ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن چاغلىغان ئادەم ئۆزىنى ھەرگىز چۈشىنەلمەيدۇ
ھەقىيقى كۈچ قۇدرەت دۈشمەننى يىڭىشتا ئەمەس،ئۆزىنى يىڭىشتە،ھايۋانىيلىقنىڭ روھنى بىسىپ چۈشۈشىگە يول قويماسلىقتا.
ھەممىنى تاپالايمىز،ئەمما ئۆزىمىزنى تىپىشقا ماھىر ئەمەسمىز.بۇ ھەقىيقەتەنمۇ غەلىتە ئىش!ئادەم نۇرغۇن يىل ياشايدۇ،ئۇ ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن چاغلىغان چاغدا،ئۆزىنى زادىلا بايقىيالمايدۇ.ئادەم مۇشۇ نۇقتىغا دىققەت قىلسىلا،ئۇ ھەقىيقى بەختنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى چۈشىنەلەيدۇ؛باشقىلارنى سۈيىدىغانلا بولسا،ئۇ تۇرمۇشنىڭ ياىشى،تاتلىق،مەنىلىك بۇلىدىغانلىقىنى چۈشىنەلەيدۇ.روشەنكى،بىزمەسىلىلەرنى مۇستەقىل ئويلانمايمىز،شۇڭا ھازىرغا قەدەر بۇ نۇقتىنى ھىس قىلالمىدۇق.
بىز ئەقلىمىزنى نابۇت قىلۋالغاچقا،جىددى ئىھتىياجلىق نەرسىنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلىشكە تىرىشمايمىز.
بىز بۇ دۇنيادىكى قاتىلاڭچىلىقلارنى بىر پەس قايرپ قۇيۇپ،چوڭقۇر ئويلىنىدىغانلا بولساق،بەختىمىزنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى چۈشىنەتتۇق.
جىسمىمىز ئاجخز،ناپاك ئۈلۈك،ئەمما ئۇنىڭدا قىممەتلىك بايلىق__ياراتقۇچىنىڭ ئەبەدىيلىك روھى بار.بىز سەزگەن ھامان،باشقىلارغا مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلىز؛ئەگەر باشقىلارنى سۈيىدىغانلا بولساق،روھىمىز تەشنا ھەممە نەرسىگە__مۇھەببەتكە ئېرىشىمىز.ئاياغ كىيىش
يىڭى بەتىنكە كىيگەن ئادەم يول يۈرگەندە بەتىنكەمگە لاي چاچراپ كەتمىسۇن دەپ ئەنسىرەيدۇ.بىراق،بىخەستىلىك قىلىپ،بەتىنكىسى مەينەتلەشكەندە بۇرۇنقىدەك ئاۋايلاپ كەتمەيدۇ-دە،لاي-پاتقاقنى كىچىپ مىڭىۋېرىپ،بەتىنكىنى كۆرگۈسىز قىلۋىتىدۇ.
ياشلارمۇ ئۆزىگە چاڭ-تۇزانلىرى قونمىغان چاغدا، يامانلىقلاردىن ئۆزىنى تارتىدۇ،ئەمما بىر ئىككى رەت يامان ئىش قىلغان ھامان دىققەت قىلىش دىگەنلەرنى بىر چەتكە چۆرىۋىتىپ،ھەممە يامانلىقنى يۇقتۇرۋالىدۇ.مۇنداق قىلماڭ،بەتىنكە مەينەت بولسا تازلىۋىتىڭ،ئاندىن پەخەس بۇلۇڭ؛يامانلىق قىلغان بولسىڭىز،توۋا قىلىڭ،ئۆزىڭىزنى يامانلىقتىن نېرى تۇتۇڭ. تۇرمۇشقا يىڭىلا قەدەم باسقان ياشلار يىڭى،ناتۇنۇش يولغا كىرگەندە،ئۆزىنى ئاجايىپ خۇشال ھىس قىلىدۇ،قەدىمى شۇنچە چاققان بۇلىدۇ،بارغانچە ئۇزاپ كىتىدۇ،ئەمما بۇ چىغىر يولدىن چوڭ يولغا قايتىپ كىلەي دىگەندە،قانداق قايتىشنى بىلەلمەي قالىدۇ-دە،يولى تاكى ئۆزىنى تۇلۇق نابۇت قىلغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرىۋېردۇ.مەنبە:ئەقىل-پاراسەت جەۋھەرلىرى
[ بۇ يازما islam~1400 تەرپىدىن 2008-03-04 16:55 دە ق ]