قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 1641 قېتىم كۆرۈلدى
baturjangqi
مۇنبەر نازارەتچىسى
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى مۇنبەر نازارەتچىسى
دەرىجىسى : مۇنبەر نازارەتچىسى


UID نۇمۇرى : 11262
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3113
شۆھرەت: 1614 نۇمۇر
پۇل: 6499 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 ( باتۇر جەڭچى ) مەشھۇر شەخىسلىرىمىز

0
مەشھۇر ئەدىب ، شائىر - ئاپرىنچۇر تېكىن



تۇرپان رايۇنىدىن تېپىلغان مانى دىنى مۇھىتىدا يېزىلغان شېئرلار ئىچىدىكى بىر قانچە پارچە شېئىر ئاپرىنچۇر تېكىنغا تەئەللۇق بولۇپ ، بۇ شىېئرلار كۆپۈنچە بىر ۋاراقىنىڭ ئىككى تەرىپىگە يېزىلغان . ۋاراقنىڭ ئالدى بېتىدىكى تەكرار ئىككىلىك شەكىلدىكى ، ھەر كۇپلىتى تۆت مىسىرادىن تۈزۈلگەن ئۈچ كۇپلىت شېئىر « مانىغا مەدھىيە » مەزمۇنىدا ، كەينى بېتىدىكى ھەر كۇپلىتى ئۈچ مىسىرادىن تۈزۈلگەن يەتتە كۇپلىت شېئىر مۇھەببەت تېمىسىدىكى لىرىك شېئىردىن ئىبارەت .
شائىر ئاپرىنچۇر تېكىننىڭ تەرجىمىھالىغا دائىر ھىچقانداق ماتىرىيال يوق . لېكىن ئۇنىڭ تۇرپان رايۇنىدا مانى دىنى مۇھىتىدا ياشاپ شېئىر ئىجاد قىلغان ، شېئىرلىرىنىڭ تىلىغا قاراپ ، ئۇنى 8 - 9 - ئەسىرلەردە ياشىغان دەپ پەرەز قىلىشىمىز مۇمكىن . چۈنكى مانى دىنى تۇرپان رايۇنىدا 8 - 9 - ئەسىرلەردە بىر قەدەر ئومۇملاشقان بولۇپ ، تارىخچىلار بۇ دىن مۇھىتىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ ۋاقتى كۆپرەك مۇشۇ مەزگىلگە تەۋە دەپ ، پەرەز قىلىشتى .
شائىر ئاپرىنچۇر تېكىننىڭ شېئىرلىرى ساپ ئۇيغۇر تىلى بىلەن يېزىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئەينى دەۋىردىكى ئۇيغۇر مانى دىنى مۇھىتىنىڭ ئېدئېولوگىيىسى ۋە شائىرنىڭ ئېستېتىك دىتى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان .

تۆۋەندە ، بۇ شېئىرلاردىن بىر قانچە پارچىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز :
« كۈن تەڭرى يارۇقىن تەگ كۆكۈزلۈگۈم بىلگەم ،
كۈن تەڭرى يارۇقىن تەگ كۆكۈزلۈگۈم بىلگەم .
كۆرتلە تۈزۈن تەڭرىم كۈلۈگۈم كۈزۈمچۈم ،
كۆرتلە تۈزۈم تەڭرىم بۇرقانىم بۇلۇنچسۇزۇم » .

مەنىسى :
كۆڭلى كۈن تەڭرىسىنىڭ نۇردەك دانىشمىنىم ،
كۆڭلى كۈن تەڭرىسىنىڭ نۇردەك دانىشمىنىم .
گۈزەل پەزىلەتلىك ، شۆھرەتلىك قوغدۇغۇچى تەڭرىم ،
گۈزەل پەزىلەتلىك ، تەڭداشسىز بورھانىم ، تەڭرىم .

(« مەدھىيە » شېئىردىن )
1. ئا ①....
« ئادىنچىغ ئامراق ...
ئامراق ئۆز كىئەم ...
2 . قاسنىچىغىمىن ئۆيۈ قادغۇرارمەن
قادغۇر دۇقچە قاشى كۈتلەم
قاۋشىسا يۈرمەن
3 . ئۆز ئامراقىمىن ئۆيۈرمەن

مەنىسى :
1. ئا ...
بەكمۇ ئامراق ...
ئامراق ئايالىم ...
2 . يايرىمنى ئويلىسام قايغۇغا چۆكىمەن ،
قايغۇرغانسىرى ، ئىخ ، قارا قاشلىقىم ،
دىدارلىشىشقا شۇنچە ئىنتىزارمەن .
3 . ئۆز ئامرىقىمنى ئويلىسام ،
ئويلاپ ، ئويلاپ ...
ئۇنى قايتىلاپ سۆيۈشكە ئىنتىلىمەن ②

( « مۇھەببەتنامە » )③
شائىر ئاپرىنچۇر تېكىننىڭ بۇ خىل شېئىرىي ئۇسلوبى ، بەدىئىي ۋاستىلىرىنىڭ جەزبىدارلىقى ، تىل قۇرۇلمىسىنىڭ جۇلالىقلىقى بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ تارىخى ، مەزمۇن ۋە بەدىي ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر .
______________________________
ئىزاھات : ① چېكىت قويۇلغان ئۇرۇنلاردىكى سۆزلەر ئەسلى تېكىستتە ئۆچۈپ كەتكەن .
② شېئرنىڭ تېكىستى ۋە مەنىسىنى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان « بۇلاق » مەجبۇئەسىنىڭ 1981 - يىلى 2 - سانىدىن ئېلىندى .
③ تۈركىيىلىك رىشىت رەھمىتى ئارات « قەدىمكى تۈرۈك شېئرلىرى » ناملىق كىتابىدا بۇ شېئىرنى « شېىر ( ئاپرىنچۇر تېكىن ) » دىگەن ماۋزۇدا بەرگەن .



مەشھۇر ئەدىب ، شائىر - ئاتساڭ


ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن شائىرلارنىڭ بىزگىچە يىتىپ كەلگەن ئەدەبىي مىراسلىرى ئىچىدە ، ئاتساڭ ئىسىملىك شائىرنىڭ بۇددا دىنى ماھىيانا مەزھىپىنىڭ ئاساسلىق نومى بولغان ئاراتامسىاكا سۇترانى مەدھىيىلەپ يازغان « ئون ئىشقا مەدھىيە » ناملىق بىر پارچە شېئرى بار . شېئىر جەمئى 14 كۇپلىت تۆت مىسىرادىن تۈزۈلگەن .
شېئىرنىڭ 1 - كۇپلېت ، 7 - مىسىرادىن بىزگە مۇئەللىپ ئىسمىنىڭ ئاتساڭ ئىكەنلىگى مەلۇم بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ تەرجىمىھالىغا دائىر باشقا بىرەر ماتىرىيال بىزگىچە يىتىپ كەلمىگەن . ھالبۇكى ، شائىر ئاتساڭنىڭ بۇ بىر پارچە شېئىردىكى ئۆزگىچە بەدئىي ئۇسلۇپ ۋە ئىپادىلەش ماھىرلىقىدىن بىز ئۇنىڭ ئۆز دەۋرىنىڭ تالانىتلىق شائىرى ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىمىز .

مەسىلەن ، شائىر شېئىرنىڭ 2 - كۇپلېتىدا :
« ئاياغۇلۇغ ئومۇغۇمۇز بىرەر تۇشلاردا ،
ئادىنلارنىڭ ئاسىغى ئۈچۈن لۈئۈكەلىگ ئۇز ،
ئانچۇلاريۇ قالتى سۇمۇر تاغلارقانى تەگ ،
ئايى ئۇلۇغ ئارتۇق كۆركلە ئەتئۆز بەلگۈردۇر .
ئاز ۇيمە ئول قاڭمىز باغلاشىنۇر ،
ئامرىلىپ ئىنىچ تەررەمەدىن ئۇلۇرمىش ئۆدتە ،
ئارىتى نەڭ سىمەكسىزىن ئالقۇتىن سىڭار ،
ئاڭسىز ئۆكۈش ئۇلۇشلاردا تولۇ كۆزۈنۇر » .

مەنىسى :
ھۆرمەتلىك پاسىبانىمىز كارامىتىنى كۆرسىتىپ ،
باشقىلار ئۈچۈن بەخىت ئىزلىگەندە ،
گويا ئاسمانغا تاقاشقان سۇمرۇغ تېغىدەك ،
بەستىلىك ۋە قامەتلىك تۇرقىنى كۆرسىتىدۇ .
يەنە ئۇ ئاتىمىز سۈكۈتتە جىمجىت ،
چازا قۇرۇپ تەۋرىمەي ئولتۇرغىنىدا ،
ئۇنى ھەر تەرەپتىن ئىزلەش ھاجەتسىز ،
ئۇ ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئالدىدا كۆرىنىدۇ .

شائىر ئاتساڭنىڭ بۇ بىر كۇپلېت شېئىرىدا ئۆزى مەدھىيلىمەكچى بولغان ئوبىكىتنىڭ ئوبرازىنى تەسۋىرلەشتىكى بەدىئىي ماھارىتى بىزنىڭ يۇقىرقى پىكىرىمىزنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ .

مەنبە : شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1999 - يىلى نەشىر قىلغان « سۈي ، تاڭ سۇلالىلىرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخى شەخىسلەر » دىگەن كىتاب .
[ بۇ يازما baturjangqi تەرپىدىن 2008-03-13 19:11 دە ]
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-03-13 14:36 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
nodar
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 10208
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1781
شۆھرەت: 416 نۇمۇر
پۇل: 2811 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 37(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

ە ئۇ ئاتىمىز سۈكۈتتە جىمجىت ،
چازا قۇرۇپ تەۋرىمەي ئولتۇرغىنىدا ،
ئۇنى ھەر تەرەپتىن ئىزلەش ھاجەتسىز ،
ئۇ ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئالدىدا كۆرىنىدۇ بىركۈن
رەھمەت باتۇر جەڭچى، قىممەتلىك ماتىريال بىلەن تەمىنلىگىنڭىزگە رەھمەت
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-13 14:44 |
baturjangqi
مۇنبەر نازارەتچىسى
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى مۇنبەر نازارەتچىسى
دەرىجىسى : مۇنبەر نازارەتچىسى


UID نۇمۇرى : 11262
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3113
شۆھرەت: 1614 نۇمۇر
پۇل: 6499 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

داڭلىق تىببىي ئالىم ، تەرجىمان - گەنجۇ قاغىن

گەنجۇ قاغىن ( مىلادى 7 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 8 - ئەسىرنىڭ ئۆتتۇرلىرىغىچە ياشىغان ) ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئاتاقلىق تىببىي تەرجىمانى ۋە مەشھۇر تىۋىپ  بولۇپ ، ئۇدۇنلۇق ئۇيغۇر .
مىلادى 710 - يىلى تاڭ سۇلالىسى مەلىكىلىرىدىن چۈەن چىڭ مەلىكە شىزاڭغا ئەۋەتىلىپ ، تىببەتلەر خانلىقىنىڭ تۆتىنچى ئەۋلات پادىشاھى چىدې زۇزەن  ( مىلادى704 - 754 - يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان ) غا ياتلىق قىلىنغان . مەلىكە چۈەن چىڭ بىللە ئېلىپ بارغان زور بىر تۈركۈمدىكى تىببىيى ئەسەرلەر گەنجۇ قاغىن يىتەكچىلىگىدە خەنزۇ راھىب ( تىۋىپ ) شيەن رۇ ، زاڭزۇ تەرجىمانلاردىن جڭبۇزىسى  ، چىڭبۇ دۇنجۇ ، جۆلامىنبا  قاتارلىقلار تەرپىدىن تىبەتكىچە تەرجىمە قىلىنغان . گەنجۇ قاغىن يەنە خەنزۇ راھىب ۋۇجىڭ ۋە زاڭزۇ تەرجىمان ۋىي لۇزانا  قاتارلىقلارغا يىتەكچىلىك قىلىپ ، نۇرغۇنلىغان تىببى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغاندىن سىرىت ، تىبەت خەلقى ئارىسىدىكى تىبابەتكە دائىر تەجىربىلەر ۋە ئۆز يۇرتىدىكى ھەمدە چەتئەلدىكى تىبابەتكە دائىر تەجىربىلەرنى قۇبۇل قىلىپ ، تەرگە« يۆجى ياۋجىن » ( ئاي كەبى دورىلار بىلەن كېسەللىك داۋالاش ) دىگەن داڭلىق تىببىي ئەسەرنى تۈزۈپ بەرگەن .



تىببىيى ئالىم - جان باشلاق ( شىراخان )
 
جان باشلاق ( شىراخان ) مىلادى 8 - ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇر تىبابەت ئالىمى ، ئۇ ، چەرچەندە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە ياش چېغىدىلا تىبابەتچىلىك ئىلىمىگە قىزىقىپ ، خەلق ئارىسىدىكى تىۋىپ - ھۆكىمالار ۋە بۇددا راھىبلىرىنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگەنگەن .
جان باشلاق ئەمچى ، ئاتاچى ، قام ۋە باشقىلارنىڭ ھەرخىل داۋالاش تىپلىرىنى توپلاپ ، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىلىمىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك تەجىربە - ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا ، كۆپ خىل دورىلارنى ياساش ۋە تەجىربىلەردىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ، ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ھۆكۈمالىرىدىن بىرى سۈپىتىدە تۇنۇلغان . ئۇنىڭ نام - شەرىپى ئۆز يۇرتىدىن ھالقىپ قوشنا ئەللەرگە قەدەر تارقالغانلىقتىن ، تىبەت لاماسى ئۇنى تەكلىپ بىلەن شىزاڭغا ئاپىرىپ ، بىر قانچە يىل ئەتىۋارلاپ ئۆز يېنىدا تۇرغۇزغان . جان باشلاق لاسادىكى چوڭ ئىبادەتخانىدا راھىب تىۋىپلارغا ئۇيغۇر تىبابىتىدىن تەلىم بەرگەندىن تاشقىرى ، « تىرىك بەدەن ئۆلچەملىرى » ، « جەسەت رەسىم نۇسخىلىرى » قاتارلىق تىبابەتچىلىك ئىلىمىگە دائىر ئەسەرلەرنى يېزىپ ، زاڭزۇ تىبابەتچىلىكىنىڭ راۋاجلىنىشىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن ، ئۇنىڭ يۇقىرقى ئىككى پارچە ئەسىرى شىزاڭنىڭ مەشھۇر تۆت توملۇق تىببىي قامۇسىغا كىرگۈزىلگەن .
[ بۇ يازما baturjangqi تەرپىدىن 2008-03-13 19:12 دە ]
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-13 14:47 |
xarbat
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 5554
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 336
شۆھرەت: 238 نۇمۇر
پۇل: 742 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-06-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-27

 

. ئا ...
بەكمۇ ئامراق ...
ئامراق ئايالىم ...
2 . يايرىمنى ئويلىسام قايغۇغا چۆكىمەن ،
قايغۇرغانسىرى ، ئىخ ، قارا قاشلىقىم ،
دىدارلىشىشقا شۇنچە ئىنتىزارمەن .
3 . ئۆز ئامرىقىمنى ئويلىسام ،
ئويلاپ ، ئويلاپ ...
ئۇنى قايتىلاپ سۆيۈشكە ئىنتىلىمەن                              قالتىس يېزىلىپتۇ  ئاپرېن
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-13 14:49 |
baturjangqi
مۇنبەر نازارەتچىسى
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى مۇنبەر نازارەتچىسى
دەرىجىسى : مۇنبەر نازارەتچىسى


UID نۇمۇرى : 11262
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3113
شۆھرەت: 1614 نۇمۇر
پۇل: 6499 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

مەشھۇر ئەدىب ، شائىر - پراتياشىرى

پىراتياشىرى - بۇددا دىنىنىڭ ماھايانا مەزھىپىگە مەنسۇپ ئىسىم بولۇپ ، تەخەللۇس ئورنىدا قۇبۇل قىلغان . ھالبۇكى ، « پراتياشىرى » تەخەللۇسلۇق بۇ شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىماننىڭ ئەسلى ئىسمى ۋە تەرجىمىھالى بىزگە مەلۇم ئەمەس .
پراتياشىرىنىڭ ئىجادىيىتىدىن بىزگە « ئون تۈرلۈك نەزەر ئۇسۇلى » ، « جانلىقلارغا پايدا يەتكۈزمەك » ، « ئېتىراپ » ، « توغرا يول » ، « ياخشى تىلەك » ، « ئىشەنىچ » ، « ياخشى نىيەت » قاتارلىق شېئرلىرى ، يەتتە قىسىمدىن تەركىپ تاپقان 50 كۇپلېت تۆتلىكى ( ماۋزۇسىز ) ھەمدە سانسكرىت تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان « ھېكمەت پەزىلەتلىرى » ناملىق 23 كۇپلېت تۆتلىك شەكىلدىكى شېئردىن ئىبارەت بىر قەدەر كۆپ ئەدەبىي مىراسى يىتىپ كەلگەن . ئۇنىڭ شېئرلىرى ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرى پۈتۈنلەي بۇددا دىنىنىڭ ماھايانا مەزھىپى مەزمۇنىدا بولۇپ ، ئۇ ئۆز تەخەللۇسىنى ئەسەرلىرىنىڭ ئاخىرىغا ئېنىق قىلىپ يېزىپ قالدۇرغان .
پراتياشىرى بۇددا دىنىنىڭ ماھايانا مەزھىپى ئەقىدىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئوبرازلىق تىل ، بەدىئىي ۋاستىلەردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ ، ئۆز شېئرلىرىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ، ئۈنۈمدارلىقىنى يۇقىرى كۆتەرگەن ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يىتىلگەن شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمان ئىكەنلىگىنى نامايەن قىلغان .

تۆۋەندە ، ئۇنىڭ « جانلىقلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش » ناملىق شېئردىن بىر كۇپلېت مىسال كەلتۈرىمىز :
« كۆل سۇۋىنىڭ لىنىخۇائاسىتەگ يۇقۇلۇنچىسۇز ئارىيۇ ،
كۆك ايازنىڭ كۈن ئايى تەگ ئالىنچىسىز يورىيۇ .
كۆپ قىلىنچىتىن نىشۋانتىن شىمنۇنۇڭ سىمىنىتىن ،
كۆچەر بارىر يىرتىنچۇنۇڭ يولنىدىن ئوشالىم » .

مەنىسى :
كۆل سۈيىدە ئۆسكەن لەنخۇا گۈلىدەك غۇبارسىز ئايلىنىپ ،
كۆك ئاسماندىكى قۇياش ۋە ئايدەك توسقۇنسىز ئايلىنىپ .
تۈرلۈك ھاۋايى - ھەۋەستىن ، ئىپلاسلىقتىن ، شەيتانلار زىمىنىدىن ،
ئۆتكۈنچى بۇ دۇنيانىڭ بارلىق يولىدا ۋاز كېچەي .

تەتقىقاتچىلار تۇرپان رايۇنىدىن تېپىلغان بۇددا دىنىنىڭ ماھايانا مەزھەىپى مەزمۇنىدىكى يازمىلارنى كۆپرەك 9 - ئەسىرگە تەئەللۇق ، دەپ قاراشماقتا . ئۇنداق بولغاندا پراتياشىرى تەخەللۇسلۇق بۇ شائىر 9 - ئەسىردە ، غەرىبىي يۇرتتا ياشىغان دەپ قىياس قىلىش مۇمكىن .
[ بۇ يازما baturjangqi تەرپىدىن 2008-03-13 19:12 دە ]
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-13 15:14 |
manggutax
ئىنكاس شاھى
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 9
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 5648
شۆھرەت: 3477 نۇمۇر
پۇل: 12877 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 3 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 301(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-24

 

ئىمكان بولسا، مۇشۇنداق مەشھۇر شەخسىلىرىمىزنى تېخىمۇ كۆپىرەك، تەپسىلىيرەك يوللىشىڭىز بەك ياخشى بولاتتى.
<دىيارىم> دىكى كەڭ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىپ قىلىشى ئۈچۈن، ئەينى دەۋېرلەردىكى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن يازغۇچىلارنىڭ، شائىرلارنىڭ تەرجىمھالىنى ۋە ئىش-ئىزلىرنى يەنە يوللاپ تۇرىشڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-13 15:34 |
baturjangqi
مۇنبەر نازارەتچىسى
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى مۇنبەر نازارەتچىسى
دەرىجىسى : مۇنبەر نازارەتچىسى


UID نۇمۇرى : 11262
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3113
شۆھرەت: 1614 نۇمۇر
پۇل: 6499 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

مەشھۇر ئالىم ، مۇددەرىس - جامالىدىن قەشقەرى


جامالىدىن قەشقەرى قەشقەردە تۇغۇلغان ئۇيغۇر ئالىمى، مەشھۇر مۇددەرىس.
ئۇيغۇر كىلاسسىك مائارىپى- ئۇرقۇن ،شامان ، مانى مائارىپ دەۋرى( 552 ~ 844 يىللىرى) ئىدىقۇت مائارىپى دەۋرى( 850 ~ 1250 - يىللار ) بۇددىزىم مائارىپى دەۋرى( 75 ~ 992- يىللار) جەريانلىرىنى بېسىپ ئۆتۇپ ، كېيىن قەشقەر مەركەز قىلىنغان قاراخانىيلار ئىسلامىيەت مائارىپى دەۋرى( 870 ~ 1211 -يىللىرى)گە قەدەم قويدى. بۇ دەۋىردىكى مائارىپ - ئۇيغۇر كىلاسسىك مائارىپىنىڭ يۇقۇرى پەللىسى بولۇپ ، پۇتۇن ئوتتۇرا ئاسىيادا زور شۆھرەت قازانغان ئىدى . ھەممە ۋىلايەت ناھىيەلەردە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپلەر قۇرۇلغان ، بولۇپمۇ قەشقەردە مەشھۇر ئالى بىلىم يۇرتى« مەدىرىسەئىي ساجىيە » تەسسىس قىلىنغان ئىدى . بۇ ئالى بىلىم يۇرتلىرىنىڭ دەرىسلىكلىرى - ماتېماتىكا ، يۇنان پەلسەپىسى ، تىلشۇناسلىق ، ئاستۇرنومىيە ، تىبابەتچىلىك ، ئىلمىي مەنتىق(لوگىكا) ، تارىخ ، جۇغراپىيە ۋە ئىلمىي روھ ساھەلىرىگىچە كېڭەيگەن . بۇنداق ئالى بىلىم يۇرتىغا جامالىدىن قەشقەرىگە ئوخشاش داڭدار ئالىملا ، ئاتاقلىق مۇددەرىسلەرلا دەرىس بېرەلەيتى .
جامالىدىن قەشقەرى ھاياتى ، ئىجادىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئېنىڭ مەلۇمات يوق . تۇلۇقسىز مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا ، ئۇ 10- ئەسىردە قەشقەردە تۇغۇلغان ۋە ئۆز دەۋرىگە يارىشا ئەتىراپلىق بىلىم ئالغان ھەمدە ھەرقايسى پەنلەردىكى ئجتىھاتى ئۇنى ئۆز دەۋىرنىڭ ھەر تەرەپلىمە يىتىشىپ چىققان ئالىمىغا ئايلاندۇرغان. شۇڭا ئۇ ‹‹ مەدىرىسەئىي ساجىيە››گە مۇددەرىسلىككە تەكلىپ قىلىنىپ ، ئۇزۇن يىللار مۇددەرىسلىك قىلغان .
ئۇنىڭ كۆڭۇل قويۇپ تەربىيلىشى ئارقىلىق ‹‹مەدىرىسەئىي ساجىيە›› دە ئوقۇغانلاردىن ئىلىم - پەننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە مۇتەخەسىسلەر ، ئاتاقلىق ئالىملار ، ئەدىبلەر ، مەشھۇر تىۋىپلەر ، پەيلاسۇپلار يېتىشىپ چىققان . ھەتتا ئۇلاردىن بىر قىسىمى ئۆز ئىلمىي پائالىيەتلىرى بويىچە دۇنياغا تونۇلغان .
[ بۇ يازما baturjangqi تەرپىدىن 2008-03-13 19:13 دە ]
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-13 15:42 |
ajrim
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 14310
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 1809
شۆھرەت: 1920 نۇمۇر
پۇل: 2591 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 446(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

بۇ ماتىرياللارنى يوللىغىنىڭىز بەك ياخشى بوپتۇ ، بۇ قېيىنمۇ ياخشى ماتىريال سۇپىتىدە ساقلىنىپ قالىدىغان بولدى .... ھارمىغايسىز  !
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-13 15:55 |
baturjangqi
مۇنبەر نازارەتچىسى
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى مۇنبەر نازارەتچىسى
دەرىجىسى : مۇنبەر نازارەتچىسى


UID نۇمۇرى : 11262
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3113
شۆھرەت: 1614 نۇمۇر
پۇل: 6499 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

تاڭ سۇلالىسىنىڭ قانۇن ئەمەلدارى - سۇيۈەنلى

سۇيۈەنلى (  素元礼 ) تاڭ دەۋرىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر سانغۇن ھەم قانۇن ئىجىراچىسى .
« ئوكيانۇ » نىڭ 297 - بېتىدە سۇيۈەنلىنى ئۇيغۇر ( 胡人  ) دەپ تۇنۇشتۇرغاندىن باشقا ، ئۇنىڭ قانۇن ئەمەلدارى بولغانلىقىن ۋە جازانى قاتتىق يۈرگۈزىدىغانلىقى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەن . « كونا تاڭنامە » بىلەن « يېڭى تاڭنامە » دىكى خاتىرىلەرگە قارىغاندا سۇيۈەنلىنىڭ ئەسلى يۇرتى ئىدىقۇت بولۇپ ، ئۇ كىچىك ۋاقىتلىرىدا ئىدىقۇتتىكى ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا ئۇقىغان ھەم خۇشخەت ، رەسساملىق  بىلەن مەشغۇل بولغان .
مىلادى 679 - يىلى  ئىدىقۇتلۇق بىر قىسىم دىن تارقاتقۇچىلار ، رەسساملار بىلەن بىللە چاڭئەنگە بارغان ھەم ئۇ جايدىكى ئۇيغۇر بۇددىسىتلار بىلەن بىللە پائالىيەت ئېلىپ بارغان . شاڭدا ئەپەندى يازغان « تاڭ دەۋرىدىكى چاڭئەن ۋە غەرىبى يۇرت مەدەنىيىتى » ( 唐代长安与西城文明 ) دىگەن كىتاۋىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، چاڭئەن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى نەچچە مىڭ بولۇپ ، ( ئۇلارنىڭ مەخسۇس كوچا - مەھەلىلىرى ، ھەم دۇكان - ئاشپۇزۇللىرى بولغان ) سۇيۈەنلىمۇ ئەنە شۇ ئۇيغۇرلار قاتارىدا تاڭ سۇلالىسىنىڭ خىزمىتىگە جەلپ قىلىپ قاتناشتۇرۇلغان .
ۋۇزىتىيەن تەختتە ئولتۇرغان ۋاقىتلاردا ( مىلادى 690 - 705 - يىللار ) ئۇ سەييارە قۇشۇنلار سانغۇنى (  游击将军  ) بولۇپ تەيىنلەنگەن . كىيىن چاڭئەننى قوغداش ئۇرۇشى ۋە تاڭ سۇلالىسىگە قارىشى كۈچلەرنى بېسىقتۇرۇشتا خىزمەت كۆرسىتىپ ، لوياڭ شەھىرىدىكى جازا پىرقىسىدا مەنسەپكە قويۇلغان . ① بۇ ۋاقىتلاردا ئۇ تۇتۇلغان ۋە قولغا چۈشكەن ئوغرىلارنى ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ قانۇنىغا ئىخلاپلىق قىلغان مۇشتۇمزورلارنى قاتتىق جازالاپ ، ھەربى جازالارنى ئىنتايىن قاتتىق يۈرگۈزگەچكە ، بىر ئادەمنى قامىسا نەچچە يۈز ئادەم چۈچىيدىغان ، بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ يۈرىگى پوكۇلدايدىغان بولۇپ كەتكەن . گەرچە ۋۇزىتىيەن مىلادىنىڭ 690 - يىلى تەخىتكە چىقىپلا ئۆزىنى مۇقەددەس خان ، دۆلەت نامىنى جۇ ، يىلنامىسى تىيەنشۈ دەپ ئاتاپ  ئوردا ئىمتاھان تۈزۈمىنى يولغا قويغان ھەم مەخسۇس قانۇن - تۈزۈملەرنى بىكىتكەن بولسىمۇ ، ئەمما يەنىلا دۆلەت ئىچىدىكى قالايمىقانچىلىق ئازايمىغان . ئۇ سۇيۈەنلىگە ئوخشاش جازا پىرقىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ كۈچىدىن ئۆنۈملۈك پايدىلىنىپ ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشقان .
سۇيۈەنلى لوياڭ شەھىرىدە تۇرغان مەزگىلىدە ، ۋۇزىتىيەننىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنى سادىقلىق بىلەن ئىجىرا قىلغاچقا ، ئوردىدىكى مەنسەپدارلارنىڭ دىققەت ئىتىبارىنى قوزغىغان . شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ۋۇزىتىيەننىڭ پەرمانىغا ئاساسەن چاڭئەن شەھىرىگە يۆتكىلىپ كىلىپ ، تاكى ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرىغىچە خان ئوردىسىدا قانۇن يۈرگۈزۈش ۋە قانۇن ئەمەلدارلىرىغا مەسلىھەت بىرىش بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن . ئەپسۇسكى ، ئۇنىڭ قايسى يىلى تۇغۇلۇپ ، قايسى يىلى ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدىكى تارىخى خاتىرىلەر بىزگىچە يىتىپ كىلەلمىگەچكە ، ئۇنىڭ ھايات - پائالىيىتى ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك توختۇلۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە  ئەمەسبىز .

______________________
ئىزاھات : ① « ئوكيانوس » نىڭ  « جۇڭگۇ قەدىمقى زامان تارىخى قىسمى » نىڭ 299 - بېتىگە قاراڭ .
[ بۇ يازما baturjangqi تەرپىدىن 2008-03-13 19:13 دە ]
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-13 16:08 |
baturjangqi
مۇنبەر نازارەتچىسى
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى مۇنبەر نازارەتچىسى
دەرىجىسى : مۇنبەر نازارەتچىسى


UID نۇمۇرى : 11262
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3113
شۆھرەت: 1614 نۇمۇر
پۇل: 6499 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

ئۇلۇغ تىلشۇناس ، ئالىم - پىرخۇيلان


پىرخۇيلان ( 726 - 820 - يىللىرى ) تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر بۇددا دىنى مۇتەپپەككۇرى ، ئاتاقلىق مائارىپچى ، تىلشۇناس ، يازغۇچى بولۇپ ، ئۇ ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ئىچىدە نوپۇزلۇق ئورۇنغا ئىگە مەشھۇر تارىخى شەخىسلەر قاتارىدا ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ .
پىرخۇيلان ( 裴 悲  ) مىلادى 736 - يىلى قەشقەردە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ، ئۇ قەشقەردە كۆپ ئەسىر سەلتەنەت سۈرگەن پىر ( خەنزۇچە خاتىرىلەرگە  裴  دەپ پۈتۈلگەن )  فامىلىلىك خان جەمەتىنىڭ ئەۋلادى ئىدى . ئۇ ياشىغان دەۋىرلەردە قەشقەر شەھىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى ، ئىقتىسادى ، ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ ، ھەيۋەتلىك بىلىم يۇرتلىرى ۋە ئىبادەتخانىلىرى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر ئىدى . بولۇپمۇ شۇ چاغدىكى بۇددا دىنىنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشى قەشقەرنى ھەرقايسى ئەللەردىكى بۇددا مۇخلىسلىرىنىڭ مۇقەددەس زىيارەتگاھىغا ئايلاندۇرغان ئىدى .  ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرىق ئەللىرىدىن كېلىدىغان بۇددا مۇخلىسلىرى قەشقەردىكى بۇددا مۇتەپپەككۇرلىرى ۋە ئالىملىرىنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگىنەتتى . بۇ دەۋىردە يەنە سانسىزلىغان مۇتەپپەككۇرلار ، ئالىملار ، تەرجىمەشۇناسلار يېتىشىپ چىقىپ ، قەشقەرنىڭ مەدەنىي ھاياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرغان ، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن ئىدى .
ئەنە شۇنداق بىر ئەۋزەل شارائىتتا ئۆسۈپ يىتىلگەن پىرخۇيلان كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا قەشقەردىكى ئالى ئىبادەتخانىلاردا زور ئىجتىھات بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلغان . بۇددا دىنىنى تېخىمۇ سېستىمىلىق ئۆگۈنىش ئۈچۈن تىل - يېزىق ئۆگۈنىشكىمۇ ئالاھىدە كۈچ سەرىپ قىلىپ ، ئۆز ئىقتىدارىنى ھەر تەرەپلىمە ئاشۇرۇشقا تىرىشقان . نەتىجىدە ئۇ كىيىنكى مەزگىللەردە بۇددا كىتابلىرىنىڭ ئەڭ قابىل شەرھىلىگۈچىسى ، بۇ جەھەتتە ئەتىراپلىق بىلىمگە ئىگە مەشھۇر تىلشۇناس ، ئالىم سۈپىتىدە زور شۆھرەت قازانغان .
پىرخۇيلان ئۆمۈرىنىڭ كىيىنكى چاغلىرىدا قەشقەردە تارقىلىش ئالدىدا تۇرغان ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىدىن قورقۇپ چاڭئەنگە بېرىۋالغان . ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ يەردە « پىشىۋا ئالىم » دىگەن شانۇ - شەۋكەتلىك نامغا ۋە كاتتا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان . ئۇ چاڭئەندە 20 يىل قان - تەر ئاققۇزۇپ ، « بارلىق نوم سۆزلىكلەرنىڭ شەرھىسى » ( 一切经音义 ) ناملىق يۈز تومدىن ئاشىدىغان زور ھەجىملىك ئەسىرىنى يېزىپ تاماملىغان . ئۇ چاڭەندىكى شىمىڭ ئىبادەتخانىسى ( 西明寺 ) دا 52  يېشىدا ( مىلادى 788 - يىلى ) بۇ بۈيۈك بۇددا قامۇسىنى يېزىشقا باشلاپ ، 74 يېشىدا ( مىلادى 801 - يىلى ) تاماملىغان . ئالىم بۇ قامۇسنىڭ مەزمۇنىنى بۇددا دىنىنىڭ ئەڭ كاتتا نومى - چوڭ يوللۇقلار ماھايانا ( Mahayana ) مەزھىپىنىڭ ئەڭ تۈپ نەزىرىيىۋى ئاساسى بولغان ئەقىل - پاراسەت ئارقىلىق راھەت - پاراغەت دۇنياسىغا يىتىپ بېرىش ھەققىدىكى « ماھابخاراژنا پارامىتا سۇترا » ( Mshaprajna  paramita  Sutra ) دىن باشلاپ ، بۇددىزىمنىڭ پاك ئەخلاقى پەزىلىتىنى تەقدىم قىلىدىغان ۋە بۇددانى جان تىكىپ قوغدۇغىچى « 护命法 » سوتراسىدا ئاخىرلاشتۇرغان .
ئالىمنىڭ بۇ ئەسىرىدە ئىزاھلىغان ۋە شەرھىلىگەن نوملار جەمى 5480 جىلىد ئىدى . بۇ قامۇس خارەكتىردىكى يىرىك ئەسەرنى بۇددا ئالىملىرى ، مۇتەپپەككۇرلىرى ۋە تەرجىمەشۇناسلىرى قولدىن - قولغا ئېلىپ دەرىسلىك ، لىكسىيە قىلىپ تاكى چىڭ سۇلالىسى ( 1644 - 1911 - يىللىرى ) نىڭ ئاخىرغىچە سانسىزلىغان كىشىلەر ئۇنى ئەتىۋالاپ قوللانما سۈپىتىدە ئۇقۇپ كەلگەن .
« بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرھىسى » بۇددا نوملىرىنى ئۇقۇش قائىدىلىرىنى تىلشۇناسلىق نوقتىنەزىرى بىلەن چۈشەندۈرۈپ بىرىدىغان ۋە بۇددا ئەقىدىلىرىنى شەرھىلەيدىغان دىنى دەستۇر بۇلۇپلا قالماستىن ، بەلكى ئۇنىڭغا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ، ئىنتونوگىرافىيىسىگە دائىر مۇھىم مەلۇماتلار بىرىلگەن ؛ ئۇ تىل - ئەدەبىيات ، پەلسەپە ، تارىخ ، جۇغراپىيە ، ئەدەبىيات - سەنئەت قاتارلىقلارغا ئائىت مول مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور تەربىيىۋى قىممەتكە ئىگە دەرىسلىك كىتاپ . بۇ كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى زاماندىكى ئۆرۈپ - ئادەتلىرى ھەققىدىمۇ قىممەتلىك مەلۇماتلار بىرىلگەن .
ئېلىمىزنىڭ ئاتاقلىق ئالىمى ، تەرجىمە پىشىۋاسى ، مەشھۇر پەيلاسوپ كومىراجىۋا ( 344 - 413 - يىللار ) ئۇيغۇرلارنىڭ چالغۇ ئەسۋابلىرىدىن غوڭقا ، جاللا ، بەرباپ قاتارلىقلار ھەققىدە ؛ ئۇلۇغ تىلشۇناس ، ئالىم ، جۇراپىيۇن ، ئىنتونوگىراف مەھمۇد قەشقىرى ( تەخمىنەن 1008 - 1105 - يىللار ) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىل تارىخى ساھەلىرىدە مۇھىم مەلۇماتلار قالدۇرۇلۇپ ، بىزنى بۇ ساھەلەرنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك ماتىرىيال بىلەن تەمىنلىگىنىدەك ، پىرخۇيلانمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى ھاياتى ، تۇرمۇش ئۆرۈپ - ئادەتلىرى ، پولو ، شورپىلىرىغا ئوخشاش تائاملىرىنى تەتقىق قىلىشتا بىزنى ئىنتايىن قىممەتلىك ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ . مەسىلەن : ئۇ « بارلىق نوم سۆزلۈكلىرىنىڭ شەرھىسى » دىگەن ئەسىرىدە ۇيغۇرلارنىڭ شۇ چاغدىكى دىرامما خارەكتىردىكى ئويۇنى - سۇ - مۇز ئويۇنى توغرىسىدا توختىلىپ : « سۇ - مۇز غەربى يۇرت ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىزىقچىلىق تۈسىنى ئالغان ئويۇنى بولۇپ ، سامۇز دەپ ئاتىلاتتى . بۇ ئويۇن كۈسەن ئېلىدىن تارقالغان . ئۇنىڭ ئۆز نەغمىسى ھېلىمۇ بار . بۇ قومتۇز ، داميەن ( چۈمپەر ) ، باتۇر ئويۇنلىرىدىەك يىرتقۇچ سۈرەتلىك يە بولمىسا جىن - ئەرۋاھلار سۈپىتىدە نىقاپ تاقاپ ئوينىلىدۇ ۋە ياكى ئۆتكەن كىشىگە لاي ، سۇ چېچىپ ياكى قۇلىغا سالما ، ئىلمەك تۇتۇپ ئۆتكەن كىشىنى تۇتۇپ ، قىزىقچىلىق قىلىدۇ . ھەر يىلى بىرىنچى ئاينىڭ بېشىدا باشلىنىپ يەتتە كۈن داۋام قىلىدۇ . ئەل ئىچىدىكى رىۋايەتتە بۇخىل ئويۇن خەلققە ئاپەت سالىدىغان جىن - شاياتۇنلارنى قوغلاش ئويۇنى دەپ قارىلىدۇ ... » دەپ يازغان .
ئالىمنىڭ « بارلىق نوم سۆزلۈكلىرىنىڭ شەرھىسى » نىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان كورىيەلىكلەر مەخسۇس ئەلچى ئەۋەتىپ مەزكۇر ئەسەرنى كۆچۈرۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا ، تاڭ سۇلالىسى تەرپىدىن ئۇلارنىڭ تەكلىۋى رەت قىلىنغان . كىيىن سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە كورىيەلىكلەر يەنە ئەلچى ئەۋەتىپ قايتا ئىلتىماس قىلىپ تۇرىۋالغاندا ، سۇڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى كۆچۈرىۋېلىشقا قوشۇلغان . مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياپۇنلۇقلار كېلىپ كۆچۈرۈپ كەتكەن . ئەسەرنىڭ پەيدىن - پەي شەرىق ئەللىرىگە كۆچۈرۈلمە نۇسخسىدا تارقىلىشىغا ئەگىشىپ ، پىرخۇيلاننىڭ بۈيۈك نامى ئەنە شۇ ئەللەرگە تارقالغان .
مىلادى 1737 - يىلى ( چىڭ سۇلالىسى چىيەنلۇڭنىڭ ئىككىنچى يىلى ) پىرخۇيلاننىڭ ھەممە ئەسەرلىرى تولۇق بېسىلىپ ئېلان قىلىنغان . 1880 - يىلى دۆلىتىمىز مەزكۇر ئەسەرنىڭ ياغاچ ئويما نۇسخسىسنى ياپۇنىيىدىن ئالدۇرۇپ كېلىپ ، كۆپەيتىپ بېسىپ تارقاتقان .
ئالىم پىرخۇيلان ئۆز دەۋرىدە مۇدىغا ئايلانغان ئەنەتكەك ( سان - سىكىرت تىلى ) تىلىنى ، جۇڭگۇ ( خەنزۇلار ) نىڭ ئەدەبى تىلىنى ۋە باشقا تىللارنى پىششىق ئىگەللىگەن . ئۇ ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى بارلىق خاتىرلىرىنى ناھايتى پىششىق ئۈگۈنىپ چىققان . نۇرغۇنلىغان ئالىملارنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرگەن .
[ بۇ يازما baturjangqi تەرپىدىن 2008-03-13 19:14 دە ]
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-13 16:25 |
sehirlikalma
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 17636
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 2150
شۆھرەت: 2097 نۇمۇر
پۇل: 7014 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 261(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-28

 

قىممەتلىك ماتىرياللاركەن، مەن ساقلىۋالدىم ئەمىە.
سەھرا سۈتلىرى
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-13 17:47 |
baturjangqi
مۇنبەر نازارەتچىسى
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى مۇنبەر نازارەتچىسى
دەرىجىسى : مۇنبەر نازارەتچىسى


UID نۇمۇرى : 11262
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3113
شۆھرەت: 1614 نۇمۇر
پۇل: 6499 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

داڭلىق ئەدىب ، خەتتات - يوللۇغ تېكىن


      كۆك تۈرۇك خانلىقىنىڭ خاقانى بىلىگە ( ۋاپاتى 734 - يىل ) خاتىرىسىگە 735 - يىلى ئورنىتىلغان مەڭگۈ تاشنىڭ غەرىبى - جەنۇبى يۈزىگە ئويۇلغان : « بىلگە خاقان بىتىگىن يوللۇغ تېكىن بىتىدىم . بۇنچا باقىغ بەدىزىگ ... خاقان ئاتىسى يوللۇغ تېكىن مەن ئاي ئارتۇقى تۆت كۈن ئولتۇرۇپ بىتىم ، بەدىزتىم ... » ( مەنىسى : « بىلگە خاقان ( مەڭگۈ تاش ) ( ؟) ... بىلگە خاقاننىڭ جىيەن ئوغلى مەنكى يوللۇغ تېكىن بىر ئاي ، تۆت كۈن ئولتۇرۇپ يېزىپ چىقتىم ، زىننەتلىدىم ...» ) دىگەن سۆزلەرنى ۋە بىلگە خاقاننىڭ خاقانلىق ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەش ۋە مۇستەھكەملەش يۇلىدا زور خىزمەت كۆرسەتكەن ئىنىسى كۆل تېكىننىڭ تۆھپىسىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ۋاپاتىدىن ( مىلادىنىڭ 731 - يىلى 47 يېشىدا ۋاپات بولغان ) بىر يىل كىيىن ئورنىتىلغان « كۆل تېكىن مەڭگۈ تېشى » نىڭ جەنۇپ تەرىپى 13 - قۇردىكى : « بىتىدىم ئانى كۆرۈپ ئانچە بىلىك ئول تاش ... دىم . بۇ بىتگ بىتىگمە ئاتىسى يوللۇغ تېكىن » ( مەنىسى : « يازدۇردۇم ، ئۇنى كۆرۈپ بىلىۋېلىڭلار ، ئۇ تاش ... مەن  ... دىم . بۇ مەڭگۈتاشقا خەت يازغۇچى جىيەن ئوغلى يوللۇغ تېكىن » )  دىگەن سۆزلەرنى ھەمدە كۆل تېكىن مەڭگۈ تېشىنىڭ شەرقى جەنۇب تەرىپىدىكى يۇقىرقىغا ئوخشاش بايانلارنى ئۇقىغىنىمىزدا بۇ ئىككى مەڭگۈ تاش تېكىستىنىڭ بىلگە خاقاننىڭ ئېيتىپ بىرىشى بىلەن ، ئۇنىڭ جىيەن ئوغلى يوللۇغ تېكىن تەرىپىدىن يېزىپ چىقىرىلغانلىقى ، شۇنداقلا ، يەنە يوللۇغ تېكىن تەرىپىدىن مەڭگۈتاشلارغا ھۆسىن خەت قىلىنىپ نەقىشلىنىپ يېزىپ چىقىرىلغانلىقىنى بىلىمىز .
        بىلگە خاقان ، كۆل تېكىن مەڭگۈ تاشلىرى خۇددى تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشىغا ئوخشاشلا شۇ دەۋىر رېئاللىقىدىن گۇۋاھلىق بەرگۈچى مۇھىم تارىخى ھۆججەت بولۇپلا قالماي ، شۇ دەۋىر تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ زور قىممەتكە ئىگە . ئۇ بىزگە قەدىمكى تۇركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ بەدىئىي ئەدەبىياتىدا مەۋجۇت بولغان شەكىللەرنى ، ئوبرازلىق تەپەككۈر ۋە بەدىئىي تەسەۋۋۇر ئېلىمىنتلىرىنى ئايرىپ چىقىپ ، بىزنىڭ ئەنە شۇ مەزگىلدىكى يازما ئەدەبىياتىنىڭ ئۆزىگە خاس  خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە رۇشەن چۈشەنچىگە ئىگە بولىسشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ .
      مەڭگۈ تاش تېكىستلىرى شۇ دەۋىردىكى تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ ئەدەبىيات ئەنئەنىلىرىنى ئۆزىدە تولۇق ئەكىس ئەتتۈرگەن ، ھەم قەھرىمانلىق داستانلىرى ، ئەدەبىي تەزكىرە ھەم نەسىر ، ھەم شېئىر خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان بىر خىل ئالاھىدە بەدىئىي شەكىلدۇر . كۆل تېكىن مەڭگۈ تېشىدىن ئېلىنىپ ، شېئىرى تۈسكە كىرگۈزۈلگەن تۆۋەندىكى قۇرلار بۇ پىكىرنىڭ مەلۇم ئىسپاتى بولالايدۇ .


« ئۆتۈكەن يىر ئولۇرۇپ ،
ئارقۇ ، تىركىش ئوسەر .
نەڭ بوڭۇغ يوق ،
ئۆتۈكەن يىش ئولۇرسەن » .


مەنىسى :

ئۆتۈكەن يىرىڭ بولسا ،
پەقەت كارۋان جۈنەتسەڭ .
قايغۇ - غېمىڭ بولماس ،
ئۆتۈكەن تېغىدا تۇرساڭ .

     
      يوللۇغ تېكىننىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق . لېكىن ئۇ يازغان ئىككى مەڭگۈ تاش تېكىستىدىن بىز ئۇنىڭ 8 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياشىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز .
[ بۇ يازما baturjangqi تەرپىدىن 2008-03-13 20:33 دە ]
سەھرا سۈتلىرى
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-13 18:25 |
TILISKOP
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 13111
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2744
شۆھرەت: 612 نۇمۇر
پۇل: 684 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 146(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-04

 

ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ، قىممەتلىك ماتىرىياللاركەن، مەن ھەممىنى يىغىۋالدىم، كۆپ رەخمەت.
سەھرا سۈتلىرى
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-13 19:49 |
gohar
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 18349
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1792
شۆھرەت: 1735 نۇمۇر
پۇل: 5200 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-16

 

بۇ ماتىرياللار ساقلىۋېلىشقا ئەرزىيدىغان ماتىرياللاركەن .ئەھمىيەتلىك تىما بولۇپتۇ .رەخمەت .
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-13 19:55 |
kadimixahar
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 22120
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 33
شۆھرەت: 33 نۇمۇر
پۇل: 309 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 22(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-28

 

ناھايىتى قىممەتلىك ماتىرىياللار ئىكەن ،باتۇر جەڭچىگە كۆپ رەخمىەت.
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-14 11:46 |
baturjangqi
مۇنبەر نازارەتچىسى
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى مۇنبەر نازارەتچىسى
دەرىجىسى : مۇنبەر نازارەتچىسى


UID نۇمۇرى : 11262
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3113
شۆھرەت: 1614 نۇمۇر
پۇل: 6499 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

ئۇيغۇر مانى دىنى مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى - مويۇنچۇر بۆكۈخاقان


مويۇنچۇر بۆكۈخاقان ( تەخمىنەن 8 - ئەسىرلەردە ئۆتكەن ) ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر خاقانى ، ئۆز دەۋرىنىڭ مەرىپەتپەرۋەر ئەربابى ، مانىزىم ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى ، داڭلىق سانغۇن .
مويۇنچۇر بۆكۈخاقان ( بەزى تارىخى مەنبەلەردە ئىلخان دەپمۇ ئېلىنغان ) ئورقۇن دەريا ۋادىسىدا ياشىغان شەرقى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ ، مىلادىنىڭ 744 - يىلى كۆك تۈرۈك خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ ، تۇنجى ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان كۆل بىلگە خاقان ( كىيىنچە ئۆزىنى قۇتلۇق بىلگە كۆل خاقان دەپ ئاتىغان ) نىڭ ئوغلى . 747 - يىلى خاقان بولغان . مويۇنچۇر بۆكۈخاقان نەسەب جەھەتتىن « توققۇز ئۇيغۇر » لارنىڭ « ئىچكى توققۇز ئۇيغۇرلار » غا تەئەللۇق بولغان ياغلاقار قەبىلىسىدن كىلىپ چىققان .
ئورقۇن - ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئورقۇن ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار يەنىلا تۈركى خەلقلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئىتىقاد قىلىدىغان شامان دىنىغا ئىتىقاد قىلاتتى . شامان دىنى : تەڭرى بارلىق مەخلۇقاتنىڭ ياراتقۇچىسى ، ئاسمان ، يەر ۋە پۈتۈن مەۋقۇداتنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىدىغان بىردىن - بىر ئىلاھ ، دەيدىغان كۆز قاراشنى تەشەببۇس قىلاتتى . شامان دىنى باخشىلىرى ( ئۇستازلىرى ) نىڭ ۋەزىپىسى ئىبادەتخانىدا ئولتۇرۇپ ئىبادەت قىلىش ، خەلقلەرگە شامان دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىنى سىڭدۈرۈش ۋە دىنى ھۆكۈملەرنى ئىجىرا قىلىش ئىدى .
مويۇنچۇر بۆكۈخاقان تاڭ سۇلالىسى پادىشاھى تاڭ شۈەنزۇڭنىڭ تەكلىپى بىلەن 757 - يىلى ۆتتۇرا تۈزلەڭلىككە بېرىپ ، تاڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا يۈز بەرگەن ئۆڭلۈك - سۇيگۈن ئېسيانىنى تىنجىتىشقا ياردەملىشىپ ، تاڭ پادىشاھلىقىنىڭ چاڭئەن ، لوياڭلارنى قايتۇرىۋېلىشىدا زور خىزمەت كۆرسەتكەن . تاڭ پادىشاھى بۇ ئىشتىن خوشاللىنىپ ئۆزىنىڭ كىچىك قىزى مەلىكە نىڭگۇنى بۆكۈخاقانغا خۇتۇنلۇققا بەرگەن ھەمدە ئۇنىڭغا « باتۇر ، ھەيۋەتلىك قۇتلۇق بىلگە » دىگەن نامنى ئىنئام قىلغان .
مويۇنچۇر بۆكۈخاقان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە تۇرغان چاغلىرىدا مانى دىنىنىڭ تەسىرىنى قۇبۇل قىلغان . ھەممىمىزگە مەلۇم مانى دىنى زەردەش ، خىرىستىئان ۋە بۇددا دىنلىرىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ۋە شۇ ئاساستا شەكىللەنگەن دىن بۇلۇپ ، يۇقۇرقى دىنلاردىن كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە ئىدى . بۇ دىننىڭ يادىروسى : « پۈتۈن ھاياتلىق كۆرىشى يۇرۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق ، ھەق بىلەن ناھەق ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەشتۇر . نەپسىنى تىزگىنلىيەلىگەن ئادەم يامانلىقتىن ساقىت بولالايدۇ ، بولمىسا ئۆزىمۇ ، ماددى دۇنيامۇ ھالاك بولىدۇ » دىگەن ئىدىيىنى يىتەكچى قىلغان يېرىم دىنى ، يېرىم پەلسەپىۋى مەزمۇندىن ئىبارەت بىر دىن ئىدى . ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن ئىلغار قاراشقا ئىگە بولغان مويۇنچۇر بۆكۈخاقان شامان دىنى بىلەن مانى دىنىنىڭ پەرىقلىرىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن قايتاشىدا لوياڭ شەھىرىدىن تۆت نەپەر ئىرانلىق مانى راھىبلىرىنى ئېلىپ ، ئورقۇن دەريا ۋادىسىغا كەلگەن . بۇ راھىبلار ئۆزلىرىنىڭ بىلىم ئىقتىدارى ، تىبابەتچىلىك ساھەسىدىكى تەجىربىلىرى بىلەن ئورقۇن دەريا ۋادىسىدىكى شامان دىنى باخشىلىرى ( ئۇستاز ، ئۇقۇتقۇچىلار ) نى مۇنازىرىدە يېڭىۋالغان . بۇنىڭ بىلەن مانى دىنىنىڭ شەرقى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئابرويى بىردىنلا يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ( مىلادىنىڭ 763 - يىلىدىن باشلاپ شەرقى ئۇيغۇرلار مانى دىنىنى ئومۇمىيۈزلۈك قۇبۇل قىلغان ) . شۇنىڭ بىلەن مويۇنچۇر بۆكۈخاقان بۇ راھىبلارنى ئوقۇتقۇچىلىققا دەۋەت قىلىپ ، ئۇيغۇرلارنى تەشكىللەپ ، ھەر ئون ئۆيلۈككە بىردىن راھىب بىكىتىپ ئۇلارنى ئوقۇتقان . ئۇقۇش مەزمۇنى مانى تەلىماتى بويىچە يېرىم دىنىي ، يېرىم پەلسەپىۋى ئاساستا بولغان . مويۇنچۇر بۆكۈخاقاننىڭ ئاساس سېلىشى بىلەن كىيىنچە شەرقى ئۇيغۇرلاردىن نۇرغۇنلىغان مانى دىنى ئۇقۇتقۇچىلىرى يىتىشىپ چىقىپ ، ھەتتا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىچە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ۋە مانى دىنىنى تەرغىپ قىلغان .
[ بۇ يازما baturjangqi تەرپىدىن 2008-03-16 21:06 دە ]
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [15 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-16 20:57 |
baturjangqi
مۇنبەر نازارەتچىسى
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى مۇنبەر نازارەتچىسى
دەرىجىسى : مۇنبەر نازارەتچىسى


UID نۇمۇرى : 11262
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3113
شۆھرەت: 1614 نۇمۇر
پۇل: 6499 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

باتۇر سەركەردە - بۇسات تېكىن

بۇسات تېكىن ( 蕃萨特建  ) ئۇيغۇرلارنىڭ ياغلاقار ئۇرۇقىدىن ① بولۇپ ، ئۇ ئۇيغۇرلارنى تۇنجى قېتىم بىر ئاقساقالنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىغا ئۇيۇشتۇرغان داڭلىق سەركەردە سۈكۈت ئېركىننىڭ ئوغلى . « يېڭى تاڭنامە » دە : « ئۇ جاسارەتلىك ، باتۇر ، تەدبىرلىك ، ئۇستا مەرگەن ئىدى ، جەڭگە باشلامچىلىق بىلەن كىرەتتى ، ھۇجۇم قىلغاندا رەقىبلىرىنى يەڭمەي قويمايتتى ، يىڭىلگەنلىرىنى بويسۇندۇرماي قالمايتتى » دەپ تەرىپلىنىدۇ . ئۇنىڭ ئانىسى ئۇرقۇن خاتۇن ناھايتى كەسكىن ، تەدبىرلىك بىر ئايال بولۇپ ، « قۇۋملار ئىچىدە يۈز بەرگەن دەۋا - دەستۇرلار » نى قەتئىلىك بىلەن تىنجىتاتتى . شۇڭا ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆز ئىچىدىن مۇشۇنداق ئىككى كاتتا ئەربابنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ناھايتى تىزلىكتە قۇدىرەت تاپقان .
تارىخى خاتىرىلەرگە قارىغاندا ، 7 - ئەسىر ئۇيغۇرلار فىئوداللىق جەمىئەت باسقۇچىغا قاراپ شىددەت بىلەن ئىلگىرلىگەن دەۋىر بولۇپ ، بۇ دەۋىردە ، جەمىئەت ئىقتىسادى جەھەتتە تەرەققى قىلىپ ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى دەۋىر بۆلگۈچ باسقۇچقا كىرگەن . بۇسات تېكىن رەھبەرلىگىدىكى ئۇيغۇرلار ئورقۇن ۋادىسى بىلەن تۇغلار ( تۇرا ) ۋادىسىنىڭ دېھقانچىلىقىغا باب كىلىدىغان ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، ئېرىق - ئۆستەڭ قازغان ۋە باشقا سۇ ئىنشائات قۇرلۇشلىرى بىلەنمۇ كەڭ شوغۇللانغان . ئارپا ، بۇغداي قاتارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىغان ، بېلىقچىلىقنىمۇ قۇشۇمچە ئېلىپ بارغان . چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىپ ئات ، كالا ، قوي ، تۆگە قاتارلىق مال - چارۋىلارنى ھەسسىلەپ كۆپەيتكەن . يەنە ئورمانزارلىقتىكى مول ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، گۆش ، سۈت ، تېرە ، مۈڭگۈز ، سۆڭەك قاتارلىقلارغا ئېرىشىپ تۇرغان . بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ چاغدا تۈمۈر قوراللارنى ئىشلىتىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربى كۈچىنىڭ ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئالاھىدە تۈرۈتكە بولغان .
يۇقىرقىدەك بىر قاتار تەرەققىياتلار ئۇيغۇلارنى تىزلىكتە قۇدىرەت تاپقۇزۇپ ، نەچچە تۈمەن ئاتلىق ئەسكەرلەرگە ۋە خېلى زور دەرىجىدە تەرەققى تاپقان ئىقتىسادى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئىگە قىلىپلا قالماي ، بەلكى ھەر تەرەپلىمە سودا ئالماشتۇرۇش كۈچىگىمۇ ئىگە قىلغانىدى .
( مىلادى 630 - يىلى ) بۇسات تېكىن سىر تاردۇشلار بىلەن بىرلىشىپ ، تۈرۈكلەرنىڭ شىمالى قىسمىغا ھۇجۇم، قىلدى ، ھەمدە ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ئادەملىرىنى ئەسىر ئېلىپ ، قىسمەن چارۋىچىلىق رايۇنلىرىنى ئىگىلىۋالدى . بۇسات تېكىننىڭ بۇ مۇۋاپىقىيەتلىرى تۈرۈكلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى . شۇنىڭدىن كىيىن تۈرۈكلەرنىڭ ئېلىك خاقانى ئۆزىنىڭ ئوغلى يۇقۇق شادنىڭ قۇماندانلىقىدا 100 مىڭ كىشلىك قوشۇن ئەۋەتىپ ، ئۇيغۇرلارغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلدى . لېكىن بۇسات تېكىن 5000 ئاتلىق چەۋەندازلىرىغا ئۆزى قۇماندانلىق قىلىپ ، ئاز كۈچ بىلەن زور باتۇرلۇقلارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق تۈرۈكلەر ئۈستىدىن غەلبە قىلىدۇ . مازۇڭشەن ( مارا ) تېغىدا تۈرۈك ئەسكەرلىرىنى تىرە - پىرەن قىلىپ ، شەرقى تۈرۈكلەرنى مۇنقەرىز قىلىدۇ . بۇ قېتىمقى غەلبە ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەيۋىسى  شىمالنى زىل - زىلگە كەلتۈرۈپ ، شىمالدىكى غايەت زور كۈچكە ئايلىنىدۇ . نەتىجىدە بوسات تېكىن ئۆزىنى « ئالىپ ئىلتەبىر » دەپ جاكارلاپ ، تۇغلار ( تۇرا ) دەرياسى بۇيىدا ھۆكۈمرانلىق مەركىزىنى قۇرىدۇ . بۇسات تېكىن قۇرغان بۇ ھاكىمىيەت شەرقى ئۇيغۇرلارنىڭ فىئوداللىق دۆلىتىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ ، كىيىنكى ۋاقىتتا دۇنياغا كىلىش ئالدىدا تۇرغان ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا سىياسى ، ئىقتىسادى ۋە ھەربى جەھەتتىن مۇستەھكەم ئۇل سالىدۇ .
بۇسات تېكىن ئۆز دەۋرىنىڭ كاتتا ھەربى ئالىمى ۋە ئىستىراتىگىيىچىسى بولۇپلا قالماي ، بەلكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە كەم تېپىلىدىغان مەشھۇر دىپلۇمات ئىدى . ئۇ مىلادى 629 - يىلى تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئىقتىساد ، سودا مۇناسىۋىتىنىمۇ كۈچەيتكەن . ئۇنىڭدىن سىرت بوسات تېكىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ كۈچلۈك رەقىبى بولغان شەرقى تۈرۈكلەرنىڭ ھەيۋىسىنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىپ ، تاڭ سۇلالىسى بىلەن غەربى يۇرتنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈچۈن قولايلىق شارائىت يارىتىپ بەردى .

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
ئىزاھات : ① ئەينى زاماندا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئۇرۇقى ھۈكۈمران تەبىقە بولۇپ ، قەبىلە باشلىقى ۋە خاقانلار مۇشۇ ئۇرۇقتىن سايلىناتتى .
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [16 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-17 14:14 |
janankiz813
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29020
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 320
شۆھرەت: 320 نۇمۇر
پۇل: 1060 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 200(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

    
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [17 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 13:47 |
kaxgar.ogli
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29059
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 1 نۇمۇر
پۇل: 103 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-06

 

دىيارىم  ئەزاسىمەن
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [18 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 14:30 |
ayguwa09
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 25761
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 82
شۆھرەت: 92 نۇمۇر
پۇل: 405 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 29 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 187(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-04

 

بۇدىيارىمىگە نىمە بولدى ، 6 ئايىنىڭىزى يازىغان  ئىنىكاسىلىرىم يوقاپ كىتىپتۇ ،مىنىڭ ئەجىرىم بىكار بولىدىمۇ ،تىمىلارىمۇ يوق ،دەرىجەم  ئالى ئەزاتى ،قانىداق قىلىمەن      

تىمىڭىزىغا رەخىمەت،،،     
چوققا [19 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 15:42 |
salkinxah
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 28504
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 65
شۆھرەت: 90 نۇمۇر
پۇل: 314 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 47(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-22

 

تارىخى قىممىتى يوقىرى تېمىكەن ، بولسا بىر نادىرلەپ قويىلى بۇ تېمىنى ، يېنىمۇ كۆپ كىشىلەر كۆرسۇن ، بىلسۇن ، تونىسۇن !
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [20 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 16:28 |
kalkvn117117
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 379
شۆھرەت: 389 نۇمۇر
پۇل: 384 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 86(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

بۇلارنىڭ شئىرنى چۈشنەلمەيدكەنمەن . بۇ قايسى يېزىقتۇ .
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [21 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 18:07 |
bahtinur
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 22926
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 46
شۆھرەت: 70 نۇمۇر
پۇل: 417 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

جىق نەرسە بىلىۋالدۇق
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [22 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 18:11 |
bahtinur
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 22926
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 46
شۆھرەت: 70 نۇمۇر
پۇل: 417 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

Quote:
引用第19楼ayguwa09于2008-09-06 15:42发表的  :
بۇدىيارىمىگە نىمە بولدى ، 6 ئايىنىڭىزى يازىغان  ئىنىكاسىلىرىم يوقاپ كىتىپتۇ ،مىنىڭ ئەجىرىم بىكار بولىدىمۇ ،تىمىلارىمۇ يوق ،دەرىجەم  ئالى ئەزاتى ،قانىداق قىلىمەن      

تىمىڭىزىغا رەخىمەت،،،     

قاراپ ئولتۇردۇق شۇ ..
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [23 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 18:21 |
dos1988
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29105
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 21
شۆھرەت: 21 نۇمۇر
پۇل: 170 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-02

 

مەن  يوق  ما؟؟؟
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [24 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 18:29 |
ablattohsun
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 21696
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 97
شۆھرەت: 97 نۇمۇر
پۇل: 168 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 110(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-23

 

تىمىڭىزغا رەھمەت ،قىممىتى يۇقىرى تارىخى ماتىريالكەن .

توردىكى ۋاقتىم 0غۇ؟  دىيارىمغا نىمە بولغاندۇ؟
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [25 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 19:02 |
turkinaz
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 20648
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1169
شۆھرەت: 1308 نۇمۇر
پۇل: 4684 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 251(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

[quote]引用第19楼ayguwa09于2008-09-06 15:42发表的  :
بۇدىيارىمىگە نىمە بولدى ، 6 ئايىنىڭىزى يازىغان  ئىنىكاسىلىرىم يوقاپ كىتىپتۇ ،مىنىڭ ئەجىرىم بىكار بولىدىمۇ ،تىمىلارىمۇ يوق ،دەرىجەم  ئالى ئەزاتى ،قانىداق قىلىمەن      

مىنىمۇ 4-5 ئاي ئىلگىرىكى ھالىتىگە قايتىپ قاپتۇ، شۇندىن بىرىكى يوللانمىلىرىم ھىچقايسىسى يوق. بوپتۇ كۈڭۈلنى يېرىم قىلمايلى، يەنە يوللايلى.
باتۇر جەڭچىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت، شۇنچىۋالا جىق ماتىريالنى قانداقمۇ ئۇرۇپ بولغانسىز.بۇلارنى مەن كۈرۈپ باقماپتىكەنمەن.تارىختا ھەقىقەتەن جاھانغا مەشھۇر كىشىلىرىمىز ئۆتكەنىكەن، لىكىن بىز ئەجداتلارنىڭ تۆھپىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، پەخىرلىنىپلا ئۈتىۋاتىمىزغۇ.
سەھرا سۈتلىرى
چوققا [26 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 10:57 |
tapsamtaptim
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 29226
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 111
شۆھرەت: 121 نۇمۇر
پۇل: 433 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 56(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

Quote:
引用第19楼ayguwa09于2008-09-06 15:42发表的  :
بۇدىيارىمىگە نىمە بولدى ، 6 ئايىنىڭىزى يازىغان  ئىنىكاسىلىرىم يوقاپ كىتىپتۇ ،مىنىڭ ئەجىرىم بىكار بولىدىمۇ ،تىمىلارىمۇ يوق ،دەرىجەم  ئالى ئەزاتى ،قانىداق قىلىمەن      

تىمىڭىزىغا رەخىمەت،،،     


ھاي ھاي  كوڭلىڭىزنى  يىرىم قىلماڭ  بىزمو  شۇ .  يالغوز  سىزلا  ئەمەسقۇ ھە   بۇ  كۇنلەرمو  ئوتۇپ  كىتىدۇ .
سەھرا سۈتلىرى
چوققا [27 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 13:50 |
nurislam.
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29133
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 174
شۆھرەت: 184 نۇمۇر
پۇل: 713 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 232(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

    
سەھرا سۈتلىرى
چوققا [28 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 20:58 |
kalkvn117117
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 379
شۆھرەت: 389 نۇمۇر
پۇل: 384 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 86(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

مللى ئارمىينىڭ جەڭگىۋارلىقى دىگەن ئلكتىرونلۇق ئالبۇم  ماڭا ھەقىقەتەن ياقتى .
سەھرا سۈتلىرى
چوققا [29 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-08 22:38 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﻣﻪﺷﮭﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :10-06 04:26
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号