ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار!!!
«بىلقۇت خەزىنىسى» _ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىنجاڭ «بىلقۇت» ئېلېكترون پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلەپچىقارغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆرپ - ئادەت، مەشھۇر شەخس، تېبابەت، ماقال تەمسىل، چۆچەك، رېۋايەت، چالغۇ-ئەسۋاب، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھار گۆھەرلەر؛ كارتون ئېلىپبە، قانۇن - نىزام، ئىشارەت تىلى، پەلسەپە، تەنتەربىيە، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق 600 دىن ئارتۇق كەسپىي ساھەدىكى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە 3 خىل تىل، 6 مىليوندىن ئارتۇق سۆز، ئاۋاز ھەم سۈرەت بىرگەۋدىلەشتۈرۈلگەن زور ھەجىمدىكى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى بولۇپ، بۇ يۇمشاق دېتال 2007 - يىلى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، بىز بۇ قوللىغۇچىلىرىمىزغا سەمىمىي تەشەككۈر بىلدۈرىمىز.
«بىلقۇت خەزىنىسى» توردا ئەلالاشتۇرۇش ۋەدىسى بىلەن بازارغا سېلىنغان يۇمشاق دېتال بولۇپ، ھەر ئاينىڭ 1 - كۈنى يېڭى - يېڭى مەزمۈنلار قېتىلغان ۋە بايقالغان خاتالىقلىرى تۈزىتىلگەن ئاساستا ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
1 - قېتىملىق 10 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا 450 پارچە ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلغان.
2 - قېتىملىق 11 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا 100 مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلغان.
3 - قېتىملىق 12 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا:
1) 35 مىڭ سۆزلۈك دۇنيادىكى مىللەت ناملىرى (مىللەتشۇناسلىق لۇغىتى)
2) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نەرسە ھوقۇقى قانۇنى (2007 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يولغا قويۇلغان.)
3) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنى (2008 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يولغا قويۇلىدۇ.) قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلغان.
4 - قېتىملىق 1 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا: 200 پارچىدىن ئارتۇق ئۇيغۇر خەلق رېۋايەتلىرى قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلغان.
5 - قېتىملىق 2 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا 20 - ئەسىردىكى بىر قىسىم چوڭ ئىشلار چۇشەندۈرۈشى قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلغان
6- قېتىملىق 3- ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا ، «دۇنيادىكى ئەڭ» لەر توپلىمى قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلدى شۇنىڭ بىلەن بىرگە «بىلقۇت خەزىنىسى» نىڭ خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە قىسمىدىكى بايقالغان خاتالىقلارتۈزىتىلدى ۋە 150گە يىقىن تېببىي سۆزلۈكلەر قېتىلدى،بۇ سۆز لۈكلەرنى تەمىنلىگەن ئۆمەرجان ئەمەت سابىر (Erdewil) گە ئالاھىدە رەخمەت ئىيتىمىز ، كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ۋاقتىدا ئەلالاشتۇرۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!!!
«بىلقۇت خەزىنىسى» گە 1 - ئايدا قېتىلماقچى بولغان رۇس تىلى ھەقلىق ئەلالاشتۇرۇش بولۇپ، بىخەتەرلىك مەسىلىسى تولۇق ھەل قىلىنىپ بولۇنمىغانلىقتىن تورغا ۋاقتىنچە يوللانمىدى، رۇس تىلىغا جىددىي ئىھتىياجلىق دوستلارنىڭ بىز بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
«بىلقۇت خەزىنىسى» ھەر ئايدا بىر قېتىم ئەلالاشتۇرۇلىدۇ، 4- ئايدا «دۇنيانىڭ بەش مىڭ يىلى » ئەلالاشتۇرۇلىدۇ.
تۆۋەندىكى ئادىرىستىن كېرىپ ئەلالاشتۇرۇڭ [ بۇ يازما kuysoyar تەرپىدىن 2008-03-04 15:33 دە قاي ]