مەركىزىمىز نىڭ كېسەل داۋالاشتىكى پىرىنسىپى:
1.بەدەندە كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشى قۇۋۋەتنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
2.قۇۋۋەتنىڭ كام بولۇشى ئوزۇقلىنىشنىڭ تەكشى بولماسلىقى،تۇرمۇش ئادىتىنىڭ تەرتىپسىزلىكى سەۋەبىدىن قان-تومۇرلارداتوسۇلۇش پەيدا بولۇپ،ئوزۇقلۇقنىڭ قۇۋۋەتكە ئايلىنىپ بەدەنگە تارقىلىشىغا تەسىر يېتىپ بەدىنىمىزنى تەشكىل قىلغۇچى قىسىملاردا ئوخشاشمىغان دەرىجىدە قۇۋۋەت كەملەش ئەھۋالى يۈز بېرىپ شۇ قىسىملاردا(ئەزالاردا)ساغلام ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپلەپ ئۆلۈشى كېلىپ چىقىدۇ.بەدىنىمىزدە ئەسلى بار بولغان پايدىسىز باكتېرىيەلەر(كېسەل پەيدا قىلغۇچى مىكروبلار)شۇ ئۆلگەن ھۈجەيرىلەرنى ئوزۇق قىلىپ تېزلىكتە كۆپىيىپ كۈچلىنىپ كېتىدۇ .بۇنىڭ بىلەن كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ.قايسى ئەزالاردا قۇۋۋەت كاملىقى كۈچەيسە ،شۇ ئورۇندىكى پايدىسىز باكتېرىيەلەر(كېسەل پەيدا قىلغۇچى مىكروبلار)ئاۋۋال كۈچىيىپ ،كېسەللىك بالدۇر پەيدا بولىدۇ.بەدەنگە ۋاقتىدا قۇۋۋەت تولۇقلانمىسا باشقا ئەزالاردىمۇ داۋاملىق كېسەللىك ئالامەتلىرى ئاشكارىلىنىشقا باشلايدۇ.(ئالاھىدە شارائىت ئاستىدا ئادەتتىكى مىكروب ھۈجەيرە گېنىدا غەيرىي ئۆزگىرىش ياساپ راك ھۈجەيرىسىگە ئايلىنىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ،بۇمۇ ئوخشاشلا ئۆلگەن ھۈجەيرە ۋە بەدەندىكى باشقا قۇۋۋەتلەرنى ئوزۇق قىلىپ كۈچىيىدۇ.)
3.بەدەننى قۇۋۋەتلەشتە ئاۋۋال توسۇلۇپ قالغان قان-تومۇرلارنى ئېچىش،مىكروپلارنى چەكلەش ئاندىن قۇۋۋەتلەشنى ئېلىپ بېرىش يولى بويىچە ئىش كۆرىمىز،مەيلى قايسى خىلى باكتىرىيەلەر بولسۇن(بەدىنىمىزگە پايدىلىق باكتىرىيەلەر ۋە پايدىسىز باكتىرىيەلەرنى كۆرسىتىدۇ).ھەممىسى قۇۋۋەتنى ياخشى كۆرىدۇ،قان-تۇمۇرلارنى راۋان قىلماي،پايدىسىز باكتىرىيەلەرنى (كېسەل پەيدا قىلغۇچى مىكروبلار) كونتورول قىلماي خالىغانچە قۇۋۋەتلىگەندە،قۇۋۋەت توسۇلۇپ قالغان قان-تۇمۇرلاردىن ئۆتەلمەيدۇ ھەم بەدەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بارالمايلا قالماي،ھەر ئىككى خىل باكتىرىيەنىڭ ئوزۇقلىقىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. پايدىسىز باكتىرىيەلەر (كېسەل پەيدا قىلغۇچى مىكروپ) نىڭ كۈچلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى،ئاسان ھەزم بولىدىغان ئوزۇقلۇقنى چەكلەش خاتا . كۈچلۈك كېسەل قىلغۇچى باكتىرىيەلەرنى كونتورول قىلىش مەقسىتىگە يەتكەن ئەھۋال ئاستىدا كۈچلۈك تائاملارنى ئاسان ھەزم بولىدىغان ھالەتتە پىششىقلاپ ئىشلەپ بەدەننى زور قۇۋۋەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. بۇنداق بولغاندا قۇۋۋەتكە ئېھتىياجلىق ئورۇنلار كۈچلىنىپ،بەدەن ئۆزىنى تەبىئىي تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدۇ.
4.بىز ئەسلىدە بەدەندە بۇلۇشقا تىگىشلىك پايدىلىق باكتىرىيەلەر(ئىنزىم)نى بايقاپ،ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن يىتىشتۇرۇپ، ئوزۇقلۇق ھالىتىدە بەدەنگە قۇبۇل قىلدۇرۇپ،بەدەندىكى پايدىلىق باكتىرىيەلەرنىڭ (ئىنزىم)سانىنى پايدىسىز باكتىرىيەلەرنىڭ (كېسەل پەيدا قىلغۇچى مىكروپلار) سانىنىدىن كۆپ مىقداردا ئاشۇرۇش ئارقىلىق، بىر-بىرىگە قارشى باكتىرىيەلەرنىڭ قايسىسى كۈچلۈك كەلسە ئاجىزىنى يىيىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن پايدىسىز باكتىرىيە (كېسەل پەيدا قىلغۇچى مىكروپلار)نى يىگۇزۇپ چەكلەش ئارقىلىق كېسەللىكنى كونتورول قىلىپ يوقىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.
5.بىز ئۈزۈن يىل تەتقىقات قىلىش جەريانىدا قان-تۇمۇرلاردىكى توسالغۇلارنى ئېرىتىپ پايدىسىز باكتىرىيە ( كېسەل پەيدا قىلغۇچى مىكروپلار)لارنى يەپ بىر تەرەپ قىلالايدىغان پايدىلىق باكتىرىيەلەر (ئىنزىم)نى يىتىشتۇرۇپ چىقتۇق.ھەرخىل كېسەللەرگە ئېغىر،يىنىكلىكىگە قارىتا ھەرخىل پايدىلىق باكتىرىيەدىن ياسالغان قۇۋۋەت جەۋھىرى ياساپ بېرىمىز. بىزنىڭ ئۇسۇلمىزنى يىغىنچاقلىغاندا قان-تۇمۇرلارنى ئېچىپ،پايدىسىز باكتىرىيەلەرنى (كېسەل پەيدا قىلغۇچى مىكروپلارنى)ئۆلتۇرۇپ، بەدەننىڭ قۇۋۋەتكە ئېھتىياجلىق قىسىملىرىنى بىر-بىرلەپ قۇۋۋەتلەش ئارقىلىق كېسەلنى تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتىش مەقسىتىگە يېتىشتىن ئىبارەت.بىزنىڭ بۇ خىل كېسەل داۋالاش پىرىنسىپىمىز چوڭ-كىچىك كېسەللەرگە ئورتاق ماس كېلىدۇ.
تۆۋەندىكىلەر مەركىزىمىزدە داۋالاۋاتقان كېسەللەرنىڭ تەپسىلىي خاتىرىسى:
1.ئاتۇش شەھىرىدىن XX ئاشقازان راكى. ئۆسمىنىڭ چوڭلىقى 5 سانتىمىتىر ئەتراپىدا، سۇيۇقئاشتىن بۆلەك تاماق سىڭمەيدۇ. كۆپ ئورۇقلىغان، تەرەت ھەپتىدە بىر قېتىم يەل ماڭمايدۇ ئاخىرقى باسقۇچنىڭ دەسلەپكى مەزگىلگە بارغان، دائىم ئاغرىيدۇ. دەسلىپىدە غەربچەدورا-ئۇكۇل ئىشلەتكەن.كېيىن جۇڭيىچە-مىللىيچە دورىلارنى ئىستىمال قىلغان.ئۈنىمى بولمىغان.
2007-يىلى 12-ئاينىڭ15-كۈنى داۋالاشنى قۇبۇل قىلغان.
داۋالاش باشلانغاندىن كېيىنكى ئەھۋالى:
1-كۈنى: بىز تەمىنلىگەن ئوزۇقلىقنى ئىچكەن ۋاقىتتىلا بەدەندە قىزىش، بوش تەرلەش ئەھۋالى كۆرۇلگەن.شۇ كۈنى كېچىدە تەرەت ماڭغان.ئۆزى تەييارلىغان ئۇماچتىن 3 پىيالە،مىۋە سۇيىدىن 2پىيالە ئىچكەن.سوۋۇتىلغان قايناقسۇدىن2چىنە ئىچكەن؛
2-كۇنى بىرىنچى كۈنى بىلەن ئوخشاش،ئازراق يەل ماڭغان.
3-كۈنى ئىچكەن ئۇماچنىڭ مىقدارى كۆپەيگەن،تەرەت كەلگەن،يەل مىڭىش مىقدارى كۆپەيگەن،ئاغرىش ئەھۋالى پەسەيگەن.
4-5-كۈنى پەيدىن-پەي ياخشىلىنىپ 6 -كۈنىگە بارغاندا تەرەت،يەل ھەر كۈنى مىڭىپ پۇتۇنلەي نورمال ھالەتكە كەلگەن.ئاغرىق توختىغان؛
7-كۈنى كەچتە تاماقنى جىق يەۋىلىپ،ھەزىم قىلىپ بولالماي،ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۇلگەن.بىز تەمىنلىگەن سۈيۈقلىقنى دەرھال ئېچىپ كېچە سائەت ئىككىدە تەرەت ۋە يەل راۋانلاشقان،ئاغرىقمۇ توختىغان.
8-كۈنىدىن ھازىرگىچە ھەر كۈنلىكى 5،6پىيالە ئۇماچ 2،3پىيالە مىۋە سۇيى،5چىنە سوۋىتىلغان قايناقسۇ 2پىيالە سۇيقاش ئىچىپ كېلىۋاتىدۇ. تەرەت ۋە يەل ھەر كۈنى راۋان،ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۇلمىدى.قان-تۇمۇرلار راۋانلىشىپ،پۈتۈن بەدەن تەكشى تەرلەش ھالىتىگە ئۆتتى. روھى كەيپىياتى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلاندى، ئۇيقىسى ئالاھىدە ياخشى.
12-ئاينىڭ30-كۈنىدىن باشلاپ،بىز ئۆگەتكەن ھەركەتلەرنى ئىشلەشكە باشلىدى.2008-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە پۈتۈن ئەھۋاللار بۇرۇنقىغا ئوخشاش.نورمال ھالەتتە ماڭغان.بىراق مۇشۇ كۇنى 2تال چامغۇر بىلەن بىر تال ياڭيۇنى بىزگە ئۇختۇرماي ئايرىم پۇشۇرۇپ يىگەن،شۇنىڭ بىلەن يەل تۇرۇش ئەھۋالى كۆرۇلگەن،بىز ئەھۋال ئىگەللىگەندىن كېيىن، سۇيۇقلىقنى دەرھال ئېچىشنى ئېيتۇق.
بىر سائەتتىن كېيىن يەل راۋانلاشقان.تەرەتمۇ نورمال بولغان.ھازىردىن باشلاپ چۈشلۈك تاماققا بىرلەشتۇرۇپ قوشۇمچە ئازراق شورپا ئىچىشنى تەلەپ قىلغان. بىز ئارىلاپ ئېچىشكە رۇخسەت قىلدۇق. 5-چىسلادىن ھازىرغىچە ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى نورمال. مىجەز-خارەكتىرىدىكى ئۆزگىرىشمۇ ئېزىغا چۈشتى. قايتا يەل تۇرۇش ئەھۋالى كۆرۇلمىگەن. كەيىياتى ۋە ئۇيقىسى بۇرۇنقىدەك ياخشى ھالەتكە كەلگەن.
10-چىسلاغىچە بولغان ئارىلىقتا بەدەن ئەھۋالى ئۈزلىكسىز ياخشىلىنىشقا باشلىغان،تاماق مىقدارىمۇ ئازراق ئاشقان.
11-چىسلا سائەت 3 لەرەە كىيىملىرىنى قېلىن كېيىپ سىرتقا چىقىپ بىر كېلومېتىر ئەتراپىدا يەرلەرنى ئايلىنىپ كەلگەن.
13- چىسلامۇ يەنە سرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كەلگەن.
14- چىسلا گۇلە،چىلان،ئەنجۇرقېقى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 3-5تالغىچە بىر كۈن ئىچىدە يېيىشنى بۇيرىغان،ئەگەر ئىسسىقى ئېشىپ كەتسە توختىتىپ قويۇش،نورمال بولسا داۋاملىق يېيىشنى شۇنىڭغا ماس ھالدا سۇنى كۆپرەك ئېچىشنى ئەسكەرتتۇق. يىگەن بىرىنچى كۈنى ماس كەلگەن.
15-چىسلا گۇلە،چىلانلارنى ياخشى كۆرۇپ،ئەسلى مىقدارىدىن كۆپرەك يەۋېلىپ،نەتىجىدە بېشى ئاغرىغان. بىز ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن مېۋە سۇيى بىلەن سۇنى كۆپرەك ئېچۇرۇش ئارقىلىق تەڭشەش ئېلىپ باردۇق.ئاغرىق ئىككى كۈن داۋاملىشىپ كېيىن پەيدىن-پەي ياخشى بۇلۇپ قالدى. گەرچە ئىسىقى ئېشىپ كېتىپ بېشى ئاغرىغان بولسىمۇ،ئۆلگەن راك ھۇجەيرىلىرىنى سۇرۇپ چىقىرىۋېتىشكە پايدىسى بولغان.
18-چىسلادىن باشلاپ سۇغۇق ئاشقاندەك ھېس قىلسا قۇرۇتۇلغان مىۋىلەرنى يېيىش ئارقىلىق، ئىسسىقى ئاشسا مىۋە سۇيى ئارقىلىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىمار ئۆزى ھېس قىلغان.بۇ بىمار يىقىندىن بېرى ھەر 2-3كۈندە بىر قېتىم سىرتلارنى ئايلىنىپ كىرىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان.
21- چىسلا چۈشلۈك تامىقىغا بىرلەشتۇرۇپ شورپا ئىچىشنى تەلەپ قىلغان. بىز ئازراقتىن ئېچىشنى رۇخسەت قىلدۇق
22- چىسلا ناھايىتى ياققانلىقىنى مەلۇم قىلدى،بىزمۇ داۋاملىق مۇشۇ بويىچە ئوزۇقلىنىش،ئەگەر سەل ئىسسىق كېلىش ئەھۋالى بولسا بىزگە مەلۇم قىلىشنى ئۇقتۇردۇق.
24- چىسلا بۈگۈندىن باشلاپ چۈشلۈك ئوماچنى ئېچىپ بۇلۇپ،قوشۇمچە بىر كۈنى شورپا بىر كۈنى سەي كۆپ ئاش(كەسكەن لەغمەن)يىيىشكە رۇخسەت قىلدۇق.يەنە ئەگەردە سوغۇقى ئېشىپ كەتسە گۇلە بىلەن چىلاننى يۇمشاق چايناپ يېيىش ئارقىلىق تەڭشەش،ئىسسىقى ئېشىپ كەتسە مىۋە سۇيىنى كۆپرەك ئېچىش ئارقىلىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىشنى ئېيتتۇق. بىمارمۇ بۇ خىل ئۇسۇلغا تولۇق ماسلاشقانلىقىنى ئېيتتى.
2-ئاينىڭ 2-كۈنى بەدەن قۇۋۋىتى كۈندىن-كۈنگە ئىشىپ،ئەھۋالى بارغانسىرى ياخشىلاندى.
2-ئاينىڭ 21-كۈنى ھازىرغىچە بەدەننىڭ ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى ،تەرتىپى نورمال چۇشۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن،بەدەن قۇۋۋىتى داۋاملىق ئېشىپ بېرىۋاتقاندىن باشقا ئەھۋال كۆرۇلمىگەن .
2.ئاتۇش شەھرىدىن XX قىزىلئۆڭگۆچ راكى،ئاساسەن ئاخىرقى مەزگىلگە ئۆتكەن. ئىلگىرى شىۋېتسارىيەدىن كەلتۇرگەن دورىنى يەپ،ئازراق مەنپەئەتكە ئېرىشكەن. تەرىتى ،يەل كېلىش ئەھۋالى كۈندە بىر نۆۋەت بولغان.ئۇ دورىنى توختىتىپ ئەتىسىدىن باشلاپ،بىز بۇيرىغان تائامنى ياساپ يىيىش بىلەن بىرگەبىز تەمىنلىگەن باكتىرىيەلىك ئوزۇقلىقنى ئېچىشنى باشلىغان.
2007-يىلى 12-ئاينىڭ31-كۈنى داۋالاشنى قۇبۇل قىلغان.
داۋالاش باشلانغاندىن كېيىنكى ئەھۋالى:
1-كۈنى بىز تەمىنلىگەن سۇيۇقلىقنى ئىچكەندىن كېيىن دەرھال قىزىش،تەرلەش ئەھۋالى كۆرۇلگەن.تەرىتى،يەل نورمال كەلگەن.ئۈچ تال پاچاق سېلىنغان ئۇماچنى ئېچىپ بۇلغان؛
2-كۈنى ئالدىنقى كۈنىدىكى ئەھۋالغا ئوخشاش.
3-كۈنى پاچاق سانى تۆتكە ئۆزگەرگەن.كەچتە سۇيۇقئاچ ئىچكەن، تەرەت ۋە يەل راۋان بولغان؛ 4-كۈنى تامىقى،تەرىتى ئۇيقىسى نورمال،قان-تۇمۇرلار راۋانلاپ كەتكەن،روھىي كەيپىياتى ئىنتايىن ياخشى؛
5-6-7-كۈنىدىكى ئەھۋاللار ئاساسەن ئوخشاش؛
8-كۇنى،ئەسلىدە بىز تەمىنلىگەن باكتىرىيە سۇيۇقلىقىنى ھەر كۈنى 100گىرامدىن 3ۋاخ ئىچىشكە بۇيرۇلغان بولسىمۇ،لىكىن بىمارنىڭ شۇ ۋاقىتىكى ئەھۋالى 100گىرامدىن2ۋاخ ئىچىشكە ماس كەلگەن .بۇنىڭدىن كېيىن بۇگۇنگە قەدەر مۇشۇ خىل ھالەتتە ئېچىپ كېلىۋاتىدۇ. قوي پاچىقىنىڭ سانى 3 تىن 4كە يەتكەن.يىڭى سۇتكە نان چىلاپ يېيىشنى تەلەپ قىلغان بىز رۇخسەت قىلدۇق.بارلىق ئەھۋاللار بۇرۇنقىدىن ياخشىلىنىپ ماڭغان.
10-11-كۈنلىرى ئەسلى ئۆلچەم بويىچە تولۇق ئىچىشنى داۋاملاشتۇرغان.
ئەسلىدە بۇ بىمارغا ئالاھىدە ئىتىبار قىلىپ، ئۈرۈمچىدە ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچى ئوغلى ئارقىلىق ئوزۇقلىقىمىزنى يەتكۇزۇپ بېرىپ،تېلىغون ئالاقىسى ئارقىلىق ئەھۋال ئىگەللەپ تۇرغان. دەسلەپتە بىزنىڭ دېگىنىمىز بويىچە ئىجرا قىلماي، كېيىنچە ئاندىن ئۆلچەم بويىچە ئوزۇقلانغان بولسىمۇ،بىمارنىڭ داۋاملىق بىخەتەر داۋالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،ئۈرۇمچىگە ئېلىپ كېلىپ بىر ئاي تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلدۇق.
25-چىسلاغىچە دادىسىنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى، بىزمۇ شۇ ۋاقىتقىچىلىك كېتىدىغان ئوزۇقلۇقنى تەمىنلەپ بەردۇق. بۇ بىمار ئوزۇقلىنىش ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.ئەھۋالى بارغانسىرى ياخشىلىنىپ بەدەن قۇۋىتىمۇ ئۈزلىكسىز ئېشىۋاتىدۇ.
30-چىسلاغىچە بەش تال پاچاقتا ياسىغان ئۇماچنى سائەت 2 لەرگىچە ئېچىپ بۇلۇپ، كەچلىك تاماققا قارىتا يەنە گۆشلەرنى توغراپ سۇيۇقئاش ئېتىپ ئېچىپ كېلىۋاتىدۇ.كانىيىدىكى راك ئۆسمىسىنىڭ ئۆلگەن تەركىبلىرى شىلىمشىق ھالەتكە كېرىپ، بەلغەم ھالەتتە تۇلۇق سىرتقا چىقىرىلىۋاتىدۇ.راك ئۆسمىسى كېچىكلىگەنلىكى ئۈچۈن تائامنىڭ ئۆتىشى ئالاھىدە ياخشى.
2-ئاينىڭ 2-كۈنى ھازىرغىچە ھەر كۇنى ھازىرغىچىلىك ھەركۈنلۈك ئەھۋالى ئەھۋالى ئوخشاش.
2-ئاينىڭ 7-كۈنى بەدىنىدە بۈگۈنچىلىك ئازراق ئىسىقى ئېشىش ئالامىتى كۆرۇلگەن بۇلۇپ، باكتىرىيە،سۇيۇقلىقىنى سۇغۇققا مايىل تەڭشەپ بەرگەن،ئۆزىمۇ ھۆل مېۋە سۇيىنى كۆپرەك ئىچكەنلىكى ئۈچۈن مىجەزى تەڭشەلدى.
2-ئاينىڭ 14-كۈنى بەدىنىدە سوغۇققا تارتىپ كېتىش ھالىتى كۆرۇلگەن،شۇ سەۋەبتىن گالدا بەلغەم پەيدا بۇلۇش ئەھۋالى كۆرۇلگەن.ئاشقازاندا سۇغۇق يەلدىن كۆپۇش ئەھۋالى كۆرۇلگەن.بىز ۋاقتىدا كۆرسەتىم بەرگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئوزۇقلىنىش تەڭشەپ،يۇقىرىقى ئالامەتلەر بىر نەچچە كۈن جەريانىدا تۈزىتىلگەن.بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ئېشىش ئەھۋالى ياخشى بولىۋاتىدۇ.
2-ئاينىڭ 21-كۈنى ھازىرغىچە بەدەننىڭ ئوزۇقلىنىش ھالىتى نورمال بۇلۇپ،بەدەن قۇۋۋىتى داۋاملىق ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ.
3.XX ئۈرۈمچى شەھىرىدىن،تۇخۇمدان راكى،تۇخۇمداننى ئوپراتىسىيە قىلىپ ئېلىۋەتكەن،ھازىر دۇمبە قىسمىدىكى لىمفا تومۇرىغا تارىغان،دائىرىسى خېلى كەڭ،13قېتىم خىميىلىك داۋالاش قىلغان.ئاخىرقى قېتىمقى خىمىيىلىك داۋالاشنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىغان،سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلارنى ئاز مىقداردا ئىستىمال قىلىدۇ.جىسمانىي قۇۋۋىتى بەك ئاجىز،سىرتلارغا چىققاندا ئاسانلا شامال تىگىدۇ،شۇڭا ئاساسەن سىرتقا چىقمايدۇ، ئۆرە تۇرۇشقا كۆپ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ،قەۋزىيەت بار. ئىلگىرىكى دورا-ئۇكۇل ئىشلىتىش ئەھۋالى،ئاخىرقى قېتىملىق خىميىلىك داۋالاشنى توختاتقىلى بىر ئاي بولغان.ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىستىمال قىلغان.سىماب بىلەن باققان توخۇنىڭ گۆشىنى يىگەن،بىر قىسىم مىللي تىبابەتنىڭ كومىلاچ دورىلىرىنى يىگەن،ئەمما كونتورول بولمىغان.2008-يىلى1-ئاينىڭ29-كۈنى داۋالاشنى قۇبۇل قىلغان.
داۋالاش باشلانغاندىن كېيىنكى ئەھۋالى:
30-چىسلا باكتىرىيە سۇيۇقلىقىنى ئىچكەن تۇنجى كۇنىدىن باشلاپلا بەدىنىدە قېزىش بولغان. شۇ كۇنى كېچىدە تەرىتى راۋانلاشقان ھەمدە تەرىتى قارا رەڭدە كەلگەن.
31-چىسلا زۇكام ئالامىتى كۆرۇلگەن،بەدەن ئوشاشلا قىزىغان.
2-ئاينىڭ 1-كۈنى زۇكام كۈچەيگەن،ئەمما تەرىتىنىڭ رەڭگى سۈزۈلۈپ نورماللاشقان،بىزنىڭ داۋالىشىمىزنى قۇبۇل قىلغاندىن باشلاپ ھەرقانداق دورا يىيىشنى توختاتقان.
2-ئاينىڭ 10-كۈنى جىگەر خىمىيىلىك داۋالاشنىڭ زەربىسىگە كۆپ ئۇچرىغانلىق ئۈچۈن ۋە سىمابلىق توخۇ گۆشىنىڭ زەربىسى سەۋەبىدىن كۆپ ئاجىزلىشىش كۆرۈلگەن.ئاشقازاننى سوغۇق ئېلىپ كەتكەن.ئوزۇقلىنىش جەريانىدا بەدەننى ئىسسىققا مايىل قىلغاندا ئاشقازانغا مەنپەئەت بۇلۇپ،ھەزىم قېلىش ياخشىلانسىمۇ جىگەرگە ئىسسىق كېلىپ بەدەن قېزىش ئالامىتى كۈچىيىپ كەتكەن.بەدەننى سوغۇق تەرەپكە تەڭشىگەندە جىگەرنىڭ تەسىرىدىن بەدەن قېزىش ئەھۋالى ياخشىلانغان بولسىمۇ ئاشقازاننىڭ ھارارىتى تۆۋەنلەپ،ئىشتىھاسى پەسلەش ئەھۋالى كۆرۇلگەن. بۇ خىل ھالەت بارغانسىرى نورماللىشىپ بەدەننىڭ قۇۋۋەتلىنىشى ياىشىلىنىپ بارغان بولسىمۇ ئاشقازان بىلەن جىگەرنى ماسلاشتۇرۇپ ئوزۇقلاندۇرۇش ھالىتى 20-چىسلاغىچە داۋاملاشقان.ھازىر ئاساسىي جەھەتتىن نورمال ھالەتكە كەلدى.ئەمما بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئارىلاپ بەدەننىڭ قېزىش ئەھۋالى بار.
لىمفاغا تارقالغان راك ھۈجەيلىرى زور دەرىجىدە تىزگىنلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۇلدى. بىز باكتىرىيە سۇيۇقلىقى تەركىبىدىكى باكتىرىيەنىڭ كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ بەدەن سىرتىدىن تارقالغان ئورۇن ئۈستىگە سۇركەپ بېرىشنى بۇيرىغان، بۇنىڭ تەسىرى كۆرىنەرلىك ياخشى بولىۋاتىدۇ.
4.XX تۇرپان شەھرىدىن، تۈز ئۈچەي راكى،ئاخىرقى باسقۇچتا بۇلۇپ،راك ئۆسمىسىنىڭ جايلىشىش ئورنى ئارقى پەشكە يىقىن ئورۇندا پەيدا بولغان.كۈچلۈك توختىماي ئاغرىيدۇ،ھەر قېتىم تەرەت كەلگەندە قان كېلىدۇ، ھەمدە سۇيۇق ماددا قۇيۇلىدۇ. تەرەت كېلىشى ئىنتايىن قېيىن،قەۋزىيەت دائىم بولىدۇ.تامىقى ئىنتايىن ئاز ھەمدە سۇيۇقئاش بىلەن گۆشسىز شوۋىگۇرۇچ ئاران ئۆتىدۇ.جىسمانىي قۇۋۋىتى ئىنتايىن ئاجىز.بەك كۆپ چوڭ-كىچىك دوختۇرلار ۋە تۈرلۈك تىۋىپلارغا تولا كۆرۇنۈپ ھېچقانداق ئۈنۈمى كۆرۇلمەي،ئەكسىنچە تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ دوختۇرخانا بىلەن دورىنىڭ نامىنى ئاڭلىسا تېنى شۈركۈنىدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغان.2008-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى داۋالاشنى قۇبۇل قىلغان.
داۋالاش باشلانغاندىن كېيىنكى ئەھۋالى:
كۇندىلىك ئوزۇقلىقنى شۇ بىمارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن رېتسىپ تۈزۈپ بەردۇق.بىمارنىڭ ئائىلىسى ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىغا ئەستايىدىل قاراپ بىز ئۆگەتكەن تەرتىپ بويىچە ئۆلچەملىك تاماق تەييارلاپ بەرگەن .مەخسۇس تەڭشەلگەن باكتىرىيە سۇيۇقلىقىنى بىمارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئاز-كۆپلىكىنى تەڭشەپ ئىچۈرگەن.بىرىنچى كۈنى تەرىتى نورماللاشقان، 2-كۈنى ئىشتىھاسى ئېچىلىپ ئۇماچتىن باشقا شورپا ئىچەلەيدىغان،كەسكەن لەغمەن يەيدىغان بولغان.3-كۈنى ئاغرىق ئاغرىق ئەھۋالى ئازراق پەسلەپ تەرەتمۇ يۈمشاق كەلگەن،سۇ قۇيۇلۇش ئەھۋالى ئازلىغان.ئۇيقۇسى كېلىشكە باشلىغان،ئىشتىھاسى ئېچىلىش ئەھۋالى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلانغان.بۇ خىل ھالەت بىر ھەپتە داۋاملاشقاندىن كېيىن ئاغرىق ئاساسەن يوقىغان.(بەزىدە تاساددىبىي بوش ئاغرىش ئەھۋالى ئارىلاپ يۈز بەرگەندىن باشقا)،بەدەندە ماغدۇرنىڭ يوقلىقىدىن تۈزۈكرەك ئارام ئالالمايدىغان بىمار بەدەنگە قۇۋۋەتكىرىپ ئوغلىنىڭ تويىغا خاتىرجەم قاتناشقان.بۇ خىل پەيدىنپەي ياخشىلىنىش ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ.
يىڭىدىن داۋالاش باشلانغان باشقا راك بىمارلىرىدىن ئۇستىخان راكى 2نەپەر(بىرسى پۇتۇن بەدەنگە تارىغان)،ئاققان راكىدىن 2نەپەر(6ياشلىق بالا تىببىي شۆيۇەن دوختۇرخانىسىدا خىمىيىلىك داۋالاشنى بىرگە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ،يەنە بىرى 19 ياش)باشقا كېسەل بىلەن داۋالىنىۋاتقانلارنىڭ ئەھۋالىنى مۇنۇ ئادرىستىن
./read.php?tid=12256 كۆرىۋېلىڭ.
ئەلدوس تەبىئىي داۋالاش تەتقىقات مەركىزى.
ئەسكەرتىش: بىمارلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن ئىسىم-فامىلىسى ۋە ئالاقىلىشىش ئادىرىسى ئاشكارلانمىدى. ئەگەر يۇقىرقى كىسەلگە گىرىپتار بولغۇچلار نىڭ ئائىلە تاۋاباتى تېلفۇن نۇمۇرنى،كىيىنچە ئاشكارلاشقا قۇشۇلۇپ قالسا ،شۇ ۋاقىتتا توردا ئىلان قىلمىز.(ئەگەر يۇقىرقى بىمارلارنىڭ ئەھۋالنى تەپسىلى بىلمەكچى بولسىڭىز ئۈرۈمچىگە كىلىپ ،ئاشۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى بىلەن بىۋاستە كۈرۈۈشكە بولدۇ)
2008-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى
ئادىرىسى؛ئۈرۈمچى 1-ئىيۇل جياڭيۈ زاۋۇتى(چى يى جياڭ يۈەن)يىندىكى مائارىپ نەشىرياتى بىناسى 2-دۇم10-قەۋەت.
تېلفۇن نۇمۇرى؛0991-5588461 ، 13999829344
[ بۇ يازما ozukxunas تەرپىدىن 2008-03-04 16:46 دە قا ]