مېدۋىدېۋ روسىيىگە زۇڭتۈڭ بولدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، موسكۋا ، 3- مارت تېلېگراممىسى : روسىيە مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ رەئىسى ياروۋ بۈگۈن مۇنداق دېدى : تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن زۇڭتۈڭ سايلىمىدا روسىيىنىڭ 1- مۇئاۋىن زۇڭلىسى مېدۋىېۋ %70 تىن كۆپرەك ئاۋازغا ئېرىشىپ ، مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن روسىيىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۈڭى بولدى .
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي ، ئۇكرائىنانىڭ سابىق زۇڭلىسى يانۇكوۋىچ بىلەن ئەرمىنىيىنىڭ زۇڭتۈڭى تېلېگرامما ئەۋەتىپ ، مېدۋىدېۋنى قۇتلۇقلىدى . سىربىيە كوسوۋونىڭ شىمالىدىكى تۆمۈر يولنى قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، بىلگراد ، 3- مارت تېلېگراممىسى : سىربىيە زۇڭلىسى كۇشتۇنسانىڭ ياردەمچىسى بۈگۈن مۇنداق دېدى : كوسوۋونىڭ شىمالىدىكى كوسوۋو ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقانغا توققوز يىل بولغان 50 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تۆمۈر يولنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالىمىز .
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : نەچچە كۈن بۇرۇن بۇ تۆمۈر يولنىڭ ئىشچىلىرى كوسوۋو تۆمۈر ئىدارىسىگە ئەمەس ، سىربىيە تۆمۈر يول ئىدارىسىگە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى ؛ ئۇنىڭدىن باشقا ، كوسوۋودىكى سىرىب ساقچىلار پاگون ۋە قورال - ياراغلىرىنى كوسوۋو دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇشنى رەت قىلىپ ، سىربىيە ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرغان . نىجاد : ئىراقتىكى تېررورچىلارنى ئامېرىكا پەيدا قىلدى ، دېدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، باغداد ، 3- مارت تېلېگراممىسى : ئىراننىڭ ئىراقتا زىيارەتتە بولىۋاتقان زۇڭتۇڭى ئەھمەدى نىجاد تۈنۈگۈن ئامېرىكىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دېدى : ئامېرىكا تېررورچىلارنى ئىراققا باشلاپ كىردى . ئالتە يىلنىڭ ئالدىدا بۇ رايوندا تېررورچىلار يوق ئىدى . ئەگەر چەت ئەللىكلەر بۇ دۆلەت ۋە رايونغا كەلمىگەن بولسا ، ئۇلارمۇ كەلمىگەن ھەمدە مەۋجۇت بولمىغان بولاتتى .
نىجاد ئىراقنىڭ زۇڭتۇڭى تالىبانى بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكىدىن ئىرانغا قاراتقان مەيدانىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق دېدى : ئىراقلىقلار ئامېرىكىغا ئۆچ ، لېكىن بۇ ئىراننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقنىڭ بەلگىسى ئەمەس . سېدگىرىس : ئامېرىكا ئىراق ئۇرۇشىدىن پايدا ئالالمىدى ، دېدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ۋاشىنگتون ، 3- مارت تېلېگراممىسى : نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن سېدگىرىس بۈگۈن مۇنداق دېدى : ئامېرىكا ئىراق ئۇرۇشىغا خەجلىگەن پۇل 3 تىليون دولاردىن ئاشتى ، ھەتتا پات كەلگۈسىدە ئامېرىكا 2- دۇنيا ئۇرۇشىغا خەجلىگەن 5 تىرىليون دوللاردىن ( پۇل پاخاللىقى ئامىلىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ) ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن . كىشىلەر ئىلگىرى :« ئۇرۇش ئامېرىكىنى بېيىتىۋېتىدۇ » دەپ قارايتتى ، ئەمما ئىقتىسادشۇناسلار ھازىر بۇ قاراشقا ئىشىنەلمەيۋاتىدۇ .
شۇ كۈنى ئامېرىكا ئارمىيىسى ئېلان قىلغان يەنە بىر خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : 2003 - يىلى مارتتىن 2008- مارتقىچە ، ئىراق ئۇرۇشىدا قازا قىلغان ئامېرىكا ئەسكىرى 3979 كە يەتتى . « دۇنيا گېزىتى » گە 5 مىليون 200 مىڭ دوللار جەرىمانە قويولدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، لوس - ئانژىلىس ، 3- مارت تېلېگراممىسى : ئامېرىكىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى بۈگۈن خەنزۇ تىلىدا نەشىر قىلىنىدىغان « دۇنيا گېزىتى » گە 5 مىليون 200 مىڭ دوللار جەرىمانە قويدە ھەمدە بۇ پۇلنىڭ بىر قىسمىنى بۇ گېزىتنىڭ ھازىرقى ۋە ئىلگىرىكى ياللانما خادىملىرىغا بۆلۈپ بېرىش توغرىسىدا كېسىم چىقاردى .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ ياللانما خادىملر كۈنىگە 12 سائەت ئىشلىگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئارتۇق ئىشلىگىنىگە ھەق بېرىلمىگەنىكەن .
دەۋاگەرلەرنىڭ ئادۋوكاتى راندال :« ئۇزاققا سوزۇلغان بۇ دەۋادا بىز ئۇتتۇق » دېدى . لېكىن « دۇنيا گېزىتى » نىڭ ئادۋوكاتى مۇنداق دېدى : بىز يۇقىرىغا ئەرز سۇنۇپ بۇ ھۆكۈمنى ئاغدۇرۇۋېتىمىز . ئامېرىكا بىلەن كورىيە ئارمىيىلىرى بىرلەشمە مانېۋىرنى باشلىدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، سېئول ، 3- مارت تېلېگراممىسى : ئامېرىكا بىلەن كورىيە بۈگۈن نەچچە ئون مىڭ ئەسكىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ، كورىيە ۋە ئۇنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى دېڭىز رايونىدا ئالتە كۈنلۈك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنى باشلىدى .
كورىيىدىكى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى : ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ « نېمىز » ناملىق ، يادرو ماتورلۇق ئاۋىئاماتكىسى چاۋشيەن يېرى ئارىلىغا يېقىن سۇ رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى . بۇ قېتىمقى مانېۋرغا بىز تەرەپتىن 27 مىڭ ئەسكەر قاتناشتى . كورىيىنىڭ 680 مىڭ ئەسكىرىنىڭ تەڭ يېرىمى مانېۋىرغا قاتنىشىپ ، ئەمەلىي جەڭ تەجرىبىسى توپلىماقچى .موللېر « كۆرۈنمەس UFO» نى سۈرەتكە تارتىۋالدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، لوندون ، 3- مارت تېلېگراممىسى : ئەنگلىيىدىكى « قۇياش گېزىتى » بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : ستۇدېنت موللېر خانقىز ئاخشام لوندون مۇنارى بىلەن « لوندون » نىڭ كۆزى ئەتراپىدىكى ھاۋا بوشلۇقىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر سىرلىق ئۇچقۇنى سۈرەتكە تارتىۋالغانىكەن ، مۇتەخەسسىسلەر بۇ سۈرەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن ، بۇ سىرلىق ئۇچقۇ « كۆرۈنمەس UFO » بولۇشى مۇمكىن ، دېدى . ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە « مىليون شائىر » نى تاللاش باشلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، لوندون ، 3- مارت تېلېگراممىسى : ئەنگلىيدىكى « تايمىس گېزىتى » بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تېلېۋىزوردا « مىليون شائىر » نى تاللاش مۇسابىقىسىنى باشلىۋەتتى ، ھەر قايسى ئەرەب ئەللىرىدىكى 70 مىليون كۆرۈرمەن بۇ پروگراممىنى كۆرگەندىن كېيىن ، يانفون قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق شائىرلانى باھالايدۇ .
خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى : « مىليون شائىر » پىروگراممىسىنى ئىشلەشكە ھەر پەسلىدە 15 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېتىدۇ ، بۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ « مەدەنىيەت مەركىزى » بەرپا قىلىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى بولغاچقا ، ھۆكۈمەت بۇ پۇلنى چىقىرىشقا چىدىغان . ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ نىشانى ئەبۇزەبىنى ئوتتورا شەرقنىڭ « مەدەنىيەت مەركىزى » ئايلاندۇرۇش .
مارىئون كوتىللارد « 11- سېنتەبىر ۋەقەسى » بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئايغا چىققانلىقىدىن گۇمان قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، لوس - ئانژېلىس ، 3 - مارت تېلېگراممىسى : 2008- يىللىق « ئوسكار » مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فرانسىيىلىك ئارتىس مارىئون كوتىللارد بۈگۈن « 11- سىنتەبىر ۋەقەسى » بىلەن ئامېرىكىنىڭ 1969 - يىلى ئايغا چىققانلىقىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى .
مارىئون مۇنداق دېدى : بىز ئىلگىرى ئايروپىلاننىڭ بىناغا سوقۇلغانلىقىنى كۆرگەن ، ئەمما ئايروپىلان سوقۇلغان بىناغا ئوت كەتكىنىنى كۆرمىگەن ؛ ئېسىمدە قىلىشىچە ، ئىسپانىيىدە بىر ئېگىز بىنا 24 سائەت كۆيۈپمۇ ئۆرۈلمىگەن ، ئەمما نيۇ- يوركتىكى سودا مەركىزى بىناسى ھەش - پەش دېگۈچە ئۆرۈلۈپ كەتتى ؛ ئىنسانلار راستىنلا ئاي شارىدا مېڭىپ باققانمۇ ؟ مەن بۇنىڭغا ئائىت نۇرغۇن ماتېرىياللارنى كۆرگەن ،ئامما ئۇلارنىڭ دېگىنىگە زادىلا ئىشىنەلمىدىم . «خاماس » غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، گازا ، 3- مارت تېلېگراممىسى : ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى بۈگۈن گازانىڭ شىمالىدىكى ېگرىسىغا چېكىنگەندىن كېيىن ، پەلەستىندىكى « خاماس» دەرھال گازادا بولغان ئىسرائىلىيىگە قارشى جەڭدە غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى . ئەمما ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى : گەرچە قىسمىمىزنى چېكىندۈرگەن بولساقمۇ ، لېكىن بۇ ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىغا راكېتا ئاتقان قوراللىق ئۇنسۇرلارغا ئەمدى زەربە بەرمەيدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ ، دەپ بايانات ئېلان قىلدى . مەنبە : 4- مارت ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
[ بۇ يازما ajrim تەرپىدىن 2008-03-04 12:10 دە قايتا ]