«8- مارت» خانىم - قىزلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان بۇ نەسرنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2001- يىلى نەشر قىلغان ئۆمەرجان سىدىقنىڭ «قايدىسەن دىلدار» ناملىق ھېكايە،نەسرلەر توپلىمىدىن ئېلىندى.
يېنىمدىكى قۇياشلارغا
ئۆمەرجان سىدىق
ئايال -- دۇنيانىڭ قۇياشى. ئايال -- ھاياتلىقنىڭ ئانىسى. ئايالسىز شاپائەتنى، ئايالسىز پاساھەتنى، ئايالسىز مۇھەببەتنى، ئايالسىز ئىنسانىيەتنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئانىنىڭ ھەر بىر تولغىقى، ھەر تامچە سۈتى دۇنيانى ياراتقۇچى، ھاياتلىقنى كۆكلەتكۈچى ئەڭ چوڭ ئىمكانىيەت. شۇڭا لىپمۇلىق مۇھەببەت تولغان قىزغىن يۈرىكىم بىلەن بارلىق خانىم - قىزلارنىڭ بايرىمىنى ئەڭ پاكىز تۇيغۇدا سەمىمىي مۇبارەكلەيمەن!
بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!!
ئانامغا
پەرزەنتلەرنى قانچىلىك جەبر - جاپادا بېقىپ قاتارغا قوشقىنىڭنى ئەسلىيەلمەيمەن. ئانا، پەقەت مەنمۇ دادا بولۇپ، يۈرەك باغرىمىزنى يېرىپ چىققان تاتلىق پەرزەنت تەڭ كېچىدىكى شېرىن ئۇيقۇمىزنى بۇزۇپ قىرقىراپ يىغلىغىنىدا، ئۇنىڭ - بۇنىڭ جىدىلىنى قىلغىنىدا، تۇيۇقسىز ئوت - كاۋاب بولۇپ قىزىپ بىزنى ساراسىمگە سالغىنىدا، سېنىڭ ئىزىڭنى بېسىپ پەرزەنت ئىشقىدا پەرۋانە بولۇۋاتقان مېھرىبان كېلىنىڭنىڭ تەگىمەس تەشۋىشلىرىنى كۆرگىنىمدە، ئاندىن سېنىڭ ھېسابسىز مېھنىتىڭ ۋە بەدىلىڭنىڭ، مۇقەددەس تەرىڭنىڭ ۋەزنىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتتىم. ناھايەت سەن بىر ئەمەس، بەش پەرزەنتنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشقانتىڭغۇ، ئانا!
تەنتەك ياشلىقىمنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا يۇرت جۇدالىقى، مۇھەببەت جاراھىتى، ھايات ئوڭۇشسىزلىقىغا ئوخشاش ئەرزىمەس ئازابلار دەستىدىن ئوتتىكى قىلدەك تولغىنىپ، جاھانغا سىغماي ئاھ ئۇرۇپ، ھاياتتىنمۇ ئۈمىدسىزلەنگەن ئىكەنمەن. مانا سەندىن، ئانا ھارارىتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنلا، ئازابنىڭ نېمىلىكىنى يۈرىكىم پارە - پارە بولغان ھالدا تونۇپ يەتتىم. ئانا جۇدالىقى، ئانىدىن ئايرىلىش ئازابى ئالدىدا باشقا ئازابلار دېڭىزدىكى بىر تامچە سۇ ئىكەنغۇ ئاخىر!
ئويلاپ باقسام، ياشلىققا قەدەم باسقاندىن تارتىپ ئانامنىڭ مېھرىگە قېنىپ تۇرۇپ ئانامنى قۇچاقلاپ، ئانامنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ئانام بىلەن سىردىشىپ باقماپتىمەن. مانا ئەمدى پېشانىسىگە سۆيگىلى، باغرىغا چۆككىلى، دەرت - ھەسرىتىمنى تۆككىلى ئەزىز ئانام قەيەردە؟! روھىڭ ئاڭلاۋاتقاندۇ ئانا، سېنىڭ ھەقىقىي ھۆرمىتىڭنىڭ، سېنىڭ مۇھەببىتىڭنىڭ قۇدرىتى بىلەن بارلىق ئانىلارغا يۈرىكىمدىن تارام - تارام ياش تۆكۈپ تۇرۇپ شۇنداق خىتاب قىلىمەن: ئېھ، قەدىردان ئانىلار ، سىزلەرگە ھەر كۈنى بايرام بولسۇن!
ئايالىمغا
تەنتەكلىك كوچىلىرىدا مۆدۈرۈپ، رەڭدار قۇيۇنلاردا گاڭگىراپ، نازلىق كۈلۈشلەردىن مەست بولۇپ، شاراب ھەسرىتىدىن تولغىنىپ ئەقلىم خىرەلەشكەن، تەپەككۇرۇم گاللاشقان، ئەقىدەمنى چاڭ باسقان، يۈرىكىم ئۆتمىتۆشۈك بولۇپ، لەختە - لەختە قانغا ئايلانغان بىر پەيتتە، تاساددىپىي ساڭا يولۇققان ئىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن سەن چۆلدىكى بۇلاق سۈيىدەك، جىمجىت ئورماندىكى رويال كۈيىدەك، زېمىستان قىشتىن كېيىنكى باھاردەك، ئۇزاق تۈندىن كېيىنكى سەھەردەك ئاستا - ئاستا قەلبىمگە سىرغىپ كىردىڭ. چاڭقاپ چاك - چاك يېرىلىپ كەتكەن قەلب جەزىرەمگە سېنىڭ پاك، بىغۇبار، ئابىھايات سۈيۈڭ يېڭى ھاياتلىق، يېڭى مۇھەببەت بەخش ئەتتى. سەن ماڭا چەكسىز ئىپتىخار ۋە ھارارەت بېغىشلىغان لاتاپەتلىك، سۈلكەتلىك، لىۋەن ۋە مەسۇم بىر گۈلدىن مانا ئەمدى ماڭا ھەقىقىي بۇرچ ۋە ئەقىدىنى تونۇتىدىغان مېھرىبان، مۇلايىم ۋە ئاق كۆڭۈل ئانىغا ئايلاندىڭ. تالاي كېچىلەردە بالىمىز بىلەن تەڭ ياش تۆككىنىڭدە، بىرەر قېتىممۇ ئىسسىق تاماق يېيەلمەي پەرزەنت ئۈچۈن پەرۋانە بولغىنىڭدا، بالىمىزنىڭ ھەرقانداق خەقىشلىرىگە مۇلايىملىق ۋە سەۋرچانلىق بىلەن ھەمدەم بولغىنىڭدا، ھەر كۈنى قۇياشتىن بىر نەچچە سائەت بۇرۇن تۇرۇپ تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرىغا كىرىشىپ كەتكىنىڭدە، ساڭا بىرەر قېتىممۇ رەھمەت ئېيتالمىدىم. پەقەت ھارغىن، ئەمما ئوماق، مۇلايىم چېھرىڭگە، مېھرىبانلىق، ساپ دىللىق سىڭىپ كەتكەن ۋۇجۇدۇڭغا سۆيۈنۈش بىلەن نىگاھ تاشلىغان ئىدىم. مانا بۈگۈن ئوتلۇق يۈرىكىم بىلەن ساڭا قىزغىن تەشەككۈر بىلدۈرۈپ، يۈرىكىڭگە پىچىرلاي: كەلگىن ئەزىزىم، مېنىڭ ئىشقىم ساڭا يار بولسۇن!
پەرزەنت دۇنياغا كۆز ئېچىشى بىلەنلا، ئانىنىڭ ۋۇجۇدىدا پەرزەنت مۇھەببىتى بىخلىنىدىكەن. بىراق ئاتىنىڭ قەلبىدىچۇ؟
قىزىم، سەن دۇنياغا كۆز ئاچقان كۈنى بىر پارچە گۆشتىن پەرقلەنمەيدىغان ۋىجىك، ئەتسىز گەۋدەڭگە ھېچقانداق ھېسسىياتسىز، مۇھەببەتسىز نەزەردە مۇنداقلا كۆز تاشلىغان ئىدىم. مانا ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ، مەسۇم، سەبىي كۈلكىلىرىڭ ئۆيىمىزدە جاراڭلىغاندا، چۈچۈك، تاتلىق تىلىڭ ھەممىمىزنى ھەيران قالدۇرغاندا، ئوماق، غەرەزسىز قىلىقلىرىڭ بىزنى سۆيۈندۈرگەندە، پۈتۈن مۇھەببىتىمنى كۆزۈمگە يىغىپ ساڭا قانماي - قانماي تىكىلدىم، سېنى يېنىش - يېنىشلاپ پۇرىدىم. مۇشۇ دەقىقىلەردە ئايانچلىق پەرزەنت مېھرى، مۇقەددەس ئاتىلىق مۇھەببەتتىن قەلبىم ئۆركەشلەپ، ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كەلدى. ئادەمگە ئالەمچە شادلىق، تەگسىز سۆيۈنۈش ئاتا قىلىدىغان بۇنداق سېھىر ساڭا نەدىن كەلدى قىزىم!؟ توغرا، سېنىڭ يۇمران ۋۇجۇدۇڭغا سۆيۈملۈك ئاناڭنىڭ، مېھرىبان موماڭنىڭ، ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى نەچچە ئەۋلاد بوۋا، مومىلىرىڭنىڭ مۇھەببىتى، مېھرى، ئەقىدىسى سىڭگەن. شۇڭا، سەندىن كېلىۋاتقان مەسۇم، سېھىرلىك پۇراق ئەجدادلارنىڭ مۇقەددەس پۇرىقى.
مانا ھازىردىن باشلاپ نۇزۇگۇمنىڭ ناخشىلىرىنى ئېيتىپ، مونچاقتەك قارا، بىغۇبار كۆزلىرىڭدە ھەممە نەرسىگە ھەيرانلىق، قىزىقىش بىلەن تىكىلىپ، چۈچۈك تىللىرىڭ بىلەن مېنى ئاۋۇندۇرۇپ، كۆڭلۈمنى شاد ئەتمەكتىسەن. ئانىلار بايرام شادلىقىغا چۆمۈلگەن بۈگۈنكى كۈندە قەلبىم سۆيۈنگەن، تەشۋىشلەنگەن، چەكسىز مېھىر بىلەن ساڭا شۇنداق دەيمەن قىزىم: ماڭغىن يۈرەك پارەم، سېنى بايراملار كۈتۈۋاتىدۇ! ...