قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
بۇ تېما 7938 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما:    { بوزقىر}ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕﯞﻩﺋﯩﺸﺘﺎﻧﻨﯩﯔﺋﯧﻐﻰ پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

BOZQIR
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 11482
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 216
شۆھرەت: 474 نۇمۇر
پۇل: 1031 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 268(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

    { بوزقىر}ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕﯞﻩﺋﯩﺸﺘﺎﻧﻨﯩﯔﺋﯧﻐﻰ

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما manggutax تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-03-07)
 
ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﻰ

ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر


ﺑﯘ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﺧﯧﻠﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ. ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺧﯧﻠﻰ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﺎﺭ، ﻳﯩﺘﯜﻙ ﺑﯩﺮ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻐﺎ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﮔﯩﻠﻮﮔﯩﻴﻪ (ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﻰ) ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻨﺎﻣﻪ ﻛﻪﭘﺘﯘ. ﺑﯘ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯ-ﺗﻮﻻ ﻣﻪﻧﺴﯩﭙﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﭺ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﺳﻮﺭﺍﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﯞﺍﻟﯩﻴﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ.
-ﺳﯩﺰﻣﯘ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﺰ؟ - ﺩﻩﭖ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﭘﺘﯘ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﯞﺍﻟﯩﻲ ﭼﯚﭼﯩﮕﯩﻨﯩﺪﯨﻦ .ﺷﯘﻧﭽﻪ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻨﻰ ﭘﯩﺮﻗﯩﺮﯨﺘﯩﻘﭗ ﭼﯚﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﺍﻟﻰ ﻏﯘﺟﺎﻡ” ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ “ ﻗﻪﻟﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺗﻪﺳﺘﯩﻖ ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ؛ ﭼﻮﯓ-ﭼﻮﯓ ﻳﯩﻐﯩﻨﻼﺭﺩﺍ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺩﻭﻛﻼﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﺍ، ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻳﻮﻟﻴﯘﺭﯗﻕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﻏﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﻳﯜﺭﺳﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯨﮕﯜﻟﯜﻙ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ؟
ﺷﯘ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺋﯩﭽﯩﻢ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ‹‹ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻛﯩﻨﺪﯨﻜﻰ›› ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﯩﺪﯗﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻟﯩﻴﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﯨﻘﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ:”ﺋﺎﺳﺎﺭ ﺋﻪﺗﯩﻘﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻤﺎ؟“ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻢ.
ﺋﻪﺷﯘ ﺟﺎﻧﺎﺑﯩﻲ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺳﻪﻫﻨﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﮔﯧﺪﯨﻴﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺵ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﯞﻩﺯ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ ﻳﯘ ﺋﯚﺯ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﺎﺭﺍﻗﻤﯘ ﺋﻮﻳﻠﯘﻧﯘﭖ ﺑﯧﻘﯩﺸﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺭﺍﻳﯘﻧﻐﺎ ﺗﯧﮕﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﯓ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﺎﻧﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﺳﻼ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﻫﻪﺭ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻲ ﻧﻪﭖ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﺩﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ، ﺩﯨﻠﻰ ﺳﯜﺯﯛﻙ، ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ ﻛﺎﻣﯩﻞ، ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ ﺯﻩﻛﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻻﻳﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻗﻮﻳﺴﺎ؛ ﻫﯧﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﯩﻬﯘﺩﻩ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺗﺎﻻﻧﺘﯩﻨﻰ ﻧﺎﺑﯘﺕ ﻗﯩﻠﯟﻩﺗﻤﯩﺴﻪ ﺋﺎﻟﻪﻣﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﯞﻩﻫﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮﺍﯞﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﻼ ﺷﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭ، ﺩﻩﭖ ﻣﺎﺧﺘﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯘﻕ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺟﺎﻥ ﺑﺎﻗﺘﯩﻼﺭﻏﯩﻼ ﺑﺎﭖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﻪ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﺴﺎﻕ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻫﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻻﭖ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻻﻧﺘﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﯘﺩﯨﺮﯨﺘﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭ ﺩﻩﻝ ﺋﯩﻠﻤﯘ-ﺋﯩﺮﭘﺎﻥ ﮔﯜﻟﻠﻪﭖ-ﻳﺎﺷﻨﯩﻐﺎﻥ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻘﻘﺎ، ﺋﺎﺳﯩﺎﻳﯩﺸﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺋﺎﯞﺍﻣﺪﯨﻦ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻘﯩﭽﻪ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻛﺎﻣﯩﻠﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻏﺎﭘﯩﻠﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺗﺎﻻﻱ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﮔﯩﮕﺎﻧﯩﺘﻠﯩﺮﻯ، ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ-ﺯﻩﻛﯩﻠﻪﺭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻏﻪﺯﯨﻨﯩﮕﻪ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﺗﯚﻫﭙﯩﻠﻪﺭ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻫﻪﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﻟﮕﻪﻥ. ﺋﻪﻛﯩﺴﭽﻪ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺯﻩﻛﯩﻠﯩﺮﻯ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﻗﯧﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺧﻮﺭﻟﯘﻗﻘﺎ ﺋﻮﭼﯩﺮﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭ ﺩﻩﻝ ﭘﯩﺘﻨﯩﺨﻮﺭ—ﭘﺎﺳﯩﻘﻼﺭ، ﻗﺎﺭﺍ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ-ﻧﺎﺩﺍﻧﻼﺭ ﻗﺎﺯﺍﻥ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ؛ ﺋﻪﻟﻨﻰ ﺑﯩﺨﻮﺩﻟﯘﻕ، ﺟﺎﻫﺎﻧﻨﻰ ﻣﺎﻟﯩﻤﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﭘﻼﭖ ﺟﺎﻫﺎﻟﻪﺕ ﺗﯘﻣﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻟﻪﻳﻠﻪﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺩﻩﯞﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﯞﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﻟﮕﻪﻥ.
ﻧﻪﯞﺍﺋﯩﺪﻩﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻏﻪﺯﯨﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯧﻴﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻗﯘﺷﯘﺷﯩﻨﻰ؛ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﻫﺎﺟﯩﭙﺘﻪﻙ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﺷﺎﻫﺎﻧﻪ ﺋﻪﺳﻪﺭ ‹‹ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ›› ﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺟﺎﻫﺎﻥ ﺋﻪﻫﻠﯩﻨﻰ ﺗﺎﯓ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻨﻰ؛ ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﻪﻱ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﻣﻪﺷﺌﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺟﯘﻻﻟﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺟﻪﯞﻫﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 12 ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﻰ ﺑﯩﺰﮔﯩﭽﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺩﻩﻝ ﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺕ ﺳﺎﻫﯩﺒﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺑﺎﻳﻘﺎﺭﺍ، ﻗﺎﺭﺍ ﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻰ ﯞﻩ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺪﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﺭ ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﻰ، ﺋﯩﻠﻤﯘ-ﺋﯩﺮﭘﺎﻧﻐﺎ ﻫﯧﺮﯨﺴﻠﯩﮕﻰ، ﺯﻩﻛﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﺷﻨﻰ ﺑﺎﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﺘﻰ، ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺳﺎﭘﺎﺋﻪﺕ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺳﯘﺯﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻛﻪﻧﺠﻰ ﺋﻮﻳﻐﯘﻧﯘﺵ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﺋﯘﻟﯘﻏﺒﻪﮔﻤﯘ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﭘﻪﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻫﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺭﻩﺳﻪﺗﺨﺎﻧﺎ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻠﻪﺭﮔﻪ ﺟﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺟﯘﻻﻻﺗﻘﺎﻥ.
”ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﭘﯧﺮﺳﯩﻴﻪ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﻪ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ، ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻏﻪﺯﻧﻪﯞﻟﻪﺭ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻰ ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﺧﺎﻧﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯘﺑﻠﯩﺖ ﺷﯩﺌﯧﺮ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯧﺸﻰ ﻛﯚﻛﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﻣﻪﺭﯞﺍﻳﯩﺖ ﻳﺎﻗﯘﺗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻮﺷﻘﯘﺯﯗﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯘﻗﻼﺷﻘﺎ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻜﻪﻥ. “ (3)
ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ﻫﺎﻛﯩﻤﺒﯧﮕﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﻭﻫﻮﺭﯨﺪﺩﯨﻦ ﻫﯧﻜﯩﻤﺒﻪﮔﻤﯘ ﺯﻩﻟﯩﻠﻰ ﻛﻪﺑﻰ ﺩﯨﻠﻰ ﺋﻮﻳﻐﺎﻕ، ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ ﻛﺎﻣﯩﻞ، ﺩﯦﻤﮕﯩﺮﺍﺗﯩﻚ ﺷﺎﺋﯩﺮ-ﺋﻪﻟﻼﻣﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐﺎ ﺗﻮﭘﻼﭖ ﺟﺎﻫﺎﻟﻪﺕ ﺗﯘﻣﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺯﯛﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﺎﺗﻤﯩﺴﻔﻮﺭﺍﺳﯩﻨﻰ ﺳﺎﭘﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺕ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻐﺎﻥ.
ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯩﺮﺍﻗﻘﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ، ﻗﯧﻠﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻥ ﺗﺎﻣﭽﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ، ﯞﻩﻫﺸﯩﻠﯩﻜﺘﻪ ﺋﯘﭼﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﭼﯩﻨﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻤﯘ ﺋﺎﻟﯩﻢ-ﺋﯚﻟﯩﻤﺎ، ﻫﯜﻧﻪﺭﯞﻩﻥ-ﻛﺎﺳﯩﭙﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺋﯩﻠﺘﯩﭙﺎﺕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻫﻠﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﭼﯩﮕﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﭖ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ-ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯨﻦ ﻛﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﺯﻩﻛﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐﺎ ﺗﻮﭘﻼﭖ ﺧﻪﻳﻠﯩﻦ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﯩﺴﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.
ﺷﯘﯕﺎ ﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﻣﯘﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻏﺎ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﺕ-ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺗﺎﺗﺎ ﺗﻮﯕﺎ؛ ﺯﻩﻣﺒﯩﺮﻩﻙ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﭼﯩﻨﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺋﯩﺴﺘﯩﻼﺳﯩﻐﺎ ﻗﯘﻻﻳﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻗﯘﺭﺍﻝ-ﻳﺎﺭﺍﻍ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ؛ ﭘﯘﻝ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ، ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯘﻕ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﭖ ﻳﯜﻩﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺯﻭﺭ ﻫﻪﺳﺴﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﯞﺯﯨﺮﻯ ﺋﻪﻫﻤﻪﺩ؛ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺧﺎﻥ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﻨﻰ ﻻﻳﯩﻬﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺭﺧﯧﻜﺘﯧﻜﺘﻮﺭ ﯦﻪﺧﺘﻪﺭﯛﺩﯛﻥ؛ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺗﯘﺑﺮﯗﻙ... ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻳﯜﻩﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ، ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ، ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﻪﭖ ﻳﺎﺷﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﻪﻣﺸﯘﻣﯘﻝ ﺗﯚﻫﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ.
ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻦ ﻏﻪﺭﯨﺒﻜﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﻪﻝ ﺧﺎﺭﺍﺯﯨﻤﻰ، ﺋﻪﻝ ﻓﻪﺭﻏﺎﻧﻰ، ﺋﻪﻝ ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ، ﺋﯩﺒﻨﯩﺴﯩﻨﺎ، ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ، ﺟﺎﻻﻟﯩﺪﯨﻦ ﺭﯗﻣﯩﻲ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻟﻼ ﻣﯩﻠﻪﺭ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﺷﺌﻪﻟﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻻﻟﯩﺪﻯ؟ ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺕ ﺳﺎﻫﯩﺒﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯘ-ﺋﯩﺮﭘﺎﻧﻨﻰ، ﺋﺎﻟﯩﻢ-ﺋﻪﻟﻼ ﻣﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﺵ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﻳﯩﺸﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ، ﻗﻮﻻﻱ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﻳﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻏﻪﺯﯨﻨﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻗﯘﺷﯘﺵ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻪ، ﺳﯧﺨﻰ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ، ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺋﻪﻟﺒﻪﺗﺘﻪ .
ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻫﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﯕﺎﻳﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺳﯜﺭﺷﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ. ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﯩﻘﻠﯩﻢ ﯞﻩﺳﯩﻘﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ‹‹ﺭﺍﻫﯩﺒﻜﺎﻧﻼﺭ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺲ. ﻛﯘﻣﺎﺭﺍﺟﯩﯟﺍﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ›› ﺩﺍ ﻗﻪﻳﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﭽﻪ، ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻣﯘﺗﻪﺑﭙﻪﻛﻜﯘﺭﻯ ﻛﯘﻣﺎﺭﺍﺟﯩﯟﺍ ﻛﺎﭘﻜﺎ (ﻛﻪﺷﻤﯩﺮ) ﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ، ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﻮﻝ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺑﻪﮔﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺕ، ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﻩ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﻛﯜﺳﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﻛﯜﺳﻪﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﺋﺎﻗﺎﺭﻯ ﭘﺎﻙ ﻛﯘﻣﺎﺭﺍﺟﯩﯟﺍﻧﯩﯔ ﻫﯚﺭﻣﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﭘﯘﺗﻠﯘﻕ، ﺷﯩﯩﺮ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯗﻕ ﻳﺎﺳﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻧﻰ ﺭﯛﻡ ﻛﯩﻤﺨﺎﭘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﺰﻩﭖ، ﺋﯚﺯﻯ ﺋﻪﺷﯘ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯗﻗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺩﯛﻡ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯘﻣﺎﺭﺍﺟﯩﯟﺍﻧﻰ ﺋﯚﺯﻧﯩﯔ ﺩﯛﻣﺒﯩﺴﯩﻨﻰ ﺩﻩﺳﺴﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯗﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻥ.

داۋامى بار .
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
ئىزاھات : مەزكۇر تىما بىرلەشتۈرۈلۇپ قايتا تەھرىرلەندى . ئىلگىرى يوللانغان تىمىغا ئىنكاس قايتۇرغۇچىنىڭ ئىنكاسى ئاستىغا كۆچۈرۈلدى .
[ 此贴被BOZQIR在2008-09-11 01:24重新编辑 ]
تېما تەستىقلىغۇچى : baturjangqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-03-07, 06:27
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(manggutax) موھىم ماقالە
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-03-07 14:24 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
BOZQIR
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 11482
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 216
شۆھرەت: 474 نۇمۇر
پۇل: 1031 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 268(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

داۋامى

ﺩﻩﯞﺭ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺩﯦﻤﮕﯩﺮﺍﺗﯩﻴﻪ، ﻗﺎﻧﯘﻥ-ﺗﯜﺯﯛﻡ ﻛﯚﭖ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﻰ. ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﻫﯚﻧﻪﺭ-ﻛﻪﺳﯩﭗ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﻤﯘ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﻐﯘﺳﯩﺰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭﺩﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﻫﺎﻟﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺋﻪﺷﯘ ﺧﯩﻞ ‹‹ﺩﯛﻣﺒﻪ ﺭﻭﻫﻰ›› ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﻪﻧﻘﺎﻧﯩﯔ ﺗﻮﺧﯘﻣﯩﺪﻩﻙ ﺗﯘﺗﻴﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﺩﯦﺴﻪﻙ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯧﺘﻪﻣﺪﯗ-ﻳﻮﻕ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﭖ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ. ﯞﻩﻫﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﺯﻩﻛﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯛﻣﺒﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﭘﻪﺷﯟﺍ ﺋﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻧﻰ ﻫﯧﻠﯩﻬﻪﻡ ﻣﻪﯞﺟﯜﺕ، ﺩﯦﺴﻪﻙ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ.
2005-ﻳﯩﻠﻰ 12-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﻮﻳﯘﻗﺴﯩﺰﻻ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﭙﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﺳﻪﻡ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﻪ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﯨﻤﯘ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭘﺘﯘ. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻤﻨﯩﯔ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯚﻛﻪﺭﺗﯩﺶ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﯚﺗﻜﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﺩﻯ. ﺑﯘ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ﻫﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻛﻪﺳﭙﯩﮕﻪ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺴﺎﻡ ﺋﯘﻻﺭ ﻛﻪﺳﻜﯩﻨﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺗﯘﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺧﯧﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﺍﺭﺳﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻛﯚﻛﻪﺭﺗﯩﺶ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﺍﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﺷﯩﺪﺍ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﺍﺭﺳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺧﻪﯞﺭﻯ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺳﺎﻟﺪﻯ. ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﺳﺎﻡ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﻧﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺩﯦﺪﻯ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ 2005-ﻳﯩﻠﻰ 12-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 13-ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻛﻰ 2006-ﻳﯩﻠﻰ 10-ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 10 ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﮔﺎﯕﮕﯩﺮﺍﭖ ﻳﯜﺭﺩﯛﻡ. ﺋﻮﻥ ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻴﯩﻨﻤﯘ ﺋﯩﺶ ﻫﻪﻗﻘﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻤﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﻪ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ 47 ﻗﯧﺘﯩﻢ، ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﺎﺩﯨﺮ ﺋﯩﺪﺍﺭﺳﯩﻐﺎ 8 ﻗﯧﺘﯩﻢ، ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻜﯘﻡ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﮕﻪ 5 ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﺗﯩﺮﯨﺪﯨﻢ. ﻛﯩﺮﻣﯩﮕﻪﻥ ﺗﯚﺷﯜﻙ، ﺋﯩﺰﺩﯨﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻫﺎﻟﺘﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﮔﯟﺍﻧﺘﺎﻧﺎﻣﺎ ﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻫﺒﯘﺳﻨﯩﯔ ﻫﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.
ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ‹‹ﺩﻭﺳﺖ›› ﻟﯩﺮﯨﻢ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺷﺘﻰ. ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﻰ ﻳﻮﻕ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﺎﺗﺎﻳﻪﻥ ﺗﯧﻠﯧﻔﯘﻥ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﻪﺧﺘﯩﺴﺰ ﻟﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ‹‹ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﭖ›› ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺋﺎﭼﺎ، ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ-ﺳﯩﯖﯩﻠﻠﯩﺮﻣﻤﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺧﻮﺗﯘﻥ-ﺑﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻢ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﺘﻰ. ﺧﻪﺟﻠﻪﻱ ﺩﯨﺴﻪﻡ ﭘﯘﻝ، ﺩﻩﺭﺩﯨﻤﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺎﻱ ﺩﯨﺴﻪﻡ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﻮﻕ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯞﻩ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻗﯧﺮﯨﭗ ﻫﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﭘﺎﻣﻼ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
ﭼﯩﺪﯨﺪﯨﻢ، ﺑﺎﺗﯘﺭﻻﺭﭼﻪ ﻳﺎﺷﯩﺪﯨﻢ، ﻫﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻨﯩﯔ، ﻫﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻧﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺯ ﻧﯘﺭﯨﻨﻰ ﭼﺎﭼﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺷﯩﺪﯨﻢ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺋﻮﻳﻼﻧﺪﯨﻢ، ﻣﻪﻥ ﻛﯩﻢ؟ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ؟ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﮔﯘﻧﺎﻫﯩﻢ ﻧﯧﻤﻪ؟
ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﻠﺴﻪﻡ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻟﯩﻴﺴﻰ ﻣﻪﻥ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ: ‹‹ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﻪ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻜﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ›، ﺩﻩﭘﺘﯩﻤﯩﺶ. ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﻡ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﻪﻣﺪﯨﻜﯩﻦ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﻣﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ 6 ﻳﯩﻞ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ، 15 ﻳﯩﻞ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﮔﻪ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺑﺎﺵ ﻣﯘﻫﻪﺭﯨﺮ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﺎﺩﯨﺮ. ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯦﻴﯩﺸﭽﻪ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻳﯩﺒﯩﻢ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻳﻪﻧﻪ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﺳﺎﻻﭘﻪﺗﻠﯩﻜﻤﯩﺸﻤﻪﻥ.
ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﺎﯕﺎ ﭘﻪﺗﯩﯟﺍ ﭘﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯘﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﺑﺎﻻ ﺑﯧﻘﯩﭗ، ﻗﺎﺭﺍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﻥ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯨﺪﻩﻛﻨﻰ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﻪ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪﻓﯩﻠﯩﻤﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﺑﯚﻟﯜﻣﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ، ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﺘﺎ ﺑﺎﺵ ﻣﯘﻫﻪﺭﺭﯨﺮ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﯩﺴﻰ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ-ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﯩﻨﻰ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﭼﯩﻘﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺯﯨﻴﺎﻟﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺴﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﻧﺪﺍ ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﺋﯧﻠﯩﭙﻨﯩﯔ ﺳﯘﻧﯩﻘﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺯﺍﻛﺎ ﻳﻪﯕﮕﯜﺷﻠﻪﺵ، ﻛﯩﺮ ﻳﯘﻳﯘﺵ، ﺋﯚﻱ ﺗﺎﺯﻻﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯧﭙﻰ ﻳﻮﻕ ﻳﯘﻧﺪﺍ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺩﯨﺪﻩﻙ ﺋﯩﺸﻠﯩﺴﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﻪﻣﺪﯨﻜﻪﻥ؟
ﻣﻪﻥ ﻛﯩﻢ، ﺋﯘ ﻛﯩﻢ؟ ﻣﻪﻥ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﯨﺖ ﯞﺍﻗﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻫﺎﺭﺍﻕ-ﺷﺎﺭﺍﭖ، ﻛﻪﻳﯩﭗ-ﺳﺎﭘﺎ، ﺧﻮﺷﺎﻣﻪﺕ ﺩﺍﺳﺘﯩﺮﺧﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻟﻪﭖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺗﯩﻞ-ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭘﺘﯩﻤﻪﻥ. ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ 60 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪﻡ ‹‹ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯜﻧﯩﯟﯦﺮﯨﺴﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﮊﻭﺭﻧﺎﻝ››، ‹‹ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ››،‹‹ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ››،‹‹ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ›› ﯞﻩ ‹‹ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ›› ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﮔﯧﺰﯨﺖ-ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺧﯧﻠﻰ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ. ‹‹ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ››، ‹‹ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻠﻪﺭ››، ‹‹ﺗﺎﺭﯨﻢ››، ‹‹ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ››، ‹‹ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ›› ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻮﭘﯘﺯﻟﯘﻕ ﮔﯧﺰﯨﺖ-ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ 200 ﭘﺎﺭﭼﯩﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻢ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ‹‹ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ›› ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮔﯧﺰﯨﺘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻖ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ 4 ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪﻡ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ‹‹ﺋﯩﺒﯩﻨﺴﯩﻨﺎﻧﯩﯔ ﺭﻭﻫ ﯞﻩ ﺑﯩﻠﺶ ﻧﻪﺯﻩﺭﻳﯩﺴﻰ››، ‹‹ﻓﺎﺭﺍﺑﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯜﺩﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻰ›› ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ 50 ﭘﺎﺭﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻧﻮﭘﯘﺯﻟﯘﻕ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺑﯘ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﯘ ﺳﺎﻫﻪﺩﻩ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ. ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ-ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪﻡ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ-ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﻠﯩﻤﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ 8 ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﻯ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯗﺭﺩﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ.
2000-ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 2001-ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﻣﻪﻥ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯜﻣﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 200 ﻗﯩﺴﻤﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯩﻨﻮ-ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﺩﯗﻡ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﻣﯘﻫﻪﺭﺭﯨﺮﻟﯩﮕﯩﻨﻰ (ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﻟﯩﮕﯩﻨﻰ) ﺋﯜﺳﺘﯜﻣﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ 126 ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺳﯜﻧﺌﯩﻲ ﻫﻪﻣﺮﺍ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘ ﺑﯚﻟﯜﻡ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ 10 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﻧﻰ ﻳﺎﺭﺗﯩﭗ، 24 ﻣﯩﯔ ﻳﯜﻩﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﻧﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﻣﯘﺩﯨﺮﻟﯩﻘﻨﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﻣﯘﻫﻪﺭﺭﯨﺮﻟﯩﮕﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ 22 ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﻯ ‹‹ﺷﯩﻴﺎﯕﺰﻯ ﺗﯚﮔﻪ›› 2002-ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﮕﻰ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ-ﻛﯩﻨﻮ-ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪﺑﺎﺵ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ-ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﯘﻟﭙﺎﺭ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻨﻰ ﺑﺎﻫﺎﻻﺷﺘﺎ ﺷﻪﺭﻩﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﺩﯨﺮ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻓﯩﻠﯩﻤﻰ ﺗﻮﺭﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ‹‹ﺗﯘﻟﭙﺎﺭﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ›› ﻏﺎ ﻧﺎﺋﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻨﯩﯔ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﺯﺍﻛﯩﺮ، ﺷﺎﯞﻛﻪﺕ ﺋﯩﻤﯩﻨﻼﺭ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻜﯘﻣﻨﯩﯔ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺷﯘﺟﯩﺴﻰ ﺧﯘﭼﺎﯕﺌﻪﻥ، ﺳﺎﺑﯩﻖ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﯞﺍﻟﯩﻲ ﺩﯨﻠﻪﻳﺴﻪﻡ ﺭﯦﺸﯩﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﺮﺍﻟﯩﻐﯩﺪﺍ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﺑﯚﻟﯜﻣﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﺩﻯ ﻫﻪﻡ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺑﺎﻫﺎ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻼ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﺑﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ-ﻛﯩﻨﯩﻮ-ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ 100 ﻣﯩﯔ ﻳﯜﻩﻥ، ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ 100 ﻣﯩﯔ ﻳﯜﻩﻥ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻼﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﻻﺭ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺑﺎﻫﺎ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻼﺭﺩﺍ 50 ﭘﺎﺭﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺩﯗﻡ. ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻢ ‹‹ﻛﯚﻛﻨﯘﺭ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ››، ‹‹ﭼﻮﻏﻠﯘﻕ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ›› ﯞﻩ ‹‹ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺑﺎﻫﺎﺭﻯ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ›› ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﻧﺎﺋﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ‹‹ﻳﯜﺭﻩﻛﺴﯩﺰ ﺳﯚﻳﮕﯜ››، ‹‹ﺗﺎﺭﯨﻢ ﻧﺎﯞﺍﺳﻰ››، ‹‹ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺳﻮﯞﻏﯩﺴﻰ›› ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﻮﻟﻠﯩﻜﺘﯩﭗ ﺗﻮﭘﻼﻣﻼﺭﻏﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﯞﯨﻼﻳﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ‹‹ﺳﺎﭘﺎ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻤﯘ، ﺧﺎﺗﺎ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻤﯘ›› ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ.
2003-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ‹‹ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪﺭ، ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯜﺯ ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ›› ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻢ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻠﯩﻚ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ 10 ﺑﯩﺮ ﻳﯘﺭﯗﻕ ﻧﻮﻗﺘﺎ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺗﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ‹‹ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ›› ﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ.
2003-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ‹‹ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻛﯘﻣﺎﺭﺍﺟﯩﯟﺍ›› ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻤﺪﯨﻦ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺷﯘ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﯩﻢ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ–ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺶ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪﻥ ﻫﻪﻡ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ 7-ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ 2-ﻗﯩﺴﯩﻢ ‹‹ ﺗﯩﻞ-ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ›› ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﺪﻯ.
‹‹ﺋﺎﻗﺴﯘ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ›› ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻯ ﭘﻪﺭﻫﺎﺕ ﻏﯘﻻﻡ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﮔﯧﺰﯨﺘﻨﯩﯔ 2006-ﻳﯩﻞ 16-ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﺳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ‹‹ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻛﯘﻣﺎﺟﯩﯟﺍ ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﭘﺘﯩﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ›› ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﺪﻩ ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ:
” ‹‹ﺑﯘﻳﯜﻙ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻛﯘﻣﺎﺟﯩﯟﺍ››“‹‹ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪﺭ-ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯜﺯ ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ›› ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﻯ، ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﭘﻮﺑﻠﯩﺴﺘﯩﻚ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﺵ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻥ، ﻛﯜﺳﻪﻧﺸﯘﻧﺎﺱ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﻫﻪﺳﻪﻥ ﺑﻮﺯ ﻗﯩﺮﻧﯩﯔ ‹‹ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻛﯘﻣﺎﺟﯩﯟﺍ›› ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺷﯘ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ 7-ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ 2-ﻗﯩﺴﯩﻢ ‹‹ﺗﯩﻞ-ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ›› ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﺪﻯ.
‹‹ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻛﯘﻣﺎﺟﯩﯟﺍ›› ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﻫﻪﺳﻪﻥ ﺑﻮﺯ ﻗﯩﺮﻧﯩﯔ 10ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﯧﯟﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ 2003-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﺎﻫﻪﺩﻩ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﻧﻮﭘﯘﺯﻟﯘﻕ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﻫﻪﺳﻪﻥ ﺑﻮﺯﻗﯩﺮ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﯧﯟﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﺩﯨﺐ، ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﺩﯨﻦ ﻧﯩﻤﺸﯧﻬﯩﺖ، ﻝ. ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻻﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻫﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ-ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ –ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﭘﻪﻟﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ.“
ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﺎﺗﺎ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﺗﯧﺨﻰ ﺗﯜﮔﯩﻤﯩﮕﻪﻥ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﯩﻤﺒﺎﺭﮔﻮ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻤﯩﻐﺎﻥ، ﻗﻪﻟﯩﺐ ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺯﺍﭖ ﺗﯘﻣﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﻰ ﺗﺎﺭﺍﭖ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ، ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﺘﺎ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ﻣﻪﻥ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻮﭼﯘﻗﺘﯩﻦ-ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﻪﻳﺘﺘﻪ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ ﭘﻪﺭﻫﺎﺕ ﻏﯘﻻﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﻥ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻳﯧﺰﯨﺸﻰ ﯞﻩ ‹‹ﺋﺎﻗﺴﯘ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ›› ﻧﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺳﯩﺘﻮﻥ ﺋﺎﺟﯩﺮﯨﺘﯩﭗ ﺋﻪﺷﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﮔﻪ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﻪﻣﭽﻪ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻧﯩﻤﺸﯧﻬﯩﺖ، ﻝ. ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻠﻪﺭﺩﻩﻙ ﺗﻪﯞﻩﺭﯛﻛﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﺗﻪﮔﻜﻪﻥ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ”ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﻣﻪﺷﺌﯩﻠﻰ “ﺑﻮﻟﻤﯩﺶ‹‹ﺋﺎﻗﺴﯘ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ››ﻧﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﻗﻮﭼﺎﻕ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ، ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ، ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺧﺎﻟﯩﺲ ﺗﯚﻫﭙﯩﺴﯩﮕﻪ ﭼﯩﻦ ﺩﯨﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﺳﻪﻣﯩﻤﻰ ﺭﻩﻫﻤﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﻤﻪﻥ.
ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻧﺎﻡ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻛﺎﺭﺗﯘﺷﻜﯩﺴﯩﻐﺎ 4 ﺧﯩﻞ ﺋﻪﻣﻪﻟﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﻗﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﻐﺎ ﺗﯩﺰﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻥ، ﺑﺎﺵ ﻣﯘﻫﻪﺭﺭﯨﺮﻟﯩﻜﻨﻰ ﺑﺎﺵ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﺎﺵ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺋﯩﺪﯨﻴﺴﯩﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﻩ ﺋﻪﮔﻪﺷﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﻭﺳﺖ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺧﻪﻗﻨﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﺪﻩ ﻗﺎﻟﻐﯘﺩﻩﻙ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﯩﺴﯩﺮﺍ ﺷﯩﺌﯧﺮﻣﯘ ﻳﺎﺯﺍﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﺭﻛﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ”ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﯞﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺖ“ ﻻﺭﺭﻧﯩﯔ ﻣﯧﻨﻰ”ﺧﺎﺗﺎﻻﺷﻘﺎﻥ ﺋﯘﻧﺴﯘﺭ“ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯞﯦﺘﯩﺸﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﻪﺷﯘ ﮔﯧﺰﯨﺘﻨﯩﯔ ﺭﺍﺳﯩﺖ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺭﻩﻫﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ. ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

داۋامى بار
[ بۇ يازما baturjangqi تەرپىدىن 2008-03-07 14:42 دە ]
qarluq
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-07 14:30 |
BOZQIR
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 11482
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 216
شۆھرەت: 474 نۇمۇر
پۇل: 1031 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 268(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

داۋامى
ﺩﻩﺭﯞﻩﻗﻪ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﺎﻫﺎﻻﺭ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﭘﻪﺭﻫﺎﺕ ﻏﯘﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﺷﯘ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ،‹‹ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ›› ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﮔﯧﺰﯨﺖ-ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻼﺭ، ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ-ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﯧﻨﻰ 5 ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﯘﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻥ. ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﯩﻢ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻢ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ‹‹ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﻪﺭ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ››ﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ.
ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻫﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻫﻠﯩﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﻛﻪﻣﺘﻪﺭ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭘﯧﺌﯩﻞ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻣﯩﻨﻨﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻛﯚﺯ-ﻛﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻢ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﻳﺎﺕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﻪﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﻪﺕ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻨﻼ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ، ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺩﯨﺪﻩﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯘﻻﻟﻤﯩﺪﯨﻢ. 10ﺋﺎﻱ ﻣﺎﺋﺎﺵ ﺋﺎﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﺯ ﺩﻩﭖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺯﺍﭖ ﺗﺎﺭﺗﺘﯩﻢ. ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ 10 ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﻣﺎﺋﺎﺵ ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﯦﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻪﯞﺭﯨﭽﺎﻥ ﻛﺎﺩﯨﺮﺩﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﻪﭼﭽﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﺩﯗ؟ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﺩﯨﺪﻩﻙ 10 ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﻫﻪﻗﻘﻰ ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺭﻣﯘ؟ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﭘﻪﺗﯩﯟﺍ ﭘﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭ 10 ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﻫﻪﻗﻘﻰ ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﺭ ؟ ﻣﺎﺋﺎﺵ ﺋﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ، ﺋﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﻯ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻣﺎﺋﺎﺵ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ” ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ“ ﮔﻪ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺗﯧﭙﯩﺸﺘﺎ، ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺷﺘﺎ.
ﻫﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ”ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺴﻪﻡ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ “ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﺩﯨﺪﻩﻛﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎﻡ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ. ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯘﻣﯩﭽﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﻴﯩﻤﻨﯩﻤﯘ ﻗﺎﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺷﯘ ﺩﯦﺪﻩﻛﻨﯩﯔ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻨﯩﯔ ﻣﻮﺩﺍ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯩﻴﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﭼﯘﺷﻠﯘﻕ ﭘﺎﺩﯨﭽﻰ ﺋﯩﺸﺘﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﺮﺗﻤﯩﻨﻰ ﺋﯘﭼﯘﻕ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﯩﺪﯨﻢ. ﺋﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯩﺮﯨﺘﻤﺎ ﺑﯘﺯﯗﻗﻤﯘ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺗﻪﺱ. ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺑﯘﺭﯗﻧﺪﯨﻦ ﻣﺎﺭﺍﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﻛﻤﺎﯕﻘﯩﺴﻰ ﺗﯚﺷﯜﻛﺘﯩﻦ ﻣﺎﺭﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﺎﺷﻘﺎﻧﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﺗﺴﻪ، ﻳﺎﺯ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﯕﺴﯩﺰ ﻛﯚﻳﻨﻪﻙ ﻛﯩﻴﮕﻪﻧﺪﻩ ﻛﯚﺭﯨﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻮﻟﺘﯘﻕ ﺗﯜﻛﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺪﯨﻨﻼ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ ﺧﺎﻻﺱ.
ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ ﻣﻪﻥ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻧﯩﯔ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺷﯚﺑﻪ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﯞﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﯩﺮﯨﻤﺎﺳﻤﯩﺸﻜﻪﻧﻤﻪﻥ. ﺑﯘ ﺧﯘﺩﺩﻯ‹‹ﺋﯧﺸﻪﻛﻨﯩﯔ ﺩﯛﻣﺒﯩﺴﻰ ﻗﯩﭽﯩﺸﺴﺎ ﺗﯜﮔﻤﻪﻧﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ›› ﺩﻩﻛﻼ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﭘﺘﯩﻤﯩﺶ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﺭﻩﻫﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ، ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ، ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪ، ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻳﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺴﻪ ﺋﺎﯞﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﻮﻟﯘﻗﻤﺎﻱ ﺗﯚﯞﻩﻧﮕﻪ ﭼﯜﺷﺴﻪ ﺋﺎﯞﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﻮﻟﯘﻗﯩﺸﻰ ﻧﯧﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ؟ ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﺑﯘ ﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯘ؟ ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻜﻰ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ-ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﺎﻱ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯩﺠﯩﺮﺍﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺴﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻻﺗﺘﯩﻐﯘ؟ ﻫﻪﻡ ﺗﻪﻟﻪﭘﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺪﯨﻐﯘ؟ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺯﺍﻣﺎﻧﻐﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻣﺎﻛﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﭼﯩﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﯞﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺩﻩﻝ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻣﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ-ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺋﯩﺠﯩﺮﺍﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﻧﻠﯩﻜﻰ. ﺑﯘ ﺩﻩﻝ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﻮﺭﯗﻣﯩﭽﯩﻠﯩﻖ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﻪﺟﻪﻟﻠﯩﻚ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪ. ﺋﯘ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺗﯜﭘﺘﯩﻦ ﺧﯩﻼﭖ!
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﻗﻪﻟﻪﻣﻜﻪﺵ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﯩﺮﯨﻢ ﻣﺎﯕﺎ:‹‹ﻗﻪﻟﯩﻤﯩﯖﯩﺰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭﺭﻩﻙ، ﻫﻪﻗﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﯩﺴﯩﺰ. ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭﺳﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻧﯧﺮﻯ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﺭﺩﯨﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﻠﯩﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ›› ﺩﯦﺪﻯ.
ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯ-ﺗﻮﻻ ﺋﻮﺭﺍﻣﻰ ﺑﺎﺭﺩﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺩﯦﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﻗﻪﻟﻪﻣﻨﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻏﺎ ﻳﺎﻣﯩﺸﯩﺸﯩﻨﯩﯔ، ﭘﯘﻝ ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﯩﯔ، ﻧﺎﻡ-ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﺩﺩﯨﺌﺎﻳﯩﻤﯩﺪﺍ ﻳﻮﻕ، ﻫﻪﻗﻨﻰ ﻳﺎﻗﯩﻼﺵ، ﺭﺍﺳﺖ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﻪﻟﯩﻤﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﯜﭖ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ. ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﭘﻤﯘ ﺷﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﯞﻩﻫﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﻫﻪﻗﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺕ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯧﺸﯩﻤﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﻠﯩﻤﺪﯨﻜﻰ، ﺩﯦﻤﮕﯩﺮﺍﺗﯩﻴﻪ، ﻗﺎﻧﯘﻥ-ﺗﯜﺯﯛﻡ ﻛﯜﭼﻪﭖ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ؛ ﺋﯩﻨﺎﻕ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﻠﻠﯩﻘﻰ، ﻫﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻴﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻛﯜﻧﺘﻪﺭﺗﯩﭙﻜﻪ ﻗﯘﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭ ﺩﻩﻝ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﯩﺴﭽﻪ ﺩﯦﻤﮕﯩﺮﺍﺗﯩﻴﻪﺩﯨﻦ، ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻦ، ﺋﺎﺩﯨﻠﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﻫﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯚﻟﮕﯜﺩﻩﻙ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻫﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﻘﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭ ﻫﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ، ﻫﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﻗﻤﺎﻱ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺟﺎﺯﺍﻟﯩﻤﺎﻱ، ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﺎﺗﻤﺎﻱ ﻗﺎﻻﺗﺘﯩﻤﯘ؟
ﻫﻪﻗﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﯩﻨﯩﻢ، ﻫﻪﻗﻨﻰ ﻳﺎﺯﻏﯩﻨﯩﻢ ﺩﻩﻝ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ 16-ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﯩﯔ 6-ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﯘﻳﯘﻟﻐﺎﻥ”ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﻠﻠﯩﻘﻰ، ﻫﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻴﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﺵ؛ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﮕﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ؛ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﻣﻪﻧﭙﻪﺗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ “ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﭘﺘﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ! ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﻪﺯﻯ ﭼﯩﺮﯨﻚ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻧﯧﺮﻯ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻫﻪﻗﻘﻰ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻧﯧﻤﻪ؟
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯘﺭﯗﻕ-ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﯩﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ﻣﺎﯕﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﭘﯩﺸﻜﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯜﻥ ﺳﺎﯞﺍﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﻪﻟﻪﻣﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﯞﻩ ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ ﺩﺍﺳﺘﯩﺮﺧﯩﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﺗﯘﺵ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﭽﻪ ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﻡ، ﻣﯘﺳﯘ ﺳﺎﻻﭘﯩﺘﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﺭﺍﻕ ﺷﯘ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﺑﯘﻛﻪﻣﮕﻪ ﻛﻪﻡ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﻫﺎﻛﯩﻢ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻛﺎﺩﯨﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻻﺭﻛﻪﻧﻤﻪﻧﺪﯗﻕ.” ﯞﺍﻱ ﺋﯩﺴﯩﺖ.“
ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﯩﻤﯘ ﻣﯩﯔ ﺭﻩﻫﻤﻪﺕ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﻘﯩﭙﻤﯘ ﺩﺍﺳﺘﯩﺮﺧﺎﻥ ﺳﯧﻠﯩﺶ، ﭘﯘﻝ ﺧﻪﺟﻠﻪﺵ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﻣﺎﺩﺩﺩﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯘﭼﯩﺮﯨﺘﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ. ﺋﻪﻛﺴﭽﻪ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻪﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﻳﻮﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭼﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺭﻧﻰ ﺟﺎﺯﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭ ﺗﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭙﺘﯘ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭ ﺑﯘﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯚﺯﯛﻣﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﻧﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ‹‹ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ›› ﻧﯩﯔ 35-ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯ، ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺕ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﮕﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﯨﺖ ﻳﻪﻧﻪ 47-ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻨﯩﭙﺘﯘ: ‹‹ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﻥ-ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﮕﻰ ﺑﺎﺭ. ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ، ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﭘﻪﻥ، ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ، ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﯘﭼﻰ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ››.
ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﻨﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻣﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ، ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﯞﻩ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻢ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭ ﻧﯧﻤﯩﺪﻩﭖ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﮔﯩﺮﺍﮊﺩﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﯘﺯﯗﻕ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ؛ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﯧﯟﯨﻠﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ؛ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯚﺗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ؛ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﻯ ﭘﺎﺭﺗﯩﻜﯘﻡ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ، 10 ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﻫﻪﻗﻘﻰ ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﯜﻥ ﺗﯩﻨﺴﯩﺰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﻣﯚﻣﯩﻦ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻣﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯘﻳﺎﻗﺘﺎ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺟﺎﺯﺍﻻﭖ ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ؟
ﻗﯧﻨﻰ ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﺍ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺯﯨﻴﺎﻟﻰ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﯧﭽﯩﭗ ﺷﯩﺮﻩ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻣﯜﻛﭽﯩﻴﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ، ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﻳﯜﻩﻧﻠﻪﭖ ﭘﯘﻝ ﺧﻪﺟﻠﻪﭖ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ، ﮔﻪﻧﺴﯘ، ﺷﻪﻧﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻝ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻼﭖ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﭗ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﯩﻘﻠﯩﻢ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻗﻨﻰ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯘﻣﺎﺭﺍﺟﯩﯟﺍﺩﻩﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﺷﯚﻫﺮﻩﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ 1700 ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﭼﺎﯓ-ﺗﯘﺯﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﻣﯜﻟﮕﻪﻥ ﺳﯩﻤﺎﻳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻧﯘﺭﻻﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﭙﺘﯘ؟
ﻗﯧﻨﻰ، ﺋﺎﻗﺴﯘ ﯞﯨﻼﯨﻴﺘﻰ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﻩ ﻧﯩﻤﺸﯧﻬﯩﺖ ﯞﻩ ﻝ . ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺩﯨﭗ، ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯘﺭ ﻛﻪﻟﮕﯜﺩﻩﻙ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﺘﻰ ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﺎﺵ-ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﯚﮔﯜﺗﯜﻟﯜﭖ ﺑﯧﻘﯩﭙﺘﯘ؟
ﻗﯧﻨﻰ، ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯚﻟﻪﻙ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻥ ﺯﯨﻴﺎﻟﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﻰ ﺋﺎﺩﯨﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﺎﻗﯩﻼﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺟﺎﻥ ﭘﯩﺪﺍﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻮﻗﺎﻥ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﭼﯚﻝ-ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻍ ﻗﺎﭘﺘﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﯩﻨﻬﺎﻥ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻏﺎ ﺳﯚﺭﻩﭖ ﻛﯧﻠﻪﻟﻪﭘﺘﯘ؟ ﻣﯘﺑﺎﺩﺍ ‹‹ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪﺭ، ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯜﺯ ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ›› ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ”ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻻﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻣﯩﺘﯜﻛﻠﯜﻙ “ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭼﯘﻗﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﯚﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﯨﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﺎﻥ، ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺵ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﻛﯜﻧﺘﻪﺭﯨﭙﺘﯩﻜﻪ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﯩﻐﺎﻥ، ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﯩﻚ ﺗﯜﺯﯛﺵ ﻫﻪﻳﺌﯩﺘﻰ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﭘﯧﻘﯩﺮﻏﺎ ﻫﺎﯞﺍﻟﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ، ﭘﯧﻘﯩﺮ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺭﻩﯞﯨﺸﺘﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﺷﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺷﯘ ﻫﺎﻣﺎﻥ ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﺎﺑﺪﯛﺷﻜﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ 7-ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ 2-ﻗﯩﺴﯩﻢ ‹‹ﺗﯩﻞ-ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ›› ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘﻻﺗﺘﯩﻐﯘ؟
ﻗﯧﻨﻰ، ﺋﻪﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ﻣﯘﯞﻩﭘﻪﻗﻘﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﺩﻩ ﺋﺸﻠﻪﺵ ﺳﺎﻻﻫﯩﻴﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﯩﻼﺭﭼﻪ ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﮕﯩﺮﺍ ﺭﺍﻳﯘﻧﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﺪﯨﻦ ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﻪﭼﭽﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ؟ ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﭘﯧﻘﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻪﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﻣﯘﯞﻩﭘﻪﻗﻘﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺧﺎﺗﺎﻣﯘ؟ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﯞﻩﺗﻪﻥ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﮕﻪ ﺷﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻗﻮﺷﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﻨﯩﯔ ﺯﺍﻛﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘﭖ، ﻳﯘﻧﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﯚﻛﯜﭖ ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯩﺸﺘﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﻨﻰ ﺋﯘﭼﯘﻕ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﻳﯜﺭﯛﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻣﺴﯩﺰ، ﺳﺎﯞﺍﺗﺴﯩﺰ ﺩﯨﺪﻩﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﺷﻪﻟﻤﻪﻱ ”ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﺸﻘﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ “ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﺎﻫﺎﻧﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺕ ﻛﻪﺳﯩﭙﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﻳﯚﺗﻜﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻧﻨﻰ ﺋﺎﺯ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻥ ﺋﺎﻳﻼﭖ ﻣﺎﺋﺎﺵ ﺋﺎﻻﻟﻤﺎﻱ، ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﻳﻼﭖ ﺷﯩﺮﻩ-ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯗﻗﻘﺎ ﺋﯧﺮﺷﻪﻟﻤﻪﻱ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻫﻪﭘﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﭽﯩﺪﻩﻙ ﺧﺎﺭﻭ-ﺯﺍﺭﻟﯩﻘﺘﺎ ﺑﻮﻳﯘﻥ ﻗﯩﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﺩﯨﻦ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺩﻩﺭﯨﺠﻪ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﻤﻪﻳﺪﯗ؟ ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ”ﺧﺎﻧﻐﺎ ﻳﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﺑﻪﮔﻜﻪ ﻳﺎﺭﯨﻤﺎﭘﺘﯘ “ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯘﻣﯘ ﻳﺎ؟ ﺑﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﻠﻠﯩﻘﻰ، ﻫﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻴﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ؛ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﭙﻪﺗﯩﮕﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ؛ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﻣﻪﻧﭙﻪﺗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻘﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﺵ؛ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﺋﻪﯞﺝ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺋﯩﻨﺎﻕ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ؛ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﭼﺎﻧﻠﯩﻖ ﺭﻭﻫﯩﻐﺎ، ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﭘﻪﻧﮕﻪ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺶ ﺭﻭﻫﯩﻐﺎ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺩﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘ؟
ﻣﯘﺑﺎﺩﺍ ﻫﺎﺯﯨﺮﯨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺩﯦﻤﮕﯩﺮﺍﺗﯩﻚ، ﻗﺎﻧﯘﻥ-ﺗﯜﺯﯛﻡ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻳﺎﯞﺍﻳﯩﻼﺭ (ﺑﻪﺩﻩﯞﯨﻠﻪﺭ) ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺩﯦﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻼﺭ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻫﻠﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ، ﺑﺎﻫﺎﺩﯨﺮﻻﺭﻏﺎ ﻗﯘﭼﺎﻕ ﺋﺎﭼﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺷﻪﺭﯨﻘﻘﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻛﯘﻣﺎﺭﺍﺟﯩﯟﺍ، ﺑﯘﺩﺩﺩﺍ ﭼﯩﯖﺎ، ﺳﯩﺮﯨﻤﺘﯩﺮﺍﻻ، ﻛﺎﻟﯩﻴﺎﻧﺎﺭﯗﻛﻰ، ﭘﯩﺮﺧﯘﻳﻼﻥ، ﺳﯘﺟﯘﭖ، ﺳﯩﻜﺴﯩﻨﺎﻧﺎﺩﺍ، ﺑﻪﻱ ﺟﯩﺘﻮﯓ، ﺳﺎﯞﻣﯩﻴﺎﯞﺩﺍ، ﯞﯨﺴﺎﺋﯩﺮﺍﺳﺎﺗﮕﺎ... ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﻪﻥ ﯞﻩ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﻪﺭ؛ ﻳﯜﻩﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻳﻠﯩﻦ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﺴﯩﻨﯩﯔ ﻏﻮﻟﻠﯘﻕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺗﺎﺗﯘﯕﺎ، ﺋﯧﻬﻤﯩﺶ، ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻞ، ﺋﻪﻫﻤﻪﺩ، ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﺪﯨﻦ، ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺗﯜﺑﺮﯛﻙ، ﻣﺎﯞﺯﯗﭼﯩﻴﺎﯓ... ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻢ-ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻼﻻﺭﻣﯩﺪﻯ؟ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻦ ﻏﻪﺭﺑﯩﻜﻪﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﻪﻝ ﺧﺎﺭﺍﺯﯨﻤﻰ، ﺋﻪﻝ ﻓﻪﺭﻏﺎﻧﻰ، ﺋﻪﻝ ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ، ﺋﯩﺒﯩﻨﯩﺴﻨﺎ، ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ، ﺟﺎﻻﻟﯩﺪﯨﻦ ﺭﯗﻣﯩﻲ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﺷﺌﻪﻟﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻻﻻﺭﻣﯩﺪﻯ؟ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﻪﻥ ﻟﯘﺷﻪﻥ، ﺋﺎﺷﯩﻨﺎﺷﯩﺮ ﯞﻩ ﻳﯜﻩﻥ ﺳﯘﻻﻟﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ﮔﯧﻨﯩﺮﺍﻝ-ﺋﺎﺩﻣﯩﺮﺍﻟﻼﺭ ﺷﻪﺭﯨﻘﺘﻪ؛ ﺗﯘﻟﯘﻧﺨﺎﻥ، ﺋﯩﭽﯩﺸﯩﺪ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﯨﻠﻪﺭ ﻏﻪﺭﯨﺒﺘﻪ ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﻫﻪﺭﻛﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻼﻻﺭﻣﯩﺪﻯ؟
ﻣﯘﺑﺎﺩﺍ ﺋﻪﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﻏﯘﭼﯩﻼﺭﺩﺍ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻦ ﻫﺎﻟﻘﻐﺎﻥ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﯖﻰ ﯞﻩ ﭼﯧﮕﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻫﺎﻟﻘﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﻯ ﺋﯧﯖﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﻪﺷﯘ ﺋﻪﻟﻼ ﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻏﻪﺯﯨﻨﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻗﻮﺷﯘﺵ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻫﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﯘ-ﺷﻪﺭﯨﭙﻰ ﺑﯩﺰﮔﯩﭽﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻻﺭ ﺋﯩﺪﻯ.

داۋامى بار
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-07 14:32 |
BOZQIR
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 11482
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 216
شۆھرەت: 474 نۇمۇر
پۇل: 1031 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 268(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

داۋامى
ﺷﯘﺋﺎﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻳﯧﻘﯩﻨﯩﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ﺳﯧﺴﯩﻖ ﻧﺎﻣﻰ ﭘﯜﺭﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﻰ

ئەمەلدارﻟﺪﺍﺭ ﺧﯥ ﺷﯧﻨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺩﯗﺭﯗﺱ، ﺧﯥ ﺷﯧﻦ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﺘﻪ ﺋﯘﭼﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﻟﻪﻧﻪﺕ ﮔﻪﺭﺩﯨﺸﯩﮕﻪ ﻣﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻥ ﺳﻪﻟﺒﯩﻲ ﺷﻪﺧﺲ. ﺧﯥ ﺷﯧﻨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﻫﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺪﯨﯔ . ﯞﻩﻫﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﺋﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯚﺭﺳﻪﻙ ﺟﻮﯕﮕﯘ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭ ‹‹ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﺍﯞﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﭼﯜﺵ›› ﻧﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪﺍ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺯﻭﺭ ﺗﯚﻫﭙﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻤﯩﺴﻪ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﭘﺎﻛﯩﺖ، ﻣﯘﺑﺎﺩﺍ ﺧﯥ ﺷﯩﯧﻦ ‹‹ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﺍﯞﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﭼﯜﺵ›› ﺭﻭﻣﺎﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻧﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﯜﭺ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺑﯩﺰﮔﯩﭽﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻻﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
‹‹ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻗﺎﻧﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ››ﻧﯩﯔ 2005-ﻳﯩﻞ 20-ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﺳﺎﻧﯩﻨﯩﯔ 3-ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ‹‹ﺧﯥ ﺷﯧﻦ ‹ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﺍﯞﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﭼﯜﺵ› ﺭﻭﻣﺎﻧﯩﻨﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ›› ﺳﻪﺭﻟﻪﻫﯩﯟﯨﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺧﯥ ﺷﯧﻦ ﯞﻩ ‹‹ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﺍﯞﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﭼﯜﺵ›› ﺭﻭﻣﺎﻧﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ:
‹‹ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﺍﯞﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﭼﯜﺵ›› ﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻰ ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻯ ﺳﺎﯞﺷﯚﭼﯩﻦ ﻛﺎﯕﺸﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺟﯩﻴﺎﯕﻨﯩﯔ ﻓﺎﺑﺮﯨﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﭘﺮﯨﺪﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﺎﯞﻳﯩﯖﻨﯩﯔ ﻧﻪﯞﺭﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﻳﺎﺷﺎﺗﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺗﻪﺳﺎﺩﯨﺒﯩﻲ ﻛﯧﻠﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﻛﺎﯕﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﯞﻩﻟﯩﺌﻪﻫﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﻧﯩﺰﺍﻟﯩﺮﻯ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ، ﺳﺎﯞﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰﯨﻨﭽﻰ ﺷﺎﻫﺰﺍﺩﻩ ﻳﯩﻦ ﺳﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﯞ ﺟﻪﻣﻪﺗﻨﻰ ﺗﯩﻨﺠﯩﺘﻘﺎﻥ. ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻫﻪﻝ ﺩﻩﯞﺭ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺟﻪﻣﻪﺕ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺳﺎﯞ ﺷﯚﭼﯩﻦ 13 ﻳﺎﺷﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻪ ﺋﺎﺯﺍﭘﻠﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﻗﯘﺭﺍﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﯨﻤﯘ ﻳﻮﻗﺴﯘﺯﻟﯘﻗﺘﯩﻦ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﻗﯘﺗﯘﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺋﯘ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺟﻪﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯧﻤﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ‹‹ﺗﺎﺷﻨﯩﯔ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﻰ›› ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﺴﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. ﺳﺎﯞ ﺷﯚﭼﯩﻦ ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯕﻨﯩﯔ 38-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻖ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻛﯜﻟﺒﯩﺴﯩﺪﻩ‹‹ﺗﺎﺷﻨﯩﯔ ﺭﯦﯩﯟﺍﻳﯩﺘﻰ››ﻧﯩﯔ 80ﺟﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ‹‹ﺗﺎﺷﻨﯩﯔ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﻰ›› ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﺭﺳﯩﻐﺎ ﺗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﻳﻪﻧﻰ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺋﻮﻳﻤﺎ ﺑﺎﺳﻤﺎ ﻧﯘﺳﺨﯩﻠﯩﺮﻯ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﯨﻼ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.
ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﭘﺎﻳﺪﯨﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﭙﯘﺭﯗﺷﻼﺭ ﺧﻪﺗﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺧﯘﭘﯩﻴﺎﻧﻪ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ. ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯕﻨﯩﯔ 45-ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺧﯥ ﺷﯧﻦ ‹‹ﺗﯚﺕ ﭼﻮﯓ ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﻰ›› ﻧﯩﯔ ﺩﯨﯟﺍﻥ ﺑﯧﮕﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻘﻠﯩﻤﻐﺎ ﺑﺎﺭﯨﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺗﺎﺳﺎﺩﯨﯩﻲ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﺘﻪ ‹‹ﺗﺎﺷﻨﯩﯔ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﻰ›› ﻧﯩﯔ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺋﻮﻳﻤﺎ ﻣﻪﺗﺒﻪ ﻧﯘﺳﺨﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ. ﺧﯥ ﺷﯧﻨﻨﯩﯔ ﺳﯘﻟﯩﯖﺌﺎ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﻘﯩﻨﻰ ﻳﯧﻐﯩﭗ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭼﯩﺪﯨﻦ ‹‹ﺗﺎﺷﻨﯩﯔ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﻰ›› ﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻗﻮﻝ ﻳﺎﺯﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯜﻣﯜﺷﻜﻪ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ. ﺧﯥ ﺷﯧﻦ ﺳﯘﻟﯩﯖﺌﺎ ﻗﻪﺳﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ‹‹ﺗﺎﺷﻨﯩﯔ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﻰ››ﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﺘﻰ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻫﻪﻡ ﺋﯘﻗﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﻫﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧﻐﺎﻥ. ﻫﻪﺗﺘﺎ” ﺑﯘ ﺟﺎﻫﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻗﯩﺴﺴﻪ ﺋﯩﻜﻪﻥ “ ﺩﻩﭖ ﻣﻪﻣﻨﯘﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺧﯥ ﺷﯧﻦ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﻪﺩﯨﺐ ﮔﺎﯞﺋﯧﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ، ‹‹ﺗﺎﺷﻨﯩﯔ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﻰ›› ﻧﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺋﯜﻧﺪﯨﮕﻪﻥ. ﮔﺎﯞ ﺋﯥ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ 80 ﺟﯩﻠﯩﺪﯨﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﯟﺍﺷﺘﯩﻦ ﺭﻩﺗﻠﻪﭖ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ 40 ﺟﯩﻠﯩﺪﯨﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎﻥ ﻫﻪﻡ ‹‹ﺗﺎﺷﻨﯩﯔ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﻰ››ﻧﻰ ‹‹ﻗﺰﯨﻞ ﺭﺍﯞﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﭼﯜﺵ›› ﻛﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻜﻪﻥ. ﺧﯥ ﺷﯧﻦ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐﺎ ﺳﺎﻻﻣﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯕﻐﺎ ﺑﯘ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻗﯩﺴﺴﯩﻨﻰ ﺳﯘﻧﻐﺎﻥ. ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯓ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭘﻼ ﻣﻪﭘﺘﯘﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺗﻮﻏﺮﺳﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﺎﭼﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺧﯥ ﺷﯧﻦ ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯕﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ‹‹ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﺍﯞﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﭼﯜﺵ›› ﻧﻰ ﻛﻪﻛﻠﻪﺵ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﯜﻧﺪﯨﮕﻪﻥ، ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﯟﺍﺷﺘﯩﻦ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻐﺎﻥ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺕ- ﯞﯗﺩﯨﯖﺪﯨﻴﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ‹‹ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﺍﯞﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﭼﯜﺵ›› ﻧﻰ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺋﻮﻳﻤﺎ ﻣﻪﺗﺒﻪﺋﻪﺩﻩ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ.
ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﻭﺭﺩﺍ ﻗﻮﻳﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ‹‹ﺟﯥ ﺷﯩﻴﺎﯞﻟﻪﻥ›› ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺧﯥ ﺷﯧﻦ ﭘﺎﺭﯨﺨﻮﺭ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯜﺯﻟﯩﻤﯩﭽﻰ، ﺧﻮﺷﺎﻣﻪﺗﭽﻰ، ﺩﯙﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﺳﯩﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺧﯥ ﺷﯧﻦ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﭘﺎﺭﯨﺨﻮﺭ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭ ﺗﯩﭙﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﯨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﭘﺎﺭﯨﺨﻮﺭ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﺠﺎﺑﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﻧﯘ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﮕﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﺩﯦﺴﻪﻙ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﻪﺗﻤﻪﺱ:
(1) ﺧﯥ ﺷﯧﻦ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺳﯧﭙﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﺭﺧﻮﺭ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﺳﯩﺮﺍﺷﻨﻰ، ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﯩﺮﺍﺳﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻟﯘﻏﻼﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ‹‹ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﺍﯞﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﭼﯜﺵ›› ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻼ ﺑﯘ ﻧﻮﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﻣﻮﻟﻼﻕ ﺋﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﺎﺭﯨﺨﻮﺭ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭﭼﯘ؟ ﺋﯘﻻﺭ ﺳﺎﭘﻼ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺗﯩﮕﻪ ﭼﺎﯓ ﺳﯧﻠﯩﺶ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯩﻨﻰ ﻛﻮﻻﺵ، ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﻗﺎﻗﺘﻰ-ﺳﻮﻗﺘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﯧﻤﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ؟
(2) ﺧﯥ ﺷﯧﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﺟﺎﭘﺎﻏﺎ ﭼﯩﺪﺍﭖ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﻪﻗﯩﻞ-ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﺎﻧﺠﯘ، ﻣﯘﯕﻐﯘﻝ، ﺗﯩﺒﻪﺕ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﺘﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﻮﻟﻼ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻫﺎﺯﯨﺮﯨﻘﻰ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﺰ ﭼﯩﺮﯨﻚ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﻐﯘ ﺩﯦﻤﻪﻳﻼ ﺗﯘﺭﺍﻳﻠﻰ ﺑﻮﭘﺘﯘ، ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﺰﺩﯨﻜﻰ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺩﯞﺭﺍﻥ ﺳﯜﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯚﺯ ﺗﯧﺮﯨﺘﻮﺭﻳﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻩﻧﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﯩﺴﻰ ﭼﯩﻘﺎ؟ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﭘﯧﻘﯩﺮﻏﺎ ﭘﻪﺗﯩﯟﺍ ﭘﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﯞﺍﻟﯩﻴﻨﯩﯔ ﻫﻪﺟﮕﻪ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻳﻐﯘﺭ ﻣﻮﻟﻼﻣﻼﺭﻏﺎ ﺳﺎﭖ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﺎﭼﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻤﻪﻥ. ﺗﯧﺨﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻰ----- ﺋﻮﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ 1-ﻗﻮﻝ ﻫﺎﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ-ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﻧﯘﺗﻘﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﺪﻩ”ﺗﯧﺮﻭﺭﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺗﯘﺭﺍﻳﻠﻰ“ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﺩﯨﻜﻰ”ﺗﯧﺮﻭﺭﭼﻰ“ ﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻱ”ﺗﯧﺮﯨﭽﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﺍﻳﻠﻰ “ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺷﯘ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺪﻩ ﻳﯘﯓ-ﺗﯧﺮﻩ ﺳﻮﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ-ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﯞﻩﻫﯩﻤﯩﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﯞﻩﻗﻪ ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻞ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺧﯥ ﺷﯧﻨﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ؟
3) ﺧﯥ ﺷﯧﻦ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺳﯧﺴﯩﻖ ﻧﺎﻣﻰ ﭘﯜﺭﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﻰ، ﭼﯩﺮﯨﻚ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯩﺴﻤﯘ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﮕﻪﻥ. ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻓﯧﯔ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﻝ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻫﯧﻜﯩﻢ-ﺗﯩﯟﯨﭙﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﭖ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﺎﻟﯩﺴﺎ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﯩﻜﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﻘﺎﻥ. ﻓﯧﯔ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺧﯥ ﺷﯧﻦ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺳﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﻫﯧﭽﻜﯩﻤﻨﻰ ﻳﻮﻻﺗﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻫﺎﺯﯨﺮﯨﻘﻰ ﺗﻮﺭﻏﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﭘﺎﺭﯨﺨﻮﺭ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﺎﺷﻨﺎ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﭘﺎﻫﯩﺸﯟﺍﺯﻻﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﻪﺗﻪﯕﻠﻪﺭ ﺋﯚﺗﻜﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ، ﻧﻪ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ، ﻧﻪ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ، ﻧﻪ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﮕﻪ ﻳﯜﺯ ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺸﻪﻣﻠﻪﺭﺩﯗﺭ.
ﺩﻩﺭﯞﻩ ﻗﻪﺧﯥ ﺷﯧﻨﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﯨﺨﻮﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﯨﺖ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﺎﻻﻱ ﻗﻮﻝ ﻳﺎﺯﻣﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯞﻩﺗﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻤﯘ ﻫﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺦ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻧﯩﯔ ‹‹ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﺍﯞﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﭼﯜﺵ›› ﺩﻩﻙ ﺑﯩﺒﺎﻫﺎ، ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻣﯚﺟﯩﺰﻩ ﺩﯨﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻏﻪﺯﯨﻨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺒﺎﻫﺎ ﮔﯚﻫﻪﺭ، ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭ ‹‹ﻗﺰﯨﻞ ﺭﺍﯞﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﭼﯜﺵ›› ﻣﯘﺑﺎﺩﺍ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺧﯥ ﺷﯧﻨﻨﯩﯔ ﻛﯜﭺ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﭖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﻣﻪﺗﺒﻪﺩﻩ ﺑﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻩ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺰﮔﯩﭽﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﻟﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻻﺭﻣﯩﺪﻯ؟ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻫﺎﺯﯨﺮﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﺷﺎﻥ-ﺷﻪﺭﻩﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻻﺭﻣﯩﺪﻯ؟
ﻣﯘﺑﺎﺩﺍ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻛﯜﺳﻪﻥ ﻓﺎﻧﻰ ﺋﺎﻗﺎﺭﻯ ﭘﺎﻙ ﻛﯘﻣﺎﺭﺍﺟﯩﯟﺍﻏﺎ ﺷﻮﺗﺎ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺩﯛﻣﺒﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ؛ ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺑﺎﻱ ﻗﺎﺭﺍ ﻧﻪﯞﺍﺋﯩﻨﻰ، ﻗﺎﺭ ﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻰ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺳﻬﺎﺟﯩﭙﻨﻰ، ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺪﺧﺎﻥ ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎﺧﺎﻧﻨﻰ، ﺯﻭﺭﻫﻮﺭﺩﺩﯨﻦ ﻫﯧﻜﯩﻤﺒﻪﮒ ﺯﻩﻟﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻤﺎﻱ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﺩﯨﺪﯨﻦ ﻫﻪﻳﺪﻩﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺩﯦﺪﻩﻙ-ﭼﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻻﭖ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﺷﯘ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﯩﺪﺍ ﭼﻮﻟﭙﺎﻥ ﻛﻪﺑﻰ ﭼﺎﻗﻨﯩﻴﺎﻻﺭﻣﯩﺪﻯ؟ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺒﺎﻫﺎ ﺗﻪﯞﻩﺭﯛﻛﻠﻪﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻏﻪﺯﯨﻨﯩﺴﯩﺪﻩ ﻛﯚﺯ ﭼﺎﻗﻨﯩﺘﯩﺶ ﺷﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﺑﻮﻻﻻﺭﻣﯩﺪﻯ؟
ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﻴﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﺷﯘ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﻪﻥ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻫﯧﭽﻨﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﻪﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﺴﻰ، ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﻪ ﺗﯚﻫﭙﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺗﯚﺕ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﻟﯩﻼ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﺎﻻﻳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﯩﻤﻪﻥ. ﻣﺎﯕﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ﹗ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻪﻥ ﻣﯧﯖﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻼ ﻳﯘﻝ، ﻗﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﺎﯞﺍﻫﯩﺮﺍﺗﻼﺭ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺳﯩﺪﻯ. ﻛﯜﺳﻪﻧﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯘﺩﺩﯨﺰﯨﻢ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﻗﯧﺰﯨﭗ، ‹‹ﺑﯘﺩﺩﯨﺰﯨﻢ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻧﻠﯩﺮﻯ›› ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮﻛﯩﺘﺎﭘﭽﻪ ﺗﯜﺯﯛﺵ ﭘﯩﻼﻧﯩﻢ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ‹‹ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻛﯘﻣﺎﺭﺍﺟﯩﯟﺍ›› ﻳﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺯ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﻰ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﭼﯩﯖﺎ، ﻛﺎﻟﯩﻴﺎﻧﺎ ﺭﻭﻛﻰ، ﺳﯩﺮﯨﻤﯩﺘﯩﺮﻻ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺯ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﻰ. ﺑﯘﻻﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻗﯧﺰﯨﺸﯩﻐﺎ، ﺭﻩﺗﻠﻪﺷﻜﻪ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﻻ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯗﺭ ﺧﺎﻻﺱ. ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﻭﻳﺎﭘﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ، ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻝ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻫﺎﺯﯨﺮﯨﻘﻰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﺍ ﺑﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ-ﻳﻮﻕ، ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺗﻪﺳﺘﻪﻙ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﻣﯘﺑﺎﺩﺍ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻛﯘﻣﺎﺭﺍﺟﯩﯟﺍﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺗﯧﻤﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯜﭼﻰ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯘﻻﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﯩﻢ ﯞﻩ ﻛﯜﭼﯜﻣﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﻫﻪﺭ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻘﺎ ﻳﻮﻝ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘ ﺧﺎﻟﯩﺲ ﺗﯚﻫﭙﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ﻧﯧﻤﯩﺪﻩﭖ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ؟
ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﭼﯩﻐﯩﻤﺪﺍ ﺷﯜﭼﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ‹‹ﮔﻮﻟﺪﯨﺒﺎﺥ ﻗﯩﻴﺎﺳﻰ›› ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺗﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻫﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺑﺎﺵ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻥ ﭼﯧﻦ ﺟﯩﯖﺮﯗﻳﻨﯩﯔ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﯩﻴﯩﻦ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﻨﻰ ﺯﯨﻞ-ﺯﯨﻠﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﺯﻭﺭ ﺷﺎﻥ-ﺷﻪﺭﻩﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﯩﺪﯨﻢ. ﻳﺎﺵ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﭼﯧﻦ ﺟﯩﯖﺪﯛﻱ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻥ ﭼﯘﻗﯘﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.
ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻞ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ‹‹ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ››ﻧﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﭼﯧﻦ ﺟﯩﯖﺮﯛﻳﻨﯩﯔ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺋﺎﭘﺘﯘﺑﯘﺳﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻗﯩﺴﺘﺎ-ﻗﯩﺴﺘﺎﯕﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺳﻮﻗﯩﯟﯦﺘﯩﻠﯩﭗ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﯞﺭﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻫﺎﯓ-ﺗﺎﯓ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﺯﯨﻤﭽﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﯧﻦ ﺟﯩﯖﺮﯛﻳﺪﻩﻙ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺧﺎﺱ ﭘﯩﻜﺎﭘﻰ، ﺋﺎﺯﺍﺩﻩ ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘﺳﻰ، ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﺎﺭﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﺘﺘﯩﻢ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺷﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪﺗﺘﯩﻢ. ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﻟﯩﻴﯘ ﺷﺎﯞﺗﺎﯕﻨﯩﯔ ‹‹ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ ﺩﯦﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻏﯘﺭﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﺘﻪ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﻗﯘﻳﯘﺷﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.›› ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯖﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﻪﻥ، ﺩﻩﭖ ﭼﯩﻘﯩﭙﻼ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ.
ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ، ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻢ، ﺋﻪﺩﯨﺐ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺷﯘ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﻪﺳﻠﯩﮕﻰ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﯞﻩ ﺋﻪﺩﯨﺐ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯘﻧﺎﻫﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯘ ﺷﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﻧﻠﯩﮕﻰ. ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﺧﯥ ﺯﻭﯕﺴﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ: ‹‹ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﻐﯘ ﻫﻪﺳﯩﺮﯨﺘﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﻐﯘ ﻫﻪﺳﯩﺮﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﻪﺭ ﻣﯜﺷﻜﯜﻻﺗﺘﺎ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺩﻩﯞﺭ ﻣﯜﺷﻜﯜﻻﺗﺘﺎ ﻗﺎﻟﯘﺭ، ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﺮﺍﮔﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮﺍﮔﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯘﺭ››

 
2006-يىلى 8-نويابىر، ئاقسۇ

(تامام) 
 
retim BLOG
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-07 14:34 |
baturjangqi
مۇنبەر نازارەتچىسى
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى مۇنبەر نازارەتچىسى
دەرىجىسى : مۇنبەر نازارەتچىسى


UID نۇمۇرى : 11262
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3097
شۆھرەت: 1588 نۇمۇر
پۇل: 1230 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

muzatdaryasi نىڭ يازغان ئىنكاسى

    ئۆمەرجىنىكا، ئالدى بىلەن  ھەقىقەت تېگىدىن تۈپتۈز بولسىمۇيۇرتىمىزغا كېلىپ ئېگىلىپ قېلىۋاتقان ، نۇرغۇن كىشىلەر  شۇ سەۋەپتىن كۆڭلىدىكىنى دېيەلمەيۋاتقان ھازىرقىدەك شارائىتتا،كۆزىگە ئىشتان كىيىۋالغان بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ بۇ ئادەم نەتىجىلىرىنى پەش قىلىۋاتىدۇدېيىشىدىن ،كېيىن تېخىمۇ كۆپ نەسچىلىككە ئۇچىرىشىڭىز مۇمكىنلىكىدىن ئازراقمۇ  قورقماي كۆڭلىڭىزدىكى گەپلەرنى ئوچۇق ئېيتىشتەك جاسارىتىڭىزگە ئاپرىن ئوقۇيمەن . بېشىڭىزغا كەلگەن كۈلپەتلەرگە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىمەن.
      بۇلارنى يېزىپ ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللەپ قالغانسىز بەلكىم.  سىزنىڭ نەتىجىلىرىڭىزنى سىزنى پاتقاققا پاتۇرۇشقا دەستەك قىلىۋاتقانلار ھەم قىلىدىغانلار نىڭ قولىدا ھوقۇق بولسىمۇ،لېكىن ئۇلار ئاز سانلىق، ئۇلارنىڭ كۈنىمۇ ئۇزۇن قالمىدى.سىزنىڭ كىملىكىڭىزنى ،نېمىلەرنى قىلغىنىڭىزنى ھەم قىلماقچى بولغانلىقىڭىزنى بىلىدىغان قېرىنداشلىرىڭىز بولسا كۆپ سانلىق. ئۇلار تېخى پۈتۈنلەي ئەقلىنى يوقاتمىدى. بىر نەرسىلەرنى بىلگۈچىلىكى ، دەۋىردىكى نامۇۋاپىق ئېغىشلارغا توغرا باھا بەرگۈچىلىكى ھېلىھەم بار. كۆپ سۆزلىمەي.
    يېزىڭ ،تېخىمۇ كۆپ يېزىڭ،ئۇ مۇناپىقلارنىڭ ئىچىدىن قان كەتتۈرىۋېتىڭ. ھەق ناھەم مەسلىسىگە تارىخ ئادىل باھا بېرىدۇ.
    ھەممە ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن!!!!!!!


باتۇر جەڭچى قايتا تەھرىرلىدى .
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-07 14:39 |
guldildar
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26151
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
شۆھرەت: 11 نۇمۇر
پۇل: 157 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

مەن بۇرۇن مۇنبەرنىڭ ئەزاسى بولمىساممۇ داۋاملىق بوش ۋاقتىم چىقسىلا ياخشى تېمىلارنى كۆرۈپ چىكىتەتتىم . مانا مەنمۇ ئەزا بولدۇم .  بوزقىر ئەپەندىمنىڭ ئەسەرلىرىنى  ئوقۇپ كىلىۋاتىمەن  بۇ ئەسەرنى ئوقۇۋېتىپ تۇيۇقسىز    «  ھەقىقەت  ئىگىلىدۇ  لېكىن سۇنمايدۇ  » دىگەن  جۈملە يادىمغا يېتىپ قالدى ......  بۇ مېنىڭ چۇشەنچەم ھەم ....

مەنچە باشقا ئەزالارمۇ كۆرۈپ ، ئۆز قاراشلىرىنى دىسە باشقا تېمىلارغا ئوخشاش  كۆپچىلىك بۇ تېمىنى نادىرلىسا بولغىدەك دەپ  بىرلىككە كەلسە ... مەنچە بۇ تېمىنىڭ قىممىتى تېخىمۇ ئاشىتى ، ھازىر شەخسنىڭلا پىكرى بىلەن نادىرلىنىپ قالدىمۇ قانداق ؟! بولسا  مۆھتىرەم باشقۇرغۇچىمىز بىر چۇشەنچە بەرسە !!!  ؟؟؟؟
[ بۇ يازما guldildar تەرپىدىن 2008-03-07 17:42 دە قا ]
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-07 15:32 |
Qara~Mehman
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 19087
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 113
شۆھرەت: 36 نۇمۇر
پۇل: 225 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-06

 Re:{ بوز قىر }ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﻰ

نىمە دىسەم بولا ئاكا ،  تۇللۇق ئۇقۇپ چىقتىم ئەسىرىڭىزنى .  مەنمۇ ئاقسۇدىن . ھەم ئۈزۈم بىر تاكسى شوپۇرى بولغانلىقىم ئۇچۇن بەك جىق ئىش كۈرۈپ كەتتىم  . بۇنداق پارخور  ،  ئىلىمنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان ،  باشقىلارنى كۆرەلمەيدىغان تاماخور باشلىقلار خېلى كۆپىيىپ قالدى .... بۇنىڭغا زادلا ئامال يوقمىدۇ ؟؟  بار  !  بار ئىدى ، لىكىن ؟؟؟؟
كىچىك باشلىقلار يوقىرنىڭ كۆزىنى ئالداپ يوقىرىمۇ يوقىرىنىڭ كۆزىنى ئالداپ دىگەندەك ئۈتۈپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ !!!!!
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-07 15:54 |
nodar
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 10208
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1724
شۆھرەت: 359 نۇمۇر
پۇل: 2640 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 Re:{بوزقىر}  ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕﯞﻩﺋﯩﺸﺘﺎﻧﻨﯩﯔﺋﯧﻐﻰ

مەن دەرۋازا يوغان بىر نان يوق، سەللە يوغان ئىمان يوق دىگەن بىر سۆزنى ئويلىدىم، <ئاسارە-ئەتىقىنى قايسىدۇر ھايۋاناتنىڭ قېرىنىغا، ئۆزىنىڭ تىلىنىڭ قايسى تىللار تۈركۈمىگە تەۋەلىگىنى بىلمەيدىغان ۋالى،ھاكىملار يەنە جىق.گۈلدىدار خانقىز ئاۋال سىز ئۆزىڭىز ئويلىغاننى مۇلاھىزە قىلىۋىتىپ ئاندىن نادىرلىغۇچىدىن سورىماپسىزغۇ؟ مېنىڭمۇ سىزنىڭ ئىچىڭىزدىكىنى بىلگۈم كەپ تۇرىدۇ شۇتاپتا، بولامدۇ،-يا،..؟
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-07 16:00 |
dilrix
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26319
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 1 نۇمۇر
پۇل: 113 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-13

 

ئىشتااننىڭ ئېغىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان نەرسىدەك ،پارىنى كۆرسە قېتىپ، سوغۇقنى(ھەقىقەتنى)كۆرسە دۈگدەرەيدىغان ****لار باشلىق بولغانلىكى جايدا تەڭسىزلىك يامراپ كەتتى-دېسە؟
مايمۇن شاھ بولسا،پۇقراسىنى دەرەخكە مەجبورلايدۇ....
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-07 16:35 |
turan.boy
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 38
شۆھرەت: 35 نۇمۇر
پۇل: 210 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

ئۆمەرجان ئاكا ،،،بۇلسا شۇ ئىتلارنىڭ شۇۋىسىنى چىتقايېيڭ ،،،  ئەرىزقىلىڭ ،،،  بولسا بېيجېڭغىلا بېرىپ ،،،كۈرۈپ باقايلى ،،،ھەقىقەت بارمۇ ،،يوق  ،،ھازىر ،،~~~~~~~~~~~!!
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-07 16:54 |
hiyal0997
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 25590
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 98
شۆھرەت: 98 نۇمۇر
پۇل: 410 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-06

 

ئۆمەرجان ئاكا  ئەسىرىڭىزنى كۈرۈپ چىقتىم ، ھەققىقەتەن ياخشى يېزىپسىز ، قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن،ھەي بۇ ناھەقچىلىق قاچانمۇ تۈگەر ھە؟؟؟؟؟؟؟؟
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-07 17:48 |
tohte
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 16297
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 12 نۇمۇر
پۇل: 21 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-16
ئاخىرقى كىرگىنى:1970-01-01

 

ھەقىقەتەن ياخشى بىر  تارىىنى ئىچىپ بىرىپىپسېز ! رەھمەت سېزگە!
retim BLOG
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-07 18:19 |
kuqa01
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 21985
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
پۇل: 237 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 41(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-08

 

بۇ سىز بىزگە ئاز  تىخمۇ بوران چاپقۇنلۇق  كۇنلەر  ئالدىمىزدا  بۇنداق  قوساق  كۇپگى ناھايتى كوپ ھەم كوپىيدۇ
retim BLOG
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-07 18:45 |
narhan
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 18316
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 687
شۆھرەت: 538 نۇمۇر
پۇل: 2092 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 97(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-12

 

ئۆمەرجان ئاكا  ئەسىرىڭىزنى كۈرۈپ چىقتىم ،
ھەق ناھەم مەسلىسىگە تارىخ ئادىل باھا بېرىدۇ.
~~كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-07 18:55 |
karegay
دەرىجىسى : يېزىش چەكلەنگەن


UID نۇمۇرى : 24869
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 154
شۆھرەت: 191 نۇمۇر
پۇل: 627 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى !
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-07 19:09 |
muemin
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26339
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 136 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-08

 

ھەقىقەتەن ھەق جۇمۇ
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [15 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-07 21:50 |
karima-0997
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 16853
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3110
شۆھرەت: 3457 نۇمۇر
پۇل: 1234 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 143 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 150(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

بۇزقىر ئەپەنىدىم ،سىزنىڭ مۇشۇنداق نادىر تېمىلىرىڭىز كۆرۈپ يەنە بىر قېتىم خوشال بولدۇم،جەمئىيتىمىزىدكى بەزىبىر ناچار ،ئىدىيسى چىرىكلىشىپ كەتكەن شۇنداق باشلىقىلارنىڭ ئەپتى -بەشىرىسىنى بۇ نادىر تېمىلىرىڭىز ئارقىلىق بىزگە ئېچىپ برپسىز!
ھەقىقەتەن سىزگە ئاپرىن ئېيتالماي تۇرالمايمەن!
لىكىن يەنە تۇرۇپلا كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى،چۈنكى جاھاندا ئادالەت،ئادىللىق قالمىغانلىقىنى ئېسىمگە كىلىپ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى،كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ،ھامان بىر كۈنلەردە سىزنى شۇنداق كۆزگە ئىلمىغان ،سىزگە سىزنىڭ ئەجرىڭزگە پىسەنىت قىلمىغان ئاشۇ پوق قورساق باشلىقلار چۇقۇم سىزنىڭ ئالدىڭىزغا ئىگىلىپ كىلىشى مۇمكىن!
ھەتتاكى ئەڭ ناچار ،ئىتنىڭ كۈنىدىنمۇ ناچار كۈنلەرگە قېلىشىنى ھېچكىم بىرنەرسە دەپ بولالمايدۇ،بۇنى تەڭشىگۈچى ئاللاھ ئىگىمىز ئۆزى بىلگۈچىدۇر!
[ بۇ يازما karima-0997 تەرپىدىن 2008-03-20 11:27 دە ]
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [16 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-08 01:11 |
Tijan
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 2064
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 351
شۆھرەت: 367 نۇمۇر
پۇل: 1735 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 90(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-02-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-08

 

ئىشەنگىم كەلمەيلا قالدى .مەن ئاقسۇدا 2يىل خىزمەت قىلىپ قايتىپ كەلدىم .رىئاللىققا يۈزلىنەيلى ،ھىسسىياتقا بېرىلىپ كېتىپ زىيان تارتىپ قالمايلى يانا
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [17 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-08 02:05 |
lakqin
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 23132
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 783
شۆھرەت: 843 نۇمۇر
پۇل: 2642 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 96(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن بوزقىر ئەپەندىم ،تولىمۇ بىر ناھەقچىلىكلەرگە ئۇچراپ كىتىپسىز .سامان قورساق باشلىقلارنىڭ كۆپلۈگىدىن ئۇيغۇر تەرەققىياتى بەئەينى كالا ھارۋىسىدەك ئلگىرلىمەكتە .ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇڭۇشلۇق بۇلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن تىلەيمەن .
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [18 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-08 21:37 |
qakmak
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 328
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 49
شۆھرەت: 41 نۇمۇر
پۇل: 228 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-07

 

سىزگە ھىسداشلىق قىلىمەن، جاھاننىڭ ئىشلىرى مۇشۇنداقكەن، ئىشلار چوقۇم ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.
qarluq
چوققا [19 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-08 22:06 |
dilbinur
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 25548
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 39
شۆھرەت: 39 نۇمۇر
پۇل: 227 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-13

 

سىز بەك ناھەقچىلىككە ئۇچراپ كېتىپسىز ،كوڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۇپ كىتىدۇ،ئاينىڭ ئونبەشى قاراڭغۇ بولسا ،ئونبەشى يورۇق.پارىخورلار بىر كۇنى جاجىسىنى يەيدۇ.
qarluq
چوققا [20 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-09 00:37 |
dilbinur
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 25548
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 39
شۆھرەت: 39 نۇمۇر
پۇل: 227 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-13

 

ئشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى ئۇلۇق ئاللادىن تىلەيمەن.
qarluq
چوققا [21 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-09 00:39 |
beauty
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26164
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 29
شۆھرەت: 39 نۇمۇر
پۇل: 211 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-28

 

ئىچ ئاغرىتىشتىن باشقا بىز قىلالايدىغان يەنە باشقا ئىشلار بارمۇ-يوق؟ قانۇندىن خەۋىرى بار دوسلار، قانۇنى تەرەپتىن مۇۋاپىق مەسلىھەت بەرسەڭلار، بىز يىغلاش، تەسەللى بېرىشتىن باشقا يەنە نىمە قىلساق بولار؟؟؟؟؟
qarluq
چوققا [22 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-09 14:40 |
karegay
دەرىجىسى : يېزىش چەكلەنگەن


UID نۇمۇرى : 24869
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 154
شۆھرەت: 191 نۇمۇر
پۇل: 627 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى !
qarluq
چوققا [23 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-09 17:22 |
humor
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26385
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 28
شۆھرەت: 28 نۇمۇر
پۇل: 194 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 34(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

شۇڭا بوزقىر ئەپەندى توختىماي قاقشايدىكەندە؟ ئەمدى چۇشەندىم...
qarluq
چوققا [24 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-09 22:02 |
uyghura
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 20501
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 151
شۆھرەت: 161 نۇمۇر
پۇل: 9 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 71(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

قەلەملىرىنى دات باسمىسۇن ئەپەندىم!
تېخىمۇ ياخشى ماقالىلارنى يېزىپ چىقىشلىرىغا تىلەكداشمەن!
qarluq
چوققا [25 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-09 23:58 |
karatuprak
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 25976
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 404
شۆھرەت: 404 نۇمۇر
پۇل: 1142 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-09

 

بۇزقىر ئەپەنىدىم تىمىلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن~
راس گەپنى قىلسام سىزدەك ئوچۇق سۆزلىيەلەيدىغان ئادەملەر بىزدە بەك ئاز~
نەھەقچىلىق دىگەن كۆپ~
نۇرغۇنلىرىمىز كۆنۈپ كەتتۇق~مەنمۇ شۇ~خىمىرغا ئوخشاش يۇمشاقمەن~قانداق ئەزسە ئىزىلىدىغان~شۈكۈر قانائەتكە بەك كۆنۈكمەن~
ئىغىزىمدىن شۈكۈر دىگەن سۆز كۆپرەك چىقىدۇ
qarluq
چوققا [26 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-10 09:48 |
kusan2
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 7941
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 822
شۆھرەت: 515 نۇمۇر
پۇل: 1973 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ دىگەنگە بەك كۈنۈكقۇ بىز.ئالدىدا ماڭغانغا  كالتەك بەكرەك تىگىدۇ.سىزدەك زىيالىلىرىمىز ئاۋۇسا ئاندىن جاھان تۈزۈلەتتى .
qarluq
چوققا [27 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-10 13:37 |
ender
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 21682
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 15 نۇمۇر
پۇل: 162 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-06

 

    بوزقىر ئەپەندى :
    بۇ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ جاسارىتىڭىزدىن سۆيۈندنم. باشقىلارنى ئويغا سالالىغان ، تەپەككۈرىنى چالغىتالىغان ، مەلۇم ھەقىقەتلەرنى بىلدۈرەلىگەن ئەسەرلەرنى ياخشى ئەسەر دەپ قارايتىم ، بۇ ئەسىرىڭىزنى شۇ قاتاردا كۆردۈم.
    بىر قانچە يىل بۇرۇن مەشھۇر بىلىم ئىگىسى خېشىننىڭ «  نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىسراپچىلىق ئەقىل ئىسراپچىلىقى ، بىزدە ئىقتىساسلىقلارنى ، بىلىم ئىگىلىرىنى شاللايدىغان مېخاينىزىم بار  » دىگەن سۆزىنى ئوقۇغان ئىدىم. ھەقىقەتەن تۇلپارنى جۇۋازغا قېتىپ ، كالىنى مەپە سۆرىتىپ قىينايدىغان ئەھۋاللار  نۇرغۇن بىلىم ئىگىلىرىنىڭ يۈرىكىنى داغلاپ خۇن قىلغاننىڭ سىرتىدا ئەقىلنىڭ ئىسراپ بولۇشىغا ، تالانىتنىڭ خاراپ بولۇشىغا  سەۋەپ بولماقتا. مېنىڭچە بۇنى مۇشۇ بىر دەۋىرنىڭ پاجىئەسى دىيىش كېرەك ، زىيالىلارنىڭ پاجىئەسى دىيىش كېرەك. ئەمما ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى مۇشۇنداق پاجىئەلەرگە  بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق سەۋەپچى بولۇۋاتقانلار مۇ ئۆزىنى خەلقنىڭ ۋەكىلى ، خەلقنىڭ زىيالىسى ، زامانغا لايىق بىلىم ئىگىسى دەپ ھېساپلىشىدۇ، ئاغزىدىن چىرايلىق  ۋە دەبدەبىلىك سۆزلەر خۇددى رىۋايەتلىرىمىزدىكى بۇلبۇلگۇيانىڭ ئاغزىدىن سېھىرلىك كۈي تۆكۈلگەندەك تۆكۈلۈپ تۇرۇدۇ.... ھەقنى سۆزلەشتىن باشقىغا ئاغزى بەك كېلىپ كەتمەيدىغان  بىلىم ساھىپلىرىنىڭ بۇنداق پاجىئەسى يەنە قانچىلىك داۋاملىشىدۇ ؟ بۇنى بىز بىلمەيمىز.
ئەمما ھەقنى سۆزلەشنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى ياخشى خۇلۇققا ياتىدىغانلىقىنى ، بولۇپمۇ راس گەپ قىلىش قىيىن چاغلاردا شۇنداق قىلالاشنىڭ ئىمانى ئەركەك يىگىتنىڭلا قۇلىدىن كېلىدىغانلىقنى بىلىمىز....
ئالى مەكتەپتە ئۆبېك شائىرى ئابدۇللا ئارىپوۋنىڭ مۇنداق بىر شېئىرىنى ئۇقۇغان ئىدىم :
          ئىتلار ھۈرەر
                      يۈرىدۇ كارۋان.
        ئەمما ئەلەم قىلار ،
      بىر ئۆمۈر يىغلاپ ئىتلار ئارىسىدا
                              ئۆتسە كارۋىنىڭ.
qarluq
چوققا [28 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-10 18:07 |
sertlan
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 25991
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 44
شۆھرەت: 44 نۇمۇر
پۇل: 305 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

ھەممىڭلارنىڭ  گىپى  توغرا
qarluq
چوققا [29 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-10 23:31 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
دىيارىم مۇنبىرى » ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :09-17 17:40
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号