قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2345» Pages: ( 1/8 total )
بۇ تېما 18283 قېتىم كۆرۈلدى
gvzal3.8
http://blog.retim.cn/289129
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئالاھىدە تۆھپە دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 20927
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 997
شۆھرەت: 1389 نۇمۇر
پۇل: 318 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 361(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 مەن قانداق قىلاي؟(گۈزەل)

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
本帖被 gvzal3.8 执行取消锁定操作(2008-09-06)
بۇ تېما تورداشلارنىڭ كۆپ قېتىم دەۋەت قىلىشى بىلەن ئېچىۋىتىلدى. تېمىنى ئوقۇپ،نىكاھ،ئائىلە،تۇرمۇش...قاتارلىقلاردا ھىس قىلغانلىرىڭىزنى ۋە كۆز-قارىشىڭىزنى ئىلمى ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

تۆۋەندە يېزىلغانلىرى بىر دوستۇمنىڭ ھەقىقى تۇرمۇشى،ھەرگىزمۇ ئويدۇرما ئەمەس،شۇڭا تورداشلارنىڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىت  قىلىمەن


    كۈندىلىك ئادىتىم بويىچە،ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن،ئۆيلەرنى تازىلاپ بولۇپ،ئەمدى كومپيوتىرنىڭ ئالدىغا كېلىشىمگىلا ئىشىك قوڭغىرىقى جىرىڭشىپ كەتتى.بۇنچە ئەتىگەندە كەلگەن كىمدۇ دەپ ئىشىكنى ئاچتىم.قارىسام،تۈنۈگۈن تېخى مەن ئۆيىگە بارغان يېقىن دوستۇم ئاينۇر ئىدى.چىرايى تاتىراڭغۇ،كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ،بەكمۇ ھارغىن قىياپەتتە تۇراتتى،تېچلىق سورىشىپ،ئۆيگە باشلىدىم.ئۇ كىرىپ،بىر ئاز ئولتۇردى-دە،مېنىڭ چاي دەملەي دىگىنىمگىمۇ قارىماستىن،سومكىسىدىن بىر كونۋىرتنى چىقىرىپ،ماڭا تەڭلىدى.ئەجەپلىنىپ قولۇمغا ئالدىم،ئۇ،-بۇنى كۆرۈپ باققىن،سېنىڭچە باشقىلارغا ئىبرەت بولىدۇ دەپ قارىساڭ، توردا ئېلان قىلغىن،_دىدى،دە شۇنچە چىڭ تۇتقىنىمغىمۇ قارىماستىن خوشلىشىپ كېتىپ قالدى.
      ئۆيگە كىردىملا كومپىيوتىرنىڭ ئالدىغىمۇ بارماستىن خەتنى ئوقۇشقا باشلىدىم:   

   
    قەدىرلىك،كۆيۈمچان دوستۇم ،بۇ شەھەردە سېنىڭدەك بىر ئىشەنچىلىك دوستۇمنىڭ بولغانلىقىدىن بەكمۇ سۆيىنىمەن.شۇڭلاشقىمۇ بىر ئۆمۈر ئىچىمدىلا بىلىپ سېسىتىۋىتەرمەن دىگەن كۆڭلۈمدىكى سىرلىرىمنى ساڭا ئېيتىش قارارىغا كەلدىم.تۈنۈگۈن چۈشتە بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ،<ئاينۇر،سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي،ئۇنداق سوغۇقلۇق قىلما.ئېرىڭگە ئىللىق چىراي بول.ئۇ سېىنى شۇنداق ياخشى كۆرىدىكەن،ئۇنىڭغا كۆڭۈل بېرىشكە تىرىشىپ باققىن،سەن ئەقىللىق قىز،چوقۇم شۇنداق قىلالايسەن......>دىگەن قېرىنداشلارچە نەسىھىتىڭ ھېلىمۇ قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇرۇپتۇ،مەن ئۇ چاغدا ساڭا ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەنلىكىمدىن بەكمۇ رەنجىدىڭ.ئاخىرى ئاچچىغىڭدا<بولدىلا،سەنمۇ كىچىك ئەمەس،ئۆزۈڭنىڭ يولىنى ئۆزۈڭ قانداق مېڭىشنى بىلىسەن،مەنمۇ شۇ سېنىڭ كەلگۈسىڭدىن ئەنسىرەپ مۇشۇنداق ئاقساقاللىق قىلغاندىمەن>دەپ قوپۇپلا چىقىپ كەتتىڭ.سەنغۇ چىقىپ كېتىپ،يەرنى دەسسەپ ماڭدىڭ.مەنچۇ؟شۇ ئولتۇرغانچە ئەتىسى يەنى بۈگۈن تاڭ سەھەر 4گىچە شۇ سەن كۆرگەن جايىمدا مىدىرلىماي ئولتۇردۇم.كاللامدا شىددەتلىك خىياللار ھۆكۈم سۇرىۋاتىدۇ،قانداق قىلاي؟نەدىن باشلاي؟..........
    مۇرەككەپ خىياللارنىڭ ئىلكىدە،ئاخىرى بۈگۈن سەھەر قولۇمغا قەلەم ئېلىپ،كۆڭلۈمدىكى ھەممە سۆزلىرىمنى مۇشۇ قۇرلار ئارقىلىق ساڭا بايان قىلىش قارارىغا كەلدىم.ساڭا بىۋاستە يۈز-تۇرانە ئېيتىشقا پەقەتلا رايىم بارمىدى،سەنمۇ بىلىسەن،مەن ھەرگىزمۇ ئۆزۈمنىڭ بىچارە قىياپىتىمنى، ئاجىز يەرلىرىمنى باشقىلارغا بىلدۈرگۈم يوق،بۇ بەلكىم مېنىڭ غورۇرىمنىڭ كۈچلۈكلىگىدىندۇر ياكى ھەممىلا ئادەمنى پاراكەندە قىلغۇم كەلمەيدىغاندۇ..........
    دوستۇڭنىڭ ھايات يولىدىكى ئەڭ مۇھىم تاللاشلىرى
    شۇنداق قىلىپ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ،ئالى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغەزلىرىمۇ كېلىشكە باشلىدى،ماڭا ھەر ھالدا راۋۇرۇس بىر ئالى مەكتەپتىن چاقىرىق كەلگەن ئىدى.لېكىن ئۇ چاقىرىقنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق ئىدى.نىمە ئۈچۈن دىيىشىڭ مۇمكىن،چۈنكى ئاتا-ئانامنىڭ نەزىرىدە قىزلار شەھەر ئاتلاپ ئوقۇسا،يامان بولاتتى.بىراق راس گەپنى قىلسام،مەنمۇ ھەتتا شۇ خىل ئىدىيىنىڭ تەسىرىدە،تولۇقسىزغا چىققاندىن كېيىنلا بالىلاردىن ئۆزۈمنى ئېپقېچىپ،يۈرەتتىم.دەرسلەرنى تەكرار قىلىپ،ياخشى ئۆزلەشتۈرەتتىميۇ،بىرەر قېتىممۇ ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزۈم جاۋاپ بېرىپ باقمايتتىم،ئەزەلدىنلا سىنىپتا پائالىيەت بولسا،پەقەت مەنلا قاتناشمايتتىم،ھەتتا تەنتەربىيە دەرسىگىمۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ،رۇخسەت سوراپ،چىقمايتتىم.يېنىمدىكى ئوغۇل ساۋاغدىشىمنىمۇ مۇئەللىمگە دەپ،ئۇنىمىسا يىغلاپ يۈرۈپ،يۆتكەتكۈزىۋەتكەن ئىدىم.............
    شۇنداق قىلىپ،ئالى مەكتەپنىڭ چاقىرىقىمۇ بىر بۇلۇڭدا تاشلاغلىق تۇرىۋەردى........توۋا،دەيمەن.شۇ چاغلاردا ئازراقمۇ ئىچىم ئېچىشمىغان ئىدى.
كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلىشىپ،ساۋاغداشلىرىمىز ئالى مەكتەپلەرنىڭ تەييارلىقلىرىنى قىلغاچ،ئۇزىتىش زىياپەتلىرىنىمۇ ئارقا-ئارقىدىن بەرگىلى تۇردى.مەن ھىچقايسىىغا بارمىدىم.چۈنكى ئۇنداق قىز-ئوغۇل ئولتۇرغان سورۇنغا بېرىش مۇمكىنمۇ؟
    بىر كۈنى ھويلىدا ئولتۇرسام، بىزنىڭ سىنىپ مەسئۇلىمىز كىرىپ كەلدى.مېنى كۆرۈپ نىمىشقىدۇر مۇئەللىمنىڭ كۆزلىرىگە ياش كەلدى-دە،چاندۇرماستىن،كۈلۈپ تۇرۇپ،مەندى ئەھۋال سورىدى.مەنمۇ مۇئەللىمدىن ئەھۋال سورىغاچ،ئۆيگە باشلىدىم.ئاتا-ئاناممۇ ناھايىتى ئىززەت-ئىكرام بىلەن كۈتۈۋالدى،ئۇلار پاراڭلىشىپ،ئولتۇرۇپ مېنىڭ نىمە ئۈچۈن ئالى مەكتەپكە ئوقۇشقا بارمىغانلىقىم ئۈستىدە توختالدى.ئاتا-ئاناممۇ ئۆزلىرىنىڭ قارىشىنى،شۇنداقلا مېنىڭمۇ كۆز-قارىشىمنى سۆزلەپ ئۆتتى.شۇ ۋاقىتتا مۇئەللىمنىڭ چىرايىنىڭ قانچىلىك ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكى ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ.ئىشقىلىپ،مۇئەللىم ئۇ كۈنى ساق ئۈچ سائەت ئىدىيە خىزمەت ئىشلىدى،بىراق ئاتا-ئانامنىڭ ئىدىيىسىنى،بولۇپمۇ مېنىڭ ئىدىيەمنى بىر پىرسەنتمۇ ئۆزگەرتەلمىدى.ئاخىرى «يېڭىلگەنلىكى»گە تەن بېرىپ،سۇسلا خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى.كۆڭلۈمدە بۇ«بۇدۇشقاق»مۇئەللىمدىن قۇتۇلغىنىمغا شۈكرى دەپ،خېلى يەڭگىللەپ قالدىم.
    مانا ھەش-پەش دىگۈچە بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتتى.شۇڭغىچە ئۆيدىن چىقماي،قۇرئان ساۋادىمنى قايتىدىن پىششىقلاپ،خېلى يېتىشىپ قالدىم.شۇنداق كۈنلەردە،ئالى مەكتەپكە ئوقۇشقا كەتكەن ساۋاغداشلىرىمدىن ئانچە-مۇنچە خەت كېلىپ تۇردى.ئۇلار خېتىدە،ئالى بىلىم يۇرتىنىڭ ئەۋزەللىكلىرى،تۇرۇۋاتقان شەھەرلەرنىڭ ئاجايىپ تەرەققىياتلىرى،نە-نەلەردىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان ساۋاغداشلارنىڭ قىزىقارلىق،ئەھمىيەتلىك ئىشلىرى،قايسى بىر ئوقۇغان داڭلىق كىتاپلىرى توغرىلىق يازاتتى.شۇنداق چاغلاردا،يۈرىگىمنىڭ ئاللىقانداق بىر يەرلىرى،چىمىلدىغاندەك بولاتتىميۇ،لېكىن يەنىلا ئۆزۈمنىڭ تۇتقان يولۇمنى ھامان ئۇلارنىڭكىدىن ئۈستۈن قوياتتىم.....
    شۇنداق كۈنلىرىمدە،يۇرتىمىزدىكى بىر سودىگەر ئائىلىسىدىن ئەلچىلەر كىردى،ئاتا-ئانام مېنىڭ رازىلىقىمنى ئېلىش ئۈچۈن ياشقا چوڭراق خوشنىمىزنى، يېنىمغا كىرگۈزۈپتۇ.مەن گەرچە خالىمىساممۇ،ئۇ خوشنىمىزنىڭ قايتا-قايتا نەسىھىتى،چۈشەندۈرۈشى بىلەن،قوشۇلدۇم.شۇنداق قىلىپ،كىچىك چاي،چوڭ چاي دىگەندەكلەر ئارقا-ئارقىدىن كېلىشكە باشلىدى.........بىزمۇ توي خەتكە رەسىمگە چۈشۈش ئۈچۈن،بىر نەۋرە سىڭلىمنىڭ ھەمرالىقىدا،ئۇ يىگىت بىلەن كۆرۈشتۇق.گەرچە تىكىلىپ قارىيالمىغان بولساممۇ،لېكىن بەزىبىر تاسادىپى پۇرسەتلەردە ئۇنىڭ چىرايىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.يىگىت 25ياشلاردا بولۇپ،چىرايى بۇغداي ئۆڭ كەلگەن،قاش-كۆزلىرى تولىمۇ قاملاشقان،ئوچۇق چىراي ئىدى.قەلبىمنىڭ بىر يەرلىرى،چۈشىنىپ بولمايدىغان بىر خىل ئىللىق سېزىمنىڭ ئىلكىدە،خىيالغا بېرىلىپ مېڭىۋاتاتتىم...ئۇمۇ ماڭا پات-پات كۈلۈمسىرەپ قاراپ قويۇپ كېتىپ باراتتى،شۇ تەرىقىدە ماڭغاچ يانچۇغىدىن بىر تال تاماكىنى ئالدى-دە،تۇتاشتۇرۇپ،چەككەچ ماڭدى.قولىدىكى تاماكىنى كۆرۈپ يۈرىگىم قارتتىدە قىپقالدى.غەزەپ بىلەن ئۇنىڭ قولىدىكى تاماكىغا تىكىلىپ قالغىنىمنى ئۇ سەزمىگەندەكلا ئىدى.ئاڭغىچە ئالدى تەرەپتىن موتسىكىلىت بىلەن بىر يىگىت چىقىپ كەلدى ۋە موتسىكىلىتتىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپلا،_ھەي،ئادىشەۋاي،تۈنۈگۈنكى سورۇندىن نىمىشقا قېچىپ كەتتىڭ.مەنغۇ سېنى شۇ مەسلىكىڭدە موتسىكلىتنى ئاپىرىپ،بىر يەرگە سوقمىغىدى دەپ بەك ئەنسىرىگەنتىم،خېلى ياخشى ئامان-ئېسەنكەنسەن،_دەپ سۆزلەپلا كەتتى،بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بېشىمدىن بىر قاپاق سۇ تۆكۈلگەندەك،مۇزلاپلا كەتتىم......قارىسام مەن توي قىلماقچى بولغان يىگىتنىڭ چىرايى بىردىنلا تاتاردى-دە،_نىمىلەرنى دەيدىغانسەن،_دەپ بىر نىمىلەرنى سۆزلەپلا كەتتى........ئاخىرىدىكى سۆزلىرىمۇ قۇلىقىمغا كىرمىدى،كەينىمگە ئۆرۈلدىمدە نەۋرە سىڭلىمنىڭ نىمە بولدى ئاچا دىيىشلىرىمۇ قۇلاق سالماستىن ئۇدۇل ئۆيگە يېنىپ كەلدىم.ھە،دەپ توينىڭ تەييارلىقلىرىنى قىلىۋاتقان تۇققانلارنىڭ نىمە بولدىڭىز دىگەن سۆزلىرىگە،_مەن بۇ توينى قىلمايمەن،ئۇنداق بەڭگە،ھاراقكەش بىلەن ھەرگىزمۇ توي قىلمايمەن،_دەپلا جاۋاپ بېرىپ گەپنى ئۈزدۈم،ئۇلارنىڭ قىلغان نەسىھەتلىرى،كېيىنچىرەك ئوغۇل تەرەپنىڭ قىلغان ۋەدىلىرىمۇ نىيىتىمنى پەقەتلا ئۆزگەرتەلمىدى........
    مانا ھەش-پەش دىگۈچە ئۆزۈممۇ 23 ياشقا كىرىپ قالدىم،بۇ جەرياندا خېلى لايىقمۇ چىقتى،بەزى ئىقتىسادى ياخشى ئائىلىلەرنىڭ ئوغۇللىرى ھاراق،تاماكىنى ئۆزىگە دوس تۇتىۋالغان ئىكەن،ئۇلارنى ئەلۋەتتە،مەنمۇ،ئاتا-ئاناممۇ ياقتۇرمايتتۇق.بەزى زىيادە ئىخلاسمەن،دىندار يىگىتلەرنىڭ بولسا تۇرمۇشى غورىگۈل،ياكى بولمىسا بىرەر ھۈنەر-كەسپ بىلەن شۇغۇللانمايدىغان،پەقەتلا ئانچە-مۇنچە،تۇپراق بېشىدا ياكى ئۆلۈم-يىتىم،نىكاھ ئوقۇش قاتارلىق سورۇنلاردا،ئوقۇغان سۈرىلەرگە بېرىلگەن ئاشۇ ئازغىنە پۇلغا شۈكرى-قانائەت قىلىپ ياشايدىغان دىتسىزلارئىدى...........

داۋامى بار..........
بۇنى قەستەن ئۈزۈپ قويمىدىم،مۇشۇ خەتلەرنى بېسىپ بولغىچە،بەك چارچاپ كەتكەنلىكىمدىن توختىتىپ قويدۇم.ئىمكان بار تېزلىكتە يېزىپ يوللايمەن.شۇڭا تورداشلارنىڭ ئامال بار ئىنكاس يازماي،كۆرۈپ تۇرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
[ 此贴被gvzal3.8在2008-09-17 12:11重新编辑 ]
تېما تەستىقلىغۇچى : ajrim
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-02-21, 02:49
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(nawa717)
شۆھرەت:+10(manggutax) ياخشى ماقالە
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-02-21 04:50 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
nodar
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 10208
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1724
شۆھرەت: 359 نۇمۇر
پۇل: 2640 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

ماقۇل مەن مۇ ساقلاي، ئىنكاس يازمىدىم ئەمىسە، ئاخرىنى تېزرەكئ...........................
qarluq
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 11:01 |
kuduratulla
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 8611
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 951
شۆھرەت: 1061 نۇمۇر
پۇل: 356 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 315(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

زالىم ئەرنىڭ قۇلىدىكى مۆئىمىن ئايال غېرىپ.

قىنى داۋامى يېزىلغىچە بۇ ئورۇننى مەن ئەپ قۇياي.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 11:34 |
otyak
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 17978
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 3499
شۆھرەت: 3290 نۇمۇر
پۇل: 11015 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 117(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

داڭگالنىڭ شاگىرتى چىقىپتۇ-دە ! داۋامىغا قارايمەن.
retim BLOG
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 11:45 |
tan-roh
دىيارىم ئەلچىسى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 20711
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 925
شۆھرەت: 955 نۇمۇر
پۇل: 4154 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 188(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

Quote:
بۇ مەزمون 3 - قەۋەتتىكى otyak نىڭ 2008-02-21 11:45 دە يوللىغان يازمىسى“”:
داڭگالنىڭ شاگىرتى چىقىپتۇ-دە ! داۋامىغا قارايمەن.


ھاھاھاھا...ئەتتىگەندە ئادەم كۇلدۇرىدىغان ئىنكاستىن بىرنى كۆرگىنىمگە خوشالمەن...

قېنى داۋامىنى كۆرەيلى...ھوي ھەدە سىزمۇ ئۇزۇن ئېلان بېرىپ پۇل تېپىش خىيالىدا بولماڭ جۇمۇ. ما پۇل تېپىلىدۇ ئىنكاس تېپىلمايدۇ ھە دەپ قوياي...
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 12:16 |
manggutax
ئىنكاس شاھى
ئالاھىدە تۆھپە دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 9
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 5648
شۆھرەت: 3477 نۇمۇر
پۇل: 377 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 3 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 299(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

گۈزەل ھەدە، مەن سىزنىڭ مۇنۇ ئەسىرىڭىزنى داۋامىغا شۇنداق تەشنا، ئىمكان بولسا بالدۇرراق يوللىۋەتىسىىڭىز-ھە.
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 12:21 |
kusan2
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 7941
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 822
شۆھرەت: 515 نۇمۇر
پۇل: 1973 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

قېنى گۈزەلخان بۇ ئەسەرنىڭ داۋامى؟قاچانغىچە ساقلايمەن.تېزراق بۇلۇڭە.
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 12:44 |
sehirlikalma
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 17636
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 2130
شۆھرەت: 2077 نۇمۇر
پۇل: 6905 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 209(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-12

 

Quote:
بۇ مەزمون 3 - قەۋەتتىكى otyak نىڭ 2008-02-21 11:45 دە يوللىغان يازمىسى“”:
داڭگالنىڭ شاگىرتى چىقىپتۇ-دە ! داۋامىغا قارايمەن.

مېنىڭچىمۇ شۇنداقدەك قىلىدۇ.
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 13:02 |
gohar
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 18349
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1792
شۆھرەت: 1735 نۇمۇر
پۇل: 5200 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-16

 

Quote:
بۇ مەزمون 2 - قەۋەتتىكى kuduratulla نىڭ 2008-02-21 11:34 دە يوللىغان يازمىسى“”:
زالىم ئەرنىڭ قۇلىدىكى مۆئىمىن ئايال غېرىپ.

قىنى داۋامى يېزىلغىچە بۇ ئورۇننى مەن ئەپ قۇياي.

شۇنداق توغرا گەپ قىلىپسىز .شۇنداق ئەرلەرنىڭ ئايلى بولغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي ! داۋامىغا قاراپ قالغان ئىڭكاسنى يازايلى !
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 13:18 |
ezitku-2
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 6746
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 136
شۆھرەت: 94 نۇمۇر
پۇل: 414 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-08-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

داۋامىنى  تېزراق  يېزىڭچۇ،مەن بۇ ماقالىغا خېلى قىزىقىپ قالدىم.
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 15:04 |
gvzal3.8
http://blog.retim.cn/289129
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئالاھىدە تۆھپە دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 20927
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 997
شۆھرەت: 1389 نۇمۇر
پۇل: 318 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 361(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

      كەلگەن لايىقلارنىڭ بىرىنى ئاق،بىرىنى كۆك دەپ يۈرۈپ،يەنە بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى.مەنمۇ مۇشۇ پۇرسەتتە ھۈنەر بولسىمۇ ئۈگىنىپ قويۇش خىيالىدا،بىر داڭلىق سەيپۇڭغا شاگىرىت بولۇپ كىردىم.ئۇ يەردە مەندىن باشقا يەنە 8 شاگىرىت قىزلار باركەن.گەرچە،ئائىلىدىكى بۇرۇختۇملۇقتىن بىر ئاز بولسىمۇ يېنىكلەپ قالغان بولساممۇ،لېكىن بارا-بارا بۇ ئائىلىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ماڭا پەقەتلا ياقمىدى،چۈنكى مېنىڭ ئۇستاممۇ  يېشى 40تىن ئاشقىنىغا قارىماي،ياش قىزلاردەك ياسىنىپ يۈرەتتى.چاچلىرىنى ھە دىگەندىلا بىردە بۈدۈر قىلسا،بىردە بوياپ،بېشىدا ياغلىقمۇ يوق ئىش قىلاتتى.دەسلەپكى كۈنلىرىمدە،ئىچىم سىقىلىپ بەكمۇ بىئارام بولدۇم.ئاخىرى ئۆزىگە ئۇدۇللا دىدىم،_ئۇستام،مەن ئەتىدىن باشلاپ كەلمەيمىكىن،_ئۇستام قولىدىكى دەزمالنى تۇتقانچە تۇرۇپلا قالدى،دە،_نىمىشقا؟،دەپ سورىدى.مەنمۇ بىر ھازا تۇرۇۋېتىپ،_كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن،مەن سىلەرنىڭ بۇ خىل تۇرمۇش ئادىتىڭلارغا كۆنەلمەيدىكەنمەن،سىزمۇ بېشىڭىزغا ياغلىق ئارتمايدىكەنسىز،نامازغۇ ئوقۇمايدىكەنسىز،قىزىڭىز غەيرى كىيملەرنى كىيىپ يۈرسىمۇ چاتىقىڭىز يوقكەن.بۇ ئىشلار كۆزۈمگە پەقەت سىغمايدىكەن،_دەپ،ئۇستامغا قارىدىميۇ،تۇرۇپلا قالدىم.چۈنكى ئۇستامنىڭ پىشانىلىرىدە مۇنچاق-مۇنچاق تەر پارىلداپ كەتكەن ئىدى.ئۇستام بىر ھازا تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن،_سىزنىڭ زادىلا تۇرغىڭىز كەلمىسە،مەنمۇ زورلىمايمەن،بىراق بىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتىمىز سىزنىڭ كۆزىڭىزگە سىغمىغان بولسا،مەن بۇنى تۈزەتسەم بولىدۇ،ياغلىق ئارتىش دىگەن تەس ئەمەس.نامازنى سىز ئوقۇغان يەردە مەنمۇ ئوقۇسام بولىۋىرىدۇ،دىمىسمۇ سىز ھەم باشقا شاگىرىت قىزلار تاھارەت ئالغىلى چۆگۈننى كۆتۈرگەن ۋاقتىڭلاردىلا مەن ئاللىبۇرۇن تەرلەپ بولىمەن.سىلەر شۇنچە ياش تۇرۇپ،بۇ جاھاننىڭ قىزىقچىلىقىغا بېرىلمىگەن يەردە،ماڭا نىمە قويۇپتۇ.........،_دىدى-دە،قەيەردىندۇر بىر ياغلىقنى تېپىپ بېشىغا ئارتىۋالدى،شۇ ۋاقىتتىكى ئۇستامنىڭ ياغلىق چىگكەن ئىللىق چىرايى ھىلىھەم كۆزۈمدىن كەتمەيدۇ..........
      شۇنداق قىلىپ،ئۇستام،بىز نەچچە شاگىرىتلار خوشال-خورام 3-4ئاينى ئۆتكۈزدۇق.شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە،دۇكانغا 50ياشلار چامىسىدىكى كېلىشكەن،پۇزۇر كىيىنگەن بىر ئايال كىرىپ كەلدى،قولىدىكى شىپىڭ دۇخاۋىنى ئۇستامغا تەڭلەپ تۇرۇپ،_بۈگۈن سىلەرنىڭ بۇ يەرگە سىڭلىمنى يوقلىغاچ،سىزگە ماۋۇنى  تىكتۈرەي دەپ ئەكەلدىم،بۇنى چوڭ ئوغلۇمنى ئۆيلىگەندە،قۇدىلار سوۋغاتلىققا قويۇپتىكەن،_دىدى.ئاڭغىچە ئۇستاممۇ،_ھە،ياخشى بوپتۇ.پاتىمە ھەدەمدىن ئاڭلىشىمچە،ئەمدى يەنە بىر ئوغلىڭىز قالدىغۇ دەيمەن،شۇنى ئۆيلىۋەتسىڭىز،كۆڭلىڭىزمۇ ئارامىغا چۈشكىدەك،_ دىدى،دە ماڭا قاراپ،_خان،ماۋۇ ئاپاشنى ئۆلچىۋىلىڭ دەپ مېتىرنى تەڭلىدى..مەن مېتىرنى ئېلىپ،ئۆلچەشكە باشلىدىم،مېنى ھەيران قالدۇرغىنى ئۆلچەش جەريانىدا،بۇ خانىمنىڭ مەندىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇرغىنى بولدى.بۇنداق قاراشتىن شۇنچىلىك بىئارام بولدۇمكى،ئىشىمنى تۈگىتىپلا سىرتقا چىكەتتىم.بىر دەم سىرتتا تۇرۇپ،دۇكانغا كىرسەم،ئۇ خېرىدار خانىم كېتىپتۇ.
      يەنە بىر نەچچە كۈن ئۆتتى،بىر كۈنى ئۇستام تاماق يەۋىتىپ،توساتتىنلا يېنىدىن بىر ئەرنىڭ سۈرىتىنى ئېلىپ ماڭا تەڭلىدى،مەن قولۇمغىمۇ ئالماستىن،ئۇنىڭغا سۇئال نەزىرىدە تىكىلدىم،ئۇستام يېنىمغىراق سۈرۈلۈپ،_بۇ يىگىت ئۆتكەندە كېلىپ،كىيىم بۇيرۇتقان ھېلىقى خانىمنىڭ ئوغلى بولىدۇ.ئۇ خانىم ئۆيىگە قايتىپ،سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئۆيىدىكىلەرگە قىپتىكەن.بۇ يىگىتمۇ تۈنۈگۈن،ئاپىسىنىڭ كىيىمىنى ئالغان بولۇپ كېلىپ،سىزنى كۆرۈپ كەتتى.شۇڭا بۈگۈن ماۋۇ رەسىمنى ئەكەپتۇ،كۆرۈپ باقامسىز؟،_دىدى.
    رەسىمنىغۇ قولۇمغا ئالمىدىم،بىراق،رەسىمدىكى يىگىتنىڭ چىرايى،ئېنىق ئېسىمدە.چۈنكى تۈنۈگۈن سىرتتىن كىرىۋاتسام،بىر يىگىت ئارقامدىن بىللە دىگۈدەك مېڭىپ،مەن بىلەن بىللە دۇكانغا كىرىپ،ئۇستام بىلەن بىردەم پاراڭلىشىپ،چىقكەتكەن ئىدى.
    مەن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم.ئۈن-تىنسىز تاماقنى يەپ يەنىلا ئىشىمىزغا كىرىشىپ كەتتۇق.
   
    ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن،ئاپام ئەتىگەندە ماڭا،_بۈگۈن شەھەردىكى.......ئائىلىسىدىكىلەر ئەلچى ئىۋەتىدىكەن،سىزنىڭچە جاۋابىنى قانداق بەرسەك بولار؟ئۇ بالىغۇ ھاراق ئىچمەيدىكەن،نامازنى تەرك قىلمايدىكەن،ئۆزى ئاياغ كىيىم سېتىش دۇكىنى ئاچىدىكەن،ئاتا-ئانىسىمۇ يۈزلۈك،قائىدە-يوسۇنلۇق،دىندار كىشىلەردىنكەن،ھە،راس.ئاپىسىنىڭ بىر سىڭلىسى ھېلىقى پاتىمە ھەدىڭىزكەن_دىدى.ئاپامنىڭ چىرايىدىن بەكمۇ مەمنۇنلۇقى چىقىپ تۇراتتى،مەن بۇنىڭغا نىمە دەيتتىم.بىر دەم تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن،_ئۆزۈڭلار بىلىڭلار،_دىدىم،دە دۇكانغا يول ئالدىم.........
      ئارىدىن بىرەر ئايچە ۋاقتىت ئۆتتى،شۇ ئارىلىقلاردا ئۇ يىگىت بىلەن،بىر قېتىم كۆرۈشكەن بولدۇق.يەنى توي خەت ئالغان كۈنى دۇكاندىكى شاگىرت قىزنى بىللە ئېلىپ چىقىپ،رەسىمگە چۈشۇپ،توي خەتنى بېجىردۇق،قايتاشىمىزدا بىللە تاماقلاندۇق.قارىسام بۇ يىگىت،خېلىلا قائىدە-يوسۇنلۇق،كەمسۆز ئىكەن.كۆڭلۈم بىر خىل ئېچىلىپ قالغاندەك،خوشال ھالەتتە ئۆيگە قايتتىم.ئاڭغىچە چوڭلارمۇ توينىڭ كۈنىنى بېكىتىپ بولدى.
      شۇنداق قىلىپ،ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان شۇ كۈننىمۇ كۈتۈۋالدىم.نىكاھمۇ ئوقۇلدى.........قىز كۆچۈرگىلى كەلگەنلەر قىقاس-چۇقان سېلىشىپ،بىزنى يۆتكەپ ماڭدى.بىز چۈشكەن ماشىنىنىڭ ئالدى-كەينىدە نۇرغۇن ماشىنىلار سەپ تۈزۈپ مېڭىۋاتاتتى،شۇ تەرىقىدە ئالاھەزەل 20مىنۇتچە ماڭدۇق.توساتتىنلا شوپۇر ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلاتتى،قارىساق،ئالدى تەرەپتە ماشىنىلار قاتار تىزىلىپ كەتكەن ئىدى،بىز ئولتۇرغان ماشىنا توختاپ تۇرۇشىغىلا قاتناش ساقچىلىرى،قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى كېلىپ بولدى،كۆڭلۈم بىر ئەنسىزچىلىكتە قالدى.....................

  داۋامى بار..........
لېكىن تېزلىكتە يېزىلىۋاتىدۇ.توغرا چۈشۈنۈڭلار.
retim BLOG
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 15:54 |
turkinaz
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 20648
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1130
شۆھرەت: 1269 نۇمۇر
پۇل: 4555 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 184(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

ھىكايىنىڭ تازا ھالقىلىق يىرىگە كەلگەندە توختىتىپ قۇيۇپسىزغۇ. بۇ قىزنىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتىسىگە قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن.
retim BLOG
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 16:27 |
kusan2
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 7941
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 822
شۆھرەت: 515 نۇمۇر
پۇل: 1973 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

ۋاي خۇدايىم يىگىتكە بىر ئىش بولمىغاندۇ ھە.
retim BLOG
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 17:02 |
gvzal3.8
http://blog.retim.cn/289129
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئالاھىدە تۆھپە دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 20927
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 997
شۆھرەت: 1389 نۇمۇر
پۇل: 318 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 361(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

      ئاڭغىچە ئالدى تەرەپتىن بىرەيلەن ھاسىراپ-ھۆمۈدىگىنىچە،يېتىپ كەلدى.شوپۇر بىلەن يولدىشىم تەڭلا ماشىنىدىن چۈشتى.قارشى تەرەپنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىيالمىدىم،ئەمما يولدىشىمنىڭ پىشانىسىگە پاققىدە بىرنى ئۇرۇپ،ماشىنىغا يۆلىنىپ قالغانلىقىنىلا كۆردۈم.ئاڭغىچە مەن ۋە قىز-ئوغۇل قولداشلارمۇ ماشىنىدىن چۈشتۇق.مەلۇم بولدىكى،ئالدىمىزدا قىز كۆچۈرۈپ ماڭغان مىنىبوس ئالدى تەرەپتىن يانداپ چىقىپ كەلگەن سانتانا ماشىنىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ،ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئىدى.....بۇنى ئاڭلاپ،جايىمدىلا ئولتۇرۇپ قالدىم........يولدىشىمنىڭ ئۆزىنى كاچاتلىغانچە يۈگرەپ ئالدى تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىلا ئېسىمگە كەلگەندەك بولۇپ،مەنمۇ يۈگۈردۈم.20-30چە ماشىنىدىن ئۆتۈپ،ۋەقە يۈز بەرگەن مەيدانغا كەلدۇق.قارىسام،دوختۇرلار يارىدارلارنى ماشىنىغا سېلىۋىتىپتۇ،يولدىشىم يارىدارلارنى بىرمۇ-بىر كۆرۈپ چىقتى،قارىسام قېيناپام چىرايلىرى تونۇغۇسىز،پۇتلىرى قاتلاشقان ھالەتتە،يەنە بىر نوسۇلكىدا ماشىنىغا ئېلىپ چىقىلىۋاتاتتى.يولدىشىم يۈگرەپلا شۇ ماشىنغا چىققان ھامانلا،ماشىنا يۈرۈپ كەتتى.مەن نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي،تۇرغان جايىمدا قېتىپلا قالدىم.
      _ھۇ،شۇم پىشانە،سېنى ئالغىچە ئىشەك ئالسىچۇ،ئىست.سەندەك نىمىنى كېلىن قىلىمەن دەپ،ئاچام نىمە كۈنلەرنى كۆرۈۋاتىدۇ!سېنىڭغۇ زادى مەرىڭ سوغۇق،ھالىڭ چوڭ نىمىتىڭ،خۇددى ئۆزۈڭدىن باشقىسى ھەممىسى كاپىردەك،چىرايلىرىڭنى ئوسرۇقتەك قىلىپ،يەرنىڭ تېگىدىن قاراشلىرىڭچۇ-تېخى،تۇفى....سەندەك شۇم پىشانە ........نى ئەمدى ئىتمۇ ئالمايدۇ،قاراپ تۇر،يەنە كىمنىڭ بېىشىغا چىقارسەن،ۋاي ئىست،ئاچام،ۋاي ئىسىت ئاچام.........دىگىنىچە بىر ئايال ئۆزىنى-ئۆزى كاچاتلاپ يىغلاپ،تىللاپلا كەتتى..........
    ئاھ،خۇدا،بۇ نىمىش ئەمدى؟مەن نىمە گۇناھ قىلدىم؟...مىڭەمدىن كىرگەن بىر ئاغرىق،پۇتۇمنىڭ ئۇچىغا چىكەتتى.نىمە دىيىشىمنى،نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي تۇرغىنىمدا،يىگىت-قىز قولداشلار مېنى ماشىنىغا چىقىشقا دەۋەت قىلدى.شۇندىلا ئەتراپىمدىكى ئادەملەرنىڭ ماڭا باشقىچە نەزەردە قاراۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم.يولمۇ ئېچىلغان ئىدى،ماشىنا قايتىدىن يولغا چىقتى.يەنە 20 مىنۇتچە ماڭغاندىن كېيىن،يولدىشىمنىڭ ئۆيىگە كەلدۇق.شۇنچىۋالا چوڭ ھويلىدا،بىزنى كۈتۈۋالغىنى 15-16 ياشلار چامىسىدىكى بىر قىز بولدى.كېيىن بىلىشىمچە،بۇ قىز قوشنىلارنىڭ قىزىكەن.ئۆيدىكى ھەممىسى ھېلىقى خەۋەرنى ئاڭلاپ،دوختۇرخانىغا كەتكەن ئىكەن.ياسىداق بېزەلگەن ئۆيگە ھىچكىمنىڭ تەكلىپىسىز  قىز-ئوغۇل قولداش،شوپۇر ۋە مەن تۆتەيلەن كىرىپ ئولتۇردۇق.بىر دەمدىن كېيىن قىز قولداشتىن باشقا ئىككەيلەنمۇ كېتىپ قېلىشتى.قولدىشىم بىلەن ئىككىمىز ئۈن-تىنسىز 2-3سائەت ئولتۇردۇق.ئاخىرى قولدىشىم چىقىپ كېتىپ،چاي دەملەپ،نان،پىششىق گۆش،ساڭزا تېپىپ كىرىپتۇ ۋە ماڭا:_ئالە ئاداش،سەن ئەتىگەندىن بېرى ھىچنەرسە يىمىدىڭ،ھېلىھەم بولسىمۇ ئازراق نەرسە يەۋال،_دەپ ئازراق پىششىق گۆش بىلەن نان تەڭلىدى.بۇلارنىڭ گېلىمدىن ئۆتۈشى مۇمكىنمۇ،ئۇنىڭ قولىنى ئاستا ئىتتەردىم.قولدىشىم بىر دەم زورلاپ بېقىپ،ئۆزى ئازراق يىدى.
    ياتار ۋاقمۇ بولدى،ھويلىدا ئانچە-مۇنچە پاراڭلار ئاڭلانغىلى تۇردى،قولدىشىم چىقىپ كېتى،سۆزلىگەنچە كىرىپ كەلدى،_ۋاي،ئاداش.بۈگۈن ئىككىمىز ئۇخلىغىدەكمىز،ئېرىڭ ئاپىسى بىلەن دادىسىنىڭ قېشىدا قاپتۇ،بۇ ھويلىدا بۈگۈن قېيناكاڭنىڭ ئايالى بىلەن يىراقتىن كەلگەن مېھمانلار،سەن،مەن قاپتۇق.بولدى،بېشىڭنى چۆكۈرۈپ ئولتۇرىۋەرمەي،بۈگۈنكى قازا نامازلىرىڭنى ئوقۇۋال،ئۇخلايلى،ھەقىچان ئەتە ئالدىراش بولىدىغان كۈن.............
    ئۇ يەنە نىمىلەرنى دىدى.........قۇلىقىمغا يېرىمى كىرىپ،يېرىمى چىقىپ دىگەندەك ئېسىمدىمۇ قالماپتۇ........


    داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ........
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 17:21 |
gvzal3.8
http://blog.retim.cn/289129
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئالاھىدە تۆھپە دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 20927
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 997
شۆھرەت: 1389 نۇمۇر
پۇل: 318 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 361(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

        شۇ كەچتە قېيناكامنىڭ ئايالى بىز بار ئۆيگە كىرىپ،تېچلىق سورىشىپ بىزنىڭ بالدۇرراق دەم ئېلىشىمىزنى تاپىلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.ھەر ھالدا،ئوچۇق چىراي ئېچىپ گەپ قىلىدىغان ئادەمدىن بىرسى بار بولدى دىدىم،ئىچىمدە.بىزمۇ ياتتۇق،لېكىن ئۇيقۇ قانداق يەردىكىن-تاڭ،كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى،ئاشۇنداق يېتىپ،ئەزان توۋلىغاندا تۇرۇپ كەتتىم.باشلىرىم زىڭىلداپ ئاغرىيتتى،ماڭغۇدەك ماجالىممۇ قالمىغان ئىدى.شۇنداقتىمۇ تاھارەت ئالغىلى تالاغا چىقتىم،ھېلىقى يىراقتىن كەلگەن مېھمانلار تاھارەت ئالغاچ تازا پاراڭغا چۈشكەن ئىدى،ياشقا چوڭراقى،يەنە بىرسىگە،_توۋا،مۇنداقمۇ شۇم پىشانە قىزۋالا بولىدىكىنا،قېرى قىز بوپقالغىنى بىكار ئەمەسكەنتۇق،مۇشۇ توينى ئەسلى خاتا قىلغان تويكەن.نامىزى بىلەن ياغلىقىغا ئاشىق بولۇپ توي قىلغانغا تويە.مەن بولىدىغان بولسام،تۈنۈگۈنلا شۇ ۋەقە بولغان مەيداندىلا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىۋىتەتتم،يەنە يۈزىنى داپتەك قىلىپ،مۇشۇ ئۆيگە كىرىۋاتىدۇ،توۋا،توۋا.........دەۋاتاتتى.  مېنى كۆرمىسە يەنە نىمىلەرنى دەيتتىكىن،تاڭ.........مېنى ھېلىقى ياشراقى كۆرۈپلا،گېلىنى قىرىپ قويدى.مەنمۇ ئۇلار بىلەن سالاملىشىپ قويۇپ،دالدىغا ئۆتۈپ كەتتىم........
      تاڭمۇ ئاتتى،ئەتىگەنلىك ناشتىنى قېيناكامنىڭ ئايالى ئەكىرىپ بەردى.دوستۇم ئىككىمىز ئازراق ناشتا قىلىۋالغاندىن كېيىن،مەنمۇ ئاستا ھويلىغا چىقتىم.ھەممەيلەن،ھەتتا يىراقتىن كەلگەن تۇققانلارنىڭ 5ياشلاردىكى بىر قىزىمۇ ماڭا ھومىيىپ قارايتتى.ئىچ-ئىچىمدىن ئۆرتىنىپ،ئۈن سېلىپ يىغلىۋىتىشكە ئارانلا قالدىم.شۇ ئەسنادا،بىزنىڭ تۇققانلاردىن تاۋاق كۆتۈرۈپ 5-6 ئايال كىرىپ كەلدى.شۇلارغا ئېسىلىپ،تازا قانغۇچە يىغلىۋالدىم.ئۇلار ماڭا بىردەم تەسەللى بېرىپ،مېنى ئېلىپ،دوختۇرخانىغا كەلدۇق.قېيناپام،تېخىچە جىددى قۇتقۇزۇش ئۆيىدىكەن،قېيناتام بولسا،قولى بوينىغا ئېسىغلىق باش-كۆزلىرى تېڭىغلىق ھالەتتە يېرىم يېتىپتۇ........بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ،ئىچىم شۇنداق سېرىلدى.يولدىشىم جىددى قۇتقۇزۇش ئۆيىنىڭ ئالدىدا بېشىنى چاڭگاللىغىنىچە يەرگە قاراپ ئولتۇرغانكەن،مېنى كۆرۈپ،ئالدىمغا كەلدى،دە،_ھەي،ماۋۇ بالا-قازانى ....دەپلا يىغلاپ كەتتى.ئۇنىڭ يىغىسىنى كۆرۈپ،مەنمۇ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالمىدىم...........بىر چاغ بولغاندا،قېيناكام كېلىپ،يولدىشىمغا،_بولدى،ئۇكام.بۇ يەردە بۇنداق ئولتۇرىۋالساڭمۇ،پايدىسى يوق.ئۆيۈڭگە كېتىپ،ئارام ئالغىن.مەن ئىش بولسا خەۋەر قىلىمەن،_دىدى.باشقىلارمۇ،قېيناتاممۇ سالا قىلدى.شۇنداق قىلىپ،ئىككىمىز ئۆيگە يېنىپ كەلدۇق.ئۆيگە كىرىپلا  ئۆزىنى كارىۋاتقا تاشلاپ،يەنە يىغلاپ كەتتى.....ئۇنىڭغا يە تەسەللى بېرىشىمنى يە  تەڭ يىغلىشىمنى بىلەلمىدىم.بىر ھازادىن كېيىن ئۇ جىمىپ كەتتى،قارىسام ئۇخلاپ قاپتۇ.ئىشىكنى ئاستا يېپىپ قويۇپ،قېيناكامنىڭ ئايالى بار ئۆيگە چىقىپ،ئۇنىڭ چۆچۈرە تۈگىشىگە ياردەملەشتىم،بىر چاغدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ چىكەتتى،يۈگۈرۈپ چىقساق،ئۇ ئاۋاز بىزنىڭ ئۆيدىن چىقىۋاتاتتى.
    _،بولدى قىلغىن،كىچىك ئاپا.بولىدىغان ئىش بوپبولدى.قاقشىساقمۇ ئورنىغا كېلەمدۇ،_بۇ يولدىشىمنىڭ ئاۋازى ئىدى.
    _،نىمە دىدىڭ،زادى ئوغۇلبالا دىگەن مۇشۇنداق دۈم چۈشىدۇ،ھۇ،ۋاپاسىز،بەدبەخ! خوتۇننى كۆرگەندە،ئاپاڭنىڭ تارتىۋاتقان ئازاۋىنى ئۇنتۇپ كەتتىڭ دىگىنە؟!،_بۇ ئېنىقكى تۈنۈگۈن مېنى ۋەقە بولغان مەيداندا تىللاپ كەتكەن،كىچىك ئاپىمىز يەنى قېيناپامنىڭ سىڭلىىى ئىدى.
  _،ئەمىسە قانداق قىلىمەن،يا ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارمىسا.خەقنىڭ قىزىنى نىكاھلاپ ئېلىپ،بۈگۈنلا كەت دەمدىم؟
_،دىمەي نىمىكەنتۇق؟!مەن ھازىر قوغلىۋىتىمەن.ئۇنداق شۇم پىشانە،مۇز چىراينى ھازىرلا قوغلىۋىتىمەن!
    يۈرىگىم قارتتىدە قىلىپ قالدى.ئاڭغىچە قېيناكامنىڭ ئايالى مېنى تارتىپ دىگۈدەكلا،باشقا بىر ئۆيگە ئەكىرىپ قويدى.ۋە ماڭا،_مەن چىقىڭ دىمىگۈچە،چىقماڭ،_دەپ قويۇپ چىقكەتتى.
ئاھ،خۇدا.بۇ نىمە كەلگۈلۈك ئەمدى......كۆزلىرىمدىن ياش ئەمەس،يۈرىگىمدىن قان ئېقىۋاتقاندەك شۇنداق بىئارام بولۇپ تولغىشىپ كېتىۋاتاتتىم..........


داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ...........
[ بۇ يازما gvzal3.8 تەرپىدىن 2008-02-22 00:44 دە قاي ]
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 18:06 |
janu123
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 10753
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 207
شۆھرەت: 303 نۇمۇر
پۇل: 1092 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 122(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

تېزراق يېزىڭە ئاخىرنى، بەك تەقەززار بولۇپ كەتتىم.........
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [15 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 18:07 |
zulpiya3.8
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 25520
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 116 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-02-22

 

    ئەسسالام گۈزەل ياخشىمۇ سىز؟
  ھېرىپ كەتكەنسىز -ھە؟ لېكىن يوللىغان تېمىڭىز ئادەمنى بەك تەقەززا قىلىپ كېتىۋاتىدۇ، ئاخىرى قانداق بولار - ھە؟ تېمىڭىزغا تەلمۇرۇپ تۇرۇۋاتىمىز..
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [16 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 18:20 |
gvzal3.8
http://blog.retim.cn/289129
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئالاھىدە تۆھپە دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 20927
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 997
شۆھرەت: 1389 نۇمۇر
پۇل: 318 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 361(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.
مەن بۇنى ھەرگىزمۇ قەستەنگە ئۈزۈپ قويمىدىم،ھەقىقەتەن چارچاپ قالدىم.بېشىم بەك ئاغرىپ كەتتى،مەن يەنە 2سائەت دەم ئېلىۋىلىپ،قالغىنىنى بۈگۈن داۋاملىق يوللاپ تۈگىتىۋىتىمەن.(ئاللا خالىسا)
شۇڭا توغرا چۈشۈنىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [17 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 18:21 |
turkinaz
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 20648
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1130
شۆھرەت: 1269 نۇمۇر
پۇل: 4555 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 184(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

يەنە ئىككى سائەت ساقلايدىكەنمىزدە.
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [18 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 18:44 |
katil731
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 18503
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2113
شۆھرەت: 1938 نۇمۇر
پۇل: 5122 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 162(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

ئاللاھ ھەر ئىنسانغا شۇ كىشىنىڭ ئىمانىغا لايىق سىناقلارنى بېرىپ سىنايدۇ، سەۋرى قىلىڭ سىڭلىم سىزگە ھېسداشلىق قىلىمەن،
بۇ تىمىنى كۇرۇپ مەنمۇ غەلىتە بوپ قالدىم، قالغان ئىنكاسىمنى تۇگۇگەندە يازاي،
گۇزەل ھەدە مەن ئۇچۇن بولسىمۇ ئۇ قىزغا لايىقىدا تەسەللىي بېرىپ قۇيۇڭ مەن سىزگە ئىشىنىمەن چۇقۇم ياخشى بىر تەرەپ قىلالايسىز، قالغان ئىشلار ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئامانەت.
qarluq
چوققا [19 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 18:45 |
atabora
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 18988
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1376
شۆھرەت: 987 نۇمۇر
پۇل: 3369 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 58(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

  ھەي ... تەغدىر ...... مۇشۇنداق كونىلىق تەرەپتارلىرى بىزنى قالايمىقان قىلىپ نەرگە ئاپىرار ؟؟؟؟؟  .... توۋۋا ، مىڭ توۋۋا !!!!!!!!!!!!!!!!!!
qarluq
چوققا [20 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 18:52 |
Quyash
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 106
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1652
شۆھرەت: 1539 نۇمۇر
پۇل: 1006 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 128(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-07

 

بۇ خەتنىڭ ئاخىرىغا ھەجەپ تەشنا بولدۇم دىسە . گۈزەل تىزراق يازارسى . داۋامىنى كۈتىمىز !
qarluq
چوققا [21 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 18:58 |
katil731
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 18503
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2113
شۆھرەت: 1938 نۇمۇر
پۇل: 5122 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 162(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

ما خۇتۇن تېخى يازماپتىغۇ، نىمىلەرنى قىلىپ يۇرۇيدىغاندۇ،ئادەمنى تەقەززا قىلىپ.
qarluq
چوققا [22 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 20:22 |
gvzal3.8
http://blog.retim.cn/289129
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئالاھىدە تۆھپە دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 20927
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 997
شۆھرەت: 1389 نۇمۇر
پۇل: 318 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 361(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

Quote:
بۇ مەزمون 22 - قەۋەتتىكى katil731 نىڭ 2008-02-21 20:22 دە يوللىغان يازمىسى“”:
ما خۇتۇن تېخى يازماپتىغۇ، نىمىلەرنى قىلىپ يۇرۇيدىغاندۇ،ئادەمنى تەقەززا قىلىپ.

ھەي،قاتىل دىگەن توڭ،مانا يېزىۋاتىمەن.
qarluq
چوققا [23 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 21:02 |
dilbinur
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 25548
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 39
شۆھرەت: 39 نۇمۇر
پۇل: 227 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-13

 

ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ ئاخىرىنى كورۇشكە بەكمۇ تەشنا بۇلۇپ كەتتىم. تېزراق يازسىڭىزچۇ.....
qarluq
چوققا [24 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 22:06 |
sir`siz
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 23082
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 149
شۆھرەت: 179 نۇمۇر
پۇل: 570 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 85(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-29

 

يەنە يوققۇ`
qarluq
چوققا [25 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 22:07 |
danggal
قۇم قازى
ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 82
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 1013
شۆھرەت: 772 نۇمۇر
پۇل: 303 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 110(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-16

 

كۆڭلىڭىز....
qarluq
چوققا [26 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 22:08 |
gvzal3.8
http://blog.retim.cn/289129
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئالاھىدە تۆھپە دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 20927
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 997
شۆھرەت: 1389 نۇمۇر
پۇل: 318 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 361(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

      ئەنە شۇ ئۆيدە ساق2سائەت ئولتۇرۇپتىمەن،بىر چاغ بولغاندا،قېيناكامنىڭ ئايالى بىر چىنە چۆچۈرە ئېلىپ،كىرىپ كەلدى.
        _،بۇنى تېزراق ئىچىڭ،قوسۇغىڭىزمۇ ئېچىپ كەتتى.ھەي،بۇ ئىشلاررنى-زە..............
        ئۇ شۇنداق دىگەچ،ماڭا ئاشنى سۇندى ۋە :
        _،قاسىمجان كىچىك ئاپىمىز بىلەن دوختۇرخانىغا كەتتى،سىز بۈگۈن مەن بىلەن يېتىڭ.مەن چىقىپ،ئۆگزىدىكى يېيىتىپ قويغان شوخلا قاقلىرىنى ياندۇرۇپ چۈشەي،يامغۇر ياغىدىغاندەك تۇرىدۇ.
        ئۇ شۇنداق دەپ چىقىپ كەتتى.قولۇمدىكى ئاشنى بۇ دۇنيالىقتا ئىچىپ بولىدىغانغا كۆزۈم يەتمىدى.مەنمۇ ئاستا تالاغا چىقتىم،سىم-سىم يامغۇر چۈشىۋاتاتتى.كۆڭلۈمدە<ئاپلا،ئۆگزىدىكى شوخلا قاقلىرى يامغۇردا قالارمۇ>دىگەنلەرنى ئويلاپ تۇرىشىمغىلا،كۈتۈلمىگەن ئىش يۈز بەردى.ۋايجان دىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭلا ئۇزۇن شوتا،ۋە قېيناكامنىڭ ئايالى كۆز ئالدىمدا ياتاتتى....يەردە چېچىلىپ كەتكەن شوخلا..........ئاڭغىچە ئېسىمنى يىغىپ،بېرىپلا ئۇنى يۆلىدىم.بىراق ئۇ زادىلا تۇرالمىدى.يىغلىغىنىمچە يۈگۈرۈپ خوشنىلارنىڭ ئۆيىگە چىقتىم.مېنى كۆرۈپ،ئايال خوشنىنىڭ چىرايى سەل ئۆزگەردى-يۇ،يەنىلا يولدىشى بىلەن يۈگۈرۈپ دىگۈدەك ئارقامدىن بىزنىڭ ھويلىغا كىردى.يولدىشى قاراپلا،
      _،ئاپلا،ئىش چاتاقتەك تۇرىدۇ.مەن ماشىنا تېپىپ كېلەي،_دەپ چىقىپ كەتتى،
قېيناكامنىڭ ئايالىنىڭ چىرايى تامدەك تاتىرىپ،چاچلىرى سىم-سىم يامغۇردا ھۆل بوپ كەتكەن ئىدى.نىمە قىلارىمنى بىلمەي،ئۆيۈمگە كىرىپ،ئەدىيال ئېلىپ چىقتىم-دە،ئۇنىڭغا ياپتىم.مەقسىدىم ئازراق بولسىمۇ يامغۇردىن دالدىلىنىش ئىدى.ئويلىمىغان يەردىن ئايال خوشنا تارتىپ ئېلىپلا پىقىرىتىپ تاشلىۋەتتى.
      _،ئۆتۈپ بېرىڭە،يالغان كۆيۈنۈپ كەتمەي.مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ كاساپىتىڭىز،بۇ ئۆيدە ساق قالغاندىن 2ئوغۇل قالدىمۇ-نىمە؟سىز يەنە بىر قونسىڭىز،ئۇلارمۇ تەييار بولغىدەك..........
      گېپىنىڭ ئاخىرى ئۈزۈلۈپ بولغىچە،ئەر خوشنا يۈگۈرۈپ كىردى.قېيناكامنىڭ ئايالىنى مىڭ تەستە كۆتۈرۈپ،ماشىنىغا سالدى-دە،يۈرۈپ كەتتى.
      شۇ ھويلىدا،شۇ سىم-سىم يامغۇردا قانچىلىك تۇرغانلىقىمنى بىلمەيمەن.ئاخىرى توڭلىغىنىمنى ھىس قىلغاندىن كېيىنلا ئېسىمگە كەلدىم.شۇنچەچوڭ قورۇدا يالغۇز قاپتىمەن.بېرىپ دەرۋازىنى قۇلۇپلاپ،ئۆيگە يېنىپ كىردىم........ئىچىمنىڭ بىر يەرلىرى ئاغرىغاندەك بولۇپ،بىئارام بولۇۋاتساممۇ،نامازغا تۇردۇم.توۋا،دەيمەن،بۈگۈنمۇ نامازلىرىم يەنە يىغىلىپ قالغانتى،ئەمدى جەينامازغا چىقىشىمغىلا دەرۋازا قاتتىق ئۇرۇلدى،نامىزىمنى بۇزالمىدىم.شۇنداقتىمۇ قۇلىقىمغا كىرىپ تۇردى،سالامدىن كېيىن يۈگرەپ چىقىپ،دەرۋازا ئالدىغا كەلدىم.
      _،ئاچە،ھەي.شۇم پىشانە........ئاناڭنىڭ ھەققى باردەك،ئولتۇرۇپ كېتىپسەنغۇ،بۇ ئۆيدە.قاراڭلار تېخى،غېمىدە يوق يۈرگىنىنى،يۈزۈڭ بەك قېلىنكەن سېنىڭ!،_يەنە ھىلىقى كىچىك ئاپىمىزنىڭ ئاۋازى.
    دەرۋازىنى ئاچتىم-يۇ،يۈزۈمگە شالاققىدە تۈكۈرگەن تۈكرۈكنى سۈرتكەنچە تۇرۇپلا قالدىم.
يېنىدا يولدىشىممۇ تۇراتتى....ماڭا قاراپمۇ قويماي،ئۆيگە ماڭدى.مەنمۇ ئارقىدىنلا كىردىم.كىچىك ئاپىمىز ئۆينىڭ ئوتتۇرىدا بېلىنى تۇتقىنىچە تۇراتتى.
    _،ھە،بولە.بايام دوختۇرخانىدا بەك يوغان گەپنى قىلىۋاتمامتىڭ،_ئارقىدىنلا ماڭا
    _،ھەي،سۆرۈن.سەنمىچۇ نەرسىلىرىڭنى يىغىشتۇرۇپ،ھازىرلا يوقال.ھېلى مېنىڭ ئۆلگۈدەك تايىقمنىڭ ئاستىدا قالمىغىن يەنە........
    شۇ ئەسنادا يولدىشىمغا قارىدىم،ئۇنىڭدىن سادا چىقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.ئۇقمىدىم،نەدىن كەلگەن خىيالكىن تاڭ،ئورنۇمدىن تۇرۇپ،ئۆزۈمنىڭ لازىمەتلىكلىرىنى قاچىلاپ،كىچىكرەك سومكا تەييارلىدىم،ئاخىرقى قېتىم يولدىشىمغا يەنە قارىدىم.ئۇ بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي ئولتۇراتتى.سومكامنى كۆتۈرۈپ،بوسۇغىدىن چىقتىم،تالادا يامغۇر قۇيۇۋەتكەن ئىدى.شۇنداقتىمۇ مېڭىۋەردىم،كاللامدا شىددەتلىك خىياللار........شۇ ماڭغانچە چوڭ تاشيولنىڭ بويىغا چىقىپ قاپتىمەن.قارىسام بىر قارا ماشىنا كېلىپلا توختىدى.ئىچىدە بىر خەنزۇ ئولتۇرۇپتۇ،شوپۇر ئۇيغۇر ئىكەن.مەن ئىككىلىنىپ،ئۇنىڭغا قارىدىم.
    _،چىقىڭە،بۇ كېچىدە،بۇ يامغۇردا نىمە نوچىلىق سىزگە........
    ئاخىرىدىكى گەپلىرىمۇ قۇلىقىمغا كىرمىدى......شۇ ماڭغانچە يېرىم سائەتتىن جىقراق مېڭىپ،ئاتا-ئانامنىڭ مەھەللىسىگىمۇ كەپقاپتۇق.ئۇ كىشىگە رەھمەت ئېيتىپ،ماشىنىدىن چۈشۈپ قالدىم.
ئۆيگە كىرسەم،دادام،ئاپاملار ھاڭ-تاڭ قالدى.ئۇلارغا قېيناكامنىڭ ئايالىنىڭ ئىشىنى قىسقىچە سۆزلەپ بېرىپ،يېتىۋالدىم.ئاھ،خۇدا.ئاتا-ئانىنىڭ ئۆيىدەك ئىللىق ماكانمۇ بارمىدۇ؟.......كۆزۈمدىن ياش يەنە قۇيۇلۇشقا باشلىدى.............قاچانلا ئۇخلاپ قالدىمكىن،بىر چاغدا ھويلىدا دادامنىڭ يۆتەلگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ،كۆزۈمنى ئاچسام،تاڭ خېلىلا سۈزۈلۈپ قاپتۇ........
    شۇنداق قىلىپ،ئۇ يولدىشىم بىلەن قانۇنلۇق ئاجراشتۇق.ئاڭلىسام قېيناپام بىر ھەپتە ھۇشسىز يېتىپتۇ،ھازىر ھۇشىغا كېلىپ،ئانچە-مۇنچە بىرەر نەرسە يىگۈدەك بوپتۇ.قېيناتامنىڭ قولى يەنىلا شۇنداق ئېسىغلىق تۇرۇپتۇ.قېيناكامنىڭ ئايالى بالنىسىتىن چىقىپتۇ،بىراق ئەڭ ئېچىنارلىقى،ئۈچ ئايلىق ھامىلە چۈشۈپ كېتىپتۇ.شۇنداق كۆڭلۈم يېرىم بولدى........
    مانا ھەش-پەش دىگۈچە،25ياشقا كىرىپ قالدىم،ئاتاقتا بىر ياتلىق بولغان،يەنە كېلىپ،بىر بوۋاقنىڭ بېشىغا چىقىپ،بىر ئائىلە كىشىلىرىگە پالاكەت ئېلىپ كەلگەن شۇم پىشانە ئاتالدىم.......ئاتا-ئانامنىڭ ئۆيىدە بىرەر يىل تۇرغان بولساممۇ،ھىچقانداق يەردىن ئەلچى دىگەنلەر كەپباقمىدى.راس گەپنى قىلغاندا،مەنمۇ قايتا ياتلىق بولۇش دىگەندىن ئۆلگۈدەك قورقاتتىم...............
داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ..............
qarluq
چوققا [27 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 22:34 |
sapra@bay
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 22011
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 402
شۆھرەت: 417 نۇمۇر
پۇل: 1386 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-06

 

گۇزەل خانىم جاپا تارتىپلا .........بۇنچىۋالا كوپ خەتنى ئۇرۇشمۇ ئاسان ئەمەس،مۇشۇ يازغانلىرىنى كورۇپ سىلىگە ھاردۇق چىقارغىدەك  بىرچەينەك   چاي دەملەپ بەرگەم كىلىۋاتىدۇ جۇما......بىر پىيالە ئىچسىلىرى ھاردۇقلىرى چىقىپ قالىتى .....ھارمىغايلا......
داۋامىنى كۇتىمەن....
qarluq
چوققا [28 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 22:42 |
sir`siz
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 23082
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 149
شۆھرەت: 179 نۇمۇر
پۇل: 570 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 85(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-29

 

نىمىدىگەن ئىچىنىشلىق.......!
بۇمۇ ئاللاھنىڭ سىناقلىرى .
qarluq
چوققا [29 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 22:51 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2345» Pages: ( 1/8 total )
دىيارىم مۇنبىرى » ﻧﯩﻜﺎﮬ ﯞﻩ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :09-17 17:39
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号