ھوشۇر قارىغا ئوچۇق خەت
ئاپتور: يالقۇن روزى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھوشۇر قارىي ئەپەندى،شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2- يۈرۈش قانىلىدا<<كېۋەز گۈلى>> ماركىلىق خېمىيىۋىي ئوغۇتنىڭ ئېلانىغا چىققىنىڭىز ئېسىڭىزدىمۇ ؟ئۇ ئىلاندا سىز ئۈستىۋېشىڭىزغا قەشقەر دىھقانلىرىنىڭ كىيىمىنى كىتىپ،چاپچىپ تۇرغان ئىشەككە مىنگەن ھالدا ئارقىڭىزغا بىر توپ<<دېھقان>>نى ئەگەشتۈرۈپ ،گويا <<مىڭبىر كېچە >>ھېكايىللىرىدىكى ئەلى بابادەك ئۇلارنى <<كېۋەز گۈلى غارى>>نىڭ ئالدىغا باشلاپ باردىڭىز.بۇ ئوچۇق خەت ئارقىلىق مەن سىز بىلەن مەخسۇس مۇشۇ ئېلان توغرىسىدا پاراڭلاشماقچى .
ھوشۇر قارىي ئەپەندى ،سىز خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە مۇئەييەن ئورنى بار ناخشىچى ھەم رولچى .سىز ئورۇندىغان ناخشىلار ،سىز رول ئالغان دراما-ئىتوتلانىڭ كۆپىنچىسى كىشىلەرنى سۈيۈندۈرۈپ كىلىۋاتىدۇ. بۇنى كەسپى ھاياتىڭىزدىكى ئالاھىدە مۇۋەپپىقىيەت دەپ قارايمىز ،ئەلۋەتتە.ئۆزى شۇغۇللانغان كەسپىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ئادەمنىڭ كىشىلىك قەدىر -قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ .بۇ خىل قەدىر- قىممەتنىڭ دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولغانسىرى ،مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىغا نىسبەتەن ھەۋەس قىلغۇچىلار بىلەن ھەسەت قىلغۇچىلارنىڭ سانى شۇنچە كۆپىيىپ بارىدۇ .روھىيىتى ساغلام كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ھەۋەس ئۇچقۇنلىرى چاقنىسا ،مەنىۋىيىتى ساغلام بولمىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ھەسەت ئوتلىرى لاۋۇلدايدۇ .ئادەمگە نىسبەتەن باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك ھەم ھەسەت قىلغۇدەك ياشاشنىڭ ئۆزى بىر بەخت. ھەۋەس قىلغۇدەك دوستلىرى ،ھەسەت قىلغۇدەك دۈشمەنلىرى بولمىغان ھايات تولىمۇ سىدام -رىقابەتسىز ھايات ھىساپلىنىدۇ .ھەۋەس ئوتلىرى بىلەن ھەسەت ئوتلىرى ئادەمنى تاۋلايدۇ ياكى خاراپلاشتۇرىدۇ .باشقىلارنىڭ كۆزلىرىدىن ،سۆزلىرىدىن چىقىۋاتقان ھەۋەس ئۇچقۇنلىرىدىن مەست بولۇپ خۇدىنى يۇقاتقان ئادەم بىلەن باشقىلارنىڭ مەجرۇھ قەلبىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان ھەسەت ئوتلىرىغا بەرداشلىق بىرەلمەي ۋايساپ يۈرۈيدىغان ئادەمنىڭ شانلىق ھاياتى ئوخشاشلا ناھايىتى قىسقا بولىدۇ.
ھوشۇر قارىي ئەپەندى ،مەن سىزنىڭ <<بوم پەدە >>،<<قەمبەرخان >> ناملىقVCD پىلاستىنكىڭىزنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىمەن .ئۇلاردىن ئۆزۈم سۆيۈنگىدەك ھوزۇر ئالىمەن .بولۇپمۇ يېڭىدىن چىققان <<قەمبەرخان >>ناملىقVCDپىلاستىنكىڭىز ماڭا ئالاھىدە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ .سىزنىڭ بۇ پىلاستىكىڭىزنى ئىنتايىن ساپ بولغان بىر مىللىي مەدەنىيەتنىڭ مەسئۇلى دەپ ئېيتالايمىز .ئۇنىڭدا ئەقىدە-ئىتىقاد،ئەدەپ -ئەخلاق،مىللىي پىسخىكا ،مىللىي ئارزۇ... قاتارلىق مەدەنىيەت مەزمۇنلىرىنىڭ ناھايىتى ساپ ھەم رۇشەن ئىزنالىرى بار.مۇنداقچە ئېيتقاندا ،تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە ئەسەر دەپ قاراشقا بولىدۇ .ئەڭ ئەقەللىسى ،پلاستىنكا قېپىدىكى سۈرىتىڭىزدىن سىزنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىمىزگە بولغان ھۆرمەتلەش ۋە ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىش ھىسسىياتىڭىزنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ .سىزنىڭ بېشىڭىزغا سەرپۇش تۇماق ،ئۇچىڭىزغا چەكمەن تون كىيىپ نەق قەشقەر يىگىتلىرىگە خاس قىياپەتتە كىيىنىپ چۈشكەن يېرىم گەۋدىلىك سۈرىتىڭىز،كىشىلەرگە تۇنۇش بوپكەتكەن ئادەتتىكى ئوبرازىڭىز بىلەن تامامەن پەرقلىنىدۇ .سەھنە- ئىكرانلاردا ۋە ئادەتتىكى كۈنلەردە دائىم دىگۈدەك گالىستۇك تاقاپ ،كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ كۆزگە چېلىقىدىغان قىياپىتىڭىز جامائەتكە تونۇش بولغاچقا ،ھەتتا ئىتوتلاردا دوستانە مەسخىرە قىلىنغاچقا ،پلاستىكا قېپىدىكى قەشقەر يىگىتلىرىگە خاس مىللىي قىياپىتىڭىز مېنى قىزىقتۇردى . مەن بۇ خىل قىياپىتىڭىزنى ئەنئەنىۋىي مىللى ئوبرازىمىزنى نامايەن قىلىشتىن شەرەپ ھېس قىلىدىغان روھىي دۇنيايىڭىزنىڭ ئىپادىسى دەپ ئويلايمەن .بىزنىڭ نازۇك مىللىي غۇرۇرغا ئىگە سەنئەتكارىمىز ئابدۇرېھىم ھېيت دائىم دىگۈدەك سەھنە ۋە ئىكرانلاردا تولۇپ تاشقان ئىپتىخار ھىسسىياتى بىلەن مىللىي قىياپەتتە نامايەن بولغان بىلەن ،ناھايىتى كۆپ ئارتىسىمىز ئىمكانىيەت بار ئىمكانىيەت بار ئەھۋالدىمۇ بىرەر قېتىم مىللىي ئوبرازدا ئۆزىنى كۆرسىتىشنى ئويلاپ قويمايدۇ .ھەممىمىزگە ئايانكى ،مىللىي كىيىم- كېچەكلىرىمىز بىزنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىمىزنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى ،مىللىي خاسلىقىمىزنىڭ رۇشەن نامايەندىسى .مىللىي كىملىك شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىن مۇكەممەللىشىدىغان سالاھىيەت. مىللىي كىملىكىمىزنىڭ تاشقىي شەكلى بولغان كىيىم-كېچىكىمىزنى مەيلى تۇرمۇش ،مەيلى سەھنە-ئىكرانلاردا كىيىش كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان ئەھۋال .ئەمما مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىمىزنى مىللىي ئادەت نوقتىسىدىن كىيىش بىلەن مىللىي ئاڭ نوقتىسىدىن كىيىش پەرقلىنىدۇ .مۇتلەق كۆپچىلىك كىشى مىللىي ئادەت نوقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ كىيىدۇ .ئابدۇرېھىم ھېيتقا قارايدىغان بولساق ،ئۇ گويا غالىپ قۇشۇننىڭ جەڭ بايرىقىنى يېپىغان باھادىر ئەزىمەتتەك تولۇپ تاشقان ئىپتىخار ھىسسىياتى بىلەن كىيىپ سەھنىدە ئولتۇرىدۇ .ھازىر بىزدە ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئوبرازىنى باشقىلارنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ لايىھىلەش ئارقىلىق دەۋرگە ،تەرەققىياتقا ماسلاشقان قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشتەك ئۆزىدىن ياتلىشىش كەيپىياتى كۈچىيىپ كەتتى.شۈبھىسىزكى ،بۇ مىللىي ئۆزلۈك ئېڭى سۇسلاپ ،ئۆز -ئۆزىدىن كەمسىنىش تۇيغۇسىنىڭ ئەۋجەرەپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .بۇنداق ئىجتىمائىي مىللىي پىسخىكا ئومۇملاشقانسىرى ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت مىراسلىرمىز ،خاس مىللىي ئادەتلىرىمىز ئۆزىمىزگە قالاقتەك ،مەتۇدەك كۆرىنىدۇ .بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ئاجىزلاپ كەتسە ئۆزىنىڭ قىممەتلىك نەرسىللىرى قەدىرسىز تۇيۇلۇپ، باشقىلارغا ئوخشىيالىغانلىقىدىن ،باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىگە تەۋە نەرسىلەردىن ئىپتىخارلىنىپ يۈرۈيدىغان روھىي زەئىپلىككە شۇنچە كۆپ يول قۇيىدۇ .بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۆزبېكىستان ناخشىچىسى يۇلتۇز ئوسمانىۋا ئۈرۈمچىدە ناخشا كىچىلىكى ئۆتكۈزگىلى كەلگەندە خۇدىنى يۇقاتقان بىر قىسىم تاماشىبىن ئادەم قورۇنغىدەك قىزغىنلىق كۆرسىتىپ ئۇنى ئاسمانغا چىقىرىۋەتتى .بەزى مۇخبىرلىرىمىز ئۇنى زىيارەت قىلغاندا يۇلتۇز ئوسمانىۋانىڭ دادىسىنىڭ غۇلجا ئۇيغۇرلىرىدىن ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ يېزىپ ،يۇلتۇز ئوسمانىۋانىڭ شان -شەرەپىنى ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئاسمىنىدا نامايەن قىلماقچى ،ئۇنىڭ شان- شۆھرەتلىرىدىن مىللىي سەنئىتىمىزگە نىسىۋە ئايرىماقچى بولۇشتى .مەسخىرىلىك يىرى شۇكى ،ئۆزبىكىستاننىڭ بىر ناخشىچىسىۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن :
كىم قەشقەرنىڭ ئۆزىدەن،كىم غۇلجىنىڭ كۆزىدەن؟
بابام قايدان بولسا بولسۇن مەن ئۆزبېكنىڭ قىزىمەن !
دەپ ناخشا ئوقۇپ ،ئۆزىنىڭ مىللىي سالاھىيتىنى ئېنىق جاكالىدى.
باشقىلارنى مۇۋاپىق ھۆرمەتلەش،قىممىتى بار نەرسىللىرىدىن زوقلىنىش ئەقەللىي ئىنسانىي ساپا .ھە دىگەندىلا ئۆزىنىڭ ئىززىتىنى ئۇنۇتقان ھالدا چەكتىن ئاشقان ھۆرمەت ھىسسىياتى بىلەن باشقىلارنى باشقا ئېلىۋېلىش _غۇرۇرى پۇچەكلىكنىڭ ئىپادىسى .نورمال غۇرۇر مەيلى باشقىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشتە بولسۇن ،مەيلى نەپرەت كۆرسىتىشتە بولسۇن قەتئىي ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدىغان قىممەتلىك قۇرال.قۇراللا ئەمەس ،بەلكى بىر خىل روھىي ساپا ،ئادىمىيلىك سۈپەت.ئۆزىنىڭ ئۇۇغلىغىدەك مەشھۇر شەخسلىرى ،قەدىرلىگۈدەك مىللىي مەدەنىيىتى يوق مىللەت تولىمۇ بىچارە مىللەت.ئەمما ئۇلۇغلاشقا ئەرزىگۈدەك شەخسلىرى ،پەخىرلەنگۈدەك مىللىي مىراسلىرى تۇرۇپ قەدىرلىيەلمىگەن مىللەت بەكمۇ زەئىپ ،چۈشكۈن مىللەتتۇر. بىزنىڭ ھازىرقى ھە دىگەندىلا ئۆزىمىزنىڭ ئۇلۇغلىرىدىن ئۆزگىلەرنىڭ ئۇلۇغلىرىنى چوڭ بىلىش ،ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىللىرىمىزدىن باشقىلارنىڭ مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى قالتىس چاغلايدىغان مىللىي پىسخىكىمىز چۈشكۈنلەشكەن مىللىي روھىمىزنىڭ ئىپادىسى .ئەلۋەتتە ئۆزىگە ،ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىگە ساددىلارچە مەپتۇن بولۇش خاھىشىمۇ كىشىنى ئۆكۈندۈرىدىغان مىللىي نادانلىق ! مەيلى ئۆزىمىزنىڭ ،مەيلى ئۆزگىلەرنىڭ ئۇلۇغلىرى ياكى ئۇلۇغ ھىساپلىنىدىغان تەرەپلىرى بولسا ،ئىلمىي،ئادىل،ئۇبىكتىپ،توغرا مۇئامىلىدە بولۇش نەزەر دائىرىسى كەڭ ،تەربىيە كۆرگەن ،ساپالىق ئادەملەرنىڭ سۈپىتى ھىساپلىنىدۇ .ئۆزىگە ۋە ئۆزگىلەرگە نىسبەتەن ئىلمىي ئاساسى يوق ھالدا قارىغۇلارچە مۇئەييەنلەشتۈرۈش ياكى ئىنكار قىلىش پۇزىتسىيىسىنى تۇتۇش،مەسىلىلەرگە بالىلارچە مۇئامىلە قىلىدىغان ساددىلىق ھىساپلىنىدۇ.بۇنداق ساددىلىق كېسىلى ئادەتتىكى ئاۋامدىلا ئەمەس ،بەلكى ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان بەزى ئاتالمىش زىيالىلىرىمىزدىمۇ ،تەپەككۇرىدا مەنتىقىي ئىزچىلىق يوق يەنە بەزى ئالىجوقا قەلەمكەشلىرىمىزدىمۇ خېلىلا ئېغىر .يامان يىرى شۇكى ساددىلىق، نادانلىق كېسىلى ئاۋامدا مەۋجۇت بولسا كەلتۈرىدىغان زىياندىن ،ئاشۇنداق ئاتالمىش زىيالىيلار بىلەن ئالىجوقا قەلەمكەشلەردە مەۋجۇت بولسا ،كەلتۈرىدىغان زىيان تېخىمۇ ئېغىر بولىدىكەن .چۈنكى پەرق ئىتىش ئىقتىدارى ئاجىز بىر قىسىم ئوقۇرمەن ئۇنداقلارنىڭ مىللەتپەرۋەر سالاھىيەتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ قىلغان ،ئاڭلىماققا مەردانە ئەمما پوپاڭ-پۇچەك ھاياجانلىق گەپلىرىگە ئاسانلا ئەگىشىپ كىتىدىكەن .شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قىممەت قاراشلىرى قالايمىقانلىشىپ،تامامەن بىمەنە بولغان تەشەببۇس ،چۈشەنچىلەرنى ئۆزلەشتۈرۋېلىپ ،شەيئىلەرنى كەلسە- كەلمەس مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ياكى ئىنكار قىلىپ ،مەسىللەرنى ھاماقەتلەرچە باھالاپ يۈرۈشكە ئادەتلىنىپ كېتىدىكەن .يېقىندا مەلۇم بىر مەتبۇئاتتا <<دوستلۇق مىھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك بولسۇن >> دىگەن بىر يازمىنى ئوقۇپ قالدىم .بارغانسىرى چېلىكىنىڭ تېگى كۆرۈنۈپ قېلىۋاتقان ،تەپەككۇرىنىڭ تۇتامى يوق،ئەمما ئۇنى -بۇنى دىيىشكە تولىمۇ خۇشتار بۇ قەلەمكەش ئاجايىپ مىللەتپەرۋەر ئەلپازدا ئوتتۇرىغا چىقىپ ھەممىنى بىراقلا ھەل قىلىۋىتىشكە ئۇرىنىدىغان تەنتەكلىكى بىلەن مۇنداق يازغان :<< ئۇزاق تارىخىمىزغا نەزەر سالساق ،ئۇيغۇر خەلقى دوسلۇقنى ئەزەلدىن قەدىرلەپ كەلگەن .ئەمما دوستلۇق ئۈچۈن ئاز بەدەل تۆلىمىگەن ؛مېلىدىن ،بايلىقىدىن ،يەر-ئۆيلىرىدىن ،بالىچاقىسىدىن ،ۋەتىنىدىن ھەتتا جېنىدىن ئايرىلىش بەسىلىگەدوستلۇقنىڭ تۇز-ھۆرمىتىنى ساقلىغان ؛ئۆز يۇرتىدا مۇساپىر ھالەتكە چۈشۈپ قالسىمۇ ،دوستلۇق ئۈچۈن تارتقان زىيىنىدىن ،ۋەيرانچىلىقىدىن ،ۋايسىمىغان.مانا بۇ ئۇيغۇر روھى! چەكسىز بەدەل تۆلەش روھى! >>
نادانلارچە يېزىلغان بۇ يازمىنىڭ قىلچىمۇ ئاساسى يوق بولۇپ،بۇ ،خەلقىمىزگە قىلىنغان ھاقارەت .خەلقىمىز ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ماقال-تەمسىللىرىدە <<كۈلگەننىڭ ھەممىسى دوست،ھۇمايغاننىڭ ھەممىسى دۈشمەن ئەمەس>>،<<ھىساپلىق دوست ئايرىلماس>>،<<ئىشەنمىگىن دوستۇڭغا،سامان تىقار پوستۇڭغا>>،<<دوستۇڭ دوست بولسۇن، ھىسابىىڭ دۇرۇس بولسۇن>>،<<دوست كۆپ،توغرىسى ئاز>>،<<بىلىكىڭ توم بولسا ،دۈشمىنىڭ سالامغا كىلۇر>>،<<بۆرىنى قانچە باقساڭمۇ ،ئىككى كۆزى جاڭگالدا>> دىگەندەك ھوشيار ،پىرىنسىپچىل دوستلۇق قارىشىنى ئىپادىلىگەن .ئاپتورىمىزنىڭ چۈشەنچىسىدىكى ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ دوستلۇق قارىشىدا نە پىرىنسىپنى ،نە ئېنىق ھىساپنى ،نە سەمىمىيەتنى شەرت قىلىدىغان مەزمۇن يوق .بىزنىڭ نەزىرىمىزدە مۇنداق دوستلۇق ئەخمەقنىڭ دوستلۇقى ،خالاس!خەلقىمىز ھەرگىزمۇ بۇنداق ئەخمىقانە دوستلۇق ئەنئەنىسىگەن ئىگە ئەمەس .دوست ئۈچۈن چەكسىز بەدەل تۈلەش روھى بار مىللەت ھەرگىزمۇ <<ھىساپلىق دوست ئايرىلماس>> دىگەن ھېكمەتنى يەكۈنلىمەيدۇ .دوستىغا چەكسىز بەدەل تۈلەيدىغان ھەممە نەرسىسىنى ئېلىۋالسىمۇ ۋايسىمايدىغان روھ ئۇيغۇر روھىمىش.كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى ،ئولتۇرغان-قوپقان يىرىنىڭ ھەممىسىدە ھاماقەتلەرچە تەپەككۇر قىلىۋاتقان بۇ نادان سەركە ئاشۇ يازمىسىنىڭ خاتىمىسىدە نىمە دەپ يازغان دىگەندە :<<شۇڭا،بىز ئەجداتلاردىن تەۋەرۈك بوپكىلىۋاتقان دوستلۇق مىزانلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز ،ئۇنى قەدىرلەپ ،ئاسراپ ،كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا پاكىز ھالەتتە مىراس قىلىپ قالدۇرىشىمىز كېرەك >>دەپ خىتاپ قىلغان .
بۇنداق بىمەنە قاراشلار مەتبۇاتتا ئىلان قىلىنغاندىن كېيىن ئەلۋەتتە ئوقۇرمەنلەرنى ېزىقتۇرىدۇ .باشقىلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ھەقىقەت نەزىرى بىلەن كۆزىتىشكە ئادەتلىنىشنىڭ ئورنىغا ،نوپۇزغا قارىغۇلارچە باش قۇيۇشقا ئادەتلەنگەن كۆپ قىسىم ئوقۇرمەن گەپنىڭ ماھىيىتىدىكى مەنا بىلەن ئەمەس ،كىمنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقانلىقى بىلەن ھىساپلىشىدۇ -دە توغرا دەۋاتسا كېرەك ،دەپ قاراپ قارا-قۇيۇق قۇبۇل قىلىۋېرىدۇ .مانا مۇشۇنداق نادان ئوقۇرمەنلەر قۇشۇنىنىڭ بىزدە تېخى مۇئەييەن كۇلەمدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ،ئاشۇ خىلدىكى ئالىجوقا قەلەمكەشلەرنىڭ بىر مەزگىل بازار تاپىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ .ئەمما ھەقىقەت شۇكى ،ھاماقەتلىكنىڭ زاۋال تېپىشى مۇقەررەر ! ئىلمىي بولمىغان ،پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ،زىددىيەتلىك پوپاڭ <<پاراڭ>>لار مەنتىقىلىق ،ھەقىقەتكە ئۇيغۇن مۇنازىرە -مۇھاكىمىلەر ئالدىدا كۈلكىلىك ماھىيىتىنى يوشۇرالماي قالىدۇ .
ھوشۇر قارىي ئەپەندى ،مەن سىزنىڭ <<كېۋەز گۈلى >> ماركىلىق خېمىيىۋىي ئوغۇتنىڭ ئىلانىغا چىققاندىكى قىياپىتىڭىزنى دەل ئاشۇنداق ئاساسسىز ،يوغان گەپ قىلىدىغان بىر قىسىم قەلەمكەشنىڭ بىمەنە سۆز -چاقچاقلار بىلەن مەسخىرە قىلغانلىقىنى ،ھەتتا ھاقارەت خاراكتىرىدىكى باھا- بايانلىرىنى ئاڭلاپ ، بۇ ھەقتىكى تەسىراتىمنى سىزگە ئېيتىش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە يېڭىچە بىر قىممەت ئۆلچىمىنى يەتكۈزۈپ قۇيۇشنى زۆرۈر دەپ بىلدىم .
گەپنى ئۇچۇق قىلسام ،سىزنىڭ ئىشەك مىنىپ ئىكرانغا چىققان ئوبرازىڭىز ئۇلارنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىپتۇ .ئۇلارنىڭ قارىشىچە ،بىز باشقىلارغا ئىشەك مىنىپ كۆرۈنسەك باشقا مىللەتلەرنىڭ نەزىرىدە مىللىي ئوبرازىمىز خۇنىكلىشىپ كېتىمىش.شۇڭا ،ئۇلار مىللەتكە مەسئۇل بولۇش ھىسسىياتى بىلەن <<ئەجداتلىرىمىز ئات مىنگەن ،ئات !>> دەپ چالۋاقاپ سىزدىن رەنجىپ يۈرىشىۋاتىدۇ .ئۇلارنىڭ سورۇن-سورۇنلاردا كۆبجۈپ ،ئۆزىنى باسالمىغان ھالدا كوممۇنانىڭ ئەزالىرىغا يىغىن ئېچىۋاتقان ئەترەت باشلىقىدەك قوللىرىنى شىلتىپ ،ۋاقىراپ -جارقىراپ سۆزلەپ يۈرىشىنى كۆرسىڭىز <<ھوشۇر قارىنى دارغا ئېسىشقا بۇيرىۋەتمىگىدى>>دەپ ئەندىشە قىلىپ قالىسىز.ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئاساسى يوق ساددا قاراشلارنى پەتىۋا قىلىپ كۆتىرىۋالغان ئۇ بىچارە بايقۇشلارنىڭ قۇرۇق ھاياجان بىلەن قىلىۋاتقان تەنتەكلەرچە گەپ -سۆزلىرى نادانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.مىللەتنى قارۇغۇلارچە ئۇلۇقلاشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن بۇنداق ھاماقەتلەرنىڭ گېزى كەلگەندە مىللەتنى يەنە ئوخشاشلا ئاساسسىز ئەيىپلەپ دىمىگىنى قالمايدۇ .بۇ يەردە رول ئويناۋاتقىنى ئۇلارنىڭ سوغوققان ئىلمىي تەپەككۇرى ئەمەس ،بەلكى تورمۇزى يوق قۇرۇق ھاياجىنى !باشقىلارنىڭ پىكىرىدىن ئەمەس كەيپىياتىدىن تەسىرلىنىپ كېتىدىغان بىر قىسىم گول كىشى ئۇلارغا ئاسانلا ئەگىشىپ كېتىدۇ .-دە ،بىلىپ -بىلمەي گۇپپاڭچىغا ئايلىنىپ قالىدۇ .سامانغا ئوت ياققانچىلىك ئۈنۈم بىرىدىغان ئۇنداق قۇرۇق ھاياجاندىن ھەممىلا ئادەم تەسىرلىنىۋەرمەيدۇ .تەپەككۇرى سەگەك ،مەسىلەرنى ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ھالدا كۆرسىتىدىغان ۋە ئەستايىدىل پىكىر قىلىدىغان كىشىلەر بولسا ،ئۇنداقلارنىڭ ئەلپازىغا مىيىقىدا كۈلۈپ قويىشىدۇ ياكى ئەدەپ يۈزىسىدىن جىممىدە ئىنكاس قايتۇرىشىدۇ .
ھوشۇر قارىي ئەپەندى،مەن سىزنىڭ ئىكراندا ئىشەك مىنگەن ،قەشقەر يىگىتلىرىگە خاس كىيىنگەن ھالەتتە كۆرۈنگەن ئاشۇ ئوبرازىڭىزنى <<ۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي مىللەت ئوبرازى >> دەپ قارايمەن .مەن 2007-يىلى 26- يانۋار قىشلىق تەتىل ھارپىسىدا ئۈرۈمچى شەھرى 5- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەكلىپى بىلەن چۈشتن ئاۋال ئوقۇتقۇچىلارغا <<يېڭى دەرس شارائىتىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مىجبۇرىيىتى>> دېگەن تېمىدا لىكسىيە سۆزلىدىم .چۈشتىن كىيىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى نەچچە يۈز ئوقۇغۇچىغا <<قىممەت قاراش يىتۈلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكى >> ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدىم .ئوقۇغۇچىلارغا توغرا قىممەت قارىشى يېتىلدۈرۈش توغرىسىدىكى لېكسىيىنى دەل ئېشەكتىن باشلىدىم .مېنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا<<ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم>>دىن كېيىن قىلغان تۇنجى سۆزۈم <<سىلەرچە ،بېكخام مۇھىممۇ،ئېشەكمۇ؟>>دىگەن سۇئال بولدى .ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۈگۈنكى دۇنيادا ئەڭ مەشھۇر پۇتبول چولپىنى ھىساپلىنىدىغان ئەنگلىيىلىك بۇ چولپانغا ھەۋەس قىلىدىغان ،ئۇنىڭ سۈرەتلىرىنى ھوجرىللىرىغا ،كىتاب- دەپتەرلىرىنىڭ مۇقاۋىللىرىغا چاپلىۋالىدىغان ئوقۇغۇچىلار بولغاچقا ،بۇ غەلىتە سۇئالدىن ھەيرانلىق ھىس قىلىپ جىممىدە بوپكىتىشتى .مەن ئوقۇغۇچىلارغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن:<<مېنىڭچە ،بىز ئۈچۈن بېكخامدىن ئېشەك مۇھىم >> دىدىم .ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەيرانلىق ۋى قىزىقىشى تېخىمۇ ئاشتى .مەن قاراشلىرىمنى ئېنىق ،كونكىرت ،چۈشۈنىشلىك ،پاكىتلىق ،قىزىقارلىق ،جانلىق،قاراتمىلىق قىلىپ ئىككى سائەت سۆزلەپ بولۇپ ،ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلاردىن باشتىكى سۇئالىمنى قايتىلاپ سورۋىدىم ،زالدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بىردەك خۇشھاللىق بىلەن <<ئېشەك!>>دەپ ۋاقىراشتى .شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىمقى نۇتۇق مۇۋەپپىقىيەتلىق ئاخىرلاشتى. ئوقۇغۇچىلار قىممەت قاراش يىتىلدۈرۈش جەھەتتىكى بىر قېتىملىق ئۇنتۇلغۇسىز لېكسىيىنى ئاڭلىدى .مەسىللەرگە ئالدى بىلەن خەلق مەنپەئەتىنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى تۇنۇپ يەتتى.ئويلاپ بېقىش كېرەكدە :بېكخام بىزنىڭ خەلقىمىزگە ،ئانا ۋەتىنىمىزگە نىمە قىلىپ بەرگەن؟ ئېشەكچۇ ؟ ئېشەك مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ پۇتىغا پۇت،قولىغا قول بولۇپ،ئېتىز -ئېرىق ئىشلىرىدا مۈشكۈلىنى ئاسان ،سەپەر- مىھماندارچىلىق ئىشلىرىدا يىراقنى يېقىن ،يۆتكەش- تۇشۇش ئىشلىرىدا ئېغىرىنى يېنىك قىلىپ ئاجايىپ رول ئويناپ كەلدى . ئەجدادلىرىمىز يايلاق تۇرمۇشىدا ياشىغان دەۋرلەردە ئات سەلتەنەتلىك تۆھپىللىرى بىلەن مىسلىسىز رول ئوينىغان بولسا ،ئاتا- بوۋىللىرىمىز،ئانا- مومىللىرىمىز تا بۈگۈنگىچە تايىنىپ كېلىۋاتقان ،مىنىپ كېلىۋاتقان تۆھپىكار جانىۋار ئېشەكنى مۇشۇ مىللەتنىڭ ئوغلى بولغان ھوشۇر قارىي مىنىپ ئىكرانغا چىقسا مىللەتنىڭ ئوبرازى خۈنۈكلىشىپ كېتەمدىكەن !؟ كىملەرگە سەت كۆرۈنىدىكەنمىز؟كىملەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىدىكەنمىز؟كىمكەن ئۇ بىز نەزەردىن چۈشۈپ كىتىشتىن ئەنسىرەيدىغان؟بىز بىر ئەمىلىيەتچى ،بىر خەلقپەرۋەر
سۈپىتىدەبۇ ئاددىي ھايۋاننىڭ ئۇلۇغ تۆھپىللىرىگە رەھمەت ئېيتماقتا،ئۇنىڭغا ئادىل مۇئامىلە قىلماقتا يوق ،ئاللا كىملەرنىڭ نەزىرىدىكى ئوبرازىمىزنىڭ خۇنۇكلىشىپ كىتىشىدىن قورقساق ساختىپەز،تۇزكور بولمايمىزمۇ ؟<< ئېشەك ئۇيغۇرنىڭ دوستى!>>،<<ئۇيغۇرلار ئېشەك ئۈستىدىكى مىللەت!>>،دەپ جاكالىساق نېمىسى خاتا؟پاكت،ئەمەلىيەت شۇنداق تۇرسا ،باشقىلارمۇ بىزنى بەرىبىر شۇنداق تۇنۇيدىغان تۇرسا.ياپۇنىيىلىك ئىكارىي كوئىچى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى <<دادا،ئاپا خۇشھال ئۈتەيلى >>ناملىق كىتاۋىدا :<<كۆزۈمنى شۇنداق يۇمساملا يىپەك يولىدىكى بوستانلىق كەنتلەر كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ . ماڭسا- ماڭسا تۈگۈمەيدىغان تەكلىماكان ،يىراقتا قارنى يېپىچا قىلغان قارۇقۇرۇم تېغى .ئۇنىڭغا نەزەر سالغاچ ماڭسىڭىز چەكسىز داۋاملاشقان ئۇزۇن بىر يول .يول ئۈستىدە ئۇياق- بۇياققا كېتىۋاتقان ئېشەك ھارۋىللىرىدا قىپقىزىل ياغلىق ئورۇۋالغان ،بۇلاقتەك كۆزلىرى نۇرلىنىپ تۇرغان ئۇيغۇر چوكانلىرى ....يىپەك يولى مەنزىرىلىرىدە ئېشەك ھارۋىسى ،ياشانغانلار ،ئۇنىڭدىن قالسا بالىلار كەم بولمايدۇ ... ئۇيغۇر دوپپىسى كىيگەن ،ئاپئاق ساقال قويغان بۇۋايلار پەيلاسوپلارغا خاس سالاپەت بىلەن ئېشىكىنى قامچىلاپ يىراقلاپ كېتىدۇ . قەيەرگىلا بارسىڭىز بۇغداي،قوناق،كۈدە،يېڭىلا تېرىۋېلىنغان پاختا تاغارلىرى لىق بېسىلغان ھارۋىلار ئۇچراپلا تۇرىدۇ .... ئېشەك ھارۋىللىرى ئىگىز تېرەكلىك يوللاردا چاڭ- تۇزاڭ ئۆرلىتىپ يىراقلاپ كىتىدۇ .ھازىر شۇلارنى ئويلاپلا قالسام بىر خىل سېغىنىش ھىس قىلىمەن >> دەپ يازغان .بۇنداق رىياللىقنى پەردازلاشنىڭ ،يۇشۇرۇشنىڭ نىمە ھاقىتى ؟بىز قەددىمىزنى تىك تۇتۇپ ،ئاۋازىمىزنى جاراڭلىق چىقىرىپ ،ئۆگىلەرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ <<ئېشەك ئۇيغۇرنىڭ دوستى >>،<<ئۇيغۇرلار ئېشەك ئۈستىدىكى مىللەت>> دەپ پەخىرلەنسەك بولىۋىرىدۇ .گەپ ،بىزنىڭ ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنىڭ كۈچلۈك -ئاجىزلىقىدا ،قىممەت قارىشىمىزنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكىدە ،پاكىتنى تەن ئېلىش جاسارىتىمىزنىڭ بار- يوقلىقىدا!1874 -يىلى ئامرىكىلىق داڭلىق رەسسام تومسون ناست بىر سىياسى ھەجۋىي رەسىم ئىجاد قىلغان بولۇپ ،ئۇنىڭدا ئېشەك بىلەن پىلنىڭ لىڭگىر- تاقتاق ئويناۋاتقان ھالىتى تەسۋىرلەنگەن .رەسسام ئېشەكنى دىمگۇراتلار پارتىيىسىگە پىلنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىگە سىمۋول قىلىپ ،بۇ ئارقىلىق بۇ ئىككى پارتىينىڭ ھاكىمىيەتنى نۆۋەتلىشىپ باشقۇرۇش ئەھۋالىنى ھەجۋىي قىلغان .ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئىككى پارتىيىنىڭ داھىللىرى نۇتۇق سۆزلەپ ، بۇ ھايۋانلارنى ئۆز پارتىيىلىرىگە سىمۋول قىلىشنى شەرەپ دەپ بىلىدىغانلىقىنى جاكارلاشقان .دىمگۇراتلار پارتىيسىنىڭ داھىيسى :<<ئېشەك چىداملىق ،قەيسەر ھايۋان .ئۇ ھاقىقەتەن بىزگە سىمۋول بۇلالايدۇ >> دېگەن .جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ داھىسى بولسا :<<پىل __ تولڭمۇ تەمكىن ،ئىشچان ھايۋان ،ئۇ ھەقىقەتەن بىزگە سىمۋول بۇلالايدۇ >> دېگەن. ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى كۈچلۈك،پۇزۇتسىيىسى ئەمىلىيەتچىل بولغاچقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا بىر قەدەم ئىلگىرلەپ مەسخرىلىك پاسسىپ ھالەتنى ئاكتىپ ھالەتكە ئايلاندۇرىۋەتكەن . بۇنداق روھ ئۈگۈنۈشكە ئەرزىمەمدۇ؟ باشقىلارنىڭ قانداق قارىشىغا زىيادە ئەھمىيەت بىرىش ،باشقىلارنىڭ مەسخىرە قىلىشىدىن قورقۇپلا يۈرۈش ،باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن تولا ھىساپلىشىش شۇ ئادەم ياكى شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋىيىتىنىڭ ناھايىتى بىچارىلىكىنى كۆرسىتىدۇ .
<<ئەجداتلىرىمىز ئات مىنگەن، ئات !>>دەپ ئېيتىلغان ھاياجانلىق باياناتتا ئاتنى ئۇلۇغلاپ ،ئېشەكنى كەمسىتىش مەنىسى چىقىپ تۇرىدۇ .ئاتنى ئۇلۇغلاش ھەرگىز خاتا ئەمەس ،بىراق ئېشەكنى پەسلەشتۈرۈش ئادالەتسىزلىك . مەسىلە بىزنىڭ كاللىمىزدا . .ويلاپ باقايلى،ئادەتتە ئەدەبىي ئەسەرلەردە ،سەھنە- ئىكرانلاردا پادىشاھ،سانغۇن ،سەركەردە،باتۇر- ئەزىمەتلەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىشتا كۆپىنچە ئاتلىق ھالەتتە يارىتىلغان بىلەن ،ئەۋلىيا ،دانىشكەن ،مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئوبرازى ئىشەكلىك يارىتىلىدۇ.ئېيسا ئەلەيھىسسالام ئۆمۈر بويى ئېشەك مىنىپ دىن تارقاتقانكەن .ئەھلىسەلب ئۇرۇشىنىڭ قوزغۇلىشىغا سەۋەپچى بولغان مەشھۇر مۇناخ پىيەرلەمت گىرمانىيە،فىرانسىيە،ئىتالىيىنى ئېشەك مىنىپ ئارلاپ خرىسىيانلارنى يېرۇسالىمنى قايتۇرۋېلىشقا كۈشكۈرتكەنىكەن . بىزنىڭ دانىشمەن نەسىردىن ئەپەندىمىزمۇ ئۆمۈر بويى ئېشەك بىلەن جاھان كەزگەن .
قىسقىسى ،ئېشەكنى كەمسىتىش ئاۋام ئادەتلىنىپ قالغان بىر تەرەپلىمە خاتا قاراشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئېشەكنى كەمسىتىشنىڭ ھىچقانداق ئاساسى يوق .ئەگەر ئۇ ھارام مەخلۇق دەپ قارالغاچقا ،شۇ سەۋەپتىن كەمسىتىلىدۇ ،دېيىلسە ،مومىلىرىمىزنىڭ ئېتىكىدىن چۈشمەي ئەتىۋالىنىدىغان مۈشۈكمۇ ھارام ھەخلۇقتۇر.ئەمما ھىچكىم مۈشۈكنى كەمسىتمەيدۇ .بىر شائىرنىڭ شېئىرىدا :<<ئەي ئوغول ،بىلىم ئۈگەنگىن ! نادانلىق نۇمۇستۇر ،بۇ نۇمۇسنى كۆتۈرۈشكە پەقەت ئېشەكلا رازى بولىدۇ >>دېيىلگەن.رۇشەنكى ،بۇ ئىشەككە ئۇۋال قىلغانلىق .ئېشەك بىلىمسىزلىككە رازى بولۇپ ياشاپ ،باشقا ھايۋانلار ئۈنۋىرستىتلارنىڭ دەرۋازىسىغا بېرىۋالغان ئەھۋالنى بىرەر كىشى كۆرگىنى يوق !بىر قەلەمكەش ئەدىبلەرنىڭ ئەخلاق -پەزىلىتى ھەققىدىكى تاققا-تۇققا گەپلەر بىلەن تولغان بىر ماقالىسىدا ،قايسىبىر ھەۋەسكارنىڭ <<جاپاكەش بولغاچقا يوقتۇر ئىززىتى >> دېگەن قوشىقىدىن ئىلھاملىنىپ<<ئېشەك تۆھپىسى زور ھايۋان بولسىمۇ ،قىلىقى سەت بولغاچقا قەدرى يوق>> دەپ يازغان .ئەجىبا ئېشەكتىن باشقا ھايۋانلار چېتىشقاندا<< ھوجرىسى >>غا كىرىپ كىتەمدۇ ؟ھەممە ھايۋان ئوخشاشلىغۇ.
دىمەك بىز ئىشەكنى سەلبىلەشتۈرۈش،پەسلەشتۈرۈشتە ئىزچىل ئۇۋال قىلىش پۇزۇتسىيىسىنى تۇتقانمىز.ئەلۋەتتە،بۇ ئەھۋال بىز ئۇيغۇرلاردسلا ئەمەسباشقا مىللەتلەردىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇد.مىسالەن ،دۇنياۋىي شۈھرەتلىك قىرغىز يازغۇچى چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن بىر ھىكايىنى ئەسليدىغان بولساقمۇ ،بۇ خىل ئەھۋالنى ھىس قىلالايمىز.ئايتماتوف قازىقىستاننىڭ جامبول شەھرىدىكى مالدوختۇرلۇق تېخنىكومىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ،ھايۋانلار توغرىسىدا دەرس بىرىدىغان بىر روس پروفېسور ئوقۇغۇچىلارنى ئۈگەنگنلىرىنى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۇپ سۆزلەتكۈزۈش مەقسىدىدە جامبولدىكى <<.ات چاپار>>دىگەن مال بازىرىغا باشلاپ بارغان .ئالارمەنلەر بىلەن ساتارمەنلەر مىژ-مىژ قايناپ كەتكەن مال بازىرىدا پروفېسسور بىر ئېشەكنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى ئايتماتوفقا قاراپ :
__ ئايتماتوف ،ماۋۇ، ئېشەكنىڭ قايسى تۈرى؟قېنى سۆزلە،_ دەپ كۆزەينىكىنى پاقىرتىپ قاراپ تۇرغان .ئايتماتوف:
__ بۇ جانىۋار دەسلىپىدە ئافرىقا بىلەن ئاسىيا قۇرۇقلىقىدا پەيدا بولغان ، ھازىر سىبىرىيە ،كەشمىر،تىبەت،ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ .بۇلار ئاساسەن قولغا ئۈگۈتۈلۈپ ، ئۇلاغ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ .ئۇ باشقا ھايۋانلاردىن قولىنىڭ ئۇزۇنلىقى بىلەن پەرقلىنىدۇ . پاقالچىقىغا چۈشىدىغان ئىنچىكە قۇيرىقىمۇ بار.تەخىيىگە ئون ئىككى ئاي قۇساق كۈتۈرىدۇ ....__دەپ سۆزلەۋېتىپ ئېشەكنىڭ ئىگىسىگە كۆزى چۈشۈپ نىمە قىلىشىنى بىلمەي ئۇيالغىنىدىن ئاۋازى بۇغۇلۇپ تۈتۈتلەپ قالغان.سەۋەبى ئېشەكنىڭ ئېگىسى بولغان ئاقساقال ئۇنىڭ ئاچىسىنىڭ قوشنىسى ئىكەن .ھېلىقى ئاقساقال ئۆز ئاۋۇلىغا قايتقاندىن كېيىن :
__ ۋاي توۋا ،تۆرە قۇلنىڭ بالىسى ئايتماتوف جامبولدا ئېشەكچىلىكنى ئوقۇپ يۈرۈپتۇ ، ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆردۈم .مۇئەللىمى بىلەن بىللە بازاردا ئېشىكىمنىڭ ئالدىغا كېلىپ ،ئۇنىڭ تېگى-تەكتىدىن باشلاپ ئۇرۇق جەمەتى ،يەتتە ئاتىسىنى پۈتۈنلەي ساناپ چىقتى ،__دەپ پۈتكۈل ئاۋۇلغا ھىكايە قىلىپ بەرگەنكەن .
ئەسلىدە ئېشەكنى تەتقىق قىلىش ،ئېشەكنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلىش ناھايىتى زۆرۈز ئىش ئەمما ئادەت كۈچى تۈپەيلىدىن بۇ مەسىلىگە نۇرغۇن كىشى كۈلكىللىك ئىش دەپ قارايدۇ .ئىلىم ئەھلىللىرى بولسا ناھايىتى ئەستايىدىل پۇزۇتسىيە تۇتىدۇ . بىر ساۋاقدېشىمنىڭ سىڭلىسى مۇئەللىمى بىلەن بىرگە كانادادىن قەشقەرگە مەخسۇس ئېشەكنى تەكشۈرۈپ -تەتقىق قىلغىلى كەلگەنلىكى توغرىسىدا گەپ بولغاندا ،سورۇندا ئولتۇرغانلار پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى.ئەمەلىيەتتە كانادالىقلارغا سېلىشتۇرغاندا بىز ئېشەكنىڭ پايدىسىنى كۆپ كۆرگەن .ئەمما تەتۈرىچە خەخ ئېشەكنى چوڭ بىلگەنيۇ ،بىز ئېشەكنى پەس كۆرگەن .بىز ئىشەكلىرىمىزگە ئاشۇنداق نادانلارچە بىر تەرەپلىمە قاراشلاردا بولۇپ مۇئامىلە قىلىش توغرا بۇلامدۇ _خاتا بۇلامدۇ ؟بۇنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشىمىز زۈرۈر.بىزنىڭ ياش شائىرىمىز ئادىل تۇنىياز <<قەشقەردىكى يەر شارى >>ناملىق داستانىدا :
ۋەتەن ،ئىھ ۋەتەن!
چىرايلىقتۇر ھەممە نەرسىسى.
چىرايلىق ئۇنىڭ قايغۇسىمۇ ھەم ،
گۈھەردۇر،ئالمىدۇر،خۇشپۇراق گۈلدۇر،
ۋەتەن دالىسىدا كۆرگەن توڭ تىزەك.
دەپ يازغان .مانا بۇ ھەقىقى ۋەتەنپەرۋەرلىك مەزمۇنىدىكى شېئىر.ۋەتەن ھەرگىزمۇ ئابىستىراكىتنەرس ئەمەس ،بەلكى تولىمۇ كونكىرىت نەرسە!ئېتىز-دالىلىرىمىزدىكى قۇرۇت قوڭغۇزلاردىن تارتىپ ھاۋادىكى پاشا-چىۋىنلىرىمىزگىچە ۋەتىنىمىزنىڭ مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدىغان شەيئىلەر ھىساپلىنىدۇ .تۆھپىسىنى تەرىپلەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ،خەلقىمىزگە قىش-ياز ئەسقېتىپ كىلىۋاتقان مۇلايىم،جاپاكەش مەخلۇق .ئېشەك بولسا تېخىمۇ شۇنداق .ۋەتەنپەرۋەرلىك،مىللەرپەرۋەرلىك قۇرۇق شۇئارلىرىمىزدا ،شۆھرەت ۋەسۋەسىسى بىلەن سۆزلىگەن ئالىجوقا سۆزلىرىمىزدە ئەمەس ،بەلكى ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ ،ئەزىز خەلقىمىزنىڭ قىممىتى بار ھەر-بىر نەرسىسىنى ئىككىلەنمەي قەدىرلىشىمىزدە ئىپادىلىنىدۇ .شۇڭا، مەن سىزنىڭ ئىكراندىكى ئېشەك مىنىپ قەشقەر يىگىتلىرىگە خاس كىيىنىپ كۈرۈنگەن قىياپىتىڭىزنى <<ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي مىللەت ئوبرازى>> دەپ ئېيتالايمەن.بىزنىڭ خەلقىمىز ئانا ۋەتىنىمىز ئۈچۈن قىلچىمۇ ماھىيەتلىك مۇناسىۋىتى بولمىغان بېكخام ئەپەندى بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ بايلىقى ،مىللىتىمىزنىڭ دوستى بولغان ئېشەكنى سېلىشتۇرۇپ ،<<بىزگە بېكخامدىن ئېشەك مۇھىم >>دەپ ماختىنالايمەن.
ھوشۇر قارىي ئەپەندى ،روھىڭىزنى ئۈستۈن ،قەددىڭىزنى تىك تۇتۇڭ !كۆپ ھالدا ئەخمەقلەرگە بېرىلىدىغان ئەڭ ياخشى جاۋاپ پەقەت سۈكۈتتىن ئىبارەت.
مەنبە: <شىنجاڭ مەدەنىيىتى> ژورنىلى2008-يىل 1-سان
ھۆرمەتلىك ئۇقۇرمەنلەرنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن ئىلمى پىكىر قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە تاجاۋۇز قىلىش نادانلىق. ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺭﯗﺯﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺕ ﺗﯜﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻼﺭ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﯚﭼﯜﺭﻟﯩﺪﯗ ! --- قۇدرەتۇللا [ بۇ يازما kuduratulla تەرپىدىن 2008-02-20 21:17 دە ]