مائارىپ نازارىتىگە تەكلىپ بېرەيلى ! «شەيىخ»
ئەسلى مەنبە : ئويغۇر مائارىپ تور بىرلەشمىسى
http://www.xjmaarip.com/read.php?tid=670ئۇزۇندىن بۇيان شۇنداق بىر خىيال كاللامغا كېلىۋالدى ، بۇگۇن بۇ خىيالىمنى تورداشلارغا دەپ باقسام ، سىلەرمۇ ئۆز پىكرىڭىلارنى قالدۇرۇپ باقساڭلار .....
تەكلىپ نامى :
قوش تىللىق دەرسلىكلەرنى نەشىر قىلىش ۋە ئىشلىتىش توغرىسىدا تەكلىپ
تەكلىپ سۇنىلدىغان ئورۇن :
ش ئۇ ئا ر مائارىپ نازارىتى
تەكلىپ سۇنۇشتىكى مەقسەت ؛
ھازىر قوش تىل ئوقۇتۇشى نۇرغۇن جايلاردا نۇقۇ ل ھالدا يەككە تىللىق ئوقۇتۇش بۇلۇپ قالماقتا . قوش تىل ئوقۇتۇشى ئۈچۈن ئېنىق بىر بەلگىلىمە ۋە ئېنىق بىر ھۆججەت بىر تۇتاش ئىشلىتىدىغان دەرسلىك يوق ....نۆۋەتتە قوش تىل سىنىپلىرىغا خەنزۇچە دەرسلىكلەر ئىشلىتىلمەكتە . ئەمىلىيەتتە " قوش تىللىق ئوقۇتۇش " دىيىلگەن ئىكەن ، ئويغۇرچە ۋە خەنزۇچە ئارىلاش بولغان مەخسۇس دەرسلىك تۈزۈپ چىقىش ھەمدە دەرسلەرنى شۇ قوش تىل دەرسىلىكى بۇيىچە ئۆتۈش كېرەك . قوش تىللىق دەرسلىكلەردە شۇ پەندىكى كۆپ ئىشلىتىلدىغان ئاتالغۇلار ئويغۇرچە خەنزۇچە سۆزلىكلەر لوغىتى قىلىپ چۈشۈرلىشى ، مۇھىم قائىدە - قانۇنىيەتلەر ، ئوقۇغۇچىلار ياد بىلىشكە تىگىشلىك مەزمۇنلار ، خەنزۇتىلىدا سۆزلىسە ، ئاڭلىسا چۈشۈنىشكە قىينىلىدىغان مەزمۇنلار ئۇيغۇر يىزىقىدا شۇ دەرسلىككە چۈشۈرلىشى كېرەك . ئەگەر بىز داۋاملىق يەنە خەنزۇچە دەرسلىكلەرنى ئىشلىتىدىغان بولساق ، بۇ قوش تىللىق ئوقۇتۇش دىگەن خاراكتىردىن ئۆزگىرىپ كېتىدۇ . ھەتتا قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئېلىندىغان ئىمتىھانلارغىمۇ ، بىر قىسىم مۇھىم جايلاردا ئويغۇر يىزىقىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۇئال چىقىرىش كېرەك .....
«قوش تىللىق مائارىپ»تەدبىرىنىڭ غايىسى بولسا مەملىكىتىمىزدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مەۋ جۇد تىل _يىزىقىنى ،شۇ جۇملىدىن ئاز دىگەندىمۇ 1500يىلدىن بۇيان قوللىنىپ كىلۋاتقان ئۇيغۇر تىل يىزىقى ئۆزساھەسىدە ،جۇڭگو تۇپرىقىدا دۆلەت تىلى قىلىپ قوللىنىۋاتقان خەنزۇتىلى بىلەن تەڭ باراۋەر قوللىنىلىش ئىمكانىغا ئىگە قىلىش ۋە ئىمكانىيەت مەيدانىنى ئەبەدىي قوغداشتىن ئىبارەتكى ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر تىل – يىزىقىنى ئاداققىي جەھەتتە يوقىتىپ تاشلاش ئەمەس.
دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى قانۇنىدا مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن :
« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى تەڭ – باراۋەردۇر. دۆلەت ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىغا ۋە مەنپەئەتلىرىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ: ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ، ئىتتىپاقلىق ۋە ئۆز ئارا ياردەملىشىش مۇناسىۋەتلىرىنى قوغدايدۇ... ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تىل – يىزىقىنى قوللىنىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە »
مۇشۇنداق بىر تەكلىپنى بىز ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتىگە بىرىشىمىز كېرەك ... ئەگەر ئۇ يەردە مۇناسىپ جاۋاپقا ئىرىشلىمىسە ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتىتىغا رەسمى تەكلىپ سۈپىتدە سۇنۇشقىمۇ بۇلىدۇ .
ئۇيغۇر تىلى – ئۇيغۇرنىڭ جېنى! جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنىدە ئۇيغۇر مىللىتى ئۆزىنىڭ جېنىنى قوغدىيالايدىغان بولۇشى كېرەك ۋە چوقۇم قوغدىيالايدۇ !
چۈنكى ، جۇڭگودا كومپارتىيىنىڭ ئادالىتى بار . خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ « ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تىل –يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە » دېگەن كاپالىتى بار !
شۇڭا مۇشۇ تېمىنى ئوقۇغان قېرىنداشلار بۇ ئىش توغرىسىدا ياخشى تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرسە ، قەلەم قۇۋۋىتى كۈچلۈك تورداشلار تەكلىپنىڭ مەزمۇنىنى يېزىپ چىقسا ... ئۇيەردىن - بۇيەردىن ئاۋاز قۇشۇپ تەكلىپنى مۇكەممەل تۈزۈپ چىقساق ئاندىن يۇقۇرىغا تاپشۇرساق ...
ئەگەر تورداشلار مۇمكىن بولسا بۇ تېمىنى بارلىق ئويغۇر تور بىكەتلىرىگە كۆچۈرۈپ يوللىساڭلار ، بىز ئاۋال توردا كەڭ كۈلەملىك پىكىر ئېلىش ئېلىپ بارايلى ...
قانچىلىك ئوقۇتقۇچى قوش تىللىق دەرسلىك ئىشلىتىشنى ئۈمۈت قىلىدۇ ؟