ئەھمەدى نىجاد : ئىراقتىكى چەت ئەل ئارمىيىسى ئىراقتىن كېتىشى كېرەك ، دېدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، باغداد ، 4- مارت تېلېگراممىسى : ئىراننىڭ زۇڭتۇڭى ئەھمەدى نىجاد : ئىراقتا چەت ئەلنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى بولمىسا ، بۇ رايوننىڭ تىنچلىقى ئەسلىگە كېلىدۇ . شۇڭا چەت ئەلنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى ئىراقتىن كېتىشى ، ئىراقنىڭ ئىشلىرىنى ئىراق خەلقىگە تاپشۇرۇشى كېرەك ، دېدى . ئەمما ئامېرىكىنى بىۋاستە تىلغا ئالمىدى . خەۋەپسىزلىك كېڭىشى ئىراننى جازالاش سالمىقىنى زورايتتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ب د ت ، 4- مارت تېلېگراممىسى : ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تۈنۈگۈن 1803- نومۇرلۇق قارار لايىھىسىنى ماقۇللاپ ، يادرو مەسىلىسىدە يول قويمىغان ئىراننى جازالاش سالمىقىنى زوراريتىشىنى قارار قىلدى .
قاراردا مۇنداق دېيىلدى : ئىراننىڭ يادرو تۈرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارى ۋە ئاپپاراتلارنىڭ چەت ئەلدىكى مال - مۈلكى توڭلىتىلىدۇ ؛ ھەم ئاممىۋى ئىشلارغا ، ھەم ھەربىي ئىشلارغا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ماددىي ئەشيالار سودىسى چەكلىنىدۇ ؛ يەنە ئىرانغا كېتىۋاتقان گۇمانلىق يۈك پاراخوتلىرى بىلەن ئايروپىلانلار قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ ، ئىراننىڭ ئىككى چوڭ بانكىسى نازارەت قىلىنىدۇ . بالىلار 11 يېشىدىلا بالىلىق دەۋرىدىن خوشلىشىدىكەن
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، لوندون ، 4- مارت تېلېگراممىسى : ھازىر « بالىلار بالدۇر بالاغەتكە يېتىدۇ » دېگەن قاراش ئومۇملاشتى . ئامېرىكىدىكى چوڭ بالىلار كىتابلىرى سودىگىرى - لانداۋم نەشىرىياتىنىڭ ئەنگلىيە شۆبىسى بۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى : ئەنگلىيىدىكى 18 ياشتىن تۆۋەن 1170 بالىنىڭ ئاتا - ئانىسى بىز سورىغان سوئالغا بەرگەن جاۋابقا قارىغاندا %55 ئاتا - ئانا ھازىر بالىلار 11 يېشىدىلا بالىلىق دەۋرى بىلەن خوشلىشىدۇ ، دەپ قارايدىكەن .
« مېھىر - شەپقەت پادىشاھ » غا ۋارىس چىقمىدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، لوندون ، 4- مارت تېلېگراممىسى : ئەنگلىيىدىكى « قۇياش گېزىتى » بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : ئەنگلىيىدىكى « مېھىر - شەپقەت پادىشاھى » پاۋلوۋ راموند تۈنۈگۈن دوختور خانىدا كېسەلدىن ئۆرە بولالماي 82 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى ، ئۇنىڭدىن 650 مىليون فوند ستېرلىڭ بايلىق قالدى .
خەۋەر يەنە ، مۇنداق دېيلدى : ئەمما ئەنگلىيە تارىخدىكى ئەڭ مەشھۇر « مېھىر شەپقەت پادىشاھى » راموند مىڭ مۇشەققەتتە بەرپا قىلغان « مېھىر - مۇھەببەت پادىشاھلىقى » ۋارىسسىز قېلىش تەقدىرىگە دۇچار بولدى ، چۈنكى ئۇنىڭ بىرىدىن بىر قىزى 1992- يىلى 36 يېشىدا زەھەرنى كۆپ چېكىۋېلىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن .
دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى : ھازىر ئەنئەنىۋى بالا تەربىيلەش ئۇسۇلىدا زور ئۆزگىرىش بولغان . بالىلاردا ئۆزىنى ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان تەڭتۇشلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش پىسخىكىسى كۈچلۈك ئىكەن .
تۈركىيە ئىككى توننىچە زەھەرنى قولغا چۈشۈردى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ئەنقەرە ، 4- مارت تېلېگراممىسى : تۈركىيىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، تۈركىيە خەۋپسىزلىك قىسمى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ، كۇد ئىشچىلار پارتىيىسى پارتىزانلىرى ئەتكەس قىلغان ئىككى توننىچە زەھەرنى قولغا چۈشۈردى . خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : كۇرد ئىشچىلار پارتىيىسى پارتىزانلىرىنىڭ زەھەر ئەتكەس قىلىش ھەرىكىتى ئاساسەن تۈركىيە بىلەن ئىراق چېگرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا ، تۈركىيە خەۋپسىزلىك قىسىمى خاككارى ، فان ۋە شىرناق ئۆلكىسىدە زەھەر چەكلەش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەنىدى . نىپالنىڭ 11 ياشلىق ئايال گىگنى ئىستىپا بەردى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، كاتماندو ، 4- مارت تېلېگراممىسى : نېپال مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارى پاندا بۈگۈن مۇنداق دېدى : 11 ياشلىق ئايال گىگەن پرات شاكيە ئائىلىسىنىڭ تەلىپى بىلەن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى ، نېپال دىنىي ساھەسى ئۇنى توققوز يىل بۇرۇن نېپالنىڭ كۇمارى ئايال گىگەنلىكىگە تەيىنلىگەنىدى .
پاندا يەنە مۇنداق دېدى : پرات شاكيە ئەمدى دۆلىتىمىزنىڭ كۇمارى ئايال گىگەنى ئەمەس ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭدىن ئورنىنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ ، جەمەتىنىڭ دىنىي تەشكىلاتىغا كىرىشنى تەلەپ قىلغان . ئەمما ئەنئەنە بويىچە كۇمارى ئايال گىگەن تۇنجى قېتىم ھەيز كۆرگەندىن كېين ئاندىن ئورنىنى بوشاتسا بولىدۇ . ھىلارى بىلەن ئوباما تىخ ئۇچىنى جۇڭگوغا قاراتتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ۋاشىنگتون ، 4- مارت تېلېگراممىسى : ئوھئو شتاتىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان دەسلەپكى سايلامدا كۆك ياقىلىقلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ، ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۈڭ نامزاتلىقىنى تالىشىۋاتقان ھىلارى بىلەن ئوباما بۈگۈن كېلىشىۋالغاندەكلا تىخ ئۇچىنى جۇڭگوغا قاراتتى .
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : ئوباما كلىنتون ھۆكۈمىتى 2000- يىلى جۇڭگو بىلەن تۈزۈشكەن مەڭگۈ نورمال سودىلىشىش كېلىشىمىنى « بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنى قۇربان قىلغانلىق » دەپ سۆكتى ، ئۇنىڭ مۇددىئاسى « بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش » بۇش « خاماس » ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇش پىلانىنى تەستىقلىغانىكەن .
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ۋاشىنگتون ، 4- مارت تېلېگراممىسى : ئامېرىكىدا بۈگۈن ئاشكارىلانغان بىر مەخپىي ھۆججەتتە مۇنداق دېيىلدى : « خاماس » 2006 - يىلى يانۋاردا پەلەستىن قانۇن تۇرغۇرۇش كومىتىتىنىڭ سايلىمىدا ئۇتقاندىن كېيىن ، زۇڭتۇڭ بۇش « خاماس » ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇش پىلانىنى تەستىقلىغان .
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : بۇ ھۆججەت « خاماس » ۋە باشقا پەلەستىنلىكلەرنىڭ : « ئامېرىكا < خاماس > ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ، < فاتاخ > قا قورال - ياراغ ۋە پۇل بەردى » دېگەن قارىشىنى دەلىللەپ بەردى . ئىلگىرى « فاتاخ » نىڭ بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىمۇ : ئامېرىكا « فاتاخ » نى قۇترىتىپ ، « خاماس » ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ ، دېگەنىدى . ئېكۋاتور ۋە ۋېنېسۇئېلا كولۇمبىيىدىن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، بوگوتا ، 4- مارت تېلېگراممىسى : كولۇمبىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ قوشنا دۆلەت ئېكۋاتورغا كىرىپ ، كولۇمبىيە ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىر كاتتىبېشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ئېكۋاتور ۋە ئۇنىڭغا قوشنا ۋېنېسۇئېلانىڭ غەزىپىنى قوزغىدى . بۈگۈن بۇ ئىككى دۆلەت كولۇمبىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلدى .
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : كولۇمبىيە ۋېنېسۇئېلانىڭ زۇڭتۇڭ چاۋسنى « كۇلۇمنىيىدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارغا 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بەردى » ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر بىلەن ئالاقىسى بار » دەپ ئەيىبلىدى . پەن جىۋىن : ئاللاھ پارتىيىسى 30 مىڭ پاي راكېتا تەييارلاپتۇ ، دېدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ب د ت ، 4- مارت تېلېگراممىسى : ب د ت نىڭ باش كاتىپى پەن جىۋىن تۈنۈگۈن خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تاپشۇرغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى : ئىسرائىلىيىنىڭ قارىشىچە ، لىۋان ئاللاھ پارتىيسىى ھەربىي ھازىرلىقلارنى كۈچەيتىپ ،10 مىڭ پاي يىراق مۇساپىلىك ، 20 مىڭ پاي قىسقا مۇساپىلىك راكېتا تەييارلاپتۇ .
دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى : لىۋان ئاللاھ پارتىيىسى يەنە ب د ت ھەرىكەت قىلىۋاتقان رايوندا ھەربىي كۈچىنى قايتا تەرتىپكە سېلىپ يولغا تەرتىپكە سېلىپ بولغان ، لىتانى دەرياسىنىڭ شىمالىي بىلەن بېقا جىلغىسىدىكى ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى قايتا قۇرۇپ ، مەشقنى كۈچەيتكەن . مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 5- مارت