بىر بىمارنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىغانلىرىم
مەن بۈگۈن ساقچىخانىدا دىجۇرنى ئىدىم،ئۆزەمنىڭ ئىشخانىسىدا ج خ تورىغا چىقىپ يوللانغان تىمىلارنى زىيارەت قىلىپ ئولتۇرسام ساقچىخانىمىزنىڭ يان تەرپىگە جايلاشقان يىزلىق خەلق دوختۇرخانىسىدىن يولداش تۇرسۇنجان توختى كىرىپ قالدى ۋە ئۆزنىڭمۇ بۇگۇن دۇختۇرخانىدا دىجرنى ئىكەنلىگنى زىركىپ ساقچىخانىگە كىرگەەنلىگىنى ئېيىتتى، مەن ئۇنى قىزغىن كۈتۈۋالدىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىردەم پاراڭلىشىپ كۆرگەن ئڭلىغانلار توغرىسىدا قىزغىن پاراڭغا چۇشۇپ كەتتۇق. تۇرسۇنجان توختى ئۆز بىشىدىن ئۆتكەن بىر ھەقىقى ئەھۋالنى ئېيتىپ بەردى. مەن بۇ ئەۋالنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم ۋە بۇ ئەھۋال ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى شۇنىڭ بىلەن مەن تۇرسۇنجان توختنى ئۇزتىپ قويوپ ئىختىيارسىز ھالدا بۇ ئەھۋالنى پۇتۇن تورداشلار بىلەن بىللە ئورتاقلىشاي ئۇلارغا ئازراق بولسىمۇ پايدىسى بوپ قالار دىگەن مەخسەتتە تورغا تىما يازدىم تۇرسۇنجان توختى مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ مەن يىزلىق دوختۇرخانىدا ئىشلەۋىتىپ 2004-يىل 2-ئايدا تۇيۇقسىز ( ئورەككە تەخسە ئۆسۈپ قىلىش) خەنزۇچىسى (جۇجەنپەن تۇچۇ) كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدىم. بۇ كىسەلگە يولۇققان ئادەم بەك قىيلىنىدىكەن، يەنى بۇ كىسەل بولغۇچىدا ئىككى ئومرۇتقا ئارسىغا تەخسە ئۆسۈپ قىلىش بولۇپ ئادەم ماڭغاندا ھەرگىز تۈز ماڭالمايدىكەن ھەتتا، ئىڭىشىپ بىر يانغا يىقىلغاندەك مىڭىپ ۋە يەر بىغىرلاپ مىڭىپ قاتتىق دەردىنى تارتتىم، مىنى كۆرگەن كىشلەر بۇ بالا ئىغىر مىيىپ بوپ قاپتۇ دىگەنلەرمۇ بار ئۆيدىكىلەرمۇ مەندىن قاتتىق ئەنسىرەپ مىنى كۆرسىلا يىغلايتتى، دىمىسىمۇ مەن ئەدىلا 33ياشنىڭ قارسىنى ئالغان ھەم بىر پەرزەتلىك بولغان تۇرسام مۇشۇندق قىلىپ قىيلىنىپ ياشىغاندىن ئۆلۇپ كىتىش كاللامغا كىرىپ قالدى ،ئۇيان ئويلاپ بۇ يان ئويلاپ ئۆيدىكىلەر مىنى ئۇرۇمچىگە دوختۇرخانىغا ئاپىرىشقا توغرا كەلدى شۇنىڭ بىلەن مىنى دادام مەن بۇ كىسەلنى يۇقتۇرۇپ ئىككى ئايدىن كىيىن ئاپتونوم رايونلۇق 1-خەلق دوختۇرخانىسى ۋە ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسىگە تەكشۇرتۈپ بۇ كىسەلنىڭ ساقايمايدىغانلىغىنى بەك ساقايتىش تەلىۋىڭلار بولسا ئوپىراتسىيە قىلىپ بىقىش كىرەكلىگى بۇ بىر خەتىرى بار ئىش تەۋاككۇل قىلىپ باقساق بولىدۇ دىگەن دوختۇرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدم، كىيىن مىنى ئاتا ئانام ئوپىراتسىينىڭ بەك خەتەرى بولغاشقا ھەم ئوپىرەتسىگە 80مىڭ يۇئەن ئەتراپىدا پۇل كىتىدىغان ئىختىسادى چىقىم ئەھۋالىنى ئۇقۇپ مەندىن ئەنسىرەپ ئوپىراتسىيە قىلىشقا قوشلمىدى، مەن بۇ ۋاقىتقىچە قاتتىق قىينالدىم ئاخىرى بىر كۈنى ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسىدا ياتقان ۋاختىمدا يىنىمدىكى ياتقان مارالبىشىلىق بىر بىماردىن مىچۇئەن دىگەن يەردە بىر خەنزۇ يولداشنىڭ شەخسى دوختۇرخانىسى بولۇپ مۇشۇنداق كىسەلنى داۋالالايدىغانلىغى توغرىسىدا ئۇچۇر ئاڭلىغاندىن كىيىن بۇ ئىپلاس كىسەلنى داۋالىتىش ئۇچۇن دەرھاللا باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ناھايىتى تەسلىكتە تاكسىغا چۇشۇپ دادامغىمۇ دىمەلا مىچۇئەنگە يۇرۇپ كەتتم، نۇرغۇن ئادەملاردىن نەچچە قىتىملاپ سوراش ئارقىلىق مىچۇئەن ناھىيە دوڭلۇ ساقچىخاننىڭ ئۇدۇلىدىكى بۇ شەخسى دۇختۇرخاننى بەك تەسلىكتە تاپتىم مىنى تاكسى شوپورى تاكسىدىن يۆلەپ چۈشۇرۇپ قويدى.مەن دوختۇرخانا مەسئۇلى ۋاڭ فامىللىككە ئۆزەمنىڭ جەنۇپتىن چىققانلىغىمنى ۋە كىسەل ئەھۋالىمنى تولۇق ئىېيىتقەندىن كىيىن ۋاڭ فامىللىك دوختۇر مىنى قىزغىن كۆتۈۋالدى ۋە كىسلىمنى تەل تۆكۈس ساقايتىدىغانلىغىنى ئىيتتى. مەن ئىچىمدە مىنى بۇ دوختۇر قانداق ساقايتاس ئۇرۇمچىدە خىلى چوڭ دوختۇرلارمۇ ساقايتالمايۋاتسا دەپ ئەندىشە قىلدىم، دوختۇر ماڭا چوقۇم ئۆزنىڭ دىگەىنىدەك قىلىدىۈانلىغىمنى بولمىسا ساقايمايدىغانلىغىمنى دىگەندىن كىيىن مەن ماقۇل بولدۇم. ۋە دوختۇرغا ۋەدە بەردم مىنى شۇ كۆنى ياتاققا ئالدى مەن ياتاقتا يىتىپ دەسلەپكى 7 كۈن ئومرۇتقامغا يەنى كىسەل جايىغا گىرىلكىدا قىزىق ئۆتۈزۇپ داۋالىدى، مەن بۇجەرياندا دوختۇرنىڭ دىگەن مەشغۇلاتنى تولۇق راۋا قىلدىم،يەنە 7 كۈن مىنى ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ مىدىرلاتماي ماڭا قۇم خالتىسى ئىېسىپ قۇيۇپ داۋالىدى،مۇشۇنداق داۋالاش جەريانىدا ياتاققا كىرىپ 11-كۆنى ئەتتىگەندە قوپسام راۋۇرۇس ساق ئادەمدەكلا مىڭىپ كەتتتىم ئۆزەممۇ قانداق ماڭدىم مەن راستلا مىڭىۋاتامدىم يا دەپ ئۆزەمنىڭ ماڭغىنىغا ئىشەنمەي قالدىم ،ياتاقتىكى يولداشلار ماڭا قاراپ ھەيران قالدى ۋە تولىمۇ خۇش بوپ كەتتى، مەن دەرھال ئۇرۇمچىگە تىلفۇن قىلىپ تۇققانلارنىڭ ئۆيىدە مىنىڭ ھاياتىمدىن ئەنسىرەپ ياتقان داداغا تىلىفۇن قىلىپ دادم چىققاندا ئالدغا مىڭىپ چىقىپ دادامنى قالتىس خۇش قىلىۋەتتم، مەن بۇ دۇنياغا يىڭدىن كەلگەندەك بوپ قالدىم، دادام مىنى قۇچاخلاپ يىغلاپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئاخردا 7 كۆن جوڭيى دورىسى بىلەن داۋالىدى، شۇنداق قىلىپ 21 كۆندە مەن راۋرۇس ساق ئادەمەمگە ئايلىنىپ قالدىم،بۇ جەرياند دوختۇرغا تۆلىگەن ئومۇمى چىقىمىم 2800يۇئەن بولدى. مەن 21كۆندە مىنى ساقايتقان ۋە ماڭا ھاياتلىق يولى بەرگەن بۇ دوختۇرغا ئاپىرىن ئوقۇپ مىڭ ھەشقاللا ئىېيتىپ يۇرتۇمغا قايتىپ كەلدىم. مەن قايتىپ كىلىپ تا ھازىرغا قەدەر مىنى 100دىن ئارتۇقراق ئادەم ئىزلىدى، بۇ كىشلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا ئوخشاش بىمار ۋە ئۇنىڭ تۇققانلىرى ئىدى، مەن داۋالانغان ئەھۋاللارنى ئۇلارغا تەپسىلى ئىېيتىپ ئوپىراتسىيە قىلمايلا ئاز چىقىم بىلەن ساقىيىپ كەلگنىمنى دىدىم ،شۇنىڭ بىلەن مەندىن ئاڭلىغان بىمارلار ئۇدۇل مىچۇئەندىكى بۇ دوختۇرخانىغا يۇرۇپ كەتتى ھازىر يەنىلا مىنى ئىزلەۋاتقان بىمارلار بار دەپ ›› سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.
ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە نىمە دىگەندە-چۇقۇم ھايات دەيمىز، ئىسانلار ئۆزنڭ ھاياتىنى قەدىرلىگەندە، ئاسىرغاندا تەن سالامەتلىگىگە كۆڭۆل بۆلگەندە ئاندىن خاتىرجەم ياشىغىلى، خاتىرجەم خىزمەت قىلغىلى شۇنداقلا كۆڭۆللۆك تۇرمۇش ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ،ئادەمنىڭ ھاياتىنى پۇلغا سىتىۋالغىلى بولمايدۇ ،ئەڭ مۇھىمى سلامەتلىككە كۆڭۈل بۆلۈشتە.
مەن تۇرسۇن توختىنىڭ بىشىغا كەلگەن بۇنداق ئىغىر ئەھۋالنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ ساقىيىپ بالدۇرقىدەكلا ئىشلەۋاتقانلىغىنى كۆرۇپ، ئۇنى ساقايتقان بۇ خەنزۇ قىرىندىشىمىزنىڭ قابىلىيتىگە ھەيران قىلىپ بىز بىلەن بىللە جاپالىق ئىشلەۋاتقان خەلق ساقچىللىرىمىزنىڭ ۋە باشقا قىرىنداشلىرمىزنىڭ ئارسىدىمۇ ياكى خەلق ساقچىللىرمىزنىڭ جان -جىگەر ئاتا ئانا ۋە قىرىنداشلىرى ئەر-ئايالىرى، شۇنداقلا ئۇرۇق تۇققانلىرى ئارسىدا جۈملىدىن بىشىغا قىسمەت كەلگەن ھەر قانداق پۇقرالارنىڭ مۇشۇنداق ئىېغىر كىسەلگە گىرىپتار بولمايدۇ دەپ قارىشىم خاتا دەپ ئويلاپ، بىشىغا كۈلپەت كەلگەن يولداشلارغا ئوڭايلىق بولسۇن ئۇچۇن دەپ بۇ تىمانى يازدىم.
كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ، كۆرۇرمەنلەرنىڭ مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا دىگەندەك، باشقا كۈن كەلگەندە ئىختىسادى چىقىمنى ئازايتىپ ئاشۇنداق ھەققانى دوختۇلارنىڭ ياردىمىگە ئىرشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشىنى سورايمەن.
تىما يازغۇچى، يوللىغۇچى-- مۇختەر تۇرسۇن.
[ بۇ يازما manggutax تەرپىدىن 2008-03-08 14:40 دە قا ]