ئۇستۇن ئاتۇشنىڭ داڭلىق پالۋانلىرى
|
|
UID نۇمۇرى : 17978
دەرىجە:
ئالىي ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
5
يازما سانى: 3085
ئۇنۋان:
16 دەرىجە
شۆھرەت: 2656 نۇمۇر
پۇل: 9299 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07
|
|
|
|
داۋامى: 2. پەخرى ئۇستاز ئارىپ پالۋان:
ئارىپ پالۋان ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئاتۇش يېزىسىنىڭ دىخانلا كەنتىدىن بولۇپ ،1892-يىلى تۇغۇلغان .ئۇنىڭ دادىسى ئۆمەر ھاجى يۈرۈتتىكى ھال -ھوقۇقى ياخشى كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى .ئارىپ پالۋان ،دادىسىنىڭ ئارزۇلۇق ئوغلى بولۇپ ،ئىگىز بوي ،تەمبىل ،قاۋۇل ئىدى .ئۇ 7-8ياش ۋاختىلىلىرىدىلا تەڭتۇشلىرى بىلەن بەل تۇتۇشۇپ چېلىشىپ ئوينايىتتى .ئۇ ھەم ئىگىز ھەم ئۇستىخانلىق بولغاچقا ،باشقىلار ئۇنى يىقىتالمايىتتى ئۇ 17-18ياش ۋاخلىرىدا قەشقەر خانلىق مەدىرىستە ئوقۇۋاتقان چېغىدا قەشقەردە ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر قېتىملىق چېلىش سورىنىدا قەشقەر دۆلەت باغلىق پالۋان ئىمىن ئاخۇننى يىقىتىپ ،چېلىشىش ئەھلى ۋە مەدىسە تالىپلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشكەن .شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭغا <<ئارىپ پالۋان >>دىگەن نام سىڭىپ قالغان .تۇنجى قېتىملىق بۇ نەتىجە ئۇنى تېخىمۇ غەيرەتكە كەلتۇرگەن .يۇرتاشلىرى ئۇنىڭغا زور ئىلھام ۋە مەدەت بەرگەن .دادىسى ئۇنىڭغا ھەر جەھەتتىن يار يۆلەك بولغان .كىيىنكى چاغلاردا ئۇ ئاتۇشنىڭ قايراق ،كاتتايلاق ،ئازاق ،قەزقەرنىڭ ئوپال ،تاشمىلىق ،يېڭىسار ،پەيزەۋات قاتارلىق جايلىرىدىكى داڭلىق پالۋانلارنى يىقىتقان . 1922-يىلى ئارىپ ئاخۇن ئاتۇشلۇق سودىگەرلەر بىلەن بىللە قىرغىزىستان ،ئۆزبىگىستان ،قازىغىستان جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئەنجان ،ئوش ،جالال ئابات ،ئالمۇتا ،تاشكەنىت ،توخماق ،مەرغۇلان،نەمەنگان ،قوقان قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ،سەيلى سايائەت قىلغان ۋە شۇ جايلاردىكى چېلىشىش سورۇنلىرىدا دۇيشە،ئىلىخان ،سۇلتان ،قارا پالۋان قاتارلىق يېنى يەرگە تەگمىگەن داڭلىق پالۋانلار بىلەن بەل تۇتۇشۇپ ھەممىسىنى يىقىتقان ئۇ يەنە قازىغىستاننىڭ داڭلىق بىر پالۋىنىنى يىقىتىپ ،بىر توققۇز (تۆگە قاتارلىق توققۇس تۇياق مال )بىلەن مۇكاپاتلانغان . ئارىپ پالۋان تولغان چاغلىرىدا 130كىلو گىرام كىلەتتى .ئۇنىڭدا ئاجايىپ زور كۈچ قۇۋەت بار ئىدى .ئۇنىڭ چېلىشىش ھەركىتىدىكى مۇيۇم ئالاھىدىلىكى شۇكى ،ئۇ رەقىپلىرىنى مىجىپلا ئولتۇرغۇزۇپ قوياتتى .پىشقەدەملەرنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە ،ئۇ كىشىلەر يەردىن كۆتۇرۇپ ئالالمىغان يوغان تاشلارنى ئۆگزىلەرگە ئىرغىتىپ تاشلىيالايدىكەن ،150كىلو گىرام ئېغىرلىقتىكى ئاشلىق قاچىلانغان چوڭ تاغارنى ئۆزى يالغۇز ئېشەككە ئارتالايدىكەن . ئارىپ پالۋان 1957-يىلى 65ياشقا كىرىپ قالغىنىغا قارىماي ،قىزىلسۇ ئوبلاتى بويۇچە ئۆتكۈزۈلگەن چېلىشىش مۇسابىقىسىدە ياش پالۋانلار قاتارىدا بىلىگە بەلۋاغ باغلاپ چېلىش مەيدانىغا چۈشكەن .لىكىن ،ئۇنىڭ بىلەن بەل تۇتىشالايدىغان ئادەم چىقمىغان .شۇنىڭدىن كىيىن ئارىپ پالۋانغا <<پەخرى پالۋان >>دىگەن نام بىرىلگەن .ئارىپ پالۋان ياشىنىپ قېلىپ چېلىشىشتىن قالغان چاغلىرىدىمۇ چېلىشىش سورۇنلىرىدىن قالمىغان .ئۇ ياشلارغا دايىم ئىلھام بىرىپ تۇرغان ۋە چېلىشىش پالىيەتلىرىگە يىتەكچىلىك قىلغان . ئارىپ پالۋان 1978-يىلى كۈزدە 86يېشىدا كىسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن . |
|
|
|
|
|
يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-21 20:15 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [1 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 24217
دەرىجە:
Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 24
ئۇنۋان:
2 دەرىجە
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
پۇل: 186 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07
|
|
|
|
رەخمەت سىزگە بىلمىگەننى بىلدۈرگىنىڭىزگە! |
|
|
|
|
|
يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-21 20:19 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [2 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 13600
دەرىجە:
سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
5
يازما سانى: 2070
ئۇنۋان:
14 دەرىجە
شۆھرەت: 1295 نۇمۇر
پۇل: 1110 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07
|
|
|
|
تۇتۇشۇپ باققىم كىلىۋاتىدا،مەيدەمگە تۇپا سۇۋاپ«جەڭگە»تەكلىپ قىلسام چۇشەرمۇ؟يىقىلىپ قالسام ئېغىرىمنى يەر كۆتۇردىغان بولغاندىكىن دەيمىنا،تازا قىران ۋاقتىمكەن بۇ ئويلاپ باقسام. كونىلارنىڭ بىر گىپى بارغۇ؟ئوغلۇڭنى جەڭگە سىلىپ كۆر دەيدىغان، ھازىرقى تىنىچ دەۋرىمىزدە جەڭ قىلاي دىسەم «دۇشمەن»بولمىغاچ چىلىشقا چۇشەي بولدى. بالا ۋاقىتلېرىمدا يۇرت-يۇرتتا چىلىش،ئات بەيگىسى،ئۇغلاق تارتىشىش ئۆتكۈزىلەتتى.بىر قىتىم قوي بىشى موكاپاتى ئالغان چىلىشقا چۇشۇپ. ئۆزەمگە خېلى ئىشەنچەم بار جۇمۇ باللار. چىلىششىقا تۇيمايدىغان مىجەزىم بار،ئۆزەم يىقىلغاق بولغاچ. |
|
|
|
|
|
روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۇللەندۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى! (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن) | |
يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-21 20:28 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [3 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 17978
دەرىجە:
ئالىي ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
5
يازما سانى: 3085
ئۇنۋان:
16 دەرىجە
شۆھرەت: 2656 نۇمۇر
پۇل: 9299 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07
|
|
|
|
داۋامى: 3.مەردانە پالۋان خىللاق:
خىللاق پالۋان ئاتۇش شەھرىگە قاراشلىق ئۇستۇن ئاتۇش يېزىسىنىڭ دىخانلا كەنتىدە 1902 - يىلى دىھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . ئۇنىڭ دادىسى سەلەي قاسساپ ئۆز دەۋرىنىڭ داڭلىق چېلىشچىلىرىدىن بىرى ئىدى. خىللاق پالۋان 6-7 ياش چاغلىرىدا چېلىشىشقا قىزىقىپ، دادىسىدىن چېلىشىش ھەركىتىدىكى چاققانلىق ھەم پەم-پاراسەتنى ئۆگىنىۋالغان. ئۇ دائىم مەھەللىسىدىكى تەڭتۇش بالىلار بىلەن بەل تۇتۇشۇپ، چېلىشىش ماھارىتىنى خىلىلا ئوبدان يىتىلدۇرگەن . 16-17 ياش ۋاخلىرىدا چېلىشىش سورۇنلىرىدا ئارقا-ئارقىرىن نەتىجە قازىنىپ، ياش پالۋانلار قاتارىدا يۇرتقا تۇنۇلغان. ئۇ ،مەيدانغا چۇشۇپ، بەل تۇتۇشقان ھامان تېز ھەركەت قىلىپ، ھايت-ھۇيت دىگۇچە رەقىبىنى ئىگىز كۆتۇرۇپ، يەرگە يىقىتىپ، تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇرغان. ئۇنىڭ تېز ھەركىتىنى ، چاققانلىق بىلەن ئىشلەتكەن پەم-پاراسىتىنى ، رەقىبىدىن ئۇستۇن تۇرىدىغان كۇچ -قۇدرىتىنى كۆرگەن كىشىلەر << پالۋان بولسا خىللاق پالۋاندەك بولسا >> دەپ ئۇنىڭ ماھارىتىدىن مەننۇن بولغان. خىللاق پالۋان ياش ۋاختىلىرىدا ئۇستۇن ئاتۇش يېزىسى بويىچە ئۆتكۇزۇلگەن بىر قىتىملىق چېلىشىش مۇسابىقىسىدە 33 كىشىنى ئارقا-ئارقىدىن يىقىتىپ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان. ئۇ بىر قىتىم قەشقەردە ئۆتكۇزۇلگەن چېلىشىش سورۇنلىرىدا قەشقەرنىڭ ھەرقايسى ناھىلىرىدىن كەلگەن 35 پالۋاننى ئارقا ئارقىدىن يىقىتقان. بۇ چاغدا سورۇن باشقۇرغۇچى چېلىشىش مەيدانىنى ئاتلىق يۇرۇپ، كىشىلەرگە : << كىم خىللاق پالۋاننى يىقىتالىسا ، مىنىۋالغان ئېتىمنى تارتۇقلايمەن >> دىگەندە ، بىر پالۋان خىللاق پالۋان بىلەن چېلىشىشنى تەلەپ قىلىپ مەيدانغا چۇشكەن. خىللاق پالۋان ئۇنىمۇ يىقىتىۋەتكەندىن كىيىن سورۇن باشقۇرغۇچىغا : << ئەمدى ئېتىڭنى ماڭا بېرەرسەن ؟ >> دىگەن . سورۇن باشقۇرغۇچى ئوڭايسىزلىنىپ، خىللاق پالۋانغا بىر ياخشى ئار كەلگۇدەك پۇل بەرگەن .يەنە بىر قىتىم قەشقەردە ئكتكۇزۇلگەن چېلىشىش سورۇنىدا ئۇ ئۆزبىگىستاندىن كەلگەن موللا ئابدۇراخمان ئىسىملىك پالۋاننى يىقىتىپ داڭ چىقارغان. ئۇ ياشىنىپ قالغان چاغلىرىدا چېلىشىشتىن قالغان بولسىمۇ ، لىكىن چېلىشىش سورۇنلىرىدىن قالمىغان. قەيەردە چېلىشىش سورۇنلىرى بولسا ، شۇ يەرگە بېرىپ، چېلىشىش سورۇنلىرىنى باشقۇرۇش ، چېلىشچىلارغا يىتەكچىلىك قىلىش ، پالۋانلارغا ئىلھام بېرىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 1970 -يىلى 68 يېشىدا كىسەل سەۋىبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. |
|
|
|
|
|
يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-21 20:41 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [4 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 17978
دەرىجە:
ئالىي ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
5
يازما سانى: 3085
ئۇنۋان:
16 دەرىجە
شۆھرەت: 2656 نۇمۇر
پۇل: 9299 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07
|
|
|
|
داۋامى: 4. ئابلىز توخسۇن:
1925 -يىلى ئاتۇش شەھرىگە قاراشلىق ئۇستۇن ئاتۇش يېزىسىنىڭ قايراق كەنتىدا تۇغۇلغان. ئۇ 10 ياش ۋاختىلىرىدىن باشلاپلا مەھەللىدىكى تەڭتۇشلىرى بىلەن بەل تۇتۇشۇپ، ئكزىنى چىقىتۇرغان. 1939 -يىلى ئاپرىلدا ئۇستۇن ئاتۇش بويىچە ئۆتكۇزۇلگەن بالىلار چېلىشىش مۇسابىقىسىدە ئۇ 30 دىن ئارتۇق بالىلارنى يىقىتىپ، << بالا پالۋان >> دىگەن نامغا ئىرىشكەن. 1941 -يىلى ئاپرىلدا ئاتۇش بويىچە ئۆتكۇزۇلگەن چېلىشىش مۇسابىقىسىدە بىرىنجىلىككە، 1943 -يىلى ئۇستۇن ئاتۇشتىكى پالۋانلار ئۇچرۇشۇش مۇسابىقىسىدا بىرىنجىلىككە ئىرىشكەن ۋە ئاتاقلىق پالۋانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. 1944 -يىلى غۇلجىغا بېرىپ، ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىغا قاتناشقان. بۇ جەريانىدا ئۇ چېلىشىش ماھارىتىنى تەدرىجى ئۆستۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەرگە ئىرىشكەن.1946 -يىلى غۇلجا شەھرىدە ئۆتكۇزۇلگەن ئۇچ ۋىلايەت ئارمىيىسىنىڭ << پالۋانلار مۇسابىقىسىد>> دا ،1948 -يىلى 4- ئايدا ئۇچ ۋىلايەت ئارمىيىسى بويىچە ئۆتكۇزۇلگەن چېلىشىش مۇسابىقىسىدا ، 1949 -يىلى غۇلجىدىكى ۋاڭ قادىرنىڭ بېغىدا ئۆتكۈزۈلگەن چېلىش مۇسابىقىسىدە 1-لىككە ئىرىشكەن . شىنجاڭ ئازات بولغاندىن كىيىن ئابلىز توخسۇن مەلۇم قىسىم 13-دىۋزىيەنىڭ 3-پولكى بىلەن جەنۇبى شىنجاڭغا يۆتكۈلۈپ كەلگەن .ئۇ 1951-يىلى قەشقەر ۋېلايىتى بويۇچە ئۆتكۈزۈلگەن چېلىشىش مۇسابىقىسىدە 1-لىككە ،1953-يىلى شىنجاڭ بويۇچە ۋە شىنجاڭ ھەربى رايۇن بويۇنچە ئۆتكۈزۈلگەن چېلىش مۇسابىقىسىدا 1-لىككە .1954-يىلى قەشقەر ۋېلايىتى بويۇچە ،1956-يىلى شىنجاڭ بويۇنچە ئۆتكۈزۈلگەن چېلىش مۇسابىقىسىدە 1-لىككە ئىرىشكەن .شۇ يىلى يەنە مەملىكەتلىك چېلىشىش مۇسابىقىسىدە 3-لىككە ئىرىشكەن . ئۇ 1957-يىلى بېيجىڭغا بېرىپ 1ئاي چېلىشىشى تەخنىكىسىنى ئۈگۈنۈپ كەلگەندىن كىيىن داموللا ،سىېرىك ،تۇرسۇن غالىي ،ئېلىقان ،ئابدىراخمان ،چىڭ خۇڭيەن ،ئەسقەر قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان تۇنجى شىنجاڭ چېلىشىش كاماندىسىنى تەشكىللەپ چىققان .كىيىن ئۇ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلىقتىن شىنجاڭ چېلىشىش كاماندىسىدىن ئايرىلغان .1959-يىلى<< سول >>چىل لۇشەننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ خىزمەتتىن ھەيدىلىپ يۇرتىغا قايتۇرۇلغان بولسىمۇ ،لىكىن چېلىشىش ھەركىتىدىن ئايرىلمىغان . پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزى كومتىتى 3-ئومۇم يىغىندىن كىيىن ،ئابلىز توخسۇننىڭ خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۇرۇلدى ھەمدە بىرنەچچە يىلدىن كىيىن پىنسىيەگە چىقتى .ئۇ پىنسىيەگە چىققاندىن كىيىنمۇ يېشىنىڭ چوڭۇيۇپ قالغىنىغا قارىماي يۇرۇتنىڭ چېلىشىش ھەركىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تېگىشلىك ھەسسىنى قوشتى . ئۇ 1999-يىلى 8-ئايدا كىسەل سەۋەبىدىن 74يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى . |
|
|
|
|
|
يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-21 21:15 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [5 -قەۋەت]

داۋامى : 5-چوڭ پالۋان ئابلىمىت ئىسمايىلھاجى : ئابۈلىمىت ئىسمايىلھاجى 1917-يىلى ئاتۇش شەھرىگە قاراشلىق ئۇستۇن ئاتۇش يېزىسىنىڭ ئۆتياق كەنتىدە تۇغۇلغان .ئۇنىڭ دادىسى ئىسماھىلھاجى داموللا ئۇقۇمۇشلۇق كىشى بولۇپ پەرزەنىتلىرىنى ئۆز ئالاھىدىلىەكلىرى بويۇچە تەربىلەشكە ئەھمىيەت بەرگەن .ئابلىمىت ئىسماھىلھاجى كىچىك ۋاختىدىلا چېلىشىشقا قىزىقىپ مەھەللىسىدىكى باللار بىلەن بەل تۇتۇشۇپ ،ئۆزىنى چېنىقتۇرغان .1933-يىلى 16يېشىدىن باشلاپ ئۇستۇن ئاتۇش يېزىسى بويۇنچە ئۆتكۈزۈلگەن چېلىش سورۇنلىرىغا قاتنىشىپ ،داڭ چىقىرىشقا باشلىغان .1936-يىلى قەشقەرنىڭ قىزىل دەريا بويىدا ئاپرىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن چېلىشىش مۇسابىقىسىدا قەشقەر ئاۋاتلىق ئۆمەر قاسساپ ،مەكىتلىك ئابدىرىشىت ،ئوپاللىق ئابلىزخان ،قاتارلىق پالۋانلارنى يىقىتىپ شۆرەت قازانغان .40-يىللاردا ئۇستۇن ئاتۇش يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۆپ قېتىملىق چېلىشىش سورۇنلىرىدا يۇرۇت ئىچىدىكى پالۋانلارنى يىقىتىپ يېنى يەرگە تەگمىگەن . ئۇ 1955-يىلى قەشقەر ۋېلايىتى بويۇنچە ئۆتكۈزۈلگەن چېلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئېغىر دەرىجىلىكلەر گۇرۇپىسىدا 1-لىككە ئىرىشكەن .1955-يىلى ،1956-يىلى،1957-يىللىرى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق چېلىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ئېغىر دەرىجىلىكلەر گۇرۇپىسىدا 1-لىككە ئىرىشكەن .1957-1958-يىللىرى مەملىكەتلىك جۇڭگۇچە چېلىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ يۈز كىلوگىرامدىن يۇقۇر دەرىجىلىكلەر گۇرۇپپىسىدا ئىككى قېتىم 2-لىككە ئىرىشكەن . 1961-يىلى ئۇۋالچىلىققا ئۇچراپ خىزمەتتىن بوشىتىۋىتىلگەن .1982-يىلى خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ۋە پىنسىيەگە چىقىرىلغان .1994-يىلى كىسەل سەۋەبى بىلەن 77يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن . |
|
|
|
|
|
يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-21 21:29 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [6 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 18215
دەرىجە:
ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 212
ئۇنۋان:
4 دەرىجە
شۆھرەت: 139 نۇمۇر
پۇل: 479 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-18
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-01
|
|
|
|
رەسىمنلەر بولغان بولسا چىراينى كۈرۈشكە مۇيەسسەر بولاتتۇقكەن ...ھەي ...ئاشۇ كىشىلىرىمىز نى ئۇنتۇلۇپ كىتىشمىز نىمە دىگەن ئەلەم .. |
|
|
|
|
|
يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-21 21:33 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [7 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 17978
دەرىجە:
ئالىي ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
5
يازما سانى: 3085
ئۇنۋان:
16 دەرىجە
شۆھرەت: 2656 نۇمۇر
پۇل: 9299 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07
|
|
|
|
داۋامى :
6-ئالىي تېرنىر داموللا ئايۇپ : داموللا ئايۇپ 1934-يىلى ئاتۇش شەرىگە قاراشلىق ئۇستۇن ئاتۇش يېسىسىنىڭ قايراق كەمتىدە تۇغۇلغان .ئۇ كىچىگىدىن تارتىپلا چېلىشىشقا ھېرىسمەن بولۇپ تەڭتۇشلىرى بىلەن چېلىشىپ كۆزگە كۆرۇنگەن .ئۇ 1957-يىلى يېزىدىن بىۋاستە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەنتەربىيە كومتىتنىڭ چېلىشىش كوماندىسىغا تاللىنىپ شۇ يىلىلا ئاپتۇنۇم رايۇن بويۇچە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگۇچە چېلىشىش مۇسابىقىسىدە 1-لىككە ئىرىشكەن .1958-مەملىكەتلىك جۇڭگۇچە چېلىشىش مۇسابىقىسىدە 2-لىككە ئىرىشكەن ،1959-يىلى مەملىكەتلىك خەلىق ئاراچە چېلىشىش مۇسابىقىسىدە 3-لىككە ،1960-يىلى مەملىكەتلىك جۇڭگۇچە چېلىشىش مۇسابىقىسىدە 2-لىككە ،1959-يىلى مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ جۇڭگۇچە چېلىشىش مۇسابىقىسىدە 1-لىككە ،1962-يىلى مەملىكەتلىك جۇڭگۇچە چېلىشىش مۇسابىقىسىدە 1-لىككە ،1963-مەملىكەتلىك جۇڭگۇچە چېلىشىش مۇسابىقىسىدە 2-لىككە ،1964-مەملىكەتلىك خەلىقاراچە چېلىشىش مۇسابىقىسىدە 1-لىككە ،1964-يىلى مەملىكەتلىك تەنتەربىيە كومتىتى تەرىپىدىن خەلقاراچە چېلىشىشتا چىنپىيۇن ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن .1964-بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلەەن جۇڭگۇ _ھىندىنوزىيە دوسلۇق مۇسابىقىسىدا چىنپىيۇن بولۇپ پايتەخىت خەلىقىنىڭ يۇكسەك ئالقىشىغا ئىرىشكەن ،1965-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ چېلىشىش مۇسابىقىسىدا 1-لىككە ئىرىشكەن . داموللا ئايۇپ 1965-يىلى 10-ئايدا ھەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە كومتىتىغا يۆتكۈلۈپ كىلىپ ،چېلىشىش تىرنېرى بولۇپ ئىشلىگەن .بۇ جەرياندا ئۇ 300دىن ئارتۇق تەنھەركەتچىنى تەربىلەپ چىققان .ئۇ تەربىلىگەن ۋاڭ چاڭشىڭ ،راخمان ھەسەن ،ئەركىن ،غالىپ قاتارلىق پالۋانلار ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ۋە مەملىكەتلىك چېلىشىش مۇسابىقىللىرىدا 1-لىككە ۋە 2-لىككە ئىرىشكەن . 1974-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەنتەربىيە كومتىتى ئۇنى بىر يىل تىرنىرلىققا تەكلىپ قىلغان .ئۇ تەربىلىەەن 10تەنھەركەتچىدىن جىن رىپىڭ ،مۇھەممەتجان ،ھەيرانبىك ،قاتارلىقلار مەملىكەتلىك چېلىشىش مۇسابىقىللىرىدا 1-لىككە ئىرىشكەن .ئۇنىڭ بۇ نەتىجىسىگە ئاساسەن ،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەنتەربىيە كومتىتى <<ئالىي تېرنىر >>ئۈنۋانىنى بەرگەن .داموللا ئايۇپ 1998-يىلى پىنسىيەگە چىققان .ھازىر ئايىلىسىدە دەم ئېلىۋاتىدۇ . |
|
|
|
|
|
يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-21 21:48 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [8 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 17978
دەرىجە:
ئالىي ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
5
يازما سانى: 3085
ئۇنۋان:
16 دەرىجە
شۆھرەت: 2656 نۇمۇر
پۇل: 9299 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07
|
|
|
|
داۋمى :
7-بالا نوچى ئابلىمىت ئېلى : ئابلىمىت ئېلى 1935-يىلى ئاتۇش شەھرىگە قاراشلىق ئۇستۇن ئاتۇش يېزىسىنىڭ قايراق كەنتىدە تۇغۇلغان .ئۇ كىچىك چېغىدىنلا دادىسى ئۆلۇپ كېتىپ تاغىسى ئوسمان ھوشۇرنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولغان .ئوسمان ھوشۇر ئەينى يىللاردىكى نوچىلارنىڭ بىرى بولۇپ ،ئۇنىڭ تەسىرى بىلەن ئابلىمىت ئېلىمۇ كىچىگىدىنلا بالا نوچى بولۇپ يىتىلەەن .ئۇ7ياش ۋاخلىرىدىن تارتىپ مەھەللىسىدىكى باللار بىلەن بەل تۇتۇشۇپ ،چېلىشىش ماھارىتىنى يېتىلدۇرگەن .16-17ياش ۋاخلىرىدا مەھەللە دايىرسىدىكى چېلىشىش سورۇنلىرىدا چېلىشىش ھەۋەسكارلىرىنى يىقىتىپ داڭ چىقارغان . ئۇ 1955-يىلى 20ياش ۋاختىدا ئۇستۇن ئاتۇش يېزىسى بوليۇچە ئۆتكۈزۈلەەن بىر قېتىملىق چېلىشىش مۇسابىقىسىدە سالامەت ،ئوبۇلخان ،ئەنۋەر قاتارلىق پالۋانلارنى يىقىتىپ يېزا بويۇچە داڭ چىقارغان .1958-يىلى قىزىلسۇ ئوبلاستى بويۇچە ئۆتكۈزۈلگەن چېلىشىش مۇسابىقىسىدا 1-لىككە ئىرىشىپ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق چېلىشىش كاماندىسىغا تاللانغان .ھەم شۇ يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بويۇچە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگۇچە چېلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ يەتمىش كىلو گرام گورۇپپىسىدا 2-لىككە ئىرىشكەن .1959-يىلى ئەسكەرلىككە قاتنىشىپ قىسىم ئىچىدىمۇ چېلىشىش ھەركىتى بىلەن شۇغۇنلانغان .1964-يىلى شىنجاڭ نھەربى رايۇنىنىنىڭ 4-نۆۋەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ چېلىشىش مۇسابىقىسىدا 1-لىككە ،1964-يىلى قىزىلسۇ ئوبلاس قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10يىللىغىنى تەبرۇكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن چېلىشىش مۇسابىقىسىدە 1-لىككە ،شۇ يىلى ئاپيۇنۇمۇم رايۇن بويۇچە ئۆتكۈزۈلگەن چېلىشىش مۇسابىقىسىدە 1-لىككە ئىرىشكەن . ئابلىمىت ئېلى 1966-يىلى كەسىپ ئالمىشىپ ئۇلۇقچات ناھىلىك خەلق قۇراللاق بۆلۇمگە ئورۇنلاشقان .شۇنىڭدىن كىيىن شۇنىڭدىن كىيىن ئۇلۇغچات نايىسىنىڭ چېلىشىش ھەۋەسكارلىرىنى تەربىلىگەن .ئۇ تەربىلىگەن ئۇلۇغچات نايىسىدىكى چېلىشىش كاماندىسى 1974-يىلى قىزىلسۇ ئوبلاس قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20يىلىغىنى تەبرۇكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن چېلىشىش مۇسابىقىسىدا كوللۇكتىپ 3-لىككە ئىرىشكەن ،مۇشۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىدا ئابلىمىت ئېلى تەلەپ بويۇنچە پەيزىۋات نايىسىدىن كەلگەن بىر پالۋان بىلەن چېلىشىپ ئۇنى يىقىتىپ تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشكەن . ئۇ 1988-يىلى پىنسىيەگە چىققاندىن بېرى ئائىلىسىدە دەم ئېلىۋاتىدۇ . |
|
|
|
|
|
يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-21 22:07 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [9 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 17978
دەرىجە:
ئالىي ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
5
يازما سانى: 3085
ئۇنۋان:
16 دەرىجە
شۆھرەت: 2656 نۇمۇر
پۇل: 9299 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07
|
|
|
|
داۋمى : 8-ئېلى باتۇر : ئېلى باتۇر 1967-يلى ئاتۇش شەھرىەە قاراشلىق ئۇستۇن ئارتۇش يېزىسىنىڭ بەيساق كەنتىدە تۇغۇلغان .ئۇ كىچىگىدىن تارتىپلا چېلىشىشقا ھىرىسمەن بولۇپ كەنىت ئىچىدە باللار بىلەن چېلىشىپ ئويناپ تونۇلغان .1980-يلى ئۇ ئوبلاسلىق تەنتەربىيە كومتىتىنىڭ چېلىشىش كوماندىسىغا تاللىنىپ تەربىلەنگەن .1984-يىلى شىنجاڭ چېلىشىش كوماندىسىغا تاللىنىپ سىستىمىلىق مەشىقلەندۈرۈلگەن .1985-يىلى ۋە 1986-يىلى مەملىكەتلىك چېلىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ئىككى يىل ئۇدا ئالتۇن مىدالغا ئىرىشكەن .1990-يىلى 9-ئايدا 11-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنىنىڭ قەدىمچە چېلىشىش مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مىدالغا ئىرىشىپ جۇڭخۇۋا مىللەتلىرىگە ۋە شىنجاڭ خەلقىگە شان شەرەپ كەلتۇرگەن . |
|
|
|
|
|
يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-21 22:15 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [10 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 17978
دەرىجە:
ئالىي ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
5
يازما سانى: 3085
ئۇنۋان:
16 دەرىجە
شۆھرەت: 2656 نۇمۇر
پۇل: 9299 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07
|
|
|
|
داۋامى : 9-ئەيساجان يۇنۇس : ئەيساجان يۇنۇس 1976-يىلى ئاتۇش شەھرىگە قاراشلىق ئۇستۇن ئارتۇش يىزىسىنىڭ لايلىق كەنتىدە تۇغۇلغان .ئۇ 1988-يىلى ئوبلاسلىق تەنتەربىيە كومتىتىنىڭ ئىشتىن سىرىتقى چېلىش كوماندىسىغا تالىنىپ تەربىلەنگەن .1989-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بويۇنچە ئۆتكۈزۈلگەن قەدىمچە چېلىشىش مۇسابىقىسىدە مىس مىدالغا ،1994-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بويۇچە ئۆتكۈزۈلگەن قەدىمچە چېلىشىش مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ،1995-يىلى كۈمۈش مىدالغا ئىرىشكەن .شۇ يىلى شىنجاڭ نچېلىشىش كاماندىسىغا تاللىنىپ سىستىمىلىق تەربىلەش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان .1997-يىلى ئۇ مەملىكەتلىك ئۆسمۇرلەرنىڭ قەدىم چېلىشىش مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مىدالغا ،1998-يىلى مەملىكەتلىك ياشلارنىڭ قەدىم چېلىشىش مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مىدالغا ئىرىشتى .2002-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 7-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەركەت يىغىنىنىڭ چېلىشىش مۇسابىقىسىدا 2تۇر بويۇچە مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 2ئالتۇن مىدالغا ئىرىشتى . |
|
|
|
|
|
يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-21 22:23 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [11 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 17978
دەرىجە:
ئالىي ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
5
يازما سانى: 3085
ئۇنۋان:
16 دەرىجە
شۆھرەت: 2656 نۇمۇر
پۇل: 9299 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07
|
|
|
|
داۋامى : 10-غوپۇرھاجى : غوپۇرھاجى 1980-يىلى ئاتۇش شەھرىگە قاراشلىق ئۇستۇين ئاتۇش يېزىسى بەيساق كەنتىدە تۇغۇلغان .ئۇ 1996-يىلى ئوبلاسلىق مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ ئىشتىن سىرىتقى چېلىشىش كوماندىسىغا تاللىنىپ ،سىستىمىلىق تەربىلەنگەن .1997-يىلى ۋە 1998-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بويۇنچە ئۆتكۈزۈلگەن قەدىمچە چېلىشىش مۇسابىقىسىدا ئۇدا 2قېتىم ئالتۇن مىدالغا ئىرىشكەن .1997-يىلى مەملىكەت بويۇچە ئۆتكۈزۈلگەن قەدىمچە چېلىشىش مۇسابىقىسىدا مىس مىدالغا ئىرىشكەن .1999-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلىق 9-نۆۋەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ مىللىچە چېلىشىش مۇسابىقىسىدا ئالتۇن مىدالغا ئىرىشكەن .
تۈگىدى . |
|
|
|
|
|
يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-21 22:29 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [12 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 21976
دەرىجە:
Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 59
ئۇنۋان:
2 دەرىجە
شۆھرەت: 59 نۇمۇر
پۇل: 312 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-06
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07
|
|
|
|
ئۈستۈنئاتۇشنىڭ چىلىش پالۋانلىرىنىڭ ياخشى نامىنى بۇرۇن ئاڭلىغان. |
|
|
|
|
|
يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-21 23:08 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [13 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 25178
دەرىجە:
Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 90
ئۇنۋان:
2 دەرىجە
شۆھرەت: 90 نۇمۇر
پۇل: 405 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-15
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-08
|
|
|
|
رەخمەت سىزگە! بەك ياخشى تىمىكەن. ھەقىقەتەن ھاياجانلاندىم. |
|
|
|
|
|
يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-22 00:42 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [14 -قەۋەت]
|
ئىنكاس شاھى
UID نۇمۇرى : 9
دەرىجە:
باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
3
يازما سانى: 5179
ئۇنۋان:
ۋەزىر
شۆھرەت: 2151 نۇمۇر
پۇل: 10031 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 2 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-14
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-08
|
|
|
|
سىزنىڭ زور ئەجىر قىلىشىڭىز بىلەن، ئۈستۈنئاتۇشتىكى چىلىش پالۋانلىرى توغرىسىدىكى خىلى كۆپ مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇم. تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت~! ئۆزۈمنىڭ ئۈستۈنئاتۇش تۇپىرىقىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانلىقىمدىن شۇنداق پەخىرلىنىمەن. |
|
|
|
|
|
يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-22 00:54 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [15 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 8987
دەرىجە:
سەپ بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 448
ئۇنۋان:
6 دەرىجە
شۆھرەت: 336 نۇمۇر
پۇل: 1503 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-14
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-08
|
|
|
|
تەنھەركەت بىر مىللەت غۇرۇرىنىڭ نامايەندىسى . چىلىشش تۈرى شىنجاڭلىقلارنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى كوزىرى ئىدى ، تولىمۇ ئەپسۇس ھاجى، ئىلى باتۇر لاردىن كىيىنلا بۇ كوزىرنى يوقۇتۇپ قويدۇق . ھازىر بەدەن ساپايىمىز باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا تۆۋەنلەپ كەتتىمۇ!.......... ئوتياق ئەپەندى تورداشلارغا پەخىرلىك تۇيغۇ ئاتا قىلغىنىڭىزغا رەھمەت. |
|
|
|
|
|
ئۇيغۇر mtv قانىلى يېڭىلاندى www.uymtv.cn
| |
يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-22 01:19 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [16 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 18349
دەرىجە:
سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 1373
ئۇنۋان:
12 دەرىجە
شۆھرەت: 1235 نۇمۇر
پۇل: 3926 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-22
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07
|
|
|
|
ھەقىقەتەن گۆھەردەك تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز .يېقىندىن بېرى دىيارىمغا( كۆز تەگمىسۇن )سەرخىل بىر -بىرىدىن ياخش تىمىلار يوللىنىۋاتىدۇ .سىزنىڭ بۇ تىمىڭىزنى كۆرۇپ بەكمۇ خوش بولدۇم . بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تەنتەربىيە سايىسىدە بىردىن -بىر ئالاھىدە پەخىرلىنىپ كىلىۋاتقان بۇ چېلىش پالۋانلىرىمىزنىڭ ئايىغى ئۈزۈلۈپ قالمىغاي ئىلاھىم ! بۇ پالۋانلاردىن پەخىرلىنىش بىلەن بىرگە ئەۋلاتلىرىمىزنىڭمۇ ئەجداتلىرىمىز ئىزىنى بويلاپ تەنتەربىيە سايىسىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرسا ،بىز بەكمۇ خاتىرجەم بولار ئىدۇق . ئەۋلاتلىرىمىزدىن چۇقۇم پالۋانلار چىقىدۇ .ئۇلارنى بېسىپ چۇشكىدەك قۇدرەتكە ئىگە چېلىش پالۋانلىرىمىز چىقىدۇ ! بۇنىڭغا ئىشىنىمىز ! تىرىشايلى قېرىنداشلىرىم ! كەلگۈسى غەلبە سىلەرگە مەنسۇپ ! |
|
|
|
|
|
?????_????? ???????.????? ???? ????? ???????. | |
يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-22 01:50 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [17 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 418
دەرىجە:
ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 165
ئۇنۋان:
3 دەرىجە
شۆھرەت: 88 نۇمۇر
پۇل: 504 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-11-01
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-04
|
|
|
|
ئارىپ پالۋان ، ئابلىز توخسۇن ، خىللاق پالۋانلارنىڭ سۈرىتى مەندە بارتى ، مەن بىر ئىزدەپ چىقىرىپ قوياي . |
|
|
|
|
|
تىلەكلىرىڭنىڭ سەۋەبكارى _ ئاجىزلىقىڭدۇر . | |
يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-22 02:11 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [18 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 18497
دەرىجە:
Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 55
ئۇنۋان:
2 دەرىجە
شۆھرەت: 43 نۇمۇر
پۇل: 111 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-28
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07
|
|
|
|
دوسلار ئۇيغۇرلار ئارسىدىن چىققان < توختى جامباز > مۇ ئاتۇشلۇقمۇ ؟ بىلىدىغانلار دەپ بەر گەن بولساڭلار . |
|
|
|
|
|
كېچە ھەرقانچە ئۇزۇن بولسىمۇ ، ھامان تاڭ ئاتىدۇ ! | |
يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-22 02:57 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [19 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 17978
دەرىجە:
ئالىي ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
5
يازما سانى: 3085
ئۇنۋان:
16 دەرىجە
شۆھرەت: 2656 نۇمۇر
پۇل: 9299 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07
|
|
|
|
Quote:بۇ مەزمون 18 - قەۋەتتىكى taroza نىڭ 2008-02-22 02:11 دە يوللىغان يازمىسى“”: ئارىپ پالۋان ، ئابلىز توخسۇن ، خىللاق پالۋانلارنىڭ سۈرىتى مەندە بارتى ، مەن بىر ئىزدەپ چىقىرىپ قوياي . رەخمەت ! شۇنداق قىڭسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى . |
|
|
|
|
|
يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-22 09:59 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [20 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 17636
دەرىجە:
سانغۇن
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
1
يازما سانى: 1712
ئۇنۋان:
13 دەرىجە
شۆھرەت: 1560 نۇمۇر
پۇل: 5361 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07
|
|
|
|
ئاتۇش ئوبدان يۇرت. مېنىڭ بالىلىق چاغلىرىم مۇشۇ ئوبدان يۇرتتا ئۆتكەن(سۇنتاغدا). |
|
|
|
|
|
سەمىمىلىك ھەممىدىن ئۇلۇغ! | |
يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-22 10:11 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [21 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 15864
دەرىجە:
يۈز بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 586
ئۇنۋان:
7 دەرىجە
شۆھرەت: 552 نۇمۇر
پۇل: 1763 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07
|
|
|
|
بۇ ئاتۇشتىن ئاجايىپ يامان ئادەملەر چىقىدۇ دىسە............. |
|
|
|
|
|
يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-22 10:24 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [22 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 25566
دەرىجە:
Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 1
ئۇنۋان:
1 دەرىجە
شۆھرەت: 1 نۇمۇر
پۇل: 103 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-02-22
|
|
|
|
بۇلار مەندەك پالۋانلار ئىكەن. مەنمۇ بىر سېنىشىباقسام بولاتتى. پۇرسەت كېلەر... |
|
|
|
|
|
يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-22 12:13 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [23 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 18955
دەرىجە:
سەپ بىشى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 313
ئۇنۋان:
5 دەرىجە
شۆھرەت: 220 نۇمۇر
پۇل: 910 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-12
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07
|
|
|
|
ھەقىقەتەن پەخىرلەنگۈدەك پالۋانلاركەن .ئاتۇشتىن پالۋانلار ئەجەپ جىق چىقىدىكەن ھە ! رەخمەت تىمىڭىزغا ! |
|
|
|
|
|
يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-22 17:43 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [24 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 17064
دەرىجە:
ئۈمۈتلۈك ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 159
ئۇنۋان:
3 دەرىجە
شۆھرەت: 123 نۇمۇر
پۇل: 453 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-26
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-06
|
|
|
|
ئاڭلاپ باقماپتىكەنمىز............ |
|
|
|
|
|
http://www.urraclub.com/bbs | |
يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-22 17:49 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [25 -قەۋەت]
|
دىيارىم خەنجىرى
UID نۇمۇرى : 17206
دەرىجە:
باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
1
يازما سانى: 3119
ئۇنۋان:
16 دەرىجە
شۆھرەت: 1148 نۇمۇر
پۇل: 6516 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-16
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-07
|
|
|
|
يەنە پازىل مىرھاشىم دەپ بىرى بارغۇ دەيمەن |
|
|
|
|
|
كىمنىڭ ئوغلىسەن ،ئويلىساڭچۇ...! / | |
يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-23 15:15 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [26 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 15318
دەرىجە:
Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 2
ئۇنۋان:
1 دەرىجە
شۆھرەت: 11 نۇمۇر
پۇل: 4 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-20
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-02-25
|
|
|
|
بۇندىن كىيىن مۇشۇنداق پەلۋانلار كوپ چىقسا ياخشى بولاتتى . |
|
|
|
|
|
يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-23 18:00 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [27 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 25645
دەرىجە:
Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 11
ئۇنۋان:
2 دەرىجە
شۆھرەت: 11 نۇمۇر
پۇل: 133 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-23
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-03-04
|
|
|
|
ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ |
|
|
|
|
|
يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-24 15:02 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [28 -قەۋەت]
|
UID نۇمۇرى : 25688
دەرىجە:
Ordinary Member
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 1
ئۇنۋان:
1 دەرىجە
شۆھرەت: 1 نۇمۇر
پۇل: 103 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-24
ئاخىرقى كىرگىنى :2008-02-24
|
|
|
|
ياشاڭلار پەلۋانلار. |
|
|
|
|
|
يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-24 17:52 |
بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [29 -قەۋەت]
|
يېڭى يازمىلىق سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ
ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ
ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ
ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .
ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ
ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .
ھازىرقى ۋاقىت : 03-08 08:42
Powered by PHPWind v5.3 Certificate Code © 2007-2010 Diyarim Corporation