مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شىئېرىغا تەقلىت قىلىپ بىر شىئېر يازغانتىم، دىيارىمغا ئەزا بولغان تۇنجى كۈنۈمدىكى تۇنجى يازمام سۈپىتىدە تورداشلارغا سوۋغات قىلاي، ئىلھامىڭلارغا تەشنامەن..............
قورقىمەن
پۇلنى كۆرسەڭ بېرىليانىت كەبى چاقنار كۆزلىرىڭ،
كىتاپ كۆرسەڭ مەتۇ دەپ قېچىشلىرىڭدىن قورقىمەن،
رەڭلىك چىراغ، رېستوران، ئېغىزىڭدا «پوپۇتاڭ»
قاسىلدىتىپ ماكاشلاپ ئېتىشلىرىڭدىن قورقىمەن.
ئۇستاز تۇتۇپ شەيتاننى، مەنئى قىلپ ۋىجداننى،
پۇل-مال ئۈچۈن بار جاننى سېتىشلىرىڭدىن قورقىمەن،
دىھقان ئاتا-ئاناڭدىن نومۇس قىلىپ ئۆزەڭنى،
پۇلدار بەگچەك قوينىغا ئېتىشلىرىڭدىن قورقىمەن.
ئاي يۈزۈڭنى دەسمى سېپ، رەڭلىك سورۇن تۈزگەنگە،
ئاقنى كۆكنى ئايرىماي چىكىشلىرىڭدىن قورقىمەن،
مەرت يىگىتنى گاداي دەپ ھېرىس بولۇپ ھەميانغا
نامەرت سۇنغان شاراپنى ئىچىشلىرىڭدىن قورقىمەن.
يا ئاستى يوق يا ئۈستى، كۆينەكلىرىڭ ئۆزگىچە،
ئاشۇ غېرىچ كىيىمگە پېتىشلىرىڭدىن قورقىمەن،
رەڭلىك چېچىڭ بەك قالتىس، ئېسىۋاپسەن بۇت،كىرىست،
مودا قوغلاپ نەسلىڭدىن كىچىشلىرىڭدىن قورقىمەن..................
[ بۇ يازما manggutax تەرپىدىن 2008-03-05 00:45 دە قا ]