قان تىپى ئوخشاش بولمىغان باللارغا ئوخشاش بولمىغان تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللۇنۇش كېرەك
قان تىپىدىكى باللار :بۇ خىل قان تىپىدىكى باللارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى بىر قەدەر ياخشى ،ئوزىنى تىزگىنلەش ئىقدىدارى كوچلۈك بولىدۇ .لىكىن سىرىتقى دۇنيانىڭ تەسىرىگە ئۇچىرايدىغان بولغاچقا ،دىققىتىنى ئاسان مەركەزلەشتۇرەلمەيدۇ ،شۇڭا ئىمكانقەدەر ۋاراڭ -چۇرۇڭدىن خالى ،جىمجىت مۇھىت يارتىپ بېرىشى كېرەك.
A قان تىپىدىكى باللار : بۇ خىل قان تىپىدىكى باللار دىققىتىنى ئاسان مەركەزلەشتۇرەلەيدۇ ،ئەممە بىر مۇھىتتىن يەنە بىر مۇھىتقا ئالماشقاندا يېڭى مۇھىتقا ئاسانلىقچە كۇنەلمەيدۇ .ئالايلۇق بۇ خىل باللار سىرىتتا تازا قانغۇدەك ئويناپ بولغاندىن كىيىن دەرىس تەييارلىغىلى ئولتۇرغاندا يەنىلا ئوينىغان ئۇيۇنلىرىنى ئۇنۇتماي دەرىسكە كىرشىپ كىتەلمەيدۇ .شۇڭا ئاتا -ئانىلار ئۇلارنى ئالدى بىلەن دەرىس تەييارلاشقا ئاندىن ئوينىتىشى كېرەك .
B قان تىپىدىكى باللار :بۇ خىل قان تىپىدىكى باللارنىڭ چىشىنىش ئىقدىدارى كۇچلۇك ،تەپەككۇرى ئوتكۇر ،بىر قەدەر كۇچلۇك تەشكىللەش ئىقدىدارىغا ئىگە بولىدۇ .ئەمما ئۇلاردا سەۋىرچانلىق كەمچىل بولغاچقا ئىشنى يېرىم يولدا تاشلاپ قۇيدۇ .بۇ خىل باللار چەكلىمىگە ئىچىرشنى خالىمايدۇ .ئەركىنلىكنى ياىشى كوردۇ .كىتاپ ئۈستىلى داھىم قالايمىقان تۇردىغان بولغاچقا كىشىگە تەرتىپسىزدەك تەسىر بىردۇ . بۇ خىل باللارنىڭ ئۇگۇنۇش ئۇسۇلى ئالايىدىرەك بولۇپ ئاتا -ئانىلارنىڭ ئۇلارغا مۇۋاپىق ئەركىنىلىك ،ئىمتىياز بىرىشى ۋە تىنىچ شارايىت ھازىرلاپ بىرشى كېرەك.
AB قان تىپىدىكى باللار :بۇ خىل قان تىپىدىكى باللار ئالدىراڭغۇ كىلىدۇ ،ئىشنى ئاخىرغىچە ئېلىپ چىقمايدۇ .شۇڭا ئاتا -ئانىلار ئۇلارغا ئىشنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بارغاندا مۇۋاپىقىيەت قازانغىلى بولىدىغانلىقىنى چۇشەندۇرۇشى كېرەك .بۇ خىل باللار يۇكسەك دەرجىدە دىققىتىنى مەركەزلەشتۇرەلىگەچكە ،پەقەت توغرا ئۇگۇنۇش ئۇسۇلىنى قوللانسىلا مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە مەخسۇس بىر پەننى تاماملىيالايدۇ .بۇ خىل باللارنىڭ ئۆز قەدىر -قىممىتىنى ساقلاش ۋە باشقىلاردىن ئېشىپ چۇشۇش ھىسىياتى كۇچلۇك بولغاچقا ،ئۇلارنى داھىم رىغبەتلەندۇرۇپ ئىرادىسىنى كۇچەيتىپ ،يۇشۇرۇن كۇچىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ .
مەنبە:پەن ۋە تۇرمۇش6.2007 سان
[ بۇ يازما ajrim تەرپىدىن 2008-03-02 12:31 دە قايتا ]