ئەسكەرتىش :
بۇ تېمىنى دىيارىمىزدىكى مائارىپچىلار كۆپرەك يىغىلغان
http://www.xjmaarip.com غا يوللىدىم . بۇ تېمىنى يەنە ئويغۇر تور بەتلىرىدىن بىر قەدەر كۈلمى چوڭراق 10 تور بىكەتكە ۋە مائارىپ تور بەتلىرىگە يوللايمەن . باشقا تور بەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مائارىپغا كۆڭۈل بۆلۈش يۈزىسىدن بۇ تېمىنى ئېلان قىلىشنى مۇراجەت قىلىمەن . ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇ ئىشتا مەجبۇرىيىتى بار . ئەگەر سىز ئوقۇتقۇچى بولمىسىڭىز ، مۇشۇ مۇراجەتنامىنى ئوقۇتقۇچى دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ . يەنە بىر گەپ مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى سىلەر مۇشۇ قوش تىل ئوقۇتۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى بەك چەكلەپ كەتمەڭلار . چۈنكى بۇنىڭ سىياسىغا تاقىشىدىغان ھېچقانداق يېرى دۆلەتنىڭ قانۇنىغا پۈتۈنلەي ئويغۇن ، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق باشقۇرىدۇ .....سىياسى سەزگۇرلىكىڭلار بەك ئېشىپ كەتمىسۇن ،ھازىر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ مائارىپى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى . رەئىسىمىز نۇر بەكرى مائارىپنى 1-قول مەسئۇل بۇلۇپ تۇتۇش ، ياخشى تۇتالمىسا قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلۋاتىدۇ . ھەر قايسى مۇنبەرلەردە مائارىپقا دائىر تېمىلارنى چوققىلاش ۋە نادىرلاش ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەرنى ياخشى ئېلىپ بېرىشقا تۇرتكە بۇلساڭلار ...
قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىغا مۇراجەتنامە
ئەسسالام ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم ئالدى بىلەن سىزنىڭ تېنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن . چۈنكى سىز ھەر كۈنى بور تۇزانلىرى ئىچىدە ئۆزىڭىزگە يات بولغان تىلدا ئۆز مىللىتىڭىز پەرزەنتلىرىگە ئۆزىڭىزنى ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئوقۇغۇچىلىرىڭىز چۈشىنەلمىسىمۇ زورۇقۇپ يۈرۈپ " قوش تىل " لىق دەرس بېرىسىز .
مەن بىر مائارىپچى بولمىساممۇ ، مائارىپنى بىر قەدەر چۈشىنىمەن .مائارىپ تور بىكەتلىرىگىمۇ تۇلا كىرىپ تۇرىمەن . مېنىڭ بۇ مۇراجەتنامىنى يوللىشىمغا ئويغۇر مائارىپ تور ئويۇشمىسى دىگەن تور بىكەتكە يوللانغان تۈۋەندىكى بىر قانچە تېما سەۋەپ بولدى .
مائارىپ نازارىتىگە تەكلىپ بېرەيلى !
http://www.xjmaarip.com/read.php?tid=1015قوش تىللىق دەرسلىك كېرەكمۇ ؟
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-42205.htmlhttp://www.xjmaarip.com/read.php?tid=796 بۇ تېمىلار توغرىسىدا نۇرغۇن تور بەتلەردە خىلى دەتالاشلار قىلىندى . ئەمما ھازىر بۇ ياخشى ئىش توختاپ قالدى . بۇ تېمىلارنى يوللىغۇچى جىمىپ كەتتى . شۇڭا بۇ ئىشنىڭ مۇشۇنداقلا توختاپ قېلىشنى خالىماي مەنمۇ قول تىقىپ بېقىش خىيالىدا بۇ تېمىنى يوللىدىم . دۆلەتنىڭ ھەر بىر پۇقراسىنىڭ ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا تەكلىپ سۇنۇش ھوقۇقى بار ، بۇ قانۇنغا خىلاپ ئەمەس . قوش تىل ئوقۇتۇشى نۆۋەتتە رايۇنىمىزدىكى قىزىق نوقتىغا ئايلىنىپ قالدى . نۆۋەتتە بىر قىسىم مەسىلىلەر ساقلانماقتا . ھازىر بۇ ئوقۇتۇش بىر قىسىم ** لاقچىلارنىڭ ، تەخس***لەرنىڭ، ھوقۇق ۋە مەنپەت ئۈچۈن مىللىتىنى ساتىدىغان ***پىقلارنىڭ سەۋەبىدىن پۈتۈنلەي خەنزۇچە ئوقۇتۇشقا يۈزلىنىپ قېلۋاتىدۇ . بەزىلەر ئانا تىلنى پۈتۈنلەي تاشلاپ 40 مىنۇتلۇق دەرسنىڭ ھەممىسىدە خەنزۇچە سۆزلەپ بالىلىرىمىزنى گاڭگىرىتىپ قويدى . شۇڭا قوش تىل ئوقۇتۇش ئەھۋالىدىن بىر تەكلىپ سۇنۇش زۇرۇر . بۇنىڭ ئۈچۈن بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلار ۋە دەلىل ئىسپاتلار زۇرۇر . بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىغا تۈۋەندىكى بىر قانچە تۈرلۈك مۇراجەتنامە سۇنماقچىمەن .
1. سىز دەرسخانا ئوقۇتۇش ئەمىليىتىدە قوش تىل ئوقۇتۇشىدا قانداق مەسىلىلەرنى ساقلانغانلىقىنى ھېس قىلدىڭىز ؟ ھازىر قوش تىل ئوقۇتۇشى قانداق يولغا قۇيۇلۋاتىدۇ ؟ بۇنىڭغا مەكتەپلەر قانداق مۇئامىلە قىلۋاتىدۇ ؟ مەكتەپ مۇدىرلرى ئىچىدە ، مائارىپ تارماقلىرىدا بۆكنى ئېلىپ كەل دىسە كاللىسىنى ئېلىپ كېلىدىغان ئەھۋال مەۋجۇتمۇ ؟
قىسقىسى قوش تىل ئوقۇتۇشىدا كاللىڭىزدىن ئۆتمىگەن جايلار بولسا مۇشۇ تېما يوللانغان خالىغان مۇنبەردە پىكرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ . ئەگەر بۇ ھەقتىكى پىكرىڭىزنى مۇنبەرلەردە دىيەلمىسىڭىز ئازراق ۋاقتىڭىزنى سەرپ قىلىپ
uyghurmaarip@126.com غا يوللاپ قۇيۇڭ . بىز بۇ پىكىرلەرنى رەتلەپ چىقىپ مائارىپ نازارىتىگە سۇنىدىغان تەكلىپتە پايدىلىنىمىز . پىكىر بەرگەندە ھەقىقى بولسۇن ، دۆلەتنىڭ سىياسىتگە مۇخالىپ پىكىر بەرمەڭ .
بىر تور بىكەتتە مۇنداق دىيىلىپتۇ .
ئۈرۈمچى شەھەرىدە قوش تىل ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ يولغا قۇيۇلۇشى
باشلانغۇچ مەكتەپتە 1-،2-يىللىقلاردا قوش تىل ئوقۇتۇشى ئېلىپ بېرىلمايدۇ .
3- يىللىقتا دەرس سۆزلەش جەريانىدا %10خەنزۇ تىلىدا سۆزلىندۇ ( ئاتلغۇلار نامى )
4-يىللىقتا دەرس سۆزلەش جەريانىدا %20خەنزۇ تىلىدا سۆزلىندۇ ( ئاتلغۇلار نامى )
5-يىللىقتا دەرس سۆزلەش جەريانىدا %20خەنزۇ تىلىدا سۆزلىندۇ ( ئاتلغۇلار نامى )
6- يىللىقتا دەرس سۆزلەش جەريانىدا %30خەنزۇ تىلىدا سۆزلىندۇ ( ئاتلغۇلار نامى )
تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە
7- يىللىقتا دەرس سۆزلەش جەريانىدا %50خەنزۇ تىلىدا سۆزلىندۇ ( ئاتلغۇلار نامى،قائىدە -قانۇنلارنىڭ نامى ، بايان قىلنىشى )
8- يىللىقتا دەرس سۆزلەش جەريانىدا %70خەنزۇ تىلىدا سۆزلىندۇ ( ئاتلغۇلار نامى،قائىدە -قانۇنلارنىڭ نامى ، بايان قىلنىشى )
9- يىللىقتا دەرس سۆزلەش جەريانىدا %90خەنزۇ تىلىدا سۆزلىندۇ ( ئاتلغۇلار نامى،قائىدە -قانۇنلارنىڭ نامى ، بايان قىلنىشى )
(دەپ بەرگۈچى : ئاپتۇنۇم ئوقۇتۇش تەتقىقاتىدىن گۈلزارە . 2007-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى)
قوش تىل ئوقۇتۇشى مۇشۇ بۇيىچە ئىجرا قىلىنۋاتامدۇ - يوق ...
2- بىزگە ھازىر قوش تىل ئوقۇتۇشى يولغا قۇيۇلغان سىنىپلارنىڭ ۋە مەكتەپلەرنىڭ خەنزۇتىلىدا ئۆتۈلگەن ۋە خەنزۇتىلىدا ئىمتىھان ئېلىنغان نەتىجىسى لازىم . ئەگەر سىزنىڭ قۇلىڭىزدا بۇ نەتىجە بار بولسا ئازراق ۋاقتىڭىزنى سەرپ قىلىپ
uyghurmaarip@126.com غا يوللاپ قۇيۇڭ . بۇنى يوللىغاندا ھەقىقى ئىمتىھان نەتىجىسى بۇلۇشىغا ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئالغان نۇمۇرىغىچە يوللاپ قويۇڭ . خەنزۇتىلىدا ئۆتۈلۋاتقان ماتىماتىكا ، فىزىكا ، خىمىيە ، بىئولوگىيە ، جۇغراپىيە قاتارلىق پەنلەرنىڭ نەتىجسى بولسا شۇ بۇيىچە بولسا تېخى ياخشى ...
3. ئەگەر قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى بولسىڭىز ئەڭ ئالدى بىلەن سىزنى شۇ دەرسكە ئورۇنلاشتۇرغان مەكتەپ مەسئۇلىدىن دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا قانداق تەلەپ قويىدىغانلىقىنى سورىۋىلىڭ . ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىڭ ھازىر رەئىسىمىز نۇر بەكرى ئەپەندىممۇ قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىش ئەمەس بەلكى مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ، ئانا تىلغا پىششىق بۇلۇش ، خەنزۇتىلىغا راۋان بۇلۇشنى تەلەپ قىلماقتا .
شۇڭا دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىغا ئۆزىڭىز بېرىۋاتقان پەننىڭ بىلىمىنى يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىڭ . ئىمتىھاندا يۇقۇرى نۇمۇر ئالدۇرىمەن ،نەتىجىنى يۇقۇرى كۆتۈرىمەن دەپ ۋىجدانىڭىزغا خىلاپ ھالدا تىل ئۆگىتىش ماشىنىسىغا ، تەرجىمانغا ۋە ساختىپەزگە ئايلنىپ قالماڭ . ئوقۇغۇچىلىرىمىز مەيلى ئانا تىلدا بولسۇن مەيلى خەنزۇتىلىدا بولسۇن شۇ دەرسلىكنىڭ مەزمۇنىنى تۇلۇق بىلسۇن ...
ئۆزلىگىڭىزدىن ئاكتىپلىشىپ ، قوش تىل ئوقۇتۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتمەڭ . سىنىپتا ئادەتتىكى سۆزلەرنى خەنزۇچە دىسڭىزمۇ دەرسنىڭ ئەڭ ھالىقىلىق يېرنى ئانا تىلدا بايان قىلىڭ . بالىلىرىمىز چۈشەنسۇن .. سىز ئۆتكەن دەرسنى بىلسۇن . خەنزۇتىلىدا چۈشەنمىسە ئۇيغۇرتىلىدا چۈشەنسۇن ....ئاددى مىسال ئېلىپ ئېيتسام خىمىيەدە پەرزەنتلىرىمىز كاربۇن چالا ئوكسىدى دىگەن گازنىڭ خۇسۇسىيىتى زەھەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلسۇن ، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ خەنزۇچە نىمە دەپ ئاتىلدىغانلىقىنى ، قانداق يېزىلىدىغانلىقىنى بىلىپلا توختاپ قالمىسۇن .
4. تەكلىپ سۇنۇش خىزمىتىگە قاتنىشىڭ . بۇ ئىش دىمەككە ئاسان قىلىش ئانچە تەس ئەمەس . بۇنىڭ ئۈچۈن دەلىل ئىسپات توپلاش ، تەكلىپنى باش قاتۇرۇپ يېزىش ۋە ئىمزا توپلاش ئاندىن يوللاش كېرەك . ھەر بىر ھالقىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك . بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسوس بىر گۇرۇپپا قۇرۇلدى . بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغانلار ماڭا ئېلخەت يوللاڭ .
يەنە نۇرغۇن گەپلەر بار . ۋاقت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچە دەي ! قالغىنىنى يەنە دەيمەن . ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشىپ مىللىتىمىزنىڭ ساپاسىنىڭ ئۆسىشى ئۈچۈن تىرىشايلى !