0نى0گە بۆلۈش
ھەرقانداق ساننى ئۆزىگە بۆلسە 1 چىقىدۇ بىراق 0نى0گە بۆلسىچۇ؟بۇ نۇرغۇن ماتىماتىكا ئالىملىرى تالاش -تارتىش قىلغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ،بۇ مەسىلىگەنىسبەتەن 3خىل قاراش بار بولۇپ بىرى نەتىجىسى 1بولىدۇ دىگۈچىلەر،يەنە بىرى 0بولىدۇ دىگۈچىلەر ،ئۈچۈنجى بىرى نەتىجىسى مەنىسىز دىگۈچىلەر .بىراق بۇ 3خىل قاراشنى بىرىمۇ ئىنكار قىلىنمىدى ياكى توغرا دەپ ئىسپاتلانمىدى.<بىزگىغۇ مەنىسىز دەپ ئۆتىدۇ >.
0نىڭ 0-ى دەرىجىسى
بۇ مۇ نۇرغۇن ماتىماتىكا ئالىملىرى تالاش-تارتىش قىلغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ،ھەرقانداق ساننىڭ 0-ى دەرىجىسى 1بولىدۇ .بىراق0نىڭ0-ى دەرىجىسچۇ ،بۇنىمۇ بىرەر ئالىمياكى تەتقىقات گۇرۇپىسى ئىنىق بىر جاۋاپ بىرەلمىدى .
ئالەملىك تارتىش كۈچى ۋە زەرەتلەرنىڭ ئارسىدىكى كۈچ
F=G mM/r.rبۇ بولسا ئالەملىك تارتىش كۈچى.F=k qQ/r.rبۇ بولسا زەرەتلەر ئارىسىدىكى كۈچ بولۇپ ھەر ئىككىلىسى مىقدارلار كۆپەيىتمىسىگە ئوڭ تاناسىپ ئارلىقىنىڭ كۋادراتىغا تەتۈر تاناسىپ.مۇشۇنداقمۇ ئوخشاشلىق بارمۇ؟بۇ ياكى ئالەمدىكى مەلۇم بىر كۈچنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئىپادىلىنىش شەكلىمۇ؟بۇمۇ فىزىكا ئالىملىرىغا قالدۇرۇلغان بىر مەسىلە.
چوڭ پارتىلاشتىن ئىلگىرى
ئالەمنىڭ قانداق بىنا بولغانلىقىنى پەننىي نۇقتىدىن چۈشەندۇرۇش ئۈچۈن بىرقىسىم فىزىكا ئالىملىرى چوڭ پارتىلاش نەزەرىيسىنى ئوتتىرىغا قويدى.ۋە ئالەم چوڭ پارتىلاشتىن ھاسىل بولغان دىدى.ئەمما چوڭ پارتىلاشتىن ئىلگىرى نىمە ئىش يۈز بەرگەن ؟بۇنىڭغا تىخى چۈشەندۈرۈش بىرەلمىدى .
يىل باشلىنىشى
مىلادىيە يىلى 0-يىلىدىن باشلانغانمۇ 1-يىلدىنمۇ؟غەربلىكلەر 1-يىلدىن باشلانغان دەيدۇ ،ئافرىقىنىڭ بىر قىسىم جايلىرى 0-يىلىدىن باشلانغان دەيدۇ .بۇنىڭمۇ ئىنىق جاۋاپ يوق.
ئادەم مايمۇندىن ئۆزگەرگەنمۇ؟
ئەنگىلىيىلىك بىئولوگ دارۋىننىڭ <تۈرلەرنىڭ كىلىپ چىقىشى > دىگەن ئەسىرىدە ئادەملەر مايمۇندىن ئۆزگەرگەن دىيىلگەن.بىراق ئەنگىلىيەدىكى يەنە بىر ئالىمنىڭ ئىيتىشىچە ئادەمنىڭ مايمۇندىن ئۆزگىرىشى دارۋىننىڭ پەرىزىچە بولغاندا مۇمكىن ئەمەس يەنى ئۆزگىرىش جەريانىدا بىر ھالقا كەم دەيدۇ .بۇ ھەقتىمۇ نۇرغۇن تالاش -تارتىش بار.ئاددىيسى تۇخۇم بالدۇر پەيدا بولغانمۇ ؟ياكى توخومۇ؟ دىگەنگە بەزىلەر باشتا تۇخۇم ،ئاندىن بىر نەرسە تۇخۇمنى بىسىپ چىقارغان دىگەندەك سوئال -جاۋابلارمۇ مىسال بولالايدۇ .بۇ ئەلىۋەتتە بىمەنە جاۋاب.
ئەرئوغۇز تەييارلىدى .
[ بۇ يازما Ar-ohoz تەرپىدىن 2008-03-16 16:36 دە قايت ]