يالقۇن روزىغا ئوچۇق خەت
ئاپتۇر:«ئىزدىنىش مۈنبىرى»دىكى Musicfan مەن ھازىرغىچە ئۇچۇق خەت ئەمەس ، يېپىق خەت ھەتتا سالام خەتمۇ يېزىپ باقمىغان، ئوقۇشقا كەتكەن ئاكىلىرىم بىلەن تېلىفۇندا سۆزلىشەتتىم ، ئايالىم بىلەن مۇھاببەتلەشكەن ۋاقىتلاردا . تېلىفۇندا ياكى كۈرۈشۈپ پاراڭلىشاتتىم . شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ بۇيىللىق بىرىنجى سانىغا بېسىلغان يالقۇن رۇزى قەلىمىدىكى " ھوشۇر قارىيغا ئۇچۇق خەەت " دىگەن ئوبزور . ۋە مۇشۇ مۇشۇ ئوبزورغا ئەگىشىپ ئوتتۇرغا چىققان بىرقانچە ماقالە ۋە تور دۇنياسىدىكى بەزى مۇنازىرلەر قىلمىغان ئىشنى قىلىپ بېقىشقا قىززىقتۇردى . يېزىشتىن ئاۋال ئۈزۈمنىڭ سالاھىيتى بارمۇ دىگەن مەسىلىنى كۆپ ئويلىدىم. مەن ئاددى بىر مۇزىكا ھەۋەسكارى . . ئەسلى ھەرقانداق ئىشنى كەسىپ ئەھلى قىلسا ياخشى بۇلاتتى . يالقۇن رۇزى ھوشۇر قارىينىڭ كۈرۈرمىنى سۈپىتىدە ئۇنىڭغا خەت يېزىپتۇ . شۇنىڭغا قاراپ مەنمۇ يالقۇن رۇزىنىڭ بۇ ماقالىسىنىڭ ئوقۇرمىنى سۈپىتىدە خەت يازسام بۇلىدىكەن دىگەن خىيالغا كەلدىم .
گەپ ئاساسەن يازما ئۈستىدە بۇلىدۇ.. يازما شۇ يازغۇچىنىڭ ئىدىيەسى بولغاندىكىن . گەپ ئارلىقىدا يالقۇن رۇزىنىڭ گېپىنى قىلىشتىن مۇستەسنا بۇلالمايمىز ، يالقۇن رۇزىمۇ مەزكۇر يازمىسىدا بۇ ئىشتىن ساقلىنالمىغان گەرچە بەزىلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتىمىسىمۇ ئۇچۇقتىن ئۇچۇق دارىتمىلاپ گەپ قىلغان ،شۇڭا يالقۇن رۇزىنى چوڭ بىلىدىغانلار ھاياجاللىنىپ مەندەك بىر مۇزىكا ھەۋەسكارىغا ئالدىراپ قالپاق كەيگۈزمەڭلار . بىر مەسىلىگە ھەممە ئادەم ئوخشاش قاراشتا بولسا بۇ چوڭ نۇرمالسىزلىق ، مەسىلىنى چۈشىنىشىمىز ، كۈزىتىشىمىز ئوخشىمايدۇ . قاراش ئوخشاش بولمىسا ئۆز قارىشىمىزنى ساقلاپ قالساق بۇلىدۇ
ماقالە سالام سائەت بىلەن چىايلىق باشلانغان ، بۇ خەتنى يېزىشقا تۈرتكە بولغان نەرسە ھوشۇر قارىينىڭ " كىۋەز گۈلى " ماركىلىق ئۇغۇتنىڭ تىلىۋىزور ئېلانى بولغان
نەقىل . ھەممىنى يېزىپ بولغىلى بولمايدۇ ، مەزمۇنلۇق جايلىرىنى يازاي .چۈنكى خەت بېسىش سۈرئىتىم تايىنلىق
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھوشۇر قارىي ئەپەندى . مەن " كىۋەز گۈلى " ماركىلىق ئۇغۇتنىڭ تىلىۋىزور ئېلانىدىكى ئوبرازىڭىز سەۋەپلىك . سىز بىلەن پاراڭلاشماقچى ، سىز خەلقىمىز قەلبىدە مۇئەييەن ئورنى بار . ناخشىچى ، رولچى ، ئەسەرلىرىڭىزدىن كىشىلەر سۈيۈنۈپ كىلىۋاتىدۇ ، مەن سىزنىڭ " بوپ پەدە " ، " قەمبەرخان " قاتارلىق پىلاستىنكىلىرىڭىزنى ياقتۇرىمەن ، بۇلۇپمۇ " قەمبەرخان " دىگەن پىلاستىنكىڭىز ماڭا ئالاھىدە ھوزۇر بېغىشلايدۇ. بۇ پىلاستىنكىنى بىز ئىنتاين ساپ بولغان بىر مىللىي مەدەنىيەتنىڭ مەھسۇلى دەپ قارايمىز ، پىلاستىنكىدىكى مۇقاۋا سۈرىتىڭىزدىن سىزنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىڭىزگە بولغان ھۆرمەت ۋە پەخىرلىنىش ھىسىياتىڭىزنى كۈرىۋالغىلى بۇلىدۇ . دەپ ئۇنىڭ بەدىئىي سىماسىنى بەدىئىي تىللار بىلەن تەرىپلەپ كىلىپ گەپنى نازۇك مىللىي غورۇرغا ئىگە سەنئەتكارىمىز ئابدۇرېھىم ھېيت توغرىسىدا ئۇنىڭ مىللىي خاسلىققا ئىگە قىياپىتى ۋە ناخشىلىرىنى مەدھىيلەيدۇ . خۇلاسە ئۈپىتىدە مىللىي خاسلىقنى ساقلاشنىڭ زۈرۈرلىكىنى تەكىتلەيدۇ مەن يۇقارقى قۇرلارنى ئوقۇۋىتىپ يالقۇن رۇزىغا ئىچىمدە نەچچە رەھمەت ئېيتىۋەتتىم ،مەن ھۆرمەت قىلىدىغان كەسپى ئۇستاز كەبى سەنئەتكارلىرىمنىڭ ئەسىرىگە ۋە ئۈزىگە ناھايتى ئوبىكتىپ باھا بەرگەن . مەن مۇشۇ يەردە يالقۇن رۇزىنىڭ گېپىگە ئازراق يانداشماقچى .
ئابدۇرېھىم ھېيت ئاپتۇر تەسۋىرلىگەندەك ھەتتا ئۇنىڭدىن ئارتۇق تەسۋىرلىسىمۇ ئەرزىيدىغان سەنئەتكارىمىز. مۇزىكا ئىجاد قىلىدۇ ، ناخشا ئېيتىدۇ . مىللىي خاسلىقنى كەسپى نىشان قىلغان . شۇڭا كىيىنىشتىن باشلاپ ئۈزىنىڭ يولىدا ماڭىدۇ . بۇنىڭدىن ھەممەيلەن ھەتتا ئۈزىمۇ پەخىرلىنىدۇ .
ھوشۇر قارىي بولسا . پىشقان ناخشىچى ، يىتىلگەن ئاكتىيور ، يەنە نۇرغۇن تالانتى بار كۆپ قىرلىق سەنئەتكار . قەشقەر خەلق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۇرۇنلاپ خەلق ھەم كەسىپ ئاھلىلىرىنى قايىل قىلسا . يىتىلگەن ئاكتىيورلۇق ماھارىتىنى بىلەن ھەرخىل ئوبرازلارنى يارىتىپ ئوخشاشلا خەلق ھەم كەسىپ ئاھلىلىرىنى قايىل قىلىپ كىلىۋاتىدۇ . ئېلانغا چىقىشمۇ ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدۇر ، ئاكتىيور بولغا ئادەم . ئەسەر ۋە رىژىسسورنىڭ تەلىۋى بۇيىچە ھەرخىل ئوبرازلارنى يارىتىدۇ ، ئۇنىڭ بۇ ئىلانىدىكى ئوبرازى شۇ ئېلان تىكىستىنى يازغان ئاپتۇر ۋە شۇ ئېلانغا رىژىسسورلۇق قىلغان ئادەملەرنىڭ ئىدىيەسى ھىساپلىنىدۇ . ھوشۇر قارىي پەقەت رول ئالىدۇ ، " قەمبەرخان " دىگەن پىلاستىنكىمۇ . پىلانلىغۇچى . مۇزىكا ئىشلىگۈچى . سۈرەتكە ئالغۇچى ، رىژىسسور ، مۇقاۋا لايىھەلىگۈچىنىڭ ئورتاق ئىدىيىسە
بۇنىڭدا يادرولۇق رول ئوينايدىغىنى يەنىلا رىژىسسورنىڭ ئىدىيەسى . شۇڭا بۇنىڭغا مەدھىيە ئوقۇلسۇن ياكى نەتقىد بىرىلسۇن بۇنى ھەممىگە چېچىش كىرەك . مەدھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنى ھوشۇر قارىيغا مەركەزلەشتۈرۈپ قويساق ئۇنىڭغا بېسىم بۇلۇپ قالىدۇ .ئوخشاشلا تەنقىدلەرنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ قويساق ئۇنىڭغا ئادىل بولمايدۇ
مەسىلەن . ئۇنىڭ تىلىۋىزوردا يەنە باشقا ئېلانلىرى بار . بۇ توغرىسىدىمۇ ھەرخىل پاراڭلار بار . بۇلۇپمۇ " چۆلپان " گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ئېلانى جەمئىيەتتە ئاز بولمىغان تەنقىدلەرگە ئۇچۇردى . مەنمۇ بۇ ئېلاننى " مىللىي خاسلىق " تىن يىراقلاپ كەتكەن تېتىقسىز ئېلان قاتارىغا تىزىمەن . ئەمما مەن بۇنى ھوشۇر قارىيدىن كۆرمەيمەن . ئۇ بىر رول ئالغۇچى خالاس ، ئۇ پۇل تېپىشى كىرەك . ئاشۇنداق ھەرخىل روللارغا چىقىپ بېقىپ پىشىپ يىتىلىشى كىرەك . پىشىپ يىتىلىپ بولغاندا پۇل بىلەن " مىللىي خاسلىق " نىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالايدىغان بۇلىشى كىرەك . رىژىسسورلارنىمۇ بىراقلا ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ . ئۇلارغا جەريان بىرىش كىرەك .
دىمەكچى بولغىنىم . يالقۇن رۇزى مۇشۇلارنى كۈزەتكەندە ئۇنىڭ سەۋەبىنىمۇ ئەستايىدىل كۈزىتىشى كىرەك . ھوشۇر قارىي ناخشىچى بەزىدە ئىجادىي ناخشا ئېيتىدۇ . كۈنلەرنىڭ بىرىدە ناچار ئىجادىي ناخشىدىن بىرنى ئېيتىپ قالسا ئۇنى پۇتۇنلەي ئىنكار قىلماسلىق كىرەك . ئاكتىيور بولغاندىكىن ئەسەر ۋە رىژىسسور تەلىۋى بىلەن ھەرخىل سەلبىي روللارغا ھەتتا " مىللىي خاسلىق " تىن يىراقلاپ كەتكەن روللارغا چىقىدۇ . ئۇ ۋاقىتتا يەنە ھاياجاللىنىپ ئۇنى تەنقىدلەپ چۈشمەسلىكى كىرەك
نەقىل
بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۆزبىكىستان ناخشىچىسى يۇلتۇزخان ئۈرۈمچىدە ناخشا كىچىلىكى ئۆتكۈزدى . خۇدىنى يوقاتقان تاماشىبىنلار ئادەم قورۇنغىدەك قىزغىنلىق كۆرسىتىپ ئۇنى ئاسمانغا چىقىرۋەتتى . بىر قىسىم موخپىرلار ئۇنى زىيارەت قىلىپ غولجىلىق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ . يۇلتۇز ئوسمانىۋانىڭ شان - شەرىپىنى ئۇيغۇر سەنئىتى ئاسمىنىدا نامايان قىلىشماقچى بولدى . مەسخىرلىك يىرى ئۇ ۋەنىتىگە قايتىپ ، مەن قەشقەرلىك ئەمەس ،غولجىلىق ئەمەس .دادام نەدە بولسا مەن ئۆزبىكنىڭ قىزىمەن دەپ ناخشا ئېيتىپ ئۈزىنىڭ مىللىي سالاھىيتىنى ئىنىق جاكارلىدى . دەپ سۆزلەپ كىلىپ مىللى غورۇر توغرىسىدا بىزگە تەنبىھ بىرىدۇ .
مىللىي غورورنى ساقلاش توغرىسىدىكى ھەرقانداق تەنبھنى بىز ياشلار سەمىمىيلىك بىلەن قۇبۇل قىلىمىز. بۇنى چۈشىنەلىگەنلەر تېخىمۇ شۇنداق قىلىدۇ . يۇقارقى نەقىل ئارقىلىق بۇ نىشانغا يىتىشنىڭ بەك ئىلمىي ئاساسى يوق . گەپ قىلساق ھازىرقى مۇھىت ،كىشىلەرنىڭ ئۇمۇمى ساپاسى ، ئىدىيەسى ، سەنئەت ، سەنئەت تەرەققىياتى دىگەندەك چوڭ تىمىلارغا چېتىلىپ كىتىدۇ ، گەپ ئۇزىراپ كىتىدۇ . يالقۇن رۇزى شۇ مەيداندىكىلەرنى مىللەتنىڭ ئەزالىرىغا ۋەكىل قىلىشتىن ئاۋال يۇقارقى ئامىللارنى ئەستايىدىل ئويلىشى كىرەك . بولمىسا ئادەمنى قايىل قىلماق تەس يۇلتۇزخاننىڭ كىچىلىكىنى مەنمۇ كۆرگەن . كىچىلىكتە ئېيتىلغان ناخشىلار ھەممىسى شوخ كەيپىياتلىق ناخشىلار . ناخشا رېتىملىرى ئازراق مۇزىكا سىزىمى بار ئادەمنى جىم ئولتۇرغۇزمايدۇ . بەزىلەر يالقۇن رۇزى دىگەندەك ھېچنىمىنى چۈشەنمەي ئەگىشىپ ، ياكى يۇلتۇزخاننىڭ ھەركەتلىرىگە مەسخۇش بۇلۇپ سەكرىگەن بولسا . كۆپىنچىمىز يۇلتۇزخانغا ئەمەس ئۇنىڭ ئېيتقان ناخشىسىغا جۆر بۇلۇپ ھەرىكەت قىلدۇق . مۇزىكا ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئورتاق تىلى ، مەن مىللىي ئوركىستىرلارنىڭ مۇزىكا كىچىلىكىگىمۇ قاتنىشىپ باققان . ئۇنىڭدا پۇتۇن ۋۇجۇدىمىز بىلەن جىم - جىت ئولتۇرۇپ مۇزىكا ئاڭللايمىز . مۇزىكا تۈگىگەندە چاۋاك دىگەن مانا . قىيا چىيا دىگەن مانا دەپ تازا چاۋاك چالىمىز . يۇلتۇزخاننىىڭ ئەمەس ئابدۇللامۇ كىچىلىكىدە كەيپىياتلىق ناخشىلارنى ئېيتسا ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق جۆر بۇلىمىز . شۇڭا قىزغىنلىقنى يۇلتۇزخاننىڭ ناخشىسىغا بولغان قىزغىنلىق دەپ چۈشەنسەك بۇلىدۇ . سەنئەتنىڭ تۈزى كۆپ . كىلاسسىك مۇزىكا كىچىلىكى . مىللىي ناخشا - مۇزىكا كىچىلىكى زامانىۋى ناخشا - مۇزىكا كىچىلىكى ...... ھەممىسىنىڭ ئۈزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى ئەھمىيىتى . شۇنداق ئۈزىگە ئىاس تاماشىبىنى بۇلىدۇ . يۇلتۇزخاننىڭكىدەك كەيپىياتلىق سەنئەت كىچىلىكىنى ئەتىراپىمىزغا . باشقا ئەللەرگە قارايدىغان بولساق جىمراق ئۆتكۈزۈلگەن كىچىلىك ھىساپلىنىدۇ . سەنئەتنىڭ سىھرى كۈچى شۇ . سىز ئەسلى بۇ كىچىلىككە كىرمەي ئۈيىڭىزدە " قەمبەرخان " نى كۆرگەن بولسىڭىز بەلەن بۇلاتتى . بىر مەيداندا ئۈزىڭىزدىن باشقا ھەممە ئادەمنى خۇدىنى يوقاتقان قاتارغا چىقىرىشىڭىز نۇرماللىق ئەمەس ھەم ئادىللىقمۇ ئەمەس . مەنمۇ " قەمبەرخان " دىن ئاجايىپ ھوزۇر ئالىمەن . يۇلتۇزخاننىڭكىدىن بۇنچىلىك بولمىسىمۇ ھازىرقى زامانغا خاس ناخشىلىرىدىن ۋاقىتلىق كۆڭلۈمنى خوش قىلىمەن ." نىمە قىلدۇق ۋەتەن ئۈچۈن " دىگەن ناخشىسىنى كىچىلەپ ئاڭلاپ كىتىمەن . يۇلتۇزخاننىڭ ئاۋازىغا ياكى ئۈزىگە مەسخىۇش بۇلۇپ ئەمەس ناخشىغا مەسخۇش بۇلۇپ ئاڭلاپ كىتىمەن يەنە " قەمبەرخان " نى پەقەت ياقتۇرمايدىغانلارمۇ بار . ئۇلار غا ۋاقىت كىتىدۇ . مەنمۇ ئەشۇنداق جەريانلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ئەمدى يۇلتۇزخاننىڭ مەن ئۇيغۇر ئەمەس دىگەن ئاۋۇ ناخشىسىنى مەن پىلاستىنكىلىرىدىن . توردىن ئاقتۇرۇپ تاپالمىدىم . بولسا مۇشۇنىڭغا پاكىت تاپايلى . ناۋادا شۇنداق دەپ ئېيتقان بولسىمۇ ئۇ ئۈزىنىڭ ئىشى . بىرە موخپىرنىڭ گېپى بىلەن مەسىلىنى بۇنداق كۆپتۇرۋېتىشنىڭ ئورنى يوق .جەمئىيەت دىگەن ھەرخىل پاراڭ بۇلىدۇ ئۇيغۇر بولسىمۇ ئۈزىگە بۇلىدۇ . ئۆزبىك بولسىمۇ ئۈزىگە بۇلىدۇ ،ئۇيغۇرلىقىدىن تانغان بىر ئۇيغۇرنى كۆرسەكمۇ ئۇمۇ ئۈزىنىڭ ئىشى . ئاھ ئۇرۇپ كىتىشنىڭ زۈرۈرىيتى يوق .بارىدىغان يەرگە بارغاندا ھەممە ئۈزىنىڭ جاۋابىنى ئۈزى بىرىدۇ .
گەپ مۇشۇيەرگە كىلىپ تىمىدىن قېيىپ كىتىشكە باشلىغان . قانداقتۇر بىر قىسىم يازغۇچىلارنىڭ دوستلۇق توغرىسىدىكى پاراڭلىرىغا يۆتكىلىپ كەتكەن . يەنە ئاستا - ئاستا "ئىشەك" پارىڭىغا يېقىنلاشقان . ئاپتۇرغا تەسىر قىلغىنى يەنە شۇ بىر قىسىملارنىڭ شۇ ئېلاندا ھوشۇر قارىينىڭ ئىشەك مىنگەنلىكى توغرىسىدىكى سورۇن پاراڭلىرى ئىكەن . ئەگەر يالقۇن رۇزىدەك بىرە ئوبزرۇچى ياكى يازغۇچى بىرە مەتبۇئاتتا . شۇ ئېلانغا قارىتا ئۇچۇق بىر نەرسە يازسا ئاندىن بۇنىڭغا مۇشۇنداق كۆچەپ چۈشەندۈرسە بۇلاتتى . جەمئىيەتتە بولغان پاراڭلارغا ئاساسلىنىپلا ھەدەپ مىللەت قالپقىقى يىنىكلىك بىلەن كۆتۈرۈپ چىققىلى تۇرساق . گەپلەرنىڭ قۇۋىتى قالمايدۇ .
ئۇ ئېلاننى ھەممەيلەن ياقتۇرىمىز . گەرچە ئېلانلاردىن بىزار بۇلۇپ تۇرساقمۇ . شۇ ئېلان چىقسا زىرىكمەي كۈرىمىز ، ئېلان ئوبدان ئىشلەنگەن . ھوشور قارىيمۇ ئاجايىپ ئوبرازلىق رول ئالغان . رىژىسسورمۇ ئوبدان لايىھەلەىگەن . ئابلەت ئابلىكىممۇ مۇزىكىسىنى بەلەن ئىشلەپ ناخشىسىنى ئوبدان ئېيتقان . ھەممە جەھەتتىن ھوشۇر قارىي چىققان ئېلانلاردىن مۇشۇ مۇۋاپىقىيەتلىك چىققىنى . ياقتۇرمىسا . ئات مىنمەپتۇ دىسە . بىرقانچەيلەن دەپتۇ ..بۇ جەھەتتە ئۇمۇمىيلىقنى ئاساس قىلىش كىرەك ئەلۋەتتە بەزىدە " چۆلپان " گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ئېلانلىرىدەك ئېلانلارمۇ چىقىدۇ . بۇ توغرىسىدا مەن بېشىدا توختالدىم . ھازىر جەمئىيەتتە ئېلان توغرىسىدا . سەنئەت توغرىسىدا ھەرخىل پاراڭلار بار . ھەممىسىگە مۇشۇنداق توختىلىپ . مىللەت پەلسەپەسىگە كۆتۈرگىلى تۇرساق جان توشىمايدۇ . گەپنىڭ سۈڭىكى يوق .
ئەمدى گەپ مۇھىم نوقتىغا كەلدى . " بىكىخام مۇھىممۇ ، ئىشەكمۇ ؟ "
تالاش تارتىشقا پىلتە بولغان مەزمۇن مۇشۇ ، يالقۇن رۇزى " ئىشەك " پارىڭىنى قىلىپ كىلىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا " بىكىخام مۇھىممۇ ، ئىشەكمۇ ؟ " دىگەن تىمىدا لىكسىيە سۆزلىگەنلىكىنى لىكسىيە سۆزلەشتىن ئاۋال ئوقۇغۇچىلاردىن " بىكىخام مۇھىممۇ ، ئىشەكمۇ ؟ " دىگەن سۇئالنى سورىغانلىقى . ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىمە دىيىشىنى بىلەلمىگەنلىكى . لىكسىيەدە بىكىخامنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان پايدىسى بىلەن ئىشەكنىڭ پايدىسىنى چۈشەندۈرۈپ ئاخىرسىدا ئوقۇغۇچىلاردىن قايتىلاپ " بىكىخام مۇھىممۇ ، ئىشەكمۇ ؟ " دىگەن سۇئالنى سورىغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىردەك " .ئىشەك مۇھىم " دەپ توۋلىغانلىقىنى قىستۇرۇپ ئۆتىدۇ يالقۇن رۇزى پۇتكۇل ماقالىدە ئىشەك ۋە ئىشەك بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى قاقايىل قىلغۇدەك يۇرۇتىپ بەرگەن . بۇ مەزمۇننى قېتىشنىڭ ھېچقانداق زۈرۈرىيتى يوقتى . ھەم تىما بىلەن ئۇنچىۋالا لوگىكىلىق باغلىنىشىمۇ يوق ئىدى . پۇتكۇل ماقالىنىڭ نىشانىنى مۇشۇ مەزمۇن بۇرمىلىۋەتكەن . زۈرۈر دەپ قاراپ قىستۇرغىنىغا قارىغاندا يالقۇن رۇزى ھېلىھەم بىكىخامدىن ئىشەك مۇھىم دەپ بىلىدىكەن . يالقۇن رۇزىىنىڭ ئىشەك ۋە ئىشەك بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى شەرھىيلىشى ئادەمنى قايىل قىلىدۇ . بىزمۇ نۇرغۇن بىلىملەرنى بىلىۋالدۇق . ئەمدى بۇ يەردە زور مەسىلە پەيدا بولدى ئادەم بىلەن ھايۋاننى سېلىشتۇرۇش .ئەقەللىي ئىنسانىي ئەخلاققا زىت بولغان قىلمىش ، ئىنسان بىلەن ھايۋاننىڭ مۇناسىۋىتىنى قانچە سۆزلىسە بۇلىدۇ . ئۇيغۇرلانىڭ ھايۋاانات دوستلىرىدىن يالغۇز ئىشەكلا ئەمەس . نۇرغۇن ھايۋانلار بار ، يەرشارىدىكى ئىنسانلارنىڭمۇ ھەم . ھەممە مىللەتنىڭ ئوخشىمىغان ھايۋان دوستلىرى . ھەمراھى ، ياردەمچىسى بۇلىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇتكۇل يەر شارىدا ھەرقانداق ھايۋانلارنى ئادەملەرنى ئاسىرغاندەك ئاسىراش تەكىتلىنىۋاتىدۇ . بۇ دىگەنلىك ھەرگىزمۇ پايدا . زىيان مەسىلىسىدە . ئادەم بىلەن ھايۋاننى سېلىشتۇرۇڭ دىگەن مەنە چىقمايدۇ . ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ پەرقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز . گەرچە ئاچچىغىمىزدا كىشىلەرنىڭ بەزى ئىشلىرىنى ھايۋانغا ئوخشاتساقمۇ . ھېلىغۇ بىكىخامكەن ، ھەرقانداق ئادەم بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ . يالقۇن رۇزى زادى ئىشەك بىلەن ئادەمنى سېلىشتۇرسام بۇلاتتى دەيدىغان ئىش بولسىمۇ بىكىخامنى ئالدىراپ تاللىماسلىقى كىرەك ئىدى بىكىخامنى تاللىغان ئىكەن چوقۇم نەزەر كۈزىنى ئۇنىڭ نۇپۇزىغا ، بىر قىسىم ياشلارنىڭ ياتاقلىرىغا چاپلىۋالغان رەسىملىرىگە ئەمەس. شۇ نۇپۇزىنى تىكلىگەن تەنتەربىيە ساھاسىگە . پۇتپول ساھاسىگە ئاغدۇرىشى كىرەك ئىدى . تەنتەربىيە ساھەسى .سەنئەت ساھەسىدىن ئارتۇق تۇرىدىغان چوڭ ساھە . ئىنسانىيەت ئىتتىپاقلىقى . ھەمكارلىقى . ھەرقانداق مىللەتنىڭ مىللەت . ئىتىقاد . سىياسىتى... بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھالدا ئەمەلگە ئاشىدىغان ئاجايىپ سىھرى كۈچكە ئىگە ساھە . باشقىسىنى دىمىسەكمۇ ئولىمپىك بۇنىڭ قايىل قىلارلىق ئىسپاتى . بۇ ئىس تۈتەكسىز جەڭ مەيدانىدا ھەرقانداق ئىنسان ئۈزىنىڭ ماھارىتى بىلەن باشقىلارغا جەڭ ئېلان قىلالايدىغان . بىر ئۇيغۇر بوكىس مەيدانىدا بىر خەنزۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويسا " مىللىي بۈلگۈنچى " ئەمەس . غەلبە قىلغۇچى دەپ قارىلىدىغان ساھە ...پۇتبول ساھەسى دەل مۇشۇ تەنتەربىيە ساھەسىنىڭ گۈلتاجى . بىكىخام مۇشۇ ساھەدە يىتىشىپ چىققان . دۇنيادىكى پۇتبول مەستانىلىرى ئىتىراپ قىلغان مۇنەۋۋەر پۇتبولچى . ئابدۇشۈكۈر ، ئابدۇراخمان.... قاتارلىقلار بىزنىڭ تەنتەربىيە ساھەيىمىزدىكى چۆلپانلار ...سىز ئۆيدە ئولتۇرۇپ " قەمبەرخان " دىن ھۇزۇر ئېلىۋاتقىنىڭىزدا ئۇيغۇر بوكىس مەستانىلىرى نەق مەيداندا ئابدۇشۈكۈر ، ئابدۇراخمانلارنىڭ " سەنئىتى " دىن ھۇزۇر ئالىدۇ .. سەنئەت مەنىۋى ئۇزۇق ئاتا قىلىدۇ . مىللەتنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ ، تەنتەربىيەمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش . دۇنيادا تەنتەربىيە مەستانىلىرى سەنئەت مەستانىلىرىدىن ھەرگىز كەم ئەمەس ، ئۇيغۇرلاردىمۇ تەنتەربىيەدىن مەنىۋى ئۇزۇق ئالىدىغانلار ئاز ئەمەس . بىز پۇتبول مەيدانىدا بىكىخامنىڭ ئاجايىپ ماھارىتىدىن مەنىۋى ئۇزۇق ئالغاچ . بىزدىنمۇ مۇشۇنداق ئۇيغۇر پۇتبولچىلار چىقسا . تەنتەربىيە بىلەن مىللىتىمىزنى تۇنۇتسا دەپ ئارمان قىلىمىز . سىز دىگەن بىرقىسم ياشلار دىگىنىڭىز ھەرگىزمۇ پۇتۇن مىللەتكە ۋەكىل بۇلالمايدۇ
چۆلپانلارنىڭ رەسىمىنى ياتاققا چاپلاش . ئۇلارغا " چوقۇنۇش " پۇتكۇل يەرشارىدا . ھەرقانداق مىللەتتە بار بولغان نۇرمال ئىش . ئادەمنىڭ شۇنداق ۋاقىتلىرى بۇلىدۇ . بىزنىڭمۇ شۇنداق ۋاقىتلىرىمىز بولغان . ئەقىل تاپقانسىزى ئۆزلىكىدىن ئوڭشىلىدىغان ئىش . ئىشەنمىسىڭىز سىزنىڭ لىكسىيىڭىزنى ئاڭلاپ " ئىشەك مۇھىم " دەپ توۋلىغان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۈيىگە بېرىپ بېقىڭ . ئۇلارنىڭ ياتىقىدا ھېلىھەم شۇنىڭ رەسىملىرى بار . ئىلگىرى چاپلىغان بولسىلا ..
دۇرۇس . بۇ ئىللەتلەرنى تۈزىتىش كىرەك . لىكىن بۇنداق سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تۈزۈتىشكە ئىلھاملاندۇرۇش بەلكىم يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرىشى مۇمكىن
مىنىڭ ھازىر ئەنسىرگىنىم . ھازىر تور دۇنياسى ئازادە . ئۇيغۇرچە بىلىدىغان بىرەسى بىكىخام توغرىسىدىكى مۇشۇ پاراڭلارنى ئىنگىلىزچىغا ياكى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىرىپ قويسا يالقۇن رۇزى ۋە شىنجاڭ مەدەنىيىتىگە ئاۋارىچىلىق كەلتۈرىشى مۇمكىن . ئۇلار بىزگە .ئوخشاش دىسە دىمەمدۇ دەيدىغانلاردىن ئەمەس . تارقىلىپ مۇئەييەن جامائەت پىكىرى قوزغىلىپ قالسا ھېچنىمە دەپ بولغىلى بولمايدۇ .
ماقالە ئاخىرسى . " ئىشەك ئۇيغۇرنىڭ دوستى " ، ئۇيغۇرلار ئىشەك ئۈستىدىكى مىللەت " دىگەن يەكۈنلەر چىقىرلىدۇ . ئەڭ ئاخىرىسىدا بىزنىڭ خەلقىمىز ، ئاتا ۋەتىنىمىز ئۈچۈن قىلچىمۇ ماھىيەتلىك مۇناسىۋىتى بولمىغان بىكىخام ئەپەندىنى " بىزگە بىكىخامدىن ئىشەك مۇھىم " دەپ ماختىنالايمەن دەپ ئاخىرلاشتۇرىدۇ مەن ئاۋالقى . " ئىشەك ئۇيغۇرنىڭ دوستى " ، ئۇيغۇرلار ئىشەك ئۈستىدىكى مىللەت " دىگەن يەكۈنلەرگە تامامەن قوشىلىمەن . لىكىن مىللەتكە قالايمىقان ئىسىم قويۇشنى قەتئىي ياقتۇرمايمەن . ئاخىرقى ماختىنىشى مەن توغرا چۈشىنەي دەپ ماقالىنى 10 قېتىم ئوقۇغاندىمەن . نىمانداق تەنتەكلەرچە ماختىنىش بۇ ؟!
ماقالە جەريانىدا يالقۇن رۇزى بىر قىسىم قەلەمكەشلىرىمىز بىلجىرلاپ ئۇنداق دەپتۇ . بىرقىسىم كىشىلەر ئالاجوقا سۆزلەپ ئانداق دەپتۇ . بىر قىسىم موخپىرلىرىمىز مۇنداق دەپتۇ . نامىنى ئاتىماي خېلى تىللىۋاپتۇ . يا ئىسىملىرىنى قۇربان مامۇت چىقىرۋەتتىمۇ بىلمىدىم . مۇنازىرەدىكى بەزى بالىلارنىڭ " ساختا ئالىيجاناپ " لىقى كۆز ئالدىمغا كىلىۋالدى . بىزگە نەسىھەت قىلدى ....
شىنجاڭ مەدەنىيىتى بۇنداق ئىشلارغا پىلتە بولسا بولمايتتى
مەن ئىمكان بار ئۈزۈمنى توختۇتۇپ يېزىپ باقتىم . يالقۇن رۇزىنىڭ توغرا بولغان قاراشلىرىنى توغرا دىدىم خاتا دەپ قارىغىنىمنى مەلۇم ئاساس بىلەن خاتا دىدىم . ئىنكاسچىلار ئىنكاس يازغاندا مۇشۇ نوقتىغا دىققەت قىلغايسىلەر . بىر مەسىلىنى كۈزىتىش . چۈشىنىشىمىز ئوخشىمايدۇ . ئوخشىمىسا قارىشىمىزدا قالساق بۇلىدۇ ، سۆزلىگەندە ھىسىيات ھاياجان بىلەن ئەمەس ئاساس بىلەن سۆزلىسەك دىمەكچى .
تامام ،
2008 . يىلى 2 - ئاينىڭ 18 كۈنى كىچىدە يېزىلدى ( خوتەن )