ياش يازغۇچى پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
ئاپتۇرى: مۇھەممەت ئەيسا
پەرھات ئاكا، سىزنىڭ «ئۆلىۋېلىش سەنئىتى» رومانىڭىز ئېلان قىلىنىپ، جەمئىيەتتە غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇ رومان توغرىسىدا ھەرخىل قاراشلار مەۋجۇت. مەن شۇ سەۋەبتىن سىز بىلەن مۇشۇ ئەسەر ھەققىدە سۆھبەتلىشىشنى زۆرۈر تاپتىم.
سوئال: «ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى» _ سىزنىڭ تۇنجى رومانىڭىز مېنىڭچە، بۇ ئەسەر خېلى مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقتى. سىز رومانغا نېمە ئۈچۈن شۇنداق ماۋزۇ قويدىڭىز؟
جاۋاب: 1986-1987 - يىللىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ئامېرىكىنىڭ بىر مەزگىللىك غايەت زور مەدەنىيەت دولقۇنىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان شائىرلىرىدىن ئاللان گىنسىبېرگ، سىلۋىيە پىلاس، ئەننى سېكستۇن ۋە ۋېليام كارلوس ۋېليامېسلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشقانىدىم. ئۇلارنىڭ بەزى شېئىرلىرى ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە كەلتۈرگەنىدى. ئاشۇ ئېكىستىرىزىمچى شائىرلار مېنى ھەيران قالدۇردى. گەرچە مەن بەك چېكىدىن ئاشقان ئىدىيەلەرنى ياقلاپ كەتمىسەممۇ، ئۇ ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى بۇخىل ھادىسە سۈپىتىدە مەۋجۇت بولغاچقا، ئۇنى تەتقىق قىلىش مۇھىم دەپ ئويلىدىم. ئامېرىكىنىڭ ئايال شائىرى سىلۋىيە پىلاسىنىڭ «ئۆلۈم بىر تۈرلۈك سەنئەت» دېگەن بىر مىسرانى ئوقۇپ، ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتقىچە ئۇنتۇيالماي يۈردۈم. بۇ مىسرا مېنى ھەم ھەيران قالدۇردى ھەم ھاياجانلاندۇردى. سىلۋىيە پىلاسىمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان شائىرە بولۇپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرى ۋە ئۆلىۋېلىشى مېنى قاتتىق ئويلاندۇردى. شائىرلار ئىچىدە ئۆلۈۋالغانلار ئاز ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئوقۇۋاتقان مەركىزى مىللەتلەر ئىنىستىتوتىدىمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلار كۆپ ئىدى. مانا بۇ بىزنىڭ مۇشۇ دۇنيايىمىزدا مەۋجۇت ھادىسە. كېيىن مەن پسخىلوگىيەنى بېرىلىپ ئۆگەندىن، پسىخىلوگىيە ۋە پەلسەپە پەنلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشتىم. بولۇپمۇ بىنورمال جىنسىي پسىخىكىنى ئالاھىدە تەتقىق قىلدىم. ئۇيغۇرلاردا بىنورمال ئادەملەر يوقمۇ؟ ئەلۋەتتە بار. بىراق بۇ ھەقتە تەتىقىقات يوق. مېنىڭ پسىخلوگىيە ئۆگىنىشىم ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتەك بىنورمال ھادىسىنى تەتقىق قىلىشىم ۋە بۇ ھەقتە ئەسەر يېزىشىمغا تۈرتكە بولدى. مەدەنىيەت ئانىتروپولوگىيىسى ۋە پەلسەپە جەھەتتىكى تەتقىقاتلىرىممۇ بۇ ئەسىرىمدە كۆرىنىپ تۇرىدۇ. بەزىلەر ھەتتا مېنى بۇ ئەسەرنى ئۆزەڭنىڭ ئانتېرپولوگىيە، پەلسەپە ۋە پسىخىلوگىيە بىلىملىرىڭنى كۆز - كۆز قىلىش ئۈچۈن يېزىپسەن، سەنئەتتىن يىراقلىشىپ، ئىلمىيلىككە بەك بېرىلەپسەن، دېيىشتى. بەلكىم ئۇلارنىڭ پەرەزلىرىمۇ خاتا بولمىسا كېرەك.
مېنىڭ تەتقىقاتىمدا ئۆلىۋېلىش ھادىسىسى بىر مەزگىل مۇھىم تېما قىلىپ تۇتۇلدى. سىلۋىيە پىلاسىنىڭ «ئۆلۈم بىر تۈرلۈك سەنئەت» دېگەن مىسراسى مۇشۇ ھادىسىلەرنىڭ ماھىيىتىدىن بىشارەت بېرەلەيدىغان مىسرا بولغاچقا، ئۇنى رومانغا ماۋزۇ قىلىپ ئىشلەتتىم. بەزىلەر چېكىدىن ئاشقان ئىدىيىلەرنى ئىنكار قىلغاندا، ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنىمۇ ئىنكار قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. بۇ ھەقتە گەپ قىلماسلىق ئارقىلىق ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىدۇ، بىراق ئاخىرىدا مەغلۇب بولىدۇ، تارىختا بۇنداق ئىشلار تالاي قېتىم يۈز بەرگەن. بىراق شۇنى تەكىتلەش زۆرۈركى، سەنئەتتىكى چېكىدىن ئاشقان ئىدىيىلەر بىلەن ئوخشىمايدۇ. سىياسىيدىكى چېكىدىن ئاشقان ئىدىيىلەر ئىنسانىيەتكە بالايىئاپەت كەلتۈرىدۇ. بىراق سەنئەتتىكى چېكىدىن ئاشقان ئىدىيىلەر پەقەت ئىنسانىيەتكە يېڭىچە بىرخىل سەنئەت دۇنياسى ئېلىپ كېلىدۇ. سەنئەتتىكى ئېكسترىمىزمنى سىياسىيدىكى ئېكسترىزىم بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويۇشنىڭ ئۆزى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا شەكىللەنگەن ئەدەبىياتنى ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقات قورالى دەپ قارايدىغان ئىدىيسىنىڭ مەھسۇلى. ئەدەبىياتنىڭ پەقەت تەشۋىقات قورالى دەپ قارايدىغان بۇ ئىدىيە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ ماھىيىتىنى تامامەن ئىنكار قىلغان. ئىنسانىيەتكە قارشى ئىدىيە بولۇپ، ئەسلىدە بۇ خىل ئىدىيىنىڭ ئۆزى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چېكىدىن ئاشقان ئەسەبىيلەرچە ئىدىيە ئىدى. بىراق بىزنىڭ خەلقىمىز ۋە ئەدەبىيات _ سەنئەت خادىملىرىمىز مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىكى ئاشۇ چېكىدىن ئاشقان سولچىل ئىدىيىدىن تېخى زادىلا قۇتۇلالمايلا قالماستىن تېخى بېشىچىلاپ كىرىپ كېتىۋاتىدۇ. ئەنە شۇ ماۋجۇشىنىڭ ياخشى بالىلىرى ئۇيغۇر ئەنئەنىسىگە تامامەن خىلاپ بولغان ئاشۇ سولچىل ئىدىيە ئارقىلىق بىزگە ھۇجۇم قىلىپ بىزنى ئېكتىسىزىمچى دەپ ئىسپاتلاشقا ئۇرىنىۋاتىدۇ. بۇ ناھايىتىمۇ كۈلكىلىك ئىش. ئۇلار ھېلىمۇ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا ياشاۋاتىدۇ.
مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىكى قىزىل قوغدىغۇچىلار ھازىرمۇ بىزنىڭ ئارىمىزدا قالتىس ئابروي بىلەن ياشىماقتا. ئۇلار مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىكى شۇئارلاردىكى «پرولتاريات» دېگەن سۆزنى «مىللەت» دەپ ئۆزگەرتىپ قويۇپلا مىللەتچى بولىۋېلىۋاتىدۇ.
مەن ئىنسانىيەت دۇنياسىدا سانسىز ئەسىرلەردىن بېرى مەۋجۇت بولىۋاتقان ئۆلىۋېلىش ھادىسىسىنى ئىپادىلەپ ئەسەر يازسام ئۇلار قاخشاپ كېتىشتى. روماننىڭ ئسىمى ئۇلارنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىۋەتتى. ئۇلار ھەرقانداق بىر ئەسەرنى تەشۋىقات دەپ قارايدۇ. مەن «ئۆلىۋېلىش» ھەققىدە ئەسەر يازغان ئىكەنمەن ئۇنى تەشەببۇس قىلغان بولىدىكەنمەن. زۇردۇن سابىر ئاكىمىز زەھەرلىك چېكىملىك ھەققىدە بىر پوۋېست يازدى. كېيىن ئۇ درامما قىلىپ ئىشلەندى. ئەجىبا ئاشۇ ئەسەردىكى خروئېن چەككۈچىلەرنىڭ نالە - پەريادىنى ئاڭلاپ، بۇ ئەسەردە زوردۇنكام خروئېن چېكىشنى تەشەببۇس قىلىپتۇ دېسەك بولامدۇ؟ شكىسبىرنىڭ «ماكبېت» دراممىسىدا سۈيقەست ۋە ئادەم ئۆلتۈرگەندىن كېيىنكى روھىي گۇمرانلىق تەسۋىرلەنگەن، ئەجىبا بۇنىڭ ئۈچۈن شكىسبىر قاتىللىقنى تەرغىپ قىلغان دېسەك بولامدۇ؟
ئەدەبىياتى يوق بىر مىللەت چوقۇم ياۋايى مىللەت بولۇپ ھېسابلىنىپ، دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرالمايدۇ. ئەجىبا ئۇيغۇرلارغا ئەدەبىيات كېرەك ئەمەسما؟ مەن بەزىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئەدەبىياتنىڭ كېرىكى يوق دەپ كاپشىپ يۈرگىنىنى ئاڭلىدىم. بىراۋ بىزدىن سىلەر ياۋايى مىللەتمۇ ياكى مەدەنىيەتلىك مىللەتمۇ دەپ سورىدا بىز چوقۇم مەدەنىيەتلىك مىللەت دەيمىز. سىلەرنىڭ ئەدەبىياتىڭلار بارمۇ؟ دېسە ياق دېسەك ئۇلار نېمە دەر؟ بىزگە ئەدەبىيات كېرەك ئەمەس دېسەك باشقىلار بىزنى تېخى ئىپتىدائىي جەمئىيەتكىمۇ كىرەلمەي، ھايۋان بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا ياشاۋېتىپتۇ دەپ قالمامدۇ؟
ئۇيغۇرلار ئەدەبىياتنىڭ چۈشىنىشى، ئىنساننىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى، مىللەتنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى سىياسەتنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشى كېرەك ئىدى. بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن قالغان قاتمال ۋە جاھالەتلىك ئىدىيىلەردىن قۇتۇلىشى كېرەك. ھازىرمۇ مەكتەپلەردە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن قالغان ئاشۇ ئەدەبىيەت نەزەرىيەلىرى داۋاملىق ئۆتۈلىۋاتىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەر بالىلارغا بۇرمىلىنىپ چۈشەندۈرىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىنسانىيەت خاراكتېرلىك زادىلا چۈشەنمەسلىك ياكى بۇرمىلاپ چۈشىنىۋېلىش يامراپ كېتىۋاتىدۇ.
كېيىنكى مەزگىلدە ئوتتۇرغا چىققان گۇڭگا شېئىرلار بىلەن يالغان مودېرنىزم «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ ئېلىپ كەلگىنىدىنمۇ دەھشەتلىكرەك ئاپەت ئېلىپ كېلىپ، بىر - بىرىگە ئۇلىشىپ كېلىپلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى مەڭگۈ قەد كۆتىرەلمەس قىلىپ قەددىنى پۈكلىۋەتتى.
گۇڭگا شېئىرچىلارنىڭ «ھەر قانداق بىر سۆزنىڭ كەينىگە مەلۇم مەنا يوشۇرۇنغان» دەيدىغان بىمەنە كۆز قاراشلىرىنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سىمۋۇل كېسىلى كۆرىلىپ ساقايماس ئاپەت بولدى. ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدىغان يالغان سىمۋۇللار، روھىي كېسەللىك ھالىتىدىكى سىمۋۇللار يامراپ كېتىپ، كىشىلەر بىر مەزگىل نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قېلىشتى. كېيىن گۇڭگا شېئىرچىلارنىڭ «مەن ئىجاد قىلدىم، قانداق چۈشىنىش كىتابخانىنىڭ ئىشى» دېگەن قارىشى بويىچە كىشىلەر ھەرقانداق ئەسەردىن ئۆزى خالىغانچە مەنە چىقىرالايدىغان بولدى، شۇنىڭ بىلەن ھەرقانداق ئەسەرنى كىتابخانىلار ئۆزى نېمىنى خالىسا شۇنداق چۈشىنىدىغان بولۇپ كېتىپ، نەتىجىدە ھەرقانداق ئادەمگە تۈزگەپ قىلغىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى. سىز ھەرقانداق بىرگەپنى دېسىڭىز ئۇنىڭدىن باشقىلار سىز ئويلاپمۇ باقمىغان مەنالارنى چىقىرالايدۇ ھەم بۇ مەنانى سىزنى دېدى دەپ تۇرىۋالالايدۇ. خالىسا دېمىگەن گەپنى دېدى قىلپ سىزنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا چاقالايدۇ، خالىسا كاپىر مۇناپىق قىلىپ سېسىتالايدۇ. دېمەك، ئاخىرىدا گۇڭگا شېئىرچىلار ئۇيغۇر خەلقىنى نورمال بىرجۈملە ئۇيغۇرچى سۆزنى چۈشىنەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى. ئەلۋەتتە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىمۇ مەدەنىيەتنى بۇنداق ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىدىغان، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر ئاقىۋەت كۆرىلىپ باقمىغانىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن گۇڭگا شېئىرچىلار مىللەت ۋە تارىخ ئالدىدا مەڭگۈ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك.
سىمۋۇلىزم ئۇيغۇرلارغا چۈشەندۈرۈلگەن بولسا گۇڭگا شېئىرچىلارنىڭ سىمۋۇلىنى ئۆزى چۈشەنمەي باشقىلارغا بۇرمىلاپ ئاغزىغا كەلگىنىچە چۈشەندۈرۈشلىرى ئاقمىغان بولاتتى. مەتبۇئات ئورۇنلىرى بۇنىڭغا ئانچە يول بەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن گۇڭگا شېئىرچىلارنىڭ دېگەنلىرى ھېساب بولۇپ كەتتى.
سوئال: بەزىلەر پەرھاتنىڭ ئەسەرلىرى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ شەخسىي پىسىخىك كەچۈرمىشىنىڭ بايانى دېيىشىدۇ. بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ بولۇپمۇ رومانىڭىزدا ئۆزىڭىز ئوقۇغان ئالىي مەكتەپ ھەم شۇ ئەتراپتىكى مۇھىت خېلى كۆپ تەسۋىرلەنگەن. بۇ ئەسەرنىڭ جەلب قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا قانچىلىك رول ئوينايدۇ؟
جاۋاب: مېنىڭ ئەسىرىمنى ئوقۇغان بەزى كىتابخانىلار دەل پسىخلوگىيە تەتقىقاتىنى چۈشەنمىگەچكە، يەنى پىسىخىلوگىيە پېنىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىلمىگەچكە، ئەسىرىمدىكى بەزى ئىچنىكە تەسۋىرگە قاراپ، مۇشۇ يازغۇچى ئۆزى شۇنداق ھېس تۇيغۇدا بولمىغان بولسا پېرسۇناژنىڭ ھېس - تۇيغۇسىنى شۇنچە ئىنچىكە تەسۋىرلەپ بېرەلەمتى دەپ ئويلىۋېلىپ، روماننى مېنىڭ شەخسىي كۈچۈرمىشىم دەپ قارىۋالغان گەپ. بەزىلەر مېنى ھاقارەتلەش ئۈچۈن بۇ سۆزنى قەستەن ئوتتۇرىغا چىقارغان. چۈنكى مېنىڭ رومانىمدىكى باش قەھرىمان بىر روھىي كېسەل. ئۇلار ئاشۇ باش قەھرىمان پەرھات تۇرسۇننىڭ ئۆزى دېيىش ئارقىلىق مېنى «ساراڭ» دەپ ھاقارەتلىمەكچى. ئەگەر ئۇيغۇرلاردا پسىخىلوگىيە تەتقىقاتى بار بولغان بولسا، كىشىلەر زادى كىمنىڭ روھىي كېسەل ئىكەنلىكىنى دەرھال ھېس قىلالمىغان بولاتتى. مېنى تىللاپ يازغان ئوبزورلار ئۈستىدىن پسىخىك ئانالىز ئېلىپ بارساق، ئۇنىڭدىكى نۇرغۇن لوگىكىسىزلىقلارنى ۋە بىكاردىن _ بىكار قاقشاشلارنى ھەم نۇرغۇن غەيرى ئەقلىي نەرسىلەرنى بايقايمىز. بۇنداق پىكىر قىلىش پەقەت ساراڭلار ساناتورىيىسىدىكى ساراڭلاردىلا بولىدۇ. مەسىلەن، مەن سىزگە بۇنداق كېسەللىك مىسالىدىن بىرنى كۆرستىپ قوياي.
x x ئەر، 43 ياش، دوختۇرخانىغا كىرىشتىن ئىككى ئاي ئىلگىرى خام خىيال تەلۋىلىكى پەيدا بولۇپ، ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن. كېيىن ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ئىزدەپ تاپقاندا ئۇنىڭ قولىدىن چۈشۈرمەي كۆتىرىپ يۈرگەن بىر تال قەغەزنى بايقىغان. قەغەزگە بىرقاتار سان - سىپىرلار يېزىلغان بولۇپ، بۇ سان ئۇنىڭ خوشنىسى بالىسىغا سان يېزىشنى ئۆگىتىپ يېزىپ بەرگەن سانلار ئىكەن. بىمار ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن كۈنى ئەتتىگەندە ئىشىك ئالدىغا چىقىپلا ئاشۇ سان يېزىلغان قەغەزنى ئۇچرىتىپ، بۇ سانلارنى زادىلا چۈشىنەلمىگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى مەلۇم بىر ئىشنىڭ بىشارىتى بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان. شۇنىڭ بىلەن قاتتىق جىددىيلىشىپ كەتكەن . ئۇنىڭدا بۇ سانلار ھەققىدە خىلمۇ-خىل خام خىياللار پەيدا بولغان. دەسلەپكى بىر نەچچە ساننى بىمار بەلكىم مەن بىلەن نىكاھى باغلانغان بىر قىزنىڭ تېلېفون نومۇرى بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ تېلېفون بەرگەن. نەتىجىدە بىرئەر كىشى چىقىپ ئۇنى تىللىغان. بەلكىم بۇ مەلۇم جاينىڭ نەچچىنچى رايون، نەچچىنى كوچا، نەچچىنچى بىنا، نەچچىنچى نومۇرلۇق ئۆينىڭ ئادرېسى بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم بۇ سانلارنىڭ كۆرسەتكىنى مەن بارمىسام بولمايدىغان مۇھىم بىر جاينىڭ نەچچە قەدەم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغاندۇ، دېگەندەك خىلمۇ - خىل خام خىياللارنىڭ تۈرتكىسىدە بىمار تىنماستىن كوچىلارنى ئايلىنىپ يۈرگەن.
دوختۇرخانىدا داۋالاش جەريانىدا مەلۇم بولىشى دوختۇرلارنىڭ پسىخىك ئانالىز قىلىپ داۋالىشى بىلەن كېسىلى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ياخشىلانغان ساقىيىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ دوختۇرلارغا ئېيتىشىچە، ئۇنىڭدا بۇنداق خام خىيال ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا كۆرۈلگەنىكەن. ئۇنىڭدا تۇيۇقسىز غەلىتە بىرخىل سېزىم پەيدا بولۇپ، ئۆزى بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان قىزنى ئۆزىنىڭ سۆيگىنى دەپ ئويلىۋالغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم 1962 _ يىلى 6 _ ئاينىڭ 19 _ كۈنى،<19>بولسا ئاشۇ قىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىق رەت نومۇرى، <26> بولسا مېنىڭ ئوقۇغۇچىلىق رەت نومۇرۇم، 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى بولسا بود ساتۋانىڭ تۇغۇلغان كۈنى. قىزىنىڭ رەت نومۇرى بىلەن مېنىڭ رەت نومۇرۇمنى بىر - بىرىگە قوشۇپ يازسا1962بولىدۇ. بۇدەل مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم، دېمەك بىزنىڭ نىكاھىمىز بىز تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا تەقدىرىمىزگە پۈتۈلگەن.»
جېڭ يەنپېي، لىن جىنشياڭ، جاڭ چۈنشيەن قاتارلىقلار تۈزگەن «بىنورمال پسىخىكا ۋە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار» فوجيەن پەن - تېخنىكا نەشرىياتى خەنزۇچە نەشرى 92 - بەت.
يۇقىرىقى كېسەللىك مىسالى بىلەن بىر ئوبزورچىنىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلىپ يازغان ئوبزوردىكى سان ئويۇنىنى سېلىشتۇرۇپ باقساق، بۇ ئوبزورچىنىڭ دەل ئاشۇ بىمارغا ئوخشاش خام خىيال تەلىۋىلىكىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقىشىمىز تەس ئەمەس.
مەن 51 يىلدىن بېرى پسىخىلوگىيە تەتىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. بولۇپمۇ روھىي كېسەللەر ھەققىدە پسىخىك ئانالىز ئېلىپ بېرىش. مەن ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلە. بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا بىنورمال ئادەملەر ناھايىتى كۆپ، ھەتتا بەزىدە پۈتكۈل جەمئىيەت خاراكتېرلىك بىنورماللىقمۇ يۈز بېرىدۇ، مەن بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىم ئاساسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە پسىخىك ھالەتلىرى ھەققىدە مەخسۇس بىر ئىلمىي كىتاب يازدىم. پات يېقىندا نەشر قىلماقچىمەن.
بۇ يۇقىرى مىسالدا دېيىلگەندەك بىر بىمار ئەسلىدە دوختۇردا داۋالانسا بولاتتى، بىراق بىز ئۇنى تامامەن نورمال بىلىپ، ئۇنى ھەدەپ كۆككە كۆتۈرىۋاتىمىز. بۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتى سەل قارىسا بولمايدىغان مەسىلە.
مەن بۇنداق نۇرغۇنلىغان كېسەللىك مىساللىرىنى كۆرگەن، تەھلىل قىلغان. روماننى يېزىش جەريانىدا تاھىرنىڭ بەزى كېسەللىك ھالەتلىرىنى تەسۋىرلەشتە مەن ئاشۇ دېلو مىساللىرىدىن پايدىلاندىم. مەسىلەن، خارلىنىش سەۋدالىقى (تاھىرنىڭ قولىنى تاماكىنىڭ چوغىدا كۆيدۈرۈشى، ئۆزىنى ئاچ قويىشى)، ئانانىزم قىلىشى، خىيالىي تۇيغۇ (ئۆي ئىچىدە قار يېغىۋاتقاندەك ھېس قىلىشى) قاتارلىقلار. بۇ ئالامەتلەر روھىي كېسەللەردە كۆپ كۆرىلىدىغان ئالامەتلەر. پسىخىلوگىۇە ئۆگەنگەندىلا ئادەم بۇنى بىلىۋالالايدۇ. بۇلار مەن پسىخىلوگىيەنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئۆگەنگەن نرەسىلەرم ھەرگىزىمۇ مېنىڭ ھېس - تۇيغۇم ئەمەس. ئەگەر روماندىكى باش قەھرىمان تاھىرنىڭ كەچۈرمىشلىرى مېنىڭ پسىخىك كەچۈرمىشلىرىم بولغان بولسا، مېنىڭ رومان يازالىشىم، نورمال ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشالىشىم مۇمكىنمۇ؟ مېنىڭ ساۋاقداشلىرىم ۋە تونۇش بىلىشلەر ھەممىسى بىلىدۇ. بەلكىم ئىجتىمائىي پائالىيەتتە ئەڭ ئاكتىپ پائالىيەتچى مەندىمەن. ئوقۇۋاتقان چاغدا تاھىر ھامۇت ۋە باشقا دوستلار بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭدا «تەڭرىتاغ لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسى»، «ئۇچقۇن ئەدەبىيات گۇرۇپپىسى» دېگەندەك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان، گېزىتلەرنى چىقارغان. بېيجىڭدىكى نۇرغۇن پائالىيەتلەر بىز بىلەن بولغان. كېيىن ئۈرۈمچىدىمۇ ئەدەبىيات سالونىنى ئاچقان. بىراق ھازىر سەل ئۈمىدسىزلىنىپ قالدۇق. ئۇيغۇلار ھېچ ئىش قىلماي قۇرۇق شۇئار توۋلاپ بەرسىڭىز سىزنى كۆتىرىدىكەن. مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن ھەر قانچە جان پىدا قىلسىڭىزمۇ چۈشىنىدىغان ئادەم چىقمايدىكەن.
«ئۆلىۋېلىش سەنئىتى» دە مەن ئۆزەم ئوقۇغان مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى تەسۋىرلىشىم. مەن ئۆزەمگە ناتونۇش جايلارنى، ناتونۇش تۇرمۇشنى تازا ياخشى يازالمايمەن. بۇنداق يېزىشىم ھەرگىزمۇ ئەسەرنىڭ جەلب قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئىلاجىسىزلىقتىن. مەسىلەن، مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ياكى قەشقەر پېداگوگىكا ئېنىستىتوتىنى ئارقا كۆرىنىش قىلىپ يازاي دېسەم يازالمايمەن. چۈنكى مەن ئۇ يەردىكى تۇرمۇشىنى روماندا تەسۋىرلىشىم ئۈچۈن يىپىدىن يىڭنىسىغىچە پىششىق بولۇشۇم كېرەك.
مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا پۈتۈن ئاز سانلىق مىللەتلەر يىغىلغان. ئۇيغۇلارنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلى، پسىخىك ئالاھىدىلىكى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان پەرقىنى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئادەم بەكمۇ ياخشى ھېس قىلالايدۇ. بۇمۇ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى.
ئەدەبىي ئەسەر ھامان توقۇلما. سىز توقۇلما قىلىپ يازغان سانلاردىن باشقىلارنىڭ خىلمۇ - خىل مەنالارنى چىقىرىشى پەقەتلا ئالغاندەك كېسەللىك .
سوئال: ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىلاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قانداقتۇر بىرە گۇناھ بىلەن ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. بارلىق دىنلاردا ئىنسان ئازغۇچى قىلىپ كۆرسىتىلدى. ئىنساننىڭ تەبىئەتكە قەدەم تاشلىشى تۇنجى «گۇناھ» ئەلۋەتتە بۇ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ. ئۇنداقتا تاھىرنىڭ ھالاكىتى تۇنجى «گۇناھ» نى ئۆتكۈزگەن ئىنساننىڭ روھىيىتىدىكى مەنىۋى بوھرانمۇ؟
جاۋاب: ئىنسان ئىپتىدائىي گۇناھ تۈپەيلىدىن ئۆلۈم ۋە ئازابتىن خالىي بولغان مەڭگۈلۈك غەيرى ماددىي دۇنيادىن ئۆلۈم، ئازاب مەۋجۇت بولغان ماددىي دۇنياغا قەدەم تاشلىدى. شۇندىن بېرى ئىنسانىيەت ماددا بىلەن ماددىدىن ھالقىغان يۈكسەكلىك ئوتتۇرىسىدا گاڭگىراپ كەلدى. ماددىدىن ھالقىغان ئېتىقاد ئىنساننىڭ ئۆلۈم ۋە ئازاب مەۋجۇت بولغان دۇنيادىكى بىردىن - بىر تەسەللىيسى بولۇپ كەلدى. بىراق تاھىرنىڭ ھالاكىتى بولسا، پەقەتلا ماددىي دۇنيانىڭ ئىنساننى ھالاك قىلىشىدىن ئىبارەت. ئىنسان غەيرى ماددىي دۇنيا بولغان جەننەتتىن بىز ياشاۋاتقان بۇ ماددىي دۇنياغا كەلگەندىن بېرى ئاشۇ جەننەتكە قايتىپ كېتىش ئۈچۈن ياشىدى. بىراق ھازىرقى زامان ئادەملىرى بولسا قايتىش يولىنى ئۇنتۇپ ماددا ئىچىدە ئېزىقماقتا.
ئۇنداقتا: «گۇناھ» ئۈستىدىن قاراپ چىقىش، ھۆكۈم قىلىش ئەسلىدە ئىنسان نەزەرىدە تەڭرىگە تەئەللۇقلا ئىش ئىدى. لېكىن ئىنسان مەڭگۈلۈك تەسەللىيگە ئېرىشىش ئۈچۈن «گۇناھ» تىن يىراقلاشقا ئۇرۇندى. تاھىرنىڭ پەرىدەگە ئۆزىنى ئاتىۋېتىشى ۋە ئاخىرىدا پەدەنىڭ پىچىقى بىلەن ئۆلۈپ كېتىشى ئىنساننىڭ _ تاھىرنىڭ گۇناھىنى يۇيۇش ئۈچۈن ئىجتىمائىيلاشقان جەمئىيەت ياكى ئىجتىمائىي ئۇنىۋېرسال ئىنسانلار توپىنى تەرك ئېتىشمۇ؟
جاۋاب:مەن روماندا ناھايىتى ئېنىق يازغان. تاھىرنىڭ پەرىدەگە ئۆزىنى ئاتىۋېتىشى ئەمەلىيەتتە ساختا كۆرىنىش، ئۇنىڭ پەرىدەگە بولغان ئاشىقلىقى پەرىدەگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆلۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن. تاھىر ئۈچۈن گۇناھ ۋە ئىجتىمائىيلىق مەۋجۇت ئەمەس. پەقەت ماددىلا مەۋجۇت. ماددىدىن ھالقىغان ھېچنەرسە مەۋجۇت ئەمەس. ئۇنىڭ ئۆلۈمى دەل مۇشۇ سەۋەبتىن. ئەگەر ئۇ ماددىدىن ھالقىغان بىر چەكسىزلىك ۋە قۇردرەتكە ئىشەنگەن بولسا ئۇنداق ھالاك بولمايتتى.
داۋامى بار...