتى.
        ئۇ ئۇقۇش پۇتتۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇگۇنۇشنى توختۇتۇپ قويمىدى، كۇندىزى ئاتا-ئانىسىغا ھەمرا بولۇپ ئەمگەك قىلسىمۇ، كەچلىرى يەنىلا ئۇرۇمچىدىن ئالغاچ كەلگەن ئىنگىلىز تىلى ئۇقۇشلۇقى، پايدىلىنىش ماتىرىياللىرىغا قاراپ تىنماي ئۇگەندى. بۇ سەھرادا بۇ تىلنىڭ ھېچقانچە ئەھمىيىتى يوقلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ، تىرىشچان، ئۇمۇتۋار بۇ ياش يەنىلا ئىزدىنەتتى. تىرىشچانلىق تەبىئىتى ئۇنى تىنماي ئۇگۇنۇشكە ئۇندەيتتى...
        بىر كۇنى كەچتە تال بارىڭى ئاستىدىكى سۇس چىراق يۇرىقىدا پۇتۇن ئىشتىياقى بىلەن ماتىرىيال كۆرىۋاتقان ۋارسنىڭ قېشىدا بىر يىگىت پەيدا بولدى.
        - بارمۇ قارى ئاداش، دىلناز  قىزغا بولغان ئاشىقلىق ئەمدى ماۋۇ چەتئەلنىڭ كىتاۋىغا يۆتكەلدىمۇ نىمە؟
        ۋارس چۇچۇگەندەك ،  ئالدىدا كۇلۇمسىرەپ تۇرغان دوستى مۇرادىلنى كۆرۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. ئۇنى كەڭ يەلكىلىرى بىلەن چىڭ قۇچاقلىدى.
      - جېنىم ئاغىنەم. سىنى شۇنداق سېغىنىپ تۇراتتىم.
      -سېغىنغان ئادەم بىزنىڭ مەھەللە تەرەپكە بارار ئىدىڭ. سەن دىلنازدىن باشقا بىرەرىنىمۇ سېغىنامسەن ئاغىنە؟؟؟
        - توۋا دىگىنە، توۋا...ماڭا مۇھەببەتلا ئەمەس دوسلۇقمۇ كېرەك جۇمۇ .
        ئىككى ئاغىنە ئۇزاق مۇڭداشتى، ۋارس يىغىلىپ قالغان دەرتلىرىنى، سېغىنشلىرىنى مۇرادىلغا دەپ خېلى يىنىكلەپ قالدى.
      -ئاجايىپ بىر قىز ئىدى ئۇ. خۇدايىم بەختىنى بىرەر،- ۋارسنىڭ سۆزلىرىدىن كۆڭلى يېرىم بولغان مۇرادىل ۋارسىنىڭ قولىنى سىقتى.- ياخشىلارنىڭ ھامان بەختىنى بىرىدۇ خۇدايىم، ئىشەنگىن، پەرىشتىدەك قەلبى ئۇچۇن ياخشى بىر ھەمرانى نىسىپ بقىلىدۇ .
      - لېكىن، لېكىن...ئۇ مىنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ. چۇقۇم مەندىن نەپرەتلەنگەن گەپ. مەن قايتىپ كەلگەندىن بۇيان ئۇنىڭدىن ھېچ ئۇچۇر كەلمىدى. يا بىرەر پارچە خەت يوق.
      - سەن كۆرۇشمەيلا، چۇشەنچە بەرمەيلا كالىدەك قايتىپ كەلگەندىكىن ئۇنىڭغىمۇ نىمە ئامال. سەندەك ئىرادىسىز ئادەمدىن نەپرەتلەنسىمۇ نەپرەتلەنگەندۇ؟
      -بۇ نىمە دىگىنىڭ؟
      -سەن ئويلىمىدىڭما؟ يىگىت دىگەندە پۇلاتتەك ئىرادە، باتۇرلۇق بولىشى كېرەك. دىلنازنىڭ ئاپىسىنىڭ ئىككى ئېغىز قاتتىق گىپىنى ئاڭلاپلا سۇغا چۇشكەن مۇشۇكتەك بۇلۇپ قالغان تۇرساڭ. خۇددى شۇنداق بۇلۇشىنى ئارزۇ قىلغاندەك غىپپىدە قېچىپ كىلىۋالساڭ...
      - بولدى، بولدى... يۇرۇكۇمنى ئىزىدىغان گەپلەرنى قىلما . ھازىرقى دەردىممۇ يىتىپ ئاشىدۇ مىنىڭ.
      - ياق، دىمەي بولمايدۇ. سەن خاتا قىلدىڭ. شۇنداق ياخشى بىر قىز پۇتۇن كۇچى بىلەن بەختىڭ ئۇچۇن تىرىشىۋاتسا سەن ئۇنىڭ قەدرىنى بىلمىدىڭ. دۇنيادا ئەسكى ئاتا-ئانا يوق، ھەر قانداق ئاتا-ئانىنىڭ ئارزۇسى پەرزەنت بەختى. دىلنازنىڭ ئاپىسىنىڭ بۇنداق قىلىشىمۇ دەل شۇ قىزى ئۇچۇن. يالغۇز ئەتىۋارلىق قىزىنى سەھراغا كىلىن بولمىسۇن، قىينچىلىقتا قالمىسۇن دىگەن گەپ. ھەممە ئادەم ئىشنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى ئويلايدۇ. سەنمۇ ئىرادىلىكراق بولساڭ بۇلاتتى. ئۆزەڭنىڭ چىن مۇھەببىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئاشىقىڭ بىلەن مەڭگۇ بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۇرۇش ئۇچۇن  سۇكۇت قىلساڭ، يىلىنساڭ، تىرىشچانلىق كۆرسەتسەڭ نىمە بۇلۇپ قالاتتى. غۇرۇر دىيىشىڭ مۇمكىن. بىلسەڭ ، ئاشۇ قىزنىڭ خوشاللىقى ئۇچۇن قۇربان بىرەلىسەڭ ئاندىن غۇرۇرۇڭ كۇلەتتى.
        ۋارس ئاغىنىسىنىڭ چوڭقۇر پىكىرلىك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ  ئويلۇنۇپ قالدى. يىنىكلىك قىلىپ سالغىنىغا سەل پۇشمانمۇ قىلدى. لېكىن بۇ ئوخشىمىغان ئىككى دۇنيادىكى ئائىلىنىڭ قۇدا بۇلۇشنىڭ رىئاللىقتىن تۇلىمۇ يىراقلىقىنى ، كىيىنكى يۇز بىرىدىغان نۇرغۇن كۇڭۇلسىزلىكلەرنى ئويلاپ ئۇكۇنۇپمۇ كەتمىدى.
      - ھە راس، ئاغىنە. مەن 2-3 كۇن ئىچىدە ئۇرۇمچىگە ماڭماقچى، بۇ يېزىدا ئۇقۇتقۇچىلىق قىلىپ جاپا تارتقۇچە ، ئۇرۇمچىدىكى بىرەر يىمەك-ئىچمەك كارخانىسىدىن خىزمەت تاپايمىكىن دەيمەن. كەسپىمىزمۇ شۇ ئىشلارغا چۇشۇدىكەن. ئۇنىڭ ئۇستىگە ھازىر شىنجاڭدا بۇ خىل كارخانىلار كۆپلەپ قۇرىلىۋاتىدۇ... قانداق ، توغرا ئويلاپتىمەنمۇ؟
      ۋارس مۇرادىلنىڭ ئىرادىسىن ھەيران قالدى، ئۇنىڭ باتۇرلىقىغا، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىگەمەسلىگى كەلدى.
      -لېكىن، ئاتا-ئاناڭ...
      -ئۇلارنى قايىل قىلدىم، ئاۋال بېرىپ بىر سىناپ باقاي، تىرىشچانلىق كۆرسۇتۇپ چۇقۇم شۇ يەردە قالىمەن. شۇڭا سەن بىلەن كۆرۇشۇپ كىلەي دەپ كەلگەن، ئۇرۇمچىگە ئالغاچ كىتىدىغان خەت-خالتا بارمىكىن دەپ...
      - يو...ق...يوق... كىمگە خەت-خالتا ئىبەرتەرمەن ؟
      - كىمگە ئىبەرتىتتىڭ، يۇرۇگۇڭدىكى پەرىشتەڭگە ئىبەرتەرسەن.
      -بولدى، بولدى. ئەمدى ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى بۇزغۇم يوق. ئۇ بەلكىم ھېلىغىچە ھېلىقى نۇردۇن دىگەن يىگىت بىلەن تۇنۇشۇپ بولغاندۇ، ئۆزىنىڭ كەلگۇسى پىلانلىرىنى تۇزۇپ بولغاندۇ. ئەمدى رىئاللىققا باش  ئىگەي. ئۆزەمنىمۇ ، ئۆزگىنىمۇ بىئارام قىلىپ يۇرمەي.
      - بۇ دىگىنىڭغۇ توغرا. لېكىن كۆرۇشۇپ قالسام نىمە دەرمەن .
      - كۆرۇشەلمىدىم دەپ قۇيغىن. ئۇنىڭغىمۇ ئۇنتۇش پۇرسىتى بەرمىسەم بولمايدۇ.
      - بولىدۇ ئاغىنە. لېكىن زە ئۆزەڭنى تاشلىۋەتمە جۇمۇ. سەندەك بىلىملىك، تىرىشچان دوستۇمدىن زور ئۇمۇتلەرنى كۇتىمەن...
        مۇرادىل ۋارس بىلەن ئۇزاق مۇڭداشقاندىن كىيىن، ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى. ۋارس ئۆزىنىڭ كەلگۇسى سەپىرىنى ، بەختىنى ئىزدەپ ماڭغان دوستى ئۇستىدە ئويلۇنۇپ، ئەمدى ئۆزىنىڭ  مۇشۇ ئۇلۇغ سەھرادا، پەرىشتىنىڭ قەلبىدەك مىھرىبان دىھقانلار ئارىسىدا ئۆمۇرلۇك يىلتىز تارتىشى كېرەكلىكىنى ھەقىقى ھىس قىلدى. بەلكىم مۇشۇ جاپاكەش لېكىن مىھرى ئىسسىق زىمىندا ئۇنىڭمۇ گۇزەل كەلگۇسى باردۇر، بەختى باردۇر، دىلنازنىڭ ئورنىنى ئالالمىسىمۇ ، ئۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر دىيانەتلىك سەھرا گۇزىلى باردۇر...


    ئاخىرى داۋاملىق يېزىلىدۇ...

       
    http://mtv.diyarim.com
    قۇملۇقنى كولىما بايقۇش، توغراقنى قۇچاقلاپ يىغلاپ-يىغلىۋال ...
    | ۋاقتى : 2008-04-07 23:16 18 -قەۋەت
    sirdaxim
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15864
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 725
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە725دانە
    شۆھرەت: 758 نۇمۇر
    پۇل: 2252 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :298(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

      ئۇزى كۇتمىگەن رىئاللىق ئالدىدا نىمە قىلىشىنى بىلمەي قەلبى ئازاپ ئىچىدە ئۆرتەنگەن دىلناز نەچچە كۇن ھوجرىسىدىن چىقماي ، ئۆكسۇپ-ئۆكسۇپ يىغلاپ چىقتى. ئۇ تۇرمۇشىدىن بۇلارنى كۇتمىگەن ئىدى، ئايرىلىشنى ئويلىمىغان ئىدى. ئۆزىگە ئالەمچە كۇيىنىدىغان ئاتا-ئانىسىنى قايىل قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدى. لېكىن ئەمىلىيەت ئۇنداق بولماي قالدى. ئاپىسى ئۇنىڭ غۇرۇرىنى يەرگە ئۇردى، ۋارىسنى  يېزىغا كىتىشكە ، دىلنازدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلىدى. ئۆزىنى تۇۋەن كۆرىدىغان ۋارس بىر قېتىملىق زەربىگە بەرداشلىق بىرەلمەي ئۇن-تىنسىزلا كەتتى. لېكىن دىلناز ۋارىستىن ئەسلا ئاغرىنمىدى. ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىتتى ، ئۇنىڭ ئاپىسى ئالدىدىكى بىچارە، تاتىراڭغۇ چىرايىنى،يۇرىكى دەرتلىك ئاھ ئۇرغان مىنۇتلارنى تەسەۋۋۇر قىلدى. ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاشلا ئازاپلانغانلىقىنى، ئايرىلىش دەردىدە يۇرىكىنىڭ سۇ بۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ ئويلاندى، ئۆز-ئۆزىگە سۇئال قويدى، ئۆزىنىڭ قىزىقىشى، ئارزۇسى، ئىنتىلىشى، سۆيگۇسى ئۇستىدە باش قاتۇردى. ۋارس بىلەن نۇردۇننىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىنى سېلىشىتۇرۇپ چىقتى. نۇردۇننىڭ ھەممە تەرەپتىن لاياقەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئىككى ئائىلىنىڭ ھەممە تەرەپتىن ماس كىلىدىغانلىقىنى يەكۇنلىدى. لېكىن نامرات ۋارسىنى يەنىلا ھەممىدىن ئەلا كۆردى. دۇنيادىكى بارلىق خوشاللىقنى پەقەت ۋارستىنلا تاپىدىغانلىقىغا نىمجان يۇرىكى گۇۋاھ ئىدى. ۋارس قالدۇرۇپ كەتكەن بىر ئۆچمەس ئوت گۇۋاھ ئىدى. ئۇ ئاخىرى يەنىلا ئۆز نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۆزىنىڭ بەختىنى ئۆزى يارىتىش قارارىغا كەلدى.
        نازىر قىزىنىڭ مىسكىن چىرايىغا ، ئۆزىنى يۇقۇتۇپ قويىشىغا ، كۆز ياشلىرىغا قاراپ پەقەت چىدىمىدى. دۇنيالىقتىكى بىرلا قىزىنىڭ بۇ خىل چۇشكۇنلۇشۇپ كىتىشدىن يۇرىكى ئەلەم بولدى. ئايالىنىڭ مەسلىھەتىگە قوشۇلۇپ بىر ئېغىر خاتالىقنى ئۆتكۇزۇپ سالغانلىقىنىمۇ ھىس قىلىپ يەتتى. ئەقىللىق ، تىرىشچان، مۇستەقىل پىكىرگە باي قىزىنىڭ كەلگۇسى ئۇچۇن توغرا ھۇكۇم چىقىرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىپ تۇرۇپ، ئۇنى يىگىتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلىغانلىقىغا، ئايالىغا ھە دىيىشىپ بەرگەنلىكىگە ئۇكۇندى. سەھرالىق، نامرات بولسا نىمە بوپتۇ، دىھقان بولسا نىمە بوپتۇ. قېنى كىم دىھقان ئەۋلادى ئەمەس؟ قېنى كىم سەھرالىق ئەمەس؟... مەنمۇ شۇ يېزىدىن كەلگەن، ئاتا-ئاناممۇ  بىر ئۆمۇر شۇ يېزىدا ھالال ئىشلەپ، ھالال ياشاپ ئۆتكەن. ئۇرۇق-تۇققانلىرىممۇ يەنە شۇ يېزىدىغۇ...نازىر پات-پات مۇشۇنداق سۇئاللار ئىچىدە قىينىلىدىغان بولۇپ قالدى. بىرلا قېتىم كۆرگەن بولسىمۇ ۋارسىنىڭ ئەخلاقلىق، قائىدىلىك، سەمىمى چىرايى، ئەقىللىق، تىرىشچانلىقى ئۇنىڭغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.
        بىر كۇنى ئىشتىن قايتىپ كەلگەن نازىر تاماققا چۇشمەي ھوجرىسىغا بىكىنىۋالغان دىلنازغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇنىڭ قېشىغا چىقىشقا مەجبۇر بولدى. ھەسرەتلىرى ئىچىگە پاتماي ئازاپلىنىپ ئولتۇرغان دىلناز كۇلۇمسىرەپ ئاستا كىرىپ كەلگەن دادىسىنى كۆرۇپ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي، يۇگۇرۇپ بارغىنىچە دادىسىغا ئېسىلىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. قىزىنىڭ ھالىغا قاراپ چىدىمىغان دادا دىلنازنىڭ  چاچلىرىنى مىھرى بىلەن سىلاپ چاناقلىرىغا لىققىدە ياش ئالدى. كۇندە نۇرغۇن ئادەمنى باشقۇرۇپ، نۇرغۇن ئىشلارنى تەمكىنلىك بىلەن بىجىرىدىغان، باشقىلار ئالدىدا تاغدەك قامەتلىك جىسمىنى تىك تۇتۇپ  كەلگەن نازىر پەرزەنت مۇھەببىتى ئالدىدا ئۆزىنى ئۇنۇتتى.
        -بولدى، يىغلىما قىزىم . داداڭنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلما.
        -يىغلىماي دىسەممۇ يۇرۇگۇم يىغلايدۇ دادا. بۇ تۇرقۇمدا سىزنىڭ ئالدىڭىزدىكى ئوبرازىمنىمۇ يۇقۇتۇپ قويدۇم. پەخىرلىنىدىغان قىزىڭىز ئامالسىز قالدى.
        - بولدى دىمە. مەن چۇشۇنىمەن.
      -چۇشەنسىڭىزلا بولدىغۇ دادا. مىنى ئەيىپلىمىسىڭىز، مىنى نادانكەن دىمىسىڭىز، ئەقلىدىن ئېزىپتۇ دىمىسىڭىزلا بولدى.
      - ياق قىزىم. ياق. مەن ئۇنداق ئويلىمىدىم. مەن سىنىڭ ئەقىل بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقىڭغا  ئىشىنىمەن. ھىسيات ئالدىدا ھەر قانداق ئىرادىلىك ئادەممۇ باش ئىگىدۇ.
        دىلناز قىزارغان كۆزلىرىنى دادىسىغا تىكتى. ئۆزىنى توغرا چۇشەنگەن دادىسىدىن شۇنچىلىك سۇيۇندى.
        - رەخمەت دادا. رەخمەت .
        - ئولتۇر قىزىم. مەن سەن بىلەن مەسلىھەتلىشپ باقاي. بىزنىڭ سىنىڭ بەختىڭنى ئويلاپ شۇنداق قىلغىنىمىزنى بىلەمسەن؟
        - بەلكىم.
        - نۇردۇن ئاكاڭ توغرىسىدا ئويلۇنۇپ باقتىڭمۇ؟ ئۇنىڭ ئىسىل بالىلىقى ماڭا بەش قولدەك ئايان، ئاتا-ئانىسىمۇ بەك ئوبدان ئادەملەر. ئۇ ھەممە تەرەپتىن ساڭا ماس كىلەتتى.
        -بىلىمەن دادا. نۇردۇن ئاكامنىڭ پەزىلىتىنى بىلىمەن. بەلكىم ۋارس بىلەن تۇنۇشۇپ قالمىغان بولسام چۇقۇم نۇردۇن ئاكامنى تاللىغان بولاتتىم. لېكىن ئەمدى ئۇنداق قىلالمايمەن. مەن ھەرگىزمۇ مەكتەپ ھاياتىمدا بىرەر يىگىت بىلەن ئارلىشىپ قالارمەن دەپ ئويلىمىغان. مىنىڭ پۇتۇن خىيالىم ئۇقۇش ئىدى. لېكىن تەقدىر شۇنداق بۇلۇپ قالدى. ئۇنىڭ بىلىمى ، ئەخلاقى، سەمىمىلىكى مىنى قايىل قىلدى. ئۇ ھەقىقەتەن ياخشى بالا...
        - بۇنى مەن بىر قاراپلا بىلگەن قىزىم . ئادەم دىگەننى تۇرقىدىنلا بىلگىلى بولىدۇ.
        - لېكىن دادا...بىر ياخشى يىگىتتىن ئايرىلىپ قالدىم.
        - ئۇمۇتۋار بول قىزىم. نۇردۇن ئاكاڭ بىلەن كۆپرەك كۆرۇشۇپ ، سىردىشىپ ئۆتسەڭ ئۇ ئىشلارنىمۇ ئۇنتۇپ كىتىشىڭ مۇمكىن. ئالدىڭدا خىزمەت ئىشلىرىڭ بار. خىزمەت دىگەنگە باشتىن تارتىپ مەسئۇلىيەتچان بولۇش كېرەك. شۇ ئىشلار بىلەن بەنت بولساڭ ھەممە ئىش ئۇتۇپ كىتىدۇ.
        -ئۇنداق ئاددى ئەمەس دادا. ئۇنداق ئاددى ئەمەس... مەن مەيلى نىمىگە ئىرىشەي قەلبىم مەڭگۇ يىتىم قالىدۇ...
        نازىر قىزىدىكى ئۆزگۇرۇشتىن بەك ھەيرانمۇ قالمىدى. ئۇمۇ شۇنداق بىر كۇنلەرنى ئۆتكۇزگەن، ئالى مەكتەپ ھاياتىدا شۇنداق مەنىلىك مۇھەببەت ئەسلىمىلىرىنى قالدۇرغان، شۇ كۇنلىرىدىن خوشاللىق تاپقان، تۇنجى سۆيگەن قىزىدىن ھاياتنىڭ مەنىسىنى بىلگەن. لېكىن ئۇقۇش پۇتتۇرگەندە ئامالسىز يۇرتىغا قايتىشقا مەجبۇر بولغان... خىزمەت ئىچىدە ھازىرقى ئايالى بىلەن تۇنۇشقان، شۇ ئەسلىمىلەر ئىچىدىن ئايرىلماي تۇرۇپ توي قىلغان، خىزمەتتىكى نەتىجىسى بىلەن قاتلاممۇ قاتلام ئۆسۇپ ئۇرۇمچىگە كىلىپ ئولتۇراقلاشقان، نازىر بولغان...لېكىن مۇشۇ ياشتىمۇ مەكتەپتىكى شۇ تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ئىزلىرى يۇرىكىدىن ئۇچۇپ بۇلالمىغان. قەلبىدىكى پىنھان سىرلار بىر ئوزىگىلا ھەمرا بولۇپ كەلگەن... نازىر قىزىنى بەزلەپ تاماققا ئېلىپ چۇشتى. دادىسىنىڭ مۇئامىلىسىدىن كۆڭلى خېلىلا كۆتۇرۇلۇپ قالغان دىلناز بۇگۇن باشقىچە ئىشتىھا بىلەن غىزالاندى.
       
        نازىر يەنە بىر مەزگىللەرگىچە قىزىنى كۇزۇتۇپ تۇردى. ئارىلىقتا بىر قانچە قېتىم ئىزدەپ كەلگەن نۇردۇنمۇ جاۋاپسىز قايتىپ كەتتى. قايتا-قايتىلاپ مىھمان بۇلۇپ كەلگەن ئۆمەر ۋالى ۋە ئايالىمۇ دىلناز بىلەن كۆرۇشەلمەي، نازىر ۋە پەرىدە خانىمدىن ئىنىق بىر نەتىجىنى ئۇقالماي قايتىپ كىتىشكە مەجبۇر بولدى. دىلنازنىڭ ئۇتەر يوللىرىدا <بىك> ماركىلىق ئىسىل ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ساقلىغان نۇردۇن دىلنازنىڭ سۇغۇق مۇئامىلىسىدىن ، تۇتۇلغان چىرايىدىن ئاستا-ئاستا سۇۋۇشقا باشلىدى. مەلۇماتلىق بۇ يىگىت بۇ قىزنىڭ كۆڭلىنى چۇشەنگەندەك بولدى. ئۆزى بىلەن ۋارسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۇپ ، قىزنىڭ ۋىجدانلىقلىغا، سادىقلىقىغا ھەۋەس قىلدى. نازىر ئەسلىدە مەلۇم مەزگىلدىن كىيىن قىزىنىڭ رىئاللىققا يۇزلىنىشىنى، ۋارسىنى ئۇنتۇشىنى ئۇمۇت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى بارغانسىرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان قەتئىلىكنى، ئىرادىنى كۆرۇپ ئويلۇنۇشقا باشلىدى. ئۇ دىلنازنىڭ بەختى، كۇلكىسى ئۇچۇن ئۇنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم بىرىشى كىرەكلىنى ھەقىقى ھىس قىلدى.
        كارۋاتتا  يۇلۇنۇپ  ئايالىنىڭ ئەينەك ئالدىدىكى  توختىماي كىيىم ئالماشتۇرىۋاتقان ھالىتىگە قاراپ ياتقان نازىر ئۇكۇنگەندەك بېشىنى چايقاپ قويدى. ئۇ كوڭلىدىكى تۇگۇننى يەشمەكچى بولغاندەك ئۇدۇللا ئېغىز ئاچتى.
      -ئەينەككە بوشراق قاراپ، قىزىڭنىڭ ئىشلىرىنىمۇ ئويلاپ قويساڭ بولمامدۇ؟
        -ئويلىدىمۇ دادىسى، ئويلۇدۇم. ئولتۇرسام-قوپسام شۇنىڭ غېمىدە مەن . 
      - راسما؟
      -توۋا، قانداق بىر ئانا قىزىنىڭ غىېمىنى قىلمايدۇ. شۇنى بەختلىك بولسىكەن، ياخشى بىر يەرگە تۇرمۇشقا چىقسىكەن دەپ خېزمەت ئىشلەپ ھېرىپ كەتتىم. نۇردۇندەك شۇنداق ياخشى بالا ئىشىك ئالدىمىزغا كەلسە ، ساراڭدەك يەنە شۇ سەھرانى سېغىنىدۇ. ۋارس دىگەن بالا كاللىسىنى ئايلاندۇرۇپ قويۇپتۇ بۇنىڭ.
      - ئاشۇمۇ غەمما. ئۇنىڭ ئارزۇسى بويىچە بەختىنى ئويلاپ قويايلى.
      -ۋۇي ، دادىسى. نىمە دىگەنلىرى بۇ؟ كاتتا ئائىلىگە كىلىن بولسۇن، ئىستىقباللىق يىگىتنى جۇپتى قىلسۇن دەپ چاپقىنىم خاتا بولغان ئوخشىمامدۇ؟
      - خاتا دىمىدىم. سەنمۇ ئۇنىڭ باي-باياشات تۇرمۇش كەچۇرىشىنى خالايسەن. لېكىن ئويلاپ باقتىڭمۇ، ھېلىقى ۋارس دىگەن يىگىتمۇ ناھايىتى ياخشى ئۇقۇغان بالىكەن، ئۇمۇ چۇقۇم خىزمەتنى تىرىشىپ ئىشلەپ  ئۇزۇنغا بارمايلا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىشى مۇمكىن.
        -ھە؟ ...نىمە؟ كاللىرى ئاينىپ قالمىغاندۇ. ئاران دىگەندە ئاجرىتىپ يولغا سالغان تۇرسام، يەنە شۇ بالىنىڭ گىپىنى قىلىۋاتاملا. ئەمدى ئۇ ئىشلار تۇگۇسۇن دادىسى.
      - لېكىن بىز تۇگەتكىنىمىز بىلەن ئاۋۇ قىزىمىز تۇگەتمەيدىكەن ئەمەسمۇ، ساڭا باتناپ گەپ قىلمىغىنى بىلەن ماڭا كۆڭلۇدىكى ھەممە گەپلىرىنى دىدى. كۆڭلۇم شۇنداق يېرىم بولدى.
      -ئۇنتۇيدۇ. نۇردۇننىڭ ئىسىل ماشىنىلىرىغا ئولتۇرۇپ، ئىسىل رىستۇرانلارغا بېرىپ، ئۇنىڭ قەدىرلىشىگە، ئارزۇلىشىغا ئىرىشىپ ماڭغانسىرى ھەممىسنى ئۇنتۇيدۇ. بەلكىم كىيىن ئۆزىنىڭ ئاخماقلىقىغا پۇشايمانمۇ قىلىدۇ تېخى.
      - بىكار گەپ. ئۇ ئۇنداق پۇل-مالغا دۇم چۇشكەن قىز ئەمەس . بىلىسەنغۇ ئۇنىڭ خاراكتىرىنى. ئۇنىڭ نۇرغۇن مىجەزى مىنى پەخىرلەندۇرىدۇ.
      -لېكىن چۇقۇم نۇردۇن بىلەن تويىنى قىلىپ، ئۆمەر ۋالى بىلەن قۇدىلىق بولمىساق قەتئى بولمايدۇ. جان دوس ئاغىنىلىرىگە  بەرگەن ۋەدىلىرىنى  ئۇنتۇپ قالمىسىلا جۇمۇ.
      -ھەي خۇتۇن ،ھەي خۇتۇن. سەنمۇ مەن بىلەن توي قىلغاندا ئاشۇ  سەھرادىن ئەمەسمىدىڭ . ئاشۇ كۇنلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالدىڭما؟ بىز كۆرمىگەن نىمە كۇنلەر قالغان شۇ ۋاقىتلاردا...بىر يوتقان، بىر كۆرپە بىلەن بىر ئۆيگە كىرگەنتۇق. مانا ھازىر خۇدايىم شۇنداق بەختىيار كۇنلەرنى بىرىۋاتمامدۇ؟...قارىغاندا سەنمۇ شۇ ۋاقىتلاردا مەندىن قاتتىق نارازى بولۇپتىكەنسەندە....
        ياق ، ياق....- نازىرنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئۆز گىپىدە چىڭ تۇرغان  پەرىدە خانىمنىڭ ئېغىزى تىمتاس توختىدى. ھازىرقى راھەت، غەمسىز تۇرمۇشى ئىچىدە تۇرۇپ، بۇرۇنقى ئەسلىمىلەرگە ئەسلا چۇمۇپ باقمىغان خانىمنىڭ كۇڭۇل ئىكرانىغا نازىر بىلەن توي قىلغان ۋاقىتتىكى كۇنلەر كەلدى. ئۆزىنىڭ يېزىدىكى تۇرمۇشى كەلدى. دىھقان ئاتا-ئانىسى كەلدى. ئۇ شۇ چاغلاردا يولدىشىنى ھەرگىزمۇ نامرات كۆرمىگەن، سەھرالىق كۆرمىگەن. ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ بەختىنى تاپقان، خوشاللىقىنى تاپقان، ئۇماق قىزى دىلناز كۆز ئاچقاندىن كىيىن ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتىلىك ئايال ھىس قىلغان...ئۇ شۇ تاپ ۋارسقا دىگەن زەردىلىك گەپلىرىنى كۇڭۇل تارازىسىدا جىڭلاپ چىقىتى. ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئايىماي غۇرۇرىنى يەرگە ئۇرغىنىنى ئەسلىدى، قائىدىلىك يىگىتنىڭ يەرگە قاراپ تۇرۇپ خىجىللىق ئىچىدە ئولتۇرغان ئاجىز ھالىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۇردى...
        كۇنلەر ئۆتتى، قىزىنىڭ قەتئى ئىرادىسى ئالدىدا ئاجىز كەلگەن نازىر ئاخىرى ئايالىغا نەچچە قېتىم خىزمەت ئىشلىدى. قىزى بەختلىكلا بولسا ئۇنىڭ ئارزۇسىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇپ بىرىشنى مۇۋاپىق كۆردى. مەنسەپ، پۇل تاماسىدا  ئەمەس، ئاساسلىقى قىزىنىڭ باياشات تۇرمۇشىنى نىشان قىلغان ئانا ئاستا-ئاستا نىيىتىدىن يېنىشقا مەجبۇر بولدى.



    ئاخىرى داۋاملىق يېزىلىدۇ...
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    قۇملۇقنى كولىما بايقۇش، توغراقنى قۇچاقلاپ يىغلاپ-يىغلىۋال ...
    | ۋاقتى : 2008-04-08 01:50 19 -قەۋەت
    sirdaxim
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15864
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 725
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە725دانە
    شۆھرەت: 758 نۇمۇر
    پۇل: 2252 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :298(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

       دىلناز ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇئامىلىسىدىكى ئۆزگۇرۇشلەردىن باشقىچىلا خوشال بولدى. ئۇ بۇرۇنلا ئۆزىنى جېنىدىن ئەزىز كۆرىدىغان ئاتا-ئانىسىنى قايىل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدى. ئۇ ئەمدى شۇ بەخىتلىك كۇنلەرنى كۇتۇش ئىچىدە ئۆتمەكتە. ۋارس بىلەن ئۇتىدىغان كۇڭۇللۇك مىنۇتلارنى سېغىنىش ئىچىدە ئۆتمەكتە. ئۇئەمدى مۇكەممەل دىلنازغا ئايلىنىدۇ. ھەممە نەرسىگە بۇرۇنقى تىرىشچانلىقى، قىزىقىشى بىلەن قارايدۇ. ئەمىن تاپقان قەلبى بىلەن ئەڭ ئۇلۇغۋار غايىگە كىلىدۇ . ۋارس بىلەن ئەڭ يۇكسەك ئىستىقبال ئۇستىدە ئىزدىنىدۇ. تىرىشىدۇ.
         نازىر پەرىدە خانىم بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىپ، خىزمەت ئىشلەپ ۋارسىنى ئۇرۇمچىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇش قارارىغا كەلدى. دىلنازنىڭ مۇھەببەت ئۇچۇن بەرگەن قۇربانلىقلىرى ئالدىدا ئەسىر بۇلۇشقا مەجبۇر بولدى. شۇڭا ئاخىرى قىزىنى چاقىرتىپ ۋارسىنىڭ خىزمەت ئىشىنى سۆزلەشتى.
        -قىزىم. سەن بىزنى ئاخىر بويسۇندۇردۇڭ، سىنى خوشال بولسۇن، بەخىتلىك بولسۇن دەپ قىلغان ئەجرىمىز ھەممىسى بىكار بولدى. ئۆمەر تاغاڭمۇ ، نۇردۇن ئاكاڭمۇ ئاخىر ئۇمۇدىنى ئۇزدى. ئۆمەر تاغاڭغا بەرگەن ۋەدەم ئالدىدا، نەچچە 10 يىللىق قەدىناسلىق ئالدىدا يەنىلا سىنىڭ ئارزۇيىڭنى ، سىنىڭ سۆيگۇڭنى مۇھىم دەپ قارىدىم. شۇڭا قىزىم. ۋارىسنىڭ خىزمەت مەسىلىسىنى دىيىشتىن بۇرۇن بىر قىسىم ئىشلار توغرىسىدا سۆزلىشىۋالمىساق بولمايدۇ. 
        دىلناز دادىسىنىڭ سۆزلىرىدىن كەلگۇسىدىكى بەختىنى كۆرگەندەك بولدى. ئۇنىڭ رايىش، مىھرىبانلارچە سۆزلىرىدىن يۇرەكلىرى سۇيۇنۇپ كەتتى.
       -قېنى دادا، قۇلىقىم سىزدە.
       -ئەمىسە ئىنىقلا دەي قىزىم. تۇرمۇش دىگەن سەن ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا ئاددى ئەمەس. سەن ئارزۇ قىلغان خوشاللىقلارنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇن كۇڭۇلسىزلىكلەر بۇلۇشى تەبىئى. مەكتەپتىكى ئاددى مۇھەببەت قارىشى بىلەن ئۆمۇرلۇك ھايات مۇساپەڭنى باغلىۋېلىشىڭ ئاقىلانلىق ئەمەس. شۇڭا ئۇ يىگىتنى يەنىلا چۇشۇنۇشۇڭ، توي ئىشى ئۇچۇن ئالدىرىماسلىقىڭ كېرەك. سەن بىلمەيسەن قىزىم، توي ھېچقانداق بىر ئىشقا ئوخشىمايدۇ، ھەر قانداق ئىشنى خاتا قىلىپ سالغان بولساڭ ئۆزگەرتكىلى ، تۇزەتكىلى، قايتىدىن باشلىغىلى بولىدۇ. لېكىن نىكاھ ئۇنداق ئەمەس، ئۇنى خاتا مېڭىپ سېپتىمەن دەپ كەينىگە يېنىۋېلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ۋارس خىزمەتكە چىقىپ بىرەر يىلدىن كىيىن ئاندىن توي ئىشىڭلارنى ئويلاشساق.
        - ئەلبەتتە . مەنمۇ ھەرگىز توي قىلىشقا ئالدىرىمايمەن. پەقەت سىلەرنىڭ ماقۇللىقىڭلارلا بولسا بىز كۇتۇشكە رازى. ۋارسمۇ كىينكى ئىشلىرى ئۇچۇن ئاز تۇلا ئىقتىساد جۇغلىمىسا بولمايدۇ. سىلەر ئىشنىڭلار ، بىز چۇقۇم بەختلىك بولىمىز، سىلەرنىڭ ئۇمۇدىڭلارنى  يەردە قويمايمىز . - دىلناز ئىچ-ئىچىدىن چىقىۋاتقان ھاياجىنىنى باسالماي ئەركىلەپ تۇرۇپ دادىسىنىڭ قوللىرىنى چىڭ سىقتى.
        -لېكىن ئىسىڭدە بولسۇن، ئۇنى يەنە بىر يىل ئوبدان كۇزەت، ئۇرۇمچىدە بولغاندىكىن بىزمۇ ئۇنىڭ يۇرۇش-تۇرۇشى، گەپ-سۆزى، خاراكتىرى ھەققىدە خېلى بىر نەرسىگە ئىگە بولۇپ قالغۇدەكمىز. شۇڭا كەلگۇسىڭگە ھەقىقى ئىشەنگەن ۋاقتىڭدا ئاندىن تويىڭنى قىلىپ قويايلى، توغرا دىدىممۇ؟
        - توغرا دىدىڭىز دادا، سىزماڭا ئىشەنگەن ئىكەنسىز مەن چۇقۇم سىزنىڭ ئۇمۇدىڭىزنى ئاقلاشقا تىرىشىمەن. لېكىن ئۇنىڭ مەڭگۇ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىغا مەن ئىشنىمەن. دۇنيادا ئۇنىڭدەك بىر ياخشى يىگىتنى مەن ھەرگىز تاپالمايمەن. بۇ ئاللا ماڭا ئاتا قىلغان بەخىت دادا.
        دىلنازنىڭ ھاياجانلىنىپ تىترەپ كىتىۋاتقان جىسمىغا قاراپ دادا مىھرى بىلەن كۇلۇمسىرىدى. قىزىنىڭ كۇلگەن چىرايى ، بەخىتتىن ھاياجانلانغان قىياپىتى نىمىدىگەن ئۇماق ھە. بالاڭنى كۆر جېنىڭنى كۆر دەپ بىكار ئېيتمىغاندە كونىلار. ئۇ پەرىدەك گۇزەل قىزىنىڭ كۆڭلىنى نىمىشقا بۇرۇنراق چۇشەنمىگەن بولغىيتتى ...
        -ھە،ياخشى ...ئەمدى كىيىنكى گەپكە ئۆتەيلى. ۋارسىنىڭ خىزمەت ئىشىنى ئۇقۇشۇپ قويدۇم، شەھەرلىك سۇپەت تەكشۇرۇش ئىدارىسغا ئىشقا چۇشىدىغان بولدى. 
        راسما،- ھەيرانلىق ھەم خوشاللىقتىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەن دىلناز قۇلاقلىرىغا ئىشەنمىگەندەك دادىسىنىڭ كۆزلىرىگە قايتىدىن سەپسالدى. - راسما دادا. مىنى بەك خوش قىلىۋەتتىڭىز. مىنى چۇشەنگىنىڭىزگە، مىنىڭ بەختىمنى ئويلىغىنىڭىزغا ، جاپا چەككىنىڭىزگە كۆپ رەخمەت.- دىلنازنىڭ ھاياجانلىق ياشلىرى يۇرەكلىرىنى يېرىپ مەڭزىگە سىرغىدى. ئۇ ئۆزىنى تۇتۇتىۋېلىشقا ئاجىزلىق قىلىپ، نىمىشقىدۇر دادىسىنىڭ تىزىغا بېشىنى قويۇپ ئۆكسۇپ -ئۆكسۇپ يىغلاپ تاشلىدى.
        -بولدى يىغلىما قىزىم، بولدى. يۇرۇكۇمنى يەنە ئىزەي دەمسەن. مىنىڭ ئەمدى ئىككىنچى سىنىڭ ياشلىق كۆزلىرىڭنى، مسكىن چىرايىڭنى كۆرگۇم يوق. خۇدا بەختىڭنى بەرسۇن قىزىم. بەختىڭنى بەرسۇن.- نازىرمۇ قىزىنىڭ ھاياجانلىق يىغىسىغا قاراپ نەمدەلگەن يۇزلىرىنى قول ياغلىقى بىلەن ئاستا سۇرتتى.

        دىلناز غالىپ كەلدى. مۇھەببەت ئالدىدا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى، ۋىجدانىنى ئاقلىدى. ئۇ ھاياجانلىق ياشلىرىنى قارا سىياھقا قېتىپ، ۋارسقا خوشاللىق خېتى يازدى. ئۇ شۇنچىلىك ھاياجان ، شۇنچىلىك تاقەتسىزلىك ئىچىدە يازدى. بىر قىسىم كۇڭۇلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ كىتىشىنى، بەخىت ئالدىدا ، مۇھەببەت ئالدىدا ئۇنچىلىك زەربىنىڭ ھېچنەرسە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ يازدى. ئاتا-ئانىسىنىڭ قىز بەختىنى ئىزدەپ شۇنداق قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئەسلىدىنلا مىھرىبانلار ئىكەنلىكىدىن  پەخىرلىنىپ يازدى. ئۇنىڭ خىزمەت مەسىلىسىنىڭ ھەل بولغانلىقىنى، نۇپۇس رەسىمىيەتلىرىنى بىجىرىپ، بارلىق ئۇقۇش ئارخىپلىرىنى ئېلىپ كىلىشنى تەۋسىيە قىلىپ  يازدى. جاپاكەش ئاتا-ئانىسىدىن چۇقۇم رازىلىق ئېلىشنى ، ئۇلارنى ھىجراندا قويماسلىقنى  ئۇمۇت قىلىپ يازدى. كىينكى ئەڭ بەخىتلىك كۇنلەرنىڭ ئەمدى باشلىنىدىغانلىقىنى، ئازاپلىق سۆيگۇ ھەسرەتلىرىنىڭ ، دەرتلىرىنىڭ ئەمدى ئۇنتۇلىدىغانلىقىنى ھاياجان ئىچىدە تىترەپ تۇرۇپ يازدى...دىلناز شۇ قەدەر خوشال ئىدى. ئۇ ۋارسىنىڭ كىلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۇتكەچ ، ئۆزىنىڭ خىزمەت ئىشلىرى توغرىسىدا ئويلاندى، ئىزدەندى. ئەڭ مۇۋاپىق خىزمەت تېپىش ئۇچۇن تىرىشتى. نازىر ئۇرۇمچىدىكى ئەڭ نوقتىلىق ئوتۇرا مەكتەپتىن ئۇنىڭغا خىزمەت ئۇقۇشتى. ئۇ دادىسىنىڭ جاپاسىغا قانچىلىك رەخمەت ئېيتسا ئازلىق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ھاياجانلاندى...
        دىلناز ئۇقۇش باشلاشنى ، خىزمەتكە چىقىشنى كۇتىۋاتقان كۇنلەردە تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىغا دىكتور قۇبۇل قىلىدىغان ئىلاننى ئۇچرىتىپ قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كەسپىنىڭ، تىل قابىلىيىتىنىڭ، چىرايىنىڭ ھەقىقەتەن چۇشۇدىغانلىقىغا ئىشەنگەچكە ئىمتاھان بىرىپ سىناپ بېقىشنى مۇۋاپىق تاپتى. ئۇ ئىمتاھانغا قاتناشتى . 100دىن ئارتۇق قىزنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، ئالى مەكتەپتىكى رىياسەتچىلىك ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، گۇزەل ھۆسنى، لاتاپىتى، تىل قابلىيىتى، سەزگۇر ئىنكاسى بىلەن بىرىنچى بۇلۇپ تاللىنىپ  قالدى. ئۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كىيىن، دىكتورلۇق خىزمىتىنى تاللىدى. تىلىۋىزىيە ئىستانىسى رەھبەرلىرىنىڭ تەلىۋى بويىچە 1 ھەپتىگە بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە ئىكران ئالدىدا گۇزەل ئوبرازى بىلەن پەيدا بولۇشقا باشلىدى.

        ۋارس دىلنازنىڭ خېتىنى، سۇپەت تەكشۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كادىر قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن  قاتتىق ھاياجانلاندى. ھەممە ئىشتىن ئۇمۇدىنى ئۇزگەن، سەھرادىكى رىئاللىققا يۇزلەنگەن ۋارس كۆپ ئويلاندى. ئاتا-ئانىسىنى ئويلىدى، ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى ئويلىدى، دىلنازنى ئويلىدى، ئۆزىنى ئويلىدى، كەلگۇسى بەختىنى ئويلىدى. ئاخىرى ئاتا-ئانىسىغا ئۆزىنىڭ كەچىمىشنى ياش تۇكۇپ تۇرۇپ دىدى، ھازىرقى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشنى، رىئاللىقنى ، ئۆزىنىڭ ئارزۇسى،يۇرەك تىۋىشىنى دىدى. جاپاكەش ئاتا-ئانا ئوغلىنىڭ بۇ توي ئىشىدا كىيىن نۇرغۇن ئۇڭۇشسىزلىققا ، چىگىش مەسىلىلەرگە يۇلۇقىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ، لېكىن يەنىلا خوشال بولدى. ئوغلىغا كەلگەن ئامەتتىن يۇرەكلىرى ھاياجان ئىچىدە تىترىدى. ئوغلىنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقى، بىلىمى ئارقىلىق بىر نازىرنىڭ قىزىنى، نازىرنى تەسىرلەندۇرگىنىدىن پەخىرلەندى. ئۇلار ئاخىرى بىر قارارغا كىلىپ يىمەي-ئىچمەي يىققان ئازغىنا تۇگۇنچىنى ۋارسقا تۇتقۇزۇپ، ئۇنىڭغا سالامەتلىك، بەخىت، ئۇڭۇشلۇق تىلەپ ، ئۇنى ئېڭىدىكى گۇزەل، باياشات شەھەرگە  ئۇزۇتۇپ قويدى. 

        تەقدىر مانا مۇشۇنداق تاساددىپىلىقلارغا تولغان، بىر مەزگىل ئايرىلغان ئاشىق-مەشۇقلار ۋىسالىنى تاپتى. باي-نامراتلىق پەرقى تۇپتىن تۇگىدى. نازىردەك ئاقكۇڭۇل ئادەمنىڭ قوللىشى، ياردىمىگە ئىرىشىپ بۇ ئاۋات، گۇزەل شەھەردە ئۆزىنىڭ دىلكىشى بىلەن ئۇتىۋاتقان ۋارس شۇنچىلىك خوشال بولدى. خىزمەتنى پۇتۇن نىيىتى ، پۇتۇن ئىشقى بىلەن تىرىشىپ ئىشلىدى. ئۆز بەختى ئۇچۇن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن دىلنازنى تېخىمۇ ئەزىزلىدى. ئۇنى پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن سۆيدى. ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتىك ،ئەڭ تەلەيلىك ئادەم دەپ قارىدى. پات-پات تاماققا تەكلىپ قىلىپ تۇرغان نازىر ۋە پەرىدە خانىممۇ ، ۋارسىنىڭ ھەقىقى ياخشى يىگىت ئىكەنلىكىنى ئاستا-ئاستا ھىس قىلىپ يەتتى. ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەت چوڭقۇرلاشقانسىرى ، ۋارىسنى ئۆز ئوغلىدەك ياخشى كۆرۇپ قالدى. ۋارس بۇ خىل ئۇڭۇشلۇق سەپەر داۋامىدا ئۆزىنى تېخىمۇ قەدىرلەشنى بىلدى، قابىلىيىتىنى ئىشقا سالدى، ئىنگىلىز تىلىدىكى ئالاھىدە قابىلىيىتى بىلەن ئىشتىن سىرت كۇرۇس ئاچتى. ئۇ ھەم خىزمەت قىلىپ  ھەم دەرس ئۆتۇپ  توي تەييارلىقى ئۇچۇن ئىقتىساد توپلاشقا تۇتۇندى. ئۇ نازىر ۋە خانىمنىڭ ئىللىق مۇئامىلىسى ئاستىدا بارغانسىرى ئۇلارغا ئۆزلۇشۇپ، ئۆزىنى تۇۋەن كۆرمەيدىغان بولدى. دەم ئېلىش كۇنلىرىنى بەزىدە دىلناز بىلەن ، بەزىدە دوستى مۇرادىل بىلەن ئۆتكۇزۇپ تۇرمۇشنىڭ ئۆز مەنىسى بىلەن ياشىدى.

        ئەكرەم ئازاپلىق قىينىلىشىتىن كىيىن دوختۇرخانىدىن چىقتى. قانۇن دوختۇرلىرى ئۇنى تەپسىلى تەكشۇرۇپ ئەھۋال ئىگەللىگەندىن كىيىن ، ئۇنىڭ <ئاق>قا خۇمار بولۇپ قالغانلىقىنى مۇھىم نەزەردە تۇتۇپ ، ئۇنىڭ كىيىنكى كىسىم ۋاقتىنى <زەھەرلىك چىكىملىكنى تاشلاتقۇزۇش ئورنى> دا تەربىيىلىنىش ئىچىدە ئۆتكۇزۇشكە ئورۇنلاشتۇردى. ئەكرەم جىنايەت ئۇسىتىگە جىنايەت ئۆتكۇزۇپ ، ئۆزگىرىش ئورنىغا يەنە بىر خاتالىقنى يۇدۇپ كامىر ئالماشتى. ئۇ ئەمدى بۇ يەردە <ئاق> نىڭ شىرىن لەززىتىگە ئىرىشەلمىدى. پۇتۇن بەدىنى چاراسلاپ كۆيۇپ، سىقىراپ ئاغرىپ، مىڭىسى ئېتىلىپ كەتكۇدەك چىڭقىلىپ ، كۇندىن -كۇنگە ھالسىزلىنىپ ماڭدى. ئۇ قاتتىق ئازاپلاندى. لەۋلىرىنى ئۇزىۋەتكۇدەك چىشلەپ، جانسىز ئالقانلىرى بىلەن يۇزلىرىگە ئۇرۇپ ئازاپلاندى. دەرىزىدىن كۆككە تەلمۇرۇپ، ئىگىز توساق تاملاردىن سىرتتىكى ئەركىنلىككە تەلمۇرۇپ ئازاپلاندى. قاتتىق تامغا بېشىنى ئۇرۇپ، ئۆكسۇپ-ئۆكسۇپ يىغلاپ تۇرۇپ ئازاپلاندى... ئۆزىنىڭ تۇرمىگە كىرىشىگە ھەم  تۇرمىدىكى ھازىرقى ئېچىنىشلىق ھالىتىگە كىلىپ قېلىشىغا سەۋەپچى بولغان بىر قىزدىن نەپرەتلىنىپ، قىساس ئوتىدا يۇرىكى پۇچۇلۇنۇپ تۇرۇپ ئازاپلاندى...ئۇ ئۆزىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا ئويلانسىمۇ لېكىن ئۇنىڭدىكى خاراكتىر ، ناچار مىجەز يەنىلا ئۇنىڭغا خاتالىقىنى تۇنۇتمايۋاتاتتى. ئەكرەم شۇ خىل تەرىزدە ساقچىلارنىڭ پىسخىك تەربىيەسى ئاستىدا ئۆتىۋاتقان بىر كۇنلەردە نۆۋەتچى ساقچى ئۇنى تۇيۇقسىز چاقىرىپ قالدى.
        -ئەكرەم . سىنى بىرسى يوقلاپ كەپتۇ.
        ئەكرەم ساقچىنىڭ ھەمرالىقىدا كۆرۇشۇش ئورنىغا قاراپ ماڭدى. ئۇ بالا دەردىدە يۇرىكى پارە-پارە بولغان ئاتا-ئانىسىنىڭ  يوقلاپ كىلىشىنى ئۇمۇت قىلمايتتى . ھالى كۇندىن كۇنگە خاراپ بۇلىۋاتقان شۇ كۇنلەردە ئۇ  ئەڭ مۇھىمى پۇلغا، ئۆزىنىڭ ئازابىنى يىنىكلىتىدىغان ، دوۋزاخ سورىقىدىن، ئېغىر قىينىلىشىتىن قۇتقۇزىدىغان <ئاق>قا مۇھتاج ئىدى. ئۇ دادىسىدىن ئۆزىنى بۇ يەردىن ئەپچىقىپ كىتىشنى يىلىنغان . دادىسىغا بۇ يەردىنلا چىقىپ كەتسە چۇقۇم ياخشى ئادەم بولىدىغانلىقى، ئۆزگىرىدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم،ۋەدە بەرگەن . مۇدىر جىنايەت ئۇستىگە  يەنە بۇ خىل زەھەرنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىۋالغان ئوغلىدىن نەپرەتلەنسىمۇ ، يەنىلا پەرزەنت مۇھەببىتى ئالدىدا ياش توككەن  ، ئۇنىڭغا ھىسداشلىق قىلغان . ئۇنى يول مېڭىپ ئەپچىقىپ كىتىشنىمۇ ئويلىغان بولسىمۇ ،  لېكىن جەمىيەتكە چىققاندىن كىيىن يەنە پاتقاققا پېتىپ كىتىشىتىن، باشقىلارنىمۇ زەھەرلەپ قويۇشتىن ئەنسىرىگەن . «قانۇن دىگەن ھامان قانۇن. دەل مۇشۇ قانۇن جىنايەت يولىغا مېڭىپ سالغان ئادەملەرنى ئۆزگەرتەلەيدۇ » دەپ قارىغان.  دادا بەزىدە يۇشۇرۇن<ئاق> ئەكىلىپ بىرىش توغرىسىدا يىلىنغان ئوغلىنىڭ زەئىپ تۇرقىدىن يۇرىكى ئەلەم بىلەن سىقىلغان بولسىمۇ   لېكىن شۇنچە چوڭ ئالى مەكتەپكە باش بولغان، بىلىملىك، مەدىنىيەتلىك، ئىقتىسادلىق ئۇقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەشنى نىشان قىلغان مۇدىر ، بۇنىڭغا قەتئى قۇشۇلمىغان... ئەكرەم شۇلارنى ئويلىغاچ مېڭىپ، «دادام يەنە تەلىم سۆزلىگىلى، مىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشقىلى كەلگەن گەپ ، ھەممىسى قۇرۇق ئىشلار »  دىگەنلەرنى ئويلىدى.
        كۇرۇشۇش ئورنىغا كەلگەن ئەكرەم ئالدىدا  قولىدىكى كىچىككىنە يۆگەكنى كۆتىرىپ  ھارغىن كۆزلىرى بىلەن بىر نوقتىغا تىكىلىپ قالغان ،   قېلىن چاپانغا يۆگۇنۇپ ، قارا ياغلىق  بىلەن  پىشانىسىنى چىڭ ئورىۋالغان   بىر ناتۇنۇش  ئايالنى كۇرۇپ، ئىرەنسىزلا  ئۆزىنى ئىزدەپ كەلگەن ئادەمنى ئىزدىمەكچى بولغاندەك ئۆينىڭ ھەممە يىرىگە قاراپ چىقتى.
       -ئەكرەم.
       شۇنچىلىك تۇنۇش ئاۋازدىن چۇچۇپ كەتكەن ئەكرەم  ئالدىدىكى ناتۇنۇش ئايالغا ھەيرانلىق ئىچىدە قاراپ قالدى. يۇرەك رىتىمىنى يۇقاتتى، پۇتلىرى كالۋالاشتى، بەدىنى توك تەپكەندەك تىترەپ كەتتى. كۆز ئالدى قاراڭغۇلۇشۇپ ھۇشىنى يۇقاتقىلى قىل قالدى. ئۇ ھازىرغىچە بىرەر قېتىممۇ ئويلاپ باقمىغان، كىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان بىر قىز ئۇنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. دىلى سۇنغان، يۇرىكى مۇجۇلغان، بەختى يۇتكەن بەختىسز بىر قىز ياق بىر ئانا ئۇنىڭ <ئاق>قا خۇمار بولۇپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرىگە قولىدىكى بوۋاقنى باغرىغا چىڭ باسقىنىچە مىختەك تىكىلىپ تۇراتتى...


    ئاخىرى داۋاملىق يېزىلىدۇ

      
     
    [ بۇ يازما sirdaxim تەرپىدىن 2008-04-13 10:23 دە قاي ]
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    قۇملۇقنى كولىما بايقۇش، توغراقنى قۇچاقلاپ يىغلاپ-يىغلىۋال ...
    | ۋاقتى : 2008-04-09 01:03 20 -قەۋەت
    sirdaxim
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15864
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 725
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە725دانە
    شۆھرەت: 758 نۇمۇر
    پۇل: 2252 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :298(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

       ئەكرەمنىڭ كۆز ئالدىدا چاقماق چاققاندەك بولدى. نىرۋىلىرى قالايمىقانلاشتى. <ئاق خۇمارى> دەستىدىن زەئىپلەشكەن تەن ھازىرلا يېقىلىپ چۇشىدىغاندەك قىلاتتى. تۇنۇش ئاۋاز، تۇنۇش چىراي، تۇنۇش كۆزلەر...ئەكرەم ئۆزىگە قادىلىپ قالغان بىر جۇپ كۆزگە تىكىلىشكە بەرداشلىق بىرەلمىدى . ئۇ كۆزلەردىن نەپرەتمۇ، مۇھەببەتمۇ ئىشقىلىپ چۇشۇنۇكسىز بىر خىل نۇر تۇكۇلۇپ تۇراتتى. بۇ قىز ئەمدىلىكتە خۇددى ئاسماندىن چۇشكەندەكلا ئەكرەمنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭغا خىرس قىلىۋاتقان يولۋاستەكلا بىلىنىپ كەتتى.
        -سەلىمە،- ئەكرەم ئېغىزىدىن بۇ ئسىمنىڭ قانداق بۇلۇپ چىقىپ كەتكىنىنى بىلمەيلا قالدى.
        ئەكرەم نۇرسىز كۆزلىرىنى ئالدىدىكى قىزغا قايتىدىن ئاغدۇردى. قېنى ئۇ گۇزەل چىراي؟ قېنى ئۇ ئوتلۇق كۆزلەر؟ قېنى ئۇ بوستاندەك ئۇزۇن چاچلار، مودىلدەك ئەۋرىشىم  قامەت؟...ئەكرەمنىڭ تاتلىق مۇھەببەتلىك سۆزلىرىگە ئەسىر بولغان ، ئۇنىڭغا مەجنۇنلارچە ئاشىق بولغان  گۇزەل قىزنىڭ ئوبرازى قېنى؟...ئەمدىلىكتە كۆز ئالدىدا ھالسىرىغان بىر تەن بىر بوۋاقنى باغرىغا چىڭ باسقىنىچە پەيدا بولدىغۇ؟... ئۇ بالىنى ئالدۇرىۋەتمىگەنمىدى؟ يۇرتىغا قايتىپ ئۇن-تىنسىزلا يۇقاپ كەتمىگەنمىدى؟ ئەكرەمنىڭ ئېڭىدا ئاللىبۇرۇن قەبرىگە كۇمۇلمىگەنمىدى؟...ئەكرەمنىڭ بېشى قايدى. دەرت ئۇستىگە كىلىۋاتقان دەرتلەردىن قاتتىق ئاغرىندى...
        -توغرا. مەن سەلىمە. سىزنى ئەسەبىلەرچە ياخشى كۆرگەن، ئالدانغان، تاشلىۋېتىلگەن ، بەخىتسىز سەلىمە...-قوچىقىدىكى بالىنى باغرىغا چىڭ باسقان قىزنىڭ چاناقلىرىدىن ياش ئەگىدى. ئۇ راستىنلا ئەكرەم تەرىپىدىن خارلانغان، بەختى يۇقالغان، گۇزەل ياشلىقىدىن، ئۇقۇش ھاياتىدىن، كەلگۇسى خىزمىتىدىن ئايرىلغان سەلىمە ئىدى.
        -قېنى ، ئولتۇر...-ئەكرەم دەرھاللا ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى. ئۇ ئەمدى بۇ رىئاللىقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى. ئۆزى قىلغان سەۋەنلىكلەرگە ئۆزى ئىگە بولمىسا بولمايتتى. ئۇ سەلىمەنىڭ قۇچىقىدىكى بوۋاققا ئاستا قاراپ قويۇپ سورىدى ،- مىنى شۇنداق ئەنسىرەتكەنتىڭ . خۇداغا شۇكرى سالامەتكەنسەن . 
        - ئۇھ، پەقەت ئۆلمۇدۇم. لېكىن باشقا دەرتلەرنىڭ، ئازاپلارنىڭ ھەممىسىنى تارتتىم.- سەلىمە ئەكرەمنىڭ سۆزلىرىدىن ئىرىپ لاسسىدە بولدى. بايامقى كۆزلىرىدىكى نەپرەت قاياقلارغىدۇ غايىپ بولغان ئىدى .- پەقەت مۇشۇ بالام ئۇچۇنلا...
        -بۇ بالا؟...
        - بۇ مىنىڭ ھاياتىم، مىنىڭ بالام، بىزنىڭ بالىمىز...
        ئەكرەم ھەيرانلىق ئىچىدە ئاجىز كۆزلىرىنى بىردەم سەلىمەگە، بىردەم شىرىن ئۇيقۇغا كەتكەن بوۋاققا تىكتى.
       - سەن ئالدۇرىۋەتكەن دىگەنغۇ؟
       -ياق. مەن ئالدۇرىۋەتمىگەن. پەقەت سىزدىن قورقۇپلا شۇنداق دەپ قويغان.
       -نىمە؟- ئەكرەم ئاۋازىنىڭ يۇقىرى  چىقىپ كەتكىنىگە ئۇكۇنگەندەك ئىشىك تۇۋىدە  تۇرغان ساقچىغا ئۇڭايسىزلىنىپ  قاراپ قويدى.
       -مۇشۇ بالا ئۇچۇنلا ياشاپ كەلدىم. مۇشۇ ئۇماق ئوغلۇم ئۇچۇن.-سەلىمە قۇچىقىدىكى بوۋاققا ئاجايىپ بىر مىھىر بىلەن بېقىپ كۆز جىيەكلىرىدىن ئېقىپ چۇشكەن ياشلىرىنى ئالقىنى بىلەن ئاستا سۇرتتى.
         بالا ئۇ ھاياتلىقنىڭ يىلتىزى، ئائىلىنىڭ بەختى، خوشاللىقنىڭ مەنبەسى... بۇنى پەقەت ئاتا-ئانا بۇلۇپ باققۇچىلارغا ھىس قىلالايدۇ. پەرزەنت مۇھەببىتى ھەممە دەرت-ئازاپنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ. ئىنساننى ئۆزلۇكسىز تىرىشىشقا، ئىزدىنىشقا ئۇندەيدۇ. پەرزەنت كۇلكىسى ئاتا-ئانا كۇلكىسى، پەرزەنت يىغىسى ئاتا-ئانا يىغىسى... پەرزەنت مىھرىدە جەننەت مىھرى بار، پەرزەنت چىھرىدىكى سەبى ئۇماق تەبەسسۇمدا ئوتلۇق قۇياشنىڭ ھارارىتى بار.
        -مەن ئوغلۇمنىڭ ئىسمىنى سىزگە ئىسىمداش بولسۇن دەپ ئەختەم قويدۇم. ئەختەم ئەكرەم...بوپتىمۇ؟
        ئەكرەم تىترەپ تۇرغان ئاجىز، ئۇرۇق قوللىرىنى سەلىمەگە ئۇزاتتى.- قېنى، بالامنى ماڭا بەر .
        ئەكرەمنىڭ ئېغىزىدىن <بالام> دىگەن سۆزنى ئاڭلىغان سەلىمە ھاياجاندىن بىر پەس تىترىدى. ئۇ دەل مۇشۇنى كۇتكەن ئىدى. دەل مۇشۇ كۇننى كۇتكەن ئىدى. ئۇنىڭ شۇ تاپ 1 يىلدىن بىرى چەككەن بارلىق ئازاپلىرى نەلەرگىدۇر ئۇچۇپ كەتتى. سۇلغۇن چىرايىدا تەبەسسۇم پەيدا بولدى. ئۇ بوۋاقنى ئاستا ئەكرەمگە ئۇزاتقاچ ئۇنىڭ چىرايىغا قايتىدىن سەپسالدى.
       -ئەكرەم، مەن تۇگۇشۇپ كەتتىممىكىن دىسەم ، سىز مەندىنمۇ بەك ئاجىزلاپ كىتىپسىز... سىزگە قاراپ كۆڭلۇم بەك يېرىم بولدى. نىمە بۇلۇپ بۇ زەھەر تاشلاتقۇزۇ ئورنىغا كىرىپ قالدىڭىز؟...
         ئەكرەم سەلىمەگە <لاپ> قاراپ قويۇپ، ئۇنىڭ سۇئالىنى جاۋاپسىز قالدۇردى. بوۋاقنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئاجايىپ بىر مىھىر بىلەن قاراپ كەتتى. قاشلىرىغا، كۆزلىرىگە ، بۇرنىغا، ئېغىزلىرىغا...ئىشقىلىپ ھەممە يىرىگە تويماي قارىدى. نىمىشقىدۇر كۆڭلى بۇزۇلغاندەك بولۇپ ، ساقال باسقان يۇزىنى بوۋاقنىڭ يۇمران سۇتتەك مەڭزىگە بوشقىنا باستى، چىڭ يۇمۇلغان كۆزلىرىنىڭ جىيەكلىرىدىن ئىككى تامچە ياش بوۋاقنىڭ يۇزىگە سىرغىدى. ئۇ شۇ تاپ ئۆتكۇزگەن گۇناھلىرىغا ، ئەسكىلىكلىرىگە تۆۋبە قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئاجىز بەدىنى تۇرۇپ-تۇرۇپ يىنىڭ تەۋرىنىپ كەتتى .
        سەلىمە  ئۆز ئاتىسىنىڭ قۇچىقىدا شىرىن ئۇيقۇغا كەتكەن پەرزەنتىگە قاراپ يۇرەكلىرى لەرزىگە كەلدى. ئەكرەمنىڭ مىھرىبانلىق چىقىپ تۇرغان سۇلغۇن چىرايىغا قاراپ يۇرىكى ئىزىلدى. ئۇنىڭدىن شۇنچە نەپرەتلەنگەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭغا بولغان ئەسەبىلەرچە ئىنتىلىش، ياخشى كۆرۇش ، مۇھەببەت ئالدىدا ، بۇلۇپمۇ ئاتا-بالا جەم بولغان مۇشۇ دەقىقىلەردە ئۇ ھەممىنى ئۇنتۇپ كىتىشكە تىرىشىۋاتاتتى.
       - بۇ بالىغا قورساق كۆتىرىپ، تۇغۇش جەريانىدا قانچىلىك جاپا تارتقانسەن ھە؟
       - ئۇنى بىر خۇدا ، بىر ئۆزەم بىلىمەن. لېكىن مەن يەنىلا ئۆزەمنى بەخىتلىك ھىساپلايمەن.
       - ئۆيۇڭگە قايتماپسەن، بۇ بالىنى تۇققىچە نەلەردە سەرسان بۇلۇپ يۇردۇڭ؟
       - بۇ دۇنيانىڭ ئىتىكى يەنىلا كەڭرىكەن  ئەكرەم . ۋاپاسىز ئادەملەر بار بۇ دۇنيادا مىھرىبان ئادەملەرمۇ باركەن. خۇدا ئىشلىرىمنى ئاسان قىلدى. كەچمىشلىرىمنى ئاڭلىغۇڭىز كىلىۋاتامدۇ؟
          -ئەلبەتتە. توختاپ تۇر...- ئەكرەم كۆرۇشۇش ۋاقتىنىڭ تۇشۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەندەك، ئىشىك تۇۋىدە ساقلاپ تۇرغان ساقچىنىڭ ئالدىغا كەلدى.
         - سوجاڭ. ئايالىم بالامنى ئېلىپ مىنى يوقلاپ كەپتىكەن. ئۇنىڭ ئۇستىگە بالام تۇغۇلۇپ تۇنجى قېتىم كۆرۇشۇم. شۇڭا 1 سائەت ئۇزارتىپ بەرگەن بولسىڭىز.
        <ئايالىم، بالام>... نىمىدىگەن مۇھەببەتلىك سۆز. نىمىدىگەن بەخىتلىك مىنۇتلار. ئۇ كىچە-كىچىلەپ دەل مۇشۇ كۇنلەرنى كۇتمىگەنمىدى. دەل مۇشۇ سۆزلەرگە ئىنتىزار بولمىغانمىدى...سەلىمە ئاجايىپ شاتلىققا تولدى. ئۆزىنى شۇنچىلىك بەخىتلىك ھىس قىلدى. ساقچى بىلەن خوشلۇشۇپ يېنىپ كىرگەن ئەكرەمگە قاراپ ،سۇيۇنۇش ئىچىدە دۇپۇلدەپ سۇقۇپ كەتكەن يۇرىكىنى تۇتۇپ قويدى. ئۇنىڭدا ھاياتقا بولغان ئۇمۇت، تۇرمۇشقا بولغان مۇھەببەت قايتىدىن بىخ سۇرۇشكە باشلىدى. ئۆزىگە تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ئۇرۇغىنى چاچقان، تۇنجى مۇھەببەت بىلەن ھاياتىغا خوشاللىق قاتقان ئەكرەمگە بولغان سېغىنىش، ئىنتىلىش، نەپرەت ئىچىدىكى يۇشۇرۇن مۇھەببەت پۇتۇن جىسمىنى قايتىدىن تەسۋىرلىگۇسىز ھاياجانغا تولدۇردى...دادا قۇچىقىدا پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان تاتلىق ئوغلىغا ئالەمچە بەخىت تىلىدى...
         -سەلىمە، مەن ساڭا ۋاپاسىزلىق قىلدىم. سىنى ئالدىدىم. سىنى ئەمرىمگە ئالىمەن دەپ قويۇپ سىنى يەنە تاشلىۋەتتىم...مەندىن قانچىلىك نەپرەتلىنىدىغانسەن ھە؟
        -ياق، ئۇنداق دىمەڭ. راست، مەن سىزدىن نەپرەتلەنگەن، ساددا سۆيگۇمگە ئېچىنغان، بۇ ھاياتتىن ياشاش ئۇمۇدۇمنىمۇ ئۇزگەن. ھەممە نەرسەمدىن مەھرۇم قىلغانلىقىڭىز ئۇچۇن سىزدىن يىرگەنگەن. لېكىن بىلەمسىز... شۇ نەپرەت، ئۆچمەنلىك ئىچىدە يەنىلا سىزگە بولغان مۇھەببىتىم بار ئىدى. سىزنى تىللاپ تۇرۇپ سېغىناتتىم، قارغاپ تۇرۇپ گۇزەل كۇنلەرنى ئەسلەيتتىم، ئۆزەمنىڭ ساراڭلىقىمدىن سەسكىنىپ تۇرۇپ ئۆزەمنى سىزنىڭ قۇچىقىڭىزدا تەسەۋۋۇر قىلاتتىم...-ئاۋازى بۇغۇلۇپ -بۇغۇلۇپ چىقىۋاتقان سەلىمە، ھاياجاندىن ئۆكسۇپ يىغلاپ كەتتى. ياشلىرى تاتارغان ، گىرىمسىز چىرايىنى بويلاپ رەڭگى ئۇچۇپ كەتكەن كوينىكىگە تامچىلىدى...
        -بولدى. يىغلىما، زىدە بولۇپ كەتكەن يۇرۇكۇمنى يەنە زىدە قىلما. مەن ھەقىقەتەن خاتا قىلدىم. نادانلىقىمدىن ئۇكۇنىمەن سەلىمە. بەكمۇ ئۇكۇنىمەن.
        -مەن ئالدانغانلىقىمنى بىلدىم ، سىزنىڭ قورچىقىڭىز بۇلۇپ قالغىنىمنىمۇ بىلدىم..،- سەلىمە قىزارغان كۆزلىرىنى ئەكرەمگە تىكتى.- سىز كىيىن ماڭا ناتۇنۇش ئادەملەردەك مۇئامىلە قىلغاندىن كىيىن، مەن بەك ئازاپلاندىم. بەك خورلۇق ھىس قىلدىم. ئۆزەمنىڭ ساددىلىقىدىن نەپرەتلەندىم...دىلنازنىڭ مەسلىھەتى بويىچە 10 كۇنلۇك رۇخسەت سوراپ ئۆيۇمگە قايتىم قورسۇقۇمنى يۇغۇشتۇرۇپ كىلىشنى پىلانلىدىم. لېكىن ئۆيگە قايتىش يولىدا كۆپ ئويلاندىم، ئاتا-ئانام ئالدىغا زادى نىمە دەپ بارىمەن؟ ماڭا سىڭدۇرگەن ئەجرىگە قورسۇقۇمنى كۆتۇرۇپ بېرىشىم كېرەكمۇ؟...ياق، ياق...مەن ئۇلۇۋېلىشنىمۇ ئويلۇدۇم، ھەممە دەرتتىن بىراقلا قۇتۇلۇپ كىتىشنى ، جىمجىت ئۇ ئالەمگە كىتىشنىمۇ ئويلۇدۇم. لېكىن ھايات يەنىلا شۇ قەدەر قىممەتلىك ، سۇيۇملۇككەن. بۇلۇپمۇ قورسۇقۇمدىكى كۇندىن-كۇنگە چوڭىيىۋاتقان بالىغا قاراپ ئۇنداق قىلالمىدىم. ئۆزەم تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلىدىغان بىر خىل مۇھەببەت پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بارلىق دەرتلىرىمنى ، ئازابىمنى قورسۇقۇمدىكى بالىغا پىچىرلايدىغان بولۇپ قالدىم، ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن-ئۇزۇن سىردىشىدىغان بولۇپ قالدىم. پەقەت شۇلا ماڭا ئۇمۇت، ئىشەنچ، مۇھەببەت بىرىپ تۇراتتى... شۇڭا مەن ئاخىرى يۇرتقا قايتماسلىق، بالىنى تۇغۇش قارارىغا كەلدىم. ھەممە نەرسەمدىن ئايرىلىدىغانلىقىمنى بىلىپ تۇرساممۇ قانداقتۇر بىر خىل كۇچ مىنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان بولۇپ قالدى. مەن ئارىلىقتا ماشىنىدىن چۇشۇپ ئۆزەمگە ناتۇنۇش بىر شەھەردە قالدىم. ئۇقۇشۇپ يۇرۇپ ئامالسىز بىر ئاشخانىدا ئىشلىدىم، ئىش ئىزدەپ يۇرتتىن چىققان قىز سۇپىتىدە ئىشلىدىم. شۇ جەرياندا ئاشخانىدىكى بىر قانچە قىز بىلەن بىرگە يېتىپ قۇپۇپ، ئاچا-سىڭىلدەك بولۇپ قالدىم. مەيلى قانچىلىك جاپا تارتساممۇ يەنىلا پۇتۇن كۇچۇم بىلەن ئىشلىدىم، سەھەرقۇپۇپ كەچ ياتتىم، بالام ئۇچۇن ،ئۇزەم ئۇچۇن چۇقۇم پۇل تېپىشىم ، پۇل جۇغلۇشۇم زۇرۇر ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە كۆپ ئىش قىلىپ كۆپ ھەققە ئىرىشىشنى ئويلۇدۇم. شۇ ۋاقىتلاردا تارتقان جاپالىرىمنى ، ئازاپلىرىمنى  خورلۇقلۇرۇمنى كىمگە ئېيتاي ئەكرەم؟ كىمگە ئېيتاي؟...قورسۇقۇمنى چىڭ تېڭىپ يۇردۇم، ئۆزەمنىڭ ھامىلدارلىقىنى يۇشۇردۇم، كۆز ياشلىرىمنى يۇشۇردۇم... ئىچىمدە سىزدىن ئۆلگۇدەك نەپرەتلەندىم، لېكىن بىر كۆزۇم ئۇرۇمچىدە قالغان ئىكەن، يۇرۇگۇم ئۇرۇمچىدە قالغان ئىكەن...ھاياتىمغا تۇنجى تەسىر كۆرسەتكەن ، نازۇك قەلبىمگە مۇھەببەتلىك كۇيلىرىنى تۇنجى سىڭدۇرگەن بىر ئەبلەخنى ئۇنتۇيالمىدىم، ئۇنىڭ تاتلىق سۆزلىرىنى، كۇيۇنۇشلىرىنى ئۇنتۇيالمىدىم. ئۇنىڭ ئوت يېنىپ تۇرىدىغان مىھرىلىك كۆزلىرىنى ئۇنتۇيالمىدىم. ئۇ ئەسلىدە مىنىڭ قەلىپ قەسىرىمنى پۇتۇنلەي ئىگەللەپ بوپتىكەن ئەمەسمۇ؟...كاللامدىكى خىياللارنى ، شۇ ئەبلەخنىڭ سىماسىنى يۇقىتىۋېتىش ئۇچۇن شۇنچە تىرىشساممۇ، پۇتۇن كاللامنى ئىشقىلا بەنت قىلساممۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ماڭا ئاراملىق بەرمىدى. مىنىڭ يۇرۇكۇمنى ئۇن-تىنسىز كۆيدۇرۇپ كەلدى. كىيىن بىلسەم مەن ئۇنى ئەسەبىلەرچە ياخشى كۆرۇپ قاپتىكەنمەن...ئۇنىڭغا بولغان ئوتتەك ئىنتىلىشىم ئالدىدا ئۇنىڭ بارلىق ئەسكىلىكلىرى ، ئازاپلىرىم، كۇلپەتلىرىم ھېچنەرسە ئەمەسكەن ...بىلەمسىز ئەكرەم. ئۇ ئەبلەخ سىز ئىدىڭىز. سىز... قىزىق يىرى مەن نىمىگە سىزىك بولدۇم بىلەمسىز...نىمىگە؟... ئۆزەممۇ شۇ قەدەر ھەيران، مەن سىزگە ، سىزنىڭ مۇھەببەتلىك بېقىشىڭىزغا سىزىك بوپ قاپتىمەن. مىنىڭ ئازاپلىرىمغا سىزىك ئازابى قۇشۇلۇپ  يۇرۇكۇمنى پارە-پارە قىلىۋەتتى. مەن قەلبىمگە ئورناپ كەتكەن سىمايىڭىزنى ئەسلەپ كۇنلەرنى يىغلاپ ئۆتكۇزدۇم، كۇنسىرى يۇغۇنىۋاتقان قورسۇقۇمغا قاراپ يىغلىدىم، سىزنىڭ ۋاپاسىزلىقىڭىزغا ھەم نەپرەتلىنىپ ھەم سۇيۇنۇپ تۇرۇپ يىغىلىدىم...
         ئەكرەم سەلىمەنىڭ يامغۇردەك تۇكۇلىۋاتقان ياشلىرىغا قاراپ بەرداشلىق بىرەلمىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىمۇ  لىققىدە ياش لىغىرلايتتى. ئۇ شۇ تاپ سەلىمەنىڭ ئالىجاناپلىقى، پىداكارلىقىىدىن سۇيۇنۇپ ئۆتكۇزگەن خاتالىقلىرىدىن قاتتىق ئۇكۇنىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ قۇچىقىدا تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بالىنى باغرىغا چىڭ بېسىپ ئۇن-تىنسىز ھالدا يەنە سەلىمەنىڭ تىترەڭگۇ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشقا باشلىدى.
    [ بۇ يازما sirdaxim تەرپىدىن 2008-04-13 10:28 دە قاي ]
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    قۇملۇقنى كولىما بايقۇش، توغراقنى قۇچاقلاپ يىغلاپ-يىغلىۋال ...
    | ۋاقتى : 2008-04-12 18:29 21 -قەۋەت
    sirdaxim
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15864
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 725
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە725دانە
    شۆھرەت: 758 نۇمۇر
    پۇل: 2252 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :298(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

       -ئاشخانىدىكى كۇنلىرىممۇ ئۇزاققا بارمىدى. سېغىنىش ئىچىدە يىغىدىن ئىششىغان كۆزلىرىم، داغ چۇشكەن چىرايىم ، يۇغۇنىۋاتقان قورسۇقۇم ئاخىرى ھەممىنى ئېچىپ تاشلىدى. ئايال خوجايىننىڭ يۇرەكنى ئىزىدىغان ھاقارەتلىك تىللىرىغا گۇناھكارلاردەك بېشىمنى تۇۋەن سېلىپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم. ياتاقداش بىر قىز بىلەن شۇنداق ئىچەكىشىپ كىتىپتىكەنمەن  ، ئۇنىڭغا دەرتلىرىمنى تۇكۇپ بەردىم، ھەسرەتلىرىمنى تۇكۇپ بەردىم، ئۇ مىنىڭ يەنىلا سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ ھەيرانۇ ھەس قالدى. بەلكىم مىنى ئەسەبى ساراڭ قاتارىغا چىقىرەتكەندۇ؟...ئۇ قىزنىڭ يالغۇز بىر چوڭ ئاپىسى باركەنتۇق. ئۇماڭا ھىسداشلىق قىلىپ  مىنى يېزىدىكى شۇ چوڭ ئاپىسىنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ قويدى. توۋا ، جاھاندا يەنە ياخشىلار كۆپ ئىكەن. سارىخان چوڭ ئانامنىڭ  يىراق ناھىيىدىكى تۇققىنىڭ قىزى بولۇپ تۇرۇپ قالدىم. ئۇ ھەممە ئادەمگە شۇنداق دىدى. <سەھرانىڭ ھاۋاسىدا بوشىنىۋالاي دەپ كەلدى > دەپ مىنىڭ قىسمەتلىرىمنى يۇشۇردى، مىنى ئەل ئالدىدا تىك ياشىسۇن دەپ شۇنداق  دىدى. مەن ئەنە شۇ يېزىدا ياشاپ قالدىم. ماڭا ئاتىدارچىلىق قىلغان ئاشۇ نامرات ئايال ئۇچۇن ئاللاغا مىڭ مەرتىۋە رەخمەت ئېيتىمەن. نامرات بولسىمۇ كۆڭلى-كوكسى نىمىدىگەن كەڭ ھە . مىنى ئۆز قىزىدەكلا ياخشى كۆردى. ئاشخانىدىكى دوستۇممۇ يوقلاپ تۇرۇشنى ئۇنۇتمىدى. مەن مانا مۇشۇنداق ئاتا-ئانام تۇرۇپ، ئۇرۇق-تۇققانلىرىم تۇرۇپ ئاشۇ يات مەھەللىدە يىتىم بالىدەكلا ياشاپ قالدىم. مەنمۇ بىكارغا ئولتۇرسام بولمايدۇ دە، شۇڭا ئۇلارنىڭ مىھرى ئۇچۇن ئۇن-تىنسىز ئىشلىدىم، بىر ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسدىن بىراقلا سەھرادىكى دىھقان قىزغا ئايلىنىپ قالدىم. سارىخان ئانام  بىلەن ئوخشاشلا  قورسۇقۇمدىكى بالامنى كۆتۇرۇپ   بۇغداي ئورۇدۇم، ئېغىر تاغارلارنى يۇدۇدۇم، كەتمەن چاپتىم. قوي-كالا باقتىم.  ئىشتىن كىلىپ تاماق ئەتتىم...ئىشقىلىپ شۇ يېزا تۇرمۇشىغا سىڭىپلا كەتتىم. ئۆزەمنىڭ قورسىقىدا بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالغاندەكلا ئىشلىدىم. ھېرىپ چارچاپ كەتكەن، پىشانەمدىن ئاچچىق تەر چىپىلداپ ئاققان دەملەردە ئېتىز قىرىدا ئولتۇرۇپ يۇمران مايسىدەكلا چېپىۋېتىلگەن تەقدىرىمگە قاراپ يىغلىدىم. مۇشۇنداق كۇنلەرگە مەھكۇم قىلغان سىزدىن نەپرەتلىنىپ يىغلىدىم. قورسۇقۇم چۇڭايغانسىرى، ھەرىكىتىم قۇلاشمىغانسىرى، ئەمگەك قىلىشقا قۇربىتىم قالمىغانسىرى تېخىمۇ ئازاپلاندىم. قورسۇقۇمدا مىدىرلىۋاتقان بەخىتىسز بالامغا قاراپ ئازاپلاندىم. نىكاھسىز بىر بىتەلەي پەرزەنتنىڭ بۇ دۇنياغا پات ئارىدا ئاپىرىدە بۇلۇدىغانلىقىدىن ئازاپلاندىم. لېكىن شۇ ئازاپلىرىم ئىچىدە يەنىلا سىز بار ئىدىڭىز. تاتلىق بېقىشلىرىڭىز، مىھرى ئىسسىق باغرىڭىز، كەڭ يەلكەنلىرىڭىز، كىلىشكەن قامىتىڭىز ئازاپلىرىمغا ھەمرا ئىدى. ئۇزەمنىڭ مۇشۇنداق كۇلپەتلەردە تۇرۇپ يەنىلا سىزنى سېغىنىدىغانلىقىمغا ئۆزەممۇ ھەيران ئىدىم. ئاشۇنداق نامەرت ئەبلەختىن نىمىشقا يىرگەنمەيسەن؟ نىمىشقا غەزەپلەنمەيسەن...؟ دەپ ئۆز _ئۆزەمگە سۇئال قوياتتىم. لېكىن سۇئاللىرىم ئېڭىمنى قامال قىلىۋالغان شىرىن بىر لەززەت ئىچىگە سىڭىپ كىتەتتى...ئەكرەم، بىلەمسىز...تۇغۇت ئازابىنى تارتقان دەملىرىمنى مەڭگۇ ئۇنتۇيالمايمەن...شۇ ۋاقىتلاردا سىزنى قانچىلىك سېغىنغىنىمنى بىلەمسىز؟ سىزنى يېنىمدا بولسىكەن، ماڭا كۇچ مادار بەرسىكەن دەپ تۇلىمۇ ئۇمۇت قىلدىم. ئىچىمدىن بىر بالا ئەمەس، بىر قاپقاراڭغۇ دۇنيا چىقىدىغاندەك قاتتىق قىينالدىم. لەۋلىرىمدىن قىپ -قىزىل قانلارنىڭ سىرغىغىنىنىمۇ سەزمەپتىمەن، ئۆزەمنىڭ بىلىكىنى ئۆزەم چىشلەپ ئۆزىۋەتكىلى قىل قاپتىمەن. تۇغۇت دىگەنمۇ ئاشۇنداق قىيىن بۇلامدىغاندۇ ؟ باشقا ئانىلارمۇ ئاشۇنداق ئازاپ ئىچىدە يەڭگىمدىغاندۇ؟ دەپ ئويلاپ كەتتىم. بەلكىم خۇدا مەندەك بىتەلەي، بەخىتىسز ئانىلارنىڭ نىكاھىسىز بالىسى ئۇچۇن مۇشۇنداق قىيىن تۇغۇتنى بىرىدىغان ئوخشايدۇ...
         سەلىمە ئېغىر جىسمىنى ئاستا كۆتۇرۇپ، كۆزلىرىنى بىر نوقتىغا تىككىنىچە ئۆز قىسمىتىنى بىرىلىپ ئاڭلاۋاتقان ئەكرەمنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇ ئەكرەمنىڭ قوچىقىدىكى بوۋاقنى ئاۋايلاپ ئېلىپ بالىسىنىڭ بەخىتسىزلىكىدىن قايغۇرغاندەك ، ئېچىنغاندەك بېشىنى ئاستا چايقاپ قويۇپ، ئۇنى باغرىغا باستى.
         -ھەر قانداق بىر پەرزەنتنىڭ دۇنياغا كىلىشى ئاتا-ئانا ئۇچۇن بىر بەخىت ئىدى. لېكىن بۇ بىچارە بالام دۇنياغا كۆز ئاچقاندا سارىخان ئانامدىن باشقا ھېچكىم خوشال بولمىدى. ھەم خوشال بولغۇدەك ئەتراپىمىزدا ئادەممۇ يوق ئىدى. بەلكىم ئۆز ئىززىتىم، قەدرىم، پاكلىغىم بىلەن خەلقى جامائەت ئالدىدا، ئاتا-ئانام رازىلىقى ئاستىدا نىكاھلانغان، پەرزەنتلىك بولغان بولسام ، ئۇلار مۇشۇنداق كۇنلەردە ئەتراپىمدا پەرۋانە بۇلۇپ كىتەر ئىدى. مىنى قۇتلۇقلاپ، بەخىت تىلەپ كىتەر ئىدى. مىنى ئەزىزلەپ ياخشى كۇتەر ئىدى. لېكىن مەن ئۇنداق كۇنلەرگە ، ئۇنداق مىھرىبانلىقلارغا نائىل بۇلالمىدىم. بىر سارىخان ئانامنىڭ كۇتۇنىشىگىلا نىسىپ بولدۇم. بىلەمسىز ؟ مەن شۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ مىنى باغرىڭىزغا بېسىشىڭىزنى، ماڭا مۇھەببەت بىلەن تىكىلىشىڭىزنى، <جاپا چەكتىڭ مەھبۇبەم، ماڭا پاقلاندەك بىر ئۇغۇل تۇغۇپ بەردىڭ، ساڭا رەخمەت...> دىيىشىڭىزنى نەقەدەر ئارزۇ قىلدىم ھە...لېكىن مەن خوشال بۇلۇش ئەمەس، يېڭى تۇغۇلغان بالامنى باغرىمغا بېسىپ قانغۇچە يىغلىدىم. پۇتۇن ئازاپلىرىمنى پەقەت يېشىم يۇيۇپ كىتىدىغاندەكلا يىغلىدىم. سىزگە قۇشۇپ قۇيغاندەك ئوخشايدىغان ئوغلۇمنىڭ بەخىتسىزلىكىدىن، ئۆزەمنىڭ تەتۇر پىشانىلىقىدىن ئۇكۇنۇپ يىغلىدىم. جىمى ئانا تۇغۇت ۋاقتىدا ياخشى غىزالىنىپ، كۇتۇنسە مەن زاغرا يەپ ، ئۇماچ ئىچىپ كۇن ئالدىم. لېكىن شۇنداق كۇنلەرگە ئىرىشكىنىمگىمۇ ئاللاغا مىڭ شۇكرى ئېيتىمەن. ئەگەر ئاشۇ سارىخان ئانام بولمىغان بولسا نەلەردە سەرگەردان بۇلۇپ ، كىملەرنىڭ ئىشكىىگە تەلمۇرۇپ، كىملەرنىڭ بۇزەك بۇلۇشىغا ئۇچراپ يۇرەر بولغۇيتتىم. خۇدا ماڭا يەنىلا شۇ مىھرىبان ئانىنى ئۇچراتتى. مىنى يامان كۇنلەرگە قويمىدى...
         ئەكرەم سەلىمە ئالدىدا كەچۇرگۇسىز گۇناھقا لايىق ئىدى. ئۇ بىر قېتىملىق ھىسيات ئالدىدا ئېزىشنىڭ  بۇنچىۋالا كۇلپەتلەرنى كەلتۇرىدىغانلىقىنى ،  بىر قىزنى بەربات قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭمۇ بۇ  كۇنلەرگە قالىدىغانلىقىنى  ئەسلا ئويلىمىغان ئىدى. مانا سەلىمە ئەمدى بالىسىنى كۆتىرىپ ئۆزىنى ئىزدەپ كەلدى. قارىغاندا سەلىمە ئۆزىنى مەجنۇنلارچە ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنى سېغىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىنى ، ياخشى ئادەم بولۇشىنى، مىھرىبان ئاتا بولۇشىنى ئۇمۇت قىلىدۇ. ئۇنىڭ  بىلەن كەلگۇسىدە بىر ئائىلە قۇرۇپ بەخىتلىك ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن تۇرمۇشقا نىسپەتەن ئىشەنچىسىنى يۇقاتقان ئەكرەم ئۇچۇن بۇ مۇھىممۇ؟ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ رەھىمسىز رىئاللىقنى قۇبۇل قىلالامدۇ؟...ئەكرەم ئاللاغا ھەمدۇسانا ئۇقۇۋاتقاندەك قىياپەتتە ئولتۇرغان سەلىمە قاراپ ، جىددىلەشكەندەك سورىدى.
        -قېنى، ئېيتقىنا. مىنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىمنى قانداق بىلدىڭ؟ دوستۇڭ دىلناز بىلەن كۇرۇشكەن ئوخشىمامسەن؟...
        - ياق. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۇشمىدىم. ئۇنىڭ بىلەن قانداقمۇ كۇرۇشەلەيمەن. قۇچىقىمدا بالا كۆتۇرۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا قانداق بارىمەن. ھېلىمۇ ئۇنىڭغا نۇرغۇن كىلىشمەسلىكلەرنى تېپىپ بەردىم. مەن ئەمدى ھەقىقى بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئىرىشەلىگەندە ، بالامنىڭ ئاتىسى بىلەن جەم بولۇپ بەختلىك ئائىلە قۇرالىغاندا ، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشىمەن. ئەگەر بولمىسا مەڭگۇ كۆرۇشمەيمەن. مەن تۇغۇتتىن كىيىن ئاتا-ئانامنىمۇ بەك سېغىندىم. ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانام  مىنى دەپ ، نام-نىشانسىز يۇقاپ كەتكەن قىزىنى دەپ نىمە بۇلۇپ كەتكەندۇ ؟ دەپ قاتتىق ئازاپلاندىم. قەلبىم يۇرتقا قاراپ تەلپۇنسىمۇ، ئائىلەمنى، ئاتا-ئانام تۇققانلىرىم كۆزۇمگە ئوت كۇرۇنۇپ كەتكەن بولسىمۇ ، لېكىن بۇ ھالىم بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىشنى قەتئى لايىق تاپمىدىم. مىنىڭ كۇرۇدىغان كۇنۇم مۇشۇ ئوخشايدۇ؟ تەقدىرىم مۇشۇنداق كاج ئوخشايدۇ؟... دەپ ئويلۇدۇم. لېكىن يەنىلا ئۆزەمنىڭ بۇ دۇنيادا تىرىك ئىكەنلىكىنى بىلدۇرۇش،  ئۇلارنىڭ بالا دەردىدە ساراڭ بۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۇچۇن يېزىلىق ھۇكۇمەتكە تېلىفۇن قىلىپ ئاكام بىلەن كۆرۇشتۇم...ئاھ ، بىر  يىلدىن كىينكى تۇنۇش ئاۋاز،  ئاكامنىڭ ئاۋازى...مەن شۇ ئازاپلىق كۇنلەردە ئۇلارنى دۇنيانىڭ باشقا بىر بۇرجىكىدىكەكلا ھىس قىلغان ئىدىم. بىلەمسىز ئەكرەم،  شۇ ۋاقىتتا بىر تۇققانلىق مىھىر مىنىڭ قەلبىمنى پارە-پارە قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى خوشاللىقىنى، ئۆزەمنىڭ ھاياجىنىنى ھېچنەرسىگە تەڭ قىلغىلى بولمايدۇ... ئۇنىڭدىن ھەممىنى ئاڭلىدىم. بىچارە دىلناز دوستۇم ئامالسىز سىرلارنى ئاكامغا دىيىشكە مەجبۇر بوپتۇ. غەزەپلەنگەن ئاكام سىز بىلەن سۇقۇشۇپتۇ. سىز ئاكامنى شۇنداق قاتتىق زەخمىلەندۇرۇپسىز...مانا ئاقىۋەت تۇرمىغا كىرىپ قاپسىز...مەن ھەممىنى ئاڭلىدىم. يۇرۇكۇم سۇ بۇلۇپ كەتتى. ئازاپلىرىمغا قۇشۇلۇپ كەلگەن بۇ شۇم خەۋەرلەردىن ئۆزەمنى يۇقۇتۇپ قويدۇم...سىزگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىم تاشتى. سىزنى چاناپ-چاناپ كۆيدۇرىۋەتكۇدەك بولدۇم. لېكىن سېغىنىش، كۆڭلۇمنىڭ نازۇك ھىسلىرىدە قالغان ھاياجان، مۇھەببەت ئالدىدا ھەممە نەپرىتىم ئاجىزلارچە تەسلىم بولدى. مەن يەنىلا يېڭىلدىم...ئاكامغا ئۆزەمنىڭ ناھايىتى ساق تۇرىۋاتقانلىقىمنى ، ئاتا-ئانامنىڭ قەتئى ئەنسىرىمەسلىكىنى ئېيتىپ  ، ئۇنىڭ يىلىنشىلىرىگە قارىماي ئۆزەمنىڭ نەدىلىكىنى سىر تۇتۇپلا تېلىفۇننى قۇيىۋەتتىم...شۇ ۋاقىتتا غېرىپلىق، ئازاپ ئىچىدە قانچىلىك يىغلىغىنىمنى سىز ئەسلا بىلمەيسىز...ھېلىمۇ كۆز ياشلىرىم قۇرۇپ، كۆزۇم كور بۇلۇپ قالمىغىنىغا ھەيرانمەن...
         ھاسىراپ تۇرغان سەلىمە، تاراملاپ چۇشىۋاتقان يېشىنىمۇ سۇرتمەيلا ،قوچىقىدىكى بالا بىلەن ئەكرەمنىڭ مەيدىسىگە بېشىنى ئاستا قويدى. ئۇ قارىماققا شۇ قەدەر ئاجىز، شۇ قەدەر مىسكىن ئىدى. ئۇ شۇ تۇرقىدا مىھىرلىك تەسەللىگە، ئوتلۇق مۇھەببەتكە، ئەكرەمنىڭ قۇچاقلاپ باغرىغا بېسىشىغا ، قېنىپ -قېنىپ سۇيىشىگە تەشنا ئىدى. - ئەكرەم ، سىز بىلەمسىز...مەن سىزنى راستىنلا ئەسەبىلەرچە ياخشى كۆرۇپ قاپتىكەنمەن...شۇنچىلىك نەپرەت ئالدىدا مەن يەنە تىز پۇكۇشكە مەجبۇر بولدۇم. تارتقان كۇلپەتلىرىم سىزنىڭ سۇيۇشىڭىز ئالدىدا  ھېچ نەرسە ئەمەستەكلا بىلىنىدۇ...مەن سىزگە مۇھتاج...سىزگە مۇھتاج...
         ئەكرەم ئۆزىمۇ بىلىپ بىلمەي سەلىمەنى ئاستا قۇچاقلىدى.
        -بولدى، كۆڭلۇڭنى يېرىم قىلما...سەن بىلمەيسەن، مەنمۇ مۇشۇ تۇمۇر دەرۋازا ئىچىگە كىرگەندىن بىرى چىق نەرسىلەرنى ئويلۇدۇم. راس. مەن جىق ئىشلارنى خاتا قىلدىم. سىنى تاشلىۋەتتىم، ئاكاڭنى يارىلاندۇرۇپ قويدۇم. مەن ئۆتكەن ئىشلارغا بەك ئەپسۇسلىنىمەن. تۇرمىدىكى يالغۇزلۇق ئىچىدە مەن سىنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغىنىمنى ھىس قىلىپ قالدىم. سىنى سېغىندىم، ئاشۇ بوستاندەك چاچلىرىڭنى، تاتلىق كۇلكەڭنى، ئۇسۇل ئوينىغان ۋاقىتىڭدىكى گۇزەل رۇخسارىڭنى، ھەرىكەتلىرىڭنى ، تاتلىق سۆيگۇ شېئىرلىنى ئۇقۇپ بەرگەن رومانتىك ھالىتىڭنى ...ھەممىنى شۇنداق سېغىندىم. بىلەمسەن، سەنمۇ مىنىڭ قەلبىمگە ئورناپ كىتىپتىكەنسەن، مىنى ئۆزۇڭگە ئەسىر قىلىۋاپتىكەنسەن... مۇشۇلارنى بۇرۇنراق ھىس قىلغان بولسام ، ساڭا ۋاپاسىزلىق قىلمىغان بولسام بۇ كۇنلەرمۇ ئەسلا بولمىغان بۇلاركەن. ھازىرغىچە ئۇقۇش پۇتتۇرۇپ ، خىزمەتكە چىقىپ ، بەخىتلىك ئائىلە قورىۋالاركەنمىز...بەك ئەپسۇسلاندىم سەلىمە، بەك ئەپسۇسلاندىم...مىنى كەچۇر، سىنىڭ كەچمىشىڭنى ئاڭلاپ ئاجىز يۇرۇكۇم ئەينەك پارچسىدەك پارە-پارە بولۇپ كەتتى...
        ھاياجان ھەم سۇيۇلۇش ئىچىدە ئۆزىنى يۇقاتقان سەلىمە ئەكرەمنىڭ تىنىقىنى قېنىپ ھىدلىدى. ئۇنىڭ مۇزدەك كۆكسىدىن ئاجايىپ بىر خىل ھارارەتنى ھىس قىلىۋاتقاندەك تىترىدى...
        - راسما ئەكرەم، راسما...سىز راسلا ئۆزگۇرۇپسىز، باشقىچە بىر مىھرىبان ئادەمگە ئايلىنىپىسىز... سىزدىن كەلگۇسۇمنى كۆرگەندەك بولدۇم، ئوغلۇمىزنىڭ بەختىنى كۆرگەندەك بولدۇم...مەن يەنىلا شۇنچىلىك بەخىتىككەنمەن...
        ئەكرەم تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن سەلىمەنىڭ مۇرسىنى تۇتۇپ ئۆزىگە قاراتتى، خۇمار بولۇپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن سۇرلۇك كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكتى.
        -ئەمدى قانداق قىلاي دەيسەن، مەن چىققۇچە كۇتەلەمسەن...؟
        -ئەلبەتتە، مەن كۇتىمەن ئەكرەم، كۇتىمەن. سىز ئۇچۇن يەنە قانچىلىك جاپا تارتساممۇ مەيلى، سىز چىقسىڭىز بەخىتلىك ئائىلە قۇرالىساقلا، بالىمىزنى بىرلىكتە باقالىساقلا مەن رازى... بىلەمسىز مەن ئۇرۇمچىگە كىلىپ بىر ئاچىنىڭ ئۆيىدە تۇرىۋاتىمەن. « يولدۇشۇم ئۇلۇپ كەتكەن، تۇرمۇش قامداش ئۇچۇن مۇشۇ يەرگە كىلىپ قالدىم » دەپ يالغان ئېيتىپ ، ئۇلارنىڭ ئۆيىدە ئىشلەپ قالدىم. ئىككى پەرزەنتىگە ئائىلە ئۇقۇتقۇچىسى بولدۇم. ئۇلارمۇ ھازىر مەندىن بەك رازى...
        -ياخشى قىپسەن. ئىشەنگىن ، بىز چۇقۇم بەخىتلىك بولىمىز. مەنمۇ بۇرۇنراق چىقىپ كىتىش ئۇچۇن تىرىشىمەن.
        -رەخمەت ئەكرەم، رەخمەت... مەن تەۋەككۇل قىلىپ ئالدىڭىزغا كەلگەن، ئۆزۇم رىئاللىقتىن قورقساممۇ قەدەملىرىم مىنى سىزنىڭ قېشىڭىزغا باشلاپ كەلگەن. خۇداغا شۇكرى، بۇ ياخشىقنىڭ بىشارىتى ئىكەن...مەن سىزنى چۇقۇم كۇتىمەن...خاتىرجەم بولۇڭ...
         كۆرۇشۇش ۋاقتى توشۇپ ، نۆۋەتچى ساقچى ئەكرەمنى ئېلىپ ماڭدى. ئەكرەم تەلمۇرۇش ، سېغىنىشلىق كۆزلىرىنى سەلىمەگە تىكتى.  بەلكىم ئاتىلىق مۇھەببەت ئادەمنى تەسىرلەندۇرسە، ھايۋاننى ھەقىقى ئىنسانغا ئۆزگەرتىشكە تۇرتكە بولسا كېرەك. ئەكرەم سەلىمەنىڭ قۇچىقىدىكى بالىنى ئېلىپ مىھرى بىلەن قېنىپ-قېنىپ سۆيدى. ئۇنى يېنىشلاپ پۇرىدى. سەلىمەگە ئۆزىنى، بالىنى ئاسراشنى تاپىلاپ ،« ئۇنتۇپ قالما،  مىنى چۇقۇم ئىزدەپ كەل ، چۇقۇم...» دىگەن گەپنى قايتا-قايتا تاپىلىدى. ئۇ شۇ تەرىزدە سەلىمەدىن شۇنچىلىك مۇھىم نەرسىنى كۇتىۋاتقاندەك قىلاتتى...

       
    [ بۇ يازما sirdaxim تەرپىدىن 2008-04-12 23:26 دە قاي ]
    http://mtv.diyarim.com
    قۇملۇقنى كولىما بايقۇش، توغراقنى قۇچاقلاپ يىغلاپ-يىغلىۋال ...
    | ۋاقتى : 2008-04-12 20:48 22 -قەۋەت
    sirdaxim
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15864
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 725
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە725دانە
    شۆھرەت: 758 نۇمۇر
    پۇل: 2252 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :298(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

       دىلنازنىڭ ئالدىراش كۇنلىرى باشلاندى. ھەممە نەرسىگە ئىشتىياق، ھەۋەس بىلەن قارايدىغان بۇ قىز دىكتورلۇق خىزمىتىگە سىڭىشىپلا كەتتى. بۇ قىزنىڭ  گۇزەل قامىتى، يېقىملىق ئاۋازى پەقەت مۇشۇ خىزمەت ئۇچۇنلا يارالغاندەك ئىكرانغا باشقىدىن ھۆسىن قوشتى. ئۇنىڭ تالانتى تىزدىنلا تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە ئىكران ئالدىدىكى كۆرۇرمەنلەرنى قايىل قىلدى. يېڭىدىن پەيدا بولغان بۇ گۇزەل قىزنىڭ سۆزمەنلىكى،  لاتاپىتى، ئىسىللىكى، ئەخلاقلىقى پۇتۇن شەھەردە قىزىق نوقتىغا ئايلىنىپ قالدى. بىر قىسىم سەنئەت كىچىلىكلىرىدە ئۇنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس گۇزەل سىماسى تاتلىق تەبەسسۇم ئىچىدە پەيدا بولغاندا نۇرغۇن يۇرەكلەرنى لەرزىگە سالاتتى . ئۇنىڭغا يۇشۇرۇن ھەۋەس بىلەن قارايدىغان يىگىتلەرنى ، ئەركەكلەرنى يوق ئەمەس دەپ ھېچكىم ئېيتالمايتتى. ئۇ ئۆزىگە تېخىمۇ دىققەت قىلىدىغان بولدى. چۇنكى ئۇنى بۇرۇن ئاز ئادەملا تۇنىسا ، مانا ئەمدى بىر پۇتۇن شەھەرگە تۇنۇلدى. ئۇ ئىكران ئارقىلىق باشقىلارغا گۇزەللىك يەتكۇزەتتى، ئەخلاق يەتكۇزەتتى، ئەڭ ياخشى ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئوبرازىنى يەتكۇزەتتى. شۇڭا ئۇ بۇرۇنقى تۇرمۇش مىزانلىرىنى ، ئەخلاق قاراشلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ زۇرۇرلىكىنى ھىس قىلىپ، يۇرۇش-تۇرۇش، گەپ-سۆز لەرگە تېخىمۇ ئىنچىكە مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى. ئۇ شۇنچىلىك خوشال ئىدى. ياخشى بىر خىزمەتكە ئىرىشتى،  ئەزىز لايىقى، ئۆزى چىن دىلدىن سۆيگەن يىگىتىگە ئىرىشتى. ئەمدى ئۇنىڭدا يەنە نىمە ئارزۇ-ئارمان بولسۇن؟...لېكىن دىلناز مۇشۇ ئالدىراش كۇنلەردە خىزمەت ئۇچۇنلا بىرىلىپ ،ۋارس بىلەن كۆپرەك كۇرۇشۇپ تۇرۇشقا ۋاقىت ئاجرىتالماي قالدى. ئىستانسىنىڭ دىكتورلۇق، رىياسەتچىلىك، ئىلانچىلىق خىزمەتلىرى پەقەت دىلناز ئۇچۇنلا قالغاندەك ھەممىدە دىلنازنى تەكلىپ قىلىشاتتى.  ئۇ تۇرۇپ-تۇرۇپ بەزى خىياللارنىڭ رىئاللىق بىلەن ئوخشاش ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىپ قالدى. باشقىلارنىڭ نەزىرىدە يۇقىرى ئۇرۇنغا ئىرىشكەنسىرى، باشقىلارنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ، ماختىشىغا سازاۋەر بولغانسىرى ئۇزىدىن پەخىرلىنىدىغان بولۇپ قېلىۋاتاتتى. ئۆزىنىڭ گۇزەللىكىدىن ئالاھىدە سۇيۇنۇپمۇ قالاتتى. لېكىن تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۆزىنى ئۆزى ئاگاھلاندۇراتتى. «سەن بىر خىل ياشىشىڭ كېرەك، سەن پەقەت بىرلا ئادەمنىڭ ماختىشىغا لايىق. سىنىڭ گۇزەللىكىڭ، تالانتىڭ پەقەت بىرلا ئادەمگە مەنسۇپ، پەقەت ۋارىسقا مەنسۇپ..»دەپ ئاگاھلاندۇراتتى.
         بۇگۇنكى سەنئەت كىچىلىكىدە ساپ ئۇيغۇر قىزىدەك ياسانغان دىلناز يەنىلا  ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلىپ ، كۆرۇرمەنلەرنى، ئىستانسا خادىملىرىنى يەنە بىر قېتىم قايىل قىلدى. ھەممە ئۇنىڭ تۇرقىدىن سەنئەتنىڭ يەنە بىر گۇزەل تەرىپىنى كۆرگەندەك بولدى. خىزمىتىنى تۇگۇتۇپ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرىۋاتقان دىلناز تۇرۇپلا ۋارىسنى ئەسلەپ قالدى. خىزمەت ئالدىراشلىقى بىلەن كۆرۇشمىگىلى بىرەر ھەپتە بولغان ۋارسىنى سېغىندى. «ئالدىراش بولۇپ قالدىم» دەپ نەچچە رەت كۇرۇشۇشنى رەت قىلغانلىقىدىن خىجىل بولدى. ئۇ بۇگۇنلا ۋارس بىلەن كۇرۇشۇپ مېڭىشنى ئويلىدىيۇ، سائىتىگە قاراپ بەك كەچ بولۇپ كەتكەنلىكنى ھىس قىلدى. ئۇ تاتلىق خىياللار ئىچىدە  يېڭىلا ۋارس بىلەن بىرگە سېتىۋالغان ئۇماققىنە تىلىفۇنىنى قولىغا ئېلىپ ئۇچۇر يېزىشقا باشلىدى.
         «مەن ھازىرلا ئىشتىن چۇشتۇم، سىزنى سېغىندىم. مەن سىزنى مەڭگۇ سۇيىمەن...»
         دىلناز يېزىۋاتقان ئۇچۇرىغا قاراپ قىزاردى، ھايالىق كۆزلىرىدە سۇس جىلۋە پەيدا بولدى. ئۇ گەرچە ۋارىس بىلەن كۆرۇشەلمىگەن بولسىمۇ ئۇچۇر يوللاشنى بىر كۇنمۇ ئىسىدىن چىقارمايتتى. ئۇ ئۇزاق ئۆتمەيلا ۋارىستىن كەلگەن «مەنمۇ سىزنى مەڭگۇ سۇيىمەن، ئوبدان ئارام ئېلىڭ ، چۇشىڭىزدە مىنى كۆرۇڭ» دىگەن ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ سۇيۇنۇپ كەتتى. ھېلىقى ئۇچۇرنى بىرسى يۇلۇپلا ئەكىتىدىغاندەك ، تېلىفۇننى يۇرىكىگە چىڭ ياقتى.
         ئۆيگە قايتىشقا ئالدىرىغان دىلناز تىز-تىز قەدەملەر بىلەن بىنادىن چۇشتى، ئۇ يەنىلا شۇنچىلىك جەزبىدار ئىدى. يارشىملىق قارا پەلتۇ ئىچىدىكى سۇتتەك ئاپئاق چىرايى خۇددى قىشتا ئېچىلغان ئاق لەيلىگىلا ئوخشايتتى. ئۇ سىرتتا لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قارلاردىن دالدىلانماقچى بولغاندەك پەلتۇسىنىڭ ياقىسىنى كۆتىرىپ قويۇپ، ئاپئاق قارلارنى ئاۋايلاپقىنا دەسسەپ دەرۋازا تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇ تۇيۇقسىز ئىشىك ئالدىدا ئۆزىگە قاراپ  كۇلۇمسىرەپ كەلگەن ئسىتانسا باشلىقى مەردان ئاكىنى كۆرۇپ  ھەيران قالدى، يېشى 40 لاردىن ئاشقان بۇ سالاپەتلىك، قۇيۇق قارا بۇرۇتلۇق، قاپقارا چاچلىرىنى ئارقىسىغا تاراپ يۇرىدىغان بۇ ئادەمدىن دىلناز شۇنچىلىك ئەيمىنەتتى. ئۇنى ھەر قېتىم كۆرگىنىدە خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۇدەك بولۇپ، بوشقىغا ئىگىلىپ سالام قىلىپ قوياتتى. ئۇنىڭ يىغىن ۋە باشقا پائالىيەتلەردىكى ئۆزىنى كۆككە ئۇچۇرۇپ ماختىشىدىن تۇرۇپ خوشال بولسا يەنە تۇرۇپ بىئارام بۇلۇپ كىتەتتى. رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقاندا ئالدىدا ئۆزىگە قاراپ كۇلۇمسىرەپ ئولتۇرغان بۇ ھەيۋەتلىك باشلىقنى كۆرۇپ كۆزىنى باشقا ياققا ئەپقاچاتتى. بەزىدە بۇ ئادەمنىڭ  ئۇنىڭغا ئۆز دادىسىدەك، ئاكىسىدەك مۇئامىلە قىلىشىدىن سۇيۇنۇپمۇ قالاتتى.
         -كەچ قالدىڭىز ھە دىلناز، خىزمەت دىگەن بەزىدە مۇشۇنداق بۇلۇپ قالىدۇ. بۇگۇن سىزنى ئۆزۇم ئاپىرىپ قوياي.
         -رەخمەت، رەخمەت مەردان ئاكا . ئۆزلىرىنى ئاۋارە قىلماي، بولدى كۇچا ئاپتۇۋۇزىدىلا كىتەي .
         -بەك كەچ بۇلۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۇستىگە قار يېغىۋاتىدۇ. ھاۋامۇ بەك سۇغۇق.  قېنى چىقىڭە.- ئىستانسا باشلىقى دىلنازنىڭ جاۋابىنى كۇتمەيلا ماشىنىنىڭ ئالدى ئىشىكنى ئاچتى،-تىز بولۇڭ.
         نائىلاج قالغان دىلناز ئېغىر قەدەملەر بىلەن ماشىنىغا چىقتى، ئۇ قورۇنغانلىقتىن ئىشىك تەرەپكە چاپلىشىپلا ئولتۇردى. ئۇ گەرچە ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇشقا ئورىنىۋاتسىمۇ ، مەردان ئاكىنىڭ كۇلۇمسىرەپ  قاراشلىرىدىن نىمىشقىدۇر يۇرىكى سىقىلاتتى. بەلكىم رەھبەر ئالدىدا ھەر قانداق ئادەم مۇشۇنداق تۇيغۇدا بولسا كېرەك...
         ماشىنا ئۇچقاندەك مېڭىپ كەتتى. رەڭگارەڭ چىراقلار ئىچىدە باشقىچە تۇس ئالغان  ئۇرۇمچى كوچىسى لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قار ئىچىدە شۇنچىلىك گۇزەل كۆرۇنەتتى، دىلناز ئالدىراش خىزمەت مۇھىتى ئىچىدە بۇ مەنزىلەرگىمۇ دىققەت قىلمىغانلىقىنى ھىس قىلدى. ئۇ ئاچچىق تاماكا ئىسدىن قۇتۇلماقچى بولغاندەك ماشىنا ئەينىكىنى چۇشۇرىۋەتتى، قارنىڭ مۇزدەك شامىلى دەرىزە ئەينىكىدىن كىرىپ دىلنازنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىنى ئۇچۇرتىشقا باشلىدى. ئىستانسا باشلىقى يۇزىگە ئاندا-مۇندا تىگىپ تۇرغان چاچلاردىن ھۇزۇرلانغاندەك سۆز قاتتى.
        -چاچلىرىڭىز نىمانداق چىرايلىق ھە دىلناز، چاچلىرىڭىزدىنمۇ ئىپار ھىدى كىلىدىكەن.
        -ھە؟...ياق، ياق...-خىجىللىقتىن نىمە قىلىشىنى بىلمەي قالغان دىلناز سۇغۇق شامالدا چۇۋۇلغان چاچلىرىنى تىزلا يىغىشتۇرۇپ يۇگىۋالدى.- سەت بولدى ھە.
        - ئەتىرگۇلدەك نازۇك جىسمىڭىزغا سۇغۇق ئۇتۇپ قالمىسۇن يەنە ، قارنىڭ سۇغۇقى بەك يامان.
        - ھە، مانا ھازىرلا ئىتىۋىتەي،-دىلناز مۇزلىغان بارماقلىرى بىلەن ماشىنا ئەينىكىنى تىزلا چىقىرىۋالدى.
        -راست، سىز ئەتىرگۇلگىلا ئوخشايسىز، ئاق ئەتىرگۇلگە. سىز ھەقىقەتەن  چىرايلىق، سىز كەلگەندىن بىرى خىزمەتلىرىمىزمۇ جانلىنىپ كەتكەندەك بۇلۇپ قالدىم، ئىستانسا خىزمەتلىرىدىنمۇ كۆڭلۇم بەك رازى،- مەردان ئاكا ئوتلۇق كۆزلىرىنى سەلىمگە تىكتى،- مەن ھازىرغىچە سىزدەك چىرايلىق قىزنى كۆرۇپ باقمىغان.
        -رەخمەت، رەخمەت مەردان ئاكا. ئارتۇقچە ماختىۋەتتىڭىز.
        - ماختاشقا لايىق سىز . چىرايلىق قىزلارنى ماختىماي كىمنى ماختايمىز.
        كۆڭلى قانداقتۇر بىر كىلىشمەسلىكنى سەزگەن ئەقىللىق دىلناز دەرھال گەپنى بورىدى.
        -رەخمەت. مەردان ئاكا. قىزلىرىڭىزمۇ چۇقۇم چىرايلىقتۇ ھە؟
        -ھە؟...-دۇدۇقلاپ قالغان ئىستانسا باشلىقى دىلنازغا <لاپ> قاراپ قويۇپ تاماكىسىنى كۇچەپ شورىدى. - ھەر ھالدا...
        -قانچە قىزىڭىز بار ؟
        -بىر قىزىم ، بىر ئوغلۇم، قىزىم ئوتۇرا مەكتەپتە، ئوغلۇم باشلانغۇچتا ئۇقۇيدۇ.
        -ھە، خۇدا بىرىپتۇ. ئۇماق بالىلىرىڭىزنىڭ بەختىنى بەرسۇن ئىلاھىم. ئائىلىڭىز بەك بەخىتلىك ئىكەن.
        - بەخىتلىك؟- ئىستانسا باشلىقى دىلنازنىڭ گەپلىرىدىن نارازى بولغاندەك قاپاقلىرىنى تۇرۇپ قويدى.- سىز مىنى بەخىتلىك دەپ قارامسىز؟
        -ئەلبەتتە، سىز بەك كىلىشكەن، قابىلىيەتلىك، تاتلىق ئىككى پەرزەنتىڭىز باركەن، ياخشى بىر ئايالىڭىز باركەن...
        -سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە ئاشۇ بەخىتما دىلناز؟
        -ھە، ئەلبەتتە بەخىت. شۇنچىلىك بەخىتكە ئىرىشەلمىگەن ئادەملەر نۇرغۇن تۇرسا مەردان ئاكا.
        دىلناز پات-پات ئۆزىگە قاراپ نىمىلەرنىدۇ خىيال قىلىۋاتقان ئىستانسا باشلىقىدىن تىنى شۇركەندەك بولدى. لېكىن گەپ-سۆزدە غەيرەتلىك بۇلىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن بولدى.
         - ھەقىقى بەخىت نىمە؟ بىلەمسىز ؟ ئۇچۇ ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ۋىسالىغا ئىرىشىش .
         -نىمە؟ سىز ئايالىڭىز بىلەن ياخشى كۆرۇشمەي توي قىلغانما ؟
         -ياق ، ئۇنداق ئەمەس، ياخشى كۆرگەن. لېكىن ئۇ بۇرۇنقى ئىشلار. مەن ھازىر بىرسىگە ئاشىق، بىرسىنى ساراڭلاردەك ياخشى كۆرۇپ قالدىم. راست دىلناز ، ساراڭلاردەك...
         دىلنازنىڭ يۇرىكى نىمىشقىدۇر سىقىلىپ كەتتى. ئۇ ئىستانسا باشلىقىدىن بۇ گەپلەرنى كۇتمىگەن ئىدى. ئۇنى بۇنداق دەيدۇ دەپ ئويلىمىغان ئىدى. ئۆزىنىڭ نەزىرىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر ، ھەر ۋاقىت قاپاقلىرىنى تۇرۇپ يۇرىدىغان بۇ باشلىققا بۇگۇن نىمە بولغاندۇ ھە؟ ... ئۇنىڭ كۆڭلى بىر شۇملۇقنى سىزىپ ئۇلگۇردى، بىر نامۇۋاپىق مەقسەتنى سىزىپ ئۇلگۇردى. بۇ دۇنيا نىمە دىگەن رەزىل، نىمە دىگەن تەڭسىز... دىلناز دۇپۇلدەپ سۇقۇپ ئېغىزىغا كەپلىشىپ قالاي دەپ قالغان يۇرىكىنى تىڭشىدى. ئىستانسا باشلىقىنىڭ ئاغزىدىن ئۆزى ئەسلا ئاڭلاشنى خالىمايدىغان، بىمەنە بىر گەپنىڭ چىقىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ تىنى جىغىلدىدى.  ئىلىپتەك ئېقىپ چۇشكەن بۇرنىدا تامچە-تامچە تەر پەيدا بولدى. 
        - مەردان ئاكا توختۇتۇڭ، ماشىنىنى توختۇتۇڭ. ئۆيگە كىلىپ قالدىم،- جىددىلەشكەن دىلناز تۇرۇپلا شۇنداق دەپ سالدى.
        -تېخى بارغۇ، ئۆزىڭىزنىڭ ئۆيىنى ئۇنتۇپ قالمىغانسىز؟
        -يا..ق، ياق... ئۇنتۇپ قالمىدىم. دادام-ئاپاملار بۇگۇن بىر دوستىنىڭ ئۆيىگە چايغا كەتكەن، مىنىمۇ ئىشتىن چۇشۇپ بېرىشمنى تاپىلىغان، ئۇلارنىڭ ئۆيى مۇشۇ قورو ئىچىدە،- دىلناز بۇ گەپلەرنىڭ ئېىغىزىغا قانداق كىلىپ قالغانلىقىغا ئۆزىمۇ ھەيران قالدى. ئۇنىڭ شۇ تاپ كاللىسى قۇپقۇرۇق ئىدى.
        -ھە، مۇنداق دەڭ...ماقۇل ، ماقۇل، مانا ھازىر،- ئىستانسا باشلىقى شۇنداق دىدى-دە، ماشىنىنى يول بويىغا ئاستا توختاتتى، ئۇ چۇشۇشكە تەمشىلىپ ئىشكىنى ئاچقان دىلنازنىڭ قولىدىن شاپلا تۇتىۋالدى.
        -دىلناز، بىلەمسىز، مەن سىزنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم، سىزنىڭ ئوتىڭىزدا كۇيۇپ كۇل بولاي دىدىم...
        ھەيرانلىق ئىچىدە قالغان دىلنازنىڭ بېشى ئايلانغاندەك بولدى، ئۇنىڭ كۆز ئالدى رەڭگارەڭ چىراقلىق كىچىدەكلا قالايمىقانلاشتى. ئۇ مۇرەككەپ ھىسيات ئىچىدە ئىستانسا باشلىقىنىڭ قولىدىن قولىنى شۇنچىلىك كۇچ بىلەن ئاجراتتى دە، ئۇنىڭغا خوش دىمەيلا ئىشكنى زەربە بىلەن قاتتىق ياپتى.
         دىلناز گاراڭ ئادەملەردەك ئۆزىگە ناتۇنۇش بولغان قورو ھويلىسىغا كىرىپ ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان ئۇرۇندۇققا كىلىپ ئۆزىنى تاشلىدى.  ئىچ-ئىچىدىن چىقىۋاتقان يىغىنى توختۇتۇشقا ئامالسىز ئىدى. نىمە قسىمەت، نىمە دۇنيا؟... نىمانداق مۇرەككەپ تۇرمۇش، نىمانداق رەزىل ئادەملەر... مەن كىم بۇلۇپ قالدىم شۇ تاپ، بىر رەھبەر تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ ئالاھىدە ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن بىر دادا يوللۇق  ئادەم تۇرۇپ نىمانداق پەسكەشلىك قىلىدۇ؟ بۇ زاماننىڭ ئادەملىرىنىڭ كۆڭلى نىمانداق قارا؟...شۇ تاپ بىر بۇزۇق قىزدىن نىمە پەرقىم. مىنىڭ گۇزەللىكىمدىن، ساددىلىقىمدىن ئاشۇنداق پايدىلانسا، مىنى ئەخمەق قىلسا بۇلامدۇ؟...قېنى مەن ئىنتىلگەن كەلگۇسى؟ قېنى مەن ئارزۇ قىلغان كۇڭۇللۇك خىزمەت؟ قېنى بىز تەسەۋۋۇر قىلغان گۇزەل تۇرمۇش؟...دىلناز ئويلىغانسىرى ئازاپلىنىپ كەتتى. بىر گۇناھ ئىشنى قىلىپ سالغان ناتىۋان قىزدەك يۇزلىرىنى چىڭ تۇتۇپ بۇقۇلدايتتى. ئۆزىنىڭ گۇزەل ئارمانلىرى ، بەختىيارلىق تۇرمۇش مۇساپىسى ئىچىدە يەنە ئويلاپ باقمىغان ئىشلارنىڭ يۇز بىرىۋاتقانلىقىدىن، تۇرمۇشنىڭ ئۆزى ئويلىغىنىدەك ئۇنچىۋالا ئاددى ئەمەسلىكىدىن قاتتىق ئۇكۇندى. ئۇ جاندىن ئۆتكۇدەك قاتتىق سۇغۇقتا، ئاپئاق قار دۇۋىسى ئىچىدە قېلىۋاتاتتى.  ئوقيادەك ئەگىم كىرپىكلىرىدە ئاپئاق قىرو باغلىغان ئىدى، لەۋلىرى سۇغۇقتىن دىر-دىر تىترەيتتى.  ئۇ تىترەپ تۇرغان نازۇك قوللىرى بىلەن سومكىسىدىن تېلىفۇنىنى ئېلىپ ، ۋارس قالدۇرغان ئۇچۇرلانى قايتىدىن ئۇقۇپ چىقتى. يۇرىكى ئەلەمدىن ئېچىشىپ كەتتى. ھەممە ئىشلارنى ۋارس كۇرۇپ تۇرغاندەك ئەتراپقا ئەندىكىپ قارىدى. ۋارس ئالدىدا، ئۇنىڭ ساپ مۇھەببىتى ئالدىدا ئېغىر گۇناھ ئۆتكۇزۇپ قويغاندەك  ئازاپلاندى. تىپتىنىچ كۆل سۇيىدەك ھاياتىدىكى تۇيۇقسىز داۋالغۇشتىن يۇرىكى لەختە-لەختە بولدى....

       
    [ بۇ يازما sirdaxim تەرپىدىن 2008-04-13 13:02 دە قاي ]
    http://mtv.diyarim.com
    قۇملۇقنى كولىما بايقۇش، توغراقنى قۇچاقلاپ يىغلاپ-يىغلىۋال ...
    | ۋاقتى : 2008-04-13 01:29 23 -قەۋەت
    sirdaxim
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15864
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 725
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە725دانە
    شۆھرەت: 758 نۇمۇر
    پۇل: 2252 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :298(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

         بىر كىچە قورقۇنۇچلۇق چۇشلەرنى كۆرۇپ چىققان دىلنازنىڭ ئىشقا بېرىشقا پەقەت رايى بارمىدى. ئۇ ئاخشامقى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىر چۇش بۇلۇپ قالسىكەن دەپ ئۇمۇت قىلدى. لېكىن ئۇ رىئاللىق ئىدى. ئۇ يەنە شۇ چىراينى كۆرۇشتىن قورقاتتى، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى قەلبىدە ئالاھىدە ھۆرمەتكە ئىرىشىپ، بىر كۇندىلا ئىززىتى ۋەيران بولغان ئىستانسا باشلىقى بىلەن يەنە ئۇچرىشىپ قېلىشتىن قورقاتتى. مەس بۇلۇپ قالدىمىكىن دىسە يە ھاراق ئىچمىگەن. ئېلىشپ قالدىمىكىن دىسە سەنئەت كىچىلىكىدە  بىرئوبدان سۆز قىلىپ ئولتۇرغان...ئەمدى ئىدارىغا بارسا يەنە نىمە ئىشلار يۇز بىرەر؟ رەھبەرنىڭ يۇزىگە  قانداق قاراش كېرەك؟ ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلىدە بۇلۇش كېرەك؟...بېشى قېتىپ كەتكەن دىلناز يەنە ئامالسىز بوينىدىن بىرسى سۆرىگەندەكلا  گىرىممۇ قىلماي ئىشقا ماڭدى. ئۇ ئىشخانا بىناسىغا خۇددى يولۋاستىن ئۇركۇپ تۇرغان توشقاندەكلا قورقۇنچ ئىچىدە چىقتى. ئۇ بۇگۇن ئۇچرىغانلىكى ئادەمنى ئۆزىگە قاراۋاتقاندەك، ئاخشامقى ئىشلارنى بىلىپ قالغاندەكلا  ھىس قىلىپ جىددىلىشىپ كەتتى. لېكىن ھەممە جىمجىت ئىدى. ھەممە ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل ئىدى.
        ئىشتىن چۇشۇشكە ئالدىراۋاتقان دىلناز سائىتىگە نەچچە قېتىم قاراپ بولدى. ئۇنىڭ  بۇگۇن نىمىشقىدۇر ۋارس بىلەن كۆرۇشكۇسى كىلىپ، ئۇنىڭغا ئالدىن ئۇچۇر قىلىپ قويغان ئىدى.  ئۇ شۇ تاپ ۋارىس بىلەن كۆرۇشسە ئۆزىنى تۇتىۋالالمايدىغاندەك، ھەممە گەپنى ۋارىسقا ئاشكارىلىۋېتىدىغاندەك تۇراتتى. ئۇنىڭ ئازاپلانغان قەلبى شۇ تاپ ۋارسىنىڭ تەسەللىسىگە، كۇيۇنىشىگە، مۇھەببىتىگە مۇھتاج ئىدى. ۋاقىت تۇشاي دىگەندەك تۇيۇقسىز  بىر قىز دىلنازنىڭ ئىشخانىسىغا  قىپ-قىزىل بىر دەستە ئەتىرگۇل كۆتىرىپ كۆتۇرۇپ كىرىپ قالدى. گۇل شۇنچىلىك كۆپ، شۇنچىلىك چىرايلىق ئىدىكى قىزنىڭ قۇچىقىغا لىقلا كەلگەن ئىدى. ئىشخانا ئىچىدىكى بىر قانچە قىز گۇلدىن تەمە قىلغاندەك تىزلا گۇلچى قىز ئالدىغا كەلدى.
        _ خان، كىمنىڭ گۇلىكەن بۇ؟ بەك چىرايلىق گۇلكەن.
        - دىلناز قىزنىڭ .
        ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغان دىلناز ھەيرانلىق ئىچىدە گۇلگە سەپسالغاچ قىزنىڭ ئالدىغا كەلدى.
        -ھە، دىلناز دىگەن مەن. كىم ئىبەرتىپتۇ؟
        -ئۇقمايمەن، بىرسى گۇل دۇككىنىغا تىزىملىتىپتىكەن. قالغىنىنى كارتوچكىدىن كۇرىۋالارسىز.
        دىلناز زىمىستان قىشتا ئىشخانىسىگە باھار ھىدىنى تارقىتىۋەتكەن   گۇلگە قاراپ ھەيران قالدى. باشقا خىزمەتداشلىرى ھەۋەسلەنگەندەك  كۇلۇمسىرەپ قويۇپ ئىشخانىدىن چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ،  لېكىن ۋارس بىلەن كۆرۇشۇشكە ئالدىرىۋاتقان دىلناز ئورنىدا تۇرۇپلا قالغان ئىدى. . تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن كارتوچكىنى ئېلىپ ئۇستىدىكى  خەتلەرگە كۆز يۇگۇرتتى. <سىزنى سۆيىمەن>  دىگەن ئاددىلا ئىككى خەتتىن باشقا ھېچقانداق بىر خەت ياكى ئىمزا كۆرۇنمەيتتى. كاللسىغا تۇگۇمەس سۇئاللار كىلىۋاتقان دىلناز ئويلۇنۇپ قالدى. بۇ گۇلنى زادى كىم ئەۋەتتى؟ ۋارس...ياق، ياق...ئۇ ئەمەس، ئۇ ئەۋەتكەن بولسا بايا ماڭا دىگەن بولاتتى. ئۇنداقتا يەنە كىم؟ يا بۇگۇن ئالاھىدە بىر كۇن بولمىسا، يا تۇغۇلغان كۇنۇم بولمىسا...داداممۇ يە؟ ياق، ياق...ئۇمۇ ئەمەس ، دادام<سىزنى سۇيىمەن> دەپ ئەسلا يازمايدۇ...توۋا...كىمدۇ ئەمدى بۇ ؟...دىلنازنىڭ ئويلىغانسىرى بېشى قاتتى. خوشاللىق ئىچىدە ئۇتىۋاتقان مەنلىك كۇنلىرىگە تىكەندەك سانجىلغان ئەتىرگۇلگە قاراپ ئېغىر خۇرسۇندى. ئۇ تۇيۇقسىز گۇل بەرگىلىرى ئىچىدىن ئىستانسا باشلىقىنىڭ كۇلۇمسىرەپ تۇرغان چىرايىنى كۆرۇپ تىنى شۇركۇنۇپ كەتتى. ئۇماق لەۋلىرى تىترەپ كەتتى. «شۇمىدۇ ؟ » دىگەن خىيال كاللىسىغا كىرىۋالدى.
        دىلناز گۇلگە قاراپ ۋاقىتنىڭ ئۇتۇپ كەتكەنلىكىنى سەزمەيلا قالدى. ئوغاقتەك ئەگىم قاشلىرى ئۆزئارا جۇپلىشىپ ، چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ تۇيۇقسىز جىرىڭلىغان قول تىلىفۇنىنىڭ ئاۋازىدىن چۇچۇپ ، ئىستانسا باشلىقى ئۇنى نامۇۋاپىق جايغا تەكلىپ قىلىۋاتقاندەك قورقۇپ كەتتى. ئۇ تېلىفۇندىكى تۇنۇش نۇمۇرغا قاراپ قويۇپ، <ئۇھ> دەپ يۇرىكىنى تۇتقىنىچە كۇنۇپكىنى باستى.
        - كەلمەيسىزغۇ دىلناز، سىزنى بەك ساقلاپ كەتتىم.-ۋارىسنىڭ جىددىلەشكەنلىكى، تاقەتسزلەنگەنلىكى ئاۋازىدىن مانا مەن دەپ بىلىنى تۇراتتى.
        -ھە، ئازراق مىجەزىم يوق بۇلۇپ قالدى، مەن بارالمايدىغان ئوخشايمەن، تاماقنى ئۆزىڭىز يەۋېرىڭ ۋارس.
        - نىمە ؟ قايىرىڭىز بىئارام. مەن ھازىرلا قېشىڭىزغا باراي.
        - ياق، ياق...بولدى. ھازىر خېلى ئوڭشۇلۇپ قالدىم. مەن كەچتە سىزگە تېلىفۇن قىلاي. بولامدۇ؟
        -ئۇنداقتا مەيلى . لېكىن يەنە بىئارام بولسىڭىز ماڭا دەرھال تېلىفۇن قىلىڭ، دوختۇرغا ئاپىرىمەن.
        -بولىدۇ ۋارىس . خوش.
        دىلناز ۋارىسنىڭ <خوش > دىگەن ئاۋازىنى كۇتمەيلا تېلىفۇننى قۇيىۋەتتى. يۇرىكى قاتتىق ئېغىپ تۇرىۋاتاتتى. دىمەك گۇلنى ۋارس ئىبەرتمىگىنى ئىنىق. دىلناز ماغدۇرسىز  بىماردەك ئاستا ئېغىر قەدەم ئېلىپ بىنادىن چۇشتى. ئۇ شۇ تاپ قاياققا بېرىشىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. ئۇ دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ ئەتراپقا مەقسەتسىز قاراۋېتىپ تۇيۇقسىز يەنە ئسىتانسا باشلىقىنىڭ ماشىنىسىنى كۆرۇپ قالدى. دەرۋازا ئالدىدا ئىستانسا باشلىقى خۇددى دىلنازنى ساقلاۋاتقاندەكلا ئۇنىڭغا شۇنچىلىك مۇلايىم كۇلۇمسىرەپ تۇراتتى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن دىلنازنىڭ يۇرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتكىلى تاس-تاس قالدى. ئىستانسا باشلىقىنىڭ كۆزى خۇددى ئۇنى ھازىرلا يالماپ يۇتىۋېتىدىغاندەك خىرسلىق كۆرۇنۇپ كەتتى. ئۇ خۇددى ئىستانسا باشلىقى كىلىپلا ئۆزىنى ماشىنىغا سېلىپ كۆز يەتكۇسىز جەزىرلەرگە ئېلىپ كىتىدىغاندەك، دەرھاللا ئالدىغا كىلىپ قالغان بىر تاكسىنى توستى دە، ئۆيى تەرەپكە قاراپ يۇرۇپ كەتتى.
         دىلناز ئەمدى تىنچ تۇرمۇشىنىڭ ئاستا-ئاستا بۇزىلىۋاتقانلىقى ھىس قىلدى. ئىستانسا باشلىقىنىڭ كۇلەڭگۇسى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يۇرگەندەكلا ئەندىكىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن ھەر ۋاقىت ئۆزىنى ئەپقاچتى. تۇرۇپ-تۇرۇپ نۇمۇرسىز كىلىپ قالىدىغان تېلىفۇن ئۇچۇرلىرىدىن بىزار بولدى. بىزەڭ لېكىن تاتلىق پىچىرلاشلار تېلىفۇن ئىكرانىدىن يۇرىكىگە بېرىپ تاقىلاتتى. ئۇ ئۇچۇرلارنى يۇيۇپ ئۇلگۇردى. ئۇچۇرلارنى بىرسى كۆرۇپ قالىدىغاندەك ، خىزمەتداشلىرى بۇ مەخپىيەتلىكنى بىلىپ قالىدىغاندەك پات-پات ئۇچۇرلارغا قارايدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ بۇ ئۇچۇرلارنى كىمنىڭ يوللىغىنىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ، لېكىن ئۇچۇقتىن ئۇچۇق ئۇنىڭغا بىر نەرسە دىيىشىتىن ئۇيۇلاتتى. ھەقىقى ئەركەكلەرگە خاس بىر جۇپ كۆزنىڭ ، قاپقارا بۇرۇتلۇق بىر چىراينىڭ ئۆزىگە مختەك تىكىلىپ تۇرۇشلىرىدىن، كۇلۇمسىرەشلىرىدىن، ئوتلۇق بېقىشلىرىدىن بەكلا قورقاتتى. ئۇ ئاخىرى بۇلالماي تېلىفۇنىنى ياتاق ئۆيىدە قويىدىغان، كىچىلىكتە يۇشۇرۇن ئېچىپ ئۇچۇرلارنى بىردىن-بىر كۆرىدىغان، ھەممىنى ئۇكۇنۇش، ئازاپ ، يىغا ئىچىدە ئۇچۇرۇپ تاشلايدىغان بولۇپ قالدى.
        
    [ بۇ يازما sirdaxim تەرپىدىن 2008-04-13 11:15 دە قاي ]
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    قۇملۇقنى كولىما بايقۇش، توغراقنى قۇچاقلاپ يىغلاپ-يىغلىۋال ...
    | ۋاقتى : 2008-04-13 03:10 24 -قەۋەت
    sirdaxim
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15864
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 725
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە725دانە
    شۆھرەت: 758 نۇمۇر
    پۇل: 2252 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :298(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

        ئىدارىدىكى خىزمەت ئالدىراشلىقىمۇ ياكى  ھەر كەچ دەم ئالماي ئىنگىلىز تىلى ئۇتىۋەرگەچكىمۇ ، ۋارس  بۇگۇنكى دەم ئېلىش كۇنىدە قېنىپ ئۇخلىدى. ئىدارىدىن ئاجرىتىپ بىرىلگەن چاققانغىنا ئىككى ئېغىز ئۆي شۇنچىلىك ئىسسىق بۇلۇپ، پارۋايدىن گۇپۇلدەپ چىقىۋاتقان ئىسسىق ھارارەتتە ۋارس يوتقىنى ئېچىۋېتىپ ، ئىچ كىيىم بىلەنلا ئۇزۇن كىرىلىپ ياتتى. ئۆي شۇنچىلىك ئاددى، شۇنچىلىك پاكىزە  بۇلۇپ، بىر قاراشتا ھەرگىزمۇ بىر بويتاقنىڭ ئۆيىگە ئوخشىمايتتى. كىتاپ ئىشكاۋىدا قۇيۇلغان لىققىدە كىتاپلار ئىچىدىن خېمىيە ئۇقۇتۇشلىقى، ھەر خىل رومان، تۇرلۇك ئۇيغۇر ئەدىبى ژورناللىرى، شۇنداقلا يەنە نۇرغۇن ئىنگىلىزچە كىتاپلارنى ئۇچراتقىلى بولاتتى. كىتاپ جازىسى قېشىغا قويۇلغان ئۇستەل ئۇستىدىكى كىچىككىنە رەسىم رامكىسىدا  پەرىشتىدەك بىر گۇزەل قىزنىڭ سىماسى  كۇلۇمسىرەپ تۇراتتى. ۋارس ياستۇققا يۇلۇنۇپ يانغا قايرىلغان ھالرەڭ پەردىدىن دەرىزە  سىرتىدىكى يېغىۋاتقان ئاپئاق قارغا قاراپ، خۇددى تەڭرى ئۆزى  بىلەن دىلنازغا ئاق چاچقۇ چېچىۋاتقاندەك تۇيغۇلارغا چۆمدى. ئۇ رەسىم رامكىسىغا ئاستا قاراپ قويۇپ ، دىلناز بىلەن كۆرۇشمىگىلى خېلى كۇنلەر بولۇپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدى. ئۇ گەرچە تېلىۋۇزۇردىن ئۇنىڭ گۇزەل سىماسىنى كۇندە كۆرۇپ تۇرسىمۇ ، لېكىن ئۇنى مىھرى بىلەن باغرىغا بېسىشقا، ئۇنىڭ تاتلىق ھىدلىرىنى قېنىپ ھىدلاشقا ئىنتىزار ئىدى. ئۇ بۇ كۇنلەرنىڭ تىزراق ئۇتۇپ كىتىشىنى ، تىزراق توي قىلىپ ئۇنىڭ ۋىسالىغا يىتىشىنى، ھەقىقى بەخىتنىڭ شىرىن دەملىرىگە چۇمۇلۇشنى  تۇلىمۇ ئۇمۇت قىلىۋاتاتتى. 
        ۋارس بۇگۇنكى دەم ئېلىش كۇنىدە دىلنازنى كۆرگەچ نازىر ۋە پەرىدە خانىمنى يوقلاپ كىلىشنى لايىق تاپتى. ئۇ تۇرۇپلا نىمىگىدۇر خوشال بولغاندەك ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى، قېلىن قاردا پاتقاققا مىلەنگەن ئايىقىنى بىرىلىپ تۇرۇپ مايلاپ چىقتى. چاچلىرىنى قايتىدىن يۇيۇپ چىرايلىق قاتۇردى. كىيىم ئىشكاۋىدىن يىڭىلا يۇيۇپ قاتلاپ قويغان كىيىملىرىنى كىيىپ ، ئۇستىگە ئۇزۇن قارا پەلتۇسىنى ئارتتى. كىيىم ئىشكاۋىنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئۆزىنىڭ ياسىنىشىغا قاراپ بىردەم تۇرغاندىن كىيىن ،تۇيۇقسىزلا دىلناز سوۋغا قىلغان چاقماق شارپىنى ئسىگە ئالدى دە، شارپىنى قولىغا ئېلىپ ئۇنى خۇددى دىلنازنى سۆيگەندەك بوشقىنا سۇيۇپ  قويدى. ئەينەككە قاراپ خۇددى دىلنازنى بوينىغا يۆگىۋاتقاندەك سۇيۇنۇش  ئىچىدە  يۆگىدى...
        ۋارس  بىر قانچە خالتا سوۋغا-سالامنى كۆتىرىپ ، ئىككى قەۋەتلىك  داچا ئالدىغا كەلدى. ئاپئاق قارغا  كۇمۇلگەن داچا  ۋارسىنىڭ كۆزىگە خۇددى كىنولاردىكى ھەيۋەتلىك قەلئەدەك كۆرۇنۇپ كەتتى. ئۇ بۇ ئۆيگە ، نازىر ۋە خانىمغا ئاستا-ئاستا ئۆزلىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنە شۇنچىلىك قورۇنۇش ھىس قىلاتتى. پەرىدە خانىمنىڭ بوشقىنا سالىمىدىن ، ئۇرغۇلۇق گەپلىرىدىن يەنىلا ئەيمىنەتتى. لېكىن  تەلىيىگە يارىشا بۇگۇن ئۆيدە پەقەت دىلنازلا بار بۇلۇپ چىقتى . قولىدىكى نەرسە كېرەكلەرنى قويۇشقا تېخى ئۇلگۇرمىگەن ۋارس  خۇددى ئانا قۇچىقىغا تەشنا بوۋاقتەك  ، ئۇنىڭ كۆكىرىكىگە ئاستا بېشىنى قويۇپ، نازۇك قوللىرى بىلەن ئۇنى چىڭ قۇچاقلىغان دىلنازنى كۆرۇپ تىترەپ كەتتى، نازۇك ھىسلىرى ئويغۇنۇپ دىلنازنى مىھرى بىلەن تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىدى . دىلنازنىڭ ياش لىغىرلاپ تۇرغان كۆزلىرىگە ھەۋەس بىلەن قاراپ كەتتى.
        - كۆز يېشى قىلدىڭىزما  دىلناز؟
      -ياق، سىزنى كۆرۇپ ھاياجانلىنىپ كەتتىم شۇ،- دىلناز قەلبىدىكى ئازاپ، ئەنسىزلىكنى يۇشۇرۇشقا تىرىشتى.
        -سىزنىمۇ بەك سېغىندىم دىلناز . سىزمۇ ئالدىراش بۇلۇپ كەتتىڭىز، مەنمۇ ھەم...بۇگۇنغۇ خىزمەتكە بارمايدىغانسىز...
        -ياق.
        -ئۇھ، سىز بىلەن قېنىپ دىدارلىشىدىغان پۇرسەتمۇ چىقىدىكەن.- ئىللىق ھارارەتتىن ۋۇجۇدى لەرزىگە كەلگەن ۋارس ئۆزىمۇ سەزمەستىن لەۋلىرىنى دىلنازنىڭ تىترەپ تۇرغان لەۋلىرىگە ئاپاردى.
        -ئۇنداق قىلماڭ... سەت تۇرىدۇ...قېلىن...- دىلناز لەۋلىرىنى تىزلا ئەپقاچتى، لېكىن كۆڭلىدە ئۇنى قېنىپ-قېنىپ سۆيگۇسى، ئۇنىڭ باغرىدا ئىرىپ كەتكۇسى، بىر تەن بىر جانغا ئايلانغۇسى بار ئىدى. ئۇنىڭ لەززەت تامچىپ تۇرغان قېلىن لەۋلىرىنى، نازۇك يۇزلىرىگە بوشقىنا سانجىلىدىغان يۇمران ساقال بۇرۇتلىرىنى سېغىناتتى... لېكىن ئەقىللىق قىز ئۇ ئۆز ھىسياتىنى تىزلا بېسىۋېلىپ ۋارىسنى مىھمانخانا ئۆيگە باشلاپ كىردى.
        تاماقتىن كىيىن ئۇلار جىممىدە ئولتۇرۇپ تىلىۋۇزۇر كۆردى. ۋارس تىلىۋۇزۇر كۆرىۋېتىپ يەنە  تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۇھسىنىپ قويىۋاتقان دىلنازغا قاراپ قوياتتى. قارىماققا دىلنازنىڭ ۋارىسقا دەيدىغان مۇھىم بىر گىپى باردەك قىلاتتى. ئۇزاق سۇكۇتتىن كىيىن ئاخىرى دىلناز ئېغىز ئاچتى.
        -ۋارس، بىز تويىمىزنى قىلىۋىتەيلىمىكىن.
        -نىمە؟...- ۋارس دىلنازنىڭ ئېغىزىدىن تۇيۇقسىز چىققان بۇ سۆزگە قاراپ ھەيران قالدى. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ بىر  يىلدىن كىيىن توي قىلىشنى ئوتۇرغا قويمىغانمىدى؟ نازىر ۋە خانممۇ ۋارسقا بىر يىللىق ۋاقىت بەرمىگەنمىدى؟ ...ئەمدى دىلناز تېخى بىر يىل توشمايلا بۇ گەپنى چىقىرىۋاتىدىغۇ؟.. ئۇ ھەيرانلىق ھەم ھاياجان ئىچىدە دىنازغا قارىدى.
        -قانداق تەييارلىقىڭىز پۇتىۋاتامدۇ؟-دىلناز ۋارسىنىڭ جاۋابىنى كۇتمەيلا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
        -ھە؟... پۇتىۋاتىدۇ...15000 يۇەندەك ئىقتىساد تەييارلاپ بولدۇم. لېكىن يەتمەمدىكىن، ئۇرۇمچىدە توي دىگەنگە نۇرغۇن ئىقتىساد كىتىدىكەن. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئاتا-ئانىڭىز ئالدىدا ئۆز ئىززىتىڭىزنى قىلمىسام بولمايدۇ. بولمىسا بىر ئۆمۇر يەرگە قاراپ قالىمەن. قىزىق، ئەجەپ بۇ ئىشقا ئالدىراپ قاپسىزغۇ؟ ئۆيىڭىزگە يەنە بىرەرسى  ئەلچىلىككە كىلىۋالغان ئوخشىمامدۇ؟
      -يا..ق، ياق...-دىلناز ئولتۇرغان ئورنىدىن قىمىرلاپ قويدى. ۋارس ئىستانسا باشلىقى بىلەن ئۆزى ئوتتۇرۇسىدىكى يۇشۇرۇن مەخپىيەتلىكنى بىلىۋالغاندەكلا ، ئۇنىڭ ئويچان كۆزلىرىگە گۇناھكارلاردەك ھىسياتتا قارىدى.- شۇ سىزنى يالغۇز قىينىلىپ قالامدىكىن دىدىم...
        -يەنىلا مىنى ئويلايسىز دە سىز، سىزدەك ياخشى قىزنى ماڭا نىسىپ قىلغان تەڭرىگە كۇندە ھەمدۇسانا ئۇقۇيمەن. لېكىن...ئاتا-ئانىڭىز نىمە دەر؟
        -ئۇلارنى ئۆزەم قايىل قىلىمەن، ئىقتىساد جەھەتتە مىنىڭمۇ سىز ئۇچۇن ئازراق يىققىنىم بار. سىزئۇ جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇڭ...
        خوشاللىقتا نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي قالغان ۋارس ھاياجانلىنىپ كەتتى. ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بىرى ئارزۇ قىلغان گۇزەل كۇنلەرنىڭ نىسىپ بۇلۇش ئالدىدا تۇرىۋاتقانلىقىدىن سۇيۇندى. توي كىچىسىدىكى شىرىن مىنۇتلارنى ، دىلنازنىڭ ۋىسالىغا يىتىدىغان ئەڭ بەختىيار دەقىقىلەرنى ئويلاپ ئوتتەك قىزاردى.
        -بولىدۇ. سىزنىڭ دىگىنىڭىزدەك بولسۇن، لېكىن سىز جاپا تارتىپ قالىدىغان بولدىڭىز. مىنىڭ مۇشۇ سەمىمى يۇرۇگۇمدىن باشقا سىزگە ئاتا  قىلغۇدەك باشقا پاراغىتىم يوق...
        -نىمە دىگىنىڭىز بۇ ۋارس. سىز بىلەن چۆل _جەزىرلەردە ياشىساممۇ مەن يەنىلا بەخىتلىك. مەنىۋى خوشاللىق ئالدىدا ماددى مەنپەئەت ھېچنەرسە ئەمەس...
        ئۇلار ئۇزاققىچە مۇڭداشتى، تويدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئويلۇشۇپ چىقتى، نۇرغۇن تەييارلىق توغرىسىدا پىلان تۇزدى. لېكىن ۋارس دىلنازنىڭ قەلبىدىكى تۇگۇننى بىلمەيتتى. ئۇنىڭ يالغۇز ئۇتۇشتىن قورقىۋاتقانلىقىنى، ئىستانسا باشلىقىنىڭ ئۇنىڭغا يەنىلا پەرۋانىدەك چاپلىشىۋېلىشىدىن ئەنسىرىۋاتقانلىقىنى ئەسلا چۇشەنمەيتتى. دىلناز « پەقەت تىزراق توي قىلىۋالسام  ئىستانسا باشلىقى ئۆزىنىڭ يامان نىيىتىدىن يانىدۇ، مىنى ئارامىمغا قويىدۇ» دەپلا قارايتتى...لېكىن تۇرمۇش ئۇ تەسەۋۋۇر قىلغاندەك بۇلامدۇ-بولمامدۇ؟ بۇنىڭغا ھېچكىم ئالدىن بىر نەرسە دىيەلمەيتتى.

        سىرتتىن قايتىپ كەلگەن نازىر ئۆيىدىكى ئەزىز مىھمان بىلەن قىزغىن كۆرۇشتى. ئۇنىڭدىن ئەھۋال سۇراپ ، ئۇنىڭ تۇرمۇشى توغرىسىدا باش قاتۇرۇپ پاراڭلاشتى. لېكىن پەرىدە خانىم شۇنچە تەبىئى تۇرۇشقا تىرىشسىمۇ ، لېكىن يەنىلا چاندۇرۇپ قويىۋاتاتتى، ۋارس بىلەن بوشقىنا سالاملىشىپ، «كەلدىڭىزما» دىگەن بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا جىمىدى.
        قىزىنىڭ توي قىلىش توغرىسىدىكى پىكىرىنى ئاڭلىغان نازىر ۋە خانىم تۇرۇپلا قالدى. ئۇلار تېخى يەنە بىر مەزگىلدىن كىيىن بۇ ئىشلار توغرىسىدا ئويلاشماقچى بۇلىۋاتاتتى. نازىر ۋارسىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك يىگىت ئىكەنلىكىگە ئاللىبۇرۇن ھۇكۇم قىلىپ، ئۇنى كىيىئوغلۇم دەپ قاراپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن پەرىدە خانىم يەنىلا بىر خىل ئەندىشە ئىچىدە يۇرىۋاتاتتى. كۆڭلىنىڭ قانداقتۇر بىر يەرلىرى بۇ ئىشقا نارازىدەكلا بىلىنەتتى.
        - توۋا، دىلنازنى توي قىلىشقا ئالدىرىتىپسىزدە ۋارسجان. تەييارلىقنى خېلى ئوبدان قىلىۋالغان ئوخشىمامسىز،- پەرىدە خانىمنىڭ تۇلۇمدىن توخماق چىققاندەكلا دىگەن سۆزى ۋارسىنى تەمتىرىتىپ قويدى.
        - ئۇنداق ئەمەس ئاپا، مەن قىلىۋىتەيلى دىدىم. - دىلناز ۋارىسنىڭ تەڭقىسلىقىنى يۇقاتماقچى بولدى.
        -نىمىشقا ئەمدى؟ توي قىلغۇڭ كىلىۋاتقان ئوخشىمامدۇ سىنىڭ؟
        -ھە...ياق...-دىلناز ئاپىسىنىڭ سۆزلىرىدىن ئازاپ ئىچىدە تولغاندى.
        - ۋارسجان ، بىز سىلەرنىڭ توي ئىشىڭلارغا قوشۇلغان، لېكىن بىزمۇ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق ئادەملەر، بىزنىڭمۇ مۇشۇ بىرلا قىزىمىز بار. قىزىمىزنىڭ تويىنى خەلقى ئالەم ئالدىدا راۋۇرۇس ئۆتكۇزۇپ بەرمىسەك بولماس. «يىگىتى يېزىدىن ئىدى، دىھقاننىڭ بالىسى ئىدى. شۇڭا مۇشۇنچىلىكلا تەييارلىق قىپتۇ » دەپ ئولتۇرساق بىزگىمۇ ، سىزگىمۇ سەت تۇرار...
        -بولدى، بولدى. نىمانداق كاسىلداۋىرىسەن، خۇتۇن خەق دىگەننىڭغۇ ئۆزگەرمىگى بەك تەس ئوخشايدۇ، قېنى مەن ساڭا دىگەن گەپلەر؟ يەنە بۇ قۇلىقىڭدىن كىرىپ ئۇ قۇلىقىڭدىن چىكەتكەن ئوخشىمامدۇ؟... ۋارسجان يىتىشەلمىسە مانا بىز بار. ئىقتىساتدىن قىسىلسا مانا مەن بار. بۇلارنىڭ تويىنى راۋۇرۇس ئۆتكۇزۇپ بەرگۇچىلىكىم بار مىنىڭ. كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن ھە بالام. قىزىغا ئامراقلىقىدىن مۇشۇنداق كوتۇلدايدۇ بۇ خۇتۇن.- نازىر ئىككى ئېغىز گەپ بىلەنلا ئارىلىقتىكى كۇڭۇلسىزلىكنى كۆتىرىۋەتتى. پەرىدە خانىم دىگەن گەپلىرىگە خىجىل بولغاندەك بىر تەخسە ئالمىنى كۆتىرىپ كىرىپ ۋارىسنىڭ ئالدىغا قويدى.
        - سەت بولدى ھە. مىنىڭ مۇشۇ ئاغزىم زە...قېنى ئالما سويغاچ ئولتۇرۇڭ...
        -ئۇنداق دىمىسلە ، مەنمۇ توغرا چۇشۇنىمەن. ھېلىمۇ مەن ئۇچۇن نۇرغۇن ئاتىدارچىلىق قىلىپ كەلدىلە. مىنىڭ بەختىمنى دەپ نۇرغۇن قۇربانلارنى بەردىلە...مەن ئۆزلىرىنىڭ ياخشلىقلىرىنى قانچە قىلساممۇ قايتۇرۇپ بۇلالمايمەن... -ۋارس خىجىللىق ئىچىدە نازىر ۋە پەرىدە خانىمغىمۇ تىك قارىيالماي ، ئالمىدىن بىرنى ئېلىپ سۇيۇشقا باشلىدى.
        ئۇلار قانچە ئالدىرىسىمۇ لېكىن يەنىلا نازىر توي ۋاقتىنى بىكىتىپ بەردى.  نازىر توينى باھاردا ئۆتكۇزۇشنى لايىق تاپتى. ئۇ ۋاقىتقىچە ۋارسىنىڭ ئىدارە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۇشۇپ ، ئازادە بىنا ئۆيدىن بىرنى ھەل قىلىپ بىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھەم ۋارسىنىڭ ياخشىراق تەييارلىق قىلىۋېلىشىنى، ئاتا-ئانىسىغا كۆپ جاپا سېلىپ قويماسلىقىنى تاپىلىدى.  ئەپسۇس، دىلناز يەنە بىر نەچچە ئاينى قانداق ئۆتكۇزۇش ئىچىدە ئازاپلاندى. توي ئىشى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىدەك تىز بولماي قالدى. ئەمدى ئىستانسا باشلىقىغا قانداق تەدبىر قوللۇنۇش كېرەك؟ ئۇنى قانداق تۇسۇش كېرەك؟ بۇ ئىشلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئېغىزىغا چىقىپ قېلىشىدىن قانداق قۇتۇلۇش كېرەك؟... تۇگىمەس قىيىن سۇئاللار بىچارە دىلنازنىڭ خىروستالدەك قەلبىگە نۇرغۇن قاپقارا داغلارنىڭ سايىلىرىنى تاشلىۋاتاتتى.
        - ۋارسجان. توي ۋاقتىمۇ توختۇلۇپ قالاي دىدى. ئەمدى قۇدىلىرىمىز  بۇسۇغۇمىزدىن «ئەسسالام» دەپ كىرسە بۇلار، ئۇلار بىلەن يۇز كۇرۇشمەي تۇرۇپ توي قىلساق قاملاشماس،- بىردەم بېسىققان پەرىدە خانىمنىڭ ئېغىزى يەنە ئېچىلدى.
        - ھە، مەنمۇ ئويلىغان. ئۆيدىكىلەر بىلەنمۇ ئالاقىلىشىپ تۇردۇم، توي ۋاقتىنى بىكىتىپ خەۋەر قىلماقچى بولغان. ئۇلار پات ئارىدا كەلسۇن ئەمىسە،- ۋارس نىمىگىدۇر قىسىلغاندەك گەپنى تىز-تىز ئاياقلاشتۇردى.
        - بولدى. نىمە دەيدىغانسەن، ئاڭلىسام ۋارسجاننىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ياشىنىپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە يول يىراق. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بىر يۇلىلا تويغا كەلسۇن، بۇ يەرگە كىلىپ كىتىشكىمۇ نۇرغۇن ئىقتىساد كىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە ھازىر ئۇرۇمچى بەك سۇغۇق...
        -دىگەنلىرىغۇ ئۇرۇنلۇق دادىسى . لېكىن شۇ بۇ بىر قائىدىدە . بىزمۇ يېقىن -يۇرۇق، ئۇرۇق-تۇققانلار ئارىسىدا ئۆز يولى بىلەن ئادىمىگەرچىلىك قىلىمىساق سەت تۇرا. باشقىلار «ئاتا-ئانىسىنى كۆرمەي تۇرۇپ قىزىنى ئەرگە بىرىپتۇ » دەپ گەپ تېىپىپ يۇرمىسۇن دەيمىنا ئەمدى...- پەرىدە خانىم ئۆزىنىڭ ئاتىكاچىلىق قىلىپ سالغىنىدىن ئۇڭايسىزلانغاندەك نازىرغا ئەيمىنىش ئىچىدە قارا قويدى.
        - سەت تۇرسا سەت تۇرمامدۇ. نەدىكى بىمەنە سەپسەتىلەرنى كۆتىرىپ چىقىدىكەنسەن...
        -ياق ، ياق..پەرىدە ئاچامنىڭ دىگىنى ئورۇنلۇق. بىزنىڭ يۇرتتىمۇ  توي ئىشىدا ئوخشاشلا ئالدىن چاي ئىچكۇزىدىغان ، ئادىمىگەرچىلىك قىلىشىدىغان ئىش بار. ئۆيدىكىلەرمۇ ئاز-تۇلا تەييارلىق قىلىپ قويۇپتىكەن. ئۇلارمۇ شۇ مىنىڭ ئېغىزىمغا قاراپ قالغان. مەن خەۋەر قىلاي...-ۋارس دۇدۇقلاپ تۇرۇپ ئاران شۇنىلا دىيەلىدى. دىمىسمۇ توغرا ئەمەسمۇ؟ نەدىمۇ ئاتا-ئانا سالامغا بارماي توي بولىدىغان ئىش بار، ھېلىغۇ بىر نازىرنىڭ قىزىكەن، نامرات دىھقاننىڭ، تىلەمچىنىڭ قىزى بولسىمۇ ھەممە ئىش يولى بىلەن بولىدۇ دە...ۋارس كۆڭلىدە پەرىدە خانىمنىڭ دىگەنلىرىنى ئۇرۇنلۇق تاپتى.

        دىلنازنىڭ ئۆيىدىن خوشلۇشۇپ چىققان ۋارس ماشىنىغا ئولتۇرماي، ئاپئاق قارلارنى دەسسەپ پىيادىلىكلەر يولىدا ئۇزاق ماڭدى. مۇزدەك سۇغۇقتا قامەتلىك جىسمى سەل توڭغاندەك قىلسىمۇ،    لېكىن ئۇ تەبىئەتتىن ھۇزۇرلانغاچ بىردەم بولسىمۇ جىمجىت خىيال سۇرىۋېلىشنى ئويلىدى. قاچان شۇ توي بۇلار؟ قاچان شۇ غەملەر ئاياقلىشار؟ ئاتا-ئانام كەلسە ئۇلارنى بۇ ھەيۋەتلىك قورۇغا قانداق باشلاپ كىرەرمەن؟ يېزىدىن ئاياق ئاتلىمىغان بىچارە ساددا ئاتا-ئانامغا يەنە نۇرغۇن كۇڭۇلسىزلىك ،يۇرەك زىدىسى  تېپىپ بىرەرمەنمۇ؟...دىگەن سۇئاللار يېغىۋاتقان قارغا ئوخشاشلا ئۇنىڭ يۇرىكىگە سىڭىپ كىتىۋاتاتتى. توغرا دۇنيادا نەدە ئازاپسىز خوشاللىق بولسۇن؟ يىغىىسز بەخىت بولسۇن؟ ھەر قانداق بىر ئىرىشش ئۇچۇن نۇرغۇن قۇربانلارنى بىرىشكە ، ئازاپلارغا چىداشقا توغرا كىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ بۇلۇپمۇ دىلنازدەك بىر پەرىشتىدەك قىز ئۇچۇن جاپا چىكىشكە، ئەلەم چىكىشكە ئەرزىيدۇ... ئاياق رىتىمىغا قاراپ خىياللار ئىچىدە مېڭىۋاتقان ۋارس تۇيۇقسىزلا  ئۆزىنىڭ تەسەللىسىدىن ئۆزى ئەمىن تاپقاندەك  ، ئەتراپقا ئاجايىپ ئىشەنچ بىلەن بىر قارىۋېتىپ،  ئىدارىسى تەرەپكە تىز-تىز يۇرۇپ كەتتى... 
    مۇنبەرگە تىما يوللىسىڭىز سىزگە كېرەك بولىدىغان بىزەك رەسىملەر بۇ يەردە
    قۇملۇقنى كولىما بايقۇش، توغراقنى قۇچاقلاپ يىغلاپ-يىغلىۋال ...
    | ۋاقتى : 2008-04-13 19:31 25 -قەۋەت
    sirdaxim
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15864
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 725
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە725دانە
    شۆھرەت: 758 نۇمۇر
    پۇل: 2252 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :298(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

         مۇھەببەت ئۇ ئىككى قەلىبنىڭ ئورتاق پىچىرلىشى، كەلگۇسىگە قاراپ  سوققان ئىككى يۇرەكنىڭ بىرىكىشى. مۇھەببەت ئۇ ۋاقىتلىق كۇڭۇل خۇشى ياكى دەقىقە ئازغۇن ھىسيات ئەمەس، بەلكى مەڭگۇلۇك سېغىنىش، مەڭگۇلۇك تەقدىم قىلىش، مەڭگۇلۇك ئىنتىلىش. تۇرمۇش ئۆزىنىڭ قىسمەتلىرى بىلەن سىرلىق. سانسىزلىغان مۇرەككەپ خاراكتىر ئىچىدە سىرلىق. ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشقا، مۇھەببەتكە تۇتقان ھەرخىل قاراشلىرى ئىچىدە سىرلىق. بەلكىم ئاتا سۇپەت ئەرلەرنىڭ ئۆز قىزىدەك بىر قىزغا قىزىقىپ قېلىشى، ئۇنىڭغا ھەۋەسلىنىشى، ئۇنىڭ گۇزەللىگىگە يۇشۇرۇن بېقىشى نورمال ئىشتۇر. لېكىن ئۇ ئەسلا مۇھەببەت ئەمەس. ئۇ دەل ئۆزىدىكى ھايۋانى ئىستەكنىڭ قۇترىشى، قانلىرىنىڭ تېشىغا تىپىپ چىقىشى، شەيتان ئالدىدىكى بىردەملىك ئېغىر سىناققا بەرداشلىق بىرەلمىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى بولىشى مۇمكىن. ئىتىقات بىلەن شەيتان ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن كۇرەشتە رەھىمسىزلەرچە مەغلۇپ بولغان ئاجىز قەلبىنىڭ يىغىسى ياكى دەرتلىك پىچىرلىشى بولىشى مۇمكىن.
        دىلناز ئۆزىنى بارغانسىرى بىئارامسىزلىققا باشلىۋاتقان كۇڭۇلسىز پاراڭلاردىن ، بىمەنە ئۇچۇرلاردىن، تېلىفۇنلاردىن قۇتۇلۇشقا شۇنچە ئۇرۇنسىمۇ، ئىستانسا باشلىقىنىڭ ھەۋەس بىلەن يۇشۇرۇن قاراشلىرىدىن ، توختىماي تاماققا تەكلىپ قىلىشىدىن بىزار بولسىمۇ ، لېكىن ئۇن-تىنسىز ئىشلەشكە مەجبۇر بولدى. بۇرۇنقى ئۇچۇر يوللاشلار ئەمدى بىۋاستە تېلىفۇن قىلىشقا، تاماققا تەكلىپ قىلىشقا، ئۇزۇن-ئۇزۇن سۆيگۇ مەكتۇپلىرىنى، شىرىن ، تاتلىق پاراڭلارنى قىلىشقا ئۆزگەردى. ئۇ مەردان ئاكىنىڭ بىر رەھبەر تۇرۇپ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا ئېچىناتتى. ئۇنىڭ «كۆيدۇم-پىشتىم »دىگەن بىمەنە سەپسەتىلىرىگە نەپرەتلىنەتتى. لېكىن نەپرىتىنى، ئۆز ھىسياتىنى ئىپادىلەشكە ئاجىز ئىدى. بۇ ئىشلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئېغىزىغا چىقىپ قېلىشىدىن، جەمىيەتتىكى ئوبرازىغا داغ چۇشۇپ قېلىشىدىن بەكلا قورقاتتى. ئۇ شۇنچە ئىھتىيات قىلىپ يۇشۇرغانسىرى، ئىستانسا باشلىقى تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ ئۇنىڭغا كالىدەكلا ئەگىشىدىغان بولىۋالدى.
         بۇ ئىشلار دىلنازنىڭ خىزمەت ئۇنۇمىگىمۇ ، تۇرمۇشىغىمۇ، كەيىياتىغۇ زور تەسىر كۆرسۇتۇشكە باشلىدى. ئۇ بۇگۇنمۇ ئوخشاشلا كامىرا ئالدىدا نەچچە قېتىم ئېلىشىپ كەتتى. قانچە قېتىم يادىلىغان سۆزلىرىدە يەنە نۇرغۇن قېتىم ئازدى. تېلىفۇنىغا  مەشۇق ئوتىدا سەرسان بولغان ئاشىقنىڭ پىراقىدەك ئۇزۇلمەي كىلىۋاتقان قىسقا ئۇچۇرلارنى ئويلاپ ئازدى،  بۇ كۇڭۇلسىز  ئىشلارنىڭ باش-ئاخىرىنى ئويلاپ ئازدى. ئۇ ئەمدىلىكتە بەرداشلىق بىرىشكە ئاجىزلىق قىلىۋاتاتتى. بىر كۇنلۇك خەۋەرلەرنى ئۇقۇپ ئىشخانسىگە ھارغىن كىرگەن دىلناز ئۇستەل ئۇستىدە يېڭىلا قويۇپ قويۇلغان بىر دەستە قىزىل ئەتىرگۇلگە قاراپ ئەندىكىپ كەتتى. ئۇ خىزمەتداشلىرىغا ئەنسىز كۆزلىرىنى ئوغۇرلۇقچە تىكدى. لېكىن ھېچقايسىسى ئەجەپلەنگەندەك، ھەيران قالغاندەك قىلمايتتى.  دىلناز ئاستا كىلىپ ئالدىنقى قېتىمغا ئوخشاشلا قىلىپ ئورالغان ئەتىرگۇللەرگە قاراپ ، كۆزى يەنىلا كارتوچىكىدىكى خەتلەرنى ئىزىدى. <سىزنى سۇيىمەن > دىگەن تۇنۇش خەت يەنىلا ئۇنىڭ يۇرىكىگە پىچاق بۇلۇپ قادىلىپ تۇراتتى.
        - ھېلىقى گۇلچى قىز ئەكىرىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. كىم ئىبەرتىپتۇ؟ - ئىشخانىدىكى بىر قىزنىڭ سۇئالىدىن چۇچۇپ كەتكەن دىلناز دەماللىقتا بىر نەرسە دىيەلمەي قالدى. ئۇ قولىدىكى گۇلنى پۇرىغان قىياپەتتە كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ ئويلانغاندىن كىيىن ئاستا ئېغىز ئاچتى.
        - يىگىتىم ۋارىس. نىمىشقىدۇر ئۇ كۆڭلىنى دائىم گۇل بىلەنلا ئىپادىلەيدىغان بولۇپ قالدى.
        - ئەجەپ ياخشى يىگىتكەن. قارىماققىمۇ شۇنداق قائىدىلىكلىكى چىقىپ تۇرىدۇ يىگىتڭىزنىڭ . كونىلار «گۇل دىگەن كۇڭۇل» دەپ توغرا ئېيتقان. بۇ ئۇنىڭ ئوتتەك كۆڭلى. سىزگە بولغان سەمىمى مۇھەببىتى...-بايىقى قىز دىلنازنىڭ گىپىگە ئۇلاپلا سۆز قاتتى.
         -ھە، ئۇ بۇنداق ئىشلارغا بەك كۇڭۇل بولىدۇ،- دىلناز شۇنداق دەپ يالغان ئېيتتىيۇ، تۇرۇپلا ۋارسىنىڭ ئۆزىگە بۇنداق چىرايلىق، بۇنداق قىممەت باھالىق گۇلنى سوۋغا قىلىپ باقمىغىنىنى ئويلاپ قالدى. ئىستانسا باشلىقىنىڭ كۇلۇمسىرەپ تۇرغان كىلىشكەن قامىتى كۆز ئالدىدا غىل-پال زاھىر بولدى.
        دىلناز گۇلگە قاراپ ئازاپلىق خىياللار ئىچىدە ئولتۇرغىنىدا تۇيۇقسىز ئۇستەل ئۇستىدىكى تېلىفۇن تۇيۇقسىز جىرىڭلاپ كەتتى. دىلناز ئىرەنسىزلىك بىلەن تېلىفۇننى قولىغا ئالدى.
        -سالام، بۇ تىلىۋىزىيە ئسىتانسىسى، كىمنى ئىزدەيسىزكىن؟
        -سىزنى ئىزدەيمەن، سىزنىڭ تاتلىق ئاۋازىڭىزنى ئىزدەيمەن،- دىلناز تىلىفۇن تۇرۇپكىسى ئىچىدىن چىقىۋاتقان بوشقىنا ئاۋازدىن چۇچۇپ كەتتى. بايىقى گەپلەرنى خىزمەتداشلىرى ئاڭلاپ قالغاندەك، تىلىفۇن تۇرۇپكىسىنى قولى بىلەن چىڭ بېسىپ، كىيىكتەك قورقۇپ تۇرغان كۆزىنى ئەتراپقا تىكتى. ئۇنى تېخىمۇ قورقۇنچ باستى. بۇ ئاۋاز ئۇنى دوۋزاخقا چىللىۋاتقان ئەزرائىلنىڭ ئاۋازىدەك شۇنچىلىك سۇرلۇك بىلىنىپ كەتتى. بۇ دەل ئىستانسا باشلىقىنىڭ ئاۋازى ئىدى. دىلناز تۇرۇپكىنى قويىۋېتىشنى ئويلىدىيۇ، لېكىن رەھبىرى ئالدىدا ئەدەپسىزلىك بۇلۇپ قېلىشتىن، خىزمەتداشلىرىنىڭ گۇمانلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەندەك ئامالسىز تۇرۇپكىنى ئېغىزىغا ئاپاردى.
        -بىر ئىش بارمىدى؟
        - ھە، بەك مۇھىم ئىش بار. بىر ئاجىز جاننى قۇتقۇزىدىغان ساخاۋەتلىك ئىش . بۇنى سىز قىلالايسىز. سىزنىڭ قوللىرىڭىز، پەرىشتىدەك قەلبىڭىز قىلالايدۇ...
        -خاتا ئۇرۇپ سالغان ئوخشايسىز؟
        - ئۇنداق قىلماڭ دىلناز ، ئۇنداق قىلماڭ... ئۆزەمنىڭ بىر رەھبەر ئىكەنلىكىنى، سالاھىيىتىنى، ئىززىتىنى قايرىپ قويۇپ سىزگە گەپ قىلىۋاتىمەن، يىلىنىۋاتىمەن. مىنى بۇنداق قىينىماڭ دىلناز، مىنىڭ ئىشقىڭىزدا كۇيۇپ كۇل بۇلاي دەپ قالغان ئاجىز يۇرۇكۇمنى قىينىماڭ. مەن سىزنىڭ دەردىڭىزدە ساراڭ بۇلاي دىدىم. تەلۋىلەرچە...
        دىلناز بۇغۇزىغا كەپلىشىپ قېلىۋاتقان يۇرىكىنىڭ قاتتىق سۇقۇپ تۇرغىنىنى سىزىپ تۇردى. ئاچچىق بىر ھەسرەت ئاجىز يۇرىكىگە ئېقىپ كىردى. لېكىن ئۇ سۆز قايتۇرۇشقا ئامالسىز ئىدى. قاتتىق گەپ قىلىشقا، تەنبىھ بىرىشكە ئاجىز ئىدى. خىزمەتداشلىرى ئالدىدا رەسۋا بولۇپ كىتىشتىن تۇلىمۇ ئەنسىرەيتتى. بۇ ئىشلارنىڭ ۋارسىنىڭ قۇلىقىغا بېرىپ قېلىشتىن، ئۇنىڭ خاتا چۇشۇنۇپ قېلىپ، بىر مۇنچە كۇڭۇلسىزلىكلەرنىڭ يۇز بىرىشىدىن ئەنسىرەيتتى. ئۇ ئازاپ ئىچىدە تولغانسىمۇ ، ئىستانسا باشلىقىنىڭ بىمەنە سۆزلىرىنى يېقىن بىر دوستى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان قىياپەتتە ئاڭلاشقا مەجبۇر بولدى.
        - سىزنى سېغىندىم، ئۆزەمنىڭ مۇشۇ ياشتا تۇرۇپ نىمە ئۇچۇن سىزگە قىزىقىپ قالغىنىمنى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن. ماڭا مۇشۇ كۇنلەردە ئۇيقۇمۇ ھارام بولىۋاتىدۇ. سىزگە قالدۇرغان ئۇچۇرلىرىمنىڭ جاۋابى قېنى؟ مۇزدەك سۇغۇقتا سىزنى ساقلاپ تۇرغان ۋاقىتلىرىمنىڭ ئەجرى قېنى؟... سىز نىمانداق باغرى تاش قىز. مەن سىزدەك بىر قىزنى ئۆزەمگە مەپتۇن قىلالايدىغانلىقىمغا ، ئۆز قۇچىقىمغا سىڭدۇرەلەيدىغانلىقىمغا ئىشەنگەن ئىدىم. لېكىن سىز بەكمۇ بىپەرۋا، بەكمۇ ھاكاۋۇرلۇق قىلدىڭىز. تېلىفۇنىڭىزنى نىمىشقا ئىتىۋالىسىز؟ نىمىشقا مەندىن قاچىسىز؟ ...بەلكىم ئۆزىڭىزنىڭ تەسىرىنى، مىنىڭ تەسىرىمنى ئويلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن مىنىڭ ئاشىق قەلبىمنى كىم ئويلايدۇ؟ دەڭە دىلناز ، كىم ئويلايدۇ؟...
         دىلناز ئىستانسا باشلىقىنىڭ سۆزلىرىنىڭ داۋامىنى ئاڭلاشقا بەرداشلىق بىرەلمىدى. قاتتىق گەپ قىلاي دىسە ئەتراپتىكىلەردىن ئىھتىيات قىلدى. ئۇ لەۋلىرىنى چىڭ چىشلەپ ، ئۆزىنى زورىغا بېسىۋېلىشقا تىرىشتى.
         - ئۇقتۇم، خوش ئەمىسە ، كىيىن كۆرۇشەيلى،- ئۇ شۇنداق دىدى دە ، ئارقىدىن يەنە نۇرغۇن سۆزلەر ئېتىلىپ چىقىدىغاندەك تۇرۇپكىنى تىزلا قويىۋەتتى. ئۇ يېقىلىپ چۇشۇشتىن ئىھتىيات قىلغاندەك دەرھاللا ھالسىز بەدىنىنى ئۇرۇندۇققا تاشلىدى. ئالدىدىكى قىپ-قىزىل ئەتىرگۇللەرگە قاراپ كۆزلىرىگە يىغا ئۇلاشتى.
         بىر ھازادىن كىيىن ئىشخانىغا تۇيۇقسىز ئىستانسا باشلىقىنىڭ كاتىپى كىرىپ كەلدى دە،  ئىشىك تۇۋىدىلا تۇرۇپ دىلنازغا كۇلۇمسىرەپ سالام قىلدى.
        -دىلناز، باشلىق سىزنى ئىشخانىسىغا چاقىرىۋاتىدۇ. سىزگە ئورۇنلاشتۇرىدىغان مۇھىم خىزمەت باركەن.
         دىلناز چىقىپ كىتىۋاتقان كاتىپقا قاراپ ئولتۇرغان ئورنىدا تۇرۇپلا قالدى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ بېرىش كېرەكمۇ-بارماسلىقمۇ؟ ئۇنىڭ ئالدىغا نىمە دەپ كىرىدۇ؟ كىرسە ئىنىقلا ئۇ يەنىلا بىمەنىلىكىنى باشلايدۇ، يالغان ساختا مۇھەببەتلىك سۆزلىرىنى باشلايدۇ، دىلنازنىڭ  ئارامىنى تېخىمۇ بۇزىدۇ. ئۇنىڭ ئازابىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ. لېكىن بارمىسا خىزمەتداشلىرىنىڭ ئېڭىدا  تېخىمۇ چۇشۇنۇكسىز سۇئاللارنى قۇيۇپ قۇيۇشى  ئىنىق. ئۇ ئامالسىز يەنىلا ئورنىدىن تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.
        باشلىقنىڭ رۇخسىتىدىن كىيىن، ئىشكنى قىيا ئېچىپ كىرىپ كەلگەن دىلناز باشلىقنىڭ كۆزىگە قاراشقا پېتىنالمىدى. ئۇ باشلىق پالاقشىپ ئالدىغا ئەكەلگەن ئۇرۇندۇققىمۇ پەرۋا قىلماي  گۇناھكارلاردەك بېشىنى ئىگىپ ئۇرىلا تۇردى. ئۇ شۇنچىلىك ئازاپلىنىۋاتاتتى. ئىچ-ئىچىدىن چىقىۋاتقان يىغىنى ئاران بېسىپ تۇراتتى، بىر ئەلەم يۇرىكىنى مۇجۇيتتى. خىزمەت دىگەن مۇشۇنداق نەرسىمۇ؟ قېنى مىنىڭ تەۋرەنمەس ئىرادەم؟ قېنى مىنىڭ قىزلىق غۇرۇرۇم؟ قېنى مىنىڭ ئۆزەمگە بولغان ئىشەنچىم، باشقىلار ئالدىدىكى مەغرۇر تۇرقۇم؟...دىلنازنىڭ ئويلىغانسىرى پىكىرى قالايمىقانلىشىپ كەتتى. تۇرمۇش ئادەمنى نىمە قىسمەتلەرگە مەجبۇرلىمايدۇ؟...مانا بۇگۇنكىدەك باش ئىگىپ تۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ئادەمنىڭ ئىشەنچىسىنى يۇقىتىدۇ. بۇنى ئۆزى ئەمەس ئەتراپتىكى ئادەملەر، ئاشۇ بىھايا، نامەرت ئەبلەخلەر  قىلىدۇ. تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن ئىشلار ئادەمنى سۇكۇت قىلىشقا، ئازاپ ئىچىدە جىمجىت يىغلاشقا مەجبۇر قىلىدۇ. قىزلار ھەممىنى  چۆرۇپ تاشلاشنى، رەزىل ھۇقۇقدارلارنىڭ پەسكەش خاراكتىرىنى ئېچىپ تاشلاشنى ئۇمۇت قىلسىمۇ ، لېكىن ئۆزىنىڭ قىزلىق ئوبرازى، ئىستىقبالى ئۇچۇن يەنىلا كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ رىئاللىق ، ئەنە شۇنداق بىمەنە رىئاللىق... دىلناز ھەممە نەرسىدىن بىراقلا قۇتۇلماقچى بولغاندەك كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ تۇردى.
        -ئولتۇرۇڭ دىلناز، ئۆرە تۇرىۋېلىپ مىنى قىينىماڭ.
        دىلناز ئامالسىز كۆزلىرىنى ئېچىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ ئىستانسا باشلىقىنىڭ كۆزلىرىگە قارىماستىن يەرگە قاراپ تۇرۇپ بوشقىنا سورىدى.
        - بىرەر جىددى ئىش بارمىدى؟
        -ھە، تېلىفۇننى قويىۋەتتىڭىزغۇ، مىنى ساراڭ قىلاي دەمسىز؟
        - نىمە دىسەم بولاتتى. خىزمەتداشلىرىم ئالدىدا « مەردان ئاكا، نىمانداق بىمەنىلىك قىلىسىز، مەن سىزنىڭ قىزىڭىزدەك ئادەم، ماڭا بۇنداق پەسكەشلىك قىلسىڭىز بولمايدۇ» دەمدىم...- دىلناز ئاچچىقلىرىنى بېسىشقا ئامالسىز قالغاندەك قايناپ سالدى.
        -دىگىنىڭىزغۇ ئۇرۇنلۇق، لېكىن مەنمۇ ئامالسىز شۇنداق قىلىپ سالدىم. سىز مەن ھەرقانچە دىسەممۇ ئىشەنمەيسىز، بىر ئوبدان ئائىلىسى تۇرۇپ بىردەملىك قىزىقىشنىڭ تۇرتكىسىدە شۇنداق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلايسىز. لېكىن دىلناز، بىلسىڭىز مەن سىزنى راستىنلا ياخشى كۆرۇپ قالدىم، سىزنىڭ ۋىسالىڭىزغا ئىرىشىش تۇيغۇسىدا يۇرۇكۇم پارە-پارە مىنىڭ. مىنى ئۇنداق ئۇمۇتسىز قويماڭ، مەن بىلەن ئارلىشىپ ئۆتسىڭىز ھەرگىز سىزنى نائۇمۇت قويمايمەن. بەلكىم سىزنى تىزلا ئۆستۇرۇپ ئىشلىتىشىم مۇمكىن.
        -نىمە؟- دىلناز بۇلاقتەك كۆزلىرىنى يۇغان ئېچىپ ، ئالدىدا بىچارىلەرچە ھىجىيىپ تۇرغان ئىستانسا باشلىقىغا غەزەپ بىلەن ئالايدى.- مىنى نىمە كۆرۇپ قالدىڭىز سىز؟ مىنى شۇنداق پەس قىز كۆرەمسىز. بىلىپ قويۇڭ ، مەن غۇرۇرۇم بىلەن ياشاپ بۇنداق خىزمەتتىن ۋاز كەچسەم كىچىمەنكى، ئۇنداق پەس ئىشلارنى قىلمايمەن، ھەم قىلىشنى ئويلاشقىمۇ  جۇرئەت قىلالمايمەن...شۇنى ئىنىق بىلىپ قويۇڭ.
        - خاتا چۇشەنمەڭ دىلناز، سىز خاتا چۇشۇنۇپ قالدىڭىز. قانداق قىلسام كۆڭلۇمنى چۇشۇنىدىكىن دەپ شۇنداق دەپ ساپتىمەن. مەن نىمە ئىش قىلسام ئاندىن ماڭا ئىشىنىدىغان بولىسىز. ماڭا خۇدا راسلا سىزگە بولغان ئاشىقلىق ئوتىنى سالدى . راس دىلناز ، خۇدا گۇۋاھ...
        دىلناز ئويلۇنۇپ قالدى. ئۇ بۇ ئادەمنىڭ نىيىتىنى ئۇنداق ئاددى گەپلەر بىلەن ياندۇرالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدى. «راستىنلا ھەقىقى ياخشى كۆرۇپ قالغانمىدۇ؟ ئايالى، ئائىلىسى بار ئەرلەرمۇ راستىنلا مۇشۇنداق كۇنگە، مۇشۇنداق ھىجرانغا قالامدىغاندۇ؟» دەپ ئويلاپ قالدى. لېكىن نىمىشقىدۇر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساختا كۆرۇنۇشتەكلا ھىس قىلدى.
        - مەردان ئاكا، ئۆزىڭىز ئۇستىدە، مەن ئۇستىدە تۇرۇپ ئويلۇنۇپ باقتىڭىزمۇ؟ سىز دىگەن يۇزدىن ئارتۇق   خىزمەتچىسى بار ئۇرۇننىڭ رەھبىرى. سىزنى ئىدارىدىكى خىزمەتچىلەرلا ئەمەس، نۇرغۇن ئامما، خەلق ھۆرمەتلەيدۇ. سىزدىن پەخىرلىنىدۇ. سىزدىن ئەيمىنىدۇ. يەنە نىمە دەپ مۇشۇنداق بىمەنە ئىشلارنى قىلىۋاتىسىز. مىنى ئويلىمىسىڭىزمۇ مەيلى ، نىمە ئۇچۇن ئۆزىڭىزنى ئويلىمايسىز، ئائىلىڭىزنى، ئۇماق ئىككى پەرزەنتىڭىزنى ئويلىمايسىز؟ قىزىڭىزمۇ بىر كۇنلەردە ياشقا چۇڭۇپ مەندەك قىسمەتلەرگە يۇلۇقسا سىز ئازاپلانمامسىز؟...
         كۆزلىرىنى خۇمارلىق بېقىپ  مەجنۇنلارچە گەپ قىلىۋاتقان ئىستانسا باشلىقى دىلنازنىڭ سۆزىدىن خۇددى بىرسى بىر چىلەك سۇغۇق سۇنى بېشىغا قۇيغاندەكلا توختاپ قالدى. ئۇ شۇ تاپ ئالدىدا دىلناز ئەمەس  بەلكى مەھشەرگاھتىكى سوراقچى قاراپ تۇرغاندەك ئەندىكتى. كاللىسىنى قايتا-قايتا سىلكىۋەتتى.
        -مەن سىزنى ھۆرمەتلەيمەن. داداممۇ دائىم سىزنىڭ ياخشى گىپىڭىزنى قىلىدۇ. سىزنى «بەك ئىقتىدارلىق، بىلىملىك، چىقىشقاق » دەپ ماختايدۇ. سىزدەك بىر ياخشى رەھبەر بىلەن ئىشلىگەنلىكىم مىنىڭ بەختىم ئاكا. يەنە بىر گەپ : مىنىڭ يىگىتىم بار، ئالى مەكتەپتىن تارتىپ يۇرگەن يىگىتىم، بىزنىڭ پات ئارىدا تويىمىز بولماقچى، سىزگە ئوخشاش بەخىتلىك ئائىلە قۇرماقچى. شۇڭا مەندەك سىڭلىڭىزنى بەخىتلىك بولسۇن، خوشال بولسۇن دىسىڭىز ، ئەمدى مىنى ئاۋارە قىلماڭ، مىنى قىينىماڭ، مىنى تىنچ ، خاتىرجەم ياشىغىلى قويۇڭ. مەنمۇ كۆڭلۇم توق ھالدا ئۆزەمنىڭ خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەي، كەسپىمدە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىش ئۇچۇن ئىزدىنەي. سىزنىڭ ئۇمۇتلىرىڭىزنى ئاقلاي... - دىلناز نىمىشقىدۇر شۇنچىلىك بىچارىلەرچە ، كۆزلىرىدىن مۆلدۇردەك ياشلىرىنى ئاقتۇرۇپ تۇرۇپ سۆزلىدى ، ياق يىلىندى. ئۇ پەقەت ئەڭ سەمىمى قەلبى بىلەن تەسىرلەندۇرۇشنى ، ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش پۇرسىتى بىرىشنى مۇۋاپىق كۆردى.
        دىلناز بىر نوقتىغا قادىلىپ ئۇن-تىنسىز ئولتۇرۇپ،  تاماكىسىنى كۇچەپ شورىۋاتقان ئىستانسا باشلىقىغا قاراپ ئۆزىنىڭ توغرا قىلغانلىقىنى يەكۇنلىدى. بايامقى كۆڭلىدىكى قورقۇنچ، ئەندىشە بىر ئاز يۇقىغاندەك بولدى. لېكىن باشلىقىنىڭ گەپ-سۆزسىز ئولتۇرىشىدىن ئۇنىڭ قايىل بولغانلىقى ياكى غەزەپلەنگىنىنى بىلەلمەي قالدى. ئۇ بىردەم ساقلاپ تۇرغاندىن كىيىن، ئۇزاق تۇرىۋېرىشنىڭ ئەپسىزلىكىنى ھىس قىلىپ ، «مەردان ئاكا، رەخمەت، مەن چىقاي» دەپ بوشقىنا پىچىرلاپ ، ئىشخانىدىن ئاستا چىقىپ كەتتى... 
    [ بۇ يازما sirdaxim تەرپىدىن 2008-04-14 15:14 دە قاي ]
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    قۇملۇقنى كولىما بايقۇش، توغراقنى قۇچاقلاپ يىغلاپ-يىغلىۋال ...
    | ۋاقتى : 2008-04-14 12:06 26 -قەۋەت
    sirdaxim
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15864
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 725
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە725دانە
    شۆھرەت: 758 نۇمۇر
    پۇل: 2252 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :298(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

      چىرايى باشقىچە ئېچىلىپ، ھارغىن كۆزلەرگە كۇلكە يۇگۇرۇپ ، سەلىمە كۇندىن -كۇنگە  جانلىنىپ قېلىۋاتاتتى. ئۆي ئىشلىرىنى شۇنچىلىك چاققانلىق، خوشاللىق بىلەن قىلاتتى، خانىم تاپىلىسۇن-تاپىلىمىسۇن ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بىجىرەتتى ،  ئۆيلەرنى بىر كۇندە نەچچە رەت تازىلايتتى. تاماقنى تېخىمۇ تەملىك، تېخىمۇ سەرخىل ئىتەتتى. خانىمنىڭ 2 پەرزەنتىنىڭ دەرس تەكرارلىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ ، مىھرىبان ئۇقۇتقۇچىدەكلا  چۇشەندۇرەتتى.    خانىم ۋە باشلىق ئەپەندى ئۇنىڭدىكى تاساددىپى ئۆزگۇرۇشلەرگە ھەيران قالدى. بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ چىرايىدىكى مىسكىنلىكنىڭ  يۇقۇلۇپ كىتىۋاتقانلىقى، يۇرۇش-تۇرۇش ، كىيىنىشكە ئەھمىيەت بىرىۋاتقانلىقى، ئانچە- مۇنچە گىرىم قىلىپ قويۇشلىرىدىن ئەجەپلەندى. ئۇنىڭ ئىش ئارلىقىدىكى غىڭشىپ ناخشا ئۇقۇشلىرىغا قاراپ تەئەججۇپ ئىچىدە كۆز قىسىشتى.  لېكىن سەلىمە ئۆز خوشاللىقىنى پەقەت بىر ئۆزىلا بىلەتتى. ئۇ يۇقۇتۇپ قويغان بەختىنى تاپقان ئىدى، بىچارە، بىتەلەي ئوغلىنىڭ ئاتىسىنى تاپقان ئىدى. ئەكرەم ئۇ ئۆزگەرگەن، ئۆتكۇزگەن گۇناھلىرىغا تۆۋبە قىلغان، سەلىمەنى باغرىغا باسقان، ئۇنىڭغا چىن سۆيگۇسىنى بەرگەن ئىدى. ئۇ نىشانسىز قالغان يۇلۇچىدەك تەمتىرەپ يا ياشاشنى، يا ئۇلۇشنى بىلمەي قالغان ھالقىلىق پەيتتە تۇنجى مۇھەببەتنىڭ قەلبىدە قالدۇرغان داغلىرى يۇيۇلدى. ئاچچىق ئازاپ ۋە پۇشايمان ياشلىرى ئۇنى پاكىزە يۇيىۋەتتى، تارتقان خورلۇقلىرىنى ئۇلۇغ ئاللا كۆردى، ئۇنىڭغا ھىسداشلىق قىلدى، ئەكرەمنىڭ باغرىنى ئىرىتتى. ئۇنىڭغا ئاتىلىق مىھرىنى سالدى...
        سەلىمە بۇگۇن ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى تاللاپ كەيدى، داغ چۇشكەن يۇزلىرىگە ياراشتۇرۇپ سۇس گىرىم قىلدى. بېشىدىكى قارا ياغلىقنى تاشلاپ، چېچىنى چىرايلىق قىلىپ ياسىدى. شىرىن ئۇيقۇغا كەتكەن ئوغلىنى يېڭى يۆگەككە يۆگىدى. ئۇ بۇگۇن بەكلا خوشال ئىدى. ئەكرەمگە بولغان ئوتتەك سېغىنىش ئۇنىڭ يۇرەكلىرىنى بىئارام قىلىۋاتاتتى. ھەيۋەتلىك سىپىل تاملار ئىچىدىكى ئاجىز سۆيگۇنىنى سېغىناتتى. ئەمدى ئۇ ئەكرەمگە شاتلىق بىرىشى كېرەك، ئۇمۇت بىرىشى كېرەك، ئۆزىنىڭ مىھرىبانلىقىنى، سەمىمىلىكىنى، پاك سۆيگۇسىنى بېغىشلىشى كېرەك. ئۇ يەنە بىر يىل  بەرداشلىق بەرسە ئەكرەم تۇرمىدىن چىقىدۇ، ئوغلى بىلەن ئۇنى باغرىغا باسىدۇ، بەخىتلىك ئائىلە قۇرۇدۇ. سەلىمە ئەمدى تەنھالىقتىن، سەرسانلىقتىن، دەرت-ھەسرەتتىن قۇتۇلىدۇ. ئۇنىڭغا ھەمرا بولىدىغان ، ئۇنى قوغدايدىغان، ئۇنى پۇتۇن مىھرى بىلەن كەڭ باغرىغا باسىدىغان يولدىشى بار بولىدۇ...
        سەلىمە بىر قولىدا بالا، بىر قولىدا تاماق قاچىسى تۇتۇپ تۇرمە ئىشىكى ئالدىدا پەيدا بولدى. ئۇ بۇ يەردىن شۇنچە قورقسىمۇ ، ھەيۋەتلىك ئىگىز تاملار، قاپقارا دەرۋازا ئۇنىڭغا شۇنچىلىك سۇرلۇك كۆرۇنسىمۇ ، لېكىن ئۇ يەنىلا بىر خىل ھاياجان ئىچىدە قەدەم ئالدى. كۆرۇشۇش ئۆيىدىكى تۇمۇر ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئىنتىزارلىق بىلەن ئەكرەمنى ساقلىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ساقچىنىڭ ھەمرالىقىدا كىرىپ كەلگەن، چىرايى تېخىمۇ تاتىرىپ، تېخىمۇ ئۇرۇقلاپ، ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى جەسۇرلىقى، كىلىشكەن قامىتىنى يۇقاتقان ئەكرەمگە تىكىلگەندە، يۇرەكلىرى ئۆتكۇر بىر تىغدا قاتتىق تىتىلدى.
        -بۇگۇن كەلدىڭما تېخى؟،-ئەكرەم ئورۇندۇققا كىلىپلا نۇرسىز كۆزلىرىنى بۇگۇن باشقىچىلا چىرايلىق بولۇپ قالغان سەلىمەگە تىكتى.
        -ھە، مەن قانچە قېتىم كىلەي دىدىم، لېكىن ئاكام-ئاچاملار ئىشلىگەچكە ئۆينى تاشلاپ قويۇپ كىلەلمىدىم. بۇگۇن ئۇلار دەم ئالغان ، شۇڭا « بىر كىسەل تۇققۇنۇمنى يوقلاپ كىلەي» دەپ پۇرسەت  چىقىرىپ كىلىشىم.
        -قارىغاندا مىنى سېغىنماپسەندە؟
        -توۋا دەڭ  ئەكرەم، سىز بىلەن كۆرۇشكەندىن بۇيان مەن شۇنچىلىك خوشال. سىزنى بىرمىنۇتمۇ ئىسىمدىن چىقارمىدىم. مۇمكىن بولسىدى سىزنىڭ يېنىڭىزدىن ئەسلا ئايرىلغۇم يوق.
        -مەن يۇلۇڭغا كۇندە قارىدىم، كامىرغا بىرەر ساقچى كىرسىلا مىنى چاقىرامدىكىن دەپ تەلمۇردۇم. ئىشىنەمسەن؟
        -ئىشىنىمەن ئەكرەم. رەخمەت، شۇنچىلىك سېغىنغان بولسىڭىز ، مىنى ئەسلىگەن بولسىڭىز.
        -10 كۇندىن بىرى ئۇيقىمۇ ھارام بولدى ماڭا. ئەختەمجان بالامنى،ئۇنىڭ ھىدىنى شۇنداق سېغىندىم. ئەكىلە قېنى.
        سەلىمە دەرھاللا قولىدىكى بوۋاقنى ئەكرەمگە ئۇزاتتى. يۇرەكلىرى توختاۋسىز تىپىرلاپ كەتتى.
        - تاتلىق ئوغلۇم، مىنىڭ خوشاللىقىم.ئاپاڭ بىلەن ئىككىڭلارنى بەك جاپاغا سالدىم، يامان كۇنلەرگە قويدۇم. سىلەرگە مىھرىمنى يەتكۇزەلمىدىم، سىنى ئەركىلىتىپ باقالمىدىم، قېنىپ باغرىمغا باسالمىدىم. - ئەكرەم كۆزىنى ئۇۋۇلاپ ئويغانغان بالىغا، بالا دەردىدە يۇرىكى كاۋاپ بولغان مىھرىبان ئاتىلاردەك سۆز قاتتى.
        - بولدى. ئۇنداق دىمەڭ ئەكرەم، مەن ھەممە جاپانى ئۇنتۇپ كەتتىم، سىزنىڭ ماڭا بولغان سەمىمىيىتىڭىزنى، ئۆزگەرگەنلىكىڭىزنى كۆرۇپ مەن شۇ كۇنىلا ھەممىنى ئۇنتۇغان. قەلبىمدىكى نەپرەتنىڭ ئورنىغا سىزگە بولغان ئوتتەك مۇھەببەت ئالماشقان. قەلبىڭىزدە بىز بولساقلا ھەممە ئىشلار ئۇتۇپ كىتىدۇ. ئۇنچىلىك جاپا ھېچنەرسە ئەمەس. سىز بالدۇرراق چىقسىڭىز ئۇ ھەسرەتلەرنىڭ ئورنىنى تولدۇرىۋالىمىز...
        - ماڭا قارا سەلىمە، سىنىڭ ئۇ كۇندىكى مىسكىن تۇرقۇڭنى كۇرۇپ يۇرۇكۇم يېرىلىپ كەتتى. ئۆزەمدىن قاتتىق نەپرەتلەندىم. سىنىڭ ئالدىڭدا مەن مەڭگۇ گۇناھكار، بۇ گۇناھىمنى بىر ئۆمۇرمۇ يۇيۇپ بۇلالمايمەن.
        -ياق، ياق ئەكرەم. ھەرگىز ئۇنداق دىمەڭ، مىنى خوشال بولسۇن دىسىڭىز ئۇ ئىشلار پەقەت بىر چۇش بولۇپ قالسۇن، مەن سىزنى ئالدىنقى قېتىملا كەچۇرىۋەتكەن. مەن پەقەت سىز بىلەنلا بەختىمنى تاپىمەن. پەقەت سىز بىلەنلا...
        -بىلەمسەن سەلىمە. تۇرمىغا كىرگەندىن كىيىن نۇرغۇن ئىشلار ئۇستىدە ئويلاندىم. سەندەك چىرايلىق، مىھرىبان ، ساددا بىر قىزنى ئاخماق قىلىپ سالغانلىقىمدىن قاتتىق ئۇكۇندۇم. بۇلۇپمۇ بالامنى ئالدۇرىۋېتشكە زورلىغانلىقىمدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندىم. تۇرمىدە تۇرۇپ ئادەم ئاندىن ھەقىقى مىھرىبانلىقنى سېغىنىدىكەن. سەن بالامنى كۆتىرىپ كەلگەن ۋاقتىمدىكى ھاياجىنىمنى بىر ئۆزەم، بىر خۇدا بىلىدۇ. «خۇداغا شۇكۇر، بالام ھاياتكەن» دەپ نەچچە كىچە ھاياجاندا ئۇخلىيالمىدىم. راس سەلىمە، ئۇلۇغ خۇدا گۇۋاھ...- ئەكرەم شۇنداق دىدىيۇ قاتتىق ھۇتۇلۇپ كەتتى، چىرايى ئۆپكىدەك قىزىرىپ ، بۇيۇن تۇمۇرلىرى ھازىرلا ئېتىلىپ كىتىدىغاندەك چىڭقالدى. ئېغىزىدىن ئاپئاق بۇژغۇن ئېقىپ چىقتى. ئۇ دەماللىققا بىر نەرسە دىيەلمەي قورسىقىنى تۇتقىنىچە تۇگۇلۇپ ئولتۇرۇپلا قالدى.
        -ئەكرەم ، نىمە بولدى؟
        - ھېچنىمە.
          -ئەمىسە نىمىشقا بۇنداق قىينىلىپ كىتىسىز؟  قېنى دەڭە سىزدە بىر ئېغىر كىسەل باردەكلا قىلىدۇ.
        -بىرسى  قەسلىدى سەلىمە، زەھەرخەندىلىك بىلەن قەسلىدى. تۇرمىدا مىنى ئاققا خۇمار قىلدۇرۇپ قويدى. مانا شۇ كىسەلنىڭ دەردى... 
        - نىمە؟ - سەلىمە تۇرۇپلا  ئەندىكتى. ئۇ ئۆزىنىڭ نەزىرىدە ئاجايىپ نوچى ئەكرەمنىڭ ئالدىنىشىغا ئىشەنمىگەندەك قىلاتتى.-سىز ئاخماقمۇ يە؟ ئۇنىڭ  زەھەرلىكىنى ئۇقمامسىز؟
        -ئۇقۇمەن. ئۇقۇپ تۇرۇپ قىلدىم. دەرتلىرىمگە، گۇناھلىرىمغا، ساڭا قىلغان ۋاپاسىزلىقىمغا ئۇكۇنۇپ، ھەسرەتلىرىمنى باسالماي شۇنداق قىلىپ سالدىم.
        -ھازىر قانداق؟ بۇ يەردە چۇقۇم تاشلىغانسىز؟
        ئەكرەم سەلىمەنىڭ سۆزلىرىگە مىيىغىدىلا كۇلۇپ قويدى. ئۇ نىمە دىيىشى كېرەك؟ «ياق، تاشلىيالمىدىم، ئۇنىڭ خۇمارى پۇتۇن جىسمىمنى خورۇتۇپ مېڭىۋاتىدۇ، ئۇنىڭغا زار بولدۇم » دەمدۇ؟  ياكى «تاشلىدىم، ئاللىبۇرۇن تاشلىغان، ئەمدى ئۇ نىجىس نەرسىگە ھەرگىز يۇلۇمايمەن» دەمدۇ؟...مانا ئەمدى ئەڭ ھالىقىلىق باسقۇچقا كەلدى. سەلىمەنىڭ تۇمۇرىنى تۇتىدىغان، ئۇنىڭ ئۇمۇتلىرىدىن پايدىلىنىدىغان،  ساددا قەلبىگە بۇسۇپ كىرىدىغان پۇرسەت دەل مۇشۇ. لېكىن بۇنى ئەڭ ئۇستىلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك، ئۇنى ئۆزىگە چۇقۇندۇرۇشى، ئۇنىڭ ساددا كۆڭلىدىن پايدىلىنىش كېرەك. خۇدانى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلىپ تۇرۇپ پايدىلىنش كېرەك. ئۇنى ئۆزىگە ئىشەندۇرۇشى كېرەك. شۇ لەززەت ئالدىدا بۇنچىلىك ساختا ۋەدە ھېچنەرسە ئەمەس... ئەكرەم تۇرۇپلا شۇنچىلىك مەيۇس، بىچارە قىياپەتكە كىردى.
        -تاشلاشقا پۇتۇن كۇچۇم بىلەن تىرىشۋاتىمەن، سىنى دەپ ، بالامنى دەپ تىرىشىۋاتىمەن. لېكىن تاشلاش ئۇنچە ئاسان ئەمەسكەن، تارتقان ئازاپلىرىمنى ئۆزەم بىلىمەن. ئۇ ئازاپلار ئالدىدا ئۇلۇپ قالمىدىم سەلىمە، ئۇلۇپ قالمىدىم.- ئەكرەمنىڭ تۇرۇپلا كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۇكۇلدى.
        -بۇ نىمە ئازاپ ئەمدى سىزگە، سىزنىڭ ياشلىرىڭىزغا قاراپ ئاجىز يۇرۇگۇم بىر قىسما بۇلۇپ كەتتى. نىمانداق ئەقلىڭىزنى تاپمايسىز ئەكرەم، بۇ يەردىن بالدۇرراق ئۆزگۇرۇپ چىقىپ كەتسىڭىز بولماسمىدى...-سەلىمە شۇنداق دىدىيۇ، لېكىن يۇرەكلىرى يەنە ئېچىشىپ، يەنچۇقىدىن قولياغلىقىنى ئېلىپ ئەكرەمنىڭ ياشلىق كۆزلىرىنى سۇرتتى. ئەپسۇس،  قولياغلىق ئاستىدىكى ساختا ياشلىق كۆزلەر كۇلىۋاتاتتى. ئۇ ئەسەبى ، قانخور كۆزلەر يەنىلا ئۆز تەبىئىتىنى يۇقاتمىغان، يامان ئىشلارنى ھەييارلىق بىلەن پىلانلاۋاتقان ئىدى.
        شۇ تاپ تۇيۇقسىز نىمىشقىدۇر ئەكرەمنىڭ قۇچىقىدىكى بالا تۇرۇپلا يىغلاپ كەتتى،بەلكىم ھىلىگەر نەپرەتلىك كۆزلەردىن، ساقال-بۇرۇت باسقان تاتىراڭغۇ سۇرلۇك چىرايدىن قورققان بولسا كېرەك، ئەكرەمنىڭ بەزلەشلىرىدىن ، ئەركىلىتىشلىرىدىن ھېچ بېسىقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
        سەلىمە ئىتتىكلا بالىنى ئېلىپ قولىدىكى تاماق قاچىسىنى ئەكرەمگە سۇندى، ئوخشۇتۇپ ئىتىلگەن پولۇنى يەۋېلىشنى تاپىلىدى. ئەكرەمنىڭ ئىشتىھا بىلەن يەۋاتقان تۇرقىغا قاراپ بىر تەرەپتىن سۇيۇنسە، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ خۇمار ئازابىنى ئويلاپ كۆڭلى مەيۇسلەندى، ئۇنىڭ تىزراق بۇ نەس باسقان ماكاندىن چىقىپ، ئۆز قوينىغا قايتىشىنى، ياخشى ئادەم بولۇپ، ئۆزگۇرۇپ ئۆزى بىلەن بەخىتلىك تۇرمۇش قۇرۇشىنى ئۇمۇت قىلدى.
        سەلىمە قىيالماسلىق، ھىجران ئىچىدە ئەكرەم بىلەن خوشلۇشۇشقا مەجبۇر بولدى، بەلگۇلەپ بىرىلگەن كۆرۇشۇش ۋاقتى تۇشۇپ قالغان ئىدى. ئەكرەمنىڭ  مۇھەببەت تەلەپ قىلىۋاتقان ، يىلىنىش تۇيغۇلىرى سىڭىپ كەتكەن نۇرسىز كۆزلىرىگە قاراپ پەقەت چىدىمىدى. ئۇنىڭ « ماڭا ئەتە مۇشۇ قاچىدا تاماق ئەكىلىپ بىرىشنى ئۇنۇتما ، ئەتە چۇقۇم كەل » دەپ يىلىنىشلىرىدىن كۆڭلى يېرىم بولسىمۇ،  ئۆزى بىر قوللۇق ئەتكەن تامىقىنى ياقتۇرغان، ھەم يەنە ئەكىلىپ بىرىشنى ئۇتۇنگەن ئەكرەمدىن  تۇلىمۇ سۇيىنىۋاتاتتى.
       
        تۇگۇمەس خىياللار ئىچىدە ئۆيگە قايتىپ كەلگەن سەلىمە تاماق قاچىسىنى يۇيىۋېتىش ئۇچۇن ئېغىزىنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالدى. قاچا ئىچىدە  كىچىككىنە بىر قەغەزچە تۇراتتى. ئۇ تەئەججۇپ ئىچىدە « بۇ نەدىن  پەيدا بۇلۇپ قالدى ئەمدى» دىگەچ قەغەزنى قولىغا ئالدى .
        قەغەز يۇزىدە  يېڭىلا ساۋادى چىققان ئادەمنىڭكىدەك شۇنچىلىك ئوڭغۇل-دوڭغۇل يېزىلغان خەتلەر زاھىر بولدى. 
        « سەلىمە:
        مەن ھاياتتىن ئۇمۇت ئۇزگەندە سەن يېنىمدا پەيدا بولدۇڭ، ئۇلۇغ تەڭرى سىنى ماڭا ئەۋەتتى، ماڭا كۇچ-مەدەت بەردىڭ. ماڭا ياشاش ئىشەنچىسى بەردىڭ، مەن سەن ئۇچۇن، بالام ئۇچۇن ئاق بىلەن ئېلىشىۋاتىمەن، ئۇنى تاشلاش ئۇچۇن تىرىشىۋاتىمەن، مىنىڭ بىرلا ئارزۇيۇم تۇرمىدىن چىقىپ سىلەر بىلەن بەخىتلىك جەم بولۇش، سەن مىنى جىنايەتچى دىمىدىڭ، ئاق چەكتى دىمىدىڭ. يەنىلا ماڭا كۆڭلۇڭنى بەردىڭ، مىنى سۆيدۇڭ. مەن سەندىن بەك مىننەتدار. خۇدا بۇ ئەجرىڭنى، ۋاپادارلىقىڭنى ئاللا كۆرۇپ تۇرغۇچىدۇر. لېكىن سەلىمە، مەن ئاق تاشلاش ئۇچۇن كۆپ بەدەللەرنى تۇلىدىم، ئازاپلىق قىسمەتلەرگە چىدىدىم، بەدىنىمنىڭ سىقىراپ ئاغرىشىغا  بەرداشلىق بىرىپ كەلدىم. ھېلىمۇ جېنىمنىڭ چىقىپ كەتمىگىنىگە ھەيرانمەن. بىلىمەن سەلىمە،  بۇ گەپلەرنى سەن بىلەن كۆرۇشكەندە دىيىش ئەپسىز.  ئازاپلىرىمنى ساڭا بىلدۇرۇشنى خالىمايمەن ، قىينىلىشلىرىمنى كۆز ئالدىڭدا كۆرسۇتۇشنى خالىمايمەن.  بۇ ئازاپنى بىر ئۆزەملا تارتىپ ئۇتەي دىدىم. لېكىن مەن راستلا چىدىيالمىدىم، ئاشۇ ئاققا بولغان سېغىنىش مىنى ساراڭ قىلىپ قۇياي دىدى. ئۇنىڭغا  يۇرۇگۇمدىن تارتىپ پۇتۇن جىسمىم، ھەتتا ھەر بىر تال ھۇجەيرىلىمگىچە زار بولدى. ئاشۇ نەرسىنى بىر قېتىم چىكىپ ئۇلۇپ كەتسەم پۇتكۇل ئارمىنىم يوقتەك تۇيغۇدا . مەن بەرداشلىق بىرەلمىدىم سەلىمە،  ئۆزەمنى شۇنچە تەكىتلەپ، قەتئى نىيەت ئىچىدە قوللىرىمنى چىشلەپ قانىتىۋەتكەن بولساممۇ ، لېكىن بەدىنىمنىڭ ئاغرىقىغا بەرداشلىق بىرەلمىدىم. بۇ ئازاپلىرىمغا سىلەرگە بولغان سېغىنىش ئازابى قېتىلىپ مىنى تېخىمۇ بىئارام قىلىۋەتتى. شۇڭا سەلىمە ، مىنى ياخشى كۆرسەڭ، مىنى قىينالمىسۇن دىسەڭ ، مۇشۇ بىرلا قېتىم ماڭا ياردەم قىل. ماڭا قانداق ئامال قىلساڭ قىلىپ ، ئاشۇ نەرسىدىن ئازغىنە يەتكۇزۇپ بەر، مەن پەقەت مۇشۇ بىرلا قېتىم قېنىۋالسام ، ئەزبىرايى خۇدا ئىككىنچى ئۇ نەرسىگە يېقىنلاشمايمەن. سەن بىر ئاز پۇلنىڭ ئامالىنى قىلىپ، سادىر ئاكام ئەۋەتتى دەپ ئاسىتىكى نۇمۇر بىلەن ئالاقە قىلساڭ ئىشىڭ ھەل بولىدۇ. خۇدا ئىشلىرىڭنى ئاسان قىلسۇن سەلىمە. مەن ساڭا ئىشنىمەن. مىنى ئازاپقا قويمايدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن. خۇدا ھەققى ، مۇشۇ بىرلا قېتىم ياردەم بەر ، بىرلا قېتىم....»
        سەلىمە خەت ئاستىدىكى ناتۇنۇش تېلىفۇن نۇمۇرىغا قاراپ قويۇپ، غەزەپتىن خەتنى پۇتۇن كۇچى بىلەن قاتتىق مۇجۇقلىدى. ئەكرەمگە بولغان مۇھەببەتنىڭ ئورنىنى بىر خىل ئۆچمەنلىك، غەزەپ-نەپرەت ئىگەللىگەندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ تۇرمىدىن يېنىپ كۆتىرىلىپ قالغان كەيپىياتى تۇرۇپلا ئۆزگەردى.  <ئادەم ئەمەس ئەبلەخ > دەپ ئۆز-ئۆزىگە كايىغاچ ،  قولىدىكى خەتنى دەرىزىدىن غەزەپ بىلەن سىرتقا ئاتتى. ئۇ شۇ تەرىزدە خەت بىلەن بىرگە ئەكرەمنىمۇ قەلبىدىن بىراقلا يۇقاتماقچى، ئۆزگەرمەيدىغان ھايۋاندىن بىراقلا قۇتۇلماقچىدەك قىلاتتى.
        سەلىمە كارۋاتتا تاتلىق گۇڭراۋاتقان ئوغلىغا قاراپ ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ سەبى كۇلكىسىدىن زوقلانغاندەك بولدى. ئۇنىڭ بىتەلەيلىكىگە ھىسداشلىقمۇ قىلدى. لېكىن يەنىلا ئۇنىڭغا دادا كېرەك ئىدى، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بىر دادا كېرەك، يىتىم بۇلۇپ قالماسلىقى، بالىلىق قەلبىگە ئازاپ داغلىرى ئورناپ قالماسلىقى كېرەك، <ھارامدىن بولغان> دىگەن تامغۇ بېسىلىپ قالماسلىقى كېرەك...ئۆزىمۇ ياخشى كۆرگەن ئادىمىدىن ئايرىلىپ قالماسلىقى، بىر ئۆمۇر ھەسرەتتە قالماسلىقى كېرەك...كۇڭۇلدىكى ئادىمى ئۇچۇن، كىيىنكى بەختى ئۇچۇن بىر قېتىم قىلسا نىمە بوپتۇ، بىر ئاز جاپا تارتسا نىمە بوپتۇ؟ پەقەت بىرلا قېتىمغۇ؟...سەلىمە خىياللىرىدىن چاچراپ ئويغاندى دە، ھېلىقى خەتنى قارا قۇيۇن يىراق-يىراقلارغا ئۇچۇرتۇپ ئەكىتىدىغاندەك، ئايىغىنىمۇ  كەيمەي  ئىشىككە قاراپ يۇگۇردى.
        دۇنيادا يالغان ئېيتاي دىسە يەنە سەۋەپلەر تېىپىلىپ تۇرىدۇ. مىسكىنلەرنىڭ ھالىغا قاراپ ھىسداشلىق قىلىدىغانلار يەنىلا كۆپ. مانا، سەلىمە پۇل ھەلەكچىلىكىدە خانىمغا بىر تالاي يالغان ياۋىداق سەپسەتىلەرنى تۇقۇپ چىقتى. داۋالىنىشقا كەلگەن كىسەل تۇققىنىغا جىددى پۇل لازىم بۇلۇپ قالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ياردەم بەرمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ  كۆز ياشلىرى ، يىلىنشىلىرى بىلەن خانىمنى تەسىرلەندۇردى. كۆڭلىدىن خالىمىسىمۇ، بۇ ئىشنىڭ جىنايەت، خاتا ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ، لېكىن بالىسى ئۇچۇن، ئۆزى ئۇچۇن، ئەڭ مۇھىمى ئاشۇ ئەبلەخ ئۇچۇن،  2 ئايلىق ئىش ھەققى  500 يۇەننى ساخاۋەتچى، مىھرىبان سۇپىتىدە ئالدىن ئېلىپ ، ئىنسان ئىتىقادىنى، ۋىجدانىنى، قاۋۇل جىسمىنى خورىتىدىغان  رەزىل، ئىپلاس سودا ئۇچۇن ئاتلاندى.
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    قۇملۇقنى كولىما بايقۇش، توغراقنى قۇچاقلاپ يىغلاپ-يىغلىۋال ...
    | ۋاقتى : 2008-04-16 00:49 27 -قەۋەت
    sirdaxim
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15864
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 725
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە725دانە
    شۆھرەت: 758 نۇمۇر
    پۇل: 2252 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :298(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

         سەلىمە شۇنچىلىك قورقۇنۇچ، ئەندىشە ئىچىدە <ئاق>نىڭ قارا ئۇۋىسىنى تاپتى. ئۇ ئەكرەم ئۇچۇن شۇنچىلىك غەيرەتلىك بۇلۇشقا تىرىشسىمۇ، كۆزلىرىدىن ۋەھشىلىك، قاراملىق، زەخەرخەندىلىك چىقىپ تۇرىدىغان قورقۇنۇچلۇق كۆزلەر ئىچىدە يۇرەكلىرى ئەنسىز سوقۇپ كەتتى. ئۇ بۇ ھاياتىدا بۇنداق ئورۇنغا ، بۇنداق ئادەملەر ئارىسىغا كىلىپ قالارمەن، ئۇلارغا يىلىنارمەن، ئۇلار بىلەن سودىلىشارمەن دەپ ئەسلا ئويلىمىغان، بۇ دۇنيادا  بۇنداق سورۇنلارنىڭ بارلىقىنىمۇ ئەسلا تەسەۋۋۇر قىلمىغان ئىدى. زەھەر ئۇ ھاياتلىقنى خوراتقۇچى قاتىل. بۇنى سەلىمە ئوبدان بىلىدۇ، ئېغىزىدىن قاڭسىق تاماكا ھىدى كىلىدىغان ئادەملەرنىڭ ئۆزىگە قاراپ نىمىلەرنى خىيال قىلغانلىقىنى، شەھۋەتكە تولغان كۆزلەرنىڭ ئۆزىدىن نىمىلەرنى كۇتىۋاتقانلىقىنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ. لېكىن ئۇ يەنىلا ئامالسىز بۇ يەرگە كىلىشكە مەجبۇر بولدى. ئەكرەم ئۇچۇن، ياق ئەڭ مۇھىمى ئۆزى ئۇچۇن، نارىسىدە بالىسى ئۇچۇن كەلدى.  بۇ ھاياتىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ئېزىش، بىرىنچىسى بىلمەي ئېزىش بولسا، بۇ قېتىمقىسى بىلىپ تۇرۇپ ئېزىش. ئەمدى ئۇ ئىككىنچى بۇ نەس باسقان يەرگە  كەلمەيدۇ، ئەكرەمنىڭ يىلىنىشىگە تەسلىم بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۆزگىرىشى ئۇچۇن خىزمەت ئىشلەيدۇ. ئۇنى ئۇمۇتۋار، مىھرىبان ئەكرەمگە ئايلاندۇرىدۇ... 
        سەلىمە ئۆزىنىڭ ئىككى ئايلىق جاپالىق ئەجرىگە كىلىدىغان  كىچىككىنە <ئاق > قا قاراپ  «توۋا، جاھاندا مۇشۇنداق قىممەت نەرسىمۇ بۇلىدىكىنە» دەپ ھەيران قالدى. ئۇ  ئامالسىز بۇ قىممەتلىك نەرسىنى تاماق بىلەن بىرگە يۇشۇرۇپ ئەكرەمگە ئېلىپ كىلىشكە مەجبۇر بولدى . ئۇ ئەكرەمنى يوقلاپ كەلگەن ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا  ھىس قىلمىغان قورقۇنچنى بۇگۇن ھىس قىلىۋاتاتتى ، تۇرمىنىڭ 2-3 ساقچى ئۆتكىلىدىن ئۇتۇشتە شۇنچىلىك تەمتىرىدى، يۇرىكى دۇپۇلدەپ سوقتى، خۇددى ساقچىلار ئۇنىڭ تاماق قاچىسىدا خىروئىن بارلىقىنى ئاللىبۇرۇن بىلىپ بولغاندەك ئەندىكتى، بۇلاقتەك كۆزلىرىنى ساقچىلارنىڭ كۆزلىرىدىن ھەريان ئېلىپ قاچتى. ئوغرىنىڭ يۇرىكىنىڭ ھەقىقەتەن پوك-پوكلىقىنى ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلگەندە بىلگەندەك بولدى.
        ئەكرەم سەلىمەنىڭ ئۇزى ئۇچۇن قۇربان بىرەلەيدىغانلىقىغا ئاللىبۇرۇن ئىشەنگەن ئىدى. ئۇ سەلىمەنىڭ چىرايىدىكى ئەنسىزلىكنى كۆرۇپ  ئۇنىڭ ئۆزى ئارزۇ قىلغان نەرسىنى ئەكەلگەنلىكىنى بىلىپ بولدى. ئىچىدە مىڭ ئازاپ، ئاغرىق قايناپ تۇرسىمۇ چىرايىغا ساختا كۇلگە يۇگۇرتتى. سەلىمە ئەكرەمنىڭ خوشال كەيپىياتىغا قاراپ خورلۇقلىرىنى بىراقلا ئۇنتىغاندەك بولدى. ئەكرەم ئۇچۇن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئېزىشىنى توغرا تاپتى. تاماق بىلەن قۇشۇپ ئەكەلگەن زەھەرنى ئەكرەمگە يەتكۇزدى، ئەكرەمنىڭ سەمىمى رەخمىتىدىن، خوشال بولۇشىدىن شۇنچىلىك سۇيۇندى. ئۇ ئەمدى ئەكرەم بىلەن تېخىمۇ بىرىكىپ كەتكەندەك، ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۇلۇك بەخىتكە ئىرىشكەندەك ، ئۇ يېنىپ چىقسىلا ئىللىق ئائىلىگە ئىگە بولىدىغاندەك تاتلىق ھىسلارغا چۆمدى. توغرا، ھەر قانداق ئادەم مۇھەببەت ئۇچۇن نۇرغۇن قۇربانلارنى بىرىشكە رازى. مۇھەببەت ئادەمنىڭ كۆزىنى كور قىلىۋېتىدۇ، ئۆز سۆيگۇنى ئۇچۇن گۇناھ ئىشلارمۇ، جىنايەتلەرمۇ ئادەتتىكى ئىشتەكلا بىلىنىدۇ، ئادەم ئۆز سۆيگۇنى ئۇچۇن بارلىغىنى ئاتاشقا تەييار تۇرىدۇ . مانا ، سەلىمە يەنە بىر قېتىم ئازدى، بىلىپ تۇرۇپ ئازدى، ئۆز تەسەۋۋۇرىدىكى گۇزەل كەلگۇسى ئۇچۇن ئازدى، لېكىن بۇنداق بەدەل تۇلەشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، مۇشۇ بىر قېتىملىق ئېزىشنىڭ كەينىدە يەنە قانچىلىك ئېزىشنىڭ بارلىقىنى بىلەلمىدى. بۇ خىل تۇنجى ئېزىشنىڭ ئۇنى تىرىك تۇرغۇزۇپ دوۋزاخقا تاشلايدىغانلىقىنى ئويلىيالمىدى.  ئەكرەم بىلەن خوشلاشقان ۋاقىتتىكى ئۇنىڭ ساختا كۇيۇنۇشلىرىدىن ئۆزىنى شۇنچىلىك بەخىتلىك ھىس قىلدىكى ، ھەممە ئىش ، كۆڭۇلسىزلىك مۇشۇنىڭ بىلەنلا ئاخىرلىشىدىغاندەك سۇيۇنۇش ئىچىدە ئۆيگە قايتتى.

         دىلنازنىڭ ئەنسىزلىكى تۇگۇمىدى. دىلناز «ئىستانسا باشلىقى گىپىمدىن تەسىرلەندى، ئۆزى ئۇستىدە ئويلاندى، ئۆز ئورنىنى ھىس قىلدى » دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن كىينكى ئىشلار ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدەك بولمىدى. ئىستانسا باشلىقى يەنىلا ئۇنىڭغا ئاچكۆز بۆرىدەكلا خىرىس قىلىپ تۇردى، ئۇنىڭ يوللىرىغا توساق قۇردى، بىزەڭ ئۇچۇرلار يەنىلا دىلنازنىڭ تېلىفۇنىدا ئۇزۇلمەي پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭ نازۇك قەلبىگە ئاراملىق بەرمىدى، پات-پات بىۋاستە ئۇرۇلىدىغان، ئۇنى تاماققا ، ھەر خىل سورۇنلارغا تەكلىپ قىلىدىغان تېلىفۇنلار تېخىمۇ ئاۋۇدى، خىزمەت ۋە توي قىلىش تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش ئۆتىۋاتقان دىلنازغا بۇ ئىشلار شۇنچىلىك ئېغىر كەلدىكى، نۇمۇس قىلمىسا، ئۆزىنىڭ نام-ئابروينى ئويلىمىسا ئىشخانىسىدا، كوچا-كويلاردا ئاۋازىنى قۇيىۋېتىپ ئۆكسۇپ-ئۆكسۇپ يىغلىغۇسى كىلەتتى.  ئىچىدىكى بارلىق ئازاپنى  بىراقلا چىقىرىۋەتكۇسى كىلەتتى.
         بۇگۇن ۋارسىنىڭ تېلىفۇنىنى تاپشۇرۇپ ئالغان دىلناز ئىشتىن چۇشۇشكە بۇرۇنراق تەييارلىق قىلدى، قولىدىكى خىزمەتلەرنى تىز-تىز تۇگەتتى. يۇرەكلىرى خىجىللىق ۋە ھاياجاندىن تىترەپ تۇرسىمۇ، لېكىن يەنىلا كەلگۇسىدىكى قېيىن ئاتا-ئانىسى ئالدىغا كۆرۇشۇشكە بارىدىغانلىقىدىن خوشال ئىدى. ئۆز تەسەۋۋۇردىكى بۇ مىھرىبان ئادەملەرگە بولغان غايىۋانە مۇھەببەت، ھۆرمەت ئۇنى راستىنلا ھاياجانلاندۇرىۋاتاتتى. قەلبىدىكى ئادىمىنىڭ  ئاتا-ئانىسى ئالدىغا ھەقىقى كىلىنلىق مەجبۇرىيىتى بىلەن ، پەرزەنتلىك مەجبۇرىيىتى بىلەن چىقىش، ئۇلارنى ئەزىزلەش ، بىر ئۆمۇر ئۇلارنى ئاسراش، ھۆرمەتلەشنى ئاللىبۇرۇن كۆڭلىگە پۇككەن دىلناز ئۆزىنى بەكمۇ بەخىتلىك ھىس قىلىۋاتاتتى. ئۇ دەرۋازا ئالدىدا ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغان ۋارسنى تاقەتسىزلەندۇرمەسلىك ئۇچۇن ئۇستى بېشىنى بىر قۇر تۇزەشتۇرگەندىن كىيىن ئالدىراپلا ماڭدى، راستىنى دىسە ئۇ ۋارسىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن بەكرەك ۋارسىنى سېغىنغان ئىدى، ئۇنىڭ ئەركەكلەرگە خاس ھىدىنى، ئوتلۇق كۆزلىرىنى ، شىرىن لەۋلىرىنى سېغىنغان ئىدى.دىلناز  شۇلارنى ئويلىغاچ خىجىل بولغاندەك يۇزىنى بوشقىنغا سىپاپ قويۇپ دەرۋازا ئالدىغا چىقتى. چىقتىيۇ يەنە نىمىشقىدۇر   بۇرۇنقىدەكلا تۇيۇقسىز قاتتىق ئەندىكتى، بايىقى ئوتلۇق ھاياجانلىرى يەنە نەگىدۇر غايىپ بولدى. كىلىۋاتقان ئورنىدا قاققان قۇزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى.  ئەنە، دەرۋازا ئوڭ تەرىپىدە يەنە شۇ تۇنۇش ماشىنا، تۇنۇش چىراي ... بىر جۇپ ئوتلۇق كۆز ئۇنىڭغا ياق ئۇنىڭ ئاجىز يۇرىكىگە يەنىلا ھاياسىزلارچە قادىلىپ تۇرماقتا...  ئۇنىڭ بايامقى خوشاللىقلىرى، ھاياجانلىرى تۇرۇپ نەلەرگىدۇ يۇقاپ كەتتى، بىر دەرت كىلىپ ئۇنىڭ يۇرىكىنى تىلىپ ئۆتتى.  بۇگۇنكى خوشاللىقنىڭ ئورنىغا  بىر كۇڭۇلسىزلىك پەيدا بولىدىغاندەك قەلبى ئاچچىق ئازاپتىن بىر پەس ئۆرتەندى.  ئۇ دۇپۇلدەپ سۇقۇپ تۇرغان يۇرىكىنى پەسەيتىشكە تىرىشىۋېتىپ، سول تەرەپتىكى دەرەخ تۇۋىدە كىتاپ كۆرۇپ ئۆزىنى ساقلاۋاتقان ۋارسىنى كۆرۇپ تېخىمۇ چۇچۇپ كەتتى، بايامقى ئەندىكىشنىڭ ئورنىنى ئەمدىلىكتە قورقۇنچ ئىگەللىدى. تىز-تىز سۇقۇۋاتقان يۇرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتكىلى تاس-تاس قالدى. ئاھ خۇدا، نىمانداق تار جاھان، نىمانداق تەتۇر قىسمەت. ئەمدى قانداق ئىشلار يۇز بىرەر؟ ئىستانسا باشلىقىنىڭ ئېغىزىدىن ۋارس ئالدىدا قانداق بىمەنە گەپلەر چىقىپ كىتەر؟ ۋارس  نىمە دەپ ئويلاپ قالار؟ قانداق گۇمانلاردا بۇلار؟ ماڭا بولغان ھۆرمىتى، قىزىقىشى يۇقاپ كىتەرمۇ؟ مىنى خاتا چۇشۇنۇپ قالارمۇ؟ مىنىڭ كەلگۇسۇم، كۆز ئالدىمدىكى بەخىتلىك توي كۇنلىرىم ۋەيران بولارمۇ؟... دىلناز ئاخىرىنى ئويلاشقا جۇرئەت قىلالمىدى. ئۇنىڭ كاللىسى خىلمۇ-خىل پىكىرلەر ئىچىدە قايمۇقۇپ كەتتى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ ... ئۇ بىر دەقىقە سۇكۇتتە تۇرغاندىن كىيىن، ئىستانسا باشلىقىنى كۆرمىگەندەك قەدەملىرىنى تىز-تىز ئېلىپ ۋارس تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
        دىلناز تۇيۇقسىز ئالدىغا <شاررىدە> كىلىپ توختىغان <ئاۋدى> ماركىلىق كىچىك ماشىنىغا قاراپ ھۇدۇققىنىدىن بوشقىنا توۋلاپ سالدى، يەنە شۇ ئوتلۇق شەھۋانى كۆزلەر، قاپقارا بۇرۇت، نىمىگىدۇر ئىنتىلىپ تۇرغان قېلىن لەۋلەر... ئۇھ، ئەمدى بىر ئېغىر ئويۇن باشلىنىدىغان بولدى، دىلنازنىڭ يۇزى ۋارس ئالدىدا تۇكۇلىدىغان بولدى، كونا ئاشىنىسىدەكلا شىرىن گەپلەرگە كۇنۇپ كەتكەن ئىستانسا باشلىقى ھاياسىز ئاشىققا ئايلىنىدىغان بولدى... دەل شۇ ۋاقىت دىلنازنىڭ توۋلىشدىن چۇچۇپ بېشىنى كۆتىرگەن ۋارس ، كۆز ئالدىدا ھۇدۇقۇپ تۇرغان دىلنازنى كۆرۇپ يۇگۇرۇپ كەلدى-دە، ئۇنى دەرھاللا يۇلىۋالدى. مانا تۇنۇش ھىد، تۇنۇش ئوتلۇق بەدەن، ھارارەتلىك قوللار... دىلناز ئسىىگە كەلگەندەك بولدى. كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ تۇرۇپ دەقىقە ئىچىدە نۇرغۇن پىكىرلەرنى قىلىشقا ئۇلگۇردى، ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىشقا تىرىشتى، باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان كۇڭۇلسىزلىكنى دەرھال ياخشى تەرەپكە بۇراشقا تەييارلىق قىلدى.
          -قورقىتىۋەتتىم ھە دىلناز، قېنى ماشىنىغا چىقىڭ ، ئۆزەم ئاپىرىپ قوياي.
          دىلناز كۆزلىرىنى يۇغان ئېچىپ ماشىنا ئەينىكىدىن بېشىنى چىقىپ تۇرغان ئسىتانسا باشلىقىغا زورىغا كۇلۇمسىرەشكە مەجبۇر بولدى.
         -رەخمەت مەردان ئاكا، بىز باشقا ياققا بارماقچىدۇق، سىزنى ئاۋارە قىلمايلى .
         - ئاۋارىچىلىق ئەمەس، قېنى تىز بۇلۇڭ.
         -بولدى ، بولدى، بىز بەك يىراققا بارىمىز. ھەر راست، تۇنۇشۇپ قويۇڭ، بۇياق مىنىڭ يىگىتىم ۋارس ، - دىلناز يېنىدا ھۇدۇقۇپ تۇرغان ۋارىسنى بوشقىنا نۇقۇپ قويدى، ئۇ مۇشۇ پەيتتە دەل مۇشۇنداق قىلىش كېرەك ئىدى،- بۇياق بىزنىڭ ئىستانسا باشلىقىمىز مەردان ئاكام.
         -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،- ۋارس ھېيىقىش ئىچىدە ماشىنا ئىچىدىكى سۇرلۇك ئادەمگە قولىنى ئۇزاتتى.
         -ھە، ياخشىغۇ - ئىستانسا باشلىقى ئالدىدىكى ساددا كىينىگەن يىگىتنى مەنسىتمىگەندەك ئاددىلا سالام قايتۇردى. ئۇ بۇ يىگىتنىڭ دىلنازنىڭ لايىقى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگەندەك قىلاتتى.
         - ھەر قانچە يىراققا بېرىپ باشقا شەھەرگە كەتمەيدىغانسىز. سىزغۇ ئالدىڭىزدا ئىسىل ماشىنا تۇرسا، تاكسى تۇسۇپ مېڭىشقا ئامراق قىز،-ئىستانسا باشلىقى ئۆزىنىڭ سۆزىدىن ئۆزى رازى بولغاندەك دىلنازغا مەنىلىك قارىدى.
         - ياق، شۇ جەنۇبى يۇلۇچى تۇشۇش بىكىتىگە بارماقچىدۇق. بوپتۇ ئەمىسە، ئاۋارىچىلىك كۆرمىسىڭىز چىقايلى،-دىلناز تەمتىرەپ تۇرغان ۋارىسقا زورىغا كۇلۇمسىرەپ ماشىنىغا چىقتى، ۋارسىمۇ تەئەججۇپ ۋە ھېيقىش ئىچىدە ئۆزى بىلىپ-بىلمەي دىلنازغا ئەگىشىپ بۇ كاتتا باشلىقنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ قالدى.  ئارقا تەرەپتە سەلىمەنىڭ قېشىدا قورۇنۇپقىنا ئولتۇردى.
         مانا ، دىلناز ئەنسىرىگەن ئىش كۆز ئالدىدىلا .  ئۇ مۇشۇ پەيتتە مۇشۇنداق قىلمىسا بولمايتتى. باشلىق بىلەن تاكاللاشسا باشقا ئەھۋاللار كۆرۇلۇپ قېلىشى ئىنىق  . ئسىتانسا باشلىقىنىڭ ئېغىزىدىن بولمىغۇر گەپتىن بىرسى چىقىپ كەتسە تۇگەشكىنى شۇ، ئۆزىنى قانچە ئاقلىسىمۇ بىكار؟ ئەمدى بەختىنى ، كەلگۇسىنى دەپ چىداپ سۇكۇت قىلىش كېرەك، ئىچىدە غەزەپ قايناپ تۇرسىمۇ ، كۇلۇمسىرەپ تۇرۇپ جاۋاپ بىرىش كېرەك، باشلىقىغا ئەڭ سىپايە، ئەڭ سەمىمىلىك بىلەن كۆڭلىنى ئىپادىلىشى ، ۋارسقا بولغان ئوتتەك مۇھەببىتىنى باشلىق ئالدىدا نامايەن قىلىش كېرەك.  ھەي، بۇ دۇنيا نىمە دىگەن ئادالەتسىز، نىمانداق رەزىل. ۋىجدانىمدا تۇرىمەن، پاكلىقىمنى قوغدايمەن دەپ چىڭ تۇرسا مۇھىت ئۇنىڭغا يول قويمايدۇ. ئۇنى شاللىۋېتىدۇ. ئەگەر قۇبۇل قىلسا ۋىجدانى بۇلغىنىدۇ، بىر ئۆمۇر ئاچچىق پۇشايمانغا قالىدۇ. ھەي، زىددىيەتكە تولغان دۇنيا، مۇرەككەپ خاراكتىرغا تولغان ئادەملەر توپى...يەنىلا ئەڭ ئاقىلانە تەدبىر- ۋەزىيەتنى ئوڭشاش، ئۆزىدىكى گۇزەل قەلب بىلەن باشلىقنى تەسىرلەندۇرۇش...  دىلناز ئويلۇنۇپ قالدى- ئۇ يەنە  شۇ ئادەملەر ئارىسىدا ياشىشى، خىزمەت قىلىشى كېرەك. ھەممىدىن ۋاز كىچىش تېخىمۇ ئاقىلانلىق ئەمەس...
    [ sirdaxim تەرپىدىن 2008-04-19 14:36 قايتا تەھرىرلەن ]
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    قۇملۇقنى كولىما بايقۇش، توغراقنى قۇچاقلاپ يىغلاپ-يىغلىۋال ...
    | ۋاقتى : 2008-04-19 01:16 28 -قەۋەت
    sirdaxim
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15864
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 725
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە725دانە
    شۆھرەت: 758 نۇمۇر
    پۇل: 2252 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :298(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

        ماشىنا ئاستا قوزغالدى. لېكىن ھەممە سۇكۇت ئىچىدە ئولتۇراتتى. ئىستانسا باشلىقىنىڭ خىيالىدا تەلۋىلەرچە قىزىقىش، ئەسەبىي ھىسيات، دىلنازنىڭ خىيالىدا ئەندىشە، نەپرەت، ۋارسىنىڭ خىيالىدا ھۇدۇقۇش، ھېيقىش... ھەممىىسى ئۆزىنىڭ تىنىمسىز خىياللىرى بىلەن ئاۋارە. ۋارس يېنىدا ئەگىم قاشلىرىنى بىر قىسمىلا تۇرۇپ ئولتۇرۇپ ئويغا چۆككەن دىلنازغا ئەجەپلەنگەندەك ئاستا قاراپ قويدى. دىلناز بۇ قاراشتىن يەنىلا شۇركۇنۇپ كەتتى، <بۇنىڭ بىلەن نىمە مۇناسىۋتىڭىز بار؟> دىگەن سۇئالنى سورىغاندەك ئېغىر بىر تىنىپ قويۇپ قويدى. ئۇ ماشىنا ئالدىدا رولنى بار كۇچى بىلەن تۇتۇپ ئولتۇرۇپ گىدىيىپ ماشىنا ھەيداۋاتقان ئىستانسا باشلىقىغا <لاپ> قاراپ قويۇپ، دىمىغىنى ئاستا قاقتى.
        - ۋارس، مەردان ئاكامنى تۇنۇمايسىزغۇ دەيمەن، ئۇ بەك قابىلىيەتلىك رەھبەر، بىزگە تەلەپنى بەك چىڭ قۇيىدۇ.
        ئىستانسا باشلىقى كەينىنى كۆرۇش ئەينىكىدىن دىلنازنىڭ ۋارسقا گەپ قىلىۋاتقان قىياپىتىگە دىققەت قىلىپ ئولتۇراتتى .
        -ئۇنداق دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. بەك ماختىۋەتتىڭىز.
      -راسقۇ، خىزمەتتە تەلەپچان بۇلۇش بىلەن بىرگە خىزمەتداشلارنى، قول ئاستىڭىزدىكى خادىملارنى بىر تۇققىنىڭىزدەكلا كۆرىسىز.
        -بولدى ، ماختىماڭ دىلناز، سىز ماختىسىڭىز مەن بىر قىسمىلا بولۇپ قالىدىكەنمەن.
        - ياق ماختاشقا ئەرزىيسىز مەردان ئاكا. رەھبەر دىگەن ئۆزىنىڭ ئالىجاناپ خاراكتىرى ئارقىلىق تۇۋەنگە ئۆلگە بولىدۇ، ئۇلارنى يىتەكلەيدۇ، مانا سىزمۇ ھەممىمىزگە ئىقتىدار، ئەخلاق، ساپا جەھەتتە باشلامچى بۇلۇپ، ئىدارىمىزنى ئىسمى-جىسمىغا لايىق مەدىنىيەت تارقىتىدىغان ئورۇنغا ئايلاندۇرۇشقا زور تىرىشچانلىق كۆرسۇتۇپ كەلدىڭىز. بىزنىڭ نەتىجىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى يەنىلا سىزنىڭ تۆھپىڭىز ...
        -ھە...ياق...ھە...-ئىستانسى باشلىقى تەمتىرەپلا قالدى. <نىمىدىگەن قۇۋ، نىمىدىگەن يامان نەرسە بۇ ...> دىگەنلەرنى ئويلىدى.- رەخمەت، رەخمەت...
        - تۇرقىڭىزدىنلا سالاپىتىڭىز، قابىلىيىتىڭىز مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇرىدىكەن. - ۋارس زورىغا گە پ قىستۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.- بۇگۇنمۇ مۇھىم ئىشلىرىڭىزنى قويۇپ ، بىزلەرنى ئاپىرىپ قويۇش ئۇچۇن مېڭىۋاتىسىز. سىز راسلا ئالىجاناپ ئادەمكەنسىز.
        -رەخمەت، رەخمەت.- ئىستانسا باشلىقى چىرايىغا كۇلكە يۇگۇرتۇشكە مەجبۇر بولدى. خۇددى ھەر ئىككىسى مەسلىھەتلىشىۋېلىپ بۇ ماشىنىغا چىقىپ ئۆزىنى ئۇچۇرىۋاتقاندەك سەل-پەل بىئارام بولدى. - دىلناز ، بۇ ئىنىمىزمۇ سىزدەكلا ئەجەپ سۆزمەنكەن. قارىغاندا بىر سىنىپتا ئۇقۇغان ساۋاقداش ئوخشايسىلەر.
        -ياق ، ۋارس باشقا كەسىپتە ئۇقۇغان. لېكىن خەت يېزىشقا، پىكىر قىلىشقا بەك ئۇستا.- دىلناز مەمنۇن بولغاندەك ۋارسقا مەنىلىك كۆز يۇگۇرتتى.
        -ھە، ئۇنداقتا بۇ ئىنىمىز قەيەردە ئىشلەيدۇ؟
        -سۇپەت تەكشۇرۇش ئىدارىسىدا،- ۋارس دىلنازدىن بۇرۇن جاۋاپ بىرىپ ئۇلگۇردى. ئىستانسا باشلىقىنىڭ <ئىنىمىز> دىگەن گىپىدىن ھېيقىش ھىسياتى سەل يۇقىغاندەك قىلاتتى.
        -قايسى كەسىپتە ئۇقۇغان سىز ؟
        -خېمىيە كەسپىدە.
        -راسلا ئىقتىدارلىق ئىكەنسىز. بىزنىڭ بۇ تىرىشچان، چىرايلىق سىڭلىمىزنى مەكتەپتىلا قولغا كەلتۇرىۋاپتىكەنسىز ئەمەسمۇ؟...
        ۋارس ئىستانسا باشلىقىنىڭ سۆزىدىن خىجىل بولغاندەك ، دىلنازغا كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا قاراپ قويدى دە، ئالدىغا ئاستا سۇرۇلدى.
        -نىمە دىسەم بۇلا مەردان ئاكا. دىلنازنىڭ ئىقتىدارى ، چىرايىلا ئەمەس، ئۇنىڭ پەزىلىتى، ئىسىل ئەخلاقى مىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان. خۇدا رىسقىمىزنى قوشقان چېغى. ئاخىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ توي قىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز.
        دىلناز ۋارىسنىڭ سۆزلىرىدىن مەمنون بولغاندەك كۇلۇمسىرەپ يەرگە قارىدى. ئۇ ۋارسىنىڭ خېلى يۇرەكلىكىگە، مەردانلىقىغا قول قويدى. ئۆزى دىيىشى زۇرۇر بولغان گەپلەرنىڭ ۋارس ئېغىزىدىن چىقىۋاتقانلىقىدىن خوشال بولدى. لېكىن ئىستانسا باشلىقى خوشال ئەمەس ئىدى، ۋارسىنىڭ سۆزلىرى خۇددى < بۇمىنىڭ لايىقىم، مىنىڭ خوتۇنۇم، ئۇنىڭغا قالايمىقان چاقچاق قىلما، ئۆزەڭنى بىلىپ يۇر> دىگەندەك بىلىنىپ كەتتى. ئۇ تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇپ ئەينەكتىن ئىككى ياشقا ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراپ قويدى-دە، تاماكىسىنى قېنىپ-قېنىپ شورىدى.
        -چىكەمسىز سىزمۇ ئۇكا؟
        -بولدى رەخمەت مەردان ئاكا، ۋارس تاماكا چەكمەيدۇ.-دىلناز ئالدىراپ سۆز قاتتى.
        -راسما؟- ئىستانسا باشلىقى ئارقىغا ئۆرۇلۇپ دىلنازغا قارىدى. - قارىساممۇ تاماكا چىكىدىغاندەك قىلمايدۇ.
        - راس. مەن چەكمەيمەن، تاماكىنىڭ زىيىنىنى كۆپ ئاڭلىغاچقىمۇ، ياكى مەكتەپتە كۆپ تەجرىبە قىلغاچقىمۇ بۇرۇندىن چىكىپ باقمىغان.
        - ئۆزىڭىز قايەردىن بولىسىز؟
        -مەنما؟ قەشقەردىن ئاكا، قەشقەرنىڭ مەكىت ناھىيەسىدىن .
        -نىمە؟- ئىستانسا باشلىقى چۇچۇگەندەك تۇيۇقسىز ماشىنىسىنى تۇرمۇزلاپ سالدى، تېخى سۇمۇرۇشكە ئۇلگۇرمىگەن تاماكا ئىسىدىن قاتتىق ھۇتۇلۇپ كەتتى. ئۇ بۇ يىگىتنىڭ تۇرقى ۋە تەلەپپۇزىغا قاراپلا جەنۇبى شىنجاڭلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مەكىتلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى.- مەكىت ناھىيەسىدىن دىدىڭىزما؟
        -شۇنداق.
        -نىمىگە ھەيران قالدىكىن دەپ قالماڭ ئۇكا. مەنمۇ شۇ مەكىت ناھىيەسىدىن، لېكىن يۇرتتىن ئايرىلىغىلى 15 يىلدەك بولۇپ قالدى.
        -ھە،- ۋارس قىزىقسىنغاندەك كۇلۇمسىرەپ ئىستانسا باشلىقى ئولتۇرغان ئورۇندۇقنىڭ يۇلەنچۇكىگە يېقىنلاشتى. - توۋا، بىزنىڭ يۇرتتىن خېلى -خېلى ئادەملەر چىقىدۇ دىسە، ئۇرۇمچىدىمۇ بىر يۇرتلۇق رەھبەر ئاكىلىرىمىز كۆپكەن ئەمەسمۇ؟
        - ئۇنداق دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. سىزمۇ دىلناز بىلەن توي قىلىپ قالسىڭىز، نازىر ئاكامنىڭ ياردىمىدە تىزلا ئۇسۇپ ئىدارىڭىزگە باشلىق بۇلۇپ قالىسىز،شۇنداقمۇ يە دىلناز؟- ئىستانسا باشلىقى يەنىلا دىلنازغا مەنىلىك كۆز قىستى.
        - يا..ق ، ياق...خاتا ئويلاپ قالماڭ ئاكا، مەن ھەرگىز ئۇنداق خىيالدا بۇلۇپ باقمىغان.- ۋارس تۇيۇقسىزلا شەپەقتەك قىزىرىپ كەتتى، ئۇ ھازىرغىچە ئويلاپ باقمىغان بىمەنە خىيالنى ئىستانسا باشلىقىنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلاپ، خۇددى دىلناز ئالدىدا پەقەت مۇشۇ خىل ۋاستىنى دەپ توي قىلىدىغاندەك ئازاپلاندى. ۋارسىنىڭ كەيپىياتىغا دىققەت قىلىپ ئولتۇرغان دىلناز دەرھاللا ئېغىز ئاچتى.
        - ئۇنداق ئەمەس مەردان ئاكا، سىز بىلمەيسىز، ۋارس ئۇ تۇغما تالانت ئىگىسى، ئۇ مەكتەپتىمۇ ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن ئۇقۇغان، ئۇنىڭ ئىنگىلىز تىلى نەتىجىسى مەكتەپ بويىچە ئەڭ ئالدىدا. ئۇ ھازىرمۇ ئىشتىن سىرت ئىنگىلىز تىلى كۇرسى ئېچىۋاتىدۇ. ئۇچۇ ئاكا، باشقىلارغا ئەسلا ئوخشىمايدۇ، خېلى ۋىجدانى، ئىمانى بار . پەقەت ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى ، بىلىمىگە تاينىپ ئىشلەپ كۆزگە كۆرىنىدۇ. رەھبەر بولسىمۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى، بىلىمىگە تاينىپ بولىدۇ. شۇنداققۇ ھە ۋارس. - دىلناز تۇرۇپلا شۇنچىلىك مەغرۇر، شۇنچىلىك مەمنۇنلۇق بىلەن سۆزلەپ كەتتى. ئۇ شۇ تا بۇ گەپنى ئىستانسا باشلىقىنىڭ يۇرىكىگە تىگىپ توختىسۇن دىگەندەك قىلىۋاتاتتى.
        - شۇنداقمۇ ، قالغىنىنى كىيىن كۆرىمىزغۇ ھە.-ئىستانسا باشلىقى تاماكىسىنى يەنە قېنىپ-قېنىپ شوراشقا باشلىدى. ئارىدا پات-پات ئەينەكتىن كەينىدىكى ئىككى ياشنى كۇزۇتۇپ ماڭدى. بۇلۇپمۇ ۋارسقا باشقىچە دىققەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇزى ئاددى-ساددا بولسىمۇ ، كىلىشكەن تەقى-تۇرقى، سەمىمىيىتى، ئىسىللىكى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇرىدىغان بۇ يىگىتكە بىردە كۇنچىلىك كۆزى بىلەن، بىردە قايىللىق كۆزى بىلەن قارايتتى. ئۆزى شۇنچە قىلسىمۇ بىرەر ئېغىز تاتلىق سۆزىگە، ئوتلۇق كۇلۇمسىرىشىگە ئىرىشەلمىگەن دىلنازنى ئۆزىگە مەجنۇنلارچە كۆيدىرىۋالغان ، ئەسىر قىلىۋالغان بىر يۇرتلۇق بۇ يىگىتكە ھەيران بولاتتى. بىر نازىرنىڭ قىزى ، چىرايلىق بىر پەرى، كۆزكە كۆرۇنگەن بىر داڭلىق رىياسەتچى يىراق بىر يېزىدىن كەلگەن يىگىتكە كۆڭلىنى بىرىپ يۇرسە نىمە دىگۇلۇك. ساراڭ دىسۇنمۇ ياكى مەجنۇن دىسىنمۇ؟...ئىستانسا باشلىقى بېشىنى نىمىگىدۇر ئاستا چايقاپ قويۇپ ماشىنىسىنىڭ ماي تەپكىسىنى كۇچەپ دەسسەپ، تىز سۇرئەت بىلەن بىكەت تەرەپكە قاراپ ماڭدى. لېكىن ئۆزىنى بىر چاغلايدىغان ئىستانسا باشلىقىنىڭ يۇرىكى ئىككى ياشنىڭ مەنىلىك بېقىشلىرىدىن، كۇلۇمسىرىشىدىن يەنىلا قاتتىق ئازاپلىنىۋاتاتتى . بۇلارنى خۇددى ماشىنىسىغا ئۆزى گەپ ئاڭلىغىلى ئاچىققاندەكلا بىئارام بولاتتى...
    [ sirdaxim تەرپىدىن 2008-04-19 16:37 قايتا تەھرىرلەن ]
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    قۇملۇقنى كولىما بايقۇش، توغراقنى قۇچاقلاپ يىغلاپ-يىغلىۋال ...
    | ۋاقتى : 2008-04-19 16:29 29 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/5 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﺍﺷﻼﺭ ﺳﻮﺭﻭﻧﻰ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    ھازىرقى ۋاقىت : 06-16 12:12
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation