قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2345» Pages: ( 1/9 total )
بۇ تېما 4920 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: ئاھ ! .... بالىلىق ، ئاھ ! .... شاۋقۇنسىز دەريا .... پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

atabora
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 18988
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1376
شۆھرەت: 987 نۇمۇر
پۇل: 3369 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 58(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 ئاھ ! .... بالىلىق ، ئاھ ! .... شاۋقۇنسىز دەريا ....

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ajrim تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-02-23)
 
ئاھ ! .... بالىلىق ، ئاھ ! .... شاۋقۇنسىز دەريا ....


 
  قايتىپ كەلگىنىمگە 3 كۈن بولغان بولسىمۇ بىرەر يەرگە چىقىش خوشياقماي ئۆيدە تورۇسقا قاراپ خىيالغا پاتقىنىمچە ياتاتتىم .
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ئىشىكنى ئىتتىرىپلا كىرگەن تونۇش چىرايلار بىلەن خىيال كەپتىرىمنىڭ يىپى ئۈزۈلدى . بىر نەچچە يىل ئاۋالقى سەبى چىرايلارنىڭ ئورنىنى ھازىرقى بۇرۇتى خەت تارىتقان ، كۆزلىرى يىنىپ تۇرغان يىگىتلەر بىلەن بىرمۇ - بىر قۇچاغلىشىپ كۆرىشىپ چىقتىم .
- قېنى يۇقۇرغا چىقىڭلار ....
بالىلار غېممىدە يوق بىردەم ئۆينىڭ ئۇيەر - بۇيەرىگە ، بىردەم ماڭا قاراپ تۇراتتى .
- ھەي ، نىمىگە قاراپ تۇرىشىسەن . يۇقىرغا چىق دىگەندىن كىيىن چىقىشماي ؟! ... دىدىم ئىچىم پۇشۇپ . ئۆي ئىچىنى قاتتىق كۈلكە قاپلىدى .
- ھە ، مەن نىمە دىدىم . ئۇ تېخى مەنسىپىنى ئۇنتۇپ قالمىدى دىسەم ئىشەنمەيسىلەر ! .... مەھەللىمىزنىڭ كونا ۋارتاسى ئۆزىنى كۈلكىدىن توختىتىۋالالماي سۆزلىمەكتە ئىدى . ھەي ، كاساپەتلەر ئۆيگە كىرىشتىن بۇرۇن مەسلىھەتلىشىپ بولسەنكەندە ، دىدىم ئىچىمدە . ئۆي ئىچىدە تېخىچە كۈلكە ياڭرىماقتا ئىدى . ئىختىيارسىز بالىلىققا قايىتتىم .....
  نىمىدىگەن گۈزەل چاغلار ئىدى ، ھە ! .... باشلانغۇچنىڭ 5 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى. مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى بولغىنىم ئۈچۈن مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن پەقەت كەچتىلا بىللە بولالايىتتىم . ئوينايدىغان ئويىنىمىزنىڭ كۆپلىكىگە گەپ كەتمىسىمۇ لىكىن بالىلارنىڭ كۈندۈزدىكى بىكارچىلىقىنى ئاڭلىساملا ئىچىم پۇشاتتى . شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە يازلىق تەتىل بولۇپ ئۆززمنىڭ ئويلىغان بەزى ئىشلىرىنى قىلغىلى ۋاقىت چىقتى . تەتىل بولۇپ 3 - كۈنى مەھەللىدىكى بارلىق بالىلارنى يىغىپ ئۆز پىكرىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم . كۆپچىلىكنىڭ قوللىشى بىلەن مەھەللىمىزنىڭ پۇتبول كوماندىسى قۇرۇلدى . كۈنلەر ئۆز تەرىقىسىدە شۇنچىلىك مەنىلىك ئۆتمەكتە ئىدى . ئەتتىگەن سائەت 5 دە ئورنۇمدىن تۇرۇپ مەھەللىگە چىقاتتىم بىر ئىسقىرتىش بىلەنلا بالىلارنىڭ ھەممىسى تەق بولاتتى ، دە يىنىمىزدىكى ۋاڭ قادىرنىڭ بېغىغا چىقىپ مەشىقنى باشلايىتتۇق . بەزىدە باغنىڭ كەينىدىكى قەبرىستانلىقنىڭ كەڭ مەيدانىدا باشقا مەھەللە بالىلىرى بىلەن مۇسابىقىمۇ ئويناپ قالاتتۇق . چۈشتىن كىيىنلىرى بولسا زايۇمكىغا ياكى چوقۇرغا چاپاتتۇق . بۇ چاغلاردا تېخىمۇ قىززىق ئىشلار بولاتتى . شەرىق مەھەللىنىڭ ئارقىسىدىكى شېپاڭنىڭ شورلىرىدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ خالىغان مىۋىلەرنى يەپ ، يانچۇقلىرىمىزغا بولىشىچە قاچىلاپ چىقىپ كېتەتتۇق . باغقا باغلاپ قويغان ئىتلارنى بولسا تېرىكتۈرۈپ قىچىپ كېتەتتۇق . بەزىدە ئىتلار باغلاقتىن قويۇلۇپ كېتىپ بىزنى قوغلاپ كېتەتتى . بۇ چاغدىكى قىززىقچىلىققا گەپ توغرا كەلمەيدۇ .... بىر ياقتىن قېچىپ . بىر ياقتىن بىر - بىرىمىزنىڭ چىرايىغا قاراپ كۈلۈپ تېلىقىپ كېتەتتۇق . پۇلغا تېگەشكۈسىز چاغلار ئىدى بۇ ! ... ئۇ چاغدىكى دەريا سۈيىنىڭ سۈزۈكلىكى ، بېلىقلارنىڭ كۆپلىكى ۋە تەمنىڭ ئۆزگىچىلىكى ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايىتتى . زايۇمكىغا چۈشكەندە بولسا ئۆزىمىز ياسىۋالغان قارماقلار بىلەن بېلىق تۇتۇپ يەتتۇق . ئىشنىڭ قىززىقلىرى مۇشۇ چاغدىمۇ يۈز بېرەتتى . بىرەرسىنى ئۇنى تېپىپ كەل بۇنى تېپىپ كەل دەپ كەتكۈزىۋىتىپ چالا پىشقان بېلىق كاۋاپنى بۇلۇشۇپ يەۋالاتتۇق . قايتىپ كەلگەن بالا ئاچچىقىدا بىزنى قوغلاپ كېتەتتى . بەزى چاغلاردا دەريا بويىدىن ياۋا ئۆردەك قاتارلىق نەرسىلەرنىمۇ تۇتىۋالاتتۇق .
- بالام ، ما چاينى ئال !
ئاپامنىڭ ئاۋازى بىلەن خىيال كەپتىرىم جىسمىمغا ئۇچۇپ كىردى .
- ھەي ، ھاڭۋاقتى ! ئاپاڭ سېنى چاقىرۋاتىدۇ . بىزگە قۇيىدىغان مانداق چاي - پاي دىگەن نەرسەڭ يوقما ؟! .....
مەھەللىمىزنىڭ سول بېكى كۆزىنى باشقىلارغا قىسىپ قويۇپ چىشىمغا تېگىۋاتاتتى .
- ھە ، ئۆزۈڭنى بىلىۋالساڭ بولارمىكى ؟!  بىرەر جازا يىگىڭ كىپ قالدۇمۇ سېنىڭ ؟!
- قاراڭلار بۇنى ، تەيپىنەمنىڭ ۋاقتىدىكى مەنسىپىنى يەنە پەش قىلغىلى تۇردى .
ئۆي ئىچىنى يەنە كۈلكە قاپلىدى . زادى مۇشۇ غۇلجىلىق دىگەننىڭغۇ قېنىدا بار جۇمۇ ! .... كۈلكە - چاخچاقتىن ئايرىلالمايمىز ، دىدىم  ئىچىمدە . بىر يەرگە يىغىلىپ قالساق مۇشۇنداق كۈلكە - چاخچاق بىلەن ئۆز كۆڭلىمىزنى خوشال قىلىشاتتۇق . قىززىق ئەتكەنچاي بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق . بىر چاغدا ئارىمىزدىن بىزنىڭ ئوڭ بېك ئورنىدىن دەس تۇردى ، دە :
- دوكلات ! ، كۆپچىلىك سېنى ئاڭلىغان - بىلگەنلىرىڭدىن سۆزلەپ بەرسۇن دەيدۇ . دەپ ھەممەيلەنگە ھەييارلارچە قاراپ قويدى .
- ئولتۇرە ھۇي ! ، بۇ سېنىڭ قوغۇنلىقىڭ ئەمەس . ئۇنىڭ لەقىمىنى قۇشۇپ چاخچاق قىلدىم . ئۆيدە يەنە كۈلكە كۆتۈرۈلدى .
- ئاۋۋال چاينى ئىچىپ بولايلى ئاندىن كونا جايغا بېرىپ قالغان گەپنى شۇ يەردە پاراڭلىشىمىز .
چايمۇ ئىچىلىپ بولۇپ دۇئادىن كىيىن ھەممەيلەن سىرىتقا قاراپ ماڭدۇق . بىر ئىش يادىمغا كەلدىدە كەينىمگە قاراپ :
- ھەممىڭلار ئاپامنىڭ مىجەزىنى بىلىسىلەر . كونە قائىدە بويىچە ھە ؟!
- بولىدۇ جان چىقسىمۇ دىمەيمىز . ھەممەيلەن بىر - بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق . ئىلى دەرياسى ھەر يىلى بولمىدى دىگەندە بەش ياكى ئون ئادەمنىڭ بېشىغا چىققاچقا كۆپىنچە ئاتا ئانىلار بالىلىرىنى دەرياغا يىقىن يولاتماتتى . لىكىن غۇلجىنىڭ قاپ يۈرەكلىرى يەنىلا دەريادىن مېھرىنى ئۈزەلمەتتى . ئۆيدىن چىقىپلا ئاپامغا دۇقۇرشۇپ قالدۇق .
- ھە ، ئولتۇرمايلا چىقىۋاپسىلەرغۇ ؟ يەنە بىردەم ئولتۇرماي . مانا كەچلىك تاماققىمۇ تۇتۇش قىلىۋاتاتتىم . دېدى ئاپام . مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيىتتە ئىشنى ئوڭشايدىغان ۋارتارىمىز ئوتتۇرغا چۈشتى .
- رەھمەت ھەدە . ئەسلىغۇ كۆپىرەك ئولتۇرغىمىز بار ئىدى ، لىكىن بۈگۈن بىر دوستىمىزنىڭ ئاكىسىنىڭ تويى بولاتتىكەن بىز بۇ ياۋايىنى شۇ يەرگە ئاپىرىپ ئوينىتىپ كېلەيلى دىدۇق . ھېلىمۇ بۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىگىلى 3 يىل بولاي دەپ قالدى . كىيىن يەنە كېلىمىز .
- ھە ، مەيلى ئەمسە . يوقاپ كەتمەي كەپ تۇرۇڭلار .
- بولىدۇ ، بولىدۇ . ماقۇل ئەمسە .
- خۇدايىمغا ئامانەت .
ئۆيدىن چىقتۇقتە مەھەللىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى كۆرۈك بېشىدا مەسلىھەتنى پىشۇرۇپ چوقۇر تەرەپكە قاراپ يولغا چىقتۇق . ئانا يۇرۇتنىڭ ھەر بىر تونۇش چىرايى ، تونۇش پۇراقلىرىغا مەس بولۇپ ماڭماقتىمەن . ئالاھەزەل 15 مىنۇتلاردىن كىيىن ئىلى دەريا بويىغا يىتىپ كەلدۇق . نېمىدىگەن چوڭ ئۆزگىرىش ھە بۇ ! .... دەريا بويىغا قاتار سېلىنغان مىللىي تۈستىكى ئاشخانىلار ، ئەتىراپتا ياڭراۋاتقان خەلىق كۈيلىرى مىنى ئەسرا قىلماقتا ئىدى . لىكىن كۆرۈك ئۈستىگە چىقتىميۇ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم . بىرىنجى ئاركىنى ھېسابقا ئالمىغاندا باشقا سەككىز ئاركىدا سۇ ناھايىتى ئازلاپ كەتكەن ئىدى . دەريا ئوتتۇرسىدا ئاراللار بۇرۇنقىدىن خېلىلا كۆپىيىپ قالغان بولۇپ ئادەم بويى كەلگۈدەك قۇمۇشلارنىڭ لەرزان يەلپۈنىشى دەريانىڭ ئۈنسىز شىۋىرلاشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئاجايىپ بىر خىل كۆڭۈلسىز مىلودىيە ھاسىل قىلغان ئىدى . كۆڭلۈمنىڭ ، يۈرۈكمىنىىڭ بىر يەرلىرى ئېچىشماقتا . ئۇ دەريانىڭ ئۈنسىز يىغىسىغا ھەمجۆر بولماقتا . قىزارغان ئۇپۇقلار دەريانى تاۋلاپ تۇرسىمۇ ئۇ ئۆز مەۋجۇتلىقىنى يوقىتىش ئالدىدا ئىدى . ئۇنىڭ نالىسى ئۇپۇقنىڭ گىرىمسەن قىرلىرىغىچە سىڭىپ كەتكەن بولۇپ ئۇ ئىنسانلارغا نەپرە كۆزى بىلەن قارىماقتا . ئۇنىڭ نالىسى قۇلاق پەردەمدىن ئۆتۈپ تومرۇمدىكى قانلارنى توختاتماقتا . روھىم بولسا دەرياغا سىڭىپ كەتمەكتە ئىدى . ئاھ ! .... شاۋقۇنسىز دەريا ، سېنىڭ شۇ شاۋقۇنلىرىڭنى بالىلىقىمدا ياڭراتقان زەپەر مارىشلىرىڭنى سېغىندىم ...... سەن يەنە قانچىلىك بەدراشلىق بېرەلەرسەن ھە ؟؟؟؟ ...... دەريا ئۇنسىز ئاقماقتا ، ئۇنىڭ جاۋاپ بەرگۈدەكمۇ ماجالى قالمىغان ئىدى ..........



2005 - 8 - 15 غۇلجا ( ئاتا بۆرە )
 

   
 
تېما تەستىقلىغۇچى : ajrim
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-02-21, 03:14
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
پۇل:+10(sirajil) ئېسىل
شۆھرەت:+10(manggutax) ياخشى ماقالە
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-02-20 21:48 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
ajrim
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 14310
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1727
شۆھرەت: 1836 نۇمۇر
پۇل: 1849 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 322(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

بۇ ئەسىرىڭىزنى شۇنداق ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم ، رەھمەت !
qarluq
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 11:21 |
otyak
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 17978
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 3499
شۆھرەت: 3290 نۇمۇر
پۇل: 11015 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 117(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

بۇ تىما مېنى ئىلى دەرياسىغا بارغان چاغدىكى كۆڭۈللۇك كۇنلىرىمنى  ئەسلىتىپ قويدى. ياخشى يېزىپسىز . رەخمەت سىزگە !
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 11:32 |
atabora
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 18988
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1376
شۆھرەت: 987 نۇمۇر
پۇل: 3369 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 58(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

  ئوتياق ئاكىمىزمۇ غۇلجىنىڭ مېھمىنى بوپ بىقىپتىكەندە ؟! ..... قېنى تەسىراتىڭىزنى سۆزلەپ بەرمەمسىز .
retim BLOG
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 14:11 |
otyak
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 17978
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 3499
شۆھرەت: 3290 نۇمۇر
پۇل: 11015 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 117(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

مەن 89- يىلى ئىلى دەريا بويلىرىدا ساۋاقداشلار بىلەن بىللە ئويناپ، ياخشى تەسىرات قالدۇرغان.شۇنچىلىك دەي...
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 14:18 |
atabora
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 18988
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1376
شۆھرەت: 987 نۇمۇر
پۇل: 3369 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 58(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

  لىكىن ھازىر بارسىڭىز كۆزىڭىزگە ئىشىنەلەرسىزمۇ ؟ .... 
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 14:39 |
totem
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 13600
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 2490
شۆھرەت: 1890 نۇمۇر
پۇل: 2554 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 516(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

بالىلىق،ئەجەپ غەمسىز كۈنلەر ئىدى.
تۇنجى قىتىملىق غۇلجا تەسىراتىم بەك بىچارە بولغان مىنىڭ. زادى دىگۈم يوق جۇمۇ.
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 15:02 |
gohar
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 18349
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1792
شۆھرەت: 1735 نۇمۇر
پۇل: 5200 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-16

 

ئىلى دەريا ۋادىسى ھەقىقەتەن بىر گۈزەل جاي !  ئىلى دەرياسى تىلغا ئېلىنسا ،بۇ دەييانىڭ  ئۇن-تۈنسىز شاۋقۇنلىرى ئىچىگە يۇشۇرۇلغان ئاللا قانداق سىرلىرى كىشى قەلبىنى مۇڭغا سالماي قويمايدۇ . تىنىچ ئېقىۋاتقان بۇ دەريانىڭ ئۆزىگە لايىق سەرگۈزەشتىللى بولغىنىنى ،بەلكىم كىيىنكى ئەۋلاتلىرىمىز مەڭگۈ بىلمەس .بۇ سىرلىق دەرياغا نۇرغۇنلىغان تارىخ سەرگۈزەشتىللىرى يۇشۇرۇنغان بولۇپ ،ئۇ بۇ سىرلارنى ئەبىدى قەلبىدە ساقلاپ ئۆتۇشى مۇمكىن .بۇ تىمىنى ئوقۇپ بالىلىق چاغلاردىكى غۇبارسىز ،غەمسىز چاغلىرىم ئىسىمگە كىلىپ قالدى .بولسا ئادەم مەڭگۈ بالا پېتى تۇرغان بولسا نىمە دىگەن ياخشى بولار ئىدى .ئەپسۇس ئۇنداق بولۇش مۇمكىن ئەمەس ...تىما ئىگىسىگە كۆپتىن كۆپ رەخمەت ! قەلەم سارمىغاي!
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 18:19 |
atabora
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 18988
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1376
شۆھرەت: 987 نۇمۇر
پۇل: 3369 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 58(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

  شۇنداق بالىلىق ھەممىدىن بىغۇبار ، ھەممىدىن ئەركىن . شۇ بالىلىق ئەسلىمىلىرىمنى ئاختۇرغىنىمدا ئۇزۇن - ئۇزۇن خىياللارغا غەرىق بولىمەن ..... ئۇنىڭدا ھەربىر يىلنىڭ قايغۇ - شادلىقلىرى بولۇپلا قالماي ، تال چىۋىقنى ئات قىلىپ كوچا- كويلارنى بىشىمىزغا كىيىپ يۈرگەن ئۇنتۇلماس خاتىرلەرمۇ بار ..... كىممۇ بالىلىقنى ئۇنتۇپ قالالىسۇن ؟! .....
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 18:34 |
totem
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 13600
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 2490
شۆھرەت: 1890 نۇمۇر
پۇل: 2554 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 516(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

بالىلىقتتا مانانلىق قالغان ئىزلېرىمنى ئەسلىسەملا بىر خىل خۇشاللىق ۋە مەيۇسلۈك تەڭلا چېھرىمگە يامىشىدۇ.مەھەلىدە بالىلار بىلەن مۇكۇشمەك ئوينىغانلېرىم،ئەتىياز پەسلىدە لەگلەك ياساپ خەلىق مەيداندا،ئىتىزلىقلاردا يۇگۈرۇپ يۇرگەنلېرىم.،ئاچا دەرەخنىڭ شىخىدىن كىسىپ ئىلىپ رەكەتكە ياساپ ئۇينىغانلېرىم،قۇچقاچ تۇتىمەن دەپ،بىر كۈن كەچ ئۆيگە كىرمەي،چوڭلارنى ئەنسىرتىپ يۇرگەنلېرىم،قىشلىق تەتىلدە بىر زاغرىنى يانچۇققا سىلىپلا بالىلار بىلەن چانا،نۇرلارنى ئىلىپ تازا قاتقان كۆك مۇزلۇقلارغا بېرىپ چانا تىيلىشتا،نۇر ئۇندۇرۇشتە بەسلەشكەنلېرىم،ياز پەسلىدە سۇ ئامبارغا سۇغا چۈمۈلگىلى بېرىپ،قىپيالىڭاچ سۇغا چۇشىۋىلىپ بەزى يۇۋاش،قوررقۇنچاق بالىلارنى سۇغا پىشقانلېرىم،سۇ ئىچىدە تۇتۇشماق ئوينىغانلېرىم،كۆلدىن قايتىپ قۇساقنىڭ ئاچلىقىغا پايلىماي،باشقىلارنىڭ ئىتىزلىقلېرىدىكى -باغلېرىدىكى ئۈزۈم-ئۆرۈك،ھەتتا تەرخەمەك،شوخىلىلارنى ئۇغىرلىغانلېرىم،بىر قىتىم تۇتۇلۇپ قىلىپ،يېرىم كۈن يىڭى سالغان ئۆيىگە كىسەك يۇتكەش جازاسىغا ئۇچۇرغانلېرىم،بېلىق تۇتىمىز دەپ،ئۆزىمىز تۇتقان كىچىك بىلىقنى ياراتماي،چوڭلارنىڭ تۇتقان بىلىقلېرىنى كۆزىنى غەلەت قىلىپ ئۇغۇرلاپ كەتكەنلېرىم،يىڭى توي قىلغان قىز-يىگىتلەرنىڭ دەرىزىسىدىن قىزىقىش ئىچىدە مارىلايمىز دەپ شاپىلاق يىگەنلېرىم،ئۇ يەردىن قايتىپ كېتىۋىتىپ سۇچى يىگىتنىڭ ئۆز مەشۇقىنى كۆيلەپ ئېيتقان مۇڭلۇق ناخشىلار،خامان ساقلاۋاتقان بۇۋاينىڭ«تىرىڭ-تىرىڭ كىم ئويغاق»،«چىن تۆمۈر باتۇر»،«ئاق ئاتلىق شاھزادە»چۆچەكلېرىنى ئاڭلاپ قىلىن يەرلېرىگە كەلگەندە پىخىلداپ كۆلگەنلېرىم،يىڭناغۇچ،كىپىنەكلەرنى قۇغلاپ،كىچىك قۇتامغا ھەر خىل ھاشارەتلەرنى قاچىلاپ باشقا ساۋاقداشلېرىمغا كۆز-كۆز قىلغانلېرىم،يامغۇر ياغقان كۈنلەردە بۇغۇن ئۇۋىسىنى چۇۋۇۋىتىپ قاچقانلېرىم،كىچىك ۋاقتىمدا ئەسكى سوقما تام ئۆستىگە يامىشىمەن دەپ قۇسۇقىمنى چايان چىقىۋالغانلىقى،كەچلىىكلېرى كۆندۇزى پىلانلاپ قويغان ساتمىلارغا بېرىپ تاۋۇز-قوغۇن ئۇغۇرلاپ يۈز-كۆزۇمنى شالتاق ئېتىپ يىگەنلېرىم،رەھمەتلىك ئاپام رەشىيلىيە ئىشلەپ تىكىپ بەرگەن گۈللۈك كۆڭلىكىمنىڭ يانچۇقىغا تازا مەي باغلاپ پىشقان ئۆرۇكلەرنى سىلىپ كۆڭلىكىمنى شالتاق ئەتكەنلېرىم.......................نەقەدەر ئىسىل،بىغۇبار،غەمسىز كۆنلەر ئىدى-ھە؟>
مانا ئەمدى ئەقلىمگە تۇشۇپ قارىسام،كىچىگىمدە كۆرگەن گۈزەل تەبىئەتتىن قىلچە ئەسەر قالماپتۇ.ئۆجمە دەرەخلېرى قۇرۇپ مۈكچىيىپ قالغان،باغ-ۋارانلاردىكى مىۋىلەرنىڭ تىلنى يارغۇدەك تەملېرى يوق،بالىلىقمدا چۆمۈلگەن ئۆستەڭ-كۆللەردىكى سۇلار ئازىيىپ ئېرىققا ئايلىنىپ قالغان.،ئېقىپ كىلىۋاتقان سۇلار شۇنچىلىك مەينەتكى،ئۆستى تەرپىدە بىرسى چوشقىسىنى يۇيۇندۇرۋاتقاندەكلا ياكى مەقسەتلىك ئەخلەت تۈكۈپ سۇنى قەستەن بۇلغاۋاتقاندەكلا تەسىرات بېرىدۇ.ھازىرقى بىچارە بالىلارنىڭ ھالىغا ۋاي،تىلۋىزور ياكى كومپىيوتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ كۆنۇپ كەتكەن،تەبىئەتنىڭ نىممەتلېرىدىن،گۈزەللىكلېرىدىن قىلچە بەھىرلىنەلمىگەن.بالىلىقتا ئۆزى ياسىغان ئۇيۇنچۇقنى ئۇيناشتىن ئارتۇق بەخىت بولمىسا كېرەك،مانا ئەمدى ھازىرقى بالىلار لەگلەك ئۇچۇراي دىسە،بىزنىڭ ۋاقتىمىزدىكىدىكى ئىللىق شامال غەزەپلىك تۇپا-بورانغا ئايلانغان،چانا تىيلىپ ئويناي دىسە،دېھقاننىڭ ئېتىزىغا توڭ سىلىشقا يوق سۇ(مۇز) ئۇيۇنغا نەدە تۇرۇپتۇ.تەمى ئۆزگەرگەن،خىمىيىلىك تەركىبى ئىشىپ،يىگلەپ كەتكەن مىۋە-چىۋىلەرنى نان غاجىلغاندەك غاجىلاپ يۇرگەن.سۇغا چۆمۈلۈش دىگەنلەرنى كىنولاردىن چەتئەلنىڭ ساياھەت رايونلېرىدىلا كۆرەلگەن.بازاردا تەييار سۇلياۋ ئۇيۇنچۇقلار،ئەقىل بۇلىقىنى ئاچىدىغان،ئۆزى ئىجاد قىلىپ ئۇيۇنچۇق ياسايدىغان ئىشلار كەلمەسكە كەتكەن چېغى.تەبىئەتتىكى ھەر تۈرلۈك قاغا-قۇچقاچ،پاقا-يىڭناغۇچ.............لار يۇقاپ كەتتى.ناۋادا ھازىركى كىچىك باللاردىن ھايۋانلارنى سورىسىڭىز مۇجىمەل جاۋاپ بېرىدۇ.چۈجە  نى توخو،موزاينى كالا،تايچاقنى ئات ..............لا دىيىشى ئىنىق،تىخى تاسادىپى ھەسەل ھەرىسى باققۇچىلارنىڭ ھەرىلېرىنى كۆرۇپ قالسا ھەيرانلىقتىن كۆزلېرى پارقىراپ كىتىدۇ.......................
بەزىدە ئۆزەمنىڭ بالىلىقى بىلەن ھازىرقى بالىلارنىڭ تۇرقىنى سىلىشتۇرۇپ قالىمەن.ھازىرقى بالىلار 10سوم بەرسەڭ ياراتمايدۇ،بىز ۋاقلاردا 2موچەنگە«لۇشاڭخانە»گە كىرىپ 4 شاڭگاڭنىڭ كىنوسىنى كۆرەتتۇق.(لى شاۋلۇڭ رول ئالغان)شۇ ۋاقىتلاردا بەكمۇ نامرات بولساممۇ،ھەر ھالدا تەبئەتتىن خىېلى جىق بىلىملەرنى ئۆگىنىپتىمەن.ھازىرقى بالىلار كىتاپلارغا قاراپلا كەرە يادلىغاندەك ياكى چالا خەلپەتكە شاگىرتلىققا كىرگەن ئۈلۈك قارىدەك ئىچىگە سۇلاپلا قۇتۇلىدۇ.بالىلىق ھېس قىلىش بولسا كىنولاردا كۆرگەن ئىسىل ماشنا،داچا-تۇرالغۇ،،،،،،،،،،،،،،لاردىن ھالقىپ كىتەلمەيدۇ.ھازىرقى بالىلار ھەم بەخىتلىك ھەم بەخىتسىز بولسا كېرەك.
ھەي،بالىلىقىم سىنى خويمۇ سېغىندىم،لىكىن مەن ئەقىلگە تۇشتۇم،تەنتەكلىكىمنى تاشلىدىم،نۇرغۇن مەجىبوريەتلەر،تۇرمۇش بىسىملېرى زىممەمگە يۇكلەندى،ئەمدىكى جىددى مەسلە؛ئوغلۇم بابۇرغا گۈزەل بىر ئىرەم-باغنى قانداق قۇرۇپ بېرىشتىنلا ئىبارەت.بۇنى قۇرماي بولمايدۇ،..........تەبئەتتىن ياتلاشقان بالا ھايۋان مىجەز بۇلۇپ قالىدۇ.خەيرى-خوش،گۈزەل بالىلىقىم!
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 20:16 |
totem
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 13600
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 2490
شۆھرەت: 1890 نۇمۇر
پۇل: 2554 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 516(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

بالىلىق تۇغرىسىدا ئەسلەيدىغانلار يوقما؟قارىغاندا مۇنبەردىكى ھەممىسىنىڭ بالىلىقى شەھەردىكى كاتەكتەك ئۆيدە ئۆتكەن ئوخشىمامدۇ؟قىزلارنىڭ بالىلىقىنى بەكمۇ بىلگۈم بار ئىدى.
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 22:02 |
atabora
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 18988
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1376
شۆھرەت: 987 نۇمۇر
پۇل: 3369 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 58(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

  ئېسىمدە قېلىشىچە ، 10 ياش چاغلىرىم بولسا كېرەك .... مەھەللىمىزدىكى بەزى بالىلارنىڭ كانكىسى بولغاچقا قىشتا قىن - قىنىغا پاتماي ئويناپ كېتەتتى . ئۇلار نەرسىلىرىنى مەندىن ئايىمىسىمۇ لىكىن كىشىنىڭ نەرسىسىنى ئوينىغان كەلمىگەچكە بىر كېچە ئۇخلىماي ئۆيدىكى كونا كۈرگىنى بۇزۇپ ياغاچتىن كانكى ياسىغانتىم . ئەتىسى دادام قار تازلايمەن دەپ كۈرگىنى ئىزدەپ تاپالماي مىنىڭ ئۇنىڭدا كانكى ياسىغىنىمنى بىلىپ كۈلۈپ تېلىقىپ كەتكەندى ..... شۇ بالىلىقنى سېغىندىم ! ...... شۇ ئاپئاق قارلارنى سېغىندىم ..... ھازىر قىشتا قار ياغسا بىر دەمدە ئېرىپ كېتىدۇ ياكى ئاسماندىن توپا ياغدىمۇ بىلەلمەي قالىمەن شۇنچىلىك مەينەت ......  كىچىك چاغلىرىمدا پىشايۋاننىڭ قىرىدىكى چوكامۇزنى يەپ كېتەتتىم ... ھازىرچۇ ؟! يىيىشكە بولامدۇ ؟؟ .... قېنى دوستۇم ئەمدى سىزگە كەلدى !
retim BLOG
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 22:39 |
totem
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 13600
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 2490
شۆھرەت: 1890 نۇمۇر
پۇل: 2554 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 516(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

بالىلىقىمدا سەبىلىكتىكى تۇيغۇ بىلەن چوڭلارنى دورايمىز دەپ،مەھەلىمىزدىكى تەڭتۇش كىچىك قىزلار بىلەن«ئۆي تۇتۇپ»مىھماندارچىلىق ئۇينايتتۇق،شۇ ۋاقىتلاردا بالىلىقتىكى قىزىقىشتىن باشقا يات جىنىسلارغا بولغان غەلىتە سىزىملار پەقەت يوق ئىدى.بىرىمىز«ئاتا»يەنە بىرىمىز«ئاپا»بۇلۇپ قۇملاردىن،پىششىق خىشلاردىن ئۆي-تۇرالغۇ ياسايتتۇق.ئۇ بىزنىڭ كۆڭۈللۈك داچىمىز ئىدى.قىزلار قۇمدىن«نان»ياسايتتى،ئۇغۇللار «ئۆي»سالاتتۇق.بىر كۈنى ئېرىق بۇيىدىكى قۇملۇقتا شۇنداق ئويناۋاتساق،بىر قۇپال سۇغاقچى ئاكاش كىلىپ،ئېرىقنى بۇزساڭلار،سۇ ئىلىپ قاچمامدۇ،دەپ ئۆيىمىزنى بۇزىۋەتكەن ئىدى،مەن قەغىشلىك قىلىپ ئىسىلغانتىم،كىيىن قىزىمنى ساڭا بەرمەيمەن دەپ تەھدىت سىلىپ كۆڭۈللۈك ئۇيىنىمىزنى بۇزىۋەتكەن ئىدى.مانا ھازىر قارىسام ئۇ تاغام تۇرمۇش بىسىمىنىڭ ئېغىرلىقىدىن بەللېرى مۇكچىيىپ،چاچلېرى ئاقىرىپ،قوللېرى قاداق بىسىپ بالدۇر قېرىپ كىتىپتۇ.بولمىسا 60 ياشلارغا كىردى ياكى كىرمىدى،.ناۋادا چەتئەلنىڭكىدەك پاراۋان تۇرمۇش قوينىدا ياشىغان بولسا،بوينىدا گالاستۈك،ئۇچىسىدا قىممەت باھالىق كاستىيوم-بۇرۇلكا،ئولتۇرۇشى ئىسىل خۇسوسى ماشنا بۇلۇپ،كىنولاردىلا كۆرگەن مۆتىۋەرلەردەك سالاپەت ھالاتتە ئايرۇپىلان،پاراخوتلارغا ئولتۇرۇپ چەتئەل ساياھىتلېرىگە چىقىپ تۇرمۇشنىڭ قەنتىنى تازا چاققان بولاتتى.چەتئەللىك پۇلدارلاردىن نەرى كەم دەپ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە.
retim BLOG
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 22:56 |
Guli^Rena
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 18934
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 58
شۆھرەت: 76 نۇمۇر
پۇل: 286 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-27

 

              ھېلىمۇ ئېسىمدە  ، 5 ياش ۋاقىتلىرىمدا  قوشنىمىزنىڭ  قىزىنىڭ بىر كىچىك ۋېلىسپىتى بولىدىغان ، ئۈچ چاقلىق ، ھەر كۈنى ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىن كېتەلمەيتتى ئۇنى ئۇياقتىن _ بۇياققا ھەيدەپ ...تولىمۇ ھەۋەس قىلاتتم ئۇنىڭغا````شۇنىڭ بىلەن دادامغا جېدەل  قىلىپ يۈرۈپ بىرنى ئالغۇزدۇم، _دە ، ھەر كۈنى سەھەردە ئۇيقۇمنى ئېچىپلا كىچىك ۋېلىسپىتۈمنى ھەيدەپ قوشنىمىزنىڭ ئىشىكى ئالدىدا پەرۋانە بولدۇم ~~بەزىدە ئىككىمىز ۋېلىسپىت ھەيدەشتە مۇسابىقىلىشەتتۇق``` بەزىدە ئۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ۋېلىسپىتىم چىرايلىق دېسە مېنىڭ چىرايلىق دەپ ئۇرۇشۇپمۇ قالاتتۇق````

````````````````````````````````````

````````````````````بىراق ھازىرچۇ ؟ چوڭ كوچىلار تۇرماق ماۋۇ ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى يولدا ماشىنىلارنىڭ كۆپلىكىدىن  ئادەم يولدىنمۇ خاتىرجەم ئۆتەلمەيدۇ```بىر - بىرىنى قوغلىشىپ ئويناۋاتقان ، مېنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىمكىدەك ۋېلىسپىت ھەيدىشىپ خوشال چۇرقىرىشىپ يۈرگەن بالىلارنى ئۇچراتماق تولىمۇ تەس ``````````

```````````````شۇنداق سېغىندىم شۇ  بالىلىقىمنى ،ئاشۇ تەڭداشسىز گۈزەل مىنۇتلارنى `````````شۇنچە كۆڭۈللۈك  ، شۇنچە غەمسىز  ، شۇنچە گۆدەك  ، شۇنچە سەبىي ، شۇنچە گۈزەل ```````````
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 23:03 |
totem
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 13600
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 2490
شۆھرەت: 1890 نۇمۇر
پۇل: 2554 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 516(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

ﺋﺎﻕ ﻗﻮﺯﯨﺪﻩﻙ ﺷﻮﺥ ،ﺗﯩﻨﯩﻤﺴﯩﺰ
ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻘﯩﻢ،ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ.
ﺋﺎﺵ ﻳﯩﻴﯩﺸﺘﻪ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﺑﺎﺗﯘﺭ،
ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﭼﺎﻟﯩﻠﯩﻖ.

ﺳﯘﯕﮕﯘﭺ ﻣﺎﺭﺍﭖ،ﭼﯚﻧﻪﻙ ﺋﺎﺗﻼﭖ
ﻗﯘﺷﺘﻪﻙ ﭘﻪﺭﯞﺍﺯ ﺋﻪﻳﻠﯩﮕﻪﻥ.
ﺑﯘﻟﺪﯗﻕ-ﺑﯘﻟﺪﯗﻕ ﺋﯧﻘﯩﻨﻼﺭﺩﺍ
ﺑﯩﺮ ﭼﯚﻛﯚﭖ ﺑﯩﺮ ﻟﻪﻳﻠﯩﮕﻪﻥ.

ﻏﻮﺭﺍ ﻏﺎﺟﺎﭖ،ﭼﯩﺸﻼﺭ ﻗﺎﻣﺎﭖ
ﺷﺎﺧﺘﯩﻦ-ﺷﺎﺧﻘﺎ ﺋﺎﺗﻠﯩﻐﺎﻥ.
ﺋﺎﺧﺸﺎﻣﻠﯧﺮﻯ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﻣﯘﺟﯘﭖ
ﯞﺍﻱ-ﯞﺍﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﺩﺍﺗﻠﯩﻐﺎﻥ.

ﺋﺎﻧﺎﻡ ﻗﺎﭘﺎﻕ ﺗﯜﺭﺳﻪ ﺳﯚﻳﮕﻪﻥ
ﮔﯩﺮﻩ ﺳﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ.
ﻗﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺩﻩﭖ ﮬﻪﺭ ﻛﻪﭼﻠﯩﻜﻰ
ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﻳﻨﯩﻐﺎ.

ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﺷﻘﺎﻥ ﻗﻮﻏﻼﭖ
ﻛﻪﭺ ﺑﻮﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺩﯨﻤﯩﮕﻪﻥ.
ﺋﺎﻧﺎ ﺋﯧﺸﯩﯔ ﻣﯘﺯﺩﻩﻛﻜﻪﻥ ﺩﻩﭖ
ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﯩﮕﻪﻥ.

ﺋﺎﻱ ﺗﯚﯕﻠﯜﻛﺘﯩﻦ ﻣﺎﺭﻟﯩﺴﺎ
ﺋﺎﻛﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻻﺷﻘﺎﻥ.
ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﻰ ﺳﺎﻧﺎﭖ ﻳﯩﺘﯩﭗ
ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺋﻮﻳﻘﯘ ﻳﺎﻣﺎﺷﻘﺎﻥ.

ﺋﻮﺗﺘﻪﻙ ﺋﯩﺪﻯ،ﭼﻮﻏﺪﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﮕﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﭼﺎﻍ.
"ﺋﺎ"ﻳﺎﺯﺍﻟﻤﺎﻱ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭ ﺑﯘﻳﺎﭖ
ﻟﻪﯞﺩﯨﻦ ﻛﯚﻟﻜﻪ ﺋﯜﭼﻜﻪﻥ ﭼﺎﻍ.

ﺋﯘﺧﻼ، ﺩﯨﺴﻪ ﻛﯧﭽﻪ-ﻛﯧﭽﻪ
ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻼﺭ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ.
ﺑﯩﺮﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ،ﺋﻮﻧﻨﻰ ﺟﯩﺠﯩﭗ،
ﻳﯜﺯﻟﻪﭖ ﺑﺎﺭﻣﺎﻕ ﭼﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ.

ﺩﺍﻟﯩﻼﺭﺩﺍ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﻧﺎﺧﺸﺎﻡ،
ﺩﺍﻟﯩﻼﺭﺩﺍ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺋﯜﻥ.
ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﺋﯘﭼﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ،
ﺋﻪﺷﯘ ﺋﻮﺗﻠﯘﻕ ﻗﺎﻳﻨﺎﻕ ﻛﯘﻥ.

ﻣﻪﻥ ﻛﯚﺯﯗﻣﻨﻰ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻪ،ﺋﺎﮬ،
ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻘﯩﻢ ﺧﻮﺷﻼﺷﺘﻰ.
ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﻩﻙ ﺋﻮﻳﻨﺎﻱ ﺩﯨﺴﻪﻡ،
ﺳﺎﻗﺎﻝ-ﺑﯘﺭﯗﺕ ﭘﯘﺗﻼﺷﺘﻰ.

ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ
ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻤﺎﯓ.
ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﯜﻟﯜﯓ ﻣﻪﻳﻠﻰ
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﯩﻨﻰ ﺩﻭﺭﯨﻤﺎﯓ.

ﻣﻪﻧﺒﻪ؛ﺋﺎ ﺗﯘﻧﯩﻴﺎﺯﻧﯩﯔ ﺩﯦﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻛﻮﭼﺎ
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 23:05 |
atabora
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 18988
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1376
شۆھرەت: 987 نۇمۇر
پۇل: 3369 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 58(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

  بۇ شېئرنى مەن بەك ياقتۇرىمەن ..... بىر ئىشنى ئويلىسام بەك كۈلگۈم كېلىدۇ .... 7 ياش ۋاقىتلىرىم بولسا كېرەك . مەھەللىمىزدە بىر مەس بار ئىدى دائىم ھاراق ئىچىپ يوللاردا دەلدەڭشىپ ماڭاتتى . ئۇنى كۆرسەك ھەممىمىز قورقاتتۇق ..... بىر كۈنى بالىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بىر ھاراق بۇدولكىسى تاپتۇق. ئاندىن تەيارلاپ قويغان تۇز سۈيىنى قاچىلاپ ئۇ دائىم ئۆتىدىغان يولغا قوپ قويدۇق .... ئىش بىز ئويلىغاندەك بولۇپ ئۇ بۇدۇلكىنى تېپىۋىلىپ ئەتراپقا بىر قاراپ قويدىدە گۈپۈلدىتىپ ئىچلىكى تۇردى ....      ھاھا يەنە بىر كۈلىۋالاي ..... بىرچارە جانىۋار ئاچچىق تۇز تەمىگە چىدىيالماي بىزنى بىر كۈن قوغلاپ يۈرگەندى .....
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [15 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 23:16 |
atabora
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 18988
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1376
شۆھرەت: 987 نۇمۇر
پۇل: 3369 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 58(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

  گۈلى رەنا  ...سىزنىڭ باشقىلار بىلەن سوقۇشقىنىڭىزنى بىلىپ قالدىم ..... ھەجەپ قىززىق   
[ بۇ يازما atabora تەرپىدىن 2008-02-21 23:39 دە قايت ]
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [16 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 23:19 |
totem
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 13600
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 2490
شۆھرەت: 1890 نۇمۇر
پۇل: 2554 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 516(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ۋاقتىمدا كاناي-بارابان ئەتىرتىنىڭ ئەزاسى ئىدىم.بىر كۈنى كاناينى كۆتۇرۇپ يۇرسەم مەن بىلەن پارالىل سىنىپتا ئوقۇيدىغان بىر بالا ھاڭۋىقىپ تۇرۇپتىكەن،قۇلىقىغا يىقىن كىلىپ شۇنداق پۇۋلىگەن ئىدىم،پاڭڭىدە يىغلاپ ئىشتىنىغا چىقىرۋەتكەن ئىدى.جەمئىيەتكە چىققاندىن كىيىن بەزى توي-تۈكۈنلەردە بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ قالاتتۇق.شۇ ئىشنى ئەسلىشىپ مەن ئۈنى قورقۇنچاقلىقتا ئەيىپلەپ سورۇننىڭ قىزىقچىلىق ئوبىكتىغا ئايلاندۇرۋالاتتىم،مەندىن ئۇ بالا ھازىرمۇ سەل ئەيمىندۇ دىسە.
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [17 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 23:22 |
atabora
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 18988
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1376
شۆھرەت: 987 نۇمۇر
پۇل: 3369 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 58(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

ھاھا ..... سىزنىڭ قىلمىغان ئەسكى ئىشىڭىز قالماپتىكەن ھە ! ......   
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [18 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 23:29 |
gohar
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 18349
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1792
شۆھرەت: 1735 نۇمۇر
پۇل: 5200 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-16

 

بالىلىق سەبىلىك ...بىز بالىلىق چاغلىرىمىزنى غەمسىز بىر ئايىلىدە ،ئاتا-ئانىمىزنىڭ ياخشى شارائىتلارنى يارىتىپ بىرىشى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىدۇق .شۇڭلاشقىمىكىن قىيىنچىلىقنىڭ نىمىلىكىنى زادى بىلمەييىتىم .ئامما 10ياش ۋاخلىرىمدا بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان يېزىلىق ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ ئويلىرىگە ئارلاپ بارغاندا ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى نامرات تۇرمۇشنى تولا كۆرۇپ ،ئۇلارغا ئىچىمىز ئاغرىپ كىيىم -كىچەكلىرىمنى ئۇلارغا بىرەتتىم .ئانام ئۇنىمىسا  يىغلاپ دىگۈدەك ماقۇل كەلتۇرەتتىم .ئۇلار يىگەن يىمەگلىكنى مەن دىمەيلا قوياي ...بەزى ئۇن ،ياغ ،گۈرۈچ دىگەنلەرنىمۇ ئاپىرىپ بىرەتتىم .بالىلىقىمدا ئەتراپىمدىكى نامراتلارنىڭ تۇرمۇشى مىنى يوقسىزلىقنىڭ تاشتىن قاتتىق ئىكەنلىكىنى  بىلدۇرگەن  ئىدى ...

ئۇزۇنۋاقىت ئۆتۇپ كەتتى شۇ نامراتلىقتا ياشاۋاتقان دوسلۇرۇمنى سېغىنىپ قالىمەن .ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى قانداق بولۇپ قالغاندۇ دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن .شۇندىن بېرى ئۇلار بىلەن كۆرۇشۇپ تۇرالمىدۇق .چۇنكى بىز يىراق بىر شەھەرگە مەن كىچىك چاغدىلا كۆچۇپ كەتكەن ئىدۇق .يەنىلا شۇ دوسلۇرۇمنىڭ نامرات ئۆيلىرى كۆز ئالدىمدىن زادى كەتمەيدۇ .

................شۇنداق بولغاچقا ھازىرمۇ نامراتلارنى كۆرسەم ئىچىم ئاغرىيدۇ ،ئۇلارغا داۋاملىق قولۇمدىن كىلىشچە ياردەم قىلىپ تۇرمەن .ئەتراپىمدا يەنىلا نامرات قىيىنچىلىقتا ئۆتىۋاتقانلار بار ئەمەسمۇ ؟سىلەرنىڭ يۇرۇتلاردىمۇ قىيىنچىقىلتا ئوقۇشسىز قېلىۋاتقانلار باردۇ ؟
qarluq
چوققا [19 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 23:33 |
karima-0997
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 16853
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3110
شۆھرەت: 3457 نۇمۇر
پۇل: 1234 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 143 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 150(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

يائاللا تۇتىم سىزنىڭ بالىلىق ۋاقىتىلىرىڭىزغا بەكلا مەسلىكىم كېلىۋاتىدۇ.
مىنىڭمۇ بولغان ئەمما ئاتا-ئانامنىڭ قاتتىق قوللىقلىقىدىنىمۇ ياكى ئۆزۈمنىڭ شۇنداق دەرىس خۇمارلىقىمدىنىمۇ تاڭ بىلمەيمەن ئويۇنغا دېگەندەك بەك قىزقمايتتىم ،تولىسى بىزنىڭ ئۆينىڭ ئەتىراپىدا ئويغۇرلار جىق بولمىغاچقا خەنزۇلار بىلەن ئويناپ بالىلىقمىدا ھېچ ئەسلىگۈدەك ئەسلىمىلىرىم ئېسىمدە قالماپتۇ.
پەقەت باشلانغۇچنىڭ 5-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىمدە ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئۆرۈك ئەمدى غورا بولغان مەزگىللەردە غورا ئوغۇرلاپ يەيمىز دەپ يېزىلارغا بېرىپ خەقلەرنىڭ بېغىغا كىرىپ غورا ئوغۇرلاۋاتقاندا باغنىڭ ئىگىسى كىلىپ تۇتىۋېلىپ ئۆرۈك دەرىخىگە بىركۈن باغلاپ قويغىنى ئېسىمدە قاپتۇ.
ھازىر ئويلىسام بەكلا كۈلگۈم كېلىدۇ جۇمۇ! 

تېخى يەنە ئەڭ قىزىقارلىقىلىقى ئۈژمە يەيمەن دەپ (كىچىكمدە ئۈژمىگە بەكلا ئامراقتتىم )ئالدىراپ كېتىپ ئۈژمىنى يۇمايلا يەپ ئۆمچۈكنىڭ تورىنى يەۋاپتىمەن .يائاللا ئۇنى بىر دىمەڭلار ،تاس قالدىم ئۆلگىلى!
دوختۇرخانىدا ساق 16كۈن يېتىپ ئاندىن ساقايدىم .ھازىرغا قەدەر ئۆيدىكىلەر ئۈژمە پىشقان چاغدا مىنى داۋاملىق زاڭلىق قىلىدۇ ،لىكىن شۇ ئىشتىن كىيىن قەتئىي ئۈژمە يىمەس بولدۇم ھەم ئۆمچۈك دىگەننى كۆرسەممۇ 5كۈنلۈك يەردىن يىراققا قاچىمەن،بەكلا قورقىمەن دېسە شۇ  كاساپەتتىن !
qarluq
چوققا [20 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 23:38 |
totem
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 13600
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 2490
شۆھرەت: 1890 نۇمۇر
پۇل: 2554 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 516(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

يەنە شۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوۋاتقان ۋاقتىم ئىدى.بىر قىشلىقى تازا قاتتىق قار ياغدى.(ھازىرغۇ 0995دىكىلەر قارنىڭ رەڭگىنى ئۇنتۇپ كەتتۇق )           
2-سائەتلىك گىمناستىكىدىن چۇشۇپ،قۇلۇم شۇنداق تۇڭلاپ كەتكەن ئىدى.ئالدىراش سىنپقا يۇگرەپ پارنى مونوپول قىلىۋالاي دەپ يۇگرەپ كارىدوردىكى پەلەمپەيگە چىقىشىمغا،مەندىن بىر سىنىپ يۇقۇرى ئوقۇيدىغان بالا بىلەن سۇقۇلۇشۇپ كەتتۇق،ئىككىمىزلا ئايىقىمىز تىيلىغاق بولغاچ،يىقىلىپ چۇشتۇق.شۇ ھامان ئ.ورنىمىزدىن تۇرۇپ خۇددى گىلادىياتورچىلاردەك بىر-بىرىمىزگە ۋەھشى ئىتىلدۇق.ئۇ بالا مەندىن سەل قاۋۇل ۋە چوڭ بولغاچ مىنى بىسىۋىلىپ تۇمشۇقۇمنى قان ئېتىۋەتتى.مەنمۇ مەغلوبىيەتكە تەن بەرمەي،يەردىن بىر قاتقان مۇز پارچىسىنى ئىلىپ،رەقىبىمنىڭ يۇز-كۆزىگە ئايىممايلا ئىتنى ئۇرغاندەك كەينى-كەينىدىن بىر نەچچىنى ئۇرۇۋەتتىم.:«ئاكا»لا دىدى.كىيىن مالىم دىگەن ياسانچۇق خىنىم ئىشخانىسغا ئەكىرىپ تازا تەنقىدلىگەن ئىدى،ئەتىسى قارىسام ئاۋۇ رەقىبىمنىڭ كۆزى كۆكىرىپ،پىشانىسى ئىششىپ كىتىپتۇ.
ئۇ ۋاقىتلاردا نەدە ھازىرقىدەك ئاتا-ئانىلار كىلىپ ئۇشششاق باللارنىڭ جىدىلىگە ئارلىشىدۇ دەيسىلەر؟ئەيىپنى ئۆز بالسىغا ئارتىپ،ئۆز ئارا كەچۇرۇپ سورىشىدۇ،لىكىن ئۆيگە بارغاندىن كىيىىن  قۇلاقنىڭ نەچچە غېرىچ سوزۇلۇپ كىتىشىنى كەپسىز بالىلقنى بىشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققانلار ھېس قىپ يىتەلەيدۇ،دەپ ئويلايمەن.بىر نەچچە كۈن جىم يۇرىدىغان ئىش،يالغاندىن ئۆيدىن سىرتقا چىقماي،ساختا تاپشۇرۇق ئىشلىگەن قىياپەتتە. مەن سەل تۇمۇرچى ئوخشايمەن،ئاتا-ئانامنىڭ ئاچچىقى يانسىلا يەنە شۇ كونا خۇي-كەپسىزلىك....
qarluq
چوققا [21 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 23:43 |
atabora
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 18988
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1376
شۆھرەت: 987 نۇمۇر
پۇل: 3369 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 58(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

  ۋاي بىچەرىلەر شۇنداق تەستە ئوغۇرلىغان غورىنىمۇ يىيەلمەپسىلەدە .....   
qarluq
چوققا [22 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 23:43 |
gohar
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 18349
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1792
شۆھرەت: 1735 نۇمۇر
پۇل: 5200 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-16

 

karima-0997سىزمۇ غورا ئوغۇرلاپ يەپتىكەنسىزدە ! غورىنىڭ گىپىنى قىلسىڭىز .بالىلىق چاغلىرىمدا مەكتەپ بېغىغا كىرىپ غورا ئوغۇرلاپ يىگىنىم ئىسىمگە كىلىپ قالدى .ئوغۇرلىغان غورىنى ئۆيگە ئەكىرىپ دادامغا بەرسەم ئۇ غورىغا بەك ئامراق بولغاچقا نەدىن ئەكەالدىڭ دىمەيلا يەپ كىتەتتى .مەن ياپ بولغاندا ئوغۇرلىغان دىسەم .ئاپلا ...چاتاق قىپسەم ...بۇنداق قىلساڭ بولمايىتتى دەپ قويۇپ .ئارقىدىنلا يەنە :غورا ئوغرىسى ئوغرى ئەمەس دەپ قوياتتى .

راس شۇنداق غورا ئوغرىسى ئوغرى ئەمەسكەن .ھازىرمۇ غورىنى شۇنداق ياخشى كۆرىمەن .....مەن شۇ چاغدا دادام ئەيىپلىسە  :قېتىق ئىچكەنمۇ ئوغرى ،تاۋاق يالىغانمۇ ئوغرى دادا دىمەكچى ئىدىم .
qarluq
چوققا [23 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 23:49 |
Guli^Rena
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 18934
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 58
شۆھرەت: 76 نۇمۇر
پۇل: 286 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-03-27

 

كىچىكلىكتە ، گۆدەكلىكتە قىلغان ئەسكىلىكنى ئەسلكىلىك دېگىلى بولمايدىكەن .
بايا دەپ ئۆتكەن ھېلىقى ۋېلىسپىتىم بارغۇ````ئۇ چاغدا ئۇكامنىڭ ئىككى ياش ۋاقىتلىرى ئىدى ،ۋېلىسپىتىمنى بىرەر ئايچە بولغاندا بىر تۆمۈر - تەسەك يىغقۇچىغا سېتىۋەتكەن````قانچە پۇلغا دەڭلار ```بىر كويغا ~!!!! بىر كوي خەلق پۇلىغا سېتىۋەتكەن ئۇ گۇي ~! ئۇ چاغدىكى ئاچچىقىمنى دېسەم ھەي````````ئۇنى چايناپ چايناپ يۇتىۋەتكۈم كەپ كەتكەن زادى```دادام ھىچقىسى يوق قىزىم ، يەنە يېڭىنى ئەپ بىرىمەن دەپ ئالدىسىمۇ ئۇنىماي ، ياق ،مەن زادى ئاشۇنى ئوينايدىغىنى دەپ تۇرۇۋالغان````

ھازىر دادام پات پات ئۇكامغا ئاچاڭنىڭ ۋېلىسپىتىنى كىمگە ساتقاتتىڭ دەپ چاقچاق قىپ قويۇدۇ .````

شۇنداق قىلىپ دادامغا ئاران ئالغۇزغان  55 كويلۇق ۋېلىسپىتىمنى ئۇكام بىر كويغا سېتىۋەتتى . (ئۇ چاغلاردا پۇلنىڭ راۋرۇس كۈچى باركەنتۇق )``````````
qarluq
چوققا [24 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 23:54 |
karima-0997
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 16853
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3110
شۆھرەت: 3457 نۇمۇر
پۇل: 1234 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 143 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 150(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

ئادەمنىڭ كىچىكلىكىدە قىلمايدىغنى يوقكەن ،
ھەي بىراقلا چوڭ بۇلۇپ كەتكىنىمىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلىمەن جۇمۇ.
قايتىدىن كىچىكلىكىمگە قايتىقان بولسام قانچە ياخشى بولاتتى!
ھېلھەممۇ ئېسىمدە 12ياش ۋاقتىمدا ئاپام بىلەن دادامغا مەن قاچان 15ياشقا كىرىمەن دىسەم ئۇلار چاقچاق قىلىپ ئەتە دېسە يائاللا جاھاننى بېشىمغا كىيەي دېسەم تېخى ياق ھازىرلا دەيسەن دەپ يىغلاپ ئۆينى كۆتۈرۋەتكىلى تاس قالغاندىم.
ھازىرچۇ ،تېخى ئەمدىلا 22-23ياشنىڭ قارىسىنى ئېلىپلا يەنىلا شۇ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىم ياخشىكەنتۇق ،ئېسىت نىمىشقىمۇ چوڭ بولغاندىمەن دەپ ئويلاپ قالىمەن .
ئادەم چوڭ بولغانچە ئەقلىمۇ چوڭىيىپ ھەممە ئىشلارنى چۈشۈندىغان ،بىلىدىغان بولىدىكەنمىز .چوڭ بولغانچە ئىشلىرىمىز كۆپىيىپ چارچايدىكەنمىز ،كىچىك سەبئىي چاغلىرىمىزچۇ ،نەقەدەر كۆڭۈللۈك ھە!
ھېچنىمىدىن غەم يوق ،ئۆيگە كىرسەك تەييار ئاش !
ھۇزۇر-ھالاۋەت بىزنىڭ ئىكەنتۇق!
ھېيىت -بايرام كەلسىچۇ !
توۋا ،خۇددى شۇ ھېيىت بايراملىق كىيىمىنى كىيگىچە ياكى ئەتە بولغۇچە چىدىمايدىغاندەك شۇ كىيىمىنى قۇچاقلاپ ئۇخلاشلىرىم،ئۇخلىسام-ئۇخلىسام بۇ تاڭنىڭ ئاتماسلىقى ،قاچان ئەتە بۇلار دەپ تولا ئويغۇنۇشلىرىم ،شۇنداق ئەتىۋارلاپ تۆت كۈزىمىز بىلەن كۈتكەن ھېيىتنىڭ بىركۈندە ئاخىرلىشىشى بەكلا تېز ئۆتۈپ كېتەتتى!
ھازىرچۇ،چوڭ بولغاندىن كىيىن ھېيىت -بايرام كەلسە بىزنىڭىمۇ ئۆزىمزگە چۇشلۇق غەملىرىمىز ،تەييارلىقىمىز كۆپىيىدىكەن ،ئەمدى ئويلاپ باقساق ئاشۇ جاپاكەش ئاتا-ئانىمىزنىڭ شۇ چاغلاردىكى روھىسىز كەيپىياتى ،شۇ بىركۈنلۈك ھېيىت ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ ھېرىپ كەتكەن سۇلغۇن چىرايلىرى شۇنچىلىك ئىچىم سېرىلىدۇ!
qarluq
چوققا [25 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-21 23:59 |
atabora
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 18988
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1376
شۆھرەت: 987 نۇمۇر
پۇل: 3369 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 58(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

  بىر قېتىم ، مەھەللىدە ئوت قويۇپ ئوينايمىز دەپ بالىلار بىلەن بىر خەنزۇنىڭ ئۆيىنىڭ كەينىدىكى كۆمۈر پارچىلىرىغا ئوت قويدۇق . بىزمۇ ساراڭدەڭ ئوت ئۇلغىيىۋاتسا ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېلىقى خەنزۇ ياساپ قويغان كېسەكلەرنى بولىشىغا قويۇپتۇق .... كىم بىلسۇن بىردەمدە ئوت ئاسمان پەلەك ئۆرلەپ ئۇنىڭ ئۆيىگە ئوت كەتتى ..... بىز يىگىرمىگە يىقىن بالا بولغاچقا ئوتنى يىرىم سائەتكە يىقىن ئۆچىرىۋالدۇق ...... خۇداغا شۈكرى ئۇ خەنزۇ ئۆيدە بولمىغاچقا ئوتنى كىمنىڭ قويغانلىقىنى بىلەلمىدى ...... 
qarluq
چوققا [26 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-22 00:06 |
gohar
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 18349
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1792
شۆھرەت: 1735 نۇمۇر
پۇل: 5200 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-16

 

مەن دادامنىڭ تۇنجى بالىسى ئىدىم .ئانام كەينى -كەينىدىن قىز تۇغىۋەرەەچكە دادام مىنى ئوغۇل بالىچە باققان ئىكەن شۇڭا مىجەزىم ئوغۇل بالىدەك ئىدى .تام تورۇسقا يامىشىپلا يۇرەتتىم .
  ئويلىسام كۈلگۈم كىلىدۇ ...ئۇ تامدىن بۇ تامغا خۇددى سۇڭۋۇكۇڭدەك ئۇچۇپ دىگىدەك يامىشىپ چىقىپ كىتەتتىم .بىر كۈنى قوشنىمىزنىڭ (ئۇ چاغدا بىز پىڭپاڭ ئۆيدە ئولتۇراتتۇق )ئۆگزىسىگە يامىشىپ چىقىپ ئۇلارنىڭ ھويلىسىدىكى  بىر تۇپ غەنۇيلىنى ئوغۇرلايمەن دەپ ئىھتىياتسىزلىقتىن قوشنىمىزنىڭ ھويلىسىغىلا چۈشۈپ كەتتىم .(ئۇلار كىچىككىنە ھويلىغا گۈل-گىيا ،مىۋە كۆچەتلىرىنى قويىۋالغان ئىدى )ئاغرىقتىن ئىڭراپ ياتسام پۇتۇمنى زادى مىدىرلىتالماي قادىم ئەسلى پۇتۇم بۇ تامدىن يىقىلغاندا سۇنۇپ كىتىپتۇ .قوشنىمىز ئۆيدە بولمىغاچ مىنىڭ نالەمنى ھىچكىم ئاڭلاپ قويمىدى .شۇنىڭ بىلەن خىلى ۋاقىت ئۆتۇپ ئۇلارمۇ كىردى .قوشنىمىز مىنى كۆرۇپ ھەيران بولغان ھالدا بۇ قوشنامنىڭ ئوغۇلچىقى بۇ يەردە نىمە قىلىدۇ دەپ دەرھال مىنى يۆلەپ تۇرغۇزماقچى بولدى .بىراق مىنىڭ پۇتۇم سۇنغان تۇرسا ... بالىلىقكەن -دە ! بولمىسا ھازىر ئوغۇرلا دىسىمۇ ئۇنداق قىلماس ئىدۇق ...شۇ قېتىمقى ئوغۇرلىەقتىن كىيىن 2-ئوغۇرلىق قىلماس بولدۇم ...
....................ئويلاپ قالىمەن بالىلىقتا نىمە قىلسا يارىشىدىكەن ................لىكىن ھازىرچۇ .......
..................بۇنداق ھىكايىلەر بالىلىقتا كۈرمىڭ ئىدى .................
qarluq
چوققا [27 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-22 00:16 |
totem
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 13600
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 2490
شۆھرەت: 1890 نۇمۇر
پۇل: 2554 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 516(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

مەن ئوقۇغان ۋاقىتلاردا باشلانغۇچ 5-يىللىقتىن كىيىنلا تۇلۇقسىزغا چىقاتتتۇق.باشلانغۇچ 5 تە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا بىر نەچچە ساۋاقدىشىم بىلەن ئايرۇدىروم(ئايرۇپىلان ئىستانىسى)باردۇق.ئۇ يەرنىڭ يىراقلىقىنى دىمەيسىلەر.مىڭ تەستە بېرىپ كۆرگىنمىز (يىراقتىن)چوڭ ئىككى ئايرۇپىلان بولدى.خادىملار بىزنى قۇغلىۋەتكەندىن كىيىن ئىسىقتا تەرلەپ-پىشىپ يەنە كەينىمىزگە ياندۇق.ئۇسساپ،قوساق ئىچىپ،ئارىمىزدىن سەل كىچىك بىرسى چىدىماي«ئاپا»دەپ يىغلىۋەتكەن ئىدى.شۇنداق كىتىپ بارساق بىر قارا ماشنا يۈك بېسىپ كىتىپ بېرىپتىكەن.مەن ئېغىزىمنى بىر ئىسقىرتىپ باللارنى ماشنىغا يامىشىشقا شەرەت قىلدىم.باللار ھەممىمىز يۇگۇردۇق.ماشنىنىڭ سەل تاتاڭ-لاقا جايغا كىلىپ سۈرئەتنى ئاستىلاتقانلىقىدىن پايدىلنىپ ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن ماشنا كۇزۇپىغا يامىشۋالدىم.باشقىلار ئەيتاۋۇر سەل قورۇقتى بولغاي،توختاپ قالدى.مەن يالغۇز ماشنىنىڭ كەينىگە چىڭ يىپىشىپ ئۆزەمنى ئۇچقاندەك ھېس قىپ كىتىۋاتاتتىم.خېلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كىيىن باللار ئىسىمگە كىلىشكە باشلىدى،شۇ چاغدا ماشنا سەل ئاستىلغاندەك قىلغان ئىدى.ئۆزەمنى يەرگە بىر ئىتىپتىمەن.ئەسلىدە خاتا مۆلچەرلەپ قۇيۇپتىمەن،شۇنىڭ بىلەن ئۆزەمنى تۇختىتالماي ئالدىمغا دۇشمەن ئاكوبىغا شىدددەت بىلەن ئېتىلغان 3 ۋىلايەت جەڭچىسىدەك يۇگىرەپ كەتتىم.20-30 مىتىرلار شۇنداق كەينىمدىن بىرسى ئىتىرگەندەك يۇگرەپ ئاخىرى سىمۇنىېت يەرگە تۇيۇقسىز ئوقيا سانچىلغان چەۋەندازدەك يىقىلپ چۇشتۇم.ئوڭ قۇلۇم جەينەكتىن سۇنۇپ،تىزلېرىم يېغىر، كۆزلېرىمدە ياش،ئۆيگە مىڭ تەستە قايتىپ كىلىپ چوڭلاردىن قاتتىق دەككە ئىشتىكەن ئىدىم.شۇ ھامان شىپاخانىغا ئىلىپ بارغان ئىدى،ئازاپنىڭ ئەمدى باشلانغىنىنى نەدىن بىلەي،دوختۇر دىگەن كاساپەت،يېغىر بولغان تىزىم ۋە جەينەكلېرىمگە كىسلاتاغا چىلانغان پاختىنى سۇرگەن ئىدى.ئاغرىقىنى خىيال قىلسام ھازىرمۇ تىنىم شۈركىنىدۇ.شۇنداق قىلىپ 10 كۇنلەرچە مەكتەپتىن قالغان ئىدىم.ئۆيدىن چىقالماي تازا ئىچىم پۇشۇپ تۇرغان ۋاقتىدا ساۋاقداشلېرىم يۇقلاپ كەپتىكەن،ئاغرىقلېرىم نەلەرگىدۇ غايىپ بوپ كەتتتى.شۇنداق قىلىپ تەستە يالغۇز كۈنلېرىمنى تۇشقۇزۇپ يەنە قاينام-تاشقىنلىق مەكتەپ قوينىغا كىرىپ كەتكەن ئىدىم.يەنىلا بالىلىقتىكى مەكتەپ ھاياتى كۆڭۈللۈك دىسە.ھازىر ئويلىسام قەلبىم بىر خىل لەززىگە كىلىدۇ.
qarluq
چوققا [28 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-22 00:24 |
atabora
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 18988
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1376
شۆھرەت: 987 نۇمۇر
پۇل: 3369 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 58(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

  توغرا گۆھەر ، بالىلىقتا ھەممە نىمە يارىشىدۇ ...... لىكىن بەزىدە باشقا بالىلارنىڭ مۇشۇنداق ئويلىغىدەك بالىلىقى بارمىدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن !
qarluq
چوققا [29 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-22 00:24 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2345» Pages: ( 1/9 total )
دىيارىم مۇنبىرى » ﻧﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :09-17 17:39
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号