قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ تېما 1733 قېتىم كۆرۈلدى
nurbag
شائىر
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 2286
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 140
شۆھرەت: 225 نۇمۇر
پۇل: 543 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 << دىيارىم >>لىقلار ئۈچۈن ئىككى كەلىمە

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما baturjangqi تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-03-01)
<< دىيارىم >>لىقلار ئۈچۈن ئىككى كەلىمە

شاھىپ ئابدۇسالام نۇربەگ


2008-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ''دىيارىم''دىن ئىبارەت ئونۋېرسال تور بېكىتىنىڭ قۇرۇلغىنىغا بەش يىل بولغانلىقىدىن ئىبارەت بىر خاسىيەتلىك كۈندە بىز تالاي ئوي -پىكىرلەردە بولغانلىقىمىزنى يوشۇرالمايمىز! بىر بوۋاق تۇغۇلۇپ بەش ياشقا كىرگۈچە قانچىلىك جەبرى-جاپالارنىڭ بولىدىغانلىقى پەرزەنىتلىك بولغانلار ئۈچۈن سىر ئەمەس. پەرزەنىتلىك بولمىغان ھەم بولالمىغانلار ئۈچۈن ھېس قىلغىلى بولمايدىغان قىيىن مەسىلىمۇ ئەمەس. نىمە دىيىشىمىزدىن قەتئىي نەزەر ''دىيارىم'' ئاما-ئېسەن بەش ياشقا كىردى!بىز بۇ كۈننى نىمە ئۈچۈن قۇتلۇقلايمىز؟ پىكىرىمىزنى ئىسلامىيەت نوقتىسى بۇيىچە قانات يايدۇرغىنىمىزدا، تۇغۇلغان كۈننى خاتىرلەش مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا چەكلەنگەن. نىمەئۈچۈن؟  بۇ سېپى ئۆزىدىن خىرىستىئانچە مەدەنىيەت! خىرىستىئانلار بۇ دۇنياغا ئازاب ئۈچۈن يارىتىلغان ئەيسا پەيغەمبەرەە بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن مىلادىيە كالىندارىنى دۇنيا ۋاقىت تەرتىپى قىلىپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ ئەيساغا بولغان ئالەمچە سۆيگىسىنى، ئېتىقادىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن تۇغۇلغان كۈننى خاتىرلەشتىن ئىبارەت دىنىي مۇراسىملىق تۈس ئالغان مەدەنىيەتنى دۇميە مەدەنىيەت خەزىنىسىدە ئەبەدىي ئۆچمەس يالقۇنغا ئىگە مەدەنىيەتكە ئايلاندۇردى!بۇ مەدەنىيەت دۇنياۋىلىشىشتا باشقا ھەرقانداق مەدەنىيەتتىن ئۈستۈن ئورۇنغا ئىگە بولدى! بىز قانداقتۇر ''دىيارىم''تور بېتىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئەمەس، بەش يىللىق مۇساپىسىنى خاتىرلەشكە تۇتۇش قىلغانلىقىمىز كەمىنە  مۇئەللىپچە بولغاندا، ھىچقانداق دىنىي ئاساسقا ئىگە ئەمەس! بۇ نوقتىنى ''دىيارىم''لىقلار توغرا چۈشۈنىشى تولىمى زۆرۈر ۋە قىمممەتلىك!
''دىيارىم ''تور بېتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەم ئاتامانى دىلشاد ئۇيغۇر تور مەدەنىيىدە ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەر بولۇشقا تېگىشلىك شەخىس!بىز نىمە ئۈچۈن شۇنداق دەيمىز؟ بىزنىڭ بۇنداق دىيىشىمىزدە مۇئەييەن ئاساس بار. ئۈچ تاغ ئارىسىغا جايلاشقان ئىككى ئويمانلىقتا نەچچە مىڭ يىللىق ھايات مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرغان خەلقىمىز تارىختا مىسلى ۆرۈلمىەەن مەدەنىيەت سېستىمىسى ---- ''يايلاق مەدەنىيىتى''نى بەرپا قىلىپ دۇنيا مەدەنىيىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان بولسا، كېيىنكى مەۋجۇدلىقىدا  ئۆز ۋۇقۇدىدا تۆرەلمە ھاسىل قىلغان بېكىنمىچىلىكتىن ئىبارەت يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە ۋاقتىدا دىئاگنۇز قويۇشقا ئادەتلەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ''باشقىلارنىڭ دۈمبىسىگە ئۆز تارىخى''نى يېزىشتىن ئىبارەت شەۋكىتىدىن سۇسلاپ، ياۋرۇپا سانائەت ئىنقىلاۋىدىن كېيىنكى باشقا ئەللەر تەرەققىياتىدا كۈچسىزلىنىپ، باشقىلارنىڭ تارىخ يېزىشى ئۈچۈن ''دۈمبىسىنى تۇتۇپ بېرىدىغان''قىسمەتكە دۇچار بولدى! قىسقىسى تۈركى تىللىق مىللەتلەر بەرپا قىلغان ئات ئۈستىدە جاھان ئوۋلاشتىن ئىبارەت كونكېرىتلىققا ئىگە ''يايلاق مەدەنىيىتى'' ياۋريپالىقلار گۇمانىزىمىنىڭ مەھسۇلى بولغان ''دېڭىز -ئوكيان مەدەنىيىتى''بىلەن ئايرۇپىلاننىڭ ئىختىراسىدىن ھاسىل بولغان ''بوشلۇق''مەدەنىيىتىنىڭ سۈر-ھەيۋىسىدە ئەلەم بىلەن كۆزى يۇمۇلدى! بىز بۇ قىسمەت ئالدىدا قانچىلىك تەمتىرەپ قالغانلىقىمىز تارىخنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىك قۇرلىرىدا بىزدىن نۇرانە كۆز تەلەپ قىلىشتا كۆمۈلۈپ ياتماقتا! 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا پەيدا بولۇپ زورىيىشقا يۈزلەنگەن ېېنىتىرنت مەدەنىيىتى يەر شارىنى ''كىچىككىنە كەنت''كە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت قۇدرىتىدە بىزنى يەنە تالاي سۇئاللارغا غەرق قىلدى! دۇنيانىڭ بىر بولۇڭىدا ئۆزىنىڭ ئەلمىساقتىكى كۆرۈپ بولغان چۈشىنى يەنە چۈشەشكە خۇمار بولغان خەلقىمىز ئېنتىرنتنىڭ قۇدرىتىنى ناھىيىتى كېچىكىپ ھېس قىلغان بولسىمۇ، 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغا كەلگەندە، دۇنياۋىلىشىشنىڭ بىز ئۈچۈن قانچىلىك قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى تۇنۇشقا باشلىدى! دېمەك بىز بىر نەرسىنى ھېس قىلدۇق، ئۇ بولسىمۇ ئويغىنىشنىڭ زۆرۈرلىكى...! ئېيتىشقا ھەقلىقمىزكى، بىز ئويغاندۇق...!
ئېنىقسىز مەلەۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر تور بەتلىرى 1000غا يەتكەن. ئېھتىمال، بۇ سانلىق مەلۇمات جۇڭگۇ چېگرىسىدىكى تور بەتلىرىنىلا ئەمەس، باشا ئەللەردىكى ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىشى مۇمكىن! بۇ سانلىق مەلۇماتتا قانچىلىك پەرقلەرنىڭ بولىشىدىن قەتئىي نەزەر بىز خۇشھال بولىدىغان ياخشى ئەھۋال! بىز دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغانلىقىمىز يېڭى مەدەبىيەت تېڭى ئاتقان بۇ رەھىمسىز رېئاللىقتا بىز يەنە مەۋجۇت بولۇش كاپالىتىگە ئېرىشتۇق!ئېنتىرنتنىڭ ھازىرقى  ئومۇلىشىش سەۋىيىسى نوقتىسىدىن قارىغاندا، بىز ئالدىراپ بىر نەرسە دىيەلمەيمىز. سەۋەبى، بىزدىكى مەدەنىيەتكە بولغانماسلىشىشچانلىق دۇنيادىكى ھەر قانداق مىللەتتىن ئۈستۈن تۇرسا تۇرۇدىكى، ھەرگىز كىيىندە قالمايدۇ! يەنە 20يىلدىن كىيىن بىزنىڭ ئالاقە ئىشلىرىمىزدا تېلىفۇننىڭ ئورنىنى ئاساسى جەھەتتىن ئېنتىرنت ئالىدىغانلىقى بىز كۆز يۇممايدىغان ھەقىقەت!
بىز پىكىرىمىزنى ئاساسى لىنيە بولغان ''دىيارىم''تورىغا ئەكەلگىنىمىزدە، بۇ تور بەت ئۇيغۇر تور بەتلىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردىكى تور بەت بولۇش بىلەن بىرگە رەسمىشىركەتلىك سالاھىيەتنى ھازىرلىغان! بۇ ئاڭلىماققا ئاسان بولغىنى بىلەن بەرپا بولۇش جەريانىنى ئويلىغىنىمىزدا بەك مۈشكۈل بىر ئىش! ''دىيارىم''تورى مەن ئىگىلىگەن ماتېرىيالدا، ''دىيارىم كىنو تورى''، ''دىيارىم تور بېتى''ۋە ''دىيارىم چايخانىسى''دەپ ۈچ بۆلەك بۇيىچە ئونۋېرساللىق ھاسىل قىلغان. بىر كۈندە چېكىلىش سانى 200مىڭغا يەتكەن. دېمەك ، بۇ تور ئۇيغۇر ئۇچۇرچىلىقىدا مۇئەييەن خاسلىقنى ھاسىل قىلغان! ئەمدىكى مەسىلە بۇ تور بەتنىڭ تەرەققىيات مەسىلىسى!
''دىيارىم''دىن ئىبارەت  30مىڭغا يېقىن ئەزاغا ئىگە بولغان بىر تور بەت چۇقۇمكى، سان ئۆتكىلىدىن سۈپەت ئۆتكىلىگە ئۆتۈشى كېرەك! بۇنداق بولمايدىكەن ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلىقىنى ساقلاشتە خەتەرنىڭ كۈتكىنى كۈتكەن! بۇنىڭ ئۈچۈن ''دىيارىم''قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ ''دىيارىم''ئۈچۈن جان كۆيدۈرگەن ئاتامان بىلەن باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىشى بولماستىن پۈتۈن ''دىيارىم''لىقلارنىڭ ۋىجدانىي بۇرچى!
مەن بۇ نوقتىدا ئۆزۈمنىڭ تۆۋەندىكىدەك قاراشلىرىنى كەڭ تور ئەھلىگە سۇنماقچىمەن. بۇ پەقەت مېنىڭ شەخسىي قارىشىم. ئوخشىمىغان قاراشلار بولغىنىدا ، باشقا تورداشلارنىو ئوتتۇرىغا قويىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەقسەت بىر ئۇ بولسىمۇ ''دىيارىم''نى ئۇيغۇر چەمبىرىكىدىن ھالقىغان دۇنياۋى تورغا ئايلاندۇرۇش!
ساپا مەسىلىسىدە يەنە ئويلىنىشقا تىگىشلىك. تور بەتكە كىرىشتىكى مەقسەت ھەر قايسى تورداشلارنىڭ ئوخشاش ئەمەس. بەزىلەر ئېھتىمال ئۆزلىرىگە لازىملىق بولغان نەرسىنى ئىزدەشكە كىرىشى مۇمكىن. بۇ تور بەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ، تور ئارقىلىق ئۆز بىلىم قۇرۇلمىسىنى بېيىتىش ھېسابلىنىدۇ. يەنە بەزىلەر ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كىرگەن بولىشىمۇ مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ ئۇنداقلار ھاياتلىقتىن ئىبارەت بىر قېتىملىق پۇرسەتنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس. مەنچە بولغاندا، ۋاقىتنى قەدىرلەش ھاياتلىقنى قەدىرلەشتۇر!

مەن بۇ ماقالىنىڭ قايىل قىلىش كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەن بۇتور بەتنى ئەڭ كەم بولغاندا، 10كۈندىن ئارتۇق كۈزەتتىم. ھەتتا بۇ تور بەتتە مۇئەييەن تەسىر قوزغىغانلار بىلەن قىسقا ئۇچۇر ھەم تور چاقىرغۇدا سۆھبەتتە بولدۇم. مەن سكھبەتلەشكەنلەر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتتە بىرلا ماقسەت ئاساس بولدى. ئۇ بولسىمۇ ''دىيارىم''دەك مۇشۇنداق ئادەم سانى كۆپ، چېكىلىش قېتىم سانى ھەرقانداق تور بەتتىن يۇقۇرى بولغان مەزكۇر بەتتىكى مۇنازىرە كەيپىياتىنىڭ ئۆلۈكلىكى ئۈستىدە بولدى. ئۇلارنىڭ دىيىشىچە'' ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغىلى خېلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، ئەسەرلىرىگە قارىتا ئەتراپلىق مۇلاھىزىنىڭ بولمىغانلىقى، ئاساسەن دېگۈدەك مەدھىيە تۈسى قويۇق ئىنكاسلارنىڭ تەكرارلىنىشى نەتىجىسىدە، ئۇلارنىڭمۇ كۆنۈپ قالغانلىقى، مۇمكىن بولسا ، بىر پارچە ئەسەرنىڭ ياخشى بولغان تەرەپلىرى بىلەن دېگۈدەك يارخشى بولمىغان تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر توپ ئىنكاسچىلار بولسا، ئۆزلىرىنىڭمۇ،   ئەسەر يوللىغاندا بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىدىغانلىقى، يەنە كېلىپ باشقۇرغۇچىلاردىكى قاتتىق تەلەپنىڭ بولماسلىقى... ''قاتارلىق تەرەپلەردە يۈرەك سۆزىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. مەن ئۇلارنىڭ بۇ ''ئىنكاس''لىرىنى تامامەن توغرا دەپ قارىمىغاندىمۇ، بەك ئاساسسىز دەپ قارىمىدىم. سەۋەبى شۇكى، باشقۇرغۇچىلار قوشۇنى شۇنچە قابىليەتلىك بولغان بولسىمۇ، ئۇلاردا مۇنازىرىگە ئۆزلىرى بىۋاستە قاتنىشىپ، مۇئەييەن بىر تېمىنى ئاساس قىلغان مۇنازىرەنى تېخىچە ئېلىپ بارمىغان . بۇ بوشلۇق نۆۋىتىدە ''دىيارىم''نىڭ بۈگۈنىدىكى ئەسەر بىلەن ئىنكاسنىڭ مۇناسىۋىتى يوقتەك بۇرۇقتۇملۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە دىيارىمغا ئەسەر يوللاۋاتقانلارنى ئىجادىيەتكە قارىتا بىپەرۋا قاراشقا كەلتۈرۈپ قويغان. بۇ نۆۋىتى كەلگەندە، ''دىيارىم''دەك 26000ئەزاسى بار تور بەتنىڭ ''پەرۋاسىزلىق پىسخىكا كېسىلى''نى تېخىمۇ ''كېسەل'' ۋىروسى بىلەن تەمىنلەپ، ئويلىمىغان يەردىن مەغلۇبىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ''دىيارىم''تور بېتىدىكى ئاتاماندىن تارتىپباشقۇرغۇچىلارغىچە، باشقۇرغۇچىلاردىن تارتىپ تىزىملارقان ئەزالارغىچە قانچىلىك تەدبىر قوللاندى؟ بەلكىم باشقۇرغۇچىلارنىڭ قىسقا ئۇچۇردا يا بولمىسا ''مەخسۇس تەھرىرخانا ئىشخانىسى''دا ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرى بولىشى مۇمكىن، ئەمما، بۇ كەڭ تور بەتكە ئاگاھلاندۇرۇش يۈزىسىدىن چىقىرىلمىسا بۇنىڭ نىمە پايدىسى بولسۇن؟
''دىيارىم''دىكى باشقۇرغۇچىلار ، قېنى دەپ بېقىڭلار: سىلەر ''دىيارىم''دىن ئىبارەت ئونۋېرسال تور بەتنىڭ ''مۇنبەر ''ئۈچۈن تۇتامغا چىققۇدەك نېمە ئىش قىلىپ بەردىڭلار ؟ قايسى مۇنازىرىنى تەشكىللىدىڭلار؟ ئۆزۈڭلار قايسى ئەسىرىڭلار ئارقىلىق سىلەرگە ئۆز ئەسىرىنى بېرىۋاتقان ئەزالىرىڭلار ئۈچۈن تەپەككۇر يولى ئېچىپ بەردىڭلار؟ مەن بۇ سۇئاللارنى قويىۋېتىپ ياش شائىر، تەرجىمان ئارغتۇغ ئېسىمگە كەلگەن بولسىمۇ يەنىلا بۇ سۇئالنىڭ سىلەرگە ئارتۇق بولمىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ''باشقۇرغۇچى''دېگەن بۇ لەقەم پەقەت تەھرىرىانىغا كەلگەن ئەسەرنى سەل تەلەپكە لايىق بولسا تەستىقلاش، تەلەپكە لايىق بولمىسا ئۆچۈرۈشما؟ توغرا ، ئۇيغۇر تور بەتلىرى تېخى ھەقلىق بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھەر قانداق تور بەتنىڭ ئاتامانى باشكۇرغۇچىلارغا مەلەم دەرىجىدە ھەق بېرەلمىگەنلىكى، يەنە كېلىپ سۈپەت ئۆتكىلىنى قاتتىق تۇتۇپ ، توردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر ئۈچۈن مەلۇمدەرىجىدە، تۆۋەن بولسىمۇ، قەلەم ھەققى بېرەلمىگەندىكىن بىر قىسىم پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيالمىغانلىقى تۇرغانلا گەپ! ئەمما، بىز شۇنى ئويلىماي تۇرالمايمىز، تور بەتتىن ئىبارەت بۇئىمكانىيەت تالاي ھەۋەسكارلارنى مەتبۇئاتتىكى بىر قىسىم  ''قازى''لارنىڭ  سۈرۈن تەلەتىدىن قۇتقازدى. ئىبەرتىپ بەرگەن 4پارچە ئەسەرنى 6ئاي ساقلاپ، بىشارىتى بولمىغاندا، يۈزى تۆۋەن سەھرا قىزلىرىدەك تىرناق كوچىلاپ 6قېتىم تېلىفۇن قىلىدىغان ئارتۇقچە ئىشتىن ئازاد قىلدى. يەنە كېلىپ ئېنتىرنىتنىڭ دۇنياۋىلىقى بىز يوللىغان ئەسەرنى دۇنيانىڭ قانداق يېرىدە بولسۇن، ئېنتىرنىتى بار كومپىيۇتۇرلۇق ئۇيغۇر پۇشتىنىڭ كۆرىشىگە مەتبۇئاتنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان شارائىت بىلەن تەمىنلىدى. بىز يوللىغان ئەسەسر ھەرقانچە سۈپەتسىز بولسىمۇ، دۇنيانىڭ ھەر قانداق بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا بارالايدۇ. بۇ كىچىك ئىمتىيازمۇ؟ مەنچە بولغاندا بۇ ''ئىمتىياز''نى بارلىقىمىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن قوللاشقا تېگىشلىك ئەمەسمۇ؟پىكىرنىڭ ئەسلى يۆلىنىشىگە قايتىپ كەلگىنىمىزدە، مەيلى باشقۇرغۇچى بولسۇن، مەيلى ئىنكاس يازىدىغان ئەزەلار بولسۇن، مەيلى تور بەتتە ئەسەسر ئېلان قىلىۋاتقانلار بولسۇن چۇقۇمكى ئۇيغۇر تور مەدەنىيىتىگە ، ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىغا مەسئۇليىتىنىڭ بارلىقىنى بىلىشى كېرەك ئىدى!؟
''دىيارىم''دىكى دىيارىملىقلار، سىلەردىن شۇنداق سۇئال سورىغۇم كەلدى: سىلەر بۇ تور بەتكە نىمىشقا كىرىسىلەر؟ بۇ تور بەتكە ئەسەر بىرىۋاتقانلار ، سىلەر نىمە مەقسەتتە ئەسەر بېرىسىلەر؟ بۇ تور بەتتە باشقۇرغۇچى بولىۋاتقانلار، سىلەر بۇ تور بەتتە نىمىشقا باشقۇرغۇچى بولدىڭلار؟ بۇ ئونۋېرسال تور بەتنىڭ ئاتامانى دىلشاد سىز نىمىشقا بۇ ''دىيارىم ئونۋېرسال تور ''ىنى ئاچتىڭىز؟ مەن يەنە نۇرغۇنلىغان سۇئاللارنى كىيىنگە قالدۇرغىنىمدىن يەنە ئەپسۇسلاندىم. نە چارە؟
''دىيارىم''تور بېتىدە ئەمەس ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىريىتى بىلەن  ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىكىدە ئۆز خاسلىقى بىلەن ئۆز ئورنىنى تىكلەشكە تىرىشىۋاتقان ياش شائىر ھەم تەرجىمان ئارغتۇغ بىز قەدىرلەشكە تىگىشلىك ساپالىق ئەدىب .  ئۇ ئۆزىنىڭ ھەر بىر دەقىقىسىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن بېغىشلىۋاتقان پىداكار ياش!  ئۇ يېقىندا ت. س. ئېلىئوتنىڭ مەشھۇر داستانى <<باياۋان>>نىڭ بىرىنچى بۆلىكىنى تەرجىمە قىلىپ، ئۆزىدىكى تەرجىمە ىستىداتىنى نامايەن قىلدى. يەنە كېلىپ ئۆزىنى ئاشكارىلىغۇچىلار شېئىرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ ''دىيارىم''تورىغا بېرىۋىدى (بۇ شېئىرلار «مونولوگ شېئىرلىرىدىن تاللانمىلار» دېگەن تېمىدا بېرىلگەن) ، گەرچە دېگۈدەك تەسىر قوزمىغان بولسىمۇ، ئۇ تەرجىمە شېئىر ''سۇمرۇغ تور ئەدەبىياتى''غا بېرىلگەندىن كېيىن زور ئالقىشقا ئېرىشىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مەتبۇئاتچىلىقىدا ئەڭ تەسىرگە ئىگە ''تەڭرىتاغ''ژۇرنىلىنىڭ 2008-يىللىق 1-سانىدا مۇشۇ شېئىرلار تەۋە ئېقىم توغرىسىدىكى  تەھلىل بىلەن بىرگە قوشۇپ بېرىلدى. جۈملىدىن ياش شائىرىمىنىڭ سۈرىتى قوشۇپ بېرىلدى. بۇ ئالدى بىلەن ''دىيارىم''دىن ئىبارەت بۇ تور بەتنىڭ شۆھرىتى بولسا، چوڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر شېئىريەت تەرجىمىچىلىكىدىكى بىر ياخشى ئەھۋال بولدى. بۇ ئىش ئەدەبىياتقا جۈملىدىن ئۇيغۇر شېئىريىتىگە ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتىغان ، قۇربان بېرىش روھىغا ئىگە  ياش ئەدىبلەر ھەم ياشلارنى ئۆزىدىكى سالماق روھى ھالەت بىلەن تەربىيىلەپ كېلىۋاتقان ئوتتۇرا ياش ھەم پىشقەدەملەر ئۈچۈنمۇ ئىچ ئىچىدىن خۇشھال بولىدىغان ياخشى ئەھۋال بولدى. بىز بۇ يەردە ياش شائىر ھەم تەرجىمان ئارغتۇغقا سەمىمىي رەھمىتىمىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك ، ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە يۈكسىلىش، تېنىگە ساغلاملىق، روھىغا ئەبەدىيلىك قۇۋۋەت، ۋاقتىغا بەرىكەت تىلەيمىز!...
دىيارىملىقلار بىلىڭلاركى، بىز شۇنچە خەير- ئېھسان تىلىگەن بۇ ياش شائىر ھەم تەرجىمان ئارغتۇغ ''دىيارىم مۇنبىرى''دە باشقۇرغۇچى!  بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، ''دىيارىم''دا تۈرلۈك ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ بەختى بارلار! قېنى دەپ بېقىڭلار ، قايسىڭلار قىسقا ئۇچۇردا بۇ ياش شائىرىمىزدىن ئۆز ىجادىيىتىڭلار ئۈچۈن مەسلىھەت سوراپ باقتىڭلار؟ دىلەردىكى ئەدەبىي ئىجادىيەتكا  بولغان ''ئوتلۇق قەلب'' شۇمۇ؟ كەمىنە مۇئەللىپ بۇ سۇئالنى نىمىشقا سوراشقا مەجبۇر بولدى؟ دىيارىملىقلار شۇ پىكىر ئايان بولسۇن، مېنىڭ بۇ سۇئالنى سورىشىم باشقا بىر مۇددىئادا ئەمەس، ئالدىڭلاردا بار ئادەمدىن پايدىلىنىشنى بىلمىەىنىڭلارغا قارىتا دېدىم.
پىكىرنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ كەلگىنىمىزدە، ئارغتۇغنىڭ بۇ تور بەتتىكى ئەسەرلىرىنىڭ سەۋىيىسىنىڭ يۇقۇرىلىقىغا قارىتا  سىلەرنىڭ تۇتقان سوغۇق مۇئامىلەڭلار سىلەردىكى سەۋىيىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىدىن چۇقۇم بىشارەت بەرمەي قالمايدۇ! قاراڭلار: 
كىتاب كۆيدۈرۈش

ئارغتۇغ

ئىككىنچى ئايدا
قىلىن قار يىغىۋاتقاندا
قار يۈندىگە ئايلىنىپ ئاقمايدىغان كوچىدا كېتىۋىتىپ
ئۆزۈمنى سۈرگۈندە ھېس قىلىمەن!
بالىلىقتىكى مەھەللەمدىكى
كېسىۋىتىلگەن دەرەخلەرنىڭ كۆتەكلىرى
تاغدەك دۆۋىلەنگەن باشسىز تەنلەرنى ئەسلىتىدۇ،
تاملىرى چېقىۋىتىلگەن ئۆيلەرنىڭ كەينىدىن
قۇم ئاستىغا كۆمۈلگەن باش سۆڭەكلىرى چىقىپ
مېنى «باياۋان»① غا سۆرەپ ماڭىدۇ.
مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن
ھاياتىمدىكى تۇنجى قاتناش ۋەقەسى
نەق مەيداندا قازا قىلغان ناتۇنۇش كىشىنىڭ مىجىلىپ كەتكەن باش سۆڭىكى ئارىسىدىن چىقىپ
مېنى يۇندا چىچىپ مېڭىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ ئارسىغا تاشلايدۇ...
«كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» نىڭ بىرىنچى ماددىسى②
ئىتتىرىپ تۇرساممۇ ماڭا جالاپتەك چاپلىشىۋالىدۇ.
ئەھمىيەتسىز خىياللارنى سۈرۈشكە مەجبۇر بولغاندا
ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ
ئۇنىڭ تاقالغان، تاقالمىغانلىقىغا يىنىشلاپ قاراپ قويۇپ
ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا يازغان شېئىرلىرىم كۆچۈرۈلگەن خاتىرەمنى كۆرۈۋىتىپ،
بودلىر③، سىلۋىيە پىلاس④، ئاننى سىكىستون④ بىلەن مۇڭدىشىمەن.
مەشرەپ⑤ «يوقىلىش»⑥ دېگەن مۇنداق بولىدۇ، داۋاتقاندا
تىلىفۇن تۇيۇقسىز سايراپ كېتىدۇ...

ئىككىنچى ئايدا
قىلىن قار يېغىۋاتقاندا
ئۆيۈمدە يالغۇز ئولتۇرۇپ
تەمبۇر مۇزىكىلىرىنى ئاڭلاۋىتىپ
بارلىق كىتابلىرىمنى بىر يەرگە دۆۋىلەپ
قولۇمغا چاقماقنى ئالىمەن.
ئۇشتۇمتۇت
يېڭى يىل ھارپىسىدا ئۆيۈمدىن ئىزدېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەن بىر كىتابىم ئېسىمگە يېتىدۇ،
ئۇنىڭ يوقلۇقىغا ئىشەنسەممۇ، كىتاب كۆيدۈرۈشۈمگە تەسىر يەتمىسۇن دەپ ئۇنى ئىزدەپ باقىمەن
ئۇنى تاپالماي
كىتابلارنى يېڭى باشتىن ئىشكاپقا تىزىمەن،
ئاندىن، چاقماقنى يېقىپ
ئۆزۈمگە ئوت تۇتاشتۇرۇپ،
بىر خىل ئەبەدىيلىكنى ھېس قىلىپ ⑦
كەچ سائەت يەتتىدە
ئۈچىنچى قەۋەتتىن ئۆزۈمنى تاشلىۋالىمەن.....
_____________________________
ئىزاھلار:
① «باياۋان» ئەنگلىيە شائىرى توماس ئىلىئوت (1888 ___ 1965) نىڭ 1922- يىلى يازغان مەشھۇر داستانى بولۇپ، ئىلىئوت بۇ ئەسىرىدە غەرب دۇنياسىدىكى ماددىي ۋە مەنىۋىي قاغجىراشنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. بۇ ئەسەر ئۆزىنىڭ يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيىسى بىلەن 20- ئەسىر دۇنيا شېئىرىيىدىكى ئەڭ بۈيۈك چوققا دەپ قارىلىدۇ.
② 1948- يىلى 12- ئاينىڭ 10- كۈنى ب د ت يىغىنىدا ماقۇللانغان «كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» نىڭ بىرىنچى ماددىسىدا «ئادەملەر تۇغۇلۇشىدىنلا ھۆر بولىدۇ، ئىززەت- ئابروي ۋە ھوقۇق مەنپەئەتتە بىردەك باراۋەر بولىدۇ» دېيىلگەن.
③ چارلىز بودلېر (1821 ___ 1867) دۇنيا ئەدەبىياتىدا ئىنتايىن زور تەسىرگە ئىگە فرانسىيىلىك شائىر. ئۇ ئۆزىنىڭ «رەزىل گۈللەر» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ئارقىلىق سىمۋولىزم شېئىرىيىتى، جۈملىدىن مودىرنېزم ئەدەبىياتىغا ئاساس سالغان.
④ سىلۋىيە پىلاس (1932 ___ 1963) ئامېرىكىلىق شائىرە، ئامېرىكىدا 20- ئەسىرنىڭ 50- 60- يىللىرىدا باش كۆتۈرگەن ئىقرارچىلىق (ئۆزىنى ئاشكارىلىغۇچىلار) شېئىرىيتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگۈچىلەرنىڭ بىرى. 1963- يىلى ئۆلۈۋالغان.
⑤ ئاننى سېكىستون (1928 ___ 1974) ئامېرىكىلىق شائىرە، ئىقرارچىلىق شېئىرىيىتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگۈچىلەرنىڭ بىرى. 1974- يىلى ئۆلۈۋالغان.
⑥ «يوقىلىش» شائىر، يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننىڭ مەشھۇر شائىر بابا رەھىم مەشرەپنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى روھىي ھالىتى تەسۋىرلەنگەن داستانى. بۇ داستاندا ھايات ئۆلۈم ۋە مۇھەببەت ھەققىدىكى ماكان- زاماندىن ھالقىغان، پەقەت ئىنسانىيەتنىڭ قەلب يۈكسەكلىكىگىلا ئورتاق بولغان بىر خىل رېئال پەلسەپىۋى ماھىيەت مەشرەپ تىمسالىدا ئىپادىلەنگەن.
⑦ بۇ مىسرا ئامېرىكىلىق شائىر چارلىس سىمىكنىڭ «پانىي ئالەم شادلىقىدىكى باغچا» ناملىق شېئىرىدىن ئېلىندى. مەزكۇر شېئىرنىڭ تولۇق تىكىستى مۇنداق:


پانىي ئالەم شادلىقىدىكى باغچا


باكنىڭ بېشى ئاغرىيدۇ. تونى ئىنتايىن ئاچچىق
بىر تال مۇچ يىدى. سىلۋىيە
مونچىدا يالىڭاچ تېنىنى گىرغا قويۇپ
ئېغىرلىقىنى ئۆلچەيدۇ. گالچەن دۆلەت ئىچىدە سەككىز يۈز دوللار
كىرىم قىلدى. روگىر
شېئىر چاقماق قايتۇرغۇچ ياساش دەيدۇ.
خوسسى كالپۇكى بىلەن خوتۇنىغا بىر مۇشىت
بەرمەكچى بولىدۇ. تىد
ئۆزىنىڭ سايىسىدىن قورقىدۇ. لىتون شوخلىزارلىقىدا
مايسىلارغا گەپ قىلىدۇ. پاۋلو
پوچتا ئىدارىسىدىن ماركا سېتىش خىزمىتى تېپىشنى
ئويلايدۇ. مارى توختىماستىن
ئەينەكتىكى كۈلۈمسىرىشىگە قارايدۇ.

ئەمما مەن،
كۆلچەكنىڭ ئىچىدە سىيىۋاتىمەن،
بىر خىل ئەبەدىيلىكنى
ھېس قىلىپ.


2008- يىل فىۋرال ئۈرۈمچى 
 
ئارغتۇغنىڭ بۇ شېئىرى ۋە بۇ شېئىرىغا بەرگەن ئىزاھاتىدىن بىز ئۇنىدىكى سەمىمىيلىكنى كۆرۈپلا قالماي بەلكى، ئۇنىڭ شېئىريەتكە بولغان يانماس ئىرادە، ئوتلۇق قەلبنى ئىشارە قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ شېئىر ئۇيغۇر شېئىريىتىدىكى 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىنكى زور پارتىلاشتىن كېيىن بارلىققا كەلگەن ، باشقىلار تەرىپىدىن ''يېڭى شېئىر'' ، '' گۇڭگا شېئىر''...دېگندەك لەقەملەرگە ئېرىشكەن شېئىريەتتىن كېيىنكى يەنە بىر سەكرەش ھېسابلىنىدۇ. ئارغتۇغنىڭ بۇ شېئىرى روشەنكى، سۆ ياساش بىلەن تۇيغۇنى پەرداشلاشقا قارىتا  قارشى ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق غايەت زور ئېنىرەىيە تەلەپ قىلىدىغان قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە ئىسلاھات!... بىز نىمىشقا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا جۈرئەت قىلمايمىز؟ مەسىلە شۇ يەردىكى بىزدە ، كەسپى سەۋىيە تۆۋەن بولۇش بىلەن بىرگە دادىللىق يوق!بۇنى بىز كىمدىن كۆرىمىز؟ بۇ ھەممىمى ئويلىنىشقا تېەىشلىك مەسىلە...!
ئىككىنچى ئايدا
قىلىن قار يىغىۋاتقاندا
قار يۇندىغا ئايلىنىپ ئاقمايدىغان كوچىدا كېتىۋىتىپ
ئۆزۈمنى سۈرگۈندە ھېس قىلىمەن!
بىز بۇ مىسرالاردىن شائىردىكى بىر ئازابلىق تۇيغۇنى بىلىش بىلەنبىرگە ئۆزى ياشاۋاتقان رېئاللىققا قارىتا بولغان ئىسيانكارلىقنى ھېس قىلىمىز. بۇ مىسرالاردا بىزنىڭ دىققىتىمىنى ئۆزىگە تارتىدىغان '' يۇندا ئايلىنىپ ئاقمايدىغان كوچا'' ، سۈرگۈن'' دېگەن ئىماگلاردىن بىز نۇرغۇنلىغان پەرەزلەرگە ئېرىشىمىز . شۇنى ئىزاھلايمىكى، كىمنىڭ قانداق چۈشەنچىدە بولىشى تامامەن تەپەككۇر ئەركىنلىكى! ھىچقانداق كىشى بۇ مىسرالاردا مۇنداق ئىدىيە بار، دەپ بىزگە ئىدىيە زوراۋانلىقى ئېلىپ بارالمايدۇ! بۇ قانداقتۇر قاپىيە ئويناشنى مۇددىئا قىلغان ، شائىر تۇيغۇنى ئەمەس بەلكى، مەزمۇن ئىپادىلەشتىن ئىبارەت سەنئەت قانۇنىيىتىگە ماس بولمىغان ھېسسىيات بايانچىلىقىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ئوت ئېچىش...! شېئىردىكى بۇ كەڭرى بوشلۇق بىزدىن ئەركىن تەپەككۇر تەلەپ قىلىدۇ. بۇ يەردە شائىر نىمە قىلدى؟ ئىشىنىڭلاركى، تۇيغۇسىنى بىزگە شېئىرى تىلدا ئۇقۇپ بەردى...!
مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن
ھاياتىمدىكى تۇنجى قاتناش ۋەقەسى
نەق مەيداندا قازا قىلغان ناتۇنۇش كىشىنىڭ مىجىلىپ كەتكەن باش سۆڭىكى ئارىسىدىن چىقىپ
مېنى يۇندا چىچىپ مېڭىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ ئارسىغا تاشلايدۇ...
شائىردىكى بۇ تۇيغۇنى بىز قانداق ئوقۇيمىز؟ بىز پىكىرنى سەل كەڭرى كۆلەمگە ئىگە قىلىمىز دەيدىكەنمىز ، سانائەتلىشىنىڭ ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كەلگەن يېتىمسىرىتىشىنى ھېس قىلىمىز! قاراڭ: بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسى بولۇپمۇ شائىر يولۇققان تۇنجى قاتناش ۋەقەسى شائىرنى روھى جەھەتتىن ئازابلاشلا ئەمەس، بەلكى، تراگىدىك تۇيغۇغا ئېلىپ بارىدۇ. شائىر ئۆزىدىكى ئەسلى روھنىڭ سانائەت تەرىپىدىن يەم بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، سانائەت ئادەمنى يەپ كەتتى، دېگەن لىرىك خۇلاسسىنى بىزگە يوشۇرۇن ھالەتتە سۇنىدۇ! بىز بۇ نەتىجىگە پەقەت تەپەككۇر ئارقىلىق ئېرىشكىنىمىزنى نەزەردىن ساقىت قىلمايلى! مەن مەزكۇر شېئىر توغرىسىدىكى ھېسلىرىمنى بۇ يەردە توقتىتىپ، مەزكۇر شېئىرغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى تەكشۈرۈپ بېقىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم!
ئو !!!!!!!!!!!!!!!شىئرمۇ بۇ يا ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ئئ
گوڭگا ،چاچما ،يا بىر ھىچنىمىگە ئوخشىمايدۇيا بۇ
بۇ ئىنكاس گۇما 119نىڭ
يازمىڭىزنى ئوقۇپ <بۈگۈنكى ياققان قار>غا قاراپ خىيالغا كەتتىم.
بۇ ئىنكاس دولانانىڭ
ئارغتۇغقا ئېچىندىم. خەقنى دوراپ ....يېرىلىپتۇ....دېگەن ماقالنى ئەسلىدىم.بۇ«شېئىر» غىدىقىمنى بەك كەلتۈردى.
بۇ ئىنكاس zaynap305نىڭ
ئىجادىيەت دوراشتىن  كېلىدۇ . ئىجادىيەتلەرنى بۇنداق بۆشۈگىدىلا ئۇجۇقتۇرىۋەتمەڭ!
بۇ ئىنكاس  ilham.umut نىڭ
ھازىرقى زامان شېئىېريىتىنىڭ تەتقىقاتچىلېرى 21-ئەسىردىكى شېئىرنىڭ يۇزلىنىشى نەسىرسىمان شېرمۇ ياكى شېرسىمان نەسىرمۇ شۇنداقراق شەكىلدە تەرەققى قىلدىغانلىقى تۇغرىسىدا بىر نەرسە كۆرگەندەك قىلغان.سەنئەتنى چۇشەنمەي تۇرۇپ ئۇنداق ئىنكار قىلىش پۇزۇتسىيەسىدە بولمايلى دوستلار،شېئىر دىگەن-تىل سەنئىتىدىن ئىبارەت،شەكلىگە ئەمەس،مەنە جەھەتتىكى كەڭلىكىگە نەزەر ئاغدۇرۇپ باھا بېرىشنى ئۈگۈنۋالايلى. ئادىل تۇنىيازنىڭمۇ نەسىرگە ئوخشاش جۈملىلىك شېئىرىدىن بىر نەچچىسىنى ئوقۇغان ئىدىم،ماڭا شۇنداق ياخشى بىلىنگەن ئىدى.
بۇ ئىنكاس  totem نىڭ
يۈرىگىمنى پىچاق بىلەن تىلغىۋەتتىڭىز ؟
توغرا ھەممىمىز ھۆر باراۋەر ياشىشىمىز كېرەكتى ؟؟؟
لېكىن ھازىر 3 ۋاق تاماق ، خاتىرجەملىكتىن باشقىنى ئويلامايدىغان بولۇپ قالدۇققۇ جېنىم ئۇيغۇرۇم !!!!
بۇ ئىنكاس  patriot نىڭ
بۇ شېىرلار ناھايىتتى ياخشى تەرجىمە قىلىنىپتۇ! ئارغتۇغنىڭ قەلىىمىگە بارىكاللا! شېىئىر ۋەزىن، تۇراق، قاپىيە بىلەنلا ئەمەس بەلكى ئۆز ئىچىگە يۇغۇرۇلغان ئىچكى مەنەلەر بىلەن خۇش پۇراق چاچالىغاندىلا ئاندىن كىشىگە ھەقىقىي بىر ھوزۇر بېرەلەيدۇ. بىز ھەممە نەرسىنى نوقۇل بىر رامكا ئىچىدە كۆزەتسەك قانداق بولىدۇ؟ شۇڭا باشقىلارنىڭ قايناۋاتقان قازىنىغا سوغاق سۇ قۇيماي، ئۇلارغا ئىلھام، مەدەت بەرسەكمىكىن، پەقەت چىداپ تۇرالمىغاندا ئاندىن مۇۋاپپىق رەدىيە بەرسەكمىكىن دەيمەن.



بۇ سەمىمىي تەكلىپىم قايناپ كەتمەڭلار،
ئارغتۇغنىڭ تەرجىمىسىنى مازاق ئەتمەڭلار!!!!!!! 
 
بۇ ئىنكاس Hararat نىڭ
مەن بۇ نوقتىدا خۇلاسسىگە ئالدىراپ كەتمەيمەن. مۇشۇنداق بىر نادىر شېئىرغا پەقەت 6ئادەم ئىنكاش بەرگەن. چۈشكەن ئىنكاسلاردا توتېم بىلەن ھارارەت نىسپەتەن شېئىردىن يىراقلىغان بولسىمۇ ، ھەر ھالدا شائىر ئۈچۈن ئىنكاس سەدىقىسى بەرگەن! قالدىلارچۇ؟ ئۇلار بىزنىڭ پىكىر ئوبيېكتى قىلىشىمىغا ئەرىمەيدىغاندەك قىلىدۇ. شۇڭا مەن تەھلىلنى مەلۇم دائىرىدە باشقىلارغا قالدۇرىمەن.
دىيارىمدىكى دىيارىملىقلار مانا بۇ سىلەرنىڭ سۈرىتىڭلار! مەندىن خاپا بولوشنىڭ ئورنىغا ئەدەبىي ئەسەرنى ئۇقۇشنى مەشىق قىلىڭلار!...

داۋامى بار 
  









''داۋامى بار''   

ئىزاھات : بۇ تىمىنى مەن نادىرلىدىم . سەۋەبىنى بىلمەكچى بولسىڭىز تىمىنىڭ تەپسىلاتىنى تولۇق كۆرۈڭ . بىلىپ قالىسىز .  
 
[ بۇ يازما arghtugh تەرپىدىن 2008-03-02 19:37 دە قاي ]
تېما تەستىقلىغۇچى : islam~1400
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-02-23, 06:49
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(kuxbeg526) ياخشى ماقالە
شۆھرەت:+10(Yeh_Ya) ئۆتكۈر پىكىر
شۆھرەت:+10(Ay~chiwar) پايدىلىق
شۆھرەت:+10(baturjangqi) ياخشى پىكىر
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-02-23 14:34 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
tax11
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 16720
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1480
شۆھرەت: 1483 نۇمۇر
پۇل: 5025 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 65(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-14

 

چوقۇم ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى بىلىش كېرەك.
qarluq
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-23 15:45 |
otyak
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 17978
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 3499
شۆھرەت: 3290 نۇمۇر
پۇل: 11015 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 117(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

داۋامىچۇ ؟ قېنى...
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-23 16:43 |
Ay~chiwar
ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 20
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 3010
شۆھرەت: 1386 نۇمۇر
پۇل: 6131 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 155(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

نۇربەگ داۋامىنى يازغۇچە مەنمۇ ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ تۇراي :
ئەڭ ئاۋۋال دىيارىمنىڭ بەش يىللىق مۇساپىسىنى قۇتلۇقلايمەن ، مۇبارەك دىيارىم ! ( يىلتىزىمىز دىيارىمدا ، ئۈمىدىمىز دىيارىمدا ! )
دىيارىم مۇنبىرىدە ئىقتىساد بىلىملىرىگە ئائىت سەھىپە بار بولغان بولسىمۇ لېكىن بۇنىڭدىكى يوللانغان تېمىلار كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى بىلىملىرىنى قامدىيالمايۋاتىدۇ .  مەسىلەن : كۈندۈلۈك پاي- چەك بازار ئەھۋالى ، ھازىرقى كىشىلىرىمىز ئەڭ قىزىۋاتقان فوند ھەققىدىكى بىلىملەر ، رايون ، شەھەر ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي بىلىملىرىگە دائىر ئۇچۇرلار كەمچىل بولۇۋاتىدۇ . مېنىڭ خىزمىتىم بۇنىڭغا ماس كېلىدىكەن ، ( ئىستاتىسكا - ھېساۋات )  شۇڭا بۇ سەھىپىدىكى بوشلۇقلارنى بۇندىن كېيىن ئۆزۈم مەسئۇل بولۇپ ئېلىپ كېتەيمىكىن ~ دەپ ئويلاپ قالدىم . ناۋادا ، باشقىلارمۇ قوللىسا ھەم قىزىقسا !  تورداشلارنىڭ ئۆزى قىزىقىدىغان ، سورايدىغان سۇئاللىرى بولسا ماڭا قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە قالدۇرسا بولىدۇ . ئامال بار ئۇلارنىڭ سۇئاللىرىنى جاۋابسىز قويماسلىق ئۈچۈن تىرىشىمەن . بۇ ھەقتىكى بىلدۈرگىلەرنى خەنزۇچە داڭلىق تور بەتلىرىدىن تەرجىمە قىلساقمۇ بولىدۇ. تەرجىمىدە  باشقۇرغۇچىمىز يولباشچىمۇ ياردەملىشىدۇ چوقۇم . بۇنىڭغا ئىشىنىمەن .
دىيارىم مۇنبىرىدىكى بەزى سەھىپىلەرنى ئىسلاھ  قىلىشقا ، يەنە بەزى باشقا تور بېكەتلىرىدە يوق  بولغان مۇھىم سەھىپىلەرنى قېتىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن . دىيارىم تورى تور ئارقىلىق كىشىلەرگە نەپ بېرىشى ، باشقىلارمۇ دىيارىم ئارقىلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋېلىشى ياخشى باشلىنىش ھەم تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى بولغۇسى .  بۇنى ئايرىم قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق مۇنبەر مەسئۇلىغا بايان قىلاي .

''دىيارىم''دىكى باشقۇرغۇچىلار ، قېنى دەپ بېقىڭلار: سىلەر ''دىيارىم''دىن ئىبارەت ئونۋېرسال تور بەتنىڭ ''مۇنبەر ''ئۈچۈن تۇتامغا چىققۇدەك نېمە ئىش قىلىپ بەردىڭلار ؟ قايسى مۇنازىرىنى تەشكىللىدىڭلار؟ ئۆزۈڭلار قايسى ئەسىرىڭلار ئارقىلىق سىلەرگە ئۆز ئەسىرىنى بېرىۋاتقان ئەزالىرىڭلار ئۈچۈن تەپەككۇر يولى ئېچىپ بەردىڭلار؟ -----------------------
بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ يۈزلۈرۈم قىزىرىپ كەتتى ................
گەپ يۈزدە ياخشى ، ئۇسسۇل تۈزدە دەپتىكەن . قۇرۇق ماختاشتىن پايدىلىق تەنقىد مىڭ ئەلا .

    ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﻰ ﻧﯘﺭﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﺳﯘﺋﺎﻟﯩﻐﺎ  << ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻢ  ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ... ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ >> ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ ~~ ﺑﯘ ﺟﺎﯞﺍﺑﯩﻢ « ﺳﻪﻟﻠﻪ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺋﯩﻤﺎﻡ ﻳﻮﻕ ، ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﻳﻮﻕ >> ﺗﻪﻙ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺗﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺷﯘﯕﺎ ، ﺑﯘ ﺳﯘﺋﺎﻝ ﻣﯧﻨﻰ ﺳﻪﻝ ﺋﻮﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ ، ﺧﯩﺠﯩﻞ ﻗﯩﻠﺪﻯ .
  دىيارىم مۇنبىرىدىكى باشقۇرغۇچىلار نىڭ كۆپ ساندىكىلىرى يەنىلا دىيارىم ئۈچۈن جان دىل بىلەن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ . دىيارىم مۇنبىرىدىكى تېمىلارنى تەستىقلاش ، تېمىسىنىڭ تەستىقلانماسلىق ئەھۋالىنى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق تېما ئىگىسىگە يەتكۈزىۋاتىدۇ . بۇنىڭغا كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ . دىيارىم باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ مۇشۇ خىل مەسئۇلىيەتچانلىقى بولغاچقىلا ~ دىيارىم مۇنبىرى بۈگۈنگە قەدەر تەرەققىي قىلىپ كەلدى دېيىشكە ھەقلىقمىز . لېكىن ، نۇربەگ ئېيتقاندەك ھەممە مەسئۇلىيەتنى دىيارىم باشقۇرغۇچىلىرىغا ئارتىپ قويۇشمۇ توغرا ئەمەس . بۇنىڭغا 25 مىڭدىن ئارتۇق ئەزامۇ ماسلاشمىسا ، بىرلىكتە قوللىمىسا يەنىلا بولمايدۇ .

ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ  < ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﻠﯩﻖ > ﻻﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻠﺘﯩﺠﺎ ، ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﺎﻳﻠﻰ !

ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻢ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺴﺎﻳﯩﻦ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ . ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﯜﺯﻩﺗﻤﯩﺴﻪ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ .
1. ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ .
2 . ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﭽﯩﻼﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺴﺎﻳﯩﻦ ﺯﻭﺭﯨﻴﯩﺸﻰ ، ﻳﺎﺯﻣﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻼﺭﻧﻰ ﻛﻪﻳﻨﻰ - ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻳﻮﻟﻠﯩﺸﻰ .....
3 . ﻳﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺗﯧﻤﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ .
4 . ﺗﯧﻤﺎ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺩﻩﭖ ﺋﺎﯞﯗﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ....
5 . ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻱ ﺩﻩﭖ ﻫﯧﺴﺎﺑﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ...
6 . ﻣﯘﻧﺒﻪﺭ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ؟ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻢ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ؟ ﺳﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯜﭘﻪﺕ ﺋﯚﺗﻜﯩﻠﯩﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻛﻤﯘ - ﻳﻮﻕ ؟ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻢ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ؟ ﻣﺎﺧﺘﺎﺵ ﻛﯧﺮﻩﻛﻤﯘ ﺑﯩﺰﮔﻪ ؟ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﻛﻪ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﯩﺰ ؟ .... ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﺩﻩ  ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺋﺎﺩﻩﻡ . ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﻨﻰ ﻣﻮﻧﻮﭘﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻛﻼ ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ؟ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺸﻤﺎ ؟ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻳﯜﺯ - ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ؟ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺧﺘﺎﺵ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﺪﺍ ﺗﻪﯓ ﻣﺎﯕﺴﯘﻥ .
7 . ......................
8 . .................

ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي .


ئەسكەرتىش : ئىككى ئىنكاسىمنى بىرلەشتۈرۈپ تەھرىرلەپ قويدۇم .
[ بۇ يازما Ay~chiwar تەرپىدىن 2008-03-03 09:05 دە قا ]
retim BLOG
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-23 17:18 |
baturjangqi
مۇنبەر نازارەتچىسى
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى مۇنبەر نازارەتچىسى
دەرىجىسى : مۇنبەر نازارەتچىسى


UID نۇمۇرى : 11262
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3097
شۆھرەت: 1588 نۇمۇر
پۇل: 1230 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

ئۆزۈمنىڭ « باشقۇرغۇچى » دىگەن بۇ نامغا ھەقىقەتەن لايىق كەلمەيدىغانلىقىمنى ھىس قىلىۋاتىمەن ....
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-01 22:14 |
lakqin
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 23132
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 783
شۆھرەت: 843 نۇمۇر
پۇل: 2642 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 96(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

سۇكۈت...
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-02 00:02 |
karima-0997
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 16853
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3110
شۆھرەت: 3457 نۇمۇر
پۇل: 1234 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 143 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 150(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

شاھىپكا!
ناھايتى جانلىق ،دىيارىمىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ جان-جېنىغا ئۆتكۈدەك ياخشى تېمىدىن بىرنى يېزىپ كۆڭلىڭىزدىكى سۆزلىرىڭىزنىڭ يېرىمىنى بولسىمۇ ئاخرى ئوچۇق ئېيتىپىسىز،مەن سىز بىلەن تۇنجى كۆرۈشكەندە سىزگە قول قويغان ئىدىم ،بۇ تېمىڭىز ھەقىقەتەن دىيارىمنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنى چوڭقۇر ئويغا ساپتۇ!
قېنى دىيارىمىدىكى باشقۇرغۇچى يولداشلار،غايىپ بولمىغانسىلەر؟
نەگە مۆكىۋالدىڭىلار؟
شاھىپكام جاۋابىڭلارغا تەشنا،مانا بىزدەك كەش بازىردىكى ئەرزىمەس ئەزالارمۇ سىلەرنىڭ قىممەتلىك جاۋابىڭلارغا تەشنابۇلۇپ تۇرماقتىمىز!
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-02 00:06 |
mamhmutjiang
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 16988
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1316
شۆھرەت: 1321 نۇمۇر
پۇل: 375 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 263(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

مۇئەللىم ھەقىقەتەن ئەمەلىي تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز ، ھەقىقەتەنمۇ دىيارىم مۇنبىرىنىڭ  بۇنڭىدىن كېيىنكى تەرەقىياتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا يېزىپسىز، بۇنىڭدىن سىزنىڭ بىزنىڭ ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىمىزنىڭ تەرەقىياتغا  كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىڭزنى كۆرۋالىغىلى بولىدۇ...شۇڭا قېنى بىزنىڭ ئاتامان باشچىلىدىكى دىيارىم باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ  مۇنبەرىنى تېخمۇ ياخىشلاش توغرىسدا قانداق پىلانلىرى بارلىقنى ئاڭلاپ باقايلى!
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-02 00:30 |
troya
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 25927
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 23
شۆھرەت: 23 نۇمۇر
پۇل: 186 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-06

 

''دىيارىم''دىكى باشقۇرغۇچىلار ، قېنى دەپ بېقىڭلار: سىلەر ''دىيارىم''دىن ئىبارەت ئونۋېرسال تور بەتنىڭ ''مۇنبەر ''ئۈچۈن تۇتامغا چىققۇدەك نېمە ئىش قىلىپ بەردىڭلار ؟ قايسى مۇنازىرىنى تەشكىللىدىڭلار؟ ئۆزۈڭلار قايسى ئەسىرىڭلار ئارقىلىق سىلەرگە ئۆز ئەسىرىنى بېرىۋاتقان ئەزالىرىڭلار ئۈچۈن تەپەككۇر يولى ئېچىپ بەردىڭلار؟ -----------------------
؟ ؟ ؟ ؟ ؟  ؟ ؟ ؟  !
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-02 02:11 |
atabora
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 18988
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1376
شۆھرەت: 987 نۇمۇر
پۇل: 3369 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 58(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

    نۇربىك ئاكىمىزنىڭ نىمە ئويلاۋاتقىنى ماڭا ناھايىتى ئوچۇق لىكىن ئۇ بىر تارىخقا ئايلىنىپ قالغان بولىشى مۇمكىن .... ( دىيارىمنىڭ ھازىرقى قىزغىنلىق ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى ! .... كۆپ ساندىكى قەلەم ئېگىىرى بۇ مۇنبەرنى ئۇنتۇپ قالغان چېغى ..... ) ....   
    بىر قەلەم ئىگىسى شۇنداق دەپتىكەن : « ئاسماننىڭ قانچىلىك چوڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشنى خالىمىغان مىللەت ، خۇددى قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىدەك ئاخىرقى تىنىقلىرىغىچە ئالقانچىلىك بوشلۇقنى مانا بۇ مىنىڭ دۇنيارىم دەپ ئۆتۈپ كېتىدۇ .... » .... بىز قاچانغىچە شۇ بوشلۇقتا چۆرگىلەرمىز ؟؟؟؟   
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-02 10:09 |
qakmak
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 328
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 49
شۆھرەت: 41 نۇمۇر
پۇل: 228 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-07

 

بۇ ھەيران قالغۇچىلىكى بار ئىش ئەمەس. ھازىر بىزدە قايسى مۇنبەر ساپالىق بولسا كىشىلەر شۇنچە ئاز كىرىدىغان، قايسى مۇنبەر ساپاسىز بولسا ئابۇنتى جىق بولىدىغان ئىش بار. مەسىلەن: ئىجادىيەت مۇنبىرى بىلەن بەرقى مۇنبىرىدە ئەڭ سەرخىل تېمىلار يوللىنىدۇ، لېكىن ئادەم ئاز. بۇ ھال خۇددى بىزنىڭ قىرائەتخانىلىرىمىزدا ئادەم ئاز، رېستۇران-دىباخانىلاردا ئادەم ئۈزۈلمەيدىغان ھالنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدۇ.
بۇرادەر نۇربەگ، بۇ ئويلانمىنى ناھىيىتى دەل ۋاقتىدا يېزىپسەن،شۇنداق سۆيۈندۈم. لېكىن،سەن بۇنداق يازغىنىڭ بىلەن مۇشۇ دىيارىمغا كۈچ چىقىرىشنى خالاپ كەتمەيسەن، چاتاق يېرى مۇشۇ. بىر مۇنبەرنىڭ سان ۋە سۈپىتىگە تەڭلا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەلۇم كۆلەمدىكى بىر قەدەر يۇقۇرى سەۋىيىلىك ئاپتورلار قوشۇنى بولۇشى كېرەك.
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-02 16:53 |
yolbaxqi-ksg
سەركە
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 12972
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 5145
شۆھرەت: 2014 نۇمۇر
پۇل: 1015 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 205(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-08

 

ئالدى بىلەن تورداش نۇربەگنىڭ ئۆز قەلبىدىكى سۆزلەرنى كونۇپكا تاختىسى ئۈستىدە خالىسلىق بىلەن نامايەن قىلغانلىقىغا تەشەككۈر ئىيماي تۇرالمايمەن !
مەن تورداش نۇربەگنى باشقا مۇنبەردە شۇنداقلا مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلىرى ئارقىلىق تونۇغان .  كىيىن تەقدىر بىزنى يۈز تۇرانە ئۇچرىشىشقا نىسىپ قىلدى . تورداش نۇربەگ بىلەن بىر قېتىم يۈز تۇرانە ئۇچراشقان ، گەرچە ئۇچراشقان ۋاقتىمىز قىسقا بولسىمۇ بىراق ھەر ھالدا مەۋھۈم دۇنيادىن رىئالنى دۇنياغا يۈزلەندۇق .
مىنىڭ نۇربەگ بىلەن ھىچقانداق ئۆچ - ئاداۋىتىم يوق ، ھەم ئالاھىدە يىقىنچىلىقىممۇ يوق . تۆۋەندە پىقىرنىڭ بايان ئەيلىگەنلىرى پەقەت ۋە پەقەتلا پىقىرنىڭ شەخسى كۆز قارىشى . بۇنى توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمەن .



ئالدى بىلەن تىما يوللىغۇچىنىڭ مەزكۇر تىمىنى يوللىغان مەقسىتى جەھەتتىن ئىلىپ ئىيتسام ، تىما يوللاش مۇددىئاسى توغرا بولغان بولسىمۇ  بىراق سۆز ماھارىتى ئوينىتىشقا ئالاھىدە بىرىلىپ كىتىپ ، مەزمۇننى توغرا ئىخچام ئىپادىلەشكە سەل قارىغانلىقتىن بۇ تىمىدىن ۋائىزلىق قىلىش شەكىللىنىپ قىلىنغان . شۇنداقلا تۆۋەندە «داۋام» دىگەن نامدا «ئىنكاس» سۈپىتىدە قالدۇرۇلغان مەزمۇننى گەرچە ناھايىتى قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ چىقىشقا كىرىشكەن بولساممۇ بۇنىڭ يۇقىردىكى تىمىنىڭ ئاتالمىش «داۋامى» بولماستىن «ئەكىس سادا» سى ئىكەنلىكىدىن بۇ «داۋام» نى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىش ئۈچۈن ۋاقتىمنىڭ ئىسراپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆكۈنمەي تۇرالمىدىم .
ئەمدى يازارمەننىڭ ئاتالمىش «يازما» سىغا نەزەر تاشلىساق ، بۇ يازمانىڭ مەزمۇنىدا يېڭىچە بىر ئۇقۇمنىڭ بارلىقىدىن تەپەككۇر ئەزالىرى ھۆرلىككە چىققانلار شۈبھىلەنمەي تۇرالمايدۇ . يەنىلا «كونا مۇقام» بولۇپ ، بۇ يازمىنى دىيارىم ئۆيىمىزنىڭ «زىننىتى» ئورنىدا «تۆر» دىن ئورۇن بىرىش سىپى ئۆزىدىن «نوپۇزغا چوقۇنۇپ ، ئەسەرگە سەل قاراش» تىن باشقا نەرسە ئەمەس .
ئۇيغۇر تور مۇنبەرچىلىكىنىڭ تەقدىرىگە قىزىقىدىغان ، ئۇنىڭ تەرەققياتىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغان ماڭا ئوخشاشلارغا نىسپەتەن مۇشۇنداق تىمىدىن بىرسىنىڭ چىقىشى ئۆز تەپەككۇرۇمنى يېڭىلايدىغان ، شۇنداقلا يېڭى ئىقىمدىكى كۆز قاراشلار ئارقىلىق ئىدىيەمنى يېڭىلاش پۇرسىتى دەپ قارايتىم . شۇنىڭ ئۈچۈن ئىگىمىز چەكلىك بەرگەن نىسىي ۋاقتىمدىن ۋاقىت ئاجرىتىپ قىزغىنلىق بىلەن تىما مەزمۇنىغا كۆز يۈگۈرتۈپ ئوقۇشقا كىرىشكەن بولساممۇ بىراق تىما «ئاپتور»ىنىڭ سۆز ماھارىتىنى «بازار» غا سىلىپ قىلچە يېڭىلىق بولمىغان مەزمۇن بىلەن تورداشلارنى ئىزىقتۇرۇپ ، تورداشلارنى «خالتا كوچا» غا باشلاپ قويغانلىقىدىن غەزەپلىنىش ھېسياتىمنىڭ تورموزى بۇزۇلۇش چىكىگە يىتىپ قالدى .

«ئاپتور» ئۆز تىمىسىدا : «مەن بۇ ماقالىنىڭ قايىل قىلىش كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەن بۇتور بەتنى ئەڭ كەم بولغاندا، 10كۈندىن ئارتۇق كۈزەتتىم. ھەتتا بۇ تور بەتتە مۇئەييەن تەسىر قوزغىغانلار بىلەن قىسقا ئۇچۇر ھەم تور چاقىرغۇدا سۆھبەتتە بولدۇم. » دىگەن .
ئۈرۈمچىگە كىلىپ باققانلارغا ئايانكى ، ئۈرۈمچىدە 10 كۈن ياكى 10 كۈندىن ئارتۇق تۇرغان ئادەم پەقەت ۋە پەقەتلا ئۈرۈمچىنىڭ شۇ 10 كۈنى تەۋە بولغان پەسلىنىڭ ھاۋا كىلىماتىنى ئانچە - مۇنچە ھېس قىلىپ يىتەلىشى مۇمكىن ، بىراق شۇ كىشى 10 كۈن تۇرۇپلا «مەن ئۈرۈمچىنىڭ 1 يىللىق  ھاۋا - كىلاتىمىنى پىششىق بىلىمەن ، ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا - كىلىماتى مۇشۇنداق بولىدۇ» دەپ بىلجىرلىسا ئېغىزىمدىكى تۈكۈرۈكۈم ئېھتىمال شۇ كىشىنىڭ يۈزىگە تورمۇزى بۇزۇلغان ھالدا سانجىلىپ قىلىشىم مۇمكىن ! چۈنكى ئۈرۈمچىدە 1 يىل تۇرغاندىلا ئاندىن ئۈرۈمچىنىڭ شۇ 1 يىللىق ھاۋا - كىلىماتىنى ھېس قىلىپ يىتەلىشى مۇمكىن . ئۈرۈمچىدە قىشتا 10 كۈن تۇرۇپ باشقىلارغا ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا - كىلىماتى تۆت پەسىل قاتتىق سوغۇق ، ئۈرۈمچىدە جۇدۇنلۇق قىش پەسلىلا بولىدۇ ، دەپ بىلجىرلاش ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا - كىلىماتىنى بىر قەدەر چۈشىنىدىغان «يەرلىك» كىشىلەرنىڭ ئالدىدا شۇ كىشىنىڭ ئابرويىنى تۆكۈپ قويۇشى تەبىئى ! بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت ! بىزنىڭ بىر قېسىم تادان زىيالىلىرىمىز دەل مۇشۇنداق ئېغۋاگەرچىلىككە تولغان«سەپەرنامە» لىرىنى خەلقىمىزگە سۇنغاچقا خەلقىمىزدە شۇ كىشىنىڭ پەقەتلا «نوپۇز» غىلا ئەھمىيەت بىرىپ «يازما» سىغا تەنقىدى قاراشتا بولۇشتىن ئىبارەت يۈرەكلىك تەپەككۇر قىلىش يولىنى توسۇپ قويۇشنى شەكىللەندۈرگەن .
مەن مىلادى 2007 - يىلى يىل بىشىدا دىيارىمدا «تۆرەل»گەندىن باشلاپ دىيارىمدىن ئىبارەت مىنىڭ ئىككىنچى ئائىلەمدە گەرچە 24 سائەت تۇرۇشقا شارائىت يار بەرمىسىمۇ ، بىراق ۋاقتىم يار بەرسىلا  خالىس ئەمگەك سۈپىتىدە سەرپ قىلدىم . مەن بۇنىڭدىن ئۆكۈنمەيمەن . چۈنكى مەن بۇ جەرياندا ئىنتىرنىت تور دۇنياسىنى تىيىز ھالەتتىن چوڭقۇرراق چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە مۇيەسسەر بولدۇم . شۇنداق ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش مابەينىدە تور تېخنىكىسىنى ئىچكىرلەپ چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە مۇيەسسەر بولالىدىم . مىنىڭ باشقۇرغۇچى بولۇش مۇددىئايىمدىن ئىلىپ ئىيتقاندا ، مەن يوللىغان تىمىلىرىمنىڭ تەھرىرخانىدا ئۇزۇن - ئۇزۇن «تۈنەپ» قالىدىغانلىقدىن ئىچىم پۇشۇپ ھىچ بولمىغاندا ئۆزۈمنىڭ تىمىسىنى بولسىمۇ تىزراق ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپ ئېغىرچىلىقىمنى باشقۇرغۇچىلارغا سالماي ، ماڭا ئوخشاش تىت - تىت بولۇۋاتقانلارنىڭ تىمىسىنى چامىمنىڭ يىتىشىچە قولدىن چىقىرىپ باشقۇرغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش بىلەن بىرگە مۇشۇ «مەۋھۈم ئىنسانلار توپى» غا كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە ئەجرىمنى سىڭدۈرەي دىگەن مەقسەتتە باشقۇرغۇچى بولغانمەن . بىراق كىيىنچۇ ؟ ئەلۋەتتە ، شۇنى ئىتراپ قىلىمەنكى بۇ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىپ كىتەلىدىم دىيەلمەيمەن . بىراق مەن چامىمنىڭ يىتىشىچە تىرىشتىم ، ئەلۋەتتە تۆھپەم بولمىسىمۇ ئەجرىم بولدى ، دەپ ئىيتالايمەن . بىراق مەن باشقۇرغۇچى بولۇپ تۇنجى قېتىم «تەھرىرخانا» غا كىرىپ بۇ ئىشنىڭ ئۇنچىۋالا مەن ئويلىغاندەك ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم ، ھەم دەسلەپتە خىجىل بولۇپ ئارقامفا چىكىنمەكچى بولدۇم . بىراق ئاتام بەرگەن «ئىرادە شەمشىرى» نى قولۇمدا ئىگىز كۆتۈرۈپ ئۇنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ ، بۇ شەمشەرنى ماڭا بەرگۈچىگە يۈز كىلىش نىيىتىگە كەلدىم . مەن باشقۇرغۇچى بولۇپ تىما تەستىقلاش ، تىما تەھرىرلەش ۋە مەشغۇلات سېستىمىسى ئىجرا قىلىش جەھەتلەردە دەسلەپتە چولتىلىقىم سەۋەبلىك خاتالىقلاردىن ساقلىنالمىدىم . بىراق ئەجدادلىرىمىزنىڭ«تۈزەلگەن بالا ، ئالتۇندىن ئەلا» دىگەن ھىكمىتىنى قەلبىمگە مۆھۈر شەكلىدە ئويۇپ ، داۋاملىق ئىشتىراك بولىۋەردىم . كىيىن بىلسەم باشقىلارمۇ ماڭا ئوخشاش سىناقلارغا دۇچ كەلگەن ئىكەن . «ئاجىزلارنىڭ يولىنى توسۇپ تۇرغان ئىگىز تاغ ، كۈچلۈكلەرنىڭ رىكورت يارتىدىغان سەكرەش تاختىسى بولۇشى مۇمكىن» . بۇ جەرياندا سىناققا بەرداشلىق بىرەلمىگەنلەر ئىنتىرنىت «گۆر»دىن ئورۇن ئالدى ، سىناققا بەرداشلىق بىرەلىگەنلەر سەپىرىنى داۋام ئەتتى .


ئەمدى «ئاپتور» نىڭ سۇئاللىرىغا ئۆز كۆز قارىشىم بويىچە جاۋابىم :


ئاتامان نىمە ئىش قىلىپ بەردى ؟


--- ئاتامان ئالدى بىلەن تىما يوللىغۇچى بىلەن مەندەك ئۆز كۆز قارىشىنى يۈرەكلىك ئوتتۇرىغا قويۇپ پىكىر ئالماشتۇرىدىغان مۇشۇنداق بىر سورۇننى «دىيارىم تورى» نى جاپالىق قان - تەرى ، ئەمگىكى ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلتۈردى ھەم مانا بۈگۈنگىچە ساغلام چىپىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كۈچىنىڭ يىتىشىچە تىرىشىۋاتىدۇ ، يەنە تېخى بۇ ئىشنى كەسىپلەشتۈرۈش ، داۋاملاشتۇرۇش نىيىتىدە «دىيارىم پەن - تېخنىكا شىركىتى» نى قۇرۇپ چىقىپ ، تىما يوللىغۇچى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغۇچىنىڭ يەنە داۋاملىق مۇشۇنداق ئالماشتۇرۇش ئىلىپ بىرىشى ئۈچۈن تىگىشلىك تۆھپىسىنى قوشماقتا . تور بەت ياساش تېخنىكىسى بۈگۈنكى كۈندە ئوموملىشىپ كەتكەن بولسىمۇ بىراق ئاتامان مانا بۇ سەمەرىلىك ئەمگىكى ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن «بىر دەستە گۈل» نى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا بارغانسىرى يۈزلەندۈردى ھەم ئۇيغۇر يۇقىرى قاتلام زىيالىرىنى مۇشۇ يەرگە جەلپ قىلدى . بۇ ھەرگىزمۇ كىچىك ئىش ئەمەس ، بۇنىڭغا كۆز يۇمغانلىق نادانلىقنىڭ كۋادراتى ، نادانلىقنىڭ كۇپى ، نادانلىقنىڭ 64 - دەرىجىسىدىن  باشقا ئىش ئەمەس !!! شۇنداق ئىيتالايمەنكى : ئۆمرىدە (ھىچ بولمىغاندا قۇربان ھېييتا بولسىمۇ) بىرەر توخونى سويۇپ باقمىغان كىشىنىڭ تۆگە سويىدىغان قاسساپنىڭ ھۆنىرىگە باھا بىرىش سالاھىيىتى يوق !!!

باشقۇرغۇچىلار سىلەر نىمە ئىش قىلىپ بەردىڭلار ؟

بۇ سۇئالنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ئۆزى بىر بىمەنە ھەم قۇرۇق ھاياجان بىلەن ئىيتىلغان تۆھمەتكە باي پاسىقلىق !
ئالدى بىلەن دىيارىم تورىنىڭ ئايال (قىز) باشقۇرغۇچىلىرىمىزغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرغىنىمىزدە ئۇلارنىڭ خۇددى باشقا تور مۇنبەرلىرىدىكى مېھنەتكەش ، خالىس تۆھپە قوشۇش روھىغا باي باشقۇرغۇچى خانىم - قىزلىرىمىزغا ئوخشاش خالىس ئەمما ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى بايقىۋىلىشىمىز تەسكە توختىمايدۇ . ئۇلار بىر كۈنلۈك تۇرمۇشنىڭ «نان بىسىمى» ئۈچۈن جەمئىيەتكە تىگىشلىك تۆھپە قوشۇپ ئەجرىگە لايىق نىسىۋىگە ئىرىشىپ ئائىلىسىگە قايتىپ ئائىلىسىدىكى چىچىدىن تولا ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىپ ، بالىرىنى بىقىپ ، ئىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ ، ئاتا - ئانىسىنىڭ خىزمىتى قىلىپ يەنە ئەتىلىك تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش ئۈچۈن ئارام ئالماي يەنىلا مۇشۇ تور ئالدىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ئۆزى قانچىلىك بىلسە ياكى رىئالنى دۇنيادا ھىس قىلغان ۋە ياكى ئۆزى تورداشلارنىڭ بىلىۋىلىشى زۆرۈر دەپ قارىغان زۆرۈر ماتىريال ۋە يازمىلارغا تور جامائىتىگە سۇنماقتا . ئۇلار تور بىلەن ھەپىلەشمەي ئارام ئىلىپ ئەتىلىك خىزمەت ۋە ئۆگىنىشىنى ياخشى بىر ئارام ئىلىش شارائىتى بىلەن تەمىنلىسە بولاتتىغۇ ؟ ئۇلار پەقەتلا تىما كۆرۈپ توردىن چۈشۈپ كەتسىلا بولاتتىغۇ ؟ بىراق ئۇلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ «ئىلىپ بەر» دىگەن ھىكمىتىنى يادىدىم چىقارمىدى . بۇ قانداق روھ ؟؟؟ ئەجىبا بىز يەنىلا بۇ خىل ئىسىل روھنى مەدھىيلىمەي ، كۆككە كۆتۈرۈپ ئۇلارنىڭ بۇندىن كىيىن بىزگە يەنىمۇ ياخشى مەنىۋى ئوزۇقلارنى ئاتا قىلىشىغا مەدەت بەرمەي «چىۋىنگە بومبا ئىتىش» ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى تور دۇنياسىغا بىزگە مەنىۋى ئوزۇن ئاتا قىلغانلىقى ئۈچۈن رەسۋالىقىمىزنى نامايەن قىلىپ ئۇجۇقتۇرۋىتىشىمىز زۆرۈرمۇ ؟؟؟ ئۇلار تور ئالدىدا ئولتۇرماي مۇشۇنچىلىك ۋاقتىنى ھالال ھەم شەخسىيەتسىز ئىش ئۈچۈن سەرپ قىلدۇرماي ، قاتار چاي (خاتا چاي) ۋە ياكى رەڭلىك سورۇندا ، ئېسىل ئەمما مەينەت مېھمانخانىلاردا «ئەيدىز» نى كىيىنكىلەرگە ئۇدۇن قالدۇرىشىغا قىستىشىمىز بىزدىكى ئالىيجاناپلىق بولامدۇ ؟ ئۇلار ئىسسىق ئائىلىسىدە ئولتۇرماي ، مېھرىنى ئائىلىسىگە ، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا بەرمەي ئۆزىنى زەئىبلەشتۈرۈپ ئاقىۋەتتە بىر پۈتۈن مىللەت زەئىپلەشسۈنمۇ ؟ بۇ بىزدىكى ئاتالمىش «توغرا تەنقىدلەش ئۇسۇلى» مۇ ؟ بىز بۇنىڭ زىيىنىنى توغرا تونۇپ يەتتۇقمۇ ؟
تەرەققى قىلغان قىرىنداش ئەللەر ۋە مىلەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ۋاراقلىغىمىزدا ئۇلارنىڭ بىر - بىرىنى غاجاش ، بىر - بىرىنى «سوتلاش» ئارقىلىق تەرەققى قىلغان بولماستىن ، بىر - بىرىنى قوللاش ، يولىنى تاپالمىغانلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئىلىم - پەن شۇنداقلا مەدەنىيەت جەھەتلەردە دۇنياۋى ئىلغار مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى كۆرۈۋىلىشىمىز تەس ئەمەس ! بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان تارىخى رىئال پاكىت !!!

ئەمدى دىيارىم تورىنىڭ ئەر (ئوغۇل) باشقۇرغۈچىلىرىمىزغا سەگەك نەزىرىمىزنى ئاغدۇرغىنىمىزدا ئۇلارنىڭ (باشقا تور مۇنبەرلىرىدىكى باشقۇرغۇچىلارمۇ ھەم شۇنداق )جەمئىيەتتىكى روھى زەيىپ ، جىسمى بۇلغانغان كىشىلەردەك قاۋاقلاردا ، بەزمىخانىلاردا ، ياكى چىكەرمەنلەر سورۇنىدا ئاللاھ نىسىغا بەرگەن قىممەتلىك ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىۋەتمەي ، مۇشۇ زىيالىيلارنى ئاساس قىلغان توپقا قوشۇلۇپ ، ئۆزىنىڭ قولىدىن كىلىشىچە مۇشۇ سورۇندىكىلەرگە مۇلازىمەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش سەزگۈيىمىز بىلەن ئەمەس تەپەككۇر سەيگۈيىمىز بىلەن كۈزەتكىنىمىزدە ئۇلارنىڭ بۇ قىلىۋاتقانلىقىنى «بىكارچى» ، «ئەھمىيەتسىز» ، «ساراڭلىق» دىگەندەك تۆھمەتكە باي ھاقارەتلىك تىللىرىمىزدىن يىراق قىلالايمىز !

ئەلۋەتتە ، مەيلى قايسى بىر ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرىدە بولسۇن باشقۇرغۇچى ھەرگىزمۇ ئەۋلىيا ، ئەمبىيالار ئەمەس . ئۇلارمۇ ئەزالارغا ئوخشاشلا «مۈرىسىنىڭ ئۈستىدە بىشى بار» كىشىلەردىن ئىبارەت . ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ ئۈستۈن بولغانلىقى ئۈچۈن باشقۇرغۇچى بولغان بولۇشى ناتايىن ، ئەقىللىق كىشىلەرلار ئۇلار بەكلا ئەقىللىق بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن باشقۇرغۇچى بولغان بولماستىن بەلكى خالىس تۆھپە قوشۇش ئىڭىنىڭ باشقىلاردىن سەل پەرقلىق ئۈستۈن بولغانلىقى ئۈچۈنلا باشقۇرغۇچى بولغانلىقىنى قىينالمايلا بىلەلەيدۇ . مۇنبەرلەرنىڭ تەرەققياتى باشقۇرغۇچىلارنىڭ خالىس تۆھپىسىدىن ئايرىلالمايدۇ ، بىراق باشقۇرغۇچىلار بىردىنبىر ئاساس دىسە بىر تۈركۈم خالىس ئەزالارنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەقلى ھەم خالىس ئەمگەكلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىۋەتكەن بولمايمىزمۇ ؟؟!!
باشقۇرغۇچىلارنىڭ مۇنتىزىم مائارىپ تەربىيىسى قاتلىمىدا پەرقلەرنىڭ بولۇشى شۇنداقلا ئائىلە ، مەكتەپ ، جەمئىيەت تەربىيىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى شۇنداقلا ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىشى قاتارلىق جەھەتلەردە پەرقلەرنىڭ كۆرۈنۈشى بۇ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى خالاس . ئۇلارمۇ بۇنداق بولۇشنى ئىچ - ئىچدىن خالاپ كەتمەسلىكى مۇمكىن . مىنىڭچە ئۇلار ئۆزىدىكى كەمچىللىكلەرنى تونۇغان ھاماتلا ھاماقەت ۋە تەكەببۇرلۇق پسىخىكىسنى بۇرۇن يىتىلدۈرىۋالمىغان بولسىلا تۈزىتىدۇ ھەم تۈزىتەلەيدۇ . بىراق ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش ئاقىلانىلىكتىن دىرەك بىرىپ كىتىشى ناتايىن !!! چۈنكى ، چىمەنلەرنىڭ ئىچىدە نازۇك چىمەن بار ، ئەمەسمۇ ؟؟؟!!! (شۇڭا مۇشۇنچىلىك قىلىپ باشقۇرۇپ كەلگەنلىك كىچىك ئىش ئەمەس ، ھەممە ئىشتا باشقۇرغۇچى مۇنازىرىگە تەشكىللىمىدى ، باشقۇرغۇچى ئۇنداق قىلمىدى ، مۇنداق قىلمىدى دەپ ھەممىدە باشقۇرغۇچىلارغا قارىغۇلارچە تايىنىۋىلىش ئەقىل چولتىلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس !مۇنازىرىگە ئەزالارمۇ تەشكىللىيەلەيدۇ ، ياخشى تىمىلارنى ئەزالارمۇ قىلىلايدۇ ، بۇ ھەم ئەزالارنىڭمۇ باش تارتىپ بولمايدىغان شەرەپلىك بۇرچى !!!)


«ئاپتور» ئۆزىنىڭ «يازما» سىدا دىيارىم مۇنبىرىنى «ئۇنۋېرسال مۇنبەر» دەپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ شەرھىيسىدە مۇنبەردىكى مەلۇم بىر ئەدىپ ئۈستىدە ئۇزۇن توختالغان ھەم بۇ مۇنبەرنى خۇددى ئەدەبىي - يىزىقچىلىق مۇنبىرىدەك شائىر ۋە ئەدىپلەرنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان . بىراق ئۇنۋېرسال مۇنبەرنىڭ ئەدەبىيات سەھىپىسىدىن باشقا سەھىپىلىرىنىڭمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىگە سەل قارىغان . شۇڭا «ئاپتور» نىڭ بۇ «يازما» سىنى ئوقۇرمەنلەر ئۆزى تېخى پىششىق تونۇپ بولالمىغان ئۇقۇملارنى بىزنىڭ كاللىمىزغا ئاتكاچىلىق بىلەن سىڭدۈرمەكچىمىدۇ ؟ دىگەن تۇيغۇغا كەلتۈرمەي تۇرالمىدى . «ئاپتور» نىڭ «يازما» سىدا گەرچە «ئۇنۋېرسال مۇنبەر» ئۇقۇمى كۆپ تىلغا ئىلىنغان بولسىمۇ بىراق دىيارىم مۇنبىرىنى خۇددى «خاس مۇنبەر» دەك تەسۋىرلىگەن . ھەم ئۆزىمۇ ئىنىق ئايرىيالمايدىغان تەلىماتىنى بىزنىڭ كاللىمىزغا زورلاپ تاڭماقچى بولغان ، دىگەن ئۇقۇم ئوقۇرمەنلەردە ئاسانلا شەكىللەندۈرۈپ قويدى ، دەپ قاراشقا بولىدۇ .

خۇلاسە كالام :
شۇڭا ، بىر مۇنبەرنىڭ مۇنبەر مەسئۇلى ۋە باشقۇرغۇچىلىردىن سىلەر مۇنبەر ئۈچۈن نىمە ئىش قىلىپ بەردىڭلار ؟ دەپ سوراشتىن بۇرۇن ، ئۆزىدىن :«مەن مۇنبەر ئۈچۈن نىمە ئىش قىلىپ بەردىم !» دىگەن ئاقىلانە سۇئالنى سوراپ بىقىش كەمتەرلىك ھېسابلىنامدىكىن دەيمەن .
يۇقارقى تىمىغا پەقەتلا تەپەككۇر دەلدۈشلىكى ھەم تەپەككۇر ھورۇنلىقى مۇجەسسەملەنگەن تىما دىگەن باھانى بىرىشكە مەجبۇرمەن .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(saba7911) ھەقىقەت
شۆھرەت:+10(Ay~chiwar) جېنى بار گەپ
retim BLOG
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-02 17:35 |
kolqi
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 17885
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 35
شۆھرەت: 43 نۇمۇر
پۇل: 111 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

مەن نېمە دىسەم بولا نۇربەگ؟

ماقالەڭغۇ بەك بەلەن بوپتىكەن. بىراق <<دىيارىملىقلا >> دېگەن گېپىڭ زەردەمنى قايناتتى. گەرچە مۇشۇ مۇنبەردىكى بەزىلەردە شۇنداق ئىدىيە بولسىمۇ؟
retim BLOG
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-02 19:43 |
owqe
ۋەتەن
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 9693
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 890
شۆھرەت: 856 نۇمۇر
پۇل: 2912 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 89(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-12

 

نۇربەگ ئاكا دىيارىمدا ماڭا ئوخشاش ھەۋەسكارلار كۆپرەك.
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-02 20:06 |
jan-pida
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26111
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
پۇل: 128 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-03

 

ھۆرمەتلىك مۇئەللىپ ئەپەندى يازغانلىرىڭىز ھەقىقەتەن ئەمىليەتكە ئۇيغۇن. مۇنبەردىكى پىدايى پوداقچىلارنىڭ ھەر خىل ياغلىما ئىنكاسلىرىنى ساۋايدىغان چاغ كەلدى . بىراق،  يازمىڭىزدا ئارغىتۇغ ناملىق ئەجنەبىچە تەپەككۇر شەكلى بىلەن شېئىر يازىدىغان بىر بالىنى ئالاھىدە ماختاپ ئۇچۇرۇپ ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ كەتكىنىڭىز  ئەجەبا سىزنىڭ خوشامەتچى تەخسىكەش ئىكەنلىگىڭىزنى ئىسپاتلاپ قويامدۇ قانداق..؟
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-03 16:04 |
jan-pida
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26111
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
پۇل: 128 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-03

 

ماۋۇ يولباشچى دىگەن بالىمۇ كۆرەڭ تەنتەك بالىمۇ نىمە..؟  سىز جانابى باشقۇرغۇچى بولغاندىكىن سىزگە تىگىۋاتامدۇ يا؟ ماڭقاراڭ ئۇكام بىزدە خەلىق ئۈچۈن ئىشلەش قۇربان بىرىش روھى بۇلۇشى كېرەك بىلدىڭىزما.. خالىس ئەجرىڭىزدىن سۆيۈنسەكمۇ مەمەدانلىغىنىڭىزدىن ئۆكۈنمەي تۇرالمايمىز.
سىز، سىزگە پەقەت خاس بولمىغان يەڭگىللىك بىلەن پىكىرقىلىپسىز .. تۇللۇق ئۇقۇڭ ھەم تۈزىتىڭ .
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [15 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-03 16:11 |
maslihatqi
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 23481
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 427
شۆھرەت: 438 نۇمۇر
پۇل: 1390 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 56(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

مەن بۇ شىېرنى ياقتۇرۇپ قالدىم دىسەممۇ بولىدۇ  . بۇنداق دىيىشىمدىكى مەقسەت مەن شىئىرنىڭ مەزمۇنىغا بەكرەك دىققەت قىلىمەن . بەزى شائىرلار قاپىيە كەلتۈرىمىز دەپ مەزمۇندىن چەتنەپ كىتىدىغان، سۆز ئىبارىلەرنى مەجبۇرى ئىشلىتىپ قويىدىكەن .بۇنىڭ بىلەن بۇ شئىېر بەك  ساددا بوپ قېلىپ جەلىپ قىلىش كۈچىدىن ئايرىلىپ قالىدىكەن . شىئېر ئادەمنىڭ ئىلھامىنى قوزغىغان ئىكەن ،شئىېرىي مەزمۇن ،ئەلۋەتتە ماس ھالدا تەپەككۇرگە ئەگىشەلىشى كىرەك .
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [16 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-04 00:21 |
kapaktirak
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26257
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 31
شۆھرەت: 31 نۇمۇر
پۇل: 203 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-15

 

ياخشى تىما ...    
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [17 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-06 13:07 |
yalqun
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 20290
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 20
شۆھرەت: 20 نۇمۇر
پۇل: 177 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 55(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

نۇربەگ
ئارتۇرۇغنىڭ تالانتىغا مەنمۇ قول قويۇمەن . گېپى ئوچۇق ، توغرا سۆزلىك ، بىلىملىك يىگىت ئۇ . بىراق بۇرۇادەر بەزى گەپلەرىڭ مېنىڭ سەل پەل كاللامدىن ئۆتمەيۋاتىدۇ .
تىماڭدىكى ئاتۇرۇغقا مۇناسۋەتلىك قىلغان گەپلىرڭگە قايتا قاراپ باققىن .
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [18 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-07 20:38 |
hazritim
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 26077
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 118
شۆھرەت: 118 نۇمۇر
پۇل: 499 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 35(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-13

 

ئاي-چىۋەر نىڭ پىكىرى بەكمۇ ئورۇنلۇق بوپتۇ، ھازىر ئويۇن تاماششاغا قىزىقىدىغانلانلامۇ ئاز ئەمەس، لىكىن ئىقتىزاتقا قىزىقىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ! ئاكسىيە،پايچەك،جىجىن قاتارلىقلار ھەققىدە ساۋھت بىرىلسە، ئاكسىيە ، جىجىن قاتارلىقلارنىڭ كۆرسەتكۈچ سىخىمىلىرى چىقىرىلسا نىمە دىگەن ياخشى،ھە! ھەممە ئادەم خەنزۇچىنى ياخشى بىلمەيدۇ،دە!
qarluq
چوققا [19 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-07 22:22 |
qakmak
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 328
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 49
شۆھرەت: 41 نۇمۇر
پۇل: 228 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-07

 

نۇربەگ ماقالىنى ياخشى يازالمايدۇ،لېكىن ئۇنىڭ دېمەكچى بولغانلىرى سەمىمىي گەپلەر، رەددىيە بەرگۈچى ماقالىدىكى تۇتامغا چىقمايدىغان گەپ ۋە پۈچەكلىكىنى تۇتۇۋېلىپلا ئۆزىنى بۇنچىۋالا ئاقلاپ كەتسىمۇ بولماس!
دەرۋەقە ئاتامان ئەپەندى نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى،داڭلىقلارنى تەكلىپ قىلدى. لېكىن ئۇنىڭ بۇ تىرىشچانلىقى پەقەت ئەشۇ بىر قېتىملىق بىلەنلا توختاپ قالدى.

دىيارىم كۆركەملىك جەھەتتە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ،لېكىن ئاۋامنى سۈپەتكە يېتەكلىمىسەك زادى ياخشى بولمايدۇ.

رەددىيە بەرگۈچى ئارتۇقچە چىڭقىلىپ ئازراق قاملاشمىغان گەپلەرنى يېزىپ قويۇپتۇ،بۇندىن كېيىن ئۇنداق قىلمىسىڭىز.
qarluq
چوققا [20 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-08 22:13 |
UYGURIYA23
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 19347
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 845
شۆھرەت: 874 نۇمۇر
پۇل: 2680 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 4 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 78(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-16

 

  ئايچېۋەر ھەدەمنىڭ گېپىنى ئويلىنپ قالدىم ...................................
qarluq
چوققا [21 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-10 12:18 |
manxu@1
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 22015
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 962
شۆھرەت: 962 نۇمۇر
پۇل: 3137 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 128(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

نەسىھەت  ئاچچىق .......................
بايا« بىر مۇنبەرنىڭ مۇنبەر مەسئۇلى ۋە باشقۇرغۇچىلىردىن سىلەر مۇنبەر ئۈچۈن نىمە ئىش قىلىپ بەردىڭلار ؟ دەپ سوراشتىن بۇرۇن ، ئۆزىدىن :«مەن مۇنبەر ئۈچۈن نىمە ئىش قىلىپ بەردىم !» دىگەن ئاقىلانە سۇئالنى سوراپ بىقىش كەمتەرلىك ھېسابلىنامدىكىن دەيمەن . »دەپ  تۇرسىمۇ  يەنە  ئاغزىغا  كەلگەننى  سۆزلەيدىغان ...................لار  باركەن .
 
qarluq
چوققا [22 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-12 08:56 |
hoxqakqak
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 19426
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 815
شۆھرەت: 710 نۇمۇر
پۇل: 2129 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 5 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

رەخمەت 
qarluq
چوققا [23 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-16 02:30 |
el-balisi
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26847
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 13
شۆھرەت: 13 نۇمۇر
پۇل: 149 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-22

 

ئىجادىيەت
qarluq
چوققا [24 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-16 04:30 |
تىكەن
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26844
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
پۇل: 158 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-10

 

مۇشۇ تېما ئىگىسگە خېلى دىققەت قىلىۋاتىمەن.بىرەر شەخس ياراپ قالسا،شۇنى ماختايمەن دەپ ئۆزىنىڭ نىمىلەرنى يېزىپ كېتىۋاتقانلىقىنىمۇ سەزمەي قالىدىكەن.مەن گەپ قىلماي،گەپ قىلسام سانجىلىپ كەتمەي يەنە. لېكىن شۇنى دىمىسەم بولمايدۇ،ماۋۇ بەت،باشقۇرغۇچىلار،ئەزالار يارىمىغان بولسا،يارايدىغان تور بەتلەرگە مەرھەمەت........يول ئوچۇق..........
qarluq
چوققا [25 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-16 11:28 |
hussein
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 25158
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 86
شۆھرەت: 96 نۇمۇر
پۇل: 40 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

ئەزالار قانداق قىلساق <دىيارىم> ئۈچۈن ياردەم قىلالايمىز؟
qarluq
چوققا [26 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-24 18:53 |
dolanim
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 23269
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 126
شۆھرەت: 147 نۇمۇر
پۇل: 502 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-11

 

بۇ جاھاندا يۈزدە يۈز ، نۇقسانسىز ئادەم بولمايدۇ . قىلغان ئىشلىرىمىزمۇ بىراۋلارغا يارىسا ، بىراۋلارغا پەقەتلا ياقمايدۇ . مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن پىكىر - تەلەپلەر بولغاندىلا جەمئىيەت تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدۇ . دىيارىمنىڭ ئۇيغۇر تورچىلىقىدا مۇشۇنچىلىك بولالىشىدا ، باشقۇرغۇچىلارنىڭ ۋە ئەزالارنىڭ تۆھپىسى زور . مەسىلىنى ئانالىز قىلغاندا ، ئۆزىمىزنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ تۇرۇپ مۇلاھىزە قىلساق ، تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلالايمىز . نېمە ئىش قىلدىڭلار ؟ دېگەندىن كۆرە يەنە نېمە ئىشلارنى قىلىشنى ئويلىشىۋاتىسىلەر ؟ دېسەك ، باشقىلارغا ئويلىنىش ئاساسى يارىتىپ بېرەلەيتتۇق . ھېچقاچان بوباق تۇغۇلۇپلا ئۆزلىگىدىن چوڭ بولۇپ قالغان ئەمەس ، ئۇنى تۇغماق تېخىمۇ قېيىن . ھەممەيلەننىڭ سىڭگەن ئەجرىنى بىر ياققا قايرىپ قويساق مېنىڭچە مۈشۈككە ئوخشاپ قالىمىز . ھەر ساھەدە ، ھەر قايسى قاتلامدا ئۆز رولىمىزنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرساقلا ، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ . دىيارىممۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(yolbaxqi-ksg) ئەقلى ئىنكاس
qarluq
چوققا [27 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-27 02:20 |
gohar
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 18349
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1792
شۆھرەت: 1735 نۇمۇر
پۇل: 5200 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-16

 

بۇ تىمىنى يوللىغان تىما ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت ! مۇشۇنداق تىمىلارنىڭ بولىشى دىرارىم تور بىتىنىڭ شۇنداقلا بۇ مۇنبەرنىڭ ئۈزلىكسىز تەرەقىياتى ئۈچۈن پايدىلىق دىسەك بولۇدۇ .
نۇربەگ ئەپەندىمنىڭ سۆلىرىنىڭمۇ ئاساسى باردەك قىلىدۇ .ئۇنىڭ پىكىرلىرىنىڭ ئورۇنلۇق تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلغان ئاساستا ،ئۇنىڭ نا مۇۋالىق بولغان پىكىرلىرىگە قارىتا چۈشەنچە بىرىش مىنىڭچە ئاقىلانىلىق بولامدىكى دەيمەن .
يۇقۇردا بىر قىسىم باشقۇرغۇچىلار سۇرالغان سۇۋالغا بەكمۇ ئەستايىدىل قايىل قىلارلىق جاۋاپلارنى قايتۇرۇپتۇ .ئۇلارنىڭ دىگەنلىرىمۇ بەرھەق .
بىز ئاۋال ھەرقانداق ئىشنى مەن قىلغان بولسام قانداق قىلار ئىدىم ؟دىگەن سۇۋالنى ئۆزىمىزگە قويۇپ باقساق ،بەلكىم سۇرىغان سۇۋاللىرىمىزنىڭ جاۋابىغا ئىرىشىپمۇ قالار ئىدۇق .
مەن باشقۇرغۇچى بولۇپ قالسام قانداق قىلار ئىدىم ؟نىمە ئىشلارنى قىلىپ بىرەر ئىدىم دەپ ئويلۇنۇپ كۆرۇشىمىز كىرەك ئەلۋەتتە .
مۇنبەرنىڭ بۇگۈنكىدەك تەرەقىياتىدا  باشقۇرغۇچىلارنىڭ شۇنداقلا ئەزالارنىڭ ئاز بولمىغان مىننەت تەرى سىڭگەن .ئۇنداق بولمىغاندا دىيارىم تور بېتى ھەممە تور بەتلىرىدىن ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ ،ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ كۆزى بولۇپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايىتتى .بۇممۇ شۇ مىننەتسىز تەر ئاققۇزىۋاتقان جاپاكەش باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ توھپىسى .
مەنچە دىيارىم تور بېتى ئىسمى جىسمىغا لايىق  تور بەتلىرى ئىچىدىكى چاقناپ تۇرغان مەرۋاتىت دىسەك ئارتۇق كەتمەس .قىسقىسى بۇ تور بېتى ھەممە قايىل بولىۋاتقان سان سۇپەت جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندىكى تور بېتى ھىساپلىنىدۇ .
ئەزالارنىڭمۇ بۇ نەتىجىدە بىر كىشلىك تۆھپىسى بار ...
ئالتۇنمۇ ساپ بولمىغىنىدەك ،بۇ تور بىتىنىڭمۇ ئاز -تولا  يىتەرسىزلىكلىرى مەۋجۇت .بۇلارنى بارا -بارا تولۇقلاشقا بولۇدۇ .5قولنى بىرلا ئىغىزغا تىقىۋېلىشمۇ مۇمكىن ئەمەسقۇ ؟!!!
باشقۇرغۇچى خادىملارنىمۇ بىر تاياقتا ھەيدەشكىمۇ بولمايدۇ ،<<ياخشى بار يەردە يامان بار ،ئاق بار يەردە قارا >>دىگەندەك بۇلارنىڭمۇ ئىچىدە <<ئېتى ئۇلۇق، سۇپرىسى قۇرۇق>>لارمۇ يوق ئەمەس .
دىمەكچى ھەممىنى ئېغىزدا دىمەك ئاسان بولغىنى بىلەن قول سېلىپ قىلماق تەس ،بۇنى ھەرقانداق ئەقلى ئويغاق كىشى ھىس قىلالايدۇ .بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارماقمۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەس .<<ھەركىم ھەر نىمە دەيدۇ ،بېشىغا كەلمەيدۇ بىلمەيدۇ >>دەپ .ئۆز بېشىغا كەلسە ھەممىنى %100قىلىمەن دىيەلمەيمىز .
بۇندىن كىيىنكى مۇساپىمىزدە باشقۇرغۇچى ھەمدە ئەزالار ئۆز ئارا ئىناق ئىجىل بولۇپ ،دىيارىم ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشايلى !!!ئۆزىمىزنىڭ مۇۋاپىقىيىتىدىن مەغرۇرلۇنۇپ ياستۇق قىرلاپ ياتماي داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ بىزدىن ئېشىپ چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ھەر ۋاقىت ئېلىپ تۇرساق ،مۇۋاپىقىيەت ھامان بىزگە مەنسۇپ بولۇدۇ !!!
بىخوتلۇق كىشىنى ھالاك قىلىدۇ ،ئۆز -ئۆزىمىزدىن مەغرۇرلانماي كەمتەرلىك بىلەن بىرلىكتە تىرىشساق دەپ ئويلايمەن .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(yolbaxqi-ksg) ئەستايىدىل پ
qarluq
چوققا [28 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-01 01:33 |
mustafajan
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 27876
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 106 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-03

 

ئايچىۋەر  گېپىىڭىزنى ئويلىنپ قالدىم.سوزىڭىز بەك ورۇنلۇخ.ھارمىفايسىلەر!
دىيارىم مۇنبىرىدىكى بەزى سەھىپىلەرنى ئىسلاھ  قىلىشقا ، يەنە بەزى باشقا تور بېكەتلىرىدە يوق  بولغان مۇھىم سەھىپىلەرنى قېتىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن . دىيارىم تورى تور ئارقىلىق كىشىلەرگە نەپ بېرىشى ، باشقىلارمۇ دىيارىم ئارقىلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋېلىشى ياخشى باشلىنىش ھەم تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى بولغۇسى.؟
يولباشچى سىزنىڭمۇ قولىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن!
ئالدى بىلەن دىيارىم تورىنىڭ ئايال (قىز) باشقۇرغۇچىلىرىمىزغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرغىنىمىزدە ئۇلارنىڭ خۇددى باشقا تور مۇنبەرلىرىدىكى مېھنەتكەش ، خالىس تۆھپە قوشۇش روھىغا باي باشقۇرغۇچى خانىم - قىزلىرىمىزغا ئوخشاش خالىس ئەمما ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى بايقىۋىلىشىمىز تەسكە توختىمايدۇ . ئۇلار بىر كۈنلۈك تۇرمۇشنىڭ «نان بىسىمى» ئۈچۈن جەمئىيەتكە تىگىشلىك تۆھپە قوشۇپ ئەجرىگە لايىق نىسىۋىگە ئىرىشىپ ئائىلىسىگە قايتىپ ئائىلىسىدىكى چىچىدىن تولا ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىپ ، بالىرىنى بىقىپ ، ئىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ ، ئاتا - ئانىسىنىڭ خىزمىتى قىلىپ يەنە ئەتىلىك تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش ئۈچۈن ئارام ئالماي يەنىلا مۇشۇ تور ئالدىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ئۆزى قانچىلىك بىلسە ياكى رىئالنى دۇنيادا ھىس قىلغان ۋە ياكى ئۆزى تورداشلارنىڭ بىلىۋىلىشى زۆرۈر دەپ قارىغان زۆرۈر ماتىريال ۋە يازمىلارغا تور جامائىتىگە سۇنماقتا . ئۇلار تور بىلەن ھەپىلەشمەي ئارام ئىلىپ ئەتىلىك خىزمەت ۋە ئۆگىنىشىنى ياخشى بىر ئارام ئىلىش شارائىتى بىلەن تەمىنلىسە بولاتتىغۇ ؟ ئۇلار پەقەتلا تىما كۆرۈپ توردىن چۈشۈپ كەتسىلا بولاتتىغۇ ؟ بىراق ئۇلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ «ئىلىپ بەر» دىگەن ھىكمىتىنى يادىدىم چىقارمىدى . بۇ قانداق روھ ؟؟؟ ئەجىبا بىز يەنىلا بۇ خىل ئىسىل روھنى مەدھىيلىمەي ، كۆككە كۆتۈرۈپ ئۇلارنىڭ بۇندىن كىيىن بىزگە يەنىمۇ ياخشى مەنىۋى ئوزۇقلارنى ئاتا قىلىشىغا مەدەت بەرمەي «چىۋىنگە بومبا ئىتىش» ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى تور دۇنياسىغا بىزگە مەنىۋى ئوزۇن ئاتا قىلغانلىقى ئۈچۈن رەسۋالىقىمىزنى نامايەن قىلىپ ئۇجۇقتۇرۋىتىشىمىز زۆرۈرمۇ ؟؟؟ ئۇلار تور ئالدىدا ئولتۇرماي مۇشۇنچىلىك ۋاقتىنى ھالال ھەم شەخسىيەتسىز ئىش ئۈچۈن سەرپ قىلدۇرماي ، قاتار چاي (خاتا چاي) ۋە ياكى رەڭلىك سورۇندا ، ئېسىل ئەمما مەينەت مېھمانخانىلاردا «ئەيدىز» نى كىيىنكىلەرگە ئۇدۇن قالدۇرىشىغا قىستىشىمىز بىزدىكى ئالىيجاناپلىق بولامدۇ ؟ ئۇلار ئىسسىق ئائىلىسىدە ئولتۇرماي ، مېھرىنى ئائىلىسىگە ، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا بەرمەي ئۆزىنى زەئىبلەشتۈرۈپ ئاقىۋەتتە بىر پۈتۈن مىللەت زەئىپلەشسۈنمۇ ؟
qarluq
چوققا [29 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-01 02:37 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﻮﺑﺰﻭﺭ - ﺗﻪﻧﻘﯩﺖ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :09-17 17:39
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号