ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
<دىيارىم> مۇنازىرە مۇنبىردىكى ئەزىز دوستلار، مەن سىزلەرنىڭ ھوزۇرۇڭلارغا ، ئۆزۈم يېزىپ مەتبۇئەتتە ئېلان قىلغان بىر پارچە شېئىرىمنى سۇندۇم.
بۇ شېئىر، مىللىتىمزدىكى پۇل-مالنى ، ئويۇن-تاماششانى دەپ، ئۆزۈنى ئۇنتۇلۇپ قىلىۋاتقان ، ئۆز ئادىميلىكىنى يوقۇتۇش ئالدىدا تۇرغان بىرقىسىم ئەخلاقسىز ياشلىرىمىزگە قارىتىلغان.
تانمىغىن ئاتا-ئاناڭدىن
ماھمۇدجان مۇھەممەتتۇرسۇن ناسىرى
<< بالام >>دەپ يېزىدىن ئېلىپ كەلسە قاق،
ئاچمىدىڭ خۈش چىراي ،تۈردۈڭ قاپاق.
ئەقلىڭدىن ئاداشما تۇرۇپ سەن ساپساق،
تانمىغىن ئەي دوستۇم ئاتا-ئاناڭدىن.
گۇناھمۇ ئۇلارنىڭ دېھقان بولغىنى؟
ياز ۋە قىش ئېتىزدا ئىسسىپ،توڭغىنى؟
سەن ئۈچۈن كۆزلىرى ياشقا تولغىنى؟
تانمىغىن ئەي دوستۇم ئاتا-ئاناڭدىن.
سېنى<< توق يۈرسۇن>>دەپ ئازراق يەپ ئۆزى،
ۋاقىتسىز قېرىدى،قورۇلدى يۈزى.
ئويلىساڭ غەنىمەت ئۇلارنىڭ سۆزى،
تانمىغىن ئەي دوستۇم ئاتا-ئاناڭدىن.
<<پۇل>>دېسەڭ يەتكۈدى مال-ئۇلاغ سېتىپ،
يۈرمىسۈن دەپ سېنى بويۇننى قىسىپ،
ئەپسۇسكى،سەن كۈلدۈڭ خاتا يول بېسىپ،
تانمىغىن ئەي دوستۇم ئاتا-ئاناڭدىن.
بىلسەڭ گەر دېھقان ئۇ، ئاقكۆڭۈل بەندە،
ئىشلەيدۇ كۈچ - مادار بولسىلا تەندە.
زارلىنىپ كەتمەيدۇ كەيسىمۇ جەندە،
تانمىغىن ئەي دوستۇم ئاتا-ئاناڭدىن.
ئاتاڭ ئۇ،ئاناڭ ئۇ،ئېزىزلەپ باققان،
يىغلىساڭ تەڭ يىغلاپ باغرىغا ياققان.
ئوتۇڭدا كۆيۈپ ھەم سۈيۈڭدە ئاققان،
تانمىغىن ئەي دوستۇم ئاتا-ئاناڭدىن.
يېزىلدى: 2003-يىلى 10-ئاي ، شەھرى قەشقەر.
[ بۇ يازما manggutax تەرپىدىن 2008-03-05 00:32 دە قا ]