(يولباشچى) مائاش ئۆسكۈدەك
Ihlas Ilani
دىيارىم مۇنبىرى » ﺗﻪﺭﻣﯩﻠﻪﺭ » (يولباشچى) مائاش ئۆسكۈدەك

« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: (يولباشچى) مائاش ئۆسكۈدەك پرىنتلاش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تىما 1240 قېتىم كۈرۈلدى .
بۇ ئەزا توردا يوق yolbaxqi-ksg
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى ئالاھىدە تۆھپە
تەجىرىبە: دەرىجە:     قوماندان
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 5292
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 4707
مەزھەپ:سەركە سەركە
UID نۇمۇرى : 12972
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 4
يازما سانى: 5096
ئۇنۋان:ۋەزىر ھازىرغىچە5096دانە
شۆھرەت: 1584 نۇمۇر
پۇل: 14 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-30
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-05

(يولباشچى) مائاش ئۆسكۈدەك

مائاش ئۆسكۈدەك

—ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ مائاش ئۆسكۈدەك!...
خىزمەتداشلىرىمنىڭ ھاياجانلىق گەپلىرى بارماقلىرىمنى كومپيۇتېر تاختىسىدىكى يۈگۈرۈشلىرىدىن توختاتتى. بېشىمنى ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە تاشلاپ كۆزلىرىمنى يۇمدۇم. كۆڭلۈمدە بىر خىل يەڭگىللىك كېزىشكە باشلىغانىدى. ‹‹ۋاھ...مائاش ئۆسكۈدەك، ‹نەسىردىن ئەپەندىم، ھالۋا يەمسىز؟› دېگەندەك شېرىن گەپقۇ بۇ››، كۆزۈم شىرە تارتمىسىنىڭ بۇلۇڭىدا ياتقان سېرىق كونۋېرتقا چۈشتى. ئۇ مېنىڭ مەخپىي ‹‹بانكام››ئىدى. كونۋېرتقا قارىغاچ خىيالىم بايىقى ‹‹مائاش ئۆسكۈدەك«  دېگەن گەپكە كەتتى. ‹‹ئىم، جانابىي مائاش ئۆسۈپ قالسا – زە، ھەر ئايدا خوتۇنبايدىن قايرىيدىغان قىزىل تىزىدىن كەمدە بىرى كۆپىيىدۇ - دە...››
كەچتە ئىشتىن شۇنداق خۇشال قايتتىم. دىمىقىمدا غىڭشىپ، ھەتتا كۈندە يېنىدىن تەتۈر قاراپ ئۆتۈپ كېتىدىغان دەرۋازىۋەن بالىغىمۇ تەبەسسۇم بىلەن  قاراپ قويدۇم. بايقۇش، بىرەر مۆجىزە كۆرگەندەك چەكچىيىپلا قالدى.  ئىدارە دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا چىقسام ھەركۈنى دەل ۋاقتىدا پەيدا بولىدىغان توردى قاشاڭ سۈت سېتىۋېتىپتۇ. (ئۇنى شۇنىڭ ئۈچۈن قاشاڭ دەيمىزكى، پۇلنى ئىتتىك ئالغان بىلەن، بەك ئاستا قايتۇرىدۇ)ئادىتىم بويىچە يالتىراق خالتىغا بىر كىلو سۈت ئېلىپ، خالتىدىن يەنە بىرنى قاپلىدىم –  دە، ئىككى يېرىم يۈەننى تەڭلىدىم.
— يەنە بەش مو قوشۇۋەتسىلە تەقسىر،—دېدى تۇردى قاشاڭ قولىنى  تەڭلەپ.
—نېمىشقا ئەمدى؟—دېدىم چۈشەنمەي،—بەرگەن پۇلۇم كاممىكەن؟
— يوقسۇ،—دېدى قاشاڭ،—باھا ئۆستى.
—نېمىشقا ئەمدى؟—دېدىم يەنە بايىقى گېپىمنى تەكرارلاپ.
— مائاشلىرى ئۆستى ئەمەسمۇ، مالمۇ ئۆسىدۇ - دە.
ماۋۇ گەپنى قاراڭلار، مائاش ئۆسكۈدەك دېگەن گەپ چىقار چىقمايلا، ماۋۇ سۈتچىگىچە بىلىپ كېتىپتا...

— تۇردى ئىتتىك،—دېدىم لەقىمىنىڭ ئەكسىنى ئاتاپ، —مائاش ئۆسۈپتىمۇ ياكى ئۆسەمدىكەن؟ ئەجەپ مەن بىلمەپتىمىنا...
تۇردى قاشاڭ كۆزلىرىنى مىت قىلىپ قويماي ھىجايدى:
— ئەمدى، ‹‹قۇيرۇقىنى كۆتۈرگەن كالا تېزەكلىمەي قويمايدۇ››دېسىلە، ئەپەندىم، سەل نېرى ئۆتسىلە، خەق ساقلاپ كەتتى.
بەش مودىن ئايرىلىپ يولۇمغا راۋان بولدۇم. بەش مونىڭ كارايىتىغۇ چاغلىق، بىراق كۆڭلۈم يەنىلا غەش بولدى.
شۇ غەشلىكتە كېتىۋاتسام يان تېلېفونۇم مۇزىكا چېلىپ قالدى.
—ۋەي قورنايمۇ؟ چۈشتە قارىماپتىمەن،  ئۆيدە ياغ تۈگەپتۇ ئەمەسمۇ، يولدىن ئالغاچ كېلەرسىز. ھېلىقى زىغىر  يېغىنىڭ ئۈچ كىلولىقىدىن ئېلىڭ. يەنىلا شۇ زىغىر  يېغىمىز ياخشى...،—خوتۇنباي تويدىكى خوتۇنلارنىڭ ھەرخىل ياغلار توغرىسىدىكى ئاغزاكى ئوبزورلىرىنى دېيىشكە تەمشىلىۋېدى، تېلېفوننى شاپپىدە قويۇۋەتتىم  - دە، سۈتنى كۆتۈرگىنىمچە ئاشلىق دۇكىنىغا كىردىم. دۇكاندا ياغنىڭ ھەرخىل تۈرلىرى تولۇق ئىدى. خوتۇنباي ئېلىشنى تاپىلىغان ياغنى  بىزنىڭ مەھەللىدىكى قىممەتچى دۇكاندار ئوتتۇز تۆت يۈەندىن ساتاتتى،  بۇ يەردە سەل ئەرزاندۇر ئەمدى! شۇ خىيال بىلەن قولۇمغا ئۈچ كىلولۇق ياغدىن بىرنى ئېلىپ، دۇكانداردىن سورىدىم:
—خوجايىن، بۇ  ياغ نەچچە پۇل؟
— ئوتتۇز يەتتە كوي ئۈچ مو.
—نېمانداق قىممەت؟
— ئالامسىز؟—دۇكاندار پۇتىنىڭ ئۈچىدا دەسسەپ يېنىمغا كېلىپ ئىللىققىنا ھىجايدى، –ئەلا سۈپەتلىك ياغ بۇ!
— ئالمايمەن!—گىپىم بىلەن تەڭلا ياغنى جايىغا دوققىدە قويدۇم، – نېمانچە قىممەت، بىزنىڭ مەھەللىدە بۇنداق  ياغ ئوتتۇز تۆت كوي، شۇنى قىممەت كۆرىۋاتسام تېخى!
— ئەمسە شۇ يەرگە بېرىپ سوراپ باقسىلا، بىزمۇ ئۆتكەن ھەپتىدە ئوتتۇز بىر كويدىن ساتقان، ياغ زاۋۇتى باھانى ئۆستۈردى ئەمەسمۇ، بىزدە نېمە ئامال؟ دۇكاندار ئۇنغا مىلەنگەن كۆك خالتىسىنى زەردە بىلەن قېقىشتۇردى.
— ياغ زاۋۇتى نېمە دەپ باھانى ئۆستۈرىدىكەن، –دېدىم مەنمۇ زەردە بىلەن.
— چوڭ خىزمەتچىدەك قىلىلا، مائاشلىرى ئۆسكەندۇ؟—دېدى دۇكاندار  ھىجىيىپ.
يەنە شۇ گەپ، بايامقى غەشلىك كۆڭلۈمدە قايتا قوزغىلىشقا باشلىدى. قولۇمنى سۈت بىلەن قوشۇپلا شىلتىپ، دۇكاندارغا ۋارقىراپ كەتتىم:
— نېمە دېگىنىڭلار بۇ؟ مائاش ئۆسمىدى، ئۆسكىنى يوق، ئۆسىدۇ دەيدۇ، لېكىن ئۆسمىدى!
—ئۆسىدۇ،—دۇكاندار خۇددى مالىيە نازىرىدەك كەسكىن جاۋاب قايتۇردى،—ھەممە خەق ئۆسىدىكەن دەۋاتمامدۇ! بۈگۈن بولمىسا ئەتە، بۇ ئايدا بولمىسا، كېلەر ئايدا ئۆسىدۇ، ھۆكۈمەت بېرىمەن دېدىمۇ، بەرمەي قويمايدۇ... ھەي، نەگە بارىلا، ئۈچ موچەن ئەرزانلىتىپ بېرەي بولدى...
دۇكاننىڭ ئىشىكىنى زەرب بىلەن يېپىپ كوچىغا چىقتىم. ‹‹بولدىلا، قىممەت دېمەي مەھەللىدىكى ئوتتۇز تۆت كويلىقىنىلا ئالاي››شۇ خىيال بىلەن قەدەملىرىمنى ئىتتىكلەتتىم.
كېتىۋېتىپ كۆزۈم كىچىككىنە بىر ۋىۋىسكىغا—‹‹ساۋۇت سەپرا ئارالباغ كۆمەچ نېنى››دېگەن خەتلەرگە چۈشتى. بىر ئاغىينەمدىن مۇشۇ كۆمەچ ناننىڭ داڭقىنى ئاڭلىۋېدىم، ئون كويغا ئىككىنى ئېلىۋالايچۇ، دەپ كاتەكتەك ناۋايخانىغا كىرىۋېدىم، بىر باغ بېدىدەك ساقىلى بار بىرسى ئالدىمغا كەلدى:
— كۆمەچ كېرەكما؟
— ئىسسىقىدىن بارمۇ، يېڭىسىدىن؟
— بولمامتىكى، كۆمەچ دېگەننى ئىسسىقىدا يېمىسە بىكار! شۇڭلاشقا ئۆزلىرىدەك ئەزىز مېھمانلار كەلسە دەپ، بوۋاقنى ساقلىغاندەك ساقلايمىز، مانا!
—ئىككىنى بېرىڭ، — دېدىم. بېدە ساقال ناۋاي تونۇرنى ئۇزۇن بىر تۆمۈردە  چۇقچىلىۋېتىپ، ئاندىن نەدىندۇر بىر يالتىراق خالتىنى تېپىپ كەلدى– دە، ئىككى تال كۆمەچنى خالتىغا سېلىپ ماڭا ئۇزاتتى. مەن قويۇن  يانچۇقۇمغا قول سالدىم. ئاڭغىچە ناۋاي(تونۇرغا ئېڭىشكەندە ساقىلىم كۆيۈپ كەتمىسۇن دېسە كېرەك)بېلىدە باغلاقلىق تۇرغان  يوغان گۈللۈك ياغلىقىنى يېشىپلا ساقىلىنى ئوراپ، بېشىنىڭ ئۈستىدىن چىگىۋالدى. مەن ئەللىك يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى چىشى ئاغرىۋاتقان خوتۇنغىلا ئوخشاپ قالغان ناۋايغا تەڭلىدىم. ئۇ سەلدىن كېيىن بىر تۇتام پۇلنى ماڭا ئۇزاتتى.
—مانا  پۇلنىڭ ئاشقىنى، كەپ تۇرسىلا،—ناۋاينىڭ قولىدىن ئاشقان پۇلنى ئالدىم. سانىۋېدىم، ئوتتۇز ئالتە يۈەنكەن، تۇرۇپلا جەھلىم قاتتى.
—ئۇستام، كۆمىچىڭىزنىڭ دانىسى نەچچە پۇل؟
— ئارانلا يەتتە كوي! —دېدى ناۋاي كۆزلىرىنى مىت قىلماي.
— بىر ئاغىينەم دانىسى بەش كوي دېۋىدى؟
— شۇنداق ئىشلارمۇ بولغان،—دېدى بېدە ساقال،—ئۇننىڭ باھاسى شاپپىدە ئۆرلىدى، يەنە كۆمۈرمۇ...
— ئۇننىڭ باھاسى ئۇنچىۋالا ئۆسمىدىغۇ، بىر ئۆسۈپ، چۈشتى تېخى! ئۆستۈر دېسە شۇنچىۋالامۇ ئۆستۈرۈۋالامسىلەر باھانى؟—قايناپ قالدىم.
—ئا... ئەپەندىم، كادىر سۈپەت ئادەمدەك كۆرۈنىدىلا ، چۈپەيلىك قىلمىسىلا! —گەپ قىلغاندا تاقاشسا كېرەك، بېدە ساقال ئېڭىكىدىكى گۈللۈك ياغلىقىنى يۇلۇپ ئالدى، —جىمى كاسىپ مېلىنى ئۆستۈرۈۋاتىدۇ، كۆزلىرى بىزگە چۈشتىما؟ مائاشلىرى ئۆسكەندۇ - ھە؟ ھە.. ئۆسكەن مائاشقا بېقىپ، مالمۇ ئۆسىدۇ! بولمىسا شۇنچە پۇلدىن دەپتەر ياساملا؟
—يەنە شۇ گەپ، نېمە ئۆسىدۇ، نەنىڭ مائاشى ئۆستى!—ئۆزۈمنى تۇتالماي ناۋاينىڭ ئالدىغا  دېۋەيلەپ باردىم، ناۋاي سەل چۆچۈپ قالدى.
— ھاي– ھاي، ياشانغان ئادەم ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالسىلا، تايىنلىق قان بېسىملىرى يوقتۇ - ھە؟ تۆت كوينى دەپ پوككىدە يېقىلىپ بەرمىسىلە يەنە، توقۇناق بالالىرىغا قېپقالمايلى دەيمەن، ئۇششاق بالىلىرىمىز بار، بولدى،
مەسىلە تۆت كويلىرىنى!
بۇ ئىشىكنىمۇ چېقىۋەتكۈدەك يېپىپ چىقىپ كەتتىم. بېدە ساقالنىڭ گېپى جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتكەنىدى. شۇ ئارىدا يان تېلېفونۇم يەنە مۇزىكا چېلىپ قالدى، قارىسام، ئۆينىڭ نومۇرى، تايىنلىق خوتۇنباي ياغقا ئىنتىزار بولۇپ ئۇرغان گەپ! تېلېفوننى جەھلىم بىلەن قۇلاققا ياقتىم.
— نېمە!
— ھوي ئادەم!—دېگەندەك خوتۇنباي قۇلىقىمغىلا چىرقىرىدى، –نېمانچە يوقاپ كەتكەنلىك بۇ؟ مەن لەڭمەنگە قوپۇپ، ھەممە نېمىنى تەييار قىلىپ قويۇپ  ياغقىلا قاراپ ئولتۇردۇم مانا!...
ئەستا، مۇشۇ خوتۇننىزە، مەن نېمە ئويدا، بۇ نېمە كويدا؟ ئاچچىقىمدا تېلېفوننى ئىتىۋەتتىم.
ئارتۇق كەلگەن تۆت يۈەننىڭ ھەسرىتىدە بىر نېمىلەرنى ئويلاپ، شۇ ماڭغانچە مەھەللىدىكى ئاشلىق دۇكىنىغا كىردىم. ماۋۇ  پېشكەللىكنى كۆرمەمدىغان،  ھېلىقى مەن ئالىدىغان ياغ بۇ يەردە ئوتتۇز توققۇز يۈەنگە ئۆسۈۋاپتۇ. ياغنىڭ يېنىدا تاق ئون مىنۇت ئىچىمنى تىڭشاپ تۇرۇپ كەتتىمغۇ دەيمەن، ئەنسىرەپ قالغان چېغى، دۇكاندار بىر چاغدا پالاقلاپ يېنىمغا كەلدى:
— دورىڭىز يېنىڭىزدىمۇ ئاكا؟
— نېمە؟ —سورىدىم گاڭگىراپ.
— يا، ئەمدى يۈرەك كېسىلىڭىز بار بولسا، قوزغىلىپ قالدىمۇ دەيمىنا!
بىر ئالىيىۋېدىم، دۇكاندار غىپپىدە نېرىغا كەتتى ۋە ماڭا يەر تېگىدىن  قۇرقۇمسىراپ قاراشقا باشلىدى.
—كېلىڭە!—دېدىم دۇكاندارنى، ئۇ دەرھال يېنىمغا كەلدى.
—بۇ ياغنى يەنە ئۆستۈرۈۋاپسىزغۇ؟
— ھە، شۇ ئىشمىدى؟ نېمە بولدىكىن دەپتىمەن!—دۇكاندار ئاغزىنى قىڭغايتىپ كۈلدى، —بىزنىڭ ئازراق ئۆستى شۇ، سىزنىڭ مائاشىڭىز بىر توقۇناق ئۆسكەندۇ؟
ئاغزىغا ئۇراي دەپ قولۇمنى كۆتۈرۈشۈمگە ئۇشتۇمتۇت يان تېلېفونۇم يەنە غەش قىلدى، تايىنلىق خوتۇنباي...چىشىمنى چىشلەپ تۇرۇپ، ھېلىقى ياغنى دۇكاندارنىڭ دېگىنىگە ئېلىۋەتتىم، دۇكىنىنىڭ ئىشىكىنىمۇ تېپىپلا ئاچتىم - دە، چىقىپ كەتتىم.
ئۆيگە كىرىۋېدىم، قاچانلاردا كەلدىكىن، نەۋرەم ئالدىمغا يۈگۈرۈپ چىقتى، ئاڭغىچە قىزىممۇ كېلىپ قولۇمدىكىلەرنى ئالدى. ئاشخانا ئۆيدىن خوتۇنباينىڭ چىرقىراق ئاۋازى ئاڭلاندى.
—يائاللا، ياغ زاۋۇتىغا بېرىپ تارتقۇزۇپ ئەكەلدىلىمۇ نېمە ياغنى!
خوتۇن نېمە دېسە دېمەمدۇ. كىرىسلوغا يانپاشلاپ نەۋرەمنى چاقىردىم، ئاڭغىچە ئۇمۇ ئىككى دەپتەرنى كۆتۈرۈپ ھۇجرا ئۆيىمىزدىن يۈگۈرۈپ چىقتى.
—بوۋا! بوۋا! يەنە يۈزدىن ئىككىنى ئالدىم!—نەۋرەم  ئىككى قولىدىكى ئىككى دەپتەرنى تەڭ پۇلاڭلىتىپ، چۈچۈك سۆزلىدى.
—بارىكاللا! يارايسەن قوزام،—مەن خۇشاللىقىمدا ئۇنىڭ بېشىنى سىيلاپ، پېشانىسىدىن سۆيۈپ قويدۇم.  ئۆسكەن باھالار تۈپەيلى كۆڭلۈمگە قونۇۋالغان بايقى خاپىچىلىقلار ئۇنتۇلغاندەك بولدى.
— بوۋا! —نەۋرەم نېمىنىدۇر ئەسكەرتمەكچى بولغان قىياپەتتە كۆزلىرىنى چوڭ ئېچىپ ماڭا تىكىلدى. ئېسمنى يىغدىم.
—ھە يەنە نېمە گەپ ساقام؟
نەۋرەم ئۈن چىقارماي قولىدىكى دەپتەرلەرنى ماڭا پۇلاڭلاتتى. ئەستا، ئېسىم قۇرۇسۇن، يېڭى ئوقۇش يىلى باشلانغاندا ئۇنىڭغا ‹‹يۈزدىن بىرنى ئالساڭ بەش كوي مۇكاپات بېرىمەن››دېگەنىدىم ئەمەسمۇ؟
—  بوۋاڭ قېرىپتۇ ساقام، ھە؟– شۇنداق دېگىنىمچە بوسۇغىدىكى كىيىم ئاسقۇچنىڭ يېنىغا بېرىپ قويۇن يانچۇقۇمدىن پورتمالىمنى ئالدىم، بىر مۇنچە پۇلنىڭ ئارىسىدىن ئەڭ يېڭى ئون يۈەنلىكتىن بىرنى سۇغىرىۋالدىم -  دە، يېنىمدا كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ تۇرغان نەۋرەمگە تەڭلىدىم.
— مانا ئال ساقام، مۇكاپاتىڭ، يەنە جىق يۈزلەرنى ئال  - ھە!
ھەرقېتىم ‹‹رەھمەت››دەپ مۇكاپاتىنى ئالىدىغان نەۋرەم بۇ قېتىم پۇلغا قول ئۇزارتماي، ماڭا مەنالىق قاراپ تۇرۇۋالدى.
— نېمە بولدى، ئالغۇڭ يوقما؟—سورىدىم ھەيران بولۇپ.
— يەنە ئازراق قوشۇپ بېرىسەن،—دېدى ئۇ تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ.
— نېمىشقا ئەمدى؟—دېدىم چۈشەنمەي.
— سىنىپتا بالىلار دەيدىغۇ، ھەممە نېمىنىڭ باھاسى ئۆسۈپتۇ دەپ، مېنىڭ مۇكاپاتىم ئۆسمەمدا؟
غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى.
— سېنىڭ...سېنىڭ  مۇكاپاتىڭمۇ ئۆسەمدا؟
— مائاشىڭ ئۆسىدىكەنغۇ، ئاپام شۇنداق دېدى، بوۋاڭدىن پۇلنى جىق ئال دېدى...
بىلمىدىم، قولۇم كېتىپ قاپتۇ، چاڭلا قىلىپ قالدى. نەۋرەم قىرقىراپ يىغلىدى. مەڭدەپ كەتتىم. نېمە قىلىپ قويدۇم –  ھە، يۈرىكىمنىڭ پارىسى ! ئاڭغىچە ئاشخانا ئۆيدىن قىزىم بىلەن خوتۇنباي ئېتىلىپ چىقشتى.
— دادا، نېمە بولدى،—قىزىم تېخىچە ئېسەدەۋاتقان ئوغلىنى باغرىغا بېسىپ، قورقۇمسىراپ ماڭا قارىدى.
— نېمە قىلغانلىرى بۇ.... پۇل سارىڭى!
خوتۇنباي ئەھۋالنى چۈشەنگەندەك قىلاتتى.
ئۈن چىقارمىدىم، ئۈن چىقىرالمايمەن -  دە! بىر قولۇمدا پورتمال، بىر قولۇمدا بايىقى ئون يۈەن، ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا داڭقاتقىنىمچە ئۆرە تۇراتتىم. كېيىن ...ياق بولدىلا، ئۆينىڭ ئىشىنى تالاغا يايغاننىڭ نېمە پايدىسى...؟!

مەنبە :  شىنجاڭ گېزىتى

QiQan Uyghur Ulinix Tori
كىرەك بولسام مىنى دەرھال ئىزدېدى ،
«تىپىلغۇسىز ياخشى ئادەم سىز » دېدى .
ئۆتىۋىلىپ ھەرخىل قىيىن - قىستاقتىن ،
«كىم بولىسىز ؟ تونۇشمايمىز بىز ! » دېدى .
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 13:39 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [باش يازما]
بۇ ئەزا توردا بار gvzal3.8

تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 827
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 172
UID نۇمۇرى : 20927
دەرىجە: يۈز بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 616
ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە616دانە
شۆھرەت: 819 نۇمۇر
پۇل: 1949 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

بەك قىزىق ئىش بولدى،مائاش ئۆسكىدەك دىگەن خەتنى كۆرۈپ،يۈگۈرۈپ كىرىپتىمەن.

بۇ يازمىنى ئوقۇپ بولغىچە بىر ھازا كۈلۈپ،ئوقۇپ بولۇپ ئويلىنىپ قالدىم،راس ئەمەسمۇ،مۇئاش ئۆستى دەپ خوش بولىمىز-يۇ،لېكىن شۇنىڭغا ماس ھالدا ھەممە نەرسىنىڭ باھاسى ئۆسسە؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ئالمىزار تورىغا مەرھەمەت قىلىڭ !
ئالدىراپ ۋەدە قىلما،ۋەدەڭدە تۇرالامسەن؟!
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 13:55 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [1 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق hiyal0997

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 49
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 50
UID نۇمۇرى : 25590
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 49
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە49دانە
شۆھرەت: 49 نۇمۇر
پۇل: 247 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-05

ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن.

QiQan Uyghur Ulinix Tori
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 14:42 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [2 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق TILISKOP
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 2792
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 2207
UID نۇمۇرى : 13111
دەرىجە: ئالىي ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 2665
ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2665دانە
شۆھرەت: 473 نۇمۇر
پۇل: 123 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

بۈگۈنكى رېئاللىق ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ.

6xahar
ئاجىزلارنىڭ چىقىش يولى باھانە - سەۋەب تېپىش بولسا، كۈچلۈكلەرنىڭ چىقىش يولى چارە - تەدبىر تېپىشتىن ئىبارەت.
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 14:46 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [3 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار sehirlikalma
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1843
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3156
UID نۇمۇرى : 17636
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1706
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1706دانە
شۆھرەت: 1554 نۇمۇر
پۇل: 5343 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

ھەر كاللىدا ھەر خىيال.

QiQan Uyghur Ulinix Tori
سەمىمىلىك ھەممىدىن ئۇلۇغ!
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 14:51 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [4 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق abdurexit

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 2
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 98
UID نۇمۇرى : 26209
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 2
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 106 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-05
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-05

ھەي پۇل؟؟؟؟؟؟؟

يىمەك - ئىچمەك جەمئىيتىگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 14:53 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [5 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار katil731
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1843
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3156
UID نۇمۇرى : 18503
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1750
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1750دانە
شۆھرەت: 1552 نۇمۇر
پۇل: 3997 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-28
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

ئۇسمىگەن مۇئاش بىر مۇنچە خاپىلىق تېپىپتۇ ھە،

6xahar
مەنزىل يىراق.ئاتلار ئۇرۇق،گىپىمىز چوڭ ئىچىمىز قۇرۇق.
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 15:33 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [6 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار gulambar

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 14
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 85
UID نۇمۇرى : 24652
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 9
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە9دانە
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
پۇل: 127 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-05
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

مۇئاش بىر قېتىم ئۆسكەندە مال باھاسىمۇ ماس ھالدا بىر قېتىم ئۆسسە مەيلىتىغۇ .مۇئاش ئۆسىدىكەن دىگەن خەۋەر تارقىلىپ مال باھاسى بىر قېتىم ئۆسسە ،مۇئاش رەسمى ئۆسكەندە مال باھاسىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۆسىشىگە نىمە دىگۈلۈك .

QiQan Uyghur Ulinix Tori
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 16:24 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [7 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق nazin

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 104
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 195
UID نۇمۇرى : 3201
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 102
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە102دانە
شۆھرەت: 28 نۇمۇر
پۇل: 222 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-04-06
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-05

مائاشىنىڭمۇ ئۇسۇشى چاغلىقكەن ، مائاشى ئۇسىدۇ دەپ 3-4 ئاي بۇرۇنلام پۇتۇن مال باھاسىنى ئوستۇرىۋالغانتى ، ئوسكەن مائاشى ئاران 100يۋەنگە بارمايدىغان پۇل ، لىكىن خەجلىنىدىغان پۇل بۇرۇنقىدىن بىر ھەسسە كۆپەيگىلى تۇردى ، بۇلۇپمۇ كۇندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن قۇرساققا يەيدىغان نەرسىلەر بەك ئۇسۇپ كەتتى .  بۇھۆكۇمەت پۇقرالارنى ئۇنداق ئاسان باي قىلمايدۇ جۇمۇ ..............

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 17:22 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [8 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار karatuprak

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 70
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 29
UID نۇمۇرى : 25976
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 66
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە66دانە
شۆھرەت: 66 نۇمۇر
پۇل: 298 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-29
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

ئەر كىشىنى ئۇششاق چۈششەك سودىغا بۇيرۇلىۋەرسە مۇشۇنداق زىغىرلايدىغان بوپ قالىدۇ~
نىمانداق چۈپەي؟

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 17:34 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [9 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار hitab

تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1388
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3611
UID نۇمۇرى : 1344
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1302
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1302دانە
شۆھرەت: 533 نۇمۇر
پۇل: 27 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

Quote:
بۇ مەزمون 1 - قەۋەتتىكى gvzal3.8 نىڭ 2008-03-05 13:55 دە يوللىغان يازمىسى“”:
بەك قىزىق ئىش بولدى،مائاش ئۆسكىدەك دىگەن خەتنى كۆرۈپ،يۈگۈرۈپ كىرىپتىمەن.

بۇ يازمىنى ئوقۇپ بولغىچە بىر ھازا كۈلۈپ،ئوقۇپ بولۇپ ئويلىنىپ قالدىم،راس ئەمەسمۇ،مۇئاش ئۆستى دەپ خوش بولىمىز-يۇ،لېكىن شۇنىڭغا ماس ھالدا ھەممە نەرسىنىڭ باھاسى ئۆسسە؟؟؟؟؟؟؟؟؟

سىلەرنىڭ ئۆستىما؟بىزنىڭكىنى ئۆسىدۇ دىگلى نەۋاق 2006-يىلنىڭ ئاخىرى بىر ئۆسۈپ بىر يىللىق ئۆسكەن مۇئاشقا 2000يۈەن ئەتراپىدا تۇلۇقلاپ بەرگەن ئىدى.بۇلتۇر 12-ئايدا مال باھا ياردىمى دەپ ئېيىغا 100يۈەندىن بىر يىللىقنى بىر بەردى.مۇئاش ئۆسكىنى مۇشۇمۇدۇ يا؟ھىچ بىلەلمىدىم

[ بۇ يازما hitab تەرپىدىن 2008-03-05 23:30 دە قايتا ]

Atlan

چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 18:27 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [10 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار hitab

تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1388
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3611
UID نۇمۇرى : 1344
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1302
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1302دانە
شۆھرەت: 533 نۇمۇر
پۇل: 27 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

Quote:
بۇ مەزمون 4 - قەۋەتتىكى sehirlikalma نىڭ 2008-03-05 14:51 دە يوللىغان يازمىسى“”:
ھەر كاللىدا ھەر خىيال.

ھەر كاللىدا ھەر خىيال تاز كاللىدا مىڭ خىيال

دىيارىم كېنو قانىلىغا مەرھەمەت قىلىڭ

چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 18:27 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [11 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار manggutax
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى ئالاھىدە تۆھپە
تەجىرىبە: دەرىجە:     قوماندان
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 5363
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 4636
مەزھەپ:ئىنكاس شاھى ئىنكاس شاھى
UID نۇمۇرى : 9
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 3
يازما سانى: 5159
ئۇنۋان:ۋەزىر ھازىرغىچە5159دانە
شۆھرەت: 2126 نۇمۇر
پۇل: 9957 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 2 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-14
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

مۇئاشنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسىشىشى زادى نېمىدىن دېرەك بىرىدۇ؟

ئالمىزار تورىغا مەرھەمەت قىلىڭ !
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 18:28 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [12 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار hitab

تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1388
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3611
UID نۇمۇرى : 1344
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1302
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1302دانە
شۆھرەت: 533 نۇمۇر
پۇل: 27 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

بۇ قىتمىقى سىياسى كىڭەش يىغىندا بىر نەپەر ئەزا ھەر بىر پۇقراغا 1000يۈەن  تارقىتىپ بېرىپ كىشلەرنى ئىسلاھاتنىڭ مىۋىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىشنى تەكلىپنى  بەرمەكچىكەن.

6xahar

چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 18:30 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [13 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق sukut555

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 13
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 86
UID نۇمۇرى : 26093
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 11
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە11دانە
شۆھرەت: 11 نۇمۇر
پۇل: 133 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-02
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

بۇ تىما كىشىنى قىزىقتۇرىدىغان تىما بوپتۇ .كىشىلەر يەنە مائاش  ئۆسىدىغان چېغى دەپ ئويلاپ قالغۇدەك .مائاش ئۆسكەن بىلەن مال باھاسىمۇ ئۆرلەۋاتسا پۇلغا بىر نەرسە كەلمەس بولۇپ كەتتى .مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى كىشىلەرنى ئەندىشىگە سېلىپ ،ھەتتە بەزىلەر مائاش ئۆسمىسىمۇ مەيلى ئىدى .مال باھاسى تۇۋەنلىگەن بولسا دەپ قاخشىماقتا .

يىمەك - ئىچمەك جەمئىيتىگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 19:03 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [14 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار hitab

تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1388
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3611
UID نۇمۇرى : 1344
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1302
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1302دانە
شۆھرەت: 533 نۇمۇر
پۇل: 27 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

راست  بۇ تىمىنىڭ بىشىغا ھىكايە دەپ ئەسكەرتىپ قۇيسا بوپتىكەن!
ھەمىمىسى بۇنى خەۋەر ئۇخشايدۇ دەپ خوشلىقداكۆرۈپ ،ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئىنكاس يېزىۋاتىدۇ

QiQan Uyghur Ulinix Tori

چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 19:36 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [15 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق MIRAYID
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 3387
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 1612
UID نۇمۇرى : 9571
دەرىجە: ئالىي ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 3176
ئۇنۋان:16 دەرىجە ھازىرغىچە3176دانە
شۆھرەت: 872 نۇمۇر
پۇل: 84 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-30
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

راس ئۆسەمدىكى دىسەم .

QiQan Uyghur Ulinix Tori
. I am a student
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 19:51 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [16 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق ئەركەم

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 3
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 96
UID نۇمۇرى : 26233
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 3
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
شۆھرەت: 3 نۇمۇر
پۇل: 109 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-05
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-05

مائاىش  ئوسمىدى  ،بىزگە ئوخشاش  خىزمەتچىلەرنىڭ  باش  ئاغىرغى  ئوستى،،مال  باھاسىنى  كونتىرول  قىلماسما  بۇلار،،،،جەنۇپتىكى  خىزمەتچىلەر  قانداق  قىلۋاتقاندۇ،،،،http://blog.fenbei.com/8405290我 的主页看看    چ چ:411706405

يىمەك - ئىچمەك جەمئىيتىگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 19:54 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [17 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق bala-dohturi

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 220
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 79
UID نۇمۇرى : 7184
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 202
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە202دانە
شۆھرەت: 103 نۇمۇر
پۇل: 591 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-08-16
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-05

ھازىرقى مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى مائاشچىلارنىمۇ قىيناپ قويۇۋاتىدۇ. بىز خەقنىڭ % 90 تىن ئارتۇقىمىزنىڭ مائاشى يوق. مائاشى يوقلار، يەنى كىچىك سودىگەرلەر، ئوقەتچىلەر، قول ھۈنەرۋەنچىلەر ۋە دىھقانلىرىمىز نىمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

يىمەك - ئىچمەك جەمئىيتىگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 20:24 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [18 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار orki

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 171
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 128
UID نۇمۇرى : 25506
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 158
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە158دانە
شۆھرەت: 158 نۇمۇر
پۇل: 594 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-20
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

Quote:
بۇ مەزمون 17 - قەۋەتتىكى ئەركەم نىڭ 2008-03-05 19:54 دە يوللىغان يازمىسى“”:
مائاىش  ئوسمىدى  ،بىزگە ئوخشاش  خىزمەتچىلەرنىڭ   باش  ئاغىرغى  ئوستى،،مال  باھاسىنى  كونتىرول   قىلماسما   بۇلار،،،،جەنۇپتىكى  خىزمەتچىلەر   قانداق   قىلۋاتقاندۇ،،،،http://blog.fenbei.com/8405290我 的主页看看    چ چ:411706405

بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىڭىزمۇ قانداق ؟پايپاققا ناخال قاققاندەك ئىش قىلىدىغان ئادەمكەنغۇ بۇ....
چەتئەلگە چىقپىسىز مۇبارەك بولسۇن ......مۇشۇنى ئۆمۈد قىلىپ يوللىغانما تور بېتىڭىزنى ......

6xahar
ياشاش،ھەربىر نەپەس بەسىلىگە ھىساب بىرىشتۇر
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 20:55 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [19 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق ئەركەم

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 3
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 96
UID نۇمۇرى : 26233
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 3
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
شۆھرەت: 3 نۇمۇر
پۇل: 109 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-05
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-05

كورمىسەڭ  مەيلى  ،تەنە  گەپ قىلما،،،بىز  خەق    مۇشۇنداق    ئەمەسمۇ،،،بىر-بىرمىزنى  غاجاپ،

يىمەك - ئىچمەك جەمئىيتىگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 21:29 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [20 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق dilbinur

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 31
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 68
UID نۇمۇرى : 25548
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 21
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە21دانە
شۆھرەت: 21 نۇمۇر
پۇل: 163 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-21
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-05

ياخشى يېزىپسىز داۋاملىق ياخشى ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن.  مەن تىخى راس مائاش ئوسىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن.

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 22:25 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [21 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق beauty

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 19
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 80
UID نۇمۇرى : 26164
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 15
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە15دانە
شۆھرەت: 25 نۇمۇر
پۇل: 159 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-04
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

قارىسامغۇ ھازىر مائاشتىن باشقا ھەممە نىمە ئۆسىۋېتىپتۇغۇ ئاخىر.................

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 23:03 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [22 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق maslihatqi

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 204
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 95
UID نۇمۇرى : 23481
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 176
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە176دانە
شۆھرەت: 186 نۇمۇر
پۇل: 628 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-11
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

ئىچكىر ئكلۆىلەر بىلەن مۇئاشىمىزنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ .

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 23:30 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [23 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق tan-roh
دىيارىم ئەلچىسى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1037
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3962
UID نۇمۇرى : 20711
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 877
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە877دانە
شۆھرەت: 907 نۇمۇر
پۇل: 8400 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-03
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-05

Quote:
بۇ مەزمون 22 - قەۋەتتىكى beauty نىڭ 2008-03-05 23:03 دە يوللىغان يازمىسى“”:
قارىسامغۇ ھازىر مائاشتىن باشقا ھەممە نىمە ئۆسىۋېتىپتۇغۇ ئاخىر.................

ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ؟ قىز مېلى -قىز چوڭ قىلىش ھەققى ،توي-توكۇن دىگەندەك نەرسىلەرمۇ ئۆسۇپتىغۇ؟
ھەي....دىيارىمىزدا قېرى بويتاقلار جىقلاپ كىتىدىغان بولدى دە!

Atlan
تامچە سۇ تاشنى تىشەر ،ئارتۇقچە گەپ باشنى![/glow]
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 23:59 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [24 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق guzalkaxkar1

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 8
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 91
UID نۇمۇرى : 24908
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 8
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە8دانە
شۆھرەت: 8 نۇمۇر
پۇل: 124 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-10
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-05

قايسىڭلارنىڭ مائاشى ئۆستى دوسلار . ھىچ بىلمىدىم بىزنىڭ  ماشىمىزنى قوشماقتا يوق تۇتىدۇ تىخى ھەي !!!!!!!!!

6xahar
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-06 00:18 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [25 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق kusan2

تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 759
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 240
UID نۇمۇرى : 7941
دەرىجە: يۈز بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 751
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە751دانە
شۆھرەت: 439 نۇمۇر
پۇل: 1743 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-16
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

Quote:
بۇ مەزمون 24 - قەۋەتتىكى tan-roh نىڭ 2008-03-05 23:59 دە يوللىغان يازمىسى“”:

ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ؟ قىز مېلى -قىز چوڭ قىلىش ھەققى ،توي-توكۇن دىگەندەك نەرسىلەرمۇ ئۆسۇپتىغۇ؟
ھەي....دىيارىمىزدا قېرى بويتاقلار جىقلاپ كىتىدىغان بولدى دە!

ئانداق بولسا تېزراق ئۆيلىنىۋېلىڭ،كىيىن ھازىرقىدىنمۇ بەكرەك ئۆرلەپ كەتسە چىشلىرىڭىز چۈشۈپ كەتكىچە بويتاق يۈرۈپ قالماڭ يەنە

يىمەك - ئىچمەك جەمئىيتىگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-06 00:20 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [26 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق sahaba

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 85
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 14
UID نۇمۇرى : 16783
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 73
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە73دانە
شۆھرەت: 60 نۇمۇر
پۇل: 173 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-05
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

مەنمۇ كېچىكىپ قالماپتىمەن ،بۇ تېما ،دېگەن بىلەن خېلى ئادەمنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىكەن........ھەي پۇل<پۇل مەنزىلسىز كارۋان>.

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-06 00:38 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [27 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق hap.muhabbat

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 44
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 55
UID نۇمۇرى : 15314
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 41
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە41دانە
شۆھرەت: 33 نۇمۇر
پۇل: 94 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-19
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

مىنىڭ ئۆستى !!!!! مۇئاشىم  بۇرۇن خېلى بەرىكەتلىك ئىدى. ئەمما ئۆسكەندىن كىيىن ئوخشاشلا ھەممە نىمىنى باھاسى بۇيىچە سېتىۋېلىۋاتىمەن ........... ئىشقىلىپ ئۆيدە پۇل تۇگىدى!!!! ئەمما بەرىكەتلىك جىدەل ،ئۆز رۇلىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۋاتىدۇ...... مەن سەل ئەندىشىدە. ئىلاھىم مۇئاش ئۆسمىگىدى!!!!!!!

دىيارىم كېنو قانىلىغا مەرھەمەت قىلىڭ
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-06 01:52 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [28 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق atikam

تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 813
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 186
UID نۇمۇرى : 17183
دەرىجە: يۈز بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 713
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە713دانە
شۆھرەت: 624 نۇمۇر
پۇل: 2157 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-16
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

تىمىڭىزغا كوپ رەخمەت،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،تىمىدا دىيىلگىنى ھەقىقەتەن ھازىرقى رىئاللىق،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،، بىراق  شۇ مائاش ئۆسسە  بولىتى

Atlan

چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-06 02:11 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [29 -قەۋەت]
دىيارىم مۇنبىرى » ﺗﻪﺭﻣﯩﻠﻪﺭ
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )

يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ھازىرقى ۋاقىت : 03-06 13:56
Powered by PHPWind v5.3 Certificate Code © 2007-2010 Diyarim Corporation