‹ئالۋاستى › مۇئەللىم ...
Ihlas Ilani
دىيارىم مۇنبىرى » ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻦ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺕ » <ئالۋاستى > مۇئەللىم ...

بۇ بەتتىكى تېما: <ئالۋاستى > مۇئەللىم ... پرىنتلاش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تىما 816 قېتىم كۈرۈلدى .
بۇ ئەزا توردا بار sirdaxim

تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 695
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 304
UID نۇمۇرى : 15864
دەرىجە: يۈز بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 584
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە584دانە
شۆھرەت: 550 نۇمۇر
پۇل: 1757 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

<ئالۋاستى > مۇئەللىم ...

باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئۇقۇيدىغان بىر قىز ۋە ئۇنىڭ ساۋاقدىشى بىرلا ۋاقىتتا ، بىر ئورۇندا سىنىپ مەسئۇلى لو يەنلىننىڭ باسقۇنچىلىق قىلىشىغا ئۇچرىدى. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى نام-ئابرويىنى دەپ بۇنى پاش قىلمىدى. بىر قىز يۇرەكلىك بىلەن ئۇقۇتقۇچىسىنىڭ رەزىل قىلمىشىنى پاش قىلغان بولسىمۇ، نەتىجە چىقمىدى، ئۇ ئىلاجسىز دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ، تىرىشىپ ئۇقۇپ ئاخىر ئالى مەكتەپكە ئۇقۇشقا كىردى. كىيىن ئۇ لو يەنلىننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇچ ساۋاقدىشىنى ئىزدەپ تېپىپ، جاپالىق <رازىۋىتكا > قىلىپ ، لو يەنلىننىڭ دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچرىغان 70 نەچچە قىزنى ئىنىقلاپ چىقىپ، ئاخىر بۇ ئالۋاستى <مۇئەللىم> نى جازا سەھنىسىگە ئېلىپ چىقتى.

1)سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرىنى ئاياغ-ئاستى قىلىشى

جاڭ يىڭچۇەن 1988-يىلى گەنسۇ ئۆلكىسى پىڭلىياڭ شەھرىدە دىھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغانىدى،ئۇنىڭ ئۆزىدىن ئىككى ياش كىچىك بىر ئىنىسى بار ئىدى. ئۇلار تاغلىق كەنتتە نەچچەمو يەرگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى. جاڭ سەيجى ئەر_خوتۇن بىر ئۆمۇر ساۋاتسىزلىقنىڭ دەردىنى كۆپ تارقاتقاچقا، بالىلىرىنىڭ ياخشى ئۇقۇپ كەلگۇسىىدە بۇ تاغلىق كەنىتتىن چىقىپ كىتىشىنى ئازۇ قىلاتتى.
جاڭ سەيجى ئەر _خوتۇننىڭ بالىلىرى ئۆيىگە يېقىنلا يەردىكى كەنت باشلانغۇچ مەكتىۋىدە ئۇقۇسىمۇ بۇلىۋىرەتتى. ئەمما ئۇلار يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلىرىنىڭ سەۋىيىسى يۇقىرى، ئۇقۇتۇش سۇپىتى ياخشى، بالىلىرىمىز نەچچە چاقىرىم يولنى ئۇشۇق ماڭسا ئەرزىيدۇ، دەپ قاراپ، 1994-يىلى 9-ئايدا بالىلىرىنى مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردى، ئىككى بالىمۇ ناھايىتى ئىجتىھاتچان بۇلۇپ نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى ئىدى، بۇلۇپمۇ جاڭ يىڭچۇەن ھەر مەۋسۇمدا مۇكاپاتلىنىپ مەيدىسىگە قىزىل گۇل تاقاپ كەلگەندە ، جاڭ سەيجى ئەر_خوتۇن سۇيۇنۇپ كىتەتتى. 1997-يىلى ئۇقۇش باشلانغاندا ، توققۇز ياشلىق جاڭ يىڭچۇەن مەكتەپتىن قايتىپ كىلىپ، ئاتا-ئانىسىغا ئۆزلىرىنىڭ سىنىپ مەسئۇلى لو يەنلىن مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى ياخشى ئۇتۇپلا قالماي، ھەمىشە ئۆزلىرىگە دەرس تەكرارلاپ بىرىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. جاڭ سەيجى كىيىن لو يەنلىن مۇئەللىمنىڭ پىداگوكىكا مەكتىۋىنى پۇتتۇرۇپ مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئۇقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغانلىقىنى، 1983-يىلى يېزىلىق بىر قىز بىلەن توي قىلغانلىقىنى، ھېيت-بايرام ۋە ئارام كۇنلىرىلا ئۆيىگە قايتىپ خوتۇنى بىلەن بىرگە بۇلىدىغانلىقىنى بىلدى. شۇنىڭ بىلەن لو مۇئەللىمنى قىزىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ قويامدىكىن دەپ ، ئەر_خوتۇن ئىككەيلەن تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئېلىپ ئاليىتەن ئۇنى يوقلاپ باردى.
1997-يىلى 7-ئاينىڭ بىر كۇنى كەچتە قىزى جاڭ يىڭچۇەننىڭ تېخىچە كەلمەيۋاتقانلىقىدىن خاتىرجەمسىزلەنگەن ساۋ ئەي ئوغلىدىن ئاچىسىنى سورىدى. ئوغلى ئاچىسىنى كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شۇ كەنىتتىكى خې لەننىڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭمۇ قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى بىلدى. خې لەنلەن بىلەن جاڭ يىڭچۇەن بىر سىنىپتا ئۇقۇيتتى. شۇنداقلا يېقىن دوسلاردىن ئىدى. خې لەنلەننىڭ قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى كۆرگەن ساۋ ئەينىڭ كۆڭلى جايىغا چۇشتى. كەچ سائەت يەتتىدىن ئاشقاندا جاڭ يىڭچۇەن قايتىپ كەلدى. ئەمما ئۇ كەچلىك تاماقنىمۇ يىمەستىن ھۆجرىسىغا بىكىنىۋېلىپ ئۇنسىز يىغلاۋاتاتتى.
ساۋ ئەي مىھرىبانلىق بىلەن قىزىدىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدى. ئادەتتە تولىمۇ مۇلايىم جاڭ يىڭچۇەن ھېچنىمە دىمەستىن، بېشىنى يوتقانغا پۇركەپ، بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. ئاپىسى سوراپ تۇرىۋالغاچقا، يالغاندىن قورسىقى ئاغرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئاپسى ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، جاڭ يىڭچۇەن زادىلا ئۇنىمىدى. ئىلاجىسىز دادىسى شىپاخانىدىن ئازراق دورا ئېلىپ كىلىپ قىزىغا ئىچۇردى. ئەتىسى سەھەردە جاڭ يىڭچۇەن ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورنىدىن تۇردى ھەمدە ئاپىسىغا يىلىنغاندەك:
-ئاپا، مىنى باشقا مەكتەپكە يۆتكەپ قويساڭلار،- دىدى. ساۋ ئەي قىزىدىن سەۋەبىنى سورىۋىدى، قىزى ئۇندىمەي تۇرىۋالدى. ساۋ ئەي ئاچچىقلاپ:
-مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ يېزا بويىچە ئەڭ ياخشى مەكتەپ، داداڭ بىلەن ئىككىمىز سىنى ياخشى ئۇقۇمدىكىن دەپ، زور ئۇمۇت كۇتۇپ ئولتۇرساق، سەن مەكتەپ ئالمىشىمەن دەپ تەتۇرلۇك قىلساڭ بولامدۇ؟- دىدى.
شۇ كۇنى ساۋ ئەي قىزىنىڭ كىيىم-كىچەكلىرىنى رەتلەۋېتىپ، قىزىنىڭ ئىشتىنىدىكى قان يۇقىنى كۆرۇپ قالدى. ئەجىبا ئون ياشقىمۇ كىرمىگەن قىز بالا ھەيز كۆرگەنمىدۇ؟ شۇ تاپتا ساۋئەينىڭ كۆڭلى بىر شۇملۇقنى سەزدى، ساۋ ئەي ئۆستەڭ بويىغا كىر يۇيغىلى بېرىپ، خې لەنلەننىڭ ئاپىسىنى ئۇچرىتىپ قالدى. ساۋ ئەي خې لەنلەننىڭ ئاپسىدىن قىزىنىڭ ئىشتىنىدىنمۇ قان يۇقى بايقالغان-بايقالمىغانلىقىنى سورىدى. خې ئانا ھەيرانلىق بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ:
- بۇنى قانداق بىلىۋالدىڭىز؟ يىڭچۇەننىڭ ئىشتىنىدىمۇ قان يۇقى تۇرامدۇ؟- دەپ سورىدى. ئىككى قىزنىڭ ئىشتىنىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا قان بۇلۇپ قالغانلىقى ھەمدە تېخى ئون ياشقىمۇ توشماي تۇرۇپ ئادەت كۆرۇپ قالغانلىقى ئۇلارنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككەيلەن كىچىك تۇرۇپ ئادەت كۆرىدىغان ئىش ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، يەنە كىلىپ ئىككى قىزنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئادەت كۆرىشى مۇمكىنمۇ؟؟ دىيىشتى. تۇيۇقسىز ساۋ ئەي بىرنەرسىنى بايقىغاندەك:
-لەنلەن تۇنۇگۇن كەچ قالدىمۇ؟ قايتىپ كىلىپ تاماقمۇ يىمەستىن ھوجرىسىغا بىكىنىۋېلىپ يىغلاپ يېتىۋالدىمۇ؟ سەھەردەمەكتەپكە بارغۇسى يوقلىقىنى ئېيتتىمۇ؟ دەپ سورىدى. بۇنى ئاڭلاپ خې ئانا قاتتىق چۇچۇپ:
- بۇنى قانداق بىلدىڭىز، يىڭچۇەنمۇ شۇنداق قىلدىمۇ؟ - دەپ سورىدى. ئىككىسىدىكى بۇنداق ئوخشاش ئالامەتلەر  ئىككى ئانىنى تەشۋىشكە سېلىپ قويدى. قىزلىرى باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدىمۇ يە ؟ شۇ كۇنى كەچلىك تاماقتىن كىيىن ساۋ ئەي قىزىنى ئايرىم چاقىرىپ:
-يىڭچۇەن، ماڭا راست گەپ قىلىڭ، ئىشتىنىڭىز قان يۇقى تۇرىدۇ، بۇ زادى نىمە ئىش؟ بىرەرسى بوزەك قىلدىمۇ ؟- دەپ سورىدى. ئاپىسىنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلىغان جاڭ يىڭچۇەن ئاپىسىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ ئىسەدەپ تۇرۇپ ھەقىقى ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى.
جاڭ يىڭچۇەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىغا چىققاندىن كىيىن ، لو يەنلىن ئۇنىڭغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلدى. دەرسخانىدا ئۇنى ماختاپ رىغبەتلەندۇرگەندىن سىرت، دائىم ياتىقىغا چاقىرىپ ئۇنىڭغا قايناق سۇ قۇيۇپ بىرەتتى. بىرقېتىم گوجىن ئىسىملىك بىر ساۋاقدىشى جاڭ يىڭچۇەنگە:
- لو مۇئەللىمنىڭ ياتىقىغا ئازراق بارغىن، ئۇ دىگەن لۇكچەك، ئۇنىڭ نىيىتى دۇرۇس ئەمەس ،-دىدى.
گو جىن دەرستە چىكىنىپ كەتكەچكە لو مۇئەللىم ئۇنى نەچچە قېتىم تەنقىتلىگەن ئىدى. شۇڭا جاڭ يىڭچۇن گو جىننى لو مۇئەللىمگە ئۆچلۇك قىلىپ شۇنداق دەۋاتقان بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ سەمىمىيىتىنى ئىلىك ئالمىدى. ئەمما ، كۇڭۇلسىزلىك ئاخىرى يۇز بەردى. ئالدىنقى كۇنى مەكتەپتىن قايتىدىغان چاغدا، لو مۇئەللىم دەرستىن چۇشكەندىن كىيىن جاڭ يىڭچۇەن بىلەن خې لەنلەن ئىككەيلەننى ئىشخانىسىغا كىرىشنى، ئۇلارنىڭ ماقالىسىنى تۇزۇتۇپ بىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. لو مۇئەللىمنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزلىرىگە دەرس تەكرارلاپ بەرمەكچى بۇلۇۋاتقانلىقىدىن تەسىرلەنگەن ئىككەيلەن كۆپ ئويلۇنۇپ ئولتۇرمايلا مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى. دەسلەپتە لو مۇئەللىم ئۇلارغا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلدى. ھەمدە ئىككى قاچىغا تەييار چۆپ چىلاپ بەردى.  بۇنىڭدىن ئۇلار قاتتىق تەسىرلەندى. مەكتەپتىكى ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى قايتىپ كەتكەندىن كىيىن ، لو مۇئەللىم <دەرس تەكرارلاش>نى باشلىدى. بىر چاغدا ئۇ خې لەنلەننى قۇچاقلىۋېلىپ ، قولىنى ئۇنىڭ ئىشتىنى ئىچىگە تىقىپ قالايمىقان سىلاشقا باشلىدى. بۇ چاغدا خې لەنلەن دۇدۇقلاپ تۇرۇپ ئۇنداق قىلماسلىقنى ئۇتۇندى. بىر ئازدىن كىيىن لو مۇئەللىم ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىكنى قۇلۇپلىۋەتتى ھەمدە ئېچىرقاپ كەتكەن بۆرىدەك خې لەنلەننى كاۋات ئۇستىگە ئېلىپ، ئىشتىنىنى مەجبۇرى سالدۇرىۋېتىپ ئۇزىنى ئاتتى. كۆز ئالدىدا بۇلىۋاتقان ئىشلاردىن قورقۇپ كەتكەن جاڭ يىڭچۇەن نىمە قىلارىنى بىلەلمەي، بۇلۇڭدا تىترەپ تۇگۇلۇپ ئولتۇردى. ئۇ شۇ تاپتا بىر نەرسىنى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايتتى. بىر چاغدا جاڭ يىڭچۇەن ئېسىنى يىغىپ قېچىشقا تەمشىلىۋىدى، لو يەنلىن خې لەنلەننى تاشلاپ قويۇپ، جاڭ يىڭچۇەنگە تاشلاندى...
ساۋ ئەي قىزىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ھۇشىدىن كەتتى. ھۇشىغا كەلگەندىن كىيىن ئانا-بالا قۇچاقلىشىپ يىغلاپ كەتتى...

داۋامى ئىنكاس سۇپىتىدە داۋاملىق يوللىنىدۇ....(مەنبە - ئامانلىق ژورنىلى 2008-يىل 2-سان )

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
تېما تەستىقلىغۇچى : yolbaxqi-ksg
تەستىقلىغان ۋاقىت: 2008-03-04, 11:30
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-04 19:27 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [باش يازما]
بۇ ئەزا توردا يوق hiyal0997

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 49
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 50
UID نۇمۇرى : 25590
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 49
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە49دانە
شۆھرەت: 49 نۇمۇر
پۇل: 247 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-05

ئىپلاس..........................

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-04 19:45 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [1 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق pariay

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 21
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 78
UID نۇمۇرى : 25481
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 16
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە16دانە
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
پۇل: 155 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-20
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-04

قوي تىرىسىگە ئورۇنۇۋالغان بورە!

QiQan Uyghur Ulinix Tori
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-04 20:29 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [2 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق manyok

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 21
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 78
UID نۇمۇرى : 25235
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 17
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە17دانە
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
پۇل: 151 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-15
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-04

توۋا خۇدايېم  ،  ھۇ  ئېبلېس  ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

يىمەك - ئىچمەك جەمئىيتىگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-04 20:53 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [3 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق aklaqin

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 183
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 116
UID نۇمۇرى : 24268
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 158
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە158دانە
شۆھرەت: 163 نۇمۇر
پۇل: 735 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

نۇمۇسسىز ھايۋان .

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-04 20:53 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [4 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق tomurmux

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 47
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 52
UID نۇمۇرى : 4323
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 38
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە38دانە
شۆھرەت: 49 نۇمۇر
پۇل: 217 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-06-11
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-05

ئۇ دىگەن ئاشكارىلانغنى  ، دىيارىمىز  شىنجاڭدا  تىخى ئاشكارىلانمىغىنى  نۇرغۇن ،

QiQan Uyghur Ulinix Tori
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-04 21:53 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [5 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار orki

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 171
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 128
UID نۇمۇرى : 25506
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 158
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە158دانە
شۆھرەت: 158 نۇمۇر
پۇل: 594 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-20
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

ھايۋان !!!مۇشندا ھايۋانلنى پارچە -پارچەقىلىپ ئىتقا تاشلاپ بەرسە ئۆلۇكىنى ئىتمۇ يىمەس....ھۇ ھايۋان.......مۇناپىق بەدبەخ.......ئادىمىلىكتىن قىلچىلىك ئەسەر يوق نىمىكەن ئۇ.....

يىمەك - ئىچمەك جەمئىيتىگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
ياشاش،ھەربىر نەپەس بەسىلىگە ھىساب بىرىشتۇر
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-04 21:56 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [6 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق ewrgolarkisi

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 10
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 89
UID نۇمۇرى : 24100
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 9
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە9دانە
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
پۇل: 127 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-05

ئادەم - ئادەملىگىنى  يوقاتسا  ئەڭ  ۋەھشى ھايۋاندىنمۇ ئۆتە ۋەھشى ھەم  خەتەرلىكتۇر !

يىمەك - ئىچمەك جەمئىيتىگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-04 22:14 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [7 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار ilitarix

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 183
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 116
UID نۇمۇرى : 14446
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 177
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە177دانە
شۆھرەت: 96 نۇمۇر
پۇل: 566 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-21
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

مەن بۇ ماقالىنى كورگەن ئىدىم ،لىكىن مۇنبەرگە يوللىسام چىقارمىدى ،يەكەن ناھيەسىنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدا 54 ياشلىق بىر  ئادەم ئوزىنىڭ نەچچە يىلللىق  قوشنىسىنىڭ  8 ياشلىق بىر قىزغا ئالداپ باسقۇنچىلىق قىلغان ،ھەمدە ئاتا ئاناڭغا دىمىگىن بولمىسا ئۇلار سىنى ئۇردۇ دەپ تەھتىتى سالغان . بۇ ھايۋان تېخى بىرىنجى قېتىم ئۇ قىزغا ئالداپ بىر يۋەن بەرگەن ،ئىككىنجى قېتىم بەش مۇ بەرگەن .ئۇچىنجى قېتىم قىز قورقۇپ  ئانىسىغا دىگەن .كىيىن ج خ ئىدارىسى ئاتا ئانىسى دىلو مەلۇم قىلغان ،ھەم  قولغا ئېلىنغان.مۇشۇندا ھايۋانلار ئوزىمىزدىمۇ بار

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-04 22:27 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [8 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق maslihatqi

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئۈمۈتلۈك ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 204
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 95
UID نۇمۇرى : 23481
دەرىجە: ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 176
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە176دانە
شۆھرەت: 186 نۇمۇر
پۇل: 628 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-11
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

ئۆسمۇرلەرگە قىلىنىۋاتقان زىيانكەشلىك بەك كۆپىيىپ كىتىۋاتىدۇ . بىزنىڭ بۇ يەردىمۇ بىر ھاراقكەش 11 ياشلىق قىزبالىغا نىيىتىنى بۇزۇپ مەقسىدىگە يىتەلمەي ،ئاخىرى ئۇ قىزنى تاش بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتكەن . ئەنزە ئۈچ كۈندىن كىيىن پاش بولۇپ جىنايەتچى تورغا چۈشتى .

دىيارىم كېنو قانىلىغا مەرھەمەت قىلىڭ
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-04 23:08 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [9 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق karima-0997
ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 2900
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 2099
UID نۇمۇرى : 16853
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 2773
ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2773دانە
شۆھرەت: 2911 نۇمۇر
پۇل: 0 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 20 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-05

ھەي خۇدا!
بۇ جاھاندا قىز بالا باقماقتىن تەس ئىش بارمىدۇر؟
قىز بالا ئاجىز!

دىيارىم كېنو قانىلىغا مەرھەمەت قىلىڭ
ئەگەر قەلبىمىز ساپ بولسا ،«ئايال»دېگەن سۆز بىز ئۈچۈن ئۇلۇغۋارلىققا تولغاندۇر.
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-04 23:33 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [10 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق karwan3154

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 9
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 90
UID نۇمۇرى : 26046
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 8
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە8دانە
شۆھرەت: 8 نۇمۇر
پۇل: 124 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-01
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-04

شۇلاردىنلار چىقىدۇ بۇنداق ناكەسلەر!!!!!!!!!

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 00:16 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [11 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق mamhmutjiang

تەجىرىبە: دەرىجە:     سانغۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1424
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 3575
UID نۇمۇرى : 16988
دەرىجە: سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1205
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1205دانە
شۆھرەت: 1210 نۇمۇر
پۇل: 4046 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-05

مۇشۇنداق ئەخلاقسىز ئادەملەرمۇ تېخى مۇئەللىم ئوقۇتقۇچى بولىدىكىنا !

داڭلىق سەنئەتكار « ئەسقەر رېقىپ » تور بېكىتى ئىچىلدى
كۆزۇڭنى ئاچ . ئۆزۇڭنى تاپ ئەركەكلەر..........

چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 00:19 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [12 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار free

تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 636
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 363
UID نۇمۇرى : 20737
دەرىجە: يۈز بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 555
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە555دانە
شۆھرەت: 555 نۇمۇر
پۇل: 1786 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-04
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

ئۇ دىگەن خىتار

دىيارىم كېنو قانىلىغا مەرھەمەت قىلىڭ
قىيىن ئش يوق ئالەمدە،كۆڭۈل قويغان ئادەمگ
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 10:15 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [13 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق homulluh

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 28
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 71
UID نۇمۇرى : 21577
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 24
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە24دانە
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
پۇل: 172 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-24
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-05

Quote:
بۇ مەزمون 6 - قەۋەتتىكى orki نىڭ 2008-03-04 21:56 دە يوللىغان يازمىسى“”:
ھايۋان !!!مۇشندا ھايۋانلنى پارچە -پارچەقىلىپ ئىتقا تاشلاپ بەرسە ئۆلۇكىنى ئىتمۇ يىمەس....ھۇ ھايۋان.......مۇناپىق بەدبەخ.......ئادىمىلىكتىن قىلچىلىك ئەسەر يوق نىمىكەن ئۇ.....

ھايۋانلارغا ئۇۋال قىلماڭ.بۇلار ھايۋانچىلىكمۇ بولالمايدۇ.

يىمەك - ئىچمەك جەمئىيتىگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 10:17 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [14 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا بار sirdaxim

تەجىرىبە: دەرىجە:     يۈز بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 695
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 304
UID نۇمۇرى : 15864
دەرىجە: يۈز بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 584
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە584دانە
شۆھرەت: 550 نۇمۇر
پۇل: 1757 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06

2)ئالۋاستى مۇئەللىم قانۇننىڭ سىرتىدا قالدى، خورلانغان قىزلار دەردىنى ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر بولدى.

شۇ كۇنى كەچتە ساۋ ئەي قىزىنىڭ مۇئەللىمى تەرىپىدىن ئاياغ ئاستى قىلىنغانلىقىنى ئېرىگە ئېيتىپ بەردى. جاڭ سەيجى خوتۇنىنىڭ دىگەنلىرىنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلىنىپ ، لو يەنلىننى تىللاپ كەتتى ھەمدە خۇتۇنى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ، خې لەنلەننىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە بىر ئامال قىلىشنى قارار قىلدى. جاڭ سەيجى ئەر خوتۇن خې ئائىلىسىگە كەلگەندە ، خې ئانا قىزىنى بەزلاۋاتاتتى، ئەسلىدە خې لەنلەنمۇ ئاپىسىغا لويەنلىننىڭ ئۆزلىرىنى ئاياغ ئاستى قىلغانلىقىنى ئېيتقانىدى. جاڭ سەيجى ئەر خوتۇننىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن خې ئانا:
- كەلگىنىڭلار ياخشى بولدى ، مەنمۇ سىلەرنى ئىزدەپ باراي دەپ تۇراتتىم، بۇ ئىشنى قانداق قىلىمىز؟- دىدى.
- ئەرز قىلايلى ، ئۇ تىگىشلىك جازاسىنى تارتسۇن،- دىدى جاڭ سەيجى كەسكىن قىلىپ.
- ئەرز قىلىمىز؟ قانداق ئەرز قىلىمىز؟ ھەممىمىز ساۋاتسىز دىھقان تۇرساق، مەلۇماتلىق ئۇقۇتقۇچىنى يېڭەلەيتتىقمۇ؟- دىدى خې ئانا ئەندىشە ئىچىدە، ئۇنىڭ بۇ گىپى بىلەن ھەممەيلەن جىمىپ قالدى. خېلىدىن كىيىن جاڭ سەيجى بېشىنى كۆتۇرۇپ:
- ئۇلار مەكتەپكە بېرىپ لو يەنلىن بىلەن ھىساپلاشماقچى بولدى. ئەتىسى سەھەردە جاڭ سەيجى ناشتا قىلىپ بولۇپ مەكتەپكە بېرىشقا تەييارلىق قىلدى. ئەمما ئۇ خېلى ساقلىغان بولسىمۇ خې ئائىلىسىدىكلەرنىڭ قارىسى كۆرۇنمىدى. جاڭ سەيجى نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولۇپ، خې لەنلەننىڭ ئۆيگە باردى. خې  ئانا لاۋ خېنىنىڭ  ئەتىگەندىلا ئېتىزلىققا كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. جا ڭ سەيجى ئاچچىقلىنىپ :
- بۇگۇن مەكتەپكە ئەرز قىلغىلى بارماقچى ئىدىققۇ؟- دىدى. ئەمما خې ئانا سەۋىرچانلىق بىلەن :
- سەيجى ئىنىم، ياخشىراق ئويلاپ بېقىڭ، ناۋادا بۇ ئىش يېيىلىپ كەتسە، بىز ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ يۇزى چۇشۇپ كەتمەمدۇ؟ كىيىن بالىلىرىمىز قانداقمۇ بېشىنى كۇتۇرۇپ يۇرىدۇ؟ كەلگۇسىدە قانداق ياتلىق بولىدۇ؟ كۆڭلىمىز ئازار يىگەن بولسىمۇ، چىداپ ئۆتكۇزىۋىتەيلى ، قانداق دىدىم؟- دىدى.
ئالدىنقى كۇنى كەچلىكى جاڭ سەيجى ئەر خۇتۇن قايتىپ كەتكەندىن كىيىن، لاۋ خې ئەر خوتۇن قىزىنىڭ ئۇقۇشىدىن ۋە كەلگۇسىدىن ئەنسىرەپ، ئار-نۇمۇسنى ئىچىگە يۇتۇپ، ئەرز قىلىشتىن يالتىيىپ، قىزىغا لو يەنلىندىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى، يەنە ئۇنىڭ ئاياغ-ئاستى قىلىشىدىن ھەزەر ئەيلەشنى قايتا-قايتا تاپىلىغانىدى. جاڭ سەيجىنىڭ خاپا بولغانلىقىنى كۆرگەن خې ئانا:
- ئەرز قىلماقچى بولساڭلار ئۆزەڭلەر بېرىڭلار، بىزنىڭ ئائىلىنى بۇ ئىشقا چېتىۋالماڭلار، لەنلەننىڭ يۇزى تۇكۇلىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايمىز،- دىدى .
خې ئائىلىسىنىڭ گىپىدىن يېنىۋېلىشى جاڭ سەيجىنىڭ غەيرىتىنى سۇندۇرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە قايتىش يولىدا خې ئانىنىڭ گەپلىرىنى قايتا-قايتا ئويلىدى ھەمدە ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئورۇنلىقتەك ھىس قىلدى. بىر ھەپتىدىن كىيىن، جاڭ سەيجى ئىككىلىىنىپ بىر قارارغا كىلەلمەي، خۇتۇنى بىلەن قايتا مەسلىھەتلەشتى. ئۇلار ھەم بۇ پەسكەشلىكنىڭ ئاشكارىلىنىپ قىزىنىڭ نامىغا داغ تىگىشىدىن قورقاتتى. ھەم لو يەنلىننىڭ يەنە داۋاملىق قىزىنى دەپسەندە قىلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. ئەمما يۇرەك پارىسىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى ئويلىسىلا ، بۇ ئار-نۇمۇسنى يۇتۇۋېتىشكە كۆڭلى ئۇنىماي يۇرىكى ئېچىشاتتى. شۇنىڭ بىلەن قايتا-قايتا ئويلۇنۇپ ۋە ئۆزلىرىگە بولغان پايدا-زىياننى دەڭسەپ كۆرۇپ، ئاخىرى يەنىلا دەردىنى ئىچىگە يۇتۇۋېلىشنى لايىق تاپتى.
مۇئەللىمنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەرز قىلىشىدىن يېنىپ قالغانلىقىنى كۆرگەن جاڭ يىڭچۇەن ناھايىتى ئازاپلاندى ھەمدە خې لەنلەننى ئىزدەپ بېرىپ:
- لەنلەن ئاچا، ئۆزىمىز ئەرز قىلايلى،- دىدى. ئۇ كۆڭلىدە خې لەنلەننى ئۆزىنى قوللايدۇ دەپ ئويلىغانىدى. ئەمما خې لەنلەن بۇنى ئاڭلاپ بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ:
- بولمايدۇ، بولمايدۇ، ئاپامىنىڭ دىيىشىچە، ناۋادا بۇ ئىش سىرتقا چىقىپ كەتسە، مەڭگۇ باشقىلارنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرايدىكەنمىز،- دىدى. ئۇنىڭ بۇ گىپىدىن جاڭ يىڭچۇەنمۇ قاتتىق ئۇمۇتسىزلەندى. ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن يەنە بىر كىچە يىغلاپ چىقتى. ھەمدە ئەرز قىلىشتىن يالتىيىپ قالدى. ئەمما بىر كۇنى چۇشتە جاڭ يىڭچۇەن مەكتەپتە سۇ ئىچىۋاتقاندا، لو يەنلىن مۇغەببەرلەرچەكۇلۇمسىرەپ جاڭ يىڭچۇەننىڭ ئالدىغا كىلىپ، ئۇنىڭغا «غەمخورلۇق قىلىپ»، ئىشخانىسىغا كىرسە قايناقسۇ قۇيۇپ بىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. جاڭ يىڭچۇەننىڭ قەلبىدىكى غەزەپ ئوتى قايتىدىن يالقۇنجاپ، لو يەنلىنگە قاراپمۇ قويماي كەتتى. ئۇ دەرستىن چۇشۇپ ئۆيىگە كەلگەندىن كىيىن، يىغلاپ تۇرۇپ ئاتا-ئانىسىغا ئۆزىنى باشقا مەكتەپكە ئالماشتۇرۇپ قويىشىنى ئۇتۇندى. جاڭ سەيجى بۇنىڭدىن قاتتىق ئازاپلاندى. قايتا-قايتا ئويلۇنۇپ ئاخىرى مەكتەپ رەھبەرلىكىگە بىر پارچە خەت يېزىپ بۇ مۇناپىقنى پاش قىلماقچى بولدى. ئۇ خېتىدە لو يەنلىننى مائارىپ سىستىمىسىدىن چىقىرىۋېتىشنىلا تەلەپ قىلىپ، ھەرگىزمۇ بۇ ئىشنى سىرتقا يېيىۋەتمەسلىكنى، بولمىسا بالىلارنىڭ نام-ئابرويىغا تەسىر يەتكۇزۇپ، نورمال ئۆسۇپ يىتىلىشىگە زىيان يەتكۇزىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئەتىسى دەرستىن چۇشكەندىن كىيىن، جاڭ يىڭچۇەن غەيرەتكە كىلىپ، دادىسى يېزىپ بەرگەن خەتنى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىغا يۇچۇقتىن كىرگۇزىۋەتتى. پاش قىلىش خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ، مەكتەپ رەھبەرلىكى بۇ ئىشتىن قاتتىق چۇچۇدى ھەمدە بۇ ئىشقا يۇكسەك ئەھمىيەت بەردى. نەچچە كۇندىن كىيىن مەكتەپ مۇدىرى جاڭ يىڭچۇەننى ئىشخانىسىغا مەخپى چاقىرىپ كىردى. مەكتەپ مۇدىرى مىھرىبانلىق بىلەن سورىۋىدى. جاڭ يىڭچۇەن يەنە «پاڭڭىدە»ئېتىلىپ يىغلاپ كەتتى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ قانداق دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. جاڭ يىڭچۇەننىڭ گىپى تۇگۇمەي تۇرۇپلا مەكتەپ مۇدىرى غەزىپىنى باسالماي قالدى.
شۇ كۇنى مەكتەپ مۇدىرى خې لەنلەننى چاقىرتتى. ئەمما خې لەنلەن زادىلا ئۇنداق ئىش يۇز بەرمىگەنلىكىنى، جاڭ يىڭچۇەننىڭ يالغان ئېيتقانلىقىدا چىڭ تۇرىۋالدى. كىيىن مەكتەپ مۇدىرى جاڭ يىڭچۇەننى چاقىرتىپ ئۆزىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات تېپىپ بىرىشىنى، شۇنداق بولغاندىلا ئۇنى جازالىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما گۇدەك جاڭ يىڭچۇەن قانداقمۇ ئىسپات تېپىپ بىرەلەيدۇ؟ قان يۇقى كىيىمىنى ئاپىسى ئاللىبۇرۇن يۇيۇۋەتكەن تۇرسا؟ شۇنىڭ بىلەن مەكتەپ مۇدىرى جاڭ يىڭچۇەنگە:
- سىز خې لەنلەن بىلەن بىر ۋاقىتتا لو يەنلىننىڭ دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچرىدۇق دەيسىز؟ ئەمما خې لەنلەن بۇنداق ئىشنىڭ يۇز بەرگەنلىكىنى زادىلا تەن ئالمىدى. يەنە كىلىپ سىز ماددى ئىسپات كۆرسىتىپ بىرەلمىسىڭىز، بىز ئۇنى قانداق جازالايمىز؟ ئەمما مەن بۇ ئىشنى يۇقىرىغا دوكلات قىلىمەن ، يامان ئىش قىلغانىكەن ھامىنى جازاسىنى تارتىدۇ، بۇ ئىشنى دەپ ئۇگۇنىشىڭىزگە تەسىر يىتىپ قالمىسۇن، كونىلاردا ئەزىمەتلەر قىساسىنىڭ كىچىكى يوق، دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ ، چوڭ بولغاندا ئۇنىڭ بىلەن ھىساپلاشسىڭىزمۇ كىچىكمەيسىز،-دىدى.
مەكتەپ رەھبەرلىكى ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىگە لويەنلىنىڭ ئىستىلىدا مەسلە بارلىغىنى، ئوقۇغۇچىلىرىغا پەسكەشلىك قىلغانلىقىنى دوكلات قىلدى. مائارىپ ئىدارىسى ئىنتىزام تەكشۇرۇش گۇرۇپپىسىمۇ مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئادەم  ئەۋەتىپ تەكشۇردى. ئەمما خې لەنلەن بىلەن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى تەكشۇرۇشكە ماسلىشىپ بەرمەي، ئۆزىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى زادى ئىتراپ قىلمىدى. ئىككى قىز بىرلا ۋاقىتتا بىر ئورۇندا ئاياغ ئاستى قىلىنغان، ئەمما بىرەيلەن بۇ ئىشنى ئىنكار قىلدى، يەنە بىرەيلەن يىتەرلىك ئىسپات كۆرسۇتۇپ بىرەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشنىڭ يىتەرلىك نەتىجىسى بولمىدى. شۇنداق قىلىپ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار لو يەنلىننى چەت يىراق بىر كەنت دەرىجىلىك مەكتەپكە مۇدىر قىلىپ تەيىنلەپ ئۇنى جازالىغان بولدى. لو يەنلىن يۆتكەپ كىتىلگەندىن كىيىن جاڭ يىڭچۇەن يىنىكلەپ قالغاندەك ھىس قىلدى. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ ئوتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئاستا-ئاستا بەزى ئىشلارنى چۇشەنگەندەك بولدى. ھەمدە لو يەنلىنگە بولغان نەپرىتى تېخىمۇ كۇچەيدى. ھەر قېتىم ئاشۇ نۇمۇسسىزلىقلارنى ئويلىسىلا ، ئۆز-ئۆزىگە «تېخىمۇ تىرىشىپ ئۇقۇپ، ئالى مەكتەپكە ئۇتۇپ ئاتا-ئانامنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىمەن، پۇرسەت تېپىپ لو يەنلىن بىلەن ھىساپلىشىمەن » دەپ قەسەم قىلاتتى. 2005-يىلى 9-ئايدا جاڭ يىڭچۇەن خېنەندىكى بىر ئۇنۋىرستىنىڭ سودا پاكولتىتىغا ئۇقۇشقا كىردى. خې لەنلەنمۇ بىر ئىنىستىتوتقا قۇبۇل قىلىندى.

داۋامى ئىنكاس سۇپىتىدە داۋاملىق يوللىنىدۇ. ( مەنبە : ئامانلىق ژورنىلى 2008-يىل 2-سان )

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 11:35 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [15 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق artix

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 60
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 39
UID نۇمۇرى : 10999
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 43
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە43دانە
شۆھرەت: 38 نۇمۇر
پۇل: 206 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-12
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-05

ھايۋانمۇ  جېنىدا  بالغەتكە يەتمىگەن يات قىنىستىكىلەرگە ئېسىلمايدۇ،،شۇڭا ئۇلارنى ئالۋاستى دىيىش كىرەك.

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 14:40 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [16 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق artix

تەجىرىبە: دەرىجە:     دىيارىم ئەزاسى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 60
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 39
UID نۇمۇرى : 10999
دەرىجە: Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 43
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە43دانە
شۆھرەت: 38 نۇمۇر
پۇل: 206 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-12
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-05

جىنىستىكىلەر

يىمەك - ئىچمەك جەمئىيتىگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 14:41 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [17 -قەۋەت]
بۇ ئەزا توردا يوق lakqin

تەجىرىبە: دەرىجە:     سەپ بىشى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 533
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 66
UID نۇمۇرى : 23132
دەرىجە: سەپ بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 496
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە496دانە
شۆھرەت: 521 نۇمۇر
پۇل: 1693 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-04
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-05

ئاشۇنداق گۇيلارنى ئاختا قىلۋىتىش كېرەك .

Atlan
چوققا يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-05 15:04 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [18 -قەۋەت]
دىيارىم مۇنبىرى » ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻦ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺕ

يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ھازىرقى ۋاقىت : 03-06 13:53
Powered by PHPWind v5.3 Certificate Code © 2007-2010 Diyarim Corporation